مىسىردىكى ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەر

يوللىغۇچى : biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-10 21:04:06

مىسىردىكى ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەرئەدەبىي خاتىرەئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي مۇساپىر بولمىغىچە مۇسۇلمان بولماس.   -ئۇيغۇر خەلق ماقالى   مەن دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئىجازىتى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشى ب...

    مىسىردىكى ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەر
    ئەدەبىي خاتىرە
    ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

     

    مۇساپىر بولمىغىچە مۇسۇلمان بولماس.

      -ئۇيغۇر خەلق ماقالى

     

      مەن دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئىجازىتى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشى بىلەن، 1996 - يىلى 10 - ئاينىڭ 6 -كۈنىدىن باشلاپ، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى قاھىرە ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى بىلەن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلام دىنى تەتقىقات ئىىستىتۇتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىشقا مۇشەررەپ بولدۇم. مۇشۇ جەرياندا، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بىر بۆلەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچراتتىم. ئۇلار بىلەن تونۇشتۇم، مۇڭداشتىم. بىلدىمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى يول تېپىپ، داۋان ئېشىپ، دەريا كېچىپ، قىتئە ئاتلاپ مىسىرغا كېلىپ، پۈتۈنلەي ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي خىراجىتى بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئەزھەرىي (ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى) لەر ئىكەن. ئۇلار يالغۇز ئىسلام دىنى بىلىملىرىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە تارىخ، قانۇن، پەلسەپە، ئەدەبىيات قاتارلىق پەنلەرنىمۇ ئۆگىنىدىكەن. بىرىنچى قاراشتىلا، ئادەمگە ئۇلارنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، كۈندىلىك تۇرمۇشى رېتىملىق ئەمما خېلىلا جىددى كۆرۈنىدۇ. قويۇق ئارىلىشىشتىن ئالغان بىۋاسىتە تەسىراتىم بىلەن ئۇلار ھەققىدە باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىم ئارقىلىق ھاسىل قىلغان ۋاسىتىلىق تەسىراتلىرىم ياخشى تىلەكلىك خاتىرەم بەتلىرىدە ئەھمىيەتلىك قۇرلارنى ھاسىل قىلدى. بۈگۈن شۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مۆمىن قېرىنداشلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغۇم كەلدى.

      ياخشى نىيەتلىك

      يېتىرقاشلار تۈگەپ، تونۇشۇش قاتلىمى چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەرنىڭ مەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇچراتقان يەرلىك تالىپلاردىن ئالدى بىلەن، دۇنيا قاراش جەھەتتىكى نىسبەتەن ئىلمىيلىكى ۋە جانلىقلىقى، شۇنداقلا ئۆگىنىش مەقسىتى جەھەتتىكى دۇرۇس ئارمان ۋە توغرا نىيەتلىكى بىلەن روشەن ھالدا پەرقلىنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئۇلار ئىسلام دىنى بىلىملىرىنى نوقۇل ھالدا، ئاخىرەت ئۈچۈنلا دەپ قارىمايدىكەن، بەلكى ئىسلام دىنىنىڭ ئاكتىپ بىلىم جەۋھەرلىرى ئارقىلىق، رېئال تۇرمۇش، ئەمەلىي ھايات مەيدانىدا، مۆمىنلەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھالاۋەت تۇرمۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىمۇ ئالاھىدە مۇھىم ۋە ئاساسلىق ئىش دەپ بىلىدىكەن. كىم بىلەن پاراڭلاشماڭ، ئۇنىڭ ھەركەلىمە، ھەر سۆزىدىن تەپچىپ تۇرغان ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش ئوتىدىن ۋۇجۇدىڭىز ئىللىپ كېتىدۇ. «مەن مىسىرغا كەلمەستىن بۇرۇن، ۋەتىنىمنىڭ ئۇنچىۋالا سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمەپتىكەنمەن»، «مەن بۇ يەردە ئوقۇش جەريانىدا، زىيارەت، ئىكىسكۇرسىيەلەرگە كۆپ داخىل بولدۇم. شۇنداق چاغلاردا بىزنىڭ يۇرت، بىزنىڭ مەھەللىگە ئوخشايدىغان يەر ئۇچراپ قالسىدى دەپ ئىزلەپ كېتىمەن، بىراق زادىلا ئۇچرىتالمىدىم»، «بىز گەرچە نىل دەرياسىنىڭ ساھىلىدا تۇرساقمۇ، ۋەتىنىمىزدىكى تارىم دەرياسى، يەركەن دەرياسى، قىزىل دەرياسى ۋە ئىلى دەرياسى كۆز ئالدىمىزدىن زادىلا كەتمەيدۇ.»...مەيلى كىمدىن سورىماڭ، گويا مەسلەھەتلىشىۋالغاندەكلا: «مەن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆز يۇرتۇمغا قايتىپ بېرىپ، ۋەتىنىمنىڭ زامانىۋىلىشىش، تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشسام دەپ ئارزۇ قىلىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
      سۇنىڭ مەنبەسى، دەرەخنىڭ يىلتىزى بولىدۇ. مەن شۇنى چۈشەندىمكى، ئۇلارنىڭ مۇنداق ياخشى ئارزۇ، توغرا نىيەتلىك بولۇشىنى ئاشۇ سۈپەت ۋە تەرىپتە تەڭدىشى يوق ئانا ۋەتەنگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتى يېتىلدۈرگەنلىكىدە شەك يوق. ئۇيغۇرلاردا: «ياخشى نىيەت –يېرىم دۆلەت» دەيدىغان ئۇدۇم ئاتا سۆزى بار. ئىنساندا ياخشى نىيەت، مەھكەم ئەقىدە ۋە سەمىمىي ئىخلاس بولسىلا، ئۇ چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. مەن چىن دىلىم بىلەن، بۇ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەرىنىڭ ئىقبالى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن.

      ئىنتىزامچانلىق

      ئانا يۇرتتىن شۇنچە يىراقتا، ئۇرۇق – تۇغقانسىز، قەۋم – قېرىنداشسىز ياشاۋاتقان بۇ بالىلارنىڭ رەتتىكى تۇرمۇشى ۋەتەندىكى ئاتا – ئانا بولغۇچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، شۇنداقلا ۋەتەنداشلار ئەڭ قىزىقىدىغان بىر مەسىلە.

      ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى (ئاساسەن يېڭىدىن كەلگەنلەر) تۆرتتىن – بەشتىن بولۇپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى شەخسلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىدىكەن، يەنە بىر قىسمى بولسا، (يۇقىرى يىللىق سىنىپلاردا ئوقۇيدىغانلار) ئەزھەر رايونىنىڭ يېنىدىكى «بوئۇس» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ياتاق قورۇسىدا تۇرىدىكەن.
       بوئۇس – مسىرنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى مەرھۇم جەمال ئابدۇنناسىر زامانىسىدا (1956 – يىل) بىنا قىلىنغان بولۇپ، ئۇ چاغدا، بۇ يەردە مىسىرنىڭ بىر ئالاھىدە ئەسكەرىي قوشۇنى تۇراتتىكەن. كېيىن، ناسىر رەئىس بۇ قورۇنى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق قورۇسى قىلىشقا بېرىۋەتكەنىكەن. بوئۇستا جەمئىي 32 بىنا بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭدا 86 ئىسلام دۆلىتى ۋە رايونىدىن كەلگەن تۆرت مىڭدىن ئارتۇق ئوغۇل ئوقۇغۇچى يېتىپ قوپىدىكەن. بۇ يەردە كۈتۈپخانا، قىرائەتخانا، پوچتىخانا، ئاشخانا، مۇنچا، رېمونتخانا، كىيىم – كېچەك يۇيۇش ۋە دەزماللاش ئورنى قاتارلىقلاردىن باشقا، ھۆسن خەت يېزىشنى ئۆگىنىش ئۆيى، ماشىنكىدا خەت بېسىشنى ئۆگىنىش ئۆيى، تەنتەربىيە پائالىيەت ئۆيى قاتارلىق مەدەنىيەت ئۆيلىرى بار ئىكەن. كۆپ دۆلەتلىك ۋە كۆپ مىللەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇش مەركىزى بولمىش بۇ جايدا، ھەممەيلەن ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتىدىكەن. «مەن بۇ يەردە تۇرىۋاتقىلى ئون يىل بولدى» - دەپ چۈشەندۈردى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئەھمەد ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى. -«ئون يىلدىن بۇيان ئىككى ئۇيغۇر بالا بىر – بىرى بىلەن ياقا سىقىشىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم، ئوقۇشنى ياخشى ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كېتىشتىن ئىبارەت بىرلا ئارزۇيىمىز بار. بىز ھەممىمىز ئاكا – ئۇكىلاردەك ئۆتىمىز.»

      بىر جۈمە كۈنى پۇرسەت بولۇپ، بوئۇسنى زىيارەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. جۈمە ۋاقتى بولغاندا شۇ قورۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مىڭ كىشىلىك مەسجىدتە جۈمە ئوقۇدۇق. جۈمە نامىزىدىن يانغاندىن كېيىن، مەن 20 – 30چە  ئۇيغۇر بالىنىڭ مەزكۇر قورۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، جەمال ئابدۇنناسىرنىڭ ھەيكىلى بار كەڭ سۇپىنى چۆرىدەپ، كېيىن كەلگەنلىرى بۇرۇن كەلگەنلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، بىر - بىرىنىڭ دەرس ئەھۋالى، يۇرتتىن خەت كەلگەن - كەلمىگەنلىكى ۋە ھەپتىنىڭ مابەينىدە ئاڭلىغان - كۆرگەنلرى ھەققىدە پاراڭلىشىپ، ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم.

      ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ ئىنتىزامىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ كەلگەندىن باشقا، مىسىر قاھىرە جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت ئىنتىزامىغا بويسۇنۇشتىمۇ ئىلغارلاردىن ئىكەن. شۇنچە يىللاردىن بۇيان، بۇلارنىڭ ئىچىدە جەمئىيەتتىكى ناشايان ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالىدىغان، سودا - تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ قالىدىغان، باشقىلار بىلەن ئۇرۇش – جىدەل قىلىپ قالىدىغانلار مۇتلەق چىقىپ باقمىغاچ، جۇڭگونىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مائارىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يولداش خەن جىيا رۈي (بالىلار بۇ كىشىنى ھۆرمەتلەپ، «مىستەر خەن» <خەن ئەپەندى> دەپ ئاتايدىكەن) تەرىپىدىن بىر قانچە نۆۋەت ئاغزاكى تەقدىرلىنىپتۇ.
       پىلانلىق ھايات - مەنىلىك ھايات. ئىنتىزاملىق تۇرمۇش ئەمەلىيەتتە ئەڭ راھەت تۇرمۇش. مەن ئىنتىزامچانلىقنى ئۆزلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئۆگىنىش ھاياتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم بىر كاپالىتى بىلگەن بۇ ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشقا ۋە سەممىي يار - يۆلەكتە بولۇپ، يېتەكلەپ قويۇشقا ئەرزىيدىكەن دەپ قالدىم.

    تىرىشچانلىق

    ئوقۇشنى ياخشى ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كېتىش ئۈچۈن پەقەت بىرلا يول بار. ئۇ بولسىمۇ، بارلىق ئەقىل – زۇكاۋەتنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش. بۇ زاكون ئەزھەر ئونىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا خۇددى سۈزۈك ئاسماندىكى كۈندەكلا روشەن ئىكەن. شۇڭا ئۇلار مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى مەكتەپتە، دەرسخانىدىمۇ ئۆگىنىدىكەن. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، ياتاق قورۇسىغا قايتىپ كېلىپ، ياتاقتىمۇ ئۆگىنىدىكەن. ھەربىر ياتاقتا دېگۈدەك بىردىن ئۆزلىرى سېتىۋالغان دوسكا باركەن. كونا ئوقۇغۇچىلار يېڭىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ياكى مۇزاكىرە يېتەكچىسى ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ خىل تىرىشچانلىق ئەمەلىيىتى مېنىمۇ تەسىرلەندۈردى. مەن گەرچە ھەم قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەم ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئاڭلاپ، ئىلىم ئالماشتۇرۇش سۆھبەتلىرىگە قاتناشقاندىن باشقا، مىسىرغا ئۆزەم بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن ياپونىيەلىك ئاسپرانتىم لىڭمۇ جىيەنتەيلاڭغا ھەپتىدە 8 سائەت دەرس ئۆتۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن تولىمۇ ئالدىراش بولساممۇ، مەزكۇر ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقچىلىقى بويىچە دەرس ئېچىپ، ھەپتىدە بىر قېتىم ئىلىم سۆزلەپ بېرىشىم ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلدىم. ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر يېزىقچىلىقى ئىلىمى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشنى ئىختىيار قىلىدىغان 31 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن بىر سىنىپ تەشكىل قىلدۇق ۋە بۇ ئۆگىنىش سىنىپىنى «مىسىردىكى ئۇيغۇر ئەنجۈمەنى<ئىلىم سورۇنى>» دەپ ئاتىدۇق. ھازىرغىچە ئون توققۇز مەيدان ئەنجۈمەن پائالىيتى قىلدۇق. بىزنىڭ بۇ ئەنجۈمەنىمىز ئوقۇتقۇچىلار ئىلىم سۆزلەش(مەن ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقچىلىقىدىن ئىلىم سۆزلىدىم، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدىن بارغان ئابابەكرى ئابلەت مۇئەللىم تارىختىن ئىلىم سۆزلىدى)، ئوقۇغۇچىلارنى مۇئەييەن ماۋزۇدا ماقالە يېزىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، يازغان ماقالىلەرنى ئوتتۇرىدا ئوقۇپ بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىش ۋە مىسىردا ئولتۇراقلىشىپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مەزمۇن قىلدى ۋە قىلماقتا (مەن بۇ ھەقتە «نىل دەرياسى ساھىلىدىكى ئۇيغۇر ئەنجۈمەنى» ماۋزۇسىدا خاس ماقالە تەييارلاپ، تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرمەكچىمەن، ئىنشائاللاھ)
       بىلگەن ئادەمگە، ئىلىم ئۆگىنىش بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ھوزۇرلۇق ھايات پائالىيىتى جۈملىسىگە كىرىدۇ. بوشاشماس تىرىشچانلىق بولسىلا، ھەرقانداق قىيىن ئىلىمنىمۇ ئۆگىنىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن نەتىجە مېۋىسىنى كۆرگىلى ۋە ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، نۇسرەتنىڭ پەيزىنى سۈرگىلى بولىدۇ. ئۈچ ئايلىق ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگىتىش ئارقىسىدا، ئەسلىدىكى پەننى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇپ باقمىغان بالىلار ھازىر ئۇيغۇرچە جۈملە تۈزۈش، باش قۇردىن يېزىش، ئابزاس ئايرىش، ئىملالىق خەت يېزىش قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سالام خەت ۋە ئاددىي مەزمۇنلۇق بايان خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى يازالايدىغان بولدى. ئەسلىدە يېزىش، ئوقۇش ساۋاتى بار، ئەمما سەۋىيىسى تۆۋەن بولغان بالىلار بولسا، قۇرۇلمىسى جەھەتتە خېلى پۇختا، مەزمۇن چوڭقۇرلۇقى جەھەتتە، نىسبەتەن كىشىنى قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى يازالايدىغان بولدى. تونۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشلار ئارقىسىدا، تاھىر ئابباس قاتارلىق بىر قانچە ئوقۇغۇچى مۇبارەك ژۇرنال «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ئۈچۈن ئىختىيارىي مۇخبىر بولۇشنى خاھلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۇنجى ئەسىرى بولغان «بىز <جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى> ژۇرنىلىنى سۆيۈپ ئوقۇيمىز» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ژۇرنالغا ئەۋەتتى.

      مىسىردىكى ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەر شۇ تاپتا داۋاملىق ئۆگەنمەكتە. ھەر قايسى دۆلەت ئەزھەرىيلىرى بىلەن بەس – بەستە مۇتالىئە قىلماقتا. قارىسام، ئۇلار «ياخشى نىيەت – يېرىم دۆلەت» دەپتىكەن دەپ، ئاشۇ ياخشى ئارزۇ، توغرا نىيىتىگىلا شۈكرى قىلىپ ئولتۇرىدىغاندەك ئەمەس، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن كەلگۈسىدە، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ساھەسىدە ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىلىرىنى قوشۇش ئارقىلىق، «يېرىم دۆلەت» نى «پۈتۈن دۆلەت» كە ئايلاندۇرۇش، يەنى توغرا نىيەت بىلەن ياخشى ئارزۇنى خەيرلىك ئەمەلىيەت ۋە كۆڭۈلدىكىدەك رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىرادىسى ئۇرغۇپلا تۇرىدۇ.

      ئۆز زامانىسىدا، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەب مۆمىنلەرگە: «ئىلىم يىراق جۇڭگودا بولسىمۇ، بېرىپ ئۆگىنىڭلار!» دەپ خىتاب قىلغانىكەن. ئىلىم ئۆگىنىش – مەرىپەت، ئىلىم ئۆگىنىش – پەزىلەت. تىلەك شۇكى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەزھەرىيلىرىنىڭ ئىلىم ئىزلەپ يىراق قاھىرەگە بېرىشتىنمۇ ئېرىنمىگەن بىباھا روھى ۋە ئەمەلىي پائالىيتى كەلگۈسىدە مۇناسىپ مۇكاپاتقا مۇيەسسەر بولغاي، ئامىن!

      مەنبە: «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1997 – يىللىق 3– سانىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.