«ﺗﯩﻞ ﻧﯧﻤﯩﺪﻩﭖ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻼﺷﻘﯩﺪﻩﻙ؟!»(ئېلفرېد يېلىنېك)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-10 00:00:00

«ﺗﯩﻞ ﻧﯧﻤﯩﺪﻩﭖ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻼﺷﻘﯩﺪﻩﻙ؟!» ئېلفرېد يېلىنېكنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلىگەن تەشەككۈر نۇتقىدىن ئارىيە مۇھەررىردىن: 2004- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىن...

     

    «ﺗﯩﻞ ﻧﯧﻤﯩﺪﻩﭖ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻼﺷﻘﯩﺪﻩﻙ؟!»

     

     

     

    ئېلفرېد يېلىنېكنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلىگەن تەشەككۈر نۇتقىدىن ئارىيە

    مۇھەررىردىن: 2004- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئېلفرېد يېلىنېك 2004- يىلى 10- دېكابىر ستوكھولم مۇزىكا زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا جامائەت سورۇنلىرىدىن قورقۇشتەك پسىخىك كېسىلى تۈپەيلىدىن قاتنىشالمىغان ئىدى. ۋاھالەنكى، يېلىنېكنىڭ ئۆزى لېنتىغا ئېلىپ ئەۋەتكەن نۇتقى شۇ كۈنى ستوكھولمدىكى شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىنىڭ ئېكرانىدا كۆرسىتىلگەندە جامائەتنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى. يېلىنېك بۇ تەشەككۈر نۇتقىدا سىياسىينى زىنھار تىلغا ئالمىغان، ھەتتا ئۆز ۋەتىنى ئاۋستىرىيىنىمۇ كۆپ تىلغا ئالمىغان، ئاساسەن يازغۇچىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، تىل بىلەن يازغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدىلا توختالغان. يېلىنېكنىڭ «مۇزىكىدەك يېقىملىق، سۇدەك راۋان» بۇ نۇتقى كىشىلەرگە يېلىنېكنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە ئۆتكۈرلىكىنى بەكراق ھېس قىلدۇرىدۇ.


    1


    يېزىقچىلىق رېئاللىقنىڭ چېچىنى بۈدرە قىلىدىغان تالانتمۇ؟ كىشىلەر چاچ بۈدرە قىلىشنى شۇنداقمۇ ياقتۇرىدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق، مەنچۇ؟ رېئاللىقنى پەقەتلا چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرچۇ؟
    ئىشلار شۇنداق قالايمىقان، ئەمما تارىغىدەك تارغاق يوق. يازىدىغانلار رېئاللىقنىڭ قالايمىقان چېچىنى ئايرىۋاشلاپ، جېنىنىڭ بارىچە تاراپ يۈرۈپ بىر خىل پاسونغا كەلتۈرىدۇ. بىراق، كەچ كىرە- كىرمەيلا بۇ چاچ پاسونىدىن چاتاق چىقىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە كاشىلا قىلغىلى تۇرىدۇ، ئاشۇ چىرايلىق بانتىلانغان چاچ يەنە بىر قېتىم ئۇلارنىڭ غايىۋىيىتىدىن غايىب بولىدۇ ھەمدە بوي سۇنماس بولىۋالىدۇ، رەتلىنىشنىمۇ خالىمايدۇ، كىشىلەرنىڭ سۇنۇق تارغاقتا ھەر قانچە تاراشلىرىدىن قەتئىينەزەر، بەرىبىر ئۆز خائىشىدا قېلىۋېرىدۇ.

     

     

    ئىشلار بۇرۇنقىدىنمۇ بەتتەرلىشىپ كەتتى. رېئاللىق ھەققىدىكى ئەسەرلەر يازغۇچىنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن ۋاقىتتەكلا ئېقىپ چىقىدۇ. ئەسەرلەر ۋاقىت ئىچىدە يېزىلىۋاتىدۇ؛ ھايات ۋاقىت ئىچىدە توختاپ قېلىۋاتىدۇ. بىراق، ھاياتنىڭ بىر ئىزىدا توختاپ قالغىنىغا بىرەر كىشى بىر نېمىسىدىن مەھرۇم قالىدىغان ئىش يوق. ھاياتلار بىرەر نەرسىسىدىن مەھرۇم قالمايدۇ، ئۆلگەن ۋاقىتتىمۇ بىرەر نەرسىدىن مەھرۇم قالمايدۇ، ئۆلگەن كىشىلەر بولسا بىرەر نەرسىدىن تېخىمۇ مەھرۇم قالمايدۇ. بىرەر كىشى يېزىۋاتقىنىدا ۋاقىت باشقا يازغۇچىلارنىڭ ئەسىرىگە ئېقىپ كىرىۋالىدۇ. ۋاقىتنىڭ قولىدىن ھەر قانداق ئىش كېلىدۇ، ئۇ خۇددى سالقىن، ئەمما بىخەيرى شامالدەك باشقىلارنىڭ رېئاللىققا يۈزلەنگەن، ئەمما كۈتۈلمىگەندە بىردىنلا تىك بولۇپ كېتىدىغان چاڭگاك چاچلىرىغا ئۇرۇلىدۇ. ئۇ شىددەتلىك شامال ھەممە نەرسىنى يۆمەپ ئېلىپ كېتىدۇ. نەدىلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جىمى نەرسىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئەمما رېئاللىققا ئىككىنچى قايتىپ كېلەلمەيدۇ.
     

     

    قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئىپادىلىنىدىغان نەرسە رېئاللىق بولۇشى كېرەك ئىدى. شامال جىمى نەرسىنى رېئاللىقتىن باشقا ھەر قانداق تەرەپكە ئېلىپ كەتتى. رېئاللىق چاچقا، ئېتەككە يوشۇرۇنغان ئىدى، ئەمما ۋاقىت رېئاللىقنى ئۇچۇرۇپ، گىرۋەككە ئاپىرىپ قويدى، شۇنداق بولغاندا يازغۇچى رېئاللىقنى قانداقمۇ چۈشىنىدۇ.
    يازغۇچى گىرۋەكتە بىر تەرەپتىن تېخىمۇ ئوبدان كۆزىتەلەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن رېئاللىق يولىدا تۇرالمايدۇ. رېئاللىقتا يازغۇچىغا ئورۇن يوق، ئورنى مەڭگۈ سىرتتا بولىدۇ، يازغۇچىنىڭ سىرتتا ئېيتقان نەرسىلىرىلا رېئاللىق ئىچىگە ئېلىپ كىرىلىدۇ. چۈنكى، يازغۇچىنىڭ ئېيتقان نەرسىلىرىنىڭ مەنىسى ئېنىق ئەمەس. شۇنداق قىلىپ بىر ئادەم ئىككى ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايى ئوخشاش بولىدۇ، ئۇلار مەسىلىلەرنى ئوخشاش بولمىغان نىشاندىن كۆزىتىپ چۈشىنىدۇ. قايسى خىل ئەھۋال بولۇشىدىن، راست- يالغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھامان يۈز بېرىدۇ. چۈنكى، پۇت تىقىپ تۇرغىدەك يەر راۋۇرۇس ئەمەس. ئادەم تەگسىز ھاڭدا قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن.
    بىراق، يازغۇچىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرىدىغان بىمۇكەممەللىك مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا يەنىلا يېتەرلىك دەرىجىدىكى مۇكەممەللىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يازغۇچىلار بۇ مۇكەممەللىكنى بۇزىۋەتكەن ئەمەس، بەلكى گۇڭگا نەزەرىدە قارىغان. ئەمما مۇكەممەللىك بۇنداق گۇڭگا نەزەر تۈپەيلىدىن تۇراقسىز نەرسە بولۇپ قالمايدۇ. بۇنداق نەزەرنىڭ ئوبيېكتى ناھايىتى ئېنىق بولىدۇ، بىر خىل تەسۋىر ئارقىلىق قاتۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى باشقا بىر خىل نەرسە بولۇشىمۇ مۈمكىن. ئېيتىلغان نەرسە ئەسلىدە ئېيتىلمىغىنى ياخشى نەرسە ئىدى. ئېيتىلغىنى دەل مەڭگۈ نائېنىق، يىلتىزسىز نەرسە بولۇشى كېرەك ئىدى. نۇرغۇن كىشى شۇ پاتقاققا پېتىپ قالدى. بۇ ئادەمنى يالماپ يۇتىۋېتىدىغان بىر پارچە قۇملۇق، بۇ قۇملۇق تەگسىز كېلىدۇ، ئەمما ئۆز نۆۋىتىدە ئۈستى يوقمۇ ئەمەس، ئۇ سېنىڭ دىتىڭغا ياقمايدۇ- يۇ، رايىڭغا باقىدۇ.
    گىرۋەك ئەسلا مەۋجۇت بولمىغان تۇرمۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنداق بولمىغىنىدا بىز شۇنداق تۇرمۇشقا پېتىپ قالمىغان، مول مەنالار بىلەن تولغان ئىنسانىيەت تۇرمۇشىغا پېتىپ قالمىغان بولاتتۇق، ئۇنداق تۇرمۇش ھامان نەلەردىدۇر بىر يەردە- سەنسىز يەرلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.


    2


    نېمە ئۈچۈن بىراۋغا ھاقارەت قىلغۇلۇق؟ پەقەت مېڭىپ ئۆتكەن يولىنى، تۇرمۇش يولىنى، ھاياتلىق سەپىرىدىكى يولىنى تاپالمىغانلىقى ئۈچۈنلىمۇ؟ ھەممىگە چىداشلىق بېرىپ ئۆتكەن تەقدىردىمۇ بۇنىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقىسى بولمايدۇ، خۇددى ئايىقىغا يېپىشقان توزاندەكلا. بۇ قانداق توزان؟ رادىئوئاكتىۋلىق توزانمۇ ياكى ئىنتايىن ئاكتىپ ماددىمۇ؟ بۇ سوئالنى قويۇشۇمدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ توزان يوللاردا ئاجايىپ بىر خىل نۇر قالدۇرىدۇ، ئۇ يازغۇچىغا ھەمرا بولۇپ ماڭىدۇ- يۇ، ئىككىنچىلەپ ئۇچراشمايدۇ؛ ياكى يازغۇچى چاڭ- توزانغا ھەمرا بولۇپ، گىرۋەككە قاراپ ماڭامدىكىن؟
     

     

    يازغۇچى غايىب بولماي تۇرۇپلا پاسىلدىن ئۆتۈپ بولىدۇ- دە، ئىلگىرى ئۆزى بىلەن خوشلاشقان كىشىلەرنى كۆرىدۇ، كىشىلەرمۇ ئۇنى كۆرۈدۇ. بۇ كىشىلەر يازغۇچىنىڭ كۆزىگە خىلمۇ- خىل كۆرۈنىدۇ. يازغۇچى ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىغا مۇناسىپ تەسۋىرلەپ، ئۇلارغا ئوبراز يارىتىش ئۈچۈن گىرۋەكتە تۇرۇپ كۆزىتىدۇ، چۈنكى ئوبراز ئەڭ مۇھىم نەرسە. نېمىلا دېمەيلى، يازغۇچى ئۇ يەردە ئوبدانراق كۆزىتەلەيدۇ، بىر نېمىلەرنى يازالايدۇ، بۇ نەرسىلەر يازغۇچى ياسىغان يولنى يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا خىرەلەشتۈرىۋېتىدۇ، ئاندىن يەنە پۈتۈنلەي يېپىۋېتىدۇ.
    يېزىق ئېكراندىن كېلىدۇ، ئازاب دەستىدە تولغىنىپ كەتكەن قان بىلەن بويالغان يۈزلەردىن كېلىدۇ، كۈلكە يۈگۈرتۈلگەن ياسىما يۈزلەردىن كېلىدۇ (گىرىم قىلىش ئۈچۈن لېۋىنى پۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ)، سوئال- جاۋاب ئويۇنىدا توغرا جاۋاب بەرگەن كىشىلەردىن كېلىدۇ ياكى تۇغما ساختا ناتىقلاردىن، يەنى ئاياللاردىن كېلىدۇ. ئاياللارنىڭ ياقلايدىغان نەرسىسىمۇ، قارشى تۇرۇدىغان نەرسىسىمۇ بولمايدۇ، ئۇلار ئورنىدىن دەست تۇرۇپ، چاپىنىنى سېلىۋېتىپ تېلېكامىراغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ ئىلگىرى تىك تۇرغان ھەمدە ئەرلەرگە مەنسۇپ بولغان كۆكسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېغىزنىڭ بەدبۇي پۇرىقىدەك يېقىمسىز بولسىمۇ ئىنتايىن ياڭراق ناخشا سادالىرىنى چىقىرىدىغان كارنايدىن كېلىدۇ.
    يازغۇچىنىڭ ئاشۇ يولدا-ئەگەر ئاشۇ يولدىن تېخى كەتمىگەن بولسىلا-كۆرۈشكە قادىر بولۇدىغىنى قىيناق، شەپقەتسىزلىك، ئوغرىلىق، پوپۇزا، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى پۈتۈدىغان زۆرۈر تەھدىت قاتارلىق خىلمۇ- خىل رەزىللىك ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان شارائىتتا، ئادەم ماڭغىلى بولمايدىغان بۇ يول كىشىنىڭ ئايىقىدا دەسسىلىشتىن قورقارمۇ؟ يول ئۈچۈن ئېيتقاندا يېزىق مۇھىم ئەمەس، يېزىق ھەممىگە قەيسەرلىك بىلەن چىداشلىق بېرىۋېرىدۇ، گەرچە ھېچقانداق ئاساسى بولمىسىمۇ.

     

     

    گىرۋەكتە تۇرغىنىڭدا تاققىدە بىر تاقلاشقا-ئاندىن يەنە بىر تاقلاپ قىرغاققا بېرىپ، كاۋاكقا كىرىشكە ئارانلا تۇرىسەن. كاۋاك گىرۋەكنىڭ نېرىسىدىلا. گىرۋەكنىڭ قىرىدا ھامان كاۋاك ئورەك بولىدۇ، ئورەك ھەر ۋاقىت ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ، سېنى يېقىن كېلىشكە قىزىقتۇرىدۇ، سېنى ئېزىقتۇرۇپ ئەكىلىشىدىكى مەقسىدى سېنى ئېزىقتۇرۇپ كىرگۈزۈۋېلىشتىن ئىبارەت. ئۆتۈنۈپ قالاي، يولنى-مەن بولمىغان يولنى كۆرمەي قالماي، ئورەكنى سەمىمىيلىك بىلەن ئەينەن تەسۋىرلىمەكچىمەن، ئەينەن ۋە توغرا تەسۋىرلەش ئىنتايىن مۇھىم.

     


    بىراق، مەن ئۆز يولۇمغا قەدەم بېسىشتىن توسۇلۇپ قالدىم، ئۆز يولۇمدا مېڭىشقا پەقەتلا قادىر ئەمەسمەن. ئۆزۈم سىرتتا مەن، ئەمما سىرتقا ماڭغىنىم يوق. ئۇ يەردە ئىككىلىنىپ قالدىم، ھىمايىگە مۇھتاجمەن. يول سوزۇلۇپ كېتىۋېرىدۇ، قىلغانلىرىمنىڭ مۇۋاپىق بولغان- بولمىغانلىقىنى، رېئاللىقنى مۇۋاپىق خاتا ئۇسۇلدا تەسۋىرلىگەن- تەسۋىرلىمىگەنلىكىمنى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، چۈنكى رىئاللىقنى ھامان خاتا تەسۋىرلىمەي بولمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئۇسۇل يوق. رېئاللىقنى جەزمەن ئوقۇرمەن ياكى ئاڭلارمەن خاتالىققا دەرھال دېققەت قىلىپ يەتكىدەك دەرىجىدە خاتا تەسۋىرلەش شەرت...

    (خەنزۇچە «كرىستال گېزىتى» نىڭ 2004- يىلى 27- دېكابىر سانىدىن)
    ئەسلى مەنبە: تەرمىلەر تورى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.