ئىران ۋە تايلاندقا سەپەر(ھىدايەت يانتاق)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-15 22:15:39

مەن كۆرگەن دۇنيا ـ يېپىق دۆلەت ئىران ۋە ئوچۇق دۆلەت تايلاندقا سەپەر ھىدايەت يانتاق ھەر كىمدە ھەر خىل ھەۋەس ـ ئىشتىياق ، كەلگۈسىدە يەتمەكچى بولغان ئۆزگىچە نىشان بولىدۇ. كىچىك چېغىمدىلا دۇنيا...

    مەن كۆرگەن دۇنيا
      ـ يېپىق دۆلەت ئىران ۋە ئوچۇق دۆلەت تايلاندقا سەپەر
      ھىدايەت يانتاق

     

      ھەر كىمدە ھەر خىل ھەۋەس ـ ئىشتىياق ، كەلگۈسىدە يەتمەكچى بولغان ئۆزگىچە نىشان بولىدۇ. كىچىك چېغىمدىلا دۇنيانى ئايلىنىش ۋە چۈشىنىشنى ھايات نىشانىم قىلغاچقا، ئىمكانىيەت يار بەرسىلا كۆرمىگەن يەرلەرگە سەپەر قىلىشنى يار ۋىسالىغا تەلپۈنگەن ئاشىقتەك ئارزۇلايتتىم. شۇ ھەۋەسنىڭ قىزىقتۇرۇشىدا 2000 ـ يىلى ئىيۇلدىن 2001 ـ يىلى مايغىچە قىرغىزىستان ، ھىندىستان ، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ، كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى «مەن كۆرگەن دۇنيا» دېگەن تېمىدا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2007 ـ يىل 4 ـ سانى ئارقىلىق ئورقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشقانىدىم.
       قەلبىمدە تىنىمسىز يالقۇنجاپ تۇرىدىغان بۇ شەيدائىي ئىشق مېنى يەنە دۇنيا سەپىرىگە ئۈندىدى. شۇنىڭ بىلەن تېجەپ يىغقان ئازغىنە پۇلنى بەلگە تۈگۈپ، 2008 ـ يىلى ئىيۇلدىن سېنتەبىرگىچە بىر ھەمراھىم بىلەن ئىران ھەم تايلاندقا سەپەر قىلدىم. بۇ ئىككى دۆلەت بىر ـ بىرىنىڭ ئەكسىلا بولۇپ، ئىران «يېپىق»لىقى، تايلاند «ئوچۇق»لۇقى بىلەن يېقىنقى يىللاردا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە شۇ قىزىقىش بىلەن مېنى سەپەرگە ئۈندىگەن ئەللەر ئىدى. بۇ ھالەت مېنى «زادى ئوچۇق بولسا ياخشىمۇ ياكى يېپىق؟ ئېچىلىپ نېمىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ يېپىۋېلىپچۇ؟» دېگەندەك خىياللارغا كەلتۈرۈپ، بۇ ئىككى دۆلەتنى سېلىشتۇرۇپ بېقىشىمغا سەۋەب بولدى. بۇ دۆلەتلەرگە بارغان ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ بولسىمۇ ، كېلىن بۇ ھەقتە تەسىراتلار ئاساسەن يېزىلمىغاچقا، قەلەم قۇۋۋىتىمنىڭ ناقىسلىقىغا قارىماي، سەپەر جەريانىدا كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى بىر جاھانكەزدىنىڭ كۆزىدە ـ ئالدىنقى قېتىملىق دۇنيا سەپىرى تەسىراتلىرىمنىڭ داۋامى سۈپىتىدە «مەن كۆرگەن دۇنيا(2)» دېگەن تېمىدا ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.
        كۆپىنچىمىزدە يانچۇقنى توملاپ سەپەرگە ئاتلانغۇدەك ماغدۇر يوق. مەنمۇ چىقىملىرىنى بولسىمۇ كۆتۈرسۇن دېگەن مەقسەتتە ئازراق مال ئېلىپ، سودىگەر سالاھىيىتىدە ئىرانغا قەدەم باستىم. ئىران ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشىمىزگىلا ئايروپىلاندا ئىنگلىز ، پارس تىللىرىدا توختىماي تەكرارلىنىۋاتقان «ئىرانغا كېلىۋاتىمىز، چەت ئەللىك ئاياللار دىققەت، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىپ بېشىڭلارغا ياغلىق ئارتىۋېلىشنى ئۇنتۇمىغايسىلەر!» دېگەن ئۇقتۇرۇش دەرھال  دىققىتىمنى تارتتى. ئەتراپىمغا قارىۋىدىم. يالاڭۋاش ئاياللار سومكىلىرىدىن ياغلىقلىرىنى ئېلىپ باشلىرىغا ئارتىۋالدى. بۇ ھال ماڭا ئىراننى تېخىمۇ سۈرلۈك كۆرسىتىشكە باشلىدى.

       ئىران چەت ئەللىكلەرگە، بولۇپمۇ غەربلىكلەرگە زىيادە سەزگۈرمىكىن دەپ قالدىم. بىز بىلەن ئايروپىلاندا  كەلگەن دىپلومات سۈپەت بىر غەربلىك ئالدىمدىلا تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى ئۆتىمەكتە ئىدى. تاماژنا خادىملىرى ئۇنىڭ رەسمىيەتلىرىنى شۇنداق ئۇزۇن تەكشۈردىكى، بۇنى كۆرۈپ مەنمۇ ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدىم. ئۆزۈممۇ چەت ئەللىك بولغاچقا، بۇلار بىرەر باھانە ـ سەۋەب تېپىپ چېگرىدىن كىرگۈزمەي قالارمۇ دەيتتىم غەم قىلىپ. تاموژنا ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭ رەسمىيەتلىرىنى قايتا ـ قايتا تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن چېگرىدىن كىرىشكە ئىجازەت بېرىلدى. نۆۋەت ماڭا كەلگەندە پاسپورتىمنى تاموژنا خادىمىغا ئەندىشە بىلەن ئۇزاتتىم. تاموژنا خادىمى پاسپورتۇمنى قولىغا ئېلىپ «چىن» دېگىنىچە كۈلۈمسىرەپ، تامغا بېسىپلا قايتۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ خۇش مۇئامىلىسىدىن «ھە ، بۇلار جۇڭگولۇقلارنى ياقتۇرىدىكەندە» دەپ ئويلاپ خېلى خاتىرجەم بولدۇم.
       پاسپورت تەكشۈرۈش تاماملىنىپ، ماللارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىدىغان توساققا كەلگەندە، چامادانلاردىكى بىز ئېلىۋالغان جۇڭگونىڭ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى، تاموژنىدا ساقلاپ قويىدىغانلىقىنى، ئىراندىن قايتقاندا ئېلىپ كېتىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى. باشقا دۆلەتلەرگە بارغاندا بېشىمىزدىن ئۆتكەن تەجرىبىمىزگە ئاساسەن، «ھە، بۇلار بىر نەرسە تەلەپ قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ پۇل بېرىشنى ئىشارەت قىلساق ، مالغا مەسئۇل تاموژنا خادىمى «مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ» دېگەندەك قىلىپ ئۆڭۈپ ، خاپا بوپكەتتى. بىز ئۇنىڭ يېرىمى ئىنگلىزچە ، يېرىمى پارىسچە گەپلىرىنى تولۇق چۈشىنەلمىگەن بولساقمۇ، لېكىن ئۆڭگەن چىرايى ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ تۇراتتى. كاللامدا، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغاندا تاموژنا خادىملىرىنىڭ بىزدىن پۇل ئۈندۈرۈشنىڭ كويىدا قەستەن قۇسۇر ئىزدەشكە ئۇرۇنىدىغان خىزمەت ئىستىلى بىلەن ئىران تاموژنا خادىمىنىڭ ھەركىتى روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ، مېنى: «ھە ، بۇ دۆلەت مەن ئويلىغاندىن باشقىچە بىر دۇنيا ئىكەندە!» دېگەن تەسىراتقا كەلتۈرمەكتە  ئىدى. ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن، كىتاب ـ ماتېرىياللاردىن كۆرگەن، ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان ئىران توغرۇلۇق ئۇچۇرلاردىن ئىراننىڭ ھەققىقەتەنمۇ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكى، بۇ ئەلگە كېلىشكە قىزىقىشىمنىڭ ئۆزگىچە بىر سەۋەبى ئىدى.

      ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ كېرەككى، چەت ئەللەرگە سودا شىركەتلىرى ئارقىلىق توشۇلۇشى، مال قاچىلانغان ساندۇقلارغا مالنىڭ سانى، قىممىتى يېزىلىشى كېرەك ئىكەن. مال بارىدىغان دۆلەت تاموژنىسى مالنىڭ تۈرىگە ئاساسەن تاموژنا بېجى ئالغاندىن كېيىن بۇ مال قانۇنلۇق ھېسابلىنىدىكەن. باج تۆلەنمەي ئوغرىلىقچە ئەكىرگەن ساياھەتچىلەر ئېلىپ ماڭغان ماللارنى باھالاشقا مۇمكىن بولمىغاچقا، ئىران قەتئىي ئۆتكۈزمەيدىكەن. بۇ ئارقىلىق تەرەققىياتىنى قوللايدىكەن. يەنى چەت ئەللەرنىڭ ئەرزان باھاسىغا تەسىر قىلىدىغان بولغاچقا، ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان ماللارنىڭ باھاسى بىلەن چەت ئەللەردىن كىرگەن ئوخشاش تۈردىكى ماللارنىڭ باھاسىغا ئاساسەن باج بېكىتىپ، تەڭشەپ تۇرىدىكەن.
      ئىران زېمىنىغا ھەيرانلىق، ئەنسىرەشتە قەدەم باستۇق. بىزنى ھەيران قالدۇرغىنى، بۇ دۆلەتتە بىزنىڭ تىلىمىزنى چۈشىنىدىغان خەلقلەرنىڭ كۆپلۈكى بولغان بولسا ، بىزنى ئەنسىرەتكىنى، كوچىلاردىكى ھەربىيلەرنىڭ كۆپلىكى ئىدى. بىز بارغان چاغ ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى تازا يىرىكلەشكەن، ئىسرائىلىيە ئىرانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توغرىلاپ قويۇپتۇ، دېگەندەك خەۋەرلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا قىزىق نۇقتا بولۇپ بېرىلىۋاتقان مەزگىل بولغاچقا، «بىز بۇ يەردىكى چاغدا ئۇرۇش بوپقالمىغىيىدى» دېگەندەك ئەنسىرەشتە ئىدۇق. بىر تاكسى شوپۇرىنىڭ «ئىراق بىلەن ئۇرۇشقان ۋاقتىمىزدا ئىراقنىڭ بىر باشقۇرۇلىدىغان  بومبىسى چۈشكەن جاي» دەپ تېھراندىكى بىر يەرنى كۆرسىتىشى ئەنسىرىشىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېھراندىكى ئېگىز بېنالارغا ئېسىلغان، ئىراننىڭ بۇرۇنقى دىنىي داھىيىسى ھۇمەينىي ئەسكەرلەرگە بۇيرۇق بېرىۋاتقان، ئۇلار جەڭگاھلارغا يولۋاستەك ئېتىلىپ كىرىۋاتقان، جەڭدە قۇربان بولغانلىرى دەبدەبىلىك شېھىتلىك مەقامى بىلەن ئۇلۇغلىنىۋاتقان فوتو سۈرەت ۋە رەسىملەر، بۇرۇن جەڭلەردە ۋەتەن ئۈچۈن شېھىت بولغان قوماندانلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشخانا بىنالىرىنىڭ تاملىرىغا ئېسىپ قويۇلغان رەسىم ـ سۈرەتلىرى، ھۇمەينىيىنىڭ تېھراندىكى ئىمام ئەلى ھەربىي مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئېسلغان يوغان سەللە ، تون كىيىپ، مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ قورۇقدىشىدا ھەربىيلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلىرى كىشىنى ئىران ھەربىي ھالەتتە تۇرىدىكەن، دېگەن تەسىراتقا كەلتۈرەتتى.

      ئەمما ئاۋام ـ پۇقرالار بىلەن پاراڭلىشىپ باقسا، ئۇلاردا ھىچقانداق ئەنسىرەش، قورقۇش ياكى ئۇرۇش تەييارلىقى ھالەتلىرىنى ھېس قىلغىلى بولمايدىكەن. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، تېرىكچىلىكى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بازارلاردا ئېلىم ـ سېتىم، ئىشخانىلاردا خىزمەتلەر ئۆز يولىدا.
       ئىرانلىقلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەگە قانداق  قارايدىغانلىقىنى بەكلا بىلگۈم بار ئىدى. شۇڭا پارسچە ئېنگلىزچە كىتابتىن بىر ئېلىپ، ئامال بار ئۇلار بىلەن پارىسچە پاراڭلىشىشقا تىرىشتىم. بۇ يەردىكى پۇقرالاردىن ئاڭلىغان گەپلەر مېنى ھەيران قالدۇردى. مەن پاراڭلاشقان ھەر خىل تەبىقىدىكى كىشلەرنىڭ ھەممسىلا ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكىنى يامان دېمىدى. تېخى بىرى: ئىران ئىسرائىلىيىنى نېمىشقا ئۆزىگە دۈشمەن تۇتىدۇ؟ پەلەستىننىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىن بىلەن كارى بولمىسا. ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيىلىكلەرمۇ خۇداغا ئىشنىدىغۇ، دىدى. يەنە بىرى: ئامېرىكىنىڭ پۇلىدىمۇ خۇداغا ئىشىنىمىز دېگەن خەتلەر تۇرسا، ئىران نېمە ئۈچۈن دىنغا ئىشىنىدىغان ئامېرىكا بىلەن دوستلاشماي، دىنغا ئىشەنمەيدىغان شەرق ئەللىرى بىلەن دوستلىشىدۇ، دېسە، ئامېرىكا بىزگە ھۇجۇم قىلىپ قالسا، بىزنىڭ خەلقىمىز ئىراق خەلقىدەك قاراپ تۇرمايدۇ. دىنىي داھىي خامانەيىنىڭ بىر بۇيرۇقى بىلەنلا ۋەتەننى قوغداشقا ئاتلىنىدۇ، دېدى بىرى كەسكىن قىلىپ.
       دېمەك كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشى ھەر خىل بولۇپ، ھېس قىلىشىمچە ، ئىراندىكى خېلى كۆپ سانلىق كىشى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيىنى دۈشمەن دەپ قارىمايدىكەن، بەلكى شۇلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى ئۆگىنىش كېرەك دەپ قارايدىكەن. لېكىن ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىسرائىلىيە پەلەستىن مۇسۇلمانلىرىغا تاجاۋۇز قىلغۇچى، ئامېرىكا بۇنىڭغا يانتاياق بولغۇچى، پەلەستىنگە قىلىنغان تاجاۋۇز بىزگە قىلىنغان تاجاۋۇز دەپ قارايدىكەن. شۇڭا ئىران ھاكىمىيتى بۇ ئىككى دۆلەتنى دۈشمەن ھىسابلايدىكەن.

       ھەر خىل تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىش مېنى قاچانلا بولمىسۇن بۇ كىشىلەر ھامان بىر كۈنى پارتلاپ چىقىدىغاندەك تەسىراتقا كەلتۈرۈپ قويغانىدى. چۈنكى  مەن پاراڭلاشقان كىشىلەرنىڭ كۆپى ھاكىمىيەت تۇتقۇچىلارنىڭ ياخشى گېپىنى قىلمايتتى. بەزىلىرى: دۆلەتنىڭ شۇنچىۋالا نېفىت كىرىمى نەگە كېتىۋاتىدۇ؟ ـ ئەمەلدارلار يەپ كېتىۋاتىدۇ دېسە، يەنە بەزىلەر: ھۆكۈمەت پۇلنىڭ ھەممىسىگە قورال ئېلىپ، پۇقرالارغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ دەيتتى ئاغرىنىپ.
       بىر جۈمە كۈنى «دانىشگاھى تېھران» دېيىلىدىغان تېھران ئۇنىۋېرسىتېتىغا باردۇق. تېھران ئۇنىۋېرسېتىتى ھەم ئۇنىۋېرسېتىت، ھەم پۈتكۈل تېھران شەھىرىدىكىلەر يىغىپ جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان جامە بولۇپ، دىنىي داھىي ۋە دۆلەت  رەھبەرلىرىدىن تارتىپ ھەممە كىشى نامازغا كەلگەچكە، جۈمە كۈنى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىدىكەن . قاتتىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كىرگۈزۈلىدىكەن. ھازىرقى دىنىي داھىي خامىينىي ئارىلاپ ـ ئارىلاپ ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىدىكەن. ئادەتتە ئىماملىقنى «ئايەتۇللاھ» ئۇنۋانلىق داڭلىق دىنىي ئالىملار قىلىدىكەن. ئىراندا دىنىي ئۇنۋانلارنىڭ ئەڭ چوڭ «دىنىي داھىي»، ئاندىن قالسا «ئايەتۇللاھ»، ئاندىن قالسا «ھۆججەتۇللاھ» قاتارلىقلار ئىكەن. دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئۇنۋانىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن كىيىۋالىدىغان تون ـ لىباسىمۇ ئوخشىمايدىكەن. جۈمە نامىزىدىكى ۋەز ـ تەبلىغلەر كانايلار ئارقىلىق كوچىلارغا ئۇلانغاندىن سىرت، تېلېۋىزىيە ئارقىلىق نەق مەيداندىلا پۈتكۈل ئىرانغا تارايدىكەن. تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى مېھرابنىڭ ھەر تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىپ، جۈمە نامىزىنىڭ بارلىق جەريانىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق نەق مەيداندىن كۆرسىتىدىكەن. جۈمە نامىزىدا ۋەز ـ تەبلىغدىن باشقا، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى توغرۇلۇق نۇتۇقلار سۆزلىنىدىكەن.
       جۈمەدىن يانغان بىر كىشىنىڭ پەلەمپەي ئۈستىگە چىقىۋېلىپ «بەر بەر ئىسرائىلىيە، بەر ـ بەر ئامېرىكا» ، «يەنى «ئىسرائىلىيىنى يوقىتايلى، ئامېرىكىنى بەربات قىلايلى!» دېگەن شوئارىغا ئەگىشىپ بىر قسىىم كىشىنىڭ شوئار توۋلىشى، ۋە يەنە بىر قىسىم كىشىنىڭ گەپ قىلماي چىقىپ كېتىشىگە قاراپ ئىرانلىقلارنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن كۆز قارىشىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. مېنىڭ كۆزىتىشىم ۋە بەزى ئىرانلىقلار بىلەن پاراڭلىشىشمدىن شۇ نەرسە ئېنىق بولدىكى ئىرانلىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قىزىقىپ كەتمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغىنى ئىقتىسادىنى ياخشىلاپ، تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئىكەن. بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىراق بىلەن سەككىز يىل ئۇرۇشۇپ يەكۈنلىگەن ھەقىقىتى بولسا كېرەك. ھاۋا ئارمىيىسىدىن پېنىسىيىگە چىققان بىر پولكوۋنىكنىڭ «سىياسىي دېگەن ھۆكۈمرانلارنىڭ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن تۈزىدىغان چارە ـ تەدبىرلىرى. ئىراننىڭ پەلەستىننى قوللاپ، ئىسرائىلىيە،  ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشى قانداقتۇر بىر ئالىي مەقسەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن، ئەگەر ئالىي مەقسەت ئۈچۈنلا بولغان بولسا، ھەرگىز مۇسۇلمانلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولمىغان روسىيە بىلەن يېقىنلاشمايتتى» دەپ ئىران سىياسىتىنى تەھلىل قىلىپ بېرىشى، مېنى بۇ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتى توغرۇلۇق مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى.

       ئىران  ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان، دىن بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن ھاكىمىيەتنى 1979 ـ يىلىدىكى ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسى بىلەن قۇرۇپ چىققان بولۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ـ كىچىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى دىنىي مەكتەپلەر قاتارلىق ھۆكۈمەت تارىمىقىدىكى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە مەخسۇس دىنىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن خادىملار سىياسىي خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيدىكەن. توي ـ تۆكۈن، ئۆلۈم يىتىملەرمۇ سەللىلىك دىنىي خادىملارنىڭ نازارەتچىلىكىدە بولىدىكەن. ئىرانلىقلارنىڭ توي ـ تۆكۈن ، ئۆلۈم يىتىملىرىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن نازارەتچىلەرنىڭ نازارىتىدە ئاددىي ـ ساددا ئۆتكۈزۈلۈشىگە قاراپ، ھاكىمىيەتمۇ بەزى ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئاددىيلاشتۇرۇشقا ئارىلاشسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن، دەپ ئويلىدىم. مىسالەن: بىر كۈنى تېھراننىڭ شەھەر مەركىزىدە بەدەنلىرى تولۇق ئورىلىپ، ئاق توي كۆڭلىكى كىيگەن قىز بىلەن كاستۇم ـ بۇرۇلكا كىيگەن يىگىت ماشىنىدىن بىللە چۈشۈپ يەر ئاستىدىكى مەرىكە زالىغا كىرىپ كەتتى. مەن توي مۇراسىمىغا قىزىققىنىمدىن بۇ زالغا كىرىپ ئۇيان ـ بۇيان قارىشىمغا، ئامانلىق ساقلىغۇچى مېنىڭ توينىڭ مېھمىنى ياكى ئەمەسلىكىمنى، مېھمىنى بولسام، زالنىڭ ئېغىزىدىكى ئىشخانىغا كىرىپ تىزىملىتىپ كىرىشىمنى ئېيتتى. مەن دېرىزىدىن ئىشخانىغا كۆز يۈگۈرتۈپ، ئۇ يەردە سەللىلىك بىر كىشىنىڭ مېھمانلارنى تىزىملاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. بۇ قانداق ئىشتۇ! توي دېگەندە داقا ـ دۇمباق چېلىنمىسا، تېخى تىزىمغا ئالدۇرۇپ كىرسە؟! دېمەك، ھەرقايسى خەلقىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆرپ ـ ئادەتلىرى بولغاچقا، توي مۇراسىملىرىمۇ ئۆزلىرىگە خاس ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ھېس قىلىشىمچە، ئىرانلىقلارنىڭ تويلىرى تىنچ، تەرتىپلىك بولىدىكەن، ئارتۇقچە ھەشەم ـ دەرەم قىلمايدىكەن. بۈگۈن تويى بولغان قىزمۇ ئادەتتىكى بىرلا ماشىنىدا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ۋە بىر توپ ئادەم 10 ـ 20 ماشىنا بىلەن قىقاس ـ چۇقان سېلىپ قىز يۆتكەيدىغان ئادەت يوق ئىكەن.

