ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر (6)

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-15 16:47:23

بىز يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە گېرمانىيەگە كەلگەن ئىدۇق. ياۋروپانىڭ ياز ھاۋاسى ئىللىق بولۇپ، ئادەم تەرلىگىدەك ئىسسىپ كەتمەيدىكەن، ئادەمگە بەك ياقىدىكەن.

     
    ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر (6)
     
    (ئەدەبىي ئاخبارات)
    تۇرسۇن ياسىن
     
    كەچكۈزدىكى ياۋروپا
     
      بىز يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە گېرمانىيەگە كەلگەن ئىدۇق. ياۋروپانىڭ ياز ھاۋاسى ئىللىق بولۇپ، ئادەم تەرلىگىدەك ئىسسىپ كەتمەيدىكەن، ئادەمگە بەك ياقىدىكەن. بىز فرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيەلەرنى ئايلىنىپ يەنە گېرمانىيەگە قايتىپ كەلگىنىمىزدە، بۇ ئىللىق ھاۋا ئاخىرلىشىپ، دەل-دەرەخلەر ئالتۇن رەڭگە كىرگەن، سارغايغان يۇپۇرماقلار يەرگە تۆكۈلۈشكە باشلىغان، كەچكۈز ھاۋاسىغا ئورۇن بەرگەن ئىدى. يازلىق كىيىملىرىمىزنى كۈزلۈك كىيىملەرگە ئالماشتۇرۇۋېلىشىمىزغا توغرا كەلدى. ۋەتەنگە قايتىش ئالدىدىكى ئون نەچچە كۈنلۈك قىسقىغىنە ۋاقتىمىزنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپرەك جايلارنى كۆرۈۋېلىش بىزنىڭ ئاخىرقى ئارزۇيىمىز ئىدى.
      مانا بۈگۈن قىزىم ۋە نەۋرەم بىلەن بىللە، ميۇنخېن شەھرىدە ئالدىنقى قېتىم كۆرۈپ بولالمىغان جايلارنى كۆرۈش ئۈچۈن مېتروغا چۈشۈپ ماڭدۇق. ميۇنخېن شەھىرى ناھايىتى چوڭ بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەممە يېرىنى تولۇق كۆرۈپ چىقىش ئۈچۈن خېلى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن. مېترودىن چىقىپ بىردەم ماڭغاندىن كىيىن، قويۇق ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان بىر باغچىغا كىردۇق. باغچا ئىچىدىكى ئەتراپىنى ئورمانلار ئوراپ تۇرغان سۈپسۈزۈك كۆل، ئۇنىڭدا ئۈزۈپ يۈرگەن غاز، ئۆردەك، ئاققۇلار، كۆل بويىدىكى سارغايغان دەرەخ ئاستىدا ئولتۇرۇپ تەبىئەت گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىپ دەم ئېلىۋاتقان كىشىلەر، بوۋاق ھارۋىلىرىنى ئىتىرىشىپ ساپسېرىق يوپۇرماقلار قاپلاپ كەتكەن ئورمانزارلىقتا سەيلە قىلىۋاتقان ئاياللار كەچكۈزدىكى تەبىئەت گۈزەللىكىگە شاھىد بولۇپ تۇراتتى. بىز باغچىدىكى كۆل ئەتراپىنى ئايلىنىۋىتىپ بىر يەرگە كەلگەندە، كۆلدىكى غاز، ئۆردەكلەرنىڭ توپلىشىپ قىرغاققا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئەسلىدە بەزى كىشىلەر ئۆيلىرىدىن ئېلىپ كەلگەن يېمەكلىكلەرنى غاز، ئۆردەكلەرگە تاشلاپ بېرىۋاتقان ئىكەن. قۇشلارنى ئاسراش، قۇشلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ياۋروپالىقلارنىڭ ئادىتى بولۇپ قاپتۇ. بىز باغچىنى بىر مەھەل ئايلىنىپ، كەچكۈز پەسلىدىكى تەبىئەت گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلاندۇق. قىزىمنىڭ ئېيتىشىچە، يازدىكى تومۇز ئىسسىق كۈنلەردە بۇ باغچىغا كېلىدىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، باغچىدىكى كۆلدە سۇغا چۆمۈلىدىكەن. ئەمما ھازىرقى كەچكۈز مەزگىلىدە سۇغا چۈمۈلىدىغانلار بولمىغاچقا، باغچىغا كېلىدىغانلار ئازىيىپ كەتكەن. شۇنداقتىمۇ باغچىدا جىمجىت يۈرۈپ سەيلە قىلىۋاتقان، كەچكۈزدىكى تەبىئەت مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ نېرۋىسىنى ئارام ئالدۇرىۋاتقان كىشىلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدىكەن.
       بىز باغچىدىن چىقىپ ئېسار دەرياسى بويىدا بىردەم سەيلە قىلدۇق. ياۋروپادىكى داڭلىق دوناي دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان ئېسار دەرياسى ميۇنخېن شەھرىدىن ئەگرى-بۈگرى ھالدا ئېقىپ ئۆتىدىكەن. دەرياغا ساڭگىلاپ تۇرغان دەرەخ شاخلىرىدىكى ئالتۇنرەڭ يۇپۇرماقلار، دەريا بويىدىكى گۈمبەزسىمان ئېگىز ئىمارەتلەر، كۆۋرۈك بېشىدىكى مۇنار ئۈستىگە ئورنىتىلغان قەدىمىي ھەيكەللەر كەچكۈزدىكى دەريا مەنزىرىسىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى. بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى دەريا بويىدا سەيلە قىلىشقا ئامراق كېلىدىكەن، ياشانغان كىشىلەر دەريا بويىدىكى ئورۇندۇقلاردا گۈزەل تەبىئەتتىن ھۇزۇرلانغاچ ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرىدىكەن. ئېسار دەرياسىغا يېقىنلا يەردە كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىغان بىر تەبىئىي ئورمانلىق بولۇپ، ھۆكۈمەت شەھەر قۇرۇلۇشى، يول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغاندا، تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش، ئاسراشنى ئالدىنقى شەرت قىلغانىكەن. شۇڭا، كوچا ۋە يوللارنىڭ ئەگرى-بۈگرى چىقىپ قېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قانداق جايدىكى تەبىئىي ئورمانلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماي، ئەسلى ھالىتى بويىچە ساقلىنىپ قاپتۇ. شۇ ۋەجىدىن بۇ شەھەردە تۈپتۈز كەتكەن ئۇزۇن كوچىلار ئانچە ئۇچرىمايدىكەن.
    ميۇنخېن شەھرىنىڭ  كەچكۈز ھاۋاسى تولىمۇ ئۆزگىرىشچان كېلىدىكەن. بىز بۇ شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، ئاسماننىڭ رەڭگى تۇتۇلۇپلا تۇرىدىغان بولىۋالدى، بەئەينى قار ياغىدىغاندەكلا تۇراتتى. دەرۋەقە 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن لەپىلدەپ قار يېغىشقا باشلىدى. ئۇدا ئىككى كۈنگىچە بىردەم توختاپ، بىردەم يېغىپ تۇردى. ئەتىگەندە قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتىم. بۈگۈن قار توختىغان بولسىمۇ، ئۇدا ئىككى كۈن ياققان قار پۈتكۈل زېمىنگە ئاق لىباس كەيدۈرۈپ، قىش مەنزىرىسى ھاسىل قىلغان ئىدى. ياپيېشىللىققا پۈركەلگەن گۈزەل ياز مەنزىرىسىنىڭ ئورنىنى يەر-زېمىننى قېلىن قار قاپلىغان زىمىستان قىش مەنزىرىسى ئىگىلەپتۇ،  يېشىللىقلار، گۈل-چىمەنلەر قېلىن قار ئاستىدا قاپتۇ. ئەمما، قار مەنزىرىسىنىڭمۇ ئۆزگىچە گۈزەللىكى بولىدىكەن. كۆمۈش رەڭگە كىرگەن دەل-دەرەخلەر، يول بويلىرىدىكى ئاپپاق قارغا ئورالغان ماشىنىلار، قارلىق دالىدا چانىلىرىنى سۆرەپ ئويناۋاتقان بالىلار... كىشىگە باشقىچە گۈزەللىك تۇيغۇسى بىرەتتى.
    قار مەنزىرىسى ئۇزاق داۋاملىشالمىدى. قار توختاپ ئىككى-ئۈچ كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئاسماننى قاپلىۋالغان قارا بۇلۇتلار تارقاپ، كۆك ئاسمان، ئىللىق قۇياش يەر-زېمىنگە يېڭىۋاشتىن قۇچاق ئاچتى، قۇياش تەپتىدىن زېمىن يەنە ئىللىشقا باشلىدى. تەكشى چېچىلغان قوياش نۇرىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن قار تېزلا ئېرىپ كەتتى، كۈمۈشرەڭ دەل-دەرەخلەر ئالتۇنرەڭگە قايتتى. قېلىن قار ئاستىدا قالغان چىمەنزارلىقلار، گۈل-گىياھلار خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئىنسانلارغا باشقىدىن كۈلۈپ قارىدى. سارغايغان دەل-دەرەخلەر، يەر يۈزىگە تۆكۈلگەن ئالتۇنرەڭ يوپۇرماقلار قوياش نۇرىدا جۇلالىنىپ، بۇ گۈزەل زېمىننىڭ كەچكۈز مەنزىرىسىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. بۇ ھاۋارايى بىزنىڭ كەچكۈزدىكى سەيلە- ساياھىتىمىزنىڭ داۋاملىشىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئەتكەن ئىدى.
    بىز ياۋروپاغا كەلگەندىن بۇيان، ئۇششاق تىجارەتچىلەر توپلىشىپ تىجارەت قىلىدىغان بىرەر بازارنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدۇق. بۈگۈن گېرمانىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت خانىمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ميۇنخېن شەھرىدىكى بۇ بازارغا كەلدۇق. بۇ بازاردا ئۈستى لاپاس بىلەن يېپىلغان نۇرغۇن كىچىك دۇكانلار بولۇپ، ھەرخىل مىلىچ ماللارنىڭ ھەممىسى تېپىلىدىكەن، شەھەرنىڭ باشقا جايلىرىدا ئادەم كۆپ بولمىغىنى بىلەن بۇ بازارغا ئادەم كۆپ كېلىدىكەن، كېلىپ-كېتىپ تۇرغان ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن. كىشىلەر چوڭ سودا سارايلىرىدىن تاپقىلى بولمايدىغان ئۇششاق تاۋارلارنى مۇشۇ بازاردىن سېتىۋالىدىكەن. بىز بازارنى بىردەم ئايلىنىپ، ئاندىن يەنە بىر كوچىغا كىردۇق. بۇ كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كىچىك دۇكانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھەممىسىدە دېگۈدەك ھەرخىل زىننەت بۇيۇملىرى ۋە خاتىرە بۇيۇملار سېتىلىدىكەن. ھاۋا ئىسسىقمۇ بولمىغان، سوغوقمۇ بولمىغان مۇشۇنداق كەچكۈز مەزگىلىدە ئورمانزارلىقلارنى سەيلە قىلىش، بازار ئايلىنىش تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولىدىكەن.
      ئەتىسى كۈيئوغلۇمنىڭ ماشىنىسى بىزنى شەھەر سىرتىدىكى بىر مەنزىرىلىك جايغا ئېلىپ ماڭدى، تەخمىنەن 20 مىنۇتلاردىن كىيىن مەنزىلگە يەتتۇق. بۇ جاينىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز-پەس بولۇپ، ئىككى تەرىپى تاغ تۆپىلىك، تۆپىلىكنىڭ ئۈستى ۋە يان باغرى بۈك-باراقسان ئورمان، ئىككى تاغ تۆپىلىكنىڭ ئوتتۇرىسى دەريا-ئېقىنلار ئېقىپ تۇرغان كەڭ جىلغا بولۇپ، مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل ئىكەن. ئىككى تاغ تۆپىلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەيۋەتلىك كۆۋرۈكنىڭ ئۈستى قەۋىتىدە پويىز، ئاستى قەۋىتىدە پىيادىلەر قاتنايدىكەن. كۆۋرۈكتە تۇرۇپ ئەتراپقا نەزەر سالىدىغان بولسا، بۇ يەردىكى گۈزەل تەبىئەت ئادەمنى مەھلىيا قىلىدىكەن. بىز بۇ كۆۋرۈكنىڭ نېرىقى بېشىغا ئۆتۈپ، يانتۇ يول بىلەن يوقۇرىغا ئۆرلىدۇق، ئاندىن پەلەمپەي بىلەن تۆپىلىك ئۈستىگە چىقتۇق. تۆپىلىك ئۈستى قويۇق ئورمانزارلىق بولۇپ، تەبىئىي مەنزىرىسى بەكلا گۈزەل كۆرۈنىدىكەن.
    -بۇ يەرنى نىمە دەپ ئاتايدۇ؟-دەپ سورىدىم كۈيئوغلۇمدىن.
    -ئۇيغۇرچە مەنىسى «يېشىل دالا»،- دېدى كۈيئوغلۇم.
      يېشىل دالا ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىكەن. بىراق ھازىر كەچكۈز پەسلى بولغاچقا، يېشىللىقلار ئاللىقاچان سارغىيىپ قالغان ئىدى. دەرەخلەرنىڭ ساپسېرىق يوپۇرماقلىرى يەرگە تۆكۈلۈپ، يېشىل دالا «سېرىق دالا» غا ئۆزگەرگەن ئىدى. كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدىن قارىغاندا، تۆپىلىك بىلەن دەريا ئوتتۇرىسىدىكى يانباغىردا ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان كىچىككىنە بىر مەھەللە كۆرىنىدىكەن. شەھەر تۇرمۇشىدىن زېرىككەن بىر قىسىم يەرلىك ئاھالىلەر دەريا بويىدىكى مۇشۇ ئورمانلىققا ماكانلىشىپ، ھاۋاسى ساپ، مۇھىتى گۈزەل سەھرا تۇرمۇشىدىن ھۇزۇرلانغىلى تۇرۇپتۇ. بۇ كىچىككىنە مەھەللىنىڭ بىر تەرىپى دەريا، يەنە بىر تەرىپى قويۇق ئورمانلار بىلەن قاپلانغان يانتۇلۇق ئىكەن .بىز تۆپىلىك ئۈستىدىكى ساپسېرىق يۇپۇرماقلار يەر يۈزىنى قاپلىغان ئورمانزارلىقتا بىردەم ئايلانغاچ، ئېگىز كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ مەھەللە ئەتراپىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلدۇق، كەچكۈزدىكى تەبىئەت گۈزەللىكىدىن قانغىچە ھۇزۇرلاندۇق.
        بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن بىز ميۇنخېننىڭ شەھەر سىرتىدا كېتىۋىتىپ، يول بويىدىكى ئېللىپىس شەكلىدە ياسالغان غايەت زور بىر قۇرۇلۇشقا كۆزىمىز چۈشتى. بۇ قۇرۇلۇش باشقا بىنالارنىڭ ھېچقاندىقىغا ئوخشىمايتتى.
     -بۇ دېگەن ميۇنخېن پۇتبول مەيدانى،-دېدى كۈيئوغلۇم بىزگە تونۇشتۇرۇپ،-بۈگۈن كەچ بولۇپ كەتتى، باشقا بىر كۈنى كېلەيلى.
        بىز ئەتىسى ئالايتەن مۇشۇ پۇتبول مەيدانىنى كۆرگىلى كەلدۇق. بىر چاغلاردا خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىسى ميۇنخېن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغاندا، ھۆكۈمەت مۇشۇ ئۆزگىچە پۇتبول مەيدانىنى ئالاھىدە ياساتقان ئىكەن. 66 مىڭ تاماشىبىن سىغىدىغان بۇ پۇتبول مەيدانى يىراقتىن قارىغاندا تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىكەن. خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ يەردە يەنە مەملىكەتلىك، شتاتلىق پۇتبول مۇسابىقىلىرى پات-پات ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بوپتۇ. بىز بارغان كۈنى بۇ يەردە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلمىگەچكە، بىنا ئىچىدىكى مۇسابىقە مەيدانىنى كۆرەلمىدۇق، خاتىرە بۇيۇم ۋە مۇسابىقىغا ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى ساتىدىغان دۇكانلار، رېستۇران، قەھۋەخانا قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى كۆردۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەشۇ غەلىتە بىنا ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. بىنا سىرتى ئاجايىپ مەنزىرىلىك بولۇپ، بىر تەرىپىدە ياپيېشىل تۆپىلىك ۋە دەرەخلىرى سارغىيىۋاتقان ئورمانزارلىق بار ئىدى. گىرەلىشىپ كەتكەن يوللاردا ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. بۇ ھەقىقەتەن بىر كۆرگۈچىلىكى بار جاي ئىكەن.
    بىزنىڭ ۋەتەنگە قايتىدىغىنىمىزغا ساناقلىقلا كۈنلەر قالغان ئىدى. بىز بۇ قىسقىغىنە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، بېرىپ باقمىغان بىرەر شەھەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ كەلمەكچى بولدۇق. بىزنىڭ بېرلىنغا بېرىپ كۆرۈپ كەلگۈمىز بار ئىدى.
    -بېرلىننىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى، ئىمارەتلىرى ئاساسەن ميۇنخېنغا ئوخشايدۇ، بېرلىنگە بارغاننىڭ ئورنىدا پراگاغا بارايلى. ئۇ يەرگە بارغانلارنىڭ ئېيتىشىچە، پراگانىڭ مەنزىرىسى بەك گۈزەلمىش.-دېدى كۈيئوغلۇم.
    -بولىدۇ، پراگاغا بارساق بارايلى.
       قىزىم بىلەن ئايالىم يولغا ئېلىۋالىدىغان يېمەكلىك تەييارلىقىغا كىرىشتى. كۈيئوغلۇم تورنى ئېچىپ، پراگا شەھىرىنىڭ دەريا بويىغا يېقىن بىر مېھمانسارىيىدىن ياتاق زاكاس قىلىپ قويدى. ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن كۈيئوغلۇمنىڭ ماشىنىسى بىلەن پراگا شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتۇق.
      ياۋروپانىڭ تاشيول بويلىرى نېمانچە گۈزەل بولىدىغاندۇ! بىز ميۇنخېن بىلەن پراگا ئارىلىقىدىكى 400 كىلومېتىرغا يېقىن يولدا كېتىۋىتىپ، نە بىرەر قاقاسلىق، نە بىرەر چۆل-جەزىرە دېگەننى كۆرۈپ باقمىدۇق. ماشىنىمىز كەچكۈزدىكى سارغىيىشقا باشلىغان بوستانلىق ئىچىدە كېتىپ باراتتى. يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يېشىللىقىنى يوقاتمىغان قارىغاي، ئارچىلار، ياپراقلىرى سارغىيىپ، مېۋىلىرى پىشىشقا باشلىغان ياۋا ئالمىلار يولبۇيى بىزگە ھەمراھ بولدى. ئادەم مۇشۇنداق بوستانلىق ئىچىدە ماڭسا زادىلا زېرىكىشلىك ھېس قىلمايدىكەن، يولنىڭ يىراقلىقىمۇ بىلىنمەيدىكەن. خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن، يول ياقىسىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن پاسىل تاختىيى كۆزىمىزگە چېلىقتى، بۇ گېرمانىيە-چېخىيە چىگرىسىنىڭ پاسىلى ئىكەن. بىز چېخىيە چىگرىسى ئىچىگە كىرگەندىن كېيىنمۇ ياپيېشىل تۇرغان قارىغاي، ئارچىلار، كەچكۈزدە سارغىيىپ قالغان چىمەنزارلىقلار بىزگە يولنىڭ يىراقلىقىنى بىلىندۈرمىدى.
    پراگا شەھىرىگە يىتىپ كەلگىنىمىزدە، كۈن غەربكە قىيسىيىشقا باشلىغان ئىدى. شەھەردىكى دەريا كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ، ئەتراپتىكى مەنزىرىنىڭ ھەقىقەتەن گۈزەللىكىنى ھېس قىلدىم. مېھمانخانىغا كىرىپ ياتاققا ئورۇنلىشىۋېلىپلا چىقىپ شەھەر مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش، سۈرەتكە تارتىۋېلىش خىيالىم بار ئىدى. كىم بىلسۇن، بۇ يەردىكى مېھمانخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى بەكمۇ تۆۋەن ئىكەن. كۈيئوغلۇم مېھمانخانىنىڭ باش مۇلازىمەت پۇكىيىنىڭ ئالدىدا رەسمىيەت بېجىرىلىشىنى ساقلاپ تۇراتتى، بىز بىر چەتتە ئولتۇرۇپ تۇردۇق. بۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇۋىرىشكە تاقەت قىلالماي، ئۆزۈم يالغۇز سىرتقا چىقىپ مېھمانخانا ئەتراپىدىكى دەريا بويىنى بىردەم ئايلىنىپ سۈرەتكە تارتىپ كىردىم، ئېزىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ يىراققا بارالمىدىم. مېھمانخانىغا قايتىپ كىرسەم، كۈيئوغلۇم يەنىلا باش مۇلازىمەت پۇكىيىنىڭ ئالدىدا رەسمىيەت بېجىرىپ بولالماي تۇرۇپتۇ. ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئاران رەسمىيەت بېجىرىپ ياتاققا ئورۇنلىشىۋالدۇق. ئۆزىمىز ئېلىپ كەلگەن يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىۋالغاندىن كىيىن، پراگانىڭ كەچلىك مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەممىمىز سىرتقا چىقتۇق.
            چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھرى ۋلتاۋا دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ياۋروپادىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى ھىسابلىنىدىكەن. ھەر يىلى كۈز پەسلىدە پۈتكۈل شەھەر ساپسېرىق ياپراقلار بىلەن قاپلىنىدىغان بولغاچقا، «ئالتۇندەك پراگا» دەپمۇ تەرىپلىنىدىكەن. شانلىق تارىخقا ئىگە بۇ شەھەردە 200 دىن كۆپرەك ئورۇندا دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چارلىز چوڭ كۆۋرۈكى، پراگا قەلئەسى ۋە ساينىت ۋىت چىركاۋى قاتارلىقلار ئەڭ جەلپكار جايلىرى ئىكەن. بىز قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكىنىگە قارىماي، ماشىنا بىلەن ئۇدۇل چارلىز چوڭ كۆۋرۈكىگە كەلدۇق. چارلىز چوڭ كۆۋرۈكى 1357-يىلى 7-ئايدا پۈتكەن بولۇپ، ۋلتاۋا دەرياسىغا سېلىنغان ئەڭ قەدىمىي تاش كۆۋرۈك ئىكەن. پۈتكۈل كۆۋرۈك يۈزى خىش، تاش بىلەن قوپۇرۇلغان بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 520 مېتىر كېلىدىكەن. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى بېشىدا ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ چىرايلىق كۆۋرۈك بېشى مۇنارى قەد كۆتىرىپ تۇرىدىكەن. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى يېقىدىكى تاش سالاسۇندا 30 ھەيكەل بار ئىكەن. بىز كۆۋرۈكتە تۇرۇپ ۋلتاۋا دەرياسىنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدۇق. دەريانىڭ ئىككى قاسنىقىدا ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئوخشاش چاقناپ تۇرغان سانسىزلىغان چىراقلار سۇ يۈزىنى يوپيۇرۇق يۇرۇتىۋەتكەن ئىدى، ئۇ يەر، بۇ يەردە سۇ قۇشلىرى توپ-توپ بولۇپ ئۈزۈپ يۈرەتتى. دائىم مۇشۇنداقمۇ بىلمىدۇق، كۆۋرۈكتە سەيلە قىلىۋاتقان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. بىز كۆۋرۈكنىڭ نېرىقى بېشىدىكى مۇنارنىڭ دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ بىر كوچىغا كىردۇق. بۇ كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە پۈتۈنلەي سودا دۇكانلىرى جايلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كېچىلىك سودىسى بەكمۇ قىزىپ كېتىدىكەن. بىر دۇكاندىكى ئەينەك جاۋەنلەرگە چىرايلىق تىزىپ قويۇلغان رەڭگارەڭ خىرۇستال قاچىلار بۇ يەردىن ئۆتكەن كىشىلەرنى بەكمۇ جەلپ قىلىدىكەن، ئاڭلىشىمىزچە، بۇ شەھەرنىڭ خىرۇستال قاچىلىرىنىڭ خېلى داڭقى بار ئوخشايدۇ، بىراق «تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئېزىز» دېگەندەك، ئۇلارنىڭ باھاسىمۇ خېلى يوقۇرى ئىكەن. بىز چارلىز چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى قانغىچە تاماشا قىلىۋېلىپ ئاندىن مېھمانخانىغا قايتتۇق.
      بەزى ماتېرىياللاردىن كۆرۈشىمچە، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى ھىسابلىنىدىغان پراگا شەھرىدە قەدىمىي بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئومۇمىي سانى 1700 دىن ئاشىدىكەن. شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ «دۇنيا بىناكارلىق سەنئەت مۇزىيى» دېگەن نامى بار ئىكەن. پراگا قەلئەسى بىلەن ساينىت ۋىت چىركاۋى ئىمارەت توپى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىقى ئىكەن. بىز ئەتىسى مېھمانخانىدىن ئايرىلىپ، بىر تاغ تۆپىلىكىگە جايلاشقان بۇ قەلئەگە كەلدۇق. بۇ قەلئە 9-ئەسىردە سېلىنغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى پادىشاھ سارىيى ئىكەن. 10-ئەسىردىن باشلاپ بۇ قۇرۇلۇش ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، ساينىت ۋىت چىركاۋىنى يادرو قىلغان خان سارىيى ئىمارەت توپىغا ئايلانغان. ئاڭلىشىمىزچە، بۇ قەلئە ھازىرمۇ چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتوڭ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي ئىكەن. شۇڭا، قەلئەگە كىرىدىغان دەرۋازىنىڭ يېنىدا ئاجايىپ پۇزۇر كىيىنگەن قوراللىق ساقچىلار قاراۋۇللۇقتا تۇرىدىكەن. يەنە رەتلىك تىزىلىپ دەرۋازىدىن چىقىۋاتقان ۋە كىرىۋاتقان قوراللىق ساقچىلار بىلەن ئەسكەرلەرمۇ ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ساينىت ۋىت چېركاۋى زوڭتوڭ مەھكىمىسى قوروسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئەڭ ئېگىز ئىمارەت ھېساپلىنىدىكەن. 1344-يىلى سېلىنىشقا باشلىغان بۇ چىركاۋ مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 97 مېتىر بولۇپ، ئۇچى كۆككە تاقىشىدىكەن، چىركاۋنىڭ ئۇزۇنلىقى 60 مېتىر، كەڭلىكى 12 مېتىر كېلىدىكەن. ئىچكى قىسمىدىكى زاللارنىڭ قۇرۇلمىسى نەپىس، ئىچى-سىرتى ئويما نەقىش گۈللەر بىلەن بېزەلگەن ئىكەن. بۇ يەردە چېخ پادىشاھى خان جەمەتىنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ھەيكەل، رەسىملىرى ئەينەن ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ. پراگادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بولغان بۇ جايغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن. ساياھەتچىلەر رەتلىك تىزىلىپ بىر ئىشىكتىن چىركاۋ ئىچىگە كىرىپ، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر ئىشىكتىن چىقىپ كېتىدىكەن. بىز چىركاۋ ئىچىگە كىرگىنىمىزدە ساياھەتچىلەر مىغىلداپ كەتكەن ئىكەن. بىر مۇلازىم ئالدىمغا كېلىپ بىر نېمىلەرنى دەپ بېشىمدىكى شىلەپىنى كۆرسەتتى. مەن ئۇنىڭ «باش كىيىمىڭىزنى ئېلىۋىتىڭ» دېگەنلىكىنى پەملەپ، دەرھال شىلەپەمنى ئېلىۋەتتىم، ئۇ ماڭا باشمالتىقىنى چىقاردى. كېيىن ئويلاپ قارىسام، بۇ چىركاۋغا كىرگەنلەر ھۆرمەت يۈزىسىدىن باش كىيىمىنى ئېلىۋىتىشى كېرەك ئىكەن. چىركاۋنىڭ ئالدىدىمۇ ئادەملەر شۇنداق كۆپ ئىدى. بىز قەلئەدىكى زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دەرۋازىنىڭ سىرتىغا چىقتۇق. قارىساق باشقا چەتئەللىك ساياھەتچىلەر دەرۋازا يېنىدا ھەيكەلدەك قېتىپ تۇرغان قوراللىق ساقچى بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈۋېتىپتۇ. بىزمۇ بېرىپ خاتىرە ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشۈپ قويدۇق. (دۆلىتىمىزدە بولسا، قاراۋۇللۇقتا تۇرغان قوراللىق ساقچىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس).  
       تاغ تۆپىلىكىدىكى قەلئەنىڭ ئەتراپىمۇ ناھايىتى گۈزەل ئىدى، تۆپىلىكتە تۇرۇپ پەسكە نەزەر سالىدىغان بولساق، پۈتكۈل شەھەر مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. قەلئە ئەتراپىدىكى ئورمانلىقلاردا نامايەن بولغان كەچكۈز مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكىگە ھەقىقەتەن گەپ كەتمەيدىكەن. سارغايغان دەل-دەرەخلەردىن تۆكۈلۈۋاتقان ئالتۇنرەڭ يوپۇرماقلار ياپيېشىل چىملىق ئۈستىدە بىر قەۋەت سېرىق پەردە ھاسىل قىلغان ئىدى. بىز يەنە پەسكە چۈشتۇق. تاغ تۆپىلىكلىرى بىلەن تۈزلەڭلىكلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن يەر تۈزۈلۈشى بۇ شەھەرگە ئۆزگىچە گۈزەللىك ئاتا قىپتۇ. ۋلتاۋا دەرياسىدا ساياھەتچىلەر چۈشكەن سەيلە كېمىلىرى ۋە ھەرخىل چوڭ-كىچىك قولۋاقلار، كاتېرلار ئۈزۈلمەي قاتناپ تۇرىدىكەن. دەريادىكى ئاققۇلار گويا بۇ كېمىلەر بىلەن بەسلەشكەندەك ئۇياق-بۇياققا ئۈزۈپ يۈرىيدىكەن. بىز دەريا بويىدا ۋە تۆپىلىكلەردە سەيلە قىلىۋېتىپ، ئالدى چاقى غايەت چوڭ، كەينى چاقى بەكمۇ كىچىك بىر غەلىتە ۋېلىسىپىتنى مىنىپ كېتىۋاتقان، يېتىلەپ مېڭىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇچراتتۇق. بۇنداق غەلىتە ۋېلىسىپىتنى بىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا، بىزگە بۆلەكچىلا قىزىقارلىق تۇيۇلدى. ياۋروپادا ئادەم ھەقىقەتەن كۆرمىگەننى كۆرىدىغان ئوخشايدۇ. بىز ۋلتاۋا دەرياسى بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانغاچ، يەنە ئاخشام كۆرگەن چارلىز چوڭ كۆۋرۈكىگە كەلدۇق. كۆۋرۈك ئۈستى يەنىلا ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى، بەزىدە قىستا-قىستاڭچىلىق بولۇپ كېتەتتى. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپى سۈرەت تارتىدىغان، سۈرەت سىزىدىغان، نەرسە-كېرەك ساتىدىغان مۇلازىمەتچىلەر، ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىۋاتقان تىلەمچىلەر... بىلەن تولغان ئىدى. كۆۋرۈك ئاستىدىكى دەريا ۋە ئۇنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى مەنزىرە ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى. قارىغاندا بۇ جاي پراگا شەھرىنىڭ ئەڭ ئاۋات، ئەڭ جەلپكار جايلىرىنىڭ بىرى بولسا كېرەك. بىز ئادەم دېڭىزى ئىچىدە بىردەم ئايلىنىپ، بۇ قەدىمىي قۇرۇلۇش بىلەن خوشلىشىپ، پراگادىن ئايرىلىش يولىمىزغا راۋان بولدۇق. چۈنكى، قىزىم بىلەن كۈيئوغلۇمنىڭ شەنبە، يەكشەنبىلىك دەم ئېلىشى تۈگىگەن ئىدى، ئەتە يەنە ئىشقا، مەكتەپكە بارمىسا بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭمۇ ياۋروپادىن كېتىدىغان ۋاقتىمىز يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى. شۇڭا، چۈشتىن كېيىن ياۋروپا سەپىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان پراگا شەھرىدىن كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا ئايرىلدۇق. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئورمانزارلىقلاردىن، دالىلاردىن ۋە كىچىك شەھەر، بازارلاردىن ئۆتۈپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىگە قايتىپ كەلدۇق.
            ئەتىسى سىرتقا چىقماي ۋەتەنگە قايتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدۇق. ميۇنخېن شەھرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىز بىلەن خوشلاشقىلى كەلگەن ئىكەن، ئۇلار بىلەن بىردەم ھەمسۆھبەتتە بولدۇق. ئاڭلىساق بۇ شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىر نەچچە يۈزگە يېتىدىغان ئوخشايدۇ. گېرمانىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار زادى قانچىلىك كېلىدىغاندۇ؟ بۇنى خاتىرىمىزنىڭ «ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار» ماۋزولۇق كىيىنكى قىسمىدىن كۆرگەيسىلەر.
    (داۋامى بار)
    مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى          
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.