ئىرانغا سەپەر(3)

يوللىغۇچى : ibadet يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-10 13:26:00

ئىراننىڭ يىمەك ئىچمەك ئادىتى بىزگە ئوخشاپ كېتىدىكەن، شۇغىنىسى غەرپچە تائام بىزدىن بەكراق ئۇمۇملىشىپتۇ، تونۇر ۋە نان ھەممىلا يەدە ئۇچرايدىكەن، تونۇرنىڭ ئاغزى ئاسمانغا ئەمەس ئۇدۇلغا قارايدى...

       ئىراننىڭ يىمەك ئىچمەك ئادىتى بىزگە ئوخشاپ كېتىدىكەن، شۇغىنىسى غەرپچە تائام بىزدىن بەكراق ئۇمۇملىشىپتۇ، تونۇر ۋە نان ھەممىلا يەدە ئۇچرايدىكەن، تونۇرنىڭ ئاغزى ئاسمانغا ئەمەس ئۇدۇلغا قارايدىكەن يەنە كېلىپ باقالى، بەلىش، پىرەنىكلەرمۇ بىزلەرنىڭكىگە ئوخشايدىكەن، بىراق ئىسمى ئوخشىغان بىلەن تەمى ۋە خۇرۇچى يەنىلا پەرقلىنىدىكەن. تۆۋەندىكىسى تېھراندىكى ناۋايخانا:



    نانلار ھەر خىل شەكىلدە يېقىلىدىكەن، بۇ ساندۇقلارغا قاچىلاش ئۈچۈن تۆت چاسا قىلىپ يېقىلغان نان: 

     پولولىرىمۇ بىزنىڭكىگە ئوخشايدىكەن، پىلاۋ دىيىلىدىكەن، لېكىن سەۋزىمۇ گۈرۈچتەك ئۇشاقلىۋېتىلىدىكەن ۋە گۈرۈچكە ئارىلاشتۇرۇلمايدىكەن(مەن يەنە پولو بىلەن قۇرۇق گۈرۈچ بىللە يىيىلىدىغان پولونىمۇ كۆردۈم).

     11 خۇرۇچ قۇرۇق يەل-يىمىش دۇكىنى: 

     يول بويىدىكى كۆكتات، مىۋە دۇكىنى:

     يولدا مىۋە سېتىۋاتقان باققاللار:

    يول بويىدىكى كىچىك يىمەكلىك دۇكانلىرى

     

     ھەممىلا يەردە ئۇچرايدىغان پېچنە پىرەنىك دۇكانلىرى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىران