ئەدەبىياتتا ئىسلام روھى

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-26 06:04:05

ئەدەبىياتتا ئىسلام روھى تەرجىمان: ئا.قارلۇقىي تەرجىماندىن: ھۆرمەتلىك دوستلار! يېزىش جەھەتتە يېتەرلىك ئىقتىدارى بولمىغانلارنىڭ تەرجىمىنى قانچىلىك قىلالايدىغانلىقى ھەممىڭلارغا بەش قولدەك ئايدىڭ....

     

    ئەدەبىياتتا ئىسلام روھى
    تەرجىمان: ئا.قارلۇقىي

    تەرجىماندىن: ھۆرمەتلىك دوستلار!
       يېزىش جەھەتتە يېتەرلىك ئىقتىدارى بولمىغانلارنىڭ تەرجىمىنى قانچىلىك قىلالايدىغانلىقى ھەممىڭلارغا بەش قولدەك ئايدىڭ. دوستلارنىڭ تور سەھىپىلىرىدە ھەر تۈرلۈك ئەدەبىي ژانىرلار، ئېقىملار بويىچە كۆز قاراشلىرىنى يېزىۋاتقانلىرىنى شاھىت بولغانلىقىم ئۈچۈن، تەرجىمە قىلىپ تاماملىغان كىتاۋىم «دىن، مەزھەپ ۋە پىكىر ئېقىملىرى ئېنسىكلوپېدىيىسى» نىڭ ئەڭ ئاخىرىقى تېمىسى «ئىسلامىزم» يەنى ئەدەبىياتتا ئىسلام روھى، تېمىلىق بۇ ماقالىنى دېققىتىڭلارغا سۇندۇم. مەقسىتىم، ئەدەبىيات ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ ياكى ئىبارىلەرنى خاتا ئىستىمال قىلىپ قويغان جايلىرىم بولسا، تۈزىتىش بىرىشىڭلارنى، كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇشتىن ئىلگىرىكى تەھرىرلىك ئىشلىرىغا ھەمدەم بولۇشۇڭلارنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىڭلارغا رەھمەت!
    (تەرجىمە قىلغۇچى: ئا.قارلۇقىي)


    ئېنىقلىما:

      v ئەدەبىياتتا ئىسلام روھىي- ئەدىبنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئەخلاقىي قاراشلىرى بۇيىچە ئەدەبىياتنى ئەقىدىگە، شەرىئەتكە، شۇنىڭدەك ئىسلامنىڭ قىممەت قاراش، تەلىمات ۋە غايىلىرىنى يۇرۇتۇشقا خىزمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت نوقتىدا سەمىمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشى، تۇرمۇش ۋە دەۋرگە ئائىت مەسىلىلەر ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتكەندە، ئىزچىل ھالدا مەركىزىدە ياشاپ كەلگەن ئىسلامنىڭ ئىجابىيلىقىنى ئىپادىلىشى، دېمەكتۇر. مۇشۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ئىسلامنىڭ ئەخلاق، تەسەۋۋۇر ۋە كائىنات، تۇرمۇش، ئىنسان ھەققىدىكى ئەتراپلىق قاراشلىرىغا ئويغۇن شەكىلدە مەيدانغا چىقىدۇ. ئىنسانلارنىڭ دىنلار بىلەن ۋە مەيلى كوللىكتىپ ياكى يەككە شەكىلدە بولسۇن بارلىق مەخلۇقاتلار بىلەن ئالاقىسىغا دائىر ھەقىقەتلەرنى ئىسلامنىڭ ھەقىقەتلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمايدىغان، ئەڭ ئاددى ۋە نازۇك نوقتىلاردا بولسۇن ئۇنىڭ روھىغا قارشى يۈنۈلۈش شەكىللەندۈرمىگەن دائىرىدە ئىپادىلەيدۇ.
    ˜ (ئەدەبىياتتا) ئىسلامىزمنىڭ ئۆلچەملىرى:
    - يۇقىرىقى ئېنىقلىما ئىسلامىي خاراكتىرگە ئىگە ئەدەبىي ئەسەرلەردە ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك بىر- بىرىنى تولۇقلايدىغان بىر قاتار ئۆلچەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئۆلچەملەرنىڭ بىر قىسمى ئەسەرنىڭ ماھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندا ئىپادىلەنسە، يەنە بەزىلىرى ئەسەرنىڭ گەۋدىسى ياكى شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئىككى خىل ئامىل ئىسلام روھىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئاساسىي مۇددىئاسىغا ماسلاشقان ھالدا ئىلگىرلەيدۇ. ئەقىدىدە چىڭ تۇرۇش، چىنلىق، ئېنىق ئىپادىلەش، ئىجابىيلىق، ئۆتكۈرلۈك ۋە ئىزچىللىك بۇ ئۆلچەملەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى:
    1- ئەقىدىدە چىڭ تۇرۇش:
    بۇ - ئەدىبنىڭ ئەقىدە، شەرىئەت، ئىسلامنىڭ قىممەت- قاراش، ئەخلاق، شۇنىڭدەك، ئىسلامنىڭ ئاساسىي مەسىلىلىرى، كۆزلىگەن نوقتىلىرى ۋە ئومۇمىي غايىلىرىگە خىزمەت قىلىشنى كۆزلىگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر ئېقىمىدا ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك قاراشنى ئىسلام ھەقىقەتلىرىنىڭ تەبىئىي ھېس-تۇيغۇلىرىغا خىلاپ بولمىغان شەرت ئاساسىدا ئومۇملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى، دېگەنلىكتۇر.
    2- چىنلىق:
    ئەدىب ئوقۇرمەنگە ئۆزىنىڭ بارلىق ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ ئىسلامىي تەسەۋۋۇر، گۈزەل ئەخلاق چاقىرىقى، ياخشىلىقنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىسلامىي ۋىجدانغا نامۇۋاپىق بارلىق ناچار خاھىشلاردىن يىراق ھالدا مەيدانغا كەلگەنلىكى ھەققىدە چىن تۇيغۇلارنى تەقدىم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، دېمەكتۇر. ئەدىبنىڭ يالغۇز قىسىم ئەسەرلىرىنىڭلا ئىسلامىي چىنلىققا ئويغۇن بولۇشى، ئۇنى ئىسلامىي ئەدىبلەر قاتارىغا قويۇش ئۈچۈن كۇپايە قىلمايدۇ.
