بىزگە نىمە كېرەك؟

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2007-11-01 09:36:00

بىزگە نىمە كېرەك؟ 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كوردوۋالىق خىرىستان ئۆلىما ئالۋارو ھەسرەتلەنگەن ھالدا مۇنداق دىگەن ئىدى: بىزنىڭ دىنىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئەرەبلەرنىڭ ناخشا-شېئىرلىرىنى ئوقۇماقتا...

     بىزگە نىمە كېرەك؟

        9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كوردوۋالىق خىرىستان ئۆلىما ئالۋارو ھەسرەتلەنگەن ھالدا مۇنداق دىگەن ئىدى:
         بىزنىڭ دىنىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئەرەبلەرنىڭ ناخشا-شېئىرلىرىنى ئوقۇماقتا، ئەرەبلەرنىڭ ئالىملىرى ۋە پەيلاسوپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلماقتا. ئۇلار ئەرەب ئۆلىمالىرىغا رەددىيە برىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئەرەب تىلىدا ئۆزلىرىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ  توغرا  ۋە مۇكەممەل ئىپادىلەشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن شۇنداق قىلماقتا. بۈگۈنكى كۈندە ئادەتتىكى بىر ئادەمنىڭ لاتىن يېزىقىدىكى مۇقەددەس كىتاپلارنى ۋە ئۇنىڭ شەرھىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى كىم كۆرۈپتۇ؟ ئەقىللىق دەپ قارالغان خىرىستان ياشلىرى ياۋروپانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتىدىن باشقا ھچنىمىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئەرەب يېزىقىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگەنمەكتە. قانچىلىك كۆپ پۇل كېتىشىدىن ئايانماي، ئەرەپ يېزىقى ئۆگىنىپ ھەممىلا يەردە ئەرەپ تىل-يېزىقىنى قانچە ئۆگەنسە ئەرزىيدۇ دەپ داۋراڭ سالماقتا...
        مىڭلىغان خىرىستان ياشلىرىنىڭ ئىچىدە ئاتا-ئانىسىغا چۈشىنشلىك قىلىپ بىر پارچە خەت يازالايدىغان ئادەم چىقمايدۇ ئەمما ئەرەپچە ماقالە يازالايدىغان، ئەرەپچە شېئىر دىكلىماتسىيە قىلالايدىغان ئادەمنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئۇلار ئەرەب تىلى بىلگەنلىكى ھەتتا ئۆگىنىۋاتقانلىقى بىلەن پەخىرىلىنىپ يۈرىشىدۇ.
       يەنە 12-ئەسىردە ئۆتكەن ئەرەب تارىخچىسى ئۇسامە ئىبنى مۇنقىز مۇنداق دىگەن ئىدى:
       بۇ ياۋروپالىقلارنىڭ مىجەزى بەكلا قوپال ، بولۇپمۇ بۇلارنىڭ شىمالدىكىلىرى ئۆز ى ئۇستىخانلىق، تېرىسى ئۆلۈكنىڭكىدەك ئاق، چاچلىرى پاخپىيىپ تۇرىدۇ، توغرا چۈشىنىش كۈچى ئاجىز ۋە تەپەككۈرى ئۆتكۈر ئەمەس، گالۋاڭ ۋە قوپال كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇرتىدا ساۋاتسىزلار ۋە مەتۇلار بەكمۇ تولا...
       ئەشۇ ئۇزاق تارىخى دەۋرلەردە سىتسىلىيەدىن تارتىپ ئىسپانىگە قەدەر بولغان ياۋروپانىڭ ئەڭ باي رايونىغا 700يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان، دۇنيانىڭ پەن-مەدەنىيەت، ئىقتىساد مەركىزى بولۇپ كەلگەن مۇسۇلمانلار نىمە ئۈچۈن دۇنيانىڭ كەينىدە قالدى؟
        ياۋروپالىقلار ئەدەبىيات-سەنئەتتە ئويغىنىش دەۋرىگە كىرگەندە، نىيۇتون يەرنىڭ تارتىش كۈچىنى بايقىغاندا مۇسۇلمانلار ھىچنىمىدىن خەۋەرسىز ھالدا خىرىستانلارنى ياراتماي، دۇنيانىڭ بۇ بۇرجىكىدە نىمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىغا ئازراقمۇ قىزىقىپ قويمىدى.
        ناۋادا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئاساسى سەۋەبىنى مانا مۇشۇنداق دۇنيادىن بىخەۋەر قالغانلىقنىڭ، دۇنيادا نىمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىدىن ، قانداق يېڭى ئىدىيە ۋە كەشپىياتلار بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن، بىلىشكە قىزىقمىغانلىقتىن بولغان دەپ قارىساق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پەن تارىخى ۋە دۇنيانىڭ بۈگۈنكى ئىقتىسادى تېخنىكا مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشنىڭ، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا يۈزلىنىش، ئاممىباپ بىلىملەرنى ئۆگىنىش، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە دۇنيادىكى يېڭىلىقلاردىن-مەيلى ئۇ بىزگە مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ياكى مۇناسىۋەتسىز بولسۇن چوقۇم خەۋەردار بولۇش، سەگەكلىك بىلەن ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلىنى دۇنيانىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
         بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ساخاۋەت تورىغا ئوخشاش بېكەتلەر، بۇنداق بېكەتلەرنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر قىزىقىپ تۇرۇپ كۆرگۈچىلەر بۈگۈنكى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولۇشى مۈمكىن...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق