ئادىمىيلىك مۈلكى(تاھىر مەلىك)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-12 01:58:33

ئادىمىيلىك مۈلكىتاھىر مەلىك(ئۆزبېكىستان) جەمئىيەتنىڭ گۆھىرى ئائىلىنى ئىخچامغىنا بىر جەمئىيەت دەپ پەرەز قىلساق، پۈتكۈل ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ دەخلىسىزلىكى ئەنە شۇ «جەمئىيەتچە»نىڭ جىپسىلىقىغ...

    ئادىمىيلىك مۈلكى
    تاھىر مەلىك(ئۆزبېكىستان)


       جەمئىيەتنىڭ گۆھىرى ئائىلىنى ئىخچامغىنا بىر جەمئىيەت دەپ پەرەز قىلساق، پۈتكۈل ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ دەخلىسىزلىكى ئەنە شۇ «جەمئىيەتچە»نىڭ جىپسىلىقىغا باغلىق. دېمەك، قايسىبىر جەمئىيەتتىكى ئائىلىلەر مۇستەھكەم بولمىسا، بۇنداق جەمئىيەت قانچىلىك ھەربىي كۈچى ۋە بايلىقى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھالاكەتكە يۈزلەنگۈسىدۇر.
       ئائىلىۋى مۇھەببەت ئادەملەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئەڭ مۇستەھكەم مۇھەببەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ كىشىلەر ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىش جەھەتتىن ئادەمنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ھاياتبەخش تۇيغۇسىدۇر. ئۆز ئۆيىدە بەختلىك بولغان كىشىلا ھەقىقىي بەختلىكتۇر. ۋەيرانە ئۆيدىكى بەختسىز كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان جەمئىيەتنىڭ ھالاكەتكە مەھكۇملۇقى شۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھەربىر ئىنساننىڭ ئائىلە ئالدىدا، ئائىلىنىڭ جەمئىيەت ئالدىدا مەسئۇلىيىتى بار. بۇ ئىككى چۈشەنچىنى بىر - بىرىدىن ئايرىماق قىيىن. ئىشق، ئاتا - ئانىغا بولغان مۇھەببەت، ياخشىلىق - رەھىمدىللىك ۋە دوستلار ئارا مۇھەببەتمۇ جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى قاتلىمىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، ئائىلە بۇ ئورۇندا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاددىيراق  قىلىپ ئېيتقاندا، ئائىلىسىدە ھالاۋىتى يوق ئادەمنىڭ ئىش ئورنىدىمۇ ھالاۋىتى بولمايدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ ئىشىدىن بەرىكەت كېتىدۇ، ئۇ ئىشداشلىرى بىلەن قوپال مۇئامىلىدە بولۇشقا باشلايدۇ. ئىشىدىن ئامەت قاچقان، خوجايىنىدىن دەشنام ئىشىتكەن ئادەم ئۆيىگە قايتقىنىدا ئەلىمىنى ئۆيىدىكىلىرىدىن ئالىدۇ. ئەگەر ھاياتىمىزنىڭ ھەممە مەقسەت - مەزمۇنى پەقەتلا ئائىلىدىكى شەخسىي بەختىمىزدىن ئىبارەت بولغىنىدا، شەخسىي بەختىمىز پەقەت ئائىلىدىكى مۇھەببەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقىنىدا ئىدى، ئۇ چاغدا ھايات دېگەن بۇ نەرسە قاپقاراڭغۇ جاڭگالغا ئايلىنىپ قالغان بولاتتى. ئىنسان ئۈچۈن يۈرەكنىڭ مەنىۋى ئالىمىدىن تاشقىرى، ھاياتنىڭ يەنە بىر بۈيۈك ئالىمى - ئىجتىمائىي پائالىيەت ئالىمىمۇ بار. بۇنى ئىنكار قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن چەتلەپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئەھلى كىتابلار ئاللانىڭ بۇ مەسىلىدىكى بۇيرۇقلىرىغا تولىمۇ جىددىي مۇناسىۋەتتە بولۇشقان. پەيغەمبەرلەر ئۈممەتلىرىنى پاك ۋە ھالال ئائىلە قۇرۇشقا ئۈندىگەن. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆتكەن دانىشمەن، پەيلاسوپلارمۇ بۇ مەسىلىنى ئۆزلىرىنىڭ دىققەت - ئېتىبارىدىن  چەتتە قالدۇرمىغان، ئۆتمۈشتىكى ئۇستازلارنىڭ بۇ توغرىدىكى پىكىرلىرى بىز ئۈچۈن ھەمىشە قەدىرلىكتۇر. ئەمما، ئۇلار ئۆز دەۋرىدىكى جەمئىيەت تەلەپلىرىدىن چىقىپ، ئائىلىگە تۈرلۈك - تۈرلۈك تەلەپلەرنى قويۇشقان. مەسىلەن،  20 - ئەسىردە «ئائىلىۋى ھايات ئىنقىلابچىنىڭ غەيرەت - شىجائىتىنى سۇسلاشتۇرىدۇ» دېگەن ئەخمىقانە پىكىر بارلىققا كەلدى ۋە  مەتبۇئاتلاردا ئۈستى - ئۈستىلەپ تەشۋىق قىلىندى؛ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20 -، 30 - يىللىرىدىكى بەدىئىي ئەسەرلەردە ئۆزئارا سۆيۈشكەنلەر توي توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشسا، «ئالدىرىما، ئالدى بىلەن جاھان ئىنقىلابى غەلىبە قىلسۇن!» دەپ ئىنقىلابقا بولغان سادىقلىقىنى نامايەن قىلىشقان. بۇنداق تەنتەكلەرنىڭ قانچىسى جاھان ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى كۈتۈپ، توي قىلماي، ئائىلە لەززىتىنى تېتىماي ئۆتۈپ كەتتى.  ئىسىت، ئۆمۈر! شۇنىڭغا ئوخشىغان ھالەت بىزدىمۇ بار ئىدى. بىرلا ئوخشاشمايدىغان يېرى شۇكى، بىزدىكى ئاشىق - مەشۇقلار تويلىرىنى جاھان ئىنقىلابى غەلىبىسىگىچە سوزۇشمىدى. شۇ چاغلاردا مۇھەببەتلەشكەن يىگىت - قىزلاردىن:«بويلىرىڭغا بويلىرى، قاچان بولۇر تويلىرى؟» دەپ سورىسا، «ئاۋۋال كولخوز پاختا پىلانىنى ئورۇنداپ بولسۇن» دەپ جاۋاب بېرىشەتتى. كولخوز پاختا پىلانىنى ئورۇندىيالىسىغۇ ياخشى، ئورۇندىيالمىسا، بىچارە يىگىت تا كېلەر كۈزگىچە يۇلتۇز  ساناپ، ياستۇقىنى قۇچاقلاپ يېتىۋېرەمدۇ؟ ئەگەر يىگىتنىڭ سۆيگەن قىزى چىرايلىق بولۇپ، بىرەر چەبدەس يىگىت چىقىپ پاختا پىلانىنىڭ ئورۇندىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماي، ئۇنى ئېلىپ كەتسىچۇ؟ «خۇدا ئۇردى» دېگەن شۇ! بۇ ئىش ھازىر بىزگە كۈلكىلىك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئائىلە بىلەن جەمئىيەت مۇناسىۋىتىنى بۇنداق تەلقىن قىلىش پەمسىزلىكنىڭ ئىپادىسى ئىدى. جەمئىيەت مەنپەئىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرامدۇ ياكى ئائىلە مەنپەئىتىمۇ؟ دېگەن سوئالغا كېسىپ جاۋاب بېرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، بەزىدە ئائىلە مەنپەئىتى، بەزىدە بولسا جەمئىيەت مەنپەئىتى ئالدىنقى مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. بەزى ھاللاردا جەمئىيەتنىڭ ئائىلىدىن سورايدىغىنى بولىدۇ، يەنە بەزى ھاللاردا ئائىلىنىڭ جەمئىيەتتىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ بولىدۇ. بۇ ئىككى مەسىلىنى بىر قېلىپقا سېلىش مۇمكىن ئەمەس.
    ئائىلە ئۆز خاھىشى بويىچە مەۋجۇت بولۇشى كېرەكمۇ ياكى جەمئىيەت تەلەپلىرىنى ئورۇنداش كېرەكمۇ؟ ئەگەر ئائىلىنىڭ جەمئىيەت تەلەپلىرىگە بويسۇنغان ھالدا مەۋجۇت بولۇشى شەرت بولسا، ئۇنداقتا ئائىلىنىڭ ھېچقانداق ھەق - ھوقۇقى يوقمۇ؟ بۇ سوئالمۇ ئومۇمىي يوسۇندا ئەمەس، بەلكى كونكرېت ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك. يەنى جەمئىيەت ئائىلىنىڭ پاك بولۇشىنى تەلەپ قىلغانىكەن، ئائىلە بۇ تەلەپكە بويسۇنۇشى شەرت. جەمئىيەت ئائىلىدىن ئاقىل پەرزەنت تەلەپ قىلغانىكەن، دېمەك ئۇ بۇ تەلەپنىمۇ سۆزسىز بېجىرىشى زۆرۈر. لېكىن، بۇ تەلەپلەرنى ھەممە ئائىلە بىر خىلدا ئورۇندىيالمايدۇ. چۈنكى، بارچە ئائىلىنىڭ بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىلىرى، ھايات تەجرىبىلىرى ئۆزگىچە. ھەربىر خەلقنىڭ، ھەتتا ھەربىر مەملىكەتتىكى ھەربىر ۋىلايەت، شەھەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئۆزلىرىگە خاس رەۋىشتە بەلگىلەيدۇ.
    ئۇلۇغ رۇس يازغۇچىسى لېف تولىستوينىڭ «ئاننا كارېننا» دېگەن ئەسىرىگە كۆز تاشلايدىغان بولساق، ئۇنىڭ مۇنۇ قۇرلار بىلەن باشلانغانلىقىنى كۆرىمىز: «بەختلىك ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ، بەختسىز ئائىلىلەرنىڭ بولسا ھەربىرى ئۆزىچە بەختسىزدۇر». بۇ گەرچە ياخشى پەلسەپىۋى پىكىردەك قىلمىسىمۇ، بۇ توغرىدا مۇنازىرە يۈرگۈزۈشكە بولىدۇ. چۈنكى، بەختنىمۇ ھەربىر ئائىلە ئۆزئالدىغا چۈشىنىدۇ. مەسىلەن، ھارام يوللاردىن يانماي باي - باياشات ياشاۋاتقان ئائىلە، ھارامدىن پەرھىز قىلىپ، بارغا قانائەت قىلىپ ياشاۋاتقان قوشنىسىنى بەختسىز  ھېسابلايدۇ. بەختسىز دەپ قارالغان قوشنا بولسا ئۆزىنى بەختلىك دەپ قارىغان قوشنىسىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاپ، ئۇنىڭ بەختسىزلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ. دېمەكچىمىزكى، ئائىلىلەرنىڭ بەختى ۋە بەختسىزلىكىمۇ ئۆزلىرىگە خاس بولۇپ، بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ھەتتا بىر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بەخت توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىدىمۇ پەرق بولىدۇ. ئەر بەختنى ئىلىم ئېلىشتا دەپ بىلسە، ئايال بەختنى ئالتۇن بىلەزۈكتە دەپ ھېسابلايدۇ. قېنى، سىز بارچە چۈشەنچىلەرنى بىر قېلىپقا سالالامسىز؟
    يۇقىرىدا ھەرخىل كىشىلەرنىڭ ئائىلە ۋە بەخت توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرى ئۈستىدە توختالدۇق. گېپىمىزنىڭ نەق ئۆزىگە ئۆتۈشتىن ئىلگىرى كىچىككىنە بىر مىسالغا مۇراجىئەت قىلىمىز.
    لېف تولىستوينىڭ «ئاننا كارېننا» دېگەن ئەسىرىدىكى ئاننا كارېننا ئائىلىسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئابدۇللا قادىرىنىڭ «ئۆتكەن كۈنلەر» رومانىدىكى كۈمۈش بىبىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟
    ئىككى يازغۇچىنىڭ تەسۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئاياللارنىڭ ھەر ئىككىلىسى تولىمۇ گۈزەل، ئىككىلىسىدە مۇھەببەت بار، ھەر ئىككىلىسى مۇھەببەتنىڭ قۇربانى. ھەر ئىككى ئەسەر بۇ ئىككى سۆيۈملۈك گۈزەلنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىرى ۋە ئائىلىگە بولغان ساداقىتى ئوخشاشمۇ؟ ئاننا - ئائىلىلىك جۇۋان تۇرۇقلۇق، يات ئەرنى سۆيىدۇ ۋە ئاقىۋەتتە ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىر گۇناھى ئىككى بولىدۇ. كۈمۈش بىبى - مەسۇمە ئايال بولۇپ، جۈپتى ھالالىغا سادىق، ئۇنى ھەتتا كۈندىشىدىنمۇ قىزغىنىدۇ. بەلكىم ئۇ ئەنە شۇ قىزغىنىش، رەشىك چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەندۇ؟ بۇ ئىككى ئايال ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبچىلىرى - ئاننانىڭ سۆيگىنى (ئېرى ئەمەس) بىلەن كۈمۈش بىبىنىڭ كۈندىشى زەينەپ تەقدىرىدە قانداق يېقىنلىق بار؟ ھېچقانداق! كۈمۈش بىبى، زەينەپلەر تەقدىرىنى ياۋروپالىقلار ھاياتىدىن ئىزدەپ تاپالمايمىز. مۇنۇ ئىككى ئۆلۈمگە دائىر ئىككى بايانغا دىققەت قىلايلى:
    «يېقىندىلا ھاياتى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ئاننانىڭ جەسىتى ئەمدىلىكتە كازارما ئۈستىلىدە يات - يېگانىلەر كۆزى ئالدىدا ئېتىبارسىز بىر رەۋىشتە قانغا مىلىنىپ ياتاتتى، ساق  قالغان چېكىسى، بۈدۈر چاچلىق بېشى ئارقىسىغا تاشلانغانىدى؛ گۈزەل چېھرىدە، يېرىم يۇمۇق قىزغۇچ لەۋلىرىدە ئېچىنارلىق بىر ھالەت قېتىپ قالغان، ئوچۇق كۆزلىرىدە ۋەھىمىلىك بىر ئىپادە بار ئىدى؛ بۇ ئىپادە ۋرونىسكىي بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىنىدا ئۇنىڭغا: <ئالدىرىماڭ، تېخى پۇشايمان قىلىسىز> دېگەن شۇ دەھشەتلىك سۆزنى ئېيتىۋاتقانغا ئوخشايتتى…»
    بۇ باياندىكى «ئاننانىڭ جەسىتى ئېتىبارسىز بىر رەۋىشتە قانغا مىلىنىپ ياتاتتى» دېگەن تەسۋىرگە ئالاھىدە ئېتىبار بەرمەك لازىم. مۇھەببەتنى باھانە قىلىپ ئائىلىگە خىيانەت قىلغان، ئۇياتسىز ھايات كەچۈرگەن ئايالنىڭ جەسىتