يېقىنقى ۋە ھازىرقى دەۋر تۈرك ئەدەبىياتى ‏تارىخى

يوللىغۇچى : yusupjan يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-15 02:51:00

ئاپتورى: كەنان ئاقيۈز‏ تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: يۈسۈپجان ياسىن ‏‎2‎‏-‏ سەرۋەتى فۈنۇن دەۋرى ( 1896-1901)‏ غەرب ئەدەبىياتى بىلەن دىۋان ئەدەبىياتى ‏تەرەبدارلىرىنىڭ 1885- يىلىدىن باشلاپ ‏كەسكىنلەشكەن...

    ئاپتورى: كەنان ئاقيۈز‏
    تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: يۈسۈپجان ياسىن    

                 ‏‎2‎‏-‏    سەرۋەتى فۈنۇن دەۋرى ( 1896-1901)‏ غەرب ئەدەبىياتى بىلەن دىۋان ئەدەبىياتى ‏تەرەبدارلىرىنىڭ 1885- يىلىدىن باشلاپ ‏كەسكىنلەشكەن ‏كۈرۈشى مەزگىلدە غەرپ ئەدەبىياتىنى قوبۇل قىلغان ياش بىر ‏ئەۋلاد ئون يىلدىن ‏كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ساداسىنى تەشكىللىك ‏بىر ھالدا ئاڭلاتقۇدەك ھالەتكە كەلدى. رەجائىزادە ئەكرەم بۇ ‏‏ياشلارنى مەكتەبى مۈلكىيىدىكى ئوقۇغۇچىسى ئاخمەد ‏ئىھسان(توقگۆز ) چىقىرىۋاتقان "سەرۋەتى ‏فۈنۇن" ژورنىلىدا ‏بىر يەرگە توپلىدى. شۇ ۋاقىتقا قەدەر كۆپىنچە پەننىي ‏ماقالىلارغا ئورۇن بەرگەن بۇ ‏رەسىملىك ژورنال يەنە ‏ئەكرەمنىڭ گالاتساراي سۇلتانەسىدىكى ئوقۇغۇچىسى ‏تەۋفىق فىكرەتنىڭ ‏باشقۇرۇلىشىغا تاپشۇرۇلغان چاغدا(1896-7- ‏قېھرال) زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، قىسقا ۋاقىتتىلا ‏‏نۇقسانسىز بىر ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ژورنىلىغا ئايلاندى. ‏شۇنىڭ بىلەن تانزىمات دەۋرىدە قۇرۇلۇشقا ‏باشلىغان غەرپ ‏تۈرك ئەدەبىياتىنى قەتئىي ۋە تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرەليدىغان ‏ئىككىنجى بىر ياش ‏ئەۋلاد ئىش بېشىغا چىقتى. ئۆزلىرى ‏توپلانغان ژورنالنىڭ نامى بىلەن "سەرۋەتى فۈنۇنچىلار" ۋە ‏يېڭى ‏بىر ئەدەبىيات قۇرماقچى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ "ئەدەبىياتى ‏جەدىدەچىلەر" دەپمۇ ئاتالغان بۇ ياشلار ‏‏1901-يىلى ژورنالنى ‏توختىتىپ تارقىلىپ كەتكىچە بولغان بەش يىلغا يېقىن ‏ناھايىتى قىسقىغىلا بىر ‏مەزگىل ئىچىدە تۈرك ‏ئەدەبىياتىنى (تىياتىردىن باشقا) ھەر ساھەدە ۋە ھەر ‏جەھەتتىن زامانىۋىي بىر ‏ھالەتكە كەلتۈرگەنىدى.
        ‏ ‏"سەرۋەتى فۈنۇن" گۇرۇھىنىڭ 16 كىشىلىك قوشۇنىدىكى ‏ئون شائىر، بەش رومانچى ۋە ھېكايىچى، بىر ‏تەنقىدچى ‏ئارقىلىق بىر تەرەپتىن غەرپ ئەدەبىياتى كەڭ بىر شەكىلدە ‏تۇنىتىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ‏ئۇنىڭغا ئۇيغۇنلاشقان ئۇتۇقلۇق ‏ئۆرنەكلەر يارىتىلىشقا باشلىدى. شۇ سەۋەپ بىلەن، بۇ ‏ئەدەبىياتچىلار ‏قەدىمكى ئەدەبىيات تەرەبدارلىرىنىڭ كۈچلۈك  ‏ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتتە ‏‏"يازغانلىرىنى ‏چۈشەنگىلى بولمايدۇ" دېگەن قاراشقا دۇچ كەلدى. بۇ تېمىدىكى ‏ئەڭ چوڭ ھۇجۇم ‏غەرب ئەدەبىياتىغا قارشى بولمىسىمۇ، ‏پەقەت زىيالىلارغا خىتاب قىلىدىغان بىر ئەدەبىياتقا قارشى ‏‏بولغانلىقى ئۈچۈن ئاخمەد مىدخاتتىن كەلدى.
        1878-يىلى، ئۇ ‏ياشلارنى كوزموپولىت ۋە چۈشىنىكسىز ‏بىر ئەدەبىيات قۇردى ‏دەپ ئەيىپلەپ، ئۇلارغا "چۈشكۈن" دېگەن نامنى بەردى. ‏ياشلارمۇ بىرلىشىپ ‏ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ ھۇجۇمغا قارشى ‏تۇرغان بولسىمۇ، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۆز ئىچىدە پىكىر ‏‏ئىختىلابى چىقىشقا باشلىدى. بۇلار بىر بىرىنى "پۈتۈنلەي ‏خۇسۇسىي تېمىلارنىڭ خاتا دائىرىسى ئىچىدە ‏ئايلىنىۋاتىدۇ" ‏دەپ ئەيىپلىدى. ئارىغا ھەسەتخورلۇقمۇ  قۇشۇلۇپ ‏نىھايەت گۇرۇھتىن ئايرىلىپ ‏كىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ ‏كۆرۈلۈشكە باشلىدى. تۇنجى بولۇپ ئالى ئەكرەم بىلەن ئاخمەد ‏رېشىد ‏ئايرىلىپ چىقتى.
        بىر مەزگىلدىن كېيىن 1901-يىلى ‏مارتتا  ماقالە ئىشلىرىغا مەسئۇل فىكرەتمۇ ‏ژورنالنىڭ ساھىبى ‏ئاخمەد ئىھسان بىلەن باشقۇرۇشقا دائىر بىر مەسىلە ‏سەۋەبىدىن ئارىسى بوزۇلۇپ ‏ئايرىلىپ چىققاندا، بۇ ‏گۇرۇھنىڭ ئاساسى قاتتىق تەۋرەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ‏ژورنالنى باشقۇرۇشنى ‏قولغا ئالغان ھۈسەيىن جاھىد بۇ ‏تەۋرىنىشنىڭ بىر مەزگىل ئالدىنى ئالدى. لېكىن شۇ يىلنىڭ ‏تەشرىن ‏ئېيى  (10-11-ئايلار)دا ئۆزىنىڭ فرانسۇزچىدىن ‏تەرجىمە قىلغان بىر ماقالىسى سەۋەبى بىلەن ژورنال ‏ساراي ‏تەرىپىدىن توختىتىلدى. ئەمما، بىر يېرىم ئايدىن كېيىن ‏‏"سەرۋەتى فۈنۇن" قايتا نەشىر ‏قىلىنىشقا باشلىدى. لېكىن بۇ ‏قېتىم ھۈسەيىن جاھىدمۇ باشقۇرۇش ئىشلىرىدىن قول ‏ئۈزگەنلىكى ئۈچۈن ‏تۇنجى ساھىبى ژورنالنى يەنە دەستلەپكى ‏شەكلىگە ئەكەلدى. شۇنىڭ بىلەن 1901-يىلى دېكابىردا ‏‏سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھى تارقىلىپ كەتتى.
        ‏ لېكىن سەرۋەتى فۈنۇنچىلار 1908-يىلى قايتا ئوتتۇرىغا ‏چىققان بولسىمۇ، بۇ  جەريان ئىچىدە يېڭى بىر ‏ئەۋلاد ‏يىتىشىپ چىقىپ، سەنئەت ۋە ئەدەبىيات چۈشەنچىسىمۇ ‏ئۆزگەرگەنلىكتىن، ئۇلار بەزى ‏ئايرىملىقنىڭ سىرتىدا ‏بۇرۇنقىدەك دىىققەتنى تارتمىدى ۋە قايتا بىر يەرگىمۇ جەم ‏بۇلالمىدى.‏ سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىنى قۇرغان ياشلار فرانسۇز ‏ئەدەبىياتىنى ئاساس قىلغان ھالدا غەرب ئەدەبىياتى ‏ھەققىدە ‏تانزىمات دەۋرى ئەۋلاتلىرىدىن يەنىمۇ بىلىملىك ‏بولغىنىدەك، سەنئەت كۈچى ۋە ‏ئەستائىدىللىق جەھەتتىنمۇ ‏ئۈستۈن ئورۇندا ئىدى. بارلىق بۇ  ئىمكانىيەتلەردىن ‏پايدىلىنىپ ‏تانزىمات دەۋرىدە قۇرۇلۇشقا باشلىغان غەرب ‏تۈرك ئەدەبىياتىنى پۈتۈن نۇقسانلاردىن ۋە ‏كەمچىلىكلەردىن ‏قۇتۇلدۇرۇپ، ناھايىتى قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە  ئۇنى ‏زامانىۋىي بىر غەرب ‏ئەدەبىياتى سەۋىيىسىگە چىقىرىشتا ‏مۇۋاپپىقىيەت قازاندى.
        ‏ شېئىر- سەرۋەتى فۈنۇنچىلار تانزىمات شېئىرىدە ‏قىسمەن بولسىمۇ داۋاملاشقان دىۋان نەزىم ‏شەكىللىرىنى ‏تىزلا بىكار قىلدى. بىكار قىلالمىغانلىرىنى تۇنىغىلى ‏بولمايدىغان ھالغا  كەلتۈرۈپ ‏قويدى(" ئەركىن چاچما ‏شېئىر" دېگەندەك). غەرپتىن ئالغان نەزمە ‏شەكىللىرىنى ( "سونېت"،"تېرزا ‏رىما") بەزىدە ‏ئەسلىدىكىدەك، بەزىدە ئۆزگەرتىپ قوللاندى. بۇنىڭ بىلەن  ‏بىرگە تامامەن ئۆزىنىڭ ‏كەشپىياتى بولغان نەزىم ‏شەكىللىرىنىمۇ قوللاندى. ئارۇز  بىر مۇنچە ئىسلاھاتقا  ‏ئۇچرىغان بولسىمۇ، ‏ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى سەرۋەتى ‏فۈنۇن شېئىرىدىمۇ داۋاملاشتۇردى. لېكىن، تۈركچىگە تېخىمۇ ‏مايىل ‏بىر تەرەققىياتنى ئىپادە قىلدى. بۇغۇم ۋەزنىمۇ ‏تانزىمات دەۋرى شېئىرىگە سېلىشتۇرغاندا بىراز ئېتىبارغا ‏‏ئىرىشتى. تېمىلار كۆپىنچە شائىرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ‏ھېسسىي ھاياتىغا ۋە خىيال(تەسەۋۋۇر) دۇنياسىغا ‏باغلىق ‏بولدى. شۇ سەۋەپلىك مۇھەببەت ۋە ئۇنىڭ تولۇقلىغىچىسى ‏بولغان تەبىئەت ئالدىنقى ئورۇنغا ‏ئۆتتى. سەرۋەتى فۈنۇننىڭ ‏شائىرىلىرى بۇ كونا تېمىلارغا يېڭىلىق سۈپىتىدە ئائىلە ‏ھاياتىنى ۋە ‏كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ كىچىك ۋەقەلىرىنىمۇ ‏قوشتى. بەزىلىرىدە بولسا زامان بىلەن تانزىمات شېئىرىدە ‏‏خېلىلا ئورۇن ئىگىلىگەن ئىجتىمائىي ‏تېمىلار  (ھۆرىيەت، ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسى، مەدەنىيەت، ‏‏جاھالەت، مۇتەئەسبلىك) مۇ سالماق ئورۇن ئالدى.
        ‏ ئەدەبىي ئېقىملار— سەرۋەتى فۈنۇن شېئىرىدىمۇ ‏ئۆزىنى قوبۇل قىلدۇرغان ئاساسلىق ئەدەبىي ئېقىم ‏يەنە ‏رومانتىزمدۇر. پەقەت فىكرەتنىڭ ئەسىرىدە يالغۇز شەكىل ‏جەھەتتىن پارناسىزم ①نىڭ ۋە ‏جەنابنىڭ ئەسەرلىرىدە ‏يالغۇز بەزى ئاساسلىرى جەھەتتىن سىمۋولىزمنىڭ تەسىرى ‏كۆرىلىدۇ. نامىق ‏بىلەن ئەكرەمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ‏سەرۋەتى فۈنۇن شېئىرى تىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتتە يات تىل ‏‏سۆزلۈكلىرىگە  دەرۋازىسىنى ئاخىرغىچە ئېچىپ، رەڭدار  ‏ئۇسلۇبنى داۋاملاشتۇردى. بۇ گۇرۇھنىڭ ئەڭ ‏ئېغىر خاتالىقى ‏تىل ۋە ئۇسلۇب چۈشەنچىسىدە كۆرۈلىدۇ. ‏ باشقۇرغۇچى سۈپىتىدە سەرۋەتى فۈنۇن ھەرىكىتىنىڭ ‏رەھبىرى ئورنىدا تۇرغان ‏فىكرەت(1867-1915)نىڭ شائىر ‏سۈپىتىدىمۇ تۈرك شېئىرىنىڭ ھەر تەرەپتىن زامانىۋىي ‏بىر سەۋىيىگە ‏ئىرىشىشىدە ئەڭ چوڭ ھەسسىسى بار ‏ئىدى. ئۇ سەنئەت ئىشتىياقى ۋە ئەستائىدىللىقى بىلەن ‏تۈرك ‏شېئىرىنىڭ دىۋان نەزمىنىڭ پۈتۈن قالدۇقلىرىدىن ‏تازلىنىشىدا ۋە يېڭى بىر ئىپادە شەكلىگە ‏ئىرىشىشىدە ‏مۇھىم بىر ئامىلغا ئايلاندى. ‏ تەۋپىق فىكرەتنىڭ شېئىرى شەكىل ۋە مەزمۇن ‏جەھەتتىن  ئاساسلىق ئىككى دەۋرگە ئايرىلىدۇ.
       ‏‏‏1896-يىلىدىن 1899-يىلىغىچە بولغان بىرىنجى باسقۇچتا ‏تامامەن "سەنئەت ئۈچۈن  سەنئەت" ‏قارىشىغا باغلانغان ‏شائىر سەخسىي تۇيغۇ ۋە خىيالدىن قۇرۇلغان رومانتىك بىر ‏ئاتموسفرا ئىچىدىكى ‏شېئىرلارنى يازىدۇ. بۇلار نەزىم ‏شەكىللىرى ۋە ئۇسۇلدا ئىپادىلىگەن ئەستائىدىللىق  ‏جەھەتتىن ‏كۆپىنچە پارناس شېئىرىنىڭ تەسىرىدە ‏قالغانىدى. 1899-يىلىدىن 1915-يىلىغىچە داۋاملاشقان ‏‏ئىككىنجى دەۋرگە ئائىت شېئىرلىرى بولسا شەخسىي ‏تۇيغۇ ۋە ئىستەكلەردىن  يىراق بولۇپ، يالغۇز ‏ئىجتىمائىي ‏ۋە سىياسىي ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ دەۋردە ‏ئەمدى قەتئىيلىك بىلەن ‏‏"جەمئىيەت ئۈچۈن سەنئەت" ‏قارىشىغا باغلانغان شائىر 1899-يىلى ئىلان قىلغان ۋە  ‏‏ئابدۇلھامىدⅡنىڭ  ئىستىبداتلىقىنى تەنقىد قىلغان" شەھرى ‏ئايىن" ناملىق شېئىرى بىلەن شەخسىي ‏تۇيغۇ ۋە ‏خىياللىرىنى بىر چەتكە قايرىپ، مەملىكەتنىڭ سىياسىي ۋە ‏ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىگە دىققەت ‏قىلىشقا باشلىدى. ‏‏"شەرھى ئايىن"غا "تۇمان" (1901-يىلى)، "تاڭ ‏ئاتسا"(1905-يىلى)، "ئۆتمۈش ‏ئېتى" (1906-يىلى)،"مىللەت ‏ناخشىسى " (1908-  يىلى) قاتارلىقلىق ئاشۇ تېمىدىكى  ‏شېئىرلىرى ‏ئەگەشتى. ئىلان قىلىنالمىغان ۋە پەقەت ‏قولدىن قولغا ئۆتۈپ ئايلىنىپ يۈرگەن ‏‏‏1899-1908-يىللاردىكى بۇ شېئىرلىرىدىن كېيىن ئىككىنجى ‏مەشرۇتىيەت ئىلان قىلىنغىنىغا قارىماي ‏مەملىكەتنىڭ ‏سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلىرىنىڭ كىشىنى خوشال ‏قىلىدىغان ئەمەس، تېخىمۇ ‏ئۈمىتسىزلەندۈرىدىغان  ‏ۋەزىيەتكە كىرىشى بىلەن سىياسىي ھالەتنى شىددەتلىك ‏تەنقىد قىلغان ‏‏"خانى ياغما" (1912-يىلى)، " توقسان بەشكە ‏كەلگەندە" (1912-يىلى)، " رۈبابنىڭ جاۋابى" ‏‏(1912-يىلى) ۋە ‏‏"لىۋايى شەرفنىڭ ھۇزۇرىدا" (1914- يىلى ) ناملىق خەلق ‏ئىچىدە چوڭ تەسىر ‏قوزغىغان مەشھۇر شېئىرلىرىنى ‏ئىلان قىلدى. ‏ فىكرەت دەستلەپكى دەۋردىكى شېئىرلىرىنى " رۈبابى ‏شىكەستە" (1899-يىلى)گە،  ئىككىنجى دەۋردە ‏يازغانلىرىنىڭ ‏بەزىلىرىنى ئاشۇ كىتابنىڭ 1910-يىلىدىكى باسمىسىغا ۋە ‏كإپچىلىكىنى " ئەخلاقلىق ‏كىشىنىڭ ‏دەپتىرى" (1911-يىلى)گە، بالىلار ئۈچۈن يازغانلىرىنى ‏‏"شەرمىن"گە كىرگۈزدى. "تارىخىي ‏‏قەدىم" (1915-يىلى) ۋە "رۈبابنىڭ جاۋابى"(1911-يىلى) ناملىق ‏ئۇزۇن شېئىرىي ئەسەرلىرى  ‏ئايرىم ھالدا نەشىر قىلىندى.
        ‏يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان باشقا مەشھۇر شېئىرلىرى ‏بولسا ھېچقانداق ‏كىتابىغا كىرەلمىدى. ‏ دەستلەپكى شېئىرى تەجىرىبىلىرىنى دىۋان نەزمىنىڭ ‏شەكىللىرى بىلەن باشلىغان ۋە ئەكرەمنى ‏تۇنىغاندىن كېيىن ‏تىزلا بۇلاردىن قۇتۇلۇپ غەرپ شەكلىدىكى شېئىرگە ‏يۈزلەنگەن فىكرەتنىڭ يېڭى ‏نەزىم شەكىللىرىدىن ئەڭ ‏كۆپ قوللانغىنى سونېت بىلەن تېرزارىمادۇر. چاچما شېئىر ‏ئۈستىدە قىلغان ‏ئىسلاھاتى بولسا ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن ‏فرانسۇز شېئىرىدىكى "ئەركىن نەزىم " شەكلىنى ئالدى. ‏بۇ ‏نەزىم شەكىللىرىگە  ئۇنىڭ كەشپىياتى بولغانلىرىنىمۇ ‏قوشۇش لازىمدۇر. كۆپىنچە ئارۇز ۋەزنىنى ‏قوللانغان شائىر ‏بۇ ۋەزىننى تۈركچىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتا تۇنجى ئۇتۇقلۇق ‏ئۆرنەكلەرنى ياراتتى. بالىلار ‏ئۈچۈن يازغان پۈتۈن ‏شېئىرلىرىدە بولسا بۇغۇم ۋەزنىنى قوللاندى. نەزىم ‏ماھارىتىدىكى كۈچلۈك ‏دىققىتى بىلەن ئىرىشكەن ئۇتۇق ‏جەھەتتىن پارناسىيەنلەرگە ئوخشاپ كىتىدىغان ‏فىكرەتنىڭ بىرىنجى ‏باسقۇچتىكى شېئىرلىرى مەزمۇن ‏جەھەتتە رومانتىك تۇيغۇ ۋە خىياللار بىلەن تەبىئەتتىن ‏تەشكىل ‏تاپىدۇ.
       ئىككىنجى باسقۇچتىكى سىياسىي ۋە ‏ئىجتىمائىي تېمىلىق شېئىرلىرىدا بولسا "ھۆرىيەت، ‏‏ئادالەت، ھەق-- ھوقۇق، مەدەنىيەت، جاھالەت، ‏مۇتەئەسسىبلىك، يۇرت-- ۋەتەن ۋە مىللەت ‏سۆيگۈسى ‏قاتارلىق تېمىلار ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ سىرتىدا ‏كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ كىچىك ‏ۋەقەلىرى ۋە ئائىلە ھاياتى ‏بىلەن مۇناسىۋەتلىك شېئىرلىرىمۇ خېلىلا كۆپ. ‏ تۈرك شېئىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشتا فىكرەتنىڭ ‏قوشقان يېڭىلىقلىرىنى تۈۋەندىكىدەك خۇلاسىلاش ‏مۇمكىن: ‏دىۋان نەزمىدىكى بېيىت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئورنىغا مىسرا ‏ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ‏تانزىمات شېئىرىدا ‏باشلانغان تىرىشچانلىقنى  كەسكىن نەتىجىگە ئۇلاشتۇردى، ‏غەرب شېئىرلىرىدىن ‏يېڭى نەزىم شەكىللىرىنى ئالدى، ‏ئارۇزنىڭ تۈرلۈك قېلىپلىرىنى مۇزىكىلىق-- ئاھاڭدارلىق ‏قىممىتىگە ‏قاراپ ئايرىپ قوللاندى، قاپىيە تەرتىۋىگە ‏چوڭ ئازادىلىك ئاتا قىلدى.‏
        ‏ سەرۋەتى فۈنۇن تىلىنىڭ يەنى خېلىلا قويۇق بىر ‏ئوسمانلىچىنىڭ پۈتۈن لۇغەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ‏ئىگە ‏بولۇش بىلەن بىرلىكتە  خەلق ئىچىدىكى ئېغىز تىلىغا ۋە ‏ئۇسلۇبىغا ئەڭ كۆپ يېقىنلاشقىنى يەنە ‏فىكرەتتۇر. ناھايىتى ‏خۇسۇسىي ۋە تەسىرى كۈچلۈك بولغان  ھېسسىي تېمىلاردىكى ‏شېئىرلىرىدا نازۇكلۇق ‏ۋە يۇمۇشاقلىق خاراكتېرنى ‏ئىپادىلىگەن ئۇسلۇبى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىلىق ‏شېئىرلىرىدە جۇشقۇن ‏بىر خىتابەت ئۇسلۇبى خاراكتېرىگە ‏پۈركەنگەنىدى. ‏ سەرۋەتى فۈنۇن شېئىرىدىكى ئىككىنجى مۇھىم كىشى ‏بولغان جەناب شەخابەددىن(1870-1934)مۇ ‏فىكرەتكە ئوخشاش ‏شېئىردىكى تۇنجى تەجىرىبىلىرىنى دىۋان نەزمىنىڭ ‏شەكىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا ‏چىقارغاندىن كېيىن غەرب ‏ئەدەبىياتىغا يۈزلەندى.
        ئۇ تىپ بىلىملىرىنى ئۈگىنىش ‏ئۈچۈن پارىژدا تۆت ‏يىل تۇرغاندا، بۇ ئەدەبىياتنى تېخىمۇ ‏يېقىندىن تۇنىدى. شۇ مەزگىللەردە فرانسۇز شېئىرىدە ‏سىمۋولىزم ‏ئېقىمى ھۆكۈمران  سۈرىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ ‏خېلىلا مۇرەككەپ ئاساسلىرىغا ئانچە ‏دىققەت--ئېتىبارىنى ‏بەرمىدى. بۇلاردىن يالغۇز "ئوخشىتىش" بىلەن "ئىچكى ‏ئاھاڭدارلىق"نى قوبۇل ‏قىلدى. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بۇ ‏ئاساسىي ئامىللارغا تايىنىپ قىسقا ۋاقىتتىلا دىققەتنى ‏تارتتى.
        ‏ ‏1896- يىلى سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىغا قېتىلغاندىن كېيىن ‏ژورنالنىڭ ھەر سانىدا چىققان شېئىرلىرى ۋە ‏ماقالىلىرى بىلەن ‏شۆھرىتى تىزلا ئاشتى. ئىلگىرىكى ئاددىي تەجىرىبىلىرىنى ‏‏" پەلىپەتىش گەپ" ‏‏(1887-يىلى) دېگەن نام بىلەن نەشىر ‏قىلغان ۋە پۈتۈن شېئىرلىرىنى كېيىن "ئەۋراكى لەيال" نامى ‏‏ئاستىدا توپلاشنى ئويلىغان شائىرنىڭ بىپەرۋالىقى ‏سەۋەبىدىن بۇلارنىڭ زور بىر قىسمى پەقەت ‏ئۆلۈمىدىن ‏كېيىن ئىلان قىلىندى(سادەتتىن نۈزخەت: "جەناب ‏شەخابەتتىننىڭ ھاياتى ۋە تاللانما ‏شېئىرلىرى"، 1935- يىلى). ‏ جەنابنىڭ سەنئەت ھاياتىدا ھەر خىل دەۋرلەر يوق. ئۇ ‏ئاخىرىغىچە "سەنئەت سەنئەت ئۈچۈن" ‏قارىشىغا ‏باغلاندى. پەقەت  مۇھەببەت ۋە تەبىئەت تېمىلىرىنى ‏تەسۋىرلىگەن شېئىرلىرىدا فرانسۇز ‏سىمۋولىزم ‏شېئىرلىرىدىكىگە ئوخشايدىغان ‏ئىستىئارەلەر(ئوخشىتىشلار)نى ۋە كۈچلۈك بىر ئىچكى ‏‏ئاھاڭدارلىق بىلەن يېزىلغان شېئىرلىرىنى ناھايىتى  رەڭدار ‏بىر خىيال كۈچى ۋە قۇۋۋەتلىك ئۇسلۇبى ‏بىلەن تېخىمۇ ‏جەلىپكار قىلدى.
       جەنابنىڭ شېئىرلىرىدا ناھايىتى كۆپ ‏ئورۇن ئالغان ۋە تۈرك شېئىرىدە ‏شۇ ۋاقىتقىچە ھېچكىم ‏ئاڭلاپ باقمىغان ئوخشىتىشلار قارشى چىققۇچىلارنىڭ ‏سەرۋەتى فۈنۇن شېئىرىنى ‏مەنىسىز دەپ ئەيىپلىشىگە ‏سەۋەپ بولغان ئامىللار ئارىسىدا بار ئىدى.‏ جەنابنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۆزگەرمەس تېمىلىرى بولغان  ‏مۇھەببەت ۋە تەبىئەت ئۆز ئالدىغا ناھايىتى ‏ئاز ‏ئۇچرايدىغان ھالدا قولغا ئېلىنغانىدى. بۇلارنىڭ ھامان بىر ‏گەۋدە قىلىپ تەسۋىرلەنگەنلىكى ‏كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ھامىدنىڭ ‏شېئىرلىرىدا باشلانغان "ئىنسان—تەبىئەت" كومپوزىسيۇنىنىڭ جەنابنىڭ ‏شېئىرلىرىدە تېخىمۇ بەكرەك ‏يۈكسەلگەن  ۋە تېخىمۇ بەكرەك رەڭدار ئۆرنەكلىرىنى ‏ئۇچرىتىش مۇمكىن. ‏كۈچلۈك بىر ئىچكى ئاھاڭدارلىق بىلەنمۇ ‏تۇيۇنغان بۇ شېئىرلار غەرب تۈرك شېئىرىنىڭ ھېسسىي ‏‏مەزمۇندىكى ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكلىرىدۇر. شېئىرلىرىنىڭ بۇ ‏قۇرۇلمىسى بىلەن سەرۋەتى فۈنۇن ‏گۇرۇھىنىڭ ئەڭ لىرىك ‏شائىرى دەپ قاراشقا بولىدىغان جەنابنىڭ تىلى بولسا قويۇق ‏ئوسمانلىچە ‏بولغىندەك، ئۇ بۇ خاتالىقىنى تۈزەتمەسلىكتىمۇ ‏ئۇزۇن  ۋاقىت چىڭ تۇردى. لېكىن شۇنداق بولغىنىغا ‏قارىماي، ‏مىللىي ئەدەبىيات ئېقىمىنىڭ ئوسمانلىچىنى ‏تۈركچىلەشتۇرۇش غەيرىتى ئازراق بولسىمۇ ‏جەنابنىڭ ‏تىلىغىمۇ تەسىر قىلدى.
        ‏ يەنە سەرۋەتى فۈنۇننىڭ سەھىپىلىرىدە كۈچلۈك بىر ‏نەسىر يازغۇچىسى سۈپىتىدىمۇ دىققەتنى ‏تارتىدىغان جەناب ‏‏1908-يىلىدىن كېيىن شېئىر يېزىشنى ئازايتىپ، كۆپرەك ‏نەسرگە يۈزلەندى. بۇ ‏ساھەدىمۇ ھەقلىق بىر شۆھرەت ‏ئىگىسىگە ئايلاندى. ساياھەت خاتېرىلىرى، سۆھبەت ‏خاتېرىسى ۋە ‏ماقالىلار ھالىتىدىكى تۈرلۈك نەسىرلىرى " ھەج ‏يولىدا" (1909-يىلى)، " ئەۋراكى ئەييام" ‏‏(1915-يىلى)، "سۈرىيە ‏مەكتۇپلىرى " (1917- يىلى)، "نەسرى ھەرب"، "نەسرى ‏سۈلھ" ۋە "بەڭگە ‏سۆزلىرى " (1918- يىلى) بىلەن "ياۋروپا ‏مەكتۇپلىرى" (1919-يىلى) قاتارلىق كىتابلىرىغا ‏‏كىرگۈزۈلگەنىدى. جەنابنىڭ "بەڭگە سۆزلىرى" ئۆزىنىڭ ‏قول يازمىسى بىلەن يېزىلغان بىر دەپتەردە ‏مەتبەئە ‏نۇسخىسىدىكى 361- تاللانما سۆزنىڭ ئورنىغا 1830 بەڭگە ‏سۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‏بولۇپ، بۇ دەپتە زإرۈر ‏ئىزاھاتلار بىلەن ئورخان ف. كۆپرۈلۈ رەيان ئەربەن ‏تەرىپىدىن "تەرجىمان ‏‏1001 ئاساسي ئەسەرلەر" قاتارىدا ‏نەشىر قىلىندى  (1978-يىلى، ئىستانبۇل).  ‏ سەرۋەتى فۈنۇن شېئىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن ھەقىقىي ‏قۇرغۇچىلىرى بولغان بۇ ئىككى بۈيۈك شائىر بىلەن ‏بىرلىكتە، ‏ئوتتۇراھال سەۋىيىسدىكى شائىر ۋە سەنئەتكارلاردىن ‏بولغان گۇرۇھنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ  ‏ئومۇمەن "سەنئەت ‏ئۈچۈن سەنئەت"  قارىشىغا باغلانغانىدى. ‏ بۇلاردىن ھۈسەيىن سىيرەت ‏ئۆزسەۋەر  (1872-1959) رومانتىك تۇيغۇلارغا تولغان ۋە ‏ئۇسلۇب ‏جەھەتتىن بىر مۇنچە يەردە فىكرەتنىڭ تەسىرىدە ‏قالغان شېئىرلىرىنى "لايائى گىرىزان" ‏‏(1919-يىلى)،"باغ ‏بۇزۇمى" (1928-يىلى) ۋە " ئۇچقۇنداۋاتقان كۈل" (1930- ‏يىلى) ناملىق ‏كىتابلىرىغا جۇغلىدى. ئوسمانلىچىدا ۋە ئارۇزدا ‏چىڭ تۇرماي، ئاستا-- ئاستا ئاددى تۈركچىگە ۋە بۇغۇم ‏‏ۋەزنىگە يۈزلەنگەن ۋە دەۋرىنىڭ سىياسىي ۋەقەلىرىگىمۇ ‏ئارىلاشقان شائىرنىڭ سىياسىي تېمىلاردىكى ‏شېئىرلىرى ‏بولسا "قارغىلار" (1939-يىلى)، "ئىككى ‏قەسىدە" (1942-يىلى) ۋە " بىر مەكتۇبنىڭ ‏جاۋابى ۋە ھۈسەيىن ‏ئاۋنى ئۇلاشقا" (1948- يىلى) ناملىق كىتابلىرىدا  بار. ‏
        ئۇسلۇب جەھەتتە تېخىمۇ بەكرەك جەنابنىڭ تەسىرىدە ‏قالغان ھۈسەيىن سۇئاد ‏يالچىن(1867-1943)نىڭ شېئىرلىرىدىمۇ ‏رومانتىك  مۇھەببەت ۋە ئائىلە ھاياتى ئالدىنقى ئورۇندا ‏‏تۇرىدۇ.  بۇ شېئىرلىرىنى "لانەئى مېلال"  (1910-يىلى) نامى ‏بىلەن توپلام قىلدى. ئومۇ سىيرەتكە ‏ئوخشاش ئوسمانلىچە ‏ۋە ئارۇزدا چىڭ تۇرمىدى. 1910-يىلىدىن كېيىن يازغان ‏شېئىرلىرى بولسا ‏ئۆلۈمىدىن كېيىنلا ئايالى تەرىپىدىن ‏نەشىر قىلىندى  (ئەفزايىش سۇئاد،" ھۈسەيىن سۇئاد يالچىن ‏ۋە ‏شېئىرلىرى" ،1943-يىلى).‏ ‏1908-يىلىدىن بۇرۇن ئابدۇلھامىدⅡنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ‏ئىتتىخات ۋە تەرەققىي ھۆكۈمىتىنىڭ ‏ئىستىبداتلىقىغا قارشى ‏چىقىشى ۋە ئىككىنجى مەشرۇتىيەت دەۋرىدىكى مۇرەككەپ ‏سىياسىي ھاياتى ‏سەۋەبى بىلەنمۇ تۈرك جامائەتچىلىكىدە ‏داۋاملىق ئىنكاس پەيدا قىلغان سۈلەيمان ‏نازىف ‏‏(1869-1927) شېئىرلىردا يالغۇز شەخسىي تۇيغۇلىرىغىلا ‏ئەمەس، ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇلىرىغىمۇ ‏ئورۇن بەرگەن ‏شائىرلار ئارىسىغا كىرىدۇ. سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىغا ‏قېتىلىشتىن بۇرۇن سىياسىي ‏ئىقتىدارغا قارشى يازغان ‏شېئىرلىرىنى (1892-1897) كېيىن "مەخپىي ‏پىغان" (1906-يىلى، قاھىرە) ‏غا  كىرگۈزدى. "سەرۋەتى ‏فۈنۇن"دا چىققان شېئىرلىرى(1898-1901) بولسا  گۇرۇھنىڭ ‏خائىشىغا ‏ئۇيغۇن ھالدا رومانتىك تۇيغۇلارنى تەسۋىرلىدى.
        ‏بۇلارنى كىتاپ قىلىپ باستۇرغان ئەمەس. 1-دۇنيا ‏‏ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىراقنىڭ قولىمىزدىن چىقىپ ‏كىتىشى بىلەن "فىراقى ئىراق" (1918-يىلى) ۋە ‏مۈتارەكە ‏دەۋرىدە سۈرگۈن قىلىپ ئەۋەتىلگەن مالتادا يېزىلىغان ۋە ‏ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن تولغان ‏شېئىرلىرىنىمۇ "مالتا ‏كېچىلىرى" (1924-يىلى) نامى بىلەن نەشىر قىلدى. سەرۋەتى ‏فۈنۇندىن بۇرۇنقى ‏شېئىرلىرىدا  مەزمۇن جەھەتتىلا ئەمەس، ‏تىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىمۇ نامىق كەمالنىڭ يولىنى قوبۇل ‏‏قىلغان، سەرۋەتۈ فۈنۇن دەۋرىدە بۇ گۇرۇھنىڭ تىل ۋە ‏ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكلىرىگە تامامەن ماسلاشقان ‏نازىفمۇ ‏جەنابقا ئوخشاش ئوسمانلىچىدا ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرغان ‏بولسىمۇ، كېيىنكى شېئىرلىردا ‏قىسمەن بولسىمۇ ‏تۈركچىلىشىشكە قاراپ ماڭدى.‏ ‏1908-يىلىدىن كېيىن نازىفمۇ سىياسىي ھاياتقا قەدەم ‏قويۇپ، سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ‏ناھايىتى كإپ ‏ماقالىلىرى گېزىتلەردە داۋاملىق ھالدا ئىلان قىلىندى. شۇنىڭ ‏بىلەن نەسىر ساھەسىگىمۇ ‏كىرىپ كەلدى ۋە تەسىرى ‏كۈچلۈك بىر نەسىر يازغۇچىسى سۈپىتىدىمۇ تۇنۇلدى. كۆپىنچە ‏‏ۋەتەنپەۋرەرلىك تۇيغۇلىرى بىلەن تولغان ‏نەسىرلىرىنى (ماقالە، مەكتۇپ، سۆھبەت، نەسىر) كىرگۈزگەن ‏‏ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىقلىرى "باتارىيە بىلەن ‏ئوت" (1919-يىلى)، "چال چوپان چال" ‏‏(1922-يىلى)، ‏‏"ھەزرىتى ئىساغا ئۇچۇق خەت" (1924-يىلى)، " ئوغۇرلانغان ‏مەملىكەت" ‏‏(1924-يىلى) ۋە "يۇقىتىلغان مۇئەسسىسە ‏‏" (1927-يىلى) قاتارلىقلاردۇر. كۈچلۈك ۋە ھەۋەسلىك بىر ‏‏ئۇسلۇبقا ئىگە بۇ نەسىرلەردە تىل كۆپىنچە ئوسمانلىچىغا ‏باغلىنىپ قالغان بولسىمۇ، بىرمۇنچە يەرلەردە ‏سەرۋەتۈ ‏فۈنۇننىڭ نەسرىي سۆزلىكلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ‏

        سەرۋەتۈ فۈنۇنغا 1897- يىلى قوشۇلغان ۋە سۇلەيمان ‏نازىفنىڭ قېرىندىشى بولغان فائىق ئالى ‏‏ئوزانسوي(1876-1950) رامانتىك مۇھەببەتنى تەسۋىرلىگەن ‏شېئىرلىرىنى " فانى ‏تەسەللىلەر"(1908-يىلى) ۋە "تەماسىل" (1913-يىلى)، 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يازغان ‏‏ۋەتەنپەرۋەرلىك شېئىرلىرىنىمۇ "ئىلخانى ‏ۋەتەن" (1915-يىلى) ناملىق كىتابلىرىغا كىرگۈزدى.‏ سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىنىڭ ياش جەھەتتە ئەڭ كىچىكى ‏بولغان جەلال ساھىر ئەروزان  ‏‏(1883-1935) خاراكتېر ‏ئېھتىياجىدىن  داۋاملىق ھالدا ئۆزگىرىشلەرنى  تىز قوبۇل ‏قىلىدىغان ‏بولغاچقا، دەستلەپتە ياخشى كۆرگەن مۇئەللىم ‏ناجى تەرەپدارلىقىدىن ئايرىلىپ، ئاۋۋال "سەرۋەتۈ ‏‏فۈنۇن"غا، 1909-يىلى "فەجرى ئاتى"گە، 1914-يىلى مىللىي ‏ئەدەبىيات ئېقىمىغا قوشۇلدى. بارلىق ‏بۇ ئەدەبىي ‏گۇرۇھلارنىڭ تىل، ئۇسلۇب ۋە نەزىم ئۇسۇلى بىلەن ‏مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ‏ئاسانلا قوبۇل قىلغان ‏شائىرنىڭ سەرۋەتى فۈنۇن ۋە فەرجى ئاتى دەۋرلىرىدە يازغان ‏ۋە رومانتتىك ‏مۇھەببەتلەرنى  تەسۋىرلىگەن  ‏شېئىرلىرى" ئاق سايەلەر" (1909-يىلى)، "قارا ‏كىتاب" (1912-يىلى) ‏ناملىق كىتابلىرىدا بار.
        1908- يىلىدىن كېيىن ‏ئەدەبىي مەتبەئەچىلىكتىمۇ ناھايىتى جانلىق بىر ‏تۇرمۇشنى ‏باشتىن كەچۈرگەن ۋە "گۈل دەستە" (1908-يىلى)، ‏‏"رەسىملىك مۇھىت" (1909-يىلى)، ‏‏"سەرۋەتى ‏فۈنۇن" (1909-1910)، "خەلققە قاراپ" (1913-يىلى)، "تۈرك ‏سۆزى " (1914- يىلى) ‏ۋە "بىلىم ‏مەجمۇئەسى" (1914-يىلى) قاتارلىق ژورناللارنى باشقۇرغان ‏جەلال ساھىر مىللىي ئەدەبىيات ‏دەۋرىدە يازغان ‏شېئىرلىرىنى ئايرىم بىر كىتاب قىلىپ نەشىر قىلدى. ‏ ھ . نازىم  تەخەللۇسىنى قوللانغان ئاخمەد رەشىد ‏بەي (1870-1955) شېئىرلىنى توپلام قىلمىدى.
        ‏نامىق كەمالنىڭ ‏ئوغلى بولۇپ، بىر مۇنچە شېئىرلىرىدا ئا.نادىر دېگەن ‏ئىمزانىمۇ قوللانغان  ئالى ‏ئەكرەم بولايىر(1867-1937) ھېسسىي ‏تېمىلاردىكى شېئىرلىرىنى"زىلالى ئىلھام" (1909-يىلى)، ‏‏ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇلىرىنى تەسۋىرلىگەن شېئىرلىرىنى "قوشۇننىڭ دەپتىرى" (1918-يىلى)، "ئانا ‏‏ۋەتەن" (1921-يىلى) ۋە "ۋىجدان يالقۇنلىرى" (1925- يىلى)دا ‏توپلىدى. شىپكا② قەھرىمانى ‏مۈشىر سۈلەيمان پاشانىڭ ‏ئوغلى بولۇپ،  شېئىرلىرىدا سۈلەيمان نەجىب دېگەن ‏ئىسىمنى قوللانغان ‏مەھمەد سامى  (1866-1917)نىڭ شېئىرلىرى ‏بولسا ئۆلۈمىدىن كېيىن نەشىر قىلىندى  ( بىر ھەيئەت ‏‏تەرىپىدىن ، "سۈلەيمان پاشازادە سامى بەي كۈللىياتى ‏ئەسەر ۋە ئىختىساسات"،1918-يىلى).‏
        تىياتىر -- 1884- يىلى مۇھىم تىياتىر ئەسەرلىرىنى ‏ئويناش چەكلەنگەندىن كېيىن، تۈرك تىياتىر ‏ئەدەبىياتى ‏پىيەسسە ماھارىتى جەھەتتە بىر تۇرغۇنلۇق دەۋرىگە ھەتتا ‏بىر چىكىنىش دەۋرىگە كىرىپ ‏قېلىپ، يالغۇز ئوقۇش ‏ئۈچۈن پىيەسسە يېزىشنىڭ پەيدا قىلغان ئىستەكسىزلىكى ‏سەرۋەتى فۈنۇن ‏ئاۋلادلىرىغىمۇ يۇقۇپ، بۇ تۈرگە زادىلا ‏قىزغىنلىق كۆرسىتىلمىدى. شۇ سەۋەبلىك، سەرۋەتى فۈنۇنچىلار ‏بۇ ‏تۈرنى پەقەت 1908-يىلى، يەنى مۇھىم تىياتىر ‏ئەسەرلىرىنىڭ ئوينىلىش ئىمكانىيىتى قايتىدىن ‏تۇغۇلغاندا ‏تەجىرىبە قىلدى. بۇ خىل كېچىكىشنىڭ نورمال نەتىجىسى ‏بولسا، پىيەسسە ماھارىتى ‏ھەققىدە نەزەرىيۋىي  بىلىمگە ‏ئىگە بولسىمۇ، يېزىشتىكى تەجىرىبىسىزلىك سەۋەبىدىن ‏نەتىجىسىز ‏ئەسەرلەرنى يارىتىشتىن ئىبارەت بولدى. بۇنداق ‏شارائىت ئىچىدە  يېزىلغان  پىيەسسەلەرنىڭ ‏ماھارەت ‏جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ ‏سەرۋەتى فۈنۇن ‏يازغۇچىلىرىنىڭ تىياتىر ئەسەرلىرى ‏ماھارەت جەھەتتە تانزىماتچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن يەنىلا ‏‏ئۈستۈن تۇراتتى. بۇ ئۈستۈنلۈك ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ فرانسۇز ‏تىياتىر ئەسەرلىرىنى تېخىمۇ يېقىندىن ‏تۇنىغانلىقى ئارقىلىق ‏ئىزاھلىنىدۇ.
        ئابدۈلھامىد‏Ⅱ‏ دەۋرىدە ئىجتىمائىي ‏مەسىلىلەرگە ئېتىبار بېرىش ‏ئىمكانىيىتىنى تاپالمىغان ۋە ‏شېئىر بىلەن روماندا ئائىلىۋىي مۇھىتنىڭ پاسىلىدىن ‏ھالقىيالمىغان ‏سەرۋەتى فۈنۇنچىلار كۈنگەن ئادىتى ‏سەۋەبىدىن شارائىت ئإزگەرگەن بولسىمۇ، يازغان تىياتىر ‏‏ئەسەرلىرىدىمۇ ئائىلىۋىي مۇھىتتىن ھالقىيالمىدى. ‏ئومۇمەن سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ‏جەھەتتە ‏ناھايىتى كإپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان بىر مەملىكەتنىڭ ‏كىشىلىرى بولغان زامانداش ‏فرانسۇز يازغۇچىلىرىنىڭ ئإرنەك ‏ئېلىنغان تىياتىر ئەسەرلىرىدىمۇ ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ‏ئائىلىۋى ‏مۇھىتقا كىرگۈدەك دەرىجىدە تارايغانىدى. شۇ ‏سەۋەبلىك سەرۋەتى فۈنۇنچىلارمۇ ئىجتىمائىي پىلاندا ‏توي ‏قىلىش ۋە ئاجرىشىش مەسىلىلىرى، ئايال ھەقلىرى قاتارلىق ‏چەكلىك تېمىلارنىڭ ئىچىدە قالدى. ‏ سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىدا "شەھبال ياكى ئىستىبداتنىڭ ‏ئاخىرقى پەردىسى" (1908-يىلى) ناملىق ‏درامىسى بىلەن ‏تۇنجى تەجىرىبىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ھۈسەيىن سۇئاد ‏شۇنىڭدىن كېيىن ‏ئىجادىيىتىنى كومىدىيە تۈرىدە ‏داۋاملاشتۇردى. مۇھىم ئەسەرلىرى "دەۋايى ‏ئاشق" (1910-يىلى)، ‏‏"ھۇللە ياكى قاپاقچى پەرھاد ‏ئاغا" (1910- يىلى)، "جۈپ مىكروپ" (1920-يىلى)، "كىچىك ‏بەگلەر ‏ياكى دەرسنى داۋاملاشتۇرايلى " (جەناب شەھابەددىن ‏بىلەن بىرلىكتە يازغان،1920–يىلى)، ‏‏"ئاخىرەتتە  بىر كۈن" (شېئىرىي شەكىلدە، 1943-يىلى)،"ئانا  قورسىقىدىكى ‏ئاخىرقى كىچە" (شېئىرىي  ‏شەكىلدە،‏‏1943-يىلى) قاتارلىقلاردۇر. بۇنىڭدىن باشقا فرانسۇزچىدىن "كىر ‏كۆينەك ‏‏"(1910-يىلى)،"يۆگەك جابدۇقلىرى" (1910-يىلى)، ‏‏" قەيسەرى گۈللىرى"(مۈنىر نىگار بىلەن ‏بىرلىكتە، ‏‏1910-يىلى) قاتارلىقلارنى ئاداپتاسيون③ قىلىپ ئىشلىگەن ‏ھۈسەيىن سۇئاد ئەينى ۋاقىتتا ‏تىياتىر ماھارىتى جەھەتتىمۇ ‏گۇرۇھنىڭ ئەڭ ئۇتۇق قازانغان يازغۇچىسى ئىدى.
       ‏ شۆھرىتىنى رومانچى سۈپىتىدە چىقارغان مەھمەد ‏رائۇفنىڭ 1909-يىلىدىن باشلاپ تىياتىر ئەسەرلىرىمۇ ‏‏يازغانلىقى كۆرىلىدۇ. يەنى"تاپان" (1909-يىلى)، "جىدەل" (‏‏1911-يىلى)، "تىكەن" ‏‏(1917-يىلى)،"سانسار" (1920-يىلى)، ‏‏"جەراھەت" (1923- يىلى)، "پاختا قەسىر" (1924-يىلى) ‏قاتارلىق ‏تىياتىر ئەسەرلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ماھارەت جەھەتتە ‏ئەڭ ئۇتۇقلۇق ‏چىققىنى"سانسار"دۇر. مەھمەد رائۇفنىڭ ‏بەزى ئاداپتاسيونلىرىمۇ بار. ‏ سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھى ئىچىدە تىياتىر بىلەن ئەڭ ‏كۆپ مەشغۇل بولغان بۇ ئىككى يازغۇچىنىڭ ‏ئىزىدىن ‏‏"بارىئا" (1908-يىلى)، "چۈشۈش" (1911-يىلى) ۋە "ئىنىك ‏ئانام ئاچچىقلايدۇ" ‏‏(1919-يىلى) قاتارلىق پىيەسسەلىرى بىلەن ‏ئالى ئەكرەم، "يالغان" (1911-يىلى)، "كۆرەبە" ‏‏(كۆزنى تېڭىپ ‏قويۇپ باشقا بىرىنى تۇتىدىغان بالىلار ئويۇنى، ‏‏1917-يىلى) پىيەسلىرى بىلەن جەناب ‏شەھابەددىن، ‏‏"ھارالامبوس جانقىيادىس" (1912- يىلى) دېگەن ‏پىيەسسەسى بىلەن سافۋەتى زىيا،  ‏‏" قارا بېسىش" (1918- ‏يىلى) ئىسىملىك پىيەسسەسى بىلەن خالىد زىيا، ‏‏"پايتەختنىڭ دەرۋازىسىدا " ‏‏(شېئىرىي شەكىلدە، 1918- ‏يىلى) ۋە "نەدىم ۋە لالە دەۋرى" قاتارلىق پىيەسسەلىرى ‏بىلەن فائىق ‏ئالى  قاتارلىقلار ئەگەشتى.  ‏ رومان ۋە ھېكايە – شېئىر بىلەن بىرلىكتە رومان ۋە ‏ھېكايە سەرۋەتى فۈنۇن ئەدەبىايتىنىڭ ئەڭ ‏كۈچلۈك تۈرىدۇر. ‏مۇھىمى بۇ دەۋردە  روماننىڭ ماھارەت جەھەتتە چىققان ‏پەللىسى تېخى ھېس ‏قىلىنمىغانىدى.  ‏ سەرۋەتى فۈنۇن رومانچىلىرى تىل، ئۇسلۇب ۋە ماھارەت ‏جەھەتتە نامىق كەمالغا ئەگىشىپ ‏‏1885-1895-يىللاردا ‏دەۋرنىڭ ھۆكۈمران ئەدەبىي ئېقىمى بولغان رومانتىزمنىڭ ‏تەسىرىدە قالغان ‏بولسىمۇ، ئاشۇ يىللاردا تۇنجى ئۆرنەكلىرى ‏كۆرۈلۈشكە باشلىغان رېئالىزمنىڭمۇ ئاستا--ئاستا تەسىرىنى ‏‏قوبۇل قىلدى ۋە سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھى ئىچىدە نام ‏چىقارغاندىن كېيىنكى ئەسەرلىرىدە رېئالىست ‏رومان ‏مېتوتىغا تېخىمۇ كۆپ ئورۇن بەردى. روماندا رومانتىزمدىن ‏رىئالىزىمغا بۇ كۆچۈش  بارا--بارا ‏فرانسۇز رېئالىست ‏رومانچىلىقىنىڭ فلابېرت، بالزاك، ئاكا-ئۇكا گونكۇرت ۋە ‏بورگېت قاتارلىق ‏ئۇستىلىرىنى تۇنۇپ، ئۇلارنىڭ يولىنى ‏قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشتى. ‏ ئىستىبدات دەۋردىكى ئېغىر شارائىتلارنىڭ ۋە بىراز ‏جۈرئەتسىز خاراكتېرىنىڭ تەسىرى بىلەن ‏ئىجتىمائىي ‏مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلالمىغان سەرۋەتى فۈنۇن ‏رومانچىلىرى ۋە ھېكايىچىلىرى ‏خالاپ--خالىىماي ‏پسىخىلوگىيىلىك تېمىلارغا يۈزلەندى. شۇ سەۋەپلىك ‏پسىخىلوگىيىلىك مەزمۇنلار ‏ئۇلارنىڭ ئەسىرىدە مۇھىم ‏ئورۇن ئىگىلىسىمۇ، ئەسەرلىرىدە ئىجتىمائىي ‏مەسىلىلەرگە زادىلا دىققەت ‏قىلمىغانلىقى ھەققىدىكى قاراش ‏خاتادۇر. بۇ قاراش ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ‏بىۋاسىتە ‏كىرەلمىگەنلىكىدىن، ھېچ بولمىغاندا سىياسەت ‏بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىنى زادىلا قولغا ‏‏ئالالمىغانلىقتىن پەيدا بولغان بولسا كىرەك. سىياسىي بېسىم ‏بىلەن بىرلىكتە دىنىي بېسىممۇ  ئىجتىمائىي ‏ھاياتتا يەنىلا ‏ئېغىر  دەرىجىدە ھۆكۈم سۈرگەن بۇ دەۋردە پەقەت بۇ ‏ئىككى بۇيرۇقنىڭ كونتروللىقىنىڭ ‏سىرتىدا قالغان  ‏ئىجتىمائىي تېمىلارغا كىرەلىدى.  بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ‏مۇھىمى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ‏مەۋجۇت بولغان ‏‏"زامانىۋىيلىشىش" مەسىلىسىدۇر. سەرۋەتى فۈنۇن ‏رومانچىلىرى بۇ مەسىلىنىڭ ‏سىياسىي تەرىپىنى بىر چەتكە  ‏تاشلاپ قويغان بولسىمۇ، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ‏تەرەپلىرىگە يېقىندىن ‏دىققەت قىلدى. بۇ تەرەپلەرنىڭ ‏تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تارماقلاردىكى كۆرۈنىشلىرىنى ‏ۋە ‏نەتىجىلىرىنى قولغا ئالدى. خالىد زىيانىڭ "كۆك ۋە قارا" ‏ۋە "ئىشقى مەمنۇ" ("چەكلەنگەن ‏مۇھەببەت" ) دېگەن ‏رومانلىرى بىلەن مەھمەد رائۇفنىڭ "سىنتەبىر" ناملىق ‏رومانى تۈپ مەزمۇن ‏جەھەتتە غەرپلىشىش مەسىلىسىگە ‏قارىتىلغان ئەسەرلەردۇر. سەرۋەتى فۈنۇن رومان ۋە ‏‏ھېكايىلىرىدىكى ۋەقەلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئىستانبۇلدا يۈز ‏بەرگەنلىكى ھەققىدىكى باشقا بىر ئەيىپلەشمۇ ‏خاتا ‏بولمىسىمۇ، ھەقلىق ئەمەستۇر. بىر شەھەردىن باشقا بىر ‏شەھەرگە بارسىمۇ " بېرىپ--كىلىش خېتى" ‏‏سۈرۈشتۈرىلىدىغان بىر دەۋردە ئەسلىدە ئىستانبۇللۇق ياكى ‏ئۇ يەردە يەرلەشكەن بولسىمۇ، ‏ئىسىملىرىغا گۇمان بىلەن ‏قارىلىدىغان يازغۇچىلارنىڭ  ئەسەرلىرىدە ماكان سۈپىتىدە ‏پەقەت ئۆز ‏ئەتراپىنى تاللىشى تەبىئىيدۇر. سەرۋەتى فۈنۇن ‏رومانلىرىدىكى خاراكتېرلارنىڭ پۈتۈنلەي "ئىجتىمائىي ‏‏تەبىقىنىڭ  يۇقىرى قاتلىمى"  ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشمۇ ‏تامامەن ئورۇنسىزدۇر. بۇ رومانلارنىڭ ‏ئومۇمەن پۈتۈن ‏قەھرىمانلىرى ئوتتۇرا سىنىپقا مەنسۇپتۇر. سەرۋەتى فۈنۇن ‏رومان ۋە ھېكايىلىرىنىڭ ‏خەلققە يات بىر تىل قوللانغانلىقى ‏ھەققىدىكى قاراش بولسا تامامەن توغرا. تىياتىر ‏ئەسەرلىرىنىڭ ‏سىرتىدىكى پۈتۈن ئەدەبىي تۈرلەردە ‏كۆرۈلگىنىگە  ئوخشاش، رومان ۋە ھېكايىدىمۇ تىل خېلىلا ‏قويۇق ‏بىر ئوسمانلىچە ئىدى. بۇ قويۇقلۇق تەسۋىر ۋە ‏تەھلىللەردە تېخىمۇ ئاشقان. "سەنئەتكارانە" بولغان ‏ئۇسلۇب ‏بولسا ئەدەبىي سەنئەت بىلەنلا تولغان. شۇ سەۋەپلىك ‏ئەسەرلىرىنىڭ 1920-يىلىدىن ‏كېيىنكى باسمىلىرىدا بىۋاسىتە ‏ئۆزلىرى بۇ خاتالىقلارنى قىسمەن بولسىمۇ تۈزۈتىشكە ‏تىرىشتى. ‏
        سەرۋەتى فۈنۇن رومان  ۋە ھېكايىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ‏ۋەكىلى خالىدى زىيا ئۇشەقلىگىل (1867-1944) ‏ئىدى. تۇنجى ‏رومان تەجرىبىسى بۆلۈپ ئىلان قىلىنغان(1885- يىلى) بولسىمۇ،"ئىسلام ئەدەبلىرىگە ‏خىلاپ" دەپ قارىلىپ كىتاپ ‏قىلىپ بېسىلىشىغا رۇخسەت بىرىلمىگەن ۋە ئالدانغان بىر ‏ياش قىزنىڭ ‏ھاياتىنى تەسۋىرلىگەن "يوقسۇل" ناملىق ‏ئەسىرىدۇر. بۇ  تەجىرىبىنىڭ  ئىزىنى يەنە بىردىن ياش ‏‏قىزنىڭ رومانتىك  مۇھەببىتىنى تەسۋىرلىگەن ئۈچ كىچىك ‏رومانى داۋاملاشتۇرغان. ئۇلار "بىر ‏مەرھۇمنىڭ ‏دەپتىرى" (1891-يىلى)، "نەمىدە" (1893-يىلى)، "يالغۇز ۋە ‏ھەمراھ" ‏‏(1894-يىلى)دىن ئىبارەت. پەقەت رېئالىستتىك ‏رومان مىتوتىغا بۇ ئەسەرلىرىدە ئورۇن بېرىشكە ‏باشلىغان ‏يازغۇچى رومانتىك مۇھەببەتنى تېما قىلىش بىلەن رومانتىزمغا ‏مۇپتىلا بولۇپ كەتكەن ‏ئەمەس. ئەكسىچە  مۇستەھكەم بىر ‏ئۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلمىغان، ھەقىقەتلەرنى ‏دىققەت--ئىتىبارغا ‏ئالالمىغان ھەرىكەت ۋە تۇيغۇلارنىڭ ‏فرانسۇز رېئالىستتىك رومانلرىدا كۆرۈلگىنىدەك، ئىگىلىرىنى ‏‏ئاخىرى ئازاپقا دۇچار قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ‏يازغۇچىنىڭ سەرۋەتى فۈنۇنغا قېتىلغاندىن ‏كېيىن يازغان ۋە ‏ھەر جەھەتتىن بۇ تۇنجى تەجىرىبىلىرىدىن ھالقىغان "كۆك ۋە ‏قارا" (1897-يىلى)دا ‏بولسا، روماننىڭ قەھرىمانى بولغان ۋە ‏يەنىلا رومانتىك خاراكتېردىكى ياش شائىر  يالغۇز ئىشق ‏‏ئالدىدىلا ئەمەس، ھەر خىل ھادىسىلەر ئالدىدىمۇ سىناق ‏قىلىش ئارقىلىق رومانتىك ھەرىكەتلەرنىڭ ‏ئازاپقلىق ‏نەتىجىلىرىنى  تېخىمۇ كەڭ شەكىلدە  نامايەن قىلدۇ. ئاشۇ ‏سەۋەبتىن كېلىپ چىققان باشقا بىر ‏ئازاپمۇ رىئال بولمىغان ‏بىر توينى تەسۋىرلىگەن "ئىشقى مەمنۇ" (1900- يىلى)دا بايان ‏قىلىنىدۇ.‏ خالىد زىيانىڭ رومانلىرىدا "كۆك ۋە قارا"دىن ‏باشلاپلا  يەنە فرانسۇز رېئالىستىك رومانلرىدا ‏‏كۆرۈلگىنىدەك، مۇھىت كەڭ بىر ئورۇن ئالىدۇ. بۇ رومانىدىن ‏باشقا "ئىشقى مەمنۇ"، "سۇلغۇن ھايات" ‏‏(1924-يىلى) تىمۇ ‏تۈرك تۇرمۇشىنىڭ شۇ دەۋرىدىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە ‏مەدەنىي مۇھىتلىرىدىكى ‏ئىنسانلىرى ۋە ھادىسىلىرى بىر ‏بىرى بىلەن ھەرقانداق بىر شەكىلدە سېلىشتۇرۇپ نەتىجە ‏چىقىرىش ‏يولى بىلەن ئەمەس، پەقەت رېئالىستتىك ‏مېتودنىڭ تەبىئىي بىر مەۋقەسى سۈپىتىدە  بايان قىلىندۇ.  ‏‏شۇنىڭ بىلەن قەھرىمانلار ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىدىن ‏ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلىرىدىن ‏ئايرىۋىتىلمەي يىتەرلىك ‏دەرىجىدە تۇنىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بالزاكنىڭ رومانلىرىدا ‏كإرۈلگىنىدەك، ‏مۇھىت بىلەن بىرلىكتە قەھرىمانلارنىڭ روھىي ‏ھالىتىمۇ ئەستائىدىل بايان قىلىنىدۇ.
        روھىي تەھلىللەرگە ‏‏ئەھمىيەت بىرىش جەھەتتە يازغۇچى بورگېتنىڭ ‏رومانلىرىغىمۇ زور دەرىجىدە يېقىنلاشقان.‏ يازغۇچىنىڭ رومانلىرىدىكى بۇ "ئادەم – ئىجتىمائىي ‏مۇھىت" نىڭ ماسلىشىشىنى ۋە ئەمەلىيەتچى ‏مەۋقەسىنى ‏‏1886-يىلىدىن ئېتىبارەن نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان ‏ھېكايىلىرىدىمۇ تېپىش مۇمكىن. ‏‏"ئۆيلەنگەن بىر ئەرنىڭ ‏تارىخى مۇھەببىتى" (1888-يىلى)، "بىر مىماردۇمنىڭ ئاخىرقى ‏بەتلىرى" ‏‏(1888-يىلى)، "نەقىل" (1892-1894 –يىللار)، ‏‏"بۇمۇدۇ؟" (1896  -يىلى)، "ئىست" ‏‏(1896-يىلى)، "بىر ‏ئەدەبىيات تارىخى" (1900- يىلى)، "سۇلغان گۈل" (1901-يىلى)، ‏بىر شېئىرىي ‏خىيال" (1916-يىلى)، "سىۋەتتىن ‏تېپىلدى" (1920-يىلى)،"بىر ئاشىقنىڭ ھېكايىسى"( 1922- ‏يىلى)  ، "ھەممىدىن  ئېچىنىشلىق" (1934-يىلى)، "ئىشقا ‏دائىر" (1935- يىلى)،"ئۇنى كۈتۈپ" ‏‏(1935- يىلى)، "قېرى ‏دوست" (1937-يىلى)،"ئايال تاپىنى" (1939-يىلى) ۋە "ئىزمىر ھېكايىلىرى" ‏ناملىق كىتاپلىرىدا بىر يەرگە ‏توپلىغان 200 گە يېقىن ھېكايىلىرىدىمۇ خاراكتېر بىلەن ‏مۇھىت يەنىلا ‏ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مۇھىتنىڭ زور ‏كۆپچىلىكى ئوتتۇراھال ۋە نامرات تەبىقە بىلەن ‏مۇناسىۋەتلىك ‏ئىدى. خاراكتېرلار بولسا كإپىنچە جىسمانىي ۋە روھىي ‏مېيىپلىقلار ئاساسىي ئورۇننى ‏ئىگىلىگەن ئېچىنىشقا ‏تېگىشلىك كىشىلەردىن تاللانغان. ئو رومانلىرىدىكى ماھارەت ‏ئۇتۇقلىرىنى ‏ھېكايىلىرىدىمۇ داۋاملاشتۇردى.
       ‏ تىل ۋە ئۇسلۇبقا كەلسەك، خالىد زىيانىڭ تىلى ۋە ‏ئۇسلۇبى سەرۋەتى فۈنۇن پروزىسىنىڭ تىلى ۋە ‏ئۇسلۇبى ‏دېگەنلىكتۇر. گۇرۇھنىڭ بارلىق پورازا يازغۇچىلىرى بىلىمى ‏ۋە قابىلىيىتى دائىرىسدە ئۇنىڭ ‏تىل ۋە ئۇسلۇب ‏ئالاھىدىلىكىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشتى. مۇشۇ ئارقىلىق ‏شەكىللەنگەن ئورتاق بىر ‏ئەدەبىي تىل ۋە ئۇسلۇبنىڭ ‏ئىچىدە ھەر بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ خاراكتېرىدىن ۋە ‏مەدەنىيەت ‏سەۋىيىسىدىن كەلگەن تەركىپلەرنىمۇ قوشۇپ ‏سەخسىي ئۇسلۇبىنى يارىتىش يولىغا ماڭدى. خالىد ‏زىيانىڭ ‏تىلى ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەر ۋە گراماتىكىلىق تەركىپلەر ‏بىلەن تولغان. ئۇسلۇبى بولسا ‏خىيال سەنئىتى بىلەن تولغان ‏‏"سەنئەتكارانە" ئۇسلۇبنىڭ دەل ئۆزىدۇر. لېكىن، يازغۇچى ‏ماھارەت ‏جەھەتتە كۆرسەتكەن ئېھتىياتچانلىقنى ناھايىتى ‏ئەستائىدىللىق بىلەن ئۇسلۇبىدىمۇ كۆرسەتتى. ‏ سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىنىڭ ئىككىنجى مۇھىم رومانچى ‏ۋە ھېكايىچىسى بولغان مەھمەد رائۇف ‏‏(1875-1931) ئاۋۋال ‏ھېكايە ۋە چاچما شېئىرلىرى بىلەن تۇنىلدى. "سەرۋەتى ‏فۈنۇن" ژورنىلىدا ‏بۆلۈپ ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن، كىتاپ ‏قىلىپمۇ بېسىلغان "سىنتەبىر " (1901-يىلى) ناملىق رومانى ‏‏بىلەن شۆھرىتى بىردىنلا كۆتۈرۈلدى. گۇرۇھ تارقىلىپ ‏كەتكەندە ئۇمۇ يېزىقچىلىق ھاياتىدىن ‏چېكىندى.
        1908-يىلىدىن ‏كېيىن ئىلان قىلىنغان رومانلىرى ۋە ھېكايە كىتابلىرى ‏تۈۋەندىكىلەردىن ‏ئىبارەت:‏ ‏ 1- رومانلىرى:  "فەردا غەرەم" (1913-يىلى)، "ياش قىز ‏قەلبى" (1914-يىلى)، "كارانفىل ۋە ‏ياسېمىن" (1924-يىلى)، ‏‏"بۆگۈرتلەن" (ئۈژمە دەرىخىگە ئوخشاپ كىتىدىغان بىر ‏خىل دەرەخ ۋە ‏ئۇنىڭ مىۋىسى،1926-يىلى)، "ئاخىرقى ‏يۇلتۇز" (1927- يىلى)، "كۆمۈلگەن نەرسە" (1927-يىلى)، ‏‏"قان ‏تامچىسى" (1928-يىلى)، "قۇتۇلۇش " (1929- يىلى) قاتارلىقلار.‏ ‏2- ھېكايە توپلاملىرى: "ئاشىقلارچە" (1909-يىلى)،"جان ‏تالىشىش" (1909- يىلى)، "ئاخىرقى ‏ئارزۇ" (1913-يىلى)، "بىر ‏ئىشقنىڭ تارىخى" (1914- يىلى)، "خانىملار ‏ئارىسىدا" (1914-يىلى)، ‏‏"بىنەپشە" (1915-يىلى)، "ئۈچ ‏ھېكايە" (1919- يىلى)، "سافو ۋە كارمېن" (1920-يىلى)، ‏‏‏"پەرۋانىلەر" (1920-يىلى)، "ئۆتمۈشتىكى بىر ‏گۇناھ" (1920-يىلى)، "تۇنجى ئالاقە- تۇنجى زوق" ‏‏(1922-يىلى)، ‏‏"ئىشق ئايالى" (1923-يىلى)، "ئايال خالىسا" (1923-يىلى) ۋە "بۇرۇنقى سۆيگۈ ‏كىچىلىرى " (1927-يىلى) قاتارلىقلار.‏ خالىد زىيانىڭ ئەكسىچە رومان ۋە ھېكايىلىرىدە مۇھىتقا ‏ناھايىتى ئاز ئورۇن بەرگەن مەھمەد رائۇف ‏پۈتۈن ‏دىققىتىنى روھىي تېمىلارغا مەركەزلەشتۈردى. ئۇ ‏رېئالىستتىك رومان مىتودىنى پەقەت ‏قەھرىمانلارنىڭ ‏روھىي ھالىتىنى تەتقىق قىلىشتا قوللاندى. ھەقىقەتەنمۇ ئۇ ‏تەسىرى  ناھايىتى كۈچلۈك ‏بىر پسىخىلوگ ئىدى.
        تۈرك ‏ئەدەبىياتىدىكى پسىخىلوگىيىلىك رومان تۈرىنىڭ ئەڭ ‏ئۇتۇقلۇق ئۆرنىكى ‏بولغان "سىنتەبىر" بۇنى  زور دەرىجىدە ‏سەۋرىچانلىق بىلەن كۆزىتىلگەن ئىسپاتلار ئارقىلىق ‏ئوتتۇرىغا ‏چىقاردى. لېكىن يازغۇچىنىڭ روھىي تەھلىللەرنى ‏ۋەقەلەر بىلەن بىرلىكتە بىرىشنىڭ ئورنىغا، بۇنى ‏چەتكە ‏تاشلاپ قويۇپ، ئايرىم نەقىللەر سۈپىتىدە بېرىشى ‏ئەسلىدىنلا ھەرىكىتى  ناھايىتى ئاز بولغان ‏ۋەقەنى پۈتۈنلەي ‏ھەرىكەتسىزلەشتۈردى. مەھمەد رائۇف رومان ۋە ھېكايە ‏ماھارىتىدىكىگە ‏ئوخشاش، تىل ۋە ئۇسلۇبتىمۇ خالىد ‏زىيادىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ماھارىتى ئاجىز بولغىنىدەك، ‏ئۇسلۇبىمۇ ‏ناھايىتى  ئىختىيارىلىق ئىچىدە  بولغىنىغا ‏قارىماي، سەمىمىيدۇر. ‏ سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىنىڭ قالغان ئۈچ رومانچىسى ۋە ‏ھېكايىچىسى بولسا ھۈسەيىن جاھىد ‏يالچىن(1874-1957)، ‏مۈفتىئوغلۇ ئاخمەد ھېكمەت  (1870-1927) ۋە سافۋەتى ‏زىيا  ‏‏(1875-1929)دۇر.‏ مەتبەئەچىلىك ھاياتىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ‏بىرلىكتە داۋاملاشتۇرغان، "تانىن " (1908-يىلى) ‏گېزىتى بىلەن "پىكىر ھەرىكەتلىرى" (1903-يىلى) ژورنىلىنىڭ ساھىبى ‏بولغان ھۈسەيىن جاھىد ‏ئىككى رومان يازدى. ‏ئۇلار "نادىدە" (1890-يىلى) ۋە  "خىيال ‏ئىچىدە" (1899-يىلى)دىن ‏ئىبارەت. ئاددى بىر تەجىرىبە  ‏بولغان  بىرىنجىسى بىر چەتكە قايرىپ قويۇلسا، "خىيال ‏ئىچىدە" ‏رومانتىزمنى مەھكۇم قىلغان ۋەقەسى بىلەن ‏رېئالىستىك مىتودنىڭ سەرۋەتى فۈنۇن رومانچىلىقىنىڭ ‏ئەڭ ‏ئۇتۇقلۇق ئۆرنەكلىرى ئارىسىدا ئورۇن ئالىدۇ. يەنە 1899- يىلى ‏ئىلان قىلىنغان "خىيالىي ‏ھايات بىلەن ھەقىقىي ھايات ‏سەھنىلىرى" ۋە "نىمىشقا ئالدايدۇ" (1922-يىلى) ناملىق ‏ھېكايە ‏كىتابلىرىنىڭمۇ ئاپتورى بولغان جاھىدنىڭ كېيىنكى ‏ئىككى كىتابىدىكى ھېكايىلىرى تولۇق بىر ‏رېئالىزمغا ۋەكىللىك ‏قىلىدۇ.
       ‏ ‏ تېخى بۇ گۇرۇھ قۇرۇلغىمىغان چاغدىلا  " سەرۋەتى ‏فۈنۇن"دا ئەسەرلىرىنى ئىلان قىلىشقا باشلىغان ‏ئاخمەد ‏ھىكمەتنىڭمۇ "خارىستان ۋە گۈلىستان" (1901-يىلى) ۋە ‏‏"شاقىراتمىلار" (1922-يىلى) ‏ناملىق ئىككى ھېكايە كىتابى بىلەن ‏‏"كۆڭۈل خانىم" (1920يىلى بۆلۈپ ئىلان قىلىنغان) ناملىق بىر ‏‏رومانى بار. بىرىنجى كىتابىدا سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھى داۋام ‏قىلغان مەزگىللەردە يېزىلغان ئەسەرلىرى ‏ئورۇن ئالغان. ‏بۇلار رومانتىزمنىڭ تەسىرىدە يېزىلغان. گۇرۇھ تارقىلىپ ‏كەتكەندىن كېيىن ‏يېزىقچىلىق ھاياتىدىن قول ئۈزۈپ، ‏‏1908-يىلىدىن كېيىن قايتىدىن يېزىشقا باشلىغان ۋە مىللىي ‏‏ئەدەبىيات ئېقىمىغىمۇ قېتىلغان ئاخمەد ھىكمەت مىللەتچى بىر ‏ھاياجان بىلەن يازغان بۇ دەۋردىكى ‏ھېكايىلىرىنىمۇ ئىككىنجى ‏كىتابىدا توپلىدى. ئەينى مەزگىلدە يېزىلىپ بإلۈپ ئىلان ‏قىلىنغاندىن ‏كېيىن، كىتاپ سۈپىتىدىمۇ(1971-يىلى، ‏ئىستانبۇل) بېسىلغان "كۆڭۈل خانىم" 1- دۇنيا ئۇرۇشى ‏‏مەزگىلىدە كاۋكاز فىرۇنتىدا رۇسلارغا ئەسىر چۈشۈپ ‏تۈركىستاندىكى بىر لاگىرغا ئەۋەتىلگەن ياش بىر ‏تۈرك ‏قوماندانىنىڭ شۇ يەردە تۇنۇشقان بىر تاتار قىزى بىلەن  ‏مۇھەببەتلەشكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ‏ۋاسىتىسى بىلەن قەدىمكى ‏تۈرك مەملىكەتلىرىنى زىيارەت  قىلىپ، تۈرك كۈلتۈرى ۋە ‏مەدەنىيىتىنى ‏تۇنىغانلىقىنى ۋە نەتىجىدە "دۇنيا تۈركلىرىنىڭ ‏بىرلىكى"  پىكرىنى ياراتقانلىقىنى تېما قىلىدۇ.
        ‏ ‏"زال بولۇڭلىرىدا" (1922-يىلى) ناملىق ۋە ئىستانبۇلنىڭ ‏كوزموپولت مۇھىتىنى تەسۋىرلەيدىغان بىر ‏روماننىڭ ‏يازغۇچىسى بولغان سافۋەتى زىيانىڭ " قەلبنىڭ بىر ھالىتى ‏‏" (1912-يىلى)، "ئايال روھى" ‏ۋە "يۇقالغان مەنزىرىلەر -- ‏كۆرۈنگەن سىمالار" (1914- يىلى) ناملىق ئۈچ ھېكايە كىتابىمۇ ‏بار.‏ مىزاھ ۋە ھەجۋىي— تىياتىرغا ئوخشاش يەنە ‏پەقەت 1908-يىلىدىن كېيىن باشلانغان مىزاھ تۈرىگە ‏‏گۇرۇھتىن يالغۇز ئىككى كىشىلا ئېتىبار بەردى. ئۇلار ‏ھۈسەيىن سۇئاد ۋە جەناب شەھابەددىن ئىدى. ‏ مىزاھ ئەسەرلىرىدە " گاۋە زالىم" ئىسمىنى قوللانغان ‏ھۈسەيىن سۇئاد بۇ ئەسەرلىرىنى " گاۋەنىڭ ‏‏داستانى" (1922-يىلى) ناملىق كىتابىدا توپلىدى. بۇ خىل ‏ئەسەرلىرىدە "دەھھاكى مەزلۇم" ئىسمىنى ‏قوللانغان جەناب ‏بولسا يازغانلىرىنى كىتاپقا ئايلاندۇرمىدى. ‏ ھەجۋىي تۈرىدىمۇ ئاساسلىق ئىككى كىشى ئورۇن ‏ئالىدۇ. ئۇلار تەۋفىق فىكرەت ۋە سۈلەيمان ‏نازىفتۇر.‏ ھەر ئىككىسى كۆپىنچە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ‏ھەجۋىيلەرگە يۈزلەندى. شەخسلەر بىلەن ‏مۇناسىۋەتلىك ‏ھەجۋىيلىرى ناھايىتى ئاز. ئاخمەد مىدخادنىڭ ‏‏"چۈشكۈنلۈك"نى تەرغىپ قىلدى دەپ ‏ئەيىپلىشى  بىلەن ‏فىكرەتنىڭ  ئۇنىڭ ئۈچۈن يازغان "تىمسالى جەھالەت" ۋە ‏سۈلەيمان نازىفنىڭ ‏شۋىتسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى شەرف ‏پاشا ئۈچۈن يازغان "لاغايلاپ يۈرگەن شۈبھىلىك كىشى" ‏ۋە ‏پادىشاھ ۋاھىدەددىن ئۈچۈن يازغان "تارىخنىڭ  ساختا ‏ھېكايىسى" ناملىق شېئىرىي ھەجۋىيلىرى ‏بۇلارنىڭ ‏قاتارىدىكى ئەسەرلەردۇر.‏ ئەدەبىي تەنقىد --  سەرۋەتى فۈنۇن دەۋرىدىمۇ ‏ئەدەبىي تەنقىد تانزىمات دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ‏دىۋان ‏ئەدەبىياتى ئۈچۈن يۇقاتقۇچى، غەرپ ئەدەبىياتىنى تونىتىش ‏ئۈچۈن قۇرغۇچى ماھىيەتتە ‏بولۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىككى ‏تۈرگە ئايرىلىدۇ. "سەرۋەتى فۈنۇن" نىڭ ھارماس قەلەم ‏كۈرەشچىسى ‏ھۈسەيىن جاھىد بۇ شەكىلدىكى ئەسەرلىرىنىڭ ‏بىر قىسمىنى "مىنىڭ كۈرەشلىرىم" ناملىق كىتابىدا ‏توپلىدى. ‏ بۇ دەۋردىكى ئوبيېكتىپ-- بىتەرەپ تەنقىدنىڭ ئەڭ ‏مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ۋەكىلى ئاخمەد ‏شۇئايىب ‏‏(1876-1910)تۇر. "سەرۋەتى فۈنۇن"دا ئىلان قىلىنغان ‏ۋە غەربنىڭ داڭلىق تەنقىدچى ۋە ‏تارىخچىلىرىنى تۇنۇشتۇرغان ‏ئۇزۇن ماقالىلىرى ئۆلۈمىدىن كېيىن "ھايات ۋە كىتابلار" ‏نامى بىلەن ‏بېسىلدى. بولۇپمۇ فرانسۇز تەنقىدچىسى ‏ھېپپولىت تائىننىڭ يولىنى قوبۇل قىلغان شۇئايىبنىڭ ‏‏‏"سەرۋەتى فۈنۇن" ئەدەبىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ‏تەنقىدلىرىمۇ بار.
        ‏ ئەدەبىيات تارىخى – سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىنىڭ ‏ئەزالىرى ئىچىدە ئەدەبىيات تارىخى بىلەن ‏مۇناسىۋەتلىك ‏كىچىك ئەسەرلەرنى يازغانلارمۇ بار. جەناب شەھابەددىننىڭ ‏تولۇق بولمىغان بىر ‏‏"كادى بۇرھانىددىن دىۋانى"نىڭ ‏نەشرىگە يازغان  (1922-يىلى) ئۇزۇن بىر كىرىش سۆزى، ‏‏سۈلەيمان نازىفنىڭ "نامىق كەمال" (1922-يىلى)، "مەھمەد ‏ئاكىف" (1924-يىلى) ۋە "ئىككى ‏دوست" ( زىيا پاشا-نامىق ‏كەمال،1926-يىلى) ، ئالى ئەكرەمنىڭ "نامىق ‏كەمال" (1930-يىلى) ۋە ‏‏"تىلىمىز" (1937-يىلى) قاتارلىق  ‏مونوگرافىيىلىرى مۇشۇ  قاتاردىكى ئەسەرلەردۇر. ‏‎ ‎ ئىزاھلار: ‏ ‏  ① پارناس-- سەنئەت سەنئەت ئۈچۈندۇر دېگەن ‏چۈشەنچىنى قوبۇل قىلغان ۋە شېئىردا ئۆزىنى ‏كۆرسىتىدىغان ‏بىر ئەدەبىي ئېقىم. ‏ ‏  ② شىپكا -- تورپىداغا قارشى  تۇرۇش ۋە يەنە باشقا ‏ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئارغامچىدىن ‏ياسالغان تور.‏ ‏  ③ ئاداپتاسيون-- باشقا بىر تىلدا يېزىلغان ئەدەبىي ‏ئەسەرنى يەرلىك ئۇسۇلغا ئۇيغۇن قىلىپ ‏ئۆزگەرتىش.‏                                                                                                                                             (داۋامى بار)

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 20:30:51][admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 20:35:13]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.