ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر (5)

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-12 16:44:39

بېلگىيە-ياۋروپادىكى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغىنىغا قارىماي، خېلى تەرەققى قىلغان دۆلەت ئىكەن. بىز تۇرۇۋاتقان ئانتۋېرپېن شەھىرى بېلگىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى

     
    ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر (5)
     
    (ئەدەبىي ئاخبارات)
    تۇرسۇن ياسىن
    بېلگىيە تەسىراتلىرى
     
       بېلگىيە-ياۋروپادىكى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغىنىغا قارىماي، خېلى تەرەققى قىلغان دۆلەت ئىكەن. بىز تۇرۇۋاتقان ئانتۋېرپېن شەھىرى بېلگىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، شۇنداقلا قانال ئارقىلىق دېڭىزغا تۇتىشىدىغان مۇھىم پورت شەھىرى بولۇپ، بېلگىيەنىڭ ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىكەن. 600 مىڭ ئاھالىسى بار بۇ شەھەردە ئاسىيا، ئافرىقىدىكى ھەر قايسى ئەللەردىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان كۆچمەنلەرمۇ خېلى كۆپ ئىكەن. كۆچمەنلەرنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، كونا شەھەر رايونىدا ئەرەبلەر كوچىسى، تۈركلەر كوچىسى، نېگىرلار كوچىسى، خەنزۇلار كوچىسى قاتارلىق كوچىلار شەكىللىنىپ قاپتۇ. يەرلىك ئاھالىلارنىڭ كۆپچىلىكى كونا شەھەر رايونىدىكى ئولتۇراق ئۆيلىرىنى كۆچمەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزلىرى كېيىن كېڭەيتىلگەن يېڭى شەھەر رايونىدىكى ئىككى-ئۈچ قەۋەتلىك خۇسۇسىي تۇرالغۇ ئۆيلىرىدە ياكى بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرىدىكەن. كېڭەيتىلگەن يېڭى شەھەر رايونىدا 6-7 قەۋەتلىك بىنا ئۆيلەر ئاندا-ساندا ئۇچراپ قالغاننى ھىسابقا ئالمىغاندا، مۇتلەق كۆپىنچىسى ئاھالىلار ئۆزلىرى سېلىۋالغان ئىككى-ئۈچ قەۋەتلىك خۇسۇسىي تۇرالغۇ ئۆيلەر ئىكەن.
    ئوغلۇمنىڭ ئىجارىگە ئالغان ئۆيىمۇ مۇشۇ يېڭى شەھەر رايونىدا بولۇپ، شەھەر مەركىزىدىن سەل يىراقراق ئىكەن، ئەمما، قاتناشنىڭ قۇلايلىقلىقىنى ئېيتقاندا قىلچىمۇ يىراق بىلىنمەيدىكەن. بۇ يەردىكى كوچا، مەھەللىلەر شۇنداق جىمجىت ئىكەنكى، بەزىدە ئاندا-ساندا كېلىدىغان كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىۋالىدىغان ماشىنىلار ياكى ئەخلەت ماشىنىلىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالمىسا، ئادەتتە ھېچقانداق شاۋقۇن-سۈرەن ئاۋازلارنى ئاڭلىغىلى بولمايدىكەن. كوچىدا كېلىپ كېتىۋاتقان ئادەملەرمۇ ئاندا-ساندا ئۇچراپ قالىدىكەن. ئىشىك ئالدىدا ھەربىر ئائىلىنىڭ مۇقىم پوچتا ساندۇقى بولۇپ، پوچتالىيونلار ئاھالىلارغا يەتكۈزىلىدىغان خەت-چەك، گېزىت-ژورنال ۋە باشقا پوچتا يوللانمىلىرىنى پوچتا ساندۇقىغا سېلىپ قويىدىكەن، ئېلان تارقاتقۇچىلارمۇ ئېلان ماتېرىياللىرىنى كوچىلاردا تارقاتماستىن، ئەشۇ پوچتا ساندۇقلىرىغا سېلىپ قويىدىكەن. ئۆي ئىگىلىرى ھەر كۈنى بىر قېتىم پوچتا ساندۇقىنى ئېچىپ تۇرىدىكەن. بۇ يەردە توك، سۇ، پارنى بىرلا ئورگان باشقۇرىدىغان بولۇپ، ئاھالىلار ھەر ئايدا بەلگىلەنگەن توك، سۇ، پار پۇلىنى ئەشۇ ئورگاننىڭ بانكا ھىسابات نۇمۇرىغا كىرگۈزۈپ بېرىدىكەن. ھەربىر ئائىلىنىڭ توك، سۇ، پارنى ئەمەلى ئىشلىتىش ئەھۋالى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئىستاتىستكا قىلىنىپ، ئەمەلى ئىشلەتكىنى تاپشۇرغان پۇلىدىن كۆپ بولسا، كەم پۇلى تولۇقلاپ ئېلىنىدىكەن، ئاز بولسا ئارتۇق پۇلى قايتۇرۇپ بېرىلىدىكەن. بۇ يەرنىڭ ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بىزنى ئالاھىدە قىزىقتۇردى. ئائىلىلەردىن چىقىدىغان تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى گېرمانىيەدىكىگە ئوخشايدىكەن. ھەر بىر ئائىلە مەخسۇس ئىشلەنگەن ئەخلەت خالتىلىرىنى سېتىۋېلىشى كېرەك ئىكەن (بۇ ئەخلەت پۇلىغا ھېساب بولىدىكەن). ئاندىن تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرلەر بويىچە خالتىغا قاچىلاپ، ئىشىك ئالدىغا ئەپچىقىپ قويىدىكەن، ئەخلەت ماشىنىلىرى بۇ خالتىلارنى ئېلىپ كېتىدىكەن. ئاندىن كىيىن بۇ ئەخلەتلەر تۈرلەر بويىچە ئەخلەت بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئايرىم-ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن. يۇرتىمىزدىكىگە ئوخشاش ماشىنا-ماشىنىلاپ ئەخلەتلەرنى ئەخلەت مەيدانىغا تۆكۈپ قويۇپلا ئىشنى بولدى قىلمايدىكەن. ئەگەر قايسىبىر ئائىلە ئەخلەتلەرنى خالتىغا قالايمىقان قاچىلاپ قويسا، ئەخلەت تۇشۇغۇچىلار ئۇنى ئېلىپ كەتمەيدىكەن. بۇنداق ئىش ئۇدا يۈز بەرسە، ئالاقىدار ئورۇنلار شۇ ئائىلىگە جەرىمانە قويغاننىڭ سىرتىدا، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىش كۇرسىغا ئاپىرىپ مەجبۇرى ئوقۇتىدىكەن. شۇڭا ھەممە ئائىلە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئاڭلىق ھالدا تۈرلەر بويىچە خالتىغا قاچىلاشقا ئادەتلەنگەن ئىكەن. بىزمۇ بۇ ئادەتكە تېزلا كۆنۈپ كەتتۇق. مۇشۇنداق ئاددى ئىشلاردىمۇ بۇ دۆلەتتىكى زامانىۋىيلىشىشنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.
        بۇ شەھەردىكى بىزنى قىزىقتۇرغان ئىش يالغۇز مۇشۇلا ئەمەس. ئوغلۇمنىڭ ئۆيىگە يېقىنلا يەردە 10-يول ترامۋاي بېكىتى بولۇپ، بىز شەھەر مەركىزىگە بارماقچى بولساق مۇشۇ ترامۋايغا ئولتۇراتتۇق. ئۈچ چاتما ۋاگوندىن تەركىب تاپقان بۇ ترامۋايدا بېلەتچى ياكى پۇل ساندۇقى يوق ئىدى. پەقەت ھەر بىر ۋاگونغا بىردىن بېلەت تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، يولۇچىلار ترامۋايغا چىققاندىن كىيىن ئاۋال يانچۇقىدىكى يىللىق، ئايلىق، ھەپتىلىك قاتناش بېلەتلىرىنى مۇشۇ ئۈسكۈنىگە سېلىپ تەكشۈرتىدىكەن، ئۈسكۈنە بېلەتكە شۇ كۈنلۈك چىسلانى ۋە پۇل سانىنى بېسىپ چىقىرىپ بېرىدىكەن، بۇنىڭغا بۇنىڭغا بىر نەچچە سىكونتلا ۋاقىت كېتىدىكەن. بېلەتسىز چىقىۋالسىمۇ شوپۇرنىڭ كارى بولمايدىكەن. شەھەر قاتنىشى شىركىتىنىڭ خادىملىرى قەرەلسىز ھالدا ئاپتۇبۇس، ترامۋايلارغا چىقىپ بېلەت تەكشۈرۈپ تۇرىدىكەن. بېلەتسىز چىقىۋالغان كىشىلەر سېزىلىپلا قالسا، ئېغىر جەرىمانە قويىلىدىكەن، مەلۇم بىر كىشىنىڭ بېلەتسىز چىقىۋېلىش قىلمىشى ئۇدا ئۈچ قېتىم كۆرۈلۈپ قالسا، جەرىمانە قويۇلغاندىن تاشقىرى ئۇنىڭ ئىسمى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ، بىر يىلغىچە قاتناش بېلىتى سېتىپ بېرىلمەي، پىيادە مېڭىشقا مەجبۇر قىلىنىدىكەن. شۇڭا ھەممە ئادەم ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن يىللىق، ئايلىق، ھەپتىلىك قاتناش بېلىتىنى ئالدىن سېتىۋالىدىكەن. ئوغلۇم بىزگىمۇ ھەپتىلىك بېلەت ئېلىپ بەرگەن ئىدى. بۇ بېلەت مۇشۇ شەھەردە قاتنايدىغان بارلىق ئاممىۋىي ئاپتوبۇس ۋە ترامۋايلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆتىۋىرىدىكەن. بىر يەكشەنبە كۈنى بىز ئۈچىمىز ترامۋايغا چۈشۈپ بىر ياققا ماڭغان ئىدۇق، ئەمدىلا بىر نەچچە بېكەت مېڭىشىمىزغا ترامۋاي توختاپ قالدى. كىشىلەر ترامۋايدىن چۈشۈشكە باشلىدى، بىزمۇ چۈشۈپ قارىساق، يول توسۇلۇپ قالغان ئىكەن. چۈنكى، كوچىدا يەرلىك ئاھالىلارنىڭ بىر مىللى بايرىمى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بولۇپ، ھەرخىل گىرىم قىلىپ، تۈرلۈك غەلىتە كىيىملەرنى كىيىۋالغان ئويۇنچىلار كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسۇل ئويناپ مېڭىۋاتقان ئىكەن. بۇ ئويۇنچىلارنىڭ ئالدىدا ئالاھىدە فورما كىيگەن 5-6 ئادەم ئۇزۇن بىر ۋېلىسىپىتكە مىنگەن ھالدا ھەرخىل چالغۇنى بىر ئاھاڭغا چېلىپ مېڭىۋېتىپتۇ، نۇرغۇن ئادەم كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تاماشا كۆرۈۋېتىپتۇ، ساقچىلار تەرتىپ ساقلاۋېتىپتۇ. بىزمۇ بىردەم تاماشا كۆرۈپ ئاندىن يولىمىزغا ماڭدۇق.  
       شەھەر مەركىزىدە ۋوگزال بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلار ۋوگزال جايلاشقان يەرنى «سىنترال» دەپ ئاتايدىكەن. بۇ يەردە بىر نەچچە لىنىيەدىكى ترامۋاي، ئاپتوبۇس بېكەتلىرى بار ئىكەن، شۇڭا بۇ جاي شەھەرنىڭ ئاۋات جايلىرىنىڭ بىرى ھىسابلىنىدىكەن. بىز پات-پات مۇشۇ يەرگە كېلىپ بىردەم ئايلىنىپ كېتىدىغان بولدۇق. بۇ يەردە ھەرخىل ئىرق، ھەرخىل تىلدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ۋوگزال ئىچىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن تولىمۇ ھەيران قالدۇق. بۇ ۋوگزالنىڭ  قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇنى ياۋروپا بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تىپىك ئۈلگىسى دېيىشكە بۇلاتتى. ئېلىمىزنىڭ ۋوگزاللىرىدا پويىزلارنىڭ ۋوگزالغا كىرىش، چىقىش ئورنى قەۋەتسىز بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى كۆپرەك ئىدى. ئەمما بۇ ۋوگزالدا پويىزلارنىڭ ۋوگزالغا كىرىش، چىقىش ئورنى يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بولۇپ تۆت قەۋەت قىلىپ لايىھىلەنگەن ئىكەن، ئىگىلىگەن كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ ئىقتىدارى تولۇق ئىكەن. ھەربىر لىنىيىدىكى پويىزلارنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى ئېنىق بولغاچقا، يولۇچىلار بېلەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى ماڭىدىغان لىنىيىدىكى پويىزنىڭ توختاش ئورنىغا كېلىپ، 15-20 مىنۇت ساقلاپ تۇرسىلا يولغا چىقالايدىكەن. شۇڭا بۇ ۋوگزالدا يولۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان «پويىز كۈتۈش زالى» يوق ئىكەن.
    بىز ۋوگزالدىن چىقىپ، ئوغلۇمنىڭ يول باشلىشى بىلەن ترامۋايغا چۈشۈپ بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، كونا شەھەر رايونىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەر جايلاشقان بىر مەيدانغا كەلدۇق. مەيداننىڭ بىر تەرىپىدە كۆككە تاقىشىپ تۇرغان بىر چىركاۋ بولۇپ، ئۇنىڭ تاشتىن قوپۇرۇلغان تاملىرىغا مۇشۇ شەھەر خەلقىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىش، ياشاش تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تاش ھەيكەللەر ئورنۇتۇلغان ئىدى. دەرۋازىنىڭ ئۈستىدىكى تامغا ئويۇلغان «1521-1351» دېگەن بەلگىدىن بۇ چىركاۋنىڭ 1351-يىلى ياسىلىشقا باشلاپ 1521-يىلى پۈتتۈرۈلگەنلىكى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. چىركاۋنىڭ قارشى تەرىپىدە تۆت قەۋەتلىك يەنە بىر قەدىمىي ئىمارەت بولۇپ، ئۇنىڭ تېمىنىڭ يوقۇرىسىغا «1564-يىلى پۈتكەن» دېگەن خەت ئويۇلغان ئىدى. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا قەدىمىي زاماندىكى بىر باتۇرنىڭ ھەيكىلى تىكلەكلىك تۇراتتى. ھازىر بۇ جاي ئانتۋېرپېن شەھرىنىڭ بىر ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ قاپتۇ. بۇ شەھەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرنى كۆرمەي كەتمەيدىكەن.  
    بىز بۇ يەردىن نېرىسىغا ئۆتۈپ، پەلەمپەي ئارقىلىق بىر ئېگىز دامبىنىڭ ئۈستىگە چىقتۇق. دامبىنىڭ نېرىسىدا دېڭىزغا تۇتىشىدىغان ناھايىتى كەڭ بىر قانال بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەرخىل سەيلە كېمىلىرى، كاتىرلار ۋە موتورلۇق قېيىقلار قاتناپ تۇراتتى. بۇ شەھەر بىلەن دېڭىزنىڭ ئارىلىقى گەرچە 100 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولسىمۇ، مۇشۇنداق بىر چوڭ قانال بۇ شەھەر بىلەن دېڭىزنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، بۇ شەھەرمۇ بىر مۇھىم پورت شەھرىگە ئايلىنىپتۇ. بىز قانال بويىدا بىر دەم سەيلە قىلغاندىن كىيىن، دامبىدىن پەسكە چۈشۈپ بۇ شەھەرنىڭ بىر قىسىم قەدىمىي كوچىلىرىنى ئارىلاپ چىقتۇق. يول يۈزىگە تاش تىزىپ ياسالغان بۇ قەدىمىي كوچىلار خېلىلا تار ئىدى. شۇنداق بولغىنىغا قارىماي، ھۆكۈمەت بۇ قەدىمىي تار كوچىلارغىمۇ ترامۋاي يولى ياساپ، ئاھالىلارنىڭ قاتناش ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىپتۇ. بۇ كوچىلار ئەگرى-بۈگرى بولۇپ، تۈپتۈز كەتكەن بىرمۇ ئۇزۇن كوچا يوق ئىدى. بۇ يەردىمۇ گېرمانىيەدىكىگە ئوخشاش تەبىئىي ھالەتنى بۇزۇۋەتمەسلىك، قەدىمىيلىكنى قوغداش كەيپىياتى قويۇق ئىكەن. شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ قەدىمىي كوچىلىرى ، قەدىمىي ئىمارەتلىرى قىلچىمۇ ئۆزگەرتىلمەي، بۇزۇۋېتىلمەي، ئەينەن ساقلىنىپ قالغان. كېڭەيتىلگەن يېڭى شەھەر رايونى بولسا، كونا شەھەر رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ بەرپا قىلىنغان. دېمەك، قەدىمىيلىككە ھۆرمەت قىلغانلىق-تارىخقا ھۆرمەت قىلغانلىق بولىدۇ، تارىخىي قىياپەت ئەينەن ساقلىنىپ قالسا، كىيىنكى ئەۋلاتلار ئۆز يۇرتىنىڭ تارىخىنى توغرا چۈشىنەلەيدىغان ۋە ئۇنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلاد يەتكۈزەلەيدىغان بولىدۇ. مانا بۇ مۇشۇ قەدىمىي كوچىلارنىڭ بۇزۇۋېتىلمەي ساقلىنىپ قالغانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كېرەك. سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر مۇشۇنداق قەدىمىي كوچىلارنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن كېلىدىكەن، شۇڭا بۇ قەدىمىي كوچىلاردا قاۋۇل ئىككى ئات قوشۇلغان ساياھەت ھارۋىلىرىنىڭ ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ كوچا ئارىلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. ساياھەتچىلەر بۇ ئىككى قەۋەتلىك ساياھەت ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ، بۇ شەھەرنىڭ قەدىمىي كوچىلىرىنى، قەدىمىي ئىمارەتلىرىنى ئالدىرىماي كۆرۈپ ماڭالايدىكەن.
      بىز ئانتۋېرپېننىڭ كونا شەھەر رايونىدا قەدىمىيلىكتىن ھۇزۇرلانغان بولساق، يېڭى شەھەر رايونىدا يېشىللىق بىلەن قاپلانغان زامانىۋىيلىقتىن ھۇزۇرلىنالايدىكەنمىز. كونا شەھەر رايونىنىڭ سىرتىدىكى بوشلۇققا قاراپ كېڭەيتىلگەن يېڭى شەھەر رايونى كونا شەھەر رايونىغا روشەن سېلىشتۇرما بولغان ھالدا ئورمان ۋە گۈل-گىياھلار بىلەن ئورالغان ئىدى. بىز بۇ يەردە كوچىلارنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى بۈك-باراقسان ئورمانلارنى، تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ ئالدىدىكى يېشىللىق ۋە گۈل-گىياھلارنى كۆرۈپ، بېلگىيەلىكلەرنىڭ تەبىئەتنى سۆيۈش، يېشىللىققا ئىنتىلىش روھىغا قايىل بولماي تۇرالمىدۇق. بۇ يەردە بىر-بىرىگە تۇتاش سېلىنغان ئىككى-ئۈچ قەۋەتلىك خۇسۇسى تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ ھىچقايسىسىنىڭ ھويلىسى يوق بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىدا پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىكى بوشلۇقتىن تولۇق پايدىلانغان ئاساستا، گۈل-گىياھ ياكى مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى ئۆستۈرۈلگەن ئىدى. ئۆي ئىگىلىرى ئىشىك ئالدىدىكى مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئۈستى ۋە ئىككى تەرىپىنى قايچا بىلەن تەكشى قىرقىپ چىرايلىق ياساپ قويىدىكەن. ئۆي ئالدىدا بوش يەر يوقلىرى تامغا يامىشىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ، ئۆينىڭ سىرتىنى بىزەيدىكەن. يېڭى شەھەر رايونىنىڭ كوچىلىرىغا قارايدىغان بولساق، كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپى، ئوتتۇرىسى بۈك-باراقسان ئورمان، تۆت كوچا دوقمۇشىنىڭ ئوتتۇرىسىمۇ دەرەخزارلىق، ھەتتا بىنا ئۆيلەرنىڭ ئالدىمۇ ياپيېشىل ئىدى، يېشىللاشقان شەھەرنىڭ مۇھىتى ھەقىقەتەن گۈزەل بولىدىكەن. 
      شەنبە، يەكشەنبىدىن باشقا كۈنلەردە ئوغلۇمنىڭ بىز بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقتى چىقمايتتى، ئايالىم بولسا كۆپىنچە ئوغلۇمنىڭ ئۆي ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆيدە قالاتتى، مەن ئۆزۈم تەنھا ھالدا كوچا ئايلىناتتىم. قارىسام بۇ شەھەر بىر گۈل شەھرىگە ئوخشايدىغاندەك قىلاتتى. چۈنكى مەن كىرگەنلىكى كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆي-ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا، دېرىزە تەكچىلىرىدە، بىنا ئۆيلەرنىڭ بالكۇنلىرىدا ۋە بەزى بوش يەرلەردە ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن خىلمۇ-خىل چىرايلىق گۈللەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى گۈلگە شۇنداق ئامراق ئىكەنكى، ئۆيلىرىنىڭ ئالدىدىكى كىچىككىنە بوش يەرنىمۇ ئاق تاشلىۋەتمەي گۈل ئۆستۈرىدىكەن، ئەگەر ئىشىك ئالدىدا گۈل ئۆستۈرگىدەك بوشلۇق بولمىسا، دېرىزە تەكچىلىرىگە چىرايلىق تەشتەكلەرنى ئورنىتىپ ياكى تەشتەكلەرنى يوقۇرىدىن تۆۋەنگە ساڭگىلىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭدا گۈل ئۆستۈرىدىكەن. بىنادا ئولتۇرىدىغان ئاھالىلەر ئاچىماق شەكىلدە ياسالغان تەشتەكلەرنى بالكۇننىڭ سىرتقى رىشاتكىسىغا مىندۈرۈپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭدا گۈل ئۆستۈرىدىكەن، بۇنداق بولغاندا شامال چىقسىمۇ تەشتەكلەرنى يەرگە چۈشۈرۈۋېتەلمەيدىكەن. كوچىلاردىمۇ مەخسۇس ياسالغان سىمۇنت تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى چوڭ تەشتەكلەردە گۈل ئۆستۈرىلىدىكەن. تەبىئەتنى سۆيىدىغان بېلگىيەلىكلەر تەبىئەت ئاتا قىلغان گۈزەللىكلەردىن بەھرىمەن بۇلۇشنى بىلىپلا قالماستىن، ئۆزلىرىمۇ ئىككى قولى بىلەن گۈزەللىك ئۈستىگە گۈزەللىك بەرپا قىلىپ، گۈزەل مۇھىت، ساپ ھاۋا ئىچىدە خاتىرجەم ياشايدىكەن.  
     ئوغلۇمنىڭ ئۆيى بار كوچىغا يېقىنلا يەردە ناھايىتى چوڭ بىر تەبىئىي ئورمان باغچىسى بولۇپ، كۈيئوغلۇم ۋە قىزىم گېرمانىيەگە قايتىش ئالدىدا ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ ئورمان باغچىسىغا كىرىپ سەيلە قىلىپ چىققان ئىدۇق. ئۇلار كەتكەندىن كىيىن، بۇ ئورمان باغچىسى بىزنىڭ پات-پات كىرىدىغان سەيلىگاھىمىز بولۇپ قالدى. ئورمان باغچىسىدىكى بىر-بىرىگە ياندىشىپ ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسكەن دەرەخلەر، قوياش نۇرىدا زۇمرەت كەبى پاقىراپ تۇرغان تىنىق كۆللەر، ياپيېشىل چىملىقلار، ئورمانلىق ئارىسىدىكى جىمجىت چېغىر يوللار، كۆلدە ئۈزۈپ ئويناۋاتقان، چىملىقلاردا دانلاپ يۈرگەن تۈرلۈك-تۈمەن قۇشلار كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلاتتى، بۇ ئورمان باغچىسىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل ئىدى. كىرگەن ئادەمنىڭ چىققۇسى كەلمەيدىغان بۇ يەر ئەسلىدە قەدىمىي شەھەر رايونىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان ئىپتىدائىي ئورمانلىق بولۇپ، شەھەرنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى داۋامىدا ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماي ياخشى قوغدالغاننىڭ ئۈستىگە، يەنە بوش يەرلىرىگە سۈنئىي ئورمان يېتىشتۈرۈلگەن، يوللىرى ياسالغان، ياشانغانلار، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەرخىل پائالىيەت سورۇنلىرى، تۇرمۇش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى جايلاشتۇرۇلۇپ، ھەرخىل ياش قورامىدىكى كىشىلەرنىڭ سەيلە قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ۋە دەم ئېلىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىلغان. ئورمانلىق ئارىسىدىكى چېغىر يوللاردا يۈگۈرۈپ چېنىقىۋاتقان كىشىلەر، مۇۋاپىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياشانغانلار، توپ تېپىپ ئويناۋاتقان ئۆسمۈرلەر... دائىم ئۇچراپ تۇرىدىكەن.بىر قېتىم مەن بۇ باغچىنى ئارىلاۋېتىپ، بىر جايغا ئالاھىدە ياسالغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاتناش قائىدىسىنى ئۆگىنىش مەيدانىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بىر چوڭ زالنىڭ ئورنىدەك كېلىدىغان بۇ مەيدانغا ئۆز ئارا كېسىشىپ ئۆتۈشكەن قىسقا يوللار ياسالغان، قاتناش بەلگە چىراقلىرى ئورنۇتۇلغان ئىدى، قىزىل، يېشىل چىراقلار يېنىپ، ئۆچۈپ تۇراتتى. ۋېلىسىپىت مىنىشكەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە قىزىل، يېشىل چىراقلارغا قاراپ دوقمۇشتا توختاش، دوقمۇشتىن ئۆتۈش، سولغا بۇرۇلۇش، ئوڭغا بۇرۇلۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئورۇنلىماقتا ئىدى. مەيداننىڭ چېتىدىكى بىر ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە بىر ئوقۇتقۇچى مىكروفۇن ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشغۇلاتىغا قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى. مەن بۇ يەردە بىردەم قاراپ تۇرۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ قاتناش قائىدىسىنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشلاپ كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈۋاتقانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم.
    مەن ئادەتتە سىرتقا چىققاندا ئۆزۈمنىڭ جۇڭگودىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بېشىمغا چىمەن دوپپا كىيىۋالاتتىم. بىر قېتىم ئۆزۈم يالغۇز ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈن ۋوگزال ئەتراپىغا باردىم. چۈنكى بۇ يەر شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات جايلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ يەر، بۇ يەرنى كۆرۈپ بىرەر سائەت ئايلانغاندىن كىيىن ھاجەتخانىغا كىرگۈم كەلدى، بىراق بۇ شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا ئاممىۋىي ھاجەتخانا تاپقىلى بولمايدىكەن. ۋوگزال ئىچىگە كىردىم، يەنىلا تاپالمىدىم، بىرسىدىن سوراي دېسەم تىل بىلمەيمەن. ئاخىرى بىر قەغەزگە wc دىگەن خەتنى يازدىم-دە، ئوڭ تەرىپىگە بىر سوئال بەلگىسىنى قويدۇم. ۋوگزالنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى بىر ئىشخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بىر ۋوگزال خادىمىغا «خېللو» دېدىم-دە، قولۇمدىكى قەغەزگە يېزىلغان  «?wc » دېگەن خەتنى كۆرسەتتىم. ئۇ ماڭا بىر نېمىلەرنى دېۋىدى، گېپىنى ئۇقماي تۇرۇپلا قالدىم. ئۇ بېشىمدىكى دوپپامغا بىر قارىۋېتىپ، مېنىڭ تىل بىلمەيدىغان چەتئەللىك ئىكەنلىكىمنى پەملىدى بولغاي، ئۆزىنىڭ كەينىدىن مېڭىشقا شەرەتلىدى. بىز توك پەلەمپەي بىلەن بىرىنچى قەۋەتكە چۈشتۇق، ئۇ مېنى ئەگەشتۈرۈپ ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئەكىلىپ كۆرسىتىپ قويۇپلا ئۆز ئىشىغا ماڭدى. مەن ئۇنىڭغا «سەنكيۇ» دەپ رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم. مۇشۇ بىر ئاددى ئىشتىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى بىزدەك چەتئەللىكلەرگە ناھايىتى دوستانە مۇئامىلە قىلىدىكەن، قولىدىن كىلىدىغان ياردىمىنى ئايىمايدىكەن.
    بۇنداق ئىشنى باشقا جايدىمۇ ئۇچراتتىم. بىر كۈنى ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئورمان باغچىسىنى ئايلىنىپ يۈرگەن ئىدۇق. بىر يەردە ئادەم بويىدىن ئېگىز ئۆسكەن، يۇرتىمىزدا كۆرۈپ باقمىغان ناھايتى چىرايلىق بىر ئۆسۈملۈكنى كۆرۈپ قېلىپ، مەن ئاۋۋال ئايالىمنى ئۇنىڭ يېنىدا سۈرەتكە تارتتىم، ئاندىن ئۆزۈممۇ سۈرەتكە چۈشۈۋېلىشنى ئويلاپ، ئايالىمغا سۈرەت تارتىشنى ئۆگىتىۋاتسام، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يەرلىك ياش ئەر-ئايال بۇنى كۆرۈپ، ئەر دەرھال ئالدىمغا كەلدىدە، بىر نېمە دەپ فوتۇ ئاپپاراتىمنى قولىغا ئېلىپ بىزنى سۈرەتكە تارتىپ قويدى. مۇشۇنداق بىر كىچىككىنە ئىشتىمۇ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ دوستانىلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن. كوچىلاردا كېتىپ بېرىپ يەرلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ بىزگە قاراپ ئىللىق تەبەسسۇم قىلىشى، باش لىڭشىتىپ سالاملىشىشى، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاپتوبۇس، ترامۋايلاردا بىزگە ئورۇن بوشىتىپ بېرىشى قاتارلىقلار مانا مۇشۇنداق دوستانىلىقنى، ئۇلاردىكى بىر خىل ئەخلاق ساپاسىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.
       ئوغلۇم ھەپتىدە بەش كۈن ئىشلەپ ۋە كەچتە مەكتەپكە بېرىپ ناھايىتى ئالدىراش ئۆتەتتى، پەقەت شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىلا بىزنى ئۇ يەر، بۇ يەرلەرگە ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇراتتى. 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى شەنبە ئىدى. بىز ئۈچىمىز ئانتۋېرپېن شەھرىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ بىر سائەتتەك ماڭغاندىن كېيىن، بېلگىيەنىڭ غەربى قىسمىغا جايلاشقان گېنت شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. بېلگىيەدىكى قەدىمىي جايلارنىڭ بىرى بولغان بۇ شەھەرنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە گۈزەل بولۇپ، ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەر، قەدىمىي تاش قەلئەلەر، ئاسمانپەلەك ئېگىز چىركاۋلار ھەممىلا يەردە ئۇچراپ تۇرىدىكەن. بىز ئاۋۋال ترامۋاي بىلەن شەھەرنىڭ ئاساسى كوچىلىرىنى بىر ئايلىنىپ چىقتۇق، ئاندىن مۇھىم ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى كۆردۇق. بۇ شەھەردىكى ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدە ياسالغان ھەيۋەتلىك بىر تاش قەلئە ئالاھىدە بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتتى. دەريا بويىغا قوپۇرۇلغان بۇ تاش قەلئە ئەينى زاماندىكى ئاقسۆڭەك كېنەزلەرنىڭ ئوردىسى بولسا كېرەك، پۈتۈنلەي تاشتىن قوپۇرۇلۇپ، ناھايتى پۇختا ياسالغان ئىكەن. بۈگۈنكى كۈندە بۇ تاش قەلئە بۇ شەھەرنىڭ بىر ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ قاپتۇ. شەھەر كوچىلىرىدا ئادەم شالاڭ بولۇپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ، شاۋقۇن-سۈرەن ئاڭلانمايدىكەن، خۇددى ئادەم يوقتەك جىمجىت ئىكەن. كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەر بۇ شەھەرنىڭ قەدىمىي بىناكارلىق سەنئىتىنى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىكەن. گېنت شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان بىر دەريا گويا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشىدىكەن. دەريانىڭ بىر تەرىپىدە سۇغا چىلىنىپ تۇرغان ئىمارەتلەر، يەنە بىر تەرىپىدە بولسا يول بويىدىكى رىشاتكىغا ئورنىتىلغان تەشتەكلەردە ئۆستۈرۈلگەن رەڭگارەڭ گۈللەر، دەريا قىرغىقىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ بالكۇنلىرىدا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈۋاتقان، سەگىدەۋاتقان كىشىلەر ... ئۆزگىچە بىر مەنزىرە ھاسىل قىلغان ئىدى. ئۇلى سۇ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بۇ ئىمارەتلەرنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئاستى زەيلەش سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشمەي مەزمۇت تۇرغانلىقىغا ئەقلىمىز ھەيران قالدى. يۇرتىمىزدا بولسا بۇنىڭغا ئوخشاش سۇ ئىچىدە تۇرغان ئۆي ئوڭايلا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولاتتى. بەلكىم بۇ بېلگىيەلىكلەرنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش تېخنىكىسى جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكىنىڭ مەھسۇلى بولسا كېرەك.  
       بىز گېنت شەھىرىدىكى بىر كۈنلۈك ساياھىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شۇ كۈنى كەچتە يەنە ئانتۋېرپېن شەھرىگە قايتىپ كەلدۇق. ئەتىسى ئەتىگەندىن باشلاپ يېغىشقا باشلىغان سىم-سىم يامغۇر بىزنىڭ سىرتقا چىقىشىمىزنى توسۇپ قويغان ئىدى. بۇ شەھەر دېڭىزغا يېقىن بولغاچقا، پات-پاتلا يامغۇر يېغىپ تۇرىدىكەن، لېكىن قاتتىق ياغمايدىكەن. ھاۋاسىمۇ ئىللىق بولۇپ بەك ئىسسىپ كەتمەيدىكەن. بىزنىڭ بۇ شەھەردە تۇرىدىغان ۋاقتىمىز چەكلىك بولغاچقا، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ئەتراپنى ئايلىنىپ كۆرمىگەن جايلارنى كۆرۈپ كېلىدىغان بولدۇق.  
      مۇشۇنداق ھاۋا ئوچۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىز ئانتۋېرپېن مۇزىيىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇق. توققۇز قەۋەتلىك بۇ مۇزىينىڭ ھەربىر قەۋىتى بىر مەزمۇن بولۇپ، قەدىمكى دەۋردە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشىغان ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ-ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، ھايات سەرگۈزەشتلىرى ھەرخىل ھەيكەل، تەقلىدىي بۇيۇم، ئاسارە-ئەتىقە، كارتون ۋە ئاۋاز ئارقىلىق ناھايىتى جانلىق ھېكايە قىلىپ بېرىلىدىكەن. مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۆلۈمگە كىرگەندە مۇڭلۇق قىرائەت ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن. قەدىمقى زاماندا ئىشلىتىلگەن جەڭ كېمىلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى، قىلىچ، ئوقيا، نەيزە-قالقان، ساۋۇت-دۇبۇلغا قاتارلىق بۇيۇملار ئىكىسكۇرسىيەچىلەرگە قەدىمكى زامان كىشىلىرىنىڭ يۇرت-ماكانىنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. بۇ مۇزىينىڭ ئەڭ يوقۇرى قەۋىتىگە چىقىپ قارايدىغان بولسا، پۈتكۈل ئانتۋېرپېن شەھىرىنىڭ مەنزىرىسىنى، شەھەر ئەتراپىدىكى دەريا، كۆللەرنى، پىرىستاندا توختىغان ھەرخىل چوڭ-كىچىك كېمىلەرنى كۆرگىلى بولىدىكەن. بۇنىڭغا ئوخشاش ئېگىز قەۋەتلىك زامانىۋىي بىنالار بۇ شەھەردە پەقەت ئاندا-ساندىلا ئۇچراپ قالىدىكەن.  
     بېلگىيەدە بىز كۆرۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر جەلىپكار جاي-بىريۇسسىل شەھىرى ئىدى. بىريۇسسىل بىلەن ئانتۋېرپېننىڭ ئارىلىقى ئانچە يىراق ئەمەس ئىكەن، ئاستا پويىزدا بىر سائەتتە، تېز پويىزدا يېرىم سائەتتىلا بارغىلى بولىدىكەن. بىز ئوغلۇمنىڭ شەنبە، يەكشەنبىلىك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، بىريۇسسىل شەھرىگە ئىككى قېتىم بېرىپ ساياھەت قىلىپ كەلدۇق.
       بىريۇسسىل شەھىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بولۇپ، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش شىتابى، ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق يۈزلىگەن خەلقئارالىق ئاپپارات مۇشۇ شەھەرگە جايلاشقان ئىكەن. شۇڭا، بۇ شەھەر يەنە ياۋروپانىڭ پايتەختى دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. بىز بىرىنچى قېتىم بۇ شەھەرگە كەلگىنىمىزدە، پويىزدىن چۈشۈپلا ئۇدۇل ياۋروپا پارلامېنت بىناسىنىڭ ئەتراپىغا كەلدۇق. بېلگىيە پارلامېنت بىناسىمۇ ئۇنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئىكەن. ئېگىز قەۋەتلىك بۇ زامانىۋىي بىنالار يىراقتىن تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىكەن. بىز بۇ جايدا بىردەم ئايلىنىپ سەيلە قىلدۇق. بۇ كۈنى شەنبە بولغاچقا، ھەممە ياق تىمتاس بولۇپ، ئەتراپتا ئادەم كۆرۈنمەيتتى. مەركەز دەرىجىلىك مۇشۇنداق بىر مۇھىم دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەتراپىغا ھېچقانداق قاراۋۇل قويۇلمىغانلىقىدىن ھەيران قالدۇق، پەقەت نېرى چەتتە بىر ساقچى ماشىنىسىلا تۇراتتى. پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ بىردەم ماڭغاندىن كېيىن كىچىكرەك بىر مەيدانغا كەلدۇق. مەيداننىڭ بىر تەرىپىدە پادىشاھ ئوردىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر قەدىمىي ئىمارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئوتتۇرا ئەسىر كىشىلىرىنىڭ ھەرخىل قىياپەتتىكى ھەيكەللىرى ئورنىتىلغان ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ بەزى جايلىرى ئىگىز-پەس بولغاچقا، مەيداننىڭ نېرىسىدىكى قەدىمىي كوچىلار پەس كۆرۈنىدىكەن. بىز مەيداننىڭ چېتىدىكى پەلەمپەي ئارقىلىق پەسكە چۈشۈپ، بۇ شەھەرنىڭ قەدىمىي كوچىلىرىنى ئارىلاپ چىقتۇق. ھەممىلا كوچا ئەگرى-بۈگرى بولۇپ، تۈپتۈز كەتكەن بىرەر كوچىنى تاپقىلى بولمايدىكەن. بۇ كوچىلاردىكى كونا ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى 4-5 قەۋەتلىك بولۇپ، زامانىۋىي ئېگىز بىنالار كۆزگە چېلىقمايدىكەن. بىز بىريۇسسىل شەھىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئايلىنىپ بولغىچە كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى. بۇ قەدىمىي شەھەرگە يەنە بىر قېتىم كېلىشنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، پويىز بىلەن ئانتۋېرپېن شەھرىگە قايتتۇق.
      بىريۇسسىل شەھىرىگە ئىككىنچى قېتىم كەلگەن ۋاقتىمىزدا، بۇ شەھەردە قەدىمىي كوچىلار، قەدىمىي ئىمارەتلەر بولغاندىن تاشقىرى، يەنە زامانىۋىي ئىگىز قەۋەتلىك بىنالار، ئازادە، كەڭ كوچىلار، ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان تەبىئىي ئورمان باغچىلىرىدىكى بۈك-باراقسان ئورمانلار ۋە ھەممىلا يەردە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ياپيېشىل چىمەنزارلىقلارنىڭ بارلىقىنى كۆردۇق. ئاتوم مولىكۇلاسى شەكلىدە ياسالغان ئاتوميۇم مۇنارى بىلەن 1905-يىلى ياسالغان مۇستەقىللىق دەرۋازىسى بۇ شەھەرنىڭ سىمۋولى بولۇپ، مۇھىم ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ھىساپلىنىدىكەن. بۇ يەرگە ساياھەتچىلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىكەن. بىز ئاتوميۇم مۇنارى ئەتراپىغا كەلگەندە ساياھەتچىلەر مىغىلداپ كەتكەن ئىكەن. ھەيۋەتلىك بۇ مۇنار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يەر تۈزۈلۈشى ئىگىز-پەس بولغان سىرلىق ئورمان باغچىسى ساياھەتچىلەرنى بەكمۇ جەلپ قىلىدىكەن. مۇستەقىللىق دەرۋازىسىنىڭ ئەتراپىدىكى يېشىللىقلار، توختىماي ئېتىلىپ چىقىۋاتقان فونتانلار، ئەتراپتىكى قويۇق ئورمانزارلىقلار كىشىگە بىر خىل گۈزەللىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىكەن. بىز بۇ جەلپكار شەھەرنىڭ بىر قىسىم مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت قىلىپ، ئۆزگىچە گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇرلاندۇق. بىريۇسسىل شەھىرى ناھايىتى چوڭ بولغاچقا، پىيادە ئايلىنىپ بولالماي، بەزىدە ترامۋايغا، بەزىدە مېتروغا چۈشۈپ ماڭاتتۇق. چۈشتە بىر ئەرەب ئاشخانىسىدا غىزالانغاندىن كىيىن، يەنە ساياھىتىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. بېلگىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى جايلاشقان بىر كوچا بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى. بۇ كوچا ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىر-بىرىگە تۇتاش كەتكەن ئېگىز قەۋەتلىك بىنالار قەد كۆتىرىپ تۇراتتى. كوچىنىڭ ئوتتۇرىسى كەڭ كەتكەن سۈنئىي ئورمانلىق ۋە چىملىق ئىكەن. ئورمانلىق بىلەن بىنا ئوتتۇرىسىدىكى يولدا ماشىنىلار قاتنايدىكەن، پىيادىلەر بولسا ئورمانلىق ئارىسىدىكى مەخسۇس ياسالغان پىيادىلەر يولىدا ماڭىدىكەن. بۈگۈن يەكشەنبە كۈنى بولغاچقا، ئاندا-ساندا ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇرغاننى ھىسابقا ئالمىغاندا، بۇ كوچىدا گويا ئادەم يوقتەك جىمجىت ئىدى. بۇ يەردە كېتىۋاتقان ئادەم ئۆزىنى خۇددى جىمجىت ئورمانلىقتا كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىكەن. بىريۇسسىل ۋۇگزالىمۇ مۇشۇ كوچىغا يېقىن بولغاچقا، بىز يوپۇرماقلىرى سارغىيىشقا باشلىغان دەرەخزارلىق ئارىسىدىكى جىمجىت يول بىلەن ئۇدۇل ۋۇگزالغا كەلدۇق. چۈنكى بۇ چاغدا كەچ كىرىشكە باشلىغان ئىدى. بۇ دۆلەتنىڭ قاتناش ئىشلىرىمۇ ناھايىتى قولايلىق ئىكەن، ۋوگزالغا كېلىپ يېرىم سائەت ساقلا-ساقلىمايلا ئانتۋېرپېنغا بارىدىغان پويىزغا چۈشتۇق.  
    بېلگىيە-زېمىنى كىچىك، نوپۇسى ئاز دۆلەت بولغاچقا، كۆپ يىللار ئىلگىرى بەزى چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى قۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ئەمگەك كۈچى يېتىشمەي، غەربى ئاسىيا، ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىن بىر تۈركۈم ئەمگەك كۈچى يۆتكەپ كەلگەن ئىكەن. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن بۇ ئەمگەكچىلەر بېلگىيەگە ماكانلىشىپ قالغان، ھازىر بېلگىيە پۇقراسى بولغان تۈرك، ئەرەب ۋە ئافرىقىلىق كۆچمەنلەر ئەنە شۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلارمۇ خېلى كۆپ ئىكەن. بېلگىيەدە ئولتۇراقلاشقان چەتئەللىك كۆچمەنلەر مەيلى قارا تەنلىك ياكى سېرىق تەنلىك بولسۇن، ئەزەلدىن كەمسىتىلمەيدىكەن ۋە چەتكە قېقىلمايدىكەن. مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش ۋە ھەرخىل تۇرمۇش تەمىناتى جەھەتلەردە ئاق تەنلىك ئاھالىلار بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. شۇڭا كۆچمەنلەر بۇ دۆلەتكە كۆپلەپ كەلگىلى تۇرۇپتۇ. پەقەت ئانتۋېرپېن شەھرىدىلا مىللەت تەركىبى 100 دىن ئاشىدىكەن.  
     بىراق، دۆلەت چىگرىسىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى، باراۋەر ھوقوقتىن بەھرىمەن بولىدىغان كۆچمەنلەر سىياسىتى بىر قىسىم قانونسىز كۆچمەنلەرنىڭ بۇ دۆلەتكە كېلىۋېلىپ، ئەسلىدىكى تېنچ-ئامان، مەدەنىي جەمئىيەتنىڭ ئوبرازىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەندەك قىلىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقىغا بولغان مۇشۇنداق بۇزغۇنچىلىقنىڭ بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىپ قالىدىغانلىقىنى زادىلا ئويلىمىغان ئىكەنمىز. بىزنىڭ بېلگىيەدىن كېتىدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالغاچقا، ئالدىن زاكاس قىلغان خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېلىتىنىڭ ۋاقتىغا ئاساسەن، 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 11 دە بىريۇسسىلدىن يولغا چىقماقچى ئىدۇق. بىز نەرسە-كېرەكلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، بىريۇسسىلغا بالدۇراق بېرىۋېلىش ئۈچۈن كەچ كىرىشى بىلەنلا ئانتۋېرپېن ۋوگزالىغا كەلدۇق. ۋوگزالنىڭ چوڭ زالىدا مەن ۋە ئايالىم سومكىلىرىمىزنى يەردە قويۇپ بىردەم ساقلاپ تۇردۇق، ئوغلۇم بىريۇسسىلغا بارىدىغان پويىز بېلىتى ئېلىش ئۈچۈن بېلەت سېتىش زالىغا كىرىپ كەتتى. ئوغلۇم ئۆچرەتتە تۇرۇپ بېلەت ئېلىپ بولغىچە ئازراق ۋاقىت ئۆتتى.
    -مەن كىرىپ قاراپ باقاي، ئۆچرەت يېقىنلاشتىمىكىن،-ئايالىم شۇنداق دېگىنىچە بېلەت ئېلىش زالىغا كىرىپ كەتتى. مەن نەرسە-كېرەكلەرگە قاراپ قالدىم. يېنىمدىكى يەردە نەرسە-كېرەك قاچىلانغان ئۈچ سومكا بار ئىدى. چوڭ زالنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى ئىشىكى بولۇپ، مەن بىر تەرەپتىكى ئىشىككە كەينىمنى قىلىپ تۇرۇپ قاپتىمەن. شۇ ئەسنادا قارشى تەرىپىمدىكى ئىشىكتىن پاكىنەك بىر شەپكىلىك ياش كىرىپ كەلدى-دە، ئۇدۇل ئالدىمغا كېلىپ ماڭا بىر نېمىلەرنى دېدى. مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئۇقمىغاچقا، بېشىمنى چايقىدىم. ئۇ دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ زالدىن تېز چىقىپ كەتتى. ئاڭغىچە، ئوغلۇم بىلەن ئايالىم پويىز بېلىتىنى ئېلىپ يېنىمغا كەلدى. ئەمدى پويىز توختاش ئورنىغا بارايلى دەپ سومكىلارنى ئېلىش ئۈچۈن يەرگە شۇنداق ئېڭىشسەم، ئۈچ سومكىدىن بىرسى يوق تۇرمامدۇ، پىشانەمدىن شۇ ھامان تۈتۈن چىقىپ كەتتى.
    -مېنىڭ سومكام يوق تۇرىدۇ!- دەپ توۋلىۋەتتىم ئىختىيارسىزلا. دېمەك بىر سومكا ئوغرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئويلاپ قارىسام، بۇ ئوغرىلار ئىككى بولۇپ، بىرسى ئۇدۇلۇمدىكى ئىشىكتىن كىرىپ مېنى گەپكە تۇتۇپ تۇرغان، شېرىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىر سومكىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ دەل مىنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىم قاچىلانغان سومكا بولۇپ، ئىچىدە مېنىڭ ياۋروپاغا كەلگەندىن بۇيان كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىم توغرىسىدا ئۈزۈلدۈرمەي يېزىپ كېلىۋاتقان كۈندىلىك خاتىرىلىرىم (جەمئىي ئۈچ چوڭ خاتىرە دەپتەر)، سۈرەت قاچىلانغان بىر قاتتىق دېسكا، لازىملىق ماتېرىياللىرىم ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىم بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ماددىي قىممىتى ئانچە چوڭ بولمىغان بىلەن، لېكىن ماڭا نىسبەتەن مەنىۋىي قىممىتى ناھايىتى چوڭ ئىدى.  
    -بىر ئادەم بېلەت ئالغىلى ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقاندىكىن، سىزگە ئۇ يەردە نېمە بار ئىدى؟- دېدىم ئايالىمغا كايىپ. ھېلىمۇ ياخشى، پاسپورت، فوتۇ ئاپپارات، يان تېلىفۇن، نۇرغۇن سۈرەت قاچىلانغان ئىككى بارماق دېسكا قاتارلىق مۇھىم نەرسىلىرىم بوينۇمغا ئېسىۋالغان كىچىك سومكامدا ئىدى، بۇنى ئوغرىغا بېرىپ قويمىغانلىقىمغا مىڭ شۈكرى قىلدىم، ئەگەر بۇ سومكىنى ئوغرى ئېلىۋالغان بولسا، چوڭ چاتاق چىققان بولاتتى.شۇنداقتىمۇ ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان يېزىپ كېلىۋاتقان كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمغا ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى. چۈنكى، گېرمانىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيەدىكى ساياھىتىم توغرىسىدا يېزىلغان نۇرغۇن ئىنچىكە تەپسىلاتلار ئەشۇ كۈندىلىك خاتىرەمدە ئىدى. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ياۋروپا سەپىرىم توغرىسىدا بىر نەرسە يازارمەن، دەپ ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم. ئەمدى بۇ قىممەتلىك خام ماتېرىياللىرىم نائەھلى ئوغرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى، نېمىشقا ئىچىم ئېچىشماي قالمىسۇن؟ تەرەققى قىلغان، كىشىلەرنىڭ ئەخلاق ساپاسى يوقۇرى بولغان مۇشۇنداق مەدەنىي جەمئىيەتتىمۇ ئوغرىنىڭ بارلىقىغا ھەيران قالدىم.
    -يەرلىكلەر ھەرگىز بۇنداق قىلمايدۇ، بۇ چوقۇم ماراكەشلىك ئوغرىلارنىڭ ئىشى،-دېدى ئوغلۇم بىزگە. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ماراكەش قاتارلىق شىمالى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مۇقىم كىرىمى بولمىغاچقا، ۋوگزال قاتارلىق ئاممىۋىي سورۇنلاردا مۇشۇنداق ئوغرىلىق قىلىپ جان باقىدىكەن. بۈگۈن يەكشەنبە كۈنى بولغاچقا، ۋوگزال ساقچىلىرىمۇ دەم ئالغان ئىكەن ، شۇڭا ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلغىلىمۇ بولمىدى. ئاڭغىچە پويىزغا چىقىپ بىريۇسسىلغا مېڭىپ كەتتۇق. كەيپىياتىم تولىمۇ ناچار ئىدى، ئايالىم بىلەن ئوغلۇمنىڭ پاراڭلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمەيتتى، كۆزلىرىم بىر نۇقتىغا تىكىلگەن پېتى قاتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەك ئولتۇراتتىم.
    -بىريۇسسىلغا كەلدۇق، پويىزدىن چۈشەيلى،-ئوغلۇم شۇنداق دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ سومكىلارنى قولىغا ئالدى. ئېسىمگە كەلگەندەك بولۇپ ئەتراپىمغا قارىسام كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پويىزدىن چۈشكىلى تۇرۇپتۇ، بىزمۇ چۈشتۇق. خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇس بېكىتىمۇ ۋۇگزالنىڭ يېنىدا ئىكەن. بىردەم ساقلىغاندىن كېيىن ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئوغرىدىن ئېشىپ قالغان سومكىلىرىمىزنى كۆتىرىپ ئاپتوبۇسقا چىقتۇق. ئوغلۇم ئاپتوبۇس قوزغالغىچە قاراپ تۇرۇپ، ئاپتوبۇس ماڭغاندىن كېيىن ۋوگزالغا كىرىپ كەتتى، چۈنكى ئۇ يەنە ئانتۋېرپېن شەھىرىگە قايتىپ كەتمىسە بولمايتتى.  
     بىريۇسسىل شەھرىدىن چىقىپ يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چۈشكەن ئاپتوبۇس قاراڭغۇ كېچىدە بىر خىل سۈرئەت بىلەن ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئورۇندۇقنىڭ يۈلەنچۈكىنى كەينىگە قىيسايتىپ ئۇيقۇغا كېتىشكەن ئىدى. لېكىن مېنىڭ كۆزۈمگە نەدىمۇ ئۇيقۇ كەلسۇن! ئاخشام ئانتۋېرپېن ۋۇگزالىدا دۇچ كەلگەن قىسمەت كاللامغا كىرىۋېلىپ ماڭا ئۇيقۇ بەرمەيتتى. دېرىزىنىڭ سىرتى قاراڭغۇ بولسىمۇ، ئاپتۇبۇسنىڭ شەھەر، بازارلاردىن، ئورمانلىقلاردىن، دەريا كۆۋرۈكلىرىدىن، تۆپىلىكلەردىن، دالىلاردىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئولتۇراتتىم. ئاپتوبۇس ھەربىر شەھەردە بىر قېتىم توختاپ، چۈشۈدىغانلارنى چۈشۈرۈپ، چىقىدىغانلارنى چىقىرىپ ماڭاتتى. ئوغلۇمنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئاپتوبۇس ئەنگىلىيە پايتەختى لوندۇندىن چىقىپ، دېڭىز ئاستى تونىلى ئارقىلىق فرانسىيەگە كېلىپ، بېلگىيە، گېرمانىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە لوندۇنغا قايتىدىكەن. بىر كەمدە ئاپتوبۇس دېرىزىسىدىن سىرتقا قارىسام تاڭ يورۇپ قاپتۇ. ئاپتوبۇس ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان گۈزەل مەنزىرىلىك بىر شەھەرگە كېلىپ توختىدى. بېكەت تاختىيىغا يېزىلغان ھەرپلەرگە قاراپ، بۇ شەھەرنىڭ گېرمانىيەنىڭ شتوتگارت شەھىرى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. يولىمىز يەنە داۋاملاشتى. بىر جايغا كەلگەندە ئاپتوبۇس تېخى بېكەتكە كەلمەيلا توختاپ قالدى. شوپۇر ئورنىدىن تۇرۇپ كەينىدىكى يولۇچىلارغا قاراپ: «پاسپورت...» بىر نېمە دېدى. ئۇنىڭ پاسپورت دېگەن گېپىدىن باشقا گېپىنى ئۇقمىدىم، ئېھتىمال «پاسپورتىڭلارنى چىقىرىڭلار» دېگەن بولسا كېرەك. ئاڭغىچە گېرمانىيەنىڭ پۇقراچە كىيىنگەن ئىككى ساقچىسى ئاپتوبۇسقا چىقىپ يولۇچىلارنىڭ پاسپورتلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. بىزمۇ پاسپورتىمىزنى چىقىرىپ كۆرسەتتۇق. مەن ياۋروپاغا كەلگەندىن باشلاپ پاسپورتنى يېنىمدىن ئايرىماي كەلگەنىدىم، ئەمما شۇنچە نۇرغۇن جايلارنى چۆگىلەپ كەلسەكمۇ، ھېچكىم پاسپورتىمىزنى تەكشۈرۈپ باقمىغان ئىدى. بۈگۈن بېلگىيەدىن گېرمانىيەگە قايتىپ كەلگىنىمىزدە تۇنجى قېتىم پاسپورت تەكشۈرۈشتىن ئۆتتۈق. ئۇزاق ئۆتمەي ئاپتوبۇس ميۇنخېن شەھرىگە كىرىپ كەلدى. سائەتكە قاراپ ھېسابلاپ باقسام، توپتوغرا 12 سائەت يول يۈرۈپتىمىز. بېكەتكە كىرگەندە ئاپتوبۇستىن چۈشتۇق. قىزىمغا تېلېفۇن قىلىپ قايتىپ كەلگەنلىكىمىزنى خەۋەرلەندۈردۈم. بىردەمدىن كېيىن كۈيئوغلۇم ماشىنا بىلەن كېلىپ بىزنى ئۆيگە ئېلىپ كەتتى. ئەتراپقا قارىسام، دەل-دەرەخلەر سارغىيىپ، يوپۇرماقلار يەرگە تۆكۈلۈشكە باشلاپتۇ. يېشىللىق بىلەن قاپلانغان ياۋروپا كەچكۈز پەسلىگە كىرگەن ئوخشايدۇ. ئەمدى دىققىتىڭلار خاتىرىمىزنىڭ داۋامى «كەچكۈزدىكى ياۋروپا» دا بولسۇن.
    مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.