21- پارچە خەت (مەلكولىم ۋە مارتىن لۇتىر كىڭ)

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-10 03:14:00

«نېگىر»لارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى سالام سابا، بۈگۈن سىزگە ئامېرىكىدىكى «رەڭلىك ئىرق»ياكى «ئافرىقان ئامېرىكان»لارنىڭ بىزنىڭ تىل ئادىتىمىز بويىچە «نېگىر»لارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ھەققىدىكى بايانلىرىمنى ي...

     

    «نېگىر»لارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى


    سالام سابا، 

    بۈگۈن سىزگە ئامېرىكىدىكى «رەڭلىك ئىرق»ياكى «ئافرىقان ئامېرىكان»لارنىڭ بىزنىڭ تىل ئادىتىمىز بويىچە «نېگىر»لارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ھەققىدىكى بايانلىرىمنى يازماقچىمەن. 
        سىزگە يازغان ئىلگىرىكى خەتلىرىمدە ئامېرىكىدا قارا تەنلىكلەرنى «نېگىر»دەپ ئاتاشنىڭ قانۇن جەھەتتىن چەكلەنگەن سوز ئىكەنلىكىنى بۇ يەردە كىشىلەر ئۇلارنى «ئافرىقان ئامېرىكان»(ئافرىقىلىق ئامېرىكىلىقلار)، ياكى «بلاك پېپول»(قارىلار)دەپ ئاتىشىدىكەن، لېكىن ئۇلارغا يۈزتۇرانە تۇرۇپ پاراڭلاشقاندا يەنىلا «ئافرىقان ئامېرىكان»دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدىكەن.  «ئافرىقان ئامېرىكان»لار قانۇن جەھەتتە بۇ يەردىكى ئاق تەنلىكلەر بىلەن باراۋەر بولۇپ، جەمئىيەتتە ئۇلارنى كەمسىتىدىغان ھەرقانداق قىلمىشنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدىكەن. 
        سايلام، ئوقۇش، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ھەرقانداق ئىرقىي كەمسىتىشكە قانۇنى جەھەتتىن يول قويۇلمايدىكەن. ئەلۋەتتە بەزى ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىقلار يەنىلا ئاق تەنلىك بولمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن كەمسىتىش، تۆۋەن كۆرۈش پوزىتسىيىسىدە بولىدىكەن، ئەمما ئۇلار بۇنى ھەرگىزمۇ ئاشكارا ئىپادىلىيەلمەيدىكەن، سىلىق مۇئامىلىدە بولىدىكەن. 
         ئامېرىكىدا بۇ خىل كەيپىياتنىڭ بارلىققا كېلىشى يەنىلا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىكى مارتىن لۇتېر كىڭ، جىر.  ۋە مالكولم X نىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان «نېگىرلار ئىنقىلابى»نىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ. 
         1865- يىلى ئابراھام لىنكولن ئامېرىكىدا ھەممە كىشىنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ ئەمما بۇ خىل باراۋەرلىك پەقەت «ئاق تەنلىكلەر»گىلا بولغان بولۇپ، نېگىرلار ، ئىندىئانلار، مېكسىكا كۆچمەنلىرى ۋە ئاسىيادىن كۆچۈپ كەلگەن باشقا كۆچمەنلەر بۇ باراۋەرلىكتىن بەھرىمەن بولالمىغان. بولۇپمۇ نېگىرلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەقىقىي ھالدا كاپالەتلەندۈرۈلمىگەن. ئامېرىكىدا 20- ئەسىردە بۇ خىل ھالەتتە بىر ئاز ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن نېگىرلارنىڭ ئورنى يەنىلا تۆۋەن بولۇپ «ئاق تەنلىكلەر»تەرىپىدىن دائىم كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ كەلگەن. 
        ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى نېگىرلار ئاساسەن دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، ئامېرىكىنىڭ شىمالى ۋە غەربىدىكى نېگىرلار بولسا زاۋۇتلاردا ئىشچى بولۇش، رېستوران ۋە باشقا مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا باشقىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتەك تۆۋەن خىزمەتلەرنى قىلىپ كەلگەن.  جامائەت سورۇنلىرىدا ئۇلارنىڭ ئاقلار بىلەن ئورتاق ھالدىكى جامائەت ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان، ئۇلارنىڭ «ئاقلار»ئاچقان رېستورانلاردا ئاق تەنلىكلەر بىلەن بىللە غىزالىنىشى تەقىبكە ئۇچرىغان؛ ئاپتوبۇس ۋە ترامۋايلارغا ئولتۇرغاندا ئۇلار دائىم ئارقا رەتتە ئولتۇرغان؛ نېگىرلارنىڭ ئولتۇراق رايونى ئاقلارنىڭ ئولتۇراق رايونىدىن ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، ھەتتا پۇلدار نېگىرلارنىڭمۇ ئاق تەنلىكلەر رايونىدىن ئولتۇراق ئوي سېتىۋېلىشىغا يول قويۇلمىغان؛ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتلەرگە نېگىرلار قويۇلمىغان؛ نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئارىسىدا نىكاھلىنىپ ئائىلە قۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس بولۇپ نېگىر ئەرلىرىنىڭ ئاق تەنلىك ئاياللارغا ھەتتا تىكىلىپ قارىشىمۇ چەكلەنگەن. . . . 
       مانا بۇ خىل باراۋەرسىزلىك ئەينى يىللىرى ئامېرىكىدىكى مىللىي زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتكەن، ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرەشنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىغا سەۋەب بولغان. 
       20- ئەسىرنىڭ 50- ۋە 60- يىللىرى ئامېرىكىدا نېگىرلارنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى ئىنقىلابى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، مارتىن لۇتېر كىڭ، جىر.  ۋە مالكولم X «نېگىرلار ئىنقىلابى»نىڭ داھىيسىغا ئايلانغان . ئۇلار رەھبەرلىكىدىكى ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى ئىنقىلاب نەتىجىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نېگىرلارنى كەمسىتىشنى رەسمىي قانۇن لايىھىسى چىقىرىپ توسقان. 
       مالكولم X  ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان نېگىرلارنىڭ رەھبىرى بولۇپ ئۇ 1925- يىلى 19- ماي كۈنى نېبراسكا شىتاتىنىڭ ئوماھا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان مالكولم كىچىكىدىنلا ئىسلام دىنىنىڭ «ھەممە ئىنسانلار باراۋەر»دېگەن تەلىمىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بولۇپ، ئۇ ھازىرقى نېگىرلارنىڭ ئاق تەلىكلەرگە ئوخشايدىغان فامىلىسى ئەينى دەۋردىكى قۇللۇق تۈزۈمنى پەيدا قىلغان قۇلدارلارنىڭ فامىلىسى دەپ قارىغاچقا ئۆزىنىڭ فامىلىسىنى ئېتىراپ قىلمىغان ۋە ئۆزى ئەسلىدىكى ئەجدادلىرىنى تېپىشتىن بۇرۇن نامەلۇم دىگەن مەنىدىكى X سۆزىنى فامىلە قىلىپ ئىشلەتكەن. ئۇ ئامېرىكىدىكى نېگىرلارغا بولغان باراۋەرسىزلىككە قاتتىق نارازى بولغان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە 50- يىللار ۋە 60- يىللاردا ئامېرىكا نېگىر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشلىرى كوپ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان. 1963- يىلى 28- ئاۋغۇست كۈنى مالكولم X رەھبەرلىكىدە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئالدىدىكى مەيداندا يىغىلىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ قېتىملىق يىغىلىشقا 200مىڭ دىن ئارتۇق قارا تەنلىكلەر ۋە بىر قىسىم ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى ئاق تەنلىكلەر قاتناشقان. شۇ قېتىملىق يىغىلىشتا مالكولم X ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە «نېگىرلار باراۋەرلىكى» تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، زور دەرىجىدىكى جامائەت پىكرى ئاستىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇن ناھىيىسىگە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشكە باشلىغان 1963- يىلى باھاردا پرېزىدېنت كېنىندى ئامېرىكا پارلامېنتىغا نېگىرلار باراۋەرلىكى ھەققىدىكى قانۇن سەھىيىسى تۈزۈش توغرىسىدا قارار يوللىغان. ئەمما مالكولم X نىڭ رەھبەرلىكىدىكى بۇ ھەققانى تەلەپ بىرقىسىم ئىرقىي ئايرىمىلىقنى ياقلىغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، قارارنىڭ ماقۇللىنىشى كېچىكتۈرۈلگەن. مالكولم X كوپ قېتىم شەخسلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالغان. 1965 - يىلى 21- فېۋرال كۈنى ئۇنىڭ ئۆيى بومباردىمان قىلىنىپ نېگىرلار ئازادلىقىنىڭ بۇ داھىيسى ۋاقىتسىز قازا قىلغان. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئامېرىكا جەمئىيىتىدە قاتتىق تەسىر قوزغىغان بولۇپ، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كېنىندى 1963-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان نېگىرلار باراۋەرلىكى ھەققىدىكى قارارنى رەسمىي ماقۇللىغان. 
       ئەينى يىللىرى مالكولم X بىلەن بىر دەۋردە نېگىرلار باراۋەرلىكى كۈرىشى رەھبەرلىرىدىن يەنە بىرى مارتىن لۇتېر كىڭ. جىر بولۇپ، ئۇ 1929- يىلى 15- يانۋار كۈنى گېئورگىيا شتاتىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە تۇغۇلغان.  ئۇ قانۇن جەھەتتىن نېگىرلارنىڭ ئاق تەنلىكلەر بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە كوپ قېتىم ھۆكۈمەتكە تەكلىپ لايىھەلىرىنى سۇنغان ۋە بۇ توغرۇلۇق كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يېزىپ ئامېرىكا جەمئىيىتىدە «ئىرقىي كەمسىتىش»كە قارشى جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش، ۋە بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتنى ئەسلىدىكى قانۇن لايىھىسىگە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشكە مەجبۇرلىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك ئۇ ئەينى چاغدا كوپ قېتىم تۈرمىلەردە ياتقان.  نېگىرلار باراۋەرلىكى كۈرىشىدە ئۇنىڭ ئوينىغان رولىمۇ مالكولمغا ئوخشاشلا ناھايىتى زور بولغان. ئەپسۇس نېگىرلار باراۋەرلىكى كۈرىشىنىڭ بۇ رەھبىرىمۇ 1968- يىلى 5- ئاپرېل كۈنى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ئۇ چۈشكەن مېھمان سارايدىكى ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ بالكونىنىڭ سالاسۇننى بوشىتىپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن بالكوندىن يىقىلىپ چۈشۈپ ۋاقىتسىز قازا قىلغان. 
        مەيلى قانداق بولمىسۇن گەرچە مالكولم خ ۋە مارتىن لۇتېر كىڭ جىر ۋاقىتسىز قازا قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئۇلار رەھبەرلىكىدىكى «ئىرقىي كەمسىتىش»كە قارشى ئىنقىلاب سەۋەبىدىن ئامېرىكىدا بۈگۈنكىدەك ھەممە ئىرقلار قانۇنىي جەھەتتىن باراۋەرلىككە ئېرىشىشتەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. 

    خوش ئامان بولۇڭ. 

    ---- لالە

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.