تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر(11-پارچە)

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-21 09:51:00

11- پارچە خەت ئىندىئانلار نەگە كەتتى؟ 11- پارچە خەت سالام سابا: مېنىڭ بۇ شەھەرنى تاللىشىمدىكى يەنە بىر سەۋەب، مەن بۇ مەكتەپتە ئىندىئانلارغا ئائىت تەتقىقاتلار بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتى بولارمىك...

    11- پارچە خەت

    ئىندىئانلار نەگە كەتتى؟   11- پارچە خەت

      سالام سابا: مېنىڭ بۇ شەھەرنى تاللىشىمدىكى يەنە بىر سەۋەب، مەن بۇ مەكتەپتە ئىندىئانلارغا ئائىت تەتقىقاتلار بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتى بولارمىكىن، دېگەن ئۈمىدتە ئاۋات شەھەرلەرگە بېرىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، بۇ كىچىككىنە شەھەرگە كەلگەن ئىدىم، ئەمما بۇ يەردە مەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان بىرمۇ ئىندىئان ئۇچرىمىدى!

    كەلگەن كۈنۈمنىڭ ئەتىسى ناشتا قىلىۋېتىپ گ ئەپەندىمدىن سورىدىم "شەھىرىڭلاردا ئىندىئانلارنى ئۇچرىتالارمەنمۇ؟" گ ئەپەندى تەئەججۈپ بىلەن ماڭا قارىدى، ئەمما دەرھال يۈزىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ "بىلمەكچى بولغىنىڭىز توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىندىئانلارمۇ؟" دەپ سورىدى، "شۇنداق مېنىڭ ئۇلار ئولتۇراقلاشقان جاينى بەك كۆرگۈم بار ئىدى." "شۇنداقمۇ،ئەلۋەتتە سىزنىڭ كەسپىڭىز فولكلور بولغاندىن كەيىن بۇ ھېسسىياتىڭىزنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەمما بۇ شەھەردە سىز دېگەندەك ئىندىئان گۇرۇپپىلىرى يوق، ئەمما شىتاتىمىزدا ئاز بىر قىسىم ئىندىئانلار بار، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلى ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن." "بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولۇپتۇ!" مەن ئېغىر خۇرسىندىم. گ ئەپەندىم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، "مېنىڭ بىر ئىندىئان ئاغىنەم بار، ئىندىئان تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ھازىر پۈتكۈل ئامېرىكا قىتئەسىدە ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئىندىئانلارلا ئۆزلىرىنىڭ ئەنئئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالالاپتۇ، تىلىنى ساقلاپ قالغانلار بولسا تېخىمۇ ئاز ئىكەن". "راستمۇ، ئەھۋال شۇنچە ئېغىرمۇ؟" گ ئەپەندىم ئېغىر خۇرسىندى "بۇ ھەقىقەتەن بىر چوڭ يوقىتىش بولدى، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى 500 ئىندىئان قەبىلىسى ئاشۇنداق يوقاپ كەتتى!" مەن ئۈندىمىدىم، ئۇنىڭ كەيپىنى تېخىمۇ بۇزغۇم كەلمىدى. گ ئەپەندىم تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتىرىدى-دە "راست، بىزنىڭ شەھىرىمىزدە بىر ئىندىئان رەستۇرانى بار، ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تاماقلىرىنى يېيەلەيسىز. "بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم خېلى ئېچىلىپ قالدى، "شۇنداقمۇ ئەمىسە مەن كېيىنچە بارسام بولغىدەك!" شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىز ئاياقلاشقان بولدى، ئەمما مەندىكى ھەقىقى ئىندىئانلارنى كۆرۈش ئىستىكى بارغانچە كۈچىيىپ بېرىۋاتاتتى، ئامېرىكىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان بۇ كىشىلەرنى بۈگۈنكى تۇرمۇش ئادىتىنى، ئۇلارنىڭ زامانىۋى جەمئىيەتتىكى ياشاش ئۇسۇلىنى بىلگۈم بار ئىدى.

    مەكتەپنىڭ "فولكلور تەتقىقات مەركىزى"دە ئىندىئانلار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پروفېسسورلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم تەتقىقات ماقالىلىرىنى مەكتەپ تورىدىن كۆرگەنمۇ بولدۇم، ئەمما دەسلەپكى ئايلاردا تىل ئۆتكىلى ئالدىمدىكى ئېغىر توساق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشىنەلمىدىم دېسەممۇ بولىدۇ.

    راست، كېلىپ ئىككى ئاي بولغاندىغۇ دەيمەن، بىر كۈنى شەھەر مەركىزىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، تۇيۇقسىز كۆزۈم"ئىندىئان رېستۇرانى" دېگەن ۋېۋىسكىغا چۈشۈپ قالدىدە، ئىختىيارسىز رېستۇرانغا كىرىپ كەلدىم، كۈتكۈچى قىز خۇش تەبەسسۇم بىلەن ئالدىمغا كەلدى، مەن ئۇلارنىڭ تاماق تىزىمىنى قولۇمغا ئېلىپ ئەڭ ئەرزان قورۇمىدىن بىرنى كۆرسەتتىم، ئۇ بىر ئىستاكان سۇ بىلەن بىر دانە قەغەز سالفەتكىنى ئالدىمغا ئەپكېلىپ بەردى-دە، ھايال ئۆتمەي، بىر تەخسە ئۇۋۇتۇلغان قوناقنى ئەپكېلىپ بەردى، بۇ سۇدا پىشۇرۇلغان قوناق بولۇپ پەمىمچە يېرىم باش قوناق بولسا كېرەك، ئۇنى يېگەن چېغىمدا ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تۇڭگانلار ۋېلسىپىت بىلەن ۋارقىراپ يۈرۈپ ساتىدىغان ئىسسىق كۆكۋاشلار ئېسىمگە كەلدى، ئەمما بۇ قوناقنىڭ تەمى ئۇنىڭغا ھەرگىز يەتمەيتتى! چۈستىن كېيىن بولغاچ، رېستۇراندا باشقا خېرىدار يوق ئىدى، مېنىڭ خىيال بىلەن ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ ھەيران قالغان بولسا كېرەك، كۈتكۈچى قىز مەندىن سورىدى "تامىقىمىز تېتىدىمۇ؟" مەن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم "ئەلۋەتتە بەك مەزىلىك بولۇپتۇ!" مەن بالىلار ئىشلىتىدىغان "مېزىلىك" دېگەن سۆزنى ئىشلەتتىم. ئۇ مېنىڭ چەت ئەللىك ئىكەنلىكىمنى بىلىۋالدى-دە، ماڭا قاراپ تاتلىق كۈلۈمسىرىدى "رەھمەت، دائىم كېلىپ تۇرۇڭ!" "بولىدۇ، پۇرسەت بولسىلا!" ئەمما تامىقى قىممەت بۇ رەستۇرانغا ئەمدى كېلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىكار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قىزىقىشىمنى باسالماي سورىدىم "سىز ئىندىئانمۇ؟" ئۇ بىردەم تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى-دە، ئاندىن جاۋاب بەردى "مەن مەكسىكىلىق، ئەجداتلىرىمىز ئىندىئان بولسا كېرەك. "بۇغداي ئۆڭلۈك بۇ قىز ماڭا شۇنداق جاۋاب بەردى. "خوجايىنىڭلارچۇ، ئۇمۇ مېكسىكىلىقمۇ؟ "شۇنداق، ئۇمۇ مېكسىكىلىق ..." "سىلەر قايسى تىلنى ئىشلىتىسىلەر؟" "بىز ئىسپان تىلىنى ئىشلىتىمىز، باشقىلار بىزنى "سپانىشلار" دەيدۇ، ئەمما بىز ياۋروپادىكى ئىسپانلارغا ئوخشىمايمىز." ئۇ توغرا دەۋاتاتتى بۇ قىزدا ياۋروپا ئىرقىغا تەئەللۇق ھېچقانداق ئىزنا يوق ئىدى، بۇغداي ئۆڭلۈك، كۆزلىرى چوڭۇر، بۇرنى سەل ياپىلاق كەلگەن بۇ قىز ۋەتىنىمىزدىكى موڭغۇللارنى ئەسلىتەتتى. "خوجايىنىڭلار ئىندىئان تىلىنى بىلەمدۇ؟"

    "بىلمىسە كېرەك،ئۇ دائىم ئىسپان تىلىدا سۆزلەيدۇ، خېرىدارلارغا ئىنئگلىز تىلىدا سۆزلەيمىز". ئەمدى ئارتۇق سوئال سورىشىمنىڭ ئورنى قالمىغان ئىدى. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى شانلىق "مايامى مەدەنىيىتى"نى ياراتقان بۇ يەرلىك خەلق ئۆز ئانا تىلىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان ئىدى!

    ھەقىقى ئىندىئان مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مەن قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئېرىشتىم.
    12- ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى مەكتەپ "مىلاد بايرىمى" ۋە "يېڭى يىل" مۇناسىۋىتى بىلەن 20 كۈنلۈك تەتىلگە قويۇپ بەردى، ۋاشىنگىتوندىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ قاتتىق تۇرۇۋېلىشى بىلەن مەن ۋاشىنگتونئغا دەم ئېلىشقا باردىم، يېڭى يىلنى ئۆتكۈزۈپلا، ئۇلارنىڭ رەنجىشىگە قارىماستىن، مېھماندارچىلىقلارنى رەت قىلدىم-دە، بىر ھەپتە ۋاقتىمنى مۇزېيلارنى كۆرۈشكە ئاجراتتىم، ھەر كۈنى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇراتتىم-دە، مېتروغا ئولتۇرۇپ، مۇزېيلارنىڭ ئېچىلىشىغا ئۈلگۈرۈپ، شەھەر مەركىزىگە كېلەتتىم، تاكى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 بولغىچە مۇزېي ئارىلاپ كەچتە ھەدەم ئىشتىن چۈشكەندە مېترو بىلەن ئۆيگە قايتاتتىم.

    مۇزېيلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز بولۇپ، كاپىتول خولل ئەتراپىدا ئىدى، "ئامېرىكا تارىخى مۇزېيى"،"ئالەم قاتنىشى مۇزېيى"، "سەنئەت مۇزېيى" "ئۆسۈملۈك باغچىسى" "لىنكولىن خاتىرە ئۆيى" قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە باردىم، ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى يەنىلا "ئىندىئانلار مۇزېيى" بولدى، بۇ مۇزېي ئەسلى "ئامېرىكا تارىخى مۇزېيى" بىلەن بىللە بولۇپ، 2004- يىلى 7- ئايدا ئايرىلىپ چىقىپ مەخسۇس بىر بىنا سېلىنغان ئىكەن. مەن مانا مۇشۇ جايدىلا ئۆزۈم ھەقىقى ئارزۇ قىلغان ئامېرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ تارىخى، تۇرمۇش ئادىتى، ئەتىقاد ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار بىلەن تونۇشتۇم دېيىشىم كېرەك، ئەمما تىل جەھەتتىكى قولايسىزلىقلار مېنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىمگە توسالغۇ بولدى دېسەممۇ بولىدۇ، لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا مەن يەنىلا ئۆزۈمنى قىيناپ كەلگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى بۇ يەردىن تاپقان بولدۇم.

    مۇزېي تۆت قەۋەت بولۇپ، ئۇنىڭ سىرقى ھالىتى سىزگە تاغ ئارىسىدىكى قىيا تاشلارنى ئەسلىتەتتى، مۇزېي ئالدىدا قومۇشلار بىلەن ئورالغان بىر كۆلچەك بولۇپ، كۆلچەكتە ياۋا ئۆردەكلەر ئۈزۈشۈپ يۈرەتتى (دەسلەپ كەلگىنىمدە بۇ ئۆردەكلەرنى ئۆي ئۆردەكلىرىمىكىن دېگەن ئىدىم، ئەمما بىر كۈنى مۇزېي تاقالغان چاغدا، بۇ ئۆردەكلەرنىڭ توپ-توپى بىلەن ئەتراپتىكى قارىغايلار ۋە ئىگىز بىنالار ئۈستىگە قاراپ ئۇچۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، بۇلار ئەسلى ياۋا ئۆردەكلەر ئىكەن ئەمەسمۇ! بۇ ئۆردەكلەر شەھەر مۇھىتىغا ئوبدانلا ماسلاشقان ئىدى.

    مۇزېينىڭ 1- قەۋىتى ۋە 3- قەۋىتىدە كىنوخانا بولۇپ، بۇ جايدا ئىندىئانلارغا ئائىت فىلىملەر ھەقسىز قويۇلىدىكەن؛ 2- قەۋىتىدە كۇتۇپخانا بولۇپ، ئىندىئانلارغا ئائىت بارلىق يازما ۋە ئېلېكتىرونلۇق قوللانمىلارنى بۇ جايدىن كۆرۈش مۇمكىن ئىكەن؛ 2- قەۋەتنىڭ يېرىمى ۋە 4-قەۋەتتە مەخسۇس ئىندىئانلارغا ئائىت ماددى بۇيۇملار ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى، ئۆرپ-ئادىتى، ئېتىقاد ئالاھىدىلىكلىرى بايان قىلىنغان سىنالغۇ فىلىملىرى قويۇلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز ۋاقتىدا قانلىق قىرغىن قىلغان، رەھىمسىزلىك بىلەن مۇنبەت زېمىنلىرىنى تارتىۋالغان،ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇ كىشىلەرگە ئالاھىدە مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.

    خوش سابا، مېنىڭ ئويلىغانلىرىم تولىمۇ جىق ئىدى، ئەمما بۇ يەردە بۇلار ھەققىدە يەنە داۋاملىق سۆزلىگۈم كەلمىدى!
    خوش ئامان بولۇڭ .
    لالە

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.