تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر(10)

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-14 07:16:00

تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر 10- پارچە خەت تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە سالام سابا: مەن ۋەتەندىكى چېغىمدا چەتكە چىقىپ ئوقۇپ كەلگەنلەردىن چەتكە چىقىپ ئوقۇشنىڭ جاپالىقلىقىنى جىق ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما ئۆز ت...

    تاپشۇرۇلمىغان  خەتلەر

    10- پارچە خەت

    تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە


    سالام سابا:

        مەن ۋەتەندىكى چېغىمدا چەتكە چىقىپ ئوقۇپ كەلگەنلەردىن چەتكە چىقىپ ئوقۇشنىڭ جاپالىقلىقىنى جىق ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما ئۆز تەسەۋۇرۇمدا يەنىلا ئۇنچىلىك تەسلىكىنى ھېس قىلالمايتتىم، "قانچىلىك ئىش ئىدى" دەيتتىم ئۆزۈمگە، "بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا جاپا تارتىۋاتىمىزغۇ، بولسا شۇنچىلىك بولار..."

        مانا ئۆز خىراجىتىم بىلەن ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىنلا، بۇ جاپانىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلغان بولدۇم، كەسكىن رىقابەتكە تولغان بۇ دۇنيا ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇردى. بۇ يەردە سىزگە خىرىس قىلىۋاتقىنى ئۆز ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى تۈرلۈك مۈشكۈلاتلار ئىچىدىكى ئەڭ روشەن بولغان مەسىلە يەنىلا تۇرۇشىڭىزنى قامداش مەسىلىسى! سىز ھەر ۋاقىت ئەتىنى قانداق ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت غەم-ئەندىشە ئىچىدە ياشايسىز، تۇرۇشىڭىزنى قامداش ئۈچۈن ئۆزىڭىز خالىمىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بولىسىز! ئەمما بۇ ئىشنىڭ تېپىلىشىمۇ ئاسان ئەمەس، سىز ئېرىنمەي ئىزدەشكە، باشقىلاردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولىسىز، ئەمما يەنىلا ئۆزىڭىز بىۋاسىتە ئىزدىگىنىڭىز ئەڭ ياخشى، چۈنكى يات ئەلدە باشقىلاردىن ياردەم سوراشتىنمۇ مۈشكۈل ئىش بولمىسا كېرەك، سىز باشقىلارنىڭ كىچىككىنە ياردىمىگە ئېرىشىپ قالسىڭىز ئۆزىڭىزنى گويا ئۇ كىشىگە چەكسىز قەرزداردەك ھېس قىلىسىز، بولۇپمۇ ماڭا ئوخشاش بوينى قاتتىق كىشىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق.

        مەن بۇ يەرگە دەسلەپ كەلگەن كۈنلىرىمدە يېشىل ئورمان ئىچىگە جايلاشقان بۇ گۈزەل شەھەرگە زوقلانغان، بولۇپمۇ ھەر بىر تۈپ قارىغاي يېنىدا كىشىلەردىن قىلچە قورۇنماستىن خاتىرجەم ئويناپ يۈرگەن تىيىنلار، زوق-شوق بىلەن سايرىشىپ تۇرغان قۇشلار... مېنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان، مېنى تەسىرلەندۈرگەن، تەبىئەتنىڭ بۇ گۈزەل مەنزىرىسى ئەقلىمنى لال قىلغان ئىدى! ئەمما كۈنلەرنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن، تۇرمۇشۇمنى قانداق قامداش مەسىلىسى مېنىڭ ئالدىمدىكى ئەڭ تەس ئۆتكەل بولۇپ قالدى، مەن دەسلەپكى چاغلاردا مۇشۇ مەكتەپتىن ماڭا لايىق بىرەر ئىشنىڭ چىقىشىغا ئىشەنچ قىلغان ئىدىم، ئەمما تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاستىرتىن توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن مېنىڭ بۇ خىياللىرىم يوققا چىقتى!

        مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرۇش ئىشى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن، گ ئەپەندى تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا ماڭا شۇنداق دىدى "سىزگە ئاسان ئەمەس، بۇنى بىلىمەن، مېنىڭ سىزگە بەك ياردەم قىلغۇم بار، ئەمما مەن بىر پروفېسسورلا خالاس، مەندە ھوقۇق يوق، ھوقۇق باشقىلارنىڭ قولىدا!" "رەھمەت، مەن چۈشىنىمەن، سىز كۆپ كۈچىدىڭىز!" مەن ئۇنىڭغا ئۆزرە ئېيتتىم. ئەنە شۇندىن كېيىن مەن مەكتەپ سىرتىدىن بىرەر ئىش تېپىش مەقسىدىدە، تور بەتلىرىنى قېدىرىشقا، ئۆزۈم سىرتقا چىقىپ بىر-بىردىن ئەشۇ رېستۇران، ماگىزىنلارغا يولۇقۇشقا باشلىدىم. ئەمما ئومۇمى نوپۇسى ئاران 67مىڭ بولغان ،ئوقۇغۇچىلار 47 مىڭ نەپەرنى ئىگەللەيدىغان بۇ كىچىككىنە شەھەردە بۇ ئورۇنلاردا ئىش تېپىش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك ئىدى، ئىش ئىزدەپ بارسىڭىز خوجايىنلار تولىمۇ ئەدەپلىك ھالدا سىزنى كۈلۈپ قارشى ئالىدۇ، ئاندىن بىر دەپتەرنى سىزگە سۇنۇپ "بۇ يەرگە ئادرېسىڭىزنى، ئې-مائىلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ، بىز سىزگە خەۋەر قىلايلى!" دېگەن جاۋابنى بېرىشىدۇ. دەسلەپكى كۈنلەردە مەن بۇ خىل كۈتۈۋېلىشلاردىن خۇش بولغان، ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىللىق مۇئامىلىسىدىن تەسىرلەنگەن ئىدىم، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە سىزنى رەت قىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى بارا-بارا چۈشىنىپ يەتكەن بولدۇم. ئەنە شۇ چاغدىلا مەن كەسپىمنى قوغلىشىپ بۇ كىچىك شەھەرنى تاللىغىنىمغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم، سەۋەبى سىز ئەگەر چەت ئەلدە ئۆز خىراجىتىڭىز بىلەن ئوقۇماقچى بولىدىكەنسىز، چوقۇم ئاۋات، چوڭ شەھەرلەرنى تاللىشىڭىز كېرەك ئىكەن، ئەگەر ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن كەلگەن بولسىڭىز ئۇنىڭ يولى باشقا. چۈنكى چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن سىز ئۆز تۇرۇشىڭىزنى قامدىغىدەك بىرەر پارچە ئىش تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىشىڭىز كېرەك، شۇڭا چەتكە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان دوستلىرىمغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم، مەكتەپ تاللىغاندا خىزمەت تېپىش ئىمكانىيىتى بولغان چوڭ شەھەرنى تاللاش كېرەك. چۈنكى تۇرمۇشىڭىز كاپالەتكە ئېرىشمىسە، ئوقۇشىڭىزمۇ ناھايىتى تەسكە چۈشىدۇ.

    خوش سابا، مېنىڭ بايانلىرىمنىڭ سىزگە ئاز-تولا پايدىسى بولار دەيمەن.
    لالە

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 12:51:39][admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 12:55:05]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق