نېتزى ھىكمەتلىرى

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-15 22:16:11

نېتزى ھىكمەتلىرىياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى ئۆلىما تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن كىتابلار ئارىسىغا بېشىنى چۆكۈرۈپ ھېچ ئىش قىلمايدىغان ئۆلىمالار ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى ئۈچۈن پىكىر قىلىش ئىقتىدارىدىن تاما...

    نېتزى ھىكمەتلىرى
    ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى


     ئۆلىما

       تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن كىتابلار ئارىسىغا بېشىنى چۆكۈرۈپ ھېچ ئىش قىلمايدىغان ئۆلىمالار ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى ئۈچۈن پىكىر قىلىش ئىقتىدارىدىن تامامەن ئايرىلىپ قالىدۇ. قولىدا كىتاب بولمايدىغان بولسا، ئۇ زادى پىكىر قىلالماي قالىدۇ.
       ئۆلىما پىكىر قىلغان چاغدا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇمۇ بىر خىل غىدىقلاش ئىنكاسى  پىكىر قىلىش ئاساسىدىكى ئوقۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بولسا، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەننىۋاسى ھېچقانداق مەنىسى بولمىغان بىر خىل ئىنكاس بولۇپ چىقىدۇ. ئۆلىما ئۆزىنىڭ ھەننىۋا ئىقتىدارىنى كىشىلەر ئاللىقاچان يېزىپ قويغان نەرسىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئىنكار قىلىش ياكى تەنقىد قىلىشقا قارىتىدۇ  ئۆزى بولسا قايتا پىكىر قىلالمايدۇ...
    ئۆلىمانىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بەلكىم تامامەن يوقالغان بولۇشى مۇمكىن، بولمىسا نېمە ئۈچۈن كىتابنى قىلچىمۇ چەتكە قاقماسلىقنى ئۆگىنىۋالغان؟ شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمەنكى، ئۆلىما دېگەن چۈشكۈنلەشكۈچىدۇر. ئۇلار ئوت ياققان  «پىكىر قىلىدىغان» چاغدا، باشقىلار ئوتنىڭ ياردىمى بىلەن يېقىلىدىغان سەرەڭگىگە ئوخشىسا كېرەك.
    ئادەمنىڭ كۈچى راسا ۋايىغا يېتىپ تولۇقلانغان ۋە يېڭىدىن ئەۋج ئېلىشقا كىرىشكەن چېغىدا، ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچى سۈبھى مەزگىلىدە تۇرغاندا كىتاب ئوقۇغان بولسا  ئۇنى كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ، دېيىشكە بولمايدۇ.


    ھەرىكەتچان يانار تاغ

         بىزنىڭ بىخ ھالىتىمىز بولغان نۇرغۇن نەرسە دەسلەپكى مەزگىلىلا كىشىلىك تەبىئىتىدە مەۋجۇت بولغان. بىخ مەزگىلى تولىمۇ ئاجىز بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ھېچ بىر ئىنسان دىققىتىنى بەرمىگەن. ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇشتۇمتۇتلا بىخ سۈرۈشكە باشلىغان. بۇنىڭغا بەلكىم بىرقانچە ئەسىرلىك مۆھلەت ئۆتكەندۇ، ۋەھالەنكى، ئۇ نەرسىلەرمۇ شۇنىڭلىق بىلەن بەردەم بولۇپ يېتىلگەن. بەزى ئادەملەردە مەلۇم مەزگىلدە مەلۇم تەبىئىيلىك ۋە مەلۇم ئەخلاقىي خىسلەت ئېغىر دەرىجىدە كەملىك قىلىدىغاندەك قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىز يەنە سەۋر - تاقەت بىلەن كۈتۈپ تۇرايلى! كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئىدىيىلىرى ياكى ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئۆزلىرىمۇ سەزمىگەن ماھىيىتىنى ئىپادىلىگۈسى.
    بەزى پەرزەنتلەر ئۆزىنىڭ دادىلىرىغا ئاسىيلىق قىلىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئوغلى بولغاندىن كېيىن، بۇ دادا بولغۇچىمۇ ئۆزىنى ھەقىقىي يوسۇندا چۈشىنەلەيدۇ. 
    قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا بىر پارچە گۈللۈك باغ ۋە بىر پارچە تېرىلغۇ يەر يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. باشقىچە بىر ئوخشىتىش بىلەن ئېيتقاندا، ھەممىمىز ھەرىكەتچان يانار تاغ بولۇپ، ھامان پارتلايدىغان پەيتى بولىدۇ.

     

    جاسارەت

            جاسارەت، يەنى ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىنى ئالغان جاسارەت ئەڭ ياخشى قاتىل ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ھەر قېتىملىق ھۇجۇمدا غالىبىيەت مارشىنىڭ ساداسى ياڭراپ تۇرۇشى كېرەك!
    ئىنسان ئەڭ باتۇر ھايۋان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىدىن باشقا بارلىق ھايۋانلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرالايدۇ. ئۇ غالىبىيەت مارشى ساداسى ئىچىدە ھەرقانداق ئازابقا چىدىيالايدۇ. ۋەھالەنكى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئازابى ھەممىدىن زور ئازابتۇر.جاسارەت شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېنىڭ يار لېۋىگە كېلىپ قالغان چاغدىكى باش قېيىشلىرىمنى يېڭىشىپ بېرىدۇ. ئادەم قايسى ياققا يۈرگەندە يارغا يولۇقمايدۇ؟ ئۇ خالىغان بىر ياققا ئىختىيارەن قارىسا، كۆزلىرىگە پۈتۈنلەي ھاڭلا چېلىقىدىغۇ!
    جاسارەت دېگەن ئەڭ ياخشى قاتىلدۇركى، ئۇ خەيرىخاھلىقنى يوقىتالايدۇ، خەيرىخاھلىق بولسا ئەڭ چوڭ ھاڭ ھېسابلىنىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ ئۆزىگە بولغان تونۇشى قانچىلىك چوڭقۇر بولسا، ئازابنى چۈشىنىشىمۇ شۇنچىلىك چوڭقۇر بولىدۇ.
       جاسارەت دېگەن ئەڭ ياخشى قاتىلدۇر، يەنى ھۇجۇم خاراكتېرىنى ئالغان جاسارەت ئۆلۈمنىمۇ يوق قىلىۋېتەلەيدۇ، ئۇ: «ھايات دېگەن شۇمىدۇ؟ قېنى ئەمىسە! باشقىدىن بىر بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ باقايلىچۇ!» دەيدۇ.
    ئاشۇ گەپتە غالىبىيەت مارشىنىڭ ساداسى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، قۇلىقى بارلىكى ئىنسان ئۇنى ئاڭلاپ باقسۇنچۇ!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر نېتزى ياسىن ھازازى