قېنى كىم بار؟

يوللىغۇچى : Qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-19 13:37:00

قېنى كىم بار؟ شەرق بىلەن غەربنىڭ تەپەككۇرىنى سېلىشتۇرۇپ يۈرگىلى خېلى يىللار بولۇپ قالدى، شەرقنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى قانلىق گۈزەللىكى بىلەن، غەربنىڭ ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدىن كېيىنكى ئالەمشۇ...

    قېنى كىم بار؟

        شەرق بىلەن غەربنىڭ تەپەككۇرىنى سېلىشتۇرۇپ يۈرگىلى خېلى يىللار بولۇپ قالدى، شەرقنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى قانلىق گۈزەللىكى بىلەن، غەربنىڭ ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدىن كېيىنكى ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيىتى، بولۇپمۇ سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي گۈللىنىشى مېنى خېلىلا چۆچۈتتى. غەربچە تەپەككۈرنىڭ قېلىپسىزلىغى، شەخسىيەتچىلىكى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە بولغان ئەھمىيىتى مېنى خېلىلا قايىل قىلدى. ئەمما بىر ئېتىقادقا ئىگە ئادەمنىڭ تەپەككۇرى ۋە ھەرىكىتى دىمۇكراتىيە ۋە قېلىپسىزلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.
        بىز ئۆز ئەقىدىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىز خالىغان نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە، يارالغۇچىلىق سالاھىيىتىمىز بىلەن رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەركەت قېلىپى ۋە پىكىر كۆرسەتكۈچى دائىرىسىدە مەجبۇرىيىتىمىز ۋە ياراتقۇچىغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ ياشىشىمىز كېرەك. ياپ-يېشىل چىمەنلىك ياكى باغچىنىڭ ياز كۈنلىرىدىكى ئەڭ گۈزەل خىلۋەت جايلىرىغا تىزىپ قويۇلغان ئورۇندۇقلارغا ئوخشاش راھەتلىك بولغان ئارام بەخش ئۆلۈمنى ئويلاپ بىر ئەسىردىن بېرى كۆرمىگەننى كۆرۈپ بولۇشىغا خارلانغان دىنى ئەقىدىلەرنىڭ يېقىنقى نەچچە ئون يىللىق باش كۆتۈرۈشىگە نەزىرىمنى ئاغدۇردۇم. گەرچە گۈزەل تەبىئەتنىڭ ھەر بىر مۆجىزىسى بىزنى ئالەمنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ھەققىدە ئىزدىنىشكە دەۋەت قىلىپ تۇرسىمۇ ئەمما دەماللىققا ئاڭلىغۇسى كېلىدىغان چۈشسىمان گرىك ئەپسانلىرىنىڭ داۋامىغا ئوخشايدىغان مەۋھۇم پەرەزلەر ۋە ياكى ياشاشنى تەكىتلەپ ئۆلۈمنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان ماددى ئىنتىلىش كىشىلەر ئارىسىدا ئاللىبۇرۇنلا ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تىكلەپ بولدى.
        راست، ئىنساننىڭ تەپەككۇرى ھەر قانچە چەكسىزلىككە ئىگە بولسىمۇ چەكلىك ئۆمۈر ئالدىدا ئامالسىزدۇر. ئادەملەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنىڭ يېتىلىش- پەيدا بولۇشتىكى ماددى سەۋەپلىرى ھەققىدىكى چۈشىنىپ يېتەلمەسلىكلەر ماڭا مەنىۋى جەھەتتە كەيپى-ساپا سۈرۈشنىڭ ھىچبىر ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سەھەرلىك ئەزان ساداسىنى ئاڭلىتىپ تۇرۇپتۇ...
       دۇنيانىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى مېنىڭچە بارلىق ئەقىل ئىگىلىرى ئەڭ ئاۋال باش قاتۇرۇپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە.
       مەن «بۇ دۇنيا ياشاشقا ئەرزىمدۇ ؟ ياكى ماددى گۈللىنىش قوغلىشىشقا ئەرزىمەيدۇ» دەپ قارىمايمەن. مېنى تىرىشىش يولىغا كىرگۈزۈپ قويغان، ئۆزىنىڭ كۈرەشلىرى، قايغۇلىرى ۋە ئىنسان ئۆمرىگە نىسبەتەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىناقلىرى بىلەن تويۇنغان بۇ دۇنيادىن تولىمۇ سۆيۈنىمەن. بىر ئۆمۈر ئەمەس، مىڭ ئۆمۈر كۈرەش قىلىپ باقسام، ئۆزەم توغرا دەپ قارىغان يولدا ئۇچرىغان ئازاپلارنى لەززەتلىنىپ تۇرۇپ، ئۆزەمگە ئىشەنگەن ھالدا ھىس قىلسام، مۇھىمى ئادىمىلىك، يارالغۇچىلىق قىممىتىمنى ئىسپاتلىسام دەيمەن. مەن سارتىرى ياكى نېتزىغا ئوخشاش«ئىنسان ئۆمرىنى يېقىملىق ۋە تەسىرلىك مەنزىرىگە باشلاپ » قويماقچى ياكى ئىرادىچىلىك ئېقىمىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئاجىزلىقى ھەققىدە توختالماقچى ئەمەس.  مەن بەلگىلىك مۇستەقىللىققا ئىگە تەپەككۈر ئىقتىدارىمىزنى تولۇق ئىشقا سېلىپ ئەڭ ئاۋال ياراتقۇچى ئالدىدىكى ئاجىزلىقىمىز ھەققىدە ئويلىنىشنى تىلغا ئالماقچى. ياراتقۇچىنىڭ ئەمگەك مىۋىسى بولغان بىز ئامراق كىشىلەرگە، ساماۋى ھىسىياتىمىزنى  ئىپادىلەشنى ئۆگەنمەكچى...
       ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەنھالىقى بىلەن كۆڭۈل سۆيۈنگىدەك شان-شەرەپ تۇيغۇسىدىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقان سۆيگۈ شائىرلىرى كۈيلەۋاتقان ئۇلۇغ مۇھەببەت ماددا بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ئاجايىپ سىرلىق بىر ئۇقۇمدۇر. سەن ياقتۇرۇپ قالدىڭمۇ بولدى، شەخسىيىتىڭدىن ۋاز كېچىسەن، ئېرىشىش كويىدا بولىسەن، بىرگە بولساڭ ئەينى شىرىن مىۋىلىك باغدا يۈرگەندەك خوشلۇققا چۆمىسەن، ئۇنداقتا  مۇھەببەت دىگەن بۇ ئۇقۇم يارالغۇچىغا نەدىن كەلدى؟ مۇھەببەت ۋە ئەقىدىنىڭ چېگرىسى كېسىشىپ قالغاندا سەن مۇھەببەتنى شەيتان، غەزەپنى ئىلاھى يول دەپ قارىساڭ، ئىنساننىڭ كەلمىش-كەتمىشلىرى، ئىككى جىنس ئارىسىدىكى ياقتۇرۇپ قېلىش، دۇنيادىكى ماددى گۈللىنىشكە بولغان ئېھتىياج ھەققىدە باش قاتۇرۇشنى بىمەنىلىك ياكى كۇفرىلىق دەپ قارىساڭ ئۇنداقتا سېنى مۇشۇ سۈپەتكە ئىگە قىلىپ زامانداشلىرىڭ ئالدىدا ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرگەن تەڭرىنى غەزەپ ۋە نادانلىق بىلەن باراۋەر قىلىپ قويغان بولماسسەنمۇ؟ سەن ياراتقۇچىغا قانچىلىك ياخشىچاق بولماقچى بولساڭمۇ لېكىن ئۇنى غەزەپ ۋە رەھىمسىزلىك، پاسسىپلىق ۋە نادانلىق بىلەن باراۋەر قىلىپ قويساڭ ئۇ سېنى كەچۈرەرمۇ؟
       بەس، جاھاندىكى ھەممە مۇھەببەت ياراتقۇچىنىڭ نىئمەتلىرىگە بولغان سۆيۈنۈشتۇر. گۈزەل ئادەم، چىرايلىق ئۆي، ياخشى يىمەكلىك، راھەتلىك تۇرمۇش ھەرگىز ئىنتىلسە بولمايدىغان چەكلەنگەن رايون ئەمەس. ياراتقۇچى بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئىنتىلىشىڭ ئۈچۈن ياراتقان. ئەمدىكى گەپ بۇ يەردە ئىلاھى كىتاپلار ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن سىزىقلار بار. ياراتقۇچى ساڭا بۇ سىزىقنى دەسسىمەسلىك ھەققىدە مەخسۇس ئەۋەتىلگەن ئەلچى ئارقىلىق كۆرسەتمە بەرگەن. سېنىڭ كۆڭلۈڭ  كۆپرەك نەرسىگە ئېرىشمەكچى، ئۆز رايىڭ بويىچە سەن كۆڭۈل بەرگەن نەرسىلەردىن ھوزۇرلانماقچى بولغىنىدا بۇ سىزىقلارنى كۆرمەي قالىسەن!
      گويا ئەتراپىدىكى يېنىك قەغەزنى يالماپ ئۆز يالقۇنلىرى ئىچىگە دەم تارتىپ تۇرغان ئوت يالقۇنىغا ئوخشاش مۇھەببىتىڭ كۆيدۈرۈش ئارزۇسىدا يالقۇنجاپ دات-پەريات قىلىۋاتقىنىدا ھېلىقى مۇقەددەس سىزىق ئارقىلىق ئۇنى چەكلەش ئاجايىپ بىر ئىلھام ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئىلھام - ئىمان دىيىلسىمۇ، ئەقىل دىيىلسىمۇ كېرەك يوق.
    قېنى كىم مانا مۇشۇنداق ئوتلۇق يۈرەككە ئىگە بولۇپ تۇرۇپ سىزىقنى تاغقا ئايلاندۇرالايدۇ؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق