‏(رەپقەت غازى)‏‎ ‎ئۈرۈمچىگە قايتىش

يوللىغۇچى : rapket يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-06 04:09:00

‎ ‎ ياۋروپادىن قايتىپ كەلدىم.‏ گۇاڭجۇدا توختاپ قالىمەن دەپ ئويلىمىغاندىم، ئويلىمىغاندا توختاپ قالدىم. ئېنىقراقىنى ‏ئېيتقاندا بىر قىز ئۈچۈن توختاپ قالدىم. دېڭىز قىزى ـــ زەھرا بۇ شەھەردىكى قى...

    ‎  ‎ ياۋروپادىن قايتىپ كەلدىم.‏ گۇاڭجۇدا توختاپ قالىمەن دەپ ئويلىمىغاندىم، ئويلىمىغاندا توختاپ قالدىم. ئېنىقراقىنى ‏ئېيتقاندا بىر قىز ئۈچۈن توختاپ قالدىم. دېڭىز قىزى ـــ زەھرا بۇ شەھەردىكى قىزغا سالام دەپ قويۇڭ ‏دېدى. ئۇ دېگەن قىزغا تېلېفون قىلدىم. «مەن بۈگۈن شېنجېندا. ئەتە چۈشتە قايتىمەن» دېدى ئۇ. ئۇنى ‏تاماققا تەكلىپ قىلدىم. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن ئاسمان پەلەك ئېگىز بىنانىڭ تۈۋىدە، مەك دونالدنىڭ ‏ئالدىدا ساقلاۋاتقاندا، ئۇ تۇيۇقسىز ئوڭ تەرەپتىن چىقىپ كەلدى.
        ئۇ سول تەرەپىمدىن كېلىدىغاندەك ‏تۇيغۇدا ئىدىم. شۇنداق بولسا ماڭا ئەپلىكرەك بولاتتى. لېكىن ئۇنىڭ قايسى تەرەپتىن چىقىشى مېنىڭ ‏قولۇمدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەستە ئاخىر.‏ ئالدىمدا مەن ئويلىمىغان، تەسەۋۋۇر قىلىشنى خالىمىغان (قىزلارنى تەسەۋۋۇر قىلىۋېرىپ زېرىكىپ ‏كەتكەن ئىدىم)، تىپىك غۇلجا قىزى تۇراتتى. ئۇ سالماق، يېقىملىق سالام قىلدى. شۇ دەقىقىدە مەن «بۇ قىز ‏بىلەن ھىچ ئالدى-كەينىمگە قارىماي پۈتۈن ئۆمرۈمنى بىرگە ئۆتكۈزگەن بولاتتىم» دەپ ئويلىدىم. مېنى ‏ھىچبىر قىز مۇنداق تەڭلا سوغۇق ھاياججانغا ۋە ئۈزىل-كېسىل قارارغا كەلتۈرمىگەن ئىدى. مەن ئۇزۇن ‏يىللار ئىنتىلگەن، بەلكى پۈتكۈل سەرگەردانلىق ھاياتىمدا يېنىمدا بولۇشىنى ئىستىگەن قىز مۇشۇ بولىشى ‏كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۇ خالىسا ياۋروپاغا قايتىپ كەتكەنمۇ، ئەگەر خالىسا بۇ يەردە ياشاۋەرگەنمۇ ‏بولاتتىم.
        مەن ئۈچۈن نەدە ياشاش مۇھىم ئەمەس ئىدى. ئەگەر ئاغىنەم لاغس بۇنى ئاڭلىسا مىيىغىدا ‏كۈلۈپ قويىدۇ. ئۇ «كەلگۈسى گۆزەل بولىدۇ» دەيدۇ. مەن «تۇرمۇش قىزغىنلىققا تولغان بولىشى كېرەك» ‏دەيمەن. ئۇ مېنىڭ قاتمال سەرگۈزەشتىلىرىمنى ئاڭلاپ «سىلەردە مۇھەببەت مۇرەككەپ بولىدىكەن، جىق ‏نەرسىلەرنى چېتىۋالىدىكەنسىلەر» دىگەندى. ئەگەر ئۇ مېنىڭ بىر قىزنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرلۈك ‏بىللە ئۆتۈش قارارىغا كەلگەنلىكىمى بىلسە «سىلەردە مۇھەببەت كۆپ يەڭگىل بولىدىكەن» دىيىشىمۇ ‏مۈمكىن. گەرچە ئاغىنەم شەرقلىقلەردەك غايىپقا ئىشەنمىسىمۇ، لېكىن مېنىڭ تۇرمۇشتىن نىمىنى ‏كۈتىدىغانلىكىمنى چۈشىندۇ.‏
       تاماققا باردۇق. ئۇ: «ئۇيغۇرنىڭكىگە بارامدۇق، تۈركنىڭكىگىمۇ؟» دېدى. مەن: «تاماق مۇھىم ‏ئەمەس، ئازادىرەك يەرگە بارايلى» دېدىم. رېستۇراننىڭ ئالدىغا كەلگەندە قەھۋەخانىغا كىرىپ بىرنىمە ‏ئىچىپ، تاماققا ئاندىن كىرمەكچى بولدۇق. ئۇ تەمكىن، سەمىمىي قىز ئىدى. ماڭا مەكتەپتە ‏ئوقۇۋاتقاندىكى قىزقارلىق ئىشلار ۋە ئائىلىسى توغرىلىق سۆزلەپ بەردى. «ئاپام يالغۇز. يېنىغا ھەمرا بىر ‏قىز تۇرغۇزۇپ قويايلى دېسەك، ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى ئۆزۈم قىلالايدىغان تۇرسام، خەقنىڭ بالىسىغا ‏قاتتىق-قۇرۇق بولۇپ قالسا يامان بولىدۇ. ئادەم ئىشلىتىش ياخشى ئىش ئەمەس، دەپ ئۇنىمايدۇ» دېدى.
       ‏مەن ئىمانلىق ئائىلىدە چوڭ بوپتۇ دەپ ئويلىدىم. ئۇ: « غۇلجا چۆلدەرەپ كەتتى. ياشلار چېكىپ توزۇپ ‏كەتتى» دېدى. مەن ھەر كۈنى پىيادە ماڭغان كۆك كۆۋرۈكتىن ۋالىي مەھكىمىسىگىچە بولغان دەرەخلىق ‏يول، روس قۇلۇبىدىكى قايناق توي مەرىكىسى، ئەخمەتجان كوچىسىدىن چىقىپ كەلگەن مەدەنىي، ‏بايۋەتچچە يىگىت ۋە ئۇنىڭ سۈيۈملۈك ئايالى (شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئۇلارغا قالتىس مەسلىكىم كەلگەن ۋە ‏غۇلجىلىق دېگەن مۇشۇنداق بولىشى كېرەك دەپ ئويلىغان)، ۋاڭ قادىر بېغى خاتىرە سارىيىدىكى ئۆتكەن ‏زاماندىكى كىشىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقى، ئېرىقتىكى سۈزۈك سۇلار كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئاندىن غەمكىن، ‏غۇۋا غۇلجا شەھىرىنى خىيالەن كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ باقتىم. ئاپتاپ چاققان، سايىۋەن دەرەخلەر ‏كېسىلگەن‎ ‎غۇلجا شەھىرىگە بولغان تۇيغۇم ئالدىمدا ئوتقاشتەك يۈرۈپ، بىر مەھەلدىن كېيىن ئۈن-تۈنسىز ‏توي قىلىپ كەتكەن قىزلارغا بولغان ئەسلىملىرىمگە ئوخشايتتى.‏
        ئۇ: «ئۈرۈمچى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ. ئۆتكەن يىل بىرسى مېھمان قىلدى، كارائوك ئېيتقىلى ئاپاردى. ‏قىز بولۇشۇمغا قارىماي سورۇنغا ھەمرا بولىدىغان قىزلارنى چاقىردى. مەن خاپىلاپ چىقىپ كەتتىم. ‏گۇاڭجۇدا ئۇنداق ئەمەس. ئەقەللىسى چوڭلار بار سورۇنغا بارساقمۇ كىيىم-كىچەككە دىققەت قىلىپ ‏بارىمىز» دېدى.
        ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىپ كەتمىدىم. ئادەمدە شۇنداق ئەۋزەللىك ‏پىسخىكىسى بولىدۇ. ئەنگلىيىدىكىلەر ئەنگلىيىنى داڭلايدۇ. فرانسىيىدىكى ئۇيغۇرلار فرانسىيىنى داڭلايدۇ. ‏گېرمانىيىدىكىلەر گېرمانىيىدىن باشقا ھىچ يەرنى ياراتمايدۇ، خۇددىي بۇ يەرلەر خاس ئولارغا تەۋەدەك، ‏ئۇلار بۇ دۆلەت-شەھەرلەرنى قۇرۋاتقاندەك. ئەمىليەتتە ئۈرۈمچىدە ياشىمىغانلىق بىلەنلا ئۈرۈمچى ۋە ‏ئۈرۈمچىدىكىلەر بۇزۇلۇپ كەتكەن بولىشى ناتايىن ۋە گۇاڭجۇنىڭ ئۇنچىلا «ئۇنداق ئەمەس» بولىشىمۇ ‏ناتايىن. دۇنيانىڭ نەرىدە «بۇزۇلمىغان» يەر بار؟
        بىدئەتلەرنى دېمەيلى، لوندوندىكى بېنگلادېشلىقنىڭ ‏‏18 گە كىرگەن قىزلىرى ياغلىقنى چۈمكەپ كىيىپ، نەۋرە ھەدىسىنىڭ ھەمرالىقىدا ئۆيىدىن چىقىپ ‏خەقنىڭ ئۆيىدە بەڭ چېكىدۇ، ئىچىدۇ، قارىلارنىڭ رەپ مۇزىكىسىنى تىڭشايدۇ. دوھا ئايرىدرۇمىدىكى ‏ئەرەب چالا قالغان ۋىسكىنى ئايرۇپىلانغا ئېلىپ چىقىپ كۈتكۈچىنىڭ توسۇشىغا ئۇنىماي ئىچىۋېلىپ ‏جىدەللىشىدۇ...
       ئۆز يۇرتىدىن ياتلىشىش تۇيغۇسى ئەمىليەتتە ئۆزىدىن  ياتلىشىىشىنڭ ئىپادىسى. بۇ خىل ‏ئۆزلىكىدىن ياتلىشىش ئادەمنى تېخىمۇ كىرزىسكە پاتۇرىدۇ.‏ ‏ بىز تاماق يىمىدۇق. ئۇ مېنى بالدۇرلا تاكسىغا سېلىپ قويدى. مەن بىر ئاز ئوڭايسىزلاندىم.‏ ئەستايدىل بولاي دىگەنچە، ئۇنىڭ ئالدىدا كۆرۈشۈپلا ئۈچ خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئىدىم: بىرسى ‏ئۇيغۇرچىلىقتىن، بىرسى جۇڭگۇچىلىقتىن ۋە يەنە بىرسى ئۆزۈمنىڭ شورىدىن بولدى. ئەلۋەتتە كىچىككىنە، ‏ئەرزىمەس بولسىمۇ بۇ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزمىگەن بولسام ياخشى بولاتتى. ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى بەرگەن ‏سەئۇدىلىق ھاجىم كالامپايلىق قىلماسلىقى، ئۇ قىزنىڭ تېلېفونىنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلماسلىقىم، ‏تاكسىدىن چۈشكەندە ئىشىكىنى ياپماستىن ئۇ قىزنىڭ چۈشىشىنى ساقلاپ تۇرىشىم كېرەك ئىدى. ياكى بۇ  ‏ئاۋارچىلىقلار باشقا چاغدا بولسا مەيلىدى، لېكىن بىر قىز بىلەن، يەنە كېلىپ دەل مېنىڭ قىزلار توغرىسىدكى ‏ئابستراكت تۇيغۇمغا يېقىن بولغان قىز بىلەن قەھۋە ئىچىپ ئولتۇرغاندا يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى. ‏بەلكى ئۇ تۇرمۇشنىڭ مۇشۇنداق تاسسادىپىيلىققا، نامەلۇملۇققا تولغانلىقىنى، بەلكى شۇ سەۋەپلىك بىزنىڭ ‏ھامان كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىمىزنى چۈشىنەر. مەن تاكسىدا كېتۋېتىپ «بوپتۇ» دېدىم.‏ گۇاڭجۇ چوڭ، شاۋقۇن-سۈرەنلىك، تۇمانلىق، نەم، قىستاڭ  شەھەر ئىدى. ماڭا جۇڭگۇنىڭ ‏ھەممە شەھەرلىرى ئوخشاش ئىدى. مېنىڭ سىرتقا چىقىپ بۇ شەھەرلەرنى ھىچ ئايلانغۇم يوق. مەن ‏مۇسكۋادىن كېلىدىغان ئافغان سودىگەرنى ساقلىغاچ ھەشەمەتلىك شاپتۇلزارلىق قوروسىدىكى كەڭ ‏ئۆينىڭ بالكونىدا سىم-سىم يامغۇر ئىچىدىكى گۇاڭجۇ شەھىرىگە ـــ پەستىكى گۆزەل پالما دەرىخىگە، ‏ئۇنىڭ ئاستىدىكى گۈللۈككە، گۈللۈكتىكى شاقىراتمىغا، فونتانغا ۋە يىراقتىكى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان ‏ھەيۋەت بىنالارغا نەزەر سالاتتىم. مەن جىددىي كېلىپ، گۇيا جەنۇبىي ياۋروپادا دەم ئېلۋاتقاندەك بىر ‏تۇيغۇدا، بىر تۇرۇپ قاپسىلىپ قالغاندەك سىقىلىش ئىچىدە ئىدىم. بۇ كۈنلەردە ئۇ قىز ئالدىراش ‏ئىشلەيتتى.‏ ‏   

         سەيشەنبە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ: «شەھىرىڭىزگە ناتونۇش بىز. چەت ئەلگە ‏ماڭىدىغانلارنى ئۇزىتىپ يۈرمەي، قايتىپ كەلگەنلەرنىمۇ قارشى ئېلىپ قويۇڭ. بۈگۈن ئامېركىدىن دىپلوم ‏كەپتۇ. ئاغىنەم ئولتۇرۇش قىلىپ تەبرىكلە دېدى. شوڭا تەبرىكلىشىپ بېرىدىغانغا سىىزنى چاقىردىم» ‏دېدىم. ئۇ: «ياخشى بوپتۇ. ئۇنداق بولسا ئوبدانراق تەبرىكلەپ قويساق بولغۇدەك. نەگە بارىمىز؟» دەپ ‏سورىدى. كەچتە ئىگىز بىنالارنىڭ قورشاۋىدىكى تار يولدا ماڭغاچ ئىتالىيان رېستۇرانىغا باردۇق. ‏ئەمىليەتتە يول تار ئەمەس ئىدى. مەن شۇنداق ھىس قىلاتتىم. بۇ ئىگىز بىنالارنىڭ مېنى ياتسىرتىشى ۋە ‏مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تار يولدا مېڭىشنى خالىشىمدىن ئىدى. ئۇ    ئىشخانىسىدىن ھۆججەت خالتىسىنى ‏قولتىقىغا قىستۇرۇپ چىققان ئىدى. ‏typical office clerk‏ (تىپىك ئىشخانا خىزمەتچىسى) دېدىم مەن ‏ئۇنىڭغا.
        لوندون پۇل-مۇئامىلە مەركىزىدىكى كۈچلۈك خىزمەت روھىغا ئىگە ئاياللار بىر قولتۇقىدا ‏ماتىريال، بىر قولىدا تېلېفون ئەنە شۇنداق ئالدىراش چىقىپ كېلەتتى.  ئاندىن ئۇنىڭ ھۆججەت ‏خالتىسىنى كۆتىرۋالدىم.‏ ئۇ كۈتكۈچى قىزغا يۇمشاق كانتون تەلەپپۇزىدا‎①‎‏ گەپ قىلدى. ئۇ خەنزۇچە ئۇقۇغان بولسىمۇ ‏ئۇيغۇرچىگە راۋان ئىدى. ئەلۋەتتە ئاسمان تىلنى بىلگەندىمۇ، ئۇيغۇرچىدىن ھوزۇرلىنالمىسا بەرىبىر ‏ئىدى. «تاماق يىمەي، تېلېفون يەيدىغان قىزكەنسىز. ئېلىڭە»، تەخسىسىگە سالاتتىن بىر ياپراق سېلىپ ‏قويدۇم. «كەچۈرسىز، خىزمەت ئىشى. شۇ، مۇشۇنداق ئىشلەيمىز...» دېدى ئۇ. «ئاكسىيىگە قىزىقامسىز؟» ‏مەن «ياق» دېدىم. ئۇ ئاللىكىملەرنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ پۇل تېپىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «بېيجىڭ ‏،شاڭخەيلىكلەر سىرتنىڭ ئادىمىنى چەتكە قاقىدۇ، لېكىن جەنۇبلۇقلار ئۇنداق ئەمەس» دېدى. ئاندىن ‏خىزمەتداشلىرىنىڭ، باشلىقىنىڭ، جەنۇبلۇق خەنزۇلارنىڭ گېپىنى قىلدى.
       «بۇ يەردە تەس. بۇلار 38-39 ‏ياشقىچە ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، تىرشىپ ئىشلەپ پۇل يىغىپ، ئاندىن توي قىلىدۇ... خىزمەتتە ‏باشقىلارنىڭ شەخىسى تۇرمۇشىنى سورىمايمىز. توغۇلغان كۈنى بولسا بېرىپ ئويناپلا قايتىپ كېلىمىز. ‏مېھماندارچىلىق بولسا ھەمىمىز ئۆزىمىزنىڭكىنى تۆلەيمىز... باشلىقىم تۇرمۇشىنى ئاددىي، سۈپەتلىك ‏ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ھاراق ئىچمەيدۇ. ئىشقا ۋاقتىدا كېلىدۇ. دەم ئېلىشلاردا چەت ئەلگە چىقىپ كېتىدۇ...» ‏گۇاڭجۇلۇقلار قانداق ياشىسا مەيلى. لېكىن بىزنىڭمۇ ئۆز ياشاش مەۋقەيىمىز بار. مەن ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ‏دىققەت بىلەن ئاڭلايتتىم. ئۇنىڭ نازۇك ئەينەك ئىستاكاننى تۇتۇپ، يانچە قاراپ ئولتۇرغان قىياپىتى ـــ ‏قىسقا، ئىگىز بۇرنى، مىيىقىدىن سىرغىپ چۈشكەن سەبىيلىك، تىنىق كۆزلىرى، بېشىنى سەل يانغا تاشلاپ ‏پەسكە بېقىشلىرى ھوللىۋۇد چولپىنى جۇلىيە روبېرتسنىڭ لاتاپەت ۋە مېھرىۋانلىقىنى ئەسلىتەتتى. مەن: ‏‏«سىز سۈيۈملۈك قىزكەنسى» دېدىم، ئاندىن ئۇ بۇنىڭغا يېتەرلىك ئىرەن قىلمىدى دەپ ئويلىدىم. بىز ‏باشقا يەرگە بارماقچى ئىدۇق، يامغۇردا ماشىنا توسقىلى بولمىدى. رېستۇراندا ئولتۇرىۋەردۇق. ئۈن-تىنسىز ‏يامغۇرنىڭ ئەينەك دەرىزىگە ئۇرۇلىشىغا زەن سالدۇق. ماڭا يامغۇر توختىمىسا، رېستۇران تاقالمىسا، ‏كېچە تاڭ ئاتمىسا بولاتتى. مەن ئۇنىڭغا رىمنىڭ ئارقا كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرگەن يامغۇرلۇق ئاخشام ‏ۋە سەرگەردانلىق ھاياتىم توغرىلىق بايان قىلىپ بەردىم. بىز سائەت نۆلدە قايتتۇق.‏ بۇ شەھەردە مېنى جەلپ قىلدىغان ھىچنىمە يوق. مەن ئۆيدىن چىقماي، موسكىۋالىقنى ‏ساقلىغاچ دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ قويىمەن.‏
        يامغۇر ياققان سەيشەنبە سەھەر ئۇنىڭغا گۈل، ئاتكىرتكا ئەۋەتتىم. «شەرقىي ۋوگزال، 46-قەۋەتتىكى ئەڭ ‏گۈزەل قىزغا ئاپىرىپ بېرىسەن» دىسەم گۈلچى بالا كۈلۈپ قويدى. ئۇ بالىنى تاكسىغا سالالماي، بىر باغلام ‏گۈلنى تۇتقانچە يامغۇرغا چىلاشتىم. تۇنجى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا ياخشى كۆرگەن قىزغا ئېلىپ ‏بېرەلمىگەن بىر تال گۈل، ياۋروپا سەھرالىرىدا شامالدەك كەزگەن تەنھا ئاي- يىللار، مەپىگە قېتىلغان ‏ئاتلارنىڭ نەم سەھەردىكى تاراسلىغان تۇياق ئاۋازى،ئورمانلىقتىكى قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرى‎②‎‏ كۆز ‏ئالدىمدىن ئۆتتى. مەن مۇھەببەت ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن ئىدىم. ‏ بۈگۈن مەن كۆڭلۈمنى كۆتۈرگەن قىزغا گۈل سوۋغا قىلاتتىم. يارقىن تۇيغۇلار ئۈچۈن بەدەل تۆلەيتتىم.
        ‏گۈلچى بالا كەتتى. يۈزۈمنى يامغۇرغا تۇتۇپ چوڭقۇر نەپەس ئالدىم. ‏ ئاتكىرتىغا مۇنداق يازغان ئىدىم:‏ ‏«سۈيۈملۈك ئارزۇگۈل:‏ ‏      يالغۇز ياشاشقا ھايات بەك قىسقا. سىزنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىمەن.‏ ‏      ئۇرنى: سۇلتان رېستۇرانى،  ئاق بولۇت مېھمانخانىسى، شەرقىي ئايلانما يول 367-نومۇر.‏ ۋاقتى: كەچ سائەت 6:00 دە.»‏ ‏ 
          چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭدىن خەت كەلدى:‏ ‏«گۈلىڭىزدىن بەك سۈيۈندۈم، رەخمەت‎!‎‏ سىز ئەۋەتكەن گۈللەرنىڭ تىلەكلىرى ئاستىدا بۇ خىزمەت ‏ئۈستىلىم تېخىمۇ گۆزەل تۈسكە كىردى! كۆپرەك ئەۋەتىپ تۇرشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن، تاماققا تەكلىپ ‏قىلسىڭىز مۇشۇ يۇسۇندا قىلارسىز! بۈگۈن كۆرۈشۈشكە چىقالمايدىغانلىقىمدىن كۆڭلىزنى يېرىم قىلماڭ، بۇ ‏تېخىمۇ كۆپ گۈللەرنى تەمە قىلشىمدىندۇر، خىزمەت ۋاقتىمدا ماڭا ھەمرا بولۇشى ئۈچۈن!‏      تۆنۈگۈن قىزىق بولدى، گۇاڭجۇ چوڭ، لېكىن ئادەملەر ئەشۇنداق ئۇچرشىپ قالىدۇ. يالغۇز ‏كوچا ئايلىپ نىمە تەسىراتتا بولدىڭىز؟ بۇ شەھەرنى قانداق ھىس قىلدىڭىز؟ ئۆزىڭزىنى ئاسراڭ.»‏ ‏  
        كەچتە ئۇنىڭغا خەت قايتۇردۇم:‏ ‏   «قەدىرلىك ئارزۇگۈل:‏ ئەلۋەتتە سىزنىڭ لاتاپەتلىك كۈلۈمسىرىشىڭىز ئۈچۈن كىچىككىنە خوشاللىق ئەكىلىش مېنىڭمۇ ‏خوشاللىقىمدۇر.‏ ‏      گۇاڭجۇدىكى كۈنلىرىم خۇددىي ساياھەتتە يۈرگەندىكىدەك غەمسىز، ئەركىن... بىراق يۇمشاق ‏كىرىزىس تۇيغۇسى بىلەن. مەن ياۋروپادىكى ئاغىنىلىرىمگە بۇ شەھەرنى مۇنداق تەسۋىرلەپ بەردىم: بۇ ‏شەھەر ـــ رېستۇرانلار، ئۆيلەر، ئىشخانىلار، مېترو، سودا-سارايلار ـــ شۇنچىلىك يوغان ۋە زامانىۋىكى، ‏جۇڭگۇلۇق بولساممۇ مەن چېغىمدا بۇنى دەماللىققا قوبۇل قىلالمايمەن. ئۇلارنى ئىدراك قىلماق تەس. ‏ھەممە نەرسە يېڭى ۋە پاكىز، شەھەر پەقەت بىتون ۋە گلاستىن قۇرۇلغان. ھەممە يەرنى سانجاق-سانجاق ‏ئاسمان پەلەك بىنالار قاپلىغان. بىنالارنىڭ ئىگىزلىگى ۋە بوشلۇقنىڭ تارچىلىقىدىن ئادەم ئۆزىنى خۇددىي ‏يەر يۈزىگە قىستاپ-نىقتىلۋاتقاندەك ھىس قىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن بۇ شەھەرنى جۇڭگۇنىڭ باشقا ‏شەھەرلىرىگە قارىغاندا ياخشى كۆرىمەن، بىراق بىردىن-بىر مەسىلە بۇ يەردە ئادەملەر ھەددىدىن زىيادە ‏كۆپلىكى، خۇددىي سۈۋەرەككە ئوخشاش. بۇ مېنى بىئارام قىلىدۇ. ( بۇنداق تەسۋىرىم ئۈچۈن كەچۈرۈم، ‏بىراق ئۇ راست.)‏ مەن ھاياتىمنى تىزگىنلەشنى بىلىمەن. مەن سەھرادىكى بىر توپ قوينى بېقىشتىن تارتىپ گېرمانىيە ‏قەلئەلىرىدىكى ھەشەمەتلىك سورۇنلارغا قاتنىشىش، شوتلاندىيە دالاسىدا گولف توپ ئويناش، لوندوننىڭ ‏ئەتىگىنىدىكى جىددىيچىلىك ۋە ياكى قۇياش نۇرى ئاستىدىكى رىمدا سەيلە قىلىش...لارغىچە ‏كۆڭۈل-كۆكسۈمدىن ئۆتكۈزدۈم.
        يات شەھەردە كۈتۈلمىگەن ئىشلارغا تاققابىل تۇرۇشقا چاممام يېتىدۇ. ‏ ئەلۋەتتە گۇاڭجۇ قايناق شەھەر ۋە (مەن كۆرگەن جۇڭگۇنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىن) يېشىلچىلىققا ‏تولغان شەھەر. بىراق ئۇ ماڭا ياۋروپادىن بەكراق يات. تەلىيىمگە سىز ماڭا بۇ شەھەرنى ئىسسىتىپ ‏بېرىۋاتىسىز! شوڭا بۇ يەردە بەلەن تۇرۋاتىمەن. ئەگەر سىز بولمىغىنىڭىزدا ئىدى، بۇ شەھەر نەقەدەر ‏زېرىكىشلىك بولغان بولاتتى ۋە مەن بىر مىنۇتمۇ تۇرمىغان بولاتتىم.» ‏ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇنى قايتا تەكلىپ قىلدىم. ئۇ يەنە ھۆججەت خالتىسىنى قولتىقىغا ‏قىستۇرغانچە ئىشىخانىسىدىن چۈشتى. «تۈرك رېستۇرانىغا بارايلى» دېدىم. ئۇ: «يەرمەنكە ۋاقتى، ‏تۈركنىڭ رېستۇرانلىرىدا بەك ئۆچرەت ساقلاپ كېتىمىز» دېدى. ئاندىن كورىيە رېستۇرانىغا باشلىدى. ئۇ ‏يەنە تۈركىيەدىن كەلدى دەپمۇ بىر دوستىنى باشلاپ چىقتى. مەن ئۇنى بۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغان ‏ئىدىم. مېنىڭ مۇنداق جىق قىزلار بىلەن تونۇشۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. بۈگۈن قاتتىق زۇكام ئىدىم. ‏زۇكام بىلەن قوشۇلۇپ  «كورىيە رېستۇرانى» دىگەن سۆز ۋە ئۇنىڭ «دوست»نى باشلاپ چىقىشى مېنى ‏بىردىنلا بوشاشتۇرۋەتتى. بۈگۈن كەچنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشنى ئويلىغاندىم.
       مەن ئاستا، ‏ئىشتىھاسىز تاماق يىدىم. بەلكى ئەتە ئۈرۈمچىگە كېتىدىغان بولغاچقا، بەلكى بۇ قىز بىلەن ئىككىنچى ‏ئۇچراشمايدىغان بولغاچقا ناھايىتى جىق گەپلەرنى قىلغانمۇ بولاتتىم، لېكىن ئۈندىمىدىم. ئاخىر شۇنچە ‏جىق گەپلەرنىڭ نىمىگە زۆرۈريىتى بار؟ ماڭا كېرىكى كۆڭۈل-قەلب. ‏ ئۇ كەچتە يەنە ئىشلەيتتى. خوشلىشىدىغاندا ئۇنىڭغا: « مەن بىلەن ئاسمىنى كەڭ يەرلەرگە ‏كېتىڭ» دېدىم. كەڭ دىسە ھەممىدىن كۆڭلۈمنىڭ ئاسمىنى كەڭ ئىدى. ئۇ: «بۇنداق گەپلەرنى تېلېفوندا ‏دىيىشسەكمۇ بولىدىغۇ» دېدى. قىزلار شۇنداق گەپ قىلاتتى. بۇنداق گەپلەرنى تېلېفوندا دىيىشىدىغان ‏بولسام يەتتە يىلدا ئون يەتتە قىز بىلەن دىيىشىپ بولغان بولاتتىم. تېلېفوندا مۇھەببەتلىشىدىغان مەزگىل ‏ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. «پاسپورتىڭىز باردۇ؟» «بار.» « سىزمۇ ھامان بىر تۇرمۇشنى تاللايسىز، مەنمۇ شۇ. ‏ئەلۋەتتە ھەممىمىز ئەڭ ياخشىسىنى تاللايمىز.  مەن سىزنى تاللىدىم. ياۋروپاغا كېتەيلى. ئەگەر ‏خالىمىسىىڭىز، سىز ئۈچۈن بۇ يەردە تۇرۇپ قالساممۇ بولىدۇ. ئۆزىڭزىگە بىر ئاز ۋاقىت بېرىڭ ۋە ئويلىنىپ ‏كۆرۈڭ.» ئۇ «ھە» دېدى. ئۇ ھۆججەت خالتىسىنى يەنە شۇ پېتىچە ئىشخانىسىغا ئەپچىقىپ كەتتى. ‏بۇنداق ئۇششاق ئىشلارغا  ئىرەن قىلىپ كەتمەيتتىم. نىمىشقا مۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ھەم چۈشەنمەيتتىم.‏
       مېترودا كېتۋېتىپ مېنى قاتتىق ئۇيقۇ باستى. ناھايىتى ھارغىن ئىدىم. قىزلار ئادەمنى ئەنە شۇنداق ‏ھاردۇرۋېتەتتى. لېكىن مۇھىم بىر ئىشنى ئورۇنلاپ بولغاندەك ئازادە ئىدىم. ئەمدى ئۇنىڭ ھە دىيىشىمۇ، ‏ياق دىيىشىمۇ ئوخشاش ئىدى. ھە دىسە ياكى ياق دىسە ئۇ بۇنى مەن ئۈچۈنلا قىلمايتتى. ئەگەر ماقۇل ‏كۆرسە ناھايىتى سۈيۈنگەن بولاتتىم. بىز قايناق، رەڭدار تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق. مەن ئۇنىڭغا جاھاننى ‏كۆرسىتەتتىم. بىز گرىتسىيەگە بېرىپ ھومېرنىڭ تاشقا ئويۇلغان جەڭنامە تەسۋىرلىرىدىن قەدىمقى ‏گرىكلارنىڭ ئىلاھلار توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى ھىس قىلاتتۇق. لاپلاندقا بېرىپ قۇتۇپ يۇرىقىدا بوغىلار ‏قوشۇلغان چانىغا ئولتۇراتتۇق. خوتەنگە بېرىپ گۆش گىردە يەيتتۇق. جىددىي ئىشلەيتتۇق. بالىلىرىمىز ‏بولاتتى... ياق دىسە ئۇمۇ مەيلى. ئۇ چاغدا ئۇ ماڭا باشقا قىز بىلەن تامامەن باشقىچە ياشاش پۇرسىتى ‏يارتىپ بېرىدۇ. مەن قىزلارنى كۆپ ئارزۇلىغان. ئاندىن سەرگەردانلىق ھاياتىمدا ئاستا-ئاستا پۈتمىگەن ‏ئىشلارغا «بوپتۇ» دىيىشنى، ياق دېگەن قىزلارغا «ھىچقىسى يوق» دىيىشنى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشنى ‏ئۆگەنگەن. ئۇلار مېنى باھاردا ئېقىمغا قارشى ئۈزگەن بېلىقلارغا ئوخشاش ھەممىنى ئارقامغا تاشلاپ ‏داۋاملىق ئىلگىرلەش روھىغا ئىگە قىلدى. تۇرمۇش شۇنداق بىر ئېقىن. مەن ھاياتنىڭ قاينام-تاشقىىلىرى ‏ئىچىدە ئۇنىڭ سۈزۈك، تېنچ قىرغاقلىرىنى ئىزدەيمەن.‏
        بىر قىز بىلەن ساغلام، مۇۋەپپىقيەتلىك سۆھبەت قۇرماقنىڭ نەقەدەر قىيىن بولىدىغانلىقىنى بارغانچە ‏ھىس قىلۋاتاتتىم. مەن سۆھبەتنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرەتتىم. بىراق قىزلار بىلەن سۆھبەت چېچىلاڭغۇ، تاق ‏لىنىيىلىك، يەڭگىلتەك داۋام قىلاتتى. بۇلاردىن يېنىشلاپ رايىم قايتسىمۇ، كۆڭلۈم يەنىلا توق ئىدى. بىر ‏قىزنىڭ ياق دىيىشى مېنى چۈشكۈنلۈككە سېلىپ بولالمايتتى. گەرچە بۇ قىز تېخى ئېنىق ئىپادە ‏بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ. مەن ئىتالىيىدىن ئالغان ئاياقلار قانچىلىك قىممەت، قانچىلىك مودا بولىمسۇن ‏موسكىۋالىق خېرىدارلار ئۈچۈن پەقەتلا بىر تال ئاياق بولغىنىدەك، بىر قىز پەقەتلا بىر قىز. مەن ئاستا-ئاستا ‏قىزلار بىلەن بولغان سۆھبەتلەردىن بۇ خىل باش-باشتاقلىق، باش-ئۇچسىز پەرۋاسىزلىقنىڭ  پەقەتلا بىر ‏قىزنىڭ  مەسلىسى ئىكەنلىكنىنى ،ھەرگىزمۇ لكىرزىس ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم.‏ گۈلچى بالىغا يەنە ئاتكىرتكا قالدۇردۇم:‏ ‏ 
         «سۈيۈملۈك ئارزۇگۈل، ئىشلار ھامان ئۆزگىرىشى كېرەك، ھاياتمۇ ھەم. ماقۇل كۆرسىڭىز بىز بىللە ‏گۆزەل ۋە ھارمونىيىلىك تۇرمۇش بەرپا قىلايلى.»‏ ‏«ھەممە ئىتنىڭ بىر كۈنى بار»‏‎③‎‏ دېدىم ئۆزۈمگە. ئاندىن مېنى ئۈچ ھەپتە توختاتقان نەمخۇش، ‏يات شەھەردىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە قايتتىم. ھەممە ئادەمنىڭ شورى ئۆزىگە.‏        2007-يىلى ‏21-ئاپرىل، گۇاڭجۇ ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ‎①‎‏ خەنزۇ تىلىنىڭ گۇاڭدوڭ دىئالېكتى يەنى يۆيۈ (‏粤语‏) نى خەلقارادا «كانتون تىلى» دەپ ئاتايدۇ.‏ ‎②‎‏ بۇ ‏enigma‏ (سېھىر)‏‎ ‎دېگەن مۇزىكا پلاستىنكىسىنى ئاڭلىغاندا  كۆز ئالدىمغا كېلىدىغان ئىماگلار.‏ ‎③‎‏ ئىنگلىز ماقال-تەمسىلى. ئەسلى‎ Every dog has it’s day ‎بولۇپ، ھەركىمنىڭ ئۆزىگە يارىشا پۈرسەت-ئامىتى بار دىگەن مەنىدە.‏

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:41:22]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ‎ئۈرۈمچىگە قايتىش