ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر ( 1 )

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-24 18:07:04

2012-يىلى باش باھار، بۇ مىنىڭ كىشىلىك ھاياتىمدىكى ئاچچىق-چۈچۈك تۇرمۇش كارتىنىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن، ماڭا باشقىچە كۈلۈپ قارىغان تۇنجى باھار ئىدى.

     
     
    ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر ( 1 )
     
    (ئەدەبىي ئاخبارات)
    تۇرسۇن ياسىن
     
      2012-يىلى باش باھار، بۇ مىنىڭ كىشىلىك ھاياتىمدىكى ئاچچىق-چۈچۈك تۇرمۇش كارتىنىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن، ماڭا باشقىچە كۈلۈپ قارىغان تۇنجى باھار ئىدى. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياۋروپادا تۇرۇپ قالغان، ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىم بىزنىڭ ئۇ يەرگە بېرىپ ئۆزلىرى بىلەن دىدارلىشىشىمىزغا تەشنا بولۇپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئۈمىدىگە يارىشا، ئىككى يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا نەچچە يەرگە قاتىراپ، نەچچە ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ ئاران تەستە بېجىرگەن پاسپورتىمىزنىمۇ تېخى ئەمدىلا قولىمىزغا ئالغان ئىدۇق. كونىلار: «چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە، كۆزۈڭنىڭ بارىدا شەھەر كۆر» دەپتىكەن. ياۋروپادىكى پەرزەنتلىرىمىز بىلەن دىدارلىشىش يولىمىزدىكى قىزىل چىراقلار ئۆچۈپ، يېشىل چىراقلار يانغان مۇشۇنداق بىر ياخشى پۇرسەتتە، قەلبىمىزنى چۇلغىۋالغان «تۇغقان يوقلاش، شەھەر كۆرۈش» ئىستىكى بىزنى ئالدىراتماقتا ئىدى. بىر قاتار تەييارلىقلاردىن كىيىن، ئايالىم بىلەن ئىككىمىز تومۇز ئىسسىق ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بوسۇغىدىن ئاتلاپ يولغا چىقتۇق.
       ياۋروپا سەپىرىمىزنىڭ تۇنجى بېكىتى گېرمانىيە بولدى، فرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، چېخىيەلەرمۇ سەپىرىمىزنىڭ سىرتىدا قالمىدى. گېرمانىيەنىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى ميۇنخېن، ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئېگىز چىركاۋ جايلاشقان شەھەر كۆلىن، دۇنياغا داڭلىق گۈزەل شەھەر پارىژ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى ھىساپلىنىدىغان جەلپكار شەھەر بىريۇسسىل، بېلگىيەنىڭ مۇھىم پورت شەھىرى ئانتۋېرپېن، بېلگىيەنىڭ قەدىمىي شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان گېنت، شىمالى دېڭىز ساھىلىدىكى كىچىك پورت شەھىرى بروگ، دەريا ساھىلىگە جايلاشقان قەدىمىي گۈزەل شەھەر پراگا، گوللاندىيە پايتەختى ئامىستىردام قاتارلىق جايلار ياۋروپا سەپىرىمىزنىڭ يارقىن گوۋاھچىسى سۈپىتىدە قەلب خاتىرىمىزدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغان ئىدى.  
        قايسىبىر شائىر: «كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ» دەپ يازغانىكەن. دېمىسىمۇ ئۆلمىگەن ئادەم كىشىلىك دۇنيادا ھەرخىل قىسمەتلەرگە دۈچ كېلىدىكەن. ئاچچىق بىلەن تاتلىق، ئازاپ بىلەن شاتلىق ھەر زامان، ھەر ماكان ئادەمگە ھەمراھ بولۇپ تۇرىدىكەن. قەيسەرلىك بىلەن ياشىغان ئادەملا ئاخىرى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرى بىلەن خوشلىشىپ، كۆڭۈل ئازادىلىكىگە تولغان شاد-خورام يېڭى ھاياتىنى كۈتۈۋالىدىكەن. مېنىڭ ياۋروپا سەپىرىممۇ ئەنە شۇنداق ئاچچىق-چۈچۈك تۇرمۇشتىن كېيىن كۆرمىگەننى كۆرگەن، تەبىئەت گۈزەللىكىدىن قانغىچە ھۇزۇرلانغان، نەزەر دائىرەم كېڭىيىپ، روھىم كۆتۈرلۈپ قالغان شاد-خوراملىق يېڭى ھاياتىمنىڭ بىرقىسمى بولۇپ قالغانىدى. مەن بۇ سەپەردە زادى نېمىلەرنى كۆردۈم، نېمىلەرنى ئاڭلىدىم، نېمىلەرنى ھېس قىلدىم؟ ئەمدى بۇنى بىر باشتىن سۆلەپ بىرەي.  
                                                                                       
    سەپەرگە مېڭىش ئالدىدا
       بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەلگە چىقىشىمىز ئىدى. قولىمىزدا پاسپورت بىلەن قىزىم گېرمانىيەدىن ئەۋەتكەن تەكلىپ ۋىزىسىلا بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق رەسمىيەتلەرنىڭ كېرەك بولىدىغانلىقىنىمۇ ئانچە بىلمەيتتۇق. مەن كومپيۇتېرنى ئېچىپ ئىنتىرنېتقا كۆز يۈگۈرتتۈم. گېرمانىيە باش ئەلچىخانىسى ۋە چەتئەلگە چىقىدىغانلارغا ۋاستىچىلىق قىلىدىغان شىركەتلەر ھەمدە ۋىزا بېجىرىشكە كېرەكلىك ماتېرىياللارنىڭ تۈرى قاتارلىقلار كومپيۇتېر ئېكرانىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. گېرمانىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ۋىزا بېجىرىش ئۈچۈن ئەلچىخانىغا كىرىدىغان ۋاقىتنى ئالدىن كېلىشىۋېلىش كېرەك ئىكەن. ئىنتىرنېتنىڭ ياردىمى بىلەن بۇنىمۇ كېلىشىۋالدۇق ھەم ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىگىمۇ ئېرىشتۇق. كېيىن قىزىم گېرمانىيەدىن ماڭا تېلېفۇن قىلىپ، گېرمانىيەگە ھەدىسىنى يوقلىغىلى كەلگەن ئۈرۈمچىلىك بىر قىزنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى ئېيتىپ بەردى ھەم شۇ قىز ئارقىلىق بېيجىڭدىكى بىر ۋاستىچى قىز بىلەن ئالاقىلىشىشىمنى تاپىلىدى. تېلېفۇن ئۈرۈمچىگە، ئاندىن بېيجىڭغا ئۇلاندى. شياۋجو ئىسىملىك ۋاستىچى قىز بىلەن ئالاقىلاشتىم. گېرمانىيە باش ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرىدىغان ماتېرىياللارنىڭ تىزىملىكى ئېنىق بولدى. شۇ بويىچە ماتىرىيال تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتىم.  
       بىزنىڭ چەتئەلگە چىقىش يولىمىزدىكى قىزىل چىراق ئۆچكىنىگە تەن بەرمەي، ئۇيەر، بۇ يەردە لىپىلداپ، يانغۇسى كېلىپ تۇراتتى. ئاران تەستە مېڭىشقا تەرەددۇت قىلىۋىدۇق، يەنە ماڭالمايدىغان بولدۇقمۇ ئەمدى؟ توختا، يەنە بېيجىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ باقاي.
      -ۋەي، شياۋجو ياخشىمۇسىز! چەتئەلگە تۇغقان يوقلاشقا چىقىش ئۈچۈن تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئىسپاتىنى ئېلىش كېرەكمۇ؟
      -ھاجىتى يوق،-دېدى شياۋجو كەسكىن تەلەپپوزدا،- باشقا تەييارلىقىڭلار پۈتكەن بولسا ماڭساڭلار بۇلىۋىرىدۇ.
        بۇ ئىش ئايدىڭلاشتى، ئەمدى يەنە بىر ئىش قالغانىدى. تورنى ئاختۇرۇپ، پايتەخت ئايرۇپورتىنىڭ تور بېكىتى ئارقىلىق، ئايرۇپورت چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تېلېفۇن نومۇرىغا ئېرىشتىم.
      -ۋەي، ياخشىمۇسىز! بىر ئىشنى سورىماقچى ئىدىم، ئوخشاش شەرت ئاستىدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا قارىتا باشقىچە ئالاھىدە بەلگىلىمە بارمۇ؟
      -يوق،- دېدى قارشى تەرەپ،-  خەنزۇ، ئۇيغۇر ھەممىسى ئوخشاش، پاسپورت بولسىلا چىقىشقا بۇلىۋىرىدۇ.
      -كۆپ رەھمەت! - تېلېفۇننى قويدۇم، بۇ ياغدەك گەپتىن كۆڭلۈم بۆلەكچىلا سۆيۈنۈپ كەتتى، كۆڭلۈمنى غەش قىلىۋالغان بىر مەسىلە بىر تېلېفۇن بىلەنلا ئايدىڭلاشقان ئىدى. بىز تەييارلىقىمىزنى پۈتتۈرۈپ بېيجىڭگە يۈرۈپ كەتتۇق.
      كەلكۈن تۆمۈر يولنى بۇزۇۋەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ماڭىدىغان پويىز سەككىز سائەت كېچىكىپ ماڭغان ئىدى. 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەتىگەندە بېيجىڭ ۋوگزالىغا چۈشتۇق. ياۋروپادا ئوقۇۋاتقان كىچىك ئوغلۇم شىنجاڭدىكى تونۇشلىرى ئارقىلىق، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان تۇردى ئىسىملىك ئوقۇغۇچى بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ قويغان ئىكەن. بىز ۋاگوندىن چىقىشىمىزغىلا تۇردى ۋاگوننىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىزنى كۈتىۋالدى ھەم ئېغىر يۈك-تاقلىرىمىزنى كۆتىرىشىپ، بىزنى تاكسى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ كەينىدىكى بىر كىچىك مېھمانخانىغا باشلاپ ئەكەلدى. قارىسام ھازىرقى بېيجىڭ مەن بۇرۇن بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەن چاغدىكىگە قارىغاندا كۆپ ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، نۇرغۇن جايلارنى تونۇيالمايلا قاپتىمەن. ئەگەر تۇردى ئالدىمىزغا چىقمىغان بولسا، بىز ئېغىر يۈك-تاقلىرىمىز بىلەن خېلىلا تەمتىرەپ قىينىلىپ قالاركەنمىز. بىز تۇردىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ناتونۇش كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.  
      ياتاققا جايلىشىۋالغاندىن كىيىن شياۋجوغا تېلېفۇن قىلدىم. ئەتىسى شياۋجو بىزنى ئىزدەپ مېھمانخانىغا كەپتۇ. ئۇ 25-30 ياشلاردىكى زىلۋاغىنە قىز ئىكەن. گېرمانىيەگە بېرىپ كەلگەن ئۈرۈمچىلىك قىزدىن ئاڭلىشىمچە، شياۋجو خېلى ئىشەنچلىك بولۇپ، ئىلگىرىمۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىش ئىشلىرىغا ۋاستىچىلىق قىلىپ، ئۇلارغا كۆپ قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەنىكەن. شياۋجو ماتېرىياللىرىمىزنى تەپسىلى كۆرگەندىن كىيىن، گېرمانىيەدىكى تەكلىپ قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي كاپالەت ئىسپاتى كەم بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئەگەر مۇشۇ ئىسپات بولمىسا، گېرمانىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋىزا بېرىشىگە تەسىر يىتىدىكەن. بىزنىڭ باش ئەلچىخانىغا كىرىش ئۈچۈن ئالدىن كېلىشكەن ۋاقتىمىزغا بىرنەچچە كۈنلا قالغان ئىدى. شياۋجونىڭ مەسلىھەتى بىلەن گېرمانىيەدىكى قىزىمغا تېلېفۇن قىلىپ، شياۋجونىڭ ئېلخەت ئادىرىسىنى ئېيتىپ بەردىم. تەلىيىمىزگە قىزىم ئەتىسىلا بۇ ئىسپاتنى تەييارلاپ شياۋجونىڭ ئېلخەت ئادىرىسىغا يوللاپ  بېرىپتۇ.  ئىنتىرنېت تورىنىڭ ئىشىمىزنى بۇنچىۋالا قولايلىقلاشتۇرىۋەتكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىسپاتمۇ بار بولدى. يەنە ئىككى نۇسخا ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىنى ئېنگىلىزچە تولدۇرۇش، كېسەللىك سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىش، بېرىش-كېلىش ئايرۇپىلان بېلىتىنىڭ زاكاس تالونى ئىسپاتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى شياۋجو تەييارلاپ بەردى، تېگىشلىك ھەقنى تۆلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە باش ئەلچىخانىسىغا كۆرسىتىدىغان بارلىق ئىسپات ماتىرىياللىرىمىز تولۇق تەقلەندى. 
      ئالدىن كىلىشىۋالغىنىمىز بويىچە 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە گېرمانىيە باش ئەلچىخانىسىغا كىرىپ ۋىزا بىجىرمەكچى ئىدۇق. بىز چۈشكەن مېھمانخانا بىلەن ئەلچىخانا تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئارىلىقى خېلىلا يىراق بولغاچقا، شۇ كۈنى دەل ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ بارالماسلىقىمىزدىن ئەنسىرەپ (چۈنكى بېيجىڭدا تاكسى توسۇشمۇ خېلى تەس ئىكەن)، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ياتاقنى قايتۇرۇۋېتىپ، ئەلچىخانىغا يېقىن يەردىكى بىر مېھمانخانىغا يۆتكەلمەكچى بولدۇق. قېرىشقاندەك بۇ كۈنى تالادا شاقىراپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى. بىز چۈشكەن مېھمانخانا كىچىك بىر ئارقا كوچىدا بولغاچقا، بۇ يەردىن تاكسىلارمۇ ئانچە ئۆتمەيدىكەن، يامغۇر ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس. ئامالسىز يەنە تۇردىغا تېلېفۇن قىلىپ ياردەم سورىدۇق. ئۇزاق ئۆتمەي تۇردى بىر تاكسىنى باشلاپ كەپتۇ، ئاران دېگەندە بۇ يەردىن ئايرىلىپ يېڭى مېھمانخانىغا كېلىپ جايلىشىۋالدۇق.
      ئەتىسى ئەتىگەندىلا تۇرۇپ كەتتۇق. سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى. گېرمانىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋىزا بىجىرىش ئورنىغا كەلسەك، 5-6 ئادەم ئۆچرەت ساقلاپ تۇرغان ئىكەن، بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئاخىرىغا تىزىلدۇق. بىردەمدىن كىيىن ۋىزا ئالىدىغان كىشىلەر ئۈزۈلمەي كەلگىلى تۇردى، ئۆچرەت خېلى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىدى. يامغۇر توختىماي يېغىۋاتاتتى، كىيىملىرىمىز سۈزمە بولۇپ كەتتى. دەل سائەت 8 دە دەرۋازا ئېچىلدى، ئىككى خىزمەتچى خادىم چىقىپ چوڭ بىر كۈنلۈكنى دەرۋازا ئالدىغا تىكلىۋالغاندىن كىيىن، ئالدىمىزدا تۇرغان كىشىلەرنىڭ پاسپورتى بىلەن ئالدىن كولىشىش خېتىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ دەرۋازىدىن كىرگۈزۈشكە باشلىدى، بىزگىمۇ نۆۋەت كىلىپ دەرۋازىدىن كىردۇق. بانكىلارنىڭ تىجارەت زالىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر زالغا كىرىپ، ئاپتۇماتىك نومۇر چىقىرىش ماشىنىسىدىن ئۆچرەت نۇمۇرى ئالغاندىن كىيىن بىر چەتتە ئۆچرەت كۈتۈپ ئولتۇردۇق. ئەتراپىمغا قارىسام 40-50 ئادەم ۋىزا بىجىرىشكە ئۆچرەت كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ، سىرتتىن يەنە كىشىلەر ئۈزۈلمەي كىرىۋاتاتتى. نۆۋىتىمىز كەلگەندە بەلگىلەنگەن كۆزنەككە بېرىپ بارلىق ماتىرىياللىرىمىزنى تاپشۇردۇق. ۋىزا بىجىرىش ئورنىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى جوڭگولۇق خادىملار ئىكەن. بىردەملىك سوئال-جاۋاپتىن كېيىن، پاسپورت قاتارلىق ماتېرىياللىرىمىزنى قالدۇرۇپ قويۇپ، ۋىزا بېجىرىش ھەققىنى تاپشۇرۇپ قايتىپ چىقتۇق، يەنە بىرەر ھەپتە ساقلاپ تۇرىدىغان ئوخشايمىز.  
      مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ كەينىدىكى بىز دەسلەپ چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ يېنىدا «ئاماننىساخان» ناملىق بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى بار ئىدى، شۇڭا تاماقتىنمۇ قىينالمىغان ئىدۇق. «غەربى قۇۋۇق» تىن «شەرقى قۇۋۇق» قا يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان، بۇ ئەتراپتا ئۇيغۇر ئاشخانىسى تۇرماق، خۇيزۇ ئاشخانىسىنىمۇ تاپالمىدۇق. كۈنىگە بىر ۋاق تۈزۈكرەك تاماق يەۋېلىش ئۈچۈن بىر نەچچە بېكەت پىيادە مېڭىپ، ئاندىن مېتروغا چۈشۈپ، ئارىلىقتا مېترو ئالمىشىپ، «ئاماننىساخان» ئاشخانىسىغا بېرىشىمىزغا توغرا كىلەتتى. ئۇ ئاشخانىدا نانمۇ بار ئىدى، ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك تامىقىمىز ئۈچۈن نان ئېلىۋالاتتۇق. مۇشۇ ئاشخانىدىكىلەردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، «شەرقى قۇۋۇق» تىكى چاۋياڭ رايونىدا ئۈچ ئۇيغۇر رېستۇرانى بارلىقىنى بىلدۇق. ئىككىنچى كۈنى ئىزدەپ سوراپ، ئاخىرى «قىزىل ئەتىرگۈل ئۇيغۇر ئاشخانىسى» نى تاپتۇق، مىللىي ئۇسلۇبتا خېلى كاتتا بىزەلگەن بۇ ئاشخانىغا كىرىپلا كاسسىردىن تارتىپ مۇلازىمەتچىگىچە بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ يوقلۇقىدىن ھەيران قالدۇق، پالانى پۇلغا ئالغان تاماقنىڭمۇ تۈزۈك تايىنى يوق، يېرىم قورساق قايتىپ چىقتۇق. ئەتىسى يەنە بىر مۇنچە يول مېڭىپ سوراپ يۈرۈپ، بىر ئېگىز بىنانىڭ 3-قەۋىتىگە جايلاشقان «شىنجاڭ تۇمارىس رېستۇرانى» نى تاپتۇق. گەرچە تاماقنىڭ باھاسى ۋە مىقدارىدىن رازى بولمىغان بولساقمۇ، بۇيەردە ئىشلەۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇر بالىنى كۆرۈپ، نارازىلىقىمىز پەسەيگەندەك بولدى.
       مەن ئىلگىرى بېيجىڭدا خۇيزۇلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان «نيۇجيې» دەيدىغان بىر كوچىنى كۆرگەن ئىدىم. بېيجىڭ شەھرىنىڭ قاتناش خەرىتىسىدىن لىنىيەنى بەلگىلىۋالغاندىن كىيىن، مېترو بىلەن شۇ يەرگە باردۇق. بۇ كوچا ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئىكەن. بېيجىڭدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەرنىڭ بىرى بولغان داڭلىق نيۇجىې خانىقاسى مۇشۇ كوچىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا مۇسۇلمانچە ئاشخانىلار، مۇسۇلمانلار تاللا بازىرى قاتارلىقلار خېلى كۆپ ئۇچرايدىكەن. ئايالىمغا مۇشۇ جاي ياراپ قالدى بولغاي، ھەر كۈنى بىر قېتىم مۇشۇ خۇيزۇلار مەھەللىسىگە كېلىپ تاماق يەپ، مۇسۇلمانلار تاللا بازىرىدىن پىششىق يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ قايتىدىغان بولدۇق.  
        مانا بۈگۈن ۋىزا بېجىرگىلىمۇ سەككىز كۈن بولۇپ قاپتۇ. ۋىزىمىز چىقارمۇ-چىقماسمۇ دېگەن خىيال بىلەن خۇيزۇلار مەھەللىسىگە كېلىپ تاماق يىگەچ ئەتراپنى ئايلىنىپ يۈرسەك، شياۋجو تېلېفۇن قىپتۇ:
      -ياتاققا بارسام سىلەرنى تاپالمىدىم، بۈگۈن ۋىزاڭلار چىقىتى، كىلىپ ئېلىۋېلىڭلار. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* v9 w$ S8 z) Y' m
    -بەك ياخشى بوپتۇ، مانا بىز ماڭدۇق.
      خوشاللىقىمىزدا ئالدى-كەينىمىزگە قارىماي ئۇدۇل مېتروغا چۈشتۇق، مېھمانخانىغا قايتىپ كېلىپلا شياۋجوغا تېلېفۇن قىلدىم. ئۇزاق ئۆتمەيلا شياۋجو كەلدى ۋە «مانا» دەپ پاسپورتىمىزنى قولىمىزغا بەردى. قارىساق، گېرمانىيە باش ئەلچىخانىسى ئۆزىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە بىزنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇش ۋاقتىمىزنى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە 90 كۈن قىلىپ بەلگىلەپ پاسپورتىمىزغا تامغا باسقان ئىكەن. خوش بولۇپ كەتتۇق. ئەمدىكى قىلىدىغان ئىشىمىز ئايرۇپىلان بېلىتى ئېلىش ئىدى، بۇنىمۇ شياۋجوغا ھاۋالە قىلدۇق. شياۋجو دەرھال مەلۇم بىرسى بىلەن تېلېفۇندا سۆزلەشتى-دە:«8-ئاينىڭ 10-كۈنى ميۇنخېنغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلاننىڭ بېلىتى بار ئىكەن، مەن بېرىپ ئەكىلەي» دەپ چىقىپ كەتتى.
      كەچ كىرەي دەپ قالغانىدى، بىز مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا چىقىپ سالقىنلىغاچ شياۋجونى ساقلاپ ئولتۇردۇق. بىر كەمدە بىر توكسىلېت ئالدىمىزغا كېلىپ شىپپىدە توختىدى، قارىساق شياۋجو ئىكەن.
    -مانا ئايرۇپىلان بېلىتى،-دەپ ئىككى ۋاراق قەغەزنى قولىمىزغا بەردى. كومپيۇتېردا بېسىپ چىقىرىلغان بۇ ئىككى ۋاراق قەغەز گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايرۇپىلان بېلىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا بىزنىڭ ئىسىم-فامىلىمىز، بېيجىڭدىن ميۇنخېنغا بارىدىغان، ميۇنخېندىن بېيجىڭگە قايتىدىغان ۋاقتىمىز، بېلەت باھاسى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلغان ئىدى. ئايالىمنى مېھمانخانا ئالدىدا قالدۇرۇپ قويۇپ، شياۋجو بىلەن بىللە يېقىن ئەتراپتىكى جوڭگو بانكىسىغا بېرىپ، پۇلدان ئارقىلىق بانكا ھېساباتىمدىن ئايرۇپىلان بېلىتىگە لايىق پۇلنى شياۋجو كۆرسەتكەن ھىسابات نۇمۇرىغا ئاغدۇرۇپ بەردىم. شياۋجو سەپىرىمىزگە ئاقيول تىلەپ قايتىپ كەتتى. ئەتىسى يەنە بانكىغا بېرىپ، ئېشىپ قالغان پۇللىرىمىزنى ياۋروغا ئالماشتۇرۇۋالدۇق.   
      8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەندىلا مېھمانخانىدىن چىقىپ كەتتۇق، چۈنكى بىز چىقىدىغان ئايرۇپىلان بۈگۈن چۈشتە ئۇچاتتى. پايتەخت ئايرۇپورتىنىڭ ئەلىم-تەلىمىنى بىلمىگەچكە، بالدۇرراق بېرىۋالماقچى ئىدۇق. بىرنەچچە تاكسىنى توسساق «ئايرۇپورتقا بارمايمەن» دەپ ئۇنىمىدى، ئاخىرىدا بىر قارا تاكسىنى 100 يۈەنگە دىيىشىپ، ئاران دېگەندە ئايرۇپورتقا كېلىۋالدۇق. پايتەخت ئايرۇپورتى ئاجايىپ چوڭ ۋە ھەشەمەتلىك ئىكەن. بىز بۇرۇنراق كېلىۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن، يۈك-تاق تەكشۈرۈش خادىملىرى ئىشقا چۈشكىچە ساقلاپ ئولتۇرۇشىمىزغا توغرا كەلدى. مانا ئۇلارمۇ كەلدى، يۈك-تاقلىرىمىز تەكشۈرۈشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ئاپتۇماتىك تاسما بىلەن ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى. قولىمىزدا ئېلىپ ماڭغان سومكىلىرىمىزنى كۆتەرگەن ھالدا كىشىلەر توپىغا ئەگىشىپ، چىگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورنىغا كېلىپ ئۆچرەتكە تىزىلدۇق. بۇيەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان چېگرىدىن چىقىشقا دائىر تەكشۈرۈشلەرمۇ بىر دەمدىلا تۈگىدى. ئايرۇپىلان كۈتۈش زالىغا كىرىپ كەتتۇق، ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچۇشىغا خېلى ۋاقىت بار ئىدى. ئەينەك تامنىڭ سىرتىدا بىر چوڭ ئايرۇپىلان توختىتىقلىق تۇراتتى. بىز چىقىدىغان ئايرۇپىلان شۇمىدۇ؟ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئايرۇپىلانغا قارىغىنىمچە خىيالغا كەتتىم. چەتئەلگە چىقىش بۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا شىنجاڭدىكى بىرەر داڭلىق سەيلىگاھقىمۇ بېرىپ باقمىغان بىزدەك ئادەملەر مانا بۈگۈن دېڭىز ئاتلاپ، قىتئە ئاتلاپ، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكى گېرمانىيەگە بارماقچى بولىۋاتىمىز. شۇنچە ئارزۇلاپ بارغۇدەك بۇ گېرمانىيە زادى قانداق جاي بولغىيتتى؟ قىزىقسىڭىز داۋامىغا نەزەر سالغايسىز.
     ( داۋامى بار ) 

    مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.