تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر(9)

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-12 22:13:00

9- پارچە خەت ئۇستازىم ۋە ساۋاقداشلىرىم نەزەرىدىكى ئۇيغۇرلار سالام سابا، بۈگۈن سىزگە ئامېرىكىلىقلار نەزەرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالماقچىمەن، ئەلۋەتتە مەن تىلغا ئالغان ئامېرىكىلىق دوست...

                                                                                  9- پارچە خەت

                                                             ئۇستازىم ۋە ساۋاقداشلىرىم نەزەرىدىكى ئۇيغۇرلار


    سالام سابا،

       بۈگۈن سىزگە ئامېرىكىلىقلار نەزەرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالماقچىمەن، ئەلۋەتتە مەن تىلغا ئالغان ئامېرىكىلىق دوستلىرىم بارلىق ئامېرىكىلىقلارغا ۋەكىللىك قىلالماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا ماۋزۇنى «ئامېرىكىلىقلار نەزەرىدىكى ئۇيغۇرلار» دەپ قويماستىن «ئۇستازىم ۋە ساۋاقداشلىرىم نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار»دەپ قويدۇم.

        دەسلەپكى چاغلاردا ھەر كۈنى كەچلىكى ئىنگلىز تىلى دەرسىنى ئاڭلىغاندىن باشقا، ھەپتىدە ئىككى قېتىم كەسپىي دەرس ئاڭلايتتىم. دەرسىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا ئائىت مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەزمۇنلارمۇ پات-پات سۆزلىنىپ قالاتتى، بۇنداق چاغلاردا ساۋاقداشلىرىمنىڭ نەزەرى ئىتتىك ماڭا يۆتكىلەتتى، گ ئەپەندى بولسا دەرس سۆزلەۋېتىپ، پات-پات مەندىن «شۇنداقمۇ، سىزنىڭچە قانداق؟» دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ قوياتتى، بۇ چاغدا مەن ئىختىيارسىز قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم، ئۇ دائىم مەن بىلىشكە قىزىقىدىغان، ئەمما مۇشۇ كەمگىچە تېگىگە يېتەلمەيۋاتقان ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قوياتتى. دەسلەپكى چاغلاردا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇردۇم، چۈنكى ئالدىراپ پىكىر بايان قىلماسلىق، ئاۋال باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىش مېنىڭ مۇشۇ 10 يىللىق خىزمەت جەريانىدا يېتىلدۈرگەن مىجەزىم ئىدى، خىزمەتكە يېڭى چىققان دەسلەپكى چاغلىرىمدا مەنمۇ سانسىز ياشلارغا ئوخشاش ئاسان ھاياجانلىناتتىم، دادىللىق بىلەن پىكىر بايان قىلاتتىم، قايناپ سۆزلەپ كېتەتتىم، ئەمما كېيىنكى چاغلاردا بۇ خىل خاراكتىرىم سەۋەبىدىن ئاز بولمىغان زىيانلارنى تارتتىم، ئەنە شۇندىن بۇيان بارا-بارا ئېغىر- بېسىق بولۇشتەك ئۆزۈمگە يات بولغان مىجەز مەندە يېتىلىپ بارماقتا ئىدى، مانا بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن بولسا تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىۋاتاتتىم، دەرس ۋاقتىدا كۆپرەك ئاڭلاپ بىلىۋېلىشقا تىرىشاتتىم، ئەمما جىق سۆزلىگۈم كەلمەيتتى...

       گ ئەپەندى مېنىڭ بۇ مىجەزىمنى بىلىپ قالغاندەك ئىدى، بىر كۈنى ئۇ مەندىن «نېمىگە ئېھتىيات قىلىسىز؟»دەپ سوراپ قالدى، مەن تولىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ كەتتىم،«ياقەي، ھىچنېمە بولمىدى، مەن بۇ مەسىلىلەرنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن.» «ھىچقىسى يوق، مەن چۈشىنىمەن، كۆپىنچە ئۇيغۇرلار سىزگە ئوخشاش، جىق گەپ قىلىشنى خالىمايدۇ، مەن سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلارغا بارغىنىمدا بۇ خىل ئەھۋالنى جىق كۆرگەن»، ئارقىدىن ئۇ ماڭا قاراپ شۇنداق دىدى. «بىلەمسىز، مەن ئۇيغۇر تىلىنى قانداق ئۆگەنگەن؟» مەن ئۈندىمەستىن سوئال نەزەرىدە ئۇنىڭغا قارىدىم، «ئۇ چاغدا ئۇنىۋېرسىتېتتىكى بىرنەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوست بولغان ئىدىم، دەسلەپكى چاغلاردا مەنمۇ سىزگە ئوخشاش تارتىنچاق ئىدىم، سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم، دائىم خاتا سۆزلەپ قويارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەيتتىم، ئۇيغۇر يىگىتلىرى ماڭا دادىل بولۇشنى ئۆگەتتى، بىز دائىم بىللە تاماق يېگىلى باراتتۇق، تاماقتىن كېيىن بولسا ئازراق ئىچىۋالاتتۇق» ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى «شۇنداق ئىچىۋالغاندىن كېيىن تازا سۆزلەيتتىم، گىرامماتىكا بىلەن كارىم بولمايتتى، ئۆزۈم قىزىققان ھەممە ئىشلارنى سورايتتىم...» «ھازىرمۇ ئىچىپ قويامسىز؟» ئۇ ئوچۇق مىجەزلىك بىلەن كۈلۈپ كەتتى «ياق، ھازىر ئىچمەيمەن، ئەمما ئۇيغۇر يىگىتلىرى بىلەن بىللە بولسام ئىچكۈم كەلىپ قالىدۇ، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئوچۇق-يورۇق، خۇشخۇي سەمىمىي مىجەزىنى ياقتۇرىمەن، يەنە ئۇلاردا باشقا مىللەتلەردە يوق ئاجايىپ بىر جاسارەت بار...» ئۇ ئاجايىپ بىر مۇھەببەت بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوزلەيتتى، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چاقچاقخۇمار، ئوچۇق-يورۇق مىجەزىنى بەك ياقتۇرىدىغانلىقىنى زوق بىلەن سۆزلەپ كەتتى. «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ چاقچاقلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن، مەنىسى بەك چوڭقۇر، مەن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ چاقچاقلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن، ئۇلار مەردانە، شۇنداقلا ئۆز مىجەزىنى قانداق تەڭشەشنى بىلىدۇ، مەن ئۇلارغا قايىل...» ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن بۇ باھاسى مېنى سۆيۈندۈردى. ئۇ گەپىنى داۋاملاشتۇردى «سىزدىكى بۇ ھالەتنى چۈشىنىمەن، سىز كۆپچىلىك ئالدىدا سۆزلەشنى خالىمايسىز، ئەمما سىزنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرىڭىز بار، مۇمكىن بولسا بۇ ھەقتە پاراڭلاشقۇم بار، ئوچۇق-يورۇقراق بولۇڭ». «بولىدۇ، بۇندىن كېيىن ئۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمەن» مەن شۇنداق جاۋاب بەردىم، ئەمما دەرس ۋاقتىدا يەنىلا كۆپ ئاڭلاپ، ئاز سۆزلەيتىم، مانا ھازىر ئىنگلىز تىلىدا ئۆز مەقسىدىمنى ھەر ھالدا ئۇقتۇرالايمەن، ئەمما يەنىلا ئالدىراپ پىكىر بايان قىلمايمەن. بۇ بەلكىم بىز ئۇيغۇرلاردا مۇشۇ يىللاردا يېتىلدۈرگەن ئورتاق خاراكتىر بولسا كېرەك.

       بىر كۈنى دەرستىن چۈشكەندە بىر ساۋاقدىشىم مەندىن «سىز “ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر”دېگەن سۆزگە قانداق قارايسىز؟» دەپ سوراپ قالدى. شۇ ھامان ئۆزۈمنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچۇمغا سوۋغات ئالغىنىمدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىزنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كۆرۈنۈشنى تاللىماستىن، قۇملۇقتا تۆگە يېتىلەپ كېتىۋاتقان كارۋاننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كۆرۈنۈشنى تاللىغىنىم ئېسىمگە كەلدى، شۇنداق، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىز تەسۋىرلەنگەن كۆرۈنۈش تولىمۇ نەپىس ئىدى، ئەمما مەن ئۇنى چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچۇمغا سوۋغا قىلىشنى خالىمىدىم! بۇنىڭ سەۋەبىنى ياش دوستلىرىم ياخشى بىلسە كېرەك... مەن بۇ ساۋاقدىشىمغا كۈلۈپ تۇرۇپ «بۇ سۆز ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەتخۇمار مىللەتلىكىنى نامايەن قىلغان ئەڭ ياخشى باھا! لېكىن ھازىرقى كۈندە بۇ سۆزنى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئانچە ياقتۇرمايدۇ، مەنمۇ ھەم شۇنداق!» «بىلىمەن» ئۇ قۇۋلۇق بىلەن كۆزۈمگە قارىدى «ھازىر بۇ سۆز سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلاردا “ناخشا-ئۇسسۇلدىن باشقىغا ماھىر ئەمەس” دېگەن مەنىدە شۇنداقمۇ؟» ئۇنىڭ يەنە مۇلاھىزە قىلغۇسى بار ئىدى، ئەمما مېنىڭ ئانچە خالىمىغىنىمنى سەزدى بولغاي تەمىنى يۆتكىۋەتتى، «ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇزۇن مەدەنىيەتكە ئىگە خەلق، سىلەردىن نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئالىملار چىققان... «ئۇ تارىختىكى تەۋەرۈك كىشىلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئۆتتى، ئۇ مەنى خۇش قىلماقچى بولسا كېرەك، ئەمما مەن زادىلا خۇش بولمىدىم، ئەكسىچە قاتتىق ئازابلاندىم... ئۇ ھازىر دۆلىتىمىزدە ئۇيغۇرلارغا بولغان باھانى "ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە تېگىدە يېتىپ مانتا يەيدىغان مىللەت، جوڭگودىكى سىگانلار..."دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى خېلى تەتقىق قىلغاندەك قىلاتتى، ئەمما بۈگۈن مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ جىق گەپ قىلمىدى.
    شۇنداق سابا، مەن دەرس ئاڭلاش جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن تارىخنى قايتا ئۆگەندىم، چەت ئەللىكلەر نەزەرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغا باھالىرىنى ئاڭلىدىم، بىلگەنلىرىم قانچە جىق بولغانسېرى شۇنچە مۇڭلىنىدىغان بولۇپ قالدىم......

    خوش، ئامان بولۇڭ، بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يازاي.

    ھۆرمەت بىلەن: لالە

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 15:11:46][admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 15:12:05]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق