ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر (2)

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-24 19:20:17

بېلەت تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ ئايروپىلان كۈتۈپ ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. بىزمۇ ئايروپىلان بېلىتىمىزنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، ئايرۇپىلانغا چىقىش يولىغا كىرىپ كەتتۇق.

     
    ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر (2)
     
    (ئەدەبىي ئاخبارات)
    تۇرسۇن ياسىن
     
    مانا بۇ–گېرمانىيە
     
       بېلەت تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ ئايروپىلان كۈتۈپ ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. بىزمۇ ئايروپىلان بېلىتىمىزنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، ئايرۇپىلانغا چىقىش يولىغا كىرىپ كەتتۇق. ئايرۇپىلاننىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ ئاران تەستە ئورنىمىزنى تېپىپ ئولتۇرۇۋالدۇق. سائەت بېيجىڭ ۋاقتى ئىككىگە يېقىنلاشقان ئىدى، ئايروپىلان موتورىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بېيجىڭ شەھىرى بىردەمدىلا پەستە قالدى. ئايروپىلان بارغانسېرى يوقىرىغا ئۆرلەۋاتاتتى، ئۇزاق ئۆتمەي ئاپئاق بۇلۇتلار ئايرۇپىلاننىڭ ئاستىغا چۈشۈپ يەر يۈزىنى توسۇۋالدى. خۇددى «غەربكە ساياھەت» تىكى سۇن ۋۇكوڭ بۇلۇتنىڭ ئۈستىگە قونۇۋېلىپ ئەرشتە پەرۋاز قىلىۋاتقانغا ئوخشاش، بۇ ئايروپىلانمۇ قېلىن بۇلۇت قاتلىمى ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى. 
      ئايروپىلاندا يولۇچىلار ئولتۇرىدىغان ئۈچ بۆلۈمچە بولۇپ، بىزنىڭ ئورنىمىز ئەڭ ئارقىدىكى بۆلۈمچىدە ئىكەن. پەرىزىمچە، ئايروپىلاندا 200-250 كېچە يولۇچى باردەك قىلاتتى. يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقنىڭ كەينىگە ئورنۇتۇلغان كىچىك ئېكراندىن ھەرخىل كىنو ۋە قىزىقارلىق پروگراممىلارنى كۆرۈپ ئولتۇرۇشاتتى. چىرايىدىن ئىللىق تەبەسسۇم يېغىپ تۇرىدىغان گېرمانىيەلىك ئايرو خانقىزلار يولۇچىلارغا قىزغىن مۇلازىمەت قىلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. مەن ئېكرانغا قاراپ بۇ ئايروپىلاننىڭ يەر يۈزىدىن 12 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇۋاتقانلىقىنى بىلدىم. رۇجەكتىن قارىساق، ئاستىمىزدا قېلىن بۇلۇتلار قاتلىمىدىن باشقا ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى، يىراقتا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان باشقا ئايروپىلانلارمۇ ئاندا-ساندا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئايروپىلان ئون سائەت ئەتراپىدا ئۇچقاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا پەسلىدى، بۇلۇت قاتلىمى ئۈستىمىزگە چىقتى. يەر يۈزىدىكى يېشىل بوستانلىقلار، كۈمۈش لېنتىدەك دەريالار، قوياش نۇرىدا پارقىراپ تۇرغان كۆللەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
    - گېرمانىيە چېگرىسىغا كىرگەن ئوخشايمىز،-دىدىم يېنىمدا رۇجەكنىڭ سىرتىغا قاراپ ئولتۇرغان ئايالىمغا. ئايروپىلاننىڭ پەسلىشىگە ئەگىشىپ، يەردىكى ئۆي-ئىمارەتلەر، تاشيوللاردا كېتىۋاتقان ماشىنىلارمۇ ئېنىق كۆرۈنمەكتە ئىدى. بىردەمدىن كېيىن ئايروپىلان ميۇنخېن خەلقئارا ئايرۇپورتىغا ئاستاغىنە قوندى. سائىتىمگە قارىسام بېيجىڭ ۋاقتى كېچە سائەت 12 بوپتۇ، لېكىن بۇ يەردە تېخى قۇياش پاتمىغان ئىدى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى بەش سائەتلىك ۋاقىت پەرقى مۇشۇنداق «پاتماس قۇياش» نىڭ چىقىشىغا سەۋەپچى بولغان بولسا كېرەك.
        ئايروپىلاندىن چىقىپ زالغا كىردۇق، يات بىر زېمىنغا كەلگەن ھەم بىر ئېغىزمۇ چەتئەل تىلىنى بىلمەيدىغان بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىشىلەر قايسى تەرەپكە ماڭسا ئۇلارغا ئەگىشىپ شۇ تەرەپكە ماڭماقتىن باشقا ئامالىمىز يوق ئىدى. تۇنجى بولۇپ كىرگەن بىر زالدا گېرمانىيە ساقچىلىرىنىڭ چېگرا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، كىشىلەرگە ئەگىشىپ توك پەلەمپەي بىلەن پەسكە چۈشتۇق. پەستىكى چوڭ زالنىڭ بىر تەرىپىدە يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرى ئاپتۇماتىك تاسما ئارقىلىق بىر تۆشۈكتىن قاتارلىشىپ چىققىلى تۇرۇپتۇ، بىزمۇ باشقىلار قاتارىدا ئۆزىمىزنىڭ يۈك-تاقلىرىنى تونۇپ ئېلىۋالدۇق، ئاندىن ئۇلارنى ئايروپورتنىڭ كىچىك ھارۋىسىغا بېسىپ، كىشىلەرنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدۇق. قىزىم، كۈيئوغلۇم، ئۈچ ياشلىق قىز نەۋرەم ئايروپورتتا بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن، قىزىم يىراقتىنلا بىزنى كۆرۈپ ئالدىمىزغا يۈگرەپ كەلدى.
        كۈيئوغلۇمنىڭ ماشىنىسى بۈك-باراقسان ئورمان، ياپيېشىل چىمەنزارلىق ئىچىدە بىزنى شەھەرگە ئېلىپ ماڭدى. بىز ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرگە تويماي قارايتتۇق. شەھەر رايونىغا كىرگەندىن كېيىنمۇ ياپيېشىل بوستانلىقلار بىزگە ھەمراھ بولدى. قىزىمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئەتراپىمغا نەزەر سالسام، يەنىلا يېشىللىق ئىچىدە تۇرۇپتىمىز. بىنا ئەتراپىدىكى ياپيېشىل دەرەخزارلىقلار، بالكونلاردا چىرايلىق ئېچىلىپ كەتكەن رەڭگارەڭ گۈللەر كىشىگە بىرخىل ئازادىلىك ۋە راھەت تۇيغۇسى بېرەتتى. «پاھ! نېمىدېگەن گۈزەل زېمىن بۇ!» دەۋەتتىم ئىچىمدە. بۇ مېنىڭ گىرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى تەسىراتىم ئىدى. ئەتراپىمىزدىكى بۇ يېشىللىقلارنى كۆرۈپ، ئايرۇپىلاننىڭ ئورۇندۇقىدا ئون سائەت ئولتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ھارغىنلىقىمىزمۇ بىر دەمدە چىقىپ كەتتى.
      ئەتىسى سەھەردىلا ئۇيقۇمىز ئېچىلىپ كېتىپ تۇرۇپ كەتتۇق.
    - يېقىن ئەتراپتا بىر كۆل بار، مەنزىرىسى خېلى گۈزەل، ھاۋا يىگەچ بىردەم ئايلىنىپ كېلەيلى.-دېدى قىزىم. 
         ئۆيدىن چىقىپ گېرمانلارنىڭ ياپيېشىل بوستانلىق ئىچىدىكى مەھەللىلىرىنى ئارىلاپ كۆل بويىغا باردۇق. دېگەندەك بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل ئىكەن. ئەتراپى بۆك-باراقسان ئورمان، ياپيېشىل چىملىق بىلەن قاپلانغان بۇ تەبىئىي كۆلنىڭ زۇمرەتتەك سۈپسۈزۈك سۈيى ۋە ئۇنىڭدا ئۈزۈپ يۈرگەن غاز، ئۆردەك، ئاققۇ قاتارلىق سۇ قۇشلىرى سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىغا ماس ھالدا كىشىگە ئارامبەخش ھۇزۇر ئاتا قىلاتتى. بۇ يەردە بىردەم ئايلانغاچ گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم. قارىسام بۇ ئەتراپنىڭ ھەممىسى شەھەر مەركىزىگە يىراقراق بولغان ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ئىكەن. تەرەپ-تەرەپكە سوزۇلۇپ گىرەلىشىپ كەتكەن بەزى يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىگە ھۆكۈمەتنىڭ تۆت قەۋەتلىك ئىجارە ئۆيلىرى جايلىشىپتۇ، بەزى يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى بىر-بىرىدىن كۆركەم سېلىنغان، ئەتراپى گۈل-چىمەنلەرگە ئورالغان بىر-ئىككى قەۋەتلىك خۇسۇسىي تۇرالغۇ ئۆيلەر ئورۇن ئاپتۇ.
      بۈگۈن شەنبە كۈنى بولغاچقا، قىزىم بىلەن كۈيئوغلۇم بىزنى شەھەر مەركىزىدىكى «مارىئان مەيدانى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەيدانغا ئېلىپ باردى. بۇيەردە مارىئان مەيدانىنى مەركەز قىلغان نۇرغۇن ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بار ئىكەن، 1525-يىلى ياسالغان 109 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مەريەم ئانا چىركاۋى، 1050-يىلى سېلىنىشقا باشلاپ 1294-يىلى پۈتكەن، ئىگىزلىكى 92 مېتىر كېلىدىغان ساينىت پېتىر چىركاۋى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى سېلىنغان يېڭى شەھەر مەمۇرىيىتى بىناسى قاتارلىق بەلگە خاراكتىرلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەرگە مەركەزلەشكەن ئىكەن. بۇ يەردىكى كوچا مەخسۇس پىيادىلەرلا ماڭىدىغان كوچا بولۇپ، موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى كىرمەيدىكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدىكى «پىيادىلەر كوچىسى» غا ئوخشاپراق قالىدىكەن. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، يۇرتىمىزدىكى پىيادىلەر كوچىسى كونا كوچىلارنى چېقىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ياسالغان، بۇ يەردىكى پىيادىلەر كوچىسى بولسا، قەدىمىيلىكنى قوغداش، تەبىئىيلىكنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىكەن. گېرمانىيىلىكلەر كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تارىخنى توغرا چۈشىنىشىگە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، تارىخىي ئىزنالارنى ئەينەن ساقلاپ قېلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپتۇ.
      بىز مارىئان مەيدانى ئەتراپىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەر جايلاشقان پىيادىلەر كوچىسىنى ئارىلاپ كېتىۋېتىپ، كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىكلەپ قويۇلغان ھەر خىل رەڭدىكى بەزى ھەيكەللەرنى ئۇچراتتۇق. ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئادەملەر ئولىشىۋالغانىدى. يېقىن بېرىپ سىنچىلاپ قاراپ بۇ ھەيكەللەرنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنى سەزدۇق، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تەڭگە پۇل سېلىنغان بىر قاچا تۇراتتى. ئەسلىدە ئۇلار ھەيكەل بولماستىن، بەلكى ئۆزلىرىنى ھەيكەلگە ئوخشۇتۇپ گىرىم قىلىۋالغان تىلەمچىلەر ئىكەن. گىرمانىيەگە ئوخشاش ئىقتىسادى تەرەققى تاپقان پاراۋان دۆلەتتىمۇ تىلەمچىلەرنىڭ بارلىقىدىن ھەيران قالدۇق. قىزىمنىڭ دىيىشىچە، بۇ تىلەمچىلەرنىڭ ھىچقايسىسى گېرمانىيە پۇقراسى بولماستىن، ھەممىسى سىرتتىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئىكەن. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ تىلەمچىلىك قىلىشىغا يول قويمايدىكەن، ئەمما چەتئەللىك كۆچمەنلەرنىڭ تىلەمچىلىك قىلىشىنى چەكلىمەيدىكەن. گىرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغاچقا، بۇ دۆلەت كۆچمەنلەرنىڭ بىرىنچى تاللىشى بولۇپ قاپتۇ. بۇ دۆلەتكە كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ بەزىلىرى يېتەرلىك تۇرمۇش كاپالىتىگە ئېرىشكەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ، يەنىلا كۆپرەك پۇل تېپىشنى كۆزلەپ كوچىدا تىلەمچىلىك قىلىدىكەن.
       تىلەمچىلەر بىزنىڭ يۇرتىمىزدىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. خۇددى گېرمانىيەدىكى كۆچمەنلەرگە ئوخشاش ئۆلكە، رايون ئاتلاپ كېلىپ تىلەمچىلىك قىلىدىغانلارمۇ خېلى كۆپ. دۆلەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە ئېرىشكەن كىشىلەرمۇ كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن تىلەمچىلىكنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغان. بىر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ كوچىغا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلىشى شۇ دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا نىسبەتەن بىر خىل سەتچىلىك. شۇڭلاشقا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ تىلەمچىلىك قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ئەمما بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدا بولسا تىلەمچىلەرنى ھېچكىم باشقۇرالمايدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئوبرازى بىلەنمۇ ھىچكىمنىڭ كارى يوق.
       مەن مۇشۇنداق ئوي-خىياللار بىلەن ھەمراھلىرىمغا ئەگىشىپ مېتروغا چۈشتۈم، چۈنكى يەر يۈزىدە ھاۋا تۇتۇلۇپ كەتكەنىدى، بىز يامغۇردا قېلىشتىن ئەنسىرەپ مېترو بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەتمەكچى بولدۇق. بۇ يەرنىڭ مېترولىرى بېيجىڭنىڭ مېترولىرىدەك تىقما-تىقماق ئادەم دېڭىزى ئەمەسكەن، مېترو بېكەتلىرىنىڭ ھەشەمەتلىكلىكى، ئازادىلىكى، كۆركەملىكى، يولۇچىلارغا قولايلىق يارىتىدىغان تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرى ۋە كىتابخانىلارنىڭ جايلاشتۇرۇلغانلىقى بىزدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. گېرمانىيىلىكلەر مېترونى «ئۇبان» دەپ ئاتايدىكەن، بىز ئۇبان بىلەن ئون نەچچە مىنۇت ماڭغاندىن كېيىن، يەر ئۈستىگە چىقىپ ئاممىۋىي ئاپتوبۇس بىلەن ئۆيگە كېلىۋالدۇق. ميۇنخېن شەھرىدە يەنە «ئېسبان» دەپ ئاتىلىدىغان پويىز بولۇپ، بۇنى ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا شەھەر پويىزى ياكى كوچا پويىزى دەپ ئاتىساق بولىدىغاندەك قىلىدۇ. «ئۇبان» يەر ئاستىدا ماڭسا، «ئېسبان» يەر ئۈستىدە ماڭىدىكەن. يەنە ئۆمۈچۈك تورىدەك پۈتۈن شەھەرنى قاپلىغان ترامۋاي ۋە ئاممىۋىي ئاپتوبۇس لىنىيەلىرى ئاھالىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە ئىنتاين زور قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەپتۇ، كىشىلەر ئۆيىدىن چىقىپ 50 مېتىر ئەتراپىدا ماڭسىلا ترامۋاي ياكى ئاممىۋىي ئاپتوبۇس بېكىتىگە كىلىدىكەن. ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە يىللىق، ئايلىق، ھەپتىلىك، كۈندىلىك قاتناش بېلىتى ئېلىپ قويسىلا، تاكسىدىن باشقا قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ھەر قاندىقىغا  ئولتۇرۇپ، كۆزلىگەن مەنزىلىگە ۋاقتىدا يىتىپ بارالايدىكەن. قايسى خىل قاتناش ۋاستىسى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ بېكىتىدە ئېلېكترونلۇق ئېكران بولۇپ، قايسى لىنىيىدىكى قاتناش ۋاستىسىنىڭ قاچان بېكەتكە كىرىدىغانلىقى ئېكراندا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن، قاتناش ۋاستىلىرىمۇ ئېكراندىكى ۋاقىتتىن كېچىكمەي بېكەتكە كىرىپ بولىدىكەن. ترامۋاي ياكى ئاممىۋىي ئاپتوبۇس ئىچىدە ئېلېكترونلۇق بېلەت تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، كىشىلەر ئالدى بىلەن قوللىرىدىكى بېلەتلىرىنى مۇشۇ ئۈسكۈنىگە كىرگۈزىدىكەن، ئېلېكترونلۇق بېلەت تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىر-ئىككى سېكۇنت ئىچىدە بېلەتكە شۇ كۈنلۈك چېسلانى بېسىپ چىقىرىپ بېرىدىكەن.
    بىر قېتىم بىز ئاممىۋىي ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ بىر ياققا ماڭغان ئىدۇق. بىر بېكەتكە كەلگەندە چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىر مېيىپ كىشىنىڭ ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ چاغدا شوپۇر دەرھال كابىنكىدىن چۈشتى-دە، يولۇچىلار ئاپتۇبۇسقا چىقىدىغان ئىشىكنىڭ ئالدىغا كىلىپ، چاقلىق ئورۇندۇقنى ئاپتۇبۇسقا چىقارغىلى بۇلىدىغان يانتۇ قۇرۇلمىنى ئىشقا سېلىپ، چاقلىق ئورۇندۇقتىكى مېيىپ كىشىنى ئاپتۇبۇسقا چىقىرىپ قويغاندىن كېيىن، ئاندىن كابىنكىغا قايتىپ كىرىپ ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ ماڭدى. مېيىپ كىشى ئاپتوبۇستىن چۈشىدىغان چاغدىمۇ، شوپۇر يەنە كابىنكىدىن چىقىپ يوقىرىقى ئەدەپلىك ھەرىكىتىنى بىر قېتىم تەكرارلاپ، مېيىپ كىشىنى ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈپ قويدى.
       بەزىدە بوۋاقلار ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ ماڭغان ئاياللار ئاپتوبۇس، ترامۋايلارغا چىقىدىكەن. بۇ چاغدا ئاپتۇبۇستىكى كىشىلەردىن بىرسى ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىغا كىلىپ، ئاياللارنىڭ بوۋاقلار ھارۋىسىنى ئاپتۇبۇسقا چىقىرىشىغا ياردەملىشىدىكەن. ئاپتوبۇس، ترامۋاي ئىشىكلىرىنىڭ ئۇدۇلىغا ئادەتتە ئورۇندۇق ئورنىتىلماي، مەخسۇس بوۋاقلار ھارۋىسى ۋە چاقلىق ئورۇندۇق تۇرىدىغان بوشلۇق قالدۇرۇلىدىكەن. يۇرتىمىزدا كۆرگىلى بولمايدىغان بۇ ئىشلارنى بۇيەردە كۆرۈپ، زامانىۋى جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت، ئەخلاق ساپاسىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
       زامانىۋى جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدىمۇ زامانىۋىلىشىشنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. بۇ يەردىكى ھەر قانداق ئائىلىدە ئاپتۇماتىك تەڭشىلىدىغان ماگنتلىق ئوچاق، ئاپتۇماتىك قاچا-قۇچا يۇيۇش ماشىنىسى، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسى، دېزىنفىكسىيىلەش ماشىنىسى قاتارلىقلار تولۇق سەپلەنگەندىن تاشقىرى، ئاشخانا ۋە تازىلىق ئۆيىدە 24 سائەت ئىسسىق سۇ ئۈزۈلمەيدىكەن. شۇڭا، گېرمانىيە جەمئىيىتىدىكى ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى تېز ۋە قۇلايلىق ئىكەن. ئائىلىلەردىن چىقىدىغان تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ئورگانىك ئەخلەت، سۇلياۋ ئەخلەت، ئەينەك ئەخلەت، قەغەز ئەخلەت قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنۈپ، ئەخلەت ساندۇقلىرىغا ئايرىم-ئايرىم تاشلىنىدىكەن. ئاندىن بۇ ئەخلەتلەر تۈرلەر بويىچە ئەخلەت بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرىغا توشۇلىدىكەن. شۇڭا بۇيەردە يۇرتىمىزدىكىگە ئوخشاش «ئەخلەت مەيدانى» مەۋجۇت ئەمەسكەن.
        بىركۈنى ھەممىمىز تاللا بازىرىغا باردۇق. مېڭىشتىن بۇرۇن كۈيئوغلۇم بىر مۇنچە قۇرۇق مىنېرال سۇ بوتۇلكىلىرىنى چوڭ بىر خالتىغا قاچىلاپ  ئېلىپ ماڭدى.
    -بۇ قۇرۇق بوتۇلكىلارنى نېمە قىلىسىلەر؟-دەپ سورىدىم مەن قىزىققان ھالدا. 
    -بۇلارنى تاللا بازىرىغا قايتۇرۇپ بېرىمىز، پۇلغا ھېسابلاپ ئالىدۇ-دېدى كۈيئوغلۇم.
        تاللا بازىرىغا كىردۇق. كۈيئوغلۇم قۇرۇق سۇلياۋ بۇتۇلكىلارنى تامغا ئورنىتىلغان بىر ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ بىر تۆشۈكتىن ماشىنىنىڭ ئىچىگە بىر-بىرلەپ كىرگۈزگىلى تۇردى، بوتۇلكىلار پۈتۈنلەي كىرگۈزۈلۈپ بولۇنغاندىن كېيىن، ماشىنا ئۇنىڭ قىممىتىنى ھىسابلاپ يەنە بىر تۆشۈكتىن تالون چىقىرىپ بەردى. بۇ تالونغا نەق پۇل ئالسىمۇ ياكى مال ئالسىمۇ بولىۋېرىدىكەن. ماشىنا مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا، مەن سۈرەتكە تارتىۋالماقچى بولۇپ ئاپپاراتىمنى توغرىلىشىمغا بىر مۇلازىم كېلىپ بىر نېمىلەرنى دەپ ئالدىمنى توسۇپ تۇرۇۋالدى. مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئۇقمىساممۇ، بۇ يەردە سۈرەتكە تارتىشقا بولمايدۇ، دېگەنلىكىنى پەملىدىم. بەلكىم تېخنىكىمىزنى ئوغرىلىۋالىدۇ، دەپ ئەندىشە قىلغان بولسا كېرەك. ئاڭلىشىمچە، بۇ قۇرۇق سۇلياۋ بوتۇلكىلار قايتىدىن زاۋۇتقا سېلىنىپ يېڭى سۇلياۋ بوتولكا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن خام ماتېرىيال تېجىلىپلا قالماي، يەنە مۇھىت ئاسراش مەقسىدىگە يېتىلىدىكەن.
       گېرمانىيەدىكى تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلىشىشنى كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىدىنمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. مەن ھەر قېتىم سىرتقا چىقسام، ئاپتوبۇس، ترامۋاي بېكەتلىرىنىڭ يېنىغا ئورنىتىلغان ئادەمسىز گېزىت بوتكىلىرىغا قىزىقىپ قاراپ قالاتتىم. بۇ گېزىت بوتكىلرىغا شۇ كۈنى چىققان يېڭى گېزىتلەر ۋە بىر قىسىم ژورناللار قويۇلىدىكەن. بوتكىنىڭ بىر بۇرجىكىدە پۇل تاشلايدىغان كىچىك ساندۇق بولۇپ، كىشىلەر خالىغان گېزىت، ژورنالنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ باھاسى بويىچە ساندۇققا تەڭگە پۇل تاشلاپ قويىدىكەن. ئەگەر شۇ كۈنى يېنىدا پارچە پۇل بولماي قالسا، گېزىتنى ئېلىپ كېتىپ تۇرۇپ، پۇلنى پارچىلىغاندىن كېيىن ئەكىلىپ ساندۇققا تاشلاپ قويىدىكەن. بۇ گېرمانىيەلىكلەردىكى مەدەنىيەت، ئەخلاق ساپاسىنىڭ ۋە يۈكسەك دەرىجىدىكى ئاڭلىقلىقنىڭ بىرخىل ئىپادىسى بولسا كېرەك. بۇيەردە بىزنىڭ كۆرگىنىمىز يالغۇز مۇشۇلا ئەمەس.
    بىز بىر قېتىم ميۇنخېن شەھرىنىڭ سىرتىغا سەيلىگە چىقتۇق. ماشىنىمىز يول ياقىسىدىكى بىر ئېتىزلىقنىڭ يېنىدا توختىدى. قارىساق بۇ مەخسۇس گۈل ئۆستۈرۈلىدىغان ئېتىزلىق بولۇپ، رەڭگارەڭ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ كېتىپتۇ. ئوتتۇرا ياشلىق بىر جۈپ ئەر، ئايال گۈللەرنى كېسىپ ئالغىلى تۇرۇپتۇ. بۇ ئىككىيلەن گۈل ئىگىسى بولماستىن، بەلكى گۈل سېتىۋالغۇچىلار ئىكەن، گۈل ئىگىسى بۇ يەردە تۇرمايدىكەن. ئېتىزلىقنىڭ بىر تەرىپىدە بىر مەزمۇت تاختاي ئورنۇتۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىزلىقتىكى گۈللەرنىڭ تۈرى ۋە باھاسى يېزىپ قويۇلىدىكەن. گۈل سېتىۋالغۇچىلار گۈل ئىگىسى تاختاينىڭ تۈۋىگە قويۇپ قويغان پىچاق بىلەن خالىغان گۈلنى كېسىۋالغان كېيىن، ئاندىن ئۇنى ساناپ باھاسى بويىچە پۇلىنى ھېساپلاپ، تاختايغا ئورنۇتۇلغان كىچىك ساندۇققا پۇل تاشلاپ قويىدىكەن. بىز يەنە ئادەمسىز كاۋىلىقنىمۇ كۆردۇق، خېرىدارلار ئېتىزلىقتىكى كاۋىلارنى تاللاپ ئۈزۈۋالغاندىن كېيىن، تاختايغا يېزىپ قويۇلغان باھاسى بويىچە ساندۇققا پۇل تاشلاپ قويۇپ كاۋىنى ئېلىپ كېتىدىكەن. بىر يولنىڭ بويىدىكى ئادەمسىز كۆكتات بوتكىسى بىزنى تېخىمۇ قىزىقتۇردى. بېرىپ قارىساق ئۈچ قەۋەتلىك جاۋەن بولۇپ، ھەر بىر قەۋىتىگە بىر نەچچىدىن سۇلياۋ سېۋەت قويۇلغان، سېۋەتلەرگە شۇخلا، ئاق تۇرۇپ، قىزىل تۇرۇپ، پىياز، بەرەڭگە قاتارلىق كۆكتاتلار ئايرىم-ئايرىم قاچىلانغان ئىكەن. بۇ كۆكتاتلار جىڭلانماي، سانى بويىچە سېتىلىدىكەن. جاۋەننىڭ بىر تەرىپىگە بىر توپ سۇلياۋ خالتا ئېسىقلىق بولۇپ، كىشىلەر كۆكتاتلارنى ساناپ خالتىغا سالغاندىن كېيىن، جاۋەننىڭ ئۈستىدىكى تاختايغا يېزىلغان باھاسى بويىچە پۇلىنى ھېسابلاپ، جاۋەنگە ئورنۇتۇلغان كىچىك ساندۇققا پۇل تاشلاپ قويىدىكەن.
       گېرمانىيىلىكلەرنىڭ مەنىۋىيىتىگە ئورناپ كەتكەن بۇخىل مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق ساپاسىنى ھەممىلا ئىشتا ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. ئۆيدىن چىقساق ئاھالىلارنىڭ ئۆيلىرى جايلاشقان چوڭ-كىچىك كوچىلارنىڭ ھەممىسىدە بىر-بىرىگە يانداش ھالدا قاتار توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىلار كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. ئاڭلىشىمچە، گېرمانىيىدە خۇسۇسىي ماشىنىلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىگە بىردىن ئىككىگىچە ماشىنا توغرا كېلىدىكەن. مەخسۇس ماشىنا ساقلاش ئۆيى بولغان ئاز ساندىكى كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ماشىنىلىرىنى تۇرالغۇسى ئەتراپىدىكى كوچىدا ھەقسىز توختىتىپ قويىدىكەن. مەيلى قىسقا مۇددەت ياكى ئۇزۇن مۇددەت توختىتىپ قويۇلسىمۇ، ماشىنىلار ھېچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىماي خاتىرجەم تۇرۇۋىرىدىكەن. بۇ ئىش بىر تەرەپتىن گېرمانىيىلىكلەرنىڭ مەدەنىيەت، ئەخلاق ساپاسىنىڭ يوقۇرىلىقىنى ئىپادىلەپ بەرسە، يەنە بىر جەھەتتىن جەمئىيەتنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدىكەن. بىز بۇ يەردە مەيلى بىنا ئۆيلەر بولسۇن ياكى بىر-ئىككى قەۋەتلىك خۇسۇسىي تۇرالغۇ ئۆيلەر بولسۇن، بىرىنچى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ دېرىزىسىنىڭ سىرتىغا يۇرتىمىزدىكىگە ئوخشاش پولات چىۋىق ئورنىتىلغانلىقىنى زادىلا كۆرۈپ باقمىدۇق. خۇسۇسىي تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ قاشا تېمى ئورنىدا يېشىل ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئورالغان پاكار رىشاتكىلا بار ئىكەن. 
    مېنىڭ قىزىم تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە بىر كۆچمەن ئائىلىنىڭ ئۆيى بولۇپ، ئۇلار بىر قېتىملىق دەم ئېلىش ۋاقتىغا توغرىلاپ ساياھەتكە چىقماقچى بولغان. ئەمما، ماڭىدىغان چاغدا نەرسە-كېرەكلىرىنى ئۆيىدىن ئەچىقىپ ماشىنىسىغا بېسىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆينىڭ ئىشىكىنى تاقاشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئۆيىنىڭ ئىشىكى يېرىم ئوچۇق ھالدا كېتىپ قالغان، نەتىجىدە بۇ ئۆينىڭ ئىشىكى بىر كۈن كەچكىچە ئوچۇق تۇرغان. ئاخشىمى قوشنىلىرى بۇ ئۆيدە ئادەم يوقلۇقىنى سېزىپ قېلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار كېلىپ ئۆينى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ئىشىكنى تاقىۋەتكەن. 
    -مەن گىرمانىيەگە كەلگەندىن بۇيان كوچىدا ساقچى كۆرۈپ باقمىدىم، بۇ يەردىكى ساقچىلار كوچا چارلىمامدۇ؟-دەپ سورۇدۇم بىر كۈنى قىزىمدىن. 
    -بۇيەردىكى ساقچىلار ئادەتتە دائىم كوچىلارنى چارلاپ يۈرمەيدۇ، ئاندا-ساندا ماشىنا بىلەن چىقىپ چارلاپ قويىدۇ. مەن بۇ يەرگە كەلگەن سەككىز يىلدىن بۇيان بىرەر كىمنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرىپتۇ، دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇ يەردە ھەممە ئادەم بىر-بىرىگە ساقچى، ھەر قانداق ئادەم بىرەر غەيرىي ئەھۋالنى بايقاپلا قالسا شۇ ھامان ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ، ساقچىلار دەرھال كېلىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.-دېدى قىزىم.
       قىزىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ يەردە بىنانىڭ يۇقىرى قەۋىتىدە ئولتۇرغانلار كەچ سائەت توققۇزدىن كېيىن كىرئالغۇنى ئىشلەتمەيدىكەن، قاتتىقراق ئاۋازدا تاراق-تۇرۇق، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشمايدىكەن. ئەگەر شۇنداق ئىش يۈز بېرىپلا قالسا، تۆۋەن قەۋەتتە ئولتۇرغانلار «بىزنىڭ ئارامىمىزنى بۇزدى» دەپ ساقچىغا مەلۇم قىلىدىكەن. بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۇرتىمىزدا بولغان بىر ئىشنى ئەسلەپ قالدىم: بىز ئولتۇرۇۋاتقان كونا بىنانىڭ 6-قەۋىتىدىكى ئۆينى سېتىۋالغان ئادەم ئۆينىڭ ئەسلىدىكى قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ يېڭىۋاشتىن بېزىمەكچى بولدى. ھەر كۈنى تام چاققان چاغدىكى قۇلاقنى يارغۇدەك قاتتىق ئاۋاز، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قاتتىق ۋىژىلدىغان ئاۋازى ۋە باشقا تاراق-تۇرۇق ئاۋازلار بىرەر ئايغىچە ئۈزۈلمەي، پەس قەۋەتتە ئولتۇرغانلارنىڭ خاتىرجەم ئارام ئېلىشىغا ئىمكانىيەت بەرمىگەن ئىدى. يۇرتىمىزدا بۇنداق ئىشلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ، ئەمما گېرمانىيىدە بۇنداق مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارغا يول قويۇلمايدىكەن.
       ئۈچ چاقلىق ھارۋا بىلەن كوچىمۇ-كوچا ئارىلاپ، كونا تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىۋالىدىغان ئادەملەر يۇرتىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ. لېكىن بۇ يەردە كونا ۋە ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىۋالىدىغان ئادەملەرنى تاپقىلى بولمايدىكەن. ئائىلىلەردىن چىقىدىغان قەغەز قاپ، قەغەز يەشىك قاتارلىق قەغەزدىن ئىشلەنگەن ھەرخىل كېرەكسىز ماتېرىياللار قەغەز ئەخلەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن. ئېھتىياجدىن ئېشىپ قالغان، ئىشلىتىلمەيدىغان ھەرخىل كونا تۇرمۇش بۇيۇملىرى كىشىلەرنىڭ خالىغانچە ئېلىپ كېتىشى ئۈچۈن يول ياقىسىغا تاشلاپ قويۇلىدىكەن، ئېھتىياجلىق كىشىلەر ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كىتىدىكەن.
       بىز ميۇنخېن شەھرىدىكى بەزى سودا سارايلىرىنى ئارىلاپ كۆردۇق. خېرىدار بىرەر كىيىم سېتىۋالماقچى بولسا، ئاۋۋال ئۇنى كىيىم سىناش ئۆيىدە كىيىپ بېقىپ يارىسا ئالىدىكەن. كىيىمنى سېتىۋالغاندىن كېيىن 2-3 كۈن كىيىپ كۆرۈپ، ئالغىنىغا پۇشايمان قىلىپ قالسا، 15 كۈن ئىچىدە تالونى بىلەن بىللە سودا سارايغا ئاپىرىپ قايتۇرۇۋەتسە بولىدىكەن. تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ قاتارلىق يۇقىرى سوممىلىق مالنى سېتىۋالغاندا، پۇلىنى بىراقلا تۆلىمەي، مۇددەتكە بۆلۈپ ئايمۇ-ئاي تۆلىسە بولىدىكەن. بىز بۇ يەردىكى سودا سارايلىرى، چوڭ-كىچىك دۇكان ياكى دورىخانىلار بولسۇن، ھېچقايسىسىنىڭ ئالدىدا يۇرتىمىزدىكىگە ئوخشاش ئەتىدىن كەچكىچە توختىماي ۋاڭىلداپ خېرىدار جەلپ قىلىدىغان ئاۋاز ياڭراتقۇلارنى كۆرمىدۇق. ئاۋات سودا كوچىلىرىنىڭ ھەممىلا يىرىدە شاۋقۇن-سۈرەندىن خالى جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىدىكەن. شۇنداقتىمۇ يەنە خېرىدار كېلىۋېرىدىكەن، سودا بولۇۋېرىدىكەن. يۇرتىمىزغا ئوخشىمايدىغان قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ يەردىكى يېمەك-ئىچمەكتىن باشقا بارلىق سودا-سېتىق ئورۇنلىرى دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە تىجارەت قىلىپ، يەكشەنبە كۈنى ئومۇميۈزلۈك دۇكانلىرىنى تاقاپ دەم ئالىدىكەن.
    -مەن سىلەرنى ئائىلە دوختۇرىمىزنىڭ ئامبۇلاتورىيىسىگە ئاپىرىپ، سالامەتلىكىڭلارنى تەكشۈرتۈپ قوياي،-دېدى قىزىم بىر كۈنى. 
      قىزىم بىلەن بىللە ئاۋۋال ئاممىۋىي ئاپتۇبۇسقا، ئاندىن مېتروغا چۈشۈپ ماڭدۇق. قىزىمنىڭ ئائىلە دوختۇرىنىڭ ئامبۇلاتۇرىيىسى بىر بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئىكەن. بۇ يەردە بىر دوختۇر، ئىككى سېستىرالا ئىشلەيدىكەن. قىزىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شەھەردە ھەممىلا ئادەمنىڭ بەلگىلەنگەن ئائىلە دوختۇرى بولىدىكەن. ساقسىز بولۇپ قالغاندا ئاۋۋال ئائىلە دوختۇرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىدىكەن. ئائىلە دوختۇرى كېسەلنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ، چوڭ مەسىلە يوق، دورا يىمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىسا، دورا يېزىپ بەرمەي، كۈندىلىك تۇرمۇشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش، يېمەك-ئىچمەكتە نېمىنى كۆپ، نېمىنى ئاز يىيىش، نېمىنى يېمەسلىك ھەققىدە كونكرېت مەسلىھەت بېرىدىكەن؛ ئەگەر دورا يىيىشكە تېگىشلىك بولسا، دورىنى مۇۋاپىق يېزىپ بېرىدىكەن، ئامبۇلاتورىيىدە دورا سېتىلمايدىكەن، دورىنى بىردەك كوچىدىكى دورىخانىدىن ئالىدىكەن. دورا باھاسىنىڭ قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر، يېنىدىن پەقەت بەش ياۋرۇلا تۆلەيدىكەن، قالغان دورا پۇلى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىرىلىدىكەن. مۇبادا بۇ كېسەل دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا تېگىشلىك بولسا، ئائىلە دوختۇرى ئۇنى دوختۇرخانىلارنىڭ بىرىگە تونۇشتۇرۇپ بېرىدىكەن. دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان بىمارلارنىڭ تەرەت قىلىش، يۈزىنى يۇيۇش، چىش چوتكىلاش، تاماق يىيىش قاتارلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى سېستىرالار ئۈستىگە ئالىدىكەن، ئائىلىسىدىن ئادەم كىلىپ ھەمراھ بولۇش ھاجەتسىز ئىكەن. ئائىلە دوختۇرى بىزنىمۇ ناھايىتى ئەستايىدىل تەكشۈردى، ئىككىنچى كۈنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن دوختۇر بىزگە تۇرمۇشتا ۋە يېمەك-ئىچمەكتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە ئەستايىدىللىق بىلەن مەسلىھەت بەردى ھەم دورىمۇ يېزىپ بەردى. كوچىدىكى دورىخانىدىن بەش ياۋرو (تەخمىنەن 40 يۈەن) تاپشۇرۇپ، دورىلارنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتۇق.
      مانا بۇلار مەن كۆرگەن گېرمانىيە جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىم يارقىن كۆرۈنۈشلىرى. بۇ زېمىننىڭ جەلپكارلىققا تولغان جايلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، خاتىرىمىزنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز. 
    (داۋامى بار)

    مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى 
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.