    3- ئېنىق ئىپادىلەش:
    ئىسلامىيەتتە ئەدەبىي ئەسەر ماھىيەت ۋە قورۇلما ياكى مەزمۇن ۋە شەكىلدىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەرنىڭ مەزمۇن ۋە قورۇلمىسى ئىسلامىي ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە ئوقۇرمەن دەرھال چۈشىنەلىگۈدەك دەرىجىدە ئېنىقلىققا ئېگە بولۇشى لازىم. بۇنداق بولغاندا ئەدىبنىڭ ئىسلامىي ئېقىمغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئەسەرلىرىگە قاراپلا بىكىتىش مۇمكىنچىلىكى مەيدانغا كىلىدۇ.
    4- ئىجابىيلىق:
    ئىجابىيلىق دېگەندە، ئىسلامىي ئېقىمغا مەنسۇپ ئەدىبنىڭ ئىسلامىي ئەقىدە ۋە تەسەۋۋۇرنى ياقلىشى، ئۇنىڭغا قارشى يول تۇتماسلىقىنىڭلا يىتەرلىك بولمايدىغانلىقى، ئۇ يۇقىرىقىلاردىن سىرت، يۈنۈلۈشىدە ئىجابىي يول تۇتىشى، ئىسلام بىلەن بىر سەپتە تۇرىشى، ئۇنى ھېمايە قىلىشى، دۈشمەنلىرىگە پىكرى، سۆز- ھەرىكەتلىرى ۋە ئەخلاقىي ساھەلەر بۇيىچە قارشى تۇرىشى قاتارلىقلارنىڭ زۆرۈرلىكى كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئەدەبىياتتا ئىسلامىزم، ئەدىبنىڭ ئەسەرلىرىدە ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئەقىدىسىنى قوغداش مەسىلىسىدە ئىككىلىنىشكە ئىمكان قالدۇرمىغۇدەك دەرىجىدە مەيدان ھازىرلىشىنى شەرت قىلىدۇ.
    5- ئۆتكۈرلۈك:
    ئەدىبنىڭ ئەدەبىي ئەسەرنى تىما ۋە مەزمۇنغا خىزمەت قىلىدىغان ئۇسلۇبتا ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئوقۇرمەننى قىزىقتۇرىشى ۋە ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا قانائەتلەندۈرىشى، دېمەكتۇر.
    6- ئىزچىللىك:
    بۇنىڭدا، ئىسلامىزم ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەدىبنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەۋەلىكىنى ئىزچىل ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ مېڭىشىنىڭ زۆرۈرلىكى، ئىسلامىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنىدا، ئىلگىرى يازغان ئىسلامىي روھقا ئىگە ئەسەرلىرىگە مەيلى ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن شەكىلدە بولسۇن ئويغۇن كەلمەيدىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقىنىڭ مۇھىملىقى كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئىلگىرى باشقا ئېقىملار بۇيىچە ئەسەر يېزىپ، كېيىن ئىسلامىي ئېقىمغا مەنسۇپ بولغانلارغا نىسبەتەن ئىزچىللىق ئۆزگىچە مەناغا ئىگە بولۇپ، بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئىسلامىي ئېقىمغا مەنسۇپ بولۇشتىن ئىلگىرى غەيرى ئىسلامىي ئېقىملارغا قايتماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئەھۋالنى مۇخەزرەم (ئەسلىدە غەيرى ئىسلامىي ئەدەبىي ئېقىمنىڭ مەنسۇپلىرى بولۇپ، كېيىن ئىسلامىي ئېقىمغا قوشۇلغانلار كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئەكسىچە يول تۇتقانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەيدىغانلارمۇ بار.- تەرجىمان) شائېرلاردىن كەئب ئىبن زۇھەير، ھەسسان ئىبن سابىت .. قاتارلىقلاردا روشەن ھېس قىلىمىز.

