ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر (4)

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-11 16:55:46

سەپەر داۋاملاشماقتا 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ھاۋا ئوچۇق ئىدى. بىز ھەممىمىز كۈيئوغلۇمنىڭ ماشىنىسى بىلەن بېلگىيەگە قاراپ يولغا چىقتۇق.


    ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر (4)
     
    (ئەدەبىي ئاخبارات)
    تۇرسۇن ياسىن
     
    سەپەر داۋاملاشماقتا
    2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ھاۋا ئوچۇق ئىدى. بىز ھەممىمىز كۈيئوغلۇمنىڭ ماشىنىسى بىلەن بېلگىيەگە قاراپ يولغا چىقتۇق.
    گېرمانىيەنىڭ تاشيول بويلىرى نېمىدىگەن گۈزەل ھە! بىز بۈك-باراقسان ئورمان بىلەن قاپلانغان يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كېتىۋاتىمىز. مەن تاشيول بويلىرىدىكى ياپيېشىل قارىغايزارلىقلار، ئارچىزارلىقلار، شەمشاتزارلىقلاردىن كۆزۈمنى ئۈزەلمىگەن ھالدا يۇرتىمىزنىڭ تاشيوللىرىنى ئەسلەپ قالدىم. يۇرتىمىزنىڭ يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول بويلىرىدا يېشىل بوستانلىقلار ئاز، قاقاس سايلىق، چۆل-جەزىرىلەر كۆپ ئىدى، بۇ چۆللۈكلەردىن چىقىپ بولغىچە ئادەمنى ئۇيقۇ بېسىپ كېتەتتى. ئەمما، گېرمانىيەدىكى يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول بويلىرىدا بولسا، يۇرتىمىزدىكىدەك قاقاس سايلىقلارنى، چۆل-جەزىرىلەرنى زادىلا كۆرگىلى بولمايدىكەن، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنىمۇ قاچۇرۇۋىتىدىكەن. ماشىنىمىز بەزىدە لەرزان ئېقىۋاتقان دەريالارنىڭ كۆۋرۈكلىرىدىن ئۆتسە، بەزىدە ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر جىلغىنىڭ كۆۋرۈكلىرىدىن ئۆتۈپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى.
    -يول ئۈستىدە كۆلىن شەھىرىگە كىرىپ ئۆتەيلى،-دېدى قىزىم،-ئۇ شەھەردە ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئېگىز بىر قەدىمىي چىركاۋ بار دەپ ئاڭلىغانىدىم، يول ئۈستىدە بولغاندىكىن كىرىپ كۆرۈپ ماڭايلى.
    كۈيئوغلۇم ھەيدەپ كېتىۋاتقان ماشىنا يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقىپ ئوڭغا بۇرۇلدى. بىردەمدىن كېيىن كۆلىن شەھىرىگە كىرىپ كەلدۇق. كۆلىن چىركاۋسى ھەقىقەتەن ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىكەن، ئېگىزلىكىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، ئىشقىلىپ 15-20 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكى بىلەن تەڭدەك قىلاتتى. دەرۋازىسىنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ ئۈستىگە قاتارلىشىپ تۇرغان قەدىمىي كىشىلەرنىڭ تام ھەيكەللىرى ئۇيۇلغان ئىدى. ئېگىزرەك بىر جايدا بۇ چىركاۋ قۇرۇلۇشىنىڭ 1248-يىلى باشلىنىپ، 1880-يىلى ئاخىرلاشقانلىقى خاتىرلەنگەن چوڭ خەت ئويۇقلۇق تۇراتتى. 600 نەچچە يىلدا ئاران پۈتكەن بۇ قەدىمىي ئىمارەتنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمىمۇ خېلى چوڭ ئىكەن، بەزى جايلىرى رېمۇنت قىلىنىۋىتىپتۇ. بىز چىركاۋ ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ باقتۇق. چىركاۋ ئىچى ناھايىتى چوڭ ۋە ھەشەمەتلىك بۇلۇپ، بىر چەتتىكى قاتارى كەتكەن ئۈستەللەرنىڭ ئۈستىگە بىرەر يۈزچە شام يېقىپ قويۇلۇپتۇ. تاملاردا نەپىس ئىشلەنگەن ھەرخىل تام سۈرەتلىرى بار ئىدى. چىركاۋغا كىرىپ-چىقىپ تۇرۇۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى. مەن چىركاۋ ئىچىنى بىردەم ئايلىنىپ بولۇپ چىقىپ كېتەي دەپ تۇرۇشۇمغا، نېرىراقتا قاراپ تۇرغان بىر پوپ ئالدىمغا كېلىپ بېشىمدىكى دوپپامنى كۆرسىتىپ بىر نېمىلەرنى دەپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىدىم-دە، ئىشىك تەرەپنى كۆرسىتىپ، ھازىرلا چىقىپ كېتىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. سىرتقا چىققاندىن كېيىن بۇ ئىشنى ھەمراھلىرىمغا دەپ بەردىم، ئەسلىدە پوپ ماڭا باش كىيىمىڭىزنى ئېلىۋېتىڭ، دېگەنىكەن. چىركاۋغا يالاڭباشتاق كىرىش خىرىستيانلارنىڭ بىر قائىدىسى بولسا كېرەك.
    چىركاۋنىڭ يېنىدا ئالتە قەۋەتلىك بىر قەدىمىي ئىمارەت بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتىغا ئۇيۇلغان بەلگىدىن بۇ ئىمارەتنىڭ 1709-يىلى پۈتكەنلىكى خاتىرىلەنگەن ئىدى. بۇ قەدىمىي ئىمارەت ھازىر بىر كاتتا مېھمانسارايغا ئايلىنىپتۇ. چىركاۋ ئالدىدىكى مەيداندا ئادەملەر ناھايىتى كۆپ ئىدى، ئۇنىڭ ئەتراپىغا قەھۋەخانىلار، ھەرخىل دۇكانلار ئورۇنلاشقان ئىدى. بىز بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقتىمىزنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، كۆلىن شەھرىدىن ئايرىلىپ يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ماشىنىمىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق يول باشلاش قۇرۇلمىسىنىڭ قوماندانلىقى بىلەن يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تېز ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. بىزنىڭ بارىدىغان مەنزىلىمىز بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپېن شەھىرى بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 770 كىلومېتىر كېلىدىكەن، سائىتىگە 100 كىلومېتىر ئەتراپىدا ماڭساق، 7-8 سائەتتە بارالايدىكەنمىز. بىراق، بىز ئۇدۇل مېڭىۋەرمەي كۆلىن شەھىرىدە ئازىراق ھايال بولۇپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن، مەنزىلىمىزگە كېچىكىپ بارىدىغان بولدۇق. ئۇزاق ئۆتمەي قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى، يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بارا-بارا قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. يول چىراقلىرى بولسىمۇ يانمىغان ئىدى. ھەمراھلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى تېجەشكە بەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن، شۇڭا توكنى تېجەش ئۈچۈن ئۇزۇن يوللۇق تاشيولنىڭ يول چىراقلىرىنى ياندۇرمايدىكەن. خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن، بىز كېتىۋاتقان يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يول چىراقلىرى ۋاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى.  
    -مانا، بېلگىيە چىگرىسىغا كىردۇق.-دېدى كۈيئوغلۇم.
    ئەسلىدە بىز گېرمانىيە تەۋەلىكىدىن چىقىپ بېلگىيە تەۋەلىكىگە كىرگەن ئىكەنمىز. بېلگىيە چىگرىسى ئىچىدىكى يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ چىراقلىرى يولنى خۇددى كۈندۈزدىكىدەك يوپيورۇق يورىتىۋەتكەن ئىدى. بېلگىيەلىكلەر توك تېجەشكە كەلگەندە گېرمانىيەلىكلەردەك پىخسىق ئەمەسكەن، بىز بېلگىيە چىگرىسى ئىچىدىكى يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا خۇددى يوپيۇرۇق شەھەر كوچىلىرىدا كېتىۋاتقاندەك ماڭدۇق. ياۋروپا ۋاقتى كەچ سائەت 11 دىن ئاشقاندا ئاران ئانتۋېرپېن شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. كىچىك ئوغلۇم بىزنى ئۆيىدە ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئۇزۇن يولنى بېسىپ سەل چارچىغان ئوخشايمىز، تاماقتىن كېيىن ئارام ئالدۇق.
    ئەتىسى ئەتىگەندە ئوغلۇم ئىشىغا كەتتى (ئۇ كۈندۈزى ئىشلەپ كەچتە مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن). قالغانلىرىمىز بۇ شەھەردىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز بويىغا بارماقچى بولدۇق. باشقىلار تەييارلىنىپ بولغىچە مەن بىردەم ئايلىنىپ كەلمەكچى بولۇپ سىرتقا چىقتىم. بۇ ناتونۇش شەھەرنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن قىسقا كوچىلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەن. مەن بىر-ئىككى كوچىنى ئايلىنىپلا قايتارمەن دەپ ماڭغان ئىدىم، كىم بىلسۇن، بىر كوچىدىن چىقىپ يەنە بىر كوچىغا كىرىپ، ئەمدى قايتاي دېسەم ئۆزۈم ئەسلىدە كىرگەن كوچىنى تاپالماي، بىر دەمدىلا ئېزىپ قالدىم. ئۇ كوچىدىن بۇ كوچىغا، بۇ كوچىدىن ئۇ كوچىغا كىرىپ ئۆي بار كوچىنى تاپالماي يۈرسەم، ماشىنا بىلەن مېنى ئىزدەپ چىققان كۈيئوغلۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئېزىپ يۈرۈشتىن قۇتۇلدۇم. ئەسلىدە باشقا ھەمراھلىرىم تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ ئەمدى ماڭايلى دەپ ئىشىك ئالدىغا چىقسا، مەن پات كەلمەپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئايالىم بىلەن قىزىم پىيادە بىر تەرەپكە، كۈيئوغلۇم ماشىنا بىلەن يەنە بىر تەرەپكە مېنى ئىزدەپ چىققانىكەن. ھەممىمىز جەم بولغاندىن كېيىن، بېلگىيەنىڭ غەربىدىكى دېڭىز بويىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. ئالاھەزەل بىرەر سائەتچە ماڭغاندىمىز، بروگ دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك شەھەرگە يىتىپ كېلىپ، ئۇدۇل دېڭىز بويىغىلا باردۇق.
    بروگ-كىچىك شەھەر بولغىنىغا قارىماي، بىر پورت شەھىرى ئىكەن. بىز يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ، پىرىستاندا توختىغان كىچىك تىپتىكى يۈك پاراخوتلىرىنى كۆردۇق. پىرىستاننىڭ نېرىسىغا ئۆتۈپ قارىساق، قۇملۇق دېڭىز ساھىلى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولدى. بۇ بىر كەڭ كەتكەن قۇملۇق بولۇپ، دېڭىزغا يېقىن جايلىرى نەم ئىدى. دېڭىز سۈيى تاشقاندا بۇ قۇملۇقلارنى بېسىپ كېتىدىكەن، دېڭىز سۈيى يانغاندا قۇملۇق يەر يۈزىگە چىقىدىكەن. خەرىتىدىن قارىغاندا، بۇ دېڭىز ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى شىمالى دېڭىز بولۇپ، بروگ شەھرى سەل ئېگىزرەك، دېڭىز سەل پەسرەك جايلاشقان ئىكەن. يەرلىك ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەر دېڭىزنىڭ قىرغاققا يېقىن جايلىرىدا سۇغا چۆمۈلىدىكەن. قۇملۇق دېڭىز ساھىلىدىكى يول ياقىسىدا بىر-بىرىگە تۇتاش سېلىنغان نۇرغۇن كىچىك ئۆيلەر بولۇپ، تومۇز ئىسسىق ياز كۈنلىرى دېڭىزغا سۇغا چۆمۈلگىلى كەلگەن كىشىلەر بۇ ئۆيلەردە كىيىم-كېچەك ۋە نەرسە-كېرەكلىرىنى ساقلايدىكەن. لېكىن ھازىر كۈز پەسلى باشلىنىپ ، ھاۋامۇ ئانچە ئىسسىق بولمىغاچقا، بۇ كىچىك ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاقاقلىق تۇراتتى. دېڭىز بويىغا سۇغا چۈمۈلگىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ ئانچە كۆزگە چېلىقمايتتى. بۇ كۈنى شامال بولمىغاچقا، دېڭىز سۈيىمۇ دولقۇنلىماي تېپتېنچ تۇراتتى.
    بىز دېڭىز بۇيىدا ئىككى سائەتتىن كۆپرەك سەيلە قىلغاندىن كىيىن، كەلگەن يولىمىز بىلەن قايتتۇق. دېڭىز بويىغا بارىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپى ئاساسەن تېرىلغۇ يەرلەر ئىكەن، يول بويلىرىدىكى بۇغدايلىرى يىغىلىپ بولغان ئېڭىزلىقلاردا توپ-توپ كالىلار ئوتلاپ يۈرەتتى. كەچ كىرىشتىن خېلى بۇرۇنلا ئانتۋېرپېنغا قايتىپ كەلدۇق. كىچىك ئوغلۇممۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيدە بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئايالىم بىلەن قىزىم ئاشخانىغا كىرىپ تاماققا تۇتۇش قىلدى. كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئوغلۇم مەكتەپكە كەتتى، شەنبە، يەكشەنبىدىن باشقا چاغلاردا ئۇنىڭ كۈنلىرى تولىمۇ ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدىكەن.
    بۇ شەھەر بىلەن گوللاندىيەنىڭ ئارىلىقى بىر سائەتلىك يول بولغاچقا، كۈيئوغلۇم بىزنى گوللاندىيەگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كەلمەكچى بولدى. يېمەك-ئىچمەكلىرىمىزنى يېتەرلىك تەييارلىۋالغاندىن كىيىن، 9-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامىستىردام شەھرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ۋىزا كەتمەيدىكەن، ئىككى دۆلەتنىڭ چىگرىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن بىرلا پاسىل تاختىيى ئورنۇتۇلغاندىن باشقا، ھېچقانداق چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى، چېگرا قاراۋۇلخانىسى دېگەنلەر يوق ئىكەن. بىز گېرمانىيەدىن بېلگىيەگە كېلىشتە بولسۇن ياكى بېلگىيەدىن گوللاندىيەگە بېرىشتا بولسۇن، ماشىنىمىز ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىسىدا توختىماي ئۆتۈپ كېتىۋەردى. يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تەخمىنەن ئىككى سائەت ئەتراپىدا يول يۈرگەندىن كېيىن، ئامىستىردام شەھىرىگە يىتىپ كەلدۇق.
    ئامىستىردام شەھىرى گوللاندىيەنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ شەھىرى، شۇنداقلا گوللاندىيەنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى ھىساپلىنىدىكەن. دېڭىز بويىغا جايلاشقان بۇ پورت شەھىرى دېڭىز يۈزىدىن پەسرەك بولغاچقا، «سۇ ئاستى شەھىرى» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. بۇ شەھەردە سۈنئى قېزىلغان 165 قانال بولۇپ، شەھەرنىڭ قايسىلا كوچىسىغا كىرسە، كوچىنىڭ ئوتتۇرىسى قانال، ئىككى تەرىپى ئاپتۇموبىل ۋە پىيادىلەر يولى ئىكەن. قاناللاردا ھەر خىل كىچىك كېمە، قېيىقلار قاتناپ تۇرىدىكەن. بەزى جايلاردا قانال بويىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ ئۇلى سۇغا چىلىشىپ تۇرىدىكەن. قاناللارنىڭ ھەر 4-5 يۈز مېتىر ئارىلىقىغا بىردىن كۆۋرۈك سېلىنغان بولۇپ، بۇ كۆۋرۈكلەر ئارقىلىق بىر كوچىدىن يەنە بىر كوچىغا ئۆتكىلى بولىدىكەن.
       بىز بىر قانال كۆۋرۈكىدە تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشىۋاتقان ئىدۇق، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاق تەنلىك ئىككى ياش بىزنى كۆرۈپ، يېنىمدا تۇرغان قىزىمدىن ئىنگلىز تىلىدا:
    -سىلەر ئۇيغۇرمۇ؟-دەپ سورىدى.
    -ھەئە، بىز ئۇيغۇر، بۇنى قانداق بىلدىڭىز؟- دېدى قىزىم ئۇنىڭغا. ھېلىقى ياش مېنى كۆرسىتىپ:
    -ماۋۇ كىشىنىڭ بېشىدىكى دوپپىسىدىن بىلدىم، مەن شىنجاڭغا بارغان، مۇشۇنداق دوپپا كەيگەن ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن.-دېدى ۋە ئۇيغۇرچە «رەھمەت» دەپ  بىز بىلەن خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. ئۇ چاغدا مېنىڭ بېشىمدا چىمەن دوپپا بار ئىدى. شۇ ئىشتىن كىيىن مەن دوپپىنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋۇلى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئەگەر مەن بېشىمغا دوپپا كىيىۋالمىغان بولسام، ھېلىقى ئاق تەنلىك ئىككى ياش مېنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى نەدىن بىلسۇن!
