دادامنىڭ چامىدىنى(ئورخان پامۇك)

يوللىغۇچى : biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-16 20:24:51

دادامنىڭ چامىدىنى(ئورخان پاموك)تۈركچىدىن شىرئەلى مامۇت تەرجىمىسى(2006-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى مۇنبىرىدە سۆزلەنگەن نۇتۇق) دادام ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ قوليازما ۋە خاتىر...

    دادامنىڭ چامىدىنى
    (ئورخان پاموك)
    تۈركچىدىن شىرئەلى مامۇت تەرجىمىسى
    (2006-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى مۇنبىرىدە سۆزلەنگەن نۇتۇق)

     

       دادام ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ قوليازما ۋە خاتىرە-دەپتەرلىرى بىلەن تولغان كىچىك بىر چامادىنىنى ماڭا بەردى. ئۇ بۇ قېتىممۇ ھەر دائىمقى خۇشخۇيلۇقى بىلەن ئۆزىدىن، يەنى ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇلارنى كۆرۈپ چىقىشىمنى تاپىلىدى.
    ـ قېنى كۆرۈپ باقارسەن، ـ دېدى ئۇ سەل خىجىل بولغاندەك قىلىپ، ـ كېرەككە كەلگۈدەك بىر نەرسە چىقامدۇ-يوق. بەلكىم مەندىن كېيىن ئۇلارنى تاللاپ نەشر قىلدۇرارسەن.
       بىز مېنىڭ كۇتۇپخانامداـ كىتابلار ئارىسىدا ئىدۇق. دادام يەلكىسىنى بېسىپ تۇرغان ئېغىر بىر يۈكتىن قۇتۇلماقچى بولغان ئادەمدەك چامادىنىنى نەگە قويۇشنى بىلەلمەستىن، كۇتۇپخانامغا سەپسېلىشقا باشلىدى. ئاخىر ئۇنى دىققەتنى ئانچە تارتىپ كەتمەيدىغان بىر بۇلۇڭغا قويدى. ئىككىلىمىزنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويغان بۇ ئۇنتۇلماس دەقىقە ئۆتۈپ كېتىش بىلەن بىز يەنە بۇرۇنقى رولىمىزغا، ھاياتقا يەڭگىلرەك قارايدىغان خۇشچاقچاق، كىنايىچىل كىملىكىمىزگە قايتىپ يېنىكلەپ قالدۇق ۋە يەنە بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن، ھاياتتىن، تۈركىيىنىڭ تۈگىمەس سىياسىي دەردلىرىدىن ھەمدە دادامنىڭ كۆپىنچىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان ئىشلىرىدىن ئانچە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەستىن پاراڭلاشتۇق. 
       دادام كەتكەندىن كېيىن چاماداننىڭ ئەتراپىدا بىرقانچە كۈن ئۇنىڭغا تېگەلمەستىن پىرقىراپ يۈرگىنىم ئېسىمدە. كىچىك، قارا تېرە چامادان، ئۇنىڭ ئاچقۇچى، يۇمىلاق كەلگەن بۇرجەكلىرى بالىلىقىمدىن باشلاپلا ماڭا تونۇش ئىدى. دادام ھەرقېتىم سەپەرگە چىققاندا ياكى ئۆيدىن ئىشخانىسىغا بىرەر نەرسە ئاپارماقچى بولغاندا ئۇنى ئېلىۋالاتتى.
    بالىلىقىمدا بۇ كىچىك چاماداننى ئېچىپ، سەپەردىن قايتقان دادامنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى قالايمىقان قىلغىنىم، ئىچىدىن چىققان كولۇنيا ۋە يات بىر دۆلەتنىڭ ھىدىدىن خۇشال بولۇپ كەتكەنلىرىم يادىمغا كەچتى. بۇ چامادان مەن ئۈچۈن ئۆتمۈشۈم ۋە نۇرغۇن بالىلىق خاتىرىلىرىمگە گۇۋاھچى، جەلپكار بىر نەرسە ئىدى. ئەمما، ئەمدى ئۇنىڭغا ھېچ تېگەلمەيۋاتاتتىم. نېمىشقا؟ ئەلۋەتتە، چاماداننىڭ ئىچىدىكى يوشۇرۇن نەرسىنىڭ سىرلىق ۋەزىنىدىن بولسا كېرەك.
    ئەمدى بۇ ۋەزىننىڭ مەنىسى ھەققىدە سۆزلەيمەن. بۇ مەنە بىر ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ بىر بۇلۇڭدا، ئۈستەلنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، قەغەز-قەلەم بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلىگۈچى ئىنسان ئەمگىكىنىڭ، يەنى ئەدەبىياتنىڭ مەنىسى دېمەكلىكتۇر.
    دادامنىڭ چامادىنىنى ھېچ ئېچىپ بولالمايۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى خاتىرە-دەپتەرلەرنىڭ بەزىلىرىگە نېمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى بىلەتتىم. بەزىلىرىنى دادام بىر نەرسىلەرنى يېزىۋاتقاندا كۆرگەنىدىم. چاماداننىڭ ئىچىدىكى بارچە ھەرگىزمۇ مەن ئۈچۈن ناتونۇش ئەمەس ئىدى.
    دادامنىڭ دادىسىـ بوۋام ناھايىتى باي ئۆتكەن كىشى بولۇپ، دادامنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىلى ھېچنېمىدىن قىسىلماي ئۆتكەنىدى. ئۇ ئەدەبىياتنى، يېزىقچىلىقنى دەپ زورۇقۇشنى خالىمايتتى. دادام ھاياتنى بارچە گۈزەللىكلىرى بىلەن سۆيەتتى. بۇنى چۈشىنەتتىم. ئۇنىڭ چامادىنىدىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىمدىكى بىرىنچى سەۋەب، ئۇلارنى ئوقۇپ ياراتماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەيتتىم. داداممۇ بۇنى بىلگەچكە، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چامادىنىنىڭ ئىچىدىكىلەرنى ئانچە بەك ئېرەن قىلمىغان تەرزدە ماڭا ھاۋالە قىلغانىدى. ئۇنىڭ يىگىرمە بەش يىللىق يازغۇچىلىق ھاياتىدىن كېيىن بۇنى كۆرۈش كۆڭلۈمنى يېرىم قىلاتتى. ئەمما، ئەدەبىياتقا پۈتۈن ئىشتىياقىنى بەرمىگىنى ئۈچۈن دادامغا ئاچچىقىممۇ كەلمەيتتى. . . ئەسلىي ئەندىشەم، چۈشەنگۈممۇ، بىلىپ باققۇممۇ كەلمەيدىغان سەۋەب دادامنىڭ بىر ياخشى يازغۇچى چىقىپ قېلىش ئېھتىمالى ئىدى. چاماداننى شۇنىڭدىن قورققاچقا ئاچالمايۋاتاتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ سەۋەبىنى ھەتتا ئۆزۈمگىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرەلمەيۋاتاتتىم. چۈنكى، دادامنىڭ چامادىنىدىن ساپ، بۈيۈك بىر ئەدەبىيات چىقىپ قالسا دادامنىڭ ئىچىدە ئەسلىدە باشقا بىر ئادەمنىڭ ياشىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشىمغا توغرا كېلەتتى. بۇ مەن ئۈچۈن بەك قورقۇنچلۇق ئىدى. چۈنكى، مەن چوپچوڭلا بىر ئادەم بوپكەتكەن بولساممۇ، دادامنىڭ يەنىلا بۇرۇنقى دادام بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. 
    بىر يازغۇچى مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئۇ خەت ئۇرۇش ماشىنىسىنى ئىشلىتەلىشى، كومپيۇتېرنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنالىشى ياكى ماڭا ئوخشاش ئوتتۇز يىلغىچە يازغانلىرىنى قەلەم بىلەن قەغەزگە پۈتۈشى مۇمكىن. يازغانسېرى قەھۋە، چاي ئىچىشى، تاماكا چېكىشى، بەزىدە ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزىدىن تېشىغا، كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلارغا، تەلىيى بولسا دەل-دەرەخ ياكى ئەتراپتىكى يېشىلچىلىققا ياكى سايە چۈشۈپ تۇرغان بىرەر تامغا قارىيالىشى مۇمكىن. ئۇ شېئىر، دراما ياكى ماڭا ئوخشاش رومان يازالىشى مۇمكىن. مانا بۇلار ئەسلىدە ئەجىردىن، ئۈستەلگە مۈكچىيىپ سەۋر بىلەن ئۆز ئىچىگە چۆكۈشتىن كېلىدۇ. يېزىقچىلىق ئىدىيىنى سۆز-جۈملىلەرگە چۈشۈرۈش، ئىچكى دۇنيانى بېسىپ ئۆتۈپ يېڭى بىر دۇنيانى جاھىللىق ھەم خۇشاللىق بىلەن تەتقىق قىلىشتۇر. 
    مەن ئاق ۋاراقلارغا ئاستا-ئاستا يېڭى-يېڭى سۆز-جۈملىلەرنى تولدۇرۇپ ئولتۇرۇپ كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلار ئۆتكەنسېرى ئۆزۈمگە يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇۋاتقانلىقىمنى، ئىچىمدىكى باشقا بىر ئىنساننى مىسالى بىر كۆۋرۈك ياكى مۇنارنى بىر خىش-بىر خىشتىن قوپۇرغاندەك دۇنياغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىمەن.
    بىز يازغۇچىلارنىڭ ياغاچ-تېشى سۆز-جۈملىلەردۇر. ئۇلارنى تۇتۇپ بىر-بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇپ، بەزىدە يىراقتىن بىر كۆزىتىۋېتىپ، بەزىدە بارماق ۋە قەلىمىمىزنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇلارنىڭ باش-كۆزىنى سىلاپ-تاراپ ۋە ۋەزنىنى دەڭسەپ بېقىپ تىزىشقا باشلايمىز. يىللارچە سەۋر-تاقەت ۋە ئۈمىد بىلەن ئاخىر يېڭى-يېڭى دۇنيالارنى قۇرۇپ چىقىمىز. ماڭا نىسبەتەن يازغۇچىلىقنىڭ سىرى نەدىن كېلىدىغىنى نامەلۇم ئىلھامدا ئەمەس، جاھىللىق بىلەن چىدامدىدۇر. تۈركچىدىكى «يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازماق» دېگەن بۇ گۈزەل تەمسىل ماڭا خۇددى يازغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتىلغاندەك تۇيۇلىدۇ. قىسسەلەردىكى سۆيگۈسى ئۈچۈن تاغلارنى تالقان قىلغان پەرھاتنىڭ سەۋر-تاقىتىنى سۆيىمەن ۋە چۈشىنىمەن. «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» ناملىق رومانىمدا بىر ئاتنى يىللارچە زوق بىلەن سىزىپ پىشىپ كەتكەن، ھەتتا كۆزىنى تېڭىپ قويسىمۇ، ئۇنى ئوخشىتىپ سىزىۋېتەلەيدىغان ئوتتۇرا ئەسىر ئىران نەققاشلىرىنى تەسۋىرلەۋېتىپ يازغۇچىلىقتىن، ئۆز ھاياتىمدىن گەپ ئېچىۋاتقانلىقىمنىمۇ بىلەتتىم.
    ئۆز ھاياتىنى باشقىلارنىڭ ھېكايىسى قىلىپ بىر-بىرلەپ يازالىشى ۋە بۇ ئىپادىلەش قابىلىيىتىنى ئۆز ئىچىدە ھېس قىلىپ يېتەلىشى ئۈچۈن ماڭا يازغۇچى ئۈستەل بېشىدا ۋاقتىنى بۇ سەنئەت بىلەن زىننەتكە سەۋر-تاقەت بىلەن بېغىشلاپ، بىر ئۈمىدۋارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەكتەك تۇيۇلىدۇ. بەزىلەرگە قەتئىي كەلمەي، بەزىلەرگە دائىم يېپىشىپ تۇرىدىغان ئىلھام پەرىشتىسى بۇ ئىشەنچ بىلەن ئۈمىدۋارلىقنى سۆيىدۇ ھەمدە يازغۇچىنىڭ ئۆزىنى ئەڭ يالغۇز ھېس قىلغان، خىيال، تىرىشچانلىقلىرى بىلەن يازغانلىرىنىڭ قىممىتىدىن ئەڭ كۆپ گۇمانلانغان ۋاقىتتا، يەنى ھېكايىسىنى پەقەتلا ئۆز ھېكايىسى دەپ ئويلىغان چاغدا ئۇنىڭغا ئىچكى دۇنياسى بىلەن قۇرماقچى بولغان دۇنياسىنى باغلاپ تۇرغان ھېكايە كۆرۈنۈش، تەسەۋۋۇرلارنى تۆكۈپلا بېرىدۇ.
    پۈتۈن ھاياتىمنى بېغىشلىغان يازغۇچىلىق كەسپىدە مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى ماڭا ئىنتايىن يېقىپ كېتىدىغان بەزى جۈملە، تەسەۋۋۇر، بۆلەكلەرنىڭ مېنىڭ ئەمەس، باشقا بىر كۈچنىڭ ماڭا قىلغان ھەدىيىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىم ئىدى.
    دادامنىڭ چامادىنىنى ئېچىپ، خاتىرە-دەپتەرلىرىنى ئوقۇشتىن قورقاتتىم. چۈنكى، مەن چەككەن مۇشەققەتلەرنى ئۇنىڭ ئەسلا چېكىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، يالغۇزلۇقنى ئەمەس، دوست-بۇرادەرلىرىنى، قاينام-تاشقىنلىقنى، ئولتۇرۇش، كۈلكە-چاقچاقلارنى، جامائەتپەرۋەرلىكنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئەمما، كېيىن باشقىچىمۇ ئويلاپ باقتىم: بۇ خىياللار، دەردمەنلىك ۋە سەۋر-تاقەت توغرىسىدىكى ئويلار مېنىڭ ھايات ۋە يازغۇچىلىق تەجرىبەمدىن چىقارغان شەخسىي ھۆكۈمۈم بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. كۆپچىلىكنىڭ، ئائىلىنىڭ، جامائەتنىڭ قىيقاس-سۈرەنلىرى، كۈلكە-چاقچاقلارنىڭ ئارىسىدىنمۇ نۇرغۇن مەشھۇر يازغۇچىلار چىققانغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك چاغلىرىمىزدا ئائىلە ھاياتىنىڭ تەكرارلىقىدىن زېرىككەن دادام بىزنى تاشلاپ پارىژغا كېتەتتى ۋە باشقا نۇرغۇن يازغۇچىلارغا ئوخشاش مېھمانخانىلارغا بېكىنىۋېلىپ يازاتتى. چاماداندا ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى خاتىرە-دەپتەرلىرىدىن بىر قىسمىنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلەتتىم. چۈنكى، چامادىنىنى ئەكېلىپ قويۇشتىن بۇرۇن دادام ماڭا شۇ چاغلاردىكى ھاياتى توغرۇلۇق پاراڭ قىلىپ بېرەتتى. ئۇ يىللار توغرۇلۇق بالىلىق چاغلىرىمدىمۇ سۆزلەپ بېرەتتىيۇ، ئەمما ئىچ سىقىندىلىرى، شائىر، يازغۇچى بولۇش ئىستىكى ۋە مېھمانخانا ھاياتىدىكى ئىچ پۇشۇقلىرى ھەققىدە تىنمايتتى. ئۇ پەقەتلا پارىژ كوچىلىرىدا پات-پاتلا سارتېرىنى ئۇچرىتىپ قالىدىغانلىقى، ئوقۇغان كىتابلىرى ۋە كۆرگەن كىنو-فىلىملىرىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇرلارنى يەتكۈزمەكچىدەك ھاياجان ۋە قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەيتتى. 
    مېنىڭ يازغۇچى بولۇپ قېلىشىمدا پادىشاھ-سۇلتانلاردىن، دىنىي بۈزرۈكۋارلاردىن كۆرە ئۆيدە كۆپرەك دۇنياۋى يازغۇچىلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېرىدىغان دادامنىڭ ھەسسىسىنى ئەلۋەتتە ھېچ ئۇنتۇمايمەن. دادامنىڭ خاتىرىلىرىنى مۇشۇلارنى ۋە ئۇنىڭ ئالىي كۇتۇپخانسىىغا قانچىلىك قەرزدار ئىكەنلىكىمنى ئويلاپ بولسىمۇ ئوقۇپ چىقىشىم، بىز بىلەن بىللە ئۆتكەن مەزگىللەردە ئۇنىڭ ماڭا ئوخشاش بىر ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ، كىتاب ۋە خىياللار بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇش-بولماسلىقى، يازغانلىرىدا ئەدەبىيلىكنىڭ قانچلىكىلىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي ئۇلارغا دىققەت قىلىپ قويۇشۇم كېرەك ئىدى. ئەمما، نەق مۇشۇنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدىغانلىقىنى ھەرقېتىم دادامنىڭ چامادىنىغا پەرىشان باققىنىمدا ھېس قىلاتتىم. دادام بەزىدە كۇتۇپخانىسىنىڭ ئالدىدىكى كرېسلودا سوزۇلۇپ ئولتۇرۇپ، قولىدىكى كىتاب ياكى ژۇرنالنى تاشلاپ قويۇپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن خىياللارغا غەرق بولاتتى. ئادەتتە بىز بىلەن كۈلۈپ-چاقچاقلىشىپ، بەزىدە چېقىشىپ ۋە ئانچە-مۇنچە ئاچچىقلاپمۇ قويىدىغان دادامنى بۇ چاغدا باشقىچە بىر خىيالچانلىق قوينىغا ئالاتتى.
    بولۇپمۇ بالىلىق ۋە ياشلىق بوسۇغىسىدىن يېڭى ئاتلىغان مەزگىللىرىمدە دادامنىڭ سىقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم ھەم ئەنسىرەيتتىم. ئەمدى شۇنچە يىللاردىن كېيىن بۇ سىقىلىشنىڭ ئىنساننى يازغۇچى قىلىدىغان ئاساسلىق تۈرتكىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋاتىمەن. كىتابلارنى ئۆزىنىڭ خاراكتېرى بىلەن ئوقۇغان، پەقەتلا ئۆز ۋىجدانىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، باشقىلارنىڭ كۆزقاراشلىرى بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىشقان ۋە كىتابلىرى بىلەن مۇڭدىشىپ ئۆزىنىڭ ئىدىيە ئالىمىنى قۇرۇپ چىققان ھۆر، مۇستەقىل يازغۇچىنىڭ تۇنجى بۈيۈك ئۆرنىكى زامانىۋى ئەدەبىياتنىڭ باشلامچىسى مۇنتىيىنى ئىدى. دادامنىڭ قايتا-قايتا ئوقۇيدىغىنى ۋە ماڭىمۇ ئوقۇپ چىقىشنى تاپىلايدىغىنى مۇنتىيىنىڭ ئەسەرلىرى ئىدى. 
    دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسا بولسۇن، مەيلى شەرق ياكى غەربتە، ئۆزۈمنى ئەتراپتىكىلەردىن ئايرىلىپ، كىتابلىرى بىلەن بىر ئۆيگە بېكىنىۋالىدىغان يازغۇچىلار ئەنئەنىسىنىڭ بىر پارچىسى دەپ ئويلاشنى ياخشى كۆرىمەن. ماڭا نىسبەتەن ھەقىقىي ئەدەبىياتنى يارىتىشنى ئىستىگەن ئادەم كىتابلىرى بىلەن بىللە ياشايدىغان ئادەمدۇر. مېنىڭچە، ئۆزىمىز بېكىنىۋالغان ئۆيدە ئۇنچىلىكمۇ غېرىبسىنىپ كەتمەيمىز. بىزگە ئەڭ ئاۋۋال باشقىلارنىڭ سۆزلىرى، ھېكايىلىرى ۋە كىتابلىرى، يەنى «ئەنئەنە» دېگەن نەرسە ھەمراھ بولىدۇ. كىتابلىرى بىلەن بىر ئۆيگە بېكىنىۋالغان ۋە ئالدى بىلەن ئىچكى سەپەرگە ئاتلانغان يازغۇچى ئۇ يەردە يىللار بويى مۇنەۋۋەر ئەدەبىياتنىڭ ۋاز كېچىلمەس قائىدىلىرىنى يارىتىدۇ: ئەدەبىيات ئۆزىمىزنىڭ ھېكايىلىرىنى باشقىلارنىڭكىدەك، باشقىلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئۆزىمىزنىڭكىدەك كۆرۈپ بايان قىلىش سەنئىتىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز باشقىلارنىڭ ھېكايىلىرى ۋە كىتابلىرىدىن يولغا چىقىمىز.
    دادامنىڭ بىر يازغۇچىغا يېتىپ ئېشىپ قالغۇدەك دەرىجىدە مول، مىڭ بەش يۈز كىتابلىق ياخشى بىر كۇتۇپخانىسى بار ئىدى. يىگىرمە ئىككى ياش چاغلىرىمغىچە بۇ كۇتۇپخانىدىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولالمىغان بولساممۇ، ئەمما پۈتۈن كىتابلارنى تونۇيتتۇم. قايسىسىنىڭ مۇھىم، قايسىسىنىڭ بوش، قايسىسىنىڭ كلاسسىك، قايسىسىنىڭ دۇنيانىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، قايسىسىنىڭ يەرلىك تارىخنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان، ئەمما قىزىقارلىق بىر گۇۋاھچىسى، قايسىسىنىڭ دادام ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىر فرانسۇز يازغۇچىسىنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. بەزىدە بۇ كۇتۇپخانىغا يىراقتىن قاراپ ئۆزۈمنىڭمۇ بىر كۈنى ئايرىم بىر ئۆيدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر كۇتۇپخانامنىڭ، ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنىڭ بولۇشىنى، كىتابلاردىن ئۆزۈمگە بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. دادامنىڭ كۇتۇپخانىسىغا يىراقتىن باققىنىمدا، ئۇ بەزىدە ماڭا دۇنيانىڭ كىچىكلىتىلمىسىدەك تۇيۇلاتتى. ئەمما، بىزنىڭ نۇقتىمىزدا-ئىستانبۇلدا تۇرۇپ كۆرۈۋاتقان بىر دۇنيا ئىدى، بۇ كۇتۇپخانىمۇ بۇنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. دادام بۇ كۇتۇپخانىنى چەت ئەلدىن، بولۇپمۇ پارىژ ۋە ئامېرىكىدىن ئەكەلگەن كىتابلار، ياشلىقىدا، يەنى 40-50-يىللار ئىستانبۇلدىكى چەت ئەل تىلىدىكى كىتابلارنى ساتىدىغان دۇكانلاردىن ئالغان ھەمدە ئىستانبۇلدا مەن تونۇيدىغان بارلىق كونا-يېڭى كىتابپۇرۇشلاردىن ئالغان كىتابلىرى بىلەن قۇرۇپ چىققانىدى. مېنىڭ دۇنيايىم يەرلىك، مىللىي بىر دۇنيا بىلەن غەرب دۇنياسىنىڭ ئارىلاشمىسى ئىدى. 1970-يىللاردىن باشلاپ مەنمۇ مەقسەتلىك بىر شەكىلدە ئۆز كۇتۇپخانامنى قۇرۇشقا باشلىدىم. يازغۇچى بولۇشقا رەسمىي بەل باغلىمىغان بولساممۇ، «ئىستانبۇل» دېگەن كىتابىمدا يازغىنىمدەك، شۇ چاغلاردا رەسسام بولالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدىم. ئەمما، يەنە ھاياتىمنىڭ قانداق بىر يولغا چۈشىدىغانلىقىنى بىلەلمەي يۈرۈۋاتاتتىم. ئىچىمدە بىر ياقتىن ھەممە شەيئىگە بولغان بېسىپ بولماس بىر ئىشتىياق ۋە ئىنتايىن ئۈمىدۋار ئوقۇپ، ئۆگىنىپ بىلىۋېلىش تويمىغۇرلۇقى بار ئىدى؛ بىر ياقتىن بولسا ھاياتىمنىڭ مەلۇم بىر جەھەتتىن «چالا» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، باشقىلاردەك ياشىيالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلاتتىم. بۇ تۇيغۇمنىڭ بىر قىسمى خۇددى دادامنىڭ كۇتۇپخانىسىغا نەزەر تاشلاۋېتىپ ھېس قىلغىنىمغا ئوخشاش مەركەزدىن يىراقلىشىش تۇيغۇسى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ئاشۇ يىللاردا ھەممىمىزگە ھېس قىلدۇرغان مۇساپىرلىق تۇيغۇسىغا باغلىق ئىدى. ھاياتىمنىڭ چالا بولۇپ قالىدىغانلىقىدىكى يەنە بىر ئەندىشەم مەيلى رەسسام ۋە مەيلى ئەدەبىياتچى بولسۇن، سەنئەتكارنىڭ ئانچە قەدرىنى قىلمايدىغان ھەمدە ئۈمىدمۇ ئاتا قىلالمايدىغان بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقانلىقىمنى تولۇق ھېس قىلىپ يېتىشىم ئىدى.
    1970-يىللار خۇددى ھاياتىمدىكى بۇ چالىلىقلارنى تولۇقلايدىغاندەك تويمىغۇرلۇق بىلەن ئىستانبۇلنىڭ كونا كىتابپۇرۇشلىرىدىن دادام بەرگەن پۇلغا سارغىيىپ كەتكەن، ئوقۇلغان، توپا باسقان كىتابلارنى سېتىۋېلىشقا باشلىدىم. بۇ كىتاب دۇكانلىرى بىلەن يول بويلىرىدا، مەسچىت يوللىرىدا، يىقىلغان تاملارنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرغان كىتابپۇرۇشلارنىڭ يوقسۇل، بىسەرەمجان ۋە كۆپىنچە ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان پەرىشان ھاللىرى ماڭا ئاشۇ كىتابلاردىكىدەك تەسىر قىلاتتى. 
    ئالەمدىكى ئورنۇم ھەققىدە توختالسام، تۇرمۇشتىكىگە ئوخشاش ئەدەبىياتتىمۇ ئاشۇ يىللاردا مېنى چىرمىۋالغان ئاساسلىق تۇيغۇ «مەركەزدە بولماسلىق» تۇيغۇسى ئىدى. دۇنيانىڭ مەركىزىدە بىزنىڭكىدىنمۇ مول ۋە جەلپكار بىر ھايات بار ئىدى. مەن، ئىستانبۇللۇقلار ۋە پۈتۈن تۈركىيىلىكلەر ئۇنىڭ تېشىدا ياشايتتۇق. بۈگۈن بۇ تۇيغۇنى دۇنيانىڭ زور بىر قىسمى بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن. شۇنىڭغا ئوپئوخشاش بىر دۇنيا ئەدەبىياتى بولۇپ، ئۇنىڭ مەندىن ناھايىتى ئۇزاقتا بىر مەركىزى بار ئىدى. ئەسلىدە ئويلىغىنىم دۇنيا ئەدەبىياتى ئەمەس، غەرب ئەدەبىياتى ئىدى. بىز تۈركلەر بۇنىڭمۇ تېشىدا ئىدۇق. دادامنىڭ كۇتۇپخانىسىمۇ بۇنى قۇۋۋەتلەيتتى. بىر تەرەپتە بىزنىڭ خېلى كۆپچىلىكنى ئىگىلەيدىغان ھەم ئايرىم بىر قىسىم مەن سۆيگەن ۋە ۋاز كېچەلمەيدىغان يەرلىك دۇنيايىمىز، ئىستانبۇلنىڭ كىتابلىرى ۋە ئەدەبىياتى بار ئىدى. يەنە بىر تەرەپتە ئۇنىڭغا ھېچ ئوخشىمايدىغان، ئوخشىماسلىقى بىزگە ئازاب ھەم ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن غەرب دۇنياسىنىڭ كىتابلىرى ئىدى. يېزىش ۋە ئوقۇش گويا بىر دۇنيادىن چىقىپ يەنە بىر دۇنيانىڭ ئۆزگىچىلىكى، ئاجايىپلىقى ۋە قالتىسلىقى بىلەن تەسەللى تېپىش ھېسابلىناتتى. بەزىدە دادامنىڭمۇ كېيىنكى چاغلاردا قىلغىنىمغا ئوخشاش ئۆزى ياشاۋاتقان ھاياتتىن غەربكە قېچىش ئۈچۈن رومان ئوقۇيدىغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم ياكى كىتابلار ئۇ چاغلاردا ماڭا بۇ خىل تۈرلۈك مەدەنىي ئۆكسۈكلۈكلەرنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىز سېغىنىۋاتقان بىر نەرسىدەك تۇيۇلاتتى. پەقەت ئوقۇشلا ئەمەس، يېزىشمۇ ئىستانبۇلدىكى دۇنيايىمىزدىن ئايرىلىپ غەربكە بېرىپ كېلىشكە ئوخشاش بىر ئىش بولۇپ قالغانىدى. دادام چامادىنىدىكى خاتىرىلەرنى توشقۇزۇش ئۈچۈن پارىژغا كېتىپ مېھمانخانىغا بېكىنىۋالاتتى ۋە ئاندىن يازغانلىرىنى ئېلىپ تۈركىيىگە قايتىپ كېلەتتى. بۇنىڭمۇ مېنى قىيناۋاتقانلىقىنى ھەرقېتىم دادامنىڭ چامادىنىغا قارىغىنىمدا ھېس قىلاتتىم. تۈركىيىدە يىگىرمە بەش يىل يازغۇچى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنى بىر ئۆيگە سولىغاندىن كېيىن، يازغۇچىلىقنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك يېزىش ئۈچۈن ئۇنى جەمئىيەت، دۆلەت ۋە مىللەتتىن يوشۇرۇن قىلىشىمىز كېرەك بولىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاچقا، دادامنىڭ چامادىنىغا قاراۋېتىپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى. بەلكىم كۆپىنچە مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، دادامنىڭ يازغۇچىلىقنى مەنچىلىك جىددىيگە ئالمايدىغانلىقىغا ئاچچىقىم كېلەتتى.
    ئەسلىدە دادامنىڭ ماڭا ئوخشاش ياشىمىغانلىقىدىن، ھېچبىر نەرسىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتمەستىن جەمئىيەتنىڭ ئىچىدە، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە ياخشى كۆرگەنلىرى بىلەن كۈلۈشۈپ، خۇشال-خۇرام ياشىغانلىقىدىن ئاچچىقىم كېلەتتى. لېكىن، «ئاچچىقىم كېلەتتى» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «قىزغانغۇم كېلەتتى» دېيىشىم كېرەكلىكىنى ۋە بۇ سۆزنىڭ تېخىمۇ توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئەقلىمنىڭ بىر بۇرجىكىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ پەرىشان بولۇپ قالاتتىم.


    تەھرىرلىگۈچى: ئىمىرھەسەن مەخمۇت
    تەڭرىتاغ ژورنىلى 2007-يىللىق 1-ساندىن ئېلىندى

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-25 9:06:18]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.