تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر(13)

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-28 00:47:00

تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر 13- پارچە خەت ئامېرىكىدا چەكلەنگەن سۆز سابا، بۈگۈنكى خېتىمدە ئامېرىكىدىكى "ئىرقىي كەمسىتىش"كە قارشى قانۇنى ھەققىدە توختالماقچىمەن. شۇ كۈنى ۋاشىنگىتون داللاس ئايرودرومىدا چ...

    تاپشۇرۇلمىغان  خەتلەر

    13- پارچە خەت

    ئامېرىكىدا چەكلەنگەن سۆز 

         سابا، بۈگۈنكى خېتىمدە ئامېرىكىدىكى "ئىرقىي كەمسىتىش"كە قارشى قانۇنى ھەققىدە توختالماقچىمەن.
    شۇ كۈنى ۋاشىنگىتون داللاس ئايرودرومىدا چېگرىدىن كىرىش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ بولۇپ، كۈتۈۋېلىش زالىغا چىققىنىمدا، ئالدىمغا چىقماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمنى ئۇچرىتالماي تولىمۇ تىت-تىت بولدۇم. ئېغىر يۈك-تاقلىرىمنى ئالالماي تۇرغىنىمدا، بىر "نېگىر"ناھايىتى خۇشخۇيلۇق بىلەن ماڭا قارىدى-دە "ياردىمىم لازىممۇ؟" دەپ سورىدى، مەن مىننەتدارلىق بىلەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ يۈكلىرىمنى سۇپىدىن ئېلىپ، يۈك توشۇش ھارۋىسىغا سالدى. "رەھمەت" مەن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈردۈم، "سىزگە ياردەم بېرەلىگىنىمدىن خۇشالمەن!" ئۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن قولۇمنى مەھكەم سىقىپ مەن بىلەن خوشلاشتى. يۈكلىرىمنى ئىتتىرىپ چىقىش ئىشىكىگە قاراپ كېتىۋاتقىنىمدا قېرىنداشلىرىم ئۇچرىدى!

          قۇچاغلىشىپ قىزغىن كۆرۈشۈشتىن كېيىن، مەن بايا ماڭا ياردەم بەرگەن كىشىنى كۆرسىتىپ "ئاۋۇ نېگىر ماڭا ياردەم قىلدى، ھېلىمۇ شۇ كىشى ئۇچراپ قالدى..." گېپىم تېخى ئاياقلاشماستىنلا، قېرىنداشلىرىم تەئەججۈپ بىلەن ماڭا قارىدى، "ئاستاراق،ئۇ كىشى ئاڭلاپ قالمىسۇن!" مەن شۇ زامات خاتا گەپ قىلغىنىمنى ھىس قىلدىم، ھېلىمۇ بەختىمگە يارىشا ماڭا ياردەمدە بولغان كىشى يىراقتا بولۇپ، ئۇ ماڭا قاراپ قولىنى كۆتۈرۈپ «خوش» دېگەن ئىشارەتنى قىلىۋاتاتتى، مەنمۇ جاۋابەن قولۇمنى پۇلاڭلىتىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم. ئۆيگە كېتىۋاتقان يولدا ھەدەم ماڭا چۈشەندۈردى. "بۇ جايدا "نېگىر"دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش چەكلەنگەن، ئۇلارنى "ئافرىكان ئامەرىكان" ياكى "قارىلار" دېيىشىڭ كېرەك!" بۇ زېمىنغا قەدەم بېسىپ تۇنجى ئاڭلىغان دەرسىم مۇشۇ بولدى.

        ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، مەن ئامېرىكىدا ئىرقىي كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان ھەرقانداق سۆزنى قىلىش قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بارغانچە چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىشكە باشلىدىم.

        ئامېرىكىدا "نېگىر" دېگەن سۆز تۈس مەنىسى جەھەتتىن "قۇل" "دېدەك" دېگەننى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ بۇ سۆزنى ئىشلىتىشى قاتتىق چەكلەنگەن ئىكەن، كىشىلەر ئادەتتە "ئافرىكان ئامەرىكان" دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدىكەن، "قارىلار" "رەڭلىكلەر" دېگەڭە ئوخشاش سۆزلەرنىمۇ كەمدىن-كەم ئىشلىتىدىكەن.

        ئامېرىكىدا "ئىرقىي كەمسىتىش"كە قارشى كۈرەش ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئەۋجىگە چىققان ۋە قارا تەنلىكلەر داھىسى مارتىن لۇتھەر كىڭ جر(1929-1968)نىڭ رەھبەرلىكىدە 1964-يىلى غەلىبىگە ئېرىشىپ، شۇ يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جامائەت سورۇنلىرىدا، مائارىپتا، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىرقىي كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدىغانلىقى قانۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

         ئامېرىكىدا ھەر يىلى 2-ئاي "ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تەشۋىقات ئېيى" قىلىپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، 2- ئاي مەزگىلىدە مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا ئامېرىكا تارىخىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش كۈرىشىدىكى داھىلارنىڭ ئىش -ئىزلىرى سۆزلىنىدىكەن؛ "ئافرىچان ئامەرىچان" لارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ -ئادىتى، ئۇلاردىن چىققان مەشھۇر شەخسلەر، خەلق سەنئەتكارلىرى، تەنھەرىكەت چولپانلىرى تونۇشتۇرۇلغان فىلىملەر قويۇلىدىكەن؛ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى لېكسىيىلەر ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن.

        2- ئاي مەزگىلىدە يەنە "كۆچمەنلەر مەدەنىيىتى" ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ئايدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشايدىغان ئوخشىمىغان ئىرق، ئوخشىمىغان تىل،  ئوخشىمىغان مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلىدىكەن.

        بۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىمنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن مەن بۇ زېمىندا كىشىلەر ئارىسىدىكى باراۋەرلىكنىڭ ھەر ھالدا قانۇن جەھەتتىن بولسىمۇ قوغدىلىدىغانلىقىنى، گەرچە ئايرىم كىشىلەردە يەنىلا "ئىرقىي كەمسىتىش" قاراشلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھىچ بولمىغاندا جامائەت سورۇنلىرىدا بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتىم.

    خوش سابا، بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يازاي.

    لالە

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.