تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر(16)

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-02 06:36:00

تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر 16- پارچە خەت سالام سابا، ئۇزۇن بولدى سىزگە خەت يازالمىدىم. خېتىمنىڭ داۋامىنى ساقلاۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن. ئەمما ئەشۇ تۈگىمەس ئالدىراشچىلىق تۈپەيلىدىن سىزنى ساقلىتىپ قويدۇم...

      تاپشۇرۇلمىغان  خەتلەر

    16- پارچە خەت


    سالام سابا،

    ئۇزۇن بولدى سىزگە خەت يازالمىدىم. خېتىمنىڭ داۋامىنى ساقلاۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن. ئەمما ئەشۇ تۈگىمەس ئالدىراشچىلىق تۈپەيلىدىن سىزنى ساقلىتىپ قويدۇم.

    مانا بۈگۈنكى خېتىمدىن باشلاپ بۇ يەردىكى ھايات ھەققىدە يازماقچىمەن، ئىشىنىمەنكى بۇ سىز ۋە نۇرغۇنلىغان ياش دوستلار قىزىقىۋاتقان ئىشلار بولسا كېرەك.

    دەسلەپ كەلگەن چاغلىرىمدا بۇ يەرنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مۇھىتى، ساپ ھاۋاسى، دەرەخلەر تۈۋىدە كىشىلەردىن قىلچە چۆچۈمەستىن خاتىرجەم تىكىلىپ تۇرىدىغان تىيىنلار مېنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان، تاش بىلەن قوپۇرۇلغان 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولغان، قورغان شەكلىدە سېلىنغان ھەيۋەتلىك مەكتەپ بىنالىرى مېنى ھەيرەتتە قالدۇرغان، قاينام-تاشقىنلىق ئوقۇش ھاياتى مېنى ئۆز قوينىغا ئالغان ئىدى...

    قىسقىسى، پۈتۈنلەي يېڭى بولغان مۇھىت، يېڭى ھايات، يېڭى كىشىلەر مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان، مېنى ئاجايىپ گۈزەل تۇيغۇغا چۆمدۈرگەن ئىدى.

    مانا ھازىر بۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىمنىڭ ئۇزىرىشىغا، كۆرگەن-بىلگەنلىرىمنىڭ جىقىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ يەردىكى ھاياتقا، بۇ يەردىكى كىشىلەرگە، بۇ يەردىكى تۇرمۇشقا بولغان قارىشىمدا يېڭىچە تۇيغۇلار بارلىققا كېلىشكە باشلىدى، ئۇلار ھەققىدە باشقىدىن ئويلىنىشقا، بۇ يەردىكى ھايات، بۇ يەردىكى كىشىلەر ھەققىدە يېڭى تونۇشلارغا، يېڭىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشقا باشلىدىم.

    بۇ مۇھىتنى چۈشىنىشىمگە ئەڭ چوڭ ياردەم بەرگىنى يەنىلا رازىيە بولدى.

    رازىيە، ئۇ مەن بۇ يەرگە كېلىپ ئەڭ بۇرۇن تونۇشقان ئۇيغۇر ئايال. مەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۆز ئىسمىنى بۇ يەردە ئاتىمىدىم، ئەمما ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئۇ ھەققىدە بۇ يەردە توختىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

    ئاۋىسترالىيەدە 9 يىل تۇرغان ۋە ئۇ يەردە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ، بۇ يەرگە كەلگەن رازىيە مەندىن بىرنەچچە ياش چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان ئەڭ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق.

    كۆرۈنۈشتە مۇلايىم، كەم سۆز، ئويچان كۆرۈنىدىغان ئەمما كەسكىن، قايتماس ئىرادىلىك رازىيە ماڭا بۇ يەردە ياشاش ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى دەرسنى ئۆتتى دېسەم مۇبالىغە بولماس.

    "لالە، بۇ يەردە ياشايمەن دېسىڭىز، ئالدى بىلەن مۇستەقىل بولۇشتىن باشلاڭ!"

    مانا بۇ بىز تونۇشۇپ 3-كۈنى ئۇنىڭ ماڭا دېگەن سۆزى. ئۇ ماڭا بۇ يەردىكى بەزى ئىشلارنى چۈشەندۈردى، دەسلەپكى كۈنلەردىكى تىل بىلمەسلىك قىيىنچىلىقىمدا ياردەمدە بولدى، ئاجايىپ سەمىمىيلىك، قىزغىنلىق بىلەن ماڭا ياردەم قىلدى، ئەمما دائىم تەكرارلايدىغان سۆزى "مۇستەقىل بولۇڭ، ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ !" دېگەندىن ئىبارەت بولدى.

    ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى دەسلەپ ئاڭلىغان كۈنلىرىمدە راستىنى دېسەم خېلى بىئارام بولدۇم، ئامال بار ئۇنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلماسلىققا تىرىشتىم.ياتاقدىشىم بائىمە بولسا باشقىچە قىزغىن بولۇپ ئۇ ماڭا ھەممىنى ئېزىپ ئىچۈرمەكچى، يىپىدىن-يىڭنىسىگىچە چۈشەندۈرمەچى بولاتتى، بەزىدە ياردەمنى ئاشۇرۇۋېتىپ مېنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى.

    ھېلىمۇ ئېسىمدە، ياتاققا ئورۇنلىشىپ ئەتىسى يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن دۇكان ئىزدەپ ئادىشىپ قالغىنىم، ياتاق بىناسىغا ناھايىتى يېقىن بولغان ھىندونېزىيەلىكلەر ئاچقان يېمەكلىك دۇكىنىغا 10 مىنۇتتا يېتىپ كەلگەن بولساممۇ، ئەمما ياتاققا قايتىش ئۈچۈن توپ-توغرا 2 سائەت يول ماڭغان ئىدىم، شۇ كۈنى قايتىپ كەلگىنىمدە بائىمە ئەنسىرىگەن ھالدا يولۇمغا قاراپ ئولتۇرغان ئىكەن، ئۇ مېنى كۆرۈپ بىرىنچى دېگەن سۆزى "نىمىشقا يالغۇز چىقتىڭىز، قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى، سىزدىن بەكلا ئەنسىرىدىم، نەچچە چىقىپ ئىزدىدىم سىزنى، ھەتتا رازىيەگىمۇ تېلېفون قىلدىم!" ئەلۋەتتە ئۇ چاغدا يېڭى كەلگەن چاغلىرىم بولغاچقا ئۇنىڭ كالدىرلاپ تولىمۇ ئىتتىك دېگەن بۇ سۆزلىرىنى چۈشىنەلمەي، ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قالغان ئىدىم. ئۇ مېنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ، سۆزىنى چۈشەنمىگەنلىكىمنى ھىس قىلدى بولغاي، قەغەزگە يازدى، مەنمۇ جاۋابەن "مەندىن ئەنسىرىشىڭىز ھاجەتسىز." دېگەن سۆزنى يازدىم. ئۇ رازىيەگە تېلېفون قىلىشىمنى ئېيتتى. قىززىق ئىش، مەن رازىيەنىمۇ مەندىن ئەنسىرىدى دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ئۇ تېلېفوندا دېگەن تۇنجى سۆزى "يارايسىز! ئەتىلىككە ئۆيۈمگە كېلىڭ، مەن سىزنى ساقلايمەن" دېدى.

    مەن تېخى رازىيەنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باقمىغان ئىدىم، شۇڭا ئۇنىڭدىن "ئۆيىڭىزنى قانداق تاپىمەن، سىز ئالدىمغا چىقىپ تۇرامسىز؟" دەپ سورىدىم. "تاپالايسىز سىلەرنىڭ ياتاق بىنارىڭلارنىڭ يېنىدىكى يولنى بويلاپ پىيادە 25 مىنۇت ماڭسىڭىز بىزنىڭ ئولتۇراق رايونغا يېتىپ كېلىسىز... "ئۇ ئولتۇراق رايون ئادرېسىنى، بىنا نومۇرىنى دەپ بېرىپ ئەتىسى چۈشتە ئۆيىگە بېرىشىمنى ئېيتتى. بائىمە تېلېفوننى ئېلىپ "لالە ئۆيىڭىزنى تاپالمايدۇ، ئادىشىپ قېلىشى مۇمكىن" دېگەندەك گەپنى قىلغان بولسا كېرەك، ئەمما رازىيە مېنى ئەتىلىككە چۈشتە ساقلايدىغانلىقىنى دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

    دېگەندەك ئەتىسى، سائەت 11 دە ياتاقتىن چىقتىم-دە، بىنا ئەتراپىغا ئوبدان سەپسېلىپ يۆنىلىشنى توغرىلاۋالغاندىن كېيىن، سائەتكە قاراپ تۇرۇپ رازىيە دەپ بەرگەن يول بىلەن ماڭدىم، دېگەندەك 25 مىنۇتلار ماڭغاندىن كېيىن، ئۇ دەپ بەرگەن ئولتۇراق رايونى كۆرۈندى، شۇ چاغدا شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتكەن ئىدىم، چۈنكى مەن ھېچكىمدىن يول سورىماي، ئۆزۈم مۇستەقىل ھالدا رازىيەنىڭ ئۆيىنى تېپىپ كەلگەن ئىدىم. رازىيە ئىللىق كۈلۈمسىرىگىنىچە ئىشىكنى ئاچتى "مانا دېمىدىممۇ، ئاداشماي ئۆيۈمنى تېپىپ كەلدىڭىز!"

    ئۇ قىزغىنلىق بىلەن مېنى قۇچاغلاپ كۆرۈشتى، ئەنە شۇ مىنۇتتىن باشلاپ ئۇنى گويا يېقىن تۇغقىنىمدەك، ھەدەمدەك كۆرۈدىغان بولغان ئىدىم.

    ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى ئۇنىڭغا دېگىنىمدە ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن سۆزۈمنى ئاڭلايتتى، ئەمما قانداق قىلىشىم كېرەكلىكى ھەققىدە ئالدىراپ مەسلىھەت بەرمەيتتى، بەلكى "ئۆزىڭىز ئويلىنىپ بېقىڭ، مەن پەقەت مەسلىھەتلا بېرەلەيمەن، ئاخىرقى قارارنى يەنىلا ئۆزىڭىز چىقىرىڭ." دېگەن گەپ بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى.

     شۇنداق قىلىپ رازىيەنىڭ ياردىمىدە مەن ھەر بىر يولۇقققان قىيىن مەسىلىلەرنى مۇستەقىل ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگەندىم دىسەممۇ بولىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئامال بار باشقىلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالماي نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزۈم مۇستەقىل قارار قىلىدىغان بولدۇم، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىممۇ كۈچىيىپ باردى .

    رازىيە ئۆزى ھەققىدە جىق سۆزلەشنى خالىمايتى، ئەمما ئۇنىڭ بېشىدىن نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنىڭ ئۆتكىنىنى ھېس قىلاتتىم، يات ئەللەردىكى 10 يىللىق ھايات ئۇنى ئاجايىپ قەيسەر، ئىرادىلىك، چىداملىق قىلىپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ياش تۆككىنىنى كۆرمىدىم دېسەممۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ بىر ئوغلى بار بولۇپ 7 ياشلارغا كىرىپ قالغان بۇ بالىغا تولىمۇ ئامراق ئىدىم، بالىلىرىمنى سېغىنغىنىمدا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ كېلەتتىم.

    "بالام، مېنىڭ بارلىقىم!" بىر كۈنى رازىيە ئاجايىپ مۇڭلۇق بىر نەزەردە ئوغلىغا قاراپ تۇرۇپ، شۇنداق دېگەن ئىدى" ئۇنى بىر ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ چىقسامكەن دەيمەن..." بۇ گەپلەرنى قىلغان چېغىدا ئۇ كۆزىگە لىققىدە ياش ئالدى، ئەمما بىردەمدىلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى-دە، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى "بىلەمسىز لالە، مەن ئوغلۇمنى دەپ ئۇنىڭ دادىسىدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئىدىم، بالىغا نورمال ئائىلە شارائىتى بولمىسا بولمايدۇ."

    مەن ئېھتىيات بىلەن سورىدىم،" ئۇنىڭ دادىسىنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرەمسىز؟" "بىلمەيمەن، لەكىن دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن، ئۇ ئاقكۆڭۈل ئىدى، ئەمما ياقا يۇرتتىكى مۇساپىرچىلىق، جاپا -مۇشەققەت ئەركە ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئۇنى مىجەزى ئىتتىك، تەرسا، ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان، ئۆزىگە ئىشەنچى يوق، ھەممىدىن نارازى بولىدىغان قىلىپ قويغان، ئۇ ئاچچىقىنى مەندىن ۋە بالىدىن ئالىدىغان بولىۋالدى..." ئۇنىڭ گېپىنىڭ داۋامى باردەك ئىدى، ئەمما مەن ئۇنىڭ مۇڭلىنىشىنى خالىمىدىم-دە ،گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتىم.

    رازىيە ھەر قېتىم مەن بىلەن كۆرۈشكىنىدە دەيدىغان گېپى يەنىلا "مۇستەقىل بولۇڭ، ئىرادىلىك بولۇڭ!" دېگەندىن ئىبارەت ئىدى، ئەمما ئارقىدىنلا "ئائىلىڭىزنى سېغىندىڭىز، بالىلارنى كۆرگۈڭىز كەلدى، شۇنداقمۇ؟ كۆڭلىڭىز يېرىم بولسا مېنى مەھكەم قۇچاغلاپ تازا يىغلىۋېلىڭ، ئاندىن بىللە تاماق ئېتىپ يەيمىز!"

    مەن رازىيەدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم دېسەممۇ بولىدۇ. « بۇ يەردىكى ھاياتنى، تۇرمۇشنى چۈشىنىش ئۆزى يەنە بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغانغا باراۋەر، كىشىلەرگە سەمىمى مۇئامىلىدە بولۇڭ، ئەمما ئىچ -باغرىڭىزنى ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن بىراقلا تۆكۈۋەتمەڭ، بەزىدە "نو" دېيىشنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇڭ.» مانا بۇ رازىيەنىڭ يەنە بىر گېپى ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن «ئۆزۈم خالىمىغان ئىشنى بىراقلا رەت قىلىۋەتسەم بولامدۇ، ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە "نو" "ستوپ" دېگەندەك سۆزلەرنى كەمدىن-كەم ئىشلىتىدۇ، سىلىقلىق بىلەن ئۆزى خالىمىغان ئىشلارنى رەت قىلىدۇ، دەپ ئاڭلىغان ئىدىم» دەپ سورىغىنىمدا، رازىيە كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ "بىز ئۇيغۇرلار بەك ئاقكۆڭۈلمىز، ھەممە ئىشنى چىن ئەقىدە بىلەن قىلىمىز، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى زىيادە ئاياپ كېتىمىز، ئەمما ئىنگلىزلار ئوخشىمايدۇ، ئۇلار سىزگە ھېچقاچان ئۇيغۇرلاردەك ھەقىقى ئىللىقلىقنى بەرمەيدۇ، نۇرغۇن چاغلاردا پىلانلىق، مەقسەتلىك ئىش قىلىدۇ، ھېچ بولمىسا ئەدەپ يۈزىسىدىن سىزگە سىلىق مۇئامىلىدە بولىدۇ، لېكىن ئۆزى خالىمىغان ئىشلارغا ئەزەلدىن ماقۇل بولمايدۇ، بۇنداق چاغلاردا سىزگە "نو" دەيدۇ، شۇڭا سىزمۇ ئۇلارغا ۋاقتى كەلگەندە "نو" دېيىشىڭىز، بىۋاسىتە رەت قىلىشىڭىز كېرەك، ھېچقىسى يوق، بۇ يەردە مۇشۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك، شۇندىلا ئۇلار سىزنى ھۆرمەتلەيدىغان، سىزگە قايىل بولىدىغان بولىدۇ.»

     رازىيەنىڭ دېگىنى راست ئىدى، جۇلىيانىڭ ئۆيىدە تۇرغان مەزگىلىمدە ئۇ ئايالنىڭ زىيادە يېلىنىۋەلىش پسىخىكىسىغا قارىتا مەن راستىنلا "نو" سۆزىنى ئىشلەتتىم، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئەلۋەتتە خېلى ياخشى بولدى، نەتىجىدە جۇلىيا كۆڭلۈمنى ئاغرىتقان چاغلىرىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەچۈرۈم سورايدىغان، ئۆز خاتالىقىنى تونۇيدىغان بولغان ئىدى.

    سابا،رازىيە ھەقىقەتەن مېنىڭ ئامېرىكىلىقلارنى چۈشىنشىمگە، بۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا ماسلىلىشىمغا جىق ياردەم قىلدى دېسەم بولىدۇ.

    ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى ،ئۇلار سەمىمى، قىزغىن، كىشىلەرگە ياردەم قىلىشقا ئامراق، ئەدەبلىك، تەجەشلىك شۇنداقلا زىيادە شەخسىيەتچى بولۇپ، ھەممە ئىشنى پىلانلىق ئېلىپ بارىدىكەن، كۆرۈنۈشتە سىزگە ناھايىتى يېقىن مۇئامىلە قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ھېچقاچان بىز ئۇيغۇرلاردەك يۈرەك-باغرىنى تۆكۈۋەتمەيدىكەن، ئۇلار سىزگە شۇنچە يېقىن تۇرسىمۇ ئەمما مەڭگۈ يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان، ئۆزىنىڭ دۇنياسى ئىچىدە ياشايدىغان كىشىلەر ئىكەن .

    شۇڭا ئۇلارغا مۇئامىلە قىلغىنىڭىزدا بۇ زېمىندا ياشىغىنىڭىزدا ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز تولىمۇ مۇھىمدۇر.

    خوش، بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يازاي، ئامان بولۇڭ!   

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 14:22:24]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق