يېقىنقى ۋە ھازىرقى دەۋر تۈرك ئەدەبىياتى(6)

يوللىغۇچى : yusupjan يوللىغان ۋاقىت : 2007-11-25 17:18:00

يېقىنقى ۋە ھازىرقى دەۋر تۈرك ئەدەبىيات تارىخى(6) كەنان ئاقيۈز(تۈركىيە)تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن تەرجىمىسى جۇمھۇرىيەت دەۋرى تۈرك ئەدەبىياتى(1923-1980) يېقىنقى دەۋر تۈرك تارىخىنىڭ ئون بەش يىللىق ناھايى...

    يېقىنقى ۋە ھازىرقى دەۋر تۈرك ئەدەبىيات تارىخى(6)
    كەنان ئاقيۈز(تۈركىيە)
    تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن تەرجىمىسى

     جۇمھۇرىيەت دەۋرى تۈرك ئەدەبىياتى(1923-1980)

     يېقىنقى دەۋر تۈرك تارىخىنىڭ ئون بەش يىللىق ناھايىتى قىسقىغىلا بىر مەزگىلى بولغان 2- مەشرۇتىيەت دەۋرى (1908-1923)دە تۈركىيە كەينى كەينىدىن قاتنىشىشقا مەجبۇر بولغان ئۈچ ئۇرۇشتا (لىۋىيە ئۇرۇشى، بالقان ئۇرۇشى ۋە 1- دۇنيا ئۇرۇشى) مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مىڭ بىر مۈشكىلاتتا غەلىبە قىلغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئاخىرىلىشىپلا دەرھال ھەل قىلىش زإرۈر بولغان ناھايىتى نۇرغۇن، سىياسىي، ئىجتىمائىي، ھوقۇقىي، ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈرەل مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىشتا دەۋرداش -- زامانىۋىي غەرپ مەملىكەتلىرى ئاساس قىلىندى. گەرچە تۈركىيە غەرپ مەملىكەتلىرىنى ئاساس قىلىدىغان ئىسلاھاتلارغا خېلىدىن بېرى تۇنۇش بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىسلاھاتلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ تامامەن غەلىبە قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغىلى بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە تەدبىقلاش يا خاتا بولغان ياكى تولۇق بولمىغان.
        بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ ئاساسلىق ئىككى سەۋەبى بار. بىرى ئارمىيە، يەنە بىرى ئۆلۈمالار. زەئىپلەشكەن يەنىچەرى ئوچاغى(1) نىڭ ئىدارە قىلىشتىكى توسقۇنلۇق كۈچى مەھمۇد Ⅱنىڭ يېراقنى كۆرەرلىكى ۋە سەۋرىچانلىق بىلەن غەيرەت كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە 1826-يىلى يوقىتىلدى. لېكىن، غەرپنى ئۆرنەك قىلىپ قۇرۇلغان يېڭى ئارمىيىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تامامەن تۈگەتكىلى بولمىدى ۋە بەزىدە مۇداخىلە قىلىدىغان ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ تۇردى. لېكىن، بۇ خىل مۇداخىلىلەر بۇرۇنقىدەك زىچ ۋە خالىغانچە بولمىسىمۇ، سىياسىي ھايات ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا قالغاندا، مۇتەسسىپ گۇرۇھنىڭ كۈچكۈرتىشىگە ياكى بىرمۇنچە شەخسىي قارارلارغا باغلىق ھالدا ئوتتۇرىغا چىقتى
       . ئەمەلىيەتتىمۇ، كۆپۈنچە ئۆلىمالار گۇرۇھىنىڭ كۈچكۈرتىشى بىلەن ئابدۇلمەجدكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ۋە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان كۇلەلى ۋەقەسى (1859-يىلى)دىن كېيىن، 1876-يىلى ئابدۇلئەزىزگە، 1908-يىلى ئابدۇلھەمىدكە قارشى ئېلىپ بېرىلىپ غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي مۇداخىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچىنجى قېتىملىق ئۇرۇنۇش ئەسلىدە 1876-يىلىدىكى مۇداخىلىنىڭمۇ نىشانى بولۇپ، ئۇ نەتىجىسى چىقمىغان بىر تۈزۈم ئۆزگەرتىشكە سەۋەپ بولغانىدى. لېكىن، ئارمىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر مۇداخىلىدىن بەكلا ھالقىپ، قىسقا ۋاقىتتىلا سىياسىيگە ئارىلىشىپ دۆلەت ئىدارە قىلىش ئىشلىرىنى قولغا ئالدى. ھەر تۈرلۈك سىياسىي بىلىمدىن قىلچىمۇ ئەسەر بولمىغان بۇ ھەرىكەت دۆلەتنى ناھايىتى ئېغىر بەدەل تۈلەشكە مەجبۇر قىلدى ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ تىزلا يوقىلىشىغا سەۋەپ بولدى.
       مەغلۇبىيەتنىڭ ئىككىنجى سەۋەبى بولغان ئۆلۈمالار گۇرۇھى يەنىچەرى ئوچاغى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن دۆلەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بارلىق قالايمىقان ھەرىكەتلەردە ئارمىيىنىڭ جىنايەت شىرىكى ئىدى. بۇ گۇرۇھ دىننى يامان غەرەزدە قوللىنىش ئارقىلىق نادان خەلق توپى ئىچىدە تىكلىگەن نوپۇزىنى سۈيئىستىمال قىلىپ ھەر خىل سەۋەپ بىلەن دۆلەت ئىدارە قىلىشقا ئارىلاشتى. بولۇپمۇ غەرپ مودېلىدىكى گۈللىنىش ھەرىكىتىگە پات-- پات قارشى چىقتى. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەمدى مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە ۋە ئۇنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈشنىڭمۇ زادىلا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئۈچۈن زامانىۋىي ۋە مىللىي بىر دۆلەت قۇرۇش بىردىن بىر يول ئىدى. بۇ دۆلەتنىڭ شەكلى بولسا، 1920-يىلى 23 - ئاپرىلدىن بېرى نامى رەسمىي قويۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئىدى.
        شۇ سەۋەپلىك 1923- يىلى 29- ئۆكتەبىر كۈنى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىلان قىلىنىشى بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ پەقەت نامى ئاشكارلاندى. ئەمما، بىر مەملىكەتتە ئىككى خىل سىياسىي نوپۇز ياكى ئىككى دۆلەتنىڭ بولمايدىغانلىقىغا ئاساسلانغاندا، ئىستانبۇلدا پەقەت ئىسمىلا قالغان سىياسىي نوپۇز مۇشۇ خىتابنامىدىن بۇرۇنلا بىكار قىلىندى ۋە پەقەت دىنىي نوپۇز(خەلىپىلىك) ساقلاپ قېلىندى. بىر مەزگىلدىن كېيىن خەلىپىلىكمۇ بىكار قىلىندى (1924-يىلى،3- مارت كۈنى) شۇنىڭ بىلەن مىللىي ۋە زامانىۋىي تۈرك دۆلىتى قۇرۇلۇش مەزگىلىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدە ئۇزۇن مەزگىل زىيانلىق رولى كۆرۈلگەن دىنىي نوپۇزنىڭمۇ دۆلەت ئىدارە قىلىش ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىش ئىمكانىيىتى بىكار قىلىندى. خەلىپىلىكنىڭ بىكار قىلىنىشىغا ئۇلاپلا مەملىكەتتىكى دىنىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بىر مىنىستىرلىك سەۋىيىسىدىن چىقىرىپ تاشلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلمىسىدىن يەنى سىياسىي پىلاندىن تامامەن يىراقلاشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئاشۇ ۋاقىتتا يەنە شەرىئەت ۋە ئەۋقاپ مىنىستىرلىكى بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باش مىنىستىرلىككە قاراشلىق ئىككى ئومۇمىي مۇدىرلىق (دىيانەت ئىشلىرى ۋە ۋەھپە ئومۇمىي مۇدىرلىقى) قۇرۇلدى.
       بۇنىڭ تەبىئىي بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە يەنە ئاشۇ ۋاقىتتا (1924-يىلى3- مارت كۈنى) چىقىرىلغان «تەۋخىدى تەدرىسات قانۇنى» ئارقىلىق شەرىئەت ۋە ئەۋقاپ مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق دىنىي مەكتەپلەر(مەدرىسلەر)مۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھەر تۈرلۈك ئوقۇتۇش بىرلا قولدىن يەنى مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن يۈرگۈزىلىشى قارارلاشتۇرۇلدى. ناھايىتى قىسقىغىلا بىر مەزگىلدىن كېيىن(1924-يىلى8- ئاپرىل) ئىسلام ھوقۇقى بويىچە قارار چىقىرىدىغان شەرىئەت مەھكىمىلىرىمۇ بىكار قىلىندى. ھەق- ئادالەتنى ئومۇملاشتۇرۇش پەقەت ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق مەھكىمىلەرگە تاپشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن مائارىپ ۋە ھوقۇق ساھەسىدە تانزىمات دەۋرىدىن بىرى داۋاملىشىپ كەلگەن ئىككىلىككە خاتىمە بىرىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن نۆۋەت غەيرى رەسمىي يېرىم دىنىي مۇئەسسەسەلەرگە كەلدى ۋە خانىقالار بىلەن گۈمبەزلەر تاقىلىپ تەرىقەتچىلىكنىڭ تەشكىلاتلىنىشى چەكلەندى (1925-يىلى 30 نۇيابىر كۈنى). 1926- يىلىدىكى تۈرك مەدەنىي قانۇنى ئارقىلىق تۇرمۇشلۇق بولۇش ئىشىمۇ دىنىي نىكاھقا باغلىنىشتىن چىقىرىلىپ، قانۇننىڭ ھېمايىسى ۋە كاپالىتى ئاستىغا ئېلىندى. بۇنىڭدىن باشقا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشمۇ چەكلەندى.
       1928-يىلىغا كەلگەندە 1924- يىلى تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش ئارقىلىق تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي دىنىنىڭ ئىسلام ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ھۆكۈم بىكار قىلىپ قىلىنىپ، يېڭى دۆلەتنىڭ دەۋرداش ھەر قانداق بىر مەدەنىي دۆلەتكە ئوخشاش دىنىي مۇداخىلىنىڭ سىرتىدا تۇرىدىغانلىقى ۋە ۋىژدان ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. شۇنداق قىلىپ بىر تەرەپتىن دىنىي نوپۇزنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىشىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن ئالدى ئېلىنغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئارمىيىنىڭ سىياسەتكە ئارىلىشىش ئىمكانىيىتىنىڭمۇ يوقىتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا قاراپ قەدەم بېسىلدى. گەرچە 1826- يىلىدىن كېيىن ئارمىيىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىشى ناھايىتى ئازلىغان ۋە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان ئارمىيە ھەقىقىي بىر ئىنتىزام ئىچىدە تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن 1908- يىلىدىكى مۇداخىلىدىن كېيىن ئارمىيىدىكى ياش ۋە تەجىرىبىسىز كىشىلەر ھوقۇقنى قولىغا ئېلىپ، دۆلەت ۋە مەملىكەتنى زور ئاپەتكە باشلىغىنىدەك تېخى يېقىندىلا بولۇپ ئۆتكەن ناھايىتى ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ نەزەرگە ئېلىنماسلىقىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەپلىك، يېڭى دۆلەت قۇرۇلۇپ بىر مەزگىلدىن كېيىن پارلامېنتتىىنمۇ ئورۇن ئالغان ئارمىيىنىڭ بەزى نوپۇزلۇق ئادەملىرىنىڭ سىياسەتنى ياكى ھەربىيلىكنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا ئۇرۇنىشى مەجبۇرى توختىتىلىپ، ئارمىيىنىڭ سىياسەت بىلەن چىڭ بىرىكىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. بۇ جەرىياندا يېڭى تۈرك دۆلىتىنىڭ پىكرىي ۋە سىياسىي ئاساسلىرىمۇ بەلگىلەندى. بۇلار جۇمھۇرىيەتچىلىك، مىللەتچىلىك، ئىنقىلاپچىلىق، خەلقچىلىك، لائىكلىك ۋە دۆلەتچىلىكتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ پرىنسىپلەر 1937-يىلى ئېلىپ بىرىلغان بىر قېتىملىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇنغىمۇ كىرگۈزۈلدى.
       ئەقىلچىل ۋە ئەمەلىيەتچىل بىر قاراش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بارلىق بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قىسقا ۋاقىتتىلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈرەل ئىسلاھاتلار ئەگەشتى. مانا بۇ ئىشلاردىن ھەر بىر كىشىنىڭ مەمنۇن بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. سىياسەتنى تاللاپ ھەربىيلىكتىن قول ئۈزگەن ئارمىيىنىڭ بەزى ئادەملىرىمۇ ئارىلاشقان، بولۇپمۇ خەلىپىلىكنىڭ بىكار قىلىنىشىغا قارشى بولغان بىر گۇرۇھ بىرىنجى بولۇپ قارشىلىق كۆرسىتىپ، 1924- يىلى 11- ئايدا تەرەققىيپەرۋەر جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنى قۇردى. بۇ پارتىيىنىڭ دىنىي تېمىلاردىكى قاراشلىرى مۇتەئەسسىپ گۇرۇھلار ئارىسىدا قالتىس ئالقىشقا ئىرىشكىنىدەك، يات دۆلەتلەر تەرىپىدىنمۇ سۈيئىستىمال قىلىندى. نىھايەت، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىكى قۇترىتىشلار ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇدا دەستلەپكى قۇراللىق ھەرىكەتلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. (شەيخ سەئىد ئىسيانى،1925-يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى) ئەمما، بۇ ئىسيان دۆلەت تەرىپىدىن دەرھال باستۇرۇلغىنىدەك، قۇرۇلغان سىياسىي پارتىيىمۇ 1925- يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى تارقىتىۋىتىلدى. بۇ توسقۇنلۇقلارمۇ بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ئىنقىلاپلار تېخىمۇ تىز سۈرەتتە داۋام قىلدى. ئابدۇلھەمىدⅡ دەۋرىدىكى كاپىتىلاسيونلار(2) ئارقىلىق ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلىنىپ قالغان تۈركىيىنىڭ ھەل قىلىنىشى زۆرۈر بولغان جىددىي مەسىلىلىرىدىن بىرى ئىقتىسادنىڭ بالدۇرراق رەتكە سېلىنىشى ئىدى. بۇ مەقسەت بىلەن دۈيۇنى ئومۇمىيە ئىدارىسى( ئومۇمىي قەرز ئىدارىسى) بىلەن ئەينى سەرمايىنى ئىشلىتىدىغان چەتئەل شىركەتلىرى تاقىلىشقا باشلىدى.
        بۇ جەرىياندا 1923-يىلى1- ئايدا ئىزمىردا ئېچىلغان تۈرك ئىقتىساد كونگرىسىدە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرى ۋە نىشانى بەلگىلەندى. تۈرك ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى دۆلەتنىڭ كونتروللىقىدا ۋە مۇستەھكەم بىر شەكىلدە يۈرگۈزۈلىشى ئۈچۈن، ئاۋۋال 1924-يىلى ئىقتىساد مىنىستىرلىكى قۇرۇلدى. چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ مىللىيلەشتۈرۈلىشى تۈركىيىنىڭ تاماكا مەھسۇلاتلىرىغا قول تىققان رېژى ئىدارىسى(مونۇپۇل شىركىتى-ت) نىڭ سېتىۋىلىنىشى بىلەن باشلاندى. 1926-يىلى تۇنجى مىللىي بانكا بولغان ئىش بانكىسى قۇرۇلدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا باشقا بانكىلار قۇرۇلدى. مەملىكەتنىڭ ئەڭ مۇھىم كېرىم مەنبەسى بولغان دىھقانچىلىق ۋە كانچىلىق ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. تۆمۈر يول سىياسىتى بۇ دەۋرنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي ھەرىكەتلىرىدىن بىرى ئىدى. تەرەققىيات سۈرىتىنى تىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەش يىللىق پىلانلار تۈزۈلۈپ، بىرىنجى بەش يىللىق پىلان(1934-1939) يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.
        سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە تۈرلۈك تەرەققىياتلارنى يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈلتۈر ۋە مائارىپ ساھەسىدىمۇ چوڭ رەتكە سېلىش ھەرىكىتى باشلاندى. جۇمھۇرىيەت دەۋرىنىڭ ئاتاتۈركنىڭ ئۆلۈمىگە قەدەر بولغان مەزگىلىدە ئومۇمەن ھەر يىلى تۈرك كۈلتۈرى ۋە مائارىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ ۋەقەلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. باشقا ساھەلەردىكىگە ئوخشاش، كۈلتۈر ۋە مائارىپ ساھەسىدىمۇ 1924-يىلى مۇھىم بىر باشلىنىش ھېساپلىنىدۇ. ئوقۇتۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇن مۇشۇ يىلى چىقىرىلغىنىدەك، 2- مەشرۇتىيەت دەۋرىدىكى رىئاللىققا زىت بولغان ئوسمانلىچىلىق قارىشىنىڭ ۋە بۇنىڭغا تايانغان دۆلەت سىياسىتىنىڭ تەرك ئېتىلىشىدە چوڭ رولى كۆرۈلگەن تۈرك مىللەتچىلىك پىكرىگە تايانغان تۈرك ئوچاقلىرىمۇ مۇشۇ يىلى قايتىدىن ئېچىلدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بارلىق ئىسلاھاتلار تۈرك مىللەتچىلىك پىكرىنى ئۇل قىلدى. لېكىن، بۇنىڭ ئىرقچى ۋە رادىكار قاراشلار بىلەن ھېچقانداق بىر مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. بۇ دەۋرنىڭ كۈلتۈر ساھەسىدىكى ئومۇمىي مەۋقەسىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئاساسلىق پىكىرلەر مىللەتچىلىكتىن باشقا، تانزىمات دەۋرىدىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن مەدەنىيەتچىلىك(غەرپلىشىش)، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ھۆرىيەتچىلىك پىكىرلىرى ئىدى. ئاتاتۈركنىڭ ئەقىلچىل ۋە ئەمەلىيەتچىل قاچىسىدا بۇ پىكىرلەر مۇۋاپىق بىر سېنتىز(ئارىلاشما) ھاسىل قىلدى. كۈلتۈر ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى ئىسلاھاتلار تەرەققىياتنىڭ ئەڭ چوڭ ئامىللىرىدىن بىرى بولغان ساۋاتلىقلار نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىش بىلەن باشلاندى.
       جۇمھۇرىيەت دەۋرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق نوپۇس ئىستاستېكىسى ئېلىپ بىرىلغان 1927-يىلىدا %13.5 بولغان بۇ نىسبەتنىڭ مۇشۇنداق تۈۋەن بولىشىدا ئۈگىنىش قىيىن بولغان ئەرەپ يېزىقىنىڭ زور تەسىرى بارلىقى تەسەۋۋۇر قىلىنىپ، 1928-يىلى لاتىن يېزىقىغا تايانغان يېڭى تۈرك ئىلىبپەسى قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا پۈتۈن مەملىكەتتە ساۋات چىقىرىش سەپەرۋەرلىكى باشلاندى ۋە قۇرۇلغان مىللەت مەكتەپلىرى(1929-1936) ئارقىلىق غەلىبىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. كۈلتۈر ساھەسىدە يېزىقتىن كېيىن تىل تېمىسى قولغا ئېلىندى.
        ئەرەبچە ۋە پارسچە سۆزلۈكلەر ۋە قائىدىلەر بىلەن تولغان ئوسمانلىچىنىڭ مۇۋاپىق بىر ئۆلچەمدە تۈركچىلەشتۈرۈلۈش مەسىلىسى تانزىمات دەۋرىدىن بېرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن بىر ئارزۇ سۈپىتىدە داۋام قىلدى. 2- مەشرۇتىيەت دەۋرىدە «ياش يازغۇچىلار» ژورنىلىنىڭ يىتەكچى بولۇشى بىلەن مەسىلە زور دەرىجىدە ھەل قىلىندى. يېزىق تىلى ئېغىز تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق ئوسمانلىچە كەڭ دائىرىدە تۈركچىلەشتۈرۈلدى. بۇ دائىرىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىشى ۋە تۈرك تىلىنىڭ ئۆز تارىخى ھالىتى ئىچىدە ئىلمىي مېتود بىلەن تەتقىق قىلىنىپ رەتكە سېلىنىشى ئۈچۈنمۇ تەييارلىق باشلاندى. ئېلىپ بېرىلغان دەستلەپكى تەتقىقاتلار تۈركچىنىڭ بايلىقىنىلا ئەمەس، يەنە قەدىمىيلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، تۈرك تىلىنىڭ پەقەت تۈرك تارىخى بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنىش كىرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەتقىقاتلارنىڭ ئاۋۋال تۈرك تارىخى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىش كىرەكلىكى ۋە تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرىنىڭمۇ بۇنىڭ نۇرى ئاستىدا يۈرگۈزۈلىشى مۇۋاپىق كۆرۈلدى.
        1930-يىلى تۈرك ئوچاقلىرى ئومۇمىي مەركىزىگە قاراشلىق بىر تەتقىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن مۇشۇ شەكىلدە باشلانغان تۈرك تارىخى تەتقىقاتلىرى بىر يىلدىن كېيىن تۈرك ئوچاقلىرىنىڭ تاقىۋىتىلىشى بىلەن 1931- يىلى 15 - ئاپرىل كۈنى قۇرۇلغان تۈرك تارىخ قۇرۇمىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى. تۈرك ئوچاقلىرىنىڭ تاقىۋىتىلىشى يېڭى دۆلەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ۋە بۇ مەقسەت يولىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلاپلارنى خەلق توپىغا چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدىغان تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى يېڭى تەشكىلىي قۇرۇلۇشلارغا بولغان ئېھتىياج سەۋەبىدىن ئىدى. چۈنكى، تۈرك ئوچاقلىرى قۇرۇلغاندىن بېرى مەلۇم بىر زىيالىلار گۇرۇھىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالغان ۋە كېيىن بەزى مۇلاھىزىلەر ئارقىلىق تاقىۋىتىلگەن خەلق ئۆيلىرى يېزىلارغا قەدەر كېڭەيگەن كەڭ پائالىيەتلىرى بىلەن كەڭ خەلق توپلىرىغا خىزمەت قىلىشتا نۇرغۇن يىل غەلىبىلىك بىر كۈلتۈر قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ باردى.
       تۈرك تارىخ قۇرۇمىنىڭ 1932-يىلى ئىيۇلدىكى تۇنجى قۇرۇلتىيىدا تۈرك تارىخىنىڭ قەدىمىيلىكى بىلەن تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بايلىقى ۋە ئۈستۈنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەتنىڭ تۇنجى ئومۇملاشقان يېرى ئىدى. بۇ يەرنىڭ دەستلەپكى ئىگىلىرىمۇ تۈركلەر ئىدى. شۇنداق قىلىپ تۈرك تارىخىنىڭ قەدىمىيلىكى بىلەن بىرلىكتە تۈرك تىلىنىڭ قەدىمىيلىكىمۇ نامايەن بولدى. تۈرك تىلىنى ئۆزىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى ئىچىدە تەتقىق قىلىش ۋە رەتكە سېلىش مەقسىتى بىلەن 1932-يىلى 12- ئىيۇل كۈنى قۇرۇلغان تۈرك تىلى تەتقىقات جەمئىيىتىمۇ پائالىيىتىنى تۈرك تارىخى ساھەسىدىكى تەتقىقاتلارغا پارالىل ھالدا يۈرگۈزۈش ئارقىلىق چىقارغان دەستلەپكى نەتىجىلىرىنى 1932-يىلى 26- سىنتەبىر كۈنى ئىلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركچە دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى تىللارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تىللار بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار ئىدى.
        بۇ نەتىجە 1934- ۋە 1936- يىللىرىدىكى تۈرك تىلى قۇرۇلتايلىرىدا تېخىمۇ بېيىتىلىپ، تۈركچىنىڭ پۈتۈن مەدەنىي تىللارنىڭ ئاساسىي مەنبەسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، تەبىئىي ھالدا تۈركچىدىكى يات سۆزلۈكلەرنىڭمۇ ئەسلىدە تۈركچە ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ تۈركچىدىن چىقىرىۋىتىلىشىنىڭ زۆرۈر ئەمەسلىكىمۇ چۈشىنىلدى. بۇ جەرىياندا ئۈنۋېرسېتىتنىڭ پائالىيەتلىرىنىمۇ رەتكە سېلىش باشلىنىپ، شۇ ۋاقىتلاردا تۈركىيىنىڭ بىردىن بىر ئۈنۋېرسىتى ھېساپلانغان ئىستانبۇل دارۈلفۇنۇنىڭ زامانىۋىي سەۋىيىگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەر قوللىنىلدى. بۆلۈملىرى غەرپنىڭ مەشھۇر ئالىملىرى بىلەن تولۇقلانغىنىدەك، 1933-يىلى نامىمۇ ئۈنۋېرسىتىتكە ئۆزگەرتىلدى.
        ئارقا-- ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھاتلارنىڭ ياشلارغىمۇ دېگەندەك دەرىجىدە بىلدۈرۈلۈشى مەقسىتىدە، 1934-يىلى ئۈنۋېرسىتېت بىلەن ئالىي مەكتەپلەرگە «تۈرك ئىنقىلاپ تارىخى دەرسى» كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت پايتەختىدىمۇ بىر ئۈنۋېرسىتېتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاش ئىشى 1925-يىلى ئەنقەرە ئەدلىيە ھوقۇق مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن باشلىنىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ مەكتەپ فاكۇلتېت دەرىجسىگە كۆتۈرلدى. 1930-يىلى ئالى مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى دىھقانچىلىق ئىنىستىتۇتلىرى، 1936-يىلى تىل ۋە تارىخ – جۇغراپىيە فاكۇلتېتى تەسىس قىلىندى.

        جۇمھۇرىيەت دەۋرى ئەدەبىياتىدا بىر قانچە ئېقىملارنىڭ تەسىرى كۆرۈلدى. ئەمەلىيەتتىمۇ پىكىر لاھىيىسى سۈپىتىدە تانزىمات دەۋرى ئەدەبىياتىنىڭ ئىككىنجى باسقۇچىدا(1875-1896) ئوتتۇرىغا چىققان سوتسيالىزمنىڭ بىردىن بىر ۋەكىلى بەشىر فۇئاد(1852-1887) بولۇپ، ئۇ بارلىق تېمىلاردا ماددىنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن، «ماددىيە»(ماددىچىلىق، ماتېرىيالىزم) دەپ ئاتالغان. ئەزالىرىمۇ «ماددىيۇن»(ماددىچىلار، ماتېرىيالىستلار) دەپ ئاتالغان بۇ خىل ئىدىيە شەكلى زىيالىلار، بولۇپمۇ ئاخمەد مىدخات ئەپەندى تەرىپىدىن رەد قىلىنغان ئىدى. سوتسيالىستلار 1918-1922-يىللار ئارىسىدىكى تۈركىيىنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە پەۋقۇلئاددە ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ پائالىيىتىنى كۈچەيتىپ، «ئايدىڭلىق» ۋە «ئەتە» قاتارلىق گېزىت -- ژورناللارنىمۇ چىقاردى. لېكىن ھېچقانداق بىر نەتىجىگە ئىرىشەلمىدى. ئەدەبىياتتىمۇ ئەكىس ئەتكەن بۇ ھەرىكەتنىڭ بىردىن بىر ۋەكىلى نازىم ھىكمەت ئىدى.
        تۈركىيە 1939-يىلى پارتلىغان 2- دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئېغىر ئىقتىسادىي تەۋرىنىشكە دۇچ كەلدى. ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ئاستا – ئاستا شەكىللەنگەن سىياسىي ئىختىلاپلار ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ يېڭى پارتىيىلەر قۇرۇلدى. بۇ پارتىيىلەرنىڭ ئاساسلىقى 1946-يىلى قۇرۇلغان ۋە 1950-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان دېموكراتلار پارتىيىسى ئىدى. 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركىيىدىن زىمىن ۋە بازا تەلىپىدە بولغان بولغان بولسىمۇ، بۇ ئۇرۇنۇش غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن توسۇپ قىلىنغىنىدەك، تۈركىيە 1952-يىلى ناتو(شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ت)غا ئەزا بولۇپ كىرىپ، بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان تەھلىكىلەر ئالدىدا يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدى.
       ئون يىل داۋاملاشقان ۋە 1960-يىلى 27- ماي كۈندىكى ھەربىي زەربە بىلەن دەۋرى ئاخىرلاشقان دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتى تۈركىيىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىي ھاياتى بىلەن ئىقتىسادىغا يېڭى بىر دىنامىزم( جانلىنىش) قوشقان ئىدى. ئۇرۇش يىللىرىدىمۇ كۈلتۈرەل ساھەدە زور جانلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. خەلق ئۆيلىرى تىز سۈرەتتە تەرەققىي قىلىپ ناھىيىلەرگە قەدەر مەملىكەتنىڭ بارلىق بۇلۇڭ-- پۇچقاقلىرىدا پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۈلتۈر سەۋىيىسىنىڭ يۈكسىلىشىدە پايدىلىق رول ئوينىدى. مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكى1940-يىلى دۇنيا كىلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ تۇنۇتۇش مەقسىتى بىلەن زور غەيرەت كۆرسىتىشكە باشلىدى.
        قۇرۇلغان تەرجىمە ئىدارىسىغا قاراشلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ۋە «تەرجىمە »(1940-يىلى) دېگەن ژورنالنى تەسىس قىلىش بىلەنمۇ ھېمايە قىلىنغان بۇ پائالىيەتلەر كۆپۈنچە قەدىمكى يۇنان، لاتىن ۋە ئىسلام كىلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تۇنۇتۇش بىلەن بىرگە، كەڭ قوللىنىلىدىغان غەرپ تىللىرى ئۈستىدىمۇ تىز ۋە چوڭ تەرەققىياتقا ئىرىشتى. 1950-يىلىدىن كېيىن بولسا، بىر تەرەپتىن دۇنيا كىلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى داۋاملاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرك كىلاسسىكلىرى يېڭى ئەۋلادقا تۇنۇتۇلۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە كېيىنكى ھەرىكەتلەر ئەسلىدە لاتىن يېزىقى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن نەچچە يۈز يىللىق مىللىي كۈلتۈردىن ئۈزۈلۈپ كەتكەن مۇناسىۋەتنىڭ قايتىدىن باغلىنىش يولىدىكى مۇھىم بىر تىرىشچانلىق ئىدى. مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن باشلانغان بۇ ھەرىكەتلەر 1975-يىلىدىن بېرى كۈلتۈر مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلماقتا.
        1960- يىلى 27 - ماي كۈنى يۈز بەرگەن ھەربىي زەربە بىلەن جۇمھۇرىيەت تارىخىنىڭ ئۈچىنجى دەۋرى باشلاندى.
        1924-يىلىدىن بېرى بەزىدە پەقەت ئانچە--مۇنچە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن ئاساسىي قانۇن بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى دۆلەت نوپۇزىنى ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشۈرگەن ۋە شۇ سەۋەپلىك قىسقىغىلا بىر مەزگىلدىن كېيىن سىياسىي كرېزىسنىڭ يۈز بىرىشىگە زىمىن ھازىرلىغان 1961-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. 1971-يىلى يۈز بەرگەن ھەربىي مۇداخىلە نەتىجىسىدە بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ بەزى ماددىلىرى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئالماشتۇرۇلغان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن كۈتكەن نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولمىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ 1980-يىلى 12- سىنتەبىردىكى ئىككىنجى بىر ھەربىي مۇداخىلىدىن خالى بولۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەدەبىياتنىڭ ئۆزى مەيدانغا كىلىپ تەرەققىي قىلغان مەملىكەتتىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈرەل شارائىتلار بىلەن يېقىن باغلىنىشى نەزەرگە ئېلىنغاندا، تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى تەرەققىياتىنىمۇ بۇ دەۋرنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتى ۋە باسقۇچلىرى ئىچىدە قولغا ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكى ئۆزلىگىدىن نامايەن بولىدۇ. شۇڭا، 1923-يىلىدىن كېيىنكى تۈرك ئەدەبىياتىنى جۇمھۇرىيەت دەۋرى تارىخىنىڭ ئاساسلىق شۇ ئۈچ باسقۇچى ئىچىدە تەتقىق قىلىش كىرەك.
        1- تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ 2- دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغان قەدەر بولغان باسقۇچ(1923-1939). 2- 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن 27- ماي ھەرىكىتىگىچە بولغان باسقۇچ(1939-1960). 3- 1960-يىلىدىكى 27-ماي ھەرىكىتىدىن 1980-يىلىدىكى 12-سىنتەبىر ھەرىكىتىگە قەدەر بولغان باسقۇچ(1960-1980). جۇمھۇرىيەت دەۋرى ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي بەلگىلىرىنى تۈۋەندىكىدەك كۆرسىتىش مۇمكىن:
     1- بۇرۇنقى بارلىق ئەدەبىياتقا ئوخشاش بۇمۇ غەرپكە يۈزلەندى.
    2- ئۆزىدىن بۇرۇنقى غەرپكە يۈزلەنگەن تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ دەۋرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ ھەرىكەتچان ۋە جانلىق بولۇپ، يازغۇچى ۋە شائىرلار قوشۇنى بارلىق تۈرلەردە تېخىمۇ كېڭەيدى.
     3- بۇنىڭغا ماس ھالەتتە ئىلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ سانىمۇ تانزىمات دەۋرىدىن جۇمھۇرىيەت دەۋرىگە قەدەر ئىلان قىلىنغان ئەسەرلەردىن تېخىمۇ كۆپ بولدى.
     4- بۇ دەۋردىكى تۈرك ئەدەبىياتى بۇرۇنقىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەقسەتلەر بىلەن ئىدېئولوگىيە(ئوسمانلىچىلىق، ئىسلامچىلىق، تۇرانچىلىق )گە تېخىمۇ كۆپ ئورۇن بەردى.
    5- ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىكىگە ئوخشاش، بۇ دەۋردىمۇ تېمىلار ئاساسلىق ئىككى تۈركۈمگە ئايرىلدى. بۇنىڭ بىرى، شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ شەخسىي تۇيغۇ ۋە خىياللىرى بىلەن تويۇنغان ئەسەرلەر. يەنە بىرى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ۋەقەلەردىن ئىلھام ئالغان ئەسەرلەردۇر. بۇلاردىن ئىككىنجى تۈركۈمگە مەركەزلەشكەن شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭمۇ بەزىدە يالغۇز ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇيغۇ ۋە خىياللىرىنى تىلغا ئالغانلىقى نەزەرگە ئېلىنسا، ئۇلارنىڭ بىرىنجى تۈركۈمدىكى تېمىلار ھەققىدىمۇ توختالغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.

        1911-يىلى مىللىي ئەدەبىيات ئېقىمىنى ياراتقانلار قەتئىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، غەلىبىلىك ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرغان «ئوسمانلىچىنىڭ جانلىق تىل ئۆلچىمىدە تۈركچىلەشتۈرۈلىشى» قارىشى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىمۇ قوبۇل قىلىندى. لېكىن، كېيىنچە رادىكاللىققا قېيىپ كىتىپ، تۈركچىنىڭ ئۆز ئىچىدە پارچىلىنىشىغا سەۋەپ بولدى. ئەمما، ئەقىلچىل ۋە ئەمەلىيەتچىل يولنى كۆرۈپ يەتكەن سەنئەتچىلەرنىڭ بۇ تېمىدىمۇ كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلىشى رادىكاللىق تەرەپدارلىرىنىڭ مۇدداسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇرۇنقى دەۋرلەردە ناھايىتى ئاز ئېتىبارغا ئىرىشكەن «تەجرىبە قىلىش» قاتارلىق تۈرلەر بۇ دەۋردە زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. شېئىر -- جۇمھۇرىيەت دەۋرى شائىرلىرى ناھايىتى كۆپ بولغىنىدەك، شېئىرلىرىمۇ تېما ۋە شەكىل جەھەتتىن بىر بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇراتتى.
       بۇ دەۋرنىڭ 1- باسقۇچىدا بىر تەرەپتە ئابدۇلھەق ھامىد قاتارلىق شۆھرىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان تانزىمات دەۋرىنىڭ بىر ۋەكىلى بىلەن، فەجرى ئاتى ۋە مىللىي ئەدەبىيات ئېقىمىغا مەنسۇپ شائىرلار( جەلال ساھىر ئەروزان، فائىق ئالى ئوزانسوي، ئاخمەد ھاشىم، مەھمەد بەخچەت يازار ، ئىبراھىم ئالائەتتىن گۆۋسا، مىدخات جەمال كۇنتاي،ياخيا كەمال باياتلې، بەش بۇغۇمچىلار ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر) ئورۇن ئالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتە شېئىر ئىجادىيىتىنى جۇمھۇرىيەتتىن كېيىن باشلاپ بىر بىرىگە يېقىن ئەگىشىپ ماڭغانلار بار ئىدى. بۇلاردىن ئاخمەد ھاشىم شۆھرىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە 1930-يىللارغا كەلگەندە ئۇلاشقان بولسا، ياخيا كەمال بۇ پەللىگە پەقەت 1940-يىلىدىن يەتتى.
        بۇغۇمنىڭ بەش شائىرى( ئورخان سەيفى ئورخۇن، ئەنىس بەخىچ كوريۈرەك، خالىد فاھرى ئوزانسوي، يۇسۇف زىيا ئورتاچ، فارۇق نافىز چاملىبەل) ۋە ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغان مۇتارەكە ۋە مىللىي ئىنقىلاپ دەۋرىنىڭ ئەۋلادلىرى (نەجىپ فازىل كىسا كۈرەك، نازىم ھىكمەت ران، ئاخمەت ھامدى تانپىنار، ئالى مۇمتاز ئارولات، ئۆمەر بەدرەتتىن ئۇشاكلى، سالىخ زەكى ئاكتاي، خالىدە نۇسرەت زورلۇتۇنا، شۈكۇفە نىھال، نەجمەتتىن خالىل ئونان، كەمالەتتىن كامى كامۇ) قاتارلىقلارمۇ شۆھرىتىنىڭ پەللىسىگە 1930-يىلىدىن كېيىن چىقىشقا باشلىدى. شېئىر ئىجادىيىتىنى جۇمھۇرىيەتتىن بۇرۇن باشلىغان شائىرلارنىڭ ھەممىسى(ئاخمەد ھاشىم، ياخيا كەمال ۋە نازىم ھىكمەت قاتارلىقلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا) ۋەزىن سۈپىتىدە بۇغۇمنى ۋە شەكىل سۈپىتىدە كۆپۈنچە تۆتلۈكتىن قۇرۇلغان نەزىم شەكىللىرىنى قوللاندى. نازىم ھىكمەت بولسا ئومۇملاشقان بارلىق ۋەزىنلەر ۋە نەزىم شەكىللىرىنى بىر چەتكە قايرىپ، ۋەزىنسىز، قاپىيىسىز، ئەركىن نەزىم بىلەن شېئىر يازدى.
        شائىرلارنىڭ كۆپچىلىكى تېما جەھەتتىن شەخسچى(خۇسۇسىي) مەۋقەلەرنى داۋام قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھايات ۋە خىياللىرىغا ئىتىبار بەرگىنىدەك، ئارىلاپ بەزىدە مىللىي تۇيغۇلارنى ۋە ئىجتىمائىي تېمىلارنىمۇ تەسۋىرلىدى. جۇمھۇرىيەتتىن بۇرۇن شېئىر يېزىشقا باشلىغان ئەۋلادلار ئەدەبىي ھاياتىنى بۇ شەكىلدە داۋاملاشتۇرىۋاتقاندا، نامىنى دەستلەپ جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە تۇنۇتۇشقا باشلىغان شائىرلارمۇ 1925-1930-يىللار ئارىسىدا يەككە – يەككە ياكى توپ ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. نامىنى ئۆز ئالدىغا تۇنۇتۇشقا تىرىشقان شائىرلار ئارىسىدا ئاخمەد قۇدسى تەجەر، ئاخمەد مۇخىپ دراناس ۋە جاھىت سېتكى تارانچى باشتا تۇرىدۇ. سەنئەتنى پەقەت سەنئەتنىڭ خىزمىتى دەپ قاراپ، شېئىرلىرىدا ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تېما قىلغان ۋە يازغانلىرى جۇمھۇرىيەت دەۋرى تۈرك شېئىرىنىڭ ئەڭ تەسىرى كۈچلۈك لىرىكىلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان بۇ ئۈچ شائىردىن ئاخمەد قۇدسې تەجەر(1901-1967)نىڭ پەقەت بىرلا شېئىر كىتابى(«شېئىرلار»،1932-يىلى) بار.
       ئاساسەن ناھايىتى ئاز يازغان شائىر ئۇنىڭدىن كېيىن يازغانلىرىنى توپلام قىلمىدى. ئاخمەد مۇخىپ دراناس(1909-1980)مۇ بارلىق شېئىرلىرىنى ئەينى ئىسىمدىكى بىردىن بىر كىتابى(«شېئىرلار»،1974-يىلى)غا كىرگۈزدى. جاھىت سېتكى تارانچى(1910-1956)نىڭ «ئۆمرۈمدە سۈكۈت»(1933-يىلى)، «ئوتتۇز بەش ياش»(1946-يىلى)، «چۈشتىن گۈزەل»(1952-يىلى)، «كېيىنكىسى»(1957- يىلى ) ناملىق كىتاپلىرىغا كىرگۈزگەن ۋە ئۈمىتسىز بىر روھىي ھالەت ئىچىدە يازغان شېئىرلىرى بولسا، يەڭگىل ۋە سەمىمىي ئۇسلۇبلىرى بىلەن دىققەتنى تارتىدۇ. يەنە ئەينى يىللاردا داڭقىنى چىقىرىشقا باشلىغانلاردىن ئارىف نىخات ئاسيا (1904-1975)نىڭ ناھايىتى نۇرغۇن شېئىرىي كىتابلىرى ئارىسىدىكى ئاساسلىقلىرى تۈۋەندىكىلەردۇر: «ھەيكەلتاراش»(1924- يىلى)، «ياستۇقۇمنىڭ چۈشى»(1930-يىلى)، «ئايەتلەر»(1936- يىلى)، «بىر بايراق شامالغا تەشنا»(1946-يىلى)، «يىلتىز ۋە شاخ»(1964-يىلى) ۋە «ئەينەكتە قالغان»(1969-يىلى) قاتارلىقلار. جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى1- باسقۇچنىڭ تۇنجى شائىرلار گۇرۇھى بولغان يەتتە مەشئەلچىلەرمۇ 1928- يىلى ئوتتۇرىغا چىقتى. نامىنى ئاشۇ ۋاقىتتا ئورتاق ھالدا نەشىر قىلغان «يەتتە مەشئەل» ناملىق بىر كىتاپتىن ئالغان ۋە ئالتە شائىر (زىيا ئوسمان سابا، سابرى ئەسات سىياۋۇشگىل، جەۋدەت قۇدرەت، ياشار نابى نايىر، مۇئاممەر لۈتفۈ، ۋاسفى ماھىر كوجاتۈرك)، بىر ھېكايىچى(كەنان خۇلۇسى كوراي) دىن تەشكىل تاپقان بۇ گۇرۇھ يەنە ئاشۇ يىلى يۈسۈپ زىيا ئورتاچ چىقارغان «مەشئەل» ژورنىلىدىمۇ بىر يەرگە توپلاندى.
        بۇ ژورنالنىڭ تۇنجى سانىدا يېڭى گۇرۇھنى ئومۇمىي خەلققە ئاخمەد ھاشىم تۇنۇتتى. لېكىن، شېئىرلىرىدا «تۈرك شېئىرىنىڭ شەخسچى - خۇسۇسىي تېمىلىرىدىن ۋە ئۈمىتسىز كەيپىياتىدىن يىراقلىشىپ يېڭىلىق يولىدا ماڭىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇ ئىدىيىسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرالمىغىنىدەك، تۈرك شېئىرىگە ھەسسىمۇ قوشالمىدى. پەقەت شېئىرگە ھەۋەس قىلىدىغان ياشلاردىن تەشكىل تاپقانلىقىدىن ئىبارەت بىر تەسىراتنى قالدۇرغان بۇ گۇرۇھنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولدى. قىسقىغىلا بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەزالىرىنىڭ ھەر بىرى ئەسلى قابىلىيىتى تەرىپىدىن تاللانغان يولغا قاراپ ماڭغان بۇ گۇرۇھنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بىردىن بىر شائىرى سۈپىتىدە زىيا ئوسمان سابا قالدى.
       يېقىن دوستى جاھىت سېتكىغا ئوخشاش ئۈمىتسىزلىككە تولغان ھاياتلىق ۋە دۇنيا قارىشىغا ئىگە بولغان ۋە شېئىرلىرىنى «سەبىل ۋە كەپتەرلەر»(1943-يىلى)،«ئۆتكەن زامان»(1947-يىلى) ۋە «نەپەس ئالماق»(1957-يىلى) ناملىق كىتابلىرىدا توپلىغان شائىر يەڭگىل ۋە سەمىمىي ئۇسلۇبى جەھەتتىنمۇ جاھىت سېتكى بىلەن بىرلىشىش ئارقىلىق ھەر ئىككىسى 2- باسقۇچنىڭ شېئىرىگە تەسىر كۆرسەتتى. يەنە ئەينى يىللاردا شېئىر يېزىشنى مۈتارەكە يىللىرىدا باشلىغان ۋە مىللىي ئىنقىلاپنى قوللىغان، لېكىن قىسقىغىلا بىر مەزگىلدىن كېيىن سوۋېت رۇسىيىسىگە بېرىپ سوتسىيالىزمنى قوبۇل قىلغان ياش شائىر نازىم ھىكمەت(1902-1963)مۇ تۇنجى شېئىر كىتابىنى ئىلان قىلدى(1929-يىلى). شۇنىڭ بىلەن تۈرك شېئىرىدا سوتسىيالىستتىك قاراش ۋە شەكىلدىكى دەستلەپكى يېڭىلىقلارمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
        بۇ ئۆرنەكلەر ئارقىلىق ئېلىپ كىرىلمەكچى بولغان شېئىر 1917- يىلىدىن كېيىن سوۋېت رۇس زىمىنىدا تىز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان سوتسىيالىستىك ۋە ئىنقىلاپچىل رۇس شېئىرى ئىدى. تۈرك ئەدەبىياتىدا شۇ ۋاقىتقا قەدەر بولغان بارلىق سەنئەت ، شېئىر چۈشەنچىسىنى ۋە ئەنئەنىسىنى ئىنكار قىلىپ، پەقەت سوتسىيالىستىك پىكىرلەرنى تەشۋىق قىلىشقا يۈزلەنگەن بۇ شېئىر شەكىل جەھەتتىن فۈتۈرىزمدىن (3) پايدىلانغانىدى. شۇ سەۋەپلىك نەزىم سۈپىتىدە پەقەت ئەركىن نەزىم قوللىنىلغان. ئەسلىدە فرانسۇز سىمۋولىزم شېئىرىنىڭ نەزىم شەكلى بولغان ۋە تۈرك شېئىرىدىمۇ ۋەزىنلىك ۋە قاپىيىلىك ھالەتتە 2- مەشرۇتىيەت دەۋرىدە كۆپ قوللىنىلغان ئەركىن نەزىم نازىمنىڭ شېئىرلىرىدا ۋەزىنسىز ھالەتتە ۋە بەلگىلىك بىر قاپىيە تەرتىۋىگە مەنسۇپ بولمىغان ھالدا ئورۇن ئالىدۇ. شەكىل جەھەتتە ئوتتۇرىدىكى پەرق مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدى. سوۋېت تىپىدىكى سوتسىيالىستىك شېئىرلار 1930- يىلىدىن كېيىن ئاستا بىر سۈرەت بىلەن تەرەققىي قىلدى ۋە ئىلھامى بەكىر تەز، ھاسان ئىززەتىن دىنامو ۋە ناخىلⅤ چاكىرخان قاتارلىق ياش تەرەپدارلارغىمۇ ئىرىشتى. لېكىن نازىمنىڭ ئۆزىمۇ ناھايىتى زور بىر غەيرەت كۆرسەتتى.
    شېئىر كىتابلىرى كەينى كەينىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇلار:« جوكوند بىلەن سىيائۇ»(1929-يىلى)، « 1=1+1»(ناخىل Ⅴبىلەن بىرلىكتە)، «تاۋۇشىنى يۇقاتقان شەھەر»(1931-يىلى)، «كىچىدە كەلگەن تېلېگىراما»(1932- يىلى)، «بەنەرجى ئۆزىنى نىمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۋالدى»(1932-يىلى)، «تارانتا بابۇغا مەكتۇپ»(1935-يىلى)، «رەسىملەر»(1935-يىلى)، «سىماۋنا قازىسىنىڭ ئوغلى شەيخ بەدرەتتىن»(1936-يىلى) قاتارلىقلار. شۇنىڭدەك، ئىلھامى بەكىر(1906-يىلى)نىڭ «24 سائەت»(1929-يىلى)، «كۆك كىتاب»(نازىم ھىكمەت بىلەن بىرلىكتە،1930-يىلى)، «بىرىنجى فورما ئا»(1930-يىلى) «ھەر قانداق بىر شېئىر كىتابى»(1931-يىلى)، «مۇستاپا كەمال»(1933-يىلى)، «بولغىنىدەك»(1935-يىلى) ، ھاسان ئىززەتىن(1909- يىلى) نىڭمۇ «سېڭىز پەنەرى»(1939-يىلى) ناملىق شئىر كىتابلىرى نەشىر قىلىندى. لېكىن جۇمھۇرىيەت دەۋرىنىڭ ئاتاتۈركنىڭ ھايات چېغىدىكى بۇ بىرىنجى باسقۇچىدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئىدىيە مىللىي ئىنقىلاپنىڭ ئاساسى مەنبەسى ھېساپلانغان ۋە شۇ يىللاردىن باشلاپ يۇقىرى تىزلىك بىلەن تەرەققىي قىلغان مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدۇر. مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئېلىپ بىرىلغان ئانادولۇ تۇپراقلىرى مۇشۇ ئۇرۇش يىللىرىدىن باشلاپ بارلىق تۈرك زىيالىلىرىنىڭ نەزىرى بىلەن بىرلىكتە قەلبىنىمۇ ئۆزىگە تارتقان مۇقەددەس تۇپراققا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن تۈرك ئەدەبىياتىدىمۇ ئانادولۇ تۇپراقلىرىغا ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھەر بىر نەرسىگە قارىتا بىر خىل مايىللىق باشلاندى. ئاۋۋال شېئىردە كۆرۈلگەن بۇ يۈزلىنىش ئاستا --ئاستا باشقا تۈرلەرگىمۇ كېڭىيىپ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر تېمىغا ئايلاندى.
        1- باسقۇچتىكى ۋەكىللىرى ھەممىدىن بەكرەك كەمالەتتىن كامى كامۇ، فارۇق نافىز چاملىبەل، ئورخان سەيفى ئورخۇن، بەخچەت كەمال چاغلار ۋە ئارىف نىخات ئاسيا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان بۇ ئىجادىيەت پائالىيەت «ئانادولۇچىلىق» دەپ ئاتالدى. لېكىن يېڭى دۆلەتنىڭ تۇپرىقىنىڭ يالغۇز ئانادولۇدىلا ئەمەسلىكى ۋە بۇنداق ئاتاشنىڭ تازا جايىدا بولمىغانلىقى ھېس قىلىنىپ، بۇ ئىسىم «مەملىكەتچىلىك» دېگەن شەكىلگە ئۆزگەرتىلدى. ئەدەبىيات سۈپىتىدە «ئۆزىگە قايتىش»تا ئىپادىسى كۆرۈلگەن بۇ يۈزلىنىش تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ شۇ ۋاقىتقا قەدەر غەرپ ئەدەبىياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت شەكلىگىمۇ دىققەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، غەرپ ئەدەبىياتىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كىلىشتىن ۋاز كىچىپ، پەقەت ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئاساسلىرىنى ۋە شەكىللىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ مىللىي قىممەتلىرىنى ئىپادە قىلىش دېگەن مەنىدىمۇ كىلەتتى. زادى يېڭى بولمىغان، ياش يازغۇچىلارنىڭ 1911- يىلى ئوتتۇرىغا قويغان مىللىي ئەدەبىيات قارىشىدىن پەەرقسىز بولغان ۋە ياخيا كەمالنىڭ 1936- يىلى «مەكتەپتىن مەملىكەتكە»( شۇ ۋاقىتقا قەدەر بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن مەكتەپ ھالىتىدە تۇرغان غەرپ ئەدەبىياتىنى كۆچۈرۈپ كىلىشتىن ۋاز كىچىپ ئۆزىمىزگە يۈزلىنىش) شەكلىدە فورمىلالاشتۇرغان بۇ خائىش تۈرلۈك قاراشلار نوقتىسىدىن ھەر خىل شەكىل ۋە ئۆلچەملەردە جۇمھۇرىيەت دەۋرى ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدىمۇ داۋام قىلدى.
       مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا ئوخشاش بىر داستان ئۇرۇشىنىڭ بىر داستان ئەدەبىياتىنى يارىتىشىمۇ تەبىئىي ئىدى. يەنە ئاۋۋال شېئىردە نامايەن بولغان ھەرىكەت ئاستا-- ئاستا باشقا ئەدەبىي تۈرلەردىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتتى. لېكىن، 1930- يىلىدىن كېيىن تۈرك كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىنىڭ زامان ۋە ماكان جەھەتتىن ناھايىتى يىراقلارغا قەدەر سۈرۈلىشى ۋە ناھايىتى قەدىمكى تۈرك تارىخىنىڭ مەنبەلىرىگە قەدەر كېڭەيتىلىشىگە ئوخشاش مۇھىم بىر ۋەقە مىللىي ئىنقىلاپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىپىك ئەسەرلەر ئىجادىيىتىنىڭ نىشانىنى بۇراش ئارقىلىق ئۇنىڭ مۇھىم تېمىغا ئايلىنىشىغا توسقۇن بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىپىك مايىللىقى تارىخىي قەھرىمانلارنى ناھايىتى كەڭ بىر شەكىلدە ئىپادىلەشكە ئەپلىك بولغان «شېئىرىي پىيەسسە»گە قېيىپ، شېئىردە كىچىك نەزمىلەر سەۋىيىسىدە تۇرۇپ قالدى. بۇ شېئىرلاردا بولسا تېما كۆپۈنچە مىللىي ئىنقىلاپ بىلەن ئاتاتۈركنى مەركەز قىلدى.
        ئابدۇلھەق ھامىد تارخان، مەخمەد ئەمىن يۇرداقۇل، فارۇق نافىز چاملىبەل، جەلال ساھىر ئەروزان، ئىبراھىم ئالائەتتىن گۆۋسا، ئورخان سەيفى ئورخۇن، يۇسۇف زىيا ئورتاچ، خالىد فاھرى ئوزانسوي، ئەنىس بەخىچ كوريۈرەك، مىدخاد جەمال قۇنتاي، ھاسان ئالى يۈجەل، ئۆمەر بەدرەتتىن ئۇشاكلى، شۈكۇفە نىخال، خالىدە نۇسرەت زورلۇتۇنا، ھامىد ماجىت سەلەكلەر، جەمال ئوغۇز ئۆجال، ئۆمەر زەكى دەفنە، زىيا ئوسمان سابا، بەخچەت كەمال چاغلار ۋە فازىل ھۈسنۈ داغلارجا قاتارلىقلار دەستلەپكى باسقۇچتا بۇ تېمىدىمۇ شېئىر يازغان كىشىلەر قاتارىدا بار ئىدى. بۇ باسقۇچنىڭ ئىپىك شېئىرىدىمۇ ناھايىتى چوڭ بىر كومپوزىسيۇن سۈپىتىدە خالۇق نىخات پەپەيى(1901-1972)نىڭ «چاناققەلە داستانى»(1936-يىلى) ۋە «مۈتارەكە داستانى »(1938- يىلى)نى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. تۈركىيىنىڭ يالغۇز سىياسىي مەۋجۇتلىقىغىلا ئەمەس، بەلكى يەنە مەدەنىي تۇرمۇشىنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كۈلتۈرەل ھاياتىغىمۇ نىشان كۆرسىتىپ بەرگەن كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، جۇمھۇرىيەت دەۋرى تارىخىدا ئاتاتۈرك دەۋرى سۈپىتىدىمۇ ئاتىلىدىغان بۇ دەستلەپكى باسقۇچتا تۈرك شېئىرى مەيلى تېما ۋە نەزىم ماھارىتىدە بولسۇن، ياكى خائىش جەھەتتە بولسۇن 2- مەشرۇتىيەت دەۋرىگە سېلىشتۇرغاندا زور دەرجىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئەڭ كۆپ ھەۋەس قىلىنغان تېمىلار شەخسىي تۇيغۇ ۋە خىياللاردىن مىتافىزىكىلىق مەسىلىلەرگە، بالىلىق چاغلارنى سېغىنىشقا، ئاڭلىق ھاياتقا، ئاتاتۈرك ۋە ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە، شۇنىڭدەك تۈرك، يۇنان ۋە لاتىن مىفلىرى( ئەپسانە -رىۋايەتلىرى)گە قەدەر كېڭەيدى. بۇنىڭدىن باشقا، بىر بىرىنىڭ كەينىدىن ئانچە مۇنچە پەرقلىق بولغان شېئىرىي چۈشەنچىلەر بىلەن ئەگىشىپ ماڭغان، ئۆزلىرىگە زىمىن ئېچىش ئۈچۈن داۋاملىق ھالدا كۆرەشكەن ئەۋلادلارنىڭ ياراتقان زور ھەرىكىتى ۋە جانلىقلىقىمۇ شېئىرنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنىشىگە چوڭ بىر رەڭدارلىق قوشقان ئىدى. ئۆزلەشتىرمە ئىجادىيىتى كۆپۈنچە ئىلىم تەسەۋۋۇرىدا قالغانلىقى ئۈچۈن، تىل جەھەتتىن قارىغاندىمۇ شېئىر ھېچقانداق بىر تەسىرنىڭ ئاستىدا قالغان ئەمەس.
        بىۋاسىتە جۇمھۇرىيەت دەۋرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ياش شائىرلار كەلگۈسىدىكى تۈرك شېئىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇسلۇب ئىزدىنىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ھەقىقەتەن 1- باسقۇچنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى شائىرلارنىڭ تەتقىق قىلغۇچى ۋە ئىزدەنگۈچى بولۇشىدىن ئىبارەت ئىدى. بۇ دەۋردە تۈرك شېئىرى ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىللەردىن بېرى قوللىنىلغان شەكىللەردىن، تېمىلاردىن ۋە كۆپ تەكرارلانغان، بىر بىرىگە ئوخشاپ كىتىدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن قېچىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىنى ۋە تېخىمۇ يېڭىنى يارىتىش ئۈچۈن زور غەيرەت كۆرسەتتى. جۇمھۇرىيەت دەۋرى شېئىرىنىڭ 2- باسقۇچىنىڭ دەستلەپكى يىللىرىدىلا يېڭى بىر گۇرۇھ ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ گۇرۇھمۇ يەتتە مەشئەلچىلەرگە ئوخشاش نامىنى ئورتاق ھالدا نەشىر قىلغان بىر كىتاب(«غېرىپ»،1941-يىلى) تىن ئالدى.
       ھازىرقى دەۋر تۈرك شېئىرىگە «غېرىپ ھەرىكىتى» (1950-يىلىدىن كېيىنكى نامى «1- يېڭى») دېگەن نام بىلەن قوشۇلغان ۋە ئۈچ كىشى(ئورخان ۋەلى كانىك، مەلىخ جەۋدەت ئانداي، ئوكتاي رىفات خوروزجۇ)دىن تەشكىل تاپقان بۇ گۇرۇھنىڭمۇ ئىدىيىسى يۇقىرىقىدەك بولۇپ، «تۈرك شېئىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىش» ئىدى. ئورتاك كىتاب «غېرىپ» نىڭ كىرىش سۆزىدە بىرىلگەن چۈشەندۈرىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يېڭى گۇرۇھ «ۋەزىنگە، قاپىيىگە، ئەدەبىي سەنئەتكە، شائىرانە ئۇسلۇبقا، شېئىرنىڭ يالغۇز زىيالىلارغا خىتاب قىلىشىغا، مۇزىكا ۋە رەسىمگە ئوخشاش باشقا سەنئەتلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇلىشىغا ۋە ئىدېئولوگىيىلىك مەقسەتلەرگە ۋاسىتە قىلىنىشىغا، شۇنىڭدەك تېمىدا بىر چەك--چېگرانىڭ بولۇشىغا قارشى» ئىدى. بۇ ئەھۋالدا «شېئىرنىڭ ۋەزىنسىز ۋە قاپىيىسىز بولۇشىنى، ئۇسلۇبتا يەڭگىللىككە يۈزلىنىشنى» ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما، ئالدى بىلەن بۇ ئىدىيە ۋە ئارزۇنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىش قىيىن. چۈنكى شېئىردە ۋەزىنگە ۋە بەلگىلىك بىر قاپىيە تەرتىبىگە تەۋە بولماسلىق ھەققىدىكى قاراش 1- باسقۇچتا نازىم ھىكمەت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئەمىلىيلەشتۈرۈلگىنىدەك، ئۇسلۇبنىڭ يەڭگىللەشتۈرۈلىشىمۇ (ئاددىيلاشتۇرۇلۇش، داغدۇغىسىز بولۇش--ت) يەنە ئاشۇ دەۋردە زىيا ئوسمان سابا ۋە جاھېت سېتقى تارانچى تەرپىدىن باشلانغان ئىدى. شېئىردە بەلگىلىك تېمىلارنىڭ چەمبىرىكىدىن قۇتۇلۇش كىرەكلىكى دەستلەپ يەتتە مەشئەلچىلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، تېما سۈپىتىدە ئىدراكلىك ھالدا ئۇنىڭدىن بۇرۇنراق فازىل ھۈسنۈ داغلارجانىڭ شېئىرلىرىدا ئورۇن ئالغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا بۇ ئارزۇلىرى ۋە ئىدىيىسىنى ئۆزلىرىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى.
        1950-يىلىغا قەدەر غېرىپچىلەر ئۆزلىرىنىڭ شېئىرلىرىدا يېقىن ئەتراپنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرى ، كىچىك ۋەقەلەر ۋە ئوتتۇرا سىنىپ خەلقىنىڭ ( كىچىك بۇرژۇئازىيىنىڭ) تۇرمۇشىغا ئىتىبار بەردى. بۇ جەرىياندا ئومۇمىي خەلق تەرىپىدىن يات كۆرۈلۈپ كەمسىتىلدى. لېكىن تېما ۋە ئۇسلۇبلىرى قۇرداشلىرى ياكى ئۇلاردىنمۇ ياشراق بەزى شائىرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. ياشلا ئۆلۈپ كەتكەن ئورخان ۋەلى كانىك(1914-1950)نىڭ ئۆز ئالدىغا نەشىر قىلدۇرغان شېئىر كىتابلىرى تۈۋەندىكىلەردۇر: « ۋازكەچمىگىنىم»(1945-يىلى)، «داستانغا ئوخشاش»(1946-يىلى)، «يېڭىسى»(1947-يىلى)، «قارشى»(1949-يىلى) قاتارلىقلار. 1950-يىلىدىن كېيىنكى شېئىرلىرىدا پات--پات سوتسىيالىستتىك ئىدىيىگىمۇ يۈزلەنگەن مەلىخ جەۋدەت ئانداي(1915-يىلى توغۇلغان) شېئىرلىرىنى « ھۇزۇرى قاچقان دەرەخ»(1946-يىلى)، «تېلېگرافنامە»(1952-يىلى)، «يانمۇ يان»(1956-يىلى) ناملىق كىتابلىرىغا كىرگۈزدى. 1950-يىلىدىن كېيىن ھەم سوتسىيالىزمغا ھەم «2-يېڭى»نىڭ شېئىر چۈشەنچىسىگە ئورۇن بەرگەن ئوكتاي رىفات خوروزجۇ (1914-يىلى تۇغۇلغان) مۇ يەنە پەقەت 2- باسقۇچقا ئائىت بولغان شېئىرلىرىنى «ياشاپ ئۆلمەك، ئاشىق ۋە ئاۋارىلىق ھەققىدە شېئىرلار»(1945-يىلى)، «گۈزەللەشتۈرۈش»(1945-يىلى)، «تەخمىنەن»(1952-يىلى)، «قارغا بىلەن تۈلكە»(1954-يىلى)، «كۇكۇلا چاچلىقلار كوچىسى»(1956-يىلى) ۋە « ئاشىق پەشتىقى»(1958-يىلى) ناملىق كىتابلىرىنىمۇ ئىلان قىلدى. ئومۇمەن، 2- باسقۇچتىكى تۈرك شېئىرى تىل، ئۇسلۇب ۋە تېما جەھەتتىن 1- باسقۇچنىڭ بىرمۇنچە ئالاھىدىلىكلىرىنى داۋاملاشتۇردى. 1- باسقۇچنىڭ «جانلىق تىلنىڭ سۆز غەزىنىسىگە باغلىنىش» ۋە ئۇسلۇبتا «يەڭگىللىك»(ئاددىيلىق) خائىشى تەرەققىي قىلىپ بۇ دەۋردىمۇ داۋاملاشتۇرۇلدى. لېكىن غېرىپچىلارنىڭ «شائىرانىلىقتىن قېچىش» خائىشلىرى كۆپ ھەۋەس قوزغىيالمىدى. يەنە 1- باسقۇچنىڭ شېئىرلىرىدا ئورۇن ئالغان تېمىلارنىڭ ئاساسلىقلىرى(ئاڭلىق ھايات، بالىلىق يىللىرىنى سېغىنىش، مىتافىزىكىلىق مەسىلىلەر، ۋەتەن ۋە ئاتاتۈرك مۇھاببىتى، تۈرك، يۇنان ۋە لاتىن مىفلىرى) ھەۋەس قوزغىدى. شەكىل جەھەتتىن دىققەتنى تارتىدىغان بىر پەرق تۈرك شېئىرىنىڭ 2- باسقۇچتا ئەركىن نەزىمگە قاراپ ماڭغانلىقى، سوتسىيالىستتىك بولمىغان شائىرلارنىڭمۇ بۇ نەزىم شەكلىنى قوللىنىشقا باشلىغانلىقىدۇر.
       1- باسقۇچتا ئانچە كۆپ كۆرۈلمىگەن «خەلق شېئىرىنىڭ شەكىل، تىل ۋە ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكلىرىگە يۈزلىنىش» 2- باسقۇچتا خېلىلا ئومۇملاشتى(ئاخمەد قۇدسى تەجەر، بەخچەت كەمال چاغلار، بەكىر سېتقى ئەردوغان، خالىل سويۇئەر، فەيزى خالىجى، جەيھۇن ئاتىف كانسۇ قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىدا). نەزىم شەكىللىرى سۈپىتىدە 1- باسقۇچتا پەقەت ياخيا كەمالنىڭ شېئىرلىرىدا ئۇچرايدىغان دىۋان نەزمىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى 2- باسقۇچتا ياخيا كەمال بىلەن بىرلىكتە باشقا شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىمۇ ئىتىبارغا ئىرىشتى(ئەدىپ ئايەل، جەمال يەشىل). ۋەزىن ھەققىدىكى مۇنازىلەر بۇ دەۋرىدىمۇ داۋاملاشتى. ئاۋۋال فازىل ھۈسنۈ داغلارجا بىلەن باشلىنىپ سالاخ بىرسەل ۋە بەخچەت نەجاتىگىلنىڭ ئەسىرىدىمۇ قىسمەن داۋاملاشتۇرۇلغان يۇشۇرۇن ئۇسلۇب 1950-يىلىدىن كېيىن «2-يېڭى» دېگەن گۇرۇھتا پەللىگە چىقىپ يولىدىن ئازدى. ياش يازغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئاستا -- ئاستا ئېغىز تىلىغا يېقىنلىشىپ، تامامەن دىگىدەك تەبىئىيلەشكەن شېئىر تىلى 1940-يىلىدىن كېيىن «ئۆزلەشتۈرۈش» ۋە « ساپلاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا ئورتاق ئېغىز تىلىدىن تەكرار يىراقلاشتۇرۇلۇش ئۈچۈن سىرىتتىن قىلىنغان بېسىمغا قارشى تۇرۇپ ئۆزىنى قوغداشتا غەلىبە قىلدى. لېكىن 1950-يىلىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇسلۇب چۈشەنچىلىرىگىمۇ ماس كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ بېسىمغا ئۇيغۇنلاشقان «2- يېڭى» شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە تىل مەيلى سۆز غەزىنىسى(لېكسىكا) ياكى سېنتاكىس جەھەتتىن بولسۇن، خەلقنىڭ ئورتاق ئېغىز تىلىدىن ناھايىتى يىراقلىشىپ كەتتى.
       بۇ دەۋردە 1- باسقۇچتىن ئۆتكەن ئاساسلىق تېمىلار فازىل ھۈسنۈ داغلارجا( ئىدراك، ئىپىك تېمىلار، بالىلىق يىللىرىنى سېغىنىش ۋە بالىلار مۇھەببىتى)، ساباخاتتىن قۇدرەت ئاقسال (مېتافىزىكا)، ئاساف خالەت چەلەبى(ئىدراك)، مۇستاپا سەيىت سۇتۈۋەن (قەدىمكى يۇنان مىفلىرى)، بەخچەت كەمال چاغلار(ئېپىك تېمىلار)، جەيھۇن ئاتىف كانسۇ(ئېپىك تېمىلار، بالىلىق يىللىرىنى سېغىنىش ۋە بالىلار مۇھەببىتى) ۋە جەھىت كۈلەبى( بالىلىق يىللىرىنى سېغىنىش)نىڭ ئىجادىيىتىدە كۆرۈلدى. 1- باسقۇچتا خەلق ئۆيلىرىنىڭ پائالىيىتىدە ئاساسلىق مەركەزنى تەشكىل قىلغان يېزا ۋە فولكلور تېمىلىرىدا جىددىي غەيرەت كۆرسىتىش ئارقىلىق، بولۇپمۇ ئەنقەرە خەلق ئۆيىنىڭ نەشىر ئەپكارى بولغان «ئۈلكۈ»ژورنىلىنىڭ سەھىپىلىرىنى بۇ پائالىيەتلەرگە ۋە دەۋرنىڭ خەلق شائىرلىرىغا بېغىشلىشى بىلەنمۇ ھېمايە قىلىنغان «مەملىكەتچى شېئىر» ۋە «خەلق شېئىرىگە ئىتىبار بىرىش» خائىشىمۇ بۇ دەۋردە تەرەققىي قىلدى(بۇ ھەقتە يازغانلار ئۆمەر بەدرەتتىن ئۇشاكلى، ئاخمەد قۇدسى تەجەر، ئارىف نىخات ئايسا، بەخچەت كەمال چاغلار، فازىل ھۈسنۈ داغلارجا، بەكىر سېتقې ئاردوغان، جوشقۇن ئەرتەپىنار، فەيزى خالىجى، شىناسى ئۆزدەنئوغلۇ، ھالىم ياغجىئوغلۇ، ئىبراھىم زەكى بۇردۇرلۇ، جاھىي كۈلەبى ۋە ئوسمان ئاتتىلا قاتارلىقلار). دەستلەپكى شېئىرلىرىدا ئەنئەنىگە ماسلىشىپ، ۋەزىن سۈپىتىدە بۇغۇمنى، نەزىم شەكلى سۈپىتىدە تۆتلۈكنى قوللانغان فازىل ھۈسنۈ داغلارجا(1904-يىلى) تېمىلىرىدا كۆپۈنچە ئىدراكلىق ۋەقەلەرگە ۋە مىتافىزىكىلق مەسىلىلەرگە يۈزلەندى. 1940-يىلى «بالا ۋە ئاللاھ» دېگەن كىتابى ئىلان قىلىندى. بۇ كىتابنىڭ نامى ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرىدىن بىرىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇ. بۇ دەل بالىلاردۇر.
       1950-يىلىدىن كېيىن ئىجتىمائىي تېمىلارغىمۇ يۈزلەنگەن شائىر بۇ دەۋردىمۇ قىزىق تېمىلاردىن بىرى بولغان «يېزا»نى، ئۇنىڭ نامراتلىقىنى ۋە ئۇ يەردىكى دەرت-- ئەلەملەرنى پەقەت تۇيغۇ جەھەتتىن تىلغا ئېلىشقا باشلىغان ئىدى(« يەر ئانا»، 1950-يىلى). شۇنىڭ بىلەن ئۇ «مەملىكەتچى شېئىر»گىمۇ تۆھپە قوشتى. بۇ تۆھپىلىرى «تۈرك بولماق»(1963-يىلى)، «سىرتتىن كەلگەن غەزەل»(1965-يىلى)، «قازماق»(1965- ىلى)، «يەرياغ»(1965- يىلى) ناملىق ئەسەرلىرىدىمۇ داۋام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «سىۋاسلىق چۈمۈلە»(1951-يىلى)دىكى بەزى شېئىرلىرىدىن باشلاپ سوتسىيالىستتىك ئىدېئولوگىيىگىمۇ يۈزلەندى. بۇ يولدىكى ئەسەرلىرى تۈۋەندىكىلەردۇر: «ۋېتنام ئۇرۇشىمىز»(1966-يىلى)، «تۆت قاناتلىق قۇش»(1970-يىلى)، «خىنە ياققان قۇزۇغا مەرسىيە»(1972-يىلى)، «ئاغرى تېغى باياناتى»(1977-يىلى)، «گېرمانىيىدىكى ئەخلەتچىلىرىمىز»(1977-يىلى)، «ئىككى كىلىشىم ئابىدىسى»(1977-يىلى)، «پىر سۇلتان ئابدالنىڭ كۈنلىرى »(1977-يىلى)، «خوراز»(1977-يىلى). بۇ تېمىلارنىڭ سىرتىدا شائىر بۇرۇنقى شېئىرلىرىدا(«تېخى»،1943 -يىلى) كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش، تۈرلۈك تېمىلاردىمۇ يېزىشنى داۋاملاشتۇردى( «غەرپنىڭ دەردى»،1974-يىلى). شۇنىڭ بىلەن بىرگە مالازگىراتتىن چاناققەلەگە ۋە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ باسقۇچلىرىغا قەدەر سۇزۇلغان تۈرك تارىخىنىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى بايان قىلىپ، جۇمھۇرىيەت دەۋرى ئەدەبىياتىنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۆرنەكلىرىنىمۇ ياراتتى.
        2- باسقۇچنىڭ 1940-1950-يىللىرىدا تۇنۇلغان شائىرلار ئارىسىدا بەخچەت نەجاتىگىل، نەجاتى جۇمالى، سالاخ بىرسەل، ئىلخان بەرك، سەلاخاتتىن باتۇ، ساباخاتتىن قۇدرەت ئاكسال، بەدرى راھمى ئەيۈبئوغلۇ، جاھىت كۈلەبى، خالىل سويۇئەر، جوشقۇن ئەرتەپىنار، شىناسى ئۆزدەنئوغلۇ، بەكىر سېتقى ئەردوغان، ئۈمىت ياشار ئوغۇزجان ۋە نۈزخەت ئەرمان تىلغا ئېلىنىدۇ. شېئىرنى بىر خىل ئىچىنى بوشىتىۋېلىش ۋەقەسى دەپ قوبۇل قىلغان بەخچات نەجاتىگىل(1916-1979)نىڭ شېئىرلىرىدە مەزمۇن بەزىدە شەخسىي، بەزىدە ئىجتىمائىي ۋە بەزىدە ئىككىسىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ئىبارەت بىر خاراكتېرنى ئىپادە قىلىدۇ. بۇ مەزمۇننىڭ چىقىش نوقتىسى بولسا دائىم شائىرنىڭ تۇيغۇ ۋە كۆزىتىشلىرىدىن ئىبارەت ئىدى. ناھايىتى جۈرئەتسىز خاراكتېردىكى بىر كىشى بولغانلىقى ئۈچۈنمىكى بەزىدە بىكىنىۋالىدۇ ۋە چۈشكۈن بىر روھىي ھالەت ئىچىدە ئىجتىمائىي مۇھىتتىن قاچىدۇ. بۇ مۇھىت دەستلەپكى شېئىرلىرىدا ئۆزىگە يېقىن مۇھىت يەنى ئۆيىگە بارىدىغان كوچا ۋە ئۇ يەردە ياشايدىغان ئادەملەر ئىدى. ئۆزىمۇ مەنسۇپ بولغان بۇ ئوتتۇرا ھال كىشىلەرنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق بىر قاراشقا ئۆزىنىمۇ ئىپادە قىلغان شائىر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ مۇھىتنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىشىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئورتاق بىئاراملىقىغا قەدەر كېڭەيتتى. لېكىن، بۇ بىئاراملىقتىن بولغان شىكايەتلىرى پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسىي ۋە سەمىمىي شىكايەتلىرىگە تايانغان ئىدى. ئۇ ھېچقانداق ئىدېئولوگىيىلىك مەۋقە ئىچىدە ئەمەس ئىدى. بۇ تېمىلاردىمۇ باھالىرىدىمۇ يا بىر كىشىنى ئەيىپلىمەيدۇ يا مەسئۇلىيەتتنى بىرسىدىن ئىزدىمەيدۇ. يېقىن ئەتراپنى تېما قىلغان، ئىستىلىستىك ۋاسىتىلارغا كۆپ ئورۇن بەرمىگەن ۋە كۈندىلىك ئېغىز تىلىغا تايانغان شېئىرلىردا «غېرىپ شېئىرى»نىڭ تەسىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
       شېئىرلىرىنى«يېپىق بازار»(1954-يىلى)، «ئەتراپ»(1951-يىلى)، «ئۆي»(1953- يىلى)، «ئارىدا»(1958-يىلى)، «قارىلار، ئاقلار»(1975-يىلى) ناملىق ئەسەرلىرىگە كىرگۈزگەن شائىرنىڭ تىلى كەڭ ئومۇملاشقان ئاتالغۇلارغا قەدەر جانلىق تىلنىڭ پۈتۈن ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە ئىدى. ئۇسلۇب جەھەتتىن بولسا كەڭ مۇھىتتىكى ئىجتىمائىي تېمىلارغا مايىل بولۇشقا باشلىغان ۋە 1955-يىلىغا قەدەر يىزىلغان شېئىرلىرىدا ئېنىق، ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغان بىر ھېكايە ئۇسلۇبى بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتىن كېيىن قوبۇل قىلدۇرۇشقا يۈزلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇسلۇبىدىمۇ يېرىم يوشۇرۇن ئەھۋال كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ مەنا يوشۇرۇنلىقى بەزىدە شائىرنىڭ ئىدراكلىق يۈزلىنىشىدىنمۇ كىلىپ چىققان ئىدى.
        باشقا تۈرلەردىمۇ ئەسەر يېزىش بىلەن بىرلىكتە ئەدەبىي ھاياتىنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ مۇھىم يولىنى شائىرلىقى تەشكىل نەجاتى جۇمالى(1921-يىلى) دەستلەپكى شېئىرلىرىدا غەرپ شېئىرىنىڭ تەسىرىدە قالغان بولسىمۇ، قىسقىغىلا بىر مەزگىل ئىچىدە ئۆزىنى تۇنۇۋالدى. كۆپۈنچە يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەر، كىچىك ۋەقەلەر ۋە ئۆزىنىڭ تۇيغۇلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ شېئىرلىرىدا ئازادىلىك ۋە ئۈمىدۋارلىق دىققەتنى تارتىدۇ. ئۇنىڭ تىلىمۇ بىۋاسىتە ئېغىز تىلىنى مەنبە قىلغان جانلىق بىر تىلدۇر. ئۇسلۇبىدا ئىستىلىستىكىدىن، بەزىدە سۆز سەنئىتىدىنمۇ پايدىلانغان ۋە شېئىرلىرىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى سەمىمىي تۇيغۇلاردىن ئىبارەت بولغان شائىرنىڭ مۇشۇ يول ئارقىلىق لېرىكىزمگە ئاسانلا ئىرىشكەنلىكى كۆرىلىدۇ. ئاساسلىق شېئىر كىتابلىرى:«قىزىل كىيىملىكلەر يولى»(1943-يىلى)، «گۈزەل ئايدىڭ»(1951-يىلى)، «سالقىن شامال بىلەن كەلگەن»(1955-يىلى)، «يامغۇرلۇق دېڭىز»(1968-يىلى)، «جەرەن مەرسىيەسى»(1974-يىلى) قاتارلىقلار. شېئىرلىرىنى «دۇنيا ئىشلىرى»(1947-يىلى)، «ھاجىۋادنىڭ ئايالى»(1955- يىلى)، «پاششاپ»(1960-يىلى)،«كىكىرىكنامە»(1960-يىلى)،«ھايدار-- ھايدار »(1972- يىلى) ناملىق كىتاپلىرىدا ئىلان قىلغان سالاخ بىرسەل(1919-يىلى تۇغۇلغان) نىڭ ئالدىنقى ئىككى كىتابىدا ئورۇن ئالغان شېئىرلىرى«غېرىپ شېئىرى » بىلەن بىر مۇنچە جەھەتتىن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىدى. لېكىن شائىر «سەنئەتسىز بىر سەنئەت» يولىدا ماڭغان مۇشۇ يىللاردىن كېيىن، 1952- يىلى ئىلان قىلغان ۋە شائىرنىڭ سىياسىي مەيدانىدىن ئىبارەت بولغان «شېئىرنىڭ چۈشەنچىلىرى» ناملىق ئەسىرىدىكى ئاساسلارغا ئۇيغۇن بىر شەكىلدە يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، «غېرىپ شېئىر»دىن يىراقلاشتى.
       شۇنىڭ بىلەن «سەنئەتسىز سەنئەت»نىڭ ئورنىغا «سەنئەتلىك سەنئەت»كە، «يېڭگىل ئۇسلۇب»نىڭ ئورنىغا «سەنئەتلىك بىر ئۇسلۇبقا» ۋە ئوقۇرمەن سۈپىتىدىمۇ كەڭ خەلق توپىنىڭ ئورنىغا كىچىك بىر زىيالىلار گۇرۇھىغا خىتاپ قىلىشقا يۈزلەندى. لېكىن، بۇ يېڭى شېئىر چۈشەنچىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئۈچىنجى كىتابى(«پاششاپ»)دىكى شېئىرلىرىدا بۇ چۈشەنچىگە تامامەن رىئايە قىلمىغانلىقى ۋە مەنانىڭ ئوچۇق بولۇشىغا ئەھمىيەت بىرىشنى ئۇنتۇپ، چۈشىنىش قىيىن بولغان ئۆرنەكلەرنى ياراتقانلىقى كۆرۈلىدۇ. بۇ مەۋقەسى «پاششاپ»تىن كېيىنكى شېئىرلىرىدىمۇ داۋاملاشتى. ئۇسلۇب جەھەتتىن بەزىدە سېنتاكىس مالىمانچىلىقىغا، ئەھمىيەتسىز ئىبارىلەر ۋە ئاتالغۇلارغا يۈزلىنىشىمۇ دىققەتنى تارتىدۇ.
       تۇيغۇدىن بەكرەك ئەقىل بىلەن ھەرىكەت قىلغان شائىرنىڭ بۇ مەۋقەسى ۋەقەلەر ۋە ھەرىكەتكە قارىتا چاقچاقچى بىر پوزىتىسيە قوللىنىشىغا سەۋەپ بولغان. تۇنجى شېئىر كىتابىنى «قۇياشنى كۆيدۈرگەنلەرنىڭ سالىمى»(1935-يىلى) دېگەن نامدا ئىلان قىلغان ئىلخان بەرك(1916-يىلى تۇغۇلغان) كېيىنكى شېئىرلىرىنى ئاساسلىقى تۈۋەندىكى كىتابلىرىغا كىرگۈزدى:«ئىستانبۇل»(1947-يىلى)، «سالام دۇنيا»(1952- يىلى)، «تۈركىيە ناخشىسى»(1953-يىلى)، «گالىلە دېڭىزى»(1958-يىلى)، «ئاشىقلارچە»(1968- يىلى)، «ئەتلەس»(1976- يىلى). دەۋرىنىڭ تۈرك شائىرلىرىدىن تارتىپ يات مىللەت شائىرىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىگە قەدەر تۈرلۈك تەسىرلەر ئاستىدا قالغان ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنى تۇنىۋېلىش ئۈچۈنمۇ زور غەيرەت كۆرسەتكەن شائىرنىڭ كېيىنكى ئەسىرىدىكى شېئىرلىرىدا ھەم ئۇسلۇب ھەم مەزمۇن جەھەتتىن يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى كۆرۈلىدۇ. شېئىرلىرىنى نازۇك تۇيغۇ ۋە خىياللار بىلەن يۇغۇرغان، چۈشىنىشلىك تىل ۋە ئۇسلۇب بىلەن ئىپادىلەشنى مۇھىم بىلگەن سەلاخاتتىن باتۇ(1905-1973)نىڭ «بۇرسادا يېشىللىق»(1949- يىلى) ۋە « شاماللىق سۇ»(1962-يىلى) دىن ئىبارەت ئىككى شېئىر كىتابى بار. شېئىردىكى ئەسلى مەقسەت «گۈزەللىككە ئىرىشىش»دەپ قارىغان، نەزىم ماھارىتىدە ئەستائىدىل بولغان، ھاياتقا ۋە ئىنسانلارغا مۇھەببەت بىلەن قاراپ ھەر خىل تېمىلاردىن پايدىلانغان ساباخاتتىن قۇدرەت ئاكسال(1920-يىلى)نىڭ «ناخشىلىق قەھۋە»(1944-يىلى)، «كۈن نۇرى»(1953-يىلى)، «تاڭ سەھەردە ئويغىنىش» ۋە «ئىشىك»(1970-يىلى) قاتارلىق كىتابلىرىغا كىرگۈزگەن شېئىرلىرى ئېغىز تىلىنىڭ بارلىق جانلىقلىقىنى ئىپادە قىلغان. شائىر سۈپىتىدە ئۆزىنى 1940-يىلىدىن كېيىن تۇنۇتۇشقا باشلىغان رەسسام بەدرى راھمى ئەيۈبئوغلۇ (1913-1975) شېئىريي تەركىپلەرگە تولغان خەلق تۇرمۇشىنى ۋە تېخىمۇ بەكرەك ھاياتنىڭ خوشاللىقىنى، گۈزەللىكىنى ۋە شەھۋەت ئارىلاشقان مۇھەببەتلەرنى تەسۋىرلىگەن شېئىرلىرىنى «قارا ئۈژمە»(1948-يىلى)،«مەرھابا يېشىللىق»(1956- يىلى) ۋە «قارا ئۈژمە 69»(1969-يىلى) قاتارلىق كىتابلىرىدا توپلىدى.
        شېئىرلىرىدا ھاياتنىڭ گۈزەللىكىگە ۋە خوشاللىقىغا ناھايىتى چوڭ ئورۇن بەرگەن يەنە بىر شائىر جوشقۇن ئەرتەپىنار(1914-يىلى تۇغۇلغان)دۇر. شېئىرلىرىنى «قايتماس زامان ئۈچۈن»(1949-يىلى)، «گۈزەل دۇنيا» ۋە « ئاشۇ بىزنىڭ تاغلار»(1973-يىلى) ناملىق كىتابلىرىغا كىرگۈزگەن شائىرى يېڭگىل ۋە ئوچۇق ئىپادىلەش ئىختىدارىغا ئىگە ئىدى. خالىل سويۇئەر(1921-يىلى توغۇلغان) جۇمھۇرىيەت دەۋرى شېئىرىنىڭ ئاساسلىق خائىشلىرىدىن بىرى بولغان خەلق شېئىرىگە يۈزلىنىشنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان شائىرلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ شەكىلنىڭ ئەڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۆرنەكلىرىنى ياراتقان خالىل سويۇئەر ئۈمىدۋار بىر قاراش ۋە چۈشىنىشلىك بىر ئۇسلۇب بىلەن يازغان شېئىرلىرىنى «پورت»(1950-يىلى)، «بىكارچى ئادەملەر شەھرى»(1965-يىلى)، «كەچكە يېقىن »(1975-يىلى) ناملىق كىتابلىرىدا توپلىدى.
        شېئىرلىرىدا بەزىدە ئىجتىمائىي تېمىدىكى ھەجۋىيلەرگىمۇ يۈزلىنىش بىلەن بىرلىكتە، يالغۇز ئۆزىنىڭ تۇيغۇ، مۇھەببەت ۋە خىياللىرىنى سۇس بىر رومانتىزم بىلەن تەسۋىرلىگەن ۋە پۈتكۈل شۆھرىتىنى مۇشۇ شەكىلدىكى شېئىرلىرى ئارقىلىق ياراتقان ئۈمىت ياشار ئوغۇزجان(1926-1985) ئۆزىنىڭ كۈچىنى سەمىمىيەتتىن ئالغان بىر ئۇسلۇبقا ۋە قىزغىن بىر ئېغىز تىلىغا ئىگە ئىدى. شېئىرلىرى توپلانغان كىتاپلىرىنىڭ ئاساسلىقلىرى تۈۋەندىكىلەردۇر: «ئىنسان بالىسى»(1947-يىلى)، «يەنە بىر قېتىم ئۆلۈش»(1956- يىلى)، «ئىككى كىشىگە بىر دۇنيا»(1957-يىلى)، «سەن بىلەن ئۆلۈشنى ئارزۇ قىلىمەن»(1960-يىلى)، «ئۈستۈمگە چىقما ئىستانبۇل»(1961-يىلى)، «سىنى سۆيمەك»(1966-يىلى) ۋە «ئاۋۋال سەن، كېيىنمۇ سەن»(1975- يىلى) قاتارلىقلار. دەستلەپكى شېئىرلىرىدا («يېشىل»،1945-يىلى، «ئاھ جېنىم ئەپەندىم»،1959 -يىلى) كۆپۈنچە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قاپسىغان تۇيغۇ ۋە خىياللارنى تەسۋىرلىگەندىن كېيىن مەملىكەتنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ يۈزلىنىپ، ئۇنىڭدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئىپادىلەشكە بۇرالغان نۈزخەت ئەرمان(1926-يىلى تۇغۇلغان)نىڭ بۇ شەكىلدىكى شېئىرلىرى «ئانادولۇ 1970»(1970-يىلى)،«ھەم ھۈرىيەت، ھەم نان»(1974- يىلى) ناملىق كىتابلىرىغا كىرگۈزۈلدى.
       جۇمھۇرىيەت دەۋرىنىڭ 2- باسقۇچىدا ئاخمەد قۇدسى تاجەر ۋە بەخچەت كەمال چاغلاردىن كېيىن مەملىكەتچى شېئىرگە يۈزلەنگەنلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان شىناسى ئۆزدەنئوغلۇ(1922-يىلى تۇغۇلغان) سەمىمىي بىر ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن تولغان شېئىرلىرىنى «ۋەتىنىم مىنىڭ»(1973-يىلى) دېگەن كىتابىدا، بەكىر سېتكى ئەردوغان(1926-يىلى تۇغۇلغان) پات -- پات ۋەتەنپەرلىك كەيپىياتىمۇ ئىپادە قىلىنغان شېئىرلىرىنى « بىر يامغۇر باشلىدى»(1949-يىلى) ۋە «دوستلار بېشىغا»(1965-يىلى) دېگەن كىتابلىرىدا، جاھىت كۈلەبىمۇ «ئادەمنىڭ بىرى»(1946-يىلى)، «بىخ سۈرگەن ئوتلار»(1954-يىلى)، «سۈت»(1965-يىلى) ۋە «تۈركلەرنىڭ كۆك رېڭى»(1973-يىلى) قاتارلىق كىتابلىرىدا ئىلان قىلدى. لېكىن، شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كىرەككى، مەيلى خەلق شېئىرىگە، ياكى مەملىكەتچى شېئىرگە يۈزلەنگەن بولسۇن، ياكى ئاۋۋال تۈرلۈك خائىشلارغا باغلىنىپ كېيىن ئۆزىگە قايتقان بولسۇن، بۇ شائىرلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ ھاياتى، تۇيغۇ، ئارزۇ ۋە خىياللارنى تەسۋىرلەش ھەر قاچان ئۈستۈن ئورۇندا تۇردى.
        1940-1950-يىللىرىدا تۇنجى بەلگىلىرى 1930-يىلىدىن بۇرۇن كۆرۈلۈشكە باشلىغان ۋە 1- باسقۇچ داۋامىدا نازىم ھىكمەتنىڭ ئەتراپىغا ئويۇشقان ناھايىتى كىچىك بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن يېزىلغان سوتسىيالىستىك شېئىرلاردىمۇ بىر تەرەققىيات كۆرۈلدى. بۇ تەرەققىيات 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ 1946-يىلى كۆپ پارتىيىلىك سىياسىي ھاياتقا قەدەم قويۇشىدىن تۇغۇلغان ئىمكانىيەت بىلەن تېخىمۇ كۈچەيدى. 1950-1960-يىللار ئارىسىدا سوتسىيالىستىك خائىشتىكى 12 پارتىيە قۇرۇلدى. مەيلى يېزا ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ، ياكى بۇ پارتىيىلەرنىڭ ۋە ئۇلارغا تەۋە ھالدا قۇرۇلغان جەمئىيەتلەرنىڭ غەيرىتى بىلەن بولسۇن، سوتسىيالىستىك تەشۋىقات ياش زىيالىلار ئارىسىدا قاتتىق كۈچەيدى. بۇ خىل پايدىلىق شارائىتلار ئىچىدە بىر پارتىيە دەۋرىدە چەتكە سۈرۈلۈپ قالغان سوتسىيالىستتىك شائىرلار قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققىنىدەك، ئۇلارغا يېڭى ياشلارمۇ قېتىلدى. 1938-يىلى قولغا ئېلىنغان ۋە 1961- يىلى ئەركىنلىككە قويۇپ بىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيىگە كەتكەن، تۇرمىدىكى چاغدا ياكى رۇسىيىدە يازغان شېئىرلىرى تۈركىيىدە پەقەت 1965-يىلىدىن كېيىن ئىلان قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشكەن نازىم ھىكمەت 2- باسقۇچتا ھېچقانداق بىر سادا چىقارمىدى. لېكىن تۈركىيىدە 1- باسقۇچتا ئىلان قىلغان شېئىرلىرىنىڭ تەسىرىدە قالغان بەزى ياش شائىرلار بۇ دەۋردە ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا تىرىشتى.
        1- باسقۇچتا ئۇنىڭ بىلەن بىر يولدا ماڭغان ئىلھامى بەكىر تەزنىڭ 2- باسقۇچتا «ھۈرىيەت قەسىدىسى»(1945-يىلى)، «بىرىنجى قېتىم»(1959-يىلى) ناملىق ئىككى شېئىر كىتابى نەشىر قىلىنغىنىدەك، يېڭى ئەگەشكۈچىلەردىن بولغان رېفات ئېلگاز(1911-يىلى تۇغۇلغان)«دوستلۇق»(1953-يىلى)،«سىنىپ»(1944-يىلى)، «ياشىغانسېرى »(1947- يىلى)، «داۋام»(1953-يىلى) ۋە «ئۈسكۈداردا تاڭ ئاتتى»(1954-يىلى)؛ جاھىت ئېرگات(1916-1971) «بۇ شەھەرنىڭ بالىلىرى»(1945- يىلى)، «شاماللىرىم پىچىرلاۋاتىدۇ»(1947-يىلى) ۋە «شېرىكلىك»(1952-يىلى)؛ ئا. قادىر مەرىچئوغلۇ(1917-يىلى تۇغۇلغان) «تەبلىغ»(1943- يىلى) ۋە «خوش كەلدىڭ خالىل ئىبراھىم»(1959- يىلى)؛ ئىلخان بەرك«سالام دۇنيا»(1952-يىلى)، «تۈركىيە ناخشىسى »(1953-يىلى)، «كۆرئوغلى»(1955-يىلى)؛ سۇئات تاشەر(1919-يىلى تۇغۇلغان)«بىر »(1942- يىلى)، «1943-يىلى»(فەتھى گىراي بىلەن بىرلىكتە يازغان، 1943-يىلى)، «ھۈرىيەت»(ئۆمەر فارۇق توپراق بىلەن،1945-يىلى)، «مەرھابا»(1952- يىلى)، «خاراچ مەزات»(1954-يىلى)؛ فەتھى گىراي(1918-1970)« تىنىچلىققا سالام»(1941-يىلى)، «1943-يىلى»(1943-يىلى)، «ئايدىڭ»(1951-يىلى)؛ ئۆمەر فارۇق توپراق( 1920-1979)«ئىنسانلار»(1943-يىلى)، «ھۈرىيەت»(1945-يىلى) ۋە «تاغدا ئوت ياغقانلار»(1955-يىلى)؛ مەخمەت كەمال(1920-يىلى تۇغۇلغان) «بىرىنجى كلومېتىر »(1945-يىلى)، «دۇنيا گۈزەل بولسۇن»(1954-يىلى)؛ ئاتىللا ئىلخان(1925-يىلى تۇغۇلغان)«تام»(1948-يىلى)، «تومانلىق كوچا»(1954-يىلى)، «قاچاق يامغۇر »(1955-يىلى)؛ ئارىف دامار(1925-يىلى تۇغۇلغان) «كۈندىن كۈنگە»(1956-يىلى)، «ئىستانبۇل بۇلۇتى»(1958-يىلى) ۋە «مۈشۈك ئەقلى»(1959-يىلى)؛ تالىپ ئاپايدىن(1926-يىلى تۇغۇلغان) «سۇسىزلىق»(1956-يىلى) ۋە مەخمەت باشاران(1926-يىلى تۇغۇلغان) «ياۋا ئامۇت دەرىخى»(1953-يىلى) ۋە «قارشى ئېلىش»(1958-يىلى) ناملىق كىتابلىرىنى ئىلان قىلدى. لېكىن، بۇ شائىرلارنىڭ كۆپچىلىكى شېئىرلىرىنى يالغۇز سوتسىيالىستىك تېمىلارغىلا ئايرىغان ئەمەس. سوتسىيالىستىك شېئىرنىڭ قېلىپلىشىپ قالغان نامراتلىق، سوتسىيالىزمغا بولغان ھەيرانلىق، فاشىزم دۈشمەنلىكى، ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك، ھۈرىيەتسىزلىك ۋە سىياسىي بېسىم قاتارلىق تېمىلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلەن يېقىن ئەتراپنىڭ تۇرمۇشىمۇ خېلى كەڭ بىر ئورۇن تۇتىدۇ. نەزەرىيە ۋە قاتتىق ئىدېئولوگىيىلىك قېلىپلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئارزۇلىرى، سېغىنىشلىرى، دەرت-ئەلەملىرى، تۇيغۈ ۋە خىياللىرىمۇ شېئىرلىرىنى تولدۇرغان. مەملىكەتنىڭ نامراتلىقىغا ئەمىلىيەتتە ئۆزلىرىمۇ نامرات بولغان بۇ شائىرلارنىڭ نامراتلىقتىن پەيدا بولغان ئاچچىق ئەلەملىرىمۇ بەزىدە ئارىلىشىپ كەتكەن. ئومۇمەن، ئۇلار ئەركىن نەزىم شەكلىنى قوللاندى. تىلى ئېغىز تىلىنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكىنى ۋە قىزغىنلىقىنى ئىپادە قىلدى.
        ئويدۇرما سۆزلەرگە ئىشىكىنى كەڭ ئېچىۋەتمىدى. ئىپادىلەش جەھەتتە ھەممىسى ئۆزىنىڭ ساداسى بىلەن خىتاپ قىلدى. نامىنى «ھىسار»(1950-يىلى، مارت) ژورنىلىدىن ئالغان شائىرلار گۇرۇھى(ھىسارچىلار) «غېرىپ شېئىر» ۋە سوتسىيالىستىك شېئىرگە قارىتا بىر قارشىلىق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ھىسارچىىلار بۇ ئىككى ھەرىكەتنىڭمۇ تۈرك شېئىرىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىرى ۋە ئەنئەنىلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ياتلىشىشقا، تەقلىتچىلىككە ۋە قەدىرسىزلىككە باشلايدىغانلىقىغا ۋە ياش شائىرلارغا ناچار بىر ئۆرنەك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. بۇ خىل يامان يۈزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈرك شېئىرىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، ۋەزىنلىك، قاپىيىلىك ۋە تۆتلۈكتىن قۇرۇلغان نەزىم شەكىللىرىگە قايتىدىن ئورۇن بەردى. تۇيغۇ، خىيال ۋە تەبىئەتنى يەنە ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئارۇزنى ۋە دىۋان شېئىرىنىڭ شەكىللىرىنى قوللانغانلارمۇ كۆرۈلدى. تىلدىكى تازىلاش ھەرىكىتىگىمۇ قارشى چىقىپ، كۈندىلىك ئېغىز تىلىنى ھېمايە قىلدى. شەخسىي تۇيغۇلار ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن شېئىرلىرىدە بەزىدە ۋەتەن مۇھەببىتىگىمۇ ئورۇن بەردى.
        ھىسار گۇرۇھىنىڭ ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنىدا ئىلخان گەچەر، مەخمەت چىنارلى، مۇنىس فائىك ئوزانسوي، مۇستاپا نەجاتى كارائەر، نەۋزات يالچىن، گۈلتەكىن سامانئوغلۇ، ياۋۇز بۈلەنت باكىلەر، ياخيا ئاكەنگىن قاتارلىق كىشىلەر كۆزگە چېلىقىدۇ. كۆپۈنچە ئۆزىنىڭ تۇيغۇلىرىغا ئورۇن بەرگەن ۋە بۇنى نازۇك خىياللار بىلەن تۇيۇندۇرغان ئىلخان گەچەر(1917-يىلى تۇغۇلغان) شېئىرلىرىنى «چوڭايغان قوللار»(1954-يىلى)، «بەلكى»(1960-يىلى) ۋە «يېشىل چاغ»(1976-يىلى)؛ يەنە تۇيغۇ بىلەن خىيال ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان، لېكىن بەزىدە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرمۇ ئورۇن ئالغان شېئىرلىرىدە بەزىم شەكىللىرى جەھەتتىن دىۋان شېئىرىگە قەدەر كېڭەيگەن، گۇرۇھ ئىچىدە ئارۇزنى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك شەكىلدە قوللانغان مەخمەت چىنارلى(1925-يىلى تۇغۇلغان) شېئىرلىرىنى «قۇياش رەڭلىك قەدەھ بىلەن»(1958-يىلى)، « ئەمەلىيەت خىيالدىن ئۈستۈن تۇردى»(1969-يىلى) ۋە «بىر يېڭى دۇنيا قۇردۇم»(1974-يىلى)؛ يەنە تۇيغۇ بىلەن خىيالنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ۋە بەزىدە مىتافىزىكىلىق تېمىلارغىمۇ مايىل بولغان مۇنىس فائىك ئوزانسوي(1910-1975)«خىيال قىلغىنىمدەك»(1948-يىلى)، «مۆكۈنىش»(1959-يىلى)، «يەنە بىر قېتىم»(1959-يىلى)، «دەۋر سائىتى»(1965- يىلى)، «شىكايەت»(1968-يىلى) ۋە «يوقالغان دۇنيا»(1971-يىلى)؛ تۇيغۇ ۋە خىيال بىلەن بىرلىكتە مەسەل تەركىپلىرىگىمۇ ئورۇن بەرگەن نەۋزات يالچىن(1926-يىلى تۇغۇلغان) بەزىدە ئارۇز بىلەن يېزىلغان شېئىرلىرىنى «ئا كوچىسى»(1969-يىلى) ۋە «قۇياش ۋە ئادەم»(1977-يىلى)؛ ئاساسىي جەھەتتىن يەنە بىر تۇيغۇ شائىرى بولسىمۇ، تەبىئەت، ئىنسان مۇھاببىتى ۋە ئانادولۇنىڭ نامراتلىقى قاتارلىق تېمىلارغىمۇ ئورۇن بەرگەن ۋە گۇرۇھنىڭ ئۇسلۇبتىكى ئومۇمىي مەۋقەسىگە قارشى ھالدا مەنانى يوشۇرۇن ئىپادىلەشكىمۇ يۈزلەنگەن گۈلتەكىن سامانئوغلۇ(1927-يىلى تۇغۇلغان) شېئىرلىرىنى «ئايدىڭ»(1970- يىلى)؛ ئاساسەن بىر بىرىگە زىچ بىرىككەن بىر ئىنسان -تەبىئەت كومپوزىسيونى بىلەن مەشغۇل بولغان، يېقىن ئەتراپتىكى مۇھىتقا ئۇيغۇنلاشماسلىقتەك بىر ئارامسىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن، شۇ سەۋەپلىك بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىنىڭ دەستلەپكى ۋاقىتلىرىغا مۇراجىئەت قىلغان ۋە بەزىدە ئۈمىتسىزلىككىمۇ پېتىپ قالغان مۇستاپا نەجاتى كارائەر(1929-يىلى تۇغۇلغان) شېئىرلىرىنى «سۆيگەندە»(1972-يىلى) ۋە «كەپتەر ئۇچۇرۇش»(1978- يىلى)؛ گۇرۇھقا كېيىن قېتىلغانلارنىڭ بىرى بولغان ياۋۇز بۈلەنت باكىلەر(1936-يىلى) ئۆزىنىڭ تۇيغۇ ۋە خىياللىرىدىن باشقا، ئانادولۇ يېزىلىرىنىڭ نامرات قىياپىتىنىمۇ تىلغا ئالغان شېئىرلىرىنى «يالغۇزلۇق»(1962-يىلى) ۋە «بىكەت»(1971- يىلى)؛ تۇيغۇلىرى بىلەن بىرلىكتە تەبىئەتكىمۇ بىر تېما سۈپىتىدە ئېتىبار بەرگەن ياخيا ئاكەنگىن(1946-يىلى) بولسا شېئىرلىرىنى «خالىساڭ»(1969-يىلى)، «ئاخشام بىلەن كەل» (1973-يىلى) ۋە «دەۋر سۈرگۈنى»(1977-يىلى) ناملىق كىتاپلىرىدا توپلىدى. شېئىر چۈشەنچىلىرىنى ئاخىرىغا قەدەر ھەقىقىي بىر مۇقىملىق ئىچىدە داۋاملاشتۇرغان ھىسارچىلار ئۆزلىرىدىن كېيىن باشلانغان بىر ھەرىكەتكە، يەنى «2- يېڭى» دەپ ئاتالغان گۇرۇھقىمۇ قارشى چىقتى.
        غېرىپ ھەرىكىتى(1941-يىلى)نى جۇمھۇرىيەت دەۋرى تۈرك شېئىرىدە تۇنجى يېڭىلىق ھەرىكىتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ئىككىنجىلىكنى ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان «2- يېڭى» ئەسلى يېڭىلىقنى ئۆزلىرىنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن، تۈرك شېئىرىدىكى بارلىق خائىشلارنى (شەخسچى، مەملىكەتچى، سوتسىيالىستىك) ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە غېرىپ شېئىرنىمۇ رەت قىلدى. لېكىن «2- يېڭى» بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلمىدى.
        شېئىردىكى ھەر تۈرلۈك ئەنئەنىگە، تەسۋىر ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا، تېمىلارغا، ئەقىلگە ئۇيغۇن بولۇشقا، ھەر كىمنىڭ قوللانغان تىلىغا ۋە سىنتاكىسقىمۇ قارشى چىقتى. شۇنداقتىمۇ ئوخشىتىش، شەكىل، ئىدراك ۋە ئەركىن چۈشەنچىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. لېكىن بارلىق بۇ ئىدىيىلىرىگە قارىماي، ئەنئەنىدىن ئايرىلىش، ئىدراكلىق ھاياتقا ۋە ئەركىن چۈشەنچىگە ئورۇن بىرىش جەھەتتىن غېرىپ شېئىرىگە باغلانغىنىدەك، ئىجتىمائىي مۇھىتتىن ئايرىلىپ ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا بىكىنىۋېلىش ۋە ئوخشىتىشنى زىيادە قوللىنىشتەك خاراكتېرى بىلەنمۇ تامامەن شەخسچى بىر مەۋقە ئىچىدە قالغان ئىدى. مەيلى سىنتاكىسنى بوزۇش ياكى ئەركىن چۈشەنچىگە ئورۇن بىرىش سەۋەبىدىن بولسۇن، ئوتتۇرىغا چىققان ۋە بەزىدە مەناسىزلىق دەرىجىسىگە بېرىپ قالغان «مەنا يۇشۇرۇنلىقى» بۇ يېڭى شېئىر چۈشەنچىسىنىڭ ئىتىرازغا ئۇچرىشىغا ئەڭ كۆپ سەۋەپ بولغان تەرىپىدۇر. شۇڭا «مەناسىز شېئىر» نامى بىلەنمۇ ئاتالغان «2- يېڭى»نىڭ ئىجادىيەتچىلىرىمۇ مۇرەككەپ ئىدى.
       غېرىپ شېئىرنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن سوتسىيالىستىك شېئىرنىڭ ۋەكىللىرىگە ۋە يېڭىدىن تۇنۇلغان كىشىلەرگە قەدەر بولغان بۇ قوشۇننىڭ ئىچىدە ئورۇن ئالغانلار تۈۋەندىكىلەردۇر: ئوكتاي رىفات، ئىلخان بەرك، جەمال سۈرەييا، تۇرغۇت ئۇيار، ئەدىب جانسەۋەر، ئەجە ئايخان، سەزائى كاراكوچ، ئۈلكۈ تامېر، تەۋفىك ئاقداغ، ئەرجۈمەنت ئۇچارى ۋە سەيفەتتىن باشچىللار قاتارلىقلار. ناھايىتى قىسقىغىلا بىر ۋاقىت ئىچىدە نامسىز ياشلارنىڭمۇ قېتىلىشى بىلەن ناھايىتى كېڭەيگەن بۇ مۇرەككەپ قوشۇننىڭ شېئىر تېمىسىدا ھەقىقىي بىر كۆز قاراش بىرلىكىگە ئىگە بولۇشى قېيىن ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن پەرقلىق كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقتى.
        يېڭى قېتىلغان ياشلارنىڭ «مەنا يۇشۇرۇنلىقى» دا چېكىدىن ئېشىپ كىتىشىمۇ كۆز قاراشتىكى پەرقلەرگە قوشۇلغاندا، غايىسىدىكى ئېنىقسىزلىق، تىلدىكى ۋە نەزىم شەكلىدىكى تەرتىپسىزلىك سەۋەبىدىن ئەسلىدە تۈرلۈك چۈشەندۈرۈشلەرگە ئىھتىياجلىق بولغان بۇ گۇرۇھ ھەقلىق بىرمۇنچە تەنقىدلەرگە ئۇچراپ، قىسقا ۋاقىتتتىلا تەسىرىنى يوقاتتى. «2- يېڭى»نىڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن بىر بولغان تۇرغۇت ئۇيار(1927-يىلى تۇغۇلغان) 1945-يىلىدىن گۇرۇھ قۇرۇلغان ۋاقىتقا قەدەر ئۆزىنىڭ تۇيغۇ، ئارزۇ، خىيال ۋە سېغىنىشلىرىغا تايانغان، ۋەزىنلىك ۋە قاپىيىلىك شېئىرلىرى بىلەن تۇنۇلدى. گۇرۇھقا قېتىلغاندىن كېيىن بارلىق بۇ شەكىل ئالاھىدىكلىرى يوقالغىنىدەك، تېما سۈپىتىدە ئىدراكتىن ھالقىغان پسىخىلوگىيىلىك تەركىپلەرنىڭ ئورنىنىمۇ ئىدراكلىق تەركىپلەر ئىگىلىدى.
       لېكىن مۇقىم بىر خاراكتېرگە ئىگە بولغان ۋە «2- يېڭى»نىڭ ھېچقانداق بىر ئالاھىدىلىكلىرىدە چېكىدىن ئېشىپ كىتىشنى خالىمىغان شائىر بۇ گۇرۇھقا كىرىشتىن بۇرۇن ۋە كىرگەندىن كېيىن 1960-يىلىغا قەدەر يازغان شېئىرلىرىنى شۇ ئەسەرلىرىدە ئىلان قىلدى: «ئىلتىماس»(1949-يىلى)، «تۈركىيەم»(1952-يىلى)، «دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل ئەرەبىستانى»(1959-يىلى). 2- باسقۇچنىڭ ئاخىرىغا قەدەر پەقەت بىرلا شېئىر كىتابى(«ئۈۋەرجىنكا»،1958-يىلى)، نەشىر قىلىنغان جەمال سۈرەييا (1931-يىلى تۇغۇلغان)مۇ «2- يېڭى»نىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئۇيغۇنلاشمىغىنىدەك، ئۇيغۇنلاشقانلىرىدىمۇ چېكىدىن ئېشىپ كەتمىدى. شەكىل ۋە ئوخشىتىشقا ئەھمىيەت بەردى. ئوچۇق بىر ئىپادىلەش بىلەن خوشى بولمىسىمۇ، ھەقىقىي بىر يوشۇرۇنلۇققىمۇ مېڭىپ كەتمىدى. تىلدا بولسا ئېغىز تىلىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بەردى. شېئىر يېزىشنى «غېرىپ شېئىر»نىڭ تەسىرىدە باشلىغان ۋە تۇنجى شېئىر كىتابى («دىگەر ۋاقتىدا») 1947-يىلى نەشىر قىلىنغان ئەدىپ جانسەۋەر(1928-يىلى تۇغۇلغان) 1946- يىلىدىن كېيىن قايتىدىن تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان ئىجتىمائىي شېئىرنىڭمۇ تەسىرى بىلەن شېئىرنىڭ ئىجتىمائىي بىر فونكىسسىيىسىنىڭ بولۇشى كىرەكلىكىگە ئىشەنسىمۇ، بۇ ئېتىقادى ئىجتىمائىي ئادالەت يولىدا تۇرۇپ قالدى. ئاستا-ئاستا بۇ ئېتىقادىدىنمۇ ئايرىلىپ، 1954-يىلى«2- يېڭى»غا قېتىلدى ۋە نامىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتىن كېيىن چىقىشقا باشلىدى. بۇ جەرىياندا نەشىر قىلىنغان«خۇشاللىق»(1954-يىلى) ناملىق كىتابىدا يېڭى گۇرۇھنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئۇيغۇنلاشتى.
        ۋەزىنلىك -- قاپىيىلىك بىر نەزىم شەكىللىرىنى تاشلاپ يەڭگىل ئىپادىلەشتىن ئوخشىتىشلىق ۋە ئابىستىراكىت ئۇقۇملۇق بىر ئىپادىلەشكە كۆچۈپ مەنانى ئېنىقسىزلىققا ئىتتىرگىنىدەك، شېئىرلىرىدە ئەقىلنىمۇ چەتكە تەپتى. جەمئىيەت بىلەن بولغان ئالاقىسىنىمۇ ئازايتىپ، ئىدراكقا تايىنىپ شەكىلسىزلەشتۈرگەن ئۆز ھاياتىنى ئەركىن چۈشەنچە يولى بىلەن شېئىرلىرىگىمۇ يەرلەشتۈردى. «جەلىپكار كارانفىل»دىكى شېئىرلىرى مۇشۇ تۈردە ئىدى. بىردىن بىر ئۇزۇن نەزمىي ئەسىرى بولغان «ئۈمىتسىزلەر باغچىسى»(1958-يىلى)دا ئىدراكقا چېكىنىپ قاپسىلىپ قېلىشنىڭ نورمال نەتىجىسى بولغان « ئۆزىنى بوشلۇقتا ھىس قىلىش، ھەيرانلىق، ئۈمىتسىزلىك، قورقۇش، بىئاراملىقلار» ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمما، ئاشۇ ئەسەردە ئەسلىدە بۇنچە كۆپ ئارامسىزلىققا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان شائىرنىڭ قايتىدىن ئەقىلگە ۋە ئۇنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بولغان مەنا جەھەتتىن ئېنىقلىققا يۈزلىنىشكە باشلىغانلىقىمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇ يۈزلىنىشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە كېيىنكى بىر كىتابىدا(«نېفىت»، 1959-يىلى) ھاياتقا ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتقىمۇ ئۇرۇن بېرىپ مەنانىڭ يوشۇرۇن(يېپىق) بولۇشىنى تېخىمۇ ئازايتىشقا تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا «2-يېڭى»دىن يىراقلىشىشقا باشلىدى. 1960-يىلىغىچە مۇشۇنداق بىر يولدا يۈرگەن شائىر ئىدراكتىن خالى دۇنيا بىلەن ئىدراكلىق دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ئايلىنىپ يۈرۈشىنى مۇشۇ ۋاقىتتىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇردى.
        «2- يېڭى»نىڭ مەنانى ئەڭ يوشۇرۇن ئىپادىلەيدىغان شائىرى بولسا ئەجە ئايخان(1931-يىلى تۇغۇلغان)دۇر. ئۇ شېئىر ئىجادىيىتىنى بۈ گۇرۇھتا باشلىغان ۋە تۇنجى كىتابى(«كىنار ىانىمنىڭ دېڭىزى»)نى 1959-يىلى ئىلان قىلغان. پەقەت تۇيغۇنى مەنبە قىلغان ئىجتىمائىي ئادالەت ئىستىكى ۋە ماددىي بىر مۇھاببەت شېئىرلىرىنىڭ مۇھىم تېمىلىرى ئىدى. جۇمھۇرىيەت دەۋرى تۈرك شېئىرىنىڭ 2- باسقۇچىدا دىنى ۋە مىستىك تېمىلار بىلەن يۇنان مىفلىرىگە ۋە دىۋان شېئىرىگىمۇ يۈزلىنىدىغان بەزى ئەھۋاللار كۆرۈلدى. دىنى ۋە مىستىك تېمىلارغا يۈزلەنگەنلەر ئارىسىدا نەجىپ فازىل كىساكۈرەك بىلەن ئاساف خالەت چەلەبى دىققەتنى تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى ئىسلام تەسەۋۋۇپىغا، مەنىۋىي ئالەمگە ۋە ئىدراكلىق ھاياتقا يۈزلەندى. يۇنان مىفلىرىنىڭ 1- باسقۇچتىكىگە ئوخشاش بۇ باسقۇچتىمۇ تەسىرى ئەڭ گۈچلۈك ۋەكىلى سالىخ زەكى ئاكتاي ئىدى. ئۇنىڭغا ياندىشىپ بەزىدە بۇ مىفلەرگە يۈزلەنگەنلەر(ئىلخامى بەكىر تەز، ئىلخان بەرك، ھاسان ئىززەتىن دىنامو، مۇستاپا سەييىت سۇتۈۋەن) مۇ بار ئىدى. بۇلاردىن مۇستاپا سەييىت سۇتۈۋەن(1908-1969) نىڭ شېئىرلىرى پەقەت ئۆلۈمىدىن كېيىن بېسىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى(«بارلىق شېئىرلىرى»، 1976 -يىلى). ياخيا كەمال ئۆز شۆھرىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان 1940-1958-يىللاردا ئۇنىڭ يولىدىن مېڭىپ دىۋان شېئىرىنىڭ شەكلىنى ۋە زوقىنى يارىتىشقا تىرىشقانلار ئارىسىدىكى ئەدىپ ئايەل(1884-1967) بۇ ئوسلۇبتىكى شېئىرلىرىنى «موزائىك»(1944- يىلى) ۋە «شەھرى ئايىن»(1953-يىلى) دە، جەمال يەشىل(1900-1977) بولسا «رۇبائىلار» ناملىق كىتابىدا ئىلان قىلدى. خەلق ئۆيلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن دۆلەتنىڭ خەلق شائىرلىرىنى قوغداشقا باشلىشى ئۇنىڭ ۋەكىللىرىنىڭمۇ شەھەرلەرگە قەدەر كىلىپ ئۆزلىرىنى تۇنۇتۇىشىغا ۋە ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى. 2- باسقۇچتا بۇ شېئىرنىڭ ئەڭ تۇنۇلغان ۋەكىلى تالىبى جوشقۇن(1898-1976) شېئىرلىرى تۈۋەندىكى كىتاپلىرىدا ئىلان قىلدى. ئۇلار«ئەنقەرە داستانى»(1938-يىلى)،«تراكيا داستانى»(1944-يىلى)، «پەلەك يارىسى »(1945-يىلى)، «سەھەر شامىلىدەك»(1946-يىلى)، «چوكۇروۋا نىدا قىلىۋاتىدۇ »(1959- يىلى)، «سامسۇن داستانى»(1953-يىلى) قاتارلىقلار. مىللىي ئەدەبىيات دەۋرى شائىرلىرى بىلەن جۇمھۇرىيەت دەۋرى شائىرلىرىنى تۈرلۈك خائىشلار ئىچىدە ئۆز قويغىغا ئالغان 2- باسقۇچتىكى تۈرك شېئىرى ناھايىتى جانلىق ۋە رەڭدار ۋە ھەرىكەتچان بىر كۆرۈنىش ھاسىل قىلغانىدى.
        تۈركىيىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى مۇھىم ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەپ بولغان 1960-يىلىدىكى 27- ماي ھەرىكىتى بىلەن باشلىنىپ، ئوخشاش مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان 1980- يىلىدىكى 12- سىنتەبىر ھەرىكىتى بىلەن ئاخىرلاشقان 3- باسقۇچتا باشقا ئەدەبىي تۈرلەر بىلەن بىرلىكتە تۈرك شېئىرىدىمۇ يېڭى تەرەققىياتلار كۆرۈلدى. 1961-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننىڭ سىياسىي ھوقۇق ۋە ھۈرىيەت تېمىسىدا پەيدا قىلغان ئۇقۇم ئېنىقسىزلىقىدىن پايدىلانغان ئىدېئولوگىيىلىك پائالىيەتلەر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى ھەرىكەتلەرنى تىزلا چېكىدىن ئېشىپ كىتىدىغان يولغا باشلاپ، قىسقا ۋاقىتتىلا تۈركىيىنىڭ ئېغىر بىر ھۆكۈمەتسىزلىك ۋە تىنچسىزلىق ئىچىگە چۈشۈپ قىلىشىغا سەۋەپ بولدى. بۇ مالىمانچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەپكارى بولغان سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيىنىڭ تىز تەرەققىياتىغا پاراللىل ھالدا ماڭغان ۋە بۇ دەۋرگە قەدەر پەقەت ئۈستى يېپىق بىر تەربىىيە ئەدەبىياتى بولغان سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتمۇ ئاشكارا ھالدا كۈندىلىك سىياسەتكە ئارىلىشىپ، ئىدېئولوگىيىلىك پائالىيەتلەرنى يېقىندىن ھېمايە قىلىدىغان بىر ئەدەبىياتقا ئايلاندى.
        «2- يېڭى» بۇ باسقۇچتىمۇ يەنە بىر مەزگىل داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئىدېئولوگىيىلىك ۋە سىياسىي ئاخارخىزمنىڭ مەنىۋىي بېسىمى ئاستىدا ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى (تۇرغۇت ئۇيار، جەمال سۈرەيا، ئوكتاي رېفات، ئەدىپ جانسەۋەر، ئەجە ئايخان) سوتسىيالىستىك شېئىرنىڭ تەسىرى ئاسىتىدا قېلىپ، تۈرلۈك شەكىل، ئۆلچەم ۋە باسقۇچلاردا ئۇنىڭغا ماس قەدەمدە مېڭىشقا تىرىشتى. تۇرغۇت ئۇيار«تاماكا يۆل»(1962-يىلى)، «دىۋان»(1970-يىلى) ۋە «توپلاندى»(1974-يىلى)؛ جەمال سۈرەيا «كۆچمەن»(1965-يىلى)، «مىنى سۆي، كېيىن مىنى تۇغ»(1975-يىلى)؛ ئوكتاي رېفات «قولى بار ھۆرلۈكنىڭ»(1966-يىلى)، «شېئىلار»(1969-يىلى)،«يېڭى شېئىرلار»(1973-يىلى)، «پادىچىلىق شېئىرلىرى »(1976- يىلى)؛ ئەدىپ جانسەۋەر «قەيەردە ئانتېگونى»(1961-يىلى)، «تراگىدىيىلەر»(1964-يىلى)، «چاقىرىلمىغان ياقۇپ»(1969-يىلى)، «پاسكىنا ئاۋغۇست»(1970-يىلى) ،«كەينى قېپقالىدۇ»(1974-يىلى)، «مەن روھى بەي قانداق؟ »(1976-يىلى)، «سەۋدا بىلەن سۆيگۈ»(1977-يىلى)؛ ئەجە ئايخان «ئىگىسىز قالغان مەينەت قارا مۆشۈك»(1965-يىلى)، «ئورتودوكىستلار»(1968-يىلى) ۋە «دۆلەت ۋە تەبىئەت»(1973-يىلى)؛ ئەرجۈمەنت ئۇچارى«گۆش»(1960-يىلى)، «قۇدۇقتىكى يۇسۇف»(1962-يىلى)، «ئوۋ ئوۋلىغاندىكى بىر قورقۇش»(1967-يىلى) ۋە «ئالبارتوسنىڭ نامى بىر كۈنى چىقىدۇ»؛ سەيفەتتىن باشچىللار«ئالتۇن دەۋرى ئۆلۈمنىڭ»(1961-يىلى)، «گۈل ۋە قۇرال»(1969-يىلى)، «كوچا ناخشىلىرى»(1973-يىلى) ۋە تەۋفىك ئاكداغ «زەڭگەر قاناتلىق بىر قۇشتۇر كىچە»(1968-يىلى) ناملىق كىتابلىرىنى ئىلان قىلدى. بۇ ۋاقىتتا يەنە 30 غا يېقىن ياش شائىرلارمۇ «2- يېڭى»غا قېتىلدى. بۇلار ئارىسىدا نامىنى ئەڭ كۆپ تۇنۇتقانلار ئۈلكۈ تامىر، ئۆزدەمىر ئىنجە، نىخات زىيالان، ئالىم ئاتاي، كەمال ئۆزەر، ئالى چۇلخا، فارۇق ئەرگۆكتاش، يۇسۇف گۇر، سۈرەيا بەرفە، ئىمەت ئۆزەل، ۋە شۈكرۈ ئۈستۈن قاتارلىقلاردۇر. لېكىن بۇ شائىرلار كۆپ بولسىمۇ، قارشى مەيداندىكى سوتسىيالىستىك شېئىرنىڭ بېسىمى ۋە يېڭى قېتىلغان شائىرلارنىڭ مەناسىزلىقتا چېكىدىن ئېشىپ كىتىشى سەۋەبىدىن بۇ گۇرۇھ ئاستا-ئاستا چېچىلىشقا ۋە تارقىلىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ ئاساسەن قۇرغۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ شېئىر تېمىسىدا ھەقىقىي بىر بىرلىك بولمىغان بۇ گۇرۇھمۇ 1968- يىلى يوقالدى. بۇ باسقۇچتا سوتسىيالىستىك شېئىر دۇچ كەلگەن بىردىن بىر تەشكىللىك قارشىلىق ھىسار گۇرۇھىدىن كەلدى. ھىسارچىلار ئۆزلىرىنىڭ ژورنىلى توختىتىلغانغا قەدەر(1980-يىلى) بۇ قارشىلىقنى داۋاملاشتۇردى.
        2- باسقۇچنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئۆلۈمىگە قەدەر(1963-يىلى) چەتئەللەردە تۇرغىنىغا قارىماي نازىم ھىكمەت بۇ باسقۇچتىكىگە ئوخشاش، ئۆلۈمىدىن كېيىنمۇ سوتسىيالىستىك شائىرلار تەرىپىدىن سوتسىيالىستىك شېئىرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋەكىلى ۋە يىتەكچىسى سۈپىتىدە كۆرۈلدى. ۋەتەن سىرتىدا ئىلان قىلىنغان شېئىرلىرى 1965-يىلىدىن كېيىن تۈركىيىدىمۇ بېسىلىشقا باشلىدى. بۇلار «سائەت 21-22دىكى شېئىرلار»(1965-يىلى)، «قۇتۇلۇش ئۇرۇشى داستانى»(1965-يىلى)، «تۆت تۇرمىدىن»(1966-يىلى)، «مەملىكىتىمدە ئىنسان كۆرۈنىشلىرى»(1966-يىلى)، «يېڭى شېئىرلار»(1966-يىلى) ۋە «ئاخىرقى شېئىرلار»(1970-يىلى) قاتارلىقلاردۇر. 2 - باسقۇچتىكى سوتسىيالىستىك شېئىرنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولغان ئىلخامى بەكىر تەز («ئەڭ گۈزەل ناخشا»،1960-يىلى، «يەتمىش ياشلىق مېلانكىلو»،1975-يىلى)، ھاسان ئىززەتتىن دىنامو( «كاراجا ئاخمەد سېنفونىيىسى»،1960-يىلى ،«ھۆرلۈك ناخشىسى»، 1971-يىلى ، «تۈرمىدىكى شېئىرلار» ،1974-يىلى ، «سۈرگۈن شېئىرلىرى»، 1975-يىلى ، «چېدىردىكى شېئىرلار»، 1976-يىلى)، رېفات ئىلگاز(«قارابۇغداي»،1969-يىلى ،«ئۇزاق ئەمەس»، 1971-يىلى، «كەپتىرىم ئۇخلارمۇ»، 1974-يىلى)، جاھىت ئىرگات(«ئىرگاتنىڭ ناخشىسى»،1969-يىلى)، سۇئات تاشەر(« ئىككىنجى قۇتۇلۇش»، 1966-يىلى ،«ھايرەت بەينىڭ سەرگۈزەشتىسى»، 1968-يىلى ،«ئالەمدە قولىمىز»، 1970-يىلى)، ئا.قادىر («تۆت دەرىزە»، 1962-يىلى، «بەختلىك بولغاندا»، 1968-يىلى)، ئۆمەر فارۇق توپراق(«جىمىپ قالغان ئانادولۇ»، 1966-يىلى، «ئاي يۇرۇقى»، 1973-يىلى)، مەخمەد باشاران(«ئاپرىل خاتېرىلىرى»، 1960-يىلى ، «چوڭ شەھەر»، 1963-يىلى، «پېتراكلىق مەملىكەت»، 1969-يىلى، «كۆك ئېكىن»، 1975-يىلى)، ئاتىللا ئىلخان («مەن ساڭا مەجبۇرمەن»، 1960-يىلى، «دەرد--ئەلەم گۈلى»، 1962-يىلى ،«مەنئىي سۆيۈشۈش»، 1968-يىلى، «مەھبۇسنىڭ كۈندىلىك خاتېرىسى»، 1973-يىلى ، «مۇشۇنداق بىر سۆيۈش»،1977-يىلى) ۋە ئارىف دامار(«سائەت سەككىزگە داڭ ئۇردى»، 1962-يىلى ، «غەمكىن قۇش»، 1966-يىلى ، «ئاۋازنىڭ ئاياق تىۋىشى»، 1975-يىلى) قاتارلىقلار 3- باسقۇچتىمۇ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغىنىدەك، سوتسىيالىستىك شېئىرلەرگە ئانچە -مۇنچە يۈزلەنگەنلەر ئارىسىدا بۇ شېئىرگە 1960-يىلىدىن كېيىن قېتىلغانلارمۇ ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى.
        سوتسىيالىزىمگە بەزىدە بەلگىلىك بىر شەكىل ۋە ئۆلچەمدە ئورۇن بەرگەنلەر ئارىسىدا مەلىخ جەۋدەت ئانداينىڭ بۇ باسقۇچتا ئىلان قىلغان شېئىر كىتابلىرى «قوللىرى باغلانغان ئوددىسىيوس»(1963-يىلى)، «كۆچمەن دېڭىزنىڭ ئۈستىدە»(1970-يىلى) ۋە «تەكنەنىڭ ئۆلۈمى»(1975-يىلى) قاتارلىقلاردۇر. دەستلەپتە «قارغا بىلەن تۈلكە»(1954-يىلى) ناملىق كىتابى بىلەن سوتسىيالىزمغا يۈزلەنگەن، لېكىن دەرھال «2- يېڭى»غا ئۇيغۇنلاشقان ئوكتاي رېفات 1960-يىلىدىن كېيىن سوتسىيالىستىك شېئىرنىڭ پەيدا قىلغان تەرەققىياتى ئالدىدا قايتىدىن سوتسىيالىزمغا يۈزلەندى(«قولى بار ھۆرلۈكنىڭ»، 1966-يىلى). 1950-يىلىدىن كېيىن يەنە پات -- پات سوتسىيالىزمغا يۈزلەنگەنلەردىن فازىل ھۈسنۈ داغلارجانىڭ 3- باسقۇچتا ئىلان قىلغان شېئىر كىتابلىرى 1- باسقۇچتا ئىلان قىلغانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقتى. شېئىرلىرىنى دەستلەپتە ژورناللاردا ئىلان قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنى توپلاپ كىتاپ قىلىشقا ۋە سوتسىيالىستىك شېئىر ھەققىدىكى ئىجادىيەتلىرىنى 1960-يىلىدىن كېيىن كۈچەيتىشكە باشلىغانلار ئارىسىدا جەيھۇن ئاتىف كانسۇ(1919-1980)، جان يۈجەل(1926-يىلى تۇغۇلغان) ئەنۋەر كۆكچە(1920-1981)، ھاسان ھۈسەيىن قورقمازگىل(1927- يىلى، تۇغۇلغان)، ئاخمەت ئارىف(1927- يىلى تۇغۇلغان)، تاخسىن ساراچ(1930-يىلى تۇغۇلغان)، گۈلتەن ئاكىن(1933-يىلى تۇغۇلغان) ۋە ئاتائول بەخرامئوغلۇ(1942-يىلى) قاتارلىقلار بار.
     جۇمھۇرىيەت دەۋرى شېئىرىنىڭ بۇ كېيىنكى باسقۇچىدا سەخسچى شېئىرمۇ سەنئەتنى غايە قىلىش ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇردى. گەرچە بۇ شېئىر ئاخمەد ھاشىم ۋە ياخيا كەمال قاتارلىق بۈيۈك كىشىلىرىدىن ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى باسقۇچتىلا ئايرىلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن فارۇق نافىز چاملېبەل، ئاخمەت قۇدسى تەجەر، ئاخمەت مۇخىپ دراناس ۋە بەخچەت كەمال چاغلار قاتارلىق سەنئەتنى ھۆرمەت قىلىدىغان ئۇستىلار بۇ باسقۇچتىمۇ ئۆزىنى تۇنۇتتى.
       بۇنىڭدىن باشقا بەخچات نەجاتىگىل، نەجاتى جۇمالى، سالاخ بىرسەل، ساباخاتتىن قۇدرەت ئاقسال، سەلاخاتتىن باتۇ، جاھىت كۈلەبى، ئارىف نىخات ئاسيا، زەكىي ئۆمەر دەفنە، بەدرى راھمى ئەيۈبئوغلۇ، ھىسارچىلار، ئۆزدەمىر ئاساف، بەكىر سېتقى ئەردوغان، جوشقۇن ئەرتەپىنار، ئۈمىت ياشار ئوغۇزجان، تۇرغان ئوغۇزباش، مەخمەت سالىخئوغلۇ ۋە خالىل سويۇئەر قاتارلىق نامىنى 2- باسقۇچتا چىقارغان تەجرىبىلىك شائىرلارمۇ ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ كىشىلەرگە يەنە بىرمۇنچە كىشىلەرنىمۇ قوشۇش مۇمكىن. جۇمھۇرىيەت دەۋرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئېپىك تۈرك شېئىرى بىلەن خەلق شېئىرىمۇ خېلىلا جانلاندى. بۇ باسقۇچتا ئىجادىيەتنىڭ چېكى «دەدە قورقۇت كىتابى»دىكى داستانلار دەۋرىگە قەدەر سوزۇلغان ئېپىك شېئىر مىللىي ئىنقىلاپ ۋە ئاتاتۈرك تېمىلىرىغا مەركەزلەشتى. باسرى گوجۇل(1910-يىلى تۇغۇلغان)نىڭ «تۈرك مىللىي داستانى--ئوغۇزلاماق»(1971-يىلى، ئۈچ توم)، نىيازى گەنچئوسمانئوغلۇنىڭ «مالازگىرات داستانى»(1971-يىلى)، ئىسمائىل ئالى سارارنىڭ «ۋەتەن مۇھەببىتى بىلەن ئېيتىلغان داستان»(1960-يىلى)، خالىل كاراگۆزنىڭ «ئاتاتۈركنىڭ نۇرى»(1965-يىلى)، جەيھۇن ئاتىف كانسۇنىڭ ساكاريا مەيدان ئورۇشى»(1970-يىلى)، ئىلخامى بەكىر تەزنىڭ «ئالتۇن داستان--مۇستاپا كەمال»(1973-يىلى) ۋە خالىم ئۇغۇرلۇنىڭ «تۈرككە داستان»(1974-يىلى) قاتارلىق كىتابلىرى مۇشۇ تۈرنىڭ ئىچىدە ئىدى.
     1- باسقۇچتا باشلانغان، بولۇپمۇ خەلق ئۆيلىرىدە تەرەققىي قىلغان خەلق ئەدەبىياتى ۋە فولكلور ئىجادىيىتىنىڭ ياراتقان پايدىلىق شارائىتلىرى بىر مۇنچە خەلق شائىرىنىڭ يېزا- قىشلاقلاردىن شەھەرلەرگە كىلىپ شېئىرلىرىنى ئىلان قىلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى. بۇلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بولغان ئاشىق ۋەيسەل(1894-1973) شېئىرلىرىنى «دوستلار مىنى ئەسلىسۇن»(1970-يىلى)، ئاشىق ئالى ئىززەت(1902-1980)«مۆھۈر كۆزلۈكۈم»(1967- يىلى)، ئاشىق ئىخسانى(1930-يىلى تۇغۇلغان) «ئاغالىق دۇنيا»(1964- يىلى)، «يازىمەن»(1966- يىلى)، «قارايمىز پەقەت»(1967-يىلى) ، «قارا، ئېتىزنىڭ تېشىغا»(1974- يىلى) ۋە «ئۇر ئاغانىڭ بېشىغا»(1975-يىلى) قاتارلىق كىتابلىرىدا ئىلان قىلدى. دىنىي ۋە تەسەۋۋۇپ شېئىرلىرىغا كەلسەك، نەجىپ فازىلدىن باشقا، بۇ باسقۇچتا بۇ شەكىلدىكى شېئىرگە ئۆرنەك ياراتقانلار ئارىسىدا «ئاللاھ بىر»(1961-يىلى) ناملىق ئۇزۇن شېئىرىي كىتابى بىلەن ھاسان ئالى يۈجەل(1897-1961)نى، «خىزىر بىلەن قىرق سائەت»(1967-يىلى) ، «سادا»(1968-يىلى)، « گۈلدىن خوش خەۋەر»(1969-يىلى)، «زامانغا بېغىشلانغان سۆزلەر»(1970-يىلى) ناملىق كىتابلىرى بىلەن سەزائى كاراكوچ(1933-يىلى تۇغۇلغان)نى، «نەيلەيىم»(1975-يىلى)، «شۈك بولما بۇلبۇل»(1976- يىلى) ۋە «غېرىپ بۇلاق»(1976-يىلى) ناملىق كىتابلىرى بىلەن ئىبراھىم ئاگاھ چۇبۇكچۇنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.
     2- باسقۇچتىكى دىۋان شېئىرى خائىشى بۇ باسقۇچتىمۇ داۋاملاشتى. ئەڭ كۆپ ئېتىبار قازانغان نەزىم شەكىللىرى رۇبائى بىلەن غەزەل ئىدى. بۇ نەزىم شەكىللىرىدىن يالغۇز بىرىنى ياكى ھەر ئىككىسىنى ئۇلارنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى قوغىدىغان ھالدا قوللانغانلار مەخمەت چىنارلې، فۇئات بايرامئوغلۇ، بەكىر سېتقې ئەردوغان قاتالىقلار بولغىدەك، يېڭى بىر شەكىل ئۈستىدە ئىزدەنگەنلەرمۇ (بەخچەت ناجاتىگىل، نازىم ھىكمەت، تۇرغۇت ئۇيار، جان يۈجەل، ئاتىللا ئىلخان) بار ئىدى. داۋامى بار.

    ئىزاھات:
     (1) يەنىچەرى ئوچاغى – (1) ئورخان غازى تەرىپىدىن يېنىچەرى ئوچاغى نامى بىلەن 1362-يىلى قۇرۇلغان، مەھمۇدⅡدەۋرىدە نىزامى جەدىت نامىدىكى ھەربىي ئوچاغنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ پىيادە ئەسكەرلەر قىسمى .
     (2) بۇ ئەسكەرلەر قىسمىدىن بولغان ئەر.
    (2) كاپىتىلاسيون-- فرانسۇزچە سۆز بولۇپ، مەنىسى بىر مەملىكەتتە ۋەتەنداشلارنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ياتلارغا بىرىلگەن ئالاھىدە ھوقۇق. -- ت.
     (3) فۈتۈرىزم -- ئىتالىيان شائىرى مارىنېتتىنىڭ 1909-يىلى ئىلان قىلغان ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى ھاياتنى مەدھىيلەش، ئەنئەنىۋىي ئەدەبىي پىرىنسىپلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ۋە داداجىلىك، رىياللىقتىن ھالقىش قاتارلىق ئېقىملارنىڭ يىتەكچى بولغان ئەدەبىيات يولى.-- ت.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 21:22:23]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.