ئىرانغا سەپەر(2)

يوللىغۇچى : ibadet يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-12 16:58:00

ئىراندا جازانىڭ قاتتىقلىغىدىن ئوغرى-بۇلاڭچى ۋە ئالدامچى يوق ئىكەن، ئەمما كىشىلەر بەكلا پۇرسەتپەرەس بولۇپ كېتىپتۇ، مەسىلەن قانۇن بويىچە نەقپۇلنى ئېلىپ سېتىش ھارام ئىكەن، ئىراندا پۇل پىرىۋوتلاش ۋە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن پەقەت ئىسلام بانكىسىغىلا بېرىپ تەڭ قىممەتت

         ئىرانغا سەپەر(2)

       ئىراندا جازانىڭ قاتتىقلىغىدىن ئوغرى-بۇلاڭچى ۋە ئالدامچى يوق ئىكەن، ئەمما كىشىلەر بەكلا پۇرسەتپەرەس بولۇپ كېتىپتۇ، مەسىلەن قانۇن بويىچە نەقپۇلنى ئېلىپ سېتىش ھارام ئىكەن، ئىراندا پۇل پىرىۋوتلاش ۋە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن پەقەت ئىسلام بانكىسىغىلا بېرىپ تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرىۋېلىش كېرەك ئىكەن، ئامېرىكا دوللىرىنى ئالماشتۇرۇپ بەرسە ھەق ئالىدىكەن، ئەمما ياۋرۇ ياكى جۇڭگۇ پۇلىنى ھەقسىز تېگىشىپ بېرىدىكەن، شۇنداق بولسىمۇ دوقمۇشلاردا چامداننى قويۇپلا پۇل سودىسى قىلىۋاتقان(باھاسى بانكىدىن جىق ئەرزان)، ئامېرىكا دوللىرى سېتىۋېلىۋاتقان ئادەملەر كۆپ ئىكەن، سەۋەبى بۇنداق قىلىش چەكلەنگەن بىلەن جازا يوق ئىكەن، (چەتئەللىكلەرنىڭ ئۆز يېنىدىكى پۇللارنى رىيالغا ئالماشتۇرىۋېلىشى ئۈچۈن يول قويۇلغان بولسا كېرەك) شۇڭا ساقچى كەلسە ساتساڭ بولمايدۇ دەپ قويىدىكەن، ئۇلار ماقۇل دەپ قويۇپ سېتىۋېرىدىكەن. يول بويىدىكى دەللار دوللارچى :

    ئىراندا پۈتكۈل كوچا ۋە ھالقىلىق ئورۇنلارنىڭ ئىسمى، بىنا ۋە يول ناملىرى خۇددى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە خەنزۇچە بولغاندەك، پارىسچە ئەنگىلىزچە ئىكەن، (ھازىر بۇ ئەھۋال يەنىمۇ ئېغىرلىشىپتۇ،نۇرغۇن ئالى دەرىجىلىك مېھمانخانا ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىدا پارىسچە خەت تاپقىلى بولمايدۇ، تېخى ئالدىنقى ھەپتە بىرسى مېھمانخانسىىغا ئىرانچە خەت يازماي ئەنگىلىزچىلا يېزىپتىكەن، مەسچىتتىن كېلىپ پارىسچە خەت چاپلىتىپتۇ، ئەمما بۇ ئەھۋال ئۇنداق ئاسان ئوڭشىلىدىغاندەك ئەمەس): 

     ئىراندا ھاراق چەكلىنىپتۇ، ئەمما پىۋىغا جازا يوق ئىكەن، شۇڭا يەرلىك پىۋە كۆپ ئىكەن، ئىرانلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ھارام دەپ تۇرۇپ ئىچىپ قويىدىكەن، مېھمانلارغا زورلايدىكەن، مەن ئىچمىسەم «سەن جۇڭگۇلۇق، ھەقىقى مۇسۇلمان ئىكەنسەن» دەپ ماختىشىپ كەتتى(كېيىن مەن تۈركچە سۆزلەپ سۈننى مەزھەپ ئىكەنلىكىم ئاشكارا بولغاندا بىر ئازەربەيجاندىن باشقا ھەممىسى پۇشايمان قىلدى بولغاي) :

     ئىراندا خۇددى تۇڭگانلاردەك ئاچچىق چۈچۈك تەمنىڭ بازىرى بار ئىكەن، چىلىغان سامساق، چىلىغان چامغۇر، چىلىغان سەۋزە(ئىراندا كۆكتاتنىڭ ھەممىسىنى سەۋزە دەيدۇ، مەن دىگىنىم بىزچە سەۋزە)دىن تارتىپ ، ئۈرۈك، شاپتۇل، ئالما، چىلان ھەممىنى ئاچچىق -تاتلىق قىلىپ ھەر خىل يۇسۇندا چىلايدىكەن، لېكىن تېتىغۇدەك بىرسى يوق، تاماق تەمى ۋە ئۇسلۇبى بىزگە يەتمەيدىكەن.

     ئىراندا قىزلار تويدا بېشىدا ياغلىقى بىلەن يەنىلا ئاق كۆينەك كىيىدىكەن، تۈركىيەنىڭ، ئىتالىىيەنىڭ كۆينەكلىرى مودا ئىكەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىران