تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر ( 15- پارچە خەت )

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-02 04:53:00

تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر ( 15- پارچە خەت )ئامېرىكىلىقلار روھىي بېسىمىنى قانداق يېنىكلىتىدۇ؟ سالام سابا: ئۆتكەنكى خېتىمدە ئامېرىكىدىكى تولىمۇ تېز بولغان تۇرمۇش رېتىمىنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىگە ئېلىپ...

    تاپشۇرۇلمىغان  خەتلەر ( 15- پارچە خەت )

    ئامېرىكىلىقلار روھىي بېسىمىنى قانداق يېنىكلىتىدۇ؟

     سالام سابا:

     ئۆتكەنكى خېتىمدە ئامېرىكىدىكى تولىمۇ تېز بولغان تۇرمۇش رېتىمىنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائى بېسىملىرى ۋە بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بەزى ئاقىۋەتلەر ھەققىدە توختالغان ئىدىم.

    توغرا، كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلار دائىم تەكرارلايدىغان بىر سۆز «ۋاقىت ئالدۇندىن قىممەت!» دېگەن ھىكمەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلىشى ۋە تىرىشچانلىقى ھەرگىزمۇ ياپونىيىلىكلەردىن كەم ئەمەس! ئەمما ئۇلارنىڭ ياپونلۇقلاردىن پەرقى شۇ يەردىكى، ئۇلار خىزمەت بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتكەن، ئۇلار خىزمەت قىلغاندا شۇنچە قېتىرقىنىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلىگەن، ئازراقمۇ بىخەستەلىك قىلمىغان بولسا، ئويۇنغا، كۆڭۈل ئېچىشقا كەلگەندىمۇ شۇنچىلىك بېرىلىپ ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىشنى، ئازادە مۇھىت يارىتىپ، ئېچىلىپ ئويناشنى بىلىدۇ.

    مەن بۇ يەرگە دەسلەپ كەلگەن چاغلىرىم ئۆكتەبىر ئېيى مەزگىلى بولۇپ، شۇ ئايدىلا ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلاشتۇرغان بىرنەچچە قېتىملىق "پارتي" (ھەپتە ئاخىرىدىكى يىغىلىش)ۋە فاكۇلتېت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرغان كۈزلۈك "پىچنىچ" (دالا سەيلىسى) پائالىيىتىگە قاتناشتىم، دەسلەپ كەلگەن چاغلىرىم بولغاچقا، بۇ پائالىيەتلەر ماڭا ئاجايىپ چوڭقۇر تەسىر بەرگەن ئىدى، "پارتي"دا ئوقۇغۇچىلار شۇنچىلىك ئېچىلىپ –يېيىلىپ ئوينىشاتتى. ئۇلارنىڭ يۇمۇرلۇق، ئەركىن ئازادە پاراڭلىرىنى ئاڭلىغان كىشى ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى 10 نەچچە سائەتلەپ ئۆگىنىش قىلىدىغان ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە رېستۇرانلاردا جاپالىق ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن ئەڭ يېقىن ئۆتكەن ئاسپىرانتلار بولۇپ، ئۇلار شۇنچىلىك تىرىشچان ئىدى، ھەر سائەتلىك دەرستىن چۈشىدىغان چاغدا گ ئەپەندى ئۇلارغا خېلى چوڭ ھەجىمدىكى ئەسەرلەرنى كۆرۈپ كېلىشنى تاپشۇراتتى، كېيىنكى سائەتلىك دەرسنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇلارنىڭ ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن قىزغىن مۇنازىرە كەيپىياتى ئىچىدە داۋاملىشاتتى، جىممىدە ئولتۇرۇشقا يول قويۇلمايتتى، ھەممىلا كىشى پىكىر بايان قىلىشاتتى، ھېچكىمنىڭمۇ جىم ئولتۇرۇۋېلىشقا كۆڭلى ئۇنىمايتتى، دەرستىن چۈشكەن چاغلاردا بولسا، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاقىتلىرى كۇتۇپخانىدا ئۆتەتتى، بەزىلىرى تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن سائەتلىك ئىش تېپىپ ئىشلەيتتى. بىر قېتىملىق "پارتي"دا مەن ئەرىكتىن سورىدىم: "سىلەر دائىم مۇشۇنداق يىغىلىش قىلىپ تۇرامسىلەر؟" "شۇنداق، پۇرسەت بولسىلا يىغىلىپ تۇرىمىز، بولمىسا زىيادە چارچاشقا روھىي جەھەتتىن بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدۇ!"

    ئۇ توغرا دەيتتى، ۋاقىت ئېڭى تولىمۇ يۇقىرى بولغان، خىزمەتتە بىخەستەلىك قىلمايدىغان تىرىشچان ئامېرىكىلىقلار كۆڭۈل ئېچىش، دەم ئېلىشقىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرەتتى. مەن تۇرغان شەھەر ئىندىئانا شىتاتىدىكى كىچىككىنە بىر شەھەر بولۇپ، بۇ يەردە يەكشەنبە كۈنى ئاپتوبۇس قاتنىمايتتى. دەسلەپ كەلگەن چاغلىرىمدا بۇ ئىش ماڭا تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلغان ئىدى، چۈنكى ۋەتەندە يەكشەنبە كۈنى بازار كۈنى بولۇپ، بازار ئاۋات بولۇپ كېتەتتى، كوچا ئاپتوبۇسلىرى ئادەتتىكى كۈنلەردىن كۆپىيىپ كەتكەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالاتتۇق، ئەمما بۇ يەردە يەكشەنبە كۈنى كىشىلەر ئاساسەن ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولىدىغان بولۇپ، ھەممە كىشى ئارام ئالاتتى، چوڭ ماگىزىنلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا، باشقا جايلار ئېچىلمايتتى.

    كىشىلەر دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، خىرىستىيان مۇرىتلىرى چېركاۋغا بارىدىكەن، ئاتا-ئانىلار گۆدەك بالىلىرىنى چېركاۋدىكى "بالىلار پائالىيەت ئۆيى"گە قويۇپ قويۇپ، ئۆزلىرى ئۆز قىزىقىشى بويىچە چېركاۋدا ئۆتكۈزىلىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىكەن، بىر ھەپتىلىك ئالدىراش خىزمەتتە كۆرۈشەلمىگەن دوستلار چېركاۋدا كۆرۈشىدىكەن، ياشانغان كىشىلەر چېكاۋدا ھال-مۇڭ ئېيتىشىدىكەن؛ ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارمۇ ھەر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا بارىدىكەن، جۈمە نامىزىنى ئاساسەن مەسچىتتە ئۆتەيدىغان بولۇپ، مەسچىتكە ئاياللارمۇ بېرىشىدىكەن، ئاياللارنىڭ ئايرىم خانىسى بولۇپ، مۇسۇلمان ئاياللىرى نامازنى ئوقۇپ بولۇشقاندىن كېيىن، مۇشۇ جايدا ھەپتىلىك يىغىلىپ قالغان پاراڭلىرىنى قىلىشىدىكەن. قىسقىسى، چەركاۋ ۋە مەسچىت ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىچىك جەمئىيىتى بولۇپ، كىشىلەر بۇ جايدا ئېغىر خىزمەت بېسىمىنى يېنىكلىتىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەردە بولىدىكەن.

    چېنىقىشمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم بىر تەركىپ. ئامېرىكىلىقلار بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ چېنىقىدۇ، بۇ يەردە سىز بىر كۈننىڭ ھەرقانداق ۋاقتىدا يول ياقىسىدا يۈگرەۋاتقان كىشىلەرنى كۆرىسىز، بۇ يەردىكى چېنىقىش ۋەتەندە ئادەتلەنگىنىمىزدەك ھەر كۈنى سەھەردىلا ئەمەس، بەلكىم 24 سائەت ئىچىدىكى ھەرقانداق چاغدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەيلى ئەتىگەن بولسۇن، چۈش بولسۇن، كەچقۇرۇن، ھەتتا يېرىم كېچىلەردە بولسۇن، سىز تۈرلۈك چېنىقىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنى ھەر جايدا ئۇچرىتىشىڭىز مۇمكىن.

    شەكلى ئۆزگەرگەن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمۇ ئامېرىكىلىقلار تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. ئامېرىكىدا كىشىلەر ئۆزىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىگە ئاساسەن تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تاللىۋېلىشقان بولىدۇ.

    مەسىلەن، قىسقا مۇددەتلىك ساياھەتكە چىقىش؛ باھار ۋە ياز مەزگىلىدە يازلىق "پىچنىچ" قا چىقىش، تومۇزدا دېڭىز بويلىرى ياكى كۆللەردە "سۇ ئۈزۈش"، كۈزدە كۈزلۈك "پىچنىچ"قا چىقىش؛ قىشتا "قىشلىق قار تېيىلىش" قاتارلىق پائالىيەترلەرگە قاتنىشىش ھەركىمنىڭ ئۆز تۇرمۇش شارائىتىغا يارىشا تاللىۋالىدىغان دەم ئېلىش ئۇسۇلىدۇر؛ پۇلى جىقراق كىشىلەر دەم ئېلىش كۈنلىرىنى چەت ئەللەردە ساياھەت قىلىپ كېلىشكە ئاجراتقان بولۇپ، ئامېرىكىلىقلار جاپالىق ئىشلەپ تاپقان پۇلىنى بانكىدا ساقلىمايدۇ، بەلكى مۇشۇنداق ساياھەت پائالىيەتلىرىگە ئاتىۋەتكەن بولىدۇ.

    "قىماردىن تەلىيىنى سىناش"، بۇمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزىگە روھىي ئازادىلىك ئىزدەشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى دېيىشكە بولىدۇ. ئامېرىكىدا تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قىمار تۈسىنى ئالغان ئىكەن، ھەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغا "نبا"نىڭ ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى، "بوخ مۇسابىقىسى"، "پوتبول مۇسابىقىسى"،"زەيتۇن توپ مۇسابىقىسى"، "ئات بەيگىسى"، "ۋەلسىپىت مۇسابىقىسى…دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە كىشىلەر پۇل تىكىپ ئۆز تەلىيىنى سىنايدىغان "قىمار سورۇنى" دېيىشكە بولىدۇ.

    داڭلىق قىمار شەھىرى لاسۋەگاس مۇ ئەمەلىيەتتە كاپىتالىستلارنىڭ ئۆزىنىڭ روھىي بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىزدەپ بارىدىغان جايىدىن ئىبارەتتۇر.

    ئامېرىكىدا ھەرقانداق مۇزېيلار ھەقسىز بولۇپ، كىشىلەر دەم ئېلىش كۈنلىرى، بالىلىرىنى ئېلىپ بۇ يەرلەرگە كېلىشىدۇ، ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن كۆرە، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇزېيلاردا، كۇتۇپخانىلاردا، تەبىئەت باغچىلىرى، ئىستىراھەت كۇلۇپلىرىدا ئۆگەنگەنلىرى تېخىمۇ جىق ئىكەن…بۇ ئامېرىكا بالىلىرىنى كىچىكىدىن مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا يېتەكلىگەن، ئۇلار بىلىمنى مەكتەپلەردە بېسىم ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە ئەركىن ھالدا دەم ئېلىش ئىچىدە، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ئۆگىنىدۇ، مانا بۇ نۇقتا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان نۇقتىلارنىڭ بىرى بولدى.

    قىسقىسى، ئامېرىكىلىقلار رىقابەت ئىچىدىكى تۇرمۇش قاينىمىدا ئۆزىگە خاس ياشاش ئۇسۇلىنى تاللىۋالغان بولۇپ، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىدىكى روھىي بېسىم ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك ئىجتىمائى مەسىلىئەرنى يېنىكلىتىشكە تىرىشىدىكەن.

    سابا، مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم مۇشۇنچىلىك بولدى، بەلكىم بۇلار ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىشتىكى يېتەرلىك ئۆرنەكلەر بولماسلىقىمۇ مۇمكىن، ئەمما ۋەتەندىكى ياش دوستلارنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىنى تونۇشىغا ئاز-تولا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

    خوش، ئامان بولۇڭ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.