بالاغەتكە يەتمىگەن قىزلارنىڭ تويى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-13 02:58:59

يەمەندىكى نارسىدە قىزلارنىڭ قاباھەتلىك چۈشى سانا، ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن يەمەنلىك قىز. بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدىكى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۇ مەجبۇرى ھالدا 30 ياشقا كىرگەن بىر نەۋرە ئاكىس...



    يەمەندىكى نارسىدە قىزلارنىڭ قاباھەتلىك چۈشى




      سانا، ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن يەمەنلىك قىز. بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدىكى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۇ مەجبۇرى ھالدا 30 ياشقا كىرگەن بىر نەۋرە ئاكىسىغا چېتىپ قويۇلدى. سانا غەزەپلەنگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: «توي كۈنى چېچىمنى ياساۋاتقان چاغدا، توي كۆينىكىگە ئوت قويىۋەتكىم كەلدى.» «مەن قارىشلىق بىلدۈردۈم،دادام ئېغىزىمغا لوڭگىنى تىقىپ، مېنى باغلاپ قويدى. تويدىن كېيىن مەن ئىككى قېتىم ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالماقچى بولدۇم.»

      سانا ئېرىنىڭ ئۆيىدىن قېچىپ چىقىپ، ئاخپارات ئورۇنلىرىغا نارسىدە قىزلارنىڭ «تويى»نى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى يەمەندىكى ئائىلە زوراۋانلىقى ۋە جىنىسى جەھەتتىن خورلىنىشقا ئۇچىرىغان قىزلارنىڭ ئەڭ كىچىكى دىگىلى بولمايدۇ. 2008-يىلى ئەتىيازدا، 9 ياشلىق ئانۇۋا بىلەن 10 ياشلىق نۇجۇد «ئاجىز بالىلىق ئاۋازى» بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاخپارات ئورۇنلىرىغا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، تاشقى دۇنيا يەمەندىكى «بالاغەتكە يەتمىگەنلەرنىڭ تويى» مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى.

      يەمەندە، نامىراتلىق ئومۇمىيۇزلۈك ئەھۋال بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە تەربىيەلىنىش جەھەتتىكى خىراجەتلىرىگە يېتىشەلمىگەن ئەھۋالدا، بالاغەتكە يەتمىگەنلەرنىڭ تويىنى قىلىش كارغا يارايدىغان بىر ئەمەلى ھەركەت بولۇپ قالغان. پۇل ئۈچۈن كىچىك قىزلارنى ئېلىپ ـ سېتىش ئەھۋاللىرى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرغان. يەمەندە 50% تتىن ئارتۇق يېڭى توي قىلغان  كېلىنلەرنىڭ ئوتتۇرچە يېشى 18 ياشتىن تۆۋەن بولۇپ، كۆپ قىسىمى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن ھالەتتە ئىكەن. يەمەن تېخى 10 يىل ئاۋاللا توي قىلىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ياش چەكلىمىسىنىڭ 15 ياش ئىكەنلىكىنى بىكار قىلغان، مەلۇم جەھەتتىن، بۇمۇ كىچىك قىزلارنىڭ بالدۇر توي قىلىشىنىڭ بىر سەۋەبى بولۇپ قالغان. ئاتا ـ ئانىلار قىزلىرىنىڭ توي يېشىنى بېكىتىشكە مۇتلەق ھوقۇقلۇق بولۇپ، چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن ئەنئەنىۋى قاراشلار، بالاغەتكە يەتمىگەنلەرنىڭ تويى مەسىلىسىدە ناھايىتىمۇ زور روللارنى ئوينىغان.

      يەمەن پارلامىتى توي قىلىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ياش چەكلىمىسى ھەققىدە ئويلاشقان بولسىمۇ، لېكىن، بەزى دىننىي مەيداندا چىڭ تۇرىدىغان قانۇن تۈزگۈچىلەر ئۇنىڭغا قارىشى پىكىردە بولغان. بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ رەئىسى ھامۇدى: «يەمەندە كىشىلەر قانۇنغا قارىغاندا ئادەت خارەكتىرلىك قائىدىلەرگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ»، «قەبىلە ئاقساقاللىرى بىلەن دىننىي ئۆلىمالارنىڭ تەسىرى بەزىدە دۆلەت ئورگانلىرىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇڭا ، يەمەندە نىكاھ قانۇنىنى جىددى تۈزۈپ چىقىپ، بىر ئۆلچەمنى بارلىققا كەلتۈرۈش تولىمۇ زۆرۈر، بىز يېڭىچە بىر قەدەمنى تاشلىشىمىز لازىم» دەيدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى ئاگاھلاندۇرۇپ: مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ تەننەرخىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇش بېسىمى ئېغىرلاپ بارىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالدۇر توي قىلغان  قورامىغا يەتمىگەن قىزلارنىڭ سانى كۆپۈيۈپ بارىدۇ، دەيدۇ. بالدۇر توي قىلىش ھادىسىسى شەھەر، يېزىلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشلا مەۋجۇت. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ ئېقتىسادى مەنپەئەتكە ئېرىشىشنىڭ بىر يولى بولۇپ قالغان. ھەتتا بەزى تەسىرى چوڭئاراق ئائىلىلەر قىزلىرىنىڭ توي كېلىشىمى ئارقىلىق مەنپەئەت ئالماشتۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالغان. نامىرات ئائىلىلەرنىڭ قىزلىرى ئۈچۈن بولسا بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ۋە ئاپەتتىن دېرەك بەرگەن.

      ئانۇۋا 30 مىڭ يەمەن دىنارى (150 ئامىرىكا دوللىرىغا تەڭ) بەدىلىگە ئېرىگە سېتىۋېتىلگەن. نۇجۇد بولسا دادىسى تەرىپىدىن زوراۋان بىر ئەرگە سېتىپ بېرىلگەن. بۇ ئىككى بىچارە قىز ئامالسىزلىقتىن سىرتتىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئانۇۋا دوختۇرخانىگە قېچىپ بېرىپ داۋالىنىشنى تەلەپ قىلغان، نۇجۇد سوتقا بېرىپ، ئەرىز ـ ھالىنى بايان قىلغان. ئاخرىدا سوت، بۇ ئىككى قىزغا دەرھال نىكاھتىن ئاجىرىشىش ھۆكۈمىنى چىقارغان. بۇ قىزلارنىڭ بەختسىز كەچۈرمىشىدىن، نامىرات ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى تۆۋەن قاتلام كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

      بالدۇر توي قىلىشنىڭ ئېغىر ئاقىۋېتى، ھامىلدار بولۇپ قېلىش بولۇپ، ئون نەچچە ياشلىق ھامىلدار قىزلار ئېتىز ـ قىرلاردىكى ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن كېسەللىك تارتىپ ئۆلۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. نورمال توي يېشىغا يېتىپ توي قىلغان ۋە ھامىلدار بولغان ئاياللارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسپىتى خېلىلا يۇقۇرى بولغان. سانا، ئانۇۋا، نۇجۇد قاتارلىقلار بەختسىز نىكاھتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس بولۇپ، ئۇلار يەنىلا ئەتىراپىدىكى كونا مۇھىت بىلەن تىركىشىپ ياشاشقا مەجبۇرى بولغان. ئەنئەنىۋى قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ يەكلىشىگە ئۇچىرىغان.

        گېزىتتە تۇنجى بولۇپ بالاغەتكە يەتمىگەن قىزلارنىڭ تويى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن، «يەمەن ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى، ساقى: «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىستىقبالىدىن گاڭگىراپ تۇرماقتا» دەيدۇ. ئۇ بارلىق بالاغەتكە يەتمەي توي قىلغان قىزلارنىڭ بىرلىشىپ ھەركەتكە كېلىشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ چاقىرىقىنىڭ دىققەتكە سازاۋەر بولالمايدىغانلىقىنى، قوللاشقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. ئۇ يەنە: « بۇنداق قىزلارنىڭ مەنپەئەتىگە تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلارنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئۈنۈملۇك ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش لازىم» دەپ قارايدۇ.

        سانا ھازىرمۇ سوتنىڭ نىكاھتىن ئاجىراشتۇرۇش ھۆكۈمىنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىكەن. سوت، ئۇنى تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن، ئۆزىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە توغرا قاراشقا كېلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان دەپ قارىغاچقا،ئۇ 15 ياشقا توشقاندىن كېيىن ئاندىن سوتنىڭ ھۆكۈمىگە ئېرىشەلەيدىكەن. سانا ھازىر دادىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىۋاتقان ئانىسىنىڭ يېنىدا ئىكەن. ئانىسى بولسا ئۇنىڭ سېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ«دادام، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغانلىقىم ئۈچۈن مېنى ئۆلتۈرىۋەتمەكچىمۇ بولدى. مەن يەنىلا مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەقىقى مەنىدىكى مەسئۇلىيەتلىك نىكاھقا نىسپەتەن ھازىرقى يېشىم كىچىكلىك قىلىدۇ» دەيدۇ.

    «شىنجاڭ ئاياللىرى»ژۇرنىلىدىن ئېلىندى


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.