رېلكى ئۈزۈندىلىرى

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-15 22:35:57

يېگانە ئادەمرىلكى (گېرمانىيە)ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى  بەزىلەر ھەمىشە ئۆز گېپىنى يورغىلاتقان ھالدا يېگانە ئادەمنى گەپنىڭ تېمىسى قىلىۋېلىشىدۇ. قانداق ئادەم يېگانە ئادەم دەپ ئاتىلىدۇ؟ بۇ مەسى...

    يېگانە ئادەم

    رىلكى (گېرمانىيە)
    ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى



       بەزىلەر ھەمىشە ئۆز گېپىنى يورغىلاتقان ھالدا يېگانە ئادەمنى گەپنىڭ تېمىسى قىلىۋېلىشىدۇ. قانداق ئادەم يېگانە ئادەم دەپ ئاتىلىدۇ؟  بۇ مەسىلىگە نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى كۆڭلىڭىزگە بولغانسىز ئېھتىمال، لېكىن ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. چۈنكى يېگانە ئادەمنى بىز زادى كۆرۈپ باقمىغان. دۇنيادىكى ئادەملەر يېگانىلىقنىڭ ماھىيەتلىك مەنىسىنى تۈپتىن چۈشەنمەيدۇ، يېگانە ئادەملەرگە ھەدەپ نەپرەتلىنىدۇ، خالاس.
    يېگانە ئادەم بىچارە ئۆتكەن ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا گۇرۇھ بولۇۋېلىپ زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىدىغان يامان بالىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان، ئەگەر ئۇ ئوڭۇشلۇق چوڭ بولالىغان بولسا چوڭلارنىڭمۇ نەپرىتىگە ئۇچرايتتى. چوڭلار گويا ئوۋ غەنىمەتلىرىنى سېزىۋالغانغا ئوخشاش، مەلۇم جايدا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ئۇنىمۇ سېزىۋالالايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ياشلىق دەۋرىدە تېخىمۇ  چەكلەنگەن قاتارغا كىرەلەيدۇ. لېكىن شۇنىڭلىق بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالمايدۇ. مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ چىقالايدىغانلا بولسا، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق مۇھىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئەيىبلەيدۇ ھەمدە ئۇنى رەزىل ۋە ناچار بولغان گۇمانلىق ياشاش مۇھىتى دەپ ئاتايدۇ. بەزى چاغلاردا ئۇ توغرىدا يەنە يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچى دەيدىغان يامان غەرەزلىك ئوبزور بىشەملىك بىلەن تارقىلىدۇ - دە، ئۇ كېتىپ تۇرۇشىغا باشقىلار ئۇنىڭغا تاش ئېتىشىدۇ. كىشىلەرنىڭ قەدىمىي تەبىئىي تۇيغۇسى توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئەمەلىيەتتە يېگانە ئادەم كىشىلەرنىڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ.
    لېكىن ئۇ خىزمەتكە بېرىلىپ كېتىپ كۆزلىرىنىمۇ ئۈستۈن قىلالماي تۇرغاندا، كىشىلەر ھېچنەرسىنى ئاڭقىرالماي قالىدۇ. نەتىجىدە، كىشىلەر ئاخىر ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان خىلمۇخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ تېخىمۇ يېگانە بولۇپ قېلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار پايپېتەك بولۇپ دەرھال ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىپ، ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى ئۇسۇلىنى ۋە ئاخىرقى كوزىرىنىمۇ ئىشقا سېلىشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ باشقىچە بىر خىل قارشىلىق كۆرسىتىش، يەنى نام - ئابرۇي بولىدۇ. چۈنكى يېگانە يۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دىققىتىنى چېچىۋېتىپ، خىزمەتتىن باش كۆتۈرۈپ، بۇنداق ئابرۇي ئېلىپ كەلگەن پاراكەندىچىلىكلەرگە قاراپ باقىدۇ - دە.



                    يۈز

        مەن ئۆزۈم كۆرگەن ھەننىۋا شەيئىنى چۈشىنىۋېلىشنى ئۆگەندىم ھەمدە تاڭ سەھەردە كۆزۈمنى ئاچقان چاغدىن باشلاپلا بۇ ئىشىمنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. بەزى چاغدا كۆڭلۈم سەل بىئارام بولسىمۇ قىلچە زېرىكمەستىن ئۆگىنىپ كېلىۋاتىمەن.
    بۇ دۇنيادا بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان قانچىلىك يۈز باردۇ؟ بۇ تېخى مەن ھازىرچە بىلىشنى خالىمايدىغان مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. دۇنيادا بىرقانچە مىليارد ئاھالە بار، يۈز دېگەن جەزمەن ئاھالىنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ. چۈنكى ھەربىر ئادەمنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان بىرقانچە يۈزى بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ دۇنيادا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئوخشاشلا بىر خىل يۈز بىلەن يۈرىدىغان ئادەممۇ بار، بۇ يۈزلەر زەخىملەنگەن، بۇلغانغان، ھەتتا قورۇق چۈشكەنلىرى گويا ساياھەتكە چىققاندا ئېلىپ يۈرگەن ساياھەت سومكىسىغا ئوخشاش ھەمىشە يېرىلىپ تۇرىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ھەمىشە يېتىشمەي قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىدۇ، بۇنداق ئادەم ئىقتىسادچىل، ساپ ئادەملەر قاتارىغا كىرىدۇ.
    ۋەھالەنكى، بۇنداق قىلىشنى ياقتۇرمايدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈزلىرىنى قانچە - قانچە قېتىملاپ ئۆزگەرتىپ، كىشىگە تېررورلۇق تۇيغۇسى بېرىپ قويىدۇ. ئۇ تېخى قىرىق ياشقا كىرمىگەن ياكى قىرىق ياشقا كىرىپ قالغان چاغدا كاللىسىدىكى يۈزى ئۇنىڭ ئاخىرقى يۈزگە ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ، يەنە ئالماشتۇرۇۋېلىشقا يۈزىمۇ قالمىغان بولىدۇ. بۇمۇ تراگېدىيە ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.
       لېكىن ئۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ يۈزلىرىگە ئېتىبار بېرىشكە ئادەتلەنمىگەن، ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى يۈزىمۇ بىر ھەپتىگە قالماي زەخىملىنىدۇ، ئويۇلۇپ قالىدۇ، ھەممە يېرى قەغەزدەك نېپىزلاپ كېتىدۇ. ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەندە، گىرىم قىلغۇدەك تېرىسىمۇ قالمىغاندىن كېيىن يۈز دېگىلىمۇ بولمايدىغان يالىڭاچ گۆشتەك بىر نەرسىگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۇلار بۇنداق يۈزى بىلەن ھېچقانداق يەرگىمۇ بارالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ - دە، ھەر كۈنى ئۆيىدىلا تۇرۇپ ئۆز ئورنىدا ھەدەپ يەرگە تېپىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر رىلكى ياسىن ھاۋازى