ۋاقىتنىڭ مۈلكىدۇر كۇللى مەۋجۇدات،مۇئەمما كەچمىشكە شاھىددۇر قۇياش؛ھە ئاندىن بىز ئۇنى قىلغاچقا ئىسپات،سەكرىگەن قوللاردا ئالماستەك تۇتاش؛شۇ سەۋەب گۈل بەرگى تاپمىدى مۇرات،باھارغا خاس خىسلەت زېمىننى ئوراش.كۆز نۇرۇم يول بويى ھارماي سايرىدى،يەلكەمگە قۇم سۆزى قوندى شامالنىڭ؛شاخلاردا ھاياجان يالقۇن ئايرىدى،نە كېرەك سېغىنىش پەيتى ئامالنىڭ؛ھەممىسى ياپراققا قەدەم قايرىدى،پايانى يوقلۇقتا پۈتكۈل يارالنىڭ.بېشىنى چىقاردى باھار بەك سىدام،تۇپراققا تەر سىڭگەن، تاشقا قىزىل قان.گىياھ ھەم سۇدىمۇ بار سۆڭەك، چىدام،ھاياتقا ھەردەقىق ئەلەم يار پىنھان.نېمانچە تەسىرلىك غۇنچە نىداسى،كۆڭۈلگە تاشلىنار باھار شۇ سىياق؛نە قەدەر يىراقتۇر ھايات قىياسى،نە قەدەر يېقىن ھەم ئەسلا يوق پىراق.غۇنچىنىڭ ئۇھسىنغان مەيۈس ئاۋازى ئورايدۇ زېمىننى بوپ ئېغىر تىنىق؛قۇياشقا تىۋىنغان غۇنچە پەرۋازى كۆزۈمدىن قاچماقتا چىقىرىپ قىلىق.
ئىنكاس: 6 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,440 قېتىم
ئاپتورى:فۇ تيەنلىن؛ چۈشتاق تەرجىمىسى؛ سەرسان خازان: لەيلەپ يۈرگەن سەرسان بىر خازان، ھاۋادا ئۇچقان قۇشتۇر ئۇ سەرسان. ئاشۇ بىر تامچە يوقلۇقتىن كەلگەن، سوغۇقتۇر ئانا يەر قەلبىگە تامغان. جىلمىيىپ تۇرغان شۇ غۇنچە لىۋى سۆيگەن ئىدى كۈزنىڭ مەڭزىگە. ۋاقىت تۇيدۇرماي ھە ئۆتۈپ كەتتى، بىخ يېرىپ، شاخلاردىن ئايرىلغىچە. پەرۋاز، ئەجەب يارقىن بۇ پەرۋاز، خىيال ئىمكان بېرىدۇ پەپىلەشكە. ئاپپاراتتا سىزغىن قىلماستىن پەرداز ئەرزىيدۇ شۇ گۈزەللىك تەرىپلەشكە. بۇ سەپەرنى شۇنچە رەڭدار تۈگەتتى ئۇ،سۈكۈت ئىچرە مەنزىلىگە كېپ قالدى ئۇ.【خەنزۇچە «شېئىرىيەت» ژۇرنىلىدىن】
ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 566 قېتىم
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە ئەدەبىي تەرجىمىگە قىزىقىپ، ئۆز چامىمنىڭ يېتىشىچە ئۆگىنىش ھېسابىدا ھەرخىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ يۈرگەن ئىدىم. بۇ شېئىرلارنىمۇ شۇ ۋاقىتلاردا تەرجىمە قىلغان. تەلەي سىناپ ژۇرناللارغىمۇ ئەۋەتكەن ئىدىم. ئاقىۋەت «ئىشچىلار ھەرىكىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. شۇ خوشلۇقنىڭ مەرھىمىتىدە ھازىرغا قەدەر بۇ ئىشتىن قول ئۈزمىدىم. گاھىدا ئۆزۈم ياقتۇرغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلسام، گاھىدا باشقىلارنىڭ بۇيرۇتمىسىنىمۇ تەرجىمە قىلدىم. ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغىللىنىش مەن ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە ئۆزگىچە بىر ئۆگىنىش ۋاستىسى بولۇپ كەلدى. ھېلىھەم قولۇمدا باشلاپ قويۇپ ئاخىرى چىقمايۋاتقان خېلى نەرسىلەر بار. ھېچ ۋاقىت چىقمايۋاتىدىغۇ تاڭ، ئەمما چوقۇم داۋاملاشتۇرىمەن. قېنى بۇ تەرجىمە شېئىرلاردىن زوقلانغاچ تەنقىدىي تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا ئايىمىغايسىلەر.
ئىنكاس: 6 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,809 قېتىم
ياۋا ياڭاقلىق جىلغىسى: ئوت-چۆپلەر مېھىرلىك، سېپىل ۋەيرانە، ياشانغان بىر جۈپلەر ئوتقا پەرۋانە. سايرىشار قۇشلار ھەم ئىتلار قاۋىشار، قەلىب كۆكىدە ھىلال شۇنچە نۇرانە. گۈرۈچلەر سېپىلغا كېسەكتۇر بىلسەك، سۇ خەنجىرىدە ۋاقىت بولىدۇ پارە. يارىدىن كۆكلەپتۇ يۈز يىللىق دەرەخ، يىلتىزغا يانداشقان سۆڭەك مىڭ دانە. سوغ شامال ئۇشقۇرتار، نەيدە ئەلەم بار، گاھ ئوچۇق ھاۋاغا كىمدۇر ھەيرانە. چۈشلەرگە ئەسىردۇر ئاشىق ھەم مەشۇق، بىر غۇۋا يۇلتۇز ھەم ئۆچتى سەرسانە. ئۆچكىنى سۈكۈتتىن زۇلمەتكە يېقىن، شۇ غۇۋا ھەم ئاجىز سۆيگۈ ئەپسانە.
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 498 قېتىم
شەھەردە تۇرغانسېرى ئۆزۈمنى قەپەزدىكى قۇشتەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ماكاننىڭ تارلىقىدىن يىراققا ئىنتىلگەن كۆزلىرىم مۇزدەك تاملاردىن ئاشالمايتتى. ھەرخىل گۈدۈك ئاۋازى ۋە ئادەملەرنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرىمۇ ئارامىمدا قويمايتتى. كوچىدا يۈرسەممۇ سانسىز ئادەملەر دېڭىزىدىكى بىرتامچىغا، شەھەر شاۋقۇنلىرى ئارىسىدىكى بىر ئاۋازغا ئايلىنىپ قالغاندەك بولاتتىم. كاللامدىكى تىنچلىنىش خىيالىم بىردەمدىلا ئۆز ئىمكانىدىن جۇدا بولاتتى.
شەھەردىن تەبىئەت ئاتا قىلغان ساپ سادالارنى ئاختۇراتتىم. ئەمما ئۇ كەپسىز بالىدەك تاش ئورمانلار ئارىسىدا مەن بىلەن مۆكۈشمەك ئوينايتتى. مەن كىشىنى بىزار قىلغۇدەك ۋاڭ-چۇڭلار ئارىسىدىن ئۇنىڭ: ئىشىنەمسەن؟ سەن پەقەت ئىخلاسىڭ ۋە ئىشتىياقىڭ بىلەن تىڭشىساڭلا مەن ھەرجايدا ساڭا ھەمراھ، مەن سېنىڭ ئەتراپىڭدا ئۈن-تىنسىز، ھەشەم-دەرەمسىز مەۋجۇتمەن. – دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلايتتىم.
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 481 قېتىم
ئىنساننىڭ مۇتلەق گۈزەللىك بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىراقلاپ بېرىشىغا ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز سەپىرىدە بارغانسېرى ئاددىيلىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى سەۋەب بولغان. ئاتالمىش ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان پەسىللەر ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى بىر كۈنلەرنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى خالاس دەپ ئويلىساق بولامدۇ-يوق. تاغ جىرالىرىدىكى شىددەت بىلەن قىيالارغا ئۇرۇلۇپ ئېقىۋاتقان ئېقىنلارنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرمىگىنىمىزدە، يىنىك شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېقىنلار تۇرمۇشىمىزدىكى خۇشاللىق بولالايدۇ. ھەيۋەتلىك شارقىراتمىلارنىڭ كۆكنى يارغۇدەك گۈمبۈرلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىمىغىنىمىزدا، كىشىگە خۇش ياقىدىغان سەلكىن شاماللار بىزنىڭ پارىڭىمىزغا تۇترۇق بولالايدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى تاللاشتىكى سەۋەنلىك ئەمەس. ئالەمنىڭ بۈگۈنكى مەۋجۇتلىقى ئەسلىدىنلا تالايلىغان تاساددىپىيلىقلارنىڭ بېرىكىشىدىن بولغان.
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 503 قېتىم
ئىتالىيە يازغۇچىسى ئىتالو كالۋىنو(Italo Calvino) ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، ئۆتكۈرلۈك بىلەن: «بىر مەيدان ۋابا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئالاھىدە بولغان تالانتىغا، يەنى يېزىق ئىشلىتىش تالانتىغا يامرىدى. بۇ بىر مەيدان تىلغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋابا ئۆز ھالىتىدە بىلىش ئىقتىدارىنى ۋە بىۋاستىلىكنى يوقىتىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ مەلۇم خىل ئىختىيارىلىققا ئايلىنىپ، بارلىق ئىپادىلەشلەرنى ئاممىباپ، ئوخشاشلىق ھەم مەۋھۇملۇقنىڭ سەپسەتىسىگە بويسۇندۇرىدۇ. ئۇ مەزمۇننى يېيىلدۇرۇپ، ئىپادىلەش كۈچىنىڭ بىسىنى ياندۇرىدۇ. ئۇ يېزىق بىلەن يېڭى مۇھىتنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ھاسىل بولغان ئۇچقۇننى يوق قىلىدۇ.» دېگەن. ئۇ يەنە: «كىشىلەر يېزىقنى ھەمىشە خالىغانچە، يەڭگىلتەك، بىپەرۋا ھالدا ئىشلىتىدۇ. ئەمما، مەن بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلىنىمەن.» دەپ قاخشىغان. ئۇ ئەدەبىي ئىستىلنى تۈزەش ئۈمىدىنى ئەدەبىياتقا باغلاپ: «ئەدەبىيات، پەقەت ئەدەبىياتلا بۇ خىل تىل ۋاباسىنى توسىيالايدىغان قالقاننى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ.» دېگەن.
ئىنكاس: 6 پارچە | كۆرۈلۈشى: 955 قېتىم
كىتابخانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار جۇڭگوچە مەسىلىلەرگە دەل ھەممە كىشىنىڭ قىلدەك ئەجرىگە پىلدەك نەپ ئېلىش ئىستىكى سەۋەب بولغان. ياۋروپانىڭ بەزى جايلىرىدا يۈز يىل بۇرۇن قۇرۇلۇش باشلانغان سەنئەت سارايلىرىنىڭ ھازىرغىچە پۈتمەسلىكىنى جۇڭگولۇقلار ئۆزىچە ھاماقەتلەرچە مەسخىرە قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان ئەدەبىيات مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ دەستىكى ئەمەس، ئەمما ئۇ چوقۇم دۇنيانىڭ غورۇرى بولۇشى كېرەك.مەلۇم بىر نەرسىگە ئېرىشەلمىگەن ۋاقىتتا، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاشۇ نەرسىنى يوقىتىش ۋە سەلبىيلەشتۈرۈش يولسىزلارچە باشلىنىدۇ. ئۆزى ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە باشقىلارمۇ ئېرىشىشنى خام خىيال قىلماسلىقى كېرەك، بۇ خىل مۇتەھەملەرچە يۈزسىز ھالەت پەيدا قىلغان ناچار ئاقىۋەت دۇنيا تارىخىدىلا يۈز بېرىپ قالماي، بۈگۈنكى دۇنيادىمۇ، مەدەنىيات ساپاسى قانچىكى تۆۋەن جايدا شۇنچىكى ئەدەپ يۈز بەرمەكتە.
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 838 قېتىم
دېڭىزنى چۈشىگەنلىكىم ئېسىمدە، بەلكىم قېنىق كۆك بولسا كېرەك، ئەمما قارا ۋە ئاقتىن باشقا رەڭ كۆرۈنمىدى. دولقۇن كۈچىگەنسېرى سىياھرەڭ تۈسكە كىردى، دولقۇندىن چاچرىغان تامچىلار كۆزنى چاققۇدەك ئاپپاق ئىدى. دولقۇنلارنىڭ شاۋقۇنى ئارىسىدىن قۇشلارنىڭ زىل ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم، ئەمما قۇش كۆرۈنمەيتتى. ئۆزۈممۇ خۇددى ئاشۇ دولقۇنلارنىڭ بىر قىسمىدەك ئىدىم. ئەپتىم قاپقارا، چوڭقۇر سۇ تەكتىدىن ئۆرلەپ سانسىز ئاپپاق سۈزۈك تامچىلارغا ئايلىناتتىم. ئاشۇ نۇرلۇق ئاق رەڭگە سېغىناتتىم، ئەمما كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يەنە ئاشۇ تەگسىز قاراڭغۇلۇققا غەرق بولاتتىم. ئەمما قۇشنىڭ زىل ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى. گاھ يىراقتىن ئاڭلىناتتى، گاھ قۇلاق تۈۋىمدىلا سايرايتتى. زىل ئاۋازى گاھ نۇسرەت ناخشىسىدەك، گاھ ھەسرەت ناخشىسىدەك ئاڭلىناتتى. گاھىدا تېخى يۇقىرى ئاۋازلىق ئايال ناخشىچىنىڭ ئاۋازىدەك لەرزان ھەم ھېسسىياتلىق ئىدى. بۇ ئاۋازلار خۇددى بوشلۇقتىكى ئىللىق نۇرلاردەك قاپقارا دېڭىزنى يورۇتاتتى.
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 521 قېتىم
مەن ھەسرىتىمنى باسالماي قېلىۋاتاتتتىم. مەن مومام ئۈچۈن ياكى ئۆزۈم ئۈچۈن يىغلىۋاتقىنىمنى پەرقلەندۈرەلمىدىم. مەن خەنجەرنى يەرگە تاشلىغىنىمندا موماينىڭ مېنى كەمسىتكەنلىكىنى، شۇنداقلا يارىلانغان قورسىقىمنى بېسىپ تۇرۇپ ئۆيگە قايتۋاتقان ھالەتنى ئويلىدىم. مەن قاقاسلىقتىكى ئوچۇقچىلىقتا دەپنە قىلىش جىلغىسىنىڭ يېنىدا تۇرغاندىكى تەنھالىق تۇيغۇسىنى ئويلىدىم. شۇنداقلا ئۆزۈم تېرە چاپاننى سۇمىيەغا يېپىپ قويغاندىكى نازۇكلۇقنى ئويلىدىم. مەن شەپەقنى، قارا تۇلپارنى، ئىپلاس خىرانى ، قورقۇنلۇق پارچىلىنىشنى ئويلىدىم. مەن يەنە خۇددىي چۆمۈچكە ۋە چوڭ كىچىكلىكى ئاسلانغا ئوخشايدىغان بوۋاق، مۇئەللىمە، ھارۋىكەش ۋە نوگەيچور كۆلىنىڭ كۆپكۆك دولقۇنلىرىنى ئەسلىدىم.مەن ئۆزۈمنى ئۇۋالچىلىقلىرىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالغىنىمنى، زادىلا تولۇق ئەسلەپ بولالمايدىغان خاتىرىلىرىمنى، مېنى بىر بالىلىقتىن يىگىت قىلغەن نۇر غۇن يىللارنى ،كىچىگىندىنلا ئانسىز قالغان مېنى دادامنىڭ قانداقلارچە ئۇ شەپقەتچى مومايغا بېقىشقا ھاۋالە قىلغانلىقىنى ئەسلىدىم… مو-ما! مەن قاتتىق ئازابلاندىم. مەن بېشىمنى ئىككى قولۇم ئارىسىغا ئېلقپ ھۈ تارتىپ يىغلاپ كەتتىم: موما! مەن تىرىلمەيدىغان موماينى قايتۇرۇپ كېلىشنىلا ئويلايتتىم، مەن ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا قاراپ ئازابلىق يىغلاپ كەتتىم.
ئىنكاس: 2 پارچە | كۆرۈلۈشى: 691 قېتىم
- خۇشخۇي:
بۇ بۆلەكتىن بىلىشىمچە ياخشى چىققان رومانكەن. ھەزرەتئىلىنىڭ ت
- غازى:
ئۆزلۈك پايانىغا سەپەر قىلدىم
- Adeline K. Sampson:
رەھمەت ئاكا، «يىگىرمە پارچە مۇھەببەت لېرىكىسى ۋە بىر ئۈمىدسى
- خۇشخۇي:
ئالدى بىلەن «چۈشتاق تور پۈتۈكلىرى»تورى ئۇسلۇبىنىڭ يېڭىلانغان
- تۈركزات:
شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىرىنى ئوقۇپ ي
- ئاتىلار، خەنجەر ئوسمانجان ساۋۇت، ئانا تىل ئىجادىيەت، خاسلىق ئىجادىيەت، يازغۇچى ئىجادىيەت، يازغۇچى، قەلەم ئىمىن تۇرسۇن، شېئىر ئۆز، رومكا، شامال ئۆزلۈك ئۈندىدار ئەدەبىيات، ئىستىل ئەدەبىيات، بىمەنە ئەدەبىيات، نادىر، ئالىيجاناب باغنا، يايلاق باھار، شېئىر بۇلاق، سۆيگۈ بېي داۋ، تۇيغۇ بەخت، فىلىم تار كوچا، پوۋېست تارىم تارىم، ئەدەبىيات تۇلپار، ئەسەر، پوۋېست تېڭىرقاش، ياشاش، ھېكمەت تەرجىمە، شېئىر تەنقىد، بايقاش تەنھالىق، ئالۋۇۇن جىبران، شەپە جەننەت، ئەما خازان، كىتاب دادام رومان، ۋاڭ ئەنيى رىيۇ ئەنكىم زاھىر ئابدۇراخمان سايە، تەنھالىق، يېتىم سوسۇر، ئانا تىل سوسۇر، ئەدەبىيات شائىر، ئاۋام، قەلب شۈ جىمو، شېئىر، تەبىئەت شېئىر، ئانا، ۋاقىت شېئىر، تەرجىمە شېئىر، شامال، ئۆلۈم شېئىر، ماكان شەھەر، غېرىبلىق غوجىمۇھەممەد غېرىپ، ساراڭ قار، يار قىسمەت، مۇھەببەت كاتلىن راينى، شېئىر كۆز، دادام كۆز، گۈل كۆكلەم، چىمەن مويەن، نوبېل مۇھەممەد خېۋىر مېھىر، ئىران نەسىر، تەرجىمە نەسىر، تەرجىمە، سىرلىق يالعۇز يايلاق، خاتىرە يۇرتۇم، بەشكېرەم پابلو نېرۇدا، شېئىر پەرھات تۇرسۇن چۈشتاق گوركى، ۋاقىت ۋىسال، ھىجران، پەسىل، ئەركەم