    ئامىستىردام شەھرىنىڭ مەركىزىدە «دام مەيدانى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەيدان بولۇپ، تۈرلۈك يىغىلىش ۋە پائالىيەتلەر ئادەتتە مۇشۇ مەيداندا ئۆتكۈزىلىدىكەن. پائالىيەت بولمىغان كۈنلەردىمۇ بۇ مەيدان ناھايىتى ئاۋاتلىشىپ كېتىدىكەن. بىزنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، بۇ مەيداندا سان-ساناقسىز كەپتەرلەر ئادەملەردىن قىلچىمۇ ئۆزىنى قاچۇرماي، يەردە دانلاپ يۈرۈيدىكەن، ھەتتا كىشىلەرنىڭ مۈرىلىرىگە، بىلەكلىرىگە قونۇۋالىدىكەن. ئاسمانغا قارىسىڭىز، سان-ساناقسىز كەپتەرلەر بوشلۇقتا ئۇچۇپ يۈرۈيدىكەن. لېكىن بۇ كەپتەرلەرنى ھېچكىم تۇتمايدىكەن. مەن ئويلاپ قالدىم، بۇنداق ئىگىسى يوق كەپتەرلەر ئەگەر بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدا بولغان بولسا ئاللىقاچان ئۆزلىرىنىڭ ياشاش ھوقوقىدىن مەھرۇم قېلىپ، «كەپتەر شورپىخانىسى» غا كىرىپ كەتكەن بۇلاتتى. ئەمما بۇ يەردە كەپتەرلەر بىلەن ئىنسانلار ئۆزئارا دوستانە ئۆتىدىكەن، شۇڭا كەپتەرلەرمۇ بىخارامان ياشاۋىرىدىكەن. مانا بۇ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىقنىڭ بىر ئىپادىسى بولسا كېرەك.
    بىز دام مەيدانىدىن چىقىپ، بۇ شەھەرنىڭ قەدىمىي تار كوچىلىرىنى ئارىلاپ كۆردۇق. كەڭلىكى 4-5 مېتىر كېلىدىغان بۇ تار كوچىلارغا سودا ۋە مۇلازىمەت خاراكتىرلىك ھەرخىل دۇكانلار جايلاشقان ئىكەن. بىز بىر رېستۇرانغا كىرىپ ئۇسسۇزلۇق ئىچكەچ، ئۆزىمىز ئېلىۋالغان يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىۋالدۇق. بۇ ئەتراپتا قاناللار كۆپ بولغاچقا، پاراخۇت، كېمىلەر توختايدىغان پىرىستانلارمۇ كۆپ ئىكەن. ئەينەك تەگلىك سەيلە كېمىلىرى ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ پۈتۈن شەھەردىكى قاناللارنى ئايلاندۇرۇپ سەيلە قىلدۇرىدىكەن. بىراق، بىزنىڭ ۋاقتىمىز يېتىشمىگەنلىكتىن سەيلە كېمىلىرىگە چۈشەلمەي قالدۇق. چۈنكى، چۈشتىن كىيىن يەنە بېلگىيەگە قايتمىساق بولمايتتى. قايتىش يولىمىزدا شەھەر ئەتراپىغا چىقىپ، چوڭ پاراخوتلار قاتنايدىغان كەڭ قانال بويىدا بىردەم توختىدۇق. بۇ يەردىكى قانال شەھەر كوچىلىرىدىكى قاناللاردىن نەچچە ھەسسە كەڭ كۆرىنەتتى. ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ دېڭىزغا چىقىدىغان ھەشەمەتلىك سەيلە پاراخوتلىرى ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ئامىستىردام شەھىرى ھەقىقەتەن بىر كۆرۈپ كېلىشكە، ساياھەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان شەھەر ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ كۆرۈشكە تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن جايلىرى بولسىمۇ، ۋاقتىمىز يىتىشمەي قالدى. ماشىنىمىز يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول بىلەن بېلگىيەگە يۈرۈپ كەتتى. تېخى كەچ كىرمىگەن ئىدى. بىز كېتىۋاتقان تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەل-دەرەخلەر ئارىسىدا بەزى مەھەللىلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
    -گوللاندىيەنىڭ يېزىلىرىنى كۆرۈپ باقمايلىمۇ؟-دىدى كۈيئوغلۇم ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىۋىتىپ. بۇ تەكلىپكە ھەممىمىز قوشۇلدۇق. ماشىنا يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقىپ، ئوڭ تەرەپتىكى بىر كىچىك يولغا بۇرۇلدى. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن بىر مەھەللىگە كىردۇق. بۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى بىر-بىرىگە تۇتاش بولماستىن، بەلكى بۇ يەردە بىر ئائىلە، ئۇ يەردە بىر ئائىلە دېگەندەك تارقاق جايلاشقان ئىكەن. ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپى ياپيېشىل بولۇپ، ئىشىكى ئالدىدا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ تۇرىدىكەن، ئۆيى ئارقىسىدىكى قوتانلىرىدا ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق قويلار بېقىلىدىكەن. ئوتلاقلاردا ۋە زىرائەتلىرى يىغىلىپ بولغان ئېتىزلاردا ئالاچىپار كالىلار ئوتلاپ يۈرۈيدىكەن. بۇ يەردىكى دېھقان ئۆيلىرىنىڭ سىرتىدىن قاراپ ئۆي ئىگىسىنىڭ ھال كۈنىگە باھا بەرگىلى بولىدىكەن. بىز گوللاندىيە يېزىلىرىدىكى مەھەللىلەرنى بىردەم ئارىلىغاندىن كېيىن، يەنە كەلگەن يولىمىز بىلەن قايتىپ يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چۈشتۇق. بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپېن شەھرىگە يىتىپ كەلگىنىمىزدە گۇگۇم چۈشكەن ئىدى.
    بىر كۈن يول يۈرۈپ، سەيلە-ساياھەت قىلىپ ھاردۇق يەتكەن ئوخشايدۇ، ئوغلۇمنىڭ ئۆيىدە كېچىسى ناھايىتى ياخشى ئۇخلاپتىمىز. ئەتىسى چۈشتىن كىيىن ھەممىمىز بىرلىكتە ئانتۋېرپېن شەھرىنىڭ كوچىلىرىنى ئارىلاپ، بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ بىر قىسىم تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆردۇق ۋە دېڭىزغا تۇتىشىدىغان قانال بويلىرىنى سەيلە قىلدۇق. كۈيئوغلۇم ئەتە بىزنى پارىژغا ئاپارماقچى بولغان ئىدى. شۇڭا كەچ كىرىشتىن بۇرۇنلا ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق. ئانتۋېرپېن شەھىرى بىلەن فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھرىنىڭ ئارىلىقى 300 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، بىر كۈنلۈك ساياھەتكە تازا باپ كېلىدىكەن. كۈيئوغلۇمنىڭ ماشىنىسى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەندىلا بىزنى پارىژغا ئېلىپ ماڭدى.
    ماشىنىمىز يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سائىتىگە 100 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن كېتىۋاتاتتى. مەيلى بېلگىيە چىگرىسى ئىچىدە بولسۇن ياكى فرانسىيە چىگرىسى ئىچىدە بولسۇن، بىز يول بويى بىرەر پارچىمۇ قاقاس سايلىق، چۆل-جەزىرىنى كۆرۈپ باقمىدۇق، ياپيېشىل بوستانلىق، چىمەنزارلىق ئىچىدە ماڭغاچقا، ئادەم قىلچىمۇ زېرىكىشلىك ھېس قىلمايدىكەن. بىز يول ياقىسىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن كۆزىمىزنى ئۈزەلمىگەن ھالدا مېڭىۋېرىپ، پارىژ شەھىرىگە يىتىپ كەلگەنلىكىمىزنى سەزمەي قاپتىمىز.
    پارىژ شەھىرى 200 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە مەشھۇر مەدەنىيەت شەھىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخى فرانسىيە تارىخىدىنمۇ ئۇزۇن، دەپ قارىلىدىكەن. پارىژ-ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاۋات پايتەختلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدىكەن. ماشىنىمىز ئېگىز قەۋەتلىك بىنالار ئوراپ تۇرغان شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى كەڭ ئاسفالت كوچىلاردىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل مەشھۇر قەدىمىي ئىمارەتلەر جايلاشقان شەھەر مەركىزىدىكى ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ توختىدى. پاھ، نېمىدىگەن ھەيۋەت، نېمىدىگەن كاتتا مۇنار بۇ! مانا بۇ بىز كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئېففىل تۆمۈر مۇنارى ئىدى. بەزى ماتېرىياللاردىن كۆرۈشۈمچە، بۇ ھەيۋەتلىك مۇنار پارىژنىڭ سىمۋۇل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ، 1889-يىلى ياسالغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئومۇمىي ئېگىزلىكى 324 مېتىر بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇ مۇنارغا 7000 توننا پولات، 12 مىڭ دانە مېتال بۆلەك، 2 مىليۇن 500 مىڭ دانە پەرچىم مىق ئىشلىتىلگەن، ئۇ تەشمە نەقىش قۇرۇلمىلىق تۆمۈر مۇنار بولۇپ، دۇنيا قۇرۇلۇش تارىخىدىكى كاتتا مۆجىزە دەپ تەرىپلىنىدىكەن.
    ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئەتراپى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، كۈمۈشتەك بۇژغۇن چاچرىتىپ ئېتىلىپ تۇرغان فۇنتانلار، ياپيېشىل چىمەنزارلىقلار، بۈك-باراقسان ئورمانلار، سۈپسۈزۈك سۈيى لەرزان ئېقىۋاتقان سېنا دەرياسى ئادەمنى بەكمۇ جەلپ قىلىدىكەن. شۇڭا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن. دۆڭ تەرەپتىكى بىر كاتتا بىنانىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قارايدىغان بولسا، ئېففىل تۆمۈر مۇنارى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەنزىرىلەر شۇنداق ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل كۆرىنىدىكەن.
    -چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان مەنزىرىلەرنى كۆردۈم،-دېدى ئايالىم بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە قاراپ. بىز ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئاستىغا باردۇق. بۇ يەرنى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان دېسەكمۇ بۇلىدۇ، ھەرخىل ئېرق، ھەرخىل مىللەتتىكى كېلىۋاتقان، كېتىۋاتقانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى، بىر قىسىم كىشىلەر مۇنارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كېتىۋاتاتتى، بىر تەرەپتە كىشىلەر ناھايىتى ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇراتتى. بۇ ئەسلىدە تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئۈستىگە چىقىش ئۈچۈن بېلەت ئالىدىغانلارنىڭ ئۆچرىتى ئىكەن. ئاڭلىشىمىزچە، بۇ تۆمۈر مۇنار ئۈچ قەۋەتكە بۆلىنىدىغان بولۇپ، 1-2-قەۋەتلىرىدە رېستۇران بار ئىكەن، 3-قەۋىتىگە كۆزىتىش تەكچىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يەردە تۇرۇپ خېلى يىراقتىكى مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. ئەمما بىز شۇ كۈنى يەنە قايتىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ۋاقتىمىز يېتىشمەي ئۆچرەتكە كىرمىدۇق. مۇنار ئەتراپىدا ئادەم بەك كۆپ بولغانلىقتىن، فرانسىيەنىڭ ئامانلىقنى قوغدايدىغان ئاتلىق ساقچىلىرى ئەتراپنى چارلاپ يۈرۈيدىكەن، تۆمۈر مۇنارىنىڭ يېنىدا يەنە بىر ساقچىخانىمۇ بار ئىكەن.
    ئىككى قىرغىقى قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان سېنا دەرياسى گۇيا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك، ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئەتراپىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى. ھەرخىل سەيلە كېمىلىرى ۋە يۈك كېمىلىرى دەريادا توختىماي قاتناپ تۇراتتى. سېنا دەرياسىنىڭ يېنىدا ساياھەتچىلەر ئارام ئالىدىغان بىر باغچە بولۇپ، باغچىدىكى سايە تاشلاپ تۇرىدىغان دەل-دەرەخلەر ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ياپيېشىل چىملىقلار، يول بويلىرىدىكى قاتار كەتكەن ئورۇندۇقلار ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنى سەيلە قىلىپ ھېرىپ كەتكەن ساياھەتچىلەرگە ئارامبەخش ھۇزۇر ئاتا قىلاتتى. بىز بۇ يەردە بىر پەس ئارام ئالدۇق. قوللىرىدا ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ھەرخىل مودىللىرىنى كۆتىرىۋالغان كۆچمەن سېتىقچىلار بىرسى كەتسە بىرسى ئالدىمىزغا كېلىپ، قوللىرىدىكى مۇنار مودىللىرىنى بىزگە تەڭلەپ تۇراتتى. بىز باھادا كېلىشەلمەي بۇ مودىللارنى ئالمىدۇق، ئۇنىڭ سۈپىتىگىمۇ ئانچە ئىشەنچ قىلالمىغان ئىدۇق. بۇ سېتىقچىلار 4-5 تىن توپلۇشۇپ يۈرۈيدىكەن، يىراقتىن ساقچىلارنى كۆرۈپ قالسا قېچىپ كېتىدىكەن.
    بىزنىڭ پارىژدا تۇرىدىغان ۋاقتىمىز كۆپ ئەمەس ئىدى. شۇڭا ماشىنىمىزغا چىقىپ، شەھەرنىڭ باشقا جايلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ماڭدۇق. سېنا دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان يەنە بىر جايدا ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل بىر كۆۋرۈك بار ئىكەن. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى بېشىغا نەپىس ياسالغان ئىككى مۇنار ئورنۇتۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە ئۇچىدا كۆركەم ھەيكەللەر قەد كۆتىرىپ تۇراتتى. مۇنارنىڭ ئەتراپلىرىغىمۇ قەدىمكى دەۋىردىكى پارىژلىقلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ھەيكەللەر قوپۇرۇلغان ئىدى. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى بېشىغا ياسالغان چىرايلىق رىشاتكىلار ۋە نەپىس يول چىراقلىرى بەكمۇ كۆركەم كۆرۈنەتتى. بىز بۇ يەردە يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. كۆۋرۈكنىڭ نېرى ياقىسىدىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپى كەڭرى كەتكەن ياپيېشىل چىملىق بولۇپ، كىشىلەر بۇ يەردە ئارام ئالغاچ ئاپتاپقا قاقلىنىدىكەن. ئۇنىڭ نېرىسىدا بىر قەدىمىي ئىمارەت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئىمارەتنىڭ ئالدىدا قاتار كەتكەن قەدىمىي زەمبىرەكلەر ئورنۇتۇلغان ئىدى. قارىغاندا بۇ يەر تارىختىكى مۇھىم بىر خاتىرە جاي بولسا كېرەك، ئەمما بىز بۇ خاتىرە جاينىڭ نىمە دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالدۇق.
       پارىژ شەھرىنىڭ ئەڭ جەلپكار جايلىرىنىڭ بىرى بولغان دىگولل مەيدانىدىكى زەپەر دەرۋازىسى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە مەشھۇر بولۇپ، پارىژ شەھىرىنىڭ يەنە بىر سىمۋۇل خاراكتىرلىق قۇرۇلۇشى ھېساپلىنىدىكەن. ئۇ ناپولىئوننىڭ پرۇسىيە-ئاۋىستىرىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇب قىلغانلىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن 1806-يىلىدىن 1836-يىلىغىچە ياسالغان بولۇپ، ئىگىزلىكى 49.54 مېتىر، كەڭلىكى 44.82 مېتىر، قېلىنلىقى 22.21 مېتىر كېلىدىكەن، تۆت تەرىپىدە دەرۋازىسى، ئوتتۇرىسىدا كەڭلىكى 14.6 مېتىر كىلىدىغان چوڭ ئەگمە دەرۋازىسى بار ئىكەن. دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئىككى تەرىپىگە قەدىمىي كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە جەڭلىرى تەسۋىرلەنگەن نەپىس تام ھەيكەللىرى ۋە تۈرلۈك نەقىشلەر ئۇيۇلغان ئىدى. بىز بۇ يەرگە كەلگەندە ئادەم ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ يەردىمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەرخىل ئىرقتىكى كىشىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. زەپەر دەرۋازىسى دىگولل مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، مەيداننىڭ ئەتراپىدا 14 كوچا ئېغىزى بار ئىكەن، ھەر بىر كوچىدىن ماشىنا، ئاپتۇبوسلار ئۆتۈشۈپ تۇرىدىكەن. بۇنداق 14 كوچا ئېغىزى بار دوقمۇش دۇنيانىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن. مەن بۇ مەيداننىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخزارلىققا قويۇلغان ئورۇندۇقتا بىر موماينىڭ دەم ئېلىپ ئولتۇرغانلىقىنى، نۇرغۇن كەپتەرلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلىقىنى كۆردۈم. سەپسېلىپ قارىسام، ئۇ موماي كەپتەرلەرگە يېمەكلىك تاشلاپ بېرىۋاتقان ئىكەن. دېمەك بۇ يەردىمۇ تەبىئەتنى قوغداش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ياشاش كەيپىياتىنىڭ قويۇقلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن.
    پارىژ شەھرىنىڭ مەركىزىدىكى قەدىمىي كوچىلارغا تاش ياتقۇزۇلغان بولۇپ، ئانچە كەڭ ئەمەسكەن، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كونا ئۇسلۇبتا سېلىنغان قەدىمىي ئىمارەتلەرمۇ ئادەتتە بەش قەۋەتتىن ئاشمايدىكەن. ئەمما بۇ قەدىمىي تاش كوچىلار يەنىلا ئاۋات ئىكەن. ئېگىز قەۋەتلىك زامانىۋىي بىنالار پەقەت شەھەر ئەتراپىدىكى كېڭەيتىلگەن يېڭى شەھەر رايونىدىلا بار ئىكەن. بىزنىڭ پارىژغا كەلگىنىمىزگىمۇ 4-5 سائەت بولۇپ قالغانىدى. پارىژنىڭ باشقا ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى كۆرۈشكە ۋاقتىمىز يىتىشمەي قالدى. كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا بۇ قەدىمىي گۈزەل شەھەردىن ئايرىلدۇق. بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپېن شەھرىگە قايتىپ كەلگىنىمىزدە، ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ ياتالغۇ مەزگىلى بولغان ئىدى.
    ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن، قىزىم، كۈيئوغلۇم ۋە قىز نەۋرەمنى گېرمانىيەگە ئۇزۇتۇپ قويدۇق، چۈنكى ئۇلارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى توشۇپ قالغان ئىدى. ئايالىم بىلەن ئىككىمىز بىر مەزگىل بېلگىيەدە تۇرۇپ قالماقچى بولدۇق. بىزنىڭ بېلگىيەدە ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنى، كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمىزنى ۋە تەسىراتلىرىمىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز، خاتىرىمىزنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز. (داۋامى بار)
    مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.