ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر (3)

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-04 19:30:52

گېرمانىيە-ياۋروپادىكى بىرقەدەر تەرەققى قىلغان، مۇھىتى گۈزەل دۆلەت ئىكەن. بىزگە ئالاھىدە تەسىر قىلغىنى بۇ دۆلەتنىڭ ئورمانلاشقان، باغچىلاشقان گۈزەل مەنزىرىسى، چاڭ-توزانسىز ساپ ھاۋاسى بولدى. ميۇنخېن شەھىرىنىڭ قەيىرىگىلا قارىسىڭىز بۈك-باراقسان ئورمان

     
    ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر (3)
                                                                     
    (ئەدەبىي ئاخبارات)
    تۇرسۇن ياسىن
     
    جەلپكارلىققا تولغان زىمىن
       
     گېرمانىيە-ياۋروپادىكى بىرقەدەر تەرەققى قىلغان، مۇھىتى گۈزەل دۆلەت ئىكەن. بىزگە ئالاھىدە تەسىر قىلغىنى بۇ دۆلەتنىڭ ئورمانلاشقان، باغچىلاشقان گۈزەل مەنزىرىسى، چاڭ-توزانسىز ساپ ھاۋاسى بولدى. ميۇنخېن شەھىرىنىڭ قەيىرىگىلا قارىسىڭىز بۈك-باراقسان ئورمان، ياپيېشىل چىمەنزارلىق، گۈل-گىياھلارغا ئورالغان چىرايلىق ھويلا-ئاراملار كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىكەن. دوناي دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان ئېسار دەرياسى ميۇنخېن شەھرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، دەريانىڭ ئەتراپى قويۇق كەتكەن تەبىئىي ئورمانلىق ئىكەن. تەبىئىي ئورمانلار مەيلى شەھەر ئىچىدە ياكى شەھەر سىرتىدا بولسۇن، ھىچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماي، ئەسلى ھالىتى بويىچە ساقلىنىپ قاپتۇ. بۇ ئورمانلار كىشىلەرنىڭ سەيلە قىلىش، ئارام ئېلىش، تەبىئەت گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ھاۋانى ساپلاشتۇرۇپ، كىشىلەرگە ساغلاملىق ئاتا قىلىدىكەن. مانا بۇلار-گېرمانىيەلىكلەرنىڭ تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتنى قوغداش، تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈش كەيپىياتىنىڭ ناھايتى يوقۇرىلىقىنى ئىپادىلەپ بەرسە كېرەك.
            قاچاندۇر بىر چاغلاردا ميۇنخېن شەھرىدە دونيا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بۇلۇپ، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ھۆكۈمەت مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن جاينى «ئولىمپىيە باغچىسى» قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ چىقىپتۇ. بىز بىر كۈنى مۇشۇ باغچىغا كەلدۇق. باغچە ئىچى ساياھەتچىلەر بىلەن تولغان ئىدى. زۇمرەتتەك سۈپسۈزۈك كۆلدە بەھۇزۇر ئۈزۈپ يۈرگەن ئاققۇ، غاز، ئۆردەكلەر، كۆل ئەتراپىدىكى ياپيېشىل چىملىق، تۆپىلىكلەردىكى بۈك-باراقسان ئورمان ۋە ھەرخىل سەيلە-ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىگە ئۆزگىچە گۈزەللىك ئاتا قىلغانىدى. بىز باغچىنى بىردەم ئايلانغاندىن كىيىن، بىر كىچىك دۆڭگە جايلاشقان قەھۋەخانىغا چىقىپ ئۇسسۇزلۇق ئىچكەچ ئارام ئالدۇق. ئەتراپقا سەپسېلىپ قارىسام، ئۇ يەر بۇ يەردە غۇژمەك-غۇژمەك چىغلار ئۆسۈپ قاپتۇ. «چىغ» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئۆسۈملۈك يۇرتىمىزنىڭ يېزىلىرىدىمۇ كۆپ ئۇچرايتتى. مەن ھەيران بۇلۇپ ھەمراھلىرىمدىن سورۇدۇم:
      -بۇ يەردە چىغ ئۆستۈرگىچە چىرايلىق گۈل ئۆستۈرسە بولماسمىدى؟
      -بۇ ئەسلىدە مۇنداق ئىش،-دېدى كۈيئوغلۇم ماڭا چۈشەندۈرۈپ،-ئاۋۇ كۆلدە ئۈزۈپ يۈرگەن ئۆردەكلەر مەخسۇس مۇشۇنداق چىغ تۈۋىدە تۇخۇملايدۇ ۋە تۇخۇم باسىدۇ. بۇ چىغلار ئەشۇ ئۆردەكلەرنىڭ كۆپىيىپ نەسىل قالدۇرىدىغان ماكانى بولغاچقا، باغچە باشقۇرغۇچىلىرى بۇيەردە ئالاھىدە مۇشۇنداق چىغ ئۆستۈرگەن.
       تامچە سۇدىمۇ قوياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولغانغا ئوخشاش، مۇشۇنداق بىر كىچىككىنە ئىشتىمۇ بۇ يەردىكى ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشتىن ئايرىلمايدۇ، ئېكولوگىيە گۈزەل بولسا، ئىنسانلارمۇ ئۇنىڭدىن تېگىشلىك نەپكە ئېرىشىدۇ. بىز شتارېنبرگ كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.
      گېرمانىيەگە كەلگىنىمىزگە ئەمدىلا ئىككى كۈن بولغانىدى. كۈيئوغلۇمنىڭ ماشىنىسى ميۇنخېن شەھرىدىن يولغا چىقىپ، بۆك-باراقسان ئورمانلار، بۇغدايلىرى يىغىلىپ بولغان يانتۇ ئېتىزلار ۋە گېرمان دېھقانلىرىنىڭ چىرايلىق مەھەللىلىرىنى ئارىلاپ، 25 كىلومېتىر ئەتراپىدا يول يۈرگەندىن كىيىن، بىزنى گۈزەل مەنزىرىلىك شتارېنبرگ كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئېلىپ كەلدى.  
            گېرمانىيەنىڭ غەربى قىسمىدا كىشىلەر ساياھەت قىلىدىغان چوڭ-كىچىك كۆللەر خېلى كۆپ بولۇپ، شتارېنبرگ كۆلى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدىكەن. كۆلىمى ھەممىدىن چوڭ بولغان بۇ كۆلنىڭ توغرىسىدىن قارىغاندا قارشى قىرغاقنى كۆرگىلى بولىدىكەن، ئۇزۇنىسىدىن قارىغاندا قارشى قىرغاق كۆرۈنمەيدىكەن. كۆلنىڭ ئەتراپىدىكى رېستۇران، قەھۋەخانا ۋە بالىلار پائالىيەت سورۇنى قاتارلىقلار ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدىكەن. زۇمرەتتەك سۈپسۈزۈك كۆل يۈزىدە ئۈچ، تۆت قەۋەتلىك سەيلە پاراخوتلىرى، موتورلۇق، يەلكەنلىك كېمىلەر، كاتىرلار ئۇياقتىن-بۇياققا توختىماي قاتناپ تۇرىدىكەن. بېلىقچى قۇشلارنىڭ بەزىلىرى سۇ يۈزىدە ئۈزۈپ يۈرسە، بەزىلىرى بوشلۇقتا ئۇچۇپ يۈرۈيدىكەن.  
       بۇ كۈنى يەكشەنبە بولۇپ، ھاۋامۇ ئىنتايىن ئوچۇق ئىدى. بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلىكىگە گەپ كەتمەيتتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پاراخۇت، كېمىلەرگە چۈشۈپ كۆلنى سەيلە قىلسا، بەزىلىرى كۆل قىرغىقىدا ئولتۇرۇپ بېلىقچى قۇش ۋە ئاققۇلارنى تاماشا قىلاتتى، بەزىلىرى كۆل بويىدىكى ياپيېشىل دەرەخزارلىق ئىچىدە يېتىشىپ ئاپتاپقا قاقلىناتتى. بىز تۆت قەۋەتلىك سەيلە پاراخۇدىغا چۈشۈپ، كۆلنى ئۈچ سائەت ئەتراپىدا ئايلىنىپ سەيلە قىلدۇق. پاراخۇتنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقىپ قارىسا، پۈتۈن ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى ناھايىتى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدىكەن. كۆل بويىدىكى بەزى جايلاردا ئەتراپنى يېشىللىق قاپلىغان چىرايلىق داچىلار كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىكەن. بۇ بەلكىم شۇ يەردىكى بايلارنىڭ داچىلىرى بولسا كېرەك. سىرتىدىن قارىغاندا تولىمۇ گۈزەل ۋە ھەشەمەتلىك كۆرىنىدىكەن. كۆلنىڭ پۈتۈن ئەتراپى ئورمانلىق بولۇپ، مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل ئىكەن.
       مانا مۇشۇنداق گۈزەل سەيلىگاھلار ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ كۆڭلىنى ئاچىدىكەن. يۇرتىمىزدىكى بۇغدا كۆلى، نارات يايلىقى، قاناس كۆلى قاتارلىق گۈزەل سەيلىگاھلارنى تېلىۋىزور ئېكرانلىرىدا دائىم دېگۈدەك كۆرۈپ تۇراتتۇق. بۈگۈن گېرمانىيەدىكى بۇ گۈزەل سەيلىگاھنى كۆرۈپ كۆڭلىمىز باشقىچە يايراپ كەتتى. شۇڭا ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قاپتىمىز، چۈشتىن كىيىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا قايتتۇق.  
       ئەمدى بىزنىڭ بارىدىغان ئىككىنچى سەيلىگاھىمىز گېرمانىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان مەشھۇر ئالپ تېغى ساياھەت مەنزىرە رايونى ئىدى. ھاۋا ئوچۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ميۇنخېن شەھرىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ ئالپ تېغى ساياھەت مەنزىرە رايونىغا يۈرۈپ كەتتۇق. پويىز يول بويلىرىدىكى ياپيېشىل چىملىقلار، بۈك-باراقسان ئورمانلىقلار، كالىلار يايلاۋاتقان ئوتلاقلىقلار، قۇلماقزارلىقلار ۋە كىچىك شەھەر، بازارلارنى كەينىدە قالدۇرۇپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. ئەتراپىمىزدا ئولتۇرغان گېرمانلار پويىزدا كېتىۋېتىپمۇ كىتاب، ژۇرنال كۆرۈپ ئولتۇرىدىكەن. ئەمما بىزگە ئوخشاش گېرمانىيەگە ئەمدىلا كەلگەن چەتئەللىكلەر يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن كۆزىمىزنى ئۈزەلمەي قالىدىكەنمىز. ئىككى سائەت ماڭغاندىن كىيىن پويىزدىن چۈشۈپ ئاپتۇبۇسقا ئالماشتۇق، يەنە يېرىم سائەتتىن كىيىن ئالپ تېغى باغرىغا يېتىپ كەلدۇق.
        پاھ، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى نېمىدىگەن گۈزەل!...ئەنە،  تاغ ئۈستى، تاغ باغرىدىكى ياپيېشىل قارىغايزارلىق، ئارچىزارلىقلار ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدا قەد كۆتىرىپ تۇرغان قەدىمىي قەلئەلەر يىراقتىنلا ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى. بۇ گۈزەل سەيلىگاھقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرۇشىمۇ بىكار ئەمەسكەن. بىز بۇ يەرگە كېلىپلا ساياھەتچىلەر توپىغا ئەگىشىپ يانتۇ تاغ يولى بىلەن يوقۇرىغا ئۆرلىدۇق. ئىككى تەرىپى قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان بۇ تاغ يولىغا قۇياش نۇرىمۇ ئانچە چۈشمەيدىكەن، يولىمۇ بەك تىك بولمىغاچقا، ئادەممۇ ھېرىپ كەتمەيدىكەن. پىيادە تاغقا چىقىشقا ئېرىنىدىغان بىر قىسىم ساياھەتچىلەر قاۋۇل ئىككى ئات قوشۇلغان ساياھەت ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ تاغقا چىقىپ چۈشىدىكەن. بۇ ساياھەت ھارۋىلىرى تاغنىڭ قاپ بېلىدىكى بېكىتىدە ساياھەتچىلەرنى چۈشۈرۈپ قويىدىكەن. ساياھەتچىلەر ئۇنىڭ نېرىسىغا  پىيادە چىقىدىكەن. تاغ يولىنىڭ بەزى جايلىرىدا قەھۋەخانىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ، ھېرىپ قالغان ساياھەتچىلەر بۇ يەردە بىردەم ئولتۇرۇپ ئۇسسۇزلۇق ئىچكەچ ئارام ئېلىۋىلىپ ئاندىن ماڭىدىكەن. بىزمۇ ئاخىرى تاغ ئۈستىگە چىقىۋالدۇق. تاغ ئۈستىگىمۇ ساياھەتچىلەر ئارام ئالىدىغان مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى جايلاشتۇرۇلغان ئىكەن. تاغ ئۈستىدىن قارىغاندا يىراقتىكى ۋە پەس تەرەپتىكى مەنزىرىلەر ئاجايىپ گۈزەل كۆرىنىدىكەن. تاغ چوققىسىنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ ئۈزۈپ يۈرگەن ئاپئاق بۇلۇتلار، ئۇنىڭ ئاستىدىكى ياپيېشىل قارىغايلار كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدىكەن.  
       ئالپ تېغىدا 16-ئەسىردىكى باۋارىيە خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى لۇدۋىك-2 نىڭ چوڭ-كىچىك قەلئەلىرى جايلاشقان بۇلۇپ، بىز تاغ ئۈستىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قەلئەنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇق. كۆپ قەۋەتلىك بۇ قەلئە ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ئىدى. ئىچىدە ئەينى زاماندىكى پادىشاھلار ياشىغان نۇرغۇن ئۆيلەر بار ئىكەن. بىز تاغ باغرىدىكى بىر كىچىك بىنانىڭ ئالدىدا نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئۇلارنىڭ نېمىگە ئۆچرەتكە تۇرغانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا تاغ ئۈستىگە قاراپ يول ئالغان ئىدۇق. ئەمدى بىلدۇقكى، ئۇلار مۇشۇ قەلئەدىكى پادىشاھنىڭ ئۆيلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ئۈچۈن ئىشىك بېلىتى ئېلىشقا ئۆچرەتتە تۇرغان ئىكەن. بىز ئالدىنئالا ئىشىك بېلىتى ئېلىپ قويمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۆي ئىچىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلالمىدۇق، پەقەت قەلئەنىڭ سىرتىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنىلا كۆرەلىدۇق.
       قەلئەگە ئانچە يىراق بولمىغان يەردە، ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان بىر ئاسما كۆۋرۈك بار ئىكەن. بىز ساياھەتچىلەر توپىغا ئەگىشىپ، ئېگىز-پەس تار يوللاردىن ئۆتۈپ، بەزىدە تاش پەلەمپەيلەر ئارقىلىق يوقۇرى-تۆۋەن چۈشۈپ بۇ ئاسما كۆۋرۈككە كەلدۇق. كۆۋرۈك ئۈستىدە ئادەم ناھايتى كۆپ ئىدى. كۆۋرۈكتە تۇرۇپ قارىغاندا، يىراقتىكى تۈزلەڭلىكلەر، ئورمانلىقلار، دەريا، كۆللەر، مەھەللىلەر غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كۆۋرۈك ئاستى ياپيېشىللىققا تولغان چوڭقۇر جىلغا ئىدى. كىشىلەر كۆۋرۈك ئۈستىدە ئۇيان-بۇيان ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، بەزىلىرى سۈرەتكە چۈشەتتى، ئەتراپتىكى گۈزەللىكلەرنى سۈرەتكە تارتىشاتتى. كۆۋرۈك ناھايىتى مۇستەھكەم ياسالغان بولۇپ، بىرەر يۈز ئادەمنى بىمالال كۆتىرىپ تۇراتتى. بىز ئۆمرىمىزدە بۇنداق گۈزەل جاينى كۆرۈپ باقمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى تولىمۇ تەلەيلىك ھېس قىلدۇق. بۇ يەردىكى گۈزەل تەبىئەت بىزنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغان ئىدى. ئەپسۇسكى، بىر ھازادىن كىيىن ھاۋا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، تاغ ئۈستىدىكى ئاپئاق بۇلۇتلارنىڭ ئورنىنى قارا بۇلۇتلار ئىگىلەشكە باشلىدى. بۇ يامغۇر ياغىدىغانلىقنىڭ بىشارىتى ئىدى. بىز يامغۇردا قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئالدىراپ-تىنەپ تاغدىن چۈشۈۋالدۇق. ئاپتۇبۇس بېكىتىگە كېلىپ بولغىچە شارقىراپ يامغۇر قۇيۇۋەتتى. بىز ئوچۇقچىلىقتا يامغۇرغا چىلىشىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ، ئاران دېگەندە ئاپتۇبۇسقا چىقىۋالدۇق، بىردەمدىن كېيىن پويىزغا ئالمىشىپ ميۇنخېنغا قايتتۇق.
      850 يىللىق تارىخقا ئىگە ميۇنخېن شەھرى-گېرمانىيەنىڭ 3-چوڭ شەھرى، باۋارىيە ئىشتاتىنىڭ مەركىزى ھىساپلىنىدىكەن. ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىكى باۋارىيە خاندانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان بۇ شەھەردە تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خان سارىيى، خان ئوردىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك ئورۇننى تۇتىدىكەن. شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان خان سارىيىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتاين گۈزەل ئىكەن. ساراينىڭ ئالدىدىكى سۈپسۈزۈك كۆل ۋە كۆل بويىدىكى ياپيېشىل چىملىقلار ئاققۇ، غاز، ئۆردەك قاتارلىق قۇشلارنىڭ ئەركىن ياشايدىغان ماكانىغا ئايلىنىپتۇ. ساراينىڭ كەينىدىكى سۈنئىي كۆل ۋە ئۇنىڭدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان فونتان، كۆل ئەتراپىدىكى رەڭگارەڭ گۈللەر، ئوتتۇرا ئەسىر كىشىلىرىنىڭ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتىرىپ تۇرغان ھەيكەللىرى، ئۇنىڭ نېرىسىدىكى قويۇق ئورمانزارلىقلار ئادەمگە بىرخىل گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىدىكەن. بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەر  ئەتراپتىكى بۇ گۈزەل مەنزىرىلەردىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قالىدىكەن.
       بىز سارايغا كىرىپ، 2-قەۋەتتىكى ئەينى زاماندا خان جەمەتى تۇرمۇش كۆچۈرگەن ئۆيلەرنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇق. بۇ يەردىكى نەپىس بىزەلگەن كىچىك تانسا زالى بىزنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى. زالنىڭ تورۇسى يۇمۇلاق گۈمبەز شەكلىدە بۇلۇپ، ئۇنىڭغا قەدىمىي كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ئېسىل سۈرەتلەر سىزىلغان ئىدى. زالنىڭ بارلىق تاملىرى خان جەمەتىنىڭ ھەرخىل سۈرەتلىرى بىلەن تولغان ئىدى. ئىنتاين نەپىس ئاسما چىراق زالنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇراتتى. قارىغاندا بۇ كىچىك زال ئەينى زاماندىكى خان جەمەتىنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان سورۇنى بولسا كېرەك.
         بىز گېرمانىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدە ياسالغان ئىككى قەۋەتلىك كاتتا ئىمارەت-ھەشەمەتلىك خان ئوردىسىغا كىرگىنىمىزدە، ئۆزىمىزنى خۇددى گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلدۇق. ئوردا ئەھلى يىغىلىش قىلىدىغان ھەيۋەتلىك چوڭ زالنىڭ تاملىرى پۈتۈنلەي نەپىس تام رەسىملىرى ۋە تۈرلۈك تام ھەيكەللىرى بىلەن تولغان ئىدى. خاننىڭ تەختى ئېگىزرەك ياسالغان بولۇپ، ئىككى تەرەپتىكى پەلەمپەي بىلەن چىقىدىكەن. ئىككىنچى قەۋەتتىكى بىر-بىرىگە تۇتاش كەتكەن ئايرىم-ئايرىم ئۆيلەردە ئەينى زاماندىكى خان جەمەتى ئىشلەتكەن ھەرخىل بويۇملار قويۇلغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرى، چەۋەندازلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ كىچىك ھەيكەللىرى، خان جەمەتىنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن تام سۈرەتلىرى، تۈرلۈك فار-فۇر قاچىلار، جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن جانان تەخسىلەر بار ئىدى. بىز يەنە بىر ئۆيدە ئەينى زاماندىكى خان جەمەتىنىڭ كوللىكتىپ تاماق ئۈستىلى ۋە ئۇنىڭغا رەتلىك تىزىپ قويۇلغان تەخسىلەرنى كۆردۇق. بەزى ئۆيلەردە خاننىڭ تاجىسى، ئوردا ئەھلى ئىشلەتكەن ھەرخىل ئوردىن، قىلىچ، دۇبۇلغا، نەيزە قاتارلىق قورال-جابدۇقلار قويۇلغان ئىدى. ئاجايىپ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن كارىدور ۋە ئۆيلەر ئەينى زاماندىكى ياۋروپا مىمارچىلىق سەنئىتىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. بۇ يەردە يەنە خان جەمەتىنىڭ خاس تياتىرخانىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى خان ئولتۇرۇپ ئويۇن كۆرىدىغان پەشتاق، خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ دەرىجىسى بويىچە ئولتۇرىدىغان ئورۇنلىرى، سەھنە ۋە ئورۇندۇقلار ئەينەن ساقلىنىپ قالغان ئىدى. 
       ئېكىسكۇرسىيەنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ چىقتۇق. مەن بۇ خان ئوردىسىنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە ئىنچىكىلەپ نەزەر سالدىم. ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىكى ياۋروپا مىمارچىلىقىنىڭ ئېسىل دۇردانىلىرى ئەكىس ئېتىپ تۇرغان بۇ كاتتا ئىمارەت گويا قۇرۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغاندەك مەزمۇت قەد كۆتىرىپ تۇراتتى. ئاڭلىشىمچە، 2-دۇنيا ئورۇشىدا توپ-زەمبىرەكلەرنىڭ زەربىسى بىلەن خان سارىيى، خان ئوردىسى قاتارلىق نۇرغۇن تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قەدىمىي ئىمارەتلەر ئاز بولمىغان بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرىغان ئىكەن. ئۇرۇشتىن كىيىن ھۆكۈمەت زور كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلى قىياپىتى بويىچە رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ. بۈگۈنكى كۈندە بۇ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇھىم ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا  ئەجدادلىرىنىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلىنىپتۇ.
        ئەشۇ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا سەۋەبچى بولغان 2-دۇنيا ئۇرۇشى ھېلىھەم كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرلۈپ كەتكىنى يوق. ئىنسانىيەتكە ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلگەن بۇ ئۇرۇشتا گېتلىر فاشىستلىرىنىڭ زور بىر تۈركۈم يەھۇدىلار، ۋەتەنپەرۋەرلەر ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ ۋەھشىيانە ھالدا قىرغىن قىلغانلىقى كىشىلەر مەڭگۈ ئۇنتالمايدىغان تارىخ بولۇپ قالدى. ميۇنخېن شەھرىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان داخاۋ جازا لاگېرى ئەنە شۇ مۇدھىش تارىخنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قاپتۇ. بىز بىر كۈنى بۇ جاينى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق.
        داخاۋ جازا لاگېرىنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى خېلى چوڭ بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك بىر قەۋەتلىك مەھبۇس ئۆيلىرىدىن تەركىب تاپقان ئىكەن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماي كەتمەيدىكەن. بىزمۇ كىشىلەر توپىغا ئەگىشىپ مەھبۇسلار سولاقخانىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇق. ئۇزۇن كارىدۇرنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاتارى تۇتاش كەتكەن سولاقخانىلار بولۇپ، بەزىلىرى ناھايىتى كىچىك ئىكەن، بۇ كامىرغا پەقەت بىرلا ئادەم سولاپ قويۇلىدىكەن. بەزى چوڭراق ئۆيلەر كوللىكتىپ سولاقخانىلار بولۇپ، بۇ يەرگە بىر-بىرىگە تۇتاش ياسالغان ئىنتاين تار ياغاچ كارۋاتلار ئۈچ قەۋەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. قارىغاندا بۇ يەردە مەھبۇسلار ناھايتى قىستىلىشىپ ياتقان بولسا كېرەك. بۇ لاگېردا ئەسلىدە مۇشۇنداق سولاقخانىلار خېلى كۆپ بولۇپ، ھۆكۈمەت ئوخشاش شەكىلدىكى سولاقخانىلاردىن بىر نەچچىسىنى ساياھەتچىلەرنىڭ ئىكىسكۇرسىيە قىلىشى ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويۇپ، قالغانلىرىنى چېقىۋىتىپتۇ. بىز سولاقخانىلارنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كىيىن، يەنە بىر جايدىكى مەخسۇس سېلىنغان جازالاش ئۆيلىرىنى كۆردۇق. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا بۇ جازا لاگېرىغا يەھۇدىلار، ئۇرۇشقا قارشى چىققان ۋەتەنپەرۋەرلەر ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرىدىن ھەر كۈنلىكى نەچچە ئون، ھەتتا نەچچە يۈز ئادەم ئېلىپ كېلىنگەچكە، كامىرلار يىتىشمەي قالىدىكەن. شۇڭا، ناتسېستلار ھەركۈنى بىر تۈركۈم مەھبۇسنى «مۇنچىدا يۇيۇندۇرىمىز» دەپ مۇشۇ ئۆيگە ئەكىلىپ كىيىملىرىنى پۈتۈنلەي سالدۇرۇپ يەنە بىر ئۆيگە كىرگۈزىدىكەن، ئاندىن ئىشىكنى تاقاپ تورۇس تەرەپتىن زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىدىكەن. بۇ ئۆيگە سولانغانلارنىڭ ھەممىسى زەھەرلىنىپ ئۆلگەندىن كىيىن، ئۇلارنى يان ئۆيدىكى مەخسۇس ياسالغان جەسەت كۆيدۈرۈش ئوچاقلىرىدا كۆيدۈرىدىكەن، جەسەت كۈللىرىنى ئۆينىڭ سىرتىدىكى ئورەككە كۆمۈۋېتىدىكەن. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ مەھبۇسلار كىيىمىنى يېڭى كەلگەن مەھبۇسلارغا كىيدۈرىدىكەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېتلىر فاشىستلىرىنىڭ بىگۇناھ كىشىلەرنى ۋەھشىيانە ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرى ھەقىقەتەن چېكىدىن ئاشقان ئىكەن. بىز بۇ يەردە يەنە بىر كارىدورلۇق ئۆيلەرگە تەسىس قىلىنغان تارىخىي سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى كۆردۇق. بۇ سۈرەتلەردە ئەينى چاغدىكى داچو جازا لاگېرىنىڭ ئەينەن ئەھۋالى تەسۋىرلەپ بېرىلگەن ئىدى. بۇ يەردە يەنە گېتلىر فاشىستلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن ھەر قايسى ئەل ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ سۈرىتى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالى بار ئىكەن.
      داچو جازا لاگېرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان كىشىلەر گېتلىر فاشىستلىرىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيەدە ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىلارنى ۋەھشىيانە قىرغىن قىلغانلىقى، ئۇرۇشقا قارشى تۇرغان ۋەتەنپەرۋەرلەرگە ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرىگە ئادەم قېلىپىدىن چىققان ھالدا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىدەك تارىخىي پاكىتلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئۇرۇشنىڭ بالايى-ئاپەت، تېنچلىقنىڭ بەخت-سائادەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدىكەن ۋە تېنچلىقنى قەدىرلەپ، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەققىدە بەلگىلىك تەربىيىگە ئىگە بولىدىكەن. ھازىر ھۆكۈمەت بۇ جازا لاگېرىنى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ تېنچلىقنى سۆيىدىغان تەربىيە بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپتۇ.
       بىز ميۇنخېن شەھرىدە 2-دونيا ئۇرۇشىغا دائىر يەنە بىر تارىخىي كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق. بۇ كۆرگەزمىدە سۈرەت، يېزىق ۋە ۋىدىئو ئارقىلىق 2-دۇنيا ئورۇشىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن بالايى-ئاپەتلىرى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىلگەن ئىكەن. ئەينى چاغدىكى گېتلىر گېرمانىيەسى ھەربىيلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش ھالىتى، ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان شەھەرلەر، ئۆي-ئىمارەتلەر، يەھۇدىيلار ۋە ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقلار، ئۇرۇشتا ئۆي-ماكانسىز، ئاچ-يالىڭاچ قالغان كىشىلەر، ئۇرۇشتىن كېيىن ۋەيران بولغان ئۆي-ئىمارەتلەرنى، كوچىلارنى رىمۇنت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان جاپالىق ئەمگەكلەر..... بەئەينى كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمىزدىن بىر-بىرلەپ ئۆتىدىكەن. بۇ كۆرگەزمە كىشىلەرگە تارىخىي ساۋاقلارنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ تېنچلىقنى قەدىرلەش، قوشنىلار بىلەن تېنچلىقتا بىللە تۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىدىغان مۇھىم بازا بۇلۇپ قاپتۇ.  
        بىز كۆرگەزمىخانىدىن چىقىپ، ميۇنخېن شەھرىدىكى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئېسار دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىگە كەلدۇق. ياۋروپادىكى مەشھۇر دوناي دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان ئېسار دەرياسى ميۇنخېن شەھرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، دەريانىڭ ئىككى قاسنىقى قويۇق تەبىئىي ئورمانلىق ئىكەن. ئۇنىڭ كۆلىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەپ بولغىلىمۇ بولمايدىكەن. چوڭ كۆۋرۈكتە ماشىنىلار ۋە پىيادىلەر ئۈزۈلمەي قاتناپ تۇرىدىكەن، ياز كۈنلىرى دەرياغا چۆمۈلگىلى كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن. كۆۋرۈك ئەتراپىدا قەھۋەخانا، رېستۇران قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى جايلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدىكەن.
            بىز بۇ يەردە بىر مەھەل ئايلانغاندىن كىيىن، قىزىمنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدۇق. ھىسابلاپ باقسام بىزنىڭ گېرمانىيەگە كەلگىنىمىزگىمۇ 20 نەچچە كۈن بولۇپ قاپتۇ. ئەمدى بۇ يەردە تۇرىۋەرسەك بولمايتتى، بېلگىيەدە ئوقۇۋاتقان كىچىك ئوغلىمىز بىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۆزئارا بىر-بىرىگە چېگرىسىنى ئېچىۋەتكەن بولغاچقا، بىزنىڭمۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى باشقا دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلغۇمىز بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن يەنە يولغا چىقماقچى بولدۇق.
    بىز نەلەرگە باردۇق، نىمىلەرنى كۆردۇق، بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز خاتىرىمىزنىڭ داۋامىنى كۈتكەيسىز.                            
    (داۋامى بار)
    مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.