تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر(12)

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-24 12:00:00

12-پارچە خەت سالام سابا ، خېلى بولدى ئالدىراش بولغاچقا سىزگە خەت يازالمىدىم. مانا بۈگۈن ئۆتكەندە باشلىغان ئىندىئانلار ھەققىدىكى بايانىمنى داۋاملاشتۇرماقچىمەن. ھەر يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىك...

       12-پارچە خەت

    سالام سابا ،

       خېلى بولدى ئالدىراش بولغاچقا سىزگە خەت يازالمىدىم. مانا بۈگۈن ئۆتكەندە باشلىغان ئىندىئانلار ھەققىدىكى بايانىمنى داۋاملاشتۇرماقچىمەن.
    ھەر يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكىلىقلارنىڭ «سەكس گىۋىڭ» دەيدىغان بىر بايرىمى بولۇپ ، مەنىسى «تەشەككۈر بايرىمى» دېگەنلىك بولىدۇ ، بۇ بايرام ئامېرىكا ھۆكۈمەت بايرىمى بولۇپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مەكتەپ قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدىلا 3 كۈن دەم ئېلىش بېرىلىدۇ، بۇ كۈنى ھەممە ئائىلىلەردە «كۈركە توخو» يېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بايرام ياۋروپا كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلىك ئىندىئانلارغا بولغان «ناماقۇللۇق كۈنى» دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
       ھېلىمۇ ئېسىمدە 11-ئاينىڭ 24-كۈنى بىر ئامېرىكىلىق ساۋاقدىشىمىز بىزنى ئۆيىگە «كۈركە توخو» يېيىشكە چاقىردى، داستىخان ئۈستىدە بۇ بايرام توغرىلىق گەپ بولۇپ قالدى. ئۇ بۇ بايرام توغرىلىق توختىلىپ «كولۇمبۇ ئامېرىكىغا تۇنجى كەلگىنىدە ، ئۇلارنى ئاچارچىلىق ئازابىدىن ئىندىئانلار قۇتقۇزۇپ قالغان ئىكەن ، ئاتا-بوۋىلىرىمىز يەرلىك خەلقنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن ، بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ئۇلارنىڭ ياردىمىدە ھاياتلىققا ئېرىشكەن ، بىز بۇ كۈننى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز!» ئۇ بىز چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: «بىزنىڭ بۇ يەردە ئېرىشكەن بارلىقىمىز ئەڭ ئاۋال ئەشۇ يەرلىك خەلق ئىندىئانلارغا تەۋە، كۆچمەنلەر ئۇلارنىڭ بۇ ياخشىلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ!...» ئۇ توختىماي سۆزلەيتتى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەر يىلى بۇ كۈننى قانداق دەبدەبىلىك خاتىرىلەيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنى بۈگۈنكى بەختكە ئېرىشتۈرگەن يەرلىك خەلققە بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقى... ئەيتاۋۇر ئۇ ئاتا-بوۋىلىرى بولغان ياۋروپا كۆچمەنلىرىنىڭ ئىندىئانلارغا بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئەڭ گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلەۋاتاتتى... ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانسېرى ئىچىم پۇشۇشقا باشلىدى ، ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇشقا باشلىدىم ، ئۇ سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىندىئانلارغا بولغان تەشەككۈرىنىلا سۆزلەيتتى ، ياۋروپا كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئاجايىپ زوق بىلەن بايان قىلاتتى ، ئەمما 200 يىل بۇرۇن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىندىئانلارنى دەھشەتلىك قىرغىن قىلغىنى ھەققىدە بولسا زادىلا توختالمايتتى! ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كەلگىنىمنى ئۇنتۇغان بولسام كېرەك ، ئۇنىڭدىن شۇنداق سورىدىم «ياۋروپا كۆچمەنلىرى يەنى سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئىندىئانلارغا راستلا ئەشۇنداق دوستانە مۇئامىلىدە بولغانمىدى؟» ئۇ ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن ماڭا قارىدى «ئەلۋەتتە ، كېيىنكى چاغلاردا ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن ئىندىئانلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر بولغان ، جېكسون دەۋرىدە "تىنچلىق كېلىشىمى" ئىمزالانغاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن دوستانە ئۆتۈۋاتىمىز، مانا ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ئىندىئانلارغا تۆلەم پۇلى بېرىدۇ». ئۇ قۇۋلۇق بىلەن ماڭا قاراپ قويدى، بۇ نازۇك تېمىدىن ئۇ ئەپچىللىك بىلەن ئۆزىنى قاچۇردى ، شۇندىن كېيىن ئىندىئانلار ھەققىدە گەپ بولۇنمىدى.
    ۋاشىنگىتونغا بارغىنىمدىن كېيىن ، «ئىندىئانلار مۇزېيى»دا مەن ئەينى يىللاردىكى ياۋروپا كۆچمەنلىرى بىلەن ئىندىئانلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تولۇق ماتېرىياللارغا ئېرىشتىم.
    ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك قەبىلىلەر ئەسلى 500 دىن ئاشىدىغان بولۇپ 1492-يىلى كولۇمبۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ زېمىنغا قەدەم باسقىنىدا بۇ يەردىكى ئۆزگىچە ئاجايىپ مەدەنىيەت ، مول بايلىق ، بولۇپمۇ يەرلىك كىشىلەردىكى تەڭدىشى يوق مېھماندوسلۇق ئۇلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن . ئەنە شۇندىن كېيىن ياۋروپالىقلار بۇ زېمىنغا توپ-توپى بىلەن كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان . يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن زىدىيەتمۇ كۈچىيىپ بارغان ،  ھاياتلىق ئېھتىياجى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى رەھىمسىز ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 18-ئەسىرگە كەلگىنىدە بۇ ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققان. ئەسلىدىكى 500 قەبىلىدىن بۇ چاغدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۈچىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالالىغانلاردىن ئىروقۇئوئىس ، سەمىنولەس ، شاۋنەئە ، ناۋاجو ، لاكۇتا سىئوئۇخ  ۋە چەيەننە قەبىلىسىدىن ئىبارەت 6 چوڭ قەبىلە قالغان بولۇپ ، ئاندەرەۋ جاكسون (7-نوۋەتلىك پرېزىدېنت ، )1829-1837 (دەۋرىگە كەلگەندە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئەمما ئوتتۇرىدىكى زېمىن تالىشىش ئۇرۇشلىرى داۋاملىق بولۇپ تۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ 6 قەبىلە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا زىددىيەتلەر كۈچىيىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ كۈچى بارغانچە ئاجىزلاشقان،19-ئەسىرگە قەدەم قويغىنىدا بولسا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خاس مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ ئاخىرقى ھېسابتا كۆچمەنلەر ئېلىپ كەلگەن ياۋروپا مەدەنىيىتى تەرىپىدىن تەلتۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشقا قەدەم قويغان، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ تىلى ۋە خاس مەدەنىيىتى پۈتۈنلەي دېگىدەك يوقالغان. ئۇلار ھەققىدىكى خاتىرىلەر پەقەت مۇزېيخانىلاردىلا ساقلىنىپ قالغان.
    ئىندىئانلار ھەققىدىكى بۇ خاتىرىلەر بىزگە بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشىدىكى مۇھىم ئامىل يەنىلا دەۋرگە ماسلىشىش، ئۆز مىللىي خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا يېڭىچە مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىش ۋە شۇ ئاساستا ئۆزىگە خاس تەرەققىياتقا ئېرىشىش كېرەكمۇ؟ دېگەن قانۇنىيەتنى كۆرسىتىپ بېرەمدۇ قانداق؟...
    خوش سابا، مېنىڭ ئىندىئانلار ھەققىدىكى بايانىم مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى.
    ئامان بولۇڭ.
    لالە

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.