تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-12 21:52:00

مۇقەددىمە ئالدى بىلەن بۇ يازمىلىرىمغا نېمە ئۈچۈن "تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر "دېگەن ماۋزۇنى تاللىغانلىقىم ھەققىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن. كىچىكىمدىنلا كىتاب ئوقۇشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم، ھېكايىگە بو...

    مۇقەددىمە


          ئالدى بىلەن بۇ يازمىلىرىمغا نېمە ئۈچۈن "تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر "دېگەن ماۋزۇنى تاللىغانلىقىم ھەققىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
    كىچىكىمدىنلا كىتاب ئوقۇشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم، ھېكايىگە بولغان ھېرىسمەنلىكىم تۈپەيلىدىن 1-سىنىپتىلا خېلى چوڭ ھەجىمدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا باشلىغانىدىم، ئەلۋەتتە ئۇ يىللاردا ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئەسەرلەر تولىمۇ ئاز ئىدى،"قاناتلىق خەت" "قىزىل پۆپۈكلۈك نەيزە" "نۇرلۇق قىزىل يۇلتۇز" "گائو يۈبائو" دېگەنگە ئوخشاش كىتابلارنى باشقىلار ئېلىپبەنى ئەمدىلا ئۆگىنىۋاتقان چاغدا مەن ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم. مېنىڭ كىتابقا ھېرىسمەنلىكىمنى كۆرۈپ ئاپام ماڭا ئەينى چاغدا تېپىش ئىمكانىيىتى بولغانلىكى كىتابلارنى ئەكېلىپ بەرەتتى ، ئەمما بۇ كىتابلار مېنىڭ ئېھتىياجىمنى زادىلا قاندۇرالمايتتى. ئەنە شۇ كۈنلەردە مەن دادامنىڭ كىتابلىرى ئارىسىدىن ئۇيغۇر كونا يېزىقى ئېلىپبەسىنى تېپىۋالدىم، بۇ مېنى تولىمۇ خۇشال قىلىۋەتتى. مەن ناھايىتى تېزلىكتە كونا يېزىقنى ئۆگەندىم ....... 
          بىر ھەپتىدىن كېيىن كىتاب ئىشكاپىدىكى تاشكەنتتە بېسىلغان ئۇيغۇر كونا يېزىقىدىكى كىتابلارنىڭ ئىسمىنى ئوقۇيالايدىغان بولدۇم....... 
          كۆڭلۈمدە ئەمدى مېنىڭ كىتاب خۇمارىم بېسىلىدىغان بولدى دەپ ئويلايتتىم. شۇ مەزگىللەردە مەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان "ۋاشىئوك تروباچىيېف ۋە ئۇنىڭ يولداشلىرى" "كىشىلەر ئىشىكىدە ""پولات قانداق تاۋلاندى"....دېگەنگە ئوخشاش كىتابلارنى ئوقۇدۇم، ئاپام مەندىن تولىمۇ رازى ئىدى. 
          ئەمما كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاتار يازغۇچىسى غادىل كاتوينىڭ «تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر» ناملىق كىتابىنى كۆرۈپ قالدىم-دە، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن بېرىلىپ ئوقۇشكا باشلىدىم، ئۇ چاغدا 2- سىنىپتا ئوقۇيدىغان 8 ياشلىق بىر قىزنىڭ بۇ مۇھەببەت ھېكايىسىنى چۈشىنىشىم ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئەمما ئەسەردىكى غالىيەنىڭ تەسىرلىك خەتلىرى مېنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغان ئىدى ......بىلمىدىم، بىر چاغدا ئاپام بېشىمدا غەزەپ بىلەن ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپتۇ......ئۇنىڭ قەھرلىك كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى بىلىپ كىتابنى ئاستا ئاپامغا سۇندۇم...... 
          ئەنە شۇندىن كېيىن ئاپام كىتاب ئىشكاپىغا قۇلۇپ سالىدىغان بولدى، ماڭا يېشىمغا لايىق كىتابلارنى ئېلىپ بېرەتتى ۋە دەرھاللا ئىشكاپقا قۇلۇپ سېلىۋەتەتتى ....... مەن «تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر»نىڭ داۋامىنى ئوقۇشتىن مەھرۇم قالغان ئىدىم، غالىيەنىڭ ئىسكەندەرگە يازغان خەتلىرىنى ئىچىمدە تەكرارلايتتىم ...... 
          ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگىتىدىغان يىلىم تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئاپام ماڭا بىر كىتاب سوۋغا قىلدى. بولاقنى ئېچىپ كۆزلىرىمگە مۆللىدە ياش كەلدى ......
    _ ئەمدى بۇ كىتابنى ئوقۇساڭ بولىدۇ، غالىيەدەك قىز بولغىن ......؛ ئاپام مېھرى بىلەن مەڭزىمگە سۆيۈپ قويدى.
    كېيىن مەن نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇدۇم، ئەينى يىللاردا نەشر قىلىنغانلىكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇدۇم دېسەممۇ بولىدۇ، مېنىڭمۇ ئاشۇ يازغۇچىلاردەك ئېسىل ئەسەرلەرنى يازغۇم، كىشىلىك ھايات سىرلىرىنى بايان قىلغۇم كەلەتتى......ئەمما ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق دېگەندەك مەن يازغۇچى بولالمىدىم...... 
          مانا تەقدىر -قىسمەت بىلەن ۋەتەندىن ئايرىلىپ، يىراق يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن كۈنلەردە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ۋەتەننى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست -بۇرادەرلىرىمنى سېغىنىش ھېسسىياتى مېنى قىينىدى......نۇرغۇن جاپالارنى تارتىشقا، نۇرغۇن ياشلارنى تۆكۈشكە مەجبۇر بولدۇم......ۋەتەندە قالغان دوستلىرىمىز بىزنىڭ بۇ ھېسسىياتىمىزنى چۈشەنمىسە كېرەك......... 
          مەن ماڭا ئوخشاش سانسىزلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلغان كۈنلەردىكى ھېسسىياتىنى بايان قىلىش مەقسىتىدە بۇ يازمىلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم. 
          يازمامغا ئۆزۈمگە ئەڭ تەسىر قىلغان كىتابنىڭ نامىنى قويدۇم.

     

    1- پارچە خەت

     

    سالام سابا:

          خېتىڭىزنى تاپشۇرۇۋالدىم، سىز قىزىقىۋاتقان مەسىلىلەر ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن ياشلار جۈملىدىن مەن ئۆزۈم ۋەتەندە چېغىمدا بىلىشكە قىزىقىدىغان مەسىلىلەر ئىدى. بۈگۈن سىزگە ئۆزۈمنىڭ يات ئەللەردە ئالغان تەسىراتلىرىم ھەققىدىكى تۇنجى پارچە خېتىمنى يوللىماقچىمەن. 
          سابا، سىز خېتىڭىزدە مېنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىش ئالدىدىكى تەسىراتىمنى سورىغانكەنسىز، مېنىڭچە بۇ ناھايىتى نازۇك بىر سوئال ئىكەن. چۈنكى، ۋەتەندىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ھېسسىياتى ئوخشىمىسا كېرەك. مەن بۇ سوئالىڭىزغا زادى قانداق جاۋاب بېرىش ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم……. 
          مېنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىم ئاجايىپ مۇرەككەپ ھەم زىددىيەتلىك بولغان ئىدى، سەۋەبى مېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇلىرىم رېئاللىققا چىقىش ئالدىدا تاراتتى، ئەمما ئۇرۇق-تۇغقان دوست-بۇرادەرلىرىم، خىزمەتداشلىرىمدىن، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇمدىن ئايرىلىش ئازابى مېنى قىينايتتى. 
          ۋىزا ئېلىشنىڭ ئالدى –كەينىدىكى ھېسسىياتىم مېنىڭ شۇ چاغدىكى روھىي ھالىتىمنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى بولسا كېرەك.
    كونسۇلخانىغا كىرىدىغان كۈندىكى روھىي ھالىتىم ھېلىمۇ ئېسىمدە شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ. شۇ كۈنى ئەتىگەن مەن جەدۋەل تولدۇرۇش ئۈچۈن كونسۇلخانا ئەتراپىدىكى ئىككى ئېغىزلىق چاققانغىنا ئۆيدە توپ-توغرا 3 سائەت ۋاقتىمنى سەرپ قىلدىم، مەن ھەر بىر كاتاكچىگە ئەستايىدىللىق بىلەن سەپسالاتتىم، ھەر بىر سۆزنىڭ مەنىسىنى ئېنىق چۈشىنىۋېلىشقا تىرىشاتتىم، قولۇمدا لۇغەت، ھەر بىر سۆزنى قايتا-قايتا ئويلىنىپ ئاندىن تولدۇراتتىم، مېنىڭ بۇ قەدەر ئىنچىكىلەپ كېتىۋاتقىنىمدىن ئىچى پۇشقان ياڭ خانىم ماڭا قاراپ –قاراپ قوياتتى، لېكىن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتكىنىچە مېنىڭ جەدۋەل تولدۇرۇشۇمغا مەسلىھەت كۆرسىتىپ تۇراتتى، شۇنداق قىلىپ سائەت 11 بولغاندا جەدۋەلنى ئاخىرى تولدۇرۇپ بولدۇق. مېنىڭ جەدۋەلنى يەنە بىر قېتىم سېلىشتۇرۇپ چىقىۋاتقىنىمنى كۆرگەن ياڭ خانىم ئەمدى چىدىمىدى بولغاي سۆزلەپلا كەتتى: 
          «ئەمدى ھېچقانداق خاتالىقى قالمىدى، بۇنى كۆرگەن كىشى بۇ جەدۋەلنى بىر ئۇيغۇرنىڭ تولدۇرغىنىغا ئىشەنمەيدۇ، خۇددى ئىنگىلىزلار تولدۇرغاندەك شۇنداق راۋان، شۇنداق رەتلىك….» ئۇنىڭ مېنى ماختاۋاتقانلىقى ياكى مېنىڭ بۇ قەدەر ئىنچىكىلىكىمگە رەنجىۋاتقىنىنى بىلەلمەي قالدىم، ئەمما ئۇنىڭ “ئۇيگۇرنىڭ تولدۇرغىنىغا ئىشەنمەيدۇ” دېگەن سۆزى خېلىلا جۇدۇنۇمنى ئۆرلەتتى، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن دېيىشىپ قېلىپ كەيپىياتىمنى بۇزۇۋېلىشنى خالىمىدىم-دە، كۈلۈپ تۇرۇپ «مېنىڭ ئورنۇمدا باشقىلار بولغان بولسىمۇ شۇنداق قىلار ئىدى، ئەلۋەتتە ئەستايىدىل بولغاننىڭ زىيىنى يوق…» مېنىڭ رەنجىگەنلىكىمنى سەزدى بولغاي، ئۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا «كەچۈرۈڭ، مېنىڭ باشقىچە نىيىتىم يوق ئىدى، ئەستايىدىل بولغىنىڭىز ياخشى بولدى، بۇ ئەلۋەتتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىش…..» ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ بولۇپ، مېنىڭ قولۇمنى مەھكەم سىقىپ تۇرۇپ : “سىزگە مۇۋەپەقىيەت تىلەيمەن، سىز چوقۇم ۋىزىنى ئالالايسىز!” دېدى-دە، ئارقىدىن مېنى مەھكەم قۇچاغلىدى، بۇ خىل سەمىمى تىلەك مېنىڭ بايىقى خاپىلىقلىرىمنى قاياققىدۇر ئۇچۇرۇۋەتتى    “دېگىنىڭىز كەلسۇن” مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم. 
          چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە كونسۇلخانىغا كىرەتتىم، ئەمما مېنىڭ ھىچنېمە يىگۈم كەلمىدى. بېيجىڭنىڭ 8- ئايدىكى ھاۋاسى تولىمۇ دىمىق بولۇپ، شامالدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، يامغۇر يېغىۋاتقىنىغا قارىماي ئادەمنىڭ دېمى سىقىلغۇدەك ئىسسىق يۈزىڭىزگە ئۇرۇلاتتى، بۇ يۇرتىمىزنىڭ قۇرغاق شاماللىق ھاۋاسىغا سېلىشتۇرغاندا گويا بىر غايەت زور ھور مونچىسىنىڭ ئىچىغە كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. مەن ياتىقىمغا كىردىم-دە ھاۋا تەڭشىغۈچنى ئېچىپ قويۇپ، ماتېرىياللىرىمنى رەتلەشكە باشلىدىم، ھەر بىر گۇۋاھنامىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقاتتىم، ھەر بىر ھۆججەتنىڭ بار-يوقلۇغىغا قاراپ چىقاتتىم ….. گويا چۈشتىن كېيىن مېنىڭ پۈتۈن تەقدىرىم بەلگىلىنىدىغاندەك بىر تۇيغۇ ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغان بولۇپ، ھەر بىر ئىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلاتتىم….. 
          سائەت 12:30 ئوتكەندە ئەلچىخانا ئالدىغا كەلدىم. پاھ، بۇ يەر ئاجايىپ قايناق بازارغا ئايلانغان ئىدى، ئادەملەر تىقما-تىقماق بولۇپ كىشىلەرنىڭ ۋاڭ –چۇڭى قۇلاق مېڭىڭىزنى يەيتتى. مەن ئۆچرەتتە تۇرغاچ ئۇلارغا سەپسالدىم بۇ يەردە ھەقىقەتەن چوڭ سودا بولۇۋاتاتتى، ئەلچىخانا ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىئەر بولسا كېرەك قاتار جوزىلارنى قويۇۋېلىشقان بولۇپ، ئۇلار ئالدىراشلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ ماتېرىياللىرىنى تولدۇرۇپ بېرىۋاتاتتى، ياقا يۇرتلاردىن كەلغەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇشۇپ قوللىرىدىكى جەدۋەللىرىنى سۇنۇشاتتى، جەدۋەل تولدۇرۇۋاتقانلار كىشىلەردىن سوئاللارنى سورايتتى ۋە ئالدىراپ جەدۋەلگە يازاتتى، ھىچكىممۇ جەدۋەلنىڭ قانداق تولدۇرۇلىۋاتقىنىغا دىققەت قىلمىغاندەك قىلىشاتتى، ھەر بىر جەدۋەل ئۈچۈن 20 مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىنمايتى. خېرىدارلار ھەر بىر جەدۋەل ئۈچۈن 200 يۈئەننى رازىمەنلىك بىلەن جەدۋەللىرىنى تولدۇرۇپ بەرگەنلەرگە سۇناتتى. ئەنە شۇ چاغدىلا مەن ياڭ خانىمنىڭ نېمە ئۈچۈن مەن جەدۋەل تولدۇرغىنىمدا ئىچى پۇشۇپ تىت-تىت بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەن بولدۇم، بېيجىڭلىقلار ھەقىقەتەن پايتەختتە ياشىغانلىقنىڭ راھىتىنى كۆرۈۋاتاتتى …. 
          سائەت 1:30 دا مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىشتى، بىز 20 دەك ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئەلچىخانا ئالدىدىكى ئىككى تەرىپى ۋادەك بىلەن قورشالغان ئۇزۇن تار يولنى بويلاپ، ئەلچىخانىگە قاراپ ماڭدۇق، كۆڭلۈمدە «مانا ۋاقتى-سائىتى كەلدى، يەنە يەرىم سائەت ئىچىدە ھەممە ئىش ئايان بولىدۇ …» دەيتتىم، خىيال بىلەن ئەلچىخانا ئىشىكىدىن كىرىپ كەلدىم. كىردىميۇ كۆز ئالدىمدىكى ئالاماننى كۆرۈپ بېشىم ئايلىنىپ كەتتى، ئانچە چوڭ بولمىغان بۇ زالنىڭ ئىچىدە بىرەر مىڭدەك ئادەم بارمىكىن، شۇنچىلىك تىقما-تىقماق بولۇپ كەتكەن بولۇپ، زال ئىچىدە ئولتۇرماق تۈگۈل، ئازادىرەك تۇرغىدەك جايمۇ كۆرۈنمەيتتى. مېنىڭ ھەيران قالغان ھالىتىمنى كۆرگەن ئالدىمدىكى يىگىت ماڭا قاراپ : «بۈگۈن تېخى ئانچە جىق ئەمەس ئىكەن، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن زالدا 600 ئادەم بار ئىكەن، 100 دەك ئادەمگە ۋىزا بەرسە كېرەك» ئۇنىڭ بۇ قەدەر تەپسىلىي سۆزلىگىنىنى كۆرۈپ قىزىققان ھالدا سورىدىم : «سىز ئىلگىرىمۇ بۇ يەرگە كەلگەنمىدىڭىز؟» ئۇ ئاچچىق كۈلدى، «شۇنداق، 4- قېتىم كېلىشىم بۇ، بۇ قېتىم يەنە بەرمىسە ئەمدى كەلمەيمەن». مېنىڭ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى، “«بۇ قېتىم چوقۇم ۋىزا ئالالايسىز !» مېنىڭ تىلىكىم ئۇنى خوش قىلغان چەغى، ماڭا قاراپ «رەھمەت، سىزمۇ ۋىزا ئالالايسىز !» دېدى-دە، قولۇمنى مەھكەم سىقىپ قويدى . 
          ئىككى سائەتتەك ساقلىغاندىن كېيىن ئاندىن بىزنىڭ ئىسمىمىزنى چاقىرىپ بارماق ئۆرنىكىمىزنى ئالدى-دە، قولىمىزغا ھەر خىل رەڭلىك كارتىلارنى تارقىتىپ بەردى، مەن قولۇمدىكى كارتقا قارىدىم، قولۇمدىكىسى سۇس يېشىل رەڭلىك كارت ئىدى، ھەر ھالدا مەن يېشىل رەڭنى ياقتۇراتتىم، ئىچىمدە ئىشلىرىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلىدىم. بۇ چاغدا زالدىكى ئادەملەر خېلى ئازايغان بولۇپ، ئازراق ئولتۇرۇۋالغىدەك جايلار بار ئىدى، نەچچە سائەتلەپ ئۆرە تۇرغانلىقىم ئۈچۈن پۇتلىرىم سىرقىراپ ئاغرىشقا باشلىدى، ئەنە شۇ چاغدا بۈگۈن نېمىشقا پەس پاشنىلىق ئاياغ كىيىۋالمىغىنىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم، بايىقى يىگىت يېنىمدا پەيدا بولدى «ئاۋۇ جايدا بوش ئورۇن بار ئىكەن ئازراق ئولتۇرۇۋېلىڭ مەن ئۆچرەتتە تۇراي، ئىككىمىزنىڭ كارتىسى ئوخشاش ئىكەن، نۆۋىتىمىز كەلگەندە مەن چاقىرىپ قويىمەن» دېدى-دە، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئايىغىمغا قاراپ قويدى، ئىختىيارسىز ھۆپپىدە قىزىرىپ كەتتىم …… 
          ۋاقىت تولىمۇ ئاستا ئۆتەتتى، مەن بۇ زالدىن بارغانچە بىزار بولغىلى تۇردۇم، ئىچىم سىقىلىشقا باشلىدى، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن كۈتۈش جېنىمغا تەگمەكتە ئىدى، ھازىر كاللامدا پەقەت تەزراق ئاياغلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە قالمىغان ئىدى. «تەزراق تۈگىسۇن، مەيلى ۋېزىنى بەرسۇن ياكى بەرمىسۇن ماڭا بەرىبىر، بۇ نەس باسقان جايدىن كەتسەملا بولدى، ئىككىنچى بۇ جايغا كېلىشنى نىسىپ قىلمىسۇن». 
          مەن بايىقى يىگىتنىڭ 4- قېتىم ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن كىرگىنىگە ھەيران قالماقتا ئىدىم، مەن 1- قېتىم كېلىپلا شۇنچە بىزار بولۇشقا باشلىغان ئىدىم. مانا بىزنىڭ گۇرۇپپىدىكى 10 ئادەمنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشتى، بۇ چاغدا سائەت 4:30 ئۆتكەن بولۇپ، زالدا 50 چە ئادەم قالغان ئىدى، بىز 3- كۆزنەككە كېلىپ ساقلاپ تۇردۇق ئالدىمدا 5 ئادەم بار بولۇپ، ئۇلاردىن پەقەت بىرىلا كۈلۈمسىرىگىنىچە ۋىزا ئالىدىغان كۆزنەككە كەتتى، قالغانلىرى ئوخشىمىغان كەيپىياتلاردا تامغا بېسىلغان پاسپورتلىرىنى ئېلىشىپ قايتىشقان ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تۇرقى مېنى تېخىمۇ پەرۋاسىز قىلىپ قويۇۋاتاتتى، ئەتىگەندىن بۇيانقى جىددىيلىكتىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، شۇ تاپتا ئاجايىپ تەمكىن بولۇپ كەتكەن ئىدىم. 
          مانا ماڭىمۇ نۆۋەت كەلدى، سەرىق چاچلىق 30 ياشلار چامىسىدىكى چىرايلىق ئايال ماڭا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىدى : «خۇش كەپسىز!» مەن جاۋابەن ئانچە ساپ بولمىغا تەلەپپۇزۇم بىلەن «رەھمەت!» دېدىم-دە، كۈلۈپ تۇرۇپ پاسسپورت ۋە باشقا ماتېرىياللىرىمنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم، ئۇ بىرەر قۇر مۇنداقلا قاراپ قويۇپلا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا «ناھايىتى رەتلىك ۋە ئەتراپلىق تەيرارلاپسىز» دېدى، مەن ئۇنىڭ يەنە قانداق سوئاللارنى سورايدىغانلىقىغا تەييارلىنىپ تۇردۇم، ئۇ ماڭا قاراپ «ئەگەر جاۋاب بېرىشتە قىينالسىڭىز، خەنزۇچە سۆزلىسىڭىزمۇ بولىدۇ» دېدى مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ «ھەر ھالدا سوئالىڭىزغا جاۋاب بەرەلەيمەن !» دېدىم، لېكىن ئۇ مەندىن باشقا ھىچقانداق سوئال سورىمىدى، كومپيۇتېردىكى ماڭا ئائىت ماتېرىياللارنى بىردەم كۆرۈپ تۇردى-دە، ماڭا قولىنى سۇندى « سىزنى تەبرىكلەيمەن» سىزگە بۈگۈنكى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ۋىزىنىڭ بىرىنى بېرىش قارارىغا كەلدۇق، ئوقۇشۇڭىز ۋە تەتقىقاتىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن !» ئۇ قولۇمنى مەھكەم قىستى، مەن ئۇنىڭ مەندىن جىقراق سوئال سورىشىنى، تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مېنى رەت قىلىشىنى، مەن بولسام پەرۋاسىزلىق بىلەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ بۇ زالدىن چىقىپ كېتىشنى ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ئۇ مەندىن مېنى قانائەتلەندۈرگىدەك سوئال سورىمىدى، مېنىڭ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلىغان ماتېرىياللىرىمنى تۈزۈكرەكمۇ كۆرمىدى. مەن ئۆزۈم تەسەۋۋۇر قىلغىنىمدەك ھاياجانلىنىپ كەتمىدىم، بەلكىم كۆڭلۈمدە ئاجايىپ بىر ئاچچىق تۇيغۇ پەيدا بولدى ……مېنىڭ ۋىزا چاپلانغان پاسپورتۇمنى تۇتقىنىچە ئالدىمدا ھېلىقى خەنزۇ يىگىت تۇراتتى 
          «سىزنى تەبرىكلەيمەن، ئىككىلىمىزگە ۋىزا بېرىپتۇ !» ئەمما ئۇمۇ بەك خۇشال كۆرۈنمەيتتى، چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى ….. 
          «مۇبارەك بولسۇن !» مەن ئۇنىڭغا كاراپ كۈلۈمسىرىدىم. «ھەممىسى ئاخىرلاشتى، مەن ئۇزاق ساقلىغان ئەمما بۈگۈن ۋىزىنى قولۇمغا ئېلىپ بارغۇم كەلمەيۋاتىدۇ، ھەدە» ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش دانىچىلىرى پارقىراپ كەتتى، «مەن سىزنى ھەدە دەي بولامدۇ؟ گەرچە ئۇيغۇر بولسىڭىزمۇ ھەدەمنى ئەسلەتتىڭىز، ئۇنى بەك كۆرگۈم كەلگەن ئىدى، مانا ئەمدى كۆرۈشىدىغان بولدۇم….» ئۇغۇ تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولغىلى كېتىۋەتىپتۇ، مەنچۇ، ئۆز ئارمانلىرىمغا يېتىمەن دەپ ئائىلەمنى، بالىلىرىمنى تاشلاپ ئوقۇشقا كېتىدىغان بولدۇم…….ئاخىرىنى ئويلىغۇم كەلمىدى …يېقىن كىشىلىرىمدىن ئايرىلىدىغانلىمدىن ئىبارەت بۇ ھىجران ئازابى يۈرىكىمنى ئۆرتەشكە باشلىغان ئىدى…….. 
          مانا بۇ مېنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىش ئالدىدىكى روھىي ھالىتىم، قولۇمغا ۋىزىنى ئالغان كۈنۈمدىن باشلاپلا مەندە ئۆز يېقىنلىرىمدىن ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى ھىس قىلىدىغان ئاچچىق سېزىم پەيدا بولغان ئىدى …ماڭىدىغان ۋاقتىم يېقىنلاشقىنىدا بولسا بۇ ھىسلار تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى…… 
          سىزنى قانائەتلەندۈرەلىگۈدەك جاۋاب يازالىدىممۇ بۇنى بىلمەيمەن، ئەمما بۇ خىل ھىسسىيات ماڭا ئوخشاش ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چەت ئەللەردە مۇساپىرچىلىقتا ياشاۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېزىمى بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.
    ئامان بولۇڭ ..
    ھۆرمەت بىلەن : لالە

     


    2-پارچە خەت


    سالام سابا :

          بۈگۈن سىزگە 2- پارچە خەتنى يېزىۋاتىمەن . بۇ خەتنى يېزىش ماڭا خېلىلا تەس كەلدى، چۈنكى ۋەتەندىن، يېقىن كىشىلىرىمدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى شۇ ئازابلىق مىنۇتلارنى ئەسلىگىنىمدە ھېلىمۇ كۆزۈم لىققىدە ياشقا تولىدۇ. 
          شۇ كۈنى ئەتىگەن تولىمۇ سەھەر تۇرۇپ كەتتىم. كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم، كەيپىياتىم تۆۋەن ئىدى......ھىچ ئىشقا كۆڭلۈم تارتمايتتى، ئەگەر شۇ مىنۇتلاردا يولدىشىم ئۆتكەن قېتىمقىلارقىدەك "بولدى بارمىغىن ......" دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان بولسا، بەلكىم بۇ سەپەردىن ۋاز كېچىشىممۇ مۇمكىن ئىدى.....ئۇنىڭدىن، ياشانغان ئانامدىن، تېخى يەسلى يېشىدىكى بالىلىرىمدىن ئايرىلىپ يات بىر ئەلگە بېرىش ماڭا تولىمۇ ئېغىر كېلىۋاتاتتى. "توۋا" دەيتتىم ئۆزۈمگە، شۇنچە ئارزۇ قىلىپ، شۇنچە تەشنا بولۇپ كۈتكەن كۈنلەر يېتىپ كەلگىنىدە بۇ سەپەردىن يالتىيىپ قېلىۋاتاتتىم، شۇ تاپتا بىرسى تەسەللى بەرسىلا ئېتىلىپ يىغلاپ كېتىشىم مۇمكىن ئىدى، بالىلىرىم بىلەن خۇددى ھەر كۈنى دەرسكە ماڭىدىغان چاغدىكىدەك ئاددىلا خوشلاشتىم، ئاپامغا دەيدىغان گېپىمنى تاپالمىدىم، ئۇنىڭ ئايروپورتقا بېرىشىنى خالىمىدىم، مېنىڭ ماڭغىنىمنى كۆرۈپ كۆڭلى بۇزۇلمىسۇن دېدىم، بىر ئۆمۈر بىزنى بېقىپ مانا ئەمدى بىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمىزغا مۇھتاج بولۇپ قالغان ئانىنىڭ كۆزلىرىچە ئۇنى تاشلاپ يىراق ئەلگە كېتىپ، ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا ئايرىلىش ئازابىغا چىدىمايۋاتقان يۈرىكىنى يەنە زىدە قىلغۇم كەلمىدى. يولدىشىم ۋە قېرىنداشلىرىم بىلەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئايروپورتقا يول ئالدۇق، ماشىنا ئىچىدە پەقەت ئاكاملا سۆزلەيتى :"ئاپامدىن، بالىلىرىڭدىن خاتىرجەم بول، ئوقۇشۇڭنى ياخشى ئوقۇ ......" مەن ئۈندىمەستىن بېشىمنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردۈم، يولدىشىم ئۇندىمىدى، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېغىر مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ دەرىزە سىرتىغا تىكىلگەن كۆزلىرى ماڭا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ھەممىنى ئېيتىپ بېرىۋاتاتتى، مېنىڭ ئوقۇش ئارزۇيۇمنىڭ شۇ قەدەر كۈچلۈكلۈكى ئۇنى تەسىرلەندۈرگەن، ئۇنى قايىل قىلغان، مېنى قوللاشقا، ئەڭ ئېغىر مەجبۇرىيەتنى ئۆزى يالغۇز زىممىسىگە ئېلىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق ئىرادە، غەيرەت كېرەك. ئۇ مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە بەرداشلىق بەردى. ماڭا بولغان چەكسىز ئۈمىد ۋە ئىشەنچى بىلەن مېنى بۇ سەپەرگە ئۇزىتىۋاتاتتى. كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولۇپ كەتتى، يىغلىغۇم...." بولدى، بۇ ئوقۇشتىن ۋاز كەچتىم" دېگۈم كەلدى. 
          ئايروپىلان 2 سائەت كېچىكىپ ئۇچىدىغان بولدى. قېرىنداشلىرىم مېنى يولدىشىم بىلەن يالغۇز قالدۇرۇپ خوشلىشىپ كېتىشتى. ئايروپورتنىڭ زالىدا چوڭ ئوغلۇم ئۈچىمىز قالغان ئىدۇق، ئوغلۇم توختىماي سۆزلەيتتى،"ئاپا، بېرىپلا تېلېفون قىلغىن، بىزدىن ئەنسىرىمە، دادام بار ......" ھەر ئىككىمىز ئوغلىمىزنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ جىممىدە ئولتۇراتتۇق. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى تۈگىمەس پاراڭلىرىمىز يوق، ئارىدا قالغىنى ئېغىر سۈكۈتلا ئىدى. لېكىن نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىمىز كۆزلىرىمىزدە ئايان ئىدى. شۇنداق، بۇ خىل ئايرىلىش ھەر ئىككىمىزگە ئېغىر كېلىۋاتاتتى. مەن تۈگىمەس ھىجران ئازابىنى يۇتۇپ كېتىۋاتاتتىم. ئۇ بولسا ئەڭ ئېغىر يۈكنى يالغۇز زېممىسىگە ئېلىپ قالغان ئىدى، ئۇ ماڭا "بالىلاردىن ۋە ئاپاڭدىن خاتىرجەم بول، مەن بار ....." دېمەكتە ئىدى، ئەمما ئاغزىدىن بىر ئېغىز گەپ چىقمايتتى. ئەشۇنداق جىممىدە ئولتۇرۇپ 2 سائەت ۋاقىتمۇ توشۇپ كەتتى. 
          مانا ئايرىلىش مىنۇتلىرى ئاخىر يېتىپ كەلدى ! ئۇ سومكامنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇردى-دە، ماڭا قاراپ "ئەمدى ماڭايلى" دېدى، شۇ تاپتا مېنىڭ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ راسا يىغلىغۇم، "بارمايمەن ئۇ ئوقۇشقا" دېگۈم كەلدى. بىراق ھېچنېمە دېمىدىم، ئوغلىمىزنى چىڭ قۇچاغلىدىم-دە ئۇنىڭ مەڭزىدىن سۆيۈپ قويدۇم. مانا تاموجنىدىنمۇ ئۆتتۈم، ئىختىيارسىز ئارقامغا بۇرۇلۇپ قارىدىم، ئوغلۇم بىلەن ئۇ قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ماڭا شىلتىۋاتاتتى، مەن ئۇنىڭ كۆزىنى قولى بىلەن سۈرتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. مۇشۇ كۈنلەردە مېنىڭ ئالدىمدا شۇنچە تەمكىن، شۇنچە چىداملىقلىقىنى ئىپادىلىگەن، ھەر كۈنى قىزىق گەپلەرنى قىلىپ مېنى كۈلدۈرۈپ، بەزىدە تېرىكتۇرۇپ، بەزىدە يىغلىتىپ، ئۆتكەن يولدىشىم بۈگۈن ئىختىيارسىز كۆزىنى ياشلىغان ئىدى. مەن ئۆزۈمنى ئەمدى
    زادىلا تۇتۇۋالالمىدىم. پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلىۋەتتىم. يېنىمدا ئايروپىلان ئىشىكىگە كېتىۋاتقانلار ماڭا تەئەججۈپ بىلەن قاراشتى. ئايروپىلان يەردىن كۆتۈرۈلۈپ خېلى ۋاقىتلارغىچە ئېسەدەشتىن توختىمىدىم...... 
          سابا، شۇنداق، ئايرىلىش ھەقىقەتەن ئازابلىق. ئەمما ئۇزۇندىن بۇيان قەلبىمدە يانغان ئوقۇشقا بولغان تەشنالىق مېنى مۇشۇنداق مۈشكۈل سەپەرگە يول ئېلىشقا، ئۆز ئىرادەمدىن يانماسلىققا دەۋەت قىلدى، ئەلۋەتتە بۇ يول تولىمۇ مۈشكۈل، تولىمۇ جاپالىق. بەلكىم مەن كۆزلىگەن مەقسىدىمگە يېتەلمەسلىكىم، تارتقان جاپالىرىم، تۆلىگەن بەدەللىرىمگە لايىق نەتىجە ئالالماسلىقىم مۇمكىن. ئەمما بۇ دۇنياغا كەلغەن ئىكەنمىز ئۆز ئارزۇ-غايىلىرىمىز يولىدا تىرىشىپ بېقىشىمىز كېرەكتۇر دەپ ئويلايمەن. گەرچە مېنىڭ بىلىم ئالىدىغان ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئۆتكۈر چاغلىرىم ئائىلەم، بالىلىرىم ئۈچۈن سەرپ بولغان، يەنىمۇ ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتى كېچىكىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن مەن بۇلار ئۈچۈن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن. چۈنكى مەن يولدىشىمنىڭ سەمىمى مۇھەببىتىگە، ئۇنىڭ قوللىشىغا، ئىشەنچىگە ئېرىشتىم، مۇھەببىتىمىزنىڭ مېۋىسى بولغان بالىلىرىمىزغا ئېرىشتىم، مانا ئەمدى كىچىكىمدىن تارتىپ قەلبىمدە يانغان ئوقۇش ئارزۇيۇم ئۈچۈن يات ئەللەرگە سەپەردىمەن.
    مەن پۈتۈن كىشىلەرگە شۇنداق دېيەلەيمەنكى "مەن ئەڭ بەختلىك ئايال".

    ھۆرمەت بىلەن: لالە

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.