ئەنگلىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى سۇلماس قارىغاي-دورىس لېسسىڭ

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-13 03:05:27

ئەنگلىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى سۇلماس قارىغاي-دورىس لېسسىڭ تەييارلىغۇچى: توختى مەھمۇت ئەلائى 2007- يىلى 11- ئۆكتەبىر شۋېتسىيە پادىشاھلىق ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى مۇشۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات م...



    ئەنگلىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى سۇلماس قارىغاي-دورىس لېسسىڭ
    تەييارلىغۇچى: توختى مەھمۇت ئەلائى


     

       2007- يىلى 11- ئۆكتەبىر شۋېتسىيە پادىشاھلىق ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى مۇشۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئەنگلىيىلىك ئايال يازغۇچى دورىس لېسسىڭ (Doris Lessing) غا بەردى. شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى باھالاش كومىسسىيىسىنىڭ مۇكاپاتلاش باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ﺩﻭﺭﯨﺲ ﻟﯧﺴﺴﯩﯔ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ھﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىنى بۆلۈنگەن بىر ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺸﻜﻪﯪﺗﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎتلاندى.» ماھىيەتتە بۇ مۇكاپات دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مەڭگۈلۈك شان- شەرەپ ئىگىسى، شۇنداقلا ئەنگلىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى مەڭگۈ سۇلماس بۇ قارىغايغا بەك كېچىكىپ بېرىلدى. ئۇ 1962- يىلى ئېلان قىلغان «ئالتۇن رەڭ خاتىرە» ناملىق رومانى بىلەن دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىنى زىلزىلىگە سالغاندىن بۇيان، تا ھازىرغا قەدەر نادىر ئەسەرلىرى بىلەن دۇنيانى ئارقا- ئارقىدىن تاڭ قالدۇرغان. گەرچە ئۇ ھازىر 88 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما شان-شەرەپ ھېلىمۇ ئۇنى چۆرىدەپ يۈرۈدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ قولىدىن تېخى قەلەم چۈشمىدى.


    ئۇ بۈگۈنكى ئەنگلىيە ئەدەبىياتىدىكى ۋولفتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ ھوسۇللۇق يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىجادىيىتىنىڭ تېما دائىرىسىنى نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىۋەتكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئىرقىي زىددىيەت، ئىككى خىل جىنىسنىڭ مۇناسىۋىتى، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»، يادرو ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، ئىلىم-پەن كىرىزىسى ۋە ياشلارنىڭ زوراۋانلىق پاتقىقىغا پېتىشى پەيدا قىلغان تۇيغۇلار تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇلار 20- ئەسىرنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ شەكلىمۇ خىلمۇ- خىل بولۇپ، ئۇ مەيلى رومانچىلىق، تىياتىر، شېئىر، نەسىر جەھەتتە بولسۇن، نۇرغۇن ھوسۇل ئالغان.


    دورىس لېسسىڭ 1919-يىلى 22- ئۆكتەبىر ئىراننىڭ كەرمانشاھ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، ئاتا-ئانىسى ئەنگلىيىلىك بولۇپ، دادىسى بانكىر ئىدى. 1925-يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسى جەنۇبىي قىسىم ئافرىقىدىكى جەنۇبىي رودېزىيە (بۈگۈنكى زىمبابۋې) گە كۆچۈپ بارىدۇ، ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى شۇ جايدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ يېنىدىكى تاغلىق كەنتتە ئۆتكەن. لېسسىڭ بىر موناستېر مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ، 14 ياشقا كىرگەندە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش سەۋەبىدىن مەكتەپتىن قالىدۇ. شۇندىن باشلاپ ئۇ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنى باشلايدۇ. ئۇ كۆپ ۋاقتىنى 19-ئەسىردىكى رۇسىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا سەرپ قىلىدۇ. 1938-يىلى ئۇ پايتەخت ھارارېغا كېلىپ بىر ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلەيدۇ، ھەمدە شۇندىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇساپىسىنى باشلايدۇ. ئىككىنچى يىلى ئۇ فرانك ۋىسدومغا ياتلىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر قىز، بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولىدۇ، 1943-يىلى ئۇلار ئاجرىشىپ كېتىدۇ. كېيىن يەنە گوتفرېد لېسسىڭ بىلەن توي قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن بىر ئوغۇللۇق بولىدۇ، 1949-يىلى ئۇلارمۇ ئاجرىشىپ كېتىدۇ.


    لېسسىڭ 1949-يىلى كەنجى ئوغلىنى ۋە تۇنجى كىتابى «ياۋا گىياھ ناخشىسى» (The Grass is Singing) نىڭ ئورگىنالىنى ئېلىپ ئەنگلىيىگە بارىدۇ. «ياۋا گىياھ ناخشىسى» ئۇنىڭ ئافرىقىدىكى كەچۈرمىشلىرىنىڭ كارتىنىسى بولۇپ، نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. 1964- يىلى نەشر قىلىنغان «ئافرىقىدىكى ھېكايىلەر» ۋە 1952- يىلىدىن 1969- يىلىغىچە يېزىپ تاماملىغان زور ھەجىملىك بىئوگرافىك رومانى «زوراۋان بالىلار» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشلا ئافرىقا تۇرمۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. ياشلىق دەۋرىدە ئۇ سىياسىي ھەرىكەتلەرگە بېرىلىپ كەتكەن بولغاچقا، ئەسەرلىرى ئۇنىڭ سىياسى ئېتىقادى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئىلگىرى: «ھەرقانداق يازغۇچى ئۆزى تەۋە بولغان ۋە ئۆزى مەسئۇل بولۇشقا تېگىشلىك ھەم مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان كىشىلەر توپىغا ۋاكالىتەن سۆزلىشى كېرەك» دېگەنىدى، شۇڭا ئۇ بىر خىل «ئاممىباپ ئىجادىيەت ئۇسۇلى» بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە «بىر خىل ھاياتلىق، خەلققە بولغان مۇھەببىتى» نى يارقىن كۆرسىتىپ بەرگەن.


    لېسسىڭ ئەنگلىيىگە كەلگەندىن كېيىن ناھايىتى كۆپ ھېكايە، رومان، سىنارىيە، شېئىر، ئوبزورلارنى ئىجاد قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن ھېكايىلەر توپلىمى «پېشقەدەم قەبىلە باشلىقىنىڭ دۆلىتى»، «بىر ئەر ۋە ئىككى ئايال»، «ئافرىقىدىكى ھېكايىلەر»، «زوراۋان بالىلار» ۋە رومانلىرىدىن «پاكلىقتىن قېچىش»، «ئالتۇنرەڭ خاتىرە»، «دوزاققا سەپەر» قاتارلىقلار بار. 2007-يىلى 1-ئايدا لېسسىڭنىڭ ئەڭ يېڭى ئەسىرى «كلېفت» ئەنگلىيىدە نەشر قىلىندى.


    لېسسىڭنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «زوراۋان بالىلار» باش قەھرىمان مارتا كۋەستنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى تۇرمۇشىدىن باشلىنىپ تاكى ئەنگلىيىگە كۆچۈپ بارغاندىن كېيىنكى روھىي يىمىرىلىشىگىچە بىر پۈتۈن ھاياتنى تەسۋىرلىگەن. بەش قىسىملىق بۇ روماندا ئاپتور باش قەھرىماننىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى بىلەن جەمئىيەت رېئاللىقىنى ناھايىتى يۇقىرى ماھارەتتە جىپسىلاشتۇرغان بولۇپ، باش قەھرىماننىڭ «ئەركىن ئايال»غا ئايلىنىش جەريانىدىكى ئىرقىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. روماننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1952- يىلى («مارتا كۋەست»)، 1954- يىلى («لايىقىدا نىكاھ»)، 1958- يىلى («بوران چاپقۇندىكى دولقۇن»)، 1965- يىلى («زېمىن قورشاۋىدا») ۋە 1969- يىلى («تۆت دەرۋازىلىق شەھەر») ئېلان قىلىنغان.


    «ئالتۇن رەڭ خاتىرە» مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، لېسسىڭ ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئىسىمغا ئايلاندى. روماندا بايان قىلىنغىنى بىر ھەمراھىدىن ئايرىلغان كەسپىي ئايالنىڭ ھېكايىسى بولۇپ، باش قەھرىمان ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كەسپىي يازغۇچى ئايال، يىگىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەزەلدىن غورۇرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بۇ ئايال بىردىنلا ھېسسىيات جەھەتتىن تۈگىشىپ كېتىدۇ، سىياسىي غايىسى ۋەيران بولغاندەك ھەمدە يېزىقچىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇش مەقسىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك بولۇپ قېلىپ، تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان ئەنسىزلىككە پېتىپ قالىدۇ، روھىي جەھەتتىن تۈگىشىپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ. دەل شۇ چاغدا پەيدا بولغان بىر ئەر ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە قىزغىنلىقى ئارقىلىق بۇ باش قەھرىماننى ھايات قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ. لېسسىڭ بۇ روماندا كونا ئەنئەنە بىلەن يېڭى قاراش ئارىسىدا جان تالىشىۋاتقان ئايالنىڭ ئوبرازىنى تەسىرلىك يوسۇندا ياراتقان، ئىككى خىل جىنىس ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە مۇجەسسەملەنگەن ئېسەنكىرەش ۋە قىينىلىش، تەلپۈنۈش تۇيغۇسىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولغاچقا، ئۇنى بويتاق ئايالنىڭ ئۆزىگە، نىكاھقا، سىياسىي ئىشلارغا، جەمئىيەتكە قانداق قاراشنى ئۆگەنگەن نادىر ئەسەر دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.


    «ئالتۇن رەڭ خاتىرە» نىڭ ئەل ئارىسىدىكى تەسىرى تېخى يىتمەي تۇرۇپلا، لېسسىڭنىڭ «دوزاقنى ئاددىغىنە سۈپەتلەپ بېقىڭ» ناملىق رومانى بارلىققا كېلىپ، ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ساھەسىدىكى ئاجايىپ ئىقتىدارىنى يەنە بىر قېتىم يۈكسەلدۈردى. بۇ روماندا لېسسىڭ غورۇر پەردىسىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان پسىخىك يوشۇرۇن سىرلارنى بايان قىلىپ، روھىي ئاغرىقلارنىڭ غالجىرلىق ۋە روھىي بۇرۇلۇشتىن قۇتۇلۇش جەريانىنى تەسىرلىك بايان قىلغان بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭغا «ئىچكى بوشلۇق ھىكايىسى» دەپ باھا بەردى. 1973- يىلى «قاراڭغۇلۇق بوسۇغىسىدىكى تومۇز» ناملىق رومانىنى ئېلان قىلىپ، بىر ئەرنىڭ يۇۋاش ئاتا بولۇش جەريانىنى بايان قىلىۋىدى، تەنقىدچىلەر بىراقلا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۇنى شان- شەرەپلەردىن ئايرىۋېتىشكە تاسلا قالدى. ئەمما پاتلا كىتابخانلارنىڭ قولىغا تەگكەن رومان «ھايات قالغۇچىنىڭ ئەسلىمىسى» بازارلىق تەنقىدلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئۇنىڭ شان- شەرىپىنى يەنە قايتۇرۇپ كەلدى. بۇ روماندا لېسسىڭ ئۇرۇش جاراھەتلىرىگە تويۇنغان نامسىز ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر ئايالنى سۈرەتلىگەن بولۇپ، بۇ ئايالنىڭ ئۈمىدى بارلىق چارىلەردىن پايدىلىنىپ ھاياتنى ساقلاپ قېلىش ئىدى. بۇ بىر ۋەيران بولغان مەدەنىيەتنىڭ رېئالىزملىق تېز سىزمىسى بولۇپ، لېسسىڭ ئۇنىڭدا ئوقۇرمەنلەرگە ئومۇملىشىپ قالغان تەقسىماتتىكى باراۋەرسىزلىك، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنىڭ دۇنيانى بۆلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. روماننىڭ باش قەھرىمانىدىكى شېرىن خىيال لېسسىڭنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشقان، لېسسىڭ بۇ ئارقىلىق خىيالىي دۇنيانىڭ رېئالنى دۇنياغا قارىغاندا تېخىمۇ پاك، تېخىمۇ گۈزەل ۋە تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى خەلقىئالەمگە بىلدۈرمەكچى بولغان.


    70- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا لېسسىڭنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى زور دەرىجىدە ئۆزگەردى، يەنى ئۇ فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنى يېزىشقا باشلاپ، «بوۋاي يۇلتۇزىنىڭ ئارخىپى»، «3-، 4- ۋە 5- رايونلارنىڭ رىشتىسى»، «ساما بۆرىسى يۇلتۇزىدىكى سىناق»، «8- نومۇرلۇق يۇلتۇز ۋەكىلىنىڭ بارلىققا كېلىشى» ۋە «ئىمپىرىيە ئەلچىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇنىڭ بۇ بىر يۈرۈش ئەسەرلىرىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، پۈتكۈل ھېكايە چېكى يوق تاشقى ئالەم بوشلۇقىدا راۋاجلانغان، ئەمەلىيەتتە لېسسىڭ ئالەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلىرىدا تۇرۇپ يەر شارىنى كۆزەتكەن، مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە تايىنىپ، بوۋاي يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن ساما بۆرىسى يۇلتۇزىدىكى ئاق كۆڭۈل تاشقى پلانېتا ئادەملىرىنى كىتابخانىلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلغان.


    كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، لېسسىڭ مول ھوسۇللۇق يازغۇچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىدىيىسى ئىنتايىن باي ئايال يازغۇچى. گەرچە ھازىر ئۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يېڭى رومانلارنى ئارقا- ئارقىدىن نەشر قىلدۇرىۋاتىدۇ. 1994 - يىلىنىڭ مابەينىدە لېسسىڭ كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن «تېرەمنىڭ ئاستىدا» ۋە «يار ئالغان مۇھەببەت دەرياسى» ناملىق ئىككى رومانىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئەھلىنىڭ بارىكاللىسىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ تولىمۇ كەڭ نەزىرى ۋە بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان رومان ماتېرىيالى ئۇنى خەلقئارانىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر قىلدى، شۇڭا ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتى بولۇپ كەلدى.


    ئەمما ئۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «شۇنداق دېيەلەيمەنكى، ئۇلار مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بولمىسا بۇ مۇكاپات ئاللىقاچان مېنىڭ بولاتتى؛ مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان يەنە بىر تەرەپ ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، ئۇلار مېنى مەڭگۈ ھەقىقىي يوسۇندا كەچۈرمەيدۇ، چۈنكى مەن 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سوتسىيالىزمنى قوللىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى جېنىمنى تىكىپ قوغدايمەن، ئىدىيەم بەكلا رادىكال. ياشلىق چاغلىرىمدا مۇستەملىكىچىلىككە قارشى سول قاناتلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان، ھەتتا كومپارتىيىگىمۇ ئەزا بولغان، 2- ئېرىم كومپارتىيىنىڭ نامى چىققان رەھبەرلىرىدىن ئىدى.»


    1945-يىلىدىن بېرى لېسسىڭ چوڭ-كىچىك بولۇپ 15 تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بۇ نۆۋەت نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدا ئۇ يۇمۇرلۇق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇرۇن مەن نوبېل مۇكاپاتىدىن باشقا ھەممە مۇكاپاتلارنى ئېلىپ بولغان، شۇڭا ئاخىرقى ھېسابتا بۇ مۇكاپاتنىمۇ ئالغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن.»

     

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:

    خەنزۇچە «شىنخۇا تورى»، «خەلق تورى»، «شىنلاڭ تورى»، «تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2007- يىللىق 6-سانى، «Google» ئىزدەش تورى ۋە ئىنگلىزچە «نوبېل فوندى جەمئىيىتى تورى» قاتارلىق تور بەتلىرىدىكى نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.