ئىرانغا سەپەر(1)

يوللىغۇچى : ibadet يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-09 22:31:00

مېنىڭ ئىران ساياھىتىمكۆپچىلىكنىڭ ئىران غا قىزىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزەمنىڭ ئىرانغا بارغاندىن كېيىنكى كۆرگەن بىلگەنلىرىمنى بۇ يەدە بايان قىلغۇم كەلدى.(ئىران ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئىراندىن كۆرۈ...

    مېنىڭ ئىران ساياھىتىم

     كۆپچىلىكنىڭ ئىران غا قىزىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزەمنىڭ ئىرانغا بارغاندىن كېيىنكى كۆرگەن بىلگەنلىرىمنى بۇ يەدە بايان قىلغۇم كەلدى.
     (ئىران ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئىران دىن كۆرۈۋېلىڭ)
          مېنىڭ ئىرانغا كېلىپ قېلىشىم گويا مۆجىزىدەكلا، مەن گەرچە چەتكە چىقىشنى ئويلىغان بولساممۇ پەقەت ئامېرىكا ياۋروپالارنىلا ئويلىغان. گاھىدا تىل قىيىنچىلىقى بولماس دىگەن نىيەت بىلەن قازاقىستان ۋە تۈركىيەلەرنىمۇ كۆرۈپ كېلىش، ئوقۇش پىكرىگە كەلگەن ئىدىم. ئويلىمىغان يەردىن مېنىڭ ئىران پىرىزدېنتى راپسانجانى ئۈرۈمچىگە كەلگەندە چىقىمىنى كۆتىرىپ ئوقۇشقا ئاپارغان ئون ئۇيغۇر قاتارىدا ئىراندا ئوقۇغان، ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا سودا قىلىۋاتقان نەۋرە ئاكام مېنى ئىراندا ئوقۇشقا تەكلىپ قىلدى، ئاكامنىڭ تەسۋىرلەشلىرىدىن مەن، دۇنيادا ئىراندەك ياخشى دۆلەت يوق دىگەن يەرگەكەلدىم، ئەمما كىتاپخانىدىن ئىران ھەققىدىكى ساياھەت خاتىرىلىرىنى ئىزدەپ بېقىۋىدىم ... كىتاپ تۇرماق بىرەر جورنالدىمۇ ئىران ھەققىدە بىرەر نەرسە يېزىلىپ باقمىغىنى ئېنىق بولدى. مەن مەندىن كېيىن ئىرانغا چىقىدىغانلار ياكى ئىران ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقىدىغان دوستلار ئۈچۈن ئازراق پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولار دىگەن ھىسىيات بىلەن ئىراندا كۆرگەن بىلگەنلىرىمنى ھىسىيات ئارلاشتۇرماي تۇرۇپ بايان قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. 

       ئىرانلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئازراق بولسىمۇ ئەنگىلىزچە ۋە تۈركچە بىلىدىكەن، لېكىن مېنى جوڭگۇلۇق دەپ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ مېھمان قىلماقچى بولۇۋاتقانلار تۈركچە بىلەمسەن دەپ ئازراق يامىداپ تۈركچە سۆزلىسەم چىرايلىرى ئۆڭۈپ كەتتى. ھازىر ھىس قىلدىمكى ئىرانلىقلار دۇنيا بويىچە تۈركلەرگە ئەڭ ئۆچ ئىكەن، ھەم قورقىدىكەن، ھەم كۆزگە ئىلمايدىكەن، ئەرەپلەرنىمۇ ياقتۇرمايدىكەن، رۇس، ياپون، جۇڭگۇلۇقلارغا ئامراق ئىكەن.
        ئىران. ئامېرىكا پارلامېنتى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئۈچ رەزىللىك ئوق مەركىزىنىڭ بىرى. ئىران دۇنيادىكى بىردىنبىر موللىلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان دۆلەت. ئىراندا بارلىق سايلاملاردا ھەتتا مەسجىد ئىماملىرى ۋە يەرلىك سايلاملاردا موللىلار توختىماي ماقالە ئېلان قىلىپ نۇتۇق سۆزلەپ گۇرۇھ توپلاپ بېلەتكە ئېرىشىش ئارقىلىق سايلىنىدىكەن.   (بىزنىڭ ئۆمرىدە بىر قېتىم بىر جورنالدا ماقالە ئېلان قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان داموللا-مۆۋلىۋىلىرىمىزگە سېلىشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ موللىلىرى نىمە دىگەن ساپالىق ھە؟)

    ئىران ئۆز دۆلىتىدە نوپۇسى ئارانلا 50%نى ئىگەللىسىمۇ باشقا مىللەتلەرنى ئۆز تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشتىن مەھرۇم قىلالىغان بىردىنبىر دۆلەت، ئىراننىڭ كىملىك پاسپورتلىرىدا پەقەت ئىران دىگەن خەتلا بولۇپ مىللىتى دىگەن گەپ بولمىغاچقا، بىرەرسى ئۆزىنى مەن ئازەربەيجەن ياكى تۈركمەن دېمىسە ھىچقانداق كىملىك بەلگىسى ياكى سىتاتىسكىدىن ئۇنىڭ مىللىتىنى تاپقىلى بولمايدىكەن(شۇ سەۋەپتىن ئىراندىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەپسىلى نوپۇس سىتاتىسكىسى بولمايدىكەن) قىسقىسى ئىراندا پارىستىن باشقا مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ئېتىراپ قىلىنمايدىكەن . ئىران تارىختىن بېرى تۇران بىلەن پېتىشماي كەلگەن بولۇپ، تۈركمەنلەر ئۇلارغا مىڭ يىل چامىسىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىكەن، ئۇلار بولسا تاپان ئاستىدا قالسىمۇ باش ئەگمەي 1927-يىلى ھاكىمىيەتنى تۈركمەنلەردىن تارتىۋالغان ۋە ئاخىرى 30مىلىيۇن تۈركى تىللىق ئازەر-تۈركمەنلەرنى ئۆز تىلىدا مائارىپى يوق ھالەتكە ئېلىپ كېلىپ تارىخى ئاداۋەتلىرىنى يۇيالىغان دۆلەت. ئىران بۇگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئىقتىسادى جازاغا ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئۇچرىغان، لېكىن قەتئىلىك بىلەن تاللىغان يولىدىن ۋاز كەچمەي دۆلىتىگە كەلگەن ھەر قانداق ئادەمگە ئۆز قارىشىنى مەجبۇرى تاڭالىغان بىردىنبىر دۆلەت. ئىرانغا كەلگەندىن كېيىنكى 1-ئىش -ئىرانغا قەدەم قويماقچى بولغان ھەرقانداق ئايال چوقۇم بېشغا ياغلىق ئارتىشى كېرەك، بولمىسا ياغلىقى بار ئايال ساقچىلار ئايرىدورومدىن چىقارمايدۇ. ئايرىدورۇمنىڭ سىرتقا چىقىش ئېغىزىدا ھەر خىل رەخت، ھەرخىل رەڭدىكى ھەقسىز تەمىنلىنىدىغان ۋە سېتىلىدىغان ياغلىقلار بار. ئايرىدورومدىن چىقىدىغان يول ئىككى بولۇپ بىرى ئەرنىڭ بىرى ئايالنىڭ. ئايرىدورومدىكى دىن ساقچىسى ياغلىق چەگمىگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ،(بۇنىڭدىن سىرت فورما كەيمىگەن ئايال دىن ساقچىلىرىمۇ كۆپ ئىكەن).
    \

     ئىراننىڭ بىناكارلىق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ئوبدانلا تەرەققى قىلغان ئىكەن، ئايرىدورومنىڭ چىقىش زالى ۋە مال سېتىۋېلىش كارىدورى ناھايىتى زامانىۋى ياسىلىپتۇ: 


    ئىراندا مەن ھەيران قالغان يەنە بىر ئىش بار، گەرچە چېگرىدىن كىرگەن ئاياللارنىڭ ھەممىسىدىن ياغلىق چىگىش تەلەپ قىلىنسىمۇ ھىچكىم ياغلىقنى ئۆلچەملىك چىگمەيدىكەن، ياغلىقلارنى ئاساسەن بار بىلەن يوقنىڭ ئورنىدا چوقىسىغىلا ئارتىپ قويىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىراندىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قېشىنى تەردۈرۈپ، چېچىنى ئالا بۇلا بوياپ يۈرىدىكەن: 


    ئىرانلىق ئەر-ئايال:

     ئىراندا بالىلار ئوينايدىغان قونچاقلاردىن تارتىپ كىيىم دۇكانلىرىدىكى ھەيكەللەرگىچە چوقۇم ياغلىق ئارتىلىشى كېرەك ئىكەن، دۇنكاندىكى ياغلىق ئارتىلغان ھەيكەل مودېل:

     

     ئايرىدورۇمغا ئىكىسكۇرسىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن بالىلار(كېيىن بىلسەك ئىراندا قىزلار بىلەن ئوغۇللارنىڭ مەكتەپ سىنىپلىرى ئايرىم ئىكەن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىرانغا سەپەر ئىران