       ئىران خەلقئارادىكى نۇرغۇن دۆلەت بىلەن ئوخشىمايدىغان يولدا ماڭغاچقا، بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن يېپىق ـ بېكىنمە دەپ قارىلىدىكەن. بۇنداق دەپ قارىلىشىدا، مېنىڭچە ، بىرنەچچە  سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
       ئىران ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان، دىن بىلەن ھاكىمىيەتنى بىرلەشتۈرگەن بولغاچقا، ئاياللارنىڭ يۈز ۋە ئالقىندىن باشقا يېرىنى يېپىپ يۈرۈشى قانۇن تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدىكەن. ئىرانغا كەلگەن چەت ئەللىك باشقا دىندىكى ئاياللارمۇ چوقۇم يۆگىنىپ يۈرۈشى كېرەك ئىكەن. شۇنداقلا كوچا ئاپتوبۇسى، يەر ئاستى پويىزى قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئەر ـ ئاياللارنىڭ ئورۇنلىرى ئايرىلىدىكەن. شۇڭا ئىراننى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە يېپىق ھالەت شەكىللەنگەن دۆلەت دېيىشكە بولىدىكەن.
        ئىراننىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى يېپىقلىقى جەمئىيەتنى بەزى يامان ئىشلاردىن، مىسالەن، ئەر ـ ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئوچۇقلۇق تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان ناشايان ئىشلاردىن، ئائىلىلەرنى بۇ سەۋەبلىك بۇزۇلىدىغان پاجىئەلەردىن ساقلاپ ، جەمئىيەتنىڭ تىنچ ـ ئەمىنلىكىگە مۇناسىپ كاپالەتلىك قىلىدىكەن. يېقىنقى ستاتسىتىكىلارغا قارىغاندا، ئىراندىكى ئاجرىشىش نىسبىتى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن تۆۋەن ئىكەن.
       ئىراندا ئەر ۋە ئاياللار ئارا مۇناسىۋەت يېپىق دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىدارە ـ ئورگانلاردا بىرگە خىزمەت قىلىدىكەن، ئىراندا خىزمەتتىكى ئاياللارنىڭ نىسبىتىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە ھەممە ساھەدە خىزمەت قىلىدىغان ئاياللارنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.
       ئىراننىڭ يېپىق دەپ ئاتىلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت يەر شارىلىشۋاتقان، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئىسلامغا يات ئەقىدىلىرى شىددەت بىلەن يامراۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا ئىران ئامالنىڭ بارىچە غەيرىي ـ يات مەدەنىيەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ غەربىلىكلەر ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە كىرىشىگە چەك قويىدىكەن. بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىن كېلىدىغان ئىدىيە جەھەتتىن سىڭىپ كىرىشتەك تىنچ ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. شۇڭا ئىران بىلەن دوستانە بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا ئاسانلىقچە ۋىزا بەرمەيدىكەن. دېمەك، ئۇلارنىڭ كىشىنى چەكلەيدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئىران غەرب ئەللىرىنىڭ نەزىرىدە كىرمەك ئەڭ تەس دۆلەت دەپ قارىلىدىكەن.
       ئۇزۇن مەزگىل تاشقى دۇنيادىن ئايرىلىپ قېلىش، ئامېرىكا ۋە ياۋروپالارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە يېتىم قالدۇرۇشى ئىراننىڭ تەبىئىي ھالدا ھەممە جەھەتتە مۇستەقىل يول تۇتۇشىغا تۈرتكە بوپتۇ. ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن تارتىپ ماشىنا ـ ئاپتوبۇسلارغىچە ھەممىنى ئۆزلىرى ياسايدىكەن. داڭلىق ماشىنا زاۋۇتلىرى بار بولۇپ، دۆلىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىدىكەن. ئاز بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنى مۇناسىۋىتى ياخشى دۆلەتلەردىن كىرگۈزىدىكەن. مىسالەن، بەزى ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ياپونىيىدىن،  ئېغىر تىپتىكى بەزى يۈك ماشىنىلىرىنى گېرمانىيىدىن كىرگۈزىدىكەن. لېكىن بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بەزىلىرىنى نوقۇل سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بويىچە ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىشىپ ئىراندا ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن كىرگۈزىدىكەن.

       ئىراننى سانائەتتىمۇ ئاساسەن يېپىق شەكىلدە تەرەققىي قىلدى دېيىشكە بولىدىكەن. ئىران ئېغىر سانائەت، يېنىك سانائەتلەردە بولسۇن، ھەممىسىدىلا ئۆز كۈچىگە تايانغاچقا، چەت ئەللەرنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچراپ كەتمەيدىكەن. كۆۋرۈك ، ئايلانما يول ، بىنالارنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىلىرىنىڭ سانائەتتە خېلى تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسەتسە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىدىن ھەربىي سانائەت تەرەققىياتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى، يەر ئاستى پويىزلىرىنىڭ تېھراننىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك تۇتاشقانلىقىدىن قاتناشنىڭ بازارلاردا پارس ماركىلىرىدا ئىشلەنگەن ئېلېكتورونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىيىشىدىن ئېلېكترون سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. ئىراننىڭ يېپىق ھالەتتىكى سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى بۇ ئەلنى باشقا ھەرقانداق دۆلەتكە بېقىنمايدىغان، كىشىلەرنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان ئۆزىگە خاس يولغا يېتەكلەپ، مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدىكەن. ئەمما ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىي قىلىش ئاساسىي يۈزلىنىش بولۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا خەلقئارا جەمئىيەتتىن مۇستەسنا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشمۇ قىيىن، ئەلۋەتتە. شۇڭا ئىراننىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن يېتەرلىك ھەمكارلاشماسلىقى ئىقتىسادى ۋە تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توساق بوپقالغانلىقى تەبىئىي. مەن ئىران خەلقىنىڭ مۇستەقىل ئالغا ئىنتىلىش روھىغا دۇنيا پەن ـ تېخنىكىسى بىلەن يېتەرلىك ھەمكارلىشىدىغان روھ قوشۇلغان بولسا، بۇلارنىڭ  تەرەققىياتى تېخىمۇ زور بولار ئىكەن دېگەندەك خىياللارنى قىلىپ، بۇ دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات، تىنچلىق تىلىدىم.
       ئىراندىكى ساياھەت جەريانىدا پارس تىلىنىڭ شەرقنىڭ فرانسۇز تىلى دەپ تەرىپلەنگىنىنىڭ ئارتۇق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. مەيلى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا بولسۇن، مەيلى مەسچىت ـ جامەلەردىكى ۋەز ـ تەبلىغلەردە بولسۇن، ياكى ئادەتتىكى پاراڭلاردا بولسۇن پارس تىلىنىڭ تولىمۇ پاساھەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. پايتەخىت تېھراندا ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىي، شىراز شەھىرىدە ھافىز شىرازىي قاتارلىق دۇنياۋى شۆھرەتلىك كلاسسىك پارس شائىرلىرىنىڭ  ھەيكەللىرى قاتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ شائىرلارنىڭ پارس خەلقىنىڭ قەلبىدە  نەقەدەر يۈكسەك ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى ئايان قىلىپ تۇرىدىكەن. ئىرانلىقلار سوغۇققان، سۆزمەن بولۇپ، پاكىزلىققا بەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ئادەتتە جۈمە ئىرانلىقلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، بۇ كۈندە جىمى ئورۇن، ھەمما دۇكان تاقىلىپ، چوڭ تازىلىق قىلىدىكەن.
        ئىران ئەرلىرىنىڭ ئېگىز ـ تەمبەللىكى، تېرىسىنىڭ ئاق ـ سۈزۈكلىكى ، پاكىزلىقى ، بەزى ئەرلەرنىڭ چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇپ يۈرۈشى ئىراننى باشقا ئاسىيا ئەللىرىدىن ئۆزگىچىرەك ھېس قىلدۇردىكەن. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئىراننى ئاسىيادىكى ياۋروپا دېيىشكىمۇ بولىدىكەن.
       ئىران پارس ، ئەزەربەيجان، كۇرد، ئەرەب، تۈركمەن قاتارلىق نۇرغۇن مىللەت ياشايدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پارسلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ 66 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئىرانلىقلارنىڭ 98 پىرسەنتى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىئەلەر 91 پىرسەنتىنى، سۈننىيلەر 7.8 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدا كۆپ پەرق يوق بولۇپ، شىئەلەرمۇ بىر ئاللاھتىن باشقا ھېس ئىلاھ يوق،  مۇھەممەد ئەلەيسالامنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەيدىغان ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم شوئارىنى توۋلايدىكەن. سۆزلىرىدە مۇھەممەد دېگەن ئىسىم چىقسىلا «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلرىغا سالاملار بولسۇن دەپ دۇرۇت يوللايدىكەن، «قۇرئان كەرىم»نى مۇقەددەس دەستۇرى دەپ قارايدىكەن.

       «ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۈشمەنلەر ھەر خىل ۋاستىنى قوللىنىپ، شىئەلەر بىلەن سۈننىيلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قەستەن بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، ئارىدىن پايدا ئېلىۋاتىدۇ» دەپ ئاھ ئۇردى ئىراقتىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن ۋايسىغان بىر ئىراقلىق. مېنىڭ ئىراندا تۇرغان بۇ ۋاقىتلىرىم ئىراق ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ ئەۋجىگە چىققان چاغلىرى بولغاچقا، ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن ئەنسىرىگەن نۇرغۇن ئىراقلىق مۇساپىر ئىرانغا قېچىپ كەلگەنىكەن.  دۇنيادا ئۇرۇش بولمىسا، زىددىيەت ـ توقۇنۇشلار چىرايلىقچە ھەل بولغان بولسا ئالەم نەقەدەر گۈزەل بولغان بولاتتى ـ ھە، دېمەي قالمايدىكەن مۇساپىرلارنى كۆرگەن كىشى.
       بۇ مۇقەددەس يەرنى دۇنيانىڭ جاي ـ جايىدىن كەلگەن شىئەلەر كېچە ـ كۈندۈز تاۋاپ قىلدىكەن. ئەسكەرتىش زۆرۈركى، شىئەلەرمۇ بىر نەچچە مەزھەپكە بۆلىنىدىغان بولۇپ،  بۇنىڭ ئىچىدە «ئون ئىككى ئىمام مەزھىپى» دىكىلەر ئەڭ كۆپ.  لېكىن شىئەلەرنىڭ نەزىردىمۇ مەككە مۇكەررەمەدىكى «مەسجىدى ھەرەم» ئۇلار ئارزۇ قىلىدىغان ئەڭ چوڭ تاۋاپگاھ ئىكەن.
       ئىراندا ئۇيغۇر يوق ئوخشايدۇ، بولغان بولسا بىرەر ئايغىچە ئۇچرار ئىدى دەپ ئويلاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە قۇم شەھىرى «مەسجىدى ھەرەم»يېنىدىكى بىر بازاردا ئاڭلانغان ئۇيغۇرچە سۆز بىزنى ھەيران قالدۇردى. «سىلەر چىندىن كەلگەن تۈركلەرمۇ؟» بىزگە ئۆزبېكچە تەلەپپۇزدا ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتقان بۇ كىشى ئۇيغۇر بولۇپ، ئېيتىشچە، ئەجدادلىرى بۇرۇن يەكەندىن ئىرانغا كەلگەنىكەن. ئۇ ، قۇم شەھىرىدە مېۋە ـ چېۋە دۇكىنى ئاچىدىكەن. بۇ كىشى ئىراندا ئۇچراتقان تۇنجى ئۇيغۇر ئىدى. ئاڭلىشىمچە ، ئىراندا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلامۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل يەرلىك مىللەتلەر بىلەن ياشاش جەريانىدا چىراي ۋە تىل جەھەتتە ئۆزلىشىپ كەتكەچكە، مەن ئۇيغۇر دېمىگىچە بىلگىلى بولمايدىكەن. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى ئات ـ  ئېشەكلەر بىلەن ھەج سەپىرىگە چىقىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەتمىگەن ياكى كېتەلمىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن.

        بىز ئىراندىكى 40 كۈنگە سوزۇلغان ساياھىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يەنە بىر مەنزىل ئىزدىمەكچى بولدۇق. ئىرانغا  ئېلىپ كىرەلمەي تاموژنىدا قالدۇرۇپ قويغان ماللىرىمىزنى سېتىۋېتىشىمىز كېرەك ئىدى. راست دېگەندەك، ئىرانغا ئېلىپ كىرەلمىگەن ماللىرىمىزنى تايلاند تاموژنا خادىمى بىزدىن يەڭڭ ئىچىدە 50 دوللار ئېلىپلا ئۆتكۈزۈۋەتتى. « توۋا ، ـ دېدىممەن ئۆزۈمگە، ـ باشقا بىر دۇنيا ئىكەنغۇ بۇ دۆلەت؟!» ئىش ناھايىتى قاتتىق ئەقىدە ـ ئىنتىزام مىزانى ئىچىدە بېجىرىلىدىغان ئىراندىن چىقىپلا يولۇققان بۇ خىل پەرق بۇ ئىككى دۆلەت ھەققىدە مېنى چوڭقۇر سېلىشتۇرما ئويلىنىشقا سۆرىمەكتە ئىدى.
       تايلاند ئايرودرومىغا چۈشۈپلا كۆرگەنلىرىمىز پەقەتلا كۆزۈمىزگە سىغمىغىلى تۇردى. ياۋروپا ، ئامېرىكا قىئەلىرىدىن تايلاندقا كېلىۋاتقان ئەر ـ ئايال يېرىم يالىڭاچ ساياھەتچىلەر بىزنى باشقا بىر دۇنياغا كېپقالغاندەك ھېس قىلدۇرۇۋاتاتتى.
         تايلاندقا كېلىپلا تۇنجى بولۇپ كۆزۈمگە چېلىققىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپالىق ئەر ساياھەتچىلەرگە ھەمراھ بولۇپ يۈرۈۋاتقان تايلاند ئاياللىرى بولدى.  بۇ بايقۇشلار ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئويۇن ـ تاماشىدىن ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلگەن، ئەمەلىيەتتە ھاياتنىڭ ھەقىقىي ـ چىن مەنىسىنى يىتتۈرۈپ بېرىۋاتقانىدى.
       بىر ئەرزان ياتاق ئىزدەپ ماڭغان خالتا كوچىلاردا ئىشىڭ ئالدىلىرىغا چىقىپ ئولتۇرۇۋېلىپ يولدىن ئۆتكەن كەچكەن ئەرلەردىن «خېرىدار» چاقىرىۋاتقان ئاياللارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرگەن ھەربىر ۋىجدانلىق كىشى بۇ ئەلدە غۇرۇرى بار ئەر زاتى قالمىدىمىكىنە دەپ قالىدىكەن. ئەرلەرنىڭ بۇ ئىشلارغا غۇرۇرى قاينىسا، قانۇنى چەكلىمىسە، بۇنى چەكلەيدىغان ئەخلاق مىزانلىرى بولمىسا ئاياللار، ئەرلەر خالىغىنىنى قىلمامدۇ؟
       تايلاند ئايرودرومدىن ئالغان خەرىتىدىن «جۇڭگو كوچىسى» دېگەن رايوننى تېپىپ، شۇ يەردە ياتاقلاشتۇق. بۇ رايوندا باشلانغۇچ مەكتەپتىن تاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ھەممە پەننى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتىدىغان، ئوقۇتقۇچىلىرى جۇڭگودىن تەكلىپ قىلىنغان بىر مەكتەپ بولۇپ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلاردىن سىرت تايلاندلىق باشقا مىللەتلەرنىڭ بالىلىرىمۇ ئوقۇيدىكەن. بۇ رايوندا خەنزۇلار ئۆزلىرىنى تايلاندلىقلار دەپ ئاتايدىكەن. تايلاندتا جۇڭگونىڭ بانكا كارتىلىرىنى ئىشلىتىپ پۇل ئالغىلى، جۇڭگودىن تارقىتىلغان بەزى تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
        نەچچە كۈن تايلاندنىڭ باڭكوك ، پاكايا قاتارلىق شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئاپارغان ماللىرىمىزنى دۇكانلارغا ئۆتكۈزدۇق. بۇ جەرياندا بۇ ئىككى شەھەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ئايلىنىپ چىقتۇق. بىزگە ئەڭ تەسىر قىلغىنى، بۇ دۆلەتتە چەت ئەللىكلەرنىڭ بەك كۆپلۈكى بولغان بولسا، كاللىمىزدىن ئۆتمىگىنى، پۇقرالىرىنىڭ يەنىلا نامراتلىقى.  بۇ سېلىشتۇرما ماڭا قانداق ياشىساق ھەقىقىي قەدىر ـ قىممىتىمىزنى ساقلاپ ياشىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتاتتى.
        تايلاندىكى زىيادە «ئېچىۋېتىش» ساھايەتچىلىك ۋە كەيىپ ـ ساپا، ئەيش ـ ئىشرەتكە كەڭ يول ئېچىپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىقتىسادىي كىرىم ئېلىپ كەلگەن بىلەن،  مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ يوقىتىدىغىنى تېخىمۇ كۆپ بولىدىكەن: ئۇلار خەلقئارادىكى ئوبرازىنى، ياشلارنىڭ ئۆز ـ ئۆزىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى، ئەرلەر ۋىجدان ـ غۇرۇرىنى ، ئاياللار ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى، خەلق كاللىسنى ئەقىل ۋە ۋىجدان بىلەن ئېچىپ، تەرەققىي قىلدىغان پۇرسەتلەرنى يوقىتىدىكەن. تايلادنىڭ قوشنىسى ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ كاللىسىنى بەكرەك ئاچقاچقا، دۇنيادا ئونىڭ ئەڭ زور دۆلەت قاتارىدا ئىكەنلىكى تايلادلىقلارنى ئويلاندۇرۇشى كېرەكمۇ ـ قانداق؟ دېگەندەك ئېغىر خىياللار بىلەن تايلاندتىن قاتتىم.

      بۇ سەپەرنى مەن شېنجىن، شىياڭگاڭلاردىن مال ئېلىپ مېڭىش بىلەن باشلىغان بولۇپ، بىر نەچچە كۈن مال ئېلىش جەريانىدا بۇ شەھەرلەرنىڭ باشقا جايلارغا قارىغاندا ئالاھىدىرەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. توغرا، ئەسلىدىلا دۇنيا شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ؟ لېكىن بۇ بەختنى مەلۇم بىر گۇرۇھ كىشىلەر توپىغىلا مەنسۇپ دەيدىغان كىشىلەر بەك نەپسەنىيەتچىلىك قىلغان بولىدۇ. تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، ھەممە خەلقنىڭ يىلتىزى بىرغۇ!
        شىياڭگاڭنى جۇڭگودىكى ياۋروپا دېيىشكە بولىدىكەن. شىياڭگاڭلىقلارنىڭ ئوي ـ پىكرى، ئىش ـ ھەركىتى، خىزمەت ئۇسۇلى، ھەتتا تەپەككۈرىمۇ ياۋروپالىشىپ كېتىپتۇ.  مەن تېخى نەچچە كۈن ئىللگىرىلا «يە ، ئىچ ، ئوينا» دەيدىغان گەپ ئەڭ كۆپ دېيىلىدىغان جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن سەل ئەجەبلەندىم. ئەجەبا، بۇلار « يەر ئىچ» دەيدىغان بۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپ بولغانمىدۇ ـ يا؟
        دەرۋەقە، بۇلار بۇ باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ مەنىۋى مۇكەممەللىكىنى ئىزدەيدىغان يولغا كىرىپتۇ. ئۇلاردا ئادەم ماددا بىلەن روھتىن تۈزۈلگەن بولغاچقا، ماددىي ئېھتىياج بىلەن مەنىۋى ئېھتىياجنى تەڭ تەمىنلەپ مېڭىش كېرەك دەيدىغان ئاڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ مېڭىۋېرىپتۇ. ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن تۈرلۈك قاۋاق ، ياۋروپاچە مەيخانىلارغا كىرىدىغانلارمۇ  خېلى كۆپ ئىكەن. قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ سەن ئاق، مەن قارا دېيىشمەي ھەممىمىز بىر شىياڭگاڭلىق دەپ ئىناق ياشايدىغان روھنى ئۆگىنىشمىزگە ئەرزىيىدىكەن.

       شىياڭاڭگاڭدىكى ئالدىراش تۇرمۇش ۋە خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ پۇل خەجلەيدىغان بىزلەرگە نىسبەتەن زىيادە قىممەتچىلىك مېنى تەمتىرەتكەن بولسا، بۇ يەردىكى يۇقىرى خىزمەت ئۈنۈمى، تىجارەتچىلەرنىڭ پۇل تېپىشتىكى پاراسىتى ماڭا نۇرغۇن ئىلھام بەردى.
        «جۇڭگو ۋە غەرب مەدەنىيىتىدىن ئۆرنەكلەر» دېگەن ئىنگلېزچە كىتابتا كشىلەرنىڭ يات يۇرتلارغا  ياكى ئۆزىگە ناتۇنۇش بولغان مۇھىتقا دەسلەپ بارغان ۋاقىتتا بىر قانچە باسقۇچلۇق تەسىراتىنىڭ بولىدىغانلىقى دېيىلگەن. يەنى، 1 ـ باسقۇچتا: دەسلەپ بارغان كۈنلىرىدە يات مەدەنىيەتلەرگە قىزىقىش، ھەيران قېلىش، خۇشھال بولۇش كەيپىياتىدا، 2 ـ باسقۇچتا: يات مۇھىتتا، ئۆزگە مەدەنىيىتتىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى بىلمىگەنلىكتىن مۇئامىلىدە ئوقۇشماسلىق كېلىپ چىقىپ، گاڭگىراپ قېلىش كەيپىياتىدا، 3 ـ باسقۇچتا: يولۇققان  مەسىلىلىرىنى توغرا ھەل قىلالماي زېرىكىپ، ئۆزى چوڭ بولۇپ ئۆسكەن مۇھىتنى سېغىنىش كەيپىياتىدا، 4 ـ باسقۇچتا: تۇرغان ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ شۇ خىل  مۇھىتنى  چۈشىنىپ، يولۇققان مەسىلىلەرنى شۇ يەرنىڭ ئۇسۇلى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىىۋالغاندىن كېيىن، بۇ خىل شارائىتقا كۆنۈپ قېلىش كەيپىياتىدا، ئەڭ ئاخىرىدا يات مۇھىتتىمۇ، يات مەدەنىيەتتىمۇ مەسىلىلەرنىى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى مەدەنىيەت، بۇرۇنقى مۇھىتىدەك ھەل قىلالايدىغان ، ئۆزى  ھازىر تۇرۇۋاتقان يېڭى مۇھىت بىلەن بۇرۇنقى مۇھىتنى،  مەدەنىيەتنى سېلىشتۇرىدىغان، ھەتتا ئۆزى تۇرۇۋاتقان يېڭى مۇھىت ، يېڭى مەدەنىيىتىدىن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈپ باشقا مەدەنىيەتكە ئۆزىنى ئاتىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ دېيىلگەن.  يۇقۇرىقى جەريانلار كاللامدا ئېنىق بولغاچقا، يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە توغرا چۈشەنچىدە بولۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن مەسىلىلەر ۋە ھەر خىل قىيىنچىلىقنى بىر تەرەپ قىلدىم. دېمەكچى بولغىنىم، ھەر قانداق كىشى يۇقىرىقىدەك جەريانلارغا ئىدىيىۋى  تەييارلىق يوق ھالەتتە سەپەرگە چىقسا ئاسانلا  كۆنەلمەسلىك، يۇرتىنى سېغىنىپ كېتىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ- دە، قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئاي قىلالماي كېلىدۇ، ياكى چالا قىلىپ قويىدۇ. بىزمۇ يات مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيسەك، ياشاش دائىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىدە گەپ يوق. ماسلىشىش ئىقتىدارىمىز كۈچەيگەنسېرى «كىندىك قېنىمىز يەر شارىغا تۆكۈلگەن، يەر شارىنىڭ ھەر قانداق يېرى بىز بارالىساقلا بىزنىڭ ئانا ماكانىمىز» دېيەلەيدىغان ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن يېڭى ـ يېڭى چىقىش يوللىرىنى ئاتا قىلسا ئەجەپ ئەمەس.

       چەت ئەللەردىكى بىرنەچچە ئايلىق تۇرمۇش ، سودا قىلىش جەريانى ماڭا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بىر ھەقىقەتنى، يەنى ھەرقانداق دۆلەت، شەخس باشقىلارغا تايىنىپلا قالماي، ئۆزىگە تايانسا ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارىلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى بىلسە مەڭگۈ قەددىنى تىك تۇتۇپ ماڭالايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بەدەننى ئەمەس، مېڭىنى ئېچىشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە ياشاش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىدەك بىر ھەقىقەتنى بىلدۈردى.

           2009 ـ يىل 1 ـ ئۆكتەبىر، شەھىرى ئۈرۈمچى
       
      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.