    قورۇلۇشى ۋە ئاساسلىق كىشىلىرى:

    ˜ كەئب ئىبن زۇھەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

    كەئب ئىبن زۇھەيردىن باشلاش ئارقىلىق ئەدەبىياتتىكى ئىسلامىزمنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش مۇمكىن. ئىسلامىزم ئىسلام ئالەمىدىكى مۇئەييەن شەخس ياكى مۇئەييەن ۋاقىتقا خاسلاشتۇرىۋېلىش مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدىكى كەڭ دائىرىدۇر. ئىسلام ئەدەبىيات مەدرىسىسىنى شەكىللەندۈرۈش يولىدا كۈچ چىقارغان بەزى ئىسلام ئۆلىمالىرى ئەمەلىيەتتە شەخسى قاراشلاردىن ھالقىغان تېخىمۇ چوڭقۇر مەزمۇنلارنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلاتتى. بۇ ئەدەبىياتتىكى ئىسلامىي ئېقىم ياكى بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىگەندە "ئىسلامىزم" ئىدى. بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ كەئب ئىبن زۇھەيرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەدھىيلەپ "لامىييە" قەسىدىسىنى ئوقۇغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا ئۆز تونىنى كەيدۈرۈپ قويغان لەھزىلەردىن باشلانغانلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئەقىدىسىنى چىقىش قىلغانلىقى ۋە چىن ئىپادىلىگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغان. "مھند من سيوف الھند المسلول" دېگەن مىسرانى "مھند من سيوف اﷲ مسلول" دەپ تۈزىتىپ قويغان. بۇ شېئىر دەۋەت ساھەسىدە مۇبالىغىدىن يىراق ئىسىل نىشان ۋە يۈكسەك غايىگە ئىگە. بۇ خىل يۈزلىنىشنى زەمەخشەرىي "كەششاف"تا ناھايىتى يارقىن ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلىگەن.
    |l˜ ھەسسان ئىبن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
    |پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شائىرى ھەسسان ئىبن سابىت جاھىلىيەت ۋە ئىسلامنى باشتىن كەچۈرگەن مۇخەزرەم شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇ دەسلەپ ئىمان ئېيتقان خەزرەجلىكلەر بىلەن بىرلىكتە ئىسلامنى قوبۇل قىلغان. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قەلبىنى ئىسلام نۇرى بىلەن يۇرۇتقاندىن باشلاپ، مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەرنى خاتىرلەيدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غازاتلىرىنى مەدھىيلەيدىغان، مۇشرىكلارنىڭ شائىرلىرىغا كۈچلۈك رەددىيە قايتۇرىدىغان ئەقىدە شائىرىغا ئايلاندى. ئۇ، ئىسلامنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بايان قىلىش، ئۇنىڭ ئەدەب- ئەخلاقلىرى بىلەن ئەخلاقلىنىش، ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىدىغان نەسىر ۋە نەزملەرنى ئېيتتى. شېئىرلىرىدا قورەيشلەرنىڭ نادانلىقىنى پاش قىلدى. قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسلام قانۇنچىلىقىنىڭ بىرىنچى مەنبەسى ۋە ھەق شەرىئەتنىڭ، ھىدايەت ئەلچىسىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلدى. ئىسلامنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بايان قىلىشتا ئەدەبىياتنىڭ ئوينايدىغان رولىنى روشەن گەۋدىلەندۈردى. ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى شېئىرلىرى قۇرەيزە ۋە ئەھزاب ئورۇشلىرىدا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوقۇغان مەدھىيەلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. ئۇ شېئىرلىرى ئارقىلىق ئىسلامنىڭ قىممىتىنىڭ تەۋھىدتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
    ˜ ئابدۇللاھ ئىبن رەۋاھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
    ئابدۇللاھ ئىبن رەۋاھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلامنى قوغدىغان ئۈچ شائىرىنىڭ بىرى ئىدى. گەرچە ئۇ ھىجىرىيەنىڭ سەككىزىنچى يىلى شېھىت بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن شېئىرلىرى چەكلىك ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئىسلامنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئوخچۇپ چىققان جاسارەت، پەيغەمبەر سۆيگۈسى، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇداپىئە قىلىش، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشىغان ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىم قاراشلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇللاھ ئىبن رەۋاھە ھەقىقەتەنمۇ ئىسلام جىھادى شېئىرلىرىنىڭ بايراقدارى ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئېيتقانلىرىمىزنىڭ جانلىق شاھىدى. دوكتۇر مۇھەممەد ئىبن سەئد ئەششۇۋەيئېر مۇنداق دەيدۇ: "ئابدۇللاھ ئىبن رەۋاھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن ئىسلام شېئىرىيەتچىلىكىنىڭ ياقلاپ مېڭىشى زۆرۈر بولغان ئەڭ گۈزەل يۈنۈلۈشنى، ئىپادىنىڭ چىنلىقى، مۇددىئا- مەقسەتنىڭ ساغلاملىقى، تەنقىدىي بايانلاردا قوپاللىق قىلماسلىق ۋە ئىبارىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىكى مۆتىدىللىق خۇسۇسلىرى بۇيىچە ئەڭ بەدىئىي دائىرىنى سۈزۈپ ئالغان."
    ˜ ئۆمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
    ئەققاد، تاھە ھۇسەين رەھبەرلىكىدىكى غەربلەشتۈرۈش ئېقىمىغا قارشى تۇرۇش يولىدا ئىسلامىزم ئەدەبىياتىدا ئەڭ چىڭ تۇرغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەققادنىڭ بۇ خۇسۇستا ئېيتقانلىرىنىڭ ۋەزنى بار. ئۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دانىشمەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
    ئۆمەر ئىبن خەتتاب ئەدىب، تارىخچى ۋە فىقھىشۇناس ئىدى. (344-بەت) ئۇ شېئىرغا، مەسەللەرگە ۋە ئەدەبىي پارچىلارغا تۇلىمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇ شېئىر ئېيتاتتى ۋە ئۇنى مىسال كەلتۈرەتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ يالغۇز خەلىپىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ھاياتى بۇيىچە بىر ئەدىب ئىدى. ئۇ، دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەدەبىيات