تۇنۇگۇن ۋاشىڭگىتوندا بىر مەيدان بۇلاڭچىلىق قىلدىم

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-06 13:55:00

تۇنۇگۇن ۋاشىڭتوندا بىر مەيدان بۇلاڭچىلىق قىلدىم تۇنۇگۇن ئوي كوچتۇم. ئوي ئىگىسى بىر ئايلىق ئىجارە ۋە زاكالەت پۇلىنى تولۇق ئالدى-يۇ، ئاچقۇچنى قولۇمغا بېرەلمىدى، (ئاچقۇچنى كوپىيە قىلىشقا ۋاقتى ي...

    تۇنۇگۇن ۋاشىڭتوندا بىر مەيدان بۇلاڭچىلىق قىلدىم

      تۇنۇگۇن ئوي كوچتۇم. ئوي ئىگىسى بىر ئايلىق ئىجارە ۋە زاكالەت پۇلىنى تولۇق ئالدى-يۇ، ئاچقۇچنى قولۇمغا بېرەلمىدى، (ئاچقۇچنى كوپىيە قىلىشقا ۋاقتى يەتمەي قاپتۇ)، مۇشۇ سەۋەپتىن تۇنۇگۇن ئوي كوچۇش جەريانىدا ئوزۇم ئىجارىگە ئالغان ئويگە كىرەلمەي 4 قېتىم تالادا قالدىم.
       ئالدىنقى ئۇچ قېتىمىدا ئوي ئىگىسى دەرھال يۇگۇرۇپ كېلىپ ئېچىپ بەردى؛ ئەمما تورتىنجى قەتىمقىسى كەچە ساەت 12دە بولغاچقا، بىر بۇلاڭچىلىق دىلوسى سادىر قىلدىم:
        ------- ئىشىكنى ئوچۇق قۇيۇڭ دىگەندىكىن ، قويسىڭىز بولمامدۇ؟ يۇتسە مېنىڭ مېلىم يۇتىدۇ، سىزنىڭ توت تېمىڭىزنى ئوغرى ئەكىتەلمەيتتىغۇ؟
        -------- ، خاپا بولماڭ ئەپەندىم، ، ئىشىك ئېچىلىدۇ، ئىشىك يېپىقلىق ، ئەمما قۇلۇپلۇنۇقلۇق ئەمەس.
       قۇلۇپ تۇرۇپكىسىنى ئۇياق-بۇياققا تولغاپ باقتىم، ئېچىلمىدى؛ خېلى كۇچەپ ئىتتىرىپمۇ باقتىم ئېچىلمىدى.
      --------ئىشىك ئېچىلمىدى، ئەمىسە مېھمانخانىغا بېرىپ ياتايمۇ ياكى كېلىپ ئېچىپ بېرەمسىز؟ بۇ دىگىنىم ئەلۋەتتە، 100دوللارنى كېلەر ئايلىق كىرادىن تۇتىۋالايمۇ ياكى كېلەمسىز ؟ دېگىنىم ئىدى...
    -------ناھايىتى ئېنىق ئەسىمدە، ئىشىك ئوچۇق... گەپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتىم قالمىدى؛ ئىشىكنى جالاقشىتىپ ئىتتەردىم، ئۇنىنغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ مۇشلاپ تۇرۇپ ئەيتتىم:
    ------پۇل قاپچۇقۇم ئوينىڭ ئىچىدە قاپتۇ، قارارىم ئوزگەردى، ئەگەر 20 مىنۇتنىڭ ئىچىدە كەلمىسىڭىز، ئىشىكنى چېقىپ كىرىمەن. ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىمنى ئىپادىلەپ، تېلىپوننى قويۇۋەتتىم.
       ئارقىدىن ئويلۇنۇپ قالدىم، ئەگەر راستىنلا ئۇ ئىشىكنى ئوچۇق قويۇپ كەتكەن بولسا، ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئويگە ئىنىسى كەلگەن بولسا( ئىنىسى ئويگە كېلىپ ئوينىڭ ئاشخانىسىنى ئوڭشاپ بەرمەكچى ئىدى) ، ئىنىسى ئوينىڭ ئىچىدە ئىشلەۋاتقان بولمىسۇن دەپ ،ئوينىڭ دەرىزە تەكچىسىگە دەسسەپ چىقىپ ئىچىنى كوزەتتىم، يۇزۇمنى دەرىزىگە يەقىپ، ئاۋاز بار-يوقلۇقىنى تىڭشىدىم.
       يەنە ئارقا ھويلىدا ماشىنىسىنى ئوڭشاۋاتقان بولمىسۇن دەپ پاسىل تامغا يامىشىپ چىقىپ قورۇنىڭ ئىچىگە قارىدىم. ھىچكىم يوق. دەمەك، ئوي ئىگىسىگە خاتا دوق قىلمىغانلىقىمنى تەخمىن قىلغاندىن كەيىن، يەنە 5 مىنۇت ئىچىدە كەلمىسە ئىشىكنى چاقىدىغانغا ھازىرلىنىش ئۇچۇن، ئاۋال قۇلۇپنى چاقىدىغانغا ئەتراپتىن ئاۋال تومۇر، ئارقىدىن تاش-كەسەك ئىزدىدىم، ئىشىك تۇۋىگە كەلىدىغان پەلەمپەيدىن كېسەكتىن ئۇچنى قومۇردۇم، پەلەمپەي رىشاتكىسىدىن بىر تومۇر تاياقنى بولتىسىدىن ئاجراتتىم. دەل مۇشۇ چاغدا بىر ماشىنىڭ سئگنال بەرگەن ئاۋازىنى ئالدىم، قارىسام، ئوي ئىگىسى ئىشىكنىڭ ئالدىدا ماشىنىسىنى توختۇتۇپ ماڭا قاراپ كۇلۇپ تۇرىدۇ. ئاز كەم 40مىنۇت تالادا قويغىدىن بەك كۇلگىنى ئېغىر كەلدى.

       ئەگەر بۇ بىر گۇاڭجۇدەك يەر بولغان بولسا، كېسەكنى ئوزىگە ئاتاتتىم. ئەپتىمنى بىلدى بولغاي ئېغىز ئاچتى:
        -----ئەپەندىم بۇ بىزنىڭ ئوي ئەمەس، بىزنىڭكى ئۇ تەرەپتە نومۇرىغا قاراڭ. مەن چېقىپ كىرىشكە تەييارلىنىۋاتقان بۇ ئوي 747- نومۇرلۇق بولۇپ، مېنىڭ ئىجارىگە ئالغىنىم 743- ئوي ئىدى. بايا ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە قوشنا ئوينىڭ نومۇرىغىلا قارىغان ئىدىم(چۇنكى كوچا چىرىغى قوشنا ئوينىڭ ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلىدا بولۇپ، ئىكى ياندىكى ئوينىڭ نومۇرىنى بەك ئوچۇق كورسىتەلمىگەن ئىدى) ، قوشنا ئوينىڭ نومۇرى 745 بولغاچقا، ئوزۇم كىرمەكچى بولگان ئوينى چوقۇم 743 دەپ ئويلاپتىمەن؛ ئەمما 745نىڭ بىر قوشنىسى 743 يەنە بىر قوشنىسىنىڭ 747 بولىدىغانلىقىدەك، ئاددىي ماتىماتىىكىلىق ئانۇنىيەتنى ئۇنتۇپتىمەن.
       يېرىم سائەتتىن بەرىقى ۋاقىراش-جاقىراشلىرىم ئۇچۇن ئوي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا قانچىلىك ئوسال بولغۇنۇمنى دىگۇم يوق؛ ئەمما ؛ ئوي ئىگىسىگە ئوزرە ئەيتىپ، ئوز ئويۇمگە كىرىپ كىتىۋاتقىنىمدا، 745-نومۇرلۇق ئوي ئىگىسىنىڭ تېلىپوندا كىملەرگىدۇ قىلغان مۇنۇ سوزلىرىنى ئاڭلغىنىمدىن كىيىنكى ئەنسىز خىياللارىمنى دىمەي تۇرالمايمەن:
        ---- كوماندىر ئەپەندى، مەن خاتالىشىپتىمەن، كەلمىسەڭلەرمۇ بولىدۇ، بۇلاڭچى ئەمەس، يېڭى كوچۇپ كەلگەن ئىجارىكەش ئىكەن..
        بەلكىم بۇ سىزگە بىر ھىكايىدەك تۇيۇلدى؛ قانداق تۇيۇلۇشىدىن قەتئئى نەزەر ، ئەنسىز خىياللىرىمغا قۇلاق سېلىڭ، پايدىلىق بىر نەرسىلەرنى ئاڭلاپ قالىسىز: ئەگەر، بايىقى ئوي، ئوي ئىگىسى كوماندروپكىغا كەتكەن قۇرۇق ئوي بولماي، ئىچىدە ئادەم بولۇپ قالغان بولسا، مەنمۇ ئوي ئىگىسىگە بەرگەن موھلىتىم توشۇپ ئىشىكنى چاققان بولسام، بايىقى قوشنىمىز ئەلۋەتتە ساقچىلارنى بولدى قىلىڭلار دېمىگەن، ئەكسىنچە تېز كېلىڭلار ۋەزىيەت جىددىيلەشتى دېگەن بولاتتى.
       ئەگەر بۇ ئەھۋالدا ساقچىلار يېتىپ كەلىپ، قورالىڭنى تاشلا يەرگە يات دېگەن بولسا؛ ئوزەمگە ئىشەڭەن ھالدا، بۇ ئوينىڭ مېنىڭ ئويۇم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن، ئىجارە توختامىنى ئۇلارغا كورسەتمەكچى بولۇپ، قويۇن يانچۇقۇمغا قول ئۇزاتقان بولسام......( بۇلاڭچى گۇماندارىنىڭ ساقچىلار قورشاۋى ئاستىدا قويۇن يانچۇقىغئا قول ئۇزۇتۇشىنىڭ ئاقىۋىتى نىمە بولىدىغانلىقى سىر ئەمەس.)… ھېلىمۇ ياخشى بۇ، ئەھو دەپ يوتۇلۇپ بولغۇچە ساقچى چاقىرىدىغان ئاق تەنلىكلەرنىڭ كوچىسى ئەمەس، ئەنسىزچىلىكلەرگە كونۇك قارا تەنلىكلەر كوچىسى بولۇپ قالدى. ئەگەر بۇ ئويدە ، ئەنئەنىچى بىر ئوتتۇرا شەرق ئائىلىسى ئولتۇرىۋاتقان بولسا، ، ئويدە كۇندەشلىكى قاتتىق بىر ئەر بولغان ۋە بۇ كۇنلەردە ئاىلىدە بىر گۇمانلىق دېلو سۇرۇشتە قىلىنىۋاتقان بولسا، شۇپھىسىزكى ؛ دەرىزىگە يامىشىپ ئوينىڭ ئىچىگە قارىغان چېغىمدىلا، بۇ ئوي ئىگىسى پىچاق بىلەن ئاۋۋال ئايالىغا ئاندىن ماڭا ۋە ياكى ئاۋۋال ماڭا ئاندىن ئايالىغا ھۇجۇم قىلغان بولاتتى، ئاز دەگەندە بىر كىشىنىڭ جېنى..... ھەممىدىن خەتىرى ، ئەگەر بۇ بىر تۇرك ئاىلىسى بولۇپ قالغان بولسا، ئاھ، بۇ چاغدىكى ئېھتىماللىق تېخىمۇ باشقىچە بولاتتى، چۇشۇنۇشلۇك بولسۇن ئۇچۇن تۇركىيەدە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، ئاپتوۋۇزدا كېتىپ بېرىپ، بىر يولۇچىدىن ئاڭلىغان پاسىل تام ۋە چىگرا ھەققىدىكى سوزلەرنى ئەسلەپ ئوتىمەن: دۆلەت چىگرىسى دېگەن ھويلاڭنىڭ پاسىل تەمى دېگەن گەپ. پاسىل تەمىڭدىن ئاتلاپ كىرگەن كىشى، ئىقتىسادى ئەھۋالى، جىنسى، مىللىتى نىمە بولۇشىدىن قەتىنەزەر، ئۇ بۇلاڭچى؛ ئەلۋەتتە ۋەتەن چىگرىسىدىن شۇ دۆلەت ئىگىلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي(ۋىزىسىز ھەم پاسسپورتسىز) تۇرۇپ كىرسە، ئۇ سىنىپى، جىنسى، يېشى، مىللىتى كەسپى نىمە بولۇشىدىن قەتىنەزەر ئۇ تاجاۋۇزچى.
        پاسىل تېمىڭدىن ئاتلاپ چۇشكەن ئادەم، نىمە دەپ سەۋەپ كورسەتسە كورسەتسۇن؛ ئالايلۇق، ھويلانغا قۇدۇق قېزىپ، بېغىڭنى كوكەرتىپ بېرىمەن دەسۇن، مەيلى خوتۇنۇڭننى قوغداپ، مېلىڭنى ئوغرى-يالغاندىن قوغدايمەن، دىسۇن، ئۇ پاسىل تېمىڭدىن ئاتلىغۇچىدۇر، بۇلاڭچىدۇر، دۇشمىنىڭدۇر؛ پاسىل تېمىڭدىن سېنىڭ رۇخسىتىڭسىز كىرگەنلەر، مەيلى ئاجىز، مەيلى كۇچلۇك، مەيلى ئاققۇن، مەيلى ئازغۇن؛ مەيلى ئالىم؛ مەيلى مەلئۇن بولسۇن، ئۇ تاجاۋۇزچىدۇر. شۇڭا تاجاۋۇزچى چىگراغا چېقىلغاندا، بۇلاڭچى پاسىل تېمىنغا ياماشقاندا ئالدىڭدا بىرلا يول قالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق ئېتىش ياكى پىچاق تىقىش. دېمەك بايىقى ئويدە بىر تۈرك ئائلىسى ئولتۇرىۋاتقان بولسا، مەن پاسىلتامغا يامىشىپ ئىچىگە قارىغاندا ئەمەس، پاسىل تامغا قول تەككۇزگەن چېغىمدىلا، ماڭا قارىتىپ ئوق چىقارغان بولاتتى.
        خۇلاسە ، ئاللاھ تۇنۇگۇن مېنى پاناھىدا بىر ساقلىدى؛ چۇنكى ، تۇنۇگۇن نىيىتىم نىمە بولۇشىدىن قەتىنەزەر ھەركىتىم بىر مەيدان بۇلاڭچىلىق ئىدى. ساقلاش تەۋسىيە باھا

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 20:01:50]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق