تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر(17)

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-21 11:51:00

17- پارچە خەت روھىي ئازادىلىك ئەڭ مۇھىم سالام سابا، ۋەتەندە چېغىمدا چەت ئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەرنىڭ ئاغزىدىن «چەتكە چىقىپ ئوقۇماق تەس» دېگەن گەپنى ئاڭلىغان چېغىمدا «پەقەت چىدام -غەيرەت بولسىلا...

    17- پارچە خەت

    روھىي ئازادىلىك ئەڭ مۇھىم

    سالام سابا،

       ۋەتەندە چېغىمدا چەت ئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەرنىڭ ئاغزىدىن «چەتكە چىقىپ ئوقۇماق تەس» دېگەن گەپنى ئاڭلىغان چېغىمدا «پەقەت چىدام -غەيرەت بولسىلا ھەرقانداق جاپانى يەڭگىلى بولىدۇغۇ، ئۇلار تارتقان جاپاغا مەن دۇچ كەلسەم چوقۇم يېڭەلەيمەن»دەپ ئويلايتتىم.

    مانا ئۆز خىراجىتىم بىلەن بۇ زىمىنغا قەدەم باسقىنىمدىن كېيىنلا ئۇلار دېگەن قىيىنچىلىقنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىمدىن نەچچە ھەسسە قىيىنلىقىنى تونۇپ يەتتىم. بۇ قىيىنچىلىق پەقەت تىل ئۆتكىلى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى روھىي جەھەتتە سىز دۇچ كېلىدىغان تۈرلۈك روھىي ئازابلارغا، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىڭىز ئىكەن!

       ئەلۋەتتە، دەسلەپ كەلگەن چاغلىرىمدا «تىل ئۆتكىلى» ئالدىمدىكى ئاجايىپ چوڭ توساق بولۇپ تۇيۇلغان ئىدى،ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ سۆزلىرىنى قانچە دىققەت قىلىپ ئاڭلىساممۇ چۈشىنەلمەيتتىم، ئوقۇتقۇچۇم ۋە ساۋاقداشلىرىم مېنىڭ ئەھۋالىمنى بىلگەچكە سۆزنى دانىمۇ- دانە ئالدىرىماي سۆزلىگىنى بىلەن كۇتۇپخانا خادىملىرى ۋە باشقا مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىكىلەرنىڭ شارىلداپ سۆزلىگەن سۆزلىرىنى چۈشىنەلمەي خېلىلا قىينالدىم، لۇغەت ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ،شەرەت قىلىپ دېگۈدەك ئۆز مەقسىدىمنى ئۇلارغا ئۇقتۇراتتىم. شۇ چاغلاردا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك يارىماس،ھەتتا بەزىدە شۇنچىلىك دۆت ھېس قىلاتتىم، راۋان سۆزلەشنى ئارزۇ قىلغانسېرى گەپلىرىم قولاشمايتتى.

       ئەنە شۇ كۈنلەردە تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە جۇلىيا بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، 50 ياشلاردىن ھالقىغان بۇ ئايالنىڭ ماڭا دەسلەپ بەرگەن تەسىرى تولىمۇ قىزغىن، سەمىمى بولدى. پاراڭخۇمار بۇ ئايال ئۆزىنىڭ يالغۇز تۇرىدىغانلىقى، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان ئامېرىكىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا بەك ئامراقلىقىنى، ئىلگىرى بۇ يەرگە ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغانلىقىنى ماڭا ئاجايىپ زوق بىلەن سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئامال بار ئەڭ ئاددى سۆزلەر بىلەن مەقسىدىنى ئۇقتۇراتتى. ئۇ ئايال توغرىلىق ۋەتەندىكى چېغىمدا بىر تونۇشۇمدىن ئاڭلىغان ئىدىم، شۇڭا شۇ كۈنى بۇ ئايال كۆزۈمگە بۆلەكچىلا ئىسسىق كۆرۈندى. شۇ كۈنى ئۇ مېنىڭ قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقىمنى سوراپ قالدى، مەن مالايىشىيالىق بىر مۇسۇلمان قىز بىلەن تۇرۇۋاتقىنىمنى دەپ بەرگىنىمدە ئۇ تۇيۇقسىز ئېغىز ئېچىپ «مېنىڭ 3 ئېغىز كەڭتاشا ئۆيۈم بار، ئۆزۈم يالغۇز بولغاچقا بەكلا زېرىكىمەن، ئەگەر خالىسىڭىز مەن بىلەن تۇرسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى، پەقەت سۇ ۋە توك پۇلىنىلا تۆلىسىڭىز بولدى، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقلىرىنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن،»دېدى.

       ئۆز خىراجىتى بىلەن بۇ يەردە ئوقۇۋاتقان، تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ بولمىغاچقا تېخى ئىشلىگۈدەك بىرەر ئىش تاپالمىغان ماڭا نىسپەتەن بۇ تولىمۇ ياخشى تەكلىپ ئىدى. مەن ئۇنىڭغا بۇ تەكلىپنى ئويلىشىپ باقسام بولىدىغانلىقىنى ئەيتىپ ياتىقىمغا قايتىپ كەلدىم. ئالدىنقى خەتلىرىمدە بايان قىلغىنىمدەك دەل شۇ كۈنلەردە ياتاقدىشىم بائىمەنىڭ نىيۇيوركتىن كەلگەن ئوغۇل دوستى شۇ ئۆيدە قونۇپ يۈرەتتى، گەرچە ئۆيلىرىمىز ئايرىم بولسىمۇ، لېكىن مەن بەكلا بىئەپ ھېس قىلاتتىم، بائىمەنى كۈندۈزى كۆرگىلى بولمايتتى، يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا قايتىپ كېلىپ دوستلىرى بىلەن مېھمانخانىدا خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئولتۇرۇشاتتى، شۇڭا ئامال بار ۋاقىتنى پەستىكى دەرس تەكرارلاش ئۆيىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولاتتىم....

       مانا مۇشۇلارنى ئويلاپ ، جۇلىيانىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بارسام ھەر ھالدا تۇرمۇشۇم نورمال قېلىپقا چۈشۈپ، جىمجىت كىتاب كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپ قالارمەن، پاراڭخۇمار بۇ يالغۇز ئايال بىلەن ئىنگلىز تىلىنى پىراكتىكا قىلىشقىمۇ بولىدىغۇ دېگەن ئويغا كەلدىم. لېكىن نېمىشقىدۇر يەنە سەل ئىككىلىنىپ تۇراتتىم، جۇلىيانىڭ مەندىن ئۆي ئىجارىسى تەلەپ قىلماي «پەقەت سۇ ۋە توك پۇلىنىلا تۆلىسىڭىز بولدى، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تامىقىغا ئامراق!» دېگەن سۆزىنى ئويلىغىنىمدا، «ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بارسام، ئۇنىڭ قانداق تەلەپلىرى بولغىيدى؟» دېگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن كەچۈردۈم-دە يەنە سەل ئىككىلىنىپ قالدىم.

       بىر ھەپتىلەردىن كېيىن بولسا كېرەك، جۇلىيا تېلېفون بېرىپ، ئۆتكەنكى تەكلىپىنى ئويلىشىپ باققان-باقمىغانلىقىمنى سورىدى ۋە مېنىڭ ئۆيىگە بىر بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىمنى تەكلىپ قىلدى.

       ئۇ ئايالنىڭ بۇ قەدەر قىزغىنلىقى مېنى راستلا تەسىرلەندۈرگەن ئىدى، رازىيەدىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىنىمدا ئۇ ماڭا ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈل، ئەمما يالغۇزلۇقتا تۇرىۋېرىپ بەكلا پاراڭخۇمار بولۇپ كەتكەن ئايال ئىكەنلىكىنى، ئەگەر قولۇمدىن كەلسە ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بىرەر ۋاق تاماق ئېتىپ بەرگەچ ئىنگلىز تىلىنى پىراكتىكا قىلىشنى ئويلىشىپ باقسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن راستلا ئويلىنىپ قالدىم، ھېلىمۇ ھەر كۈنى كەچلىك تاماق قىلسام ئۇيغۇرلارنىڭ كۆنگەن ئادىتى بويىچە بائىمەنى تاماققا چاقىراتتىم، ئۇ يوق بولسا تېخى تاماق ئېلىپ قوياتتىم، ئۇ مېنىڭ ئەتكەن تاماقلىرىمغا ئوبدانلا كۆنگەن بولۇپ، تامىغىمنى ماختاپ تۇرۇپ يەيتتى. ئۇنىنغا ھەر ئايدا ئۆي ئىجارىسى ئۈچۈن 350 دوللار تۆلىگەندىن سىرت، ئۆز پۇلۇمغا كۆكتات ئېلىپ ئەتكەن تاماقلىرىمغا ئۇنى تەكلىپ قىلىپ تۇراتتىم، ئەلۋەتتە ئۇمۇ ئارىلاپ دوستلىرى كەلگەندە تاماق قىلاتتى ۋە مېنى تەكلىپ قىلاتتى. ئەگەر جۇلىيانىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بارسام ھېچ بولمىغاندا ئۆي ئىجارىسىنىڭ يېرىمىنى تېجەپ قالالايتتىم، كۆڭلۈمدە شۇنداق ئويلىدىم "مەيلى ئەمەسمۇ، ھەر كۈنى كەچلىكى ئۇنىڭغا بىر ۋاق تاماق ئېتىپ بەرسەم، ئىشلىگۈدەك ئىش تاپالماي تۇرغىنىمدا ئۆي ئىجارىسىنى ئەمگىكىمگە سۇندۇرساممۇ بولىدىكەنغۇ." مانا مۇشۇ خىيال بىلەن جۇلىيانىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈپ بېقىش قارارىغا كەلدىم!

       شۇ ھەپتە شەنبە كۈنى جۇلىيا دەپ بەرگەن ئادرېس بويىچە ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم. جۇلىيا مېنىڭ كەلگىنىمدىن بەكلا خوش بولۇپ كەتتى، رازىيەنىمۇ تەكلىپ قىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ، ماڭا ئۆيلىرىنى كۆرسەتتى.

       ئۇنىڭ ئۆيىنى كۇتۇپخانا دېسە ئارتۇقلۇق قىلمايتتى. ئۇنىڭ ئۈچ ئېغىز ئۆيىنىڭ ھەممىسىلا كىتاب بىلەن لىق تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ كىتابلىرى مەن بۇ يەرگە كېلىپ كۆرگەن ھەرقانداق پروفېسسورنىڭ ئۆيىدىكى كىتابلىرىدىنمۇ جىق ئىدى! «كىتابلىرىڭىز بەك جىق ئىكەن!» مەن ھاياجان بىلەن شۇنداق دېدىم. «شۇنداق، مەن كىتاب كۆرۈشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، پۇلۇم بولسىلا كىتاب سېتىۋالىمەن.» ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا ماڭا ئۆز كىتابلىرىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدە يەنە ئىككى كىتاب جاۋىنىدە ۋىدېئو ۋە CD پىلاستىنكىسى بولۇپ، بۇ يەرنى ئۆي دېگەندىن كۆرە، بىر ئىنستىتۇت ياكى فاكۇلتېتنىڭ كۇتۇپخانىسى دېسە ھەرگىزمۇ مۇبالىغە بولمايتتى! ئۇ مېنىڭ ھاياجان ئىچىدە كىتابلارغا قاراۋاتقىنىمنى كۆرۈپ، «سىزمۇ كىتابقا ئامراق ئىكەنسىزدە؟» دەپ سورىدى.«ئەلۋەتتە! مەن كىتاب ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، مېنىڭمۇ ئۆيۈمدە نۇرغۇن كىتابلىرىم بار، ئەمما سىزنىڭكىدەك جىق ئەمەس.» ئۇ جاۋابىمدىن بەكلا سۆيۈنۈپ كەتتى، «رەھمەت، مەن بەك خۇش بولدۇم!» ئۇ مېنى چىڭڭىدە قۇچاغلاپ كۆزىگە ياش ئالدى، «سىزنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئۆيۈمگە كۆچۈپ كېلىپ مەن بىلەن بىللە تۇرۇڭ، بولامدۇ!» ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى تەكلىپ دېگەندىن كۆرە، بىر خىل ئىلتىجا دېگەن تۈزۈك ئىدى. قەلبىمنى بىر خىل ئىللىق سېزىم قاپلىدى، بۇ ئايال مېنى چىن كۆڭلىدىن بىللە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلىۋاتاتتى.

       رازىيە كەلگەندىن كېيىن ئىككىمىز بىللە تاماق ئەتتۇق، جۇلىيا تامىقىمىزنى ئاجايىپ ئىشتىھا ۋە ھوزۇر بىلەن يېدى. «بىر قارارغا كەلدىڭىزمۇ؟» رازىيە مەندىن سورىدى. «نېمە دېسەم بولار، راستىمنى دېسەم مەن بۇ ئايالنى ياقتۇرۇپ قالدىم، كىتابلىرىمۇ بەك جىق ئىكەن، ئۇنىڭدىن خېلى نەرسىلەرنى سوراپ بىلىۋالغۇدەكمەن.» مەن ئۆز ئويۇمنى سەمىمىلىك بىلەن رازىيەگە ئېيتتىم. جۇلىيا بىزنىڭ سۆزىمىزگە ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن دىققەت قىلىپ ئولتۇراتتى، ئۇ رازىيەنىڭ مېنىڭ بۇ ئۆينى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىم ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەكلا خۇش بولۇپ كەتتى. «ئەتىلا كۆچۈپ كەلسۇن!» ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈمىت ۋە خۇشاللىق نۇرلىرى چاقناپ كەتتى.

    _:بىر قارارغا كەلگەن بولسىڭىز، كۆچۈپ كەلىڭ، ئۆز-ئارا ياردەمدە بولىسىلەر، گەپلىرىنى چۈشىنەلمىسىڭىز ماڭا تېلېفون قىلىڭ، ئۇقۇشماسلىقىڭلارغا مەن ياردەم قىلاي.

    _:بولىدۇ، ئەمما ئىجارىنى ئوبدان سۆزلىشەيلى، ئۇ مەندىن ئۆي ئىجارىسى ئالمايمەن دەيدۇ، تەلىپىنى بىلىپ باقاي.-؛ مەن رازىيەگە كۆڭلۈمدىكى گەپنى ئوچۇقلا دېدىم. رازىيە ئۇنىڭ بىلەن ئەستايىدىل ھالدا بىردەم پاراڭلاشتى. ئاندىن ماڭا قاراپ «ئۇ ھەر كۈنى بىر ۋاق كەچلىك تاماق ئېتىپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدىكەن، سۇ ۋە توك پۇلىنى تۆلىسىڭىز بولغىدەك، تاماق خىراجىتىنى تەڭ چىقارساق دەيدۇ». بۇ تەكلىپ ئورۇنلۇق ئىدى، مەن قوشۇلدۇم، شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، جۇلىيانىڭ 3 ئېغىز ياتاق ئۆيىنىڭ بىر ئېغىزىغا مەن كۆچۈپ كەلدىم.

       سابا، بۇ بايانلىرىمنى ئوقۇغان چېغىڭىزدا بەلكىم مېنى «ئاجايىپ تەلىيى كەپتۇ، ھەم كۆڭۈلدىكىدەك تۇرالغۇغا، ھەم ئىنگلىز تىلى پىراكتىكا قىلىدىغان ياخشى ھەمراھقا ئېرىشىپتۇ!» دەپ ئويلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. ھەقىقەتەن دەسلەپ كەلگەن كۈنلىرىمدە مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان ئىدىم. ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دە ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە كېتەتتىم، كەچتە سائەت 8 دە ئاخىرقى ئاپتوبۇستا ئۆيگە قايتىپ كەلەتتىم، جۇلىيا دەرىزە تۈۋىدە يولۇمغا قاراپ ئولتۇراتتى، تاماق ئەتكەچ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشاتتىم، ئۇ ئۆزىنىڭ بالىلىقى ھەققىدە، ئاتا-ئانىسى، جەمەتى، ئېرى ۋە مۈشۈكى يۇرا ھەققىدە زوق بىلەن سۆزلەيتتى، ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ كۆپىنى چۈشەنمىسەممۇ، ئەمما بۇنى تىل ئۆگىنىشتىكى ياخشى پۇرسەت دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن ئاڭلايتتىم، ئارىلاپ بىرەر ئېغىز سۆز قىستۇرۇپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا گەپىنى بۆلمەيتتىم. ئۇ مېنىڭ ئۆز گېپىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ئاجايىپ خۇش بولۇپ كېتەتتى، ئارىلاپ مەندىن «چارچىدىڭىزمۇ؟» دەپ سوراپ قوياتتى. مەن چارچىغىنىمنى، ئۇيقۇم كەلگىنىنى ئېيتقىنىمدىلا ئۇ ئاندىن سۆزلەشتىن توختايتتى.

       كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋاتاتتى، ئۇ تاماقنى ماختاپ يەيتتى ۋە توختىماي سۆزلەيتتى. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى مەن ئۇنىڭ ئىلگىرى دەپ بولغان ئىشلارنى تەكرار-تەكرار بايان قىلىۋاتقىنىنى سېزىپ قالدىم، مانا ئەمدى ئۇنىڭغا «بۇنى ئىلگىرى دەپ بەرگەن ئىدىڭىز،مەن بىلىمەن» دېيىشكە مەجبۇر بولدۇم، ئۇ بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلىغىنىدا «ھە شۇنداقمىدى، ئۇنتۇپ قاپتىمەن» دەيتتى-دە ۋىدېئو كۆرگۈم بار -يوقلۇقىنى سورايتتى، «بولىدۇ،  قېنى كۆرەيلى.» مەن ئۇنىڭ بەك جىق سۆزلەپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلغاچ «كىنو كۆرسەك بىردەم جىمىپ قالار» دېگەن ئويغا كەلگەچ كىنو كۆرۈشكە ماقۇل بولدۇم.لېكىن ئۇ نېمىنى قويدى دېمەمسىز شېكىسپىرنىڭ كىلاسسىك كومىدىيەلىرىنى قويدى! ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئادەت سۆزلىرىنى ئېنىق چۈشىنەلمەي قىينىلىپ يۈرگىنىمدە بۇ كىلاسسىك كومېدىيەلەرنى قانداقمۇ چۈشىنەي، ئۇ بولسا يېنىمدا ئولتۇرۇۋېلىپ ھە دەپ ماڭا شېكىسپىرنىڭ ئەسلى ئەسەرلىرىنىڭ تىلىنىڭ قانچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى سۆزلەيتتى، مەن شۇ تاپتا نېمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم، ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەنلىكىمنى، ھازىرقى زامان تۇرمۇشى ئەكس ئەتكەن فىلىملارنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمننى ئېيتتىم، "ئەلۋەتتە بولىدۇ!" ئۇ خۇشاللىق بىلەن تەلىپىمنى بىجا كەلتۈردى. "مانا بۇ ھازىرقى زامان تۇرمۇشى ئەكس ئەتكەن فىلىم" ئۇ ۋىدېئونى ئالماشتۇردى، توۋا بۇ تىل ئىنگلىزچىغا ھېچ ئوخشىمايتتى! بىردەم كۆرگەندىن كېيىن كۆرۈۋاتقىنىمنىڭ فرانسۇز تىلىدىكى فىلىم ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئاستىدا ئىنگلىزچە تەرجىمىسى چىقىپ تۇراتتى. "ياخشىمىكەن؟" ئۇ مەندىن سورىدى،"بۇ بەك داڭلىق كومىدىيە!" "بىراق فرانسۇزچە ئىكەن ئەمەسمۇ، چۈشىنەلمىدىم."مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتمەكچى بولدۇم، "ئاستىدا ئەڭىلىزچە خېتى بارغۇ؟" ئۇ ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قارىدى، "بىراق مەن بىر ئېغىزمۇ فرانسۇزچە بىلمەيدىغان تۇرسام، بۇ كىنونى قانداق كۆرىمەن؟" "ئەمىسە باشقا كىنونى قويايمۇ؟" "ياق، رەھمەت! مەن كىرىپ ئۇخلاي، ئەتە سەھەر تۇرۇشۇم كېرەك، دەرسىم بار ئىدى"."خەيرلىك كەچ!" ئۇ شۇنداق دېدى-دە، كىنونى كۆرۈشنى داۋاملاشتۇردى. مانا بۇ مېنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرغان دەسلەپكى كۈنلەردىكى ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ئىدى.

      جۇلىيانىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كېلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، مەن ۋاشىنگىتونغا كەتتىم، ئۇ يەردە تۇرغان بىر ئاي جەريانىدا جۇلىيا كۈن ئارىلاپ دېگۈدەك تېلېفون قىلىپ، مېنىڭ قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىمنى، مېنى ناھايىتى سېغىنغانلىقىنى ئېيتىپ تۇردى، ئۇ تېلېفوندا تولىمۇ ئۇزۇن پاراڭ قىلاتتى، كېيىنكى كۈنلەردە مەن گەپنى قىسقىلا قىلىپ، تېلېفوننى قويۇۋېتىدىغان بولدۇم.

       نىھايەت، بىر ئايدىن كېيىن مەن قايتىپ كەلدىم، ئۇ ئاجايىپ خۇش بولۇپ كەتتى، ئۆزى ۋە مۈشۈكى يۇرا ئىككىسىنىڭ مېنى نەقەدەر سېغىنغانلىقىنى ئېيتىپ پەقەت توختىمىدى، ناھايىتى ھېرىپ كەتكەن بولساممۇ كەچلىك تاماق قىلدىم، ئۇنىڭ ھوزۇر بىلەن تاماق يېيىشىگە قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى، "تاماق ئېتىپ يېمىدىڭىزمۇ؟" "ياق! تەييار يېمەكلىكلەرنى يېدىم، ئارىلاپ پىزا ئەكەلدۈرۈپ يېدىم، سىز ئەتكەن تاماقلارنى بەكلا سېغىندىم!" ئۇ تاماق يېگەچ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى "ئاپام ھايات چېغىدا تاماقنى ئاپام ئېتىپ بېرەتتى، ئېرىم بۇ يەردىكى چاغدا ئېرىم ئېتىپ بېرەتتى، مەن تاماق ئېتىشنى بىلمەيمەن." 50 ياشتىن ئېشىپمۇ تاماق ئېتىشنى بىلمەيدىغان بۇ ئايالغا شۇ چاغدا ھەيران قالغان ئىدىم، كېيىنكى كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىق ئاياللارنىڭ تاماق ئېتەلمەيدىغىنىنى بىلدىم، ئەسلى بۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس ئىكەن .

       كۈنلەر ئۆتكەنسېرى مەن جۇلىيانىڭ ماڭا بەكلا تايىنىۋالىدىغان بولۇپ قالغىنىنى سېزىپ قالدىم، ئۇ مەن مەكتەپتىن كەلگىچە يولۇمغا قاراپ ئولتۇراتتى، ئۆيدە بولسا مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشىمنى، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىشىمنى تەلەپ قىلاتتى، بىرلىكتە كىنو كۆرۈشۈمنى، يەنىدا ئولتۇرۇشۇمنى، ئويلىغانلىرىمنى ئۇنىڭغا بايان قىلىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلاتتى، ياتىقىمغا كىتاب كۆرگىلى كىرىپ كەتسەم يېنىمغا كىرىۋېلىپ نېمە كىتاب كۆرۈۋاتقىنىمنى سورايتتى، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشسام نېمە دېيىشكىنىمنى سوراپ تۇرۇۋالاتتى، تاكى مەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ بولغىچە كارىۋىتىمدا ئولتۇرۇپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن مېنىڭ چىرايىمغا سەپسېلىپ ئولتۇرىدىغان بولىۋالدى "ئائىلىڭىزدىكىلەرگە مەندىن سالام ئېيتىڭ، ئۇلارغا مەن توغرىلىق نېمە دېدىڭىز؟ مېنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى ئېيتتىڭىزمۇ؟....."ئۇنىڭ سوئاللىرى ھېچ تۈگىمەيتتى."ئۇلار سىزگە سالام ئېيتتى" دەپلا گەپنى تۈگىتەتتىم.

       كېيىنكى چاغلاردا مەن ئۇنىڭ ئاۋارە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا ياتاق ئۆيۈمدە كىتاب كۆرىدىغانلىقىمنى دەيتىم-دە، ئىشىكنى ئىچىدىن ئېتىۋالىدىغان بولدۇم، ئۇ يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىچى پۇشاتتى-دە، ئىشىكنى قېقىشقا باشلايتتى، "ئىشىكنى ئېچىڭ پاراڭلىشايلى!" "كەچۈرۈڭ كىتاب كۆرۈۋاتقان ئىدىم" ئۇ جاۋابىمنى ئاڭلاپ كېتەتتىيۇ، 10 مىنۇت بولماي يەنە كېلەتتى "ئىشىكنى نېمىشكە تاقىۋالىسىز، بىردەم پاراڭلىشايلى!" ئامالسىز ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بەرىشكە مەجبۇر بولاتتىم، ئۇ يەنە سۆزلەشكە باشلايتتى، ئانىسى ھەققىدە، دادىسى ھەققىدە، ئېرى ھەققىدە، مۈشۈكى ھەققىدە....مەن ئاڭلاشقا مەجبۇر ئىدىم. مانا ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ئىنگلىزچە پىراكتىكا قىلىشتىن رايىم يېنىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشتىن بىزار بولۇشقا باشلىغان ئىدىم. بىر كۈنى مەن ئۇنىڭ بىلەن رەسمى سۆزلەشتىم "كەچۈرۈڭ جۇلىيا ،مەن ئەركىن ئادەم، ماڭا دەخلى قىلمىغان بولسىڭىز،مەن كىتاب كۆرۈشۈم، ماقالە يېزىشىم كېرەك، مېنىڭمۇ ئۆزۈم خالىغان ئىشنى قىلىش ئەركىنلىكىم بار، شۇنداقمۇ؟" ئۇ ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ماڭا قارىدى "پاراڭلاشساق ياھشى ئەمەسمۇ، ئىنگلىزچە سەۋىيىڭىز كۆتۈرۈلەتتى" "شۇنداق،سىز ماڭا تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشكە ياردەم بەرمەكچى، ئەمما مەن بەك چارچىدىم، مېنىڭ يەنە كۆرىدىغان كىتابلىرىم بار، ماڭا ئەركىنلىك بېرىڭ ئوك." "سىز ئەزەلدىن ئەركىن،" ئۇ بېشىنى چايقىغىنىچە ياتاق ئۆيۈمدىن چىقىپ كەتتى، ئەمما 15 مىنۇتتىن كېيىن يەنە يېنىمغا كىردى، "مەن سىز بىلەن پاراڭلىشىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن، مېنى ياخشى كۆرىسىز، شۇنداققۇ؟" "شۇنداق، سىزنى ياخشى كۆرىمەن!" مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ يەرىم بولىۋاتقىنىنى بىلىپ ،ئۇنى يەنە چىقىرىۋەتكۈم كەلمىدى، ئۇ كارىۋىتىمدا يېنىچە ياتتى-دە يەنە ھېكايە سۆزلەشكە باشلىدى، ئۇنىڭغا راستلا ئامال يوق ئىدى.

       مانا ئەمدى ئامال بار ئۆيگە كەچرەك كېلىدىغان، كەچلىك تامىقىمنى چاققان-چاققان يەپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئىشىكىنى ئېتىۋالىدىغان بولدۇم، ئۇ بىرنەچچە كۈن جىمىغان بولدى، لېكىن ئىشىككە ئېسىپ قويغان "ئاۋارە قىلماڭ" دېگەن خەتتىن پەرۋايى پەلەك، ئىشىكنى توختىماي قاقىدىغان ۋە ئۆيۈمگە كىرىپ ئۇدۇل كارىۋىتىمدا يېتىۋەلىپ كىتاب كۆرىدىغان بولۇۋالدى، ئۇنى كىتاب كۆردى دېگەندىن كۆرە، مېنىڭ ھەر بىر ئىشىمغا سەپسېلىپ ئولتۇرىدۇ دېگەن تۈزۈك ئىدى.

       ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇنىڭدىن بىزار بولۇشقا باشلىدىم، ئەمما ئۇ مەندىن ئۆزىگە تېخىمۇ جىقراق ۋاقتىمنى بېرىشىمنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى. ئۇ مېنى بىللە بازارغا بېرىشقا، ئۆزى قاتنىشىدىغان مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، مەن چىرايلىقچە رەت قىلدىم، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارالمايدىغىنىمنى ئېيتقىنىمدا ئۇ بەكلا رەنجىپ كەتتى. "مېنى ياخشى كۆرمەيسىز شۇنداقمۇ؟ نېمىشكە بارمايسىز؟" "كەچۈرۈڭ، مەن كۇتۇپخانىگە بارىمەن، كىتاب كۆرۈشۈم كېرەك" ئۇ قاتتىق رەنجىدى.ئۇ رازىيەگە تېلېفون قىلىپ، مېنىڭ نېمىشكە ئۇنىڭ بىلەن بارمايدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ، رازىيە ئۇنىڭغا بۇ مېنىڭ ئەركىنلىكىم ئىكەنلىكىنى دېگىنىدىن كېيىنلا ئاندىن جىمىغان بولدى، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن سىرتلارغا بىللە چىقمىغىنىمدىن ئۇ يەنىلا نارازى ئىدى.

       پاراڭخۇمار بۇ ئايال بىر كۈنى مەندىن ساۋاقداشلىرىمنى نېمىشكە تاماققا چاقىرمايدىغىنىمنى سورىدى، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئۇ يالغۇز قېلىشتىن قورقاتتى، ئۇنىڭ رايى بويىچە ساۋاقداشلىرىمنى ۋە ئوقۇتقۇچۇمنى بىر قېتىم تاماققا تەكلىپ قىلدىم، ئۇ كۈنى ئۇ ئاجايىپ خۇش بولۇپ كەتتى، ھەممەيلەن بىلەن توختىماي پاراڭلىشاتتى، ھەممەيلەننىڭ ئىشلىرىغا قىزىقاتتى، ئۆزى ھەققىدە، ئاتا-ئانىسى ھەققىدە توختىماي سۆزلەيتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئادرېسلىرىنى، تېلېفون نومۇرلىرىنى سورايتتى. راستىنى دېسەم شۇ كۈنى تولىمۇ بىئارام بولدۇم.

       ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىر يۈزبەردى، ئۇ ئەمدى ساۋاقداشلىرىمغا ئە-مائىل يېزىشقا ئۆزى ۋە مۈشۈكى ھەققىدە ھېكايە سۆزلەشكە ئۆتكەن ئىدى، ئۇلارنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلاتتى-دە، ئاندىن ماڭا كەچلىك تاماقنى جىقراق قىلىشنى تاپىلايتتى. كەچلىك تاماق ۋاقتىدا يەنە توختىماي سۆزلەشكە باشلايتتى. بىر كۈنى مەن ئۇنىڭغا ئەمدى باشقىلارنى ئاۋارە قىلماسلىقنى ئېيتتىم، ئۇ ئاغزىدا ماقۇل دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئە-مائىل يېزىشتىن توختىمىدى،ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن بىزار بولغان رازىيە بىر كۈنى ئۇنىڭغا ئەمدى تېلېفون قىلماسلىقنى، ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقىنى ئېيتىپ خېلىلا قاتتىق ئە-مائىل يازغاندىن كېيىن، ئاندىن جىمىغان بولدى، لېكىن مېنىڭ كۈنلىرىم تەسكە چۈشۈۋاتاتتى، "مەندىن نېمىشكە ئۆزىڭىزنى قاچۇرىسىز، ئىشىكنى نېمىشكە ئېتىۋالىسىز، كەچتە ئۇخلىغاندا ئىشىكنى ئېتىۋالىدىكەنسىز، مەندىن قورقۇۋاتامسىز؟ تېلېفوندا مەن توغرىلىق نېمە دېدىڭىز؟" ئۇنىڭ سوئاللىرى تۈگىمەيتى......

       زىيادە يالغۇزلۇق ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان، پاراڭخۇمار ۋە ئادەم خۇمارى بولۇپ كەتكەن بۇ ئايالنىڭ كۆڭلىنى قوپال گەپلەر بىلەن رەنجىتىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى-دە، ئاخىرى مەكتەپنىڭ ياتاق بىناسىغا كۆچۈپ كەتتىم.

       شۇنداق سابا، جۇلىيا ئاقكۆڭۈل ياخشى ئايال، ئەمما يالغۇزلۇق ئازابى ئۇنى ئاشۇنداق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇش جەريانىدا ئامېرىكىدىكى زىيادە تېز تۇرمۇش رىتىمى، ئېغىر روھىي بېسىم، يالغۇزلۇق قاتارلىق ئامىللارنىڭ كىشىلەرنى پىسىخىك جەھەتتە نورمالسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغىنىنى بارغانچە چوڭقۇر ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بۇنداق كىشىلەرگە ياردەم قىلىشىڭىز تولىمۇ تەس ئىكەن،سىز ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزگىمۇ بىرتالاي روھىي بېسىمنى ئېلىپ كېلىدىكەنسىز.

    جۇلىيانىڭ ئۆيىدە تۇرۇش جەريانىدا مەن روھىي جەھەتتىكى ئازادىلىكنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتىم.


    خوش، ئامان بولۇڭ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.