ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار(ئابدۇۋەلى ئايۇپ)

يوللىغۇچى : gulen يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-11 15:47:51

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلارئابدۇۋەلى ئايۇپ1. خاتىرەمدىكى ئامېرىكا-"ئەزگۈچى جاھانگىر"دىن "ئەشەددىي دۈشمەن" گىچەساۋادىم يېڭى چىققان چاغلاردا گېزىتلەردىن "ئامېرىكا بىر قەغەز يولۋاس" دېگەن قۇرلار...

    ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار

    ئابدۇۋەلى ئايۇپ




    1. خاتىرەمدىكى ئامېرىكا

    -"ئەزگۈچى جاھانگىر"دىن "ئەشەددىي دۈشمەن" گىچە


    ساۋادىم يېڭى چىققان چاغلاردا گېزىتلەردىن "ئامېرىكا بىر قەغەز يولۋاس" دېگەن قۇرلارنى ئۇقۇغۇنۇم ھېلىمۇ ئېسىمدە.  بەلكىم "قەغەز يولۋاس" دېگەن ئوخشىتىش ماڭا كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ كەتكەچ ئۇنۇتالمىغاندىمەن. ئەمما ئۇ چاغدا گېزىتلەرنى ساۋادىم بولسىمۇ ئوقۇپ چۈشنىلەلمەي ئىچىم پۇشاتتى. چۈنكى يېزىق پىنيىگە تەقلىد قىلىنغان "ئۇيغۇرچە" بولسىمۇ، گەپلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خەنسۇچە بولغاچقا مەنىنى پەقەت ئۇققىلى بولمايتتى. (98-يىلى قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر كەنتىدە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەۋاتقان چېغىمدا دېھقانلارغا مۇقۇملۇق تەربىيەسى ئۈچۈن بىر ھەپتە گېزىت ئۇقۇپ بەرگەنتىم، ئاغزىمدىن كۆپۈك قاينىتىپ شۇنچە ئوقۇساممۇ بىچارە دىھقانلار ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىدىكى گەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشەنمەپتۇ. يېزىقمۇ تىلمۇ ئۇيغۇرچە تۇرسا نېمىشقا چۈشەنمەيدىغاندۇ؟ بەلكىم مېنىڭ ئەينى چاغدا چۈشەنمىگەنلىكىم بىلەن دېھقانلارنىڭ چۈشەنمەسلىكى ئارىسىدا بىر باغلىنىش بولۇشى مۇمكىن.) شۇنداقتىمۇ شۇ گېزىتلەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسقىسىدەكلا تۇيىلىدىغان رادىيولاردىن جاراڭلاپ تۇرىدىغان "ئامېرىكا جاھانگىرلىگى"، "رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم"، "قۇل قىلىنغان پورلىتارىيات سىنىپى" دېگەندەك گەپلەر ماڭا ئىنتايىن قەبىھ بىرسىنىڭ تىللنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىدۇراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى جاھانگىر دېگەننى چۈشەنمەيتتىم، بۇ گەپ قۇلۇقۇمغا لاخشىگىر دېگەندەك ئاڭلىناتتى-دە كۆز ئالدىمغا قىپقىزىل چوغ قىستۇرۇلغان كۆرۈمسىز بىر نەرسە كېلەتتى. رادىيو ۋە گېزىت ژورناللاردىن ئامېرىكا ھەققىدە سەبىي قەلبىمگ سىدۈرۈلگىنى ھەجىۋىي "قەغەز يولۋاس" ۋە ئىسكەتسىز "لاخشىگىر" . مەنچە بۇلار مېنىڭ قەلبىمدە شەكىللەنگەن ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى ئوبرازى بولۇشى مۇمكىن.

    باشلانغۇچىنىڭ بەشىنچى يىللىقىغا چىققان چېغىمىزدا دانىيە يازغۇچىسى ئاندىرسىننىڭ "سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق" دېگەن چۆچىكىنى ئوقۇدۇق. مەن شۇ چۆچەكتىكى قىزچاقنىڭ ھەر بىر تال سەرەڭگىنى ياققاندا سۈرگەن تەسىرلىك خىيالىنى ھازىرغىچە ئەسلىيەلەيمەن. ماڭا بۇ چۆچەكنىڭ تەسىرى "نۇزۇگۇم" داستانىنىڭ  تەسىرىدىنمۇ بەكرەك رۇشەن بولغان دەپ جەزىم قىلىمەن. شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىمىز قىزچاقنىڭ پاجىيەلىك تەقدىرىنى "رەھىمسىز، رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم" كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ چۈشەندۈرگەندەك قىلغان. دەرستىن كېيىن مۇئەللىم تەسىرات يېزىپ كېلىشكە تاپشۇرغان بولسا كېرەك. بىر قار ياغقان سوغۇق كۈنى چىرايلىققىنە بىر قىز ساۋاقدېشىم "كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە نۇرغۇنلىغان سەبى بالىلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ" دەپ تەسىراتىنى ئوقىغاندى. ماڭا شۇ چاغدا سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق خۇددى ھېلىقى قىز ساۋاقدېشىمدەك، رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم شۇ قىزنىمۇ ئازاپلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ بۇ تۈزۈمگە راستىنلا نەپرەتلەنگەنىدىم. ساۋاقدېشىمنىڭ "سەبىي" دېگەن سۆزنى تەلەپپۇز قىلىۋاتقاندىكى ناتىۋان تۇرىقى ھازىرغىچە سۈرەتتەك كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئۇ چاغدا مەن "سەبىي " دېگەن سۆزنى چۈشەنمەيتتىم، لېكىن شۇندىن كېيىن ھەر قېتىم شۇ سۆزنى ئاڭلىسام ھېلىقى ساۋاقدېشىم سىياقىدىكى "سەرەڭگە ساتقۇچى قىز" كۆز ئالدىمغا كېلەتتى ۋە مېنى "رەھىمسىز كاپىتالىستىك تۈزۈم"گە تېخىمۇ ئۆچ قىلاتتى. مەنچە بۇ ئامېرىكنىڭ قەلبىمدىكى سەلبىي ئوبرازىنى كونكىرىت مەزمۇن بىلەن "بېيىتقان" يەنە بىر ئامىل ھىسابلانسا كېرەك.

    تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ سەلبىي ئوبرازى جۇغراپىيە، تارىخ، سىياسەت، ئەدەبىيات دەرسلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ بېيىپ باردى. مۇئەللىملەر بۇ دەرسلەردە پاجىيەلەرنىڭ مەنبەسىنى "رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم"گە دۆڭگەپ ھارمىدى، ھېلىقى چىرايلىق ساۋاقدېشىم ۋە ماڭا ئوخشاش قۇلىقى يۇمشاق، كىتابخۇمار ئوقۇغۇچىلار تەسىرات ماقالىسىنى يۈز نومۇرغا لايىق يېزىش ئۈچۈن كاپىتالسىتىك تۈزۈمنىڭ بىگۇناھ قۇربانلىرىغا ھېسىداشلىق قىلىپ، كاپىتالىستلارنى تىللاۋەردۇق. ھەتتا بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ روس سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات بايراقدارى گوركىنىڭ كاپىتالىستىك تۈزۈمدە تارتقان ئازاپلىرى ھەققىدە بىر رەسىملىك ئوچۇق دەرس ئۆتكەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە. رەسىمدە كاپىتالىستلار تولىمۇ قورقۇنچلۇق سىزىلغان بولغاچقا خېلى بىر كۈنلەرگىچە چۈشەپ چىققانىدىم.

    تولۇقسىز ئۈچنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا كىتابلارغا چۆكۈپلا كەتكەنىدىم. شۇ چاغدا ئۇيغۇرچە چىققان كىتابلارنى تولۇق ئوقۇپ ئۈلگۈرەتتىم. ئەلۋەتتە، چەتئەل ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى رۇس ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەسەرلەر ئېدى. كىتابلارغا قارىغاندا ماڭا "دۇنيا ئەدەبىياتى"،"تارىم"، "تەڭرىتاغ"، "شىنجاڭ ياشلىرى" دېگەن ژورناللار بەكرەك يارايتتى. "دۇنيا ئەدەبىياتى" غا سوۋېت-روس ۋە سوتسىيالىستىك شەرقى ياۋۇرپا يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ بېسىلاتتى. شۇ سەۋەپتىن مېنىڭ بەكمۇ روسچە ئۆگەنگۈم كەلگەن ئەمما ماتېرىيال تاپالمىغانىدىم. ژورناللاردا ئاندا ساندا ياپۇنىيە ۋە غەرپ ئەدىپلىرنىڭ ئەسەرلىرى بېرىلسىمۇ بەزىلىرىگە "رەزىل كاپىتالىستىك جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى قامچىلانغان" دېگەندەك تەھرىر ئىلاۋىلىرى قوشۇلۇپ تۇراتتى. شۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىتابنى كۆپ ئوقۇيدىغان بىر قىز ساۋاقدېشىم پاراڭ ئارىلىقىدا "سىنىپىمىز ئامېرىكىغا ئوخشاپ قاپتۇ" دېگەنىدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئامېرىكىغا ئوخشاپ قالغان "زۇلمەتلىك" سىنىپىمىزنىڭ "رەزىللىك"لەر بىلەن تولغان "قاراڭغۇ" رىياللىقىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن "بىخ" نامىدا بىر گېزىت چىقارغانىدۇق. ھازىر پەرەز قىلىپ باقسام، تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم كاپىتالىزىمنىڭ "رەزىللىك" مەنبەسىنى تونۇپ يېتىش باسقۇچىدىن ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش باسقۇچىغا ھالقىغان دەۋرىم بولغانىكەن.

    89-يىلى بېيجىڭدا ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسى بولدى، تەشۋىقاتتا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپنىڭ "تىنچ  ئۆزگەرتىۋېتىش" سۈيىقەستى راسا تەنقىدلەندى. بۇلار مېنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق رەزىللىك كۈچلىرىگە بولغان غەزىپىمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئىنساندا بىر قۇتۇپقا نەپرەت قوزغالسا قارشى قۇتۇپقا مۇھەببەتنى ئويغىنىدىكەن. 91-يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلدى. شۇ چاغدا خاتىرەمگە "ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىدا سوتسىيالىزىم ئۈچۈن ئۆلگەن ئالتە مىليۇن ئىنساننىڭ قانلىرى بىكارغا كەتتىمۇ" دەپ يازغانىدىم. مەن گوركى ۋە نىكولاي ئوستۇرىۋېسكى قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرىدىن "ھەقىقىي ئىنسانلىق كومىنىستلىقتۇر" دېگەن چۈشەنچىگە كەلگەنىدىم. يەنە "ئوغلۇمغا يېزىلغان خەتلەر" دەپ بىر كىتاب بولىدىغان  شۇ كىتابمۇ مېنىڭ  كومىنىستلىق ھىسسىياتىمنى قۇۋۋەتلىگەن ئېدى. دېمەك مەندىكى كاپىتالىزىمغا قارشى ئويغانغان نەپرەت مېنى سوتسىيالىزىمنى سۆيىدىغان قىلىپ قويغانىدى. تولۇق ئوتتۇردىكى ھاياتىم ساۋاقداشلىرىم بىلەن "خۇدا يوق" دەپ تالاش- تارتىش قىلىش بىلەن ئۆتتى. تولۇق ئوتتۇرا خېمىيىسى بىلەن بىئولوگىيىسىنىڭ "خۇدا يوق" نى ئىسپاتلاشقا يارايدىغان قىسمىنىڭ تىرىشىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكى مېنى كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىنلەپ تۇراتتى. "خۇدا بار" دەيدىغان ساۋاقداشلىرىم ماڭا مۇشت كۆتۈرۈپ ۋارقىرايتتى –يۇ ئىسپات كۆرسىتەلمەيتتى، چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەردىن بىخەۋەر ئىدى. (تۆۋە دەيمەن، شۇ چاغدا "خۇدا يوق" دېگىنىم ئۈچۈن ئۇرۇشقا تەمشەلگەن ساۋاقداشلىرىم مىڭ نەچچە يۈز يىللىق ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى قەشقەردە ھاراققا چۆپقەت بولۇپ ياشاۋاتىدۇ، مەن نەچچە مىڭ يىللىق ھاراق ئەئەنىسىگە ئىگە ئىچكىرىدە شۇنداق ھاراملاردىن يىراق ياشىدىم.)

     تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سىياسەت ۋە تارىخ دەرسلىكىدىكى  بىر قىسىم سۈرەتلەر ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا. بىر رەسىمدە ئاغزىغا پاتمىغۇدەك بىر ئوچۇم تاماكىنى چېكىۋاتقان بىر ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىقنىڭ ئوبرازى بېرىلىپ "كاپىتالسىتىك تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۈمىدسىزلىك" دەپ چۈشەنچە بېرىلگەنىدى. باشقا بىر رەسىمدە "كاپىتالىستىك ئىقىتىسادى كىرزىس تۈپەيلى ئامېرىكىدا سۈتلەر دېڭىزغا تۆكىۋېتىلمەكتە" دەپ يېزىلغان، يەنە بىرسىىگە "ئاق تەنلىك مۇستەملىكچىلەر تەرپىدىن يەرلىرى تاتىۋېلىنغان ئىندىيانلارنىڭ قان ياشلىق سەپىرى" دەپ تېما قويۇلغانىدى. قىزىق يېرى تولۇقسىز ئوتتۇرىدا تارىخ، سىياسەت، ئەدەبىيات قاتارلىق ئىدولوگىيە پەنلىرى مېنى ئامېرىكىغا ئۆچ قىلغان بولسا تولۇق ئوتتۇرىدا بۇلارغا تەبئىي پەنلەرمۇ دەستەك بولۇپ مېنى ئاتېئىزىمچىلىق ۋە  كۆممۇنسىتلىق مۇھەببىتىگە موپتىلا قىلغانىدى. شۇ چاغدىكى ئويۇمدا سوتسىيالىزىم ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى رەزىللىك ۋاباسىنى داۋالايدىغان دورا ئىدى.

    92-يىلدىكى دىڭ شىياۋپىڭنىڭ جەنۇپ زىيارىتى نۇتىقى، كومپارتىيە يولغا قويغان بازار ئىگىلىكى تۈزىمى ۋە مەن بېيجىڭدا كۆرگەن خەنسۇلاردىكى ئامېرىكا مەستانىلىقى مېنى بىر مەزگىل گاڭگىرىتىپ قويدى. بىز قەشقەردە ئوقۇدۇق دەپ ئىدولوگىيە كۆرىشىنىڭ نامسىز قۇربانلرىغا ئايلىنىپتۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىلىقى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە تۈرلۈك ماركىسىزىملىق قاراشلارنى بىزلا ئۆگىنىپتىمىز. جوڭگۇنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى بىزگە يادا بولۇپ كەتكەن بەن چاۋ، جاڭچىيەن، لىيۇجىنتاڭ دېگەندەك جوڭگۇنىڭ بىرلىكىگە توھپە قوشقان ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىكەن. شۇ چاغدا مەن بىزنىڭ تارىخ، سىياسەت، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىدىيە سىڭدۈرىدىغان دەرسلىكلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىكەنلىكىگە شەكلەنگەنىدىم. ئىسلام دۇنياسىدا ئىككىنچى بۇخارا (ئىمام بۇ خارى سەۋەبلىك بۇخارا مۇسۇلمانلار ئالىمىگە مەشھۇر، مەھمۇد كاشغەرى سەۋەبلىك قەشقەر تۈرك دۇنياسىدا شۆھرەتلىك) دەپ نام ئالغان قەشقەردە، ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپتا  مەن تولۇق كوممۇنىزىمچى بولۇپ يېتىشىپ چىققانىدىم، ۋاھالەنكى، قىزىل پايتەخت بېجىڭدا ئالغان خەنسۇچە مائارىپ مېنى بۇ ئىددىيىدىن گۇمانلاندۇردى. تېخى ئۈچ يىل بۇرۇن شۇنچە قالايمىقانچىلىققا شاھىد بولغان بېيجىڭلىق تاكسىچىلار خۇددى ھىچ قانداق سىياسىي ئۆگىنىش قىلىپ ئىددىيىسىنى توغرىلىمىغاندەك سىزگە دېموكراتىيەدىن دەرس ئۆتەتتى. بىز قەشقەردە بىسرەمجان بولۇپ كەتكەن "غەرپنىڭ سىڭىپ كىرىشى" گە  بېيجىڭلىقلار شۇنچە بىپەرۋا ئىدى. بېيجىڭدىكى بىرىنچى يىلىم قەشقەردە ئاڭلاشتىنمۇ قورقىدىغان "ئەكسىيەتچى" ئىددىيەرنى، كوچىدا ئاشكارە سېتىلىۋاتقان كىتابلاردىن ئوقۇش، دەرسخانىلاردا ئاڭلاش بىلەن ئۆتتى. ئۇيغۇر دىيارىدا ئىددىيەگە دائىر ماركىسىزىمدىن باشقا كىتابنىڭ بولماسلىقى، چەتئەل ئەدەبياتىغا ئائىت سوۋېت سوتىسيالىستىك رىيالىزىمىغا مەنسۇپ ئەسەردىن باشقىلارنىڭ ئازلىقى، بىزنى ئىددىيىدە بەكلا چۈشەپ قويغان ئېدى. بىز توغرىسىنى ئېيتقاندا شىڭشىسەي سوۋېت بىلەن دوست بولغان 1930- يىللاردىن بۇيان ئەدەبىيات، مۇزىكا، ئۇسسۇل، كىيىم كېچەك، مائارىپ قاتارلىق تەرەپلەردە رۇس كومىنىستلىرىغا ئەگىشىپ ياشاپ كەپتىمىز. 1930-يىللاردىن بۇيان ئەنگىلىيە كونسۇلى بىلەن شىۋىت كونسۇلى ئىدولوگىيە رىقابىتىدە رۇسلارغا ئىزچىل ئۇتتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ قەشقەردىن قوغلانغان. ئەنگىلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ ئايالى ماكارتىنى خانىم قەشقەرنى زامانىۋىي دۇنيادىكى مەھبۇسقا ئوخشاتقانىكەن.  ئۇنىڭ يېزىشىچە قەشقەر روسچە كومۇنىستىك ئىدولوگىيەنىڭ تۇرمىسىگە قامالغان. بېيجىڭ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە،  بۇ شەھەر ھەتتا 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر خىل ئىددىيەلەرگە قۇچاق ئاچقان. ئىسلاھاتتىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە بېيجىڭنىڭ ئىددىيىدە شۇنچە ئاسان ئازات بولالىشىدىكى ھالقىلىق سەۋەپ، قەشقەردەك ئىدولوگىيە تۇرمىسىغا مۇددەتسىز مەھكۇم بولمىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. شۇ ۋاقىتلاردا بېيجىڭدىكى مەكتەپلەردە قاينىغان "زامانىۋىيىلىشىش غەرپلىشىشمۇ"، "دېموكراتىيە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلامدۇ، پاراۋانلىقنىمۇ؟"، " پېدىراتسىيە تۈزىمى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشىمۇ؟" دېگەنگە ئوخشاش مۇنازىرىلەرنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇربولغانىدى.  شۇ چاغدا دىنشۇناسلىق ڧاكۇلتىتىدىكى بىر پروڧېسسور لېكسىيەسىدە "جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنيىتى دېموكراتىك تۈزۈمدىكى تەيۋەندە ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلىنماقتا" دېگەن ئېدى. مەن شۇ چاغدا " مۇئەللىم، سىز جوڭگۇلۇقلار دېگەندە خەنسۇلارنىلا كۆزدە تۇتىۋاتامسىز؟" دېسەم، قىلچە ئويلانماستىن "ئەلۋەتتە" دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى. شۇندىن كېيىن مەن دۇنياغا باشقىچە قارايدىغان بولدۇم، نەزىرىمدىكى دۇنيادا كاپىتالىزىممۇ، سوتسىيالىزىممۇ يوق، پەقەت ئىنسانلارلا بار ئىدى. مەزكۇر دۇنيادا تۈزۈمنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەققانىيەتنى، ئادىل رىقابەتنى قوغۇداش، ئىنساننىڭ ئىجادچانلىقىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرۈش،  ئىنساننىڭ ئويلاش، سۆزلەش، تەشكىللىنىش ئەركىنلىكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرش ئىدى. بۇ يەردە ئىنسان سۆزى، ئىددىيىسى سەۋەبلىك جازالانمايتتى. ئۇشبۇ يېڭى دۇنيانىڭ ئاساسى قانۇنى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق رازىلقى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ  ئۇ ئىنساننىڭ ياراتقۇچى ئاتا قىلغان مۇقەددەس ھوقۇقىنى  شەرتسىز قوغۇدېشى كېرەك ئىدى. ئۇ يەردە بىلىم مەلۇم ئىدولوگىيەنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن ئۆگىتىلمەي ئىنسان ھاياتىدا لازىم بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆگىتىلەتتى. ئۇ يەردە بىلىم مەلۇم تۈزۈمنى پەدەزلەش قۇرالى ئەمەس بەلكى ئىنساننىڭ دۇنيانى، كىشىلەرنى ۋە ئۆزىنى چۈشىنىشىنىڭ قورالى ئىدى. كىشىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىنتىلەتتى. شۇ چاغدا ئىككى ئىش ماڭا تەسىر قىلدى، بىرى ئۈرۈمچىدە بىلىم ئاشۇرىۋاتقان ئاكام ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشىمنى تەۋسىيە قىلىپ يارىدەمگە خېلى جىق پۇل ئەۋەتتى، يەنە بىرى مەكتىپىمىزنىڭ قېشىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا كۈل تارتىدىغان بىر خەنسۇ بالا تولۇق مۇكاپات بىلەن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەتتى. يىللاپ كۈل تارتىپ تاپقان پۇلىنى ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىپ تەلپۈنگىدەك ئامېرىكا قانداق يەر؟ نېمىشقا ئامېرىكا مەكتەپلىرى باشقىلارنى ئوقۇش پۇلى ئالمىغاننىڭ ئۈستىگە تۇرمۇش پۇللىرىدىن تارتىپ بېرىپ قوبۇل قىلىدۇ؟ مۇشۇ نېمىشقىلارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن ئاكام ئەۋەتكەن پۇلنىڭ يارىدېمىدە ئېنگىلىزچە ئۆگنىشكە باشلىدىم.

     شۇندىن كېيىن مېنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان ئىلىم ئىزدەش مۇساپەم باشلاندى، مەن ئۇچراتقان ساختا ئىلىمنىڭ زۇلىمى، زالىم ئىلىمپۇرۇچلارنىڭ دەرس دەپ ئاتالغان مۇستەملىكىچىلىكى، مېنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇشقا بولغان ئىرادەمنى ھەسسىلەپ كۈچەيتتىكى توختاتمىدى. بەزىدە ئويلاپ قالاتتىم، بىر ئادەمنىڭ كاللىسىنى ۋاقتى كەلگەندە بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان  قۇرۇق گەپلەر بىلەن تولدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ نىمىشقا مەن ئالغان ئون بىر يىللىق مائارىپ مېنى كوممۇنىست قىلىشقىلا يارىدى-يۇ جان بېقىشقا يارىمىدى؟ مېنى ئامېرىكىغا، ئۇنىڭ كاپىتالىزىم تۈزىمىگە ئۆچ قىلغان مائارىپ نېمىگە ئېرىشتى؟ مەن نېمە ئۈچۈن كۆرۈپمۇ باقمىغان دۆلەتكە، ياشاپمۇ باقمىغان تۈزۈمگە نەپرەتلەندىم؟

    يېقىندا ئاڭلىشىمچە مېنىڭ تولۇقتىكى بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ئانامغا "ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى" دەپتۇ. مەن ئامېرىكىدا بولغاچقا بۇ گەپ ئىخلاسمەن ئانامنىڭ كۆڭلىگە كەلگەن بولغاي ماڭا،  "بالام سەن مەكتەپتە مەسجىد بار، مۇسۇلمان  ئوقۇغۇچى ۋە مۇئەللىملەر ئىماملىق قىلىدۇ دەيسەن، ئىسلام تەرغىباتچىلىرى، ئىسلام ئىنىستىتۇتلىرى بار دەيسەن، ئىسلام دىنى دەرس قىلىپ ئۆتىلىدۇ دەيسەن، ئوقۇغۇچىلار چۈمبەل ئارتسىمۇ، ساقال قويسىمۇ چەكلىمەيدۇ دەيسەن، خانىمىڭنىڭ نېمە دېگىنىدۇ بۇ؟". بۇنىڭغا نېمە دەي؟ ئۇلارغا ئىراققا ئابغانىستانغا ئۇرۇش ئاچقان بوش ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلىتى ياكى خەلقى ئەمەس، بۇ يەردە ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەت ئىككى ئۇقۇم دەپ چۈشەندۈرەلەمدىم؟ ياق. ئۇچۇر مەنبەسى سۈنئىي قامال قىلىنغان جەمئىيەتتە كىشىلەر بىر بولسا دۇنيا يېڭىلىقلىرىغا قىزىقماي ياكى قىزىقىشتىن قورقۇپ بىخەۋەر قالىدۇ، يەنە بىر بولسا ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ئەسەبىي تۈس ئېلىپ كاللىسى تەرەپباز ئۇچۇرلارغا لىقلىنىدۇ، ئۈچىنچى بىر ئىھتىمالدا دۇنيانى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتكە، موھىتقا ئوخشۇتۇپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. مەيلى قانداق تەسەۋۋۇر قىلسۇن ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى بۇرمىلانغان بولىدۇ. ئۆتكەندە بىر مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچى بەرقى مۇنبىرىدە دېموكراتىيەنى  ئامېرىكىچە دېموكراتىيە، ئاپرىقىچە دېموكراتىيە، ئاسىياچە دېموكراتىيە دەپ ئايرىپ يۈرمىدىمۇ! جوڭگۇچە سوتسىيالىزىمدا ياشاۋاتقان ئادەمگە دېموكراتىيەمۇ شۇنداق تۇيۇلماي قالامدۇ؟ ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەت ھىچ قاچان ئايرىلىپ، ئالمىشىپ باقمىغان بىر ئەلدە كىشىلەر دۆلەت بىلەن ھۆكۈمەتنى ئايرىپ بولالامدۇ؟ ئانامغا باشقا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ گەپنى يۆتكىۋەتتىم. ئەمما بۇ گەپ ماڭا ئۇزاققىچە تەسىر قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچۇم پاكىستان ياكى ئورتا ئاسىيا ئارقىلىق كەلگەن بۇرمىلانغان چۈشەنچىنى تارقىتىۋاتاتتى. مۇئەللىملەرنىڭ ھالى شۇ تۇرسا، جىيەنلىرىمنىڭ بىر-بىرىنى "خۇدايىم بۇيرىسا دەپ دىنىي گەپ قىلما، خانىمغا دەپ قويسام جاجاڭنى يەيسەن " دەپ تەھدىت سېلىشلىرىنى توغرا چۈشەنمەي قانداق قىلاي! ماڭا بۇرمىلانغان چۈشەنچە ۋە تەرەپباز ئىدولوگىيەلەرگە مەھكۇم بولغان، مېنى كوممۇنىست قىلىپ تەربىيەلىگەن قەشقەر بۇرۇنقىدىن ئۆزگەرمىگەندەك تۇيۇلدى. قەشقەردىكى بىردىنبىر ئالى مەكتەپ  پەقەت ئىككىلا كەسپتىن ماگىستىر ئاسپىرانت (تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى) قوبۇل قىلىدىكەن. بىرى ئەدەبىيات يەنە بىرى ماركىسىزىم. ئەمەلىيەتتە ئىككىلىسى ئىدولوگىيە نوقتىسىدىن بىر مەركەزگە بېقىنىدۇ. مائارىپ يەنىلا "ئاساسىي خەۋپ"،  "ئەشەددىي دۈشمەن"  دېگەندەك ئىدولوگىيىلىك تۈۋرۈككە باغلانغان. ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بۈگۈن "ئامېرىكىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشىمىنى" دېگىنى بىلەن  باشقا ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ماڭا  يىگىرمە نەچچە يىل بۇرۇن "ئامېرىكا ئىزىلگۈچى خەلقلەرنىڭ دۈشمىنى" دەپ ئۆگەتكەنلىرى ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرق يوق ئىدى. دېمەك بۈگۈنمۇ بىر خىيالىي دۈشمەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈلمەكتە، بىر مەۋھۇم قورقۇنچ رىياللىقنى پەدەزلىمەكتە ئېدى. ئامېرىكىنى سەۋەبسىز دۈشمەن دەۋاتقانلار قۇربانلىق بولماقتا، مەقسەتلىك دۈشمەن دېگۈزىۋاتقانلار يانچۇقلىرىنى توملاپ بالىلىرىنى، پۇللىرىنى يوشۇرۇنچە ئامېرىكىغا يولغا سالماقتا ئىدى. كىشىلەرنىڭ بوش مىڭىلىرىگە كۆرۈنمەس قەلەملەردە سىخمىلارنى سىزماقتا ئېدى. چۈنكى بېكىك جەمئىيەت، بۇرۇختۇم موھىت ھەرقاچان تەرەپباز ئۇچۇر، بۇرمىلانغان ئىددىيە ۋە ئاساسسىز چۈشەنچىلەرنىڭ ۋە ئۇنى تارقاتقۇچىلارنىڭ خېرىدارلىق بازىرى ئېدى.

    مەن كۆرگەن مائارىپ خاتىرەمگە "ئامېرىكا ئىزىلگۈچىلەرنىڭ دۈشمىنى" دەپ يېزىپ قويغان ئېدى. بۈگۈنكى سەبىلەرنىڭ خاتىرىسىگە بۇنىڭ "ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى" دېگەن يېڭى بىر نۇسقىسى قوشۇپ يېزىلماقتا. مەنچە ئالدىنقىسى مەلۇم كىشىلەرنى مەلۇم مەزگىل دۈشمەنلىك كەيپىياتىغا گىرىپتار قىلسا، كېيىنكىسى بىر مىللەتنى ئۇزاققىچە دۈشمەنلىك تۇيغۇسىغا مەھكۇم قىلىدۇ. مەن  بىلىم، سۆيگۈ ۋە قەيسەرلىككە تەشنا قەلبلەرگە دۈشمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى تېرىۋاتقانلارغا نەپرەتلىنىمەن.



    2.   ئىزدىنىش سەپىرى

            ئامېرىكىدا ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ باشلىغان ئېنگىلىزچەم بىر مەزگىللىك قىزغىنلىقتىن كېيىن توختاپ قالدى. ماڭا تىل ئۆگىنىش تولىمۇ تەس كېلىۋاتاتتى. ئېنگىلىزچە بىر سۆز ئۆگەنسەم كاللامدا شۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلار بايرام قىلاتتى. تىل ئۆگىنىش ئادەتتە قۇرۇق يادىلاش ۋە دوراش جەريانى بولغاچقا مېنىڭ ئويچان تەبئىتىم بىلەن ھىچ سىغىشالمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭدەك يات شەھەردە ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان « سەن كىم؟»،«ئۇيغۇر قانداق خەلق ئىدى، بۈگۈنى قانداق، ئەتىسىچۇ؟، ئۇيغۇرنىڭ توپراقلىرى قايەردە ئېدى، قايەردە بولار؟» دېگەندەك يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە سۇئاللار، مەقسەتلىك ۋە مەقسەتسىز قىزىقىشلار مېنى كىتابلار ۋە تەگسىز خياللارغا غەرق قىلاتتى. بەزىدە پۈرۈشكەن ئاغىزلار، ئالايغان كۆزلەر، نەپرەتلىك سۆزلەردىن تېمىۋاتقان « يانچۇقچى،  ئوغرى، مەينەت كاۋاپچى، مەرىپەتسىز ياۋايى، نومۇسسىز كەلگۈندى» دېگەندەك مەنىدىكى زەھەرلەر مېنى چەكسىز، ئازاپلىق سۇئاللارغا چۈمدۈرگەن ئېدى. بەزىدە بەكلا گەۋدىلىك ئۇيغۇرغا خاس چىرايىمدىن بىزار بولغانلىقىمنىمۇ يوشۇرمايمەن.  ھەتتا ئاپتوبۇسقا چىققاندا «مۇشۇ خەق ئوغرى دەپ قالمىسۇن » دېگەن ئەندىشىدە يوغان خەنسۇچە كىتاب كۆتۈرىۋالاتتىم ھەم ئىككى قولۇمنى تۇتقۇچتىن  ئالمايتتىم.( كېيىن بۇ ئادەتنىڭ مەندىلا ئەمەس  ئىچكىرىدە  ئوقۇغان 90-يىللاردىكى خېلى كۆپ دوستلاردا مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى بايقىدىم) . مۇشۇنداق سۇئاللار ۋە مۇئامىلىلەر ماڭا ھاياتىم ۋە ئىستىقبالىمنىڭ ئۆزۈم مەنسۇپ بولغان خەلق بىلەن  باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇرۇپ تۇراتتى.
             مەن ئالى مەكتەپكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ئۇنۋېرىستىتتا ئوقۇش مەقسەد ئەمەس بىر ۋاستە دەپ ئويلايتتىم. ئالىم مەكتەپكە قاراپ سەپەرگە چىققاندا بىر ساۋاقدىشىم "ئۈچ يىللىق مەكتەپتە ئوقۇپلا خىزمەتكە چىقىدىغان ئىشنى قىلغۇم بارتى، بەش يىللىق مەكتەپكەن" دەپ ئاغىرىنىپ بەرگەندە تاڭ قالغانتىم. بېيجىڭغا كەلگەندە ئەلا ئوقۇپ يۇرتۇمدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن ئاقارتىشقا قاتنىشىمەن، دەپ ئويلايتتىم. ئەمما مېنىڭ ئون بىر يىل بىلىم دەپ ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ پەقەتلا بىر ئىدولوگىيە ئۈچۈن بولغانلىقىنى بايقىغىنىمدا قارارىمدىن شۈبھىلەندىم. ئالى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەچچە يىل ئىلگىرى تەييارلىۋالغان كۆنسىپىكلىرىنى يادلىتىشلىرى، شۇنچە يۇقۇرى نومۇر بىلەن كەلگەن ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ نېمە ئوقۇۋاتقىنىدىن ئەمەس پەقەت بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقىنىدىنلا پەخىرلىنىشى مېنى ئويغا سالاتتى. بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ بېيجىڭدا ئۇيغۇر ھەققىدە بەزىدە ئاڭلىق بەزىدە ئاڭسىز نۇرغۇن خاتا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ يۈرىشى ماڭا مۇشۇنداق بوغۇنلارنى ئۆز يۇرتىدىلا تەربىيەلەشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى. بىر ئىش پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بىر كۈنى مەركىزىي مالىيە ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئۈرۈمچىلىك خەنسۇ بالا مەكتىپىدە تاياق يەپ بىزنىڭ خوشنا ياتاققا يارىدەم سوراپ كەپتۇ. بىزنىڭ "قەھرىمان" بالىلار توپلۇشۇپ بېرىپ شۇ نانقېپىغا بولۇشۇپ باشقىلارنى ئۇرۇپ سوقۇپ كەلدى، ۋە پايدىسىغا ھاراق ئىچىشتى. شەرقى شىمال ئۇنۋېرىستىتىنى تۈگەتكەن بىر يۇرتدېشىمنىڭ دەپ بېرىشىچە مەكتىپىدە كىم "ئۇيغۇردىن دوستۇم بار" دېسە باشقىلار  چېقىلالماسمىش. بىرىنجى يىلى يازلىق تەتىلدە يۇرتقا قايتقىنىمدا بىر سورۇندا مەن ئوقۇغان  مەكتەپنى بېيجىڭلىقلارنىڭ « ئىككىنجى ھايۋاناتلار باغچىسى» دەيدىغانلىقى ھەققىدە پاراڭ بولدى. مەن بۇ گەپنى قىلغان بېيجىڭلىقلاردىنلا ئەمەس شۇ گەپنى ھېجىيىپ تۇرپ ھىچ خورلۇق ھىس قىلماستىن ماڭا شۇلارنى دوراپ دەۋاتقان قېرىنداشلىرىمدىن نەپرەتلەندىم. نەزەر خوجا ئۇيغۇر بالىسى 1913- يىلدىكى بىر خاتىرىسىدە "  خەلقىمىزنىڭ  بەزىلىرى ئۆزىنى چەنتۇ دەپ ئاتاشتىن ئۇيالمايدۇ" دېگەنىكەن. خىيالىمدا توقسان نەچچە يىل بۇرۇنقى ئۆزىنى خەق قويغان ھاقارەتلىك نام بىلەن ئاتاشتىن ئۇيالمىغان ئۇيغۇر بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپنى "ھايۋاناتلار باغچىسى" غا ئوخشۇتۇپ  كالچاراۋاتقان بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئوپمۇ ئوخشاش تۇراتتى. ئەڭ ھەيران قالارلىقى  ئۇيغۇر بالىسى تەسۋىرلىگەن ئۇيغۇر تەربىيەسىز قالغانلىقتىن شۇنداق دېگەن بولسا بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان تۇرۇپ شۇ گەپنى دەۋاتاتتى. بەزىدە بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىم «ئۇيغۇرلار مەرىپەتسىز، قالاق » دېسە ھاراق ئىچىپ مۇش كۆتۈرەتتىيۇ، قالاق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگىدەك تارىخىي بىلىمدىن ساۋاتسىز ئېدى.  بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پىداكار مۇئەللىملەرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە رىغبىتى بىلەن « ئۇيغۇرشۇناسلىق ئەنجۈمەنى» ئىسىملىك بىر ئىلمىي مۇنبەرنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق. ئىككى ھەپتىدە بىر چاقىرىلىدىغان ئەنجۈمەن شۇنداق قىزغىن داۋاملاشقان بولۇپ ھەر قېتىمقى لېكسىيەدە سىنىپقا بالىلار پاتماي قالاتتى. بۇندىن باشقا ھەر يىللىق نورۇزنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمى ۋە 1995-يىلغىچە داۋام قىلغان « تەڭرىتاغ لوڭقىسى» تەنھەركەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق بېيجىدىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار ئارىسىدا مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ، ئىستىقبالنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە تەپەككۇر ئويغانغانىدى. ئۆز ساھەلىرىدە ئۇتۇق قازانغان دوكتۇر، مۇتەخەسىسلەردىن ئىلھام توختى، زەپەر ئابلىز، كۆرەش ئىبراھىم، راھىلە داۋۇت، ئەسئەت سۇلايمان، ئابدۇرەئوپ پولات، لېتىپ توختى، مەترېھىم سايىت قاتارلىقلارنىڭ ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى نەتىجىسىدە ساۋاقداشلىرىمىزدا قانداق ئۆگىنىشىنى، قانداق ياشاشنى ۋە قانداق چېنىقىشنى بىلىش ھەققدىكى چۈشەنچە ۋە تەجرىبىلەر تارقىتىلغان ئىدى. مەن شۇ چاغدا ئاتوم پىزىكىسى ئالىمى كۆرەش ئىبراھىمغا ئەگىشىپ ئاپتوبۇس بېكىتىگىچە ئۇزۇتۇپ چىققان نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ كەيپىياتىدىن ئۈلگىنىڭ چوقۇم كۆز ئالدىمىزدىكى كىشىلەردىن، ئۆزىمزىدىن چىقىشىنىڭ نەقەدەر موھىملىقىنى ھىس قىلغانىدىم.

    مىجەزىم شۇ بولسا كېرەك، بىر نەرسىنى ئۆزەم بىلەر بىلمەي باشقىلارغا دەپ بېرىشكە، ئۆگىتىپ قويۇشقا ئالدىرايتتىم. نەتىجىدە چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە ۋاقىت يېتىشتۈرەلمەيتتىم. بەلكىم بۇ ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان پىسخىك ئىھتىياج - ھۆرمەتلىنىش ئىھتىياجى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. ۋەياكى مېنىڭ بىر ئاكام دېگەندەك ياخشىلىق قىلىش پىشانەمگە يېزىلغاندۇ. بەزەن شۇ چاغدا قۇرۇق ئاۋارە بولغاندەك ئويلاپ قالىمەن. ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلارنىڭ مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن. مەسىلە قانداقتۇر شۇ چاغدا مەن ئېقىمغا ئەگىشىپ قاقشىغاندەك مىللتىمىزنىڭ "ئەيپلىرى" بىلەن مۇناسىۋەتسىزكەن. سىياسەتنىڭ زورى بىلەن قوبۇل قىلىنغان، ئىقتىسادىي نەپ تۈپەيلى مەكتەپتىن ئاسانلىقچى قوغلانمايدىغان، "ئىتىبار" تۈپەيلى تۈزۈكرەك دەرسمۇ ئورۇنلاشتۇرلمايدىغان ستۇدېنت قايسى مىللەت بولمىسۇن "بۇزۇلىدىكەن".  ئالى مەكتەپتە ئۆزەم مەنىسىنى ۋە زۆرۈرىيىتىنى ھىس قىلىپ  قىلغان ئىنگىلىزچە ئۆگىتىش، ئۇيۇشما قۇرۇش، لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ كىملەرگە، قانچىلىك بەركەت ۋە ئۈنۈم ئاتا قىلغانلىقىدىن بىخەۋەر قالدىم، لېكىن بېيجىڭدىكى داۋانلاردا__ ئەنجۈمەنلەردە، مۇسابىقەلەردە ۋە يىغىلىشلاردا مېنى يالغۇز قويمىغان ۋە يار يۆلەكتە بولغان دوستلارنى دائىم سېغىنىمەن. ئۇلارسىز بۇ مۈشكۈل سەپەردە ھاراتتىم. شۇ چاغدا ھەمسەپەر بولغان دوستلارنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى مۇشەققەتلىك مۇساپىدە يەنە يېنىمدا بولۇشىنى ئارمان قىلىپ قالىمەن.
       بېيجىڭدا ئېنگىلىزچىنى شۇنچە پۇل خەجلەپ مۇشەققەتتە ئۆگەندىم لېكىن ئۆزەم رازى بولغۇدەك سەۋىيەگە يېتەلمىدىم. ئۆزەم ئالاقىگە خوشسىز بولغاچ بۇ تىلدا راۋان سۆزلەشنى ئۆگىنەلمىدىم، تىلنىڭ يۇقۇرقى بىرىنجى ئۆتكىلدىن ئۆتەلمىگەچ ئۆزەم ئامراق كىتاب ئوقۇش باسقۇچىغا  يېتەلمىدىم. بۇ جەياندا  شۇنى ھىس قىلدىمكى، مەندەك ئالاقىگە پەمسىز ۋە خوشسىز ئادەمنىڭ تىل ئۆگەنمىكى مۈشكۈلكەن. بەزىدە چەتئەلگە توغرىسى ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش ھەققىدىكى ئىرادەم دائىم تەۋرىنىپ تۇراتتى. بەلكىم مېنىڭ تەقدىرىم شۇ بولسا كېرەك، مەن دائىم ھاياتنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئويلۇنۇپ قالاتتىم ۋە قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ ئەھمىيىتىدىن توختىماي شۈبھىلىنەتتىم. شۇ چاغلاردا بېيجىڭدا "سوڧىنىڭ دۇنياسى" (بۇ كىتاپنى 2000-يىللاردا داۋۇت ئوبۇلقاسىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى) دېگەن كىتاب بازارلىق بولدى. كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پەلەسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ كىتابىدا غەرپ پەلەسەپىسىنى ھىكايەلەشتۈرۈپ بىر يىپقا تىزىپ چىقانىدى. شۇ چاغدا بىزگە مەھمۇد كاشغەرىدىن تارتىپ تەجەللىگىچە بولغان تەۋەرۈكلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن تەپسىلى ئۆگىتىلەتتى، ئەمما مەزمۇنى ھەققىدە كۆپ سۆزلەنمەيتتى.  ئوقۇغان مەزمۇندىن بەھىر ئالالمىغاچقىمۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ بەزىلىرى توغرىسى بۇ دەرسلەرگە ئۆچ ئېدى. بىر قېتىم قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەرسىدە مۇئەللىم، تۇرپاندا 1912 يىللاردا بىر دېھقاننىڭ نەچچە ھارۋا قەدىمكى قول يازمىنى "كاپىر قالماقلارنىڭ بىر نەرسىسى ئىكەن" دەپ سۇغا ئېقىتىۋەتكەنلىكىنى ئېچىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى. دەرس تۈگەپ ياتاققا قايتقاندا بىر ساۋاقدېشىم "ئەجەپمۇ ياخشى قىلغانىكەن شۇ دېھقان، بولمىسا ئۆگىنىپ ئاۋارە بولاتتۇق " دېۋىدى باشقا ساۋاقداشلىرىممۇ تەستىقلاشتى. دەسلەپتە نېمە دېيىشىمنى ئۇقالمىدىم، ئاندىن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ قالدىم، مەنچە قەدىمكى ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە يېشەلىگەن بولساق مۇنداق بىزارلىق بولمايتتى. ماڭا "سوڧىنىڭ دۇنياسى" تېپىلماس ئىلھام بولۇپ شۇنداق بىر كىتاب يېزىش پىكىرى تۇغۇلدى. تارىختىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى قىزىقارلىق شەكىلدە بىر يىپقا تىزىپ چىقىشنى خىيال قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئۇنۋېرىستىتقا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا تىزىملاتتىم. بۇ ئىش ماڭا چەتئەلدە ئوقۇشتىنمۇ موھىم بىلىندى.  گەرچە شۇ قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بولساممۇ شۇ چاغدا چىڭىغان ئىرادە قەشقەرنىڭ بىر كەنتىدە خەنسۇ سېكرتارغا تەرجىمانلىق قىلىۋېتىپمۇ، ساۋاتسىز كەنت مۇدىرىغا كاتىپىلىق قىلىۋېتىپمۇ سۇنمىدى. بېيجىڭ داۋانلىرىدا چېنىققان روھ بىزنى يېزا شۇجىسىنىڭ گەنسۇ تەلەپپۇزىدا ۋارقىراشلىرىغا باش ئەگدۈرمىدى، تىللاشلىرىدىن ئازات قىلدى.  دوست بۇرادەرلەر خىزمەتنى تاشلىغىنىمدىن ھەيران قېلىشتى،« ھىچ ئىش تاپالمىسام بېيجىڭغا قايتىپ كاۋاپچىلىق قىلىمەن!» دېگەن سۆزۈمنى ئۇلار پايانسىز سۈكۈتلىرىگە سىڭدۈرىۋېتىشتى، چۈنكى ئۇلار سىتۇدېنت بىلەن كاۋاپچىنىڭ پەرقلىق تەبىقىگە مەنسۇپلىقى تەكىتلىنىدىغان موھىتتا تەربىيەلەنگەن ئېدى. ئۇلارنىڭ كاللىسىدا كادىر، ئىشچى، دېھقان، تىجارەتچىدىن ئىبارەت پولات قاتلام شەكىللەنگەن بولۇپ تىز پۈكۈپ كادىر بولۇشنى تىك تۇرۇپ كاۋاپچىلىق قىلىشتىن ئەلا بىلەتتى. بىر دوستۇمنىڭ يارىدىمىدە يۇرتۇمدا تۇنجى ئىگىلىز تىلى كۇرسىنى ئاچقىمىندا سىنىپىمغا ئادەم پاتمىدى،كەلگەنلەرنى تىزىملاپ ئۈلگۈرەلمىدىم. ئوقۇرمەنلىرىمگە مەلۇم بولغايكى، بۇ قوش تىلللىق مائارىپ بويۇنتۇرۇققا ئايلانغان 2000-يىللار ئەمەس 90-يىللار ئېدى. مەن سىنىپقا سىغماي ئولتۇرۇشقان قارا كۆز، قارا قاشلاردىن كەلگۈسىنى، ئۈمىدنى كۆردۈم، مىللەت ئومۇمىيۈزلۈك ئىنكار قىلىنىۋاتقان ئۇ چاغلاردا شۇ كىچىككىنە ئۈمىد ئۇچقۇنى قىممىتىمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسى بولدى.


    3. رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا

    ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدىكى ئوقۇشۇم ھاياتنىڭ قىممتىدىن گۇمانلىنىش، ياشاش ئىقتىدارىمدىن خودۈكسىرەش، بېيجىدا شەكىللەندۈرگەن قاراشلىرىمنى ئىنكار قىلىش ئىچىدە ئۆتتى. بېيجىڭدىكى مەكتەپلەردىن ئاسمان زېمىن پەرقلىق مەكتەپ موھىتى،  دۆڭكۆۋرۈكتىكى يۈرەكنى لەختە قىلىدىغان بىچارە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، شۇ بىچارىلەرنىڭ بوۋلىرى قالدۇرغان كونا كىتاب ۋە ئەسكىرەپ كەتكەن تېپىندىلارنى زامانغا بېقىپ چۈشەندۈرۈش بەدىلىگە گالىستۇك تاقاپ يۈرۈشكەن ئىلىمدارلار ئۈمىتلىرىمنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرەتتى. شۇ چاغلاردا بېيجىڭدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ كەلگەن ياش ئوقۇتقۇچىمىز ئارقىلىق ئامېرىكلىق ئەرەب ئالىم ئېدۋارد سەئىد( 1935-2003 ) نىڭ ئىددىيىسى بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇنىڭ قارىشىچە غەرپ ئالىملىرى بەرپا قىلغان شەرقشۇناسلىق غەرپنىڭ مۇستەملىكىچىلىك قىلمىشلىرىنى نەزەرىيە بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ شەرق مىللەتلىرىنىڭ ئۆزى ۋە دۇنيا ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئەمەلىيەتتە غەرپ لايىھىلىگەن ئېدى. ئۇ بەرپا قىلغان كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك تەلىماتى بويىچە غەرپنىڭ مۇستەملىكىچىلىكى ئەسىرلەر بويى ھىچ بىر ئۆزگەرمىگەن بولۇپ پەقەت ئىلگىركى تەننى قۇل قىلىشتىن ھازىرقى روھنى ئەسىر قىلىشقا تەرەققىي قىلغان بولۇپ كېيىنكىسى ئالدىنقىسىدىنمۇ خەتەرلىك ئېدى. بۇلارنى ئويلىغانسىرى ئامېرىكا ياكى ياۋرۇپاغا بېرىپ ئوقۇش ھەققدىكى خىيالىم بەكمۇ گۆدەكلىك بولۇپ تۇيۇلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەپ دۆلەتلىرىدە ئوقۇش قارارىغا كەلدىم. ئەمما شۇنچە ئاقتۇرۇپمۇ ئەرەب دۆلەتلىردىكى ئۇنۋېرىستىتلارنىڭ مۇكەممەل ئېنگىلىزچە توربېتى بارلىرىنى ئاساسەن تاپالمىدىم. شۇ چاغلاردا مەن چوڭ بىلىدىغان ئەزھەر ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ئاسپىرانتلىق دەرس جەدۋېلىنى توردىن تاپالماي ئېچىنغانىدىم. (بەلكىم ھازىر بۇ ئىشلار جىق ئۆزگەرگەندۇر). ئىراننىڭ ئالى مەكتەپلىرى ھەققىدە ئىگىلىزچە ئۇچۇرلارنى تاپقان بولساممۇ شۇنچە ساقلاپ تىگىشلىك جاۋاپ ئالالمىدىم.  شۇ چاغلاردا خەنسۇ زىيالىلىرى ئارىسىدا باش كۆتۈرگەن مىللەتچىلىك ۋە بۇنىڭغا ماس ئەۋج ئالغان كوڭزىچىلىق غەرپنى كۈچەپ ئىنكار قىلىۋاتاتتى. بىزدىمۇ "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ۋەكىللىكىدىكى بىر قىسىم ژورناللاردا "غەرپنىڭ مەدەنىيەت جاھانگىرلىكى، مەدەنىيەت مۇستەملىكىچىلىكى" دېگەندەك ئۇقۇملار كۆپىيىشكە باشلىغان ئېدى. بىر قىسىم زىيالىلار خەنسۇ زىيالىلىرىنىڭ مىللەتچىلىك تەشەببۇسلىرىدىن ئىلھاملىنىپ غەرپ ئىددىيىلىرىگە قارشى مەيدانغا ئۆتكەن ئېدى. بۇ كەيپىيات ئوقۇرمەنلەردىمۇ ئەكىس ئېتىپ چەتئەل ئەسەرلىرىدىن سوۋۇش كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەردە دىنغا ۋە تارىخقا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رىيال مەسىلىلىرىگە ئائىت ئەسەرلەرنىڭ بازىرى بەكلا ياخشى ئېدى.   رىياللىققا ئائىت ئەسەرلەردىن "ئىللەت" لەر سۆكۈلگەن ۋە ياتلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە دائىر ئەسەرلەر ئالاھىدە خېرىدارلىق بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن غەرپتە ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى يوققا چىقاردىم ۋە غەرىپتىن ئۆگىنىشتىن  تولۇق ۋاز كەچتىم. ئىنگىلىزچىنى داۋاملاشتۇرۇش ئورنىغا تۈركىيە تۈركچىسى ۋە پارىسچە ئۆگىنىشكە باشلىدىم.

    مەكتەپ ئاسپىرانتلاردىن ئۇ چاغلاردا ئوقۇش پۇلى ئالمايتتى. بېرىدىغان تۇرمۇش پۇلى بەك ئاز بولۇپ ئەڭ تىجىگەندىمۇ ئون بەش كۈنگە ئاران يېتەتتى. ياتاق پۇلى، كۈندىلىك خىراجەتكە پۇل تاپمىساق بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاكامغا يارىدەملىشىپ نەشىرىياتچىلىققا كىرىشتىم.  كۈنلىرىم خەلق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر ئەسەرلەرنى ئوقۇش، تەشۋىق قىلىپ سېتىش ۋە تۇغقان تۈركى تىللاردىن كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلەن ئۆتتى.  بۇ ماڭا زىيالىنىڭ بىلىمىنى پۇلغا ئايلاندۇرالايدىغان بىر يول بولۇپ تۇيۇلدى. مەن مۇشۇ كىتاب سودىسى قىلىش جەريانىدا سېتىلىۋاتقان كىتابلارغا قاراپ كىشىلىرىمىزنىڭ نەقەدەر مەرىپەتسۆيەر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ۋە ئەدەبىياتچىلارچە ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلدۇم. بەلكىم بەزى ئوقۇرمەن دوستلار تارىخ، ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلەر سېتىلغان بىلەن پەننىي كىتابلارنى خەق ئوقۇمايدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن. لېكىن مەن «پەن ۋە تۇرمۇش» «بىلىم كۈچ» «ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى» دېگەندەك ئۇيغۇرچە پەننى ژورنال ۋە باشقا ئەدەبىي ژورناللارنى ئىككى يىل پايدسىغا سېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇمنى پۈتكۈزىۋالدىم. (يۇقاردا ئىسىمىنى تىلغا ئالغان پەننى ژورنالدىن بىرنى ھۆددىگە بەرسە، شۇنىڭدىن پايدا ئېلىپ گۈلدەك ياشاپ كېتىشكە كۆزۈم يېتىدۇ). شۇ چاغلاردا مېنى سۆيۈندۈرگىنى كىتاب يېزىپ ۋە نەشىر قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر قىسىم زىيالىلار ئوتتۇرىغا چىقتى. (مېنىڭ ئېنىق بىلىدىغىنىم يارمۇھەممەد تاھىر ئەپەندى.) 1999-يىلدىن 2007-يىلغىچە بولغان ئارىلىق ئۇيغۇرلاردا كىتابچىلىقنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغانىدى. غالىبىيەت، مورتۇم، ئىدىقۇت، ساچىيە، قۇتادغۇبىلىك قاتارلىق كىتابچىلىق شىركەتلىرى دەۋر سۈرگەنىدى. مەن ئىككى يىل مۇشۇ ئىشنىڭ نېنىنى يىدىم. شۇ چاغدا مەخسۇس  پەلەسەپە ۋە تېبابەتكە دائىر كىتاب نەشىر قىلدۇرغان بىر ئاكىمىزنىڭ دېيىشىچە ئۇيغۇرلادىن نەشرىياتچىلىق قىلىپ ۋەيران بولغىنى يوقكەن. مىللەتلەر نەشرىياتىدىكىلەردىن ئىگىلىشىمچە خەنسۇ بۆلۈمدىن قالسىلا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىختىسادىي ئۈنىمى ياخشىكەن. كېيىن ئىزدىنىش ئارقىلىق خۇسۇسىي نەشرىياتچىلىقنىڭ جوڭگۇدا خەنسۇلاردىن باشقا ئۇيغۇرلاردىلا بىر سودا تۈرى بولۇپ شەكىللەنلىكىنى بايقىدىم. شۇ چاغلارداقايسى ژورنالىنى ھۆددىگە بېرىدىكەن، قايسى نەشىرىياتنى ھۆددىگە بېرىدىكەن دەپ تامادا يۈرگەن ئۇيغۇر جىق ئېدى (مەن دەل شۇلارنىڭ بىرى ئېدىم). چۈنكى مەن  «ئانا يۇرت» نىڭ قاچاق باسمىسىدن باشقا   30مىڭ پارچە سېتىلغىنىغا گۇۋاھ بولدۇم. ئەركىن روزىنىڭ «بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار» دېگەن كىتابتىن قەشقەردە يېرىم يىل ئىچىدە 4000نى ساتتىم. «مەھمۇد كاشغەرى» گە ياركەنت كىتابخانىسىنىڭ بىر يىللىق 5000 تىراج بەرگىنىنى كۆردۈم. «لېيىغان بۇلاق» كەم دېگەندە 50،000 پارچە سېتىلدى. 1998-يىلى مەن «ئىز» ھەققىدە ماقالە يازاي، دەپ كىتابنىڭ داڭقىغا  ئىسپات ئۈچۈن قارىسام ،تىراجى قايتا قايتا بېسىلغىنىنى ھىساپلىغاندا سەكسەن نەچچە مىڭغا چىققانىكەن. كىتاب سودىسىغا ئارىلاشمىغان بولسام ئۈمىتسىزلىكتىن نە كويغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. مىڭلاپ، يۈزمىڭلاپ سېتىلىۋاتقان كىتابلار مېنى رىغبەتلەندۈرگەن، شۇ چاغدا كىتاب ئوقۇۋاتقان نەچچە يۈزمىڭ ئوقۇرمەنى بار ئۈمىتلىك بىر قەۋمنىڭ ئەزاسى بولۇش مېنى ئۈمىدكە تولدۇرغانىدى. كىتاب سودىسى  جەريانىدا يەنە بىر بايقىشىم، بىزدىكى مۇئاشلىق زىيالىلار بىلەن مۇئاشسىز(دىندا ئوقۇغان، ياكى دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئۆزلىگىدىن ئۆگەنگەنلەر) زىيالىلار خۇسۇسى نەشرىياتچىلىقنىڭ مەزگىللىك گۈللىنىشى جەريانىدا بىر بىرىنى بايقىدى ۋە ھەمكارلاشتى. بولۇپمۇ مۇئاشسىز زىيالىلارنىڭ نەشىرىياتچىلىققا ئارىلىشىشى ئاۋامنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. بۇلارنى كۆرۈپ ئويۇمدا خەلق قىزىقمىغان غەرپنىڭ ئادەم ئاسانلىقچە چۈشەنمەيدىغان تۈرلۈك ئىددىيە ئېقىملىرىنى ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر ھاماقەتلىك بولىدىغانلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىدىم.


    4. نېمە قىلىش كىرەك؟

    ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئۈچ يىل ئوقۇپ ئالغىنىم دېپلۇم بولۇپتۇ. ئوقۇش جەيانىدا يازغانلىرىم يا نەسىر ئەمەس يا ماقالە ئەمەس بىر نېمىگە ئوخشاپتۇ. ئەسلى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىنى بىر يىپقا تىزىپ "سوڧىنىڭ دۇنياسى"  شەكلىدە كىتاب يازىمەن دېگەن خىيالىممۇ يوققا چىقتى. مەن ئۆگەنگەن كىلاسسىك ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە بىزنىڭ ئۇ بۈيۈكلىرىمىز بىر بولسا مىللەتچى يەنە بىر بولسا ماركىسىزىمچى مىللەتچى قىلىپ تەھلىل قىلىناتتى. بۇنى قايتا تىزىپ كىتاب قىلىپ چىقىشنىڭ ھىچ ئەھمىيىتى يوق ئېدى. چۈنكى مەن ئالىملىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇشۇ ئىككىلا ئىددىيە بار دەپ قارىمايتتىم. بۇ يەردە ئىككى مەسىلىگە دۇچ كەلدىم بىرى دۇنيادا ماركىسىزىمدىن باشقا دۇنيانى چۈشەندۈرىدىغان قانداق پەلەسەپەلەر بار؟ يەنە بىرى قانداق قىلغاندا كىشىلىرىمىزنى زېرىكتۈرمەيدىغان شەكىلدە ئەجداتلارنىڭ تەپەككۇرىنى بۈگۈنكىلەرگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ؟ مەن ئەجدادلار چۈشەنگەن ۋە چۈشەندۈرگەن دۇنيا، ئىنسان، ئىلاھ، جەمئىيەت ۋە تەبىئەت  زادى نېمە، ئۇنى ئوقۇرمەنگە قانداق ئۇسۇل بىلەن يەتكۈزىمەن دېگەنگە جاۋاپ بېرىپ بولالماي ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كەتتىم. ئۇ چاغلاردا ماگىستىر ئوقۇغان ئادەم كۆپ بولمىغاچقا ئاسانلا بىر ئالى مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئورۇنلاشتىم.  مۇنبەر چىققاندىن كېيىن ھىس قىلدىمكى كاللامدىكى ئۇيغۇر ھەققىدىكى بىلىملەر پەقەت قالايمىغان دۆۋلەنگەن ماتېرىياللاردىن باشقا نېمە ئەمەسكەن. بۇنداق سېستىمىلاشمىغان بىلىمنى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەسكەن. مەن چۈشەندۈرگەندەك ئوقۇغۇچىلار چۈشەنگەندەك كۆرۈنگەن تەقدىردىمۇ بۇ بىر ماتىرىيال بولۇپ قالىدىكەن، ئۇلارنىڭ بىلىمىگە ئايلىنىپ ھاياتىدا ياكى كۆنكىرىت خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىشىگە ئەس قاتمايدىكەن. بۇنڭغا مۇنداق بىر ھىكايەتنى قوشۇمچە قىلاي. مەلۇم يىلىققا ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى دەرسىدە ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرىگە مىسال قىلىپ "ئىنسان ئىھساننىڭ قۇلى" دېگەننى چۈشەندۈردۈم. مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا بۇ ماقالنىڭ مەنىسىنى قىسقىچە ئىزاھلاشنى تەلەپ قىلدىم. قەغەز تەكشۈرۈپ بايقىدىمكى 90 پىرسەنت ئوقۇغۇچۇم بۇ ماقالنى "ئىنسان ئىنساننىڭ قۇلى" دېگەن مەنىدە ئىزاھلاپتۇ. ئۇلارچە خاتا كۆرۈپ قالغانمىش، كۆزغۇ خاتا كۆرگەندۇ ئەقىلچۇ، ئەقىدىچۇ؟

    نېمە قىلىش كېرەك؟ غەرپتىن سوۋۇغان كۆڭلۈم تۈركىيگە تەلپۈنەتتى. تۈركىيەدېكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنى چۈشىنىش ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى تۈركىيە تۈركچىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۆزەم ئانچە چۈشىنىپ بولالمايۋاتقان غەرپ ئىددىيە ئېقىملىرىغا قارغاندا ئەھمىيەتلىكتەك تۇيۇلدى. بۇندىن باشقا مەن تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى پۈتكۈل مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ بېسىپ ئۆتۈش ئىھتىماللىقى بار دەپ تەخمىن قىلاتتىم. مەنچە شەرق مىللەتلىرىنىڭ زامانىۋىيلىشىشىدا بىر قانچە دۆلەت ئەندىزە بولالايتتى. بۇلار ياپۇنىيە، كورىيە ۋە تۈركىيە ئېدى. بۇنىڭ ئىچىدە  ئورتاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولغان تۈركىيەنى چۈشىنىش ئارقىلىق زامانىۋىيلىشىش جەيانىدا ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش يولى ھەققىدىكى بىلىملەرنى ۋە تەجرىبىلەرنى ئۆگنىۋالالايتتۇق. مۇشۇ مەقسەدلەر بىلەن دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ زىيارەتچى تەتقىقاتچى تۈرىگە ئىلتىماس سۇندۇم. ئىلتىماسنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىن ئۆتۈپ مۇلاقاتقا تاللاندىم. مۇلاقاتتا بېيجىڭدىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ سۇئاللىرى مۇنداق بولدى؛

        * سەن تۈركىيەدىكى ئىلمىي زىيارىتىڭنىڭ كېينكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىڭغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى يېزىپسەن، سەنچە ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىشنىڭ قانداق رىيال ئەھمىيتى بار؟

    بۇ سۇئال ماڭا ياغدەك ياقتى. مەن تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر تىلنىڭ قۇدرىتىنى تونۇتۇپ قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەن مۇشۇنداق پۇرسەتنىڭ بالدۇرراق كېلىشىگە ئۇزۇندىن بېرى تەشنا ئېدىم. جاۋابىمنى مۇنداق باشلىدىم. بىرىنجى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى باشقا يەرلىك مىللەتلەر تەرەققىياتىنىڭ پاراۋوزى. ئاپتونۇم رايۇننىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشتىراكىسىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەمۇرىيەت ۋە مائارىپتا قوللىنىلماسلىقى ئاپتونۇم رايۇندىكى ئانا تىلىدا ساۋادى تولۇق چىقىپ بولمىغان نەچچە مىليون جوڭگۇ پۇقراسىنى يېڭى ساۋاتسىزلىققا گىرىپتار قىلىدۇ.ئۇيغۇر تىلنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ۋە تەرەققىياتى جوڭگۇدىكى تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك، تۇۋا، سالار، سارىغ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرتىلىنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر تىلى تارىختىن بېرى بۇ تىللارنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ بېيىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرچىدىكى مائارىپ، نەشىرىياتچىلىق، ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرى يۇقارقى قېرىنداش مىللەتلەرگە ئورتاق خىزمەت قىلغان. تارىخنى قويۇپ بۈگۈنگە قارايدىغان بولساق "قۇرئان" نىڭ  كومپارتىيە رەھبەرلىك قىلغاندىن كېيىن نەشىر قىلىنغان  ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن كېيىن قازاقچە، قىرغىزچە تەرجىمىلىرى يورۇقلۇققا چىقتى. "قۇتادغۇبىلىك" ، "دېۋانۇلۇغەتىت تۈرك" قاتارلىق يىرىك مىراسلارنىڭ قازاقچە نۇسقىلىرىمۇ ئۇيغۇرچە نۇسقىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلدى.ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ئۆزبىك، تاتار، سالار، ۋە تاجىك قاتارلىق مىللەتلەر بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق تەربىيەلەنمەكتە. دېمەك، ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرەققىيات قېرىنداش تۈركى تىللار ئۈچۈن ئۈلگە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇندىن باشقا كومپىيوتېر ساھەسىدە ئۇيغۇرچە ڧونت ياسىغان ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلەر قازاق ۋە قىرغىزچىغىمۇ قوشۇپ ياساپ بۇ تىللارنىڭ ئۇچۇرلىشىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئومۇمىيۈزلۈك گۈللەنگەن ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ تەربىيە بۆشۈكىگە ئايلانغان. ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ ۋە ئۇيغۇرتىلنىڭ تەرەققىياتى دەخلىگە ئۇچرىسا بۇ مىللەتلەرنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىمۇ ئاقساشقا يۈزلىنىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرتىلنىڭ مەۋجۇدلۇقى تەھدىتكە ئۇچرىسا باشقا تۈركى تىللار يۇقۇلۇشقا يۈزلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا ھەل قىلىنغان مەسىلىلەرنى باشقا تۈركىي تىللارغا شەكسىز تەدبىقلىغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر تىلى ئۇلار ئۈچۈن قالقان ۋە بۇلاق.  ئىككىنچى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا قوللۇنىلىشى ۋە تەرەققىياتى دۆلىتىمىزنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشىغا پايدىلىق. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن رۇس بولشىۋىكلىرى ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدە تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تاشكەنتتە ئورتا ئاسىيا ئۇنۋېرىستىتىنى قۇرۇپ،  ئۆزبېكچە مائارىپ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن  ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ھەتتا بىر قىسىم موڭغۇل ، تاجىك ۋە شىبەلەرنى تەربىيەلىگەن. بۇ ئارقىلىق تەسىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا تېزلىكتە كېڭەيتكەن ۋە ئۇنى 1960-يىللارغىچە ساقلاپ قالالىغان. ھازىرقى ھۆكۈمەت رۇسلارنىڭ بۇ تاكتىكىسىنى قوللۇنۇپ ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ ئارقىلىق ئورتا ئاسىيادىكى تۈركى تىللاردا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنى تەربىيەلەش مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا يىلىغا يۈزلەپ (قازاقىستاندىن يىلىغا ئىككى يۈز ئوقۇغۇچى جوڭگۇنىڭ مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇيدۇ) جوڭگۇغا كېلىپ ھەقسىز ئوقۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنسۇچە تەييارلىق مۇددىتى قىسقاراپ باج تاپشۇغۇچىلارنىڭ قان تەرى كۆپ تىجىلىپ قالىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ يوقۇتۇلۇش ئورنىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلسا ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران، ئىراق، ئابغانىستان، بالقان يېرىم ئارىلى ۋە روسسىيە تېرىتورىيىسىدە ياشاۋاتقان ئىككى يۈز مىليوندىن ئارتۇق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ  پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇرچە جوڭگۇ مائارىپنىڭ ئوبىكتىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. مائارىپ ئارقىلىق جوڭگۇنىڭ  ئەرزان ماللىرىغا خېرىدارلىق قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىنىمۇ مايىل قىلغىلى بولىدۇ. ئۈچىنجى،

        * كەچۈرىسەن ۋاقىت توشتى. ئەڭ ئاخىرقى سۇئال، سەن بېيجىڭنى ياقتۇرامسەن؟
        * پەقەت ياقتۇرمايمەن.
        * ھە، بولدى، رەھمەت ساڭا. ۋاقتىمىز بولغان بولسا ئۇيغۇرتىلنىڭ رىيال ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىڭىنى ئاڭلىغۇمىز بار ئېدى. باشقىلارغا دېمىگەن، ساڭا دەۋىتەيلى، سەن مۇلاقاتتىن ئۆتتۈڭ.

    مۇلاقاتتىن ناھايىتى كەيپىم چاغ چىقتىم. يولدا بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر مۇدېر ئۇچراپ قالدى.

        * ھە، مىيەنشى (مۇلاقات) قانداق بولدى؟
        * ئۆتتۈم،
        * ئۇنداق ئاسان بولماس، بېيجىڭدا قايتا پۇچا(تەكشۈرۈش) قىلىدۇ.
        * قانچە سۇئال سورىدى؟
        * ئىككى، بىرسى بەك ئۇزۇن، سىزگە جاۋابىمنى بىر ئىككى ئاغىز گەپ بىلەن دەپ بولالمايمەن. يەنە بىرى  مېنىڭ بېيجىڭنى ياقتۇرۇش ياقتۇرماسلىقىمنى سورىدى.
        * نېمە دەپ جاۋاپ بەردىڭىز؟
        * پەقەت ياقتۇرمايمەن دېدىم.
        * شۇنداقمۇ دەمسىز، بولدى سىزدە ئۈمىد يوق. ئۇلارنىڭ بېيجىڭنى ياقتۇرامسەن دېگىنى جوڭگۇ كومپارتىيەسىنى ياقتۇرامسەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغۇدامسەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرامسەن، دوڭتۇ تېرورچىلىرىغا مەيدانىڭ قانداق دېگىنى. ھەيىييي، سىز كىتابنى كۆپ ئوقۇغان بىلەن تازا چۈشەنمەي ئوقۇيدىغان ئوخشايسىز. مۇشۇنداق ھالقىلىق سۇئالنىمۇ چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟...بۇ ئادەمنىڭ قالغان گەپلىرى تازا قۇلۇغۇمغا كىرمىدى. بىللە بىر نەزرىگە باردۇق ئۇ يەردىمۇ بۇ گەپنى تۈگەتمىدى. خىيالىمغا بۇ گەپكە مەنىداش گەپلەرنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغىنىم كەلدى. مېنىڭ بىرىنجى قېتىم خىزمەت تاشلىشىمغا سەۋەپ بولغان ھېلىقى گەنسۇلۇق مۇتىھەم شۇجى ھەققىدە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىكى بىر پراپېسسور بىلەن پاراڭلىشىپ قالغانىدىم.
        * نېمە، سىز شۇجى بىلەن ئۇرۇشتىڭىز؟ تېخى خىزمەتنىمۇ تاشلاپ چىقتىڭىز! ھەي نادان بالا، ھازىر دىھقانلارنىڭ مەجبۇرى كىۋەز، بۇغداي تېرىشى دېگەن سىياسىي ۋەزىپە. سىزنىڭ قارشى چىققىنىڭىز بىر شۇجى ئەمەس، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ سىياسىي بۇيرىقى. سىز قەشقەر دېگەن يەردە سىياسىي بىلەن ئويناشماقچىما، دەرھال شۇجىغا يېلىنىپ سىياسىي خاتالىقىڭىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراڭ، مۆرىتى كەلسە يىغلاپ يېلىنىڭ...

    يۇقارقى سۆھبەتلەر ئالى مەكتەپتە يۈز بەردى. بىرى ئىدولوگىيەلەر قەسىرى بولغان قەشقەردە، يەنە بىرى ئىقتىسادتىن باشقا گەپ ھىچكىمگە خوپ كەلمەيدىغان لەنجودا. ماڭا بۇنداق دېگەنلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر. بىرى 50 –يىللاردا مەملىتىمىزنىڭ داڭلىق ئۇنۋېرىستىتىنى پۈتكۈزگەن ئارامدىكى قەشقەرلىك لۇشۇنشۇناس پروپېسسور، يەنە بىرى خەنسۇچە ئوقۇغان، 80- يىللارنىڭ ئاخىرى  ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپنى تۈگەتكەن  غۇلجىلىق دوتسىنىت، بىر ئالى مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدېرى. تۆۋە دەيمەن ئوخشىمىغان دەۋردە، ئوخشىمىغان زېمىندا چوڭ بولغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئويى نېمانچە ئوخشايدۇ؟ مەنچە مۇنداق كىشىلەر دۆلەتنىڭ يۈكى، خىزمەتنىڭ توسالغۇسى، تەرەققىياتنىڭ مىتىسى. مەن ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك "خاتالىشىپ" مۇ كەتمىدىم، دۆلەتنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق ئېلىپ باج تاپشۇرىۋاتقان خەلقنىڭ قان تەرى، مېنىڭ ھالال ئەمگىكىمنىڭ بەدەلى بولغان مۇئاشىمنىمۇ كەم قىلماي تۈركىيەدىكى ئىلمىي زىيارىتىمنى تامالىدىم.


    5. يول قايان؟


             يىللار مەيدىسىنى كېرىپ مەسخىرىلىك كۈلگەنچە ئۆتىۋەردى. ئانام دائىم «يىلدىن يىلغا بەتتەر» دەيتتى، بۇ ماڭا خۇددى  قانۇنىيەتتەك تۇيۇلۇپ كاللامدىن نېرى كەتمىدى. ئارىدا مېھرى ئىسسىق تۈركىيەنىمۇ چۆرگىلەپ كەلگەن بولدۇم. ۋەدەمدە تۇرغانلىقىمنىڭ  ۋەدە ئالغۇچىلارنىڭ پەرۋايىدا يوقلىقىنى قايتقاندىن كېيىن بىلدىم. ئۇلارنىڭ پەرۋايى ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتمىغاچ ماڭىمۇ غەلىتە تۇيۇلمىدى. قايتقىنىمدىن ئەڭ شاتلانغىنى كۆز نۇرۇم ئاتا-ئانام، كۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم ۋە بەختلىك ئائىلەم بولدى. كۈنلەر مەنىسىز تەكرارلىقىنى داۋام قىلماقتا ئېدى، بېيجىڭدا ئېغىز ئالغان يارا يەنە شەلۋەرەشكە باشلىدى، ئەمەلگە باغلانغان شىنجاڭچە زىيالىلىق، مەنپەئەتكە باغلانغان كىشىلىك مۇناسىۋەت، تىجارەتكە ئايلانغان جوڭگۇچە  تەتقىقات يۈرەكتىكى يارىنى يىرىڭلاتتى. بىر كۈنى بىر دوستۇمغا تېلپوندا "ئۆيلەندىم، ئۆي ئالدىم، بالىلىق بولدۇم، لېكىن يەنە خوش بولالمىدىم" دەپ تاشلىدىم. ئارىدا ئۆيۈمگە كەلگەن  بۇرادەرلىرىمدىن بىرى « كۆچۈپ كېتىدىغان قازاقتەكلا ئولتۇرۇپسەنغۇ؟» دېدى كۈلكە قىلىپ، سورۇنىمىزنىڭ ئەزىزى، ئۇستاز تەكلىماكانى « سەپەرگە ھازىرلانغان ئادەمگە جىق نەرسىنى يىغىۋېلىش ئاۋارىچىلىق» دېدى مەنىلىك قىلىپ. « سەپەر قايان؟» بۇ سۇئال باشقا ھىچ كىمنىڭ ئېسىگە كەلمىدى، چۈنكى بىر ئوبدان ئۆيى، ۋاپادار ئايالى، يوقنىڭ ئورنىدا بولسىمۇ ئەمىلى، ئۆزىدىن خېلىلا ئېگىزلەپ كەتكەن يېشى بار مەندەك ئادەمنىڭ يەنە نېمە سەپەرگە ئاتلىنىدىغانلىقى بۇرادەرلىرىمگە قاراڭغۇ ئېدى. ئىچىمدە خىتاب قىلدىم « سەپەر __ ئامېرىكا».
             موھىت ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ۋە ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدىكەن. بېيجىڭدا__ ھەممە ئىش ئۆز يولىدا بولىدىغان، تىرىشقانلىكى ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كۆز ئالدىدىن يىراق بولمايدىغان يەردە ئوقۇغانلىقىم مېنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمنى قۇۋۋەتلىگەنمۇ، ۋەياكى ئادەمنىڭ مىللەت تەۋەلىكىدىن بەكرەك ئىقتىدارى تەكىتلىنىدىغان ئىچىكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتەخىزمەت قىلغانلىقىم تۈرتكە بولغانمۇ، بۇلار ماڭا ئانچە ئېنىق ئەمەس، ئەمما مەن ئۈرۈمچىدە ۋە باشقا ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدىكى زىيالىلىرىمىزدا  ئەۋج ئالغان « ھىچ ئىش قىلدۇرمايدۇ، سىڭگەن نېنىڭنى يە، مۇناسىۋەتسىز ئىش پۈتمەيدۇ..» دېگەندەك ئىددىيەلەرنىڭ تەسىرىدىن ئاساسەن خالى ئېدىم. ھىچ ئىش قىلدۇرمىسا سەۋەبىنى سوراش، شۈكرىگە زورلىسا شۈكرىگە لايىق نىمەتنى تەلەپ قىلىش، مۇناسىۋەتكە مەجبۇرلىسا بەلگىلىمىنى شىپى كەلتۈرۈش مېنىڭ مىزانىم ئېدى.
          ئۈرۈمچىدىكى مەن ئىشلەۋاتقان ئالى مەكتەپ  بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستىتىغا ئىمتىھان بېرىشىمىگە قوشۇلمىدى. ئىشلىگەن يىلىم توشمايمىش. دۆلەتنىڭ مۇكاپاتىغا ئىلتىماس سۇنساممۇ بولماسمىش، سەۋەبى ئۇنۋانىم توشمايمىش، قارىغاندا مۇكاپاتنى قېرىپ ماڭالماس بولغاندا بەرسە كېرەك. شۇنىڭ بىلەن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا كۆز تىكتىم. نۇرغۇن خەلقئارالىق مۇكاپاتلار ھەققىدىكى خەنسۇچە ۋە ئېنگىلىزچە ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇلارنى خىزمەتداش، تونۇش ۋە دوست بۇرادەرلەرگە تەۋسىيە قىلدىم. بۇلاردىن فورد مۇكاپاتى مېنى بەكرەك قىزىقتۇردى. بۇلارنىڭ نىشانىدىكى« نامراتلىق، نادانلىقنى تۈگىتىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مۇۋەپپەقىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت ۋە ئىجتىمائى ئادالەتنى تەكىتلەش، ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدا ساھەلەردە تەشكىللىگۈچىلەرنى تەربىيەلەش» دېگەندەك مەزمۇنلار مېنى تولىمۇ شاتلاندۇردى. فوردنىڭ ئىلتىماس جەدىۋىلى مېنىڭ ھاياتىمنى بىر قۇر خۇلاسىلەپ چىققان بولدى. مەن فورد مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرنى بىر نائىنىق ئوبىكىت سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغىنىمنى بايقىدىم. مۇشۇ كۈنگىچە قاقشىغانلىرىم خەلقنىڭ مەدەنىيىتىنى، خەلق دۇچ كەلگەن كىرزىسنى ۋە ھەل قىلىش يوللىرىنى چۈشەنمەستىن غۇتۇلداشتىن باشقىسى ئەمەسكەن. مەن ئۇيغۇرنى ئۆزەمگىمۇ يورۇق بولمىغان بىر مەنزىلدە كۆرۈشكە ئىنتىلگىنىمنى چۈشىنىپ يەتتىم. مەن ئۇيغۇرنى چۈشىنشىتە ئۇلارنىڭ تۇيغۇسىدا، ئادىتىدە، ئىددىيىسىدە ياشاپ تۇرۇپ ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ئۆزگەرتىش، ئىنكار قىلىش مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر قىلغىنىمنى ھىس قىلىپ يەتتىم. فورد ماڭا ھەممە ئىشنى ئەتراپىمدىن، مەھەللەمدىن باشلاشنى ئۆگەتتى. چۈنكى ئۇلار دەل مۇشۇنداق ئېنىق ئىجتىمائى خىزمەت پىلانى ۋە ئەمەلىي تەتقىقات پىلانى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن. مەن بۇ مۇكاپاتقا ئىلتىماس سۇنۇش جەريانىدا ئىلگىرى ھىچ قانداق تەمەسىز قىلغان پائالىيەتلىرىمنىڭ بۇ قېتىم مېنىڭ ئىجتىمائى خىزمەت تەجرىبىلىرىم ھىسابلىنىپ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشۇمغا ئاساس بولغانلىقىنى كۆردۈم. تېرىمچىلىق مەدەنىيىتى ياراتقان ئاتا بوۋىلىرىمىز بۇ دۇنيانى ئۆزى شۇغۇللانغان دېھقانچىلىق بىلەن باغلاپ ئېتىزغا ئوخشىتىدۇ، ۋە بىزنى ئۇنىڭغا ياخشىلىق تېرىشقا بۇيرۇيدۇ. مەن دوستلۇرۇمنىڭ قوللىشى بىلەن ئەنجۈمەن تەشكىللىگەن، ئىئانە توپلىغان، مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغان، كۇرس ئاچقان، ئەمما بۇلارنى بىر قىزغىنلىق، بىر ئوتنىڭ تۈرتكىسىدە قىلغان، ئۇ چاغدا بىر چاغلاردا فوردقا ئوخشاش بىر مۇكاپاتنىڭ مۇشۇ ئىجتىمائى خىزمەتلىرىم بەدىلىگە ماڭا بېرىلىدىغانلىقى خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئېدى. ئاتا بوۋىلىرىمىز ئېيتقاندەك ياخشىلىق تېرىغان ئىكەنمەن، خۇداغا شۈكۈر، دۇنياغا ياخشىلىق تېرىش ئۈچۈن ياشايدىغان، باشقىلارنى يىسۇن دەپ يول بويىغا ئۈجمە تىكىدىغان، ئۇسسىغانلار ئىچسۇن دەپ  بىكارغا كۆل چاپىدىغان، باشقىلار پۇتلاشمىسۇن دەپ يولدىن چالما، تىكەنلەرنى ئېلىۋېتىدىغان، نامرات قوشنىمىز سۇنمىسۇن دەپ دەرۋازىسىنى پۇلى تۇرۇپ ياسىمايدىغان ئۇلۇغ خەلقنىڭ پۇشتى قىلىپ ياراتقان بۈيۈك رەببىمگە مىڭ مەرتە تەشەككۈر.


    6. خەير دوستلار


          رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن  بېيجىڭدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدىم. بېيجىڭ ئۆزگىرەپتۇ، بىنالار تېخىمۇ ئېگىزلەپتۇ.  بىر يېرىم مىليارتقا يېقىن خەلق تۆلەۋاتقان باج، يەر ئاستى ۋە ئۈستىدىن قېزىلىپ، ئېچىلىۋاتقان بايلىقلار بۇ شەھەرنىڭ بىنالىرىنى پارقىرىتىپ، يوللىرىنى كەڭەرتىپتۇ. يول بويىلىرىنىڭ يېشىللىقىغا، قەدىمكى بىنالارنىڭ، چىركاۋ-بۇتخانىلارنىڭ ساقلاپ قېلىنىشىغا ۋە گەۋدىلىنىشىگە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىنىپتۇ. مەن يول بويلىرىدا بۇندىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن پەقەت كۆرۈنمەيدىغان بىر قانچە چىركاۋنىڭ ئالاھىدە مەيدان بىلەن گەۋدىلەنگىنىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدىم. قەشقەردىكى ئۇيغۇر بىناكارلىقنىڭ نەمۇنىلىرى بېيجىڭدىكى تارىختا خەلقنىڭ خۇنىغا پۈتكەن ئوردىلاردىنمۇ قەدىرسىزمىدى؟ خەلققە پوقىنى يىگۈزگەن قانخور پادىشاھلارنىڭ قەبرىستانلىقى ئۆز جايىدا، ماۋزىدوڭنىڭ گېپى بويىچە تارىخنى ياراتقان ئەمگەكچىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر خەلقنىڭ، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىرىنىڭ، ئالىم ئۆلىمالىرىنىڭ قەبرىسى قايسى ئەمگەكچىدىن سوراپ خانۇ ۋەيران قىلىندى؟ ئۈرۈمچىدىكى خوجانىياز ھاجىمنىڭ قەبرىستانلىقى قېنى؟ قەشقەردىكى ئارىسلانخان قەبرىستانلىقىدىكى بوۋىلار قېنى؟ بېيجىڭدىكى تەرەققىيات ئادەمنى سۆيۈندۈرەتتى، لېكىن بېيجىڭدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا ۋەدە قىلىپ كاركىراۋاتقان يەرلىك ئاغۋاتلارنىڭ بېيجىڭنىڭ بۇنداق ئېسىل قىياپىتىنى ئۆلگە قىلىپ بىرلىكنى قۇغۇدىماي  قىلىۋاتقان بۆلگۈنچىلىكى  ئادەمنى نەپرەتلەندۈرەتتى.
       بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىنكى تامىقىمىز شىنجاڭ ۋاكالەتخانىسىدا (مەن مەزكۇر ئورۇننىڭ ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكىسىدكى خاتا تەرجىمىنى مۇشۇنداق تۈزەتتىم)  بولدى. تاماققا بېرىپ كەلگۈچە كىشىلەر بىزگە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلدى،قانچىسى  بىزگە ئېنگىلىزچە گەپ قىلدى. دېمەك بېيجىڭلىقلار يات ئېرىقتىكى كىشىلەرنى كۆرۈپ كۆنگەن ئېدى. چەتئەللىكەر بىلەن ئالاقىنىڭ قويۇقلىشىشى ۋە ئولمپىكنىڭ ئالدىدىكى تەشۋىقات بېيجىڭلىقلارنىڭ يات ئېرىقتىكىلەرنىڭ ھەممىنى شىنجاڭلىق(ئۇيغۇر) دەپ قاراپ كەمسىتىدىغان ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى قىلىقىغا تۈزۈتۈش بەرگەن ئېدى.(لېكىن شىنجاڭ ۋاكالەتخانىسىدىن باشقا يەردە ياتاق بەرمەيدىغان ئىش ھازىرغىچە ئۆزگەرمەپتۇ). بۇرۇن شىنجاڭ ۋاكالەتخانىسى ئىچىگە ياتاقتا ياتقانلىق كىنىشكىسى ياكى مەزكۇر ئورۇننىڭ خىزمەت كىنىشكىسى بولمىسا ئادەم كىرگۈزمەيتتى، بۇ قېتىم بۇ ئۆزگىرەپتۇ، چۈنكى قورۇ ئىچىدە بىر قانچە يەردە خوجايىنى ۋە ئاشپىزىنىڭ قايسى دىندىكى بولىشى نائىنىق، ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدىكى «مۇسۇلمان» ئاشخانىسى بارىكەن، بۇندىن باشقا يەنە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرىنى توپ ساتىدىغان بازارچاقمۇ بارىكەن. ھەر قايسى مۇسۇلمان ئەللىرىدىن كەلگەن ئەلچىلەر، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاتارلىق مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مىھمانلىرى بۇ يەردە غىزالىندىكەن.

     تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقى ئۈچىنچى ئەسىردىن بۇيان  ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ غەربىي ئەللەر بىلەن ئالاقىسىدا كۆۋرۈك بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ گومىنداڭ زامانى  ۋە 50-يىللاردا روسسىيە ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى بىلەن مەملىتىكېتىمىزنىڭ ئالاقىسىدا ئۇيغۇرلار ئەلچىلىك رولىنى ئۆتىگەنىدى.  بۇنداق تارىيخى ئەنئەنە يېقىنىقى مەزگىدە ئىتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەلەردە نەزەردىن ساقىت قىلىندى، سەلقارالدى. قارىغاندا يىمەكلىكتە ئۇيغۇر تاماقلىرى يەنىلا "ئەلچىلىك" سالاھىيىتىدىن چېكىندۈرۈلمىگەن بولسا كېرەك. مۇسۇلمان ئەلچىلەر ئۆمەكلىرىنىڭ ۋە ھەتتا دۆلەت رەھبەرلىرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋاكالەتخانىسىدا غىزالىنىشى  بۇنى چۈشەندۈرسە كېرەك. دېمەك، خەلقئارا ئالاقە ۋە بازار ئېگىلىكى،يەرشارىلىشىش بىر نوقتىغا يىغىنچاقلىغاندا، پۇل مەن  شۇنچە يىل بېيجىڭدا تۇرۇپ كرەلمىگەن ئۆزىمىزنىڭ ۋاكالەتخانىسىنىڭ بۇ تۆمۈر دەرۋازىنى خالىغان ئادەمگە ئوچۇق قىلىپتۇ. بۇنىڭدىن بەك سۆيۈندۈم ۋە پۇلدىن ئىبارەت ۋاستىنىڭ بارلىق سۈنئى توساقلارنى بەربات قىلىشىنى تىلىدىم. ئىنسان ئىجتىمائى رىياللىق ۋە قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولالمىغاندا  پەقەت بولمىغاندا پۇل ئارقىلىق بولسىمۇ باراۋەر بولالىسا، قانۇني يول بىلەن ئېرىشەلمەيۋاتقان  غۇرۇر ۋە ئەركىنلىكنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ تېرىشىشى مۇمكىن. مەنچە قوزغاتقۇچىلىرى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىۋاتقان قەۋىم ئۈچۈن بۇ مەلۇم مەنىدە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
        بىر كۈنى ئاشخانىدا تاماق يەۋاتساق بىر قانچە بېيجىڭلىق بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىزنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن بىزدىن « بۇرۇن ۋېيگوڭسۈن، گەنجىياكولاردا ئۇيغۇر ئاشخانىسى ۋە ئۇيغۇرلار ئاچقان بازار بار ئېدى، ھازىر نەگە يۆتكەلدى؟» دەپ سوراپ قالدى. بىز 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا چېقىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغىنىمىزنى سۆزلەپ بەردۇق. ئۇلار سەۋەبىنى سوراشتى ۋە بۇ كوچىلارنىڭ يوقاپ كەتكىنىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئارىمىزغا يېڭى كىرىپ كەلگەن بىر بېيجىڭلىق چېقىلىشنىڭ سەۋەبىنى  زەھەر ئەتكەسچىلىكى، بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىزلىقلاردىن كۆرۈۋېدى، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ ياۋرۇپا، كانادا ۋە ئامېرىكادىكى تاڭلىقلار(خەنسۇلار) كوچىسىنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇ يەرلەردىكى مەسىلىنىڭ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر كوچىلىرىدىن بەتتەر ناچارلىقىنى، غەرىپتە ۋە ئامېرىكىدا تاڭلىقلار كوچىسى دېگەنلىك نومۇسىنى سېتىش، جىنسىي كېسەللىك، بولاڭچىلىق، ئەتكەسچىلىك، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، پاسكىنىچىلىق قاتارلىق بارلىق جىنايەتلەرنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇنى بىلىپ تۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەرغىپ قىلىشقا پايدىلىق دېگەن سەۋەب بىلەن قوغۇداۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۇيغۇر كوچىلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەرقانچە قالاق بولسىمۇ تەرەتتىن كېيىن قول يۇيىدىغانلىقىنى، ئۆزى كۆرگەن خېلى چوڭ رېستۇرانلاردىكى خېلى داڭلىق ئاشپەزلەرنىڭمۇ تەرەتتىن كېيىن قول يۇمايدىغانلىقىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. سۆھبەتتىن كېيىن ئويلاپ قالدىم. مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت چۈشەنمەسلىكتىن، خاتا چۈشىنىشتىن ۋە مەلۇم گوروھنىڭ خاتا چۈشەندۈرىشىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. خۇددى ئەجدادلىرىمىز ئېيتقان « يالغاننى قېرىق قېتىم تەكرارلىسا راستقا ئايلىنىدۇ» دېگەندەك بىر كىچىككىنە ئىشنى چىڭىغا چىقىرىپ سۆزلەۋەرسە ئاۋام ئىشىنىپ قالىدىكەن-دە نەتىجىدە بىگۇناھ كىشىلەر سىياسىي بېدىكلەرنىڭ غەرىزى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدىكەن. 2001-يىلى كەچ كۈزدە ئىچكىرىدىكى مەلۇم شەھەردە سەككىز ئون ياشلادىكى بىر قىز مەندىن « سەن تېرورچىمۇ؟» دەپ سورىغاندا تەشۋىقاتنىڭ كۈچىدىن نەپرەتلەنگەنتىم. بېيجىڭلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچە تاماقنى ئۇيغۇر كوچىسىدىن تاللاپ يىگۈسى بار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلگۈسى بار، ھېلىقى كىچىك قىزنىڭ قاڭشارلىق، ساقال بۇرۇتلۇق كىشىلەرگە تېرورىزىمنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە غۇبارسىز سۇئاللىرى بار. ئەگەر ئۇيغۇرلار ئىچكىرىدە بەرپا قىلغان مەھەللىلەر قالايمىقانچىلىق باھانە قىلىنىپ مۇشۇنداق ۋەيران قىلىنسا بۇ سۇئاللارغا كىم جاۋاب بېرىدۇ؟ پەقەت بىردىن بىر ۋاستە پىلانلىق ئاخباراتمۇ؟. ئۇنداقتا ئاۋامنىڭ مۇستەقىل باھا بېرىش پۇرسىتى بولمىسىچۇ؟ ئىدىلوگىيىنىڭ كونتروللىقدىن خالى ئاخبارات مەۋجۇد بولمىسىچۇ؟
          بىر قىسىم خەنزۇلارنىڭ ئارىمىزدىكى ئاغزى يۈگرەكلەرگە  ئوخشايدىغان بىر خۇيى بار ئۇ بولسىمۇ بىلمەيدىغاننى بىلىمەن دەپ تۇرىۋىلىش ۋە شۇ ھەقتە گەپ ئېچىشتىن ئۇيالماسلىق، بەلكىم بۇ پۈتۈن شەرقلەرگە ئورتاق بولسا كېرەك. بىر كۈنى خۇنەنلىك بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا تاسادىپى پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ « مەن ئۇيغۇرلارنى بىلىمەن. ئۇلارنىڭ ناخشىلىرى بەك يېقىملىق، مەنىلىك...» دەپ سۆزلەپلا كەتتى، ياقا يۇرتتا بىر يات كىشىنىڭ ئاغزىدىن مىللەتنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاش ئادەمنى خېلى خوش قىلىدۇ. ئاڭلاپ ئولتۇرسام « بولۇپمۇ سىلەردىن چىققان تېڭگىر ئالامەت ناخشىچى ...» دېمەسمۇ ئەرۋايىم قىرىق گەز ئۇچتى. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر بىلەن موڭغۇلنىڭ پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئاران چۈشەندۈردۈم. گەپ شۇ يەردە تۈگىدىمىكىن دېسەم يەنە بىرى قوپۇپ تېرورچىلىق ھەققىدە سۆز ئاچتى، مەن بۇ تېمىغا لەنەت ئوقۇيدىغانلىقىمنى ئېيتىپمۇ قۇتىلالمىدىم. ئۇ شىنجاڭدىكى تېرورچىلىقنىڭ ئاجايىپ ئېغىرلىقىنى ۋە ئۇنى توسۇش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستىنى قوللىنىشنى شەرتسىز قوللايدىغانلىقىنى سۆزلەپ كەتتى ۋە ماڭا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى. ئامالسىز كەسپىنى سورىدۇم، بىر شىركەتنىڭ خادىمىكەن، مەلۇماتى تولۇقسىزدا توختاغلىقكەن، مەن گەرچە ئۆزەمنى ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى دەپ تونۇشتۇرغان بولساممۇ نەسىھەتتىن توختىمىدى. مەن بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن بولساممۇ سەبرى قىلدىم. چۈنكى تەبىقىچىلىك تۈزىمىدە، مۇستەبىت دۆلەتتە ئۇزاق ياشىغان كىشىلەر مۇشۇنداق بىلمەستىن ئاڭلىغاننى راست دېيىشكە، ئۆزىنىڭكىنىلا ھەق بىلىشكە، باشقىلارنىڭ  ئەقلىدىن ۋە كەچۈرمىشىدىن دائىم گۇمانلىنىشقا ئادەتلەنگەنىدى. ئۇلار ئادەمنى ئادەملىكى بىلەن ئەمەس قايسى مىللەت، قايسى تەبىقىگە مەنسۇپلىقى بىلەن كۆزىتەتتى ۋە باھالايتتى. مەن بۇنداق ئەھۋالغا تولا دۇچ كەلگەن. بىر قېتىم لەنجۇ ئۇنۋېرىستىتىگە ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى قەغەز تەكشۈگىلى بارساق بىزدىن «ھىسابلىغۇچ ئىشلىتەلەمسىلەر» دەپ سورىغانتى.تۈركىيەدە يولۇققان بىر قىسىم تۈرك كىشىلەرمۇ ئوخشاشلا يۇرتۇڭ قانداق، خەلقىڭ نە ھالدا  دەپ سورىماي  تۇرۇپ، يۇرتۇڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ساڭا ۋەز ئېيتاتتى. بۇنداق ۋەز نەسىھەتلەر خوشلاشقىلى بارغان يۇرتۇمدا، يولدىكى بىكەتلەردە، ۋە ھەتتا  مەن ئامېرىكىغا ئۇچقان بىرلەشمە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايرۇپىلانىدىمۇ داۋام قىلدى. ئويلاپ باقسام ئەقلىمنى بىلگەندىن بېرى مۇنداق ئىككى نەرسە ماڭا ھەمراھ بولۇپتۇ، بىرى قورقۇتۇش يەنە بىرى نەسىھەت. بۇنىڭ بىرى سەۋەب بولسا يەنە بىرى نەتىجىكەن، يەنى مېنى قورقۇتۇپ نەسىھەتنى ئاڭلاتماقچى، ياكى نەسىھەتنى ئاڭلىمىغاچقا قورقۇتماقچى، خوش، ئۇچاغدا مېنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش، باھالاش، تەدبىر قىلىش ئەركىمچۇ؟ خاتالىشىش، ئېزىش ۋە بۇلاردىن ئۆزۈمگە خاس يەكۈن چىقىرىش ھوقۇقۇمچۇ؟ ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ نۇرغۇن تونۇش بىلىشلىرىمنىڭ ماڭا « ئامېرىكا جاھانگىرلىرىنىڭ دامىغا چۈشمەسلىك، ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماسلىق، توغرا_ خاتا، ھەق_ ناھەق مەسىلىلىرىدە زامانغا بېقىپ ئىش تۇتۇش، ئىلاج قىلىپ قايتىپ كەلمەسلىك، ئامېرىكىغا بارغانلىقمنى ھىچ كىمگە دېمەسلىك، تۈركىيەگە بارغانلىقم ھەققىدە تىۋىش چىقارماسلىق، توردا قالايمىقان ماقالە يازماسلىق، مەكتەبتىن چىقماي، گەپ قىلماي، جىمجىت ياشاش.» ھەققىدە نەسىھەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىم كامىل.

    ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن بېيجىڭدا تۇرۇپ قالغان مەزگىلىمدە  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدا ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىم لېكسىيەگە تەكلىپ قىلدى. ئۆزەمنىڭمۇ  مېڭىش ئالدىدا ئۇستازلىرىم ۋە كەسپداش ئېنى سىڭىللەر بىلەن مۇڭدۇشۇش ئىسىتىكىم بولغاچقا تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بۇ بوغۇنلارغا ماسراق قىلىپ « ئىچكىرىدە ئوقۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەرمەكچى بولدۇم.  قويغان تېمام ئوقۇغۇچىلىرىمغا ياقتى. لېكسىيە دۈشەنبە كەچكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاساسىي مەزمۇنىنى خەنسۇچە يېزىپ بەردىم. دۇ شەنبە چۈشتە خەۋەر كەلدىكى « لېكسىيەم تەستىقلانماپتۇ». بەلكىم بۇ مېنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشۇم بىلەن باغلانغاندۇ،  ياكى ئۇستازلىرىم بەش يىل ئەنسىرىتىپ ئۆتكەن پائالىيەتچان ئوقۇغۇچىسىنىڭ لېكسىيىسىدىن خەۋپسىرىگەندۇ، ئاڭلىسام  ئامېرىكىدىن كەلگەن مەلۇم ئۇيغۇر ئالىمنىڭ لېكسىيىسىنىمۇ تەستىقلاشمىغانىكەن، شۇڭىمۇ ھەيران قالمىدىم. ئەمما ئىچىم يەنە بىر مەرتە ئاچچىققا تولدى.
            ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇرنىڭ تىلنىڭ شاراپىتى بىلەن پروپېسسورلۇق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇپ، ھەقسىز ئوقۇتىمىز دەپ ئەڭ ئېسىل شارئىتقا، ئەڭ ياخشى بالىلارنى يىغىۋالغان شۇ تۆت توك توك زىيالىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى مېنى بۇرۇنلا بەزدۈرگەچ باشقىچە ئويلاشقا پېتىنالمىدىم. پەقەت ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىڭ ھەممە گۇناھنى مىللەتكە ئارتىپ، بارلىق رىيال پىشكەللىكنىڭ مەنبەسىنى ئۇيغۇردىكى نۇقساندىن ئىزدەيدىغان مۇدا خاھىشقا تېخىچە مايىللىقى يۈرۈكۈمنى ئەزدى. ئۇستازنىڭ « بىز تېخىچە ئۇيغۇر زۇلۇمىدىن قۇتۇلمىدۇق!» دېگەن سۆزنى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ مېنى نەشتەردەك چاقماقتا ئېدى. بېيجىڭدىن نۇرغۇن جاۋابسىز سۇئاللار ۋە ئازابلىق خىياللارنى يۈدۈپ چىكاگۇغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا قەدەم باستىم.

    7. "مايگۈلى" نىڭ جەزبىسى

    ئايرۇپىلانغا چىقىۋاتقاندا مېنى ئۇزۇتۇپ چىققان ئوقۇغۇچۇمنىڭ "ئەركىنلىك سەپىرىڭىز باشلاندى" دېگىنى ئېسىمگە كەلدى.  مەن ئۇنىڭغا " بۇ مېنىڭ ئىزدىنىش سەپىرىمنىڭ داۋامى" دېگەنىدىم. ئەقىللىق ئوقۇغۇچۇم بەلكىم مېنى ماي گۈلى ناملىق پاراخوتقا ئولتۇرۇپ  ئەركىنلىك، يېڭى دۇنيا ئىزدەپ سەپەرگە چىققان ئەنگىلىيىلىكلەرگە ئوخشاتقان بولۇشى مۇمكىن. 1620 – يىللاردا ئەنگىلىيەدىكى خىرىستىيان ئىسلاھاتچىلىق ھەركىتىدە يېڭى دىن تەرەپتارلىرى  تەھدىتكە ئۇچراپ ئامېرىكىغا ئولتۇراقلاشقانىكەن. شۇلارنى ئويلاپ ئايرۇپىلانغا چىقىپ قارىسام مۇتلەق كۆپى جوڭگۇلۇق. شۇئان كۆزۈمگە ئايرۇپىلان "ماي گۈلى"دەك، ئولتۇرغانلار "قاچقۇن" لاردەك كۆرۈنۈپ كەتتى. 2008-يىلى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلەر ئىچىدە جوڭگۇلۇقلار ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى. 2009- يىلى جوڭگۇدا تۇغۇلۇپ كېيىن ئامېرىكادا ئولتۇراقلاشقان جوڭگۇلۇقلارنىڭ سانى بىر مىليون  900 مىڭدىن ئاشقان. ئامېرىكا نوپۇسىدا ئىسپان تىلىدا سۆزلەيدىغانلار بىرىنچى ئورۇندا خەنسۇ تىلىدا سۆزلەيدىغانلار ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇ سانلارنىڭ تىرىك پاكىتى سۈپىتىدە يېنىمدا ئولتۇرغىنى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بېيجىڭلىق ئايال ئىكەن. مېنىڭ چۈشەنمەيدىغان يېرىم كۈنسىرى بېيىۋاتقان بىر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ جېنىنىڭ بېرىچە ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشى ئېدى. بۇ ئايال مېنى دەسلەپ مۇسۇلمان بولغاچ ئامېرىكىغا ئۆچ، دەپ ئويلاپ ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستادىكى«تاجاۋۇزچىلىق» لىرىنى تەنقىد قىلدى. مەن ھىچ ئىپادىسىز ئولتۇرغاندىن كېيىن گېپىنى بۇراپ مېنىڭ ئالاھىدە ھالال تاماق بۇيرۇتقانلىقمنى خاتاغا چىقاردى ۋە ئامېرىكىدا بۇنداق قىلماسلىقنى، مۇسۇلمانلىق سالاھىتىمنى ئامال بار ئاشكارىلىلىماسلىقنى جىكىدى. مەن باشقىچە ئىنكاس بىلدۈرمىدىم پەقەت« مەن يالغان ئېيتالمايمەن» دەپ قويدۇم. ئۇ ئايال گەپ ئارىلىقىدا بىر گىرمان خىزمەتدىشىنىڭ ئىسرائىلىيە ھەققىدىكى بىر مەسىلىدە پىكىر بايان قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ۋە سەۋەبىنى « بىز يەھۇدىلارغا قان قەرزدار، شۇڭا مېنىڭ يەھۇدىلار ھەققىدە ئۇنى بۇنى دېيىشىم نامۇۋاپىق» دەپ بەرگىنىنى ھەيرانلىقتا بايان قىلدى. مەن ئەكسىچە ئۆزەم، ھۆرمەتلەيدىغان گېرمان خەلقىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم ۋە قايسى بىر يىلى گېرمان باش مىنىستىرىنىڭ پولشادا تىزلىنىپ تۇرۇپ پولەك خەلقىدىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدىكى ئاسارەتلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان تەسىرلىك كۆرۈنىشىنى ئەسلىدىم. ئۇ ئايال ئامېرىكا بىلەن جوڭگۇنى سېلىشتۇرۇپ « جۇڭگۇ دېمۇكراتىيەگە قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ، ئامېرىكا دېمۇكراتىيەدە چېكىنىۋاتىدۇ» دېگەن گەپلەرنى قىلغاندا ئازراق توغرا يېرى باردەك ھىس قىلدىم. دېمىسىمۇ گۇئەنتانامۇ مەھبۇسلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇلىشى ئۇنىڭ گېپىگە ئاساس بولالايتتى، كېيىنكى ھۆكمىگە مەن پىكىر قېتىشقا ئامالسىز ئېدىم، پەقەت ئىددىيە جەھەتتە جوڭگۇ كومپارتىيىسى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشنىڭ بىخەتەرلىكىم ئۈچۈن موھىملىقىلا ماڭا ئايان ئېدى. ئۇ ئايال ئۆزىنى ئامېرىكىلىق دېيەلمەيدىكەن، گەرچە ئامېرىكىدا داچىسى بولسىمۇ ئامېرىكىلىقلار پەخرلەنگەندىن سۆيۈنۈپ ئۆچ بولغىنىغا نەپرەتلىنەلمەيدىكەن. جوڭگۇغا قايتىپ كېلەي دېسە ئۆزىمۇ بالىلىرىمۇ كۆنەلمەيدىكەن، ھەم جۇڭگۇمۇ پۇقرالىققا قايتا ئالماسمىش. بىچارىنىڭ بالىلىرى ئۇنى ھەدىسلا جوڭگۇچە قىلىق قىلىدۇ دەپ مەسخىرە قىلىدىكەن. بۇ ئايالنىڭ ھەدىسە ئامېرىكنى داتلاپ بېرىشلىرىنى توغرا چۈشەندىم. ئادەم قېرىغاندا دائىم ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشايدۇ. بۇ بىچارە موماينىڭ بارلىق ئەسلىمىسى ۋەتىنىگە باغلانغان،  ئامېرىكىدا ئەسلىگۈدەك بىر نەرسە بولمىغاندىن كېيىن زېرىكىدۇ-دە! قارىغاندا ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىدىكى پېرىزدىنىت بولۇشتا ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولۇشنى ئۆلچەم قىلىش ھەر بىر  ئادەمنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى ۋەتەن دەپ بىلىدىغان خۇسۇسىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوخشايدۇ. ئەجەبا، يۇرتىمىزدىكى مەسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىگە يۇرتىمىزدا تۇغۇلمىغانلارنىڭ كۆپلەپ ئەمەلدار بولۇشى سەۋەب بولغانمىدۇ؟
             چىكاگۇدا چىگردىن كېرىش رەسمىيىتى بېجىرىۋېتىپ بىر ئاز ئەنسىرەپ قالدىم، چۈنكى ئادرىسىم ئارۇپىلاندا تارقىتىپ بېرىلگەن جەدىۋەلگە پاتمىغان ئېدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەدىۋەلگە توشقۇزۇلىدىغان بىر قانچە ئۇچۇرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان بولۇپ قايتا بىر جەدىۋەل  ئېلىشقا ئىمكان بولمىغان ئېدى. ساقچى يىگىت « ئامېرىكىغا مەرھابا!» دەپ مىنۇت ئۆتمەستىن پاسپورتۇمنى قولۇمغا بەرگەندە ھەيران قالدىم. قايتۇرۇپ « باشقا چاتاق يوقتۇ؟» دەپ سورۇدۇم، ساقچى يىگىت كۈلۈپ تۇرۇپ « يوق» دېگەندىلا خاتىرىجەم بولدۇم. مېنىڭ مۇنداق ئەنسىرىشىمگە سەپىرىمنىڭ بېشىدىلا ئۈرۈمچى ئايرۇدورۇمىدا يۈز بەرگەن پىشكەللىك سەۋەپ بولغان ئېدى. ئۇ كۈنى ئەتىگەندە پاسپورتۇم بولغاندىن كېيىن ماڭا لازىم بولماس، ئايالىمغا لازىم بولۇپ قالسا ئىشلەتسۇن دەپ كىملىكىمنى ئۆيدە قويۇپ ئۈرۈمچى ئايرۇدورۇمىغا كەپتىمەن. بىلەت ئالماشتۇراي دېسەم بولمىدى، پاسپورتۇمدا دادامنىڭ ئىسمى باركەن، كىملىكىمدە يوقكەن. سەۋەبىنى سورۇدۇم، پاسپورتۇمدا كىملىك نومرۇم ۋە رەسىمىم بارلىقىنى دېدىم، ساقچىغا خەۋەر قىلدىم، ھەممىسى نۆلگە تەڭ بولدى، ساقچى ئاجايىپ قوپاللىق بىلەن بۇ ئۆزەڭنىڭ سەۋەنلىكى دەپ ۋاقىراپ كەتتى، سەۋەپسىزلا. ئاخىرى يېڭىدىن بىلەت كەستۈرۈپ ئايرۇپىلانغا چىقتىم.

               مانا بۇ بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتىكى ئىككى دۆلەتتىكى  ئىككى خىل خىزمەت ئۇسۇلى، ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈنىمى ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدۇ. مەن ئامېرىكىدىكى ئىنسانغا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەتنى كېيىنكى تەكشۈرۈشلەردىمۇ رۇشەن ھىس قىلدىم. دۇنيادا ئەڭ دەھشەتلىك تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بۇ دۆلەت يەنە ماڭا ئوخشاش مۇسۇلمانلارغا قورقماي قۇچاق ئېچىۋېتىپتۇ ۋە مۇئامىلىدىكى ئىززەتنى كەم قىلماي كېلىۋېتىپتۇ. شۇ كۈنى مەن بىلەن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلەر قاتارىدا باشتىن ئاياق ئورانغان مۇسۇلمان ئاياللىرىنى، چىرايىدىن ئوتتۇرا شەرق ئەھلى  ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرغان كىشىلەرنى خېلىلا كۆپ كۆردۈم، بىر مۇسۇلمان ئايال ھەتتا مېنى ئىئوردانىيىلىككە ئوخشۇتۇپ ئەرەبچە سۆزلەپ كەتتى. شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، تەكشۈرۈش ھەممەيلەنگە ئوخشاش، ھىچ كىم بۇرۇتى، ياكى چۈمبىلى سەۋەبلىك ئەزەۋەيلەپ تەكشۈرۈلمىدى. تەكشۈرۈشنى كۈتىۋېتىپ ئەتراپىمدىكى باشقا چەئەللىكلەرگە قارىدىم ئۇلارنىڭ چىرايىدا خۇددى ئۆز ئۆيىدە تۇرىۋاتقاندەك خاتىرىجەملىك جىلۋە قىلاتتى ، بۇيەردە قورقۇۋاتقان، ئارتۇقچە خاۋاتىرلىنىۋاتقان پەقەت مەنلا ئېدىم، تۈگۈلىۋالغان پەقەت بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاجىز گەۋدىسى ئېدى. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ، نېمىشكە بىز دائىم مۇشۇنداق ئەنسىزلىك، خۇدۇك، گۇمان ئىچىدە ياشايمىز. نىمىشقا توغرا نەرسىنى توغرا، خاتا نەرسىنى خاتا دېيەلمەيمىز؟ نېمىشقا نارازىلىقلىرىمىزنى ھاراققا، غەيۋەتكە، لايغەزەللىككە يەم قىلىۋېتىمىز؟مەنچە قانۇنلۇق بىر پۇقرانىڭ بەلكى بىر بۆلۈك پۇقرانىڭ ئۆز ۋەتىنىدە داۋاملىق قورقۇمسىراپ،ئەندىكىپ ياشىشى، ئىشەنچتىن خالى دائىم نازارەتتە تەكشرۈشنى قوبۇل قىلىشى، ئۆزىنى تاشلىۋېتىلگەندەك، ئىگىسىز قالغاندەك ھىس قىلىشى، ھەمكارلاشىلالماسلىقى، دائىم سىياسىي پەرمانلارنىڭ مەجبۇرلىشىدا زورىغا ئالغا سۆرىلىشى مەنچە شۇ دۆلەت ئۈچۈن ھەر قانداق زوراۋانلىق خەۋپىدىنمۇ قورقۇنچلۇق خەۋپ  ئېدى.
               بارلىق تەكشۈرۈشلەر تۈگەپ ئايرۇپىلان ئالمىشاي دەپ تۇرسام مەن بىلەن بىللە كەلگەن ئايال مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭغا ئايرۇدۇرۇمدىن تېلىفون ئۇرماقچىلىقىمنى، لېكىن تېلىفونۇم يوقلىقىنى ئېيىتقان ئېدىم. ئۇ ماڭا تېلىفونىنى بېرىپ تۇردى ۋە ماڭا يولۇمنى كۆرسۈتۈپ قويدى. مۇنداق يارىدەمسۆيەرلىكنى تۆرت سائەتكە يېقىن  ئايرۇپىلان ساقلاش جەريانىدا كۆپ ئۇچراتتىم، كىشىلەر بىر بىرىگە يول كۆرسىتىشەتتى، تاپالمىغانلارنى يېتىلەپ ئاپىرىپ قوياتتى. مېنى ئايرۇدورۇمدا قىزىقتۇرغان بىر ئىش مۈشۈك ئېيىقنىڭ رەسىمى ۋە ئىككى دەيزۇ ئايالنىڭ سۈرىتى قوشۇپ چىقىرىلغان مۇراجەت تاختىسى بولدى. تاختىغا تەبىئى موھىتىنى قوغۇداش بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ياشاش شارائىتىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى مۇراجەتكە ئوخشاش مەزمۇن يېزىلغان ئېدى. بۇنداق ئېلان تاختىسىنىڭ مۈشۈك ئېيىقنىڭ ۋە دەيزۇلارنىڭ ۋەتىنى بولغان جوڭگۇدىكى بېيجىڭ ئايرۇدورۇمىدا ئەمەس، مۈشۈك ئېيىق ۋە دەيزۇلارنىڭ سايىسىمۇ بولمىغان ئامېرىكىدىكى چىكاگۇ ئايرودورۇمىدا كۆرۈلىشى مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى. شۇئان كۆز ئالدىمغا قەشقەرگە ماڭىدىغان يولدىكى بوستانلىقلاردا يەر ئېچىش ئۈچۈن بۇزۇلىۋاتقان جاڭگاللار، كېسىلىۋاتقان ئورمانلار، يۇلغۇنلار كەلدى، يۇرتۇمدىكى ئۈنى ئۆچكەن تورغاي، كۇركىرىماس بولغان پاقا، پىشايۋانلاردىن غايىپ بولغان قارلىغاچ بىر بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. ئۇلار ھەققىدە ھىچكىم مۇراجەتنامە چاپلىيالمايتتى.  يېڭى يېزا قۇرىمىز دەپ دېھقانلارنىڭ يول بويىدىكى، كۆزگە چېلىقارلىق يەردىكى خام كېسەكلىك تاملىرىنى چېقىۋاتسا، تەرەققىيات رايۇنى قۇرىمىز بىچارە دېىھقاننىڭ ئەللىك يىللىق توختام بىلەن ئالغان يېرىنى يوقىلاڭ باھاغا ساتقۇزىۋاتسا، يەر ھۆكۈمەتنىڭ دەپ 2009-يىلدىكى يەرگە  1995-يىلدىكى ئەسلى سېتىۋالغان باھا بىلەن پۇل بېرىپ قاقشىتىۋاتسا مۇراجەت چاپلانمايتتى، شەيىخ سەئىدى ھەزرەتلىرى مىھمان بولغان، ئىمادىدىن قەشقەرى، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئىلىم تارقاتقان، بوۋام ئات چاپقان، مومام رەستىلىرىنى كەزگەن تەۋەرۈك قەشقەر چېقىلىۋاتسا ھىچكىم مۇراجەت چاپلىمايتتى. ھەممە سەمىمىي تەكلىپ، پۈتۈن قانۇنىي ھوقۇق، ھەممە ئاڭلىق تەشەببۇس، بارلىق ھەق سۆزلەر غەيۋەت قازىنىدا قاينىماقتا، ھاراققا، خىروئىنغا، ئەيدىزگە ئايلىنىپ بۇ خەلقنىڭ ئوبرازىنى، ئارمانىنى، كەلگۈسىنى يالمىماقتا ئېدى. ئون مىليۇندىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئەڭ  سەمىمىي، ئەڭ ئەقەللىي تەلەپلىرى بىۋاپا دۇنيادا بىر مۈشۈك ئېيىقچىلىكمۇ زىلزىلە قوزغىيالمىغان ئېدى.

    8. سالام، ھۆر شىتات
     كانزاس ئامېرىكىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە قۇللار كۆپ، دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان شىتات بولۇشىغا قارىماي قۇللۇقنى بىكار قىلىش تەرەپتارى بولغانىكەن. ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ يولدىكى تاختىلاردىن ھۆر شىتات دېگەن ئىسىمنى كۆپ چېلىقتۇردۇم. ماڭا "ھۆر شىتات"  دېگەن سۆز تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈندى ۋە "ھەرنىمە بولسا ھۆرلۈك ئەنئەنىسى بار كىشىلەرنىڭ قېشىغا كېلىپتىمەن" دەپ ھاياجانلاندىم.  مېنى ئالغىلى چىققان موڭغۇل بالىمۇ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ھۆر پىكىرلىك دەپ تەرىپلىدى.  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئىچكى ئۇرۇشتا كانزاس شىتاتىغا قوشنا بولغان مىززورى شىتاتى قۇللۇقنى ھىمايە قىلغانىكەن. مىززورىلىق قۇلدارلاركانزاسقا ھۇجۇم قىلىپ قىرغىنچىلىق قىلىپتۇ. شۇڭا ھازىرغىچە بۇ زىددىيەتنىڭ ئىپادىلىرى مەۋجۇدكەن. ئەڭ گەۋدىلىك يېرى، مىززورى قايسى شىتات بىلەن مۇسبىقىگە چۈشسە كانزاسلىقلار قاشى تەرەپكە چاۋاك چالىدىكەن. كانزاسلىقلارنىڭ مۇسابىقىدىن ئەڭ ھاياجانلىنىدىغىنى مىززورىنىڭ ئۇتتۇرىشى ئىكەن. مەن بۇرۇن موڭغۇل بالىلارغا دەرس بەرگەن بولغاچ چىرايى بىزنىڭ قازاق قارداشلارغاراق ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ مىللەت بالىلىرىنى خېلى ئوبدان چۈشىنەتتىم. يول بويى قىزغىن مۇڭداشتۇق. ئۇ مېنىڭ تىلشۇناسلىقتا ئوقۇغىلى كەلگىنىمنى ئاڭلاپ « بۇ كەسپتە بۇ يەدە ئاساسەن چەئەللىكلەر ئوقۇيدۇ، ئامېرىكىلىقلار بۇنداق ئابىستىراكىت كەسپلەردە ئاز» دەپ تونۇشتۇردى. مەن كۆڭلۈمدە ئانچە قايىل بولمۇدۇم، چۈنكى تىلشۇناسلىق ساھەسىدە ئامېرىكا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى، بۇ مەكتەپنىڭ تىلشۇناسلىق پىرافېسسورلىرىمۇ ئامېرىكىلىقلار ئېدى. ئۇنىڭ گەپلىرى "بۇنداق كەسىپ ئامېرىكىدا ئەس قاتمايدۇ، نەپسىز كەسىپنى ھىچ كىم ئۆگەنمەيدۇ" دېگەن قارىشىدىن كەلگەن بولۇپ بىر ئامال قىلىپ ماڭا ئىسپاتلاپ بېرىۋاتاتتى. بۇ ئېنىمىزمۇ جان بېقىش بىلەن شەخسى قىزىقىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇۋاتاتتى. ئىنساننىڭ قىزىقىشىنى ئىتىبارغا ئالمايدىغان مائارىپ ئىنساننى مۇشۇنداق قىلىپ قويسا كېرەك. ئۇ بالا دادىسىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئۇنىۋېرىستىتىدە موڭغۇل تىلى پروفېسسورى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما ئۆزى موڭغۇلچە ئۇقمايدىكەن، مەن ئۇنىڭ موڭغۇلچە ئۇقمايمەن دېگەن سۆزنى شۇنچە تەبىئى دېگىنىدىن ھەيران قالدىم. بۇ ماڭا چىڭغىزخاننىڭ 800 يىل بۇرۇنقى ئات بىلەن ياراتقان سەلتەنىتى ۋە شۇ سەلتەنەتنىڭ تىرىك ۋارىسلىرى بولغان بۈگۈنكى موڭغۇل ياشلىرى ئەجداد بىلەن ئەۋلاتنى باغلايدىغان خاسىيەتلىك رىشتە__ ئانا تىلدىن ئۈنسىز خوشلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەردى. مەن بۇرۇن دەرس ئۆتكەن موڭغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ خەنسۇچە ئىكەنلىكىگە، ئۇلارنىڭ بەزىللىرىنىڭ جىددىيلەشسە موڭغۇلچە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان ئېدىم. گەرچە ئۇلاردا بىزدىكىدەك مەجبۇرى قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلمىغان، ئانا تىلدا ئوقۇش مەمۇرىي ۋە ئىختىسادىي ۋاستىلەر بىلەن تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان، رىغبەتلەندۈرىلىۋاتقان بولسىمۇ موڭغۇلچىنىڭ يىگىلىشى ئېغىر مەسىلە ئېدى. موڭغۇل ئۇكىمىز بۇ مەكتەبتە 1200دىن ئارتۇق خەنسۇ ئوقۇغۇچى بارلىقىنى سۆلەپ بەرگەندە ھەيران قالدىم ۋە خۇرسەن بولدۇم. 27مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى  ئىچىدە مۇنچە كۆپ خەنسۇنىڭ بولۇشى جوڭگۇنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر ئۈمىد ئېدى. مەن بۇ ساندا پۇقرالار پەرزەنتىنىڭ پىرسەنتنى ئويلۇنۇپ قالدىم.

    لاۋرېنس دېگەن بۇ شەھەر بىر ئۇنۋېرىستىت شەھرى بولۇپ 88مىڭ ئاھالە ياشايدىكەن، سانائەت ئاساسەن يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ دېھقانچىلىق ۋە مۇلازىمەت ئاساس ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى كانزاس شىتاتىدىكى قۇللۇققا قارشى بايراقدار ئاموس ئادامس لاۋرېنس دېگەن كىشىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ مەزكۇر كىشى بۇ شەھەرنى قۇرغۇچىلاردىنكەن. شەھەرنىڭ تۆرت پەسىل ئېنىق، ھەممە يەر يېشىللىق بىلەن تولغان، ھاۋاسىدىن گۈپۈلدەپ تۈرلۈك كۆكات ۋە ياۋا گۈللەرنىڭ ھېدىلا پۇرايدىكەن. كىچىكىمدىن يېزامدا قۇشلار ناۋاسى بىلەن ئويغۇنۇپ كۆنگەن مەندەك سەھرا بالىسىغا بۇ يەردىكى ھەر خىل قۇشلارنىڭ يېقىملىق چورقىراشلىرى بىلەن ئويغۇنۇش غەمسىز بالىلىغىمنى ئەسلەتتى. بىزنىڭ ۋەتەندە بار قارىغاي، ئۈجمە، ئۈزۈم، ئارچا، قارا ياغاچلارنى مەكتەپ ھويلىسىا كۆرۈپ بىر قەدىناسلىقنى ھىس قىلدىم. زىمىنىمىز، چىرايىمىز، دىلىمىز ھەرخىل بولسىمۇ، جانلىقلار ۋە جانسىزلار جىق پەرقلەنمىسە كېرەك. قەلبىمىزگە ۋە يەر يۈزىگە سىزىلغان سۈنئى چىگرىلار ئىنساندىن باشقا جانلىقنىڭ كۆكتىكى يۇلتۇزلاردەك تارىلىشىنى چەكلىيەلمىگەن بولسا كېرەك. ئەسلى بىزمۇ باشقا جانلىقلاردەك ئەركىن يارىتىلغان، لېكىن ئىنساندىكى شەخسىيەتچىلىك ۋە بۇنىڭ كوللىكتىپ ئىپادىسى بولغان مىللەتچىلىك ئاللاھ ئەقىل ۋە سۆيگۈ بىلەن بېزىگەن دىلىمىزنى ۋە قوۋناق ھايات بىلەن بىزىگەن  زىمىنىمىزنى چىگرا، توساقلار ئايرىۋەتكەن، قاشالىۋەتكەن.  بۇ يەردە كانزاس ئۇنۋېرىستىتى ۋە يەنە بىر ئنىستىتۇت بار ئىكەن. شەھەر ھاياتى مۇشۇ ئىككى مەكتەپنى مەركەز قىلىپ ئايلانسا كېرەك. كوچىلاردا پىيادە كېتىۋاتقان ئادەمنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايتتى، خۇددى بۇ يەردە يوللار ماشىنىلار ئۈچۈن ياسالغاندەكلا. ئەگەر پىيادىلەر يولدىن ئۆتمەكچى بولسا ماشىنىلىق كىشى مۇتلەق ھالدا پىيادە ئادەمگە يول بېرەتتى. مەن بۇنى تۈركىيەدىمۇ بايقىغان ئۇ يەردىمۇ ماشىنىلار خېلى يىراقتىن توختاپ پىيادىلەرگە يول بېرەتتى. قارىغاندا ماشىنا بايلىق ۋە ئەمەلنىڭ بەلگىسى ئەمەس پەقەت بىر قاتناش قورالى دەپ قارىلىدىغان يەرلەردە مۇشۇنداق بولسا كېرەك، بولۇپمۇ كىشىلەر بايلىق ۋە ئەمەل دەرىجىسى بويىچە رۇشەن تەبىقىلەرگە بۆلۈنمىگەن ئەللەردە.

       مەيلى چىكاگۇ كوچىلىرى بولسۇن ياكى كانزاس ۋەياكى لاۋرېنس بولسۇن ھەممىسى ئورمان ۋە چىملىق بىلەن قاپلانغان بولۇپ شەھەر بەرپا قىلىنغاندا يېشىللىق ئادەمگە ئەمەس ئادەم يېشىللىققا ماسلاشقاندەك قىلاتتى. بىنالار يەر يۈزى قانداق بولسا شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ سېلىنغان بولۇپ، ئىنسان تەبىئەتكە قىستىلىۋالغاندەك، ئۈستىگە بەدەشقان قۇرۇۋالغاندەك ئەمەس ئۇنىڭغا ئۆزلىشىپ سىڭىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىكەن. بۇلارنى كۆرۈپ ئىچكىردىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتە بىر مۇتەخەسىسنىڭ " غەرپ مەدەنىيىتى تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش بەدىلىگە زامانىۋىي پەنگە ئېرشىتى، جوڭگۇلۇقلار تەبىئەتكە ماسلىشىپ ياشاش يولىنى تاللاپ پەندىن قۇرۇق قالدى. غەرپلىكلەر پەن ھەممىنى ھەل قىلىدۇ دەپ قارايدۇ، جوڭگۇ مەدەنىيىتىدە تەبىئى قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنۇپ ياشاش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئىكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق تەكىتىلىنىۋاتقان ھازىرقى دۇنيادا جوڭگۇ مەدەنىيىتىدىكى بۇ ئەۋزەللىك غەرپنىڭ ئۈلگە ئېلىشىغا ئەرزىيدۇ" دېگىنى ئېسىمگە كەلدى. ئەينى چاغدا بۇ قارش ماڭا توغرىدەك تۇيۇلۇپ دەرسخانىلاردا سۆزلەپ يۈرۈپتىكەنمەن. ئامېرىكىدا نەگە بارسام چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلۇق تۈنلەرنى، بوۋاقنىڭ كۆزىدەك سۈپسۈزۈك ئاسماننى كۆرۈپ كىمنىڭ كىمدىن ئۈلگە ئېلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە باشقىچە تونۇسقا كەلدىم. شەھەردىكى بىنالار ئاساسەن بىر قەۋەت ياكى ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ مەن بۇ شەھەردە تېخىچە بەش قەۋەتتىن ئېگىز بىنا كۆرۈپ باقمىدىم، ھەممە يەر كەڭ، يوغان ئازادە، ئادەملار شۇنچە شالاڭ، خاتىرىجەم. خۇددى ۋەتەندىكى چېغىمدا مەن تېلۋېزورلاردا كۆرگەن ئىختىسادىي كىرزىس، چوشقا زۇكۇمى، ئۇرۇش ۋەھىمىسى سەۋەبىدىن  كىشىنى ۋەيران بولغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدىغان ئامېرىكا باشقا بىر سەييارىدىكى دۆلەتتەكلا. نەرسە كېرەكلەرنىڭ باھاسىمۇ شۇنداق ئەرزانىكەن. بىر چامادان كومپىيوتىر ئالدىم 349 دوللارغا، بۇ يەدىكى مەن ئۇچراشقان جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماشنىسى بار ئىكەن، يامان ئەمەس بىر ماشىنا ئاران مىڭ دوللار ئەتراپىدا ئىكەن.(مەن ئەزەلدىن ماشىنىغا قىزىقمايمەن، شۇڭا قايسى ماركىدىكى ماشىنا ئىكەنلىكىنى مىڭ يادلىساممۇ ئېسىمدە قالمايدۇ)، بىر پوتۇلكا 100%ساپ لېمون شەربىتى ئاران بىر يېرىم دوللار (مەكتەپتە شۇنداق سىرىتتىكى تاللا بازارلىرىدا تېخىمۇ ئەرزان).. بىزنىڭ يۇرتلاردىكى شەھەرلەرنى سېمۇنتلاشتۇرۇش، چىملىقلاشتۇرۇش، شەھەردە يەرلىك دەرەخلەرنى يوقۇتۇپ ياتلاشتۇرۇش، تولا دەرەخ ئالماشتۇرۇپ قاقاسلاشتۇرۇش بۇ يەردە يوقتەك ئېدى. بەلكىم باينى دوراش مودىسى سەۋەبىدىنمۇ قانداق بۇ يەردىكى چىملىق ئەڭ چەت ئۇيغۇر يېزىلرىغىچە ئومۇملاشتۇرۇلغانىدى. « ئامېرىكا جاھانگىرلىكى» نىڭ چىىمى پۈتۈن يۇرتىمىزنى قاپلاپ بولغان ئېدى. دېمەك سىز باي بولسىڭىز، تەرەققي بولسىڭىز ھەممە نەرسىڭىز مۇدا بولىدىغان گەپكەن. قىزلار ئۈرۈمچىدە بەس بەستە كېيىپ كەتكەن گاچا ئىشتان، يېڭى يوق ئۇزۇن كۆينەك، يوتىنى ياپالماس يوپكا، خىپ خاپ ئىشتان... كىم بۇلارنى ئامېرىكا كوچىلرىدىن ئاۋال ئۈرۈمچىگە ئاندىن غۇلجا، قەشقەر، كۇچا، خوتەنگە تارالمىدى دېيەلىسۇن. لېكىن بىزنىڭ تەرەققىي ئەللەردىن قوبۇل قىلىۋاتقىنىمىز پەقەت كۈنسىرى ئالمىشىپ تۇرىدىغان مودا قىياپەت، ئالدامچى شەكىل. شۇ قىياپات ۋە شەكىل ئىچىدىكى ئىنساننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىجادچانلىقى، تەرتىپچانلىقى، سەمىميلىكى تېخى بىزگە قوبۇل بولۇشتىن يىراق. تۇنجى كەلگەن كۈنى مېنى ئايرىدورۇمدىن ئەكىلىپ قويغان موڭغۇل ئۇكىمىزغا پۇل تەڭلىسەم ئالمىدى، سەۋەبىنى سورىسام « بۇ مەكتەب ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خالىسانە مۇلازىمىتى، بىزگە ماي پۇلى دېگەندەك چىقىملارنى باشقىلار ئىئانە قىلغان، شۇڭا پۇل ئالسام بولمايدۇ » دېدى. ئۇ كۈنى كېچە سائەت 11دىن ئاشقان بولۇپ ئۇ ئۇكىمىز ماڭا تۇرىدىغان يېرىمنى تېپىپ بېرەلمەي كۆپ مالال بولغان ئېدى. مەن بۇلارنى باشقىلارغا دەپ يۈرمەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ پۇلنى ئېلىشقا ئۈندىسەم « بۇ دېگەن ئامېرىكا بۇ يەردە سەمىمىيلىك مەسىلىسى بار» دەپ مېنى خىجىل قىلدى. ئۇ كۈنى مەزكۇر ئۇكىمىز پۇلنى ئالسا تامامەن بولاتتى، مەن پۈتۈنلەي رازى بولۇپ بەرگەن، بۇ ئۇنىڭ ئىش ھەققى ئەمەس مۇكاپاتى ئېدى. ئەمما ئۇ ئېلىشنى رەت قىلدى، چۈنكى بۇ يەردە ئېقىۋاتقان پىرىنسىپ كىشى كۆرسۇن كۆرمىسۇن كۈچىنى كۆرسىتىۋېرىدىغان سەمىمىيلىك پىرىنىسىپى ئېدى. دىننى مەنبە قىلغان خالىسلىق ئومۇملاشقان جەمئىيەتتىكى ئەسلىي «خۇدا ھەممە ھەممىنى كۆرۈپ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېگەن ئەقىدىدىن كەلگەن پىرىنسىپ بۇ دۆلەتتە مەزكۇر دىنغا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭمۇ ھەرىكەت مىزانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئېدى.
    ئەگەر شۇ ئۇكىمىز ئىچكى موڭغولدا ياكى شىنجاڭدا بولسا شۇنداق دېيەلەيتتىمۇ؟ خالىسلىققا، سەمىمىيلىككە بۇ قەدەر ئەمەل قىلالايتتىمۇ؟ ياق، چۈنكى ئادەم موھىتنىڭ مەھسۇلى، جەمىيەتتە قايسى ئادەت مۇدا بولغان، قايسى پىكىر ئومۇملاشقان بولسا ئاجىز ئىنسان تەبىئى ھالدا شۇنىڭغا ماسلىشىدۇ، ھەم ماسلاشمايمۇ ئامالسىز. بۇ قانداقتۇر قايسى مىللەتتىكى نۇقسان، ئەيىپ ئەمەس جەمئىيەت مىخانىزىمىدىكى ناچار ماتورنىڭ مەسىلىسى، مۇشۇ مىخانىزىمنىڭ تۈرتكىسىدە ياشاۋاتقان ئىنسىان ياكى ئىنسانلار توپى بولغان مىللەت پەقەت يۇقاقى قۇرۇلمىنىڭ تەلىپى بىلەنلا ھەرىكەت قىلىدۇ خالاس. شۇڭا كىشىلىرىمىزنى « بىلىم قۇت بەلگىسىدۇر» دەپ تەربىيەلەيدىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئارىمىزدا مىڭى چىقسىمۇ، «ئىسراپچىلىقنى تۈگىتەيلى»  دەپ ماقالە يازىدىغان ئەختەم ئۆمەردىن يۈزمىڭى چىقسىمۇ ئۇيغۇر بىلىمسىزلىكلىنى ۋە ئىسراپخورلىقىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. چۈنكى بىلىمنىڭ، بىلىملىكنىڭ قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئجتىمائى تۈزۈم، ئىسراپچىلىقنى تۇسايدىغان  ئېنىق تەدبىر ۋە بۇلارنىڭ كەينىدىكى قانۇنىي كاپالەت ۋە مەنىۋىي تۈۋرۈك يوقنىڭ ئورنىدا.
    مەن كارىدۇرلاردا، لېفىتتە ئۇچرۇشۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە سالام قىلىپ ئۆتىۋاتقنىنى، ئاياللار-قىزلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئېچىپ بېرىپ ساقلاپ تۇرىۋاتقىنىنى، مەمۇرلارنىڭ ئىنگىلىزچىنى ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغان چەتئەللىكلەرگە بىر جۈملىنى قايتا قايتا دېگۈزۈپ ئۇلارنىڭ مەقسىدىنى چۈشەنگىچە سەۋرىچانلىق قىلىۋاتقىنىنى، ماشنىسى دوقۇرۇشقانلارنىڭ ئالدى بىلەن قارشى تەرەپكە يول بېرىۋاتقىنىنى، قىزىل چىراقسىز بىرلا «توختاڭ» دېگەن بەلگە بىلەن كىشىلەرنىڭ شۇنچە بىخەتەر قاتناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۈركىيەدە ئاڭلىغان « غەرپلىكلەر مۇسۇلمان بولمىغان بىلەن مۇسۇلمانلىق سۈپەتتە ياشايدىكەن» دېگەن سۆزنىڭ راستلىقىغا چىنپۈتتۈم. مەكتەپ باغچىلىرىدا توپلىشىپ تاماكا چېكىپ پاراڭ سېلىشىپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار بىر بولسا ئەرەبلەر يەنە بىر بولسا خەنسۇلارئىكەن. قارىغاندا ئامېرىكىلىقلار « مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا سالام قەرزى بار، تاماكا چېكىش مەكروھ » دېگەن ئىسلامىي پىرىنسىپنى ئۆز ھەرىكەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرغان بولسا كېرەك.

    9. ئامېرىكدىكى تۇنجى چۆچۈرە
    ئاخشامى تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتىم تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىمدا ئۇيغۇرچە ئاۋازلار ئاڭلىنىپ كەتتى، خاتا ئاڭلاپ قالغان چېغىم دەپ ئولتۇرسام ئىشىك بوش چېكىلدى. چىقىپ قارىسام، ئىككى ئۇيغۇر ئايال ۋە بىر ئون ئىككى ياشلار چامىسىدىكى قىز ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپتۇ. دەقىقە ئىچىدە مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم ۋە دەرھال ئېسىمگە كېلىپ ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم. ئۇلار مېنى سىرىتتا پاراڭلىشىقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلارنىڭ  بىرى مۇشۇ مەكتەبتە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىكەن يەنە بىرى لاۋرېنستىن ئۈچ سائەت يىراقتىكى بىر شەھەردە ياشايدىكەن،  قىزچاق ھېلىقى ئۈچ سائەتلىك شەھەردىن كەلگەن خانىمنىڭ قىزىكەن، ئانىسى ئۇ قىزنى ماڭا ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە دەۋەت قىلىۋېدى، شۇنداق خوش بولدۇم. قىزچاقمۇ ئۇيغۇرچە « تىنچ تۇردىڭىزمۇ» دېگەن سۆزنى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلدى. قىزىنىڭ ئۇيغۇرچىغا ئانچە راۋان ئەمەسلىكىنى ، تۇرىۋاتقان شەھرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا بىرمۇ ئۇيغۇر بولمىغاچ قىزىنىڭ ئانا تىلدا پۇختا ئەمەسلىكىنى خىجىلچىلىق ئىچىدە بايان قىلىۋېدى، شەھىدە ئىسىملىك بۇ ئۆلچەملىك ئۇيغۇر چوكاندىن سۆيۈنۈپ كەتتىم. شەھىدە مېنى كۆرۈپ مەندىنمۇ بەكرەك ھاياجانلانغان بولسا كېرەك، ماشنىسىنى ھەيدەشتە ئۆزى ئەڭ تونۇش يولدىمۇ راۋان ماڭالماي تولا ئازدى، سۆزلەپ ھارمايتتى، قەشقەرنى، غۇلجىنى ،خوتەننى، كۇچانى، سورايتتى، ئۈرۈمچىدە يەپ بولالماي ئاشۇرۇپ قويغان ئاخرلىقى لەغمەن، ئاچچىقىدا ئۇرۇشۇپ سالغان  ئۇيغۇرخىزمەتدېشى، قوپاللىقى ئۈچۈن دەككسىنى يىگەن  ئۇيغۇر ساقچى، قاتارلىقلار ھەققدىدە سېغىنىش ئىلكىدە قىزىشىپ سۆزلەيتتى. كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەرنى بىر-بىرلەپ سانايتتى، ئۇلاردىن ماڭىدىغان چاغدا ئانا تىلىدا كەچۈرۈم سورىۋالمىغىنىغا نادامەت چېكەتتى.بىز ئاۋال ئولاش -چولاش كىنو كۆرگەن بولدۇق، لېكىن كىنو بىزنى كۆردىمۇ ياكى بىز كىنونى كۆردۇقمۇ بىلەلمەيلا زالدىن قايتىپ چىقتۇق. نېمە يەيدىغانلىقىمنى، نېمەدېسەم ئېتىپ بېرىشكە ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. مېنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ھەممىنى يىگۈم بارتى، تاللاشقا مەجبۇر بولغىنىم ئۈچۈن چۆچۈرىنى تاللىدىم. ئۇلار بۇ شەھەردىكى بىردىنبىر ھالال قوي گۆشى ساتىدىغان قاسساپتىن ئالغان گۆش بىلەن چۆچۈرە قىلىشقا تۇتۇندى.( بۇ يەردە قوي، كالا، توخۇ قاتارلىق گۆشلەرنى تاپماق تولىمو قولاي بولسىمۇ، لېكىن ھالاللىرىنى تاپماق ئاسان ئەمەسكەن، چۈنكى بۇ شەھەردە ئامېرىكىنىڭ يېڭى كۆچمەنلەر بىر قەدەر كۆپ ئورۇنلاشقان چىكاگۇ، لوس ئانجىلىس، نىيويورك قاتارلىق شەھەرلىرىدىكىدەك مۇسۇلمانلار كۆپ ئەمەسكەن. گەپ ھالال تاماق مەسىلىسىگە كەلگەندە شۇنى قوشۇمچە قىلاي: ئايرۇپىلاندا كالا، توخۇ گۆشىدىن قىلىنغان تاماقلارنى باشقىلارغا سۇنغان ئامېرىكىلىق ھاۋاقىز ماڭا قاراپ « سىزنىڭ ھالال تامىقىڭىز ھازىلا كېلىدۇ » دەپ ئەسكەرتكەندە شۇنداق سۆيۈندۈم، دېمەك ئۇ ھالال تاماقنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىكەن. كېيىن بىلىشىمچە ئامېرىكىدا ھالال يىمەكلىكلەر قانۇنى بار ئىكەن، بەلكىم شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، ئۇلار ھېلىقى گۆشتىن باشقىنى ھالال دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالمايدىكەن. بىزنىڭ ئايرۇپىلانلارنىڭ ھەممىسىدە تاماقلار ئۈستىگە ھالال دەپ يېزىپ قويىلىدۇ، نەدىن يولغا چىقسىڭىز «مۇسۇلمانچە» دەپ يېزىلغان تاماق ئالدىڭىزدا ھازىر، لېكىن ھاۋاقىزلاردىن سورىسىڭىز « ئەلۋەتتە ھالال، ئىشلەتكىنىمىز توخۇ ۋە كالا گۆشى » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. 20 مىليۇندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ياشايدىغان دۆلەتتە ھالال يىمەكلىكلەر قانۇنى كۈنتەرتىپكە قويولمىغان. ئىچكىرىنىڭ ھەممە يېرىدە مۇسۇلمان ئاشخانىسى بار، سورىسىڭىز ئوخشاش «بىز چوڭ گۆش ئىشلەتمەيمىز» دەپ جاۋاپ بېرىشىدۇ. ھەتتا بېيجىڭدىكى خېلى كۆپ زىيالىمۇ ھالال تاماق ھەققىدە بايىقى قاراشتا).  گەپ يەنە ئۇيغۇرلارغا كۆچتى، ئۇيغۇرۇم يەنە تۈگىمەس ئەيپلەردە تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى، بىر ئاز سەبرە قىلدىم، چۈنكى مەن مۇنۇ قېرىداشلىرىم بىلەن تېخى بايىلا تونۇشقانىدىم. كۆڭلۈمدە « تونۇمىغان، ئۆمرىڭىزدە ئۇچراتمىغان بىر ئۇيغۇرنى قورقماي ئۆيىڭىزگە باشلايسىز، ئۈچ سائەت يول يۈرۈپ ئىزدەپ كېلىپ تاماق ئېتىپ بېرىسىز، بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئېسىللىكى ئەمەسمىكەن؟ ياكى سىلەر ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟». ئاخىرى ئويلىغانلىرىمنى ئېيتتىم. ئۇلار تۇرۇپلا قېلىشتى، لېكىن يەنە « سىز ئۇنداق دېگەن بىلەن قاراڭ، ئۇيغۇر دېگەن تولىمۇ گۇمانخور كېلىمىز، بىر بىرىمىزدىن كەچكىچە ئەنسىرەپ، خۇدۈكسىرەپلا ياشايمىز، ئەگەر بۇنىڭغا ياق، دېسىڭىز، سىز نېمىشكە بىرمۇ ئۇيغۇرنى ئىزدىمىدىڭىز؟ نېمىشكە بىز ئىزدەپ كىرمىگىچە كەسپدېشىڭىز ماھىنۇرنى ئىزدىمىدىڭىز؟» باشقا گەپ قىلمىدىم، لېكىن مېنىڭ ئۇ دوكتۇر كەسپدېشىمنى ئىزدىمىگەنلىكىم گۇمانخورلۇقۇمدىن ئەمەس، تونىمىغان بىر ئادەمگە قانداق گەپ ئېچىشنى بىلمىگەنلىكىمدىن ئېدى. « سىز خەنزۇۋان (مىنكاۋخەن)مۇ-يە، ھەپتىگىچىمۇ بىر ئۇيغۇرنى ئىزدىمىگىنىڭىزگە قاراپ بىز سىزنى چوقۇم شۇنداق دەپ ئويلىغان». توغرا،  مېنىڭ بىر ئۇيغۇرنى ئىزدىمەي باشقىلارنى ئاۋارە قىلىشنىمۇ خالىماي، ئۆزەممۇ باشقىلارغا ئاۋارە بولۇشنى ئىستىمەي بۇنداق مۆڭ يۈرۈشۈمنى ئۇلار شۇنداق چۈشەندۈرسە ۋە چۈشەنسە ھەق، بەلكىم مەن ئىچكىرىدە ئۇزاق ئوقۇپ ۋە ئىشلەپ كەتكەچكە خەنزۇۋانلارغا ئوخشاپ قالغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن. گۇمانخورلۇق، خۈدۈكسىرەش، ئەنسىرەش قاتارلىقلار مەنچە مەندە شىنجاڭدا ئۇزاق ياشىغان دوستلىرىمدىكىدەك ئېغىر ئەمەس. مەن ئۇلارغا تۈركىيەگە بارغىنىمدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەندىن گۇمان قىلغنىنى سۆزلەپ بەردىم. توۋا كۈلكىلىك يېرى مەندىن گۇمان قىلغانلار جىياڭسۇ، جې جىياڭلىقلارغا تەرجىمانلىق قىلىپ كۈن ئالىدىغان بالىلار ئېدى. توۋا دەيمەن، شۇلاردىن سوراپ باقسام دەيمەن، "مېنى ئىشپىيۇن دەيسەن، سەن كەينىڭگە مەن چۈشكىدەك نېمە ئىش قىلغانتىڭ، قايسى ئىشپىيۇن سەنلەردەك بېدىك، ۋاستىچىلارنىڭ كەينىدىن يۈرەر؟" بېشىمدىن ئۆتكەن يۇقارقىدەك ۋەقەلەر ئارقىلىق،مەن  ئارتۇقچە گۇمانخورلۇق، سەۋەبسىز خۇدۇكسىرەش، زىيادە دېلىغولدۇۇق قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ ھەقىقەتەن بىز چاپلاشقانلىقى توغرىسىدكى قاراشىقا قوشۇلدۇم. ئۇلار مۇشۇ ئىللەتلەتنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناقلىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللىقىنى تەكىتلەشتى، مەن بۇنىڭ ئىتىپاقلىققىلا ئەمەس، تەرەققىياتىمىزغا ۋە مەۋجۇدلۇقىمىزغا خەۋپ كەلتۈرىۋاتقان تەھدىدلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدىم. راستىمنى دېسەم مەنمۇ تا ھازىرغىچە ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقانلىقىمغا گۇماندا ئېدىم، ئايرۇپىلانغا چىقىۋېتىپمۇ خۇددى ھېلى بىر كۆرۈنمەس قول مېنى تارتىپ چۈشۈرېۋېتىدىغاندەك، تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈۋېتىپ ھېلى بىر ساقچى مېنى ئايرىم سوراق قىلىدىغاندەك، سومكامدىن ھېلى بىر نەرسە چىقىپ مېنى بالاغا قويىدىغاندەك ۋەسۋەسىلەر بىلەن بەك قىينالغان ئېدىم. بەلكىم بۇ خىل كەيپىيات باشلىقلىرىم  توختماي بىر يېرىم يىل ئاچقان يېغىننىڭ، ۋە ھەر يىغىندا تەكىتلىنىدىغان قورقۇنۇشلۇق ئەسكەرتىش، ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پىسخكامدىكى يارىسىدۇر. ئەگەر مەنمۇ دوستلىرىمدەك مۇنداق يىغىننى ئون نەچچە يىل ئاڭلىغان بولسامچۇ؟ ئىچكىرىدە ئىشلىگەنلىكىمگە تەسبىھلەر ئېيتتىم.
      ۋەتەندىن ئېلىپ كەلگەن نان بىلەن ئۇلارنى مىھمان قىلدىم، ناننى ئېلىپ كۆزلىرىگە سۈرۈپ كېتىشتى. شەھىدە ناننى كۆرۈپ ئۇخلاپ قالغان قىزىنى ئويغاتتى. لېكىن ئامېرىكىدا چوڭ بولغان قىز ناننى كۆرۈپ ئانىسىدەك ھاياجانلانمىدى. ئەتىسى ئۇلار سەپەرگە چىقىدىكەن، مېنىڭمۇ رەسمىيەت ئۆتەيدىغان ئىشلىرىم بار ئېدى، شۇڭا ئامالسىز خوشلاشتۇق، ئەمما ئورنۇمدىن تۇرۇپ خوشلىشىش ئۈچۈنمۇ يېرىم سائەت كەتتى، ياتاققا كىرىپ سائەتكە قارىسام سىتىرلكا ئەتىگەن سائەت تۆتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ياتاقدېشىم ئادىتى بويىچە تېخىچە ئۇخلىماپتۇ، ئۇلارغا بۈگۈنكى خۇشاللىقىمنى سۆزلەپ بەردىم، ئۇ ئاغزىنى ئاچقانچە ھەيرانلىقتا گېپىمنى ئاڭلىدى، « بۇنداق ئىشلار، مەنچە ئەگەر دېگەنلىرىڭ  راست بولسا پەقەت ئۇيغۇرلاردىلا قالدىمىكىن، ماڭا جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، مېنىڭ ئۇلارغا گەپ قىلغۇممۇ كېلىپ كەلمەيدۇ، ئۇلارمۇ ماڭا پەرۋا قىلىشمايدۇ. ئەگەر سەن بۇ گەپلەرنى ماڭا دېمىگەن بولساڭ مەن دۇنيادىكى ھەممە مىللەت مۇشۇنداق بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالار كەنمەن » دېدى قويۇق جەنۇبى جۇڭگۇ تەلەپپۇزىدا.يانچۇغۇمنى سىلاپ قويدۇم، ماھىنۇر ئىشلىتىشكە بەرگەن ئۆيىنىڭ ئاچقۇچى، خۇداغا شۈكۈر، ئەتىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىشلەتكەن قازانغا پىلتە قىلىپ قويۇلغان لەغمەننى سېلىپ، تۈگۈپ قويۇلغان چۆچۈرىلەرنى پۇشۇرۇپ، بىر قانچە كۈن ئۇيغۇرچە جەننەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىدىغان بولدۇم.

    11. ئامېرىكىدا ئەمەلگە ئاشقان ئاپتۇنومىيەم
     
    زىيالىينىڭ جەمئىيەتتىكى روللىرىنىڭ بىرى دۇنيادكى يېڭى ھادىسە ۋا شەيئىلەرنى نۇتۇق ۋە يازما ئارقىلىق ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ مەزكۇر جەمئىيەت ئەھلىنىڭ تەپەككۇرىغا ئاراچ يارىتىشتۇر.  بىز بۇ يەردە تىلنىڭ تەپەككۇر جەريانىدىكى پىكىر قىلغۇچى بىلەن پىكىر ئوبىكتى ئوتتۇرىسىدكى ۋاستىچىلىق رولىنى كۆزدە تۇتىۋاتىمىز. ئۇيغۇرچە مەيداندا تۇرۇپ دۇنيا ۋەزىيىتى، ئىقتىسادىي يۈزلىنىش ۋە ئىددىيىۋىيي ئېقىملارنى چۈشەندۈرۈپ، خۇلاسىلەپ، تۇرىدىغان زىيالىلىرىمىز بولمىغاندا خەقلەرنىڭ ئاشقازىنى شاما قىلىۋەتكەن ئەبجەش قاراشلارنى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق جاھاننىڭ ئىشلىرىنى چۈشىنىدىغان بېقىندى ھالغا چۈشۈپ قالىمىز. دۇنيانى بىۋاستە ئۇيغۇرچە چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن دائىم يېڭى سۆز ئاتالغۇلارنى پەيدا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەتتا بەزىدە ھەممە ئادەم بىلىدىغان، لېكىن مەنىسى ھەققىدە ئانچە ئويلۇشۇپ باقمايدىغان سۆزلەرنى ئاكتىپلىتىش ئارقىلىق مەزكۇر چۈشەنچەگە بازار ھازىرلاش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك. « ئۆيۈم مېنىڭ بىردىن بىر ئاپتونۇمىيەمدۇر » دېگەنىكەن ئابدۇقدىر جالالىددىن، ماڭا بۇ گەپ بەك تەسىر قىلدى. ئەگەر بىز ئاۋال بۇ ئاپتونۇمىيە دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ ئىشلىتىپ تۇرساق، چۈشەنمەيدىغانلارغا بىر ئەسكەرتمە بولۇشى مۇمكىن، ئاندىن ئۇنىڭ ھەقىقى مەنىسىگە ئىنتىلىدىغانلار چىقىدۇ. مەن 2- ئىيۇندىن بۈگۈنكى 12-ئىيۇنغىچە بىر فوردداش(فورد مۇكاپاتىغا بىللە ئېرىشكۈچى) نىڭ ئۆيىدە « يېرىم مۇستەملىكە» لىك ھاياتىمنى تەستەرەك كەچۈرىۋاتاتتىم، خەلقئارا مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچىلار ھەمكارچىسى جەرى خانىم  بۇ مەسىلەمنىمۇ  خۇددى باشقا ئىشلىرىمنى چۈشلۈك ۋە كەچلىك  دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنى قۇربان قىلىپ بېجىرىپ بەرگەندەك ماشىنىسى بىلەن يۈرۈپ بىر پەستى ھەل قىۋەتتى.( بۇ يەردە ھەممە ئادەمنىڭ دېگۈدەك ماشنىسى بولغاندىن كېيىن ماشىنا بولمىسا ئاپتوبۇس جىق يەرلەردەيوق،تۇرمۇش شۇنداق بىقولاي). مەن بۇ قىزنى شۇ ياشتىكى باشقا قىزلارغا سېلىشتۇرۇپ سۆيۈنۈپ قالدىم. ئۇنىڭ كېيىنىشى تەلىيىمگە ئانچە بەك ئوچۇق ئەمەس ئېدى. كېيىن ئۇنىڭ باشقا گەپلىرىدىن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپ ئارىلاشقان بولغاچقا يۈرۈش تۇرۇشتا باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدىم. جەرى ماڭا لاۋرېنستىكى ئاشخانا ۋە مۇسۇلمانلارغا مۇناسىپ تاللا بازارلىرىنىڭ ئادرىسىنى ئېيتىپ بەردى ۋە ئۆزى ئاپىرىپ كۆرسىتىپ قويدى.


       ئۆيۈمنىڭ ئاچقۇچىنى ئالغاندا ئاپتۇنومىيەم ئەمەلگە ئاشقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ ھاياجانلاندىم. نەچچە كۈندىن خەقنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ تۈزۈكرەكمۇ تىنالماي، ئاۋازلىق كۈلەلمەي چاراسلاشقا ۋە قاشاڭلىششىقا كۆنۈشكەن نېرۋىلىرم ئاجايىپ راھەتلەنگەندەك بولدى.ئۆينىڭ ئاچقۇچىسىنى ئېلىپ گۈيياڭلىق ياتاقدېشىمدىن، پاكىز ياكى ئەمەسلىكىنى سورۇدۇم « ئوخشىمايدۇ، ئەگەر جوڭگۇلۇق تۇرغان بولسا چوقۇم مەينەت» دېدى كېسىپلا. «ھەرقانچە بولسىمۇ ئامېرىكا بولغاندىكىنى تۈزەتكەندۇر، بۇنداق ناچار خۇيلىرىنى » دەپ ئويلاپ ئانچە ئەنسىرەپمۇ كەتمىدىم. راست، دېگەندەك ئۆي يالىغاندەك پاكىز ئېدى. سەۋەبىنى سورىسام مەكتەپ ئۆينى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن بىرەر قۇر تازىلاپ، تۈزەپ چىقىدىكەن. ئۆيدە توڭلاتقۇ، مۇنچا، ئوچاق ۋە ئوچاققا مۇناسىۋەتلىك مەن ئىسمىنى ۋە ئىشلىتىشنى ئەسلا بىلمەيدىغان نەرسىلەردىن باشقا ھىچ نېمە يوق ئېدى. مەن ئايالىم ۋە بالام بارلىقىنى باھانە قىلىپ مۇشۇنداق ئوبدان ئۆيگە ئورۇنلىشىۋالغاندىم، بولمىسا مەكتەپنىڭ بويتاقلىرىغا بۇنداق ئىككى ئېغىزلىق ئوي تەگمەيدىكەن. ئالالىسا سىرىتتىن ئۆي ئىجارە ئالسا بەلكى ھەممە نەرسىسى تەل ئۆيلەرنى مەن ئالغان 400 دوللاردىن ئەرزان ئالغىلىمۇ بولارمىش. مەن ماشىنام بولمىغاچقا زەھەردەك قىممەت بولسىمۇ مەكتەپ ئىچىدىكى ئۆينى تاللىدىم. تېلىفون،تور،سۇ، توك، گاز، قاتارلىقلارنى ئايرىم شىركەتلەرگە تېلىفون قىلىپ بىجىرىدىكەنمىز، مەكتەپ پەقەت ئۆي ئىجارىسىنىلا ئالىدىكەن. بۇ ئىشلارنى پۈتۈنلەي جەرى خانىم قىلىشىپ بەردى.( ئاللاھ ئىشلىرىنى ئوڭ، بەختىنى نۇرلۇق قىلغاي!)، خۇداغا شۈكۈر بۇنىڭ ھەقلىرىنى مەن ھىساپ ئاچقان باڭكا ماڭا ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىدىكەن بولمىسا يەنە ماشىنىسىز، نەلەردە تەمتىرەپ يۈرەتتىم.
        ئۆيۈمنى تولدۇرۇشۇم كېرەك، پەقەت بولمىسا كارىۋات، شىرە، ئورۇندۇق ئېلىشىم كېرەك ئېدى. بۇنىمۇ ھەل قىلدىم، سىرىتتىن ئىككى تاق كىشىلىك، بىر ئۈچ كىشىلىك ساپا تېرىۋالدىم، خۇداغا شۈكۈر ياغاچلىرى ئالامەت مۇقىم، مەن ئەمەس مەندەك مۇساپىردىن يەنە ئوننى ئۇزاتقىدەك ئەلپازدىكى بۇ ساپالار مېنى چوڭ غەملەرنىڭ بىرىدىن خالاس قىلدى. پەردە، شىرە ۋە كارىۋاتنى بىر ياپۇنلۇق ئايالنىڭ چاپلىغان نىمكەش جابدۇقلار تىزىملىكىدىن كۆرۈپ تېلىفون قىلدىم، ساددىلىقمنى چاندۇرۇپ، مېنىڭ بۇ نەرسىلەرگە جىددىي مۇھتاجلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويۇپتىمەن، ئازراقمۇ چۈشۈرەلمىدىم. تېخى مېنى باھا تالىشىشقا ئۇستىكەنسەن تۈركمۇ سەن دەيدۇ، ماختىغان قيياپەتتە. ئېسىت قەشقەرلىك ئۇيغۇر بولغۇنۇم، مۇشۇ كور خېرىدارلىقىمنى كۆرسە ئاكام يەنە قاقشاپ كېتەر « ساڭا كىتاپلا بولسا، باشقا ئىشلىرىڭنى بىزلا قىلىپ بەرسەك،-ھە!» ئامال يوق، كىتابتىن باشقىنى بىلمەي چوڭ بولۇپتىمەن، نېمىگە قىزىقساق ئەركىمىزگە بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئاناممۇ مېنى باشقا ئىشلارغا زورلىماپتۇ.
       ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى، تاماق يەيدىغانغا شىرە، قىشتا توڭلسام ئىسىتقۇ، يازدا تەرلىسەم سوۋۇتقۇ، قاتارلىق باشقا نەرسىلەرنى ئالمىسام يەنە بولمىدى. جەرى خانىم يەنە بۇ ئىشتىمۇ يارىدىمىنى ئايىمىدى. ئامېرىكىدا «ئىسكىلات ئوقىتى» دەيدىغان بىر تىجارەت شەكلى بار ئىكەن. ئۆي كۆچىدىغان كىشىلەر ئۆزنىڭ لازىم قىلمايدىغان ئەشيالىرىنى  داچىسىدىكى ماشىنا ئىسكىلاتىنىڭ ئالدىغا تىزىپلا ئېلىشىغا ساتىدىكەن، مەن بۇ يەردىن بىر تاماق شىرەسى، ئىككى ياستۇق ۋە بىر قىسىم ئاشخانا سايمانلىرىنى ئالدىم، بەزى نەرسىلەرنى بىكارغا بېرىۋەتتى، ھىسابلاشساق، 13 دوللار بولۇپتۇ. خۇشاللىقىم خېلى بىر يەرلەرگە كەتتى. جەرى خانىم ئامېرىكىدا بۇ سودىنىڭ بەكمۇ قىزىيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ داچىسىدىكى ئەشيالارنىڭ ئاساسەن مۇشۇنداق «ئىسكىلات ئوقىتى» ئارقىلىق سېتىۋېلىنغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ مېنى يەنە بىر يەرگە ئېلىپ باردى، بۇمۇ ناھايىتى چوڭ ماگىزىن بولۇپ بۇ يەردىمۇ نىمكەش جابدۇقلار تولۇپ كەتكەن، ھەممە نەرسە تۈر تۈرى بىلەن چىرايلىق تىزىلغان ئېدى، توۋا دېدىم، نىمكەش مالنىمۇ تاللا بازىرىغا سېلىپ مۇشۇنداق چىرايلىق ساتسا بولىدىكەنغۇ؟ شۇئان كۆز ئالدىمغا ئۈرۈمچىدىكى بىردىن بىر ساپ ئۇيغۇرلا بار  نىمكەش مال بازىرى كەلدى. بۇ ئۈرۈمچىدىكى يىگانە ئەسكى بازىرى بولۇپ كىشىلەرنىڭ كۆزىدە كەمسىنىش، بىچارىلىق، كىملەرنىڭدۇ كۆرۈپ قېلىدىن قورقۇپ ئالاق جالاق ئەتراپقا قاراپ قاراپ قويۇۋاتقاندىكى ناتۇۋانلىق ئادەمنى يېغلىتاتتى. لېكىن كۆز ئالدىمدا ئالى ماشىنىسى بىلەن مېنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگەن ئايال ۋە بۇ يەردىكى داڭلىق ماركىلىق ماشنىلار بىلەن كېلىپ مال تاللاۋاتقان ئامېرىكىقلارلارنىڭ چىرايىدا خاتىرىجەملىكتىن باشقا ھىچ نەرسە ئەكسلەنمەيتتى. ئادەم نىمىشكە ئۆزىنىڭ ناتۇۋانلىقىدىن نومۇس قىلىدۇ؟ نىمشىكە يالغاندىن بىچارىلىقىنى يېپىشقا ئۇرۇنىدۇ؟ ھەممىمىز ئۆي كۆچىمىز خوشنىمىز بىزنىڭ نەرسىمىزنى كۆزىمىزچە ئېلىشنى خالىمايدۇيۇ،ئىچىدە كېرەك قىلغۇسى بارلىقىنى تەستە يوشۇرىدۇ. ئامېرىكىلىقلار نامراتلىقتىن ئۇيالمايدىكەن بەلكى نامراتلىققا رازى بولۇپ ياشاشتىن نومۇس قىلىدىكەن. كىشىلەردىن ئۆزى ئىتىياجلىق نەرسىنى سوراشتىن ئۇيالمايدىكەن بەلكى چىن نىيىتىنى يوشۇرۇپ، خۇپسەنلىك قىلىشنى ئېغىر ئالىدىكەن.!
         بىز يەنە بىر نىمكەش مال بازىرىغا باردۇق، بۇ يەرنىڭ ئىسمى « ئىزگۈ نىيەت» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ يەردىكى ئەشيالارنى ئۆي كۆچكەنلەر بۇ يەرگە ئىئانە قىلىدىكەن، بۇلار ۋاكالىتەن سېتىپ كىرىمنى مۇھتاجلارغا يارىدەمگە ئىشلىتىدىكەن. جەرى خانىم مېنى بۇ يەردىن كۆپرەك سېتىۋېلىشقا دەۋەت قىلدى، ئەمما بۇ يەردىكى ماللار بىز باشتا كۆرگەن نىمكەش ماللار بازىرىدىن خېلىلا قىممەت ئېدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنام بولمىغاندىن كېيىن بۇلارنى ئالغان تەقدىردىمۇ ئېلىپ كېتەلمەيتتىم. كۆڭلۈمدە مۇشۇ يەردىن جىقراق بىر نەرسە سېتىۋېلىپ كەمبەغەللەرگە ئازراق بولسىمۇ يارىدەمدە بولالمىغىنىمغا ئۆكۈندۈم. مەنچە مېنىڭ نۇرغۇن بۇرادەرلىرىم تۇرمۇشنىڭ، خىزمەتنىڭ مەنىسىزلىكىدىن قاقشايدۇ، مەنمۇ شۇنداق ئېدىم، لېكىن مەن ئۈرۈمچىدىكى بىر يېرىم يىللىق ھاياتىمنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزەم بىلىدىغان يوللار بىلەن يېتەكلەپ نۇرغۇن مەنىگە ئېگە قىلغان ئېدىم. مەن خىزمەتتىن مەجبۇرىي ئىستىپا بەرگۇزۇلگەندىن كېيىن مەكتەپكە ئوقۇغۇچىلىرىمنى كۆرگىلى باردىم، ئوقۇغۇچىلىرىمغا بېيجىڭدا ئۆگەنگەنلىرىمدىن لېكسىيە سۆزلىدىم. مېنىڭدىن چالا پۇلا بىلىم، پىشمىغان مۇۋەپپەقىيەت كۆرسەتمىلىرىدىن باشا ھىچ نېمىگە ئېرىشەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ماڭا ھۆرمەتتە تىكىلگەن كۆزلىرىگە قاراپ ھاياتىمدىكى مەنانى ھىس قىدىم. ئىنسان سۆيۈش ، سۆيۈلۈش، ئىززەتلەش ۋە ئىززەتلىنىشتىنمۇ  مەناغا چۈمىدۇ، بۇنى ھەممىمىز دۈم چۈشكەن پۇل بىلەن تاپالمايمىز، ئەلۋەتتە. مېنىڭ ئۈمىتسىزلەنگەن دوستلۇرۇممۇ نامراتلىقتىن ئەمەس بەلكى ھاياتتىكى قۇرۇقلۇقتىن، موھىتتىكى بۇرۇقتۇملۇقتىن ۋە ياشاشتىكى نىشانسىزلىقتىن شۇ ھالغا چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ماڭا دوستلۇرۇم ئامېرىكىدا مەۋجۇد يۇقارقى ئىشنى يۇرتۇمدىكى چېغىمدا يەتكۈزگەن بولسا بۇنىمۇ سىناپ باقاركەنمەن. ئويلاپ باقساق ئىئانىگە خېرىدارلىق قىلىدىغان ئادەم تاپماق ئاسان ئەمەس، ئەگەر بىز مۇشۇ يولنى ياكى مۇشۇ خىلدىكى يولنى سىناپ باقساق، ئىئانىگە بېخىل ياكى ئاجىزلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ساتسا پۇلغا ئالمايدىغان نەرسىلىرىنى يىغىپ ياكى پۇل قىلىپ خەير ساخاۋەتكە مۇھتاجلارغا مۇشۇنداق داۋراڭسىز تارقىتىپ بەرسەك نېمىشقا بولمايدىكەن. مەنچە ھەرىكەت، پائالىيەت ئادەمنىڭ ھاياتىنى مەنەگە چۈمدۈرىدۇ، قۇرۇق غەيۋەت، ئاچچىق نەپرەت، يىرىڭلىق ئۈمىتسىزلىككە تولغان سورۇنلاردىكى تۇگىمەس ئولتۇرۇش ئادەمنىڭ ئەقلى ۋە ۋىجدانىنى ئۇخلۇتۇپ قويىدۇ.
       ئۆي كۆچۈشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا فوردداش دوستلۇرۇم يارىدەم قىلدى. ياپۇنلۇق خانىمنىڭ ئۆيىدىن كارىۋات قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى توشۇيدىغان چاغدا بىر مەسىلە چىقتى، گۈيياڭلىق فوردداش دەسلەپتىلا « ياپۇن ئالۋاستىسنىڭ نەسىسىنى ئالدىڭمۇ؟ » دېگەندە كۆڭلۈم بىراز يېرىم بولغان ئېدى. چۈنكى ھىچ بىر گۇناھسىز بىرىنىڭ مۇنداق مىللىتىنىڭ بۇرۇنقى قىلمىشى سەۋەپلىك سەتلىنىشى ماڭا ياقمايتتى. نەرسە كېرەكلەرنى ئەمدىلا توشۇيلى دەپ تۇرساق، ھېلىقى گۈيياڭلىق « ياپۇن ئالۋاستىسى سېنى ئالداپتۇ، بۇ نەرسىسى ئۇنچە پۇلغا يارىمايدۇ، بۇلارنى ئالساڭ توشۇپ ئاۋارە بولغانغا چۇشلۇق ئىش يوق » دەپ توشۇشۇپ بېرىشتىن يالتىيىۋالدى. باشقىلارمۇ سۈكۈتتە ئۇنىڭغا قوشۇلغاندەك بولۇپ تۇراتتى. ئامالسىز ياپۇنلۇق ئايالدىن ئۆزۈر سوراپ پۇل تۆلەپ بولغان كارىۋاتنى قايتتۇرۇپ بەردىم، لېكىن نېمىلا دېسۇن يېزىق شىرەسىنى قايتتۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلمۇدۇم. ئۇلارغا كېرەك بولمىغان يۈز ماڭا كېرەك، مەن گەرچە ھەقىقەتەن قىممەت ئالغان بولساممۇ بۇنداق لەۋزىدىن قالايمىقان يېنىۋلسا بولىدىغان مەدەنىيەتتە ئۆسمىگەن. ئامېرىكىدا ماگىزىندىن ياكى شەخستىن ئالغان نەرسە كۆڭۈلگە ياقمىسا بىر ئاي ئىچىدە قايتتۇرۇپ بەرسە پۇلنى ئېلىۋالغىلى بولىدىكەن، ساتقۇچىمۇ ئالغۇچىمۇ بىر نەرسە دېمەيدىكەن. مەنچە بۇ يەردە سەمىمىيلىك ۋە بىر بىرىگە ئىشەنچ رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ جوڭگۇدا بولۇپ قالسا كىشىلەر بۇزۇلغان چۇۋۇلغان نەرسىلىرى بىلەن ماگىزىنلارنى تولدۇرىۋېتىدۇ.

      ئۆينىمۇ كۆچۈۋالدىم، ئۆي قىشتا گاز بىلەن ئىسىتىلىدىكەن، قانچىلىك ئىسىتقۇم كەلسە ئۆزەم تەڭشىسەم بولىدىكەن، ئەمما تەرلەپ كەتسەم سوۋۇتقۇ يوق. ھاۋادان (ھاۋا تەڭشىگۈچ) ئالساممۇ بولاتتى، لېكىن خەنسۇ فوردداشنىڭ ياپۇنلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى ۋەتەندىن ئايرىلغاندا تېخىمۇ كۈچىيىپ ھېلىقى ياپۇنلۇق ئايالنىڭ تەييار ھاۋادانىنى ئالدۇرماي قويدى. مەن مىللەتچىلىكنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلغاندا بەكرەك گەۋدىلىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. دېمىسىمۇ ئىنسان يات موھىتقا دۇچ كەلگەندە قوغۇدىنىش ئھتىياجىنى ھەممىدىن بىرىنجى ئورۇنغا ئۆتىدۇ-دە ئۆزى بىلەن بىر تۈركۈمدىكىلەرگە سىغىنىدۇ، يات تۈركۈمدىكىلەرنى چەتكە قاقىدۇ. گۈيياڭلىق ياتاقدىشىمنىڭ ياپۇنلارغا بولغان نەپرىتىنى مەن تارىخ دەرسلىكلىرىدىكى بايانلاردىن، 90 -يىللاردا ئەۋج ئالغان خۇئاشىيا ئىدولوگىيىسىدىن ۋە ئۇنىڭ يات بىر ئەلدە ياشاۋاتقاندىكى كۆچەيگەن مىللەتچىلىكىدىن كۆردۈم. مەن ئوقۇغان چاغلاردىمۇ كىتابلىرىمىزدا دائىم «ياپۇن ئالۋاستىلىرى»، «ياپۇن قاراقچىلىرى» دېگەن ئىبارىلەر كۆپ قوللۇنۇلاتتى. ھازىر قاراپ باقسام  مائارىپتا لوگىكىغا ۋە ئەخلاققا يات ھاقارەت ئىبارىلرىنىڭ دەرسخانىدا ۋە دەرسلىكلەردە قوللۇنىلىشى غەرپتە توغرا كۆرۈلمەيدىكەن.

           قارىسام ئۆيدە ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكىنىسى ۋە بىر دۈم كۆمتۈرۈلگەن چىنىدەك يۇمۇلاق نەسە ئورنۇتۇغلۇق تۇرۇپتۇ، سوراشتۇرسام،  ئەگەر ئوت كەتسە ياكى تاماكا چەكسەم ھېلىقى چىنىدەك نەسە سايراپ ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرگە خەۋەر قىلارمىش. بۇ ئارقىلىق ماڭا ئۆيدە تاماكا چېكىلمەيدۇ دېگەن مەقسەد ئۇقتۇرۇلدى، مەن ئۇنداق تەنگە زىيانلىق خۇيلاردىن يىراق بولغاچ پەرۋاقىلمىدىم.كېيىن دىققەت قىلسام تاماكا چېكىۋاتقانلار ھەرقانداق بىنا ياكى ئۆنىڭ ئالىغا كەلگەندە تاماكىسىنى تاشلاپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايدىكەن. ئاچقۇچنى پات-پات سىلاپ قويىمەن، بۇ بىرسى خۇشاللىقتىن، يەنە بىرى بۇ بىردىن بىر ئاچقۇچۇمنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشىمدىن. ئاچقۇچتىن پەقەت بىرنىلا بەرگىنىدە ھەيران قېلىپ سورۇدۇم، « ئائىلەڭ كەلگەندە ئايالىڭغا يەنە بىرنى بېرىمىز» دېيىشتى. تۇۋا، بۇ يەردە ئاچقۇچ يوقاتساڭ ساڭا ئاچقۇچ بەرگەن ئورۇن ئۆزى ئامال قىلىپ بېرىدىكەن ئۆزەڭ بېرىپ ياساتساڭ بولمايدىكەن، ناۋادا بىرسى ياساپ بەسە قانۇن بويىچە جازالىنىدىكەن.
         ئۆيۈممۇ بولدى لېكىن يەنە بىر موھىم نەرسەم يوق، ماشىنام. مېنى ئۆيىگە چاقىرىۋالغان ئۇيغۇر ھەمشىرىلىرىم ئايالىم كەلگىچە ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىشىمنى تاپىلىغان ئېدى. قانداقلا ئويلىسام ماشىنا ھەيدەشكە رايىم يوق. بۇ يەدە تاكسى يوللاردا مېڭىپ يۈرمەيدىكەن. تاكسى لازىم بولسا تاكسى شىركىتىگە تېلىفون قىلىپ كېلىشىپ قويۇشۇم كېرەككەن. تاكسى باھاسى بەك قىممەت ئىكەن. چاغلىقلا يەرگە قاتنايدىغان ئاپتۇبۇس قىرىق مىنۇتتا بىر كېلىدىكەن، تېخى چۈشتىن كېيىن بەشتىن قالسا ئۇمۇ يوق. ھېلىقى ئۇيغۇر ھەمشىرەلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە ئامېرىكىدا بايلارلا تاكسىدا ئولتۇرالايدىكەن.
    ماشىنا بۇ يەردە ئەڭ ئەقەللى قاتناش ۋاستىسى دەپ تونۇلغاچقا بۇ يەردىكى ئامېرىكىلىقلار ماشىنىسىز بىر ئادەمنىڭ قانداق ياشايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىكەن. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە ئاممىۋى قاتناش  بىزدىكىدەك ئومۇملاشمىغان. بەلكى بۇ ئامېرىكىقلارنىڭ پايانسىز قۇرۇقلۇقتا ئىندىئانلارنى ئات بىلەن سۈرۈپ تۇقاي قىلىپ زىمىن ئېچىپ، ئاندىن شۇ ئاتنىڭ ئورنىنى خۇسۇسى تۇرمۇشقا ئاتتەكلا ماسلاشقان ماشنىغا ئالماشتۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىلىقلار خۇسۇسى تۇرمۇشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن، ھەممە ئىشتا شەخسنىڭ خاھىشى، ئەركى ۋە قولايلىقىنى بىرىجى ئورۇنغا قويىدىكەن. ھەممە ئادەمنىڭ خۇسۇسى بوشلۇقى، خۇسىۇسى ئىشى ۋە سىرى بولۇشىنى ئۇلار تەبىئى ھوقۇق سانايدىكەن . مەن تۇرىۋاتقان لاۋرېنس دېگەن بۇ شەھەردە بىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكىدەك  كۆجۈم مەھەللىلەر بولسىمۇ لېكىن بىر ئۆي بىلەن يەنە بىر ئۆينىڭ ئارىسىدا چوقۇم بىر پارچە چىملىق ياكى ئورمانلىق بولىدىكەن. ئامېرىكلىقلارنىڭ يول يۈرگەندە ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنى ئەمەس بەلكى بىر كېچە قونۇپ راھەت ئالغان ئۆينىڭ چاقلىق ھالىتى بولغان خۇسۇسىي ماشىنىنى تاللىشى بەلكىم يۇقارقىدەك شەخسىيلىككە ھەددىدىن زىيادە يېپىشىدىغان مىجەزىدىن كەلگەن بولۇشى ئىھتىمال. مەن ئۇچراتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگۇدىكى قىستاڭ ئاپتۇبوسلاردىن بەك ۋايسايدۇ، چۈنكى ئۇلار يات بىرسى بىلەن يېقىن بىر يەردە تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بۇمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ يەككىلىككە چوقۇنىدىغان مىجەزىنىڭ ئىنكاسى، بۇمۇ ئۇلارنىڭ خۇسۇسى ماشنىنى ئەلا بىلىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرى ئەلۋەتتە. بايلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ سىموۋۇلى بولغان، ھەممە نەرسىسى دۇنيادا مۇدا بولىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ماشنىلىق يۈرۈشى بىزدە توسقۇنسىز ئېقىم ھاسىل قىلىپ، بايلىققا ۋە ئىناۋەتكە تەلپۈنىشىتكى نىشانغا ئايلىنىپ قالماقتا. ئەمەلىيەتتە ئاممىۋىي قاتناش  تەرەققىي قىلغان، تاكسىلىرى كوچىلاردا خېرىدار ساقلاپ تەلمۈرۈپ تۇرىدىغان بىزدەك كىشىلەرگە ماشىنا ئانچە زۆرۈرمۇ ئەمەس. ۋاھالەنكى، بىزدە ماشىنا ئەمەلنىڭ دەرىجىسىدىن، بايلىقنىڭ مىقدارىدىن، ئىجتىمائىي ئورۇننىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ، شۇڭا ئامېرىكىدىكىدەك ماشنىلىقلارنىڭ پىيادەلەرگە يول بېرىشى جوڭگۇدا ئەقىلگە سىغمايدۇ. قانداقمۇ ماشىنىلىق ئەمەلدار نەچچە يۈزمىڭلىق ماددىي مەبلەغ ۋە ھىساپسىز مەنىۋىي دەسمايە بەدىلىگە ئېرىشكەن ماشنىشىسىدا تۇرۇپ ناماراتلىق، ئامالسىزلىق ۋە ئاجىزلىق كوچىسىدا تەمتىرەپ يۈرگەن پىيادىگە يول بەرسۇن؟ بۇنداق كەمسىتىلىشتىن كېيىن  پىيادەلەر ھاياتىدىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلمەي قالمايدۇ،" نامرات قالساڭ، ئەمەلسىز قالساڭ خورلىنىسەن، ھاياتتىكى نىشان، ماشىنىلىقلارغا يېتىشىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار تاللاپ پۇراپ كەتكەن ۋاستىلەر بىلەن ئەمەس، ئۇلار قوللۇنۇشقا پېتىنالمىغان ۋاستىلار بىلەن بايىقققا، ھوقۇققا ئېرىشىش كېرەك". ئەمەل بىلەن پۇلدىن باشقىنى تونۇمايدىغان جەمئىيەتتە بايلىق ئاتا قىلمايدىغان بارلىق نەرسىلەريەنى بىلىم، ئىجتىمائى غايە، ئىتىقاد، سىياسىي تەشەببۇس، ئىنساننىڭ قەدرى، تەبىئەتنىڭ بولغۇنىشى قاتارلىق تۈمەنلىگەن ئىشلار كىشىلەرنىڭ پىكرىنى مەشغۇل قىلالمايدىلا ئەمەس، دىققەتتىن ساقىت قىلىنىدۇ. بەلكىم بىزنىڭ پىيادىلەرنىڭ ھودۇقۇپ قېچىشلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ كۆنگەن ماشنىلىقلار بۇ يەرگە كېلىپ قالسا لاۋرېنستىكى تېزيول بويىدا قورقۇنچتىن  بىخەۋەر ئوتلاپ يۈرگەن بۇغىلارنى، دەرەخلەرنىڭ كاۋاكلىرىدىن خاتىرىجەم چىقىۋاتقان تىيىنلارنى كۆرگەندە ئادەملەرنى قورقۇتقان ئەلپازىنىڭ بۇ يەدە ھايۋانغىمۇ كار قىلمايدىغانلىقىنى سېزىپ ئەقلىنى يوقۇتار.پۇل تاپقىلى، ماشنا ئالغىلى بولىدۇ، لېكىن شۇ ماشىنىنى كەشىپ قىلغانلارنىڭ نەچچە يۈز يىلدا شەكىللەندۈرگەن ئەخلاق ۋە ئادەتنى يېتىلدۈرمەك پۇل تاپقاندەك ئاسان ۋە تېز بولمايدۇ.

    12. ئۇنۋېرىستىتىكى جۈمە نامىزى


    مەكتەپكە كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا مەسجىدنىڭ نەدىلىكىنى بىلىۋالغان بولساممۇ ئىككى جۈمەنى قازا قىلىۋەتتىم. بۇ يەردىكى ئىش بېجىرىدىغانلارغا ئۆزەمنىڭ جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان مۇسۇلمانلىقىمنى ئېيتماي جۈمە كۆرۈشەيلى دېسە ماقۇل دەلىۋېرىپتىمەن. كېيىن بۇ ئىشلارنى ماڭا يارىدەملىشىپ چېپىشىپ بېرىۋاتقان جەرى خانىمغا ئېيتقانىمدا ئۇ تولىمۇ ئەپسۇسلاندى ۋە مەندىن كەچۈرۈم سورىدى. جۈمەگە بارىدىغانلىقىمنى ئوچۇق چۈشەندۈرمىگىنىم ئۇنى تەئەججۈپلەندۈردى. مەن ئوچۇق ئېيتالمايتتىم، چۈنكى جۈمەگە بارىدىغانلىقىمنى بىر باشقۇرغۇچى مەمۇرىي خادىمدىن ئەمەس خىزمەتدېشىمدىنمۇ يوشۇرۇپ ئىككى يىلغا يېقىن يۇرتىمىزدىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئىشلىگەن تۇرسام، قانداقمۇ تۇيۇقسىز بۇ جۈرئەتكە كېلەلەيتتىم؟ ئېىنسان ھەر قانداق موھىتقا كۆنۈپ كېتىدىكەن، مەن ئۆزىنىڭ ئىددىيىسىنى، ھەقىيقىي ئويلىغانلىرىنى، تەكلىپ- تەۋسىيەلىرىنى ئۈن-تىسىز ئۇنتۇپ كېتىۋاتقان ۋە ئۇنتۇشقا كۆندۈرۈلىۋاتقان بىر تۈركۈمنىڭ ئەزاسى تۇرسام، قانداق قىلىپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقمدىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق رىياللىقىمنى ئامېرىكىغا كېلىپ ئەمدى ئىككى ھەپتە بولغاندا دېيىشكە كۆنەلەيمەن؟... شۇنداق ئېسىمدە تۇرۇرپتۇ، 1990-يىلى ئۈچ كىتاب ( ئۇيغۇرلار، ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى) تەنقىد قىلىنغاندا بىزنىڭ بىر قانچە ئوقۇتقۇچىمىزدىن  مەلۇم مەكتەپ مۇدىرى « تەنقىد ماقالىسى يازدىڭلارمۇ؟» دەپ سورىغانىدى. ئوقۇتقۇچىلار « ئاخشاملىققا ئۈچلا كىتابنى ئالدىمىزغا قويۇپ قايتا بىر ئوقۇپ ئاندىن يازايلى دەۋاتىمىز» دەپ جاۋاپ بېرىشكەنىدى. بۇنىڭغا رەھبەرمۇ كۈلۈپلا قويغاندەك ئېسىمدە. ئون يىلدىن كېيىن ھىچ كىم باشلىقىغا ھېلىقى ئۈچ كىتاب ھەققىدە ئەمەس يۇقارقى گەپكە ئوخشايدىغان ھەرقانداق سۆزنى دېيىشكە ئەمەس ئويلاشتىنمۇ يۈرىكى ئاغىدىغان بولۇپتۇ. يەنە شۇ ناھىيىمىزدە بىر ئۇقۇتقۇچى «جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» غا مۇشتىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى تەكشۈرۈپتۇ. ھەتتا مېنىڭ تولۇقسىزدا بىللە ئوقۇغان، ھازىر ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان بىر ساۋاقدىشىم  موللا دادىسىدىن « چەك چىگرا » ئاجرىتىپتۇ. مەن مۇشۇ «تەرەققىيات»لارنىڭ شاھىدى تۇرسام، يەنە قانداق قىلىپ ئامېرىكىدا تۇيۇقسىز قاپ يۈرەكلىك قىلالايمەن؟، مەن ھەتتا لەنجۇدا تۇرۇپمۇ بالامنىڭ نوپۇسىدىكى دىنى ئىتىقادى دېگەن ئورۇننىڭ  ئۆزەمنىڭكىگە ئوخشاشلا ئاق قالدۇرۇلىشىغا قاراپ تۇرغان تۇرسام قايسى جۈرئەت بىلەن ئامېرىكىدا ئۆزەمنى تەرەپباللا مۇسۇلمان دەپ جاكارلىيالايمەن؟ مەندەك ئادەمگە ئەركىنلىك مەڭگۈ نىسىپ بولمىسا كېرەك، چۈنكى مېنىڭ بۇ يەردىكى ئەكىنلىككە كۆنۈشۈم، ئەركىنلىكتىن بەھىرلىنىپ ياشىشىم، ھەتتا تېخىمۇ يۈكسەك ئەركىنلىككە ئىنتىلىشىم، كېيىنكى ھاياتىمنى پىشكەللىكلەر بىلەن تولدۇرىدۇ. چۈنكى تەھدىتكە، قورقۇنچتا ۋە سۈكۈتكە مەھكۇم بولغان بىر ئادەم قانداقمۇ ئەركىنلىككە كۆنەلىسۇن؟ برۇتانت راسسىل "ئەگەر بىر ئادەم، بىر توپ ياكى بىر مىللەت غايەت زور قورقۇنچتا ياشىسا، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيىلىقنى چىقىش قىلىپ ھەركەت قىلغان ياكى ئويلىغانلىقىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ" دېگەنىكەن. شۇڭا جەرى خانىمنىڭ  ھەيرانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. مەن جەرى خانىمغا ئىتىقادىمنى يوشۇرۇشۇمنىڭ سەۋەبىنى تەپسىلى  چۈشەندۈرمىدىم، ۋە گەپنى ئەڭ بىخەتەر تېما بالامغا يۆتكىدىم.

         مەكتىپىمىزدىكى مەسجىد 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا تەسىس قىلىنغانىكەن. ئەسلى ئۇ بىر كاتولىك چىركاۋى بولۇپ ئىتىقادچىلىرى ئۈزۈلگەنلىك سەۋەبىدىن مەسجىدكە ئايلاندۇرۇلۇپتۇ. سىرتىدىن قارىسا ئادەتتە ياۋرۇپاچە ئۇسلۇپتا سېلىنغان چوڭراق بىنادىن قىلچىلىك پەرقلەنمەيدىغان بۇ بىنا كانزاس ئۇنۋېرىستىتىدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنى پائالىيەت مەكىزى ئىكەن. مەسجىدكە كىرىشىمگە تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ پۇرىغان خۇشبۇي تونۇش ئەترە پۇرىقى قەلبىمنى ئىللىتتى، مەسجىدتە ئوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى چىراي بالا قۇرئان ۋە باشقا كىتابلارنى ئوقۇپ ئولتۇرىشتاتتى.مەندىن كېيىن كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئولتۇرغانلارغا سالام بەردى، قارىغاندا سالامغا كۆنمىگەن مەنلا ئوخشايمەن. مەسچىتكە خۇتبە باشلانغىچە قاراپ تۇرسام ئىككى يۈزدىن ئارتۇق مۇسۇلمان كەلدى. ھازىر يازلىق دەرس ۋاقتى بولغاچقا ئادەتتە ئادەم ئازراق بولىدىكەن، مۇشۇ بويىچە بولغاندا ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولىدىغان كۈزلۈك، ئەتىيازلىق مەۋسۇملاردا نامازخانلار تېخىمۇ جىق بولسا كېرەك. نامازخانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەب ۋە  جەنۇبىي ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىدەك قىلاتتى. ئارىدا سېرىق چاچ، تىپىك ياۋرۇپالىققا ئوخشايدىغان كىشىلەرمۇ كۆزگە چېلىقاتتى. خۇتبە باشلاندى، ئىمام ئىنگىلىز تىلىدا راۋان خۇتبە قىلاتتى، مەزمۇنى ئىنساننىڭ قەدرى، ھوقۇقى ۋە بىباھالىقى ھەققىدە كېتىۋاتاتتى. ئارىدا پەيغەمبەرىمىزنىڭ بىر يەھۇدىغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنلىكى، سەۋەبى سورالغاندا ئىنسالىقنىڭ دەخلىسىز ئۇلۇقلىقى تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى. مەنمۇ شۇنداق بىر ھەدىسنى ئاڭلىغان پەيغەمبىرمىز ھەتتا مەسجىدكە سىيىپ قويغان بىر كاپىرغىمۇ مېرىۋانلىق قىلىپ چىرايلىق سۆھبەت بىلەن قايىل قىلغانىكەن. ئىچىمدە ئويلۇدۇم، توغرا بىز شۇنداق مېھرىۋان، ئادىل، سەمىيمىي بولۇشىمىز كېرەك، ئەمما نىمىشكە بولالمايۋاتىمىز؟ مەنچە جەمئىيەتتە سەمىمىيلىك مەلۇم خىل ۋاستە بىلەن كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلىمىسە، كىشىلەر سەمىمي بولالمايدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىدا مېنى ئەكىلىپ قويغان موڭغۇل ئوقۇغۇچى يالغان سۆزلەشتىن تولىمۇ ھەزەر ئەيلىدى، چۈنكى بۇ يەردە بىر قېتىم ساختىلىق قىلسىڭىز خاتىرلىنىپ قالىدىكەن. مەسىلەن سىز بانكىدىن قەرز ئېلىپ قايتتۇرماي يوقاپ كەتسىڭىز سىز ئامېرىكىدىكى ھىچ بىر بانكىدىن ئىككىنچى قېتىم قەرز ئالالمايدىكەنسىز، سىز بىر خىزمەت ئورنىدا ساختىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالسىڭىز سىز مەڭگۈ شۇ ساختىلىقىڭىزنىڭ كۆلەڭگىىسەدە ياشاپ بىر ئۆمۈر بەدەل تۆلەيدىكەنسىز، ناۋادا سىز بىر نۆۋەت ئىرىقچىلىق قىلسىڭىز سىز مەڭگۈ شۇ قىلمىشىڭىشنىڭ زىيىنىدىن قۇتۇلالمايدىكەنسىز. ئامېرىكىدا خىزمەت ئىزدىسىڭىز بۇرۇنقى خىزمەت ئورنىڭىزدىن ئايرىلىش سەۋەبىنى سورايدىكەن، سەۋەب ئالدامچىلىقتىن بولسا چۈشەندۈرۈشلىرىڭىزنىمۇ ئاڭلىماي رەت قىلىدىكەن. دېمەك بىر جەمئىيەت كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەيدىغان مىخانىزىمنى تۇرغۇزماي تۇرۇپ يالغۇز ۋەز ، نەسىھەت بىلەن كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى قېلىپقا چۈشىرىمەن دېسە ئامال يوقنىڭ ئورنىدا ئوخشايدۇ. ئىنساننى پەزىلەتلىك ئىنسان قىلىدىغىنى ئۈلگىلىك ئىنساننىڭ كۆرسەتمىسى ياكى مەلۇم گورۇھنىڭ قوزغىغان ئاممىۋىي ھەركىتى ئەمەس، شۇ ئىنساننىڭ پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىجتىمائى قۇرۇلما. ئامېرىكا ۋە باشقا غەرپ دۆلەرلىرى دەل مۇشۇ خىل قۇرۇلمىنى بەرپا قىلاللىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ جەمئىيىتىدە مەلۇم ئىلاھىي دەستۇرلار تەرغىپ قىلىنمىغان، مەلۇم پەيغەمبەرنىڭ تەۋسىيەلىرى تەبلىغ قىلىنمىغان ھالدىمۇ كىشىلەر سەمىميلىك، ھۆرمەت، باراۋەرلىك، ھۆرلۈك، ۋە مىھرىۋانلىق قاتارلىق پۈتكۈل ئىنسان تۈركۈملىرىگە ئورتاق قىممەتلەرگە مۇشەررەپ بولۇپ كەلمەكتە. مەن ئاڭلاۋاتقان تەبلىغ دائىم تەكىتلىنىدىغان پاكىستاندا 2000-يىللاردا بىر ئادەمنىڭ جېنى 300 دوللار بەدىلىگە سېتىلغانىكەن.
       ئىمام تەبلىغنى ئىنساننىڭ خەلىپە قىلىپ يارىتىلغانلىقى،بىلىش ئىقتىدارىغا ساھىپ بولغان ئۇلۇغلۇقى ئۈچۈن پەرشتىلەرنىڭ سەجدىسىگە مۇشەررەپ بولغانلىقى بىلەن باشلاپ، مۇسۇلمان مىللەتلىرىدە ئىنسانلارنىڭ بايلىق ۋە مەرتىبە پەرقلىرى بويىچە تەبىقىلىشىۋاتقانلىقىنى، نەتىجىدە ئىنساننىڭ نىگىزلىك ھەقلىرىنىڭ قۇغۇداقسىز، ئىتىبارسىز قالدۇرىلىۋاتقانلىقى بىلەن كونكىرىتلاشتۇردى، ئاخرىدا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىكنى، زۇلۇمنى ۋە زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقرىۋاتقان ئامىلنىڭ دەل بىر بۆلۈك ئىنسان تۈركۈمىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە ئەۋزەللىك تەمەسى بىلەن باشقا بىر بۆلۈك ئىنساننى ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قويۇشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن خۇتبىنى خۇلاسىلىدى. ئىمامنىڭ خۇتبە جەريانىدا ئىنساندىكى مەغۇرۇرلۇقنىڭ ئىنساننى بىخەستىلىككە، گۇناھقا باشلايدىغانلىقىنى،  مۇئامىلىدە كېبىر كۆرسىتىپ ئازار بەرمەسلىكىنى تەكىتلىدى.                 

    خۇتبىدىن كېيىن خۇددى ۋەتەندىكىدەك بەزىلەر كېتىشكە ئالدىرىدى، يەنە بەزىلرىمىز پىشىنغا تۇردۇق. پىشىننى ئوقۇپ بولاي دەپ تۇرۇشۇمغا مەسجىدنىڭ ئىچى پاراڭ بىلەن قايناپ كەتتى. قۇلۇقۇمغا مەن بىلىدىغان، بىلمەيدىغان نۇرغۇن تىللار ئاڭلىنىپ پىششننى ئاران ئوقۇپ تۈگەتتىم. قارىغاندا ئادەتتە ئالدىراشلىقتىن ئۇچرىشالمايدىغان مۇسۇلمان بالىلار جۈمەگە كەلگەن پۇرسەتتە ئۇچرۇشۇپ، ئانا تىللىرىدا مۇڭدۇشۇپ مۇساپىرلىق ئازابىغا مەلھەم ئىزدەشسە كېرەك. بىراق مەنچۇ؟ بايا خۇتبە جەريانىدا ئىمامنىڭ چىرايىغا قاراپ  تۈركمىكىن دەپ گۇمان قىلغانىدىم. ئۇنىڭ مۇھەممەد دېگەن بىرسىنىڭ ئىسمىنى مىسال ئېلىپ « مەمەت» تەلەپپۇز قىلغاندا گۇمانىم تېخىمۇ كۈچەيگەنىدى. ئىمام پىشىننى ئوقوپ بولۇشىغا ساقلاپ تۇردۇم، لېكىن ئىمامنى ساقلاپ تۇرغان كىشىلەر ئۆچۈرەتتە ئېدى. ئۆز-ئارا يول قويۇش، ئۆچۈرەت ئادەتكە ئايلانغان  ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بۇ يوسۇنغىمۇ كۆنگەن بولسا كېرەك. ئاخىرى مېنىڭ نۆۋىتىممۇ كەلدى، ئىمامغا « ئەسسالامۇ ئەكەيكۇم،» دەپ سالام بەرگەندىن كېيىن، « تۈركمۇ سىنىز؟» دەپ سورۇدۇم ئۇتتۇرلا ئۇيغۇرچە تۈزلۈك بىلەن. ئىمام بىردىنلا كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ « سىزدە تۈركمۇ سىنىز؟ » دەپ قايتتۇرۇپ سورىدى، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق، دەماللىققا خۇشاللىقتىن ئاغزىم گەپكە كەلمەي تۇرۇپلا قالدىم، ئىمام سۇئال سورايتتى، مەن بولسام ھاياجاندىن ئانا تىلىمدەكلا راۋان بىلىدىغان باغىردىشىمنىڭ تىلىدا تۈزۈك ئەپلەپ سۆزلىيەلمەي قىينىلاتتىم.


    ئىمامنىڭ ئىسمى ئابدۇلباقى ئىكەن، مەن بۇ ئىسىمنى تۈركىيەدە خېلى كۆپ ئاڭلىغان. تۈرك قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسمى بىزنىڭىكىگە خىېلى ئوخشايدۇ، ئەمما  يەنە بەزىلىرنىڭ ئىسمى بىزدە يوق ساپ تۈركچە ياكى بىزدە كۆپ قوللۇنۇلمايدىغان ئەرەبچە ئىسىملاردىن تەشكىل تاپىدۇ. مەسىلەن ئۇلاردىمۇ « مەمەت » دېگەن ئىسىم جىق، ئۇلار بەزىدە بۇ ئىسىمنى « مەھمەت» مۇ تەلەپپۇز قىلىدۇ، ئۇلاردا « مەھمەتجىك» دېگەن ئىسىم ئادەتتە ئەسكەرلەرنىڭ يەنە بىرخىل ئاتىلىشى. تۈركلەردىكى « ئايشىگۈل» دېگەن ئىسىم بىزنىڭكىگە شۇنداق ئوخشايدۇ. قىزىقارلىق يېرى ئۇلار بىزدىكى « ئاي» «گۈل» دېگەنلەرنى پامىلە ئورنىدا قوللۇنىدۇ. مەسىلەن، ھازىرقى تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرىنىڭ ئىسمى ئابدۇللاھ  پەمىلىسى گۈل، تۈركىيەدىكى بىر ئۇيغۇرزىيالىنىڭ  ئوغلىنىڭ ئىسمى ئايقۇت.

    ئىمام مۇشۇ مەكتەپنىڭ خېمىيە ئىنجىنىرلىقى كەسپىنىڭ پروفىسورى ئىكەن. تۈركىيەدە دوكتۇر ئىماملارنى كۆرگەن، مانا كۆز ئالدىمدا پروفسسور ئىمام، بېشىدا سەللىسى يوق، پەقەت بىز بۇرۇن كېيىدىغان بىر شاپاق دوپپا، ئۇچىسىدا ئاق يەكتەك.بۇ كىشى ماڭا مەكتەپتىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزى شەنبە كۈنلىرى يىمەكتە بىللە بولىدىغانلىقىنى، خالىسام كېلشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

            ئىمام بىلەن خوشلۇشۇپ مەن بىلەن بىر بىنادا (مېنڭ بۇ يەردە بىنا دېگىنىم بىز ۋەتەندە كۆرگەن بىنا ئەمەس، ھەممىمىز بىر ئىشىكتىن، ياكى بىر قانچىمىز بىر ئىشىكتىن كىرمەيمىز. بىنايىمىز ئۇزۇنىغا سېلىنغان، پېشايۋانلىق ئىمارەت، ھەممىزنىڭ ئىكى بىۋاستە تالاغاقارايدۇ)  تۇرىدىغان، لېكىن ئىنگىلىزچە سالاملىشىپلا قويىدىغان خوشنامغا ئۇچراپ قالدىم. ئۇ مېنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىنى يوشۇرالمىدى
    -سېنى  جۇڭگۇلۇق دەۋاتاتتى مۇسۇلمانكەنسەنغۇ؟
    - ھەئە، مەن ئۇيغۇر، بىزنىڭ شىنجاڭ دېگەن يەردە ئون مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمان ياشايدۇ.
    -شىنجاڭ دېگەن قەيەر؟
    -تىبەتنىڭ خوشنىسى. ( چۈنكى دۇنيادا تىبەتنى بىلىدىغان ئادەم جىق، مۇشۇنداق دېمىسەڭ ئۇلار جوڭگۇنىڭ غەرىبىي شىمال تەرىپىنىڭ قەيەرگە توغرا كېلىدىغاننلىقىنى چۈشەندۈرمەك تەس.)
    - ماشائاللاھ! بۇنچە جىق ئادەم يېڭىدىن مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟
    - ياق بىز 1250 يىللار بۇرۇن مۇسۇلمان بولۇشقا باشلىغان، يۇرتىمىزدا مىڭ يىل بۇرۇن ئىسلام ھاكىمىيىتى تىكلەنگەن. بىز دۇنيادا ئەرەب ۋە پارىسلاردىن قالسا ئىسلامنى ئۈچىنچى بولۇپ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن مىللەت. دۇنيادا مۇبارەك قۇرئانى كەرىم پارىس تىلدىن كېيىنلا ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرچىغا تەرىجىمە قىلىنغان. ئۇيغۇرلار ئىسلامنىڭ يىراق شەرققە تارقىلىشىدا موھىم رول ئوينىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن مۇسۇلمان بولغان تىبەت، خەنسۇ ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ھازىر مۇسۇلمان موڭغۇل، مۇسۇلمان تىبەت، خۇيزۇ(مۇسۇلمان مىللەت). باۋئەن، دوڭشىياڭ قاتارلىق ناملار بىلەن ئىچكىرى جوڭگۇ ئۆلكىلىرىدە ياشايدۇ.  ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەربابلار ئىسلام قۇرۇلتىيى، بەيتۇل ھەرەم جامەسى قاتارلىق ئىسلام ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلغان ۋە قىلىۋاتىدۇ.
    -ئېيتقانلىرىڭ ماڭا بەكمۇ يېڭىلىق تۇيۇلدى، مەن مەككىلىك ئەمما بەيتۇل ھەرەمدە مۇدەررىسلىك قىلغان ئۇيغۇردىن بىخەۋەركەنمەن. ئەمما مەن تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلاردىن شۇنداق ئالىملارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان.بىز ئۇلارنى بۇخارىلارمۇ دەپ قويىمىز.
    -  تۈركىستان دېگەن يۇرتىمىزنىڭ چەتئەلدىكى نامى ئوخشايدۇ، مەملىكىتىمىزدە بۇ ئىسىم چەكلىنىدۇ، سىياسىي مەنىسى كۈچلۈك، شۇڭا مەنمۇ قوللانمايمەن. جۇڭگۇدا يۇرتىمىزنىڭ خەنسۇچە ئېتى شىنجاڭ، يېڭى چىگرا مەنىسىدە.
    -ئۇيغۇرچە ئېتىچۇ؟
    -ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى.
    -ئۇنداقتا سىلەرنىڭمۇ ئامېرىكىدىكى شىتاتلاردەك بايرىقىڭلار، يەرلىك قانۇنىڭلار، ئۆز ئۆزۈڭلارنى ئىدارەلەش، مەركەزدىن ئايرىلىش ھوقۇقۇڭلار باركەندە؟
    - ياق، مەن بۇنداق سىياسى تۈزۈم دېگەن نەرسىلەر ھەققىدە پاراڭلىشىنى خالىمايمەن. مەن تىلشۇناسلىقتا ئوقۇيمەن ئەگەر خالىساڭ ساڭا ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ كۆرسىتىپ قوياي.
    شۇنداق پاراڭلىشىپ ئۆيىمىز بار كوچىغىمۇ كېلىپ قاپتۇق، مەن ئۇنى ئۆيۈمگە باشلاپ بەرقى تورىنى كۆرسىتىپ قويدۇم. ئۇ بەرقى دېگەن سۆزنىڭ ئەرەبچە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ خوش بولۇپ كەتتى.

    سەئۇدىلىق ئۇيغۇر ئىمام

     مەن تۈرك خاتىپتىن مۇشۇ مەكتەپتىكى مەسجىدتە بۇرۇن ئىماملىق قىلغان سەئۇدىلىق بىر ئۇيغۇر دوكتۇر ھەققىدە سورۇماقچى ئېدىم، قارىسام مېنىڭ كەينىمدە ئۆچۈرەت كۈتۈپ تۇرغانلار ساقلاپ كەتكىدەك شۇڭا تونۇشقانلىقىمدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ خوشلاشتىم.
                ئاڭلىشىمچە بۇ مەكتەپتە تۇرسۇنجان ئىسىملىك سەئۇدىلىق بىر ئۇيغۇر ئىمام بولغانىكەن. ئۇ مەزكۇر مەكتەپنىڭ مائارىپ فاكۇلتىتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىكەندۇق. بۇ كىشىنىڭ ئاتىسى 1940-يىللىرىنىڭ ئاخرىدا خوتەندىن سەئۇدىغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ بۇ كىشى شۇ يەردە تۇغۇلغانىكەن. ماڭا گېپىنى قىلىپ بەرگۈچى ھازىرقى كادىر ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىشىدە يۈرگەچكە تۇرسۇنجانغا ئانچە ياقمىغانمىش. تۇرسۇنجان ئائىلىسىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ئوغلىنى مۇشۇ يەرگە مەكتەپكە بېرىپتۇ، قىزىنى « بۇ يەر قىزلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كەلمەيدىكەن » دەپ سەئۇدىغا تۇغقانلىرى قېشىغا قايتتۇرىۋتىپتۇ. سۆھبەتدىشىم ئۇنى نادانلىقتا ئەيپلىدى، مەن ئىپادە بىلدۈرمىدىم، لېكىن ئۇيغۇر قىزلىرىغا تولىمۇ ئوخشايدىغان سەئۇدىلىق قىزلارنىڭ كانزاس ئۇنۋېرىستىتىدا خېلى بارلىقى خىيالىمدىن كەچتى. ئەجەبا تۇرسۇنجان ئۇلارنى كۆرمىگەنمىدۇ؟ ئۆزى مائارىپشۇناسلىقتا ئوقۇسۇنۇ قىزىنى ئۆزىدەك مائارىپشۇناستىن ئايرىپ سەئۇدىدىكى تۇققانلىرىغا تاپشۇرسۇن...سۆھبەتدىشىمنىڭ ئېيتىشىچە تۇرسۇنجان ئۇيغۇرچىنى يامان ئەمەس سۆزلەيدىكەن ئەمما ئۇقۇپ يېزىشقا ئاجىزمىش. ئۇ ئۆزىدە دادىسى ۋەتەندىن ئېلىپ چىققان كونا ئىملادىكى كىتابلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇيغۇرچىنى ئوبدان بىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئاپتۇ. مەن بۇنىڭغا بەكمۇ قىزىقتىم، چۈنكى بۇ مېنىڭ كەسپىم، بەلكىم بىز يۇقاپ كەتتى دەپ قاراۋاتقان بىر قىسىم موھىم قوليازمىلار چەتئەللەردىكى ئاشۇنداق مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. تۇرسۇنجاننىڭ مېنى قىزىقتۇرغان يەنە بىرئىشى ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئەرەبلەر بىلەن مەنبەداش دەپ قارىغانلىقى بولدى. ئۇ بىر قېتىملىق مۇھاكىمە سورۇنىدا ئىختىيارى پىكىر بايان قىلىپ ئۆزىنىڭ خوتەنلىك ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئەرەبلەرنى قېرىنداش خەلق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ قولىدا يازما مەنبە بارمىش. نېمىلا بولمىسۇن شۇنچە چوڭ سورۇندا مەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇر دېگىنىدىن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنبەسى ھەققىدە بىر نەرسە ئويلاشقا تىرىشقىنىدىن مەمنۇن بولدۇم. ئامېرىكىلىق مەلۇم ئۇيغۇرشۇناس خانىم ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا « قىزىقارلىق پىكىركەن » دەپ قويۇپتۇ. تىل دېگەن ئاجايىپ نەرسە، مەن ئامېرىكىغا كەلمەستە ئىنگىلىزچىدىكى « قىزىقارلىق ئىكەن» دېگەن ئىبارىنىڭ ئانچە قىزىقى يوق گەپلەرگىمۇ دېيىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ ھەيران قالغانتىم، مەزكۇر خانىمنىڭ بۇ سۆزىدىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ ئىبارىسىگە مەسخىرىنىڭ يوشۇرۇنغالىقىنى بايقىدىم. ئەمدى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىزىقارلىقكەن دېيىشلىرىگە ئالدىنىپ ئۇلارغا تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلغان قاراشلىرىمنى ئەزۋەيلىمەيمەن. تۇرسۇنجانمۇ بەلكىم بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىنى ھىس قىلغاندۇ، ئەگەر پاكىتى بولغان بولسا رەددىيە بەرگەن بولاتتى.

    تۇرسۇنجان بىلەن بىر مەۋسۇمدىن كېيىن ئۇچراشتىم. ماڭا دەپ بېرىشىچە ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەرەبلەرنى ياقتۇرمايدىكەن. بۇنىڭغا مۇشۇ كۈنگىچە نەچچە ئەۋلاد پاسپورتى يوق ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى ۋە كىچىكىدە بىرقىسىم ئەرەب خوشنىلىرىنىڭ "كەلگۈندى" دەپ كەمسىتكەنلىكى سەۋەب بولۇپتۇ. (مەن ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە بىر تەرەپلىمىلىك يوشۇرۇنغان دەپ قارىدىم، شۇڭا تەپسىلاتىنى سورۇمۇدۇم). زوردۇن سابىر ئەپەندىم 89-يىلدىكى بىر زىيارەت خاتىرىسىدە ئەرەبىستاندا 59 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بارلىقىنى يازغانىكەن. تۇرسۇنجاندىن بۇ ھەقتە سورۇدۇم. ئۇ ئەرەبىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ جىقلىقىنى ئەمما ئەرەبلەرنىڭ كەمسىتىشىدىن، بوزەك قىلىشىدىن قورقۇپ بىر مەھەللە بولۇپ ياشىيالمىغىنىنى سۆزلەپ بەردى. شۇ سەۋەپتىن ئەرەبىستاندىكى 60-يىللارنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كېينكى ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئانا تىلنى بىلىدىغانلار ئاز ئىكەن. مەن ئۇنىڭ "ئۇيغۇرلار ئەرەبلەر بىلەن قانداش" دېگەنلىرىنى يۈزىگە سالمىدىم. مۇستەبىت تۈزۈمدە ياشاۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ دائىم شۇنداق دېيىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىق ماڭا سىر ئەمەس ئېدى.  مەن ئۆزەممۇ دائىم تۇرسۇنجان دېگەن گەپلەرگە مەنىداش سۆزلەرنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ۋە ئاڭلاپ سۈكۈتتە تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادەم بولغاچقا ئۇنى تەڭقىسلىقتا قويۇشنى خالىمىدىم. شۇ قېتىمقى ئىلمىي لېكسىيەدە ئەرەب تەتقىقاتچى ۋە سەئۇدىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى تۇرسۇنجاننىڭ تەڭقىسلىقتا شۇنداق دېگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ تۇراتتى. بروتانت راسسىلنىڭ گېپى بويىچە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئىنسانىيلىقنى چىقىش قىلىپ سۆزلىگەن دېگىلى بولمايتتى، چۈنكى ئۇ بۇ سۆزلەرنى نەچچە مىڭ كېلومېتىر يىراقتىكى مۇستەبىتتىن ۋە شۇ مۇستەبىت تۈزۈمدىن نەپلەنىۋاتقان سورۇندىكىلەردىن قورقۇپ سۆزلىگەن ئېدى.  لېكىن مەن قورقۇغۇچىلارنىڭ جاسارەتسىزلىكى زوراۋانلىق ۋە خورلۇقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ- دەپ قارايمەن. تۇرسۇنجاننىڭ  بارلىق غېمى چەتئەلدە ئوقۇشقا ھەممە جەھەتتىن قۇربى يېتىدىغان تۇرۇپ پاسپورتى بولمىغانلىق سەۋەپتىن چىقالمايۋاتقان ئېنىلىرىدە قالغاندەك تۇرىدۇ. ئارىدا بىر قېتىم بىللە كىيىم ئالغىلى باردۇق. بىر قانچە پوپايكا تاللىسام  مېنى سەل چوڭراق  نومۇرلۇقنى ئېلىشقا دەۋەت قىلدى. سەۋەبى كىچىكلىرى قىسقاراپ كەتسە ئۇزاق كىيەلمەيدىكەنمەن. بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ مەسئۇلىيەچانلىقىدىن سۆيۈندۈم، يەنە بىر تۇرۇپ ۋەتەنسىز ئۇيغۇرنىڭ باشتىن كەچۈرگەن قىينچىلىقلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى. چۈنكى مۇنداق سۆزنى ئۇزاق يوقسۇللۇقنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەرلا تىلغا ئالاتتى. كېيىن جۈمەلەردە تولا ئۇچراشتۇق، ھەر كۆرسەم ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سوغۇق غېرىپلىقنى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ كېتىدىغاندا تېلىپۇنمۇ قىلماي كېتىپ قالغىنىغا مەيۈسلەندىم.


    ئامېرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بەرگەننى يامان كۆرەمدۇ؟


    ئەسلى مەن بۇ ھەقتە « ئامېرىكىلىقلاردىن پەرقىمىز نەدە؟» دېگەن تېمىدا ھىكايەتلىك كەچۈرمىشلىرىمنى يازماقچىدىم. بىر ئوقۇرمەن بۇ ھەقتە سورىغانلىقى ئۈچۈن ھازىر يازماي ۋە تەھلىلىرىمنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتمەي بولمىدى. ئامېرىكىقلار باشىقىلارغا باھا بەرگەننى مەنچە يامان كۆرمەيدۇ، ئەمما ئاساسسىز گەپ تاپسىڭىز بالاغا قالىسىز. ئۇلاردا پاكىتسىز، لوگىكىسىز باھا بېرىدىغانلارنىڭ سانى بىزدىكىدىن سەل ئاز. ( غەيۋەت، مەسخىرە، باتناش دېگەنلەر ئىنسانلارغا ئورتاق، ئامېرىكىدىمۇ جىق، ئەلۋەتتە) . ئۇلارنىڭ ھاياتتىكى پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى سەمىمىيلىك. كىشىلەرنىڭ ئىزگۈ نىيەت ۋەئەھمىيەتلىك  پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىغاندا، كۆرگەندە زوقلىنىش ۋە زوقلانغانلىقىنى ئاجايىپ نەپىس تىللار بىلەن بايان قىلىش ئۇلاردا ئومۇمىي ئادەت، بۇ ئىش بىزدە ئانچە ئومۇملاشمىغان. شۇنىڭغا ئوخشاش يامان ئىشلارنى، ياكى ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىمىغان ئىشلارنى ئۇچراتقاندا مۇناسىپ باھا بېرىش ئۇلارنىڭ سەمىميلىك پىرىنسىپىنىڭ گەۋدىلىنىشى. ئۇلار ھىچ قاچان ئۆز تۇيغۇلىرىنى يوشۇرۇپ ساختا توغرا چۈشەنگەن قىياپەتكە كىرىۋالمايدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر كەچمىشىم بار. بۇلتۇر كۈزدە مەن دەل مەكتەپكە ئىلتىماس سۇنۇش بىلەن بەنت ئېدىم. ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەر پروفېسسورلارنىڭ تەۋسىيە خېتىنى كېرەك قىلىدىغان بولغاچ مەن ئوقۇغان ۋە مېنى ئوبدان بىلىدىغان پروفېسسورلارغا ئىلتىماس قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇستاز راھىلە داۋۇتتىن باشقا ھەممىسى « ئۆزەڭ يېزىپ كەل، مەن ئىمزايىمنى قويۇپ بېرەي» دەپ تۇرىۋالدى. مەن بۇنداق قىلىشنىڭ خاتالىقىنى، يالغان سۆزلىسەم ئوقۇش پۇرسىتىمنىڭ قولدىن كېتىدىغانلىقىنى ھەرقانچە چۈشەندۈرسەممۇ بولمىدى. ھەتتا بىر ئۇستازىم « كاللاڭلار بەك قىزىپ كېتىپتۇ، مەن بىر قانچە  ئوقۇغۇچىغا تەۋسىيەنامە يېزىپ بەردىم، ئۇلار چەتئەلدىكى ئوقۇشقا مېڭىپمۇ بولدى.» دەپ ئەستايىدىللىقىمدىن رەنجىدى. مەن ئۆزەم يازغان، مەزكۇر ئۇستاز قول قويغان بىر پارچە تەۋسىيەنامىنى يېزىگىلىك ئۇنۋېرىستىتىدا دەرس ئۆتىۋاتقان بىر ئامېرىكىلىق دوستۇمغا كۆرسەتسەم، چىرايىنى غەلىتە پۈرۈشتۈرۈپ «بۇلشىت!» دېدى. بىللە تۇرغان يەنە بىر ئامېرىكىلىق بالىمۇ « مۇشۇنداقمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولامدۇ؟» دەپ قايناپ كەتتى. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بىر قېتىم مەلۇم پروپېسسورنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگىنىمدە مېنى قارىتىپ قويۇپ باشقا نەچچە پروپېسسورنىڭ غەۋىتىنى يېرىم سائەت قىلدى. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى "ئۇ بىزدىن دائىم مېنىڭ دىنىمغا ھۆرمەت قىلمايسىلەر، مېنىڭ دىنىي بايرام كۈنۈمدە يىغىن ئاچىسىلەر دەپ قاقشايدۇ. مەنمۇ ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا كىرىپ، ئىشقا بارغۇم كەلمىگەن كۈننى دىنىي بايرام دەپ تۇرۇۋالسام بولارمىكەن تاڭ" دېگىنى بولدى. توغرا-دە! ھەممە ئادەم مەسىلىگە دىنداشلىقنى، قانداشلىقنى، مەنپەئەتداشلىقنى ئۆلچەم قىلسا ئورتاق پىرىنسىپ نەدە قالىدۇ؟. مەن يەنە ئۆزەم ئۇچراتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ بەزى مەدەنىيەت پەرقىگە ياتىدىغان مەسىلىلەرگە ئالدىراپ توغرا خاتا دېمەيدىغانلىقىنى، پەقەت « بىزدە بۇ خۇش كۆرۈلمەيدۇ» دەپ قويىدىغانلىقىنى بايقىدىم. لېكىن ئۇلار سىزدىن «سەنچە شۇنداق قىلسا ئادىللىقمۇ؟ مۇۋاپىقمۇ؟» دەپ سورايدۇ. توغرا، دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىگە بولۇپمۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىگە ياتىدىغان مەسىلىلەرگە ھىچكىم ئالدىراپ توغرا خاتا دېمەيدۇ. بۇ ھەقتە مېنى قاتارغا قوشقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىمۇ « ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە» « ئەمانىڭ شەھرىگە بارساڭ كۆزۈڭنى قىسىۋال» دەيدىغان ئۇدۇم چۈشەنچە بار. بىزنىڭ مىللەتمۇ يۇقارقى پىرىنسىپقا نەچچە مىڭ يىل ئەمەل قىلىپ نەزەرگە نائىل، تۆرگە مۇشەررەپ بولغانكى، خەقنىڭ ئىشىغا قالايمىقان باھا بېرىپ نەزەردىن چۈشۈپ كەلگەن مىللەت ئەمەس. شۇ نەرسە ئايانكى، دۇنيادىكى ھەممە نەرسە مىللىيلىك پىرىنسىپى بويىچە بولمايدۇ. دۇنيادا مۇۋاپىقلىق، ئادىللىق، ئەقلىيلىق دېگەن ئورتاق پىرىنسىپلارمۇ بار. بىر خەلق توغرا تونۇغان ئىش، ياكى بىر بۆلۈك كىشى توغرا بىلگەن ئىش باھاسىز، ھۆكۈمسىز رەۋىشتە توغرا چۈشىنىلىۋەرمەيدۇ. مەسىلەن خەنسۇلار ئادەم بار يوق دېمەي يەل قويىۋېتىدۇ. بۇ خەنسۇلارنىڭ ئادىتى، بۇنى ھەتتا ئىچكىرىدكى بىر پروفېسسور ماڭا تەبىئى ھادىسە دەپ ئاقلىغان. ئەمما خەنسۇلارنىڭ بۇ مىللي ئادىتى مۇۋاپىق بولمىغاچ ئىنكار قىلىنىدۇ. مەن بۇ يەرگە كەلگەندە مېنىڭ گۇيجۇلۇق فورددېشىممۇ ماڭا، تۈكۈرۈش، يەل قويىۋېتىشنىڭ ئامېرىكىدا ئېغىر ئېلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئېنىقكى ئۇ مېنى 96% جوڭگۇلۇق سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغان. بۇندىن باشقا ھەممە ئادەم بىر تەخسىگە چوكا تىقىش، بۇمۇ سەھىيە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغاچقا توغرا دەپ قارالمايدۇ. ئامېرىكىلىقلار بۇنىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ دەپ قارايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش  ئەقلىيلىك ئەمەس، يەنى سەھىيە ئىلىمگە خىلاپ. ئەمدى يۇقارقى تۇرسۇنجان ئەپەندىنىڭ ئوغلىنى ئامېرىكىدىكى مەكتەپكە بېرىپ، قىزىنى  ئەرەبىستانغا ئەۋەتىۋېتىشى( ئەسلى قىزىمنى ئوقۇتمايمەن دەپتىكەن، مەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازى بولسىمۇ سەل ئىجابىي بولسۇن دەپ تىلغا ئالمىغانتىم)، ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئادىللىق ئەمەس. مەن مۇشۇ خىلدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ « بۇ ئادالەتسىزلىك، نېمىشكە ئوغلىنى ئوقۇتۇپ قىزىنى ئوقۇتمايدۇ، ئەجەبا ئوغلىغا ماس كەلگەن موھىت قىزىغا ماس كەلمەمدىكەن؟» دەيىدىغانلىقى ئېنىق. ئەگەر ئاياللار باراۋەرلىك تەرەپتارلىرى ئاڭلىسا گەپلەر ئۇنچە مۆتىدىل دېيىلمەيدۇ. بەزى دوستلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەتلەر پەرقىگە ياتىدىغان مەسىلىلەردىكى توغرا چۈشىنىش ئۆلچىمىنى ھەممە يەردە پىرىنسىپسىز تەكىتىلىشى مېنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
           توغرا ھازىر دۇنيادا مەدەنيەتلەر دىيالوگى تەكىتلىنىۋاتىدۇ. ھەممە نەرسىگە ئۆز بىلىمى ياكى مەدەنىيىتى نوقتىسىدىن باھا بېرىش ئانچە ئالقىشلانمايدىغان بولدى. مەملىكىتىمىزدىمۇ « مەدەنىيەتلەر دىيالوگى» ھەققىدە قەرەللىك مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ يىغىنلارغا تۇڭگان ئالىملىرى ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ ۋە تەشكىللەپ ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن كۆڭزىچىلىق مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدكى چۈشىنىشنى كۈچەتىش ھەققىدە ئەھمىيەتلىك ئىزدىنىشلەردە بولىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا ئېچىلمايۋاتقان بولسىمۇ، بۇ بىزنىڭ بىر قىسىملارنىڭ ھەدىسىلا ئۆزى چۈشەنمەيىغان، يات  مەدەنىيەتلەرگە فىئودالىزىمنىڭ، قالاقلىقنىڭ، قانۇنسىزلىقنىڭ، ۋە ئىلمىيسىزلىكنىڭ قالپىقىنى كەيدۈرۈشنىڭ پەيدىنپەي ئازىيىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدىمىزنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئەمما شۇ نەرسە رۇشەنكى ھەر قانداق ھادىسىنى كۆپتۈرۈش ئىلمىيي پىرىنسىپنى زەخمىلەندۈرىدۇ. مەدەنىيەتلەر ئارا چۈشىنىش، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنىڭ تەكىتلىنىشى ئىنسانلارنىڭ ھەممىنى ئۆز مەدەنىيىتىگە ئاساسەن  باھالاش، ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت مۇستەبىتىلىكىگە خاتىمە بېرىش بىلەن بىللە يەنە نۇرغۇن نامۇۋاپىق خاھىشلارنىڭ باش كۆتۈرىشىگىمۇ سەۋەپ بولدى. مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكنى تەكىتلەش « ھەممە نەرسىگە ئورتاق پىرىنسىپتا باھا بەرگىلى بولمايدۇ، ھىچ نەرسە قائىدىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن توغرا ئەمەس بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز توغرا دەپ قارىغاچقا توغرا» دەيىدىغان مەدەنىيەت شەخسىيەتچىكى ۋە مەدەنىيەت قورۇقچىلىقى  باش كۆتۈردى. مەسىلەن، بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتى پروفېسورى ماروڭ ئەپەندى « بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ 2005-يىللىق مەلۇم سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ « جوڭگۇدىكى مىللەتلەرگە ئاپتونۇمىيە بېرىش كوڭزىچىلىق مەدەنىيىتىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىش ئەئەنىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس. كۆڭزىچىلىق مەدەنىيىتىدە مىللەت مەدەنىيەت ئۇقۇمى، سىياسىي ئۇقۇم ئەمەس. ئەگەر مىللەت ياۋرۇپا ئەنئەنىسى بويىچە سىياسىي ئۇقۇم دەپ قارالسا ئۇنىڭغا نۇرغۇن سىياسىي ھوقۇقلار بېرىلىشى كېرەك. جوڭگۇ كومپارتىيىسى جوڭگۇدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا غەرپ ئەنئەنىسىدىكى مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش دېگەنگە ئوخشاش پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ سەھۋەنلىك ئۆتكۈزدى، مىللىي ئېڭى يوق مىللەتلەرگە مىللي ئاڭنى يېتىلدۈرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى. جوڭگۇدىكى مىللي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مىللەتنى سىياسىي ئۇقۇم دەپ قارايدىغان ياۋرۇپاچە ئەندىزىدىن مىللەتنى ئۆرۈپ ئادىتى پەرقلىق كىشىلەر توپى دەپ قارايدىغان كوڭزىچىلىق ئەنئەنىسىگە قايتىپ كېلىشىمىز كېرەك» دەپ يازدى. ھەتتا يەنە بەزىلەر دېمۇكراتىيە، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق دېگەن ئۇقۇملارنىمۇ ياۋرۇپا مەدەنىيىتىگە خاس نەرسە دەپ، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان دىني زۇلۇم، سىياسىي بېسىم، ۋە كىشىلىك تاجاۋۇزلارنى مىللي ئەنئەنىمىز دەپ يوپۇرىۋاتىدۇ. مەنچە ئىنسانلارنىڭ بىر بىرىگە ئۆزى بىلگەنچە باھا بېرىشى، ھۆكۈم قىلىشى نامۇۋاپىق، ئەمما ھەدېسىلا مېنىڭ مەدەنىيىتىمدە مۇنداق، سېنىڭ مەدەنىيىتىڭدە ئۇنداق دەپ ھەممە نەرسىنى ئۆز مەنپەتىگە ئۇيغۇن چۈشەندۈرۈپ ئىنسانىيەتكە ئورتاق پىرىنسىپلارنى رەت قىلىشى ئاپەتتۇر. بۇندىن باشقا ھەر قانداق چاغدا  چۈشەنگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ چىن ھىسسىياتىنى يوشۇرۇشى ياكى قۇلاق يوپۇرۇپ بىلمىگەنگە سېلىۋېلىشى خەتەرلىكتۇر. مەنچە يۈكسەك ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىدىغان تەجرىبىچىلىك ئەنئەنىسىگە ساھىپ، ھەر ئىشتا پىرىنسىپنى ئاساس قىلىدىغان ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ۋە سەمىميلىككە مۇيەسسەر ئامېرىكلىقلار ھەممە نەرسىنى توغرا چۈشىنىپ باش لىڭىشتمايدۇ.ھەقنى ھەق، ناھەقنى ناھەق دەپ باھا بېرىش ئامېرىكىلققىلا ئەمەس  ھەر قانداق مىللەت ئۈچۈن ئورتاق.

    ئامېرىكىدا نېمە بار، نېمە يوق؟

    كىشى باشقا بىر دۆلەتكە بارغاندا دائىم ئۆزىدە بار بىلەن خەقتە يوقنى سېلىشتۇرۇپ قالىدۇ. دەسلەپتە ماڭا يوق بىلىنگىنى موزدۇز. ئامېرىكىدا موزدۇزنىڭ يوقلىقىنى ئايىقىمنىڭ پاشنىسى ئۇپىراپ كەتكەندە بىلدىم. بەلكىم ئامېرىكىلىقلار ماشىنا بىلەن يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بولغاچ پاشنىسى ئۇپرىمىسا كېرەك. مەن "چېنىقىشقا ۋاقتىم چىقمىدى" دەپ چېنىقىمەن دېگەن  باھانە بىلەن بىر يىلغا يېقىن دەرسكە مېڭىپ باردىم. بۇ يەردە مەندەك چېنىقىمەن دەپ رەسمىيي كىيىنىپ مېڭىپ يۈرۈيدىغان ئادەم يوقكەن. چېنىقماقچى بولغانلار مەخسۇس تەنھەركەت كىيىملىرىنى كېيىپ چىقىدىكەن. نېمىلا دەپ باققىنىم بىلەن موزدۇزسىز بۇ شەھەر مېنى مايماق پاشنىلىق ئاياقلاردا ئىككى يىل ماڭغۇزدى. مەن نەگە بارسام موزدۇز ياكى مايلامچىلار بىلەن پاراڭلىشتاتتىم، بۇ يەردە ئۇنداق پۇرسەتنىڭ بولمىغىنىدىن ئەپسۇسلاندىم. جوڭگۇنىڭ خېلى جىق شەھەرلىرىدىكى ئاۋامنىڭ ئويلىرىنى، تۇرمۇشىنى شۇلار ئارقىلىق كۆزىتەتتىم. بىلىشىمچە ئۇيغۇردا ئايال مايلامچى يوق، خەنسۇلاردا ئەر ۋە بالا مايلامچى يوق ئېدى. ئايىقىنى مايلىتىدىغانلارنى كۆزەتكىنىمدە، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئاساسەن كوچىدا ئاياق مايلاتمايتتى. بۇ يەردە ئۈنسىز بىر ھۆرمەتنىڭ قەدىرلىنىۋاتقانلىقى مېنى سۆيۈندۈرەتتى. ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ ئاياق مايلاپ بولسىمۇ ھالاللىق بىلەن ئاياللىرىنى بېقىشى، پۇل ئۈچۈن ئاياللىرىنى خەققە تەلمۈرتمەسلىكى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ ھەرقانچە باي بولسىمۇ قېرىنداشلىرىنىڭ غۇرۇرىنى سۇندۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇلارغا پۇت سۇنۇپ غادايماسلىقى مىللتىمىزدىكى ئېسىللىقنىڭ پاكىتى ئېدى. لەنجۇدا كۆرگەن بىر ئىش قەتئى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. يامغۇر قاتتىق ياغقان بىر كۈنى كوچىدا بىر ئەر-خوتۇن ئازراق گەپ تالاشقاندىن كېيىن خوتۇنى "مەن يامغۇر توختاشنى ساقلىمايمەن، ھاپاش بول، مېڭىۋېرەيلى" دەپلا ئېرىنى ھاپاچ قىلغانىدى.  مەنچە ئۇيغۇر ئەرلىرى كوچىدا ئەمەس، يالغۇز قالغاندىمۇ خوتۇنىغا ھاپاچ بولمايدۇ. خەنسۇلاردا ئايال مايلامچى ۋە موزدۇزلارنىڭ بولۇشى بىزدە بولماسلىقى  ئىككى مىللەتنىڭ ئەر –ئاياللار ھەققىدىكى تونۇشنىڭ ئوخشىماسلىقىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. يۇقارقى ئەھۋالدا ئامېرىكىلىقلار قانداق قىلار بولغىيتى؟ ئەگەر ئۇلاردىمۇ موزدۇز، مايلامچى بولغان بولسا سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن بولاتتىم.

    ئامېرىكىدا كەچلىك بازار يوق. ئېنگىلىز تىلىدىمۇ بۇنداق ئاتالغۇمۇيوق. بىر مىللەتتە مەلۇم ھادىسىنىڭ بار يوقلىقىنى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلىش مۇمكىن. ئۇيغۇر تىلىدىكى بازار دېگەن سۆز ئەزەلدىن كۈندۈزنى كۆرسەتكەن بولۇپ "قاراڭغۇ بازار" دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىدا  ھارام  پايدا ئالىدىغان بازارنى كۆرسىتىدۇ. كەچلىك بازار دېگەن سۆز خەنسۇچىدىن كەلگەن بولغاچقا مەتبۇئاتتا كەچلىك بازار دېگەندىن باشقا ھىچ بىر ئۇيغۇر كەچلىك بازار دېيىشكە كۆنمەي خەنسۇچىسى بويىچە "يېشى" دەيدۇ. بىزدىكى كەچلىك بازار دېگەن گەپ 90-يىللاردا پەيدا بولدى.  ئەسلى ئۇيغۇرلار خەققە قارىتىپ كوچىدا يىمەك يىيىشنى ئېغىر ئالاتتى. ئادەتتە كاۋاپ، نان، سامسا قاتارلىق سۇسىز تاماقلاردىن باشقىلىرى كوچىدا تىزىپ سېتىلمايدۇ. ساتقىلى بولىدىغان شۇ قۇرۇق يىمەكلىرىمىزنىمۇ ھىچ كىم كوچىدا خەققە قارىتىپ تۇرۇپ مالاچلاپ يىمەيدۇ. كوچىدا سېتىلىدىغان سۇيۇق يىمەكلىك لەڭپۇ، لېكىن بۇ بىزنىڭ ئەمەس تۇڭگاننىڭ. دېمەك كوچىدا، ئوچۇقچۇلۇقتا تاماق يىمىگەن ئەجداتلىرىمىز تاماقنى چىرايلىق يەردە، تۈزۈك قاچىدا، شەكلەنمەي ئولتۇرۇپ يىيىشنىڭ ساغلاملىق ۋە مەدەنىييلىكنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان بىلىپ ئادەتكە ئايلاندۇرغان. بۇ بىزنىڭ مەدەنىيىتمىز ئېدى. مانا ئەمدى خەق ئۆگەتكەن "يېشى" دا، كوچىدا تاماق يىيىشكە ئادەتلىنىپ كەتتۇق. 97-يىلى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن تۇققانلىرىمىز "بۇ يەردە 'يېشى' يوقكەن " دەپ نارازى بولغاندا يۇرتۇمنى قالاقتەك كۆرۈپ تەڭ ئاغرىنغانىكەنمەن. 2008-يىلى بىر دوستۇمنى قەشقەرگە ئېلىپ بېرىپ توپا-تۇمان لەيلەپ تۇرغان كوچىدا سېتىلىۋاتقان قويۇق سۇيۇق تاماقلارنى كۆرۈپ  ئون يىللىق تەرەققىياتتىن تاڭ قالدىم. سۆيۈنگەن يېرىم ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقلارنى ئاپئاق داكا بىلەن ئوراپ قويۇشى ئىچكىرىدىكى "يېشى" لاردىن پەرقلىق  كۆرۈنەتتى.

    ئامېرىكىدا ھەممە دۇككاندا ھاراق يوق. ئامېرىكىدا ھاراق ساتىدىغان دۇككانلار مەخسۇس ئىجازەتنامە ئالغان بولىدۇ. خالىغان كىشىنىڭ ئۆزى خالىغان يەردە ھاراق سېتىشى چەكلەنگەن. ھاراق سېتىۋالماقچى بولغانلارمۇ چوقۇم رەسىملىك كىملىك كۆرستىشى كېرەك. قانداق كىشىلەرنىڭ ھاراق سېتىۋالسا بولىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق قانۇن بار. ھاراق سېتىلىدىغان كۇلۇپلارغىمۇ كىملەرنىڭ كىرىشى، قانچە گرادوستىكى ھاراقلارنىڭ سېتىلىشى ھەققىدە قانۇن بار. بىزنىڭ مەكتەپتە ئۇچ تاللا بازىرى بار، لېكىن ئىچىدە ھاراق ئەمەس تاماكىمۇ يوق. مەكتەپنىڭ ئەتراپىدا كېچىلىك كۇلۇپ يوق، ئويۇنچۇقخانا، قىمارخانا، تورخانا يوق. (ئامېرىكىدا تورخانا يوق) جوڭگۇدىكى مەن ئىشلىگەن ئالى مەكتەبلەرنىڭ ئەتراپىدا مۇشۇنداق يەرلەر بارئېدى، بەزىلىرى ئاشكارە بەزىلىرى يوشۇرۇن . بىزدە بۇنداق ئىشلارغا دائىر قانۇن يوق. قانۇن بولغان تەقدىردىمۇ ئىجراسىنىڭ تايىنى يوق.

    ئامېرىكىدا جوڭگۇنىڭ مېلىنى ساتمايدىغان چوڭ تاللا بازىرى يوق. جوڭگۇنىڭ ئەرزان ماللىرىنى بىلمەيدىغان ئامېرىكىلىق يوق. جوڭگۇلۇق يوق شەھەر ۋە ئالى مەكتەپ يوق، ئالدامچىلىق سەۋەبىدىن جوڭگۇلۇقنى قوغلىمىغان مەكتەپ ئاز. جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلاردىن  بۇرۇن ئالغان نەتىجىسىنى ئامېرىكىدا ئالالايدىغانلىرى بەك ئاز. مەكتەپلەر ئۇلارنىڭ ئىلگىركى ئېنگىلىزچە نەتىجىسى ھەرقانچە يۇقۇرى بولسىمۇ بىۋاستە دەرسكە كىرگۈزمەيدۇ، قايتا ئىمتىھان ئالىدۇ، نەتىجىدە كۆپىنچىسى جوڭگۇدا ئالغان نەتىجىنى ئالالماي ئېنگىلىزچە ئۆگىنىدۇ. مەن ئامېرىكىدىكى جوڭگۇ ماللىرىنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ  تىجارەت قىلىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىمەن. جوڭگۇدا  ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن كىيىم كىيىپ باققان ئۇيغۇر يوق. (ئامېرىكىدا ئۆزىدە ئىشلەنگەن كىيىمنى تېپىش ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. قارىغاندا ئامېرىكىلىقلار قول ئىشى تەلەپ قىلىدىغان بۇنداق ئەمگەكلەرنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۆتۈنىۋەتكەن ئوخشايدۇ). بىزدە چەتتىن كىرگەن مال قىممەت، ئامېرىكىدا چەتتىن كىرگەن مال ئەرزان بولۇپمۇ تېخنىكا تەلىپى يۇقىرى بولمىغان تاۋارلارنىڭ شۇنداق.  بۇ سېلىشتۇرمىغا ئاخىرىدا بىرلا نەرسىنى قوشساق مەسىلە ئايدىڭ بولىدۇ. جوڭگۇدا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكىسىز داۋام قىلالايدىغان يۇقۇرى تېخنىكا شىركىتى يوق. جوڭگۇدا ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ۋىندوس، مەكىنتاش يۇمشاق دىتالىنى ئىشلەتمەي كومپىيوتىر ئىشلىتەلەيدىغان ئادەم يوق. جوڭگۇدىن توننىلاپ كىرىۋاتقان مالدىن كىرگەن پايدا، ئامېرىكىدىن چىققان بىر سەر كەلمەيدىغان تېخنىكىلىق ئۈسكۈنە ياكى بىر يۇمشاق دىتالنىڭ ئالدىدا ھىچ نېمە ئەمەس. جوڭگۇدىن  كېلىۋاتقان بايلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكىغا تۈرلۈك يوللار بىلەن ئېلىپ كىرىۋاتقان پۇلىنىڭ ئالدىدا جوڭگۇنىڭ ئەرزان تەقلىدي ماللاردىن قىلىۋاتقان كىرىمى تايىنىلىق گەپ. ئامېرىكىلىق ئىنجىنىر بىر سائەتتە لايىھەلىگەن بىر سىخىمىنىڭ پايدىسى مىڭ جوڭگۇلۇق ئىشىچى بىر يىل تىككەن كىيىمدىن ئېشىپ چۈشىشى چوقۇم. شۇڭا بىلىم كۈچ، بىلىم پۇل دېگەن گەپ مۇشۇ يەردە ئىسپاتلىنىدۇ.


    سۇنىڭ قېشىدا، ئوتنىڭ تېشىدا


              ئۇيغۇرلار ئاجايىپ مىللەتبىز، ئۆلۈمگىمۇ چاخچاق ئالغاچ بارىدىغان، يىغلىسىمۇ ئاھاڭغا سېلىپ، قوشاق قاتىدىغان. قېرىنداش تۈركىيە تۈركلىرى ئۇيغۇردىكى بۇ سەنئەت تالانتىنى ھازىرقى سىياسىي تۇرمۇشقا تەدبىقلاپ، نامايىشنى قۇشاقتەك رېتىملىق، ئاھاڭدار شۇئارلىرى بىلەن ئەۋجىگە چىقىرىشىدۇ.. مەنچە قانچە قېتىملىق  تارىخىي قىرغىنچىلىق، پىشكەللىك ۋە مەھرۇملۇقلاردىن ئامان قالغان مىللەتنىڭ خاراكتىرىدە بۇنچىلىك ئۆزگىچىلىكنىڭ بولۇشى تاساددىپىلىق ئەمەس، ئەلۋەتتە. مەن بىلىدىغان تىللاردا ئوت ھەققىدىكى سۆزلەر ئۇيغۇرچىدىكىدىن ھەم ھەم ئاز ھەم رەڭسىز. ھاياتنى ئوتتەك قىزغىنلىقتا سۆيگەن بۇ مىللەت ئاشىقلىق، قەتئىيلىك، جاسارەت، پىداكارلىق، مەردانىلىك، ھالاللىق قاتارلىق خىسلەتلەرنى ئوتقا ئوخشۇتۇپ نۇرلاندۇرۇپ ئۆگەنگەن. ئوت ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىسا لاۋۇلداپ تۇرىدىغان مۇھەببەت ئىچىدە ئۆتۈشنى ئارمان قىلىدىغان، ئۆلسە يۈرەكنى لەختە قىلىدىغان ئازاپتا جان تەسلىم قىلىشقا تەشنا مىللي خاراكتىرىنى يورۇتىدىيغان كۆڭۈلدىكىدەك تەمسىل بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئوت ئۇيغۇر ئەجداتلىرى تەرىپىدىن ئۇلۇقلىنىپ كەلگەن بولۇشى ئىھتىمال. ئۇيغۇرلار يۈرەكلەردىكى مۇھەببەت ئوتلىرى تېخىمۇ ئۇلغايسۇن دەپ تويلاردا گۈلخان ياقىدۇ. ئوت كۆيگەن ئوچاقنى ھاياتلىق مەنبەسى دەپ تونۇغاچقا بىرسىنىڭ يامانلىقىنى "ئوچۇقىنى ئۆرىمەك " دېگەن ئىبارە بىلەن بايان قىلىدۇ. بوۋىلار ياققان ئوت ئۆچمىسۇن دەپ مىيىت چىققان ئۆيدە قىرىق كۈن چىراق ياقىدۇ. بىر قىسىم ئاغرىقلارنى ھەسەت ئوتلىرىدىن بولىدۇ دەپ قاراپ  « ئوت كۆچۈرىدۇ»، ئوتنىڭ داۋامى بولغان كۈلگە تۈكۈرۈشنى، تەرەت قىلىشنى يامان كۆرىدۇ. ر بالىلىرىغا ئوتىنى ئۆچۈرگەن مەختۇمسۇلانىڭ پاجىيەسىنى ئەۋلاتمۇ ئەۋلات سۆزلەپ ماڭىدۇ. ئەڭ مەينەت نەرسىنى چوغ چايقاپ يۇيىدۇ. خەقلەرنىڭ نەزىرىدىكى  قەدىرسىز پەرۋانە ئوتقا ئۆزىنى ئۇرغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ قەلب تۆرىگە ئورناشتى. ئوت ئىچىدە ياشايدىغان سەمەندەر نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئىلھام ئاسمىنىغا يۇلتۇز چاچتى. ئوتتا بەش يۈز يىل كۆيۈپ پاكلانغان قەقنۇستەك ياشاش ئۇيغۇرنىڭ يارقىن ساداسى، يۈرەك نىداسى بولۇپ ياڭرىماقتا. ئاڭلاڭ « قېقنۇستەك تۆرەلسەمتىم» دەپ مۇڭ تۆكىدۇ گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ناخشىچى گۈلقىز مۇخپۇل.
             ئۇيغۇر دۇنياسىنى يىغا-زارە قاپلىغان شۇ كۈنلەردە بوۋىلارنىڭ «ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيگەندىن تېشىدا كۆيگەن يامان» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى تولۇق ھىس قىلدىم ۋە بوۋىلاردىن قالغان تۈمەن خىل مەنە ۋە شەكىلدىكى ئوتلارنىڭ تېشىدا قىلدەك تولغاندىم.  تىلىمىزدىكى بىچارە سۆزى ئەسلى پەقەت چارەسىز مەنىسىدە بولۇپ ھازىر بۇ سۆز بىر ئادەمنىڭ ھەممە جەھەتتىن زىيادە ئاجىز ھالىتىگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ. قارىغاندا ئىنساننىڭ چارىسىز قالغاندا ئەڭ ئاجىز مەخلۇققا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ زامان نەيرەڭلىرى ۋە نەيرەڭۋازلىرى ئالدىدىكى بىقوۋۇل، ناتۇۋان ھالىتىنى تەسۋىرلەشكە بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر كەلىمە تاپالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر تىلىمىزدا مەنىسى تەكىتلىنىپ كېلىدىغان سۆزلەردە تاۋۇش تەكرارلىنىدۇ، مەسىلەن، ئاچچىق، قاتتىق، قىممەت، ئۇششۇق، دەششەت... مۇشۇ قاتاردا بىچارى سۆزىمۇ بىچچارە دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ، بولۇپمۇ بىچچارىلىقنىڭ تەمىنى ئىزچىل تېتىپ كېلىۋاتقان جەنۇپ ئۇيغۇرلىرىدا شۇنداق. ئەمدىلا ئىككى  يېرىم ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىچارە قىزىم ئۈرۈمچىدە يىپ يېڭى بىر جۈملە، « ۋاي، قاچايلى!» نى ئۆگىنىۋاپتۇ. ئۇنىڭ سەبىي دىلىغا  پۈتكۈل جانلىقنى ۋە جانسىزنى بىزگە مەنپەئەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بىز بىلەن تەڭ مەۋجۇد بولغانلىقى، ئۆلۈمىمىز ۋە ھاياتىمىزغا ھەمراھ بولغانلىقى ئۈچۈنلا سۆيىدىغان روھنى سىڭدۈرۈشكە نىيەت قىلغانىدىم. قورقۇنچتىن يۈرىگى زىدىلەنگەن بۇ مەسۈمگە ئارمانلىرىم ئۇلىشالارمۇ؟ پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا قورقۇنچ ئەقىلنى تورمۇزلايدۇ، ھىسسىياتنى بىنورماللاشتۇرىدۇ، قاشاڭلاشتۇرىدۇ. ئەنگىلىيىلىك پەيلەسوپ، ماتېماتىك بروتانت راسسىل قورقۇنچ ئىچىدىكى ئىنساننىڭ ئىنسانچە تەپەككۇر قىلىدىغانلىقىغىمۇ ئىشەنمەيدىكەن. بوۋىلىرىمىز كېسەلنى بەرگەن ئاللاھ شىپاسىنى قوشۇپ بېرىدۇ، دەپ ۋەسىيەت قىلىشقانىكەن. ئۈمىتسىز شەيتان. ياشاش ئۈمىدى، مەۋجۇدلۇق ئىھتىياجىدىن باشقا پىلانلارغا چارەسىز قالغان مەندەك ئىنسانغا تۇپرىقىمىزدا ئوتتەك قۇياشنىڭ ئىجازەتسىز، تەستىقسىز چىقىۋاتقىنى ئەڭ چوڭ تەسەللى. لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتا پىشقان ناننى چوغلۇق لىگەندەك قۇياشقا ئوخشۇتۇپ يۇمىلاق ياققان بوۋىلىرىمىز ئوت- قۇياشتىن ئۈمىت ئۈزمىگەنىكەن. خەيرىيەت! ئاسماندىكى ۋە داستىخاندىكى تەۋەرۈك قۇياشلىرىمىز ئامانلا بولسا، يارىلىشتىن بېرى قۇياشنى قوغلىشىپ كېلىۋاتقان بۇ قەۋمنىڭ مەندەك بىچارە پۇشتى يەنە قۇياشلىق كۈنلەرنى باغاشلار.
           مەكتەپكە يېڭى كەلگەن ئىيۇننىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە ئۇيغۇرنى بىلىدىغانلىقى بىلەن ماڭا سۆيۈملۈك تۇيۇلغان بىر شوپۇر، بىر دىھقان، ۋە بىر ئوقۇتقۇچى ھازىرغىچە مەن بىلەن سالاملىشىپ قويىدۇ، لېكىن چىرايىدىكى دەسلەپكى ئالقىش تەبەسسۇمىنىڭ ئورنىغا تەڭقىسلىق ۋە  ئىنسانلىقىمنى ئىنكار قىلىدىغان ئىچ ئاغرىتىش ئالماشقان. مەن مۇسۇبەتلىك كۈنلىرىمدە تۈمەن ھەسسىلەپ كۆپەيگەن ئىچ ئاغرىتىش ئىپادىلىرى ۋە ئىبارىلىرىگە شۇ قەدەر ئۆچ بولدۇمكى ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپلا بىرىنچى تىلىكىم باشقىلارنىڭ ماڭا ئىچ ئاغرىتماسلىقىنى تىلەش بولدى. مەن نېمىشكە بۇنچىلىك ئىنسانلىق ھىسسىياتىتىنمۇ  بىزار بولىمەن؟ چۈنكى ھىسىداشلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىش مېنىڭ بىچارىلىقىمنى تېخىمۇ ئاشكارلىلايدۇ، مېنىڭ تېخىمۇ ئاجىز، قىممەسىز، زەبۇن ھالىتىمنى ماڭا ئىتىراپ قىلغۇزماقچى بولىدۇ، ھاياتتىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغىنىم بولغان  مەۋجۇدلۇقۇمنىڭ ئەھمىيىتىنى بەرباتلىققا سۆرەيدۇ. ئوتقا، ئىسسىققا ئاشىق بىر ئۇيغۇرغا بىىچارىلىقنى ئىتىراپ قىلغۇزۇشنىڭ ۋەھىمىسىنى بۇ سۇغا، سالقىنغا خۇشتار ئامېرىكىلىقلار بەلكى مەڭگۈ ھىس قىلالمايدۇ.
          ئۇيغۇرنىڭ ئوتقا، ئىسسىققا بولغان مۇھەببىتى تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىن تەپچىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر بىر بىرىگە مەيلى بارلارنى « ئىسسىق ئۆتۈشۈپتۇ» دەپ ئىپادىلەيدۇ، بىر ئۆيگە كىرىپ بىللە ياشىيالمىغانلارنى «ئۆيى ئىسسىمىدى» دەيدۇ، مۇھەببىتى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلەرنى « ئارىغا سوغۇقچىلىق چۈشتى» دەپ ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتىدە بەدەننى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلىك ئاجىزلىقنىڭ بىشارىتى. ئۇيغۇرلار سوغۇقلۇق ۋە سۇنى بەدەننىڭ كۈچىنى خورىتىدىغان كۈشەندە دەپ قارايدۇ. شۇڭا يازلىرى تېمپىراتۇرا قىرىق گرادۇستىن چۈشمەيدىغان تۇرپاندىمۇ ئۇيغۇر ئۇسسۇلۇقىنى قىززىق چاي بىلەن قاندۇرىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ بەدەنلىرىنى شۇنچە ئىسسىق كىلىماتلىق تۇپراقتا نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئوچۇق قويماي ئوراپ يۈرىشى، يالىڭاچلىقتىن پىنھان قالغاندىمۇ ئۇيىلىشى، ئىسسىقلىق__ بەدەندىكى قۇۋۋەت بىلەن مۇھەببەت__ روھتىكى قۇۋۋەتنى مۇھاپىزەت قىلىش سەۋەبىدىن بولغان. ئۇيغۇر كۆرۈنمەس ياراتقۇچىنىڭ قۇدرىتىنى « پاختىغا ئوراپ چوغ ساقلايدۇ» دەپ سۈرەتلەيدۇ. بۇ يەردىكى چوغ، مۇھەببەت بولۇپ ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى؛ بۇ يەردىكى چوغ ھاياتلىق بولۇپ تەڭرىنىڭ مەرھىمىتىدۇر. ئۇيغۇر مۇقەددەس بىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇلۇغلۇق ۋە مېھىر  لىباسقا ئورالغىنى ئۈچۈن جەلىپكاردۇر، مۇقەددەستۇر، دەخلىسىزدۇر. ئۇيغۇرنىڭ نەزىرىدىكى گۈزەللىك ئاشكارە - ئوچۇقلۇقتا بەربات بولىدىغان ۋە تارمار قىلىنىدىغانلىقى بىلەن ئۆزگىچىدۇر، سۆيۈملۈكتۇر. بىزنىڭ ئوتقا باغلانغان چۈشەنچىمىز ۋە ئادەتلىرىمىز ئامېرىكىلىقلارنىڭ سۇغا، سالقىنغا بولغان چۈشەنچىسى بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ تىلىدا «سالقىن» دېگەن سۆز  پەيزى، قالتىس، لىۋەن، گۈزەل، ئاجايىپ دېگەندەك مەنىلەردە مودا قىلىپ قوللۇنىلىدۇ.بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلىمىدە لاۋۇلداپ تۇرغان " ئوت"تەك كۆرۈنگەن لىۋەن قىزنىڭ كۆزلىرى ئامېرىكىلىقنىڭ تىلىدا « سالقىن»  دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. مەن بۇ يازدا ئىككى ئاي سىنىپتىكى ھاۋاتەڭشەكنىڭ زىيادە سوغۇق چىقارغىنىدىن ئاغرىنىپ چىققان بولسام بىزنىڭ مۇئەللىم ھاۋانىڭ تولىمۇ ئىسسىپ كەتكىنىدىن ۋايساپ چىقتى. مەن يامغۇر ياغقان كۈنلىرى دەرىزەمنى يېپىپ قويمىسام يوتقانغا تۈگۈلۈپ كېتىدىغان ھاۋادا بىزنىڭ لاۋرىنسىلىق تونۇشلار ھاۋا تەڭشەكسىز ئوخلىيالمايدىكەن. ئۇلار ھازىرغىچە مېنى ھاۋاتەڭشەك ئالدۇرۇپ بولالماي، ئىسسىقتا قانداق ياشاۋاتقىنىمدىن ۋايىم يەپ ئاۋارە. ئامېرىكىلىقلارنىڭ كولا، ۋىنۇ ۋە ھەتتا مۇزدەك سوغۇق سۇغىمۇ يەنە مۇز سېلىپ ئىچىدىغان بۇ ئادىتىنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى سالقىنلىققا، ئوچۇقلۇققا تەشنا مىجەزىنى بەلگىلىگەن بولۇشى مۇمكىن. ياۋرۇپانىڭ چەكسىز ئورمانلىرى ۋە پايانسىز دېڭىز ساھىلىنى ھايات سەھنىسى قىلغان ياۋرۇپالىقلارنىڭ مەدەنىيەت ۋارىسى ھىساپلىنىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىيىنىش، ھىسسىيات ئىپادىلەش ۋە كۆزقاراشلاردىكى ئوچۇق ئاشكالىرىقى بىزدەك تۇتقىلى بولماس ئوتنى يۈرەكلىرىگىچە ئورنىتىۋالغان مىللەتنىڭكىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. بىز بەكرەك يېقىنلاشساق كۆيدۈرىدىغان ئوتقا-ئىسسىققا مەپتۇن بولۇپ، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇقەددەس تۇيغۇ ۋە مەۋجۇداتقا تەمسىل قىلىپ ياشىساق ئامېرىكىلىقلار ئۈزسە راھەتلەنگىلى، تۇتسا ھوزۇر ئالغىلى بولىدىغان سۇغا-سالقىنغا خۇشتار بولۇپ ياشايدۇ. شۇڭا ئامېرىكىلىقلار لاۋرىنىستەك دېڭىزدىن يىراق شەھەرگىمۇ باش ئايىقىغا ئاران كۆز يېتىدىغان سۈنئى كۆللەرنى پەيدا قىلىشقان. بۇ يەردىكى ئەڭ مەشھۇر كېلىنتون كۆلى ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزگىلەرنىڭ يالىڭاچلىقىدىن، ئاشكارىلىقدىن زوق ئالىدىغان ئامېرىكىلقلار بىلەن تولغان. بىر ئامېرىكىلىق دوستۇم بىلەن ساھىلغا باردۇق. بۇرادىرىم چېنىقىشقا، مۇسكۇل چىقىرىشقا ئۆچ ئاز سانلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىرى ئېدى. ساھىلدىكى مۇسكۇللۇق ئەركەكلەر ۋە بەدەنلىرى تولۇق كەلگەن قىزلاردىن ئۇيالدىمۇ مايكىسىنى سالمايلا سۇ ئۈزۈشكە باشلىدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ماسلاشتىم، ساھىلدا كىيىمى بىلەن سۇ ئۈزگەن ئىككىمىزلا بولدۇق.

    بىزدىكى تۇتقىلى بولماس ئوتقا بولغان مەپتۇنلۇق بىزنى غايىۋى مەنزىل ۋە غايىپ ھاياتقا مايىل مىجەزگە ئىگە قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ ئۆزىدىكى قىممەتتىن باشقا ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ھىكمەت ۋە سىھىرنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئۈندىگەن. ئامېرىكىلىقلاردىكى سۇغا ۋە سالقىنلىققا تەشنالىق ئۇلاردا ھەممە نەرسىنىڭ تۇتقىلى، بىلگىلى بولىدىغان قىسمىغا ئىتىبار بىلەن قارايدىغان، ھوزۇرلىنىدىغان، كۆرۈپ سىناپ بېقىپ ھۆكۈم قىلىدىغان مىجەزىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان. بىزنىڭ خاراكتىرىمىزدىكى ئوتتەك قىزغىنلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ مىجەزىدىكى سۇدەك دولقۇنلۇق ۋە سالماقلىققا رۇشەن سېلىشتۇرما. بىزنىڭ پىكرىمىزدىكى يالقۇن كەبى سەكرەتمىلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ سۇغۇققان تەھلىلىدىن خېلىلا ئۆزگىچە. ماتەملىك كۈنلەردىكى بىر ئوقۇتقۇچۇم بىلەن ئارىمىزدىكى ئۇقۇشماسلىق بەلكىم يۇقارقى بايانلىرىمغا مىسال بولۇشى مۇمكىن.       بېشىمىزغا ھادىسە كەلگەندىن بېرى چىرايىم ئېچىلمىدى، كاللامنى قەتئى يىغالمىدىم، تاپشۇرۇقلىرىممۇ ۋاقتىدا تاپشۇرۇلماي قالدى. بۇنى سەزگەن بىر مۇئەللىم ماڭا بېشىغا مېنىڭكىدەك دەرت كەلگەنلەر بارىدىغان بىر يەرنىڭ بارلىقىنى، شۇيەرگە بېرىپ ئوقۇبەتلىرىمنى تۆكسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بۇ يەرنى خەلقئارالىق بىرەر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ تارمىقى بولسا كېرەك دەپ گۇمان قىلدىم ۋە دەرھال ئۇنداق يەرلەرگە بارسام ماڭا ۋە ئائىلەمنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدىم. مۇئەللىمنىڭ گېپنى بىرسى ئاڭلاپ قالغان بولمىغىيىدى دەپ بەك ئەندىشەلەندىم. كېيىكى قېتىملىق دەرستە مۇئەللىم تىۋىشسىزلا ئالدىمغا بىر ۋاراق قەغەزنى قويۇپ قويىۋىدى ئەتراپىمدىكى خەنسۇ ساۋاقداشلىرىمدىن ئەنسىرەپ تولىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتىم. چۈنكى مەلۇم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇلتۇر جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان شىنجاڭدىكى ئەۋزەل مىللي سىياسەتنى تەشۋىق قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇيۇشمىدىن قوغلانغانىكەن. مېنىڭمۇ ئۇنداق كۈنگە قالغۇم يوق، يوشۇرۇن بىر يەرلەرگە بارغۇم تېخمۇ يوق ئېدى. زادى نېمە بولغىيتتى، دەپ دەككە دۈككىدە ئۆيگە كېلىپ ھېلىقى قەغەزنى ئاچتىم. توۋا، بۇ مەكتەپ پىسخىك داۋالاش مەركىزىنىڭ ئادرىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىكەن. مۇئەللىم ماڭا تولىمۇ دوستانىلىك بىلەن ئەگەر خالىسام مەن بىلەن دوختۇرخانىغا بىللە بېرىشنى تولىمۇ خاھلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىككىلىك خەت يېزىپ قويۇپتۇ. بىچارىلىقمغا كۈلگۈم كەلدى، بەلكى ھېلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ ئىشقا كۈلگىسى ئەمەس مېنىڭ بىنورماللقىمغا ھىسىداشلىقى كەلگەندۇ. ماڭا بىر بۇرادىرىمىز مالايسىيەدە مەلۇم تىل مەكتىپىدىكى بىر ئۇيغۇرئوقۇغۇچىنىڭ نىڭ مۇخپىرنىڭ  ئۇيغۇرچە ناخشا ئوقۇپ بېرىش تەلىبىگە جۇڭگونىڭ دۆلەت مارشىنى، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ بېرىش تەكلىبىگە « شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئەزەلدىن ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن شۇئارنى تەقدىم قىلغىنىنى ھىكايە قىلغىنىدا مەسخىرە قىلىپ تازا كۈلگەنتىم، مانا ئەمدى ئۆزەمنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشنىمۇ، يىغلاشنىمۇ بىلمەي قىينالماقتىمەن.   
            يۇقارقى مىسالدىن مەن ئامېرىكىلقلار بىلەن ئارىمىزدىكى تەپەككۇر پەرقىنى ھىس قىدىم. تۈرك بۇرادەرلەر «شاتلىق سوزلەنگەنچە كۆپىيىدۇ، ئازاپ سۆزلەنگەنچە ئازىيىدۇ» دەپ ئۆيلىرىدە مىھمان قىلغانتى. ئەگەر ئۇيغۇرلار بولسىمۇ دەل شۇنداق قىلاتتى. ئۈرۈمچىدە بولغان بولساق ئاغىنە بالىلار بىلەن بىر چاس سورۇن تۈزۈپ ئۇلارنىڭ ھاراقتىن كېين توسالغۇسىز چىقىۋاتقان مىھىرلىك سۆزلىرىگە چۈمۈلگەن بولاتتىم. تۈرك ئاغىنىلەرنىڭ پەرقى مەست بولماي تۇرۇپمۇ ساڭا ئەڭ مۇھەببەتلىك شۇ سۆزلەرنى ھەدىيە قىلالايدۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاغىنىلەر مەست بولماي تۇرۇپ بىربىرمىزگە "كۆڭۈل چۈشەندۈرەلمەيمىز". ھالبۇكى مەيلى تۈرك بولسۇن ياكى ئۇيغۇربولسۇن ھىچقايسى ساڭا ئامېرىكىلىق ئاغىنەڭدەك پىسخىك داۋالاش مەركىزىگە ئېلىپ بار دېمەيدۇ. قىزىق، بىز ئوتتا__ ئازاپتا كۆيىۋاتقان دوستىمىزنىڭ ئەقلىنى ئوتتەك كۆيدۈرىدىغان ھاراقتا داغلاپ، يۈرەك ۋە نېرىپلىرىنى ئوتتەك قىزىتىپ،  زەھەرنى زەھەر بىلەن داۋالايدىكەنمىز. ئامېرىكىلىقلار سۇدەك تەمكىن مىجەزى بىلەن ئوتنىڭ سىرتىدا قىلدەك تولغىنىۋاتقان دوستىنى دوختۇرخانىغا تەكلىپ قېلىپ مەسىلىنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسىنى كۆرسىتىدىكەن. لېكىن ماڭا ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ ئىلمىيلىكى پەقەت تېتىمىدى. ئوتنىڭ تېشىدا قىلدەك تولغانغان بۇ كۈنلەردە ئاچچىق ئازاپنى ئاچچىق ھاراقتا داغلىغان، غەزەپلەر ئوتتەك چاراسلىغاندا ئىككى ئۈچ مەرتتە ئېتىشىپ، ئەتىسى ھىچ ئىش بولمىغاندەك بىربىمىزنىڭكىدە مىھمان بولۇشقان دوستلىرىمنى قەۋەتلا سېغىندىم. لاۋۇلداپ يانغان گۈلخانغا ئۆزىنى ئېتىپ قەلبىدىكى مۇقەددەسلىككە ئۇلاشقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى، ئاشۇ بالىلىرى ئۈچۈن تونۇردىكى يالقۇنغا باشچىلاپ كىرگەن ئۇيغۇر ئانىلىرىنى كۆزۈمگە سۈرگىدەك بولدۇم.

    ھەقىقەتنىڭ دۆلىتى ۋە مىللىتى

        شەرق مىللەتلىرىدە شەخسنى ئومۇمنىڭ  كۆزى بىلەن باھالاش، كىشىلىك قىممەتنى ئاۋامنىڭ ئىتىراپىغا باغلاش بىر قەدەر ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە. مۇشۇ سەۋەبتىنمىكىن ئۇلاردا يۈز ئابروي قارىشى ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. بولۇپمۇ مەدەنىيەتتە سىرىتنىڭ تەسىرىنى ئىزچىل يىمىرىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاسمىلاتسىيە قىلىپ كەلگەن خەنسۇلاردا بۇنداق قاراش بەك كۈچلۈك. خاسلىقنى، ئۆزگىچىلىكنى سىڭدۈرېتىشكە ماھىر خەنسۇ مەدەنىيىتى دۇنيانىڭ نەرىگە بارسا كىملىكىنى يۇقاتمايدىغان  يەھۇدىلارنىمۇ مىللىي ئاشقازىنىدا يەم قىلىۋەتكەن. بىر قېتىم  دەرسىدىن كېيىن خەنسۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قانچە ئامېرىكىلىق پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئامېرىكىلىقلارنىڭ جۇڭگۇ ھەققدىكى سۇئاللىرىغان پۈتۈنلەي دېگۈدەك خەنسۇ بالىلار جاۋاپ بەردى، مەن بۇنداق سورۇنلاردا كەمسۆز بولۇشقا تىرىشىدىغان بولغاچ سۈكۈتنى ساقلىدىم. ئارىدا بىر ئامېرىكىلىق « جۇڭگۇدا سىتۇدېنتلار مەكتەپتە ئىشلىمەكچى بولسا ئادەتتە نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دەپ سوراپ قالدى. مەن بۇرۇن ئالى مەكتەپلەردە ئىشلىگەن تەجرىبەمگە ئىشىنىپ مۇشۇ بىخەتەر سۇئالغا بولسىمۇ جاۋاپ بېرىپ باقاي دەپ « ئادەتتە تازىلىق قىلىدۇ، بىنالاردا نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ. بىزنىڭ ئۈرۈمچىدە قار كۆپ ياغىدۇ شۇڭا قىشتا قار تازىلايدۇ..» دەپ تېخى گېپىمنى ئەمدى تۈگىتىپ تۇرۇشۇمغا ئۈچ- تۆرت خەنسۇ ساۋاقداش گېپىمگە تۇشمۇ تۇشتىن قارشى چىقتى. ئۇلارچە جوڭگۇدا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئامېرىكىدىكىدەك مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانا، تەنتەربىيە سارىيى، تەجرىبەخانا ۋە مۇزىي قاتارلىق ئورۇنلىرىدا ئىشلىيەلەيدىكەن. ئۇلارچە ئۇنداق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تازىلىق قاتارلىق ئەرزىمەس ئىشلارغا  سالىدىغان ئەھۋاللارپەقەت شىنجاڭدەك تەرەققى قىلمىغان رايۇنلاردىلا قالغانمىش. مەن ئۆزەمنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئىشلىگىنىمنى ۋە بېيجىڭدىكى ئالى مەكتەبتە ئوقۇغانلىقىمنى ۋە شىمالى جوڭگۇدىكى چوڭ شەھەرلەرگە ئاساسەن بارغانلىقىمنى دەپمۇ ئۇلارنى ئىشەندۈرەلمىدىم. مەن خۇددى سەۋەبسىز يالغان سۆزلەپ تۇتۇلۇپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ ئۇلارغا خەنسۇچە يەنە چۈشەندۈردۈم. ئۇلار « بىزمۇ بىلىمىز، لېكىن شۇنداق بولسۇنمۇ دەيلى، سەن نېمىشكە يۈزىمىزنى چۈشۈرۈپ بۇ گەپلەرنى چەتئەللىكنىڭ ئالدىدا دەيسەن. جوڭگۇدا يات بىلەن ئۆزنى ئېنىق ئايرىيىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن. بولۇپمۇ سەن شىنجاڭلىق بولغاندىكىن بۇنداق گەپنى دېمەسلىكىڭ كېرەك. بۇنداق دېسەڭ ئامېرىكىلىقلار شىنجاڭنى تېخىمۇ خاتا چۈشەنمەمدۇ؟ بولۇپمۇ مۇشۇنداق ۋەزىيەت كەسكىن چاغدا گەپ سۆزۈڭگە دىققەت قىلغىنىڭ تۈزۈك...» دېگەنلەرنى تەكىتلىۋىدى ھەيران قالدىم. قايتىپ كېلىپ بۇ گەپنى گۈيجۇلۇق ساۋاقداشقا دەپ بېرىۋېدىم ئۇمۇ « ياتلارنىڭ ئالدىدا ئۇنداق دەپ نېمە قىلاتتىڭ» دېۋىدى، توۋا، دەپ ئولتۇرۇپلا قالدىم. دېمەك، ئەمدى پاكىتنىڭمۇ جوڭگۇلۇق ئۈچۈن دېيىلىدىغان پاكىت ۋە ياتلار ئۈچۈن دېيىلىدىغان پاكىت دەپ ئايرىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىشىمگە توغرا كەلدى. ئىچى ئاداپ كەتسىمۇ تېشىغا پۇرىقىنى چىقارماسلىقتىن ئىبارەت بۇ تارىيخى ئەنئەنە يات ئەللەرەدە تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدىكەندە!. شۇندىن كېيىن جۇڭگۇ توغرىدسىدىكى پاراڭغا خەنسۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئەگىشىپ قويىدىغان بولدۇم. بىر كۈنى يۈكسەك بىرلىك يەنە بۇزۇلۇپ كېتىپ قالدى. مۇشۇ ئاغزىمنى زە... دەرستىن كېيىنكى ئارامدا مۇئەللىم «جۇڭگۇدا قانداق ئېلان جىق ؟» دېۋىدى مەن يەنە ئاقساقاللىق قىلىپ « ھاراق بىلەن دوختۇرخانا-دورىنىڭ ئېلانى دېگەن ساماندەك»  دەپ تاشلاپتىمەن. « نېمىشكە؟» دەپ سورىشىغا « ھاراق ئىچمىسەڭ مۇناسىۋەت قۇرالمايسەن، مۇناسىۋىتىڭ بولمىسا ئىشىڭ ئاقمايدۇ. ھاراقلارنى تەكشۈرىدىغانلارمۇ ھاراق ئىچىپ تەكشۈرىدىغان بولغاچ ساختا ھاراقلار ئادەمنىڭ روھىنى ۋە تېنىنى كېسەل قىلىدۇ، بۇنىڭ بەزىلىرىنى دورا،  يەنە بەزىلىرىنى ھاراق داۋالايدۇ» دەپ تاشلاپتىمەن. مۇئەللىم قاتتىق كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئامېرىكىدا ھاراققا ئوخشاش ئادەمنى خۇمار ياكى مەست قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئېلانى تېلۋىزوردا بېرىلمەديكەن. ئەتراپىمغا ئالاق جالاق قارىۋەتتىم، خۇداغا شۈكۈر خەنسۇ سەپداشلار بەك ئېرەن قىلمىغاندەك. `
          شۇندىن كېيىن پات-پات خيالىمغا مۇشۇ ئىشلار كېلىۋالىدىغان بولدى. نېمە ئۈچۈن پاكىتمۇ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشىپ قالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىچىمىزدىكىنى تېشىمىزغا چىقارماق باشقىلارنىڭ نازارىتىگە مەھكۇم بولىدۇ؟ ئەجەبا ماۋزىدوڭنىڭ ئاممىۋىي پىرىنسىپتا مېڭىش، دېڭشاۋپىڭنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش تەشەببۇسلىرى  ئىككى مىڭ يىللىق يالغانچىلىق، تۆۋەننى قەتلى قىلىپ يۇقۇرىغا خىزمەت كۆرسەتكەن بولۇۋېلىش، ئۆز قەۋمىدىن بولمىغاننى مەڭگۈ گۇمانلىق دەپ قاراش دېگەندەك كىسەللەرگە مەلھەم بولالمىدىمۇ؟ بۇلارنى ئويلىساملا لۇشۇننىڭ نەقەدەر ئۇلۇق زاتلىقى يادىمغا كېلىدۇ. ئۇ جوڭگۇ جەمئىيىتىنى ئادەم يەيدىغان جەمئىيەت دېگەنىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەقىقەتنى مەنپەئەتكە بويۇن ئەگدۈرىدىغان ئاكىيۇلار چوقۇم ئىسلاھ قىلىنىشى، ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ باراۋەرلىكىنى مەڭگۈ ئىتىراپ قىلماي تىزلاندۇرۇش ياكى تىزلىنىشقىلا مايىل مىللىي پىسخىكا دېمۇكراتىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىلىشى كېرەك ئېدى. ئەپسۇس! لۇشۇن تەشەببۇس قىلغان ئىسلاھات يىگىلەپ قالدى. ماركىسىزىمدىن كېيىنكى ئىدولوگىيە  بوشلۇقىغا بەدەل قىلىنغان مىللەتچىلىك ئالدىدا لۇشۇننىڭ مىللەتنى كەسكىن تەنقىدلەيدىغان روھي بويۇن قىستى. پۈتۈن ئىنسانغا ئورتاق بولغان ھاياتنىڭ دەخلىسىزلكى، قانۇنننىڭ مۇقەددەسلىكى، ئاخباراتنىڭ تەرەپسىزلىكى، ئىددىيىنىڭ گۇناھسىزلىقى قاتالىق پىرىنسىپلار مىللەتچىلىككە بويۇن ئەگدى.  ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى پاكىتتىن، ھەقىقەتتىن ئۈستۈن قويىدىغان مىللەتچىلەر ئىنساننىڭ ياشاش ئىھتىياجى، قوغۇدۇنۇش ئىھتىياجى، ئىززەتلىنىش ئىھتىياجى،  قاتارلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان كىشىلىك تەلەپلەرىنىمۇ ھۆكۈمران مىللي مەنپەئەت ئۈچۈن رەت قىلاتتى. مىللەتچىلىكتە مىللي مەنپەئەت بارلىق قىممەتلەرنىڭ تارازىسى. نېمىنى دېيىش ۋە قىلىش ھەقىقەتنىڭ قانداق بولغانلىقىدىن ئەمەس مىللىي ئابرۇيغا، مىللي مەنپەئەتكە قانچىلىك تەسىرى بولغانلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنەتتى.
         يۇقارقى مىللەت مەنپەئەتىنى ھەممدىن ئۈستۈن قويىدىغان ھادىسە بىزدە بەك ئاشكارە يامرىيالمىغان بولسىمۇ، بار. شۈبھىسىزكى بۇ مۇھەببەتتىن  مۇھەببەت تۇغۇلسا، نەپرەتتتىن نەپرەت ئۈنگەندەكلا ئىش. مىسالەن، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئەۋج ئالغان « بىكخام موھىممۇ ئىشەكمۇ» دېگەن ماقالىنىڭ خاھىشىنى مەملىكەتلىك مىللەتچىلىك تۇغقان يەرلىك مىللەتچىلىك دېيىش مۇمكىن.  يەرلىك مىللەتچىلىلەرنىڭ قارىشىدا ئۇيغۇرغا مەنپەئەتسىز بولغان ھەممە پاكىت ۋە ھەقىقەت قۇرۇق گەپ. بۇندىن باشقا قۇددۇس ھاپىزنى ئىككىنچى مەھمۇد كاشغەرى دېيىش، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئمىننى ئىككىنچى پارابى دېيىش، قۇربانجاننى ئەۋلىيا دېيىش، ئالىمجاننى ھاۋادىن يېقىلغۇ ياسىدى دېيىشلەرنىڭ ھەممىسى دەل شۇ؛ يەنى  ئۇيغۇرلار بولسا، ئۇيغۇر ئۈچۈنلا بولسا پاكىت نېمە بولسا بولسۇن، پىرىنسىپ قانداق بولسا بولسۇن ھەق دەپ تۇرىۋېلىش يۇقارقىدەك مەجبۇرىي ئۈندۈرمىدۇر. تۈركىيەدە مۇنداق بىر ئىش بولغانىدىى ھەر ئويلىسام ئاچچىق كۈلۈپ كېتىمەن.
          2006-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىدا تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرىگە مەلۇم ئۇيغۇرنىڭ ساختا دېپلۇم ۋە ساختا ئاجرىشىش خېتى ياساپ تۇتۇلۇپ قالغىنى خەۋەر قىلىندى. بۇ خەۋەر تېلۋىزوردىمۇ بېرىلگەندە بىز بەك بىئارام بولدۇق. تېلۋىزوردا بۇ خەۋەرنىڭ كېچە سائەت ئىككىدە تەپسىلى بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. بىز بىر قانچە قېرىنداش بۇ خەۋەرنى يېرىم كېچىگىچە ساقلاپ ئوخلىمۇدۇق. خەۋەر ئەمدىلا بېرىىلىشكە باشلىېۋىدى مەزكۇر ئۆيدە دوستلىرىمىز بىلەن بىللە تۇرىدىغان بىر تۈرك بالا ئىشىكنى چەكتى، بىز ھەرقانچە دېسىمۇ ئىشىكنى ئاچقىلى ئۇنىمىدۇق. ئۇ بالا بىر مۇنچە رەنجىپ كىرەلمەي بولدى قىلدى. ئۇ چاغدا مەن قىلغىنىمىزنى تامامەن يوللۇق دەپ ئويلىغانىكەنمەن. كېيىن ئويلاپ قالدىم، بىز شۇ قېتىم ئۇنىڭدىن پاكىتنى  يوشۇرۇشنىڭ ئورنىغا پاكىتنى ئاڭلىتىپ، سەۋەبىنى تەشتەببۇسكارلىق بىلەن چۈشەندۈرگەن بولساق، ئۇنىڭ مۇشۇ خىلدىكى مەسىلىنى ئۆزى بىلگەنچە ئىزاھلىشىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ خالىغانچە چۈشەندۈرۈشلىرىگە ئەگىشىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەنمىز. ئەجەبا، بىز ئۆيدىكى بىر تېلۋىزوردىن ئۇ خەۋەرنى كۆرگۈزمىگەنگە ئۇ كۆرەلمەي قالارمۇ؟ مۇمكىن ئەمەس. يەنە بىرى بىزنىڭ شۇ بىر تۈرك (بىزنىڭ شۇ چاغدىكى ئىپادىمىز بويىچە يات) بالىدىن يوشۇرغىنىمىز بىلەن بىز بىلمىگەن نۇرغۇن كىشىدىن يوشۇرۇپ قالايتتۇقمۇ؟ پاكىتنى ئىتىراپ قىلىپ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش ئاقىللىقمۇ ياكى پاكىتنى يوشۇرۇپ خاتا چۈشىنىشكە پۇرسەت يارىتىش ئاقىللىقمۇ؟
          مەنچە پاكىتنىڭ، ھەقىقەتنىڭ،  پىرىنسىپنىڭ، نەزەرىيەنىڭ مىللىيلىكى ۋە دۆلەتلىكى بولمايدۇ ھەم بولماسلىقى كېرەك. ھەممە نەرسىگە ماركىسىزىملىق ، ياكى ...چە ئالاھىدىلىككە ئىگە دېگەن ئىبارىنى قۇشۇپلاۋالسا چېقىلغىلى بولماس مازارغا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ. دۇنيادا ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نۇرغۇن ئورتاق مىزان ۋە قىممەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىمىز پاكىت. بۇ پاكىتلاردىن سۈزۈپ چىقىلغان ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدىلىشى كېرەك. ئازچىللىقلارنىڭ خاسلىقىنى دائىم كۆپچىللىكلەرنىڭ ئومۇميلىقىغا مەجبۇرى سىڭدۈرىۋەتمەسلىك كېرەك.  بولمىسا ئىرغاينىڭ ئېگىلەر سۇنماسلىقى ھەقىقەتنىڭ تەسۋىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ھەقىقەت مىللەت ياكى دۆلەت مەنپەتىگە قاراپ ئېگىلمەيدۇ، ئەگەر ئېگىلسە ئۇ ھەقىقەت بولالمايدۇ.


    رازىيەدىن ئۇيغۇرلار رازى بولارمۇ؟

            ئىيۇلدىن باشلاپ تۈرلۈك كۈتۈلمىگەن ئازاپلاردىن تاشقىرى، كۈتۈلمىگەن تەسەللىلەرمۇ مېنى يالغۇز قويمىدى. قاچانلاردىدۇر توردا تونۇشۇپ قالغان تۈركلەر، ئەزەربەيجانلار، تاتارلار، ھىندونۇزىيىلىكلەر تېلىفون قىلىپ ئەھۋال سورىدى، بۇغداي ناندەك سۆزلىرى بىلەن كۆڭۈل يارامغا مەلھەم بەردى. مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ھاياجانلىق ھىكايىسىنى پەقەت يازماي تۇرالمايمەن.
      2003- يىللىرىغۇ دەيمەن توردىن مۇنداق بىر ھەيران قالارلىق خەۋەرنى كۆرگەن ئېدىم. خەۋەردە بىر ئامېرىكىلىق ئەر-ئايالنىڭ قازاقىستاندىن يېڭىلا بېىۋالغان ئىككى ياشلىق قىزى رازىيەگە ئۇيغۇرچىنى داۋاملاشتۇرۇپئۆگىتىش ئۈچۈن يارىدەم سورايدىغانلىقى يېزىلغان ئېدى. مەن دەرھال خەت يېزىپ يارىدەمگە تەييار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم. بۇ ئىككەيلەن خېتىمدىن شۇنداق خۇشھال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، مىڭ ئەپسۇس، ئۇلار ئامېرىكىدا ئىكەن. ئۇلارغا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، ئۇلارغا يېقىن شىتاتتا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يارىدىمى كېرەككەن.
    ئارىدا بىر ئىككى خېتىگە جاۋاپ يازدىم ۋەتەندىكى بىر قانچە ئۇيغۇرچە تورنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەردىم، لېكىن ھىچ قايسىسىدا توردىن ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش سەھىپىسى يوق ئېدى. بولغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرچە بىلمىگەن ئاتا -ئانا ئۈچۈن ياردەمچى بولالامايتتى. كۈنلەر ئۆتۈپ ئۇلار ھەققىدىكى خاتىرىلەرنى تامامەن ئۇنتۇپتىمەن. ئۈرۈمچىدە ۋەقە بولۇپ كۈنلەر كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ھازا بىلەن ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە، سكايىپ سايراپ قالدى.
    -سالام، ئەنجۈمەن!
    -سالام، كىم بولىسىز؟
    -مەن ئەكىس، سىز ئەنجۈمەن، ھېلىقى ئالى مەكتەپتە ئىشلەيسىزغۇ دەيمەن؟
    -بۇرۇن شۇنداقتى، ھازىر مەن ئامېرىكىدا.
    -مۇباردەك بولسۇن! ئوقۇشقا كەلدىڭىزمۇ؟
    -شۇنداق، رەھمەت. مەن ھازىر كانساستا، تىلشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن.
    -سىز مېنى ئەسلىيەلىدىڭىزمۇ؟ مەن رازىيەنىڭ دادىسى، سىز قىزىمغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتمەكچى بولغانتىڭىز؟ ئىككىمىز 2003-يىلى ئالاقىلەشكەن. سىز شۇ چاغدىمۇ ئامېرىكىدا ئوقۇغىڭىز بارلىقىنى دېگەنتىڭىز. ئاخرى كەپسىزدە!
    - شۇنداق، مەن 15 يىل تەييارلىق قىلىپ ئاخىرى كەلدىم. ئېسىمگە كەلدى، سىز قازاقىستاندىن بىر ئۇيغۇر قىزىنى بېقىۋالغان. قىزىڭىزغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتەلىدىڭىزمۇ؟
    -ئۆگەتتىم ، بۇ تولىمۇ ھاياجانلىق ھىكايە. سىز بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن خەت تاپشۇرىۋالدىم. ئۇيغۇرلار مېنى بەك قوللىدى، رىغبەتلەندۈردى. ئۇلارنىڭ يارىدىمى بىلەن قۇشنا شىتاتتا ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر بالىنى تاپتىم. ئۇ يىگىت قىزىمغا ئىككى يىل ئۇيغۇرچە ئۆگەتتى. ئۇ بالا تولىمۇ تەدبىرلىك بالىكەن. ھەپتىدە ئۈچ سائەت ئۆگەتتى، ئەمما ھەر كۈنى قىزىم ئۈچ سائەت ئاڭلىغۇدەك قىزىقارلىق لەتىپىلەرنى ئاۋازغا ئېلىپ ماڭا تاپشۇردى، مەن ئاۋال رازىيەگە ئاڭلىتىپ بولۇپ،  ئۇنى ئىگىلىزچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئاڭلىدىم.
    -ۋاي بۇ ئاجايىپ تەسىرلىك ئىش بولۇپتۇ، شاتلىنالماي يۈرگەن كۈنلەردە، ھە ئاندىن قانداق بولدى؟
    -ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ يىگىت باشقا شىتاتتىن خىزمەت تېپىپ كېتىپ قالدى، ئاندىن قىزىمغا ئۇيغۇرچىنى ئۆزەم ئۆگەتتىم.
    -قانداقسىگە؟  
    -ئۈرۈمچىدىن دىسنى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان قورچاق فىلىملىرىنى ئەكەلدۈردۈم. ئىنگىلىزچىسىنى ئۆزەم ئالدىن كۆرۈۋېلىپ، قىزىمغا ئۇيغۇرچە فىلىمنى ئىنگىلىزچىغاتەرجىمە قىلغۇزدۇپ ئاڭلىدىم، شۇنداق قىلىپ قىزىم شۇنداق كىرىشىپ كەتتىكى، ھەر كۈنى ماڭا بىرەر كىنۇ تەرجىمە قىلىپ بەرمىسە كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيدىغان ھالغا يەتتى. ھازىر قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچىسى ياخشى. مەن توردىن چۈشۈرۈپ بەرگەن ئۇيغۇرچە كىنۇ ۋە كۈلدۈرگىلەرنى كۆرۈپ ھارمايدۇ.  يېقىندىن بېرى كۈلدۈرگە، ئىتۇت دەيدىغان قىزىقچىلىقلارغا ئاشىق بولدى. ھەراست، ئۇيغۇرچە چاۋسۇ، جوتۇڭ، دىبا،ۋاڭبا، داباۋ، پەيچىسو، فاڭدۇڭ، ماجاڭ، چاۋشى، جوڭبا، مەنباۋ، دابازا دېگەن گەپلەرنىڭ مەنىسى نېمە؟ قىزىم ئابدۇكىرىم ئابلىز دېگەن قىزىقچىڭلارنىڭ ۋىدىيوسىدىن كۆرگەنىكەن، بىلەلمەي قاپتۇ.
    -تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇ سۆزلەر ئۇيغۇرچە ئەمەس، قىزىقچىلىق قىلىمەن دەپ، قوشۇپ قويغان سۆزلەر ئوخشايدۇ.
    -ياق، ئۇنداق ئەمەستەك، كىشىلەر ئۇ سۆزلەرنى ئاڭلىسىلا كۈلدى، ئۇيغۇرچە بولمىسا خەق چۈشىنىپ كۈلەمتى؟
    -ھازىر بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەردە ئۇيغۇرچىغا خەنسۇچە قوشۇۋالىدىغان ئىش بار، راست گەپنى دېسەم، شەھەرلەردە كۆپ ئادەم بۇنداق بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلمەيدۇ.
    -ئەمىسە مەن قىزىمغا قايسى ئۇيغۇرچىنى ئۆگىتىمەن؟  چوڭ شەھەرنىڭكىنىمۇ، ياكى سەھرانىڭكىنىمۇ؟
    -بۇ ئىشلار ۋاقتىنچە، بۇ مودا سۆزلەرنى كىشىلەر قانداق ئاسان ئۆگىنىۋالغان بولسا شۇنداق ئاسان ئۇنۇتۇپ كېتىدۇ. ئەندىشە قىلماڭ.
    -سىكايىپنىڭ كۆرۈنىشىنى ئېچىڭە، بىر بىرىمىزنى كۆرەيلى! قىزىمنىڭمۇ سىز بىلەن مۇڭداشقۇسى بار.
    -سىكايىپ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان توردىكى ھەقسىز سۆزلىشىش دىتالىنىڭ ئىكرانىنى ئاچتىم.
    -ئاق سېرىق، 9-10 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزنىڭ ساغۇچ چاچلىق بېشى كۆرۈندى. ئەنە، ئۇيغۇرنىڭ كۆزلىرى!
    ماڭا قاراڭ رازىيە، مەن سىزنىڭ ئۇيغۇر ئاكىڭىز ئەنجۈمەن.
    -كۆرۈشكەنلىكىمىزگە خۇشالمەن، ئاكا، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئاكا سىزنىڭ بالىڭىز يوقمۇ؟
    -بالام بار، ئەمما بۇ يەردە، ئامېرىكىدا ئەمەس. سىز تولىمۇ بەختلىك ئىكەنسىز، ئاتا- ئانىڭىز يېنىڭىزدا ئىكەن. قانچىنچى سىنىپتا ئوقۇيسىز؟
    -بۇ يىل 3-دەرىجىگە كۆچىمەن.
    _ ھە، ئۈچىنچى سىنىپقا دەڭ! سىز نېمىگە ئامراق؟
    _ مەن ئاتقا بەك ئامراق، چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئېتى بەك قالتىسكەن، ئاكا سىزنىڭ ئېتىڭىز بارمۇ؟ دادم مېنى ئۇيغۇرلارنىڭ قېشىغا ئاپىرىمەن دەپ دايىم ۋەدە بېرىدۇ، ئەمما ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. بىزنىڭ تېخى ئۆيىمىز (ھويلىلىق ئۆينى دېمەكچى)  يوق، ئۆتنە ئالغان (ئىجارە ئالغان دېمەكچى) بىنادا ئولتۇرىمىز. ئۆيۈم بولغاندا ئات باقسامكەن دەيمەن. سىزنىڭ ئېتىڭىز چوڭمۇ؟
    - مېنىڭ ئېتىم يوق، مەن ئاتقا مىنەلمەيمەنغۇ دەيمەن. ھازىر ۋەتەندە ئات ئاز، مىنىدىغان ئادەم تېخىمۇ ئاز.
    - ئۇيغۇرلار ھازىر چىن تۆمۈر باتۇردەك ئات مىنمەمدۇ؟
    - ياق، ھەممە يەر سىمۇنت، ھەممە يەر قاتتىق، ئات ماڭالمايدۇ.
    - ئاكا سىز پىرىزدېنت بولاي دەمسىز؟
    - ياق، مەن ئويلاپمۇ باقمىدىم، مەن بولالمايمەن!
    - نىمىشقا، مەنچە سىناپ بېقىڭ، مەن مەكتەپتە پىرىزدېنت بولدۇم، ( ئامېرىكىدا مەكتەپلەردە شۇنداق تەقلىدى سايلام باركەن ) دادام سىز تۇنجى ئۇيغۇر پىرىزدېنت دەيدۇ، بۇ راستمۇ؟ ئۇيغۇرلاردا بۇرۇن پىرىزدېنت يوقمىدى؟|
    - ئويۇنچۇقىڭىز كۆپمۇ؟
    _ مەن كىچىك  بالا بولمىسام، پىرىزدېنت دېگەنمۇ ئويۇنچۇق ئوينامدۇ؟ سىز مېنىڭ گېپىمگە ئىشەنمەيۋاتسىز؟ مەن راستىنلا پىرىزدېنت، شۇنداققۇ دادا!
    _ قىزىڭىز بىلەن مۇشۇنداق كۆرۈشەلەمسىز؟ قىزىڭىزنىڭ مەلىكە بولغۇسى بارمۇ ياكى پىرىزدېنتمۇ؟ نىمىشقا يىغلايسىز؟ تېلۋىزوردىمۇ كۈندە يىغلىغان كۆرۈنىشنى بېرىدۇ، نىمىشقا بۇنداق ھەممىڭلار يىغلاڭغۇ بولۇپ قالدىڭلار؟
    پەقەت بەرداشلىق بېرەلمىدىم، سىكايىپنى ئۆچۈرۈپ، ئۈنۈمنى قويۇۋېتىپ راسا يىغلاپتىمەن. بىر دەمدىن كېيىن ئەكستىن خەت كەلدى. خەتتە مۇشۇمداق پات پات مۇڭدۇشۇپ تۇرۇش ئارزۇسى تىلغا ئېلىنغان ئېدى.
    بۈگۈن ئەكىستىن يەنە خەت تاپشۇرىۋالدىم. قىزىنى تۈركلەر ئاچقان مەكتەپكە يۆتكەپتۇ. خېتىدە قىزىنى باققاندىن بېرى ھالال گۆش يەۋاتقىنىنى، قىزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىتىقاد قىلىۋاتقان دىنغا ئىتىقاد قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنى تۈرك مەكتىپىگە يۆتكىگەنلىكىنى، رامازاندا تۈركلەرنىڭ قىزىغا قۇرئان ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ رازىيەنى ھەقىقىي بىر ئۇيغۇر قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى يېزىپتۇ. ئۇ خېتىنىڭ ئاخىرىدا « مەن رازىيەنى ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزى قىلىپ تەربىيەلىيەرمەنمۇ؟ ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە رازىيەدىن رازى بولارمۇ؟» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.

    ئامېرىكىدىكى مىھىرلىك رامازان كۈنلىرى

    ئامېرىكىدا رامازان بىر كۈندە باشلانمىدى، تۈرك قارداشلىرىمىز جۈمە كۈنى باشلىدى، ئەرەب بۇرادەرلەر شەنبە كۈنى زوھۇرلۇق يەپتۇ. بىز شەنبە كۈنى كانزاس شىتاتلىق ئۇنۋېرىستىتقا كەلگەن ئىككى ئۇيغۇرۇمىزنى مىھمانغا تەكلىپ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن تۇنجى كۈنى تۇتالماي قالدۇق. مىھمانلارغا گەپ ئارىلىقىدا بۇنى تىلغا ئېلىۋىدۇق، ئۇلار كۈلۈپ كەتتى. ئەسلىدە ئۇلارمۇ شەنبە ئەتىگەن مىھماندارلىققا بارىمىز دەپ روزا تۇتالماپتۇ. يېڭى كەلگەن ئېنىمىزنىڭ ئامېرىكىلىق ياتاقدېشى ئەرەبچە ئۆگەنگەنىكەن، ئۆزىنىڭمۇ بىللە روزى تۇتقىسى بارلىقىنى، روزىنىڭ خاسىيىتىنى ھىس قىلىپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. شۇ كۈنى ئىككى ئۇيغۇر مۇساپىرنى بىر يېرىم سائەت ماشىنا ھەيدەپ يېنىمىزغا ئېلىپ كەلگەن بۇ ئامېرىكىق بالىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق. ئەتىسىدىن باشلاپ روزامىزنى باشلىۋالدۇق، ئەلھەمدۇلىللاھ .

    ئامېرىكىدا مەن ئۈچۈن مۇسۇلمانلىقنىڭ  ئەڭ راھەتلىك، ھوزۇرلۇق كۈنلىرى رامازان، ئادىمىيلىكنىڭ تولۇق چاقنىغان دەملىرى رامازان بولدى. مەكتەپتىكى مەسچىتتە بىرلىكتە يىيىلىدىغان ئىپتار، مۇھەببەتلىك سۆھبەت، مۇڭلۇق قىرائەتكە تولغان تاراۋى نامىزى. بىر بىرىنى مىھمان قىلىۋېلىشقا، بىر بىرىگە يۆلەك بولۇۋېلىشقا تەشنا بۇرادەرلەر توپى. دۇنيانىڭ تۆت بۇرجىكىدىن ئامېرىكىغا بىلىم، ئىستىقبال ئىزدەپ كېلىپ ئۆز ئىتىقادىنىڭ مەمنۇنىيىتى ئىلكىدە ياشاۋاتقان بەختلىك مۇسۇلمانلار، ئامەتلىك ئۈممەتلەر. ئۇلار رامازاننى مەخپىي تۇتۇشنىڭ ئازابىنى، سوغۇق سۇدا، چىراقسىز ياتاقتا تىۋىشسىز زوھۇرلۇق يىيىشنىڭ مۇشكۈلاتىنى  بىلمەيدۇ، خەۋەر تاپقانلىرىمۇ باردۇ، ئەمما ھىس قىالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئۇنداق كۈنلەرنى يېقىن يولاتمىغاي.  قادىر ئاللاھ ئۆزىگە بەندىلىك قىلىشتىن باشقا غايىسى، تىرىكلىكتىن باشقا نىشانى بولمىغان شور پىشانە ئىخلاسمەنلىرىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغاي، شىھىتلەرگە جەننەت، تىرىكلەرگە ئىسەنلىك ئىلتىپات قىلغاي.

    رامازان كۈنلىرى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتتى، كانزاس شەھرىدىكى تۇرك جامائىتىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىگە بىر قانچە قېتىم ئىپتارغا باردۇق. بىر قېتىملىق ئىپتارنى بىر ئەزەربەيجانلىق ئاكىمىز ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ « ئۇيغۇر دېگەن سۆزنى ھەر ئاڭلىسام يۈرۈگۈم ئاغرىيدۇ» دەپ كۆزىگە ياش ئالغىنىنى ھەر قېتىم كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم ئۆپكەم ئۆرۈلىدۇ. تەلىيىمگە بىر ئەرەب كىشى بىلەن خوشنا بولۇپ قاپتىمەن، مەسچىتكە ئىپتارغا بارالمىغان كۈنلەردە بىرلىكتە ئىپتارقىلدۇق. قىزىق يېرى رامازان جەريانىدا بۇ كىشىنىڭ ئىنگىلىزچىنى سۇدەك سۆزلەديغان بالىلرى ماڭا پەقەت ئەرەبچىلا گەپ قىلدى. ئۇلار تولىمۇ خۇشال، ماڭا سۆزلەپ ھارمايدۇ، مەنمۇ بىلگەندەك كۈلۈپ قويىمەن. بۇنداق چاغلاردا ھېيتتا  بالىرىغا  خەنسۇچە گەپ قىلدۇرماي، ئۆزىمۇ گەپلىرىگە قەتئىي خەنزۇ ئارىلاشتۇرماسلىققا تىرىشىدىغان خەنچە ئوقۇغان نەۋرە ئاچام ئېسىمگە كېلىدۇ، بەلكىم بۇلارنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ شۇنى تەلەپ قىلغاندۇ. ئەرەب ئۈچۈن ئانا تىل ئاللاھنىڭ ھىكمەتلىك ئايلىرىدا ئەزىزدۇر. تېشىدا ھېيىت ئوينىغان ئۇيغۇر ئۈچۈنمۇ ئانا تىل ھىيىتلىق نىمەتتۇر، مەرھەمەتتۇر، مۇقەددەس ئاللاھقا باغلايدىغان رىشتەدۇر، ئىماندۇر.
    مەسجىدىمىز رامازان كۈنلىرى تۈرلۈك خوش خەۋەرلەر بىلەن جانلىنىپ تۇردى، ئىمان ئېيتقان ئامېرىكىلىق قىزلار، يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەسىرلىك ھىكايىلىرى بىلەن قەلبىمىزنى ياراتقۇچىنىڭ مېھرىگە تېخىمۇ ئۇلۇق قىلىپ  ئاچتى. مەسجىدىمىزنىڭ قىلغان  يەنە بىر ساۋابلىق ئىشى، مۇسۇلمان ئەمەس ئوقۇغۇچىلارغا چىقارغان رامازان چاقىرىقى بولدى. بۇ چاقىرىققا 500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئاۋاز قوشتى، رامازان تۇتقان ئوقۇغۇچىلار ئىپتارلىق تاماق ۋە مىۋىلەر بىلەن مىھمان قىلىندى. ئۇلارنىڭ رامازان تۇتقانلىقى بىلەن تىجەپ قالغان پۇلى شەھەردىكى خەيرى-ئىھسان جەمئىيەتلىرىگە ئىئانە قىلىندى. تېخىمۇ تەسىرلىك يېرى، ئىپتاردىن كېيىن بۇ روزا تۇتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ناماز ئوقۇشى بولدى، ئۇلار بۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ رامازانلىق پائالىيەتلىرىنى تولۇق تاماملاش، مۇسۇلمانلىقنىڭ تۇيغۇسىنى مۇكەممەل ھىس قىلىش ئۈچۈن ئىختىيار قىلىشقانلىقىنى بايان قىلىشتى.

       رامازاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى مەسچىتتە بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغا بىر مۇسۇلمان دىققىتىمنى تارتتى. گەپلىرى ۋە ئىنگىلىزچە تەلەپپۇزىدىن قارىغاندا ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ئامېرىكىلىقتەك قىلاتتى. (ئامېرىكىدا دۇنيادىكى ھەممە مىللەت دېگۈدەك تېپىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئامېرىكىدا چوڭ بولغان ئامېرىكىلق ۋە كېيىن كەلگەن ئامېرىكلىق دەپ ئايرىش مۇمكىن) قىزىقىپ سورۇدۇم.
    _ سىز ئامېرىكىلىقمۇ؟
    _ ھەئە، بەختىمگە قارشى مەن ئامېرىكىلىق.
    _ نېمىشقا مۇنداق دەيسىز؟
    _ مېنىڭ مۇسۇلمانلار كۆپرەك دۆلەتتە ياشىغۇم بار ئېدى.
    _ نېمىشقا؟
    _ پەرزەنتلىرىمدىن ئەنسىرەيمەن.
    _ قانداقسىگە؟
    _ مەن ئۇلارنى مۇسۇلمانلىقتا ياشاپ بولالماي قالامدىكىن دەيمەن. چۈنكى بىزنىڭ بۇ شەھەردە مۇسۇلمانالار بەك ئاز، ئۆيدە ھەرقانچە تەربىيە قىلغىنىم بىلەن ئەتراپتا، جەمىيەتتە پەرزەنتلىرىمنى باشقا ئېقىملارغا ئەگەشتۈرىدىغان ئامىللار كۆپ.
    _ مەنچە ئۇنداق بولۇپمۇ كەتمەس، مۇسۇلمانلار كۆپ جەمىيەتتىكى مۇسۇلمانلارمۇ پۈتۈنلەي ئۆز مەدەنىيىتىدىن بەھىر ئېلىپ ياشاپ كېتەلمەيدۇ.
    _ سىز قاچان ئىسلامغا كىرگەن؟
    _ مەن ئىسلامغا قايتقىلى 20 يىلدىن ئاشتى.
    _ سىز تولىمۇ توغرا كەلىمە ئىشلەتتىڭىز. ئەسلى مەنمۇ توغرا سورىيالماي قاپتىمەن.
    _ ھىچقىسى يوق، بىز مۇسۇلمانلار ھەر بىر ئېغىز سۆزىمىزگىمۇ ئىگە بولۇشىمىز كېرەك، غەيرى مۇسۇلمان زىيالىلىرى ئاغزىمىزغا نېمە سېلىپ بەرسە شۇنى دورىساق بولمايدۇ. مانچە ئادەم مۇسۇلمان بولدى دېگەن خاتا ئىبارە. توغرىسى ئىسلامغا قايتتى بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇسۇلمان يارىتىدۇ. ئاتا ئانىمىز ۋە موھىت قايسى دىندا، قايسى ئىددىيىدە بولسا بىزمۇشۇنداق چوڭ بولىمىز. ئەقلىمىزنى تاپقاندا بەزىمىز ھەققە قايتىمىز، ئەمما كۆپىنچىمىز كۆنگەن خۇيىمىزنى داۋام ئېتىمىز. سۆھبەتكە قېتىلغان ئىرانلىق ئەزەرى دوستۇم، «ماشائاللاھ! مانا بۇ مەن ئاڭلىغان يېڭى گەپ،  بىلىدىغان، ئەمما تەدبىق قىلىشنى ئۇنۇتقان موھىم بىلىم بولدى. بىز ھەمىشە بىلگىنىمىز بىلەن قىلغىنىمىزنى بىرلەشتۈرەلمەي قالىدىكەنمىز. ئىمانىمىزقەلبىمىزدىلا قالىدىكەن، قىلىقىمىزدا زاماندا ئاققاننى، خەققە ياققاننى داۋام قىلىدىكەنمىز. مەن ھېلىمۇ ئۆزەمنى توپا توزۇتۇپ ماڭغان ماشىنا كەينىدىن يۈگۈرىۋاتقان بالىدەكلا ھېس قىلىمەن. ماشىنىنى كۆرگۈم بار، چۈنكى ئېڭىمدا ئۇ مەن كۆرۈپ باقمىغان يېڭىلىق، تولۇقراق  كۆرۈشكە قادىر بولالمايۋاتقان تەرەققىيات. ماشىنىنىڭ رولچىسى مېنى تونۇمايدۇ، تونۇشىنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. ئۇ پەقەت مېنىڭ جان جەھلىم بىلەن قوغلاشلىرىمدىن ھوزۇر ئالىدۇ، خوشى تۇتسا يەپ ئاشقان كەمپىتنىڭ قەغەزلىرىنى تاشلاپ بېرىدۇ. مەن دوستلۇرۇم بىلەن ئۇنى پۇل قىلىپ ئوينايمەن. ماشنا يەنە كېلىدۇ، يەنە قوغلايمەن، كەينىمگە قارىسام كۆز يەتكۈسزى بىر توپ ماڭا ئەگىشىپ قوغلاۋاتقان. ئالدىمدا ماشىنا يوق، ئەمما توختاپ قالغۇم كەلمەيدۇ. چۈنكى مەن دېگەن ئەڭ ئالدىدا ئۈزۈپ ماڭغۇچى، ئۇلار ماڭا ھەۋەس قىلىدۇ، مەندىن پەخىرلىنىدۇ، مېنى ئەڭ بۇرۇن ماشىنىغا چىقىدىغان كىشى دەپ تونۇيدۇ، مېنىڭ ماشىنى كۆرۈپ قوغلاۋاتقىنىمغا ئىشىنىدۇ. مەن ئامالسىز قوغلاشنى داۋام قىلىمەن...» سوۋېت ئىمپىرىيىسى بىلەن برتانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ تەقسىم قىلىشى بىلەن تۈركچە سۆزلىشىدىغان ئەزەرىلەر ئىككى دۆلەتكە تەۋە بولۇپ قالغان ئىكەن. سوۋېت پارچىلانغاندىن كېيىن روسلارغا تەۋە ئەزەربەيجان مۇستەقىل بولۇپتۇ. ئەينى چاغدا برىتانىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ئىرانغا تەۋە بولغان ئەزەرىلەر ھازىرغىچە مۇستەملىكە بولۇپ تۇرۇۋېتىپتۇ. دوستۇمنىڭ بۇ نەسىردەك سۆزلىرى تولىمۇ چىن، بەكمۇ تونۇشلۇق ئېدى. ئۇنىڭدىن  «ئىسمىڭ پارىسچىمۇ ؟» دېسەم چىرايىنى سەل ئۆزگەرتىپ « ئىراندا قۇشلارمۇ پارىسچە سايرىشى كېرەكمىدى؟ بىزمۇ ئادەم، بىزنىڭمۇ تىلىمىز بار، مېنىڭ ئىسمىم سەننۇر!» دېگەنلىرىنى ئۇنۇتالمايمەن.
     
        رامازان جەريانىدا بىر بىلىۋالغىنىم، بىز ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى مۇسۇلمانلىرىغا ئەمەس تۈركىيە تۈركلىرىگە ئوخشاش ھەنەپىي مەزھىبىگە مەنسۇپكەنمىز. چۈنكى بىز ئۇلاردەك تاراۋىنى يىگىرمە رەكەت ئوقۇيدىكەنمىز، پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن ئۈنلۈك «ئامىين» دېمەيدىكەنمىز، ئىمامغا سوڭدىشىپلا سالام بېرىدىكەنمىز. بۇ يەردىكى سەئۇدىلىك ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتتىكى شەكىللىرى بىزدىن سەل پەرق قىلىدىكەن. مۇشۇنچىلىك پەرقنى توغرا ھەل قىلماي توقسىنىنچى يىللاردا بىر «ئامىن» نى تېشىدا ياكى ئىچىدە دېيىشنى تالىشىپ پىرقىلەرگە بۆلۈنگەن ساددا قېرىداشلىرىمغا ئاللاھتىن تەپەككۇر، ئىجتاھات تىلىدىم. شۇ تالاش تارتىشلار بولغان زاماندا مەن «ئامىن» نى تېشىدا دېيىشكە مايىل ئىدىم. چۈنكى ياش-بوغۇن بولغاچقا ئىسلاھات-يېڭىلىققا ئىنتىلگەن بولۇشىمىز تەبىئى، ئەمما ئسلاھاتنىڭ شەكىلدىن ئەمەس، مەنىسىدىن باشلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلىشىمىز لازىم ئېدى. قايسى ئىسلاھاتنى چوقۇم، قايسى يېڭىلاشنى ئىمكانىمىزغا، شارائىتىمىزغا بېقىپ قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىزگە شۇ چاغلاردا ئۆگىتىلىشى لازىم ئېدى .
    رامازاندا ماشىنىلىق ئۈچ سائەتلىك  يەردىن كېلىپ، مەسچىتىمىزگە نەزىر بەرگەن ئۇيغۇر ھەمشىرىمىزدىن ئالەمچە رازى بولدۇق، مۇسۇلمان بۇرادەرلەر ئىپتاردا ئۇيغۇر پولوسى بىلەن ئۇيغۇر قوردىقىنى تالىشىپ يەپ كېتىشكەندە، مۇشۇ تائاملارنىڭ ئىجادچىسى بولغان  مۆئمىن ئۇيغۇرۇمغا، ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئەرزىيەتلىرىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان تىرىكلىك تۇتقۇنلىرىغان ۋە ئۆلۈم شاھادەتمەنلىرىگە ئاللاھتىن رەھمەت، ئامانلىق تىلىدىم. ھېيىت نامىزىنى تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۇيغۇر بالىلىرىدەك ھېيىتلىق كىيىملىرىنى كېيىشىپ،دادىلىرىغا ئەگىشىپ كەلگەن تۈرك بالىلىرى بىلەن بىر سەپتە ئوقۇدۇم. قاراڭ، بۇ ئىسلامدىكى ئادىللىقىنى، ئاللاھ ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغان مەسچىتتە كىچىكمۇ، چوڭمۇ، بايمۇ، گادايمۇ ھەممىمىز بىر سەپتە. تۈرك قېرىداشلارنىڭ دۇئادىكى بىرىنجى جۈملىدە «ئى ئاللاھ! ئەزىز ۋەتىنىمىزنى، جانىجان ھۆرلۈكىمىزنى قوغدۇغايسەن...» دەپ خىتاب قىلغاندا كۆزلىرىمدىن ياشلار قۇيۇلدى.دادامنىڭ مېنى كىچىكىمدە ھېيىت نامىزىغا مۇشۇنداق ئېلىپ بارغانلىقى، جامائەتنىڭ نامازدىن بۇرۇنقى سېھىرلىك تەكبىرلىرىدىن غايىپ ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھىس قىلغانلىرىم، چوڭلار بىلەن بىر سەپەت تۇرۇپ ئۆزەمنى چوپچوڭ يىگىتتەك چاغلاپ غۇرۇرلانغىنىم ئېسىمگە كەچتى. بىزنىڭ نەۋرىلەر بۇنداق بەخىتتىن، بۇنداق سېھىرلىك تۇيغۇدىن، دادا بىلەن بىر سەپتە تۇرغاندا ئويغۇنىدىغان ئەركەكلىك مەسئۇلىيەت ۋە غۇرۇردىن مۇستەسنا چوڭ بولماقتا ئېدى. تۈركلەردىمۇ كىچىكلەرگە ھېيىتلىق بېرىدىغان ئادەت باركەن. مەن تەييارلىقسىز كەلگەنىكەنمەن، ھەممە ئادەم كىچىلەرنى چاقىرىپ، يانچۇقلىرىدىن بىر دوللارلىق پۇللارنى بەرگىلى تۇرغاندا بەكمۇ خىجالەت بولدۇم. تەلىيمگە بىر تۈرك بۇرادەر جىقلا پارچە پۇل ئېلىۋاپتىكەن. شۇنىڭدىن پارچىلىتىپ مەنمۇ ھېيىتلىق بەردىم، ئۇيغۇر بالىلىرىدەكلا ئوماق بۇ بالىلار ھېيتلىقنى ئېلىپ رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، قولۇمغا سۆيۈپ قويۇشتى، باشقىلار ئەسكەرتمىسە قولۇمنى ئۇزاتماي تۇراركەنمەن تېخى.(تۈركىيە تۈركلىرىدە كىچىكلەر چولڭلارنىڭ قولىغا سۆيۈپ كۆرىشىدۇ.)

    چىگرىنىڭ چېكى ۋە مەدەنىيەتنىڭ پايانى

    ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي تۈركچىنى شۇنداق ياخشى سۆزلەيدىغان بىر پروفېسسۇر بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. تۈرك دوستۇم مېنى مېھمانغا چاقىرغاندا ئۇنىمۇ بىللە چاقىرغانىكەن. ئۇ ئايال ئىسلام تەسەۋۋۇفى، كامىروندىكى بەربەر قەبىلىسىنىڭ تىلى قاتارلىق تېمىلارنى تەتقىق قىلىدىكەن. يولدىشىمۇ كامىرونلۇق بەربەركەن. ئادەتتە ئامېرىكىدا تەتقىقاتچىلار قايسى مىللەت ھەققىدە ئىزدەنمەكچى بولسا ئاۋال شۇ مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىدىكەن. تەتقىقات جەريانىدا تىل ئۆگنىشنىڭ تەقەززاسىدا مەدەنىيەت ئۆگىنىپ ئاخىرىدا مەزكۇر مەدەنىيەتنىڭ ھەقدارلىرى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ قالىدىغان ئىشلار ئامېرىكىدا ھەيرانلىق قوزغىمايدىكەن.
      بىز سۆھبەت جەريانىدا ئارىمىزدا نۇرغۇن تېمىلارغا ئورتاق قىزىقىش بارلىقىنى ھېس قىلىشتۇق. گەپ تەسەۋۋۇفنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك مىللەتلىرىگە تارقىلىشى، پارىس تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مىللەتلىرىگە تەسىرى ھەققىدە بولۇنغاندا قۇرۇلۇش ئىنجىنىرلىقىدا ئوقۇيدىغان ساھىپخان تۈرك دوستۇم بىراز بىئارام بولدى، ھەمدە سەل گۇمان قىلغاندەك بولۇپ قالدى. چۈنكى، مەن پارىس مەدەنىيتىنىڭ تۈرك مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە تەسىرى مىسالىدا بىزدىكى مۇقام ناملىرىنىڭ ئىچىدە «سىگاھ،، چاھارگاھ،،  پەنجىگاھ» لارنىڭ پارىسچە ئىكەنلىكى، ھازىرقى تۈركچىدىكى «بەياز(ئاق)، قىرمىزى(قىزىل)،سىياھ(قارا)...» قاتارلىق كەلىمەلەرنىڭمۇ پارىسچە ئىكەنلىكنى دەپ ئۆتتۈم. تۈركىيەدە ئاتا تۈركنىڭ تۈركچىنى ساپلاشتۇرغانلىقىنى ئىپتىخار ئىلكىدە ئۆگۈنۈپ چوڭ بولغان بىر تۈرككە مىساللىرىم تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلاتتى، قوبۇل قىلىش ئاسانغا توختىمايتتى. تۈرك دوستلىرىمىز مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەرلىكىگە، ھەرقانداق ئىشتا ئىلغارلىقىغا ئىشىنەتتى. ماڭا بىر ئامېرىكىلىق تۈركلەرنى «بۇنى تۈركلەر قىلالمايسىلەر!» دېسەڭ بەك غەزەپلىنىدۇ دېگەن ئېدى. دېمىسىمۇ شۇ، تۈركىيە مەيلى ئوسمان ئىمپىريىسى زامانىدا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاناھى بولغان تارىخى بىلەن بولسۇن، ياكى ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادىدا دۇنيا بويىچە يىگىرمە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ يىغىنىغا بىر مۇسۇلمان دۆلىتى سۈپىتىدە قاتنىشالاۋاتقانلىقى بىلەن بولسۇن ھەر بىر تۈركنىڭ پەخىرلىنىشگە ئەرزىيدۇ. ئەمما باشقىلار بىلەن ئورتاقلىقتا ياشىغىنىمىز، باشقىلاردىن مەدەنىيەت قوبۇل قىلغانلىقىمىز ئېيتىلسا نىمىشكە بىئارام بولىمىز؟ مەدەنىيىتىمىزدىكى  تەسىرلەر بىزنىڭ تىرىشچالىقىمىز، قوبۇلچانلىقىمىز، ئىجاتچانلىقىمىزنىڭ دەلىلى. باشقىلاردىن قوبۇل قىلىش، ئۆگىنىشنى بىلىش بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى مەنتىقىدە ئىزچىل تەرەقىيپەرۋەرلىك سانىلىدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە بىر مىللەتنىڭ كىمدىن نېمە قوبۇل قىلغانلىقى موھىم ئەمەس، بەلكى قوبۇل قىلغانلىرىنى قانچىلىك ھەزىم قىلالىغانلىقى ۋە شۇ ئاساستا ئۇنى قانچىلىك يېڭىلىيالىغانلىقى  موھىم. مەسىلەن، يۇقارقى ئۇيغۇر مۇقاملىرىمىزنىڭ ئىسمى پارىسچە، مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئىسمى ئەرەبچە ئەمما بۇ مۇقام پارىسنىڭ، مەشرەپ ئەرەپنىڭ ئەمەسقۇ!. تەھقىقكى، ئۇيغۇرنىڭ مۇقاملىرى ۋە مەشرەپلىرى ب د ت غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىردى، دېمەك دۇنيانىڭ نەزىرىدىمۇ، ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدىمۇ مۇقام، مەشرەپ  ئۇيغۇرنىڭ. ئۇنداقتا بۇ يەردە بىر سۇئال تۇغۇلىدۇ. نېمىشقا ئۇيغۇر جاھاننى قايىل قىلغان مۇقامىغا پارىسچە، مەشرىپىگە ئەرەبچە ئات قويىدۇ؟
      يازمىنىڭ ماۋزۇسىنى «چىگرىنىڭ چېكى ۋە مەدەنىيەتنىڭ پايانى» قويدۇق. يۇقارقى سۇئالنىڭ جاۋابى شۇ مازۇدىن باشلاپ يېشىلىدۇ.

    كاللامدا بۇرۇن شۇنداق سۇئاللار قاينايتتى، ئۇيغۇرلار نىمىشقا « تايىنى يوق» ھىندىستاننىڭ كىنوسىنى ھوزۇرلىنىپ كۆرىدۇ؟  ھىندىستان كىنو چولپانلىرىنىڭ رەسىمى نىمىشقا شۇجى تاڭغاندەكلا ھەر بىر ئۇيغۇر قىشلاقلىرىغىچە چاپلىنىدۇ؟ نىمىشقا دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلەردە ئىشلەنگەن ماللار ئەرەبچە خەت يېزىپ قويۇلسىلا ئۇيغۇردا بازارلىق بولىدۇ؟ نىمىشقا ئاسانلىقچە پىرىزدېنتلارنىڭ قەدىمى يەتمەيدىغان قەشقەرگە ئىران پرىزدېنلىرى ۋە تۈرك رەھبەرلىرى پات -پات قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرىدۇ؟ ئۇيغۇرلار ئاچقان ئۈن-سىن دۇكانلىرى ۋە دىسكۇخانىلاردا نىمىشقا روسچە ناخشا ئەۋج ئالىدۇ؟ نىمىشقا كىشىلەر بالىلىرىغا  سادامنىڭ ئىسمىنى قويىدۇ؟ نىمىشقا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەرەبىستان، تۈركىيە ۋە پاكىستانلاردا كۆپ؟ ئۇيغۇرلار نىمىشقا كۆك كۆز سېرىق ئادەمنى "ئورۇس"، «سېرىقتىن ۋاپا كەلمەيدۇ» دەيدۇ؟.
       ئۇيغۇر  زىيالىلارنىڭ ئارىسىدا  ئۇيغۇرنى كەمسىتىش، سۆكۈش، قارغاش ئەيدىز كەبى ئەۋج ئالغان زامانلاردا مەنمۇ بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى خەلقىمىزنىڭ « نادان»لىقىغا  جورۇپ چۈشىنىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ كەلگەن ئېدىم. مۇساپىر بولۇپ، رىيازەت چەككەن دەملەردە، ئاللاھ نىسىپ قىلىپ ئامېرىكىدەك كۆچمەنلەر ۋەتىنىدە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولغان چاغلاردا بۇرۇنقى كاللامدىكى چىگىك ۋە توقۇناق پېتى قالغان مەسىلىلەر ھەققىدە يىراقتا تۇرۇپ قايتا ئويلاندىم. شۇنچە مۇشەققەت چېكىپ ئىزدەپ ئوتتۇرا شەرقلىقلەر ئاچقان دۇكان ۋە ئاشخانىنى كۆرگىنىمدە  ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا يېقىن پۇراقنى سېزىپ  قەشقەر ياكى كۇچادىكى مەلۇم ئاشخانىدا غىزالانغاندەك ھوزۇرلاندىم. تۇيۇقسىز  قايسىدۇر ماشىنىدىن ئاڭلىنىپ قالغان ھىندىچە ناخشا مېنى ۋەتەننىڭ گۈلدەك قۇملىقىغا ئاپىرىپ تاشلىدى. ئىنىمىزگە، ئاكىمىزغا، سىڭلىمىزغا ياكى ئاچىلىرىمىزغا  ئوخشاپ كېتىدىغان تۈركلەر، پارىسلارغا قاراپ بوۋىمىز مەھمۇدنىڭ مىڭ يىل مۇقەددەم « پارىسسىز تۈرك(ئۇيغۇر) بولماس » دېگەنلىكىنى ئەسكە ئالدىم.

    ئاۋام ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سىياسىي چىگرا ھېلىغىچە تولىمۇ ناتونۇش بىر ئۇقۇم. ئۇلار ھېلىمۇ خەلقارا خەۋەرلەرنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت تەۋەلىكى بويىچە مۇخبىردىن ۋە دىكتوردىن باشقىچە چۈشىنىدۇ. كىمنى يېقىن ياكى يىراق كۆرۈشنى، نېمىنى سۆيۈش، نېمىنى ھىمايە قىلىش ھەققىدە رىياللىقتىكى چىگرا-توساقلاردىن ھالقىپ تۇرۇپ ئۈنسىز قارار چىقىرىدۇ. تارىختىن بېرى موڭغۇل ئىگىزلىكىدىن تاكى قارا دېڭىزنىڭ ئۇ قاتلىرىغىچە ئەركىن ياشاپ كەلگەن بۇ خەلق 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە مۇنداق مۇئەييەن بىر سىياسى دائىرىگە قاۋىلىپ باقمىغان. ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە پەقەت مەدەنىيەت پەرقىلا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەقىقى چىگرىدۇر. مەن تۈركىيەدە مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغان. ئېيتىلىشىچە 1960-يىللاردىكى قاچ-قاچتا بىر قسىسم ئاپغان پاسپورتى بار ئۇيغۇرلار ئافغانىستانغا قاچقانىكەن. ئەينى چاغدا بۇلارنى ب د ت نىڭ مۇساپىرلار مەھكىمىسى كۈتىۋېلىپ نەگە يەرلىشىشىنى خاھلىسا شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىكەن. ئۇيغۇر مۇساپىرلار تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننى تاللاپتىمىش. ماڭا دەپ بەرگەنلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئەگەر ئۇلار ئامېرىكا ياكى ياۋرۇپانى تاللىغان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن كۆپ مەنپەئەتلىك بولىمىشكەن. ئەينى چاغدا مەنمۇ بۇ گەپكە قوشۇلغان. ۋاھالەنكى بېشىمدىكى مۇساپىرلىق سەۋداسى يەنە قوزغۇلۇپ ئۆزەمنى ئامېرىكىدا كۆرگىنىمدە ئەشۇ سەرگەدان ئاتىلىرىمىزنىڭ قىلغىنىنى پۈتۈنلەي توغرىكەن دېمىگەن بولساممۇ توغرا چۈشەندىم. ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ياكى ياۋرۇپانى تاللىماي ئۆزىنىڭ مەدەنىيەتتىكى تۇغقان ۋە يېقىنلىرى بولغان سەئۇدى ۋە تۈركىيەنى تاللىشى قانداقتۇر ئۇلارنىڭ نادانلىقى ياكى قالاقلىقى ئەمەسكەن. ھەر قانداق ئىنسان تەبىئىكى، ئۆزىگە دىن، ئۆرپ ئادەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن يېقىن كېلىدىغان كىشىلەر بىلەن ئاسانراق  چىقىشىپ ئۆتەلەيدىكەن، خۇشھاللىقىدىن تەڭ ھوزۇرلىنىپ قايغۇسىنى تەڭ كۆتۈرىشەلەيدىكەن. بىر ئۇيغۇر بىر تۈركىيەلىك تۈرك بىلەن بىرىنچى ئېغىز سۆز بىلەنلا ئوخشاشلىقنى سېزىدۇ. بىر ئۇيغۇر بىر مۇسۇلماننىڭ بىرەر قىلىقىدىنلا ئورتاقلىقنى ھىس قىلىدۇ. بۇ خىل ھىس تۇيغۇلار ئىنسانلارنى بىر بىرىگە تەبىئى يېقىنلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن، بىر كۈنى بىزنىڭ بىر مۇئەللىم گەپ ئارىلىقىدا دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنى ساناپ كېلىپ سىنىپتىكى ئەرەب بالا بىلەن ماڭا قاراپ« سىلەر ئەلجەزىرە تېلۋىزىيەسىنى ھازىرمۇ كۆرەلەۋاتامسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئوقۇتقۇچىمىز مېنىڭ جوڭگۇدىن كەلگەنلىكىمنى بىلىدۇ، نىمىشقا سىنىپتىكى باشقا خەنسۇ بالىلاردىن سورىماي مېنى ئەرەب بالا بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ سۇئال سورايدۇ؟ مەن بۇنى مۇئەللىمدىن سورۇدۇم. ئۇ ئەلجەزىرە تېلۋېزىيىسىنىڭ گېپى چىققاندا ئەرەب بالا بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرىمىزدىن قىزىقىش ئىپادىلرىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. سىنىپتا باشقا ئەللەردىن كەلگەن بەزى ساۋاقداشلارنىڭ قىلىقلىرى ياقمىسا ئەرەب بالا بىلەن ئىككىلىمىز تەبىئىلا بىر بىرىمىزگە قارىشىپ قالىمىز. ھەتتا ئىككىمىزنىڭ ئىڭگىلىزچە تەلەپپۇزىمىزمۇ يېقىنلىشىپ قالىدىكەن.خوشنا شىتاتقا ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئوقۇغان بىر ئۇكىمىز كېلىپلا مەكتەپتىكى مەسجىدكە بېرىپ تۈرك بالىلار بىلەن تونۇشۇپ، تۈرك ئاشخانىلرىدىن تاماق يەپ غېرىپلىقتىن ئۇزاق ياشاپتۇ. مەزكۇر مەكتەپكە كەلگەن يەنە بىر خەنچە ئوقۇغان قىز خەنسۇلار ھېلىقى ئۇيغۇر بالىنى تېپىپ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمىگىچە ئۇنى ئىزدىمەپتۇ. ئۇيغۇر ئېنىمىز ئۇ قىزنى ئىككى ھەپتە ياتىقىدا تۇرغۇزۇپ باشقا بىر شەھەردىكى تۇغقىنىنىڭ قېشىغا يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. مېنىڭ ئىككى بېنگال خوشنام بار، بىرى مۇسۇلمان يەنە بىرى ئەمەس. مۇسۇلمان بېنگال خوشنام ئۆزىنى ئۆز مىللىتىدىن بولغان تام خوشنىسىدىن مېنى ياخشى كۆرىدۇ. جىددىي يارىدەم لازىم بولسا بېنگال مىللەتدېشىغا دېمەي ماڭا دەيدۇ.


    رامازاندا بىر لىۋىيەلىك مۇسۇلماننىڭ ئۆيىگە ئىپتارغا تەكلىپ قىلىندىم. ھەيرانلىقتا شۇنى بايقىدىمكى، ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە بۇرۇن بار ۋە ھازىرمۇ قىسمەن بار بولغان ئىۋرىق، پالاز، تەكىي دېگەنلەر شىمالى ئافرىقىدىن كەلگەن بىر ئامېرىكىلىق ئەرەبنىڭ ئۆيىدىمۇ باركەن. تاماق تارتىلغاندا بىزنىڭ سامبۇسىغا ئوپمۇ ئوخشاش بىر يىمەكلىك دىققىتىمنى تارتتى، ئىسمى سامۇسا ئىكەن. بىزنىڭ سامبۇسىنىڭ دەل ئۆزى.
         ئەمدى مۇقاملىرىمىزنىڭ ئىسمىدا نىمىشقا ئەرەب- پارىسچە كۆپ؟ ئۇيغۇر تېبابىتىدە نىمىشقا ئەرەب پارىسچە كۆپ؟ لېۋىيەلىك ساھىپخان بىلەن ئەرەب مۇقاملىرىدىن ھوزۇر ئالدۇق. ئەرەبلەرنىڭ مۇقامى بىزنىڭكىدەك تولۇق ئەمەسكەن ھەم سانىمۇ بىزنىڭكىدىن كۆپ ئازكەن. بىزدىكى بىر قىسىم تېبابەتكە دائىر پەرھىزلەر ئۇلاردىمۇ باكەن. بىزدىكى شىئېلارنىڭ ئاھاڭى بىلەن ئۇلارنىڭ شىئېر ئوقۇغاندىكى ئاھاڭى يېقىنلىشىپ قالىدىكەن. تېخىمۇ قىزىق يېرى بىزدىكى كارىز شىمالى ئافرىقىدىكى مۇسۇلمانلاردىمۇ بارئىكەن.  داستخاندىكى پولۇ، شورپا، سامبۇسا، قۇيماقتىن تارتىپ سۇپىدىكى مۇشۇككىچە نۇرغۇن نەرسىلەردىكى يېقىنلىق ئارىمىزدىكى جۇغراپىيىلىك يېراقلىقنى دەقىقە ئىچىدە يوق قىلىۋېتىدىكەن. دېمەك مىڭ ئىككى يۈز نەچچە يىللىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرغا تەكلىماكاندىن سەھرايى كەبىرگىچە ياپيات نەرسە يوقكەن، ھەممە نەرسە يېقىنكەن، يېقىنلىشىدىكەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ « ئۆزىنى بىلگەن رەببىنى بىلىدۇ» دېگەن ھەدىسىنى بۇلارمۇ بىزدەك چۈشىندىكەن.
          دېمەك بىزدىكى تېبابەت، ئەدەبىيات، مۇقام قاتارلىق خەزىنىلەر ئورتاق ئىسلام مەدەنىيىتىگە باغلانغان بولغاچقا، مەزكۇر ساھەلەردە ئورتاق ئاتالغۇلارنىڭ كۆپلىكى قىلچىمۇ ھەيران قالىدىغان ھادىسە ئەمەسكەن. بۇ خۇددى ياۋرۇپا تىللىرىدا پەن، ئەدەبىيات، تېبابەت ۋە مۇسىكا ئاتالغۇلىرىنىڭ لاتىنچە بولغىنىدەك بىر ئىشكەن. ھازىرقى ياۋرۇپا تىللىرىدىمۇ لاتىنچە سۆزلەر بەك كۆپ. ھازىرغىچە تۈركىيەدە بىز ئۇيغۇر تېبابىتى دەۋاتقان تېبابەتنى ئىسلام تېبابىتى دەيدىكەن. ئەلۋەتتە ئورتاق ئەدەبىيات، ئورتاق پەن ۋە تېبابەتتىن بەھىر ئېلىپ ئورتاق دىندا ياشىغىنىمىز بىزنىڭ ئەرەب ياكى پارىس بولۇپ كەتكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرمەيدۇ ئەلۋەتتە. مەسىلەن، مۇقامنىڭ نامى پارىس-ئەرەبچە بولغان بىلەن ھەر قانداق ئادەم بىرلا ئاڭلاپ ئۇيغۇرنىڭ مۇقامىنىڭ ئەرەبنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. تېبابېتىمىز ئوخشىغان بىلەن شۇ تېبابەتنى ئۆز شارائىتىغا ماس تەرەققىي قىلدۇرغان ھەم ھازىرغىچە ساقلاپ كېلەلىگەن مۇسۇلمان مىللەتتنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئوردۇ ئىكەنلىگىنىمۇ مۇسۇلمان دۇنياسى بىلىدىكەن، ھەم بىلىۋېتىپتۇ.

        مەدەنىيەتنىڭ پايانى بويىچە ئېيتقاندا ئۇيغۇرغا شىمالى ئافرىقىدىن بالقانغىچە، قارا دېڭىز بويلىرىدىن سەددىچىنگىچە، ئالتاي تاغلىرىدىن مۇمباي مەھەلىلىرىگىچە ( بۇرۇن ئۇيغۇرلار مۇمباي دەپ يازغانىكەن، ھازىرمۇ ھىندىستانلىقلار مۇستەملىكچىلەرنىڭ تامغىسى بېسىلغان بومباي سۆزىنى يامان كۆرىدۇ) بولغان توپراقلارنىڭ ھىچ بىرسى يات سانالمايتتى. ئۇيغۇرلار ئۆزىنى بىپايان مەدەنىيەتنىڭ ساھىبى سانىغاچ بىپايان قەلبىگە ئىنسانىيەتنىڭ قېرىنداشلىقى، باراۋەرلىكى ۋە ھەمدەملىكىدىن ئىبارەت قىممەتلىك روھنى تېڭىپ بۈگۈنگە ئۇلاشقان. دىيارىمىزغا كۆچمەن بولغان خەنسۇ تىللىق مۇسۇلمانغىمۇ، موڭغۇل تىللىق لاماغىمۇ، ئەپكەش كۆتىرىپ كەلگەن مۇھتاجغىمۇ تەڭ قۇچاق ئاچقان. ئۇيغۇر نىمىشقا كۆك كۆز، سېرىق چاچنى يامان كۆردى؟ چۈنكى ئۇيغۇرنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى قىرغىز، قازاق، تاتار، ئۆزبېك قېرىنداشلىرى شۇ كۆز كۆز سېرىق چاچلىق روسلارنىڭ زۇلمىدىن قېچەپ ئۇيغۇر توپراقلىرىغا سغىندى. ئۇيغۇر ئۇلاردىن ئۆزى ئەڭ مۇقەددەس بىلىدىغان ئىتىقادىنىڭ قانچىلىك دەپسەندە بولغىنىنى ئاڭلىدى. ئاڭلىمىغانلىرى 30-يىللاردا رۇس ئايرۇپىلانلىرىنىڭ تارىم ئاسمىنىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى قانچە قېتىم قانداق ئوۋلىغانلىقىنى كۆردى، ئاپتۇماتلىرىغا يەم بولدى. ياقۇپ بەگ دەۋردىدىن باشلانغان 80 نەچچە يىللىق توزاق، قىرغىنچىلىق، بۇلاڭچىلىق، سىياسىي نەيرەڭۋازلىق  رۇسلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە يات قىلدى. مەدەنىيەتتىكى پاياننىڭ قسىلىشى ئۇيغۇرنىڭ روھىنى سىقتى، قەلبىدىكى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاقلىقى ھەققىدىكى بۇيۈك تۇيغىلىرىنى زىدىلىدى، ئىنسان نەسلىگە تەپچىپ تۇرىدىغان ئوتلۇق يۈرىكىنى مۇزلاتتى. چىگرىدىكى چەكلەر، چەتكە قېقىلىشلار، يېتىم قالدۇرۇشلار ئۇيغۇرنى ئۆزلۈكىگە تېخىمۇ چىڭ يېپىشتۇردى، ئۇلار ھەممە بارلىقىدا پەقەت ئۆز ئاۋازىنىلا ئاڭلاشنى ئارزۇلايتتى، پۈتۈن تەئەللۇقاتىدا پەقەت بوۋىلىرنىڭلا ھىدى بولۇشىنى تىلەيتتى. شۇڭا بۈگۈن بىز تىلىمىزدىكى ئەرەب- پارىسچە سۆزدىن بىئارام بولىمىز، پاكىستان، ياكى ھىندىستانلىقلارغا ئوخشىغان تەرىپىمىز كۆزىمىزەە سىغمايدۇ. شۇ خەقلەردەك تونۇرغا نان ياقىدىغان، سامسا يەيدىغان، بازارنى بازار، مازارنى مازار دەيدىغانلىقىمىزنى بىلسەك نېمە بولۇپ كېتەرمىز؟ بۇ چىگرىنىڭ رەھىمسىز سۇۋغىسىمۇ؟ مەجبۇرىي ھەدىيە پەقەت  شۇلىمۇ؟ ياق، يەنە نەپرەت، گۇمان، قېيداش، جاھىللىق ۋە ئەسەبىيلىك. مەنچە بۇ رىياللىقنىڭ پەقەت بىر تەرىپى، قىسمەن يۈزى. نەچچە مىڭ يىللىق  بىپايان قەلب ۋەچىگرىسىز تەپەككۇرغا كۆنگەن بۇ قەۋم يەنە مۇتلەق مەنىدە چەكسىز تەپەككۇر ھۆرلۈكى ۋە قەلب كەڭلىكى خىيالىدا ئۈنسىز ياشىماقتا.

     بىز ئۇيغۇر ئۈچۈن مەدەنىيىتىمىزدە مەۋجۇد بولغان باشقا مىللەتلەر بىلەن ئورتاقلىقلار بىزنىڭ بايلىقىمىز ۋە بارلىقىمىزدۇر. ئەمما خوشنا تىلداش ۋە دىنداش خەلقلەر بىلەن ئارىمىزدىكى مەنىۋىي يېقىنلىق ۋە ئورتاقلىق  ئۇيغۇرغا خاس مىللي پاسىلنى ئىنكار قىلماسلىقى كېرەك، ھەم ئىنكار قىلالمايدۇ. مېدىيەلەردە «جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» دېگەنلىك دەل دۇنيانىڭ ئۇيغۇرنىڭ خاسلىقىدىن، توغرىسى ئۇيغۇرغىلا خاس مىللي پاسىلدىن بىخەۋەر قېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ناتوغرا خەۋەردار بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ بىزگە ئارتۇقچە «ياغلىق قاپاقلار» نى يۈكلەيدۇ.  ئاتا بوۋىمىز ياشاپ كەلگەن مەدەنىيەت پايانىدا ياشاش قىسمىتىمىزگە مەنسۇپ بولسا مىللي پاسىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ھازىر ئىرادىمىزگە باغلىق بولۇپ قالدى.بىر مىللەتنىڭ مەلۇم مەدەنىيەتتىكى كەڭلىكتە مەۋجۇدلىقى تارىيخى ۋە رىيال  ھادىسە، مەزكۇر مىللەتنىڭ يۇقارقى مەدەنىيەت كىملىكىنى ئۆزى ياشاۋاتقان سىياسىي چىگراغا توقۇنۇشتۇماي تەكىتلىشىمۇ تامامەن ھەقلىق ۋە مۇمكىندۇر.


    مەتبۇئاتتىكى كۆلەڭگىلەر

    بىر ياۋرۇپالىقنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىتابىدا مۇنداق گەپنى كۆرگەندەك قىلغان.« ئۇيغۇرلار ياۋرۇپادا ئۆز ئىچىدە بىر بىرىگە ئۆز يۇرتى بىلەن تونۇشتۇرۇلىدۇ،   ياۋرۇپالىقلارغا ئۆزىنى ئۇيغۇر تۈرك دەپ تونۇشتۇرىدۇ، لېكىن ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئېسىدە كۆپىنچە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىلا ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇيغۇرلۇقىنى بىلىدىغانلار ساناقلىقلا (ئەلۋەتتە بۇ كىتاب 90 -يىللارنىڭ بېشىدا چىققان، ھازىر بۇگەپلەرنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى چاك باسمايدۇ)». ئەۋەتتە، بۇ يەردە كىمنىڭ  ئۆزىنى قانداق تونۇشتۇرۇش مەسىلىسى موھىم ئەمەس، موھىمى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تونۇشنىڭ پەلەمپەيسىمانلىقى ۋە  مۇجىمەللىكى، شۇنداقلا ھازىر مەتبۇئاتلارنىڭ مۇشۇلارنى تارقىتىۋاتقانلىقىدۇر. ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن جوڭگۇ ۋە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرنىڭ نامى مىسلىسىز تىلغا ئېلىندى.خەلقئارا مېدىيەلەر ئۇيغۇرنى  مەدەنىيەت تەۋەلىكى بويىچە يۇقارقى پەلەمپەيسىمان تونۇش بىلەن تەسۋىرلىدى.  بەزى سەل تەپسىلى خەۋەرلەردە « مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار.... ئۇلار تۈركچە سۆزلەيدىغان جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» دېگەندەك بايانلار ئاساسى سالماقنى ئېگىلىدى. دېمەك دۇنيانىڭ نەزىرىدە بىز ئاۋال مۇسۇلمان دەپ تونۇلدۇق، ئاندىن تۈركچە سۆزلەيدىغانلىقىمىز تىلغا ئېلىندى، ئۇيغۇرلىقىمىز بولسا ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلدى. يەنى بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسانلار بىر بىرىگە باھا بەرگەندە  ئاۋال ئۇنىڭ چوڭ جەھەتتىكى مەدەنىيەت تەۋەلىكىنى بىرىنچى بولۇپ تىلغا ئالىدىكەن، ئاندىن دائىرىنى سەل تارايتىپ ئىككىنچى قەدەمدىكى مەدەنىيەت تەۋەلىكىنى تەسۋىرلەيدىكەن، شۇ مىللەتنىڭ ئەڭ نىگىزلىك مەۋجۇد خاسلىقى ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلىدىكەن. ئەلۋەتتە بۇ يەردە دۇنيانىڭ بىزنى ياخشى بىلمەسلىكىمۇ يۇقارقى پەلەمپەيسىمان تونۇشقا سەۋەپ بولماقتا، ئەلۋەتتە.
         ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتسىز قالغان دۇنيا جامائىتى 2009-يىلى ئىيولدىن باشلاپ خەۋەردار بولۇشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئېنگىلىزچە، ياپۇنچە، فرانسوزچە، ئىسپانچە، ئەرەبچە، پارىسچە، گېرمانچە، ئىتالىيانچە كىتابلارنىڭ بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك بولدى. ئۇيغۇرغا ئالاقىدار  يېزىلىپ نەشىر قىلىنالماي قالغان ياپۇنچە، ئىنگىلىزچە، ئەرەبچە  ۋە تۈركچە كىتابلار كەينى كەينىدىن نەشر قىلىندى. ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن بىرقىسىملارنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيادېكى چوڭ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. بىر قىسىملىرى خەلقئارالىق مۇكاپاتلاغا ئېرشتى. لېكىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ بىلىملەرنىڭ توغرا -خاتىرى ئايرىلىپ،  كىشىلەرنىڭ  كاللىسىغا ئورناپ ئۈلگۈرمىگەچكە جوڭگۇ ۋە دۇنياۋاۋىي مېدىيەلەردە ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە ئۆتمۈشى چالا، قالايمىقان ۋە غۇۋا يوسۇندا ھەر خىل ئىزاھلاندى، ھەتتا  ئىسمىمۇ تولا خاتا تەلەپپۇز قىلىندى،مەسىلەن، بەزىدە  «يۇغۇر»،«يۇغۇرت»،«ۋىيغىر»،«ئۇيگۇر» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالدى. ئاتا مىراس زىمىنىمىزنىڭ ئاتلىرىمۇ ھەرخىل تەلەپپۇز قىلىندى. ئۈرۈمچى شەھرىمىز گەرچە ئۇغۇز بوۋىمىزنىڭ مۇبارەك قىسسەسىدىن ئورۇن ئالغان، قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ  يازلىق ئارامگاھلىرىدىن بىرى بولغان مۇبارەك توپراق بولسىمۇ، دۇنيا ئۇنىڭ ئىسمىنى بەزىدە «يۇرۇمچى»،«ئۇرۇمكى»،«ۋۇلۇمۇچى» دېگەندەك  ئېيتىپ كەلدى. . ئەلۋەتتە، بەزى مىللەتلەرنىڭ نامىمىزغا تىلى كەلمەيدىغانلىقى ئەمەلىيەت، لېكىن ئەڭ موھىمى دۇنيانىڭ ئۇزاق ئەسىردىن بېرى بىزدىن بىخەۋەر قالغانلىقى ۋە خاتا مالۇماتلىق بولغانلىقى ئاساسلىق سەۋەپ. دۇنيانىڭ ئۇيغۇر ھەققىدە خاتا مەلۇماتلاندۇرۇلغانلىقىنى ئەڭ ئاددىيىسى يۇرت ناملىرىمىزنىڭ بەزى خەلقارالىق ئۆلچەمگە مۇخالىپ يېزىلغانلىقىدىنلا كۆرىۋېلىش مۇمكىن.، مەسىلەن، «كۇچا» Kuqa))ۋە  «ئۈرۈمچى»)Urumqi) ( بۇ يەردېكى پىنيىنچە «Q»نى دۇنيا «ق» ياكى «ك» ئوقۇيدۇ، ).  بىز بەزىدە غەرپ ئاخباراتىدا ئۇرۇمكى، كۇكا، ۋېنسۇ(ئونسۇ)، جىياشى(پەيزاۋات) دېگەندەك ناملارنى كۆرسەك ۋەئاڭلىساق ئېچىنىمىز، چۈنكى غەرپتە بىرسىنىڭ ئىسمىنى ئېسىدە ساقلىۋېلىش، توغرا تەلەپپۇز قىلىشنىڭ شۇ كىشىگە كۆرسەتكەن ئىتىراپ ۋە ھۆرمەتنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكى ئادەتكە ئايلانغان. بىزنىڭ يەر ناملىرىمىز خەنسۇچە پىنيىنغا تارتىپ يېزىلغاچقا ۋە جوڭگۇنىڭ ئىنگىلىزتىلىدىكى ئاخباراتلىرىدا خەنسۇچە بويىچە تەلەپپۇز قىلىنغاچقا دۇنياۋىي مېدىيەلەرنىڭ خاتا قوللۇنىشى كېلىپ چىققان. جوڭگۇدا نەشىر قىلىنغان ئىنگىلىزچە لۇغەت، خەرىتە قاتارلىقلارغا ئۇيغۇر يەر ناملىرى، كىشى ئىسىملىرى پۈتۈنلەي خەنسۇچە تەلەپپۇزى بويىچە يېزىلغان، نەتىجىدە بىر ئۈرۈمچىنىڭ يۇقارقىدەك بىر قانچە ئىسمى پەيدا بولغان. بىر مىسالنى قىستۇرما قىلغۇم كەلدى. بىر دوستۇمنىڭ خەنسۇچىدا ئوقۇيدىغان جىيەن قىزى توردا ھەدىسى بىلەن پاراڭلىشىپتۇ. گەپ قىزچاقنىڭ مەكتەپتە ئىنگىلىزچە ئۆگىنىۋاتقانلىقىغا كەلگەندە دوستىمىز ئىنگىلىزچە قىزنىڭ ئىسمىنى سوراپتۇ. قىز ئىسمىنى خەنسۇچىلاپ دەپ بېرىپتۇ. دوستىمىز تۈزۈتۈپ بەرسىمۇ ئاڭلىماپتۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە خەنسۇچە ئىسمى ئۇنىڭ بىردىنبىر ئىنگىلىزچە ئىسمىكەن. بۇ يەردە ئىسىم قويغۇچى مۇئەللىم قىز ئۈچۈن نوپۇزنىڭ سىموۋۇلى، سىنىپتا ئۇنىڭ دېگىنى دېگەن، پايدا زىياننى ئويلاشقاندا قىزچاقنىڭ قوبۇل قىلىدىغىنى ئەلۋەتتە سىنىپتىكى ئوقۇتقۇچىسى قويغان ئىسىم، ھەرگىزمۇ ئون نەچچە مىڭ كىلومېتىر نېرىدىكى ھاممىسى تۈزەتكەن ئىسىم ئەمەس. بىز جەمئىيىتىمىزنى بىر دەرسخانا دېسەك نوپۇزنىڭ قۇدرىتى تېخىمۇ كونكىرىتلىشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ « جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» دەپلا ئاتىلىشىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى باغرىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغانلىقى سەۋەپ بولغان. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناسلار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇنداق ئاتىشىغا تۈپتىن قارشى ئىكەن. ئۇلارچە بۇ ئاتالما خەلقئارادا خاتا تەسىر پەيدا قىلغاندىن باشقا، مىللەتچى تورلاردا ئەۋج ئالغان ئۇيغۇر= ئىسلام+ئەلقائىدە+تۈرك+ قانخور دېگەن پورمۇلانى ئومۇملاشتۇرۇپ قويىدىكەن. ئىلمىيلىك بويىچە ئېيتقاندا  بۇ ئۇيغۇر بىلەن باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدىكەن. مېنىڭ ئەرەب تىللىق تونۇشلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار ئۇيغۇرنى بىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارچە «جوڭگۇلۇق مۇسۇلمان» دېگەن ئاتالما خەنسۇ تىللىق مۇسۇلمان خۇيزۇلارنى كۆرسىتىدىكەن. كوڭفۇزى ھەزرەت « نام ئورۇنلۇق بولسا گەپ يوللۇق بولۇر » دەيدۇ. تارىخ كىتابلار تۈزۈلمەكتە، ئىتتىپاقلىق دەرسلىكلىرى تەسىس قىلىنماقتا، كېلىشىمنامە، مەسئۇلىيەتنامىلەر يازدۇرۇلماقتا، مەنچە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە يۇرتىنىڭ نامىنى توغرا ئاتاشنى ئۆگەنگەندە ئاندىن باشقا گەپلەر يوللۇق بولۇشى مۇمكىن، بولمىسا بۇنداق ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ خاتالاشتۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولماي قالىدۇ.

          بىر كۈنى ماڭا بۇ يەردە ئاخباراتتا ئوقۇيدىغان بىر گۈيجۇلۇق تونۇشۇم « قۇربان تۇلۇم مەككىگە ھەجگە بېرىشنىڭ ئورنىغا ماۋزىدوڭنى كۆرگىلى بارغانىكەن، سەن بۇنىڭغا قانداق قارايسەن؟» دەپ سۇئال قويغاندا ھەيران قالغانتىم. ئۇنىڭغا باشقا گەپ قىلمىدىم، پەقەت ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈ ئىنسانغا، شەخسكە چوقۇنۇشتىن، تىزلىنىشتىن خالىلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. لېكىن ئۇ «ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆيلىرىگە ماۋزېدوڭ، دېڭشىياۋپىڭ قاتارلىق داھىلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن گىلەملەرنى ئاسىدىكەن» دېگەنىدى، «ئۇنداقتا ئۇ ئۆي پۇقرانىڭ ئەمەس كەنت سېكىرتارىنىڭ مەخسۇس كوممۇنىستىك مېھمانخانىسىكەن» دېدىم. ئۇ  جوڭگۇ خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئىنگىلىزچە پروگراممىسىدىن ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ چاغان ئۆتكۇزىدىغانلىقى، چاغاندا پەيزاۋاتتىكى ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ «بەخت» دېگەن خەنسۇچە خەت يېزىلغان كەشتىلەرنى تىكىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى دەپ بەردى. مەن ئىچىمدە «تەشۋىقات» دېدىم. ئەمما ئۇ يەنە شۇ پەيزاۋاتلىق بىر دېھقاننىڭ 2009- يىللىق دۆلەت بايرىمىغا ئاتاپ ئەجدەرھا قولۋاق ياسىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى گەپنى بۇرىۋەتتىم. كاللامغا ئۇيغۇر چۆچەكلىرىدىكى قورقۇنچلۇق ئەجدەرھا ھەققىدىكى ھىكايىلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرى كېلىۋالدى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ ئەجدەرھالىشىش قەدىمى تېزلەشمەكتە ئېدى.  ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئوپالدىكى مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسىدىكى ئەجدەرھا غارىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكۈزىۋەتكەنلىكى( ئۇ غارنىڭ نامى، مەھمۇد كاشغەرنىڭ ياراملىق بىر شاگىرىتىنىڭ ئەجدەرھانى ئۆلتۈرۈپ خەلقنى قۇتقازغانلىقى بىلەن باغلىنىدۇ)، كورلا رەھبەرلىرىنىڭ سارىخان تاغلىرىنىڭ نامىنى ئەجدەرھا تېغى دەپ ئالماشتۇرىۋەتكەنلىكى، خوتەندىكى «كۆتەككۆل» گە ئەجدەرھا كۆلى دەپ نام بېرىلگەنلىكى، شەھەرلەردىكى ئەجدەرھا چۈشۈرۈلگەن راۋاقلار، قەشقەردەكۆپۈيىۋاتقان ئەجدەرھا شەكىللىك بىنالار ئاڭلارغا سىغدالماقتا ئېدى. مەزكۇر تونۇشۇم يەنە شۇ ئەجدەرھا قولۋاق بىلەن قالدى. ئۇ دېھقان ھەتتا مۇخبىرغا «بىز جوڭگۇلۇقلار ئەجدەرھا ئەۋلاتلىرى» دېگەنمىش. مەن ئۇ خەنسۇ تونۇشۇمغا «ئەجدەرھا ئەۋلاتلىرى» دېگەن بۇ سۆزنى پەيزاۋاتلىق دېھقاننىڭ چۈشىنىشگە ئىشەنمەيدىغانلىقىمنى، بۇ سۆزنى بېيجىڭغا كېلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆگەنگەنلىكىمنى دەپلا خوشلاشتىم. چۈنكى مەن بۇنداق سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىپ ھارغان، قايتا دۇچ كەلگۈم يوق ئېدى. مەن بۇلارنى راست دېسەم ئەقلىمگە خائىنلىق قىلغان بولىمەن. يالغان دېسەم ئاشۇنداق تەشۋىقاتلارنى رادىئولارنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈش ئاسان ئەمەس. يىگىرمە نەچچە يىللىق تەربىيە ۋە تەشۋىقات سىڭدۈرگەن ئىددىيەنى بىر كىشىنىڭ بىر نەچچە ئېغىز گېپى ئۆزگەرتەلەيىتتىمۇ؟. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىمۇ توغرا چۈشەندىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاخباراتتىن كۆرىدىغىنى يۇقارقىدەك «خەۋەرلەر»، سەھنىلەردە خوشال خورام ئۇسسۇل ئويناۋاتقان، چەكسىز ئىتىباردىن سۆيۈنگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر. تارىخ دەرسلىك  كىتابلىرىدىن ئوقۇيدىغىنى ئۇيغۇر شائىرى كەكمەنىرنىڭ خەنزۇچە « خەنزۇلار ئەزەلدىن بولمىش ئۇستازىم» دەپ يازغان «مەشھۇر» نەزمىلىرى.( بۇنىڭ يالغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان) مەنچە ئۇيغۇر ياشاۋاتقان توپراقنى،  ئۇيغۇر ياراتقان مەدەنىيەتنى ۋە ئۇنىڭ ھەقدارلىرىنى ئۆزىدىن تانغان، ئەجدەرھاغا مايىل قىلىپ تەشۋىق قىلىش  تولىمۇ خەتەرلىك.  بۇ چىگرانىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى  جوڭگۇ پۇقرالىرى بولۇپمۇ ئاۋام خەلققە خاتا ئۇچۇر، دۇنياغا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويىدۇ.


    ئىبرەتنىڭ كۈچى ۋە ئىتىراپ


                 شەرق داناسى ئەللامە زەمەخشەرى « بۇ دۇنيا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ ھەسرەتلىرى ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن تولغان » دەيدۇ. ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىملىق خاتالىقنىڭ كۆپىنچە چۈشىنىشكە ۋە ھىسىداشلىققا ئېرىشەلىشىدىكى ئاچقۇچى ئىبرەت ۋە ئىتىراپتۇر. بىرىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىق خاتىرلەپ قويۇلىدۇ، ئەگەر قايتا سادىر بولسا بۇنى ئاقلاش مۇمكىن ئەمەس، جازالانغىنى جازالانغان. مەنچە رىياللىق ۋە تارىخىنىڭ بىزگە ئۆگىتىدىغىنى ئىبرەتتۇر. ئەگەر رىياللىق ۋە تارىخ خاتالىق ۋە تەجرىبىلەرنى ئىتىراپ قىلغان ئاساستا سەمىميىلىك بىلەن يېزىلمايدىكەن، يەكۈنلەنمەيدىكەن، زىددىيەتنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. زىددىيەتتىن ئىبرەت ئالىدىغان، ماجرادىن تەجرىبە يەكۈنلەيدىغان كىشىلەر بىر خەلقنىڭ ئىلىمدارلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىدۇر. كىيورى خانىمنىڭ تەرجىمھالىدىكى مۇنۇ قۇرلار پات-پات ئېسىمگە كېلىپ قالىدۇ، «سەن سۆيۈملۈك دەپ قارىغان نەرسەڭنى ماڭا مەجبۇرىي تاڭساڭ مەن پۇرسەت تاپساملا ئۇنىڭغا تۈكۈرۈپ قويۇشۇم، ھەتتا ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشىم مۇمكىن. بۇ چاغدا سېنىڭ غۇرۇرۇڭ پايخان بولىدۇ، ئارىمىزدا كېلىشتۈرگۈسىز نىزا چىقىدۇ. سېنى نەپرەتلەندۈرگىنى مېنىڭ «ياخشىلىق» قا «يامانلىق» قايتتۇرىدىغان «قالاق» لىقىم، مېنى ئەسەبىيلەشتۈرگەن نەرسە دەل سېنىڭ زورلۇقۇڭ، شەخسىيەتچىلىكىڭدۇر، سېنىڭ مىللتىڭ، مەدەنىيىتىڭ ئەمەس. سېنىڭ خاتالىقىڭ؛ ئىتىراپسىز، ئويلىنىشسىز، مۇرەسسەسىز داۋاملاشتۇرىۋاتقان مەجبۇرلاشلىرىڭ مېنى ساڭا ۋە سېنىڭ ھەممە نەرسەڭگە ئۆچ قىلدى». كىيۇرى خانىم ئەينى چاغدا پولشانى «تەرەققىي»  قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن رۇس گېنىرالىنىڭ ھەيكىلىگە مەكتەپكە ماڭغىچە ۋە مەكتەپتىن قايتقىچە تۈكۈرۈپ ئۆتىدىكەندۇق. مەدەنىيەت جەھەتتىن ئەسلىدە مەلۇم ئورتاقلىقلارغا ئىگە بۇ ئىككى خەلقنىڭ ئارىسىغا شۇنچە سوغۇقچىلىق سالغان نەرسە دەل "ئىلغار" روسلار تەرىپىدىن تېڭىلغان «تەرەققىيات»، مەجبۇرىي سىڭدۈرىلىۋاتقان «مەدەنىيلىك» ئېدى. رۇسلارنىڭ سەركىلىرى تېخىچە ئويغۇنۇپ ئىبرەت ئالغىنى، پولەكلەردىن ئەپۇ سورىغىنى يوق،  شۇڭىمىكىن يىگىرمە يىلدىن بۇيان ماغدۇرىغا كېلىپ بولالمىدى. ئەمما گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قىرىلغان پولشا ئوغۇل قىزلىرىدىن تىزلىنىپ تۇرۇپ ئەپۇ سورىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ھازىرغىچە تۆلەم تۆلەۋاتىدۇ. تارىخ ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن خاسىيەت، ئالمىغۇچىلار ئۈچۈن بەدەلدۇر. رۇسلار ئىبرەت ئالمىغاننىڭ بەدەلىنى ئۆتەۋاتىدۇ ھەم تېخى ئۆتەيدىغانەدك قىلىدۇ.  گېرمانلارنى ئۇرۇش خارابىلىقىدىن تەرەققىياتنىڭ ئالدىغان ئېلىپ چىققان ئامىللارنىڭ بىرى گېرمان زىيالىلىرىدىكى يۈكسەك ھەققانىيلىقتۇر، مانا بۇ ئىبرەت ئالغاننىڭ خاسىيىتى.

         مەدەنىيەتتىكى پاياننى ئىتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش يۇقارقىدەك مىللەت روھىدىكى ھەققانىيلىققا مۇھتاج.  بۇ كۆپىنچە تارىخى ئىبرەتتىن كېلىدۇ. بۇنداق ھەققانىيلىق ئىلىم ۋە ھەقىقەتنى ئىزدىگەن مائارىپ سىستىمىسى ۋە ھەر قانداق مىللي توپنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتى ۋە ئەۋزەللىكىنى رەت قىلىدىغان قانۇن ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. سىياسى چىگرانى زورلۇق بىلەن تۈرلۈك مەدەنىيەتتىكى پايان ۋە پاسىللارنىڭ  ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇش سىياسىي ئەسەبىيلىك ۋە ئاسمىلاتسىيەچىلىكتۇر. بۇنى خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە ئىرىقچىلىق، فاشىستلىق دەيمىز.  سىياسىيدىكى ئىتىبارلىق توپ ۋە ھۆكۈمران گورۇھنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى زورمۇ زور كېڭەيتىشى، تەرغىپ قىلىشى ۋە قوبۇل قىلدۇرۇشى ئىتىبارسىز توپ ۋە كىشىلەر ئارىسىدا مىللي ئۆچمەنلىك ۋە مىللي كەمسىنىشنىڭ ئورۇغىنى تېرىيدۇ. ھۆكۈمران تايىپە ئۈچۈن مىللىي ئۆچمەنلىكمۇ، مىللي كەمسىنىشمۇ ئوخشاشلا ئاپەتنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۆچمەنلىككە تولغان بويسۇندۇرۇلغۇچىلار ماجرانىڭ مەنبەسى، كەمسىنىشكە پاتقان بويسۇندۇرۇلغۇچىلار تۈگىمەس ئىتىبارنىڭ پارازىتلىرىدۇر. مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى باراۋەر مەۋجۇدلۇق ۋە رىقابەت تەرەققىياتنىڭ قوزغاتقۇچىسىدۇر. بۈگۈنكى تەرەققىي قىلغان ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتقا  مۇكەممەل ئىكىلوگىيىلىك ۋە ئىنسانىي شارائىت ھازىرلىغان ئامېرىكا، يېڭى زىللاندىيە، كانادا، ئاۋستىرالىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق غەرپ دۆلەتلەرىنىڭ ھەممىسى مۇستەملىكىچىلىكتىن ۋاز كەچكەن، مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەرغىپ قىلىۋاتقان ۋە ئۇنى قانۇن ئارقىلىق قوغۇداۋاتقان دۆلەتلەردۇر.مەسىلەن، ئامېرىكىدا مەن نوپۇس ئېنىقلاش جەدىۋېلىنىڭ خەنسۇچە، ئىسپانچە، ياپۇنچە، كورىيانچە تارقىتىلغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ يەردە ھەر قانداق ھۆكۈمەت ئورگىنى بىلەن ئالاقە قىلماقچى بولغان كىشى تەرجىمان تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بىر قىسىم شەھەر ۋە شىتاتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا قوللۇنىدىغان ۋاقتى بار، ۋاشىڭتون ۋاقتىنى قوللۇنۇش مەجبۇرى ئەمەس. 60-يىللاردا ئامېرىكىدا ئىرقچىلىققا قوراللىق قارشى تۇرۇشنىڭ تەشەببۇسچىسى مەلكوم ئەكس ئامېرىكا تارىخىدا "ئەكسىل ئىنقىلابچى" غا چىقىرىلغان ئەمەس، ياكى تارىخ بەتلىرىگە  لەنەتلىك قۇرلار بىلەن يېزىلمىغان. ئەكسىچە كوچىلارغا نامى بېرىلگەن، شەرىپىگە كىنولار ئىشلەنگەن، كىتابلار نەشىر قىلىنغان.  بۇلار مىللەت، ئىرق، دىن ئايرىماسلىق، پەرق- خاسلىقنى ئىتىراپ قىلىش ۋە ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئەك ئاددىي ئىپادىسى.

                                                 كەيپىياتمۇ يۇقىدۇ

         بۇ شەھەرگە كۈز كەلدى. ياپيېشىل چاققانغىنە بۇ شەھەر ئالتۇن رەڭگە كىردى. مەن ۋەتەننىڭ كۈز ئايلىرىنى سېغىنىمەن. بىزدە كۈز تولىمۇ بەرىكەتلىك بولىدۇ. تويلار قاينايدۇ، دېھقاننىڭ قولى ئازراق بولسىمۇ پۇل كۆرىدۇ. بىزنىڭ ئۇ توپراقلاردا سودىگەرلەرنىڭ رىسقى دىھقاننىڭ يانچۇقىغا باغلانغان. كادىر خەق بىلەن قىلغان سودىنى بىزنىڭ قەدىمكى ئوردۇكەنتتە « تۈپرۈك بىلەن ئاياق مايلىغاندەك» دەپ تىلغا ئالىدۇ تىجارەتچى تۇغقانلار. يات ئەلدىكى تۇنجى كۈز ماڭا تولىمۇ سۆرۈن تەلەت بىلىنمەكتە. سارغايغان ياپراقلار، يالىڭاچلانغان دەرەخلەر، سۇلغان گۈللەر، ماڭا سارغايغان يۈزلەرنى، ئۈمىتسىز كۆزلەرنى، ماتەملىك سۆزلەرنى ئەسلەتمەكتە. تۇيۇقسىز يادىمغا ئۆتكەن كۈزدە بەيگە مەيدانىدا بىر مايلامچى بالا ئوقۇغان،
                                        قۇرۇپ قاخشال بولۇپ قالدۇق،
                                       ئوتۇنچى ئاپپىرىپ ساتسۇن،
                                         خېرىدارىم سوراپ قالسا
                                        غېرىپ بىچارە دەپ ساتسۇن
    دېگەن ناخشا كېلىپ قالدى. تېخى مەكتەپ يېشىغا ئەمدى توشقان ئۇ بالىنىڭ چىرايىدىكى مۇڭ يۈرۈكۈمنى ئەزگەنتى. بۈگۈن ئۆزۈمنى ئاشۇ بالىدىنمۇ بىچارە ھىس قىلدىم. بۈگۈن مەن ئۇ بالىدىنمۇ بەتتەر بىچارە ئىدىم، يىغلاش ئەركىم بار، لېكىن قېرىندىشىڭغا ئېسىلىپ يىغلىمىغان يىغا كىشىنى پۇخادىن چىقىراتتىمۇ؟ ئۇنىڭ يىغىسىمۇ ، كۈلكىسىمۇ ئۆز تىلىدا، خورلۇقىمۇ، ھالاۋىتىمۇ ئەل بىلەن بىللە ئىدى. سۇلتانلىقتىمۇ، ئۇلتان(پىتەك) لىقتـىمۇ ياشاپ باققان بوۋىلىرىمىز ۋەتەن، ئەل  ھەققىدە ئاجايىپ تۇيغۇلاردا بولغانىكەن. ئۇيغۇر ئۈچۈن مەشرەپ-كۈي پەسلى، باراۋەت-توي پەسلى ھىساپلىنىدىغان بۇ كۈنلەردە بوۋىلرىمىزنىڭ «ئەل بىلەن ئۆلۈم گوياكى توي» دېگەنلىرىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. مۇشۇلارنى ئويلىساملا بىر ئىش يادىمغا كېچىدۇ. ئۆتكەن 6-ئايدا بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ مەندىن يىراق بىر شىتاتتا تۈگەپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ قالدىم، بۇ خەۋەرنى ماڭا يەتكۈزگەن كىشى «خۇدايىم ساقلىسۇن، جەسىتىم بۇ يات يەردە قالمىغاي ئىلاھىم» دەپ كەتتى. ئاڭلىشىمچە بۇرۇن رەسمىيىتى تولۇق بولمىغانلىق سەۋەبتىن ئىزچىل ئامېرىكىغا ۋىزا ئالالماي كېلىۋاتقان مەرھۇمنىڭ ئاتا ئانىسى ۋە بىر قېرىندىشى ۋىزىغا ئېرىشىپتۇ. مەرھۇمنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى پىغانلىق نىداسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قائىدىلىرىگە خىلاپ ھالدا ۋىزا بېرىشكە مەجبۇرلاپتۇ. لېكىن مەرھۇمنىڭ  ۋەتەندىن كەلگەن ئاتا-ئانا ۋە قېرىدىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەسرىتى يات تۇپراقتا قالغان يۈرۈك پارىسىدە قاپتۇ. كۆز ئالدىمدا تۆكۈلىۋاتقان ياپراقلارغا قاراپ ئويلاپ قالدىم. مىڭ ئىككى يۈز يىلدىن ئارتۇق مۇسۇلمانلىق تارىخىغا ئىگە خەلقىمىز نىمىشقا جەسىتىنىڭ يات يەردە قېلىشىغا شۇنچە ھەسرەت چېكىدۇ؟ ئاللاھتىن كەلدۇق ئاللاھقا قايتىمىز. شۇنداقكەن ھەممە يەر ئاللاھنىڭ زېمىنى ئەمەسمۇ؟ بۇ خەلقىمىزنىڭ بىز قاقشاپ كۆنگەن تەپەككۇرىمىز بويىچە يەنە شۇ «نادان» لىقىمۇ؟
    مەن يەنە شۇ ياپراقلارغا قارىدىم، ياپراقلار زېمىندىن ئوزۇقلىنىپ كۆكىرىدۇ، ياشنايدۇ، يەنە شۇ ئۆزىنى باققان تۇپراققا سىڭىپ قۇۋۋەت بولىدۇ. بىز ياپراق ئەمەىسمۇ؟ تۇپرىقىدىن ئاياقلانغان، ئاتلانغان ئىنساننىڭ يەنە شۇ توپرىقىنى قۇچاقاپ يېتىشىنى قانداقمۇ «نادانلىق» دېگىلى بولسۇن؟ توغرا بىز ئاللاھتىن كەلدۇق، لېكىن ئاللاھ بىزنى ئاتا مىراس زېمىنىمىزغا، ئاتا بوۋىمىز كۆكلىگەن مۇقەددەس تۇپراققا ياراتتى. بۇ توپراق جەمەتىمىزنىڭ گۈللەتكەن باغلىرى، سالغان ئىمارەتلىرى، ياتقان قەبرىسى بولغاچقا بىزگە مەنسۇپ، ئەجدادلارنىڭ تەۋەرۈكلىرى بىلەن بىزگە بەخشەندە. ۋەتەننى دەل ئانىمىز كەزگەن رەستە، ئاتىمىز كەچكەن كېچىك، بوۋىمىز قىلغان باغلار سەۋەبلىك سۆيىمىز. ئاتىسىنىڭ قەبرىسىنى يات ئەلگە قاتۇرغان بالا ئەلۋەتتە دادىسى ياتقان توپراققا تەلپۈنىدۇ، ھەر ھېيىت، بايرام ۋە ئۇلۇق كۈنلەردە خىيالى دادىسى ياتقان جايلارادا كېزىدۇ. قەبرەم غېرىپ بولمىسۇن دېگەن بوۋىلىرىمىز ئۇلۇقكەندۇق، خىزىركەندۇق، يات تۇپراققا كۆمۈلۈشنى رەت قىلغان مومىلىرىمىز پەيلاسۇپكەندۇق، پەرىشتە كەندۇق. ئۇلار بىزگە قەبرىنى ئەمەس ۋەتەننى قالدۇرۇپ كەتكەنىكەن، ئۇلار بىزگە ھېيىت بايرام ئۇلۇغ كۈنلەردە تۇپراقنى-ۋەتەننى يوقلاشنى مىراس قىلغانىكەندۇق.  ئامېرىكىدىكى شۇنچە باي يەھۇدىلارنىڭ مەخسۇس ۋەخپە(فوندى جەمىيەت) قۇرۇپ ئىسرائىلىيەگە قايتماقچى بولغانلارنى يۆلەۋاتقىنى، ئىسرائىلىيەدىكى ئاتا بوۋىسىدىن چالا پۇلا ئىزى قالغان بىر تامنى تاۋاپ قىلىشقا ئۈزۈلدۈرمەي بېرىشلىرىنى بەلكىم بوۋىلىرىمىزنىڭ تۇپراقنى يالغۇز، غېرىپ قويماسلىقنى ۋەسىيەت قىلغانلىقىغا ئوخشاتساق خاتا قىلغان بولماسمىز.

              خىيال بىلەن كۇتۇپخانىغا ماڭدىم دەپ نەگە كېلىپ قالغاندىمەن؟ بېشىمنى كۆتۈرسەم ئەزەلدىن كېلىپ باقمىغان بىر كوچىلارغا كېلىپ قاپتىمەن. ئەمدى قانداق قايتقۇلۇق؟ بىر ئاز ئالدىمغا ماڭدىم. داچا شەكلىدىكى بىر بىرىدىن يىراق -يىراق سېلىنغان ئۆيلەردىن بىر ئۆينىڭ ئالدىدا توختۇدۇم، مۇشۇ ئۆيدىن بىر ئادەم چىقىپ قالىدىغاندەكلا تۇيۇلدى. توۋا، شۇنچە كەڭ مەھەللىدە ئويناۋاتقان بىر بالا، كېتىۋاتقان بىر ئادەم، قاۋاۋاتقان بىر ئىت بولسچۇ كاشكى! ئاخىرى ھېلىقى ئۆينىڭ ئالدىغا توختۇتۇلغان ماشىنىنىڭ  كەينىدىن بەستلىك بىر  ئادەم چىقىپ كەلدى. ئېزىپ قالدىم دېگۈم كەلمەي بىر داڭلىق تاللا بازىرىنىڭ نەدىلىكىنى سورۇدۇم.
    _ۋولمارتنى دەمسەن؟ تېخى خېلى ئۇزاق ماڭىسەن. نەدىن كەلدىڭ؟ ماڭا ئەڭ قىيىن سۇئال دەل مۇشۇ. جۇڭگۇدىن، دېسەڭ خەق چىرايىڭغا قاراپ جوڭگۇلۇققا ئوخشىمايدىكەنسەن دەيدۇ، جوڭگۇنىڭ غەرىبى شىمالىدىكى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىن كەلدىم، دېسەڭ سەندىن كۆڭۈلسىز ۋەقەلەر ھەققىدە سورايدۇ.
    _ مەن ئۇيغۇر، جوڭگۇدىن كەلدىم.
    _ ھە ھېلىقى يېقىندا ۋەقە بولغان يەردىنمۇ؟
    _ .......
    _ .......- `
    _ ئائىلەڭدىكىلەر ساقمىكەن؟
    بۇنىڭغا نېمە دەيمەن؟ تور تاقاق، تېلىفون ماڭمايدۇ. ئەگەر ئائىلەمدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەلىگەن بولسام مۇشۇنداق كۇتۇپخانىغا ماڭدىم دەپ نەگە كېلىپ قالغىنىمنى بىلەلمەي يۈرەتتىممۇ؟ بۇ كىشى ئوبدان ئادەمكەن. مېنى ھېلىقى تاللا بازىرىغا ئاپېرىپ ئاندىن ياتىقىمغا ئەكىلىپ قويىدىغان بولدى. قايسى كۈنى يامغۇردا قېلىپ پىيادە كېتىۋاتسام بىر ئايال ماشىنىسىغا سېلىپ ئاپتۇۋۇز بېكىتىگە ئەكىلىپ قويغانتى، بۇ قېتىم بۇ ئادەممۇ ماڭا يارىدەمدە بولماقچى. يول بويى پاراڭلىشىپ ماڭدۇق. مەندىن ئۇيغۇرنىڭ قىسقىچە تارىخىنى سورىدى. يول بەك ئۇزۇن ئەمەس. قانداق قىلغاندا مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىتتا ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى بىزدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر بىر ئادەمگە بايان قىلغۇلۇق؟ مەن بىر سىكۇنت ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىيخى قىسمەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، تاتار ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق خەلقلەر بىلەن تولىمۇ يېقىن بىر مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكىنى. 19-ئەسىردە چىڭ ئىمپىرىيىسى، روسسىيە ئىمپىرىيىسى ۋە برىتانىيە ئىمپىرىيىسى ئارىسىدىكى « بۈيۈك ئويۇن» دەپ ئاتالغان مۇستەملىكە تالىشىش كۆرىشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ نۇرغۇن زۇلۇم چەككەنلىكىنى. 20- ئەسىردە بولسا سوۋېت، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلبە قىلغان دۆلەتلەرنىڭ شاھمات تاختىسىدا تولا پىچكا قىلىنىپ ۋە تېگىشىلىپ كۆپ قۇربان بەرگىنىنى سۆزلەپ بەردىم. بۇلارنى دەۋېتىپ ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇشنىڭ بىر مۇۋاپىق جۈملىسىنى تاپقاندەك بولدۇم. بۇندىن كېيىن نەدىن كەلدىڭ دېگەنلەرگە « جوڭگۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسىدىن» دەپ جاۋاپ بەرسەم بولغىدەك. بولمىسا بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى جوڭگۇ خەرىتىسىنىڭ غەرىبى قايسى، غەرىبى شىمالىچۇ دېگەنلەرنى بىلمەيدىكەن. قولىمىزغا خەرىتە ئېلىپ يۈرمىگەندىكىن بۇلارنى توغرا مەلۇماتلىق قىلماق  تەسكە توختايدىكەن. جوڭگۇ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھەممەيلەنگە تونۇش ئۇقۇم، ئۇيغۇر دۆلەت تەۋەلىكىدە جوڭگۇغا مەدەنىيەت ۋە ئىرقى ئالاھىدىلىك جەھەتتە ئورتا ئاسىيالىقلارغا مەنسۇپ بولغاندىكىن مۇشۇ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇقۇمكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.  كوممۇنىستىك جوڭگۇنىڭ تارىخىنى ئۇ كىشى ياخشى بىلىدىكەن.  تارىخنىڭ ئەڭ قىيىن بۇ تەرەپلىرىنى ماڭا سۆزلەتمىگىنىگە خوش بولدۇم.
    _ قارىسام كەيپىياتىڭ تولىمۇ سۇس، ئۇنداق قىلما، بۇ دېگەن ئامېرىكا، بۇ يەر ھەر قانداق ئىنسان ئۈچۈن باراۋەر ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە پۇرسەتكە تولغان. بۇ يەرگە كىشىلەر بەخت قوغلۇشۇپ كەلگەن، بۇنداق سۇلغۇنلۇق بىلەن بەختكە يەتكىلى بولمايدۇ. كۆڭلۈڭ يېرىم بولسا ماڭا تېلىفون قىل. مەن بۇرۇن پېرۇدا بىر قانچە يىل تۇرغان. چەتئەلدە ياشىماق ئاسان ئەمەس، بولۇپمۇ سەندەك بۇنداق تەسۋىرلىگىسىز تەشۋىشتە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن تولىمۇ تەس. بىلەمسەن، كەيپىيات دېگەن يۇقۇملۇق كېسەلدەك نەرسە، سەن مۇشۇنداق كەيپىياتتا يۈرسەڭ، سەن يولۇققان كىشىلەرگىمۇ يۇقتۇرۇشۇڭ مۇمكىن، بۇنداق قىلىشنى خالىمايسەنغۇ دەيمەن؟ مېنىڭ بىر ۋېلسىپىتىم بار، ئەگەر خالىساڭ ساڭا ئەكىلىپ بېرەي، شۇنى ئىشلەت. ئۇزاق ۋاقىت مىنمىگەن شۇڭا ئاۋال بىر رېمۇنت قىلدۇرۇشۇم كېرەك. ماڭا تېلىفون قىل. ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى.
         كەيپىياتمۇ يۇقىدۇ! ماڭا بۇ گەپ تولىمۇ توغرا تۇيۇلدى. بۇرۇن ئويلايتتىم، نېمىشقا ئامېرىكىلىقلار تولىمۇ قىزغىن، ئەمما مەن ھەر قانچە قىزغىن بولاي دېسەممۇ بولالمايمەن؟ چۈنكى مەن كىشىلەر بىر بىرىگە تولىمۇ سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان، ئادەم كۆپ ئىچىكىرى جوڭگۇدا ئۇزاق ياشاپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن بەلكىم ئېغىر دەرىجىدە سوغۇق كەيپىياتتىن يۇقۇملانغان بولسام كېرەك. بۇ يەردە كىشىلەر دوقۇرۇشۇپ قالسا كۈلۈپ سالام قىلىدۇ، بىر بىرىگە يول بېرىدۇ، ھەر ئىشتا ئالدى بىلەن باشقىلارغا قولايلىق بولۇشنى، دەخلە قىلماسلىقنى ئويلىشىدۇ، مەنچۇ؟ مۇشۇ كۈنگىچە بۇلارغا كۆنەلمەي ئاۋارە، قارىغاندا مەن، «ئىنسان ئۆزى ئۈچۈن ياشىمىسا ئۇنى يەر يۇتىدۇ»  ( مەن ئىچكىرىدە ئۆگەنگەن ماقال) دېگەن ئىددىيە ئەۋج ئالغان موھىتتىن قاتتىق يۇقۇملانغان بولسام كېرەك. ئچىكىرىدە ئىشلەۋاتقان بىر يىلىم قەشقەرگە قايتتىم، بىر دوستۇم بىلەن ئاشخانىغا تاماققا كىردۇق. كۈتكۈچى بالا 8-9 ياشلاردا ئېدى. « ھەي، ماڭا قارا، بۇ ئاشخانىدا سۈيۈق سەلەڭ نېمە بار؟» دەپ سوراپتىمەن ئۇتتۇرلا ئىچكىرى پەدىسىدە. ئۇ بالا ماڭا نارازى بولغاندەك قاراپ قويۇپ، يەنە چاندۇرماي قېشىمىزغا كەلدى. تاماق يەپ چىقىپ بولغاندىن كېيىن دوستۇم « نېمانداق قوپاللىق قىلىسەن؟ بۇ دېگەن قەشقەر، ھەممە ئادەم بىر بىرىنى سىلى ئۆزلىرى دەپ گەپ قلىدۇ، سېنىڭ لەنجۇرىڭ ئەمەس بۇ، خەقنى سەنلەيدىغان»، مەن شۇ چاغدا خاتا قىلغىنىمنى بىلگەن. ئەمما ئادەمنى دەرىجىگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىدىغان، ھوقۇقسىز، پۇلسىز ئادەمنىڭ ئىنسانلىقى ئىتىراپ قىلىنمايدىغان كەيپىياتتىن يۇقۇملانغانلىقىمنى ئويلىماپتىكەنمەن.
               تۈنۈگۈن تېىخى بىر دوستۇم ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئۇزاق ئالاقە قىلالمىغانلىقتىن ئۇيقۇسى كەلمەس، دىققىتىنى يىغالماس بولۇپ قېلىپ  پىسخك دوختۇرغا كۆرۈنگىنىنى دەپ بەرگەنتى. ئۇ دوختۇرغا گېپىنى باشلاپ بولالماي يىغلاپ كېتىپ پەقەت دەردىنى ئېيتالماپتۇ. ئاخىرى دوختۇر دوستۇمنى ئۆز ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، خالاتنى ئۇنىڭغا كەيدۈرۈپ، سەن دوختۇر، مەن كېسەل، سەن ئەمدى مەندىن ھالىمنى سورا دەپتۇ. دوستۇمنىڭ كۈلگىسى كېلىپ، بىر دوختۇرلۇق قىلىپ باقايچۇ، دەپ ئەمدى «بىمار»نىڭ دەردىنى سورىشىغا، دوختۇر ھۆركىرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. بۇرادىرىمىز، يىغلىما دەپمۇ توختۇتالماپتۇ. ئاخرى داۋالاش ۋاقتى توشۇپ دوختۇردىن يېنىپ چىقىپتۇ. بەلكىم بىز مۇساپىرلار بۇ يات توپراقتا دەردىمىزنى مۇشۇنداق بىر بىرىمىزگە تۆكۈپ مەيۈسلۈك كېسىلىنى يۇقتۇرىۋاتساق كېرەك. ماڭا بۇرۇن « شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نى ئوقۇشۇم ئازاپلىنىشىم ئۈچۈنلا موھىمدەك بىلىنەتتى، دوستلۇرۇم بىلەن ئۇچراشساممۇ ئازاپلىنىش، ئازاپلارنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يىغىلىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى. دوستلار بىلەن بولىدىغان سۆھبەت، مۇنازىرە، مۇلاھىزىلەردىن ئاخرىدا مەندە قالىدىغىنى تەشۋىش، قورقۇنچ، گاڭگىراشتىن باشقا ھاسىلات كەم بولاتتى. قارىغاندا مەن زور يۇقۇملۇنۇش دەۋرىدە، يۇقۇملانغان كەيپىياتتا، يۇقۇملانغان كىشىلەر بىلەن ئۇزاق ياشاپ كەتكەن بولسام كېرەك. مەن ساقىيالارمەنمۇ؟ بۈگۈن ھېلىقى پىسخىك دوختۇرغا كۆرۈنگەن دوستۇم بىلەن يەنە توردا كۆرۈشتۈم، ئۇ ئۆزىنى بىلىم دېڭىزىغا چۈشۈك كەتكەن سۇ ئۈزەلمەس پالاكەتتەك سېزىدىكەن، يەنە دەرت تۆكۈشتۇق. يۇقۇملىنىش تېخىمۇ ئېغىرلىدى.

    ئامېرىكىلىقلاردا "مەشرەپ"

    مەيلى كىم بولسۇن، قايسى ئىقلىمىدا ياشىسۇن، دۇنيادايىغىلىش، سورۇنلارسىز ئىنسان ھاياتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەرس. بولۇپمۇ ئۇيغۇرغائوخشاش جامائەتچىلىك تۇيغۇسى ئالاھىدە كۈچلۈك مىللەتلەردە ئىنساننىڭ يالغۇز-يىگانەياشىشى تەسەۋۋۇردىن تولىمۇ يىراق. 2000-يىللىرى ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپكەخىزمەتكە ماڭغىنىمدا بىر دوستۇم "ئۇ يەردە يالغۇز زېرىكمەمسەن؟" دېگەنتى. بۇسۇئال ماڭا بىر قارىماققا تولىمۇ سۆيۈملۈك تۇيۇلدى، يەنە بىر ئويلىسام تولىمۇقىزىق. ئۇيغۇرنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇر يوق يەر "ئادەم يوق، زېرىكىشلىك" بولاتتى. بۇرۇن مەن پەقەت ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىلا شۇنداق ئادەمخۇماربولامدىكىن دەپ ئويلايتتىم. ئىچكىرىدە خىزمەت بىلەن يۈرۈپ خەنسۇلارنىڭسورۇنلىرىنىمۇ جىق كۆردۈم، لېكىن توختىماي گەپ قىلىپ ھاراق ئىچىدىغان يېرى ياقمىدى. بۇنداق سورۇنلاردا گەپ بىلەن نەپ پاسلاشتۇرىلاتتى. ھاراق پەقەت ۋاستە ئېدى. مەندەكھاراق ئىچمەيدىغان، نەپنى سورۇندىن ئەمەس ھالال مىھنىتىدىن ئىزدەيدىغان ئادەمگەبۇنداق ئولتۇرۇشلار تولىمۇ زېرىكىشلىك ئېدى. ئەسئەت سۇلايماننىڭ "ئۆزلۈك ۋەكىملىك" دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ ياۋرۇپالىقلارنىڭ سوغۇق مىجەزىگە ھەيران قالغانتىم. ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇنلا كاللامدا بىر سوغۇق جەمئىيەتنىڭ ئوبرازى ئاللىقاچانسىزىلىپ بولغان ئېدى. نەدىكىنى كېلىپ بىرىنجى ھەپتىسى سورۇنغا تەكلىپ قىلىندىم. "مەشرەپ" نى ئۇيۇشتۇرغۇچى مەن تۇرۇۋاتقان شەھەردىكى بىر ئائىلە بولۇپ ئارامغاچىققان ئوقۇتقۇچىلار ئىكەن. "مەشرەپ" كە چاقىرىلغانلار خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارۋە ئۇ كىشىنىڭ دوستلىرى ئىكەن. ئۆي ئېگىسى ئەر ئايال بىزنى ئىشىك ئالدىدا قارشى ئالدى. ئىشىكتىن كىرگەندىكى مىھمانخانىغا بىر پىيانىنو، بىر قانچەسافا قويۇلغان،




     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.