شىۋېتسىيە مائارىپ سېستىمىسىغا بىر نەزەر

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-15 20:02:00

شىۋېتسىيە مائارىپ سېستىمىسىغا بىر نەزەر زۇلھايات ئۆتكۈر شىۋېتسىيە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچى جىنسىي ئايرىمىسى، ئىرقىي تەۋەلىكى ياكى ئىجتىمائىي ئارقا كۆ...

     

    شىۋېتسىيە مائارىپ سېستىمىسىغا بىر نەزەر
          زۇلھايات ئۆتكۈر

    شىۋېتسىيە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچى جىنسىي ئايرىمىسى، ئىرقىي تەۋەلىكى ياكى ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنىشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر باراۋەر بولغان مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايدۇ .نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان بۇ دۆلەتتە ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار زېھنىنى تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشتىن بەكرەك جەمئىيەتتە يارامسىز كىشىلەرنىڭ بولۇشىغا يول قويماسلىققا سەرپ قىلغان. باشقىچە ئېيتقاندا شىۋېتسىيىلىكلەرنىڭ كۆزقارىشىچە كۈچلۈكلەر غالىپ كېلىدىغان ۋە ئاجىزلار شاللىنىپ قالىدىغان تۈزۈم بىر خىل دېموكراتىيىنى ياقلىمايدىغان ،باراۋەر بولمىغان تۈزۈم.  مېنىڭ كۈزىتىشىمچە بۇ خىل باراۋەر ،ت ەكشى تەرەققىيات يالغۇز مائارىپ سېسىتمىسى بىلەنلا ئالاقىدار بولۇپ قالماي، شىۋېتسىيە جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى پاراۋانلىق،يۇقىرى باج ۋە ھەقسىز ئوقۇتۇش تۈزۈملىرى بىلەن زىچ باغلانغان. شىۋېتسىيىدە ئوقۇغۇچىلاريەسلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگۈچە ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە ھەرقانداق مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن لاياقەتلىك ئىمتىھانى ئېلىنمايدۇ.پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى نەتىجىسى ئاساس قىلىنىپ مەكتەپلەرگە ئۆز ئارزۇسى بويىچە قوبۇل قىلىنىدۇ. بالىلار ھەرگىزمۇ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمەسلىك،جىسمانىي ئاجىزلىقى ، ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قېلىش ياكى باشقا بېسىملارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان مەكتەپلەرگە كىرەلمەسلىك ئەھۋاللىرى مەۋجۈت بولمايدۇ.  ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلار مائارىپنى قايسى خىل ئۇسلۇبتا قوبۇل قىلىدۇ؟  شىۋېتسىيە مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىشتىن باشقا يەنە ئىجتىمائىي ئەخلاق تەربىيىسى بېرىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئىش بېجىرىشنى ئۆگتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئۇچۇر مەنبەسىنى تېپىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينايدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا ئوقۇغۇچىلار سىنىپتا ئوقۇتقۇچىدىن كۆپرەك پىكىر قاتناشتۇرىدۇ.ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنى مۇنازىرىگە تەشكىللەيدۇ ۋە ئۇلارنى مەسىلىگە نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرۇپ نەتىجە چىقىرىشقا ئاندىن ئۆز جاۋاپلىرى ئاساسىدا چۈشەندۈرۈش، مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەيدۇ.چۈنكى بىلىم ئىگىلەشنىڭ نوقۇل قېلىپى يوق، ئۇ دەلىللەش، ھىس قىلىش، ئىگىلەش ،جەزىم قىلىش شەكىللىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى بىرلا ۋاقىتتا بۇ خىل ئوخشىمىغان بىلىم ئىگىلەش شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنى سىناپ كۆرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

       باشقۇرۇش  شەكلى: 
        پارلامېنت قارمىقىدىكى مائارىپ مىنىستىرلىقى-شىۋېتسىيىنىڭ ئالىي مائارىپ باشقۇرۇش ئورگىنى بولۇپ ، پارلامنېتقا ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلادى سۇنۇش قاتارلىق قانۇن تۈزۈم ۋە سىياسەت خاراكتېرلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىگە مەسئۇل. دۆلەتنىڭ مائارىپ باشقۇرۇش ئشلىرىغا دۆلەتلىك مائارىپ بۈروسى مەسئۇل بولۇپ ، ئۇ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا ۋاستە قارايدىغان ئورگان. ئۇنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىسى دۆلەتنىڭ مائارىپ قانۇنلىرى ۋە تەلەپ ،نىشانلىرىنىڭ يەرلىكتە تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بولۇپ ، مەكتەپلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش،باھالاش ئېلىپ بېرىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى ئۆتەيدىغان بولۇپ مەلۇم دەرىجىدە ئۆز _ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. يەرلىكتە بولسا ھەرقايسى شەھەرلىك ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىگەن قانۇنلار ئاساسىدا مەكتەپلەر ئۈستىدە مائارىپ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدۇ.مەكتەپلەر بولسا مائارىپ بۈروسى بەلگىلىگەن ئوقۇش پىلانى ،دەرسلىك تىزىسى ۋە ئوقۇتۇش نىشانىغا چوقۇم يېتىشى كېرەك. ھەرقايسى شەھەرلىك ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس تەشكىللەنگەن كومىسسىيونلىرى بولۇپ ،ئۇلار يىلدا بىر قېتىم مەكتەپلەرگە بېرىپ بىر ھەپتە ئەتراپىدا تەكشۈرۈشتە بولىدۇ. ئۇلار ئيرىم ئايرىم ئوقۇغۇچىلارنى، ئوقۇتقۇچىلارنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە دەرسخانىلارغا كىرىپ دەرس ئاڭلايدۇ. ئاندىن بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي نازارەت دوكلادى يېزىپ ئۇنى خەلق ھۆكۈمىتى تور بېتىگە قويۇپ بېرىدۇ . يەنە مۇھىت ئىدارىسىمۇ يىلدا بىر قېتىم مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مۇھىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ دوكلاتنى توردا تارقىتىدۇ. كىشىلەر بۇ خىل دوكلاتلار ئارقىلىق مەكتەپلەرنى ئۆزارا سېلىشتۇرۇپ باھالاش ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ.باشقىچە ئېيتقاندا خەلق ئاممىسى مەكتەپلەرنى بىۋاستە نازارەت قىلىدۇ، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە خەلقنىڭ دېموكراتىك ھالدا مەكتەپ تاللاش مۈمكىنچىلىكىنى ئۆستۈرىدۇ.  
       مەكتەپلەرنىڭ تۈرلىرى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
        شىۋېتسىيىدە 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، بالىلار 1_5 قىچە يەسلىگە بارىدۇ،6_7 ياشقىچە تەييارلىق سىنىپىغا بارىدۇ، 7 _16ياشقىچە ئاساسىي مەكتەپ (1 _يىللىقتىن 1تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 9 _يىللىقىغىچە)كە بارىدۇ.17ياشتىن 19 ياشقىچە تولۇق ئوتتۇرا يەنى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە بارىدۇ.ئاندىن ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇسا بولىدۇ.ئۇندىن باشقا شىۋېتسىيىنىڭ چوڭلار مائارىپىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. يىلدا ئىككى ئوقۇش مەۋسۈمى بولۇپ ھەر پەسىلدە بىر قېتىم تەتىل بولىدۇ.يەسلى:شىۋېتسىيىدە بالىلار 1 ياشقا توشقاندىن باشلاپ ئاتا_ئانىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئولتۇراق رايون تەۋەلىكىگە قاراپ ئۆيگە يېقىن جايدىكى يەسلىلەرگە قوبۇل قىلىنىدۇ ياكى ئۆچىرەتكە تۇرغۇزۇپ قويۇلىدۇ.
       يەسلىلەر بىرقانچە خىل بولۇپ كۆپ ساندىكى بالىلار بارىدىغىنى بالىلار باغچىسى بولۇپ،بۇ يەردە 1_5 ياشقىچە بالىلار تەربىيىلىنىدۇ. يەسلىلەرنىڭ ئاساسلىق ئوقۇتۇش ۋە تەربىيىلەش نىشانى بالىلارنىڭ ئۆزى مۇستەقىل ھالدا جاۋاپ تېپىشى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشتۇر.يەسلى مائارىپى ئويۇن، بالا تەربىيىلەش ۋە بىلىم بېرىش بىر گەۋدىگە ئايلانغان مائارىپتۇر.
       شىۋېتسىيە مەكتەپلىرىدە ئويۇن ئويناش _بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.ئويۇن ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش، ياشاش ،ئىقتىدارى شۇنداقلا ھۆكۈم قىلىش، كىشىلەر ئارا مۇناسىبەت ئورنىتىش ئىقتىدارىنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.ئاتاقلىق ئېنگىلىز پەيلاسوپى جون لوك مۇ بۇ ھەقتە مۇنداق ئېيتقان:"بالىلار ئويۇن ئارقىلىق بىلىم ئېلىشى كېرەك، چۈنكى ئويۇن ئارقىلىق ئۇلارئۆز ئاكتىپچانلىقىنى يېتىلدۈرۈپ ئىندىۋىدۇئالىققا ئىگە بولىدۇ، بۇ بالىلارنى بىلىمگە قىزىقتۇرۇشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى."يىغىنچاقلىغاندا يەسلى مائارىپى بالىلارغا بىر خىل كۆڭۈللۈك، بىخەتەرھەم قىزىقارلىق تۇيغۇ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بالىلاريەسلىدە ياش ئايرىمىسىغا قاراپ گۇرۇپپىلارغا ئايرىلغان بولۇپ ھەسەل ھەرىسى گۇرۇپپىسى، خانقىز گۇرۇپپىسى، يىلپىز گەۇرۇپپىسى دىگەندەك چىرايلىق ناملىرى بار.
       بۇ يەردە بالىلار بەزى كۈنلىرى گۇرۇپپىلار ئىچىدە پائالىيەت قىلسا بەزىدە گۇرۇپپىلار ئۆزارا بىرلىشىپ ،ھەر خىل ياشتىكى بالىلار ئارىلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بالىلارنىڭ كىچىكىدىنلا ئىجتىمائىي مۇناسىبەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ، باشقىلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزارا ھەمكارلىشىش ئېڭىنى يېتىلدۈرىشىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بالىلارنىڭ پائالىيىتىدە تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى ئەڭ كۆپ بولىدۇ .يەسلىدە بالىلار ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم ھاۋانىڭ قانداق ناچار بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئورمانلىققا بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە بەزىدە يوپۇرماق يىغسا بەزىدە بەزىدە تۈرلۈك ھايۋانلارنى كۈزىتىپ كېلىدۇ. ئاندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاشۇ يىققان يوپۇرماقلىرى بىلەن ئۆز قوللىرىدا تۈرلۈك گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساپ چىقىدۇ. شىۋېتسىيە سەنئەتكە ناھايىتى چوڭ كۈچ سەرپ قىلىدىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، ھەتتا يەر ئاستى تۆمۈر يوللىرىنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەنئەت مۇزىيى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان سەنئەت نامايەندىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.شۇڭا شىۋېتسىيە مائارىپى بالىلارنىڭ كىچىكىدىنلا سەنئەت تۇيغۇسىنىڭ يېتىلىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككىنچى خىلى ،ئوچۇق شەكىلدىكى يەسلى بولۇپ ئائىلىدە بالىغا قاراش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك رۇخسەت ئالغان ،خىزمەتكە بارمايدىغان ئاتا_ئانىلارغا ماس كېلىدۇ.بۇ خىل يەسلىلەرگە ئاتا_ئانا ۋە بالىلار بىرلىكتە بارىدۇ ۋە بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل يەسلىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى،پائالىيەت قىلىش ۋاقتى قىسقىراق بولۇپ،بالىلار ئويۇنلىرىنى ئويناش، ناخشا ئۆگىنىش ۋە تاماق ئېتىش،پىشۇرۇق پىشىرۇش ۋە باشقا پائالىيەتلىرى بولىدۇ. بۇلارنىڭ پائالىيىتى ئادەتتە يېرىم كۈن ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ.بالىلارمۇ باشقا بالىلار بىلەن ئۇچرىشىپ بىللە ئوينىيالايدۇ، ئاتا-ئانىلارمۇ باشقا ئاتا-ئانىلار بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۆزارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۇچۇر ئېلىش ، يېڭى تاماق رېتسىپلىرىنى ئۆزارا ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئۈچىنچى خىلى، ئائىلىۋىي يەسلى بولۇپ، بالا باققۇچى 10_15 بالىغا ئۆز ئۆيىدە قارايدۇ، بۇ خىل يەسلىلەرمۇ مائارىپ بۈروسىنىڭ تەلىپى بويىچە پىداگوگىكا ئۆلچىمىدە بالا تەربىيىلەشنى نىشان قىلىدۇ.
       تەييارلىق سىنىپى:
       تەييارلىق سىنىپىدا بولسا بالىلارغا يەنىلا ئويۇننى ئاساس قىلغان ئاساستا ، ئۇلارغا مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈش ۋە مەكتەپ بىلەن يەسلىنىڭ پەرقلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، كۈزۈتۈش، سۆزلىشىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆز قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى نىشان قىلغان .ماتېماتىكا دەرسىدە بالىلارغا ھەرخىل گېومېتىريىلىك شەكىللەر ۋە جىسىملار ئارقىلىق بالىلارنى تەدرىجى ھالدا سان_ساناق ۋە ھەرپلەر دۇنياسىغا بشلاپ كىرىدۇ.بۇ باشقۇچتا بالىلارنىڭ بىردىن ئونغىچىلىك سانىيالىشى ۋە مىقدار ئۇقۇمىنى ئىگلىشى، سائەتنى تونۇشى نىشان قىلىنىدۇ. تىل دەرسىدە بولسا بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىش ۋە ئەركىن پىكىر قىلغۇزۇش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ بالىلارنى تىياتىردا رول ئېلىپ ئوينۇتۇش، بالىلارغا ئۆزلىرى خالىغان بىر ھېكايىنى قەغەز يۈزىدە سىزغۇزۇپ چىقىش، بەزىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەپ بەرگەن چۆچىكىنىڭ ئاخىرىنى خالىغانچە داۋاملاشتۇرۇپ سۆزلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردە ئۆتىلىدۇ.بالىلارنى يەنە مىللىي روھتا تەربىيىلەش ۋە مىللىي ئەن_ئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنە خىرىستىيان دىنى بايراملىرىدا چېركاۋنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇش،دىنىي بايراملار تېما قىلىنغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ياسىغۇزۇش، كېسىش چاپلاش ئارقىلىق بايراملارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشەندۈرۈش شىۋېتسىيە مەكتەپلىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئوقۇتۇش مەزمۇنى.باشقا دىندىكى بالىلار بولسا خالىمىسا چېركاۋغا بارمىسىمۇ يول قويۇلىدۇ.ئاساسي مەكتەپ: يەنى جۇڭگودىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ قوشۇلمىسى بولۇپ، ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئاساسىي مەكتەپلەردىن باشقا يەنە خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى مەكتەپلەر ۋە مېيىپ بالىلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئالاھىدە مەكتەپلەر بار. بۇ خىل مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدىلا مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ دەرس پىلانىنى بىردەك ئجرا قىلىنىدۇ. خۇسۇسىي مەكتەپلەر ئىش بېجىرىش جەريانى تېخىمۇ تېزرەك بولۇش ۋە ئىقتىسادنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.خۇسۇسىي مەكتەپلەردىمۇ ھەقسىز ئوقۇش يولغا قويۇلغان. بارلىق ئوقۇغۇچىلار يەنى مەيلى شەھەر بولسۇن ياكى يېزا قىشلاق بولسۇن ھەر بىر خىل دەرس تۈرى ئۈچۈن ئوخشاش بولغان سائەتلىك پىلان بويىچە دەرس ئاڭلايدۇ. دەرس ئۆتۈش ئۇسلۇبى يەنە ھارقايسى مەكتەپلەرنىڭ يەرلىك ئوقۇتۇش پىلانى بويىچە ئۆز ئالدىغا ئۆتۈلىدۇ. بارلىق ئوقۇغۇچىلار شىۋېت تىلى ئەدەبىياتى، ئېنگىلىزچە، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، تارىخ، دىن ۋە جەمئىيەت بىلىملىرى، بىئولوگىيە، فىزىكا،خىمىيە، تېخنىكا، رەسىم، ئائىلە باشقۇرۇش بىلىمى، ساغلاملىق ۋە تەنتەربىيە، مۇزىكا، توقۇلما بۇيۇم ھۈنەرۋەنچىلىكى ، ياغاچچىلىق ھۈنەرۋەنچىلىكى ۋە يەنە بىر خىل چەتئەل تىلى مەسىلەن سپانچە، نېمىسچە قاتارلىق دەرسلەرنى مەجبۇرى ئوقۇيدۇ. تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرس قاتارىدا بولسا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ئوقۇشنى پىلانلىغان كەسىپ ياكى ئەھلى بولۇشنى خالىغان بىرەر دەرسنى چوڭقۇرلاپ ئوقۇسا بولىدۇ.
       شىۋېتسىيە مەكتەپلىرىدە باشلانغۇچتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچىلىك دەرسلىك كىتاپلار بىكارغا تارقىتىلىدۇ. لېكىن بۇ كىتاپلارنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ساقلاپ قالمايدۇ، يۇقىرى يىللىققا كۆچكەندىن كېيىن كېيىنكى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قالدۇرۇلىدۇ. ھەر بىر سىنىپتا تۈرلۈك لۇغەتلەر، ئەدەبىي كىتاپلار كىتاپ ئىشكاۋىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قويۇپ قويۇلىدۇ. مەكتەپلەردە كومپۇتېر مېدىئا ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ ، كومپۇتېر زالىدىن باشقا كوررىدورلارغىمۇ كومپۇتېر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شىۋېتسىيىنىڭ تور ئوقۇتۇشى تەرەققىي قىلغان بولۇپ بارلىق مەكتەپلەرنىڭ تورئادرېسى بار. كۆپ قىسىمدىكى مەكتەپلەرئېلان_ ئۇقتۇرۇش، پائالىيەتلىرىنى توردا ئاتا_ئانىلارغا خەۋەر قىلىدۇ.ئوقۇغۇچىلارمۇ تاپشۇرۇقلىرىنى توردا يوللاپ، نەتىجىسىنى توردىن كۆرىۋالىدۇ.
       يەنە بىر تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شىۋېتسىيىدە شەخسىينىڭ مەخپىيەتلىكىگە ۋە خۇسۇسىي ئىشلىرىغا يۈكسەك ھۆرمەت قىلىنغان بولۇپ، باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپلەرگىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىىسى بىر بىرىگە ئاشكارىلانمايدۇ ھەم دەرىجىگە تىزىپ رەتكە تۇرغۇزۇلمايدۇ. يىلدا مەۋسۈم باشلانغاندا بىر قېتىم كوللېكتىپ ئاتا ئانىلار يىغىنى ئېچىلىدۇ ۋە مەكتەپ توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇچۇر بېرىلىدۇ ، بۇ يىغىن ھەر زامان كەچلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئېچىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ھەر مەۋسۈمدە بىر قېتىم ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشىپ ئوقۇغۇچىنىڭ مەۋسۈملۈك نەتىجىسى شۇ چاغدا ئۆزىگە ئۇقتۇرىلىدۇ ۋە بۇندىن كېيىنكى ئوقۇش پىلانى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پىلانىنى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى كېلىشىپ بىرگە تۈزۈپ چىقىدۇ. بۇ خىل كۆرۈشۈشكە ئاتا ئانا ،ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى بىردەك ئىشتىراك قىلىدۇ.  ئاساسىي مەكتەپ باسقۇچىدا كۆپ ھاللاردا ئوقۇغۇچىلارنى مەلۇم تېما ئاساسىدا تەكشۈرۈش تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ۋە سىنىپتا بۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش شەكلىدە دەرس ئۆتىلىدۇ. بۇنىڭغا بىر مىسال ئالساق، مېنىڭ ئوغلۇم باشلانغۇچنىڭ 1_يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئۇلار "ئۆچكە"دىگەن تېمىدا بىر ئاي ئەتراپىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. دەسلەپكى ھەپتىسى ئۇلارغا ئۆچكىنىڭ رەسىمىنى سىزدۇرۇپتۇ ۋە ئۆچكىنىڭ قانداق مۇھىتتا ياشايدىغانلىقى، نېمىلەرنى ئوزۇق قىلىدىغانلىقى، بالىلىرىنىڭ ۋە ئەركەك چىشىسىنىڭ ئايرىم _ئايرىم ھالدا نېمە دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى سىنىپتا چۈشەندۈرۈپتۇ.ئىككىنچى ھەپتىسى ئۇلارنى"ئارلا"ماركىلىق بىر داڭلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى شېركىتىنىڭ قارمىقىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىغا باشلاپ ئاپىرىپتۇ. بالىلار ئۇ يەردە تىراكتۇرغا چۈشۈپتۇ، ئۆچكىلەرنى سېغىپ كۆرۈپتۇ ۋە سۈت يىمەكلىكلىرى بىلەن مېھمان قىلىنىپتۇ. ئۈچىنچى ھەپتىسى ئۇلار بالىلارغا بىر دېھقانچىلىق فېرمىسىنىڭ قەغەزدىن ياسالغان مودېلىنى قۇراشتۇرۇشقا تاپشۇرۇق بەردى.ئۇنىڭغا ئائىلىدە بىزمۇ ياردەملەشتۇق.شۇنداق قىلىپ ئاڭ ئاخىرقى ھەپتىسى مەكتەپتىن بالىلارغا ئۆچكىدىن قانداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغىلى ۋە ئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ دىگەن تېمىدا بىر ۋاراق تاپشۇرۇق بېرىلدى ۋە بۇنى كېلەركى ھەپتە تاپشۇرۇشقا ۋاقىت بېرىلدى. دېمەك بۇ يۇقىرىدىكى مىسالدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى ئويلاندۇرۇش، ھەرىكەت قىلغۇزۇش ، قولىنى ئىشقا سالغۇزۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەقلىي ، ھېس تۇيغۇ، ئەمەلىيەتچانلىق ۋە ئېستىتىكا تۇيغۇ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش مەقسىدىگە يەتكەن.

        شىۋېتسىيىدە يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچىلىك ھەر كۈنى چۈشتە بىر ۋاق تاماق بىكارغا بېرىلىدۇ. تۆۋەن يىللىقتىكى سىنىپلارغا چۈشتىن كېيىن يەنە بىر ۋاق تېز تاماق بېرىلىدۇ. لېكىن جۇڭگو مەكتەپلىرىدىكىدەك ئۇزۇن چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى بولمايدۇ. 
        ئاساسىي مەكتەپلەردە دەرسلەر ئادەتتە سائەت 8دىن 13 گىچىلىك بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار ئائىلىگە قايتسىمۇ بولىدۇ ياكى ئاتا ئانىلىرى ئائىلىدە قاراشقا ئىمكانى بولمىغان بالىلار يەنە بىر خىل پىداگوگىكا گۇرۇپپىسى بولغان ناملىق بۆلۈمگە بارسا بولىدۇ. بۇ خىل بۆلۈملەر ھەر بىر مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇ يەردە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن پىداگوگىكا خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر خىل تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.بۇنىڭغا ئوقۇغۇچىلادىن ئائىلىۋىي كىرىمىنىڭ 2پىرسەنتى بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ، كىرىمى تۆۋەن بولغان ئائىلىلەردىن ھەق ئېلنمايدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ: شىۋېتسىيىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەجبۇرى مائارىپ ئەمەس. لېكىن 90پىرسەنت ئوقۇغۇچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇيدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپ ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى مەكتەپ دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.ئاساسىي مەكتەپلەرگە ئوخشاش تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلارنىڭ ھەممىسىدە بىردەك مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە ئۆلچىمى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. شىۋېتسىيىدە كۆپ ساندىكى مەكتەپلەر كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا شەكلىنى ئالغان بولۇپ ، 3 يىللىق مۇددەتتە ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتكە چىقىپ بىۋاستە خىزمەت قىلغۇدەك مۇكەممەل ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ، ۋە مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا ئۆز لېنىيىلىرى بويىچە ئىش ئىزلەيدۇ. 2005-يىللىق ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا شىۋېتسىيە بويىچە ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇيدىغانلار ئاران 43 %بولغان. شىۋېتسىيىدە تولۇق ئوتتۇرىنى لاياقەتلىك پۈتتۈرگەنلەرگە ستودېتلىق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ. ھەرقايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى تەسىس قىلىنغان كەسىپلەر ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆز قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى بويىچە مەكتەپلەرنى تاللاپ توردا ئىلتىماس قىلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرىش ئۈچۈن بىر تۇتاش دۆلەتلىك قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئېلىنمايدۇ. شىۋېتسىيىدە لاياقەتسىز، لاياقەتلىك، ياخشى، ئەلا دىن ئىبارەت 4 خىل نەتىجە دەرىجىسى يولغا قويۇلغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 9-سىنىپتىكى ئاساسىي پەنلەر يەنى ماتېماتىكا، شىۋېت تىل- ئەدەبىياتى ۋە ئېنگىلىزچە نەتىجىسى لاياقەتلىك بولسىلا يېتەرلىك. ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىغا ئوتتۇرا مەكتەپ قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بىر تۇتاش مەسئۇل بولۇپ ھەرقايسى مەكتەپلەرگە شۇ مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكىنى يوللايدۇ. جۇڭگو مەكتەپلىرىدىكى بوسۇغىسى ناھايىتىمۇ ئىگىز بولغان نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە كىرىش ئۈچۈن تاپشۇرۇلىدىغان رايون ئاتلاش پۇلى، تۆلەم پۇلى دىگەندەك ھەقلەر ئۈچۈن ئاتا_ئانىلار گېلىنى ئېسىپ قويۇپ بولسىمۇ تۈمەنلەپ پۇل تۆلەشنى خالايدىغان ئەھۋاللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا شىۋېتسىيىدە ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ كەڭ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ۋە ئۆز قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

          تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 17 تۈرلۈك پروگرامما بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئاساس سالىدىغان كەسىپلەردىن ئىبارەت.بۇ پىروگراممىلارنىڭ ئىچىدە شىۋېت تىلى ،ئېنگىلىزچە ، دىن، ساغلاملىق تەنتەربىيە، جەمئىيەت بىلىملىرى، ئېستېتىكا، تەبىئەت دەرسلىرى مېغىزلىق كەسىپلەر بولۇپ بۇلار مەجبۇرىي ئوقۇلىدىغان دەرسلەر.قالغان كۇرسلارنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تاللىغان پىروگراممىنىڭ خاراكتېرى بويىچە قوشۇپ تاللاپ ئوقۇيدۇ.بىر سىنىپتا ئادەتتە 18_30 گىچە ئوقۇغۇچى بولىدۇ ۋە ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزلىرى تاللىغان كۇرسلىرىغا ئاساسەن بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان دەرسلىك سېتكىسى بولىدۇ.بىر سىنىپنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇشنى خالايدىغانلار بىلەن تولۇق ئوتتۇرىنىلا پۈتتۈرۈشنى خالايدىغانلارنىڭ دەرسلىك پىلانىمۇ ئوخشىمايدۇ. جۈملىدىن كۇرسلارنى تاللاپ ئوقۇش ناھايىتى ئەركىن ۋە ھەرىكەتچان بولۇپ ،ئۆزارا بىرىكتۈرۈپ ئۆز پىروگراممىسىنىڭ تەلەپ ئۆلچىمى بويىچە ئومۇمىي نومۇرنى توشقۇزۇپ ئوقۇسىلا كۇپايە بولىدۇ.  تولۇق ئوتتۇرىدىكى دەرسلەرمۇ ناھايىتى جانلىق ، ئەمەلىي .ئۆتۈلىدىغان بولۇپ ئادەتتە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن 17 خىل پىروگراممىنىڭ ئىچىدە 15 تۈرلۈك پىروگراممىنىڭ ھەر بىرىنىڭ 15 ھەپتىلىك(3 يىل جەريانىدا ) پىراكتىكاجەريانى بولىدۇەر بىر ئوقۇغۇچى بىر يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاخىرقى يىلى ئۆزلىرى تاللىغان بىر خىل تەتقىقات تېمىسى بويىچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ تاپشۇرىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش نەتىجىسىدە خېلى كۆپ پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ.

         ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىدە بولسا دەرسلەر نەزەرىيىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا بەزىدە فىلىم قويۇش، ئۈن ئالغۇ ئاڭلاش، مۇزىي،شەخسلەر ۋە باشقا كۆرگەزمە، مىچىت ، چېركاۋ قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە ئۆتۈلسە، تەبىئىي پەن كەسىپلىرى تەجرىبە ئىشلەش، زاۋۇت، شىركەتلەرنى زىيارەت قىلىش ۋە باشقا شەكىللەردە ئوبرازلىق ئۆتۈلىدۇ. شىۋېتسىيە مائارىپ بۈروسىنىڭ توردىن ئېلىنغان بىر پارچە دوكلادىدا ئۆستېرشۆن شەھىرىنىڭ پالمكرانتېس مەكتىپىنىڭ جەمئىيەت بىلىملىرى دەرسىدىن بېرىلگەن بىر قېتىملىق تاپشۇرۇقى ھەققىدە مۇنۇلار بايان قىلىنغان بولۇپ، ئوخشاش بىر دەرسنىڭ ئئوخشىمىغان كەسىپلەرگە تەدبىقلىنىشى پەرقلىق بولغان.جەمئىيەتشۇناسلىق پروگراممىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا شىۋېتسىيە ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ھەققىدە دېگەن تېمىدا ئىزدىنىپ كېلىشكە بۇيرۇلۇپ، شىۋېتسىيىنىڭ قانداق قىلىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتىن تەرەققىي قىلغان سانائەت دۆلىتىگە ئايلانغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىشكە ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇلارغا شىۋېتسىيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر روماننى ئوقۇپ كېلىشكە تاپشۇرغان. بۇ تېما سىياسەت ، تارىخ، شىۋېت تىل_ئەدەبىياتى ۋە جۇغراپىيە بىلىملىرىگە چېتىشلىق بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقنى ھەم يازمىچە ھەم ئېغىزچە ئۇسۇلدا ئورۇندىشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوقۇتقۇچى تۆۋەندىكى تاپشۇرۇق ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتنى گەۋدىلىك، ئومۇمىي كۆرۈنۈش جەھەتتىن چۈشۈنىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ جەمئىيەت ھادىسىلىرىگە قارىتا ئىجابىي ۋە تەنقىدىي پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، ھەرقايسى قاتلاملارئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەتنى ئۆز قاراشلىرى ئارقىلىق خۇلاسىلەپ بېرەلەيدىغان ،شۇبداقلا باھالىيالايدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان. مېھمانخانا_رېستۇران كەسپى يەنى ئاشپەزلىك پىروگراممىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلگەن تاپشۇرۇقنىڭ مەزمۇنى بولسا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ۋىلايەتنىڭ يىمەكلىك ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا تېما تاپشۇرۇلغان.ئاشپەزدېگەن سۆزنىڭ سۆز مەنىسىدىن ئالساقمۇ تاماق ئەتكۈچى دېگەنلىك بولىدۇ.لېكىن تاماقنىڭ ئۆزى خام ئەشيادىن تارتىپ تاكى يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ئۇقۇملىرىغىچە بېرىپ چېتىلىدۇ.يەنىمۇ چوڭقۇرلايدىغان بولساق، مۇھىت ئاسراش، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق قاتارلىق خەلقارالىق قىزىق نۇقتىلارغا بېرىپ تاقىلىدۇ.ئوقۇتقۇچىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلارنى چىقىش قىلىپ، بۇنى يەرلىك تاماق مەدەنىيىتى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە تاپشۇرغان. بۇ خىل تېمىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىقتىساد، خىمىيە ، بىئولوگىيە ، ئېنگىلىزچە دەرسلەردە ئۆگەنگەن ئومۇمىي بىلىملەرنى دوكلاد قىلىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

          ئالىي مەكتەپ: شىۋېتسىيىدە 50تىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بولۇپ ،مۇتلەق كۆپ قىسمى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەر، بىر قىسىملىرى يەرلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق مەكتەپلەر يەنە بىر قىسىملىرى شەخسىي مەكتەپلەردىن بولۇپ 300000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار.مەيلى سىۋېتسىيە پۇقراسى بولسۇن ياكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بولسۇن بىردەك ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ، ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇش پۇلىنى ئۆزى كۆتىرىشى كېرەك.دۇنياغا داڭلىق ھەم قەدىمىي ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن چالمېرس ئۇنىۋېرسىتېتى، ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتى، لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى ، ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى،گوتېبورىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلاربار.بۇ ئۇنىۋرسىتېتلاردا ماگېستېرلىق، دوكتۇرلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇلانسىمۇ بولىدۇ. ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېراسمۇس دەپ ئاتىلىدىغان بىر پىروگراممىسى بولۇپ ، ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 3_مەۋسۈمىدىن باشلاپ سپانىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھەقسىز ئۆزكەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇسا بولىدۇ. شىۋېتسىيىدە ئالىي مەكتەپكە كىرىش دۆلەتلىك ئىمتىھانى ئېلىنمايدىغان بولۇپ ،پەقەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى دەرسلىك نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە قاراپ قوبۇل قىلىنىدۇ.لېكىن خالىغانلاريەنە ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ. چۈنكى بەزى بازىرى ئىتتىك كەسىپلەر مەسىلەن پىسخولوگىيە، دوختۇرلۇق ،قانۇن كەسىپلىرىگە كىرىشتە رىقابەت ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىش-قوبۇل قىلىنىش مۈمكىنچىلىكىنى ئاشۇرىدۇ.  ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، دەرسلەر كۆپىنچە ھالدا لېكسىيە ئاڭلاش، سېمىنارىيۇم يەنى ئەركىن مۇزاكىرە شەكىللىرىدە ئۆتىلىدۇ.ئىمتىھانلار زالدا ئېلىنىدىغان ئىمتىھان ۋە ئائىلىدە ئېلىنىدىغان ئىمتىھان دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدىغان بولۇپ، بەزىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ قويغان سوئاللىرىغا جاۋاپ يېزىش ۋە بەزىدە ئايرىم بىر تېما ئۈستىدە ئىزدىنىش بولىدۇ.ئادەتتە 500_ 2000خەت ئەتراپىدا ماقالە يېزىپ تاپشۇرىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار كۆپلەپ كىتاپ ئوقۇشقا، ماتېرتىيال توپلاشقا توغرا كېلىدۇ.ئوقۇغۇچىلار يەنە ئۆز كەسپىدىكى باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان كەسىپلەرنى ئوقۇشتىن سىرت يەنە باشقا فاكۇلتىتتىكى كەسىپلەرنى تاللاپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، بۇ خىل كەسىپلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇنۋان ئېلىشقا نومۇر بەرمەيدۇ لېكىن ئۆز قىزىقىشى بىلەن ئوقۇسا يەنە بولىدۇ.

       -ئۆكتەبىر ، ستوكھولم

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.