ئۇ ئەنە شۇ سىياقتا بىر خىل جۇلالىق نۇردەك ئايۋاندا ھاڭۋېقىپ تۇراتتى؛ شۇ تۇرقىدا ئۇ چەكسىز سۆيگۈ-مۇھەببەت ساھىبى ئىدى. مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ يەر چەكسىز ساماغا ئەڭ يېقىن جاي ئىدى؛ قولنى شۇنداقلا سوزسا سامادىكى بۇلۇتلار قولغا ئۇرۇلاتتى. مەن ياغاچ ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەلمۈرگەن ۋاقتىمدىمۇ ئۇ خۇددى چەكسىز سامادا تۇرغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم. ئۇ ئەنە شۇ سامادا بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ بۇ رەھىمسىز ئادەتلەرگە تولغان تۇرمۇشتىن يىراق تۇرۇشى مۇقەررەر ئىدى؛ ئۇ پەقەت مېنىڭدەك بىر شەھەرلىك ئادەم ئارقىلىقلا ئۆزىگە ناتونۇش بولغان بۇ دۇنيانى چۈشىنەتتى. بىپايان زېمىندا داۋاملىشىۋاتقان بىر خىل رېتىمدىكى تۇرمۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مۇئەمما بولۇپ، ئۇ بۇ خىل تۇرمۇشنىڭ قوينىغا كىرىشكە ئامالسىز ئىدى.
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 941 قېتىم
بىر خىل ئازاب بار، خۇددى ئۆتكۈر خەنجەر پەرزەنتىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغاندەك، بۇ ئازابنىڭ ئارقىسىغا پەرزەتنىڭ ئاتا-ئانا مېھرىگە تەشنالىقى يوشۇرۇنغان. بۇ خىل بىشارەت كېچىلىرى چۈشتىن ئويغانغىنىمدا تاشقىن دەريا سۈيىدەك قەلبىمگە بۆسۈپ كىرىپ، ئۈنسىز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ ئاققىنىدا، ئۆزۈمنىڭ بەردەم بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئاجىز چاغلىرىمنىڭمۇ بارلىقىنى بايقايمەن. ئۆمۈرلۈك تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق ئۆگەي ئانامغا ئاراملىق ئاتا قىلماقچى بولىمەن. ئۆگەي ئانام ئاشۇ كۈنلەرگە ئۇلىشالامدۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن. پەقەت مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئانىسىز ئۆتكەن ھاياتنىڭ مەززىسىزلىكىنى، ئانىسىز ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئورۇنسىز كۈتۈش ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 979 قېتىم
كەينىمگە بۇرۇلۇپ، كوچىنى بويلاپ، ئىچىملىك دۇكىنىغا قاراپ ماڭدىم. يېرىم يولدا كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام ئۇ ئەر رېمونتخانا ئالدىدىن غايىب بولغان ئىدى. مەن كوچىدىن بۇرۇلۇپلا، ئالدىمغا قاراپ بەدەر قاچتىم. شۇ چاغدا مەن ئۇ 20يۈەن پۇلنى ئۇنىڭغا قايتۇرماي، يانچۇققا موك سالماقچى ئىدىم.
بىر نەچچە مىنۇت يۈگۈرگەندىن كېيىن، ھېرىپ ھالىم قالمىدى. ئاپتوبۇس بېكىتىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، قولۇمدىكى پۇلنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراشقا باشلىدىم. ئۆزەمچە «بۇ پۇل بىر مەزگىل خەجلىشىمگە يېتىدۇ. تېخى ئۆيمۇ ئالالىشىم مۇمكىن» دەپ ئويلايتتىم.
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 851 قېتىم
رەستىلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ، سەنئەت ئەسلىي ئاددىيلىققا يول بېرىشى كېرەك ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. تام رەسىملىرى ماڭا قەدىمكى ھىندىئانلارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى تەرتىپلىك بازىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن —— ھەممە خىل-خىلى، رەت-رېتى بىلەن بولۇپ، بۈگۈنمۇ شۇ ھالەتتە ئىدى. كۆكتات ساتىدىغانلار بىر يەرگە، كىيىم-كېچەك ساتىدىغانلار بىر يەرگە يىغىلغان ئىدى. ئەمما، پىشرۇق ساتىدىغان بىر ھارۋىدا مىۋە-چىۋە بىلەن تولغان بىر سۇلياۋ ئىستاكان بولۇپ، ئۈستى قىپقىزىل تۇراتتى. سوراش ئارقىلىق بىلدىمكى ئۇ قىزىلمۇچ سالات ئىكەن. گەرچە بۇ بىر يېڭىلىق بولسىمۇ، سەنئەتنىڭ خاسىيىتى بولسىمۇ، ئەمما بۇنى يىگىلى بولارمۇ؟
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 725 قېتىم
پىنتېرنىڭ ئەسەرلىرىدە يەڭگۈچى يوق، شۇنداقلا يېڭىلگۈچىمۇ يوق. كىشىلەر ئارىسىدىكى ھوقۇق كۆرىشىدە ، كىمنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئوڭايلىقچە بىلەلمەيمىز؛ ئۇلار ئۆز ئورنىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، قارىماققا شۇنداقلا ئېيتىلغان دىئالوگلاردا ئۇلار گاھ ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىسە، گاھ تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. پىرسوناژلارنىڭمۇ ئۆزگىچە بىر تەرىپى بولۇپ، ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە ئىنفىرا نۇرى ئاستىدا ئاشكارىلىنىدۇ، بىز پەقەت ئاددى كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەيمىز خالاس. ئۇلار كۆرۈنمەس تاملار ئارىسىدا تىرمىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ھەم ئوخشىمىغان رىئال قاتلاملارنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلار ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلىنىش جاريانىدا، خۇددى باشقا ئەل زېمىنىدا مىنا كۆمگەندەك، سەۋەبسىزلا ئۆزىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 698 قېتىم
يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو شېئىرىيىتى ئىجادىي قىزغىنلىق كەمچىل بولغان گادايلىققا يۈزلىنىپ، ئاددىيلىقنىڭ قوينىدىن ئۆزىنى تارتالمىدى. بىر چاغلاردا ئۆزىدىكى مىللىي خاسلىقنى ئىزدەش ۋە ئىنسانىيەتكە ئورتاق ھېس-تۇيغۇلارنى ئىپادىلەش روھى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەن خاسلىققا ئىگە نادىر ئەسەرلەر كىشىلەردىن كۈنسېرى ياتلاشقاندەك، جۇڭگو شېئىرىيىتى بىچارە ھالدا نادىر بەدىئىي ئەسەرلەرگە زارىققان مۈشكۈل قىسمەتكە قالدى. جۇڭگو شېئىرىيىتىنىڭ كىشىگە تېتىماس بولۇپ قېلىشىدا بىر تالاي سەۋەبلەر بار، ئەمما ئەڭ ئاچقۇچلۇق سەۋەب يەنىلا يەر شارىلىشىش ۋە بازارغا يۈزلىنىش دولقۇنىنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەدەبىي ئىستېتىك
ئىنكاس: 2 پارچە | كۆرۈلۈشى: 965 قېتىم
- خۇشخۇي:
بۇ بۆلەكتىن بىلىشىمچە ياخشى چىققان رومانكەن. ھەزرەتئىلىنىڭ ت
- غازى:
ئۆزلۈك پايانىغا سەپەر قىلدىم
- Adeline K. Sampson:
رەھمەت ئاكا، «يىگىرمە پارچە مۇھەببەت لېرىكىسى ۋە بىر ئۈمىدسى
- خۇشخۇي:
ئالدى بىلەن «چۈشتاق تور پۈتۈكلىرى»تورى ئۇسلۇبىنىڭ يېڭىلانغان
- تۈركزات:
شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىرىنى ئوقۇپ ي
- ئاتىلار، خەنجەر ئوسمانجان ساۋۇت، ئانا تىل ئىجادىيەت، خاسلىق ئىجادىيەت، يازغۇچى ئىجادىيەت، يازغۇچى، قەلەم ئىمىن تۇرسۇن، شېئىر ئۆز، رومكا، شامال ئۆزلۈك ئۈندىدار ئەدەبىيات، ئىستىل ئەدەبىيات، بىمەنە ئەدەبىيات، نادىر، ئالىيجاناب باغنا، يايلاق باھار، شېئىر بۇلاق، سۆيگۈ بېي داۋ، تۇيغۇ بەخت، فىلىم تار كوچا، پوۋېست تارىم تارىم، ئەدەبىيات تۇلپار، ئەسەر، پوۋېست تېڭىرقاش، ياشاش، ھېكمەت تەرجىمە، شېئىر تەنقىد، بايقاش تەنھالىق، ئالۋۇۇن جىبران، شەپە جەننەت، ئەما خازان، كىتاب دادام رومان، ۋاڭ ئەنيى رىيۇ ئەنكىم زاھىر ئابدۇراخمان سايە، تەنھالىق، يېتىم سوسۇر، ئانا تىل سوسۇر، ئەدەبىيات شائىر، ئاۋام، قەلب شۈ جىمو، شېئىر، تەبىئەت شېئىر، ئانا، ۋاقىت شېئىر، تەرجىمە شېئىر، شامال، ئۆلۈم شېئىر، ماكان شەھەر، غېرىبلىق غوجىمۇھەممەد غېرىپ، ساراڭ قار، يار قىسمەت، مۇھەببەت كاتلىن راينى، شېئىر كۆز، دادام كۆز، گۈل كۆكلەم، چىمەن مويەن، نوبېل مۇھەممەد خېۋىر مېھىر، ئىران نەسىر، تەرجىمە نەسىر، تەرجىمە، سىرلىق يالعۇز يايلاق، خاتىرە يۇرتۇم، بەشكېرەم پابلو نېرۇدا، شېئىر پەرھات تۇرسۇن چۈشتاق گوركى، ۋاقىت ۋىسال، ھىجران، پەسىل، ئەركەم