ئىرانغا سەپەر(4)

يوللىغۇچى : ibadet يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-10 13:54:00

ئىراندا مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بىر ئىش بار، ئىراندا ئامېرىكا كىنولىرى زەھەر تارقىتىدۇ دەپ ھوللىۋودنىڭ كىنولىرى كىنوخانىلاردا قويۇلمايدىكەن، پىلاستىنكىسىنى سېتىش چەكلىنىدكەن،...

     ئىرانغا سەپەر

            ئىراندا مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بىر ئىش بار، ئىراندا ئامېرىكا كىنولىرى زەھەر تارقىتىدۇ دەپ ھوللىۋودنىڭ كىنولىرى كىنوخانىلاردا قويۇلمايدىكەن، پىلاستىنكىسىنى سېتىش چەكلىنىدكەن، لېكىن ھەر قانداق ئىرانلىق ھوللىۋودتا قايسى كىنو ئىشلىنىۋاتقانلىقى قايسى كىنونىڭ يېڭى چىققانلىقى ھەققىدە پاراڭلىشىپ تۇرىدىكەن، تېلېۋىزوردا ئاساسەن ئىراننىڭ ئۆزىنىڭ فىلىملىرى ئاندىن جوڭگۇ ۋە ياپونىيە فىلىملىرى كۆپ قويۇلىدىكەن ئىرانلىقلارمۇ چېڭلۇڭ، جۇرۇڭفا جۇشىڭچىلارنى ئاساسەن بىلىدىكەن، نارجا ۋە غەرپكە ساياھەتنى بالىلار ئاساسەن دىگۈدەك تولۇق كۆرۈپتۇ. تېلېۋىزوردا بېرىلىۋاتقان پارىسچە ئاۋاز بېرىلگەن جۇڭگۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى: 

     ئىراندا پىلاستىنكا بىلەن كىتاپخانىلار ئاساسەن بىرگە ئىكەن، نەشىريات شەخسلەرگە، مەسچىتلەرگە ۋە مەدەنىيەت تارماقلىرىغا ئىختىيارى بېرىلگەن ئىكەن. كىتاپلار بەك خىل، سۈپەتلىك ۋە تولۇق ئىكەن، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئەسەرلىرى دۆلەت تەرىپىدىن ئۇدۇللۇق نەشىرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئىرانلىقلار ئۆز يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن سىرت روسىيە ۋە تۈركىيەنىڭ ئەدەبى ئەسەرلىرىنى كۆپرەك كۆرىدىكەن.

    ئىراندا كىنو كۆرۈش ئەڭ ئۇمۇملاشقان كۆڭۈل ئېچىش شەكلى ئىكەن، كىنوخانىلاردا ھەر كۈنى دىگۈدەك ئىراننىڭ كىنولىرى قويۇلىدىكەن، ئاز ساندا ئامېرىكىدىن باشقا پەقەت ياپونىيە ۋە جۇڭگۇ ، كورىيەنىڭلا كىنولىرى بار ئىكەن(كىنوخانىلار مەسچىتلەرنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىكەن، ھەر بىر كىنو باشلىنىشتىن بۇرۇن مەسچىتنىڭ تەستىق نومۇرى ۋە تامغىسىنى ئېلان قىلىپ ئاندىن قويۇلىدىكەن. تۆۋەندىكىسى تېھراندىكى بىر كىنوخانىنىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى:

     ئىران تۇرمۇش ئۇسۇلى، مائارىپ ۋە پەن تېخنىكىدا ئاساسەن غەرپلىشىپ بوپتۇ، ھۆكۈمەت كوچىغا ئارلاشقان بىلەن ھويلا شەخسنىڭ دەخلى تەرۇزسىز مۈلكى ئىكەن، ھىچكىم ھويلا ئىچىگە دەخلى تەرۇز قىلالمايدىكەن. سىرتتا ياغلىق چەگكەن ئاياللار ئۆيدە مېھمانلاردىن تارتىنىپمۇ كەتمەي يالاڭباش يۈرىۋېرىدىكەن. سىرتتا :
    \

    ھويلىسىدا :

         ئىراندا يەنە مېنى ھەيران قالدۇرغان بىر ئىش بار، ئىراندىكى مەكتەپلەردە ئەنگىلىز تىلى ۋە كومپىيۇتېر ئاساسى دەرسلىك قىلىنىدىكەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلار ئاساسەن كومپىيۇتېرنى بىمالال ئىشلىتىدىكەن، ئەنگىلىزچە ماتېرىيال كۆرەلەيدىكەن. مەن 16 ياشلاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ 3D max ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ نەدىن ئۆگەندىڭ دىسەم «تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتىمەن» دېدى.
        ئىراندىكى كومپىيۇتېرلاردا ئەنگىلىزچىسى ياىشى ئەمەسلەر ئاساسەن لىنۇكىس ئاساسىدىكى ئىرانچە بىر مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىلىدىكەن، شەھەرلەردە ۋىندوۋسXPنىڭ ئەنگىلىزچە نەشرىمۇ كەڭ ئۇمۇملىشىپتۇ. ئۆزى ئىشلىگەن يۇمشاق دېتاللار يوقنىڭ ئورنىدا بولسىمۇ ھەقسىز تەمىنلەنگەن 100خىلدىن ئارتۇق كىرگۈزگۈچ ۋە خەت نۇسخىلىرى بار ئىكەن. خەت نۇسخىلىرىنىڭ موللىقىدىن ئىراندا قولدا خەت يېزىشقا ئېھتىياج يوقكەن دىسەك ھەرگىز مۇبالىغە بولمىغۇدەك. ئىراندا sony خاتىرە كومپىيۇتېرى بايلىقنىڭ بەلگىسى ئىكەن، ئۆيلەردە lenovoۋە ئىراننىڭ ماركىسىدىكى كومپىيۇتېرلار تولۇق ئىكەن، مەن كومپىيۇتېر يوق ياكى تور تارتىلمىغان ئۆينى ئاساسەن كۆرۈپ باقمىدىم. تور تارتىدىغان شەخس ۋە مەسچىتكە قاراشلىق شىركەتلەر كۆپ ئىكەن، تور ھەقسىز بولغاننىڭ سىرتىدا تور شىركەتلىرىدە ئىجارىگە بېرىلىدىغان تورغا چىقىش ئۈسكۈنىسى ۋە زاپاس كومپىيۇتېر بولىدىكەن. ئىرانلىقلار ئۆز دۆلىتىنىڭ تور بەتلىرىگە ئانچە كىرىپ كەتمەيدىكەن، بىزدە BBS كۆپ بولغاندەك ئۇلاردا بىلوگ ناھايىتى ئۇمۇملىشىپتۇ. گوگۇل ۋە ياخودىن قالسىلا blogfa.com دىگەن بېكەت ئەڭ ئاۋات ئىكەن. (داۋامى بار)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىران