تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر(14)

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-30 08:58:00

تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر 14- پارچە خەت زىيادە تۇرمۇش بېسىمى، مۇكەممەل قانۇن ۋە «سېمىزلىك» سالام سابا، ئۇچقاندەك تېز تۇرمۇش رىتىمى، ئامېرىكىلىقلارنى ۋاقىتنى قەدىرلەيدىغان، تىرىشچان كىشىلەردىن قىل...

    تاپشۇرۇلمىغان  خەتلەر

    14- پارچە خەت

    زىيادە تۇرمۇش بېسىمى، مۇكەممەل قانۇن ۋە «سېمىزلىك»

    سالام سابا،

        ئۇچقاندەك تېز تۇرمۇش رىتىمى، ئامېرىكىلىقلارنى ۋاقىتنى قەدىرلەيدىغان، تىرىشچان كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرگەن. سىز بۇ يەردە ھەممىلا كىشىنىڭ ئىنتايىن ئالدىراش يۈرگىنىنى كۆرىسىز. قاچانلا قارىسىڭىز شۇ ئالدىراش كىشىلەر. ھەممەيلەن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراپلا يۈرۈشكەن، ھېچكىمنىڭ ھىچكىم بىلەن كارى يوق! ھەممىلا ئادەمنىڭ ئالدىرىشىنىڭ سەۋەبى بار. كىشىلەر ياشاش ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىشىدۇ. ئامېرىكىدا 70 ياشلىق بوۋاي-مومايلارنىڭ خىزمەت قىلىشى كىشىلەرنى ئەجەبلەندۈرمەيدۇ.
    دەسلەپ كەلگەن چاغلىرىمدا كوچا ئاپتوبۇسى ھەيدەپ يۈرۈشكەن ياشانغان بوۋاي-مومايلارنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم. ۋەتەندە بۇ ياشقا كىرگەن ياشانغان كىشىلەر دەم ئېلىشقا چىققان بولىدۇ. مومايلار توي-تۆكۈن ، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، بەزى ياشانغان ئانىلار نەۋرە بېقىش بىلەن ئالدىراش؛ بوۋايلار دوقمۇشلاردا يىغىلىپ شاھمات ئوينىشىدۇ، ئىشىك ئالدىغا قويۇلغان ياغاچ ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇشۇپ تەڭ قوراملىق قۇرداشلىرى بىلەن جاھان پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كېتىشىدۇ...
    ئەمما بۇ يەردە بۇ خىل تۇرمۇشنىڭ بىرىمۇ يوق! كىشىلەر ئالدىراش، ئالدىراش يەنىلا ئالدىراش ھالەتتە ئۆتۈشىدۇ.
        مەن ھەر كۈنى كەچلىكى ئاپتوبۇستا ئۆيۈمگە قايتىپ كەلگىچە، بىر كۈنلۈك جاپالىق خىزمەتنى تۈگىتىپ ئۆيگە يانغان كىشىلەرنى دائىم كۆرىمەن. ئاخىرقى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدىغان كىشىلەر 20چە ئادەم بولۇپ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن سالاملىشىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. پوئۇل ئەشۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ھەر كۈنى ئاپتوبۇس بېكىتىگە ۋېلسىپىتىنى مىنىپ كەلەتتى-دە، ۋېلسىپىتىنى ئاپتوبۇس ئالدىغا ئېسىپ قويۇپ، ئاندىن ئۇدۇل مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ ئولتۇراتتى. دەسلەپكى كۈنلەردە مېنى كۆرگىنىدە كۈلۈپ تۇرۇپ ئەھۋال سورايدىغان بۇ بوۋاي مانا ئەمدى مېنىڭ يېقىن دوستۇمغا ئايلانغان ئىدى. تاكى ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىغا بارغىچە ئۇ توختىماي سۆزلەپ باراتتى، ئۆزى ھەققىدە، ئاپتوبۇستىكى باشقىلار ھەققىدە، ۋەزىيەت ھەققىدە... ئىشقىلىپ ئۇ ماڭا ئامېرىكا جەمئىيىتى ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن بولۇپ، بۇ مەن ئۈچۈن ئامېرىكا جەمئىيىتىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت دېسەممۇ بولاتتى. ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ ئەسلى ھوللىۋوتنىڭ سېنارىيە يازغۇچىسى بولۇپ،16 پارچە كىنو سىنارىيىسى يازغان ھەم بەزىلىرى كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن ئىكەن، 85 ياشقا كىرگەن بۇ بوۋاي تولىمۇ تېتىك بولۇپ، ئۆمۈر بويى بويتاق ئۆتكەن ئىكەن، ئۇ بۇلارنى ماڭا سۆزلەپ بېرىۋاتقىنىدا مېنىڭ ھەيران قالغان ھالىتىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى-دە «ئامېرىكىدا بۇ نورمال ئىش، مەندەك بوۋايلار بەك جىق. ياشلىقىمدا شېئىر يازىدىغان بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ئىدىم، كېيىن ئۇ باشقا بىرى بىلەن توي قىلىۋالدى، شۇندىن بۇيان يالغۇز ئۆتۈۋاتىمەن. ئۇنىڭ سەۋەبىدىن يازغۇچى بولۇپ كەتتىم دېسەممۇ بولىدۇ. بۇلتۇر ئۇ ئۆلۈپ كەتتى، مەن ھازىر ئۇنىڭغا ئاتىغان كىنو سېنارىيەسىنى يېزىۋاتىمەن.» ئۇنىڭ شۇ كۈنى ئۆزى ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەن بۇ ھېكايىسى مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى قوزغىغان ئىدى، كېيىنكى كۈنلەردە ئاپتوبۇستا ئۇنى ئۇچرىتالمىسام بۇ بوۋاينى ئىزدەيدىغان، ئۇنى ئاغرىپ قالمىغان بولغىيدى دەپ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم. مەنلا ئەمەس ئاپتوبۇستىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا بۇ بوۋاينى ئۇچرىتالمىغان كۈنى ئۆزئارا ئۇنى سۈرۈشتە قىلىشاتتى، بىر كۈنى شوپۇر ئۇ بوۋاينىڭ ئاپتوبۇسقا چىقمىغىنىنى كۆرۈپ 10 مىنۇت ساقلاپ ئاخىر ئۇ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ماڭغان ئىدى. ھەر كۈنى شەھەرلىك كۇتۇپخانىغا كېلىپ يېزىقچىلىق قىلىدىغان بۇ بوۋاينى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا ھۆرمەتلەيتتى.
      مانا بۇ بوۋاي مېنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى زىيادە تېز تۇرمۇش رىتىمى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن تۇرمۇش بېسىمى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، بىر قاتار ئىجتىمائى مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوئاللىرىمغا ئەڭ ياخشى جاۋاب بەرگەن كىشى بولدى.
        ھەر كۈنى ئاپتوبۇسقا ناھايىتى سېمىزلىكىدىن ئارانلا ماڭىدىغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى چىقىدىغان بولۇپ، بىر كۈنى پوئۇل ماڭا بۇ كىشىنىڭ 10 يىل ئىلگىرى سودىدا قاتتىق زىيان تارتىپ شىركىتى ۋەيران بولغاندىن كېيىن، توختىماي يېيىشتەك يامان ئادىتى سەۋەبلىك سەمىرىشكە باشلاپ، مانا ھازىرقىدەك ھالەتكە كېلىپ قالغىنىنى سۆزلەپ بەردى. مەن كاللامدىن ئۆتمىگەن ھالدا «توختىماي تاماق يېيىشتىن باشقا يول تېپىلمىغانمىدۇ؟» دەپ سورىغىنىمدا، پوئۇل جاۋاب بېرىپ «بۇ يەردە ئەڭ ئېغىر مەسىلە، كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزئارا كۆڭۈل ئېيتىشىدىغان، بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يېتىدىغان تۇرمۇش ئادىتى يوق، ھەممىلا كىشى ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، كىشىلەردىكى مۇستەقىللىق خاھىشى بەك كۈچلۈك؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇن بەك مۇكەممەل تۈزۈلگەن، ھەممە ئىشىڭىزنى قانۇن كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. بولۇشىغا ھاراق ئىچىپ، ھاراق ئارقىلىق روھىي جەھەتتىكى بېسىمنى ئازايتىشقا قانۇن يول قويمايدۇ؛ جېدەل چىقىرىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ؛ ئەر-خوتۇنلار ئۇرۇشۇپ قالغاندا ئەگەر ئېرى ئايالىنى ئۇرسا ئايالى ساقچىغا خەۋەر قىلسىلا، ساقچى ئۇ ئەرنى سولاپ قويىدۇ؛ بالىلارنى تىللاشقا، ئۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، مەكتەپلەردە بالىلارغا ئەگەر ئاتا-ئاناڭلار سىلەرنىڭ ھوقۇقۇڭلارغا دەخلى قىلسا، ئەرز قىلساڭلار بولىدۇ دەپ ئۆگىتىدۇ، قانۇن بەك مۇكەممەل بولۇپ، سىز قانۇن ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى قوغدىيالايسىز؛ شۇنداقلا قانۇن سىزنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە چەك قويۇلغان بولىدۇ. بۇ خىل تۇرمۇش مۇھىتىدا ياشىغان كىشىلەردە مۇستەقىللىق ئىدىيىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ئاسانلىقچە باشقىلاردىن ياردەم سورىمايدۇ، ھەممىلا ئىشتا ئۆزىگە تايىنىدۇ؛ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغىنىدىمۇ ئامال بار ئۆزى ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ، ھەل قىلالمىغىنىدا بولسا ئېغىر روھىي بېسىمدا قالىدۇ، نەتىجىدە بەزىلەردە ئۆزىدىكى مۇشۇ خىل روھىي بېسىمنى ئازايتىش مەقسىتىدە توختىماي بىر نەرسىلەرنى يېيىش ئادىتى شەكىللەنگەن.»
        پوئۇل توغرا دەيتتى، ئامېرىكىدا زىيادە سەمرىپ كەتكەن كىشىلەر ناھايىتى جىق بولۇپ، تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەن ھەر خىل بېسىملار ئۇلارنى جىمغۇر، كىشىلەرگە ئارىلاشماي يالغۇز ياشايدىغان، بۇرۇختۇملۇق ئىچىدە پسىخىك جەھەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدىغان قىلىپ قويغان ئىدى. مېنىڭ قوشنام جۇلىيانى ئاشۇنداق كىشىلەردىن دېيىشكە بولاتتى، بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپلا ئاتا-ئانىسى تۇرمۇشتا ئىناق ئۆتمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ ئايالدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ سۇسلاپ كەتكەن بولۇپ، ئىككى قېتىملىق بەختسىز نىكاھ-تۇرمۇشى ئۇنى ئۆزىدىن ئەنسىرەيدىغان، باشقىلارنىڭ دوسلۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدىغان، شۇ سەۋەبلىك يالغۇزلۇقتىن زىيادە قورقىدىغان قىلىپ قويغان ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقىنىڭىزدا سىزگە سۆزلەش نۆۋىتى تەگمەيتتى، ئۇ توختىماي سۆزلەشكە ئامراق بولۇپ، سىزگە ئىلگىرى دەپ بەرگەن ئىشلارنى قايتىلاپ سۆزلەۋېرەتتى، باشقىلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىگە ئائىت ئىشلارغا بەك قىزىقاتتى؛ قورسىقىغا ئامراق بولۇپ توختىماي بىر نەرسە يېيىش ئادىتى بار ئىدى، ھەرىكەت قىلغۇسى كەلمەيتتى، شۇڭا زىيادە سېمىز بولۇپ، ھەرىكىتى قولايسىز ئىدى. ئۇنىڭدا يەنە باشقا ئامېرىكىلىقلاردىن ئۆزگىچە بولغان ئاقكۆڭۈللۈك ھەم قىزغىنلىقمۇ بار، ئۇ قولىدىن كېلىشىچە سىزگە ياردەم قىلىدۇ، شۇنداقلا سىزدىن زىيادە ياردەمنىمۇ تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، باشقىلارغا تايىنىۋېلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇ سىزنىڭ پۈتۈن تۇرمۇشىڭىزغا سىڭىپ كىرىشنى، سىزنى كونترول قىلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى... ئۇنىڭدىكى بۇ خىل زىيادە يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسى كېيىنكى چاغلاردا مېنى بەكلا بىئارام قىلىشقا باشلىدى، ھەتتا ئۇنىڭ يېنىمغا كىرىپ توختىماي سۆزلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆيگە كېچىكىپ كېلىدىغان، تاماقنى يەپ بولۇپلا ئۆيۈمگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋېلىپ كىتاب كۆرىدىغان بولۇۋالغان ئىدىم، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئىشىكنى توختىماي چېكىپ ئاخىرى سۆزلىۋېلىش مەقسىتىگە يېتەتتى. بەزىدە ئۇنىڭغا ئىچىممۇ ئاغرىپ قالاتتى-دە ئىشىمنى تاشلاپ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولاتتىم.
         ئامېرىكىدىكى زىيادە تېز بولغان تۇرمۇش رىتىمى، كىشىلەردىكى ھەممە ئىشتا ئۆزىگە تايىنىشتەك مۇستەقىللىق قارىشى، مۇكەممەل تۈزۈلگەن قانۇن ۋە ئۇنىڭغا شەرتسىز رائىيە قىلىشتەك كۈچلۈك قانۇن ئېڭى ئامېرىكىنى بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەردە ئېغىر روھىي بېسىممۇ پەيدا قىلىپ تۈرلۈك پسىخىك كېسەللەرنى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
        سابا، مانا مۇشۇ مەسىلىلەرنى كۆرگىنىمدە، بۇ خىل تۇرمۇش رىتىمى ئىچىدە ئۇلارغا ئوخشاش ئالدىراش يۈرگەن كۈنلىرىمدە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئاجايىپ مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۇمۇرلۇق چاقچاقلىرىنى، ئاقكۆڭۈل دېھقانلىرىمىزنى، پارانخۇمار مومايلارنى، مەھەلىدە ئىشىك ئالدىدا خۇشخۇي كۈلۈپ ئولتۇرۇشىدىغان بوۋايلارنى، مۇڭداشقاق دوسلىرىمنى بەكلا سېغىنىمەن.
    خوش، بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يازاي، ئامان بولۇڭ.

    لالە

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 13:20:52]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.