ھىجازدىكى كۈنلەر(ئابدۇۋەلى ئەلى)

يوللىغۇچى : siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-26 10:50:58

ھىجازدىكى كۈنلەر ۋە تۈنلەر (ساياھەت خاتىرىسى) ئابدۇۋەلى ئەلى ئابدۇلئەزىز ئايروپورتتىكى كەچۈرمىشلىرىم بىز ئولتۇرغان ئايروپىلان ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى - دە، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاراپ ئۇچتى. بىر سائە...

    ھىجازدىكى كۈنلەر ۋە تۈنلەر

    (ساياھەت خاتىرىسى)

    ئابدۇۋەلى ئەلى

    ئابدۇلئەزىز ئايروپورتتىكى كەچۈرمىشلىرىم

        بىز ئولتۇرغان ئايروپىلان ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى - دە، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاراپ ئۇچتى. بىر سائەتتىن كېيىن، يەنى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋاقتى كېچە سائەت بىردىن يىگىرمە مىنۇت ئۆتكەندە، بىز ئولتۇرغان ئايروپىلان بىردىنلا تۆۋەنلەشكە باشلىدى. ئەتراپ تۈن پەردىسى ئىچىگە يوشۇرۇنغانلىقتىن، بىرەر نەرسىنى ئىلغا قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ چاغدا ئايروپىلان باشلىقىنىڭ: «ھازىر بىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايروپورت  سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى ئابدۇلئەزىز ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدۇق!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.  سەئۇدى ۋاقتى سائەت بىردىن ئوتتۇز مىنۇت ئۆتكەندە، بىز ئولتۇرغان ئۆزبېكىستان ئاۋىئاتسىيە كومپانىيىسىنىڭ 380 كىشىلىك رېئاكتىپ ئايروپىلانى ئابدۇلئەزىز ئايروپورتىغا سىيلىق قوندى. بىز ئايروپىلاندىن چۈشۈۋېدۇق، تونۇرنىڭ قىزىقىدەك ھارارەت يۈزىمىزگە لاپپىدە ئۇرۇلدى. بۇ چاغدا گەرچە كېچە بولسىمۇ، ئەمما جىددىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 30  گرادۇسقا يەتكەنىدى.

        بىز ئايروپورتنىڭ ترانزىت زالىغا كىرگەندىن كېيىن، چېگرىدىن كىرىش ئېغىزىغا كېلىپ رەسمىيەت ئۆتەش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇردۇق. سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرى ئىنتايىن چىڭ ئىكەن. ترانزىت زالىدا چېگرىدىن كىرىش ئېغىزىدىن بىرنەچچىسى بولسىمۇ، ئەمما كېچە بولغاچقا، ئېغىزلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تاقاق ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، چېگرىدىن كىرىدىغان ئادەملەر كۆپ بولغاچقا، چېگرىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بولۇشقا ئۈچ سائەتتەك ۋاقىت كەتتى.
    مەن ئۆچىرەت كۈتكەچ، ئايروپىلان كۈتۈش زالىنىڭ ئىچىگە نەزەر سالدىم. زالنىڭ ئىچىدە يوغان قىلىپ يېزىلغان: «مەرھابا، ئى ئاللانىڭ ئەزىز مېھمانلىرى!» دېگەن ئەرەبچە پىلاكات كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.
       ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايروپورتى جىددە شەھىرىنىڭ شىمالىغا 35 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا سېلىنغانىكەن. بۇ ئايروپورتنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 105 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يالغۇز ئايروپىلان كۈتۈش زالىنىڭ ئىچىلا 1 مىليون 500 كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. ئاساسىي زالنىڭ كۆلىمى 150 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، 80 پۇتبول مەيدانىغا باراۋەر كېلىدىكەن. يېرىم سۈزۈك ئەينەك تالاسىدىن توقۇلغان 210 ھەرىكەتچان چېدىر تورۇسنىڭ ئېگىزلىكى 46 مېتىر بولغانلىقتىن، «تورۇسلۇق شەھەر» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. ھەم يورۇق، ھەم سالقىن زالنىڭ ئىچىدە بىرلا ۋاقىتتا 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھەرىكەت قىلالايدىكەن.

       ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئوكئانىيە قىتئەلىرىدىن ھەج قىلىشقا كەلگەن سېرىق تەنلىك، قارا تەنلىك، ئاق تەنلىك ۋە قىزىل تەنلىك مۇسۇلمانلار ئايىغى ئۈزۈلمەستىن زالغا كىرمەكتە ئىدى. بىر چاغدا، قارىسام ئافرىقىلىق بىر توپ نېگىر مۇسۇلمان زالغا كىرىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر مەجرۇھ نېگىر ئۆمىلەپ كېتىپ باراتتى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر كىشى ئۇنىڭ ساداقەتمەن، قەيسەر روھىغا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايتتى.
       ئاخىر، ئۆچىرەت ماڭا كەلدى. مەن پاسپورت، سېرىق مەكتۇپ قاتارلىق ھۆججەتلەرنى يېنىمدىن چىقىرىپ، ئەرەب پاگرانچىكىغا سۇندۇم. ئۇ بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقان، ئېگىز بويلۇق بىر ھەربىي ئىدى. ئۇ پاسپورت، ۋىيزا، سېرىق مەكتۇپ قاتارلىقلارنى بىرمۇ بىر ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ، ئالدىدىكى كومپيۇتېردىكى مەلۇماتلارغا تېزلىك بىلەن بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، پاسپورتۇمغا «تاق» قىلىپ تامغا ئۇردى - دە، ئەدەپ - ئىكرام بىلەن: «مەرھابا، سينى(جۇڭگولۇق) دوست!» دېگىنىچە پاسپورت، ھۆججەتلىرىمنى قولۇمغا قايتۇرۇپ بەردى. مەن گەرچە ئەرەبچىنى بىلمىسەممۇ، ئەمما ئۇنىڭ سۆزىدىكى «مەرھابا»، «چىن»، «دوست» دېگەن تاق سۆزلەردىن ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى پەملەپ بولغانىدىم، «رەھمەت!» دېدىم مەنمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن. بۇ چاغدا سائىتىمگە قارىسام چېگرىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىمنى ئۆتەشكە ئاران ئۈچ مىنۇتلا كېتىپتۇ. سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىش ئۈنۈمى نېمىدېگەن يۇقىرى - ھە؟! مەن ئۇلارغا قايىل بولغىنىمدىن ھەمدە ھەيران بولغىنىمدىن قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن.
       يۈك - تاقلىرىم ئاز ھەم يېنىك بولغاچقا،  تاموژنىدىنمۇ ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما مېنىڭ بىلەن ئايروپىلاندا بىللە كەلگەن ۋەتەنداشلىرىمنىڭ چېگرىدىن كىرىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىكى ئۇنداق ئوڭايغا توختىمىدى. ئۇلار خۇددى سەئۇدىدىن قايتىپ كەتمەيدىغاندەك تەييارلىق قىلىپ چىققانىكەن. ئۇلارنىڭ يۈك - تاقلىرى شۇنداق كۆپ ۋە شۇنداق ئېغىر ئىدىكى، يۈك - تاقلىرى ئۇلارنىڭ يەلكىسىنى بېسىپ، قەددىنى پۈكۈۋەتكەنىدى. يېشى سەكسەندىن ئاشقان پىچانلىق ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تەن - سالامەتلىكى تازا ياخشى ئەمەس ئىكەن. شۇنداق بولسىمۇ، بوۋاي بىلەن موماي ئىككىسىنىڭ ھەج پەرزلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭدىن ئالمائاتاغا چىقىپ، ئۇ يەردىن يەنە رامىزانغا ئۈلگۈرۈپ ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدىغا كېلىشى ئىكەن. ئۇلار يولدا بەكمۇ قىينىلىپتۇ، نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپ، رىيازەت چېكىپ، ئاخىر مەقسەتكە يېتىپتۇ.  تاموژنا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن، مەن ئۇلارنىڭ يۈك - تاقلىرىنى ئۈچ قېتىم توشۇپ يۈرۈپ، ئاران تۈگەتتىم. ئۇلاردىن: «نېمانداق كۆپ نەرسە ئېلىۋالدىڭلار؟» دەپ سورىۋېدىم، «ۋاي بالام، نېمە بولاتتى، پىچاننىڭ تونۇر نېنى بولمامدۇ، دەپ جاۋاب بەردى موماي، بىز يولغا چىقىدىغان چاغدا بىزگە يوللۇق تۇتۇش ئۈچۈن، قىزىم ئۇدا ئىككى كۈن توختىماستىن نان ياقتى. بالام، بۇ ناندا يۇرتىمىزنىڭ ھىدى بار ئەمەسمۇ؟» مەن موماينىڭ ئاددىي، ئەمما مەنىسى تىرەن بۇ جاۋابىدىن قايىل بولۇپ قالدىم.

       مەن ئالمائاتادىكى ۋاقتىمدا، ئالمائاتا «لەززەت ساياھەت كومپانىيىسى»دە ئىشلەيدىغان جۇڭگولۇق دېڭ ليەنيىڭ خانىم سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارىدىغان ما ھەدە، ۋاڭ ھەدە، لى ھەدە ۋە تيەن ھەدە دېگەن ئۈرۈمچىلىك تۆت خۇيزۇ ئايالنى ماڭا قوشۇپ قويغان ۋە يولدا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويۇشۇمنى ئالاھىدە جېكىلىگەنىدى. مەن ئۇلار بىلەن بىللە چېگرىدىن كىرىش، تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىمىزنى ئۆتەپ بولغاندا، سەئۇدى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت تۆتتىن ئاشقانىدى. سەئۇدى ۋاقتى ئۈرۈمچى ۋاقتىدىن ئۈچ سائەت كېيىن بولىدۇ. دېمەك، بۇ چاغدا ئۈرۈمچىدە سائەت يەتتىدىن ئاشقانىدى. بىز بەشىمىز يۈك - تاقلىرىمىزنى ھارۋىغا سېلىپ ئىتتىرىپ زالنىڭ سىرتىدىكى ماشىنا توختايدىغان مەيدانغا چىقتۇق. شۇ چاغدا تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىكى كىشىلەر پاتپاراق بولۇشۇپ، تۆت - بەش ئادەم يېنىمىزدىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ زالغا كىرىپ كەتتى. مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى ھېچ بىلەلمەي، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسىنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ: «ئۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەردى؟» دەپ سورىۋېدىم، ھېلىقى ئادەم بىر نېمىنى يوشۇرغاندەك قىلىپ، «ھېچ ئىش يۈز بەرگىنى يوق، مېڭىۋېرىڭلار، بىز بىر نەرسىمىزنى ئۇنتۇپ قاپتۇق» دەپ زالنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ، خاتىرجەم بولدۇم - دە، ھېلىقى خۇيزۇ ھەدىلەرنى باشلاپ مېڭىۋەردىم.

       دەسلەپتە چەت ئەلگە چىققان ھەرقانداق ئادەم تەجرىبىسىز بولغانلىقتىن، ئاسانلا قايمۇقۇپ قالىدىكەن. بىزمۇ شۇنداق بولدۇق. بىز ھېلىقى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ تۇرغان يەرگە كېلىپ قارىساق، ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئورۇقلۇقىدىن قوۋۇرغىسىنى سانىۋالغىلى بولىدىغان پاكار بىر ئەرەب توسۇۋاپتۇ. ھېلىقى ئەرەب قوللىرىنى شىلتىپ بىرنېمىلەرنى دەۋاتقانىكەن. بېرىشىمغىلا ھېلىقى ئەرەب «پاسپورت» دېمەسمۇ، مەنمۇ ئۇنى «ھۆكۈمەت خادىمى بولسا كېرەك» دەپ، ئويلاپ ئولتۇرماستىن پاسپورتۇمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم. ئۇ ھېچ گەپتىن - ھېچ گەپ يوق، پاسپورتۇمنى «مۇسادىرە» دېگىنىچە قولىدىكى بىر سۇلياۋ خالتىغا سېلىۋالدى، ئاندىن يەنە بىر ۋەتەندىشىمنىڭ پاسپورتىنىمۇ ئاشۇ ئۇسۇل بىلەن «مۇسادىرە» قىلىۋالدى. مەن شۇندىلا ئىشنىڭ چاتاق ئىكەنلىكىنى سېزىپ، كەينىمدىن كېلىۋاتقان ھېلىقى تۆت خۇيزۇ ئايالغا خەنزۇچە: «كەلمەڭلار، قايتىڭلار!» دەپ ۋارقىرىدىم. مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ ئۇلارمۇ دەرھال زالنىڭ ئىچىگە قايتىپ كىرىپ كەتتى.

       ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ يا بىز ئەرەبچىنى ئۇقمايمىز، يا ھېلىقى ئەرەب ئۇيغۇرچىنى ئۇقمايدۇ. مەن ئۇقىدىغان ئۈچ - تۆت ئېغىز ئىنگلىزچە گەپ بىلەن ئۇنىڭغا مەقسەتنى تېخىمۇ ئۇقتۇرغىلى بولمايدۇ. بېشىمىزنىڭ ئىچىمۇ - تېشىمۇ قېتىپ تۇراتتى، كىمدۇر بىرسى ئالمائاتا «لەززەت ساياھەت كومپانىيىسى»نىڭ جىددىدە تۇرۇشلۇق دىلمۇرات دېگەن قازاق ۋەكىلىنى تېپىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭغا: «بۇ ئەرەب ھۆكۈمەت خادىمىمۇ  ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ھۆكۈمەت خادىمى بولسا، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىقىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھنامىسىنى چىقارسۇن، بىز چېگرىدىن قانۇنلۇق كىرگەن جۇڭگو پۇقراسى، پاسپورت بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پۈتۈن پائالىيىتىمىزنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلالىشىمىزدىكى بىردىنبىر گۇۋاھنامىمىز. پاسپورت بولمىسا، بىر قەدەممۇ مىدىرلىيالمايمىز» دېدىم. ئۇ ھېلىقى ئەرەبكە بىر ھازاغىچە ئەرەبچە كالدىرلاپ سۆزلەپ چۈشەندۈردى. ئەرەب ئۇنىڭغا بىر نېمىلەرنى دېۋىدى، دىلمۇرات ئۇنىڭ سۆزىنى بىزگە: «ئۇ ئەگەر ئايروپىلان بېلىتىڭلارنى كۆرسەتسەڭلار، پاسپورتىڭلارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن، دەيدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىپ بەردى. بىز يەنىلا ساددىلىق قىلىپ، يېنىمىزدىكى ئايروپىلان بېلىتىنى چىقىرىپ ھېلىقى ئەرەبكە كۆرسىتىۋېدۇق، ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئايروپىلان بېلەتلىرىنى بىر - بىرلەپ يىغىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىمۇ ھېلىقى سۇلياۋ خالتىسىغا پۇرلاپ سالدى - دە، مېڭىشقا تەمشەلدى. مەن يەنە ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالغىنىمغا غەزەپلىنىپ، بارغان پېتىم ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ كارنىيىنى قاتتىق سىقتىم ۋە دىلمۇراتقا: «سەن بۇ ئەرەبكە ئېيت، پاسپورت بىلەن ئايروپىلان بېلىتىنى دەرھال قايتۇرسۇن. بولمىسا، ئۇنىڭغا كۆرگىلىكىنى كۆرسىتىمەن!» دەپ دوق قىلدىم. بۇ چاغدا، ئەتراپىمىزدا تۇرغان بىر قەشقەرلىك كىشى ماڭا: «ساراڭ بولدىڭىزمۇ، ئۇ ئەرەب جۇمۇ؟» دېگىنىچە، قوللىرىمنى سىلكىپ، ھېلىقى ئەرەبنى ئاجرىتىۋالدى. ئەمما مەن يەنە بىر قولۇم بىلەن ھېلىقى ئەرەبنىڭ قولىدىكى سۇلياۋ خالتىنى چىڭ قاماللاپ تۇتۇۋالدىم - دە، ھېلىقى قەشقەرلىك كىشىگە: «ئەرەب بولسا نېمە بوپتۇ، پاسپورتىڭ بولمىسا، ئايروپىلان بېلىتىڭ بولمىسا ھەرقايسىڭنىڭ قايتىپ باققىنىڭنى بىر كۆرەيچۇ؟» دەپ زەردە قىلدىم.

       بۇنداق بولىۋەرسە، بىرەر ۋەقە چىقىپ قېلىشتىن ئەنسىرىدىمۇ قانداق، «لەززەت» كومپانىيىسىنىڭ جىددىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى دىلمۇرات ئاخىر بىزگە راست گېپىنى دېيىشكە مەجبۇر بولدى.
       ئەسلىدە، ھېلىقى ئەرەب مەككىدىكى «ئەل - سوندۇس ساياھەت كومپانىيىسى»نىڭ جىددە خەلقئارا ئايروپورتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىكەن. «ئەل - سوندۇس» كومپانىيىسى بىلەن «لەززەت» كومپانىيىسى مەخسۇسلا ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق سەئۇدىغا ھەج قىلىشقا بارىدىغان كىشىلەرنى سەئۇدىغا ئەپكېلىش ۋە رامىزان مەزگىلىدىكى ئۆمرە ھەج پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سەئۇدىدىن ئۆز ۋاقتىدا كەتكۈزۈۋېتىشكە مەسئۇل ئىكەن. بولمىسا، ئۆمرە ھەج مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق  ھەج قىلىشقا كەلگەن شىنجاڭلىق كىشىلەر رامىزان ئېيى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا دەرھال مەككە، مەدىنە ئەتراپلىرىدىن ئەرەبلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ تاكى زۇلھەججە ئېيىغا قەدەر يەتمىش كۈن تالاغا چىقماي مۆكۈۋالىدىكەن. شۇڭا، سەئۇدى ھۆكۈمىتى سەئۇدىدىكى ھەرقايسى ساياھەت شىركەتلىرىگە ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلگەن شىنجاڭلىقلارنى رامىزان ئېيى توشقاندىن كېيىن، دەرھال كەلگەن يېرىگە يولغا سېلىۋېتىش ھەققىدە قاتتىق پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.
     
       «لەززەت» كومپانىيىسىنىڭ ۋەكىلى دىلمۇرات سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «بىز پاسپورتۇڭلارنى قولۇڭلارغا قايتۇرۇپ بېرەيلى،  ئايروپىلان بېلىتىڭلارنى ئۆمرە ھەجىدىن كېيىن قايتىدىغان چاغدا ئاندىن قولۇڭلارغا بېرىمىز، بولمىسا ئايروپىلان بېلىتى ئەتكەس قىلىنىدۇ!» دېدى. «ئۇنداق بولسا، دېدىم مەن، قولىمىزغا بىر ئاساس قىلىپ بېرىڭلار، بولمىسا، ئۆمرە ھەجىدىن كېيىن، بىز سىلەرنى نەدىن تاپىمىز؟» دىلمۇرات ھېلىقى ئەرەبكە بىر نېمىلەرنى دېۋىدى، ئەرەب يېنىدىكى ئىسىم كارتۇشكىسىنى چىقىرىپ ھەممىمىزگە بىردىن تارقىتىپ بەردى ۋە ئايروپىلان بېلىتىنى تۇتۇپ قېلىپ، پاسپورتلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەردى. قارىسام ئىسىم كارتۇشكىسىدا «ئەل - سوندۇس ساياھەت كومپانىيىسى»نىڭ مەككە، مەدىنە ۋە جىددىدىكى باشقارمىلىرىنىڭ تېلېفون نومۇرلىرى بار ئىكەن. شۇڭا، مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلماستىن، كەينىمگە قايتىپ ھېلىقى ئۈرۈمچىلىك تۆت خۇيزۇ ئايالنى ئىزدەپ زالغا كىردىم.

       چەت ئەلگە چىققاندا، ئەڭ ياخشىسى ئىناۋەتلىك، ئىشەنچلىك ساياھەت كومپانىيىسى بىلەن ئالاقىلىشىش لازىم ئىكەن. بولمىسا، بىرمۇنچە پۇلنى بىھۇدە خەجلەپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە، ئادەم ئۆزىگە يەنە كۆپ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تېپىۋالىدىكەن.

    «سالام، ئەل رەسۇل شەھىرى!»

       بىز مەدىنىگە بېرىش ئۈچۈن ۋەلىد ئىسىملىك بىر تاكسىچى ئەرەب بىلەن سۆزلەشتۇق. ئۇ بەشىمىزنى 370 رىيالغا مەدىنىگە ئاپىرىپ قويۇشقا ماقۇل بولدى. بىر رىيال تەخمىنەن ئىككى يۈەن ئىككى مو خەلق پۇلىغا تەڭ كېلىدىكەن.
       ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەرب تەرىپى ئىككى رايونغا، يەنى شىمالىي تەرىپى ھىجاز رايونىغا، جەنۇب تەرىپى يەمەن رايونىغا ئايرىلىدىكەن. ئەرەبچە «ھىجاز» سۆزى «ئارىلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ، ئۇ قىزىل دېڭىز بويىدىكى تىھامە ئويمانلىقى بىلەن شەرق تەرەپتىكى نەجىد ئېگىزلىكىنى ئايرىپ تۇرىدىغان بىر تاغ تىزمىسى بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغانىكەن.
        سەئۇدى ھۆكۈمىتى مەككە شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا ناھايىتى زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ، پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ تۆت ئەتراپىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياساتقانىكەن. جىددىدىن مەدىنىگە بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 70- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا تەيۋەنلىك قۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ياسالغانىكەن. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ بېرىش - كېلىش يوللىرى توساق بىلەن ئايرىپ تاشلانغاچقا، بىر تەرەپتە بىرلا ۋاقىتتا تۆت ماشىنا قاتار ماڭالايدىكەن. كىچىك تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاندا، 160 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. بىز ئولتۇرغان تاكسى ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايروپورتىدىن چىقىپ، جىددە - مەدىنە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بويلاپ سائىتىگە 140 كىلومېتىرلىق تېزلىكتە مەدىنىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بارا - بارا شەرق تەرەپ ئاقىرىشقا باشلىدى. بىز مەدىنىگە بارىدىغان يول ئۈستىدىكى بىرىنچى تەكشۈرۈش ئورنىغا يېتىپ كەلدۇق. شوپۇر ۋەلىد ماشىنىسىنى بىر چەتكە تارتىپ توختاتتى - دە، تەكشۈرتۈش ئۈچۈن پاسپورتلىرىمىزنى يىغىۋېلىپ، ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى ۋە ھايالشىماستىنلا قايتىپ كېلىپ، بىزنى ماشىنىدىن چۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مۇشۇ يەردە زوھۇرلۇق يەۋالغاندىن كېيىن، تاھارەت ئېلىپ بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ماڭىدىكەنمىز. بىز توختىغان يەر تاماقخانىسى، مەسچىتى، تاھارەتخانىسى ۋە باشقا مۇئەسسەسەلىرى تولۇق بولغان بىر ماي قاچىلاش ئورنى ئىكەن. زوھۇرلۇقىمىزنى يەپ بولۇشىمىزغا بامدات نامىزىغا ئەزان ئېيتىلدى. بىز تاھارەت ئېلىپ، مەسچىتكە كىرىپ بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، سەپىرىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇردۇق. بۇ چاغدا، ئەتراپ خېلىلا يورۇپ قالغانىدى. بىز ئولتۇرغان تاكسى خۇددى ئوتتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەندەك قارا تاشلىق بىر چۆل - جەزىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېتىپ باراتتى. كېيىن ئۇقسام، بۇ ۋاقىم   قاراتاش قۇملۇقى دېگەن مەشھۇر بىر چۆللۈك ئىكەن. ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا يۈز بەرگەن «ۋاقىم جېڭى» دەل مۇشۇ چۆللۈكتە بولغانىكەن. بۇ قۇملۇق يانار تاغلاردىن پارتلاپ چىققان ماگمىلاردىن شەكىللەنگەن بولۇپ تاكى جىددىنىڭ  شەرقىدىن مەدىنىنىڭ شەرقىغىچە سوزۇلۇپ بارىدىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنىڭ نۇرغۇن زېمىنى مانا مۇشۇنداق ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان قاراتاشلىق قۇملۇق چۆل - جەزىرە بولغىنى بىلەن يەر ئاستىدا مول نېفىت بايلىقى كۆمۈلۈپ ياتقان «ئۈستى چۆل، ئاستى كۆل» بىر دۆلەت ئىكەن.

       مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نېفىت بايقىلىشتىن ئىلگىرى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىنتايىن نامرات، خەلق تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىن، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى قالاق ئىكەنىدۇق. شۇ چاغلاردا ھەج كىرىمى   دۆلەت مالىيىسىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. نېفىت بايقالغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا سەئۇدى ھۆكۈمىتى چەتكە نېفىت چىقىرىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا نېفىت مونوپولىيە گۇرۇھىنىڭ نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈش سۇيىقەستىنى مەغلۇپ قىلىپتۇ ھەمدە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلات مىقدارىنى يىلدىن - يىلغا ئاشۇرۇش ئارقىلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتىن كىرىدىغان كىرىمنىڭ دۆلەت مالىيىسىدىكى سالمىقىنى يىلدىن - يىلغا ئاشۇرۇپ مېڭىپتۇ.

        پۇل بولغاندىلا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ. سەئۇدى پادىشاھى فاھىد سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى مۇقەددەس ئورۇن  ئىككى ھەرەم تۇرۇشلۇق دۆلەت بولۇشتەك بىردىنبىر ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ ۋە مول نېفىت بايلىقىغا تايىنىپ، ھەر يىلىدىكى ھەج پائالىيىتىنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش ئىشىغا يىلدىن - يىلغا تېخىمۇ زور ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچىنى ئاجرىتىپتۇ. ئىككى ھەرەم جايلاشقان مەككە، مەدىنە ۋە ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنى بولغان جىددە قاتارلىق جايلاردىكى سەيلە - ساياھەت ۋە ھەج مۇئەسسەسەلىرىنى ۋە ئايروپورت، تاشيول، مېھمانساراي قاتارلىق بىۋاسىتە ھەج پائالىيىتىگە خىزمەت قىلىدىغان قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىپتۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار بولغان قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا قاتنىشى تورىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلىدۇر.
        يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ھەر 50 - 60 كىلومېتىر كېلىدىغان بۆلىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ھەممە ئۈسكۈنىلىرى تولۇق بولغان زامانىۋى ماي قاچىلاش پونكىتى، مەسچىت، ئىسسىق سۈيى ئۈزۈلمەيدىغان غۇسۇل  تاھارەت ئالىدىغان مۇستەھەپخانا ۋە ھاجەتخانا بار ئىكەن. شۇڭا، يولدا يولۇچىلار ئازراقمۇ قىيىنچىلىق ھېس قىلمايدىكەن. يول ئېغىزلىرىنىڭ ھەممىسىدە ستېرېئولۇق ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر بولغاچقا، تاكى مەدىنىگە بارغۇچىلىك بولغان پۈتۈن 460 نەچچە كىلومېتىرلىق مۇساپىدە ھېچقانداق قىزىل - يېشىل چىراغنى ئۇچراتمىدۇق.
       سەئۇدى ۋاقتى چۈشتىن ئىلگىرى ئون بىردە، بىز مەدىنە شەھىرىنىڭ غەربىدىكى بىر ئاچالغا كەلدۇق. تاكسى شوپۇرى ۋەلىد ماشىنىسىنى بىر چەتكە تارتىپ توختاتتى - دە، پاسپورتلىرىمىزنى ئېلىپ، مەدىنە شەھىرىگە كىرىش رەسمىيىتىنى ئۆتەش ئۈچۈن ماشىنىدىن چۈشتى. بىز ئۇزۇندىن بېرى زارىقىپ كۈتكەن ۋاقىت ئاخىر يېتىپ كەلدى. بىز ئەل رەسۇل شەھىرى  مەدىنە مۇنەۋۋەرگە يېتىپ كەلگەنىدۇق.
    مەدىنە مۇنەۋۋەر  ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە مۇكەررەمدىن ھېجرەت قىلغاندا كېلىپ ئون يىل تۇرغان شەھەردۇر.
       ئىسلامىيەتكە ئائىت كىتابلاردا يېزىلىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىرىق يېشىدا پەيغەمبەرلىك ۋەھىيسى كېلىپ 13 يىلغىچە مەككە مۇكەررەمدە ئەرەب قوۋملىرىنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىپ تەرغىبات ئېلىپ بارغانىكەن. لېكىن مەككىدىكى ئەرەبلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىرى ناھايىتى ئاز بولغانىكەن. مەككە مۇشىرىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختاتمىغانلىقتىن، ئاخىر ئۇ يەردى ھېجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغانىكەن.

       مىلادىيە 622 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئابابەكرى سىدىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىللە مەككىدىن ئايرىلىپ، شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى مەدىنىگە يېتىپ كەلگەنىكەن. بۇ ۋاقىت ئىسلام ھىجىرىيە كالېندارىنىڭ تۇنجى يىلى قىلىپ بېكىتىلىپتۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن، شەھەر سىرتىدىكى قۇبا دېگەن يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، ئىسلام دىنىدىكى تۇنجى مەسچىت  مەسچىت  قۇبانى بىنا قىلىپتۇ. ئاندىن شەھەر ئىچىگە قايتىپ كېلىپ، ئەبۇ ئەييۇب خالىد رەزىيەللاھۇ دېگەن بىر ئەنسارىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپتۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ ھەرەم شەرىف (مەسچىتى  نەبەۋى)نى بىنا قىلىپتۇ.

       مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، ئىسلامىيەت ھەر تەرەپكە كەڭ تارقىلىشقا باشلىغانىكەن. مەككىلىكلەرمۇ مۇشۇ مەزگىلگە كەلگەندە، ئاندىن ئىمان ئېيتىپ، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان ۋە ئارقىدىنلا پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلى ئىسلاملاشقانىكەن. دېمەك، مەدىنە دەۋرىدە ئىسلامىيەتنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرى تولۇق شەكىللىنىپ بولغانىكەن.
       مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىپ، پۈتۈن ئەرەبىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىشقا چاقىرغان ھەمدە بۇنى ئىسلام دىنىدىكى بەش چوڭ پەرزنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەنىكەن.
    ھىجىرىيە 10 - يىلى (مىلادىيە 632 - يىلى) زۇلقەئىدە ئېيىنىڭ 25 - كۈنى (شەنبە)، مەدىنىگە يىغىلغان 100 مىڭ مۇسۇلمان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدا مەككە مۇكەررەمدىكى كەئبىنى تاۋاپ قىلىشقا، ھەج قىلىشقا ئاتلانغان ۋە ئۇ يەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەج قىلغۇچىلار بىلەن بىللە ھەج پەرزلىرىنى تولۇق بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، مەدىنىگە قايتىپ كەلگەنىكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆمرىدە پەقەت مۇشۇ بىر قېتىم ھەج قىلغاچقا، بۇ قېتىمقى ھەج «ھەج ۋىدا» دەپمۇ ئاتالغانىكەن. شۇ قېتىمقى ھەجدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋەھى ئارقىلىق ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەن: «ئەكمەلتۇلەكۇم دىنەكۇم» دېگەن ئايەتنى ئېلان قىلغانىكەن. ئۇنىڭ مەزمۇنى: «بۈگۈن مەن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى كامىل قىلدىم ۋە نېمەتلىرىمنى تاماملىدىم ۋە ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار قىلىپ بېكىتتىم» دېگەنلىك بولىدىكەن. بۇ ئايەت نازىل بولۇپ، بەش - ئالتە ئاي ئۆتمەيلا ئاللانىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان ۋە ئۆزى بىنا قىلغان مەسچىتى  نەبەۋى ئىچىگە قويۇلغانىكەن. بۇ يەر كېيىنكى چاغلاردا «رەۋدەتۇ مۇبارىكە» دەپ ئۇلۇغلىنىدىغان تاۋاپگاھقا ئايلىنىپتۇ.

    ھەرەم شەرىف

       بىز جىددىدىكى ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايروپورتىدىن چىقىۋاتقاندا، ئۈرۈمچىلىك خۇيزۇ ئايال جاڭ ھەدە ئۆزىنىڭ مەدىنىدىكى سالىھ ھاجى دېگەن تۇغقىنىغا تېلېفون قىلغانىدى. ئۇ: «سىلەر مەدىنىگە يېتىپ كېلىپلا ماڭا تېلېفون قىلىڭلار» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. تاكسى شوپۇرى ۋەلىد شەھەرگە كىرىش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن، پاسپورتلىرىمىزنى قولىمىزغا قايتۇرۇپ بەردى. جاڭ ھەدە كارتىلىق تېلېفون بىلەن ھېلىقى سالىھ ھاجىغا يەنە تېلېفون بەردى. ئۇ بىزنى كۈتۈپ تۇرغانىكەن. تاكسى شوپۇرى ۋەلىد سالىھ ھاجى ئېيتىپ بەرگەن ئادرېس بويىچە بىزنى ھەرەم شەرىفكە يېقىن بىر كوچىدىكى مەھدى ئىسىملىك بىر ئەرەبنىڭ مېھمانخانىسىغا ئۇدۇل ئېلىپ باردى. سالىھ ھاجى بىزنى شۇ يەردە ساقلاپ تۇرغانىكەن. بىز ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ كۆرۈشتۇق. ئۇ قىرىق ياشتىن ئاشقان، ئوتتۇرا بويلۇق، قاتاڭغۇر ئادەم بولۇپ، مەدىنىدە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە چوڭ بولغانىكەن. ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى ئەرەبچە رىدا، بېشىدىكى ئىقال بىلەن باستۇرۇلغان ياغلىققا قاراپ بىز ئۇنى «ئەرەب» دەپ ئويلاپ قاپتىمىز. ئۇنىڭ خەنزۇچە سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ، ئاندىن ئۇنىڭ خۇيزۇ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇق.

       ئۇ بىزنى ھېلىقى مەھدى دېگەن ئەرەب ئاچقان مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. دەل مۇشۇ چاغدا ھەرەم شەرىف تەرەپتىن پېشىن نامىزىغا ئېيتىلغان ئەزان چىقتى. بىز يۈك - تاقلىرىمىزنى ياتاققا تاشلاپ قويۇپلا، دەرھال تاھارەت ئالدۇق - دە، تۇنجى بىر ۋاخ نامازنى رەسۇلىلا مەسچىتىدە ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ، ھەرەم شەرىفكە قاراپ ماڭدۇق.
    بۈگۈن مەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 35 گرادۇسقا يەتكەن بولۇپ، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاتار - قاتار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان خورما دەرەخلىرىنىڭ يوغان، ئېگىز، تىك ئۆسكەن قاسراقلىق غولىنىڭ ئۇچىدىكى ياپيېشىل ياپراقلىرى جۇلالىنىپ، ئۆزگىچە ئەرەبىستان مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى. بۇ چاغدا پۈتۈن قاتناش توختاپ كەتكەنىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن «مەسچىتى  نەبەۋى» دەپ ئۇلۇغلىنىدىغان بۇ ھەرەم شەرىفنى تاۋاپ قىلىشقا كەلگەن نەچچە يۈز مىڭ كىشى ئەرەبىستاننىڭ پىژغىرىم ئاپتىپىدا ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك لىباس كىيىشىپ، ھەرەم شەرىف تەرەپكە قاراپ سۇدەك ئېقىپ كېتىۋاتقانىدى. بىز كوچىنىڭ يەنە بىر بېشىغا بارغاندا، ھەرەم شەرىفنىڭ يېشىل قۇببىسىنى كۆردۇق. مەن سالىھ ھاجى بىلەن بىللە كىشىلەرر توپىغا ئەگىشىپ، ھەرەم شەرىفنىڭ ئاستىغا مەر مەر تاش يېيىتىلغان كەڭ سەيناسى ئىچىگە كىردىم.  ئۇدۇلىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇنارلارنىڭ ئارىسىدىكى ناھايىتى چوڭ ياسالغان، يېشىل قۇببىلىق ھەيۋەتلىك مەسچىتى  نەبەۋى مېنىڭ كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى. ھەيران بولغىنىمدىن ئورنۇمدا تۇرۇپ قالغىنىمنى تۇيماي قاپتىمەن. بىرسى ئاستا يېڭىمنى تارتقاندەك قىلدى، قارىسام، سالىھ ھاجى ئىكەن. ئۇ: «تېز بولۇڭ، بولمىسا ھەرەم شەرىفنىڭ ئىچىدە ئورۇن قالمايدۇ» دەپ مېنى مېڭىشقا ئۈندەۋاتقانىكەن.

        بۇ مەسچىت  مىلادىيە 662 - يىلى (ھىجىرىيە تۇنجى يىلى) 9 - ئايدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز قولى بىلەن بىنا قىلغان مەسچىت  ئىكەن. دەسلەپتە ناھايىتى ئاددىي ياسالغان بولۇپ، كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە بىرنەچچە قېتىم قايتا كېڭەيتىلىپتۇ. ھازىرقى ھەرەم شەرىف مىلادىيە 1989 - يىلى سەئۇدى پادىشاھى فاھىدنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، نەچچە ئون مىڭ ماھىر ئارخىتېكتور ۋە بىناكارلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلىشى ۋە قول سېلىپ ئىشلىشى ئارقىسىدا پۈتۈپ چىققانىكەن. ھەرەمنىڭ ئىچىگە جايناماز ئۈچۈن مەخسۇس ھەرەم شەرىفكە ئاتاپ توقۇلغان پارس نۇسخىسىدىكى زىلچا - گىلەملەر سېلىقلىق ئىكەن. ھەرەم شەرىفنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى مۇتلەق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ھەرەم شەرىفنى سىيرىپ سۈپۈرۈشكە مەسئۇل جارۇبكەشلەر كۈچلۈك ماتورلۇق چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچلەر بىلەن ھەرەمنىڭ ئىچىنى كۈندە بىر قېتىم ئەستايىدىللىق بىلەن تولۇق تازىلاپ، ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىكەن. شۇڭا، ھەرەم شەرىفنىڭ ئەتىگەندىن - كەچكىچە ھاۋاسى ساپ ۋە يېڭى ھالەتتە تۇرىدىكەن، ئازراقمۇ غەيرىي پۇراقنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدىكەن. سامساق ياكى پىياز يەپ ھەرەمگە كىرىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدىكەن.
    ھەرەم شەرىفنىڭ ئىچىدە ئېگىزلىكى 5.12 مېتىر كېلىدىغان سان - ساناقسىز مەر مەر تۈۋرۈكلەر ھەرەم شەرىفنىڭ ئۆگزىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن. ئۆگزىنىڭ ئۈستىدە سەينا بولۇپ، ئۈستىگە لىفت بىلەن چىقىپ چۈشكىلى بولىدىكەن. پۈتۈن ھەرەم شەرىفنىڭ ئىچى ۋە تۆت ئەتراپىدىكى سەينا مەيدان قوشۇلۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 480 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ئادەتتىكى چاغلاردا ھەرەمنىڭ ئىچىدە 600 مىڭ كىشى بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئۆتىيەلەيدىكەن، ھەج مەزگىلىدە بولسا، ھەرەمنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا بىر مىليون كىشى بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئۆتىيەلەيدىكەن.

       ھەرەم شەرىفنىڭ ئەتراپىدىكى مەيداننىڭ قىرىق سەككىز يېرىدە يەر ئاستىغا تۆت قەۋەت قىلىپ ياسالغان تاھارەتخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىگىرمە تۆت سائەت ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلىنىدىكەن. ھاجەتخانا ۋە غۇسۇل تاھارەت ئېلىش ئورنىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى زامانىۋى ۋە ناھايىتى قۇلايلىق، تولۇق بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا قىرىق مىڭ ئادەم تەڭلا ھاجەت قىلىپ، تاھارەت ئالالايدىكەن. تۆت قەۋەتنىڭ ھەممىسىدە لىفت توختىماي ئايلىنىپ تۇرغاچقا، چۈشۈپ - چىقماقمۇ ئوڭاي ئىكەن.
       قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن تەڭ، ھەرەم شەرىفنىڭ ئىچى ۋە تېشى نىئون - كىسنون چىراغلىرىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۈچلۈك نۇرىدا خۇددى كۈندۈزدەك ئاپئاق يورۇپ كېتىدىكەن. ھەرەم شەرىفنىڭ تۆت ئەتراپىدا بولۇتقا تاقىشىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئون چوڭ مۇنار چوڭ پروژىكتورلارنىڭ يورۇقىدا ناھايىتى گۈزەل ۋە تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىكەن. بۇ مۇنارنىڭ ئىچىدىكى ئېگىزلىكى 104 مېتىردىن كېلىدىغان ئالتە مۇنار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەرەم شەرىفنىڭ تۆت بۇرجىكىدا ۋە ھەرەم شەرىفنىڭ شىمالىي ئىشىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قەد كۆتۈرۈپ، ھەرەم شەرىفنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدىكەن.
       سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى 35 گرادۇسقا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھەرەمنىڭ ئىچىدە كىشىگە ئارامبەخش قىلىدىغان سالقىنلىق ھۆكۈم سۈرىدىكەن. ھەربىر مەر مەر تۈۋرۈكنىڭ ئاستىغا مەخسۇس سوغۇق ھاۋا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ھاۋا يوللىرى ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن. ھەرەمنىڭ ئىچى ۋە تېشى ھەرخىل گېئومېتىرىك شەكىل چىقىرىپ يېپىشتۇرۇلغان قېلىن مەر مەر تاشلار بىلەن بېزەلگەنىكەن. ھەرەمنىڭ ئاستىغا ۋە ھەرەم شەرىفنىڭ ئەتراپىدىكى مەيدانغا ئاق رەڭلىك مەر مەر تاش يېيىتىلغان بولغاچقا، قاتتىق ئىسسىقتىمۇ يالاڭئاياغ دەسسىسىمۇ ئادەم سالقىنلىق ھېس قىلىدىكەن. پۈتۈن ھەرەم شەرىف سىرتتىن قارىغان ئادەمگە خۇددى خرۇستال شىشىدىن ياسالغان ھەيۋەتلىك قەسىردەك كۆرۈنىدىكەن...
       مەن سالىھ ھاجى بىلەن ھەرەم شەرىفنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئىشىكىدىن ھەرەمنىڭ ئىچىگە كىرگەندە، ھەرەمنىڭ ئىچى ئادەم بىلەن لىق تولغانىكەن. بىز پېشىن نامىزىغا ئولتۇرغان ئادەملەرنى ئارىلاپ ئاران ئارقا تەرەپكە ئۆتتۇق ۋە بىر بوش ئورۇننى تېپىپ، نامازغا ئولتۇردۇق.
    بىز پېشىن نامىزىدىن قايتىپ كېتىۋېتىپ، سەرراپتا پۇل تېگىشىش ئۈچۈن ئازراق ھايال بولۇپ قالدۇق. سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش بەلگىلىمىسى بويىچە ھەر 100 ئامېرىكا دوللىرى 373 رىيالغا باراۋەر بولىدىكەن. مەن 200 ئامېرىكا دوللىرىنى 746 رىيالغا ئالماشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سالىھ ھاجى مېنى بىز چۈشكەن مېھمانخانىغا ئەكېلىپ قويۇپ، ئۆيىگە قايتىپ كەتتى...

    «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى زىيارەت قىلىش

     مېنىڭ مەدىنىدە ساياھەتتە بولۇۋاتقان كۈنلىرىم دەل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىككى ھەرەمدە رامىزان ۋە ئۆمرە ھەج پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغان مەزگىلىگە توغرا كەلدى. مۇشۇ كۈنلەردە دۇنيادىكى يەتتە قىتئەدىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن ئەر - ئايال مۇسۇلمان ئاران 200 مىڭ نوپۇسى بار مەدىنە شەھىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ھەج - تاۋاپ پائالىيىتىدە بولدى.
       مەن گەرچە ھەرەم شەرىفتىكى پائالىيەتكە كۈندە قاتناشقان بولساممۇ، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ياتقان يېرى  «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى زىيارەت قىلىش شەرىپىگە زادىلا ئېرىشەلمىدىم. گەرچە بىر نۆۋەت ھەرەم شەرىفنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئابدۇلئەزىز ئىشىكىدىن قىستىلىپ يۈرۈپ ئاران ھەرەمنىڭ ئىچىگە كىرگەن بولساممۇ، ئەمما ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن ئېزىپ قېلىپ، ھەرەمنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى شەرقتىن  غەربكە سوزۇلغان شىرما - توساق (خوتۇن - قىزلار بۆلمىسى)نى بويلاپ غەربكە قاراپ مېڭىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى  «رىيازۇل جەننەت»كە يېقىنلىشىش شەرىپىگە مۇشەررەپ بولدۇم. ئەمما ئۇ «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نىڭ ئارقا تەرىپى ئىدى. «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى ئالدى تەرەپتىن زىيارەت قىلىش ئارزۇسىغا يېتەلمىدىم.

       پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەرلىكى  «رەۋدەتۇ مۇبارىكە» ھەرەم شەرىفنىڭ شەرقىي جەنۇبى  بۇرجىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن پەقەت غەرب تەرەپتىكى ئىشىك بىلەن كىرىش مۇمكىن ئىكەن. كىشىلەر ھەرەم شەرىفنىڭ غەربىي ئىشىكىدىن كىرىپ، «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەينىگە قايتماي ئۇدۇل شەرقىي ئىشىكتىن چىقىپ كېتىدىكەن. ماڭماي تۇرۇۋېلىشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدىكەن.
       بىر كۈنى، مەن ھەرەم شەرىفتە نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك بىر ساقچى بىلەن تاسادىپىي شارائىتتا تونۇشۇپ قالدىم. شۇ كۈنى ماڭا ئىسسىق ئۆتۈپ كەتتىمۇ، بىلمىدىم، بېشىم قېيىپ تۇراتتى.  «قەدقامەتسالات»تا ئايلىنىپ قېلىپ يىقىلىپ چۈشۈپتىمەن. بىر ۋاقىتتا قارىسام، مەيداننىڭ يېنىدا توختىتىلىپ قويۇلغان بىر قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە يېتىپتىمەن. ھېلىقى ئەھمەد دېگەن ساقچى بېشىمدا قاراپ تۇرۇپتۇ. دوختۇر قان بېسىمىمنى ئۆلچەۋېتىپتۇ، بۇ چاغدا مەن خېلى ياخشى بولۇپ قالغانىدىم. شۇڭا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم، بۇ چاغدا، ئۇلار مېنىڭدىن: «سىز قايسى دۆلەتنىڭ پۇقراسى؟» دېگەندەك قىلىپ، ئەرەبچە سوئال سورىدى. مەن دەرھال پاسپورتۇمنى چىقىرىپ ھېلىقى ئەھمەد دېگەن ساقچىغا سۇندۇم، ئۇ پاسپورتۇمدىكى «China» (جۇڭگو) دېگەن خەتلەرنى كۆرۈپ دەرھال ماڭا قاراپ دوستانىلىق بىلەن كۈلۈمسىرىدى ۋە كۆرۈشۈش ئۈچۈن قولىنى ماڭا سۇندى. ئۇ مېنىڭ قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ئەرەبچە: «ئۇتلۇبۇلئىلمە ۋەلەۋ بىسسين»بۇ ھەدىس  «كەشپۇل زۇنۇن» دېگەن كىتابتا رىۋايەت قىلىنغان.دېدى. مەن ئۇنىڭ سۆزىدىكى «ئىلىم» ۋە «سين» دېگەن ئەرەبچە تاق سۆزلەردىن مۇھەممەد پەيغەمبەر ئېيتقان مەشھۇر ھەدىسنى نەقىل كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى قىياس قىلدىم - دە، قەشقەردە خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلىرىمدا ئۆگىنىۋالغان ئىككى - ئۈچ ئېغىز ئوردۇ تىلى بىلەن «ئەرەب - چىن رەپىق!» دەپ جاۋاب بېرىۋېدىم، ساقچى ئەھمەدمۇ، ئەرەب دوختۇرمۇ، مەنمۇ ھەممىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق. بۇ مېنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى زېمىنىغا قەدەم باسقاندىن كېيىن مۇشۇ ھەدىسنى ئىككىنچى قېتىم ئاڭلىشىم ئىدى.
    ئەھمەد مېنىڭ خېلى ياخشى بولۇپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ، مېنى بىز چۈشكەن مېھمانخانىغا ئەكېلىپ قويدى. مەن بۇ مېھمانخانىنىڭ ئاستىدىكى بىر دۇكاننىڭ مۇھەممەد ئىسىملىك بىر ئاۋغان خوجايىنى بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدىم. ئۇ ئىلگىرى قەشقەرگە سودا ئىشى بىلەن كۆپ بارغانىكەن. شۇڭا، ئۇيغۇرچىنى ئوبدان سۆزلىيەلەيدىكەن. مەن ئۇنى تەرجىمانلىققا سېلىپ، ئەھمەدكە ئۆزۈمنىڭ «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى زىيارەت قىلىش ئارزۇيۇمنى ئىزھار قىلدىم، ئۇ سائىتىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، مۇھەممەدكە ئەرەبچە بىر مۇنچە سۆز قىلدى.
        مەن مۇھەممەدتىن: «ئۇ نېمە دەيدۇ؟» دەپ سورىۋېدىم، مۇھەممەد: «ئۇ سېنى ئەتە دەل چۈش سائەت ئون ئىككىدە ھەرەم شەرىفنىڭ ئابدۇلئەزىز ئىشىكىدە ساقلاپ تۇرسۇن، «رەۋدەتۇ  مۇبارىكە»نى ئۆزۈم بىللە زىيارەت قىلدۇرىمەن، دەيدۇ» دېدى. مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇشال بولغىنىمدىن ئەھمەدكە: «رەھمەت، رەھمەت!» دەپ ئىختىيارسىز ھالدا ئارقا - ئارقىدىن تەشەككۇر ئېيتتىم.
    سەئۇدى ئەرەبىستانىدا پادىشاھ بىۋاسىتە قانۇن تۇرغۇزۇش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران ھېسابلىنىدىكەن.
    سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھازىرقى پادىشاھى فاھىد بىن ئابدۇلئەزىز بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى مىنىستىرلار كېڭىشى، زوراغالىق مەھكىمىسى پادىشاھنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىغا ياردەملىشىدىكەن، ئابدۇللا بىن ئابدۇلئەزىز نايىپ شاھ قوشۇمچە باش ۋەزىرلىكنى ئۆتەيدىكەن. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئىسمى سۇلتان بىن ئابدۇلئەزىز ئىكەن.

       ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ھازىرقى سەئۇدى خان جەمەتى 16 - ئەسىردىكى ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ نەجىد قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مۇسۇلمان ھۆكۈمدارى شەيخ ئەلسەئۇدىنىڭ ئەۋلادى ئىكەن. شەيخ مۇھەممەد بىن سەئۇدى (مىلادىيە 1726 - 1765 - يىلللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نەجىد زېمىنىغا ھۆكۈمران بولغان تۇنجى ئەۋلاد سەئۇدى پادىشاھى ئىكەن. مىلادىيە 1740 - يىلى، ئۇ ئىسلامىيەتتىكى ۋاھابىيە مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى مۇھەممەد بىننى ئابدۇلۋاھاب (1703 - 1765) بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىدا ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش تۇغىنى كۆتۈرۈپ چىققانىكەن.
       شەيخ مۇھەممەد بىن سەئۇدىنىڭ ۋارىسى ئابدۇلئەزىز Ⅰ (1765 - 1830 - يىللىرى تەختتە بولغان) سەئۇدى جەمەتىنىڭ ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىدىكى سىياسىي ئورنىنى ھەقىقىي  رەۋىشتە تىكلەش ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغاپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ، رىياد، ھىجاز، سەدىر، ھەسسا قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغانىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، سەئۇدى جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى ۋاھابىيلارنىڭ شەيخلىقىنىمۇ قوشۇمچە ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپتۇ ۋە تا شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن سىياسىي تۈزۈم ھەقىقىي رەۋىشتە تىكلەنگەنىكەن.

       مىلادىيە 1932 - يىلى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى ئابدۇلئەزىز Ⅱ سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنى رەسمىي قۇرغاندىن كېيىن، سەئۇدى خان جەمەتى ئەرەبىستانى يېرىم ئارىلىنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپتۇ. ھېلىغىچە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈم يولغا قويۇلۇۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى سەئۇدى خان جەمەتىنىڭ شاھزادىلىرى بىلەن مەلىكىلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم.
    تۇنجى سەئۇدى پادىشاھى ئابدۇلئەزىز سەئۇدى پۈتۈن ئۆمرى ئۇرۇش بىلەن ئۆتكەن سەئۇدى پادىشاھىدۇر. ئۇ سەئۇدى تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرگە شەپقەت بىلەن ھەيۋەتنى تەڭ  قوللانغان. ئۇ بىر تەرەپتىن، مەملىكەت ئىچىدىكى توپىلاڭچى قەبىلىلەرنى قەتئىي باستۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، «قۇدىلىشىش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ھەرقايسى ئۇرۇق - قەبىلىلەر بىلەن قۇدا - باجا بولۇشقانىكەن. شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ خانىدانى تېز روناق تېپىپ كۆپەيگەنىكەن. ئەلھال، بۈگۈنكى سەئۇدى خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى نەچچە تۈمەنگە يېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شاھزادىلەر بىلەن مەلىكىلەرنىڭ سانىلا سەككىز مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. رەسمىي «شاھزادە»لىك ئوتىغاتى بېرىلگەنلىرىنىڭ سانىمۇ بەش مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

       سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى تىپىك ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن مۇنارخىيىلىك تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولغاچقا، سەئۇدى جەمئىيىتىدە تەبىقە - دەرىجە تۈزۈمى ئىنتايىن قاتتىق ئىكەن. سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە چوڭ سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، كۆپچىلىكى «شاھزادە»لىك ئوتۇغاتىدىن بەھرىمەن بولغان كىشىلەر ئىكەن. مەسىلەن، ھازىرقى سەئۇدى پادىشاھلىقى ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى  مۇئاۋىن باش ۋەزىرى، دىپلوماتىيە ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، ئېتىز - ئېرىق، سۇ ئىنشائاتلىرى ۋەزىرى، سودا ۋەزىرى قاتارلىق ۋازارەت - ساپارەت دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ «شاھزادە»لىك ئوتۇغاتى بار ئىكەن. شۇڭا، باشقىلارنىڭ سەئۇدى ھۆكۈمىتىنى «خان جەمەتى ھۆكۈمىتى» دېيىشى بىكار گەپ ئەمەس ئىكەن.
    سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ «نېفىت پادىشاھلىقى» دېگەن مەشھۇر نامى بار ئىكەن. 1998 - يىلى يىل ئاخىرىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسى 2 تىرىليون 615 مىليارد 500 مىليون تۇڭغا يېتىدىكەن. دېمەك، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت زاپىسى دۇنيا ئومۇمىي نېفىت زاپىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. شۇڭا، سەئۇدى خان جەمەتى ھەققىدىكى ھەرخىل سۆز - چۆچەكلەرنىڭ ھەممىسى دېگەندەك پۇل ۋە بايلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

       مەن ھىجازدىكى مەدىنە ۋە مەككە قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان چاغلىرىمدا باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن سەئۇدى خان جەمەتىنىڭ بەزى قىزىقارلىق ئىشلىرى ھەققىدە قىلىشقان پاراڭلىرىنى ئاڭلىدىم.
    1999 - يىلى يازدا، سەئۇدى پادىشاھى فاھىد ئىسپانىيىگە دەم ئېلىشقا بارغانىكەن. پادىشاھ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان مادرىد خەلقئارا ئايروپورتىغا قونغاندا، پادىشاھنىڭ مۇھاپىزەتچى  پاسىبانلىرى، مۇلازىم - چاكارلىرى، پادىشاھنىڭ دوست - يار، بۇرادەرلىرى، خانىدان ئەزالىرى ئولتۇرغان ئايروپىلان ۋە ئېغىرلىقى 2 مىڭ كىلوگرام كېلىدىغان تېببىي ئۈسكۈنىلەر، يېمەك - ئىچمەك قاچىلانغان ئايروپىلان، پادىشاھ فاھىدنىڭ 100 گە يېقىن مەخسۇس پىكاپى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر قاچىلانغان ئايروپىلان بولۇپ، يەنە بەش ئايروپىلانمۇ بىللە قونغانىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، شۇ كۈنى پادىشاھقا ھەمراھ بولۇپ بارغانلار بىلەن ھەر دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرۇشقا ئوڭاي بولۇشى ئۈچۈن، پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە 200 نەچچە دانە يانفونمۇ سېتىۋېلىنىپتۇ...
       بىر قېتىم سەئۇدى خان جەمەتىدىن بىرەيلەن گېرمانىيىنىڭ بىر لىفت شىركىتى بىلەن سودا توختامى تۈزمەكچى بولۇپتۇ. گېرمانىيە تەرەپ قارشى تەرەپتىن خەلقئارا ئىناۋەتلىك دەرىجىسىنى ئىسپاتلايدىغان كىنىشكىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغانىكەن، ھېلىقى ئەرەب زەردارى خاپا بولغىنىدىن قاشلىرىنى ھىمىرىپ، مۇلازىمغا ئىشارەت قىلىپ قويۇپتىكەن، ئۇنىڭ بەستلىك ئىككى چاكىرى لىق تىللا قاچىلانغان بىر قاپنى يۈدۈپ كىرىپ، «ئالىدىغان نەرسەڭ مۇشۇمۇ»دەپ، ئۇنىڭ بېشىغا تۆكۈپتۇ.

    ئەمدى باشتىكى سۆزىمىزگە كېلەيلۇق.
       ئەتىسى، مەن بامدات نامىزىنى ئۆتەپ مېھمانخانىغا قايتتىم ۋە دەم ئېلىپ چۈشكە يېقىن غۇسۇل تاھارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، دەل سائەت 12 دە ھەرەم شەرىفنىڭ ئابدۇلئەزىز ئىشىكىگە كەلسەم، ساقچى ئەھمەد شۇ يەردە ھازىر بولۇپ تۇرۇپتىكەن، ئۇ قولۇمدىن يېتىلىگىنىچە ئۇدۇل ھەرەم شەرىفنىڭ ئىچىدىكى «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نىڭ ئالدى ئوڭ بۇرجىكىگە باشلاپ كېلىپ، ئۆزى نۆۋەتچىلىكتە تۇرىدىغان ئورۇننىڭ قېشىدىكى جامائەتنىڭ قاتارىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.
        پېشىن نامىزى ئوقۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن، مەن ئىسلامىيەت دۇنياسىدا «رەۋدەتۇ مۇبارىكە» دەپ تەرىپلىنىدىغان بۇ مۇقەددەس تاۋاپگاھنى ئۇدۇلىدىن يەنە بىر قېتىم تولۇق كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نىڭ ئەتراپى سېرىق مىستىن ياسالغان ۋادەكلەر ئارقىلىق ئېھاتىلەنگەنىكەن. ئالدى تەرىپى بىلەن يان تەرەپلىرىگە ئايەتلەردىن تىپىك ئەرەب  ئىسلام نۇسخىسىدا گۈل چىقىرىپ ئاجايىپ گۈزەل نەقىش قىلىپ ئىشلەنگەن، پۈتۈن قۇيما پەنجىرە ئورنىتىلغان بولۇپ، مىس پەنجىرىنىڭ ئىچىدىكى ئۆي دەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە، ئۆز قولى بىلەن سالغان «مەسچىتى  نەبەۋى»دىكى «رىيازۇل جەننەت» دەپ ئاتالغان جاي ئىكەن.
        «رىيازۇل جەننەت»نىڭ ئالدىدىكى مىستىن ياسالغان پەنجىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تاۋاپچىلارنىڭ «رىيازۇل جەننەت»نىڭ ئىچىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تاۋاپ قىلىشى ئۈچۈن قالدۇرۇلغان قاتار ئۈچ يۇمىلاق تۆشۈك بار ئىكەن. بۇ تۆشۈكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرىپىدىكى تۆشۈكتىن سەل چوڭراق ئىكەن.
        مەن «رىيازۇل جەننەت»نىڭ ئالدىغا كېلىپ ئالدى بىلەن ئوتتۇرىدىكى چوڭ تۆشۈكتىن ئەدەپ بىلەن «رىيازۇل جەننەت»نىڭ ئىچىگە قارىدىم. ئىچىدە قاتار ئۈچ قەبرە تۇرۇپتۇ. ئوتتۇرىسىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك تۇپرىقى بولۇپ، ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى ئىككى قەبرىدىن سەل چوڭراق ئىكەن. ئوڭ تەرەپتىكىسى چاھارىيارلارنىڭ بىرىنچىسى سەييىدىنا ئەبۇ بەكرى رەزىئاللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەبرىسى، سول تەرەپتىكىسى چاھارىيالارنىڭ ئىككىنچىسى سەييىدىنا ئۆمەر بىن ئەلخەتتاپنىڭ قەبرىسى ئىكەن.
    سان - ساناقسىز مۇسۇلمان زىيارەتچىلىرىنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى سىلاپ بۈسە قىلىشى ئارقىسىدا سىللىقلىنىپ، خۇددى ئەينەكتەك بولۇپ كەتكەن سېرىق مىس پەنجىرە ھەرەم شەرىفنىڭ ئىچىدىكى خرۇستال چىراغلارنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا ئالتۇندەك پارقىراپ كۆزنى قاماشتۇراتتى.
        «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى زىيارەت قىلىش تەرتىپى ئادەتتە مۇنداق بولىدىكەن:
        ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، زىيارەتچىلەر «رىيازۇل جەننەت»نىڭ ئالدىغا كېلىپ، رەسۇلىللانىڭ قەبرىسىگە قاراپ قىيامدا تۇرىدىكەن ۋە ئىككى قولىنى كۆكرىكىگە قويۇپ، ھەمدۇسانالار بىلەن سالام بېرىدىكەن. خالىغان ئايەت - دۇئالارنى ئوقۇيدىكەن. ئەبۇ بەكرى سىدىق بىلەن ئۆمەر ئىبىن خەتتاپلارنىڭ قەبرىلىرىمۇ رەسۇلىللانىڭ قەبرىسىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە بولغانلىقتىن، زىيارەت ئەھلى بىردەك زىيارەت قىلىشىدىكەن. تاۋاپتىن كېيىن، كەئبىگە يۈزلىنىپ دۇئا قىلىدىكەن. زىيارەت مۇراسىمى شۇنىڭ بىلەن ئادا بولىدىكەن. زىيارەتچىلەر مىس توساقتىن بىر قەدەم نېرى تۇرىدىكەن. توساققا يېقىن بېرىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، ئىلگىرى زىيارەتچىلەر «رىيازۇل جەننەت»نى زىيارەت قىلغاندا، مىس پەنجىرىنى سۆيۈۋېرىپ بارا - بارا ئاڭسىز رەۋىشتىكى خۇراپىيلىق شەكىللىنىپ قالغانلىقتىن، ئاخىر ئۇنى سۆيۈش قەتئىي چەكلىنىپتۇ.

       «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى زىيارەت قىلىش مەقسىتىمگە يەتكەندىن كېيىن، مەن غەرب تەرەپتىكى ئىشىكتىن ھەرەم شەرىفنىڭ تېشىغا چىقتىم ۋە مەيداندا تۇرۇپ، «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نى سىرتىدىن يەنە بىر نۆۋەت زىيارەت قىلدىم.
        «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نىڭ يېشىل قۇببەسى بولۇپ، قۇببىنىڭ ئاستى تۆت بۇرجەك، سەككىز تەرەپلىك قىلىپ ياسالغانىكەن. «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نىڭ ئېگىزلىكى 16 مېتىر، ئىنى 15 مېتىر بولۇپ، تۆت بۇرجىكىگە ئۈستىدىكى يېشىل قۇببىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تۆت دانە ئاق مەرمەر تۈۋرۈك قويۇلغانىكەن.  «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نىڭ ئۈستىدىكى يېشىل قۇببە ئەڭ دەسلەپتە مىلادىيە 1601 - يىلى سۇلتان سەلىم Ⅱ تەرىپىدىن ياسالغان بولۇپ، تۈرلۈك جاۋاھىراتلار بىلەن نەقىش قىلىنىپ، ئۈستىدىن ئالتۇن ھەل بېرىلگەنىكەن. مىلادىيە 1818 - يىلى، سۇلتان مەھمۇد تەرىپىدىن ئاق قۇببىلىق قىلىپ قايتىدىن ياسالغانىكەن. مىلادىيە 1840 - يىلى يېشىل سىرلىنىپ قايتا رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن، تا ھازىرغا قەدەر ئۆزگەرتىلمەپتۇ.
       ئىسلام دىنىدا يېشىللىق  ھاياتنىڭ، تىنچلىق  ئاسايىشلىقنىڭ سمۋولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، «رەۋدەتۇ مۇبارىكە»نىڭ يېشىل قۇببىسى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھەممەد رەسۇلىللا ئەلەيھىسسالامغا بولغان چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتىنىڭ سىمۋولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    مەدىنىدىكى مۇبارەك قەدەم جايلار

        ئالدىن كېلىشىپ قويغىنىمىز بويىچە، بۈگۈن سالىھ ھاجى بىزنى ماشىنىسى بىلەن مەدىنىدىكى بەزى تارىخىي ئىزلارنى زىيارەت قىلدۇرۇپ كەلمەكچى بولدى.
       ئەتىگەن سائەت سەككىزدە، سالىھ ھاجى ئۆزىنىڭ «فۇرد» ماركىلىق كىچىك ماشىنىسى بىلەن بىزنى ھەممىدىن ئاۋۋال مەدىنىنىڭ شەرقىي شىمالى  تەرىپىگە جايلاشقان ئوھۇد تېغىغا ئېلىپ كەلدى. بىز ئوھۇد جىلغىسىدىكى چوڭ بىر مەيدانغا كېلىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق ۋە ھەممىدىن ئاۋۋال ئوھۇد قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلدۇق.
        ئوھۇد قەبرىستانلىقى  بۇ يەرگە مىلادىيە 625 - يىلى 3 - ئايدا ئوھۇد تېغىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا قۇربان بولغان يەتمىش مۇسۇلمان جەڭچىسى دەپنە قىلىنغانىكەن.
        مۇسۇلمان تارىخچىلىرىنىڭ يازغانلىرىدىن قارىغاندا، مەككە مۇشىرىكلىرى بەدرە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەبۇ سۇفيان 3 مىڭ  مۇشىرىكقا باشچىلىق قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مەدىنە مۇسۇلمانلىرىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە، ھىجىرىيە 3 - يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 10 - كۈنى (مىلادىيە 625 - يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى) مەدىنىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن ئاللىبۇرۇن خەۋەر تاپقان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۈشمەننىڭ سۇيىقەستىنى بىت - چىت قىلىش ئۈچۈن ئەبۇ بەكرى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بىلەن بىللە 1000 مۇسۇلمان جەڭچىسىنى باشلاپ، ئوھۇد تېغىدا بۆكتۈرمىدە ياتىدىكەن. بىراق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، بۆكتۈرمىدە ياتقان  مۇسۇلمان ئوقچىلىرى قوماندانلىققا بويسۇنماي، ئىستىھكامدىن ئۆز ئىختىيارىچە ئايرىلغانلىقتىن، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، زور تالاپەت بېرىدىكەن.
        ئوھۇد ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلار سېپىدىن يەتمىش جەڭچى قۇربان بولۇپ كېتىدىكەن. قۇربان بولغانلارنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمزە دېگەن تاغىسىمۇ بار ئىكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئۇرۇشتا يارىلىنىپ، ئىككى تال چىشىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن.
        ئىسلامىيەت تارىخىدا ئوھۇد ئۇرۇشى مۇسۇلمانلار مەغلۇپ بولۇپ، زور تالاپەتكە ئۇچرىغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش بولۇپ، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەمەلىي قانلىق پاكىتلار بىلەن مۇسۇلمانلارغا: «ئىتتىپاق بولۇش، جاسارەتلىك بولۇش، قوماندانلىققا قەتئىي بويسۇنۇش» قاتارلىق تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ بېرىدىكەن ۋە بۇ يەتمىش شېھىتنى ئوھۇد جىلغىسىغا دەپنە قىلىشنى بۇيرۇيدىكەن.
        مەسچىت  قىبلەتەينى  «مەسچىت  قىبلەتەينى» ئىسلامىيەت تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەشھۇر جايلارنىڭ بىرى. چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سەجدىگاھىنىڭ پەلەستىندىكى ئېرۇسالىمدىن مەككىدىكى بەيتۇل ھەرەمگە ئۆزگەرتىلىشىدەك زور تارىخىي ۋەقەنىڭ شاھىدىدۇر. مۇسۇلمان تارىخچىلىرىنىڭ  مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى ۋاقتىدا بەيتۇللاغا قاراپ ناماز ئوقۇيدىكەن، مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن، مۇھاجىر، ئەنسارلارنى باشلاپ سەجدە قىلىدىغان قىبلىنى شىمالغا جايلاشقان ئېرۇسالىمدىكى قۇددۇس شەرىفكە ئۆزگەرتىپتۇ. ئېرۇسالىم  ئىسلامىيەت رىۋايەتلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇراققا مېنىپ مئىراجغا چىققان يەر ئىكەن. شۇڭا، مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە ئېرۇسالىمدىكى قۇددۇس شەرىف مەدىنىدىكى ھەرەم شەرىف بىلەن مەككىدىكى بەيتۇل ھەرەمدەكلا مۇقەددەس دەپ قارىلاتتىكەن.
        ھىجرىيە 2 - يىلى شەئىبان ئېيىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى (مىلادىيە 624 - يىلى 11 - ئاي)، پەمغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇ مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىللە ناماز ئوقۇۋاتقاندا، تۆت رەكئەت نامازنىڭ ئۈچىنچى رەكئىتىدە «ئاللا ئۇنىڭغا قىبلىنىڭ كەئبە تەرەپكە قاراپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ۋەھىي قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدا تۇرۇپلا قىبلىنى ئۆزگەرتىپ كەئبە تەرەپكە يۈزلەندى، ئارقىسىدىكى ناماز ئوقۇۋاتقانلارمۇ ئەگىشىپ كەئبە تەرەپكە قاراپ يۈزلەندى...»مۇھەممەد خۇزەرى: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983 - يىل 1 -ئاي 1 - نەشرى. 158 - بەت.شۇڭا، تارىختا بۇ مەسچىتتە ئېرۇسالىم جايلاشقان شىمال بىلەن كەئبە جايلاشقان جەنۇب تەرەپتە بىردىن ئىككى مېھراپ بولغانلىقتىن «مەسچىت  قىبلەتەينى» (ئىككى قىبلىلىق مەسچىت) دەپ ئاتالغانىكەن.
    مەسچىتى  قۇبا  «مەسچىتى  قۇبا» مەدىنە بويىچە تۇنجى مەسچىت  بولۇپلا قالماستىن، ئىسلامىيەتتىمۇ تۇنجى قېتىم بەرپا قىلىنغان مەسچىت  ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ مەدىنە شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان قۇبا دېگەن قەدىمكى بىر بازارغا جايلاشقانلىقتىن، «مەسچىتى  قۇبا» دەپ ئاتالغانىكەن. بۇ بازارنىڭ ئورنىدا قەدىمدە «قۇبا» دېگەن بىر قۇدۇق بولغانلىقتىن، بۇ بازارمۇ ئاشۇ قۇدۇقنىڭ نامى بىلەن «قۇبا» دەپ ئاتالغانىكەن.
        «مەسچىتى  قۇبا» قېلىن خورمىزارلىق ئارىسىغا جايلاشقان ھاۋالىق، كاتتا ۋە ھەيۋەتلىك بىر مەسچىت  ئىكەن. بۇ مەسچىتتە ئون مىڭ ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدىكەن. مەسچىتنىڭ ئىچى ئېگىز، يورۇق، ئازادە بولۇپ، ئاستىغا بىر كىشىلىك جايناماز شەكىلدە توقۇلغان گۈزەل پارس گىلەملىرى سېلىنغانىكەن.
    تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ھىجىرىيە تۇنجى يىلى رەبيەل ئاۋۋالنىڭ 8 - كۈنى (مىلادىيە 622 - يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە، قۇبادىكى بەنى ئەمرى ئىبنى ئەۋف جەمەتىنىڭكىگە چۈشكەنىكەن. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇبادا بىرقانچە كۈن تۇرۇپ، بۇ يەردە بىر مەسچىت  سالدۇرغانىكەن».
        پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە تۇرغان مەزگىلدە، ھەر شەنبە كۈنى قۇباغا چىقىپ، بىر ۋاخ ناماز ئوقۇپ كېلىدىكەن ۋە كىشىلەرنىمۇ مەسچىتى  قۇباغا كېلىپ بىر ۋاخ ناماز ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلغانىكەن. شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قالغان بىر ھەدىستە: «مەسچىتى  قۇبادا بىر ۋاخ ناماز ئوقۇسا، بىر قېتىم ئۆمرە ھەج قىلغان بىلەن باراۋەردۇر» دېيىلگەن.
    جەننەتۇل بەقىيئو  ئۇ مەدىنىدىكى مەشھۇر چوڭ قەبرىستانلىقنىڭ نامى بولۇپ، ھەرەم شەرىفنىڭ شەرقىدىكى كوچا بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىكەن. ئەينى يىللاردا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قەبرىستانلىقنى يوقلاپ تۇرۇشنى ناھايىتى شەرەپ بىلەتتىكەن. ھەتتا كېچىلىرىمۇ كۆپ قېتىم بۇ قەبرىستانلىققا چىقىپ دۇئا قىلار ئىكەن.

    گۈزەل شەھەر  مەدىنە

    مەدىنىدە بۈگۈن ھاۋا سەل تۇتۇق ئىدى. ئەتىگەندە ياغقان ئازراق يامغۇر بىلەن ھاۋا بىر ئاز بولسىمۇ سالقىنلىدى. تۈنۈگۈن ئالدىن كېلىشىۋالغىنىمىز بويىچە، سائەت سەككىزدە سالىھ ھاجى مەدىنە شەھىرىنى كۆرسەتمەكچى بولۇپ، بىزنى كوچىغا باشلاپ چىقتى.
    مەدىنە  ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھىجاز ۋادىسىغا جايلاشقان، ئاھالىسى 200 مىڭدىن ئاشىدىغان زامانىۋى ئوتتۇرا ھال شەھەر ئىكەن. ئۇ قەدىمدىن تارتىپ ھىجازدىكى مۇھىم بىر قاتناش - سودا تۈگۈنى بولغاچقا، ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانى بويىچە ئەڭ چوڭ سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپتۇ. 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن باشلاپ، مەدىنىدە چوڭ - كىچىك سودا ماگىزىنلىرى، بانكا - سەرەپخانىلار، ئاھالىگە خىزمەت قىلىدىغان تۈرلۈك شەھەر مۇئەسسەسەلىرى ۋە ئاھالە ئولتۇراق بىنالىرى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، تېز تەرەققىي قىلىپتۇ. سەئۇدى ھۆكۈمىتى 1961 - يىلى بۇ شەھەردە ئەرەبىستان بويىچە ئاتاقلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان مەدىنە ئۇنىۋېرسىتېتىنى بەرپا قىلىپتۇ. جەنۇبتىكى مەككە بىلەن غەربتىكى جىددىگە تۇتىشىدىغان ھاۋا - قۇرۇقلۇق يوللىرى ياسىلىپتۇ.
        بىز ماگىزىنلارنى ئارىلاپ، مەدىنە مەھكىمە شەرئىنىڭ يېنىدىكى  ئېلېكتر بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان چوڭ بىر ماگىزىنغا كىردۇق. بۇ ماگىزىندا جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورىيىدە ئىشلەنگەن سۈپەتلىك ئېلېكتر بۇيۇملىرى سېتىلىدىكەن، سودىسىمۇ ناھايىتى بەلەن بولۇۋېتىپتۇ. ماگىزىن خوجايىنى بۇ چاغدا مىسىردىن كەلگەن بىر خېرىدارغا كىچىك بىر سىنئالغۇنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارىنى چۈشەندۈرۈۋېتىپتىكەن. مەن مال جازىسىدا تىزىقلىق تۇرغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ  رادىئونى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ، پرىكازچىكقا «ئۇنى ئېلىڭ!» دەپ ئىشارەت قىلدىم. مەن بۇ رادىئونى كۆرۈۋېتىپ ئارقىسىدىكى: «جۇڭگودا ئىشلەنگەن» دېگەن ئىنگلىزچە خەتنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز «دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن رادىئو ئىكەن!» دەپ سالدىم. مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىگىنىمنى ئاڭلىغان ھېلىقى ماگىزىن خوجايىنى دەرھال قېشىمغا كەلدى ۋە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا: «شۇنداق، بۇ رادىئو جۇڭگودا ئىشلەنگەن، سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى!» دېدى، ئاندىن مېنىڭدىن: «سىز قەشقەرىمۇ؟» دەپ سورىدى.
    سەئۇدى ئەرەبىستانىلىقلارنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنى «قەشقەرى» دەپ ئاتايدىغانلىقىدىن خەۋىرىم بار ئىدى. شۇڭا، مەنمۇ دەرھال: «ھەئە، مەن قەشقەرى، سىزچۇ، سىز ئەرەبمۇ؟ ئۇيغۇرچىنى ئەجەب ئوبدان سۆزلەيدىكەنسىز؟» دەپ قايتۇرۇپ سورىدىم.
        - ھەئە، مەن ئەرەب، ئىسمىم ئابدۇللا سەئۇدى، دېدى ئۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن، سودا ئىشى بىلەن دۆلىتىڭلاردىكى گۇاڭجۇ، شاڭخەي، تيەنجىنلەرگە كۆپ بارغانمەن. ئۈرۈمچى، غۇلجا ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرگىمۇ كۆپ بارغانمەن. زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن قەشقەرىيە تىلىنى شۇ چاغلاردا ئۆگىنىۋالغانمەن!
    مېنىڭ ماگىزىن خوجايىنى  بىلەن قىزغىن سۆھبەتكە چۈشۈپ كەتكەنلىكىمنى كۆرگەن سالىھ ھاجى ئۈرۈمچىلىك تۆت خۇيزۇ ئايالنى باشلاپ ماگىزىن ئايلىنىش ئۈچۈن كەتتى.
        مەن مەدىنىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان كۈنلەردە، ئەرەبلەرنىڭ ئىنگلىز تىلىنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئەرەب تىلىدەكلا ياخشى سۆزلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران بولغانىدىم.
        بىر كۈنى، تالادىكى ئىسسىقتىن قېچىپ، ھەرەم شەرىفنىڭ ئىچىدە سالقىندىغاچ كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتىم، ياش بىر ئادەم يېنىمغا كەلدى - دە، «سىز ئىنگلىزمۇ؟» دېگەن مەنىدە مېنىڭدىن ئىنگلىزچە گەپ سورىدى. مەن «NO!» دەپ، بېشىمنى چايقىدىم. ئۇ ئاندىن ماڭا ئەرەبچە گەپ قىلىۋېدى، مەن ئۇنىڭ سۆزىدىكى «سەدىقە» دېگەن ئەرەبچە سۆزدىن مېنىڭدىن سەدىقە سوراۋاتقانلىقىنى پەملىدىم. مەن ھەرەم شەرىف ئىچىدە سەدىقە بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. شۇڭا، ئۇنىڭدىن: «سەن نەلىك؟» دەپ ئىما - ئىشارەت ئارقىلىق سورىدىم. ئۇ: «مەن كەشمىرلىك» دەپ ئىنگلىزچە جاۋاب بەردى.
       ئەقەللىيسى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدىن ئىككى ھەرەمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەن ھەقىر - پەقىر ئادەملەرمۇ ئەرەب تىلىدا ياكى ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىكەن. ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ ياۋىسى بولغان بەدەۋىيلەرمۇ باشقىلار بىلەن ئىنگلىز تىلىدا شۇنداق راۋان سۆزلىشەلەيدىكەن. مەن بۇنىڭدىن سىرنىڭ نېمىلىكىنى يېشەلمەي كېلىۋاتقانىدىم. بۈگۈنكى بۇ تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئابدۇللا سەئۇدى دېگەن ئەرەب سودىگىرى بىلەن ئۆزۈمنىڭ  ئانا تىلىمدا سۆزلىشىپ، بۇ سىرنى يەشمەكچى بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلغان ئۇزۇن سۆھبەت بۇ تېمىنى دەۋر قىلغان ھالدا قانات يېيىشقا باشلىدى.

       ئابدۇللا سەئۇدى يېشى ئەللىكتىن ئاشقان، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە ئوقۇمۇشلۇق ئەرەب ئىكەن.
     سىلەر ئەرەبلەر ئىنگلىزچىنى ئوبدان سۆزلەيدىكەنسىلەر، دېدىم مەن ئۇنىڭغا، ئۆزۈم قىزىقىدىغان بۇ ئىشنىڭ سىرىنى يەشمەكچى بولۇپ، سىلەر ئىنگلىزچىنى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆگەنگەنمۇ؟
     نەدىكىنى دەيسىز، دېدى ئۇ جاۋابەن، پۈتۈنلەي ئۆزىمىز ئۆگەنگەن. رەھىمسىز رېئاللىق بىزنى ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇر قىلدى.
        - رەھىمسىز رېئاللىق دەمسىز؟ دەپ سورىدىم ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشەنمەي، رەھىمسىز رېئاللىق، دەپ سىز نېمىنى كۆزدە تۇتماقچى؟
      - ياشاش مۇھىتى، تىرىكچىلىك ۋەسۋەسىسى بولمامدۇ، دېدى ئۇ كۈلۈپ كېتىپ، ياشاش مۇھىتى، تىرىكچىلىك ۋەسۋەسىسى بىزنى ئىنگىلىزچىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر قىلدى. بولۇپمۇ، 1948 - يىلى پارتلىغان بىرىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ئەرەبلەر ئىنگلىزلار قوللىغان ئىسرائىلىيىلىكلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، غەربلىكلەر ئەرەب زېمىنىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. بىز ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا، ئۇلار بىلەن سودا قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق. پۇل تېپىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ چۆنتىكىدىكى پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلىنى  ئىنگلىز تىلىنى بىلمەي زادى  مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇق. ئىنگلىزلارنىڭ ئەرەب زېمىنىغا سىڭىپ كىرىشى يامان ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاللا بىزگە ئاتا قىلغان بىر قېتىملىق پۇرسەت، ياخشى سودا پۇرسىتى ئىدى. شۇڭا، ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىش بارلىق ئەرەبلەر ئۈچۈن بىر خىل مودا ئىشقا ئايلاندى، بايلىق يامان ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئىنگلىزلاردا پۇل كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىنگلىزلارنى پەقەت پۇل ئارقىلىقلا مەغلۇپ قىلىش مۇمكىن.

    مەن ئابدۇللا سەئۇدىنىڭ بۇ سۆزىگە قايىل بولدۇم ۋە:
        - شۇنداق، ھازىرقى زامان دۇنياسى رىقابەت دۇنياسىدۇر، دېدىم ئۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، بىراق، بۇ رىقابەت بوران - چاپقۇنلار بىلەن تولغاندۇر. ھەرقانداق بىر ئادەم، ھەرقانداق بىر مىللەت، ھەرقانداق بىر خەلق بوران - چاپقۇنلۇق كەسكىن رىقابەت ئىچىدە دۇنيادىكى باشقا تەرەققىي تاپقان مىللەتلەر قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشنى خالايدىغان بولسا، چوقۇم بېشىنى تىك تۇتۇپ، بۇ رىقابەتنى كۈتۈۋېلىشى لازىم. دۇنيا بىزنى بىلىشى، بىز دۇنيانى تېخىمۇ بىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن خۇددى سىز ئېيتقاندەك ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەنمەي زادىلا مۇمكىن ئەمەس...
        - ناھايىتى توغرا ئېيتتىڭىز، دېدى ئۇ مېنىڭ سۆزۈمنى ماقۇللاپ، دۆلىتىڭلار WTO غا كىرىش ئالدىدا تۇرىدۇ (شۇ مەزگىلدە دۆلىتىمىز تېخى خەلقئارا سودا كېلىشىمى تەشكىلاتىغا ئەزا ئەمەس ئىدى). بۇ  ئاللا سىلەر ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن ياخشى بىر پۇرسەت، دۇنيا ناھايىتى زور رىقابەت دېڭىزىدۇر. كىشىلەر مۇشۇ قاينام - تاشقىنلىق رىقابەت دېڭىزىدا خىرامان ئۈزەلەمدۇ ياكى رىقابەت دېڭىزىنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرىغا غەرق بولۇپ كېتەمدۇ؟ بۇ ھەر بىر كىشى ئوبدان ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم مەسىلە...
    (داۋامى كېيىنكى ساندا)

    خەيرخوش، مەدىنە

    تۈنۈگۈندىن باشلاپ مەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىردىنلا تۆۋەنلەشكە باشلىدى. بۈگۈن ئەتىگەن مەن ھەرەم شەرىفتىن چىققاندا ئازراق مۇزلىغاندەك بولدۇم. شۇڭا، ئۈستۈمگە يەنە بىر قەۋەت كىيىم كىيىۋالدىم. بۈگۈن مەن ھەرەم شەرىفنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم زىيارەت قىلدىم.
        ھەرەم شەرىفتىن قايتىپ ياتاققا كەلسەم، ئۈرۈمچىلىك ھېلىقى تۆت خۇيزۇ ھەدىلەر تېخى قايتمىغانىكەن (ئۇلار قۇربان ھېيت بولغانغا قەدەر مەدىنىدە تۇرماقچى ئىدى). مەن نائىلاج ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ ماڭغانلىقىمنى ئەسكەرتىپ باغاقچە يېزىپ قالدۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، نەرسە - كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ بولۇشۇمغا سائەت توققۇز بولدى، مەن مېھمانخانا ئالدىدا توختىتىلىپ قويۇلغان «بېنز» ماركىلىق 90 كىشىلىك ئاپتوبۇسقا چىقىپ تۇرۇشۇمغا، ئاپتوبۇس ئورنىدىن قوزغىلىپ مەدىنىدىن مەككىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. مەن ئۇنتۇلماس سەككىز كۈن ۋە سەككىز تۈننى ئۆتكۈزگەن، مېنىڭدە ئىنتايىن چوڭقۇر ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئەل رەسۇل شەھىرى  گۈزەل مەدىنىدىن كۆز قىيالمىغان ھالدا ئايرىلدىم.

        بىز ئولتۇرغان ئاپتوبۇس جەنۇبقا قاراپ يېرىم سائەتتەك ماڭغاندىن كېيىن، مەككىگە بارىدىغان يول ئېغىزىدىكى «ئەبيار ئەلى» (ئەلى قۇدۇقى) دېگەن يەرگە كېلىپ توختىدى. بۇ يەر ھازىر زۇلھەلىفە، دېيىلىدىكەن. ئۇ مەدىنىدىن مەككىگە بارىدىغانلار ئېھرام باغلايدىغان  چېگرا بولۇپ، مەدىنىنىڭ غەربىي  جەنۇبىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان قەدىمكى بىر ئۆتەڭ ئىكەن. بۇ يەردە ھەج قىلىدىغانلارغا لازىمەتلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېتىلىدىغان كىچىك بازار بار ئىكەن.
    ئەرلەر باغلايدىغان ئېھراملىق ئىككى مېتىر يىگىرمە بەش سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، بىر مېتىر يىگىرمە بەش سانتىمېتىر  كەڭلىكتىكى ئىككى پارچە توقۇلما لۆڭگە رەخت بولۇپ، بىر پارچىسى ھېچقانداق كىيىم كىيىلمىگەن يالىڭاچ ھالەتتىكى بەدەننىڭ ئۈستىگە مۈرىدىن باشلاپ ئورىلىدىكەن. يەنە بىر پارچىسى بەلنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تاكى بەدەننىڭ ئاستىدىكى ئىككى پۇتنىڭ ئوشۇقىغىچە  ئورىلىدىكەن. ئېھرام باغلاشتىن ئاۋۋال تىرناق ئېلىش، چاچ - ساقالنى ئالدۇرۇش ۋە باشقا تەييارلىق ئىشلىرىنى ئالدىن ئوبدان قىلىۋېلىش زۆرۈر ئىكەن. ئاندىن  بەدەن تازىلىقى قىلىش ئۈچۈن غۇسۇل  تاھارەت ئېلىپ، ئېھرام باغلاش ئۈچۈن نىيەت قىلىش كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئالدىن تەييارلانغان ئېھراملىقنىڭ بىر پارچىسىنى بەلدىن تاكى ئىككى پۇتنىڭ  ئوشۇقىغىچە ئورىغاندىن كېيىن، كېيىنكى تاۋاپ پائالىيىتىدە ئالىمادىس يېشىلىپ كەتمەسلىكى ياكى كەئبە ئالدىدا سەجدە قىلغاندا ئېچىلىپ كېتىپ، بەدەننىڭ ئاستى قىسمى  كۆرۈنۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئېھرامنىڭ بەل قىسمىنى ۋە چەكلىرىنى مېتال ئىلغۇچ بىلەن چىڭ بېكىتىپ قويۇش كېرەك ئىكەن. بەلنىڭ ئاستى قىسمىغا ئېھراملىق ئورالغاندا، ئىككى چاتنى كەڭ كېرىپ تۇرۇپ ئوراش لازىم ئىكەن. بولمىسا، ئېھراملىق تار ئورىلىپ قېلىپ، كەئىبىنى ئايلىنىپ تاۋاپ قىلغاندا ۋە مەرۋى - سەفا ئوتتۇرىسىدا سەئىيە قىلىش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ ماڭغاندا، ئېھراملىق تارتىشىپ قېلىپ، ھەرىكەت قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدىكەن.
        ئېھراملىقنىڭ يەنە بىر پارچىسىنى بەدەننىڭ ئۈستىگە ئورىغاندا، ئوڭ قولىنى يالىڭاچ قالدۇرۇپ، سول مۈرىنىڭ ئۈستىدىن باشلاپ ئوراش  لازىم ئىكەن ۋە كېيىنكى تاۋاپ پائالىيەتلىرىدە ئالىمادىس يېشىلىپ كېتىپ، بەدەننىڭ ئۈستى قىسمى ئېچىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بەدەننىڭ ئۈستى قىسمىغا ئورالغان ئېھراملىقنىڭ چاك - جىيەكلىرىنىمۇ مېتال ئىلغۇچ بىلەن ئىلىپ چىڭ بېكىتىپ قويۇش كېرەك ئىكەن. خوتۇن - قىزلارنىڭ ئېھراملىقىغا ئۆزلىرىنىڭ كىيىمى ھېساب بولىدىكەن. كىيىمىنىڭ رەڭگى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت رەتلىك، يىرتىلمىغان ۋە پاكىز بولسىلا بولىۋېرىدىكەن.
        بىز زۇلھەلىفەدە ئېھرام باغلىغاندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېكىتكەن سۈننەت - پەرز بويىچە  مەسچىتى  مىقاتتا ئىككى رەكىئەت ناماز ئوقۇدۇق.
    مېنىڭ قولۇمدىكى ۋىيزا رامىزان مەزگىلىدىكى ساياھەت ۋىيزىسى بولغانلىقتىن، مەن پەقەت ھەج تەمەتتۇ  «بەھرىمەن ھەج» قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىكەنمەن.
       «بەھرىمەن ھەج»  مەككە مۇكەررەمدىكى بەيتۇل ھەرەمدە كەئبىنى يەتتە قېتىم ئايلىنىپ تاۋاپ قىلىش، زەمزەم سۈيى ئىچىش، سەفا - مەرۋى تېغى ئارىلىقىدا يەتتە قېتىم سەئىيە قىلىش، ئاندىن چاچ كېسىپ ئېھرامدىن چىقىش قاتارلىق بىر قاتار تاۋاپ پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
    بىز «مەسچىت  مىقات»تا ئېھرام باغلاپ، زۇلھەلىفەدىن مەككىگە قاراپ يولغا چىققاندا، سائەت ئون يېرىم بولغانىدى. دېمەك، ئېھرام باغلاشقا ساقمۇ - ساق بىر سائەت ۋاقىت كېتىپتۇ.
       يولدا  سەئۇدى ھەربىي - ساقچىلىرى بىز ئولتۇرغان «بېنز» ماركىلىق ئاپتوبۇسنى ئىككى - ئۈچ  قېتىم توختىتىپ تەكشۈردى. ھەر قېتىم توختىغاندا، سەئۇدى ساقچىلىرى ماشىنىغا چىقىپ مېنىڭ بىلەن يەنە بىر زانگىبارلىق نېگىر ئىككىمىزنىڭلا پاسپورتىنى ناھايىتى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرەتتى. بىراق بۇ تەكشۈرۈش ماڭا ياكى ھېلىقى نېگىرغىلا قارىتىلغان مەخسۇس تەكشۈرۈش بولماستىن، بەلكى سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ مەككە مۇكەررەمگە پاسپورتسىز كىرىدىغانلارنى قاتتىق تىزگىنلەش ئۈچۈن قوللانغان زۆرۈر تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى يۈزىسىدىن بولۇۋاتقان بىر ئىش بولغاچقا، مەنمۇ، ھېلىقى زانگىبارلىق نېگىرمۇ سەئۇدى ھەربىي - ساقچىلىرىنىڭ قايتا - قايتا تەكشۈرۈشىگە قىلچىمۇ تېرىكمەستىن ئاكتىپ ماسلاشتۇق. شۇڭا ساقچى بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا چۈشەنمەسلىكتىن يۈز بېرىدىغان كۆڭۈلسىزلىكلەر سادىر  بولمىدى. پېشىن نامىزى بىلەن دىگەر نامىزىنى يولدا ئوقۇپ ماڭدۇق. چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت يېرىمدا  بىز ئۇزۇندىن بېرى بىر بېرىپ تاۋاپ قىلىشنى زارىقىپ كۈتكەن تىنچلىق شەھىرى مەككە مۇكەررەمگە ئاخىر يېتىپ كەلدۇق!...

        مەدىنىدىن يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، مەن مەككە XX ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى ئادىل قۇربان قەشقەرىگە: «بۈگۈن كەچقۇرۇن مەككىگە يېتىپ بارىمەن» دەپ تېلېفون قىلىۋەتكەنىدىم. بىز مەككىگە يېتىپ كەلگەندە، ئۇ تېلېفوندا ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئادرېس بويىچە شوپۇر مېنى مەككىدىكى مىسفېل كوچىسىنىڭ دوقمۇشىغا ئەكېلىپ قويدى. بۇ چاغدا، ئادىل قۇربان قەشقەرى ئۆزىنىڭ ئابدۇللا، ئۆمەر دېگەن ئىككى ئوغلى بىلەن بىللە شۇ يەردە مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن. ئالدىنقى يىلى  ئۇ ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە كەلگەندە، مەن ئۇنىڭ بىلەن تاسادىپىي پۇرسەتتە تونۇشۇپ قالغانىدىم.
        ئادىل قۇربان قەشقەرىنىڭ ئىككى ئوغلى مېنىڭ يۈك - تاقلىرىمنى ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈپ دادىسىنىڭ كىچىك ماشىنىسىغا باستى. ماشىنىنى ئادىل قۇربان قەشقەرىنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇللا ھەيدىدى. ماشىنا ئون مىنۇت ماڭغاندىن كېيىن بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق. بۇ چاغدا سائىتىمگە قارىسام، ئىپتارغا يەنە بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت بار ئىكەن.
        ئادىل قۇربان قەشقەرى مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى چۈشەندى بولغاي، ئۇمۇ سائىتىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
     مۆھتەرەم ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى، بىز سىلىنى بەيتۇل ھەرەمگە باشلاپ بارايلى. سىلە تاۋاپ پەرزىنى ئادا قىلىۋەتسىلە. ئۆزلىرى ئىلمىي ئادەم، ئېھرام بىلەن يۈرسىلە  بىئەپ بولۇپ قالىدۇ، دېدى.
        بىز ھايالشىمايلا كىچىك ماشىنا بىلەن بەيتۇل ھەرەمگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. بىز ئولتۇرغان كىچىك ماشىنا ئېگىز بىر تاغنىڭ ئاستىدىكى تونىلدىن ئۆتۈشىگە، ھەشەمەتلىك بەيتۇل ھەرەم كۆز ئالدىمىزدا ئايان بولدى. ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا بىز ماشىنىدىن چۈشتۇق. ئادىل قۇربان قەشقەرى ئىككى ئوغلىغا: «مۆھتەرەم ئەپەندى تاغاڭلار بەيتۇللا ھەرەمگە كېلىپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ تىل ئۇقمايدۇ. بۈگۈن ھەرەمدە  تاۋاپ قىلىدىغانلار كۆپ ئىكەن. مەن مۆھتەرەم تاغاڭلارنى باشلاپ تاۋاپ پەرزىنى ئادا قىلدۇرۇپ چىقاي. ئۇنىڭغىچىلىك شام نامىزىنى ئۆتەپ، بىزنى مۇشۇ يەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلار!» دەپ جېكىلىدى.
    مەن ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدا تاۋاپ پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بەيتۇل ھەرەمگە ماڭدىم.
        ھەيۋەتلىك بەيتۇل ھەرەمنىڭ تۆت ئەتراپى باشتىن - ئاياغ كۆكۈش مەر مەر تاش بىلەن قوپۇرۇلغان، تولىمۇ ئېگىز ئىككى قەۋەت تام بىلەن ئورالغانىدى. ئادىل قۇربان قەشقەرىنىڭ ماڭا سۆزلەپ بېرىشىچە، بۇ مەرمەر تاش تامنىڭ ئېگىزلىكى 21 مېتىر كېلىدىكەن. بەيتۇل ھەرەمنىڭ 64 يەردە چوڭ - كىچىك ئىشىكى بار بولۇپ، بىز كىرىپ كېتىۋاتقان ئىشىك «ئابدۇلئەزىز ئىشىكى» دەپ ئاتىلىدىكەن. ئىشىكنىڭ ئۈستىدىكى ئېگىز ئۈچ مۇنار ۋە سەفا تېغى تەرەپتىكى مۇنارلار  بىلەن قالغان تەرەپتىكى مۇنارلارنىڭ ئېگىزلىكى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 90 مېتىر كېلىدىكەن. ھازىر زاۋال ۋاقتى بولۇپ قالغاچقا، بۇ مۇنارلار ئەتراپتىكى پروژىكتورلارنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا ئاپئاق چاقناپ، قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. شۇ دەقىقىلەردە ماڭا ئوخشاش  ئاق رەختتىن ئېھرام باغلىغان كىشىلەر بىر خىل مۇقەددەس ئېتىقاد كۈچىنىڭ تۈرتكىسىدە بەيتۇل ھەرەمنىڭ ئىچىگە خۇددى سەلدەك ئېقىپ كىرىۋاتاتتى. ئادىل قۇربان قەشقەرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەنمۇ ئاشۇ  ئاپئاق ئادەم ئېقىمىغا قوشۇلۇپ بەيتۇللانىڭ ئىچىگە قاراپ سىلجىدىم.

    مەككە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئىسلامىيەت ۋە بەيتۇللانىڭ قىسقىچە تارىخى ھەم ئۇلار توغرىسىدىكى ئاجايىپ رىۋايەتلەر

        ئادىل قۇربان قەشقەرى مەككە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئىسلامىيەت ۋە بەيتۇللا توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىكەن. بوش ۋاقىتلاردا ئۇ ماڭا بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.
    قەدىمكى زاماندا، ۋېزانتىيە ئىمپېراتورلۇقى (شەرقىي رىم)دىن ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى باي، مۇنبەت ئۆلكىلەرگە بارىدىغان چوڭ سودا يولى قىزىل دېڭىز ياقىسىدىكى ھىجاز ۋادىسى ئارقىلىق ئۆتەتتى. شەرقتىكى ھىندىستان، جۇڭگو، ۋە ئافرىقىدىكى ھەبەشىستان قاتارلىق باي ئەللەردىن شىمالدىكى بابىل، سۈرىيە، كىچىك ئاسىيا، ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ھەرقايسى ئەللەرگە بارىدىغان سودا يوللىرىمۇ مۇشۇ ھىجاز ۋادىسىدىن ئۆتەتتى. ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىدىكى يەمەندىن چىقىدىغان مۇشكى، ئەنبەر قاتارلىق خۇش پۇراق  ماتېرىياللار يۇنانىستاندا قىممەت باھادا سېتىلاتتى، بۇنداق ماللارنى توشۇيدىغان يوللارمۇ ھىجاز ئارقىلىق ئۆتەتتى. شۇڭا، ھىجازدىن ئۆتىدىغان  بۇ سودا يوللىرى تارىختا «ئەترىيەت يولى» دەپمۇ ئاتالغانىدى.
       «ئەترىيەت يولى»نىڭ كېسىشكەن يېرىدە پەيدىنپەي بىرنەچچە مەشھۇر سودا تۈگۈنلىرى  شەھەرلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ شەھەرلەر ئارىسىدا ھىجازنىڭ جەنۇبىدىكى ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان قاقاس تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان مەككە شەھىرى كارۋانلار توختاپ سودا قىلىدىغان مۇھىم بىر جاي سۈپىتىدە يىراق - يېقىنلاردا مەشھۇر ئىدى. ھەر يىلى باھار پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ ئۇدا تۆت ئاي داۋام قىلىدىغان «ئوكاز يەرمەنكىسى» ۋاقتىدا، مەككە شەھىرى ئەتراپتىكى ئەللەردىن بۇ يەرگە سودا - سېتىق قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەر بىلەن تولۇپ كېتەتتى. قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ ئادەت قانۇنى بويىچە «ئوكاز يەرمەنكىسى» بولۇۋاتقان بۇ تۆت ئاي «ئوغرىلىق، ئۇرۇش، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق ھارام قىلىنغان» «ئەزىز ئايلار» يەنى «ھەرام ئايلىرى» دەپ ئېلان قىلىنغانىدى.
       ئوكاز يەرمەنكىسىدە كىشىلەر ئۆزئارا سودا - سېتىق قىلىشقاندىن سىرت، شائىر، خاتىپ (ناتىق)، مەدداھلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلايتتى. قىماردا دو چىقىشىپ، ئۆز بەخت - تەلىيىنى سىنىشاتتى.
    مەككە ئەتراپىدا سۇ بولمىغاچقا، تېرىلغۇ يەر، ئوتلاق، مېۋىلىك باغ يوق ئىدى. شۇڭا، سودا - سېتىق شەھەر ئاھالىسىنىڭ مۇھىم كەسپىگە ئايلانغانىدى. سودا كارۋانلىرىنى قارشى ئېلىش، ئۇلارنى يولغا سېلىشقا شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى قاتنىشاتتى. ئۇلار تاقەتسىزلىك بىلەن كارۋان كۈتەتتى، بىر - بىرىگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشەتتى. كارۋان بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىسا، پۈتۈن شەھەردىكى ئەر - ئايالنىڭ ھەممىسى قوراللىنىپ ياردەمگە چىقاتتى. ئاياللار ئۇرۇشتا باتۇرلارچە يار - يۆلەكتە بولۇشاتتى.

        مەككىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى قۇرەيىش قەبىلىسىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تادان غېنىلەر، تەمەگەر سودىگەرلەر، ئاچكۆز سۈتخورلار تۇراتتى. قۇرەيىشلەرنىڭ ئاقساقاللىرى كىشىلەرنى سودىغا قىزىقتۇرۇپ، سۈتخورلۇق قىلاتتى، ئۇلار بۇنداق ئاسارەت زەنجىرى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە قارام قۇل قىلىۋالغانىدى.
       شۇ چاغلاردا مەككە بايلىرى نۇرغۇن ئات - تۆگىلەرنى ۋە نۇرغۇن بايلىقىنى تىزگىنلىۋالغانىدى، ئۇلار قوللىرىدىكى بايلىقتىن پايدىلىنىپ قۇلپۇرۇشلۇقمۇ قىلىشاتتى. قەرزلىرىنى ئۈزەلمەي، پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىدىن مەھرۇم بولغان ئۇششاق تىجارەتچى، ھۈنەرۋەن - كاسىپ، شەھەر كەمبەغەللىرى مەككە بايلىرىنىڭ تۈرلۈك زوراۋانلىقلىرىدىن تولىمۇ نارازى ئىدى. مەككە شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تائىف شەھىرىنىڭ ئاھالىسى مەككە بايلىرىنى ھەر خىل كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغان قارانچۇق مەدىكارلارغا ئايلىنىپ قالغانىدى. مۈلكىي تەڭسىزلىك كۆپەيگەنلىكتىن، ھەرقايسى تەبىقىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىشكە باشلىدى.

       مەككە شەھىرىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا تۆت تېمى جىگەر رەڭ قارا تاشتىن قوپۇرۇلغان، تۆت بۇرجەكلىك «كەئبە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مۇقەددەس تاۋاپگاھ بار ئىدى. ئۇ ئەسلىدە مەككىدىكى ئاساسلىق قەبىلە  قۇرەيىشلەرنىڭ ئىبادەتخانىسى ئىدى. كېيىنكى چاغلاردا باشقا ئەرەب قەبىلىلىرىمۇ ئۇنى تاۋاپ قىلىدىغان بولغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى چوقۇنىدىغان بۇت - سەنەملىرىنى «ئوكاز يەرمەنكىسى» مەزگىلىدە مەككىگە توشۇپ يۈرمەسلىك ئۈچۈن، ئاشۇ كەئبە ئىچىگە قويۇپ قويىدىغان بولدى. كەئبە ئىچىگە قويۇلغان بۇت - سەنەملەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ يىللىرى 360 قا يېتەتتى.
        قەدىمكى مەككە شەھىرى ھىجازنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي مەركىزى بولغاندىن باشقا، يەنە «ئوكاز يەرمەنكىسى» مەزگىلىدە ھەرقايسى ئەرەب قەبىلىلىرى تاۋاپ قىلىدىغان دىنى مەركەزلىك رولىنىمۇ ئاتقۇرۇشقا باشلىدى.
        ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىلادى 571 - يىلى (توشقان يىلى) 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ھازىرقى مەككە شەھىرىدىكى ئەبۇ قۇبەيس تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان سۇقرائىل كوچىسىدىكى ئابدۇللا بىن ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ئۆيىدە دۇنياغا كەلدى.مۇھەممەد خۇزەرى: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983 - يىل 1 - ئاي 1 - نەشرى، 10 - بەت.
    «سەييارە نەبى» دېگەن كىتابتا يېزىلىشىچە، مۇھەممەد پەيغەمبەر خەتنە قىلىنغان ھالدا تۇغۇلغانىكەن. ئۇنىڭ يۈزىدە «نەبى»لىك نۇرى يېنىپ تۇرغان؛ بېشىنىڭ ئارقىسىدا «نەبى»لىك مۆھرى (پەيغەمبەرلىك ئالامىتى) بولغانىكەن.
        مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىنىك ئانىسى ھەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قولىدا تەربىيىلىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، تالادا ئويناپ يۈرسە، ئاق كىيىملىك ئىككى كىشى ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، يەرگە ياتقۇزغان، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆكرىكىنى يېرىپ يۈرىكىنىڭ شەيتان لەئىن ۋەسۋەسە سالغان قىسمىنى  بۇزۇق قېنىنى تازىلاپ ئېلىۋەتكەن. مۇھەممەد پەيغەمبەر بۇ چاغدا تۆت ياشتا بولۇپ، ئۆزى بۇنى زادى سەزمىگەن ئىمىش. ئىسلام ۋەقەشۇناسلىرى بۇنى «شەققى سەدىر» يەنى «كۆكرەكنى يېرىش» ۋەقەسى دەپ ئاتىغان.
       دۇنيادىكى ھەرقانداق دىن مۇقەررەر تارىخىي ھادىسە بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇئەييەن تارىخىي ماكان ۋە مۇئەييەن تارىخىي زاماندا مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ. مۇھەممەد پەيغەمبەر تەرىپىدىن ئاللانىڭ ۋەھىيسى ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان ئىسلام دىنىنىڭ مەيدانغا كېلىشىمۇ ھىجازدىكى كۆچمەن ئەرەب بەدەۋىلىرى ۋە  مەككە شەھەر ئاھالىسى ھاياتىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ئىقتىسادىي بوھران ۋە تۈرلۈك كەسكىن ئۆزگىرىشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

        ئىسلامىيەتنىڭ مەككىدە پەيدا بولۇشىمۇ بۇ شەھەردە يۈز بەرگەن تۈرلۈك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىدى. بۇ ھادىسىلەر مەككە شەھەر كەمبەغەللىرىنىڭ ۋە ئۇششاق سودىگەرلەرنىڭ قۇرەيىش چوڭلىرىغا نىسبەتەن تۈرلۈك قارشىلىقلىرىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى ئىدى. چۈنكى قۇرەيىش چوڭلىرىنىڭ زۇلمىدىن پەقەت ئۇششاق سودىگەرلەر زىيان تارتاتتى. كارۋان سودىسىدىن كىرىدىغان پايدىنى تەقسىم قىلغاندا، قۇرەيىش چوڭلىرى ئۇلارغا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قىسىپ قېلىپ بەرمەيتتى. سۈتخورلارمۇ ئۆزلىرى بەرگەن قەرزلەرنى قايتۇرۇۋالغاندا، ئۇلاردىن ھەسسىلەپ  پايدا ئۈندۈرۈۋالاتتى. شۇڭا، ئىسلامىيەتنىڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان كەرىم»دىكى مەككە سۈرىلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىمۇ تارازىدىن ۋە ئۆلچەمدىن ئۇرىدىغان پاسسىق بايلارنى، كاززاپ سۈتخورلارنى قارىلايدىغان مەنە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
    ھىجازدىكى شەھەر ھاياتىنىڭ، سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن مەككە ۋە تائىف سودا ئىگىلىكى، مەدىنىدىكى دېھقانچىلىق ئىگىلىكى ۋە ئەرەب بەدەۋىلىرىنىڭ چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئاساسىدا شەكىللەنگەن تۈرلۈك ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي تۈزۈملەر ئىسلام دىنىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى تۈپ سەۋەب ئىدى. شۇڭا، قەدىمكى ئىسلامىيەت بىر تەرەپتىن مەككىدىكى سودىگەرلەر تەبىقىسىنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەدىنىدىكى ناتۇرال جامائە ئىگىلىكى بىلەن ئەرەب بەدەۋىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىپتىدائىي خۇسۇسىيەتلىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈردى.
    ئەسلىدە ئەرەب بەدەۋىلىرى چوقۇنىدىغان مەجۇسىيىلىك (بۇتپەرەسلىك) ئەمدى شەھەر خەلقىنىڭ تۈرلۈك مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ كۆچمەن ئەرەب بەدەۋىلىرىمۇ يېڭى ئىدىيىگە موھتاج ئىدى. ھالبۇكى، بۇنداق يېڭى ئىدىيە زېمىن كېڭەيمىچىلىكى ئارقىلىق مەۋجۇت بوھراننى ھەل قىلالايدىغان  مەلۇم بىر خىل قائىدە - ئىنتىزامنى تۈزۈشكە ئاساس بولالايدىغان ئىدىيە بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ ھەقتە «ئەخلاقۇل مۇھسىنىن» دېگەن كىتابتا: «ئادەملەرنىڭ تەبىئىتى شەھەرگە  مۇۋاپىقتۇر. يەنى ئۇلارغا بىر - بىرى بىلەن تېپىشىپ، بىر شەھەردە ياكى بىر ماكاندا جەم بولۇپ ئولتۇرماي ئىلاج يوق. لېكىن ھەقتائاللا ئۇلارنىڭ مىجەزلىرىنى بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدىغان قىلىپ ياراتقانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەئىشەتلىرى ئىنتىزام تېپىپ، پاساد ۋە خاتالاردىن يىراق تۇرۇش  ئۈچۈن بىر قائىدە كېرەك بولىدۇ. بۇ قائىدە  شەرىئەتتۇر. ئۇنىڭ ئاساسىنى ھەق ۋە پاك تەڭرى ياراتقان بولۇپ، ئۇنى زۇھۇرغا كەلتۈرۈپ ئاشكارا قىلغۇچى پەيغەمبەر، دەپ ئاتىلىدۇ» دېيىلگەن.
    ھىجازدىكى مەككىدە  تۇغۇلۇپ، مەككىدە ياشىغان ۋە سودا ئىشلىرى بىلەن ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ باشقا جايلىرىغا بارغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەب قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدا سودا مەنپەئىتى تۈپەيلىدىن تۇغۇلىدىغان ئۆزئارا دۈشمەنلىكنى تۈگىتىش، قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن ئەرەب قەبىلىلىرىنى ئورتاق مەنپەئەت يولىدا بىرلىكتە كۈرەش قىلىدىغان  قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئەرەبلەرنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان قەبىلە - ئۇرۇقداشلىق تۈزۈلمىسىنىڭ ئورنىغا قەبىلە - ئۇرۇقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يېپيېڭى بىر خىل تۈزۈمنى  مۇسۇلمانلار جامائەسىدىن ئىبارەت يېڭى تۈزۈمنى، يەنى ئىسلامىيەتنى دەسسەتتى. بۇ يېپيېڭى ئىسلامىيەت تۈزۈمى ھېچبىر ئىستىسناسىز ھالدا پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىنى، قۇل - ھەقىرلەرنى، كۆچمەن بەدەۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلىپ چىققان يېپيېڭى ئىسلامىيەت تۈزۈمى كىشىلەرنى ئەمدى ئىلگىرىكىدەك قەبىلە - ئۇرۇققا ياكى مەرتىۋە - مۈلۈككە قاراپ ئەمەس، بەلكى دىنغا  قاراپ ئايرىيدىغان بولدى. دېمەك، ئىسلام دىنى: «ئەرەبلەرنىڭ ئويغانغان مىللىي ئېڭىنىڭ ئىپادىسى ۋە نەتىجىسى ئىدى.»«ماركس، ئىنگلىز ئەسەرلىرى»، 21 - توم، 495 - بەت.شۇڭا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسلامىيەتنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقا يەردە ئەمەس، بەلكى قاقاس ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىدىكى ھىجازدا دۇنياغا كەلگەنلىكىنى چۈشەنسەك، ئۇ ھالدا يەھۇدىي دىنىنىڭ نېمە ئۈچۈن  قاقاس سىناي يېرىم ئارىلىدا پەيدا بولغانلىقىنىڭ ۋە خرىستىئان دىنىنىڭ نېمە ئۈچۈن قاقاس پەلەستىندە پەيدا بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ چۈشەنگەن بولىمىز.
       ئادىل قۇربان قەشقەرىنىڭ ماڭا سۆزلەپ بېرىشىچە، بەيتۇل ھەرەم  ئەرەبچە: «ئۇرۇش - تالاش، جېدەل - ماجىرا قىلىش مەنئىي قىلىنغان ئورۇن» دېگەنلىك بولىدىكەن؛ كەڭ مەنىدىن  ئېلىپ ئېيتقاندا، بەيتۇل ھەرەم  مەككىنى، مەككىدىكى پۈتۈن مەسچىتى  ھەرەمنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى كۆرسەتسە؛ تار مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بەيتۇل ھەرەم مەسچىتى  ھەرەمنىڭ ئىچىدىكى سەينانىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان «كەئبە» دەپ ئاتىلىدىغان بەيتۇللانى كۆرسىتىدىكەن.
       نوپۇزلۇق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، «كەئبە»  ئەرەبچىدىكى «مۇكەئئەب» سۆزىنىڭ تۈرلەنگەن ۋارىيانتى «كۇئۇب» دېگەن سۆزدىن كەلگەنىكەن.

       كەئبە  تاملىرى جىگەر رەڭ قارا تاشتىن تەكشى قوپۇرۇلغان تۆت تەرەپ، تۆت بۇرجەكلىك ئېگىز بىر بىنا ئىكەن. بۇ تۆت بۇرجەكنىڭ غەربىي  شىمال تەرەپتىكىسى  «ئىراق بۇرجىكى»، غەربىي  جەنۇب  تەرەپتىكىسى  «سۈرىيە بۇرجىكى»، شەرقىي  جەنۇب تەرەپتىكىسى  «يەمەن بۇرجىكى» دېيىلىدىكەن. شەرقىي شىمال بۇرجىكى  «ھەجەرۇل ئەسۋەد» بۇرجىكى بولۇپ، بۇ بۇرجەكنىڭ  يەردىن بىر يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتىكى قىسمىدا كۈمۈش رامكا بىلەن چەمبەرلەنگەن بىر قارا تاش  «ھەجەرۇل ئەسۋەد»  بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغانىكەن. «ھەجەرۇل ئەسۋەد» كەئبىنى تاۋاپ قىلىشتىكى باشلىنىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىكەن. تاۋاپچىلار ھەر قېتىم كەئبىنى ئايلىنىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، «ھەجەرۇل ئەسۋەد»نى سىيلاپ سۆيۈشىدىكەن. شۇڭا ئۇ ئىنتايىن سىلىقلىشىپ كېتىپتۇ. مەنمۇ كەئبىنى مۇشۇ يەردىن باشلاپ سول قولۇمنى بېسىپ يەتتە قېتىم ئايلىنىپ تاۋاپ قىلدىم. كەئبىنى ئايلىنىپ تۆتىنچى قېتىمغا كەلگەندىلا، ئاندىن «ھەجەرۇل ئەسۋەد»نى سىيلاشقا مۇشەررەپ بولالىدىم.
       كەئبىنىڭ شەرقىي تېمىنىڭ يەردىن 50.1 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قىسمىدا ئىككى قانىتى ئالتۇن بىلەن قاپلانغان  بىر  ئىشىكى بار ئىكەن. ئالتۇن ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئەينەك جاۋەن ئىچىدە «مەقامە ئىبراھىم» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاش بار ئىكەن. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئورتاق بوۋىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەئبىنى بىنا قىلغاندا، كەئبىنىڭ تاش تېمىنى مۇشۇ تاشقا دەسسەپ تۇرۇپ قوپۇرغانىكەن. كەئبىنى تاۋاپ قىلىپ مۇشۇ «مەقامى ئىبراھىم»غا كەلگەندە ئىككى رەكئەت نەفلى ناماز ئوقۇلىدىكەن. كەئبىنىڭ غەربىي تېمىنىڭ كەينىدە ئېگىزلىكى بىر مېتىر كېلىدىغان  بىر پاكار تام بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بوش  جاي «ھەتىم» دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ يەر ئەسلىدە كەئبىنىڭ ئىچىدىكى يەر بولۇپ، مۇھەممەد پەيغەمبەر كەئبىنى قايتا ياساتقاندا، كىشىلەرنىڭ پىتنىسىدىن قورقۇپ بۇ يەرنى كەئبىدىن ئايرىپ ياساتقانىكەن. «ھەتىم» گەرچە كەئبىدىن ئايرىپ ياسالغان بولسىمۇ، شەرىئەت ھۆكۈمىدە يەنىلا كەئبىگە ھېساب بولىدىكەن. كەئبىنىڭ شەرقىي  جەنۇب تەرىپىدە مۇقەددەس زەمزەم قۇدۇقى بار ئىكەن. مەن كەئبىنى تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قائىدە بويىچە بۇ يەردە زەمزەم سۈيىنى ئىچتىم.
    سەفا - مەرۋى تېغى  كەئبىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئارىلىقى 500 مېتىر  كېلىدىغان ئىككى پاكار تاغ ئىكەن. مەن سەفا تېغى ئۈستىدە تۇرۇپ كەئبە تەرەپكە قاراپ سالام قىلغاندىن كېيىن، سەئيە قىلىش ئۈچۈن مەرۋى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. يەتتە قېتىمدا جەمئىي 3500 مېتىر مېڭىپ، چېچىمنى كېسىپ، تىرناق ئالدۇرۇپ ئۆمرە ھەج تاۋىپىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پائالىيىتىنى مەرۋى تېغىدا ئاخىرلاشتۇردۇم ۋە ئادىل قۇربان قەشقەرى بىلەن بىللە مەسچىتى  ھەرەمدىن قايتىپ چىقتۇق...
    ئاخشىمى ئادىل قۇربان قەشقەرى بىلەن ئۇزۇنغىچە پاراڭلاشتۇق. ئۇ ماڭا كەئبە، زەمزەم بۇلىقى، مەرۋى - سەفا تېغى ھەققىدە نۇرغۇن ئاجايىپ قىزىقارلىق گۈزەل رىۋايەتلەرنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە: ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئورتاق بوۋىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىراقتا تۇغۇلغان ۋە ئۆسكەنىكەن. ئۇنىڭ دادىسى مەجۈسى بولۇپ، ياغاچتىن بۇت ياساپ ساتىدىغان ياغاچچى ئىكەن.
    ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەجۇسسيلىككە ئىنتايىن ئۆچ كىشى بولغانلىقتىن، مەجۇسىيلەر بۇتخانىسىغا كىرىپ، پۈتۈن بۇتلارنى چېقىپ تاشلاپ، ئايالى سارە بىلەن پەلەستىنگە قېچىپ كېتىپتۇ. كېيىن ئۇ يەردىن يەنە مىسىرگە بېرىپ، ھەجەر ئىسىملىك بىر قۇلنى چۆرىلىككە ئاپتۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سارە دېگەن ئايالى تۇغماس ئىكەن. ھەجەر ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىپتۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «ئىسمايىل» دەپ ئات قويۇپتۇ.

       سارەنىڭ كۈندەشلىكى قاتتىق ئايال ئىكەن. ئۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى قىستاپ، «ھەجەر بىلەن بالىسى ئىسمايىلنى مىسىردىن قىرىق كۈنلۈك يىراقلىقتىكى ھىجازغا ئاپىرىۋېتىسەن» دەپ تۇرۇۋاپتۇ. نائىلاج ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەجەر بىلەن ئىسمايىل ئانا - بالا ئىككىسىنى تۆگىگە مىندۈرۈپ، ھىجازدىكى مەككە جىلغىسىغا ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، بىر چەللە - باراڭ ياساپ، ئۇلارنى شۇ يەرگە جايلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كېتىپتۇ. ئۇ چاغلاردا مەككىدىكى ھازىرقى بەيتۇللانىڭ ئورنىدا كىچىك قىزىل تاشلىق بىر دۆڭ بار ئىكەن.
       ئۇزاققا بارماي، ھەجەر بىلەن ئوغلى ئىسمايىلنىڭ يەيدىغىنى بىلەن ئىچىدىغىنى تۈگەپ قاپتۇ. ھەجەر بالىسىنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، سۇ ئىزدەپ سەفا بىلەن مەرۋى دېگەن ئىككى تاغنىڭ ئارىلىقىدا يەتتە قېتىم چېپىپ بېرىپ كېلىپ، ئاخىر سۇ تاپالماي، بالىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسە، ئىسمايىل تېپچەكلەپ ياتقان يەردىن سۇ ئېتىلىپ چىقىۋاتقۇدەك. بالىسىنىڭ سۇغا چېلىنىپ ياتقانلىقىنى كۆرگەن ھەجەر ئىختىيارسىز: «زەمزەم! زەمزەم» دەپ ۋارقىرىۋەتكىنىنى تۇيماي قاپتۇ. «زەمزەم» ئەرەبچىدە: «توختا، بولدى قىل!» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. شۇڭا، ھېلىقى بۇلاق كۆزىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان سۇمۇ دەرھال پەسلەپ، ھازىرقىدەك بىر خىل تەرىزدە چىقىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ھاجىلارنىڭ ھەج ۋاقتىدا سەفا  تېغى بىلەن مەرۋى تېغى ئوتتۇرىسىدا يەتتە قېتىم يۈگۈرۈپ سەئيە قىلىشى ۋە «زەمزەم» بۇلىقىنىڭ سۈيىنى ئىچىشى ئاشۇ چاغدىن ئۇدۇم قالغان ئىش ئىكەن.
    ھەجەر بىلەن ئىسمايىل ئانا - بالا ئىككىسى زەمزەم بۇلىقىنىڭ يېنىنى ماكان تۇتۇپ شۇ يەردە ياشاشقا باشلاپتۇ.

        بىر كۈنى، ئەرەبلەرنىڭ  جۇرھۇم قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى قاقاس مەككە جىلغىسىدا سۇ پەيدا بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، «زەمزەم» بۇلىقىنىڭ قېشىغا كېلىپتۇ ۋە ھەجەردىن ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ يەردە ماكانلىشىپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى سوراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانا - بالا ئۇلار بىلەن ياشاشقا باشلاپتۇ. ئىسمايىل چوڭ بولۇپ، جۇرھۇم قەبىلىسىدىن بىرسىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپتۇ.
    نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپتۇ. ئاللا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىگە ئوغلى ئىسمايىلنى كۆرۈش ئىستىكىنى سېلىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ بەك قېرىپ كېتىپتىكەن. شۇڭا،  ئۇ ئۆز ۋاقتىدا خوتۇنى ھەجەر بىلەن ئوغلى ئىسمايىلنى تاشلىۋەتكەن مەككە جىلغىسىغا كېلىپتۇ. بۇ چاغدا خوتۇنى ھەجەر ئاللىقاچان ۋاپات بولۇپ كەتكەنىكەن. ئوغلى ئىسمايىل ئۆيىدە يوق ئىكەن. بوۋاينىڭ ئالدىغا ياش بىر كېلىنچەك چىقىپ قىزغىن كۈتۈۋاپتۇ.  قارىسا، بۇ كېلىنچەك ئوغلى ئىسمايىلنىڭ خوتۇنى ئىكەن. قېينئاتا بىلەن كېلىن تونۇشۇپتۇ. كېلىن قېينئاتىسىنى قىزغىن مېھمان قىلىپتۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەتمەكچى بولۇپ تالاغا چىقىپتۇ. ئۇ ئېتىغا مىنمەكچى بولۇپ، پۇتىنى ئۆزەڭگىگە قويۇپتىكەن، پۇتى يەتمەپتۇ. كېلىنى ئۆيدىن بىر تاشنى كۆتۈرۈپ چىقىپ قېينئاتىسىنىڭ پۇتىغا قويۇپ بېرىپتۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كېلىنى قويۇپ بەرگەن ھېلىقى تاشقا دەسسەپ ئاتقا مىنىپتۇ - دە، خوشلىشىپ قايتىپ كېتىپتۇ. ھېلىقى تاشتا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىزى قاپتۇ. بۇ تاش كېيىنكى چاغلاردا «مەقامە ئىبراھىم» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپتۇ.
    قېرىپ كېتىپ قاراقسىز قالغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمايىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىپتۇ ۋە مۇشۇ مەككە جىلغىسىدىكى «زەمزەم» بۇلىقى يېنىدا ئوغلى ۋە كېلىنى بىلەن بىللە ياشاشقا باشلاپتۇ.
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئاللادىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا كەئبىنى بىنا قىلىش ھەققىدە ۋەھىي كېلىپتۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمايىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە كەئبىنىڭ ئۇلىغا تاش بېسىپ، كەئبىنىڭ تېمىنى قوپۇرۇشقا باشلاپتۇ. تاش تام ئېگىزلەپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بويى يەتمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئوغلى ھېلىقى «مەقامە ئىبراھىم» دەپ ئاتالغان تاشنى دادىسىنىڭ پۇتىغا قويۇپ بېرىپتۇ.
    كەئبىنىڭ تېمى پۈتەي دەپ قالغاندا، بىر تاش كەملەپ قاپتۇ. بۇ چاغدا مەشرىق تەرەپتىكى ئاسماندىن بىر دانە تاش يەرگە چۈشۈپ، بىر يېرىم مېتىر ئىگىزلىككە كەلگەندە، داۋاملىق چۈشۈشتىن توختاپ،  بوشلۇقتا مۇئەللىق تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ تاش كېيىنكى چاغلاردا «تاش مۇئەللەق» دەپ ئاتىلىپتۇ. ئۇ قىزغۇچ جۇلالىنىپ تۇرىدىغان، يۈزىدە سارغۇچ چىپار سىزىقچىلار بار قارا رەڭلىك سىلىق بىر تاش ئىكەن.
    ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمايىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەزىزلىشىگە مۇيەسسەر بولغان ھەمدە كېيىنكى چاغلاردىن تا ھازىرغىچە  مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغلىشىغا مۇيەسسەر بولغان بۇ  مۇقەددەس كەئبە ياكى بەيتۇللا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇقەددەس سەجدىگاھى بولغانلىقتىن، كەئبىنىڭ شەرقىي  جەنۇبى  بۇرجىكىدىكى كۈمۈش رامكا بىلەن چەمبەرلەنگەن قارا تاش  «ھەجەرۇل ئەسۋەد» كەئبىنى ئايلىنىپ تاۋاپ قىلغۇچىلار تۇنجى قەدىمىنى باسىدىغان باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قاپتۇ.
    ئادىل قۇربان قەشقەرى ئاخىرىدا مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى:
     ئىسلامىيەت ھەرقانداق مەجۈسىيلىككە قارشى تۇرىدۇ، دېدى ئۇ، شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋاقتىدا كىشىلەرنىڭ «ھەجەرۇل ئەسۋەد»كە چوقۇنۇشىدەك مەجۇسىيلىك ساقىتىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، بۇ قارا تاش ئالدىدا تۇرۇپ: «ماڭا ئايان، سەن زىيىنىڭمۇ، پايداڭمۇ يوق بىر پارچە تاشتۇرسەن» دېگەن، ئاندىن قارا تاشنى سۆيگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ قارا تاشقا ئەسلا چوقۇنمايدىغانلىقىنى، ئۇنى پەقەت ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەردىن قالغان نىشان سۈپىتىدىلا ئەزىزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۇنجى خەلىپە ئەبۇ بەكرى ھەج - تاۋاپ قىلغاندا «ھەجەرۇل ئەسۋەد»گە يېقىن تۇرۇپ: «سېنىڭ كىشىلەرنى  بالايىئاپەتكىمۇ دۇچار قىلمايدىغان، كىشىلەرگە سائادەتمۇ بەخش ئەتمەيدىغان بىر پارچە تاش ئىكەنلىكىڭ ماڭا ئايان. ئەگەر ئاللانىڭ رەسۇلىنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولسام، سېنى سۆيمەس ئىدىم» دېگەن. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەرمۇ شۇنداق قىلغان. شۇڭا، ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈشى، ئۇنى قوللىرى بىلەن سىيلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا چوقۇنغانلىقى بولماستىن، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىدىندۇر. ئۇلار شۇ يول ئارقىلىق رەسۇلىللا بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، رەسۇلىللا بولسا، «ھەجەرۇل ئەسۋەد»نى ئۆزى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تۇتاشتۇرىدىغان ۋاسىتە دەپ بىلگەنلىكتىن شۇنداق قىلغان.يۇقىرىقىلار ئۈچۈن، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ  ھەج پائالىيىتى» دېگەن كىتابقا قارالسۇن.

    ئىسلامىيەتنىڭ تۈپ روھى نېمە؟

        بۈگۈن مەن خۇپتەندىن كېيىن ئادىل قۇربان قەشقەرى بىلەن مەسچىتى  ھەرەمدە تەھەججۈد نامىزىغا داخىل بولدۇم.
       ئادىل قۇربان قەشقەرى  يېشى قىرىقلاردىن ئاشقان، ئوتتۇرا بويلۇق، ئورۇقراق كەلگەن، ئەمما سالاپەتلىك بىر ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ يارىشىملىق كالتە قارا ساقىلىنىڭ ئارىسىغا ئانچە - مۇنچە ئاق سانجىغان بولۇپ، يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن بىلىملىك، ھوشيار ۋە زېرەك بىر زىيالىي ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. بېشىغا سالغان ئەرەبچە ئاق ياغلىقىنىڭ ئۈستىدىن باستۇرۇلغان قارا ئىقالى، ئۇچىسىدىكى تاكى پۇتىنىڭ ئوشۇقىغا قەدەر يېپىپ تۇرىدىغان ئەرەبچە ئۇزۇن ئاق رىداسى ئۇنىڭ بويىغا ئاجايىپ ياراشقانىدى. پۇتىدا ئەرەبچە ئېسىل بولغارىي ساپما كەش بار ئىدى.  ئۇ ئۆزى  ھەققىدە ئانچە كۆپ توختالمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەن ئارىمىزدا بولۇنغان گەپ - سۆزلەردىن ئۇنىڭ ئاتا - بوۋىسىنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بولسا  مەككىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىنى بىلىۋالدىم. ئۇ ھىندىستاندىكى بومباي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنىكەن، كېيىن يەنە مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپتۇ. ئاندىن سەئۇدىغا قايتىپ كېلىپ مەككىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇزۇن يىل ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپتۇ. ھازىر ئاشۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ.
        ئۇنىڭ تىلغا ۋە ئىسلامىيەتكە ئائىت تەتقىقاتىدا ئۆزىگە خاس يېڭىچە كۆزقاراشلىرى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئىسلامىيەتكە، ئىلىم - پەن يېڭىلىقلىرىغا ئائىت بىلىملىرى ۋە ئېقىم مەسىلىلىرىدە بىلىدىغانلىرى ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. ئەرەبلەر ئوقۇتقۇچىنى «ئۇستاز» دەپ ھۆرمەتلەيدىكەن. مەنمۇ ئەرەبلەرنىڭ شۇ ئادىتى بويىچە ئۇنى «ئۇستاز» دەپ ئاتىدىم.
        بۈگۈن مەككىنىڭ ھاۋاسى بىردىنلا ئىسسىپ كەتتى. شۇڭا، بىز سىرتتىكى ئىسسىقتىن قېچىپ، ئۆيدىن تالاغا چىقمىدۇق، ئۆزىمىز قىزىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە قىزغىن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇردۇق.
    سۆھبەت داۋامىدا، مەن ئۇنىڭ ئىسلامىيەت ۋە ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ھازىرقى ھالىتى توغرىسىدىكى بەزى كۆزقاراشلىرىدىن ھازىرقى زامان ئىسلام زىيالىيلىرىنىڭ ئىسلامىيەت ئەقىدىلىرى بىلەن ئىلىم - پەن بىر - بىرىنى چەتكە قاقماستىن، بەلكى بىر  - بىرىنى شەرت قىلىشىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
    ئۇ سۆھبىتىمىزنىڭ بېشىدىلا مۇنداق دېدى:
     ئىسلامىيەت  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەرەبلەرنىڭ باتىل ئېتىقادىنى، يامان ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، تۈرلۈك بۇزۇق ئەخلاقىي  خۇلقلىرىنى ۋە ئىلىم - پەنگە قارشى تۇرىدىغان جاھالەتلىكلىرىنى ئۆزگەرتىش، ئىسلاھ قىلىش يولىدا بىر ئۆمۈر كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى!
     سىز بۇ يەردە نېمىنى كۆزدە تۇتماقچىسىز؟ دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن، چۈشەنچەمنى تېخىمۇ  چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن.

         پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان ئىسلامىيەت، دېدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ ئۇزاق مەدەنىيەت تارىخىدا بارلىق مەۋجۇدات ۋە كائىنات مۆجىزاتلىرىنى كۆزىتىش جەريانىدا بايقىغان توغرا قانۇنىيەتلەرنى ۋە بۇ قانۇنىيەتلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىلىم - پەن نەتىجىلىرىنى ھەرگىز رەت قىلغان ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىلىم - پەن نەتىجىلىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ نەزىرىدىمۇ مەقبۇلدۇر. شۇڭا ئەينى زاماندىكى ئىسلام ئۈممەتلىرى باشقا خەلق، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىياتىغا مۇئامىلە  قىلىشتا، ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بولغان توغرا ئىلىم - مەرىپەتنى «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شىرىفكە ئۇيغۇن، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان بولسا، شۇنى ئىسلامىي ئىلىم - مەرىپەتتىن دەپ ھېسابلاپ، ئۇنى ئۆگەندى. ئىسلامىيەتكە مۇۋاپىق ئەمەس ۋە ئىنسانىيەتكىمۇ مۇۋاپىق كەلمىگەن خۇراپاتلىقنى ئىسلامىي مەرىپەت قاتارىدىن چىقىرىپ تاشلىدى. شۇڭا، سېھىرگەرلىك، پالچىلىق ۋە قۇرئاندازلىق قاتارلىق تۈرلۈك بولمىغۇر ئىشلارنى ئىسلامىيەتمۇ ئىنكار قىلىدۇ. چۈنكى ئىسلامىي ھاياتنىڭ ئوزۇقى بولغان «قۇرئان كەرىم»دە تەرغىب  قىلىنغان، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ئىلىم - مەرىپەتلا مۇسۇلمانلارنىڭ بەخت - سائادىتىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى بولالايدۇ! ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى، مېنىڭ بۇ سۆزۈم توغرىمۇ؟ دەپ سورىدى ئۇ مېنىڭ بۇ ھەقتىكى خىيالىمنى بىلمەكچى بولۇپ.
     ئۇستاز، ناھايىتى توغرا، ناھايىتى ئېدىتلىق سۆزلىرىڭىز! دەپ ماقۇللىدىم ئۇنىڭ سۆزىنى، بىراق ئىمام بۇخارى، مۇسلىملار ھەزرىتى ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت  قىلغان بىر ھەدىس شىرىفتە: «ئاللاتائالا ئىلىمنى كىشىلەردىن تارتىپلا ئېلىۋالمايدۇ. لېكىن  (ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى) ئىلىم ساھىبىلىرىنى ئېلىپ كېتىش يولى بىلەن ئېلىۋالىدۇ. ئىلىم ساھىبىلىرى قالمىغاندا، كىشىلەر ئۆزلىرىگە جاھىللارنى  باش قىلىۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ جاھىللار سوئال سورالغاندا، ئىلىمسىز پەتىۋا بېرىپ، ئۆزلىرىمۇ ئازىدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ» دېيىلگەن. جانابى ئۇستاز، مەرھەمەت قىلىپ ئېيتىپ بېقىڭچۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يەردە قىلغان «ئاللاتائالا ئىلىمنى كىشىلەردىن تارتىپلا ئېلىۋالمايدۇ» دېگەن بىر جۈملە سۆزى بىلەن «ئۆزلىرىگە جاھىللارنى باش قىلىۋالىدۇ» دېگەن بىر جۈملە سۆزىدە نېمىلەرنى كۆزدە تۇتقاندۇ؟

         پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى جۈملە سۆزنى قىلغاندا، دېدى ئادىل قۇربان قەشقەرى سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، ئاللاتائالا ئىلىم - مەرىپەتنى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى قەدىرلىمىگەن مىللەتنى خار - زەبۇنلۇقتا ۋە نادانلىقتا قالدۇرۇپ جازالىماقچى بولغاندا، ئۇ مىللەتنىڭ ئىچىدىكى ئىلىم ساھىبىلىرىنىڭ قورسىقىدىكى ئىلىملىرىنى ئېلىۋېلىش يولى بىلەن ئۇلارنى  بىلىمسىز قىلىپ تاشلاپ قويماستىن، بەلكى شۇ ئىلىم ساھىبىلىرىنى  بىر - بىرلەپ ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كېتىش ئارقىلىق ئۇلارنى خار - زەبۇنلۇقتا ۋە نادانلىقتا قالدۇرۇپ جازالايدىغانلىقتىن، بۇ مىللەت جاھىل، نادان كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە يولباشچى، قازى - قۇززات، مۆپتى - شەيخ، ئىمام - رەئىس قىلىۋالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان. ھالبۇكى، بۇ قارا قورساق، جاھىل، نادانلار ئىش باشقۇرسا، مەيلى شەرىئەت ئەھكاملىرى بولسۇن ياكى جەمئىيەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەر بولسۇن، ھېچبىرىنى توغرا، مۇۋاپىق ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بۇ مىللەت پەيدىنپەي ئۆز ئىچىدىن چىرىپ، زاۋاللىققا يۈز تۇتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.
         شۇنداق، بۇ ھەدىستە ئىسلامىيەتنىڭ ئىلىم - مەرىپەتنى ياقلايدىغان، نادانلىق، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرىدىغان ۋە يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان روھى ئىنتايىن ئېنىق ئىپادىلىنىپ تۇرۇپتۇ، دېدىم مەنمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى ماقۇللاپ.
     دېمەك، ئىسلامىيەتنىڭ پىكىر - تەپەككۇرلىرى ۋە پۈتۈن ئىش - ھەرىكەتلىرىنىڭ مىزانى بولغان «قۇرئان كەرىم»، دېدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىلىم - مەرىپەت، پەن - مائارىپنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مۇقەددەس كىتاب بولغاچقا، ئۇنىڭدا ئىجتىمائىيەت، تەبىئەت، كائىنات، ئاسمان  جىسىملىرى، زېمىن ھېكمەتلىرى توغرىسىدا ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئىلىمدىن تەلىم بېرىلگەن.

         ئۇنداق بولسا، ئىسلامىيەتنىڭ تۈپ روھى نېمە؟ دەپ سورىدىم مەن ئادىل قۇربان قەشقەرىدىن.
     بۇ سوئالنى ناھايىتى ئوبدان سورىدىڭىز، دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتساق، ئىسلامىيەتنىڭ تۈپ روھى  ئۆگىنىشتۇر. يەنى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىلىم - مەرىپەت  ئۆگىنىشتۇر. ھەرقانداق بىر كىشى قايسى ئىرق، قايسى مىللەتتىن ياكى قايسى جىنس، قايسى  تەبىقىدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەتتا دۇنيانىڭ قەيىرىدە ياشىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ مۇسۇلمانلا بولىدىكەن، چوقۇم ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆگىنىشى كېرەك، بىلىم ئېلىشى لازىم. بولمىسا، دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەرنىڭ قاتارىدا تۇرۇش شەرىپىگە نائىل بولالمايدۇ. بۇددا دىنىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىگە 5 مىڭ يىل بولدى. خرىستىئان دىنىنىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە 2 مىڭ يىلدىن ئاشتى. ئىسلام دىنىنىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە ئاران 1400 يىل بولدى. مۇبادا، ئىسلامىيەت ئىلىم - مەرىپەتنى ياقلىمىغان بولسا ئىدى، ئۇ ھازىرقىدەك دۇنيا ئاھالىسىنىڭ بەشتىن بىرىنى تەشكىل قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ تۈپ ئېتىقادى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇددا دىنى ۋە خرىستىئان دىنىدىن ئىبارەت ئىككى دۇنياۋى دىن بىلەن تەڭ تۇرالىشى مۇمكىنمىدى؟ ئىسلامىيەت ئۆز تارىخىدا دۇنيا  ئىلىم - پەن خەزىنىسىگە نۇرغۇن ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشقان ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن ئالىملىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلىشى مۇمكىنمىدى؟ ھازىرقى تەبىئىي پەننىڭ ئاساسىي بولغان ئالگېبرا، خىمىيە، گېئومېتىرىيە، ئاسترونومىيە ۋە مېدىتسىنا قاتارلىق پەنلەر ئەڭ ئاۋۋال ئىسلامىيەت دۇنياسىدا بارلىققا كەلگەن. باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، يالغۇز تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىنلا مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، فارابى، ئىبىن سىنا قاتارلىق دۇنياۋى مەشھۇر ئالىملار دۇنياغا كەلگەنىدى. غەربلىكلەر فارابىنى «ئارستوتىل سانى»، ئىبىن سىنانى «ئۇستاز» دەپ تا ھازىرغا قەدەر  ھۆرمەتلەپ كەلمەكتە.
     تولىمۇ ئورۇنلۇق گەپ قىلدىڭىز! دېدىم مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ماقۇللاپ، ئىسلام دىنى ھەققىدە گەپ بولۇپ قالسا، بەزى ئادەملەر ئىسلام دىنىنى نادانلىق، خۇراپاتلىق بىلەن بىر ئورۇنغا قويماقچى بولۇشىدۇ. ھەتتا ئىسلام دىنى بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە زىيان سالىدىغان بۇزغۇنچىلىقنى بىر قاتاردا قويۇپ ئەيىبلىشىدۇ.
     بۇنداق قاراش ھەرگىز پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دېدى ئۇ، چۈنكى ئىسلامىيەت دۇنياغا كەلگەن تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ ئۆزىنى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسى دەپ تونۇپ كەلگەن. شۇڭا، ئىسلامىيەت لۇغەتلىرىدە «قۇرغۇچى» سۆزىنىڭ «بۇزغۇچى» سۆزىدىن كۆپ بولغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. شۇنى بىلىش كېرەككى، مۇسۇلمانلار تارىختا بىرەر شەھەرنى پەتھى قىلغاندا، ياكى بىرەر سەھرانى ئاۋات قىلغاندا ھەممىدىن ئاۋۋال ئۇ يەرلەردە مەسچىد، مەكتەپ - مەدرىسە ۋە ئۇنىڭ يېنىدا كىتابخانا، قىرائەتخانىلارنى بىنا قىلغان، زاماننىڭ تەقەززاسى بىلەن بۇ مەكتەپ - مەدرىسىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يىتۈك مۇئەللىم - ئۇستازلارنى، مۇدەرىس - موللىلارنى تەيىنلىگەن. ئۇ زاماندا خەلىپە، پادىشاھ - سۇلتان، ۋەزىر - ۋۇزۇرا، ئەمىر - ئۈمەر بولغان كىشىلەر بىلىم ئەھلىلىرى ئارىسىدىن تاللانغان، ئىلىم - پەندىن خەۋەردار كىشىلەر ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ئىلىم - پەن ئەھلىنى، مائارىپنى باشقىلاردىن ئالاھىدە قەدىرلەيتتى. ئالىملارنى ئىمتىھان قىلىپ تۇراتتى، ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ شەنىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى. تارىخ كىتابلىرىدا ئاببايىسلار خەلىپىلىرىدىن بولغان  خەلىپە مەئمۇن (مىلادى 813  833 - يىللىرى تەختتە) نىڭ «جامئۇل كەبىر» دېگەن كىتابنى يادلىغان كىشىگە يۈز تىللا، «جامئۇل سەغىر» دېگەن كىتابنى يادلىغان كىشىگە ئەللىك تىللا، «مۇپەسسىل» دېگەن كىتابنى يادلىغان كىشىگە يۈز تىللا مۇكاپات بەرگەنلىكى يېزىلغان...
    بىزنىڭ سۆھبىتىمىز مۇشۇ يەردە توختىدى. بىز تاھارەت يەڭگۈشلىۋالغاندىن كېيىن، مەسچىتى  ھەرەمگە قاراپ ماڭدۇق...
    شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنكى پائالىيىتىمىز ئاساسەن مەسچىتى  ھەرەم ئىچىدە بولدى. ئىپتارنى ھەرەم ئىچىدە قىلدۇق. تەرەۋىدىن كېيىن، مەن كەئبىنى ئۈستى تەرەپتىن كۆرۈش ئۈچۈن ئادىل قۇربان قەشقەرىنى ھەرەمنىڭ ئۈستىدىكى ئۈستى ئوچۇق سەيناغا چىقىشنى تەكلىپ قىلدىم.
    مەسچىتى  ھەرەمنىڭ ئىچىگە ئۈستى تەرەپتىن قارىسا، پۈتۈن ھەرەم ۋە ھەرەمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سەينانىڭ ئىچى تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىكەن. بۇ سەينانىڭ چوڭلۇقى ئىككى پۇتبول  مەيدانىنىڭ چوڭلۇقىدەك چىقىدىكەن.
    مەن ھەرەم مەسچىتىنىڭ ئۈستىدىكى سەينادا تۇرۇپ ھەرەمنىڭ ئىچىگە قارىۋېدىم، كۆز ئالدىمدا تولىمۇ ھەيۋەتلىك بىر مەنزىرە ئايان بولدى: كەئبە ئەتراپىدا سائەتنىڭ تەتۈر ئايلىنىشى بويىچە كەئبىنى تاۋاپ قىلىپ ئايلىنىۋاتقان سان - ساناقسىز ئادەملەر خۇددى كائىناتتىكى قۇياشنى دەۋر قىلىپ ئايلىنىۋتقان  سان - ساناقسىز يۇلتۇزلاردەك كۆرۈندى.
       سەئۇدى ۋاقتى كېچە سائەت بىر يېرىمدا تەجۋىد ۋاقتى بولدى. بىز ھەرەمنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە چۈشتۇق. بۇ چاغدا بوش ئورۇن قالمغىانىكەن. بىز قاتار ئولتۇرۇشقان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن بوش ئورۇن ئىزدەپ يۈرەتتۇق، ئالدىمىزغا بوي - تۇرقى ۋىجىك كەلگەن، نۇرانە چىراي، ساقىلى كۈمۈشتەك ئاقارغان بىر مويسىپىت ئادەم ئۇچرىدى. ئۇ مۇنبەرگە قاراپ كېتىۋاتقانىكەن. كىشىلەر بۇ مويسىپىتكە ئىززەت - ئىكرام بىلەن سالام قىلىشىۋاتاتتى. ئادىل قۇربان قەشقەرى قۇلىقىمغا: «بۇ زات ئىمام ھەمىد ۋاھابى دېگەن كىشى بولىدۇ. ئۇ ھەم ۋاھابىلارنىڭمۇ شەيخى ھەم ھەرەمنىڭمۇ ئىمامى. بۈگۈنكى تەھەججۈدكە مۇشۇ كىشى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ» دەپ پىچىرلىدى. مەن دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام قىلدىم. ئادىل قۇربان قەشقەرى شەيخ ئىمام ھەمىد ۋاھابىنىڭ قولىنى سۆيگەندىن كېيىن، مېنى ئۇنىڭغا: «بۇ كىشى جۇڭگودىن كەلگەن ئابدۇۋەلى ئەلى بولىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى. ئۇ يېقىملىق كۈلۈمسىرىگىنىچە قولىنى ماڭا ئۇزاتتى. مەنمۇ ئادەت بويىچە ئۇنىڭ قولىنى سۆيدۈم، بۇ چاغدا ئۇ ماڭا: «ئوتلۇبۇلئىلمە ۋەلەۋ بىسسين!» دېدى - دە، قولى بىلەن بېشىمنى ئاستا سىيلاپ قويغاندىن كېيىن مۇنبەرگە قاراپ ماڭدى.

    ھىجازدىكى ئاخىرقى كۈنلەر ۋە ئاخىرقى تۈنلەر

        تارىخىي خاتىرىلىرىدىن قارىغاندا «مەككە» سۆزى قەدىمكى بابىلۇن تىلىدا «ئۆي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. مىلادى Ⅱ ئەسىردە ياشىغان قەدىمكى يۇنان جۇغراپىيونى پىتولېمىنىڭ «جۇغراپىيە» دېگەن ئەسىرىدىمۇ مەككە  «ماكېرابا» (Maceraba) دەپ خاتىرىلەنگەنىكەن. بۇ  «مۇقەددەس ئۆي» دېگەنلىك بولىدىكەن.
        مەككە  ھىجاز  ۋادىسىدىكى «ۋادى ئىبراھىم» دەپ ئاتىلىدىغان تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان بىر تاغلىق شەھەر ئىكەن. ئەگەر سىز مېنىڭدىن مەككە ھەققىدىكى تەسىراتىمنى سورىسىڭىز، مەن سىزگە: «تاغنىڭ  ئىچىدىكى  شەھەر، شەھەرنىڭ ئىچىدىكى تاغ» دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتىم. مەككىنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلار ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان كۆكۈچ رەڭلىك قاقاس تاغ بولۇپ، ھاۋا كىلىماتى ئادەتتە مەدىنىڭكىدىن كۆپ ئىسسىق ئىكەن.
       مەككە شەھىرى  كونا مەككە ۋە يېڭى مەككە دەپ ئايرىلىدىكەن. كونا مەككە «ۋادى ئىبراھىم» دەپ ئاتىلىدىان بىر قۇرۇق دەريا ئېقىنىنىڭ بويىغا جايلاشقانىكەن. ئۇ يەردە قەدىمكى گۇد نۇسخىسىدا سېلىنغان كونا ئۆي - ئىمارەتلەر ۋە قەسىر - سارايلار تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قاپتۇ. كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قەدىمكى زاماندىن قالغان سەرراپ - دۇكانلار جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردىكى كىشىلەر كىيىم - كېچەك، تىل، ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە قەدىمكى بەزى ھالەتلەرنى تا ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ.
     يېڭى مەككە  كونا مەككىنىڭ غەربىدىكى جىددە تەرەپكە جايلاشقان بولۇپ، شەھەرنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى مەسچىتى  ھەرەمنىڭ داۋاملىق كېڭەيتىلىشى ئارقىسىدا، نۇرغۇن ئۆي - ئىمارەتلەر چېقىپ تاشلىنىپ، ئۈزلۈكسىز رەتلىنىش ئارقىلىق شەھەرنى توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان كەڭ كوچىلار بارلىققا كېلىپتۇ. چاسا يول ئېغىزلىرىغا غايەت زور تىپتىكى فونتان - كۆلچەكلەر ياسىلىپتۇ. يول ياقىسىدا ئاسمانن - پەلەك ئىمارەتلەر قەد كۆتۈرۈپتۇ. قاتار - قاتار تىكىلگەن ئىسسىق بەلۋاغ دەرەخلىرى يىل بويى كۆكىرىپ تۇرىدىكەن. كەچ كىرگەندە رەڭگا  رەڭ چىراغلار چاقناپ، مەككە شەھىرىنى خۇددى كۈندۈزدەك يوپيورۇق قىلىۋېتىدىكەن. شۇڭا، مەككىنىڭ «كېچە بولماس شەھەر» دەپمۇ نامى بار ئىكەن.

        سەئۇدى ھۆكۈمىتى مەككە شەھىرىنى زامانىۋى شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش  ئۈچۈن 1976 - يىلىدىن 1979 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى مىليارد 450 مىليون رىيال پۇل ئاجرىتىپ،  ئايرودروم، مەككە - ئەرەفات - مىنا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى، سەفا - مەرۋى تېغى ئوتتۇرىسىدىكى سەئيە كارىدورى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ۋە مەسچىتى  ھەرەمنىڭ تۆت ئەتراپىدا مېھمانخانا، سودا سارايلىرى، دوختۇرخانا، جىددىي تېببىي  ياردەم پونكىتلىرى قاتارلىق شەھەر مۇلازىمەت مۇئەسسەسەلىرىنى كۆپەيتىپ قۇرۇپ چىقىپتۇ. ھەر يىلى رامىزان مەزگىلىدە زوھۇرلۇق ۋە ئىپتارلىق ۋاقتىنى توغرا، دەل مەلۇم قىلىش ئۈچۈن، يەنە مەككە ئەتراپىدا زامانىۋى ئۈسكۈنىلىرى تولۇق بولغان رەسەتخانىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىپتۇ. مەككىدە يەنە سەھىھۇل ئىنستىتۇتى، مەككە ئىسلامىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىي - ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەر بار ئىكەن.
       مەككە شەھىرىنىڭ شەرق تەرىپىگە 20 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان ئەرەفات بىلەن مىنا ھاجىلارنىڭ زۇلھەججىنىڭ 10 -، 11 -، 12 - كۈنلىرى ئۈچ كۈن تۇرۇپ، چوڭ شەيتان  «قەمرەتۇلئەقەبە»، ئوتتۇرا شەيتان  «جەمرەتۇلۋۇستا» ۋە  كىچىك شەيتان  «جەمرە تۇسسۇغرا»غا  تاش ئاتىدىغان مۇقەددەس جايلاردۇر؛ ئەرەفاتتىكى «جەبەلە رەھمەت» جىلغىسىدا  بىرلا ۋاقىتتا 5 مىڭ ئادەم بىللە ناماز ئوقۇيالايدىغان مەشھۇر چوڭ مەسچىت  «مەسچىتى  نەمىرە» بار ئىكەن؛ مەككە شەھىرىنىڭ شىمالىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان  تاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى قېتىم ۋەھىي كەلگەن جاي  ھىدا غارى بار ئىكەن؛ مەككە شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن ئالتە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئەينى چاغدا مەككە قۇرەيىشلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىغا قاتتىق كۈلپەتلەرنى سالغاندا، مەككىدىن چىقىپ مەدىنىگە ھىجىرەت قىلىپ ماڭغان چاغدىكى يوشۇرۇنغان غار  سەۋر غارى بار ئىكەن.

       رامىزان كۈنلىرى ئاخىرلىشىپ، روزى ھېيتمۇ يېقىنلىشىپ قالدى. مەن تۇرۇۋاتقان راباتتا ۋەتەندىن ھەرەمگە ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىككى - ئۈچ يۈزدەك ھاجىممۇ بىللە تۇرۇۋاتقانىدى. ئاڭلىسام مۇشۇ مەزگىلدە باشقا راباتلاردا تۇرۇۋاتقان ۋەتەنداش ھاجىلارنىڭ سانى بۇ يەردىكىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.
    راباتتىكىلەر چوڭ ھەجنى تۈگىتىپ كېتىش ئۈچۈن، رامىزاندىن كېيىن تۇرىدىغان ئۆي ئىزدەپ تەرەپ - تەرەپكە چېپىشىپ يۈرۈشمەكتە. سەئۇدى ھۆكۈمىتى ھەرقايسى راباتلارغا رامىزاندىن كېيىن ئۇلارنى يولغا سېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش  چۈشۈرگەن. راباتلارمۇ ئېلان چىقىرىشىپ، رامىزاندىن كېيىن راباتنى تاقايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشقانىدى. مېنىڭمۇ مەككە - مەدىنىدىكى زىيارىتىم ئاخىرلىشىپ، ھىجازدا تۇرىدىغان كۈنلىرىم ۋە تۈنلىرىم ساناقلىق قالغانىدى. شۇڭا ۋەتەنگە قايتىشنىڭ تەرەددۇتىنى قىلىشقا چۈشتۈم...
       بۈگۈن ئەتىگەن سەئۇدى ۋاقتى سائەت بەشتە، ئادىل قۇربان قەشقەرى ماڭا: «ئايروپىلان بېلىتىڭىزنى ئۇقۇشۇپ قويدۇم. ئۆزبېكىستان ئاۋىئاتسىيە كومپانىيىسىنىڭ 312 - قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سەئۇدى ۋاقتى سائەت بىردە تاشكەنتكە قاراپ ئۇچىدىكەن. ئۇلار سىزنى شۇ ئايروپىلانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويساق، دەيدۇ. سىزچە قانداق؟» دەپ تېلېفون بەردى. مەن دەرھال ماقۇل بولدۇم. ئۇھ، نەچچە كۈندىن كېيىن دەككە - دۈككە بولۇپ تۇرۇۋاتقان كۆڭلۈم مانا ئەمدى ئورنىغا چۈشتى.
    سەئۇدى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت سەككىزدە ئادىل قۇربان قەشقەرى ئۆزىنىڭ ئابدۇللا، ئۆمەر دېگەن ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ مېنىڭ بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن  راباتقا كەلدى. بىز قۇچاقلىشىپ خوشلاشتۇق.
    مەككە بىلەن جىددىنىڭ ئارىلىقى  قىرىق كىلومېتىر كېلىدىكەن. «ئەل - سوندۇس ساياھەت كومپانىيىسى»نىڭ خادىملىرى مېنى تاكسى بىلەن جىددىگە يولغا سالدى. بىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يىگىرمە مىنۇتتىلا ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدۇق.

       مەن «ئەل - سوندۇس»نىڭ ئايروپورتتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنى ئىزدەپ تاپقىچە يېرىم سائەتتەك گاڭگىراپ يۈردۈم. «نادان باشنىڭ دەردىنى پۇت تارتىدۇ» دېگەندەك، تىل بىلمىگەنلىكنىڭ كاشىلىسى ماڭا قەدەمدە بىر ئۆزىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىپ تۇردى. ئاخىر، مەن ئۇلارنى  تېپىپ بېلەتنى قولۇمغا ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن تەلتۆكۈس خاتىرجەم بولدۇم - دە، ئالدى بىلەن ئادىل قۇربان قەشقەرىگە، ئاندىن ئۆيۈمگە تېلېفون قىلىۋەتتىم. چۈشتىن كېيىن سەئۇدى ۋاقتى سائەت بىردە، مەن ئۆمرە ھەجنى تاماملاپ، ئۆز ۋەتىنىگە قايتقان 380 ئۆزبېك ھاجى بىلەن بىللە ئۆزبېكىستان ئاۋىئاتسىيە كومپانىيىسىنىڭ 312 - قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا چىقتىم ۋە بېلەتتىكى كۆرسىتىلگەن نومۇر بويىچە ئايروپىلان دېرىزىسىنىڭ يېنىدىكى ماڭا تېگىشلىك ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇم. بىردەمدىن كېيىن يېشى ئاتمىشلاردىن ئاشقان، چېچى ئاقارغان، كۆزەينەكلىك بىر ئادەم: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم!» دېگىنىچە يېنىمدىكى بىر بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. مەنمۇ ئۆز نۆۋىتىمدە ئۇنىڭ سالىمىغا سالام بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم ۋە ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمنى، ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقىمنى، ھازىر  ۋەتەنگە قايتماقچى بولغانلىقىمنى ئېيتىپ، ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇردۇم. ئۇ ئۆزبېكىستاندىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، دوكتور جەۋدات ئەپەندى دېگەن ئادەم ئىكەن. بىز ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىنى كۈتۈپ، پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. ئۇ سومكىسىدىن سلاۋىيان يېزىقىدىكى بىر كىتابنى قولىغا ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. مەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلغان «تارىخىي رەشىدى» دېگەن خەتلەرنى ئوقۇيالىدىم...

       سەئۇدى ۋاقتى سائەت بىر يېرىم بولغاندا، بىز ئولتۇرغان ئايروپىلان دەھشەتلىك گۈلدۈرلەپ، ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئۇچۇش يولىدا غىرقىراپ مېڭىپ كەتتى ۋە بارغانسېرى ئىتتىكلەپ، شىددەتلىك چىرقىرىغان پېتى يەردىن كۆتۈرۈلدى - دە، تاكى 8 مىڭ مېتىر ئېگىزلىككە چىققانغا قەدەر تىك ئۆرلەپ، ئاندىن گورزىنتال ئۇچۇشقا باشلىدى. بۇ چاغدا جىددىنىڭ ئاسمىنى بەكمۇ ئوچۇق ئىدى، ئايروپىلاننىڭ سول قانىتىنىڭ ئاستىدا مەشھۇر قىزىل دېڭىز چايقىلىپ سوزۇلۇپ ياتاتتى. بىز ئولتۇرغان ئايروپىلان سائىتىگە 900 كىلومېتىر تېزلىكتە  شەرققە قاراپ ئۇچتى.
    شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنتۇلغۇسىز ئون تۆت كۈن ۋە ئون تۆت تۈننى ئۆتكۈزگەن، مېنىڭدە نۇرغۇنلىغان ئاچچىق - چۈچۈك، شېرىن، تاتلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان بۇ سىرلىق زېمىندىن ئايرىلىپ، مېنى ئۆزىگە جەننەتۇل فىردەۋىستەك تارتىپ قايتىپ كېلىشكە ئۈندەپ تۇرغان ئانا ۋەتىنىم  جۇڭگوغا، قېرىنداشلىرىمنىڭ يېنىغا، ئوماق نەۋرە قىزىم چوغلۇقنىڭ قېشىغا قاراپ ئۇچۇپ كەتتىم!
    مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ قېتىمقى چەت ئەلدىكى ساياھەت ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق، چەت ئەللىك دوستلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈستىدە بەرگەن تەنقىدلىرىنىڭ تولىمۇ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئۇلار تەنقىد قىلغان ئىشلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا مەركەزلەشكەن:

    1. تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك. بۇ شەخسىي  تازىلىق بىلەن مۇھىت تازىلىقىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەن ئالمائاتا ۋە مەككىدە بولغان چاغلىرىمدا ئۇچىسىغا ئۇزۇندىن بېرى يۇيۇلماي كىرلىشىپ، قاسماق بېسىپ كەتكەن كىيىملەرنى  كىيىپ يۈرۈشكەن بەزى ئۇيغۇرلارنى ئۇچراتتىم. راباتتا تۇرۇۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار شۇنچىلىك دەرىجىدە ئەبگالىشىپ كەتكەنكى، ئۇلارنىڭ ياتقان يېرىگە كىرىدىغان بولسا، ئادەم ياتىدىغان ياتاققا ئەمەس، بەلكى مال ئېغىلىغا كىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالىدىكەن. راباتنىڭ كارىدورلىرىدا مېۋە شۆپۈكلىرىنى، تاماق قالدۇقلىرىنى تاشلايدىغان ئەخلەت  ساندۇقلىرى بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئۇيغۇرلار ئىككى قەدەم ئارتۇق مېڭىشنى ئېغىر كۆرۈپ، ئەخلەتلەرنى ئىشىك ئالدىغىلا تاشلاپ قويۇپ كارى بولمايدىكەن. مەككىنىڭ ھاۋاسى ئىسسىق بولغاچقا، بۇ ئەخلەتلەر ئۇزاققا بارمايلا چىرىپ، سېسىق پۇراق چىقىرىشقا باشلايدىكەن. مەككىنىڭ قاتتىق ئىسسىقىدا ئادەم داۋاملىق تەرلەپ تۇرغانلىقتىن، ھەر كۈنى بىر قېتىم چوقۇم يۇيۇنمىسا زادى بولمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاھارەتخانىدا كېچە - كۈندۈز ئىسسىق سۇ تەييار تۇرسىمۇ، ئەمما بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ «تولا يۇيۇنساق، سوغىمىز ئېشىپ كېتىدىكەن» دېيىشىپ، بويىنى سۇغا سېلىشقا ئېرىنىپ، پەقەت پۇت - قولىنى يۇيۇپ، تاھارەت ئالغانغا ھېساب قىلىشىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇلار قېشىغا كېلىپ قالغان ئادەمگە خۇددى تاپقا ئوخشاش ئاچچىق بەتبۇي پۇراپ، ئادەمنىڭ قاچقۇسى  كېلىدىكەن.

       2. ئاممىۋى سورۇنلاردا خۇددى ساراڭدەك ۋارقىراپ - جارقىراپ سۆزلەش. مۇبادا بىر يەردە توپلىشىپ تۇرۇشقان ئادەملەر ئارىسىدا كىم ئالا - تاغىل ۋارقىراپ سۆزلىسە، سىز شۇنى «ئۇيغۇر ئىكەن» دەپ ھېسابلاۋەرسىڭىز بولىدۇ! مەن  ھەرەمنىڭ ئىچىدە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ خۇددى  جاڭگالدا ئېشىكىنى يۈتتۈرۈپ قويغان ئوتۇنچىدەك  ۋارقىرىشىپ يۈرۈشكەنلىكىنى كۆردۈم. مەككىنىڭ كوچىلىرىدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكى قەشقەر ھېيتگاھدىن قېلىشمايدۇ. بىراق ھېيتگاھدىكىدەك «ھەممە ئادەم تەڭ قاينىغان، ھەممە قۇشلار تەڭ سايرىغان» ۋاژ - ۋاژ ھالەت بۇ يەردە يوق ئىكەن. بۇ يەردە كوچىدا ھاڭۋېقىپ يۈرگەن بىرەرسىنى ئاگاھلاندۇرۇش يۈزىسىدىن ئاڭلىنىپ  قالىدىغان ماشىنا سىگنالىدىن باشقا ئاۋازنى ئاساسەن ئاڭلىغىلى بولمايدىكەن. ئەمما ھەم تىجارەت، ھەم زىيارەت ئۈچۈن ھەرەمگە كەلگەن بەزى ئۇيغۇر «چاھار بازارچى»لىرىنىڭ ئۆز مېلىنى ۋارقىراپ - جارقىراپ ماختاۋاتقانلىقىنى بولسا، قويۇق - قويۇق ئاڭلاش مۇمكىن.

        3. بەزى ئۇيغۇرلاردا تەرتىپ ئۇقۇمى ئاساسەن يوق. بۇ خىل ھالەت ۋوگزال - بېكەتلەردە، ئايروپورتلاردا بەك روشەن ئىپادىلىنىدۇ. ئالمائاتا خەلقئارا ئايروپورتىدا  ئايروپىلانغا چىقىدىغاندا ۋە جىددە ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايروپورتىدا ئايروپىلاندىن چۈشىدىغاندا، كۆز ئالدىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ بەك ھەيران قالغانىدىم.
    مەن ئالمائاتا خەلقئارا ئايروپورتىدا ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى ئۆتەش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغاندا، يۈك - تاق جىڭلىتىدىغان ئېغىزدا ئىككى قەشقەرلىك ئۇيغۇرنىڭ بىر - بىرىگە زادى يول بەرمەي مۇشتلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
    ئالمائاتا ئايروپورتىدا  بەلگىلىمە بويىچە بىللە ماڭغان ھەر بەش ئادەم ئۆزلىرى ئېلىپ ماڭغان يۈك - تاقىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ جىڭلاتسا بولىدىكەن. ئۈرۈمچىدىن چىققان بەش ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ يۈك - تاقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ جىڭلىتىۋېدى، ئومۇمىي ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن 20 كىلوگرام ئارتۇق چىقتى. ئۇنىڭغىچىلىك ھېلىقىلارنىڭ يۈكى ئۇزىتىش تاسمىسى بىلەن ئېلىپ كېتىلدى. تەكشۈرگۈچى ئۇلارغا ئارتۇق چىققان يۈكنىڭ ھەر بىر كىلوگرامى ئۈچۈن بەش ئامېرىكا دوللىرىدىن جەمئىي 100 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەشنى ئېيتىۋىدى، يۈكنىڭ ئىگىلىرى بىر - بىرى بىلەن زادى كېلىشەلمىدى. ئاخىر ئايروپىلانغا بېسىپ بولۇنغان يۈكلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۇلارنىڭ يۈكىنى تېپىپ قايتۇرۇپ كېلىپ، بىر - بىرلەپ باشقىدىن جىڭلاشقا توغرا كەلدى. ئۇلارنىڭ كاشىلىسىدىن تاشكەنتكە ئۇچىدىغان ئايروپىلان ساقمۇ ساق بىر  سائەت كېچىكتى. ئايروپىلانغا چىققاندىن كېيىن، ئۇلار بېلەتتىكى نومۇر بويىچە  ئۆز ئورنىغا ئولتۇرماستىن، ئالدىدىكى ۋە دېرىزە يېنىدىكى ئورۇننى تالىشىپ، بىر - بىرىنى تىللىشىپ ياقا سىقىشتى. كىشىلەر توۋا، دېيىشكىنىچە ياقىلىرىنى تۇتۇشتى. بۇ ئىشنى كۆرۈپ مەن ئۇياتقىنىمدىن ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتىم.

        4. جامائەت سورۇنلىرىنىڭ ئەخلاقىغا  رىئايە قىلماسلىق. ئاممىۋى سورۇنلاردا، باشقىلارنىڭ  ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارغاندا، باشقىلارنىڭ خالاش - خالىماسلىقى بىلەن قىلچىمۇ كارى بولماستىن، ئاچچىق ئىسىنى پۇرقىرىتىپ تۇرۇپ سېسىق تاماكا  چېكىش  ئۇيغۇرلاردا زادى تۈزەلمەي كېلىۋاتقان ئەڭ بولمىغۇر قىلىقلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىراق چەت ئەلگە چىققان بۇ ئۇيغۇرلار ئاشۇنداق بولمىغۇر قىلىقلىرىنى ۋەتەندە تاشلاپ قويسىغۇ بىر نۆرى، ئەمما ئۇنىمۇ چەت ئەلگە ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ چىقىشقان! ئايروپىلان بۆلمىسىدە تاماكا چېكىشكە قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بىراق بەزى «نوچى» ئۇيغۇرلارنىڭ ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ قايتا - قايتا ئاگاھلاندۇرۇشىغا قىلچىمۇ پىسەنت قىلماي، سېسىق ئىسىنى پۇرقىرىتىپ تاماكىسىنى بەھۇزۇر چېكىپ ئولتۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئۇلار زادى كىمنى كۆزگە ئىلمايدىغاندۇ؟

        5. ھۇرۇنلۇق، قاشاڭلىق قىلىش. مەككىدىكى چاغلىرىمدا، بىر كۈنى مەن كەئبىنى تاۋاپ قىلىپ بولۇپ، راباتقا قايتسام، چوڭ كوچىنىڭ ياقىسىدا خۇددى قاپقاقاپقا ( قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىي  شىمالىدىكى بىر تاغ. ھاشىرى بىلەن داڭلىق) نىڭ ھاشىرىدىن قايتىپ شەھەرگە كىرگەن ھاشارچىلاردەك تۈكلۈك مەيدىلىرىنى ئېچىپ قويۇشۇپ، دەم ئېلىپ ئولتۇرۇشقان بىر توپ ئۇيغۇرنى كۆردۈم. بىز سۆزلىشىپ تۇراتتۇق، قاتناش ساقچىسى كېلىپ، ئۇلارنى ئولتۇرغان يېرىدىن قوپۇرۇۋەتتى.

        6. ئۇيالماسلىق. ھەدىستە: «ھايا  ئىماننىڭ جۈملىسىدىن!» دېيىلگەن. ھەرقانداق بىر سورۇننىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قائىدە - مىزانى بولغان بولىدۇ. يۈرۈش - تۇرۇش، ئۇخلاش - قوپۇشنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا مىزانى بولىدۇ. خۇددى كاستۇم - بۇرۇلكا، شىبلىت كىيىپ قوش ھەيدىسە بولمىغىنىدەك، كالتە ئىشتان، كالتە كۆڭلەك بىلەن كوچىغا چىقىشقىمۇ بولمايدۇ!
    راباتلارنىڭ ھەممىلا خانىلىرىدا سوغۇق ھاۋا چىقىرىپ تۇرىدىغان ئۈسكۈنە  بولمىغانلىقتىن، بەزى كۈنلىرى ياتاقنىڭ  ئىچى تونۇردەك قىزىپ كېتىدىكەن. مەككىنىڭ كېچىلىك ھاۋاسى سالقىن بولغاچقا، راباتتىكى ھاجىلار كالتە ئىشتان، كالتە كۆڭلەك بىلەنلا كوچىغا چىقىشىۋېلىپ، كوچىدا ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشقان ئادەملەردىن قىلچىمۇ ئۇيالماستىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشقىنىنى كۆردۈم.

        7. ئاچ كۆزلۈك، چۆللۈك قىلىش. رامىزان مەزگىلىدە مەككە - مەدىنىدە ئىپتارلىق ھەقسىز تەمىنلىنىدىكەن. ئىپتارلىق داستىخاندا تەملىك پىشۇرۇلغان دۇخاپكا چۆجىسى، يېڭى قېتىق، ئالىي دەرىجىلىك خۇرما قېقى، ھەر خىل مېۋە شەربەتلىرى، ئەرەبچە بولكا قاتارلىق ھەر خىل نازۇ نېمەتلەر مول بولىدىكەن ۋە ئەتىگەندىكى زوھۇرلۇققا دەپ داستىخانغا بىر كىشىلىكتىن تاماق ئارتۇق قويۇلىدىكەن. ئەمما قورسىقى تويسىمۇ، كۆزى تويمايدىغان  بەزى ئۇيغۇرلار  ئىنساپ - دىيانەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئاچ كۆزلۈك، چۆللۈك قىلىشىپ، تاماقنى جىق ئېلىۋالىدىكەن. يەپ بولالماي، ئەتىسى سېسىتىپ، تاشلاشقا مەجبۇر بولىدىكەن. ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىسراپ قىلماي ھەم چوڭچىلىق قىلماي يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە سەدىقە قىلىڭلار!» دېگەن. جاھان داستىخېنىنىڭ نېمىتى شۇنچىلىك كەڭ ۋە مول ئىكەنكى، ئىنسانلار ئىسراپچىلىقتىن، چوڭچىلىقتىن خالىي بولسىلا، بۇ داستىخاندىكى نازۇ نېمەتلەر ئۇلارنىڭ خالىغىنىچە يەپ، خالىغىنىچە ئىچىشىگە يېتىدۇ.

        8. ئۇششۇقلۇق، مۇتتەھەملىك قىلىش. ئەرەبلەر سودا قىلىشقاندا ئاساسەن باھا تالاشمايدىكەن. خېرىدار خالىسا، مال ئىگىسى قويغان باھا بويىچە پۇلنى تۆلەپ، مالنى ئېلىپ كېتىشىدىكەن. بىراق سودىغا «ماھىر» بەزى ئۇيغۇرلار بىر ھەللەھەللە  سەئۇدى پۇل بىرلىكى، بىر رىيالنىڭ يۈزدىن بىرىگە تەڭ.نى تالىشىپ، مەككىنى بېشىغا كىيىشتىن يانمايدىكەن. مەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەرەب پرىكازچىكى بىلەن باھا تالىشىپ مۇتتەھەملىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، دۇكاندىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى كۆرگەنىدىم.
    چەت ئەللەردە تۇرۇۋاتقان مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ، قانۇنلۇق تىجارەت ۋە قانۇنلۇق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىنكاسىمۇ ياخشى ئىكەن. بىراق بەش قول ئوخشاش بولمىغىنىدەك، ۋەتەندە «يۇرتقا پاتمىغان»لار بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا «يۇرتقا پاتماي» يۈرۈۋېتىپتۇ. بۇنداق «يۇرت بۇزۇقلىرى» چەت ئەلدىمۇ بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلىق، لۈكچەكلىك قىلىشىپ، باشقىلارنى قاقتى - سوقتى قىلىشىپ، ھەتتا قارا جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇپ، بىر - بىرىنىڭ ئورىسىنى كولىشىپ، بىر - بىرىنىڭ پېيىدا يۈرۈشىدىكەن. مەن ئالمائاتادىكى چېغىمدا XXX ئىسىملىك بىر ۋەتەندىشىم ئۆزىنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان «يۇرت بۇزۇقلىرى» تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنىپ قاتتىق ئۇرۇلغانلىقىنى، ئاخىر 9 مىڭ ئامېرىكا  دوللىرىلىق تۆلەم بېرىپ، ئاران قۇتۇلۇپ چىققانلىقىنى ماڭا يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ  بەردى.
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان بۇنداق «يۇرت بۇزۇقلىرى» چەت ئەللىكلەرنى: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۇرت بۇزۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى چەت ئەلگە سۈرگۈن قىلغانمۇ قانداق؟» دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىز ئۇيغۇرلار «شۇنچىلىكقۇ» دېگەن ئاتاققا ئېرىشىپتۇق!
    يۇقىرىدا مەن مىسالغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىشلار گەرچە ناھايىتى ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلاردا سادىر بولۇۋاتقان ئىشلار بولسىمۇ، ئەمما «كۆلنىڭ سۈيىنى بۇلغىغان ئۆردەكنىڭ كۆتى» دېگەندەك، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا ئېغىر نۇقسان يەتكۈزۈۋېتىپتۇ!

    ئاخىرقى سۆز

        ئايروپىلان ئون مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچماقتا. ئاسماندا ئاقباش تەڭرىتاغلىرى سوزۇلۇپ ياتماقتا. كۆز يەتكۈسىز  دالاسى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان. مەشھۇر تۈركىستان تۆمۈريولى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يىلانباغرى سوزۇلغان. ئۇ تاشكەنتتىن تاكى ئالمائاتاغىچە مېنىڭ نەزەر دائىرەمنىڭ سىرتىغا چىقمىدى. تەپەككۇر قاناتلىرىم خۇددى لاچىندەك پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى. مۇشۇ تاپتا ئايروپىلان بىردىنلا شەرققە قايرىلىپ ئۇچسا، بىر سائەت ئىچىدە ۋەتىنىمگە يېتىپ بارسام ياكى بولمىسا، ئاللا ماڭا لاچىننىڭ قانىتىدەك ئىككى قانات ئاتا قىلسا، كۆكتە بىر شۇڭغۇسام، ھويلامدىكى قېرى ئۈجمىنىڭ شېخىغا بېرىپ قونسام...
    ئالمائاتا ۋاقتى سائەت ئون ئىككى يېرىمدا مەن ئولتۇرغان ئايروپىلان ئالمائاتا خەلقئارا ئايروپورتىغا سىيلىق قوندى. مەن چېگرىدىن كىرىش رەسمىيىتىنى ئۆتەش ئۈچۈن،  يېنىمدىكى ئامېرىكا دوللىرى ۋە باشقا نەرسىلەرنى دىكلاراتسىيىگە تولدۇردۇم. يېنىمدا پارچە توققۇز ئامېرىكا دوللىرى بار ئىدى. نېمە ئۈچۈندۇر، ئۇنى تولدۇرۇشنى ئۇنتۇپتىمەن. تاموژنىدىن ئۆتىدىغاندا، لىرا ئىسىملىك بىر قازاق قىزى ماڭا: «بۇ توققۇز ئامېرىكا دوللىرى دىكلاراتسىيىگە چۈشمەپتۇ. شۇڭا، ئىشتىراف تۆلەيسىز!» دەپ، ھېلىقى توققۇز ئامېرىكا دوللىرىنى مېنىڭدىن ئېلىۋالدى.
        - ناھايىتى ياخشى، دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ، بىز ئۇيغۇرلاردا خەقنىڭ ھەققىنى ئالسا، دۇئا قىلىدىغان ئادەت بار. شۇڭا، مېنىڭ ئۈچۈن بىر دۇئا قىلىپ قويغان بولسىڭىز، مەن بەك خۇشال بولغان بولاتتىم!
     دۇئانى قانداق قىلىدۇ؟ دېدى لىرا مېنىڭ گېپىمنى چۈشەنمەي.
     ئىككى قولىڭىزنىڭ ئالىقىنىنى يۈزىڭىزگە قارىتىپ ئېچىپ «ئىلاھە ئامىن!» دېسىڭىز بولىدۇ! دېدىم مەن كۈلمەي تۇرۇپ.
     سەپىرىڭىزگە ئاق يول تىلەيمەن! دەپ دۇئا قىلدى ئۇ ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئىلاھە ئامىن!...
    مەن ئايروپورتتىن چىقىپ تاكسى كىرا قىلىپ ئۇدۇل بىر نەۋرە ئىنىم ماھمۇتنىڭ ياتىقىغا كەلدىم. ماھمۇت ۋە ئۇنىڭ خوجايىنى خوجا ئەھمەت ئاكا ھەم ئايالى زۇلخۇمار خانىم بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ كۆرۈشتۇق. ئاخشىمى مەن ئۇلارغا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردىم.
    ئىنىم ماھمۇت ئالمائاتادىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلىپ قويۇپتىكەن. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن ئالمائاتا ۋاقتى سائەت تۆتتە، شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيە كومپانىيىسىنىڭ 160 كىشىلىك ئىككى ماتورلۇق رېئاكتىپ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە ئۇچتۇم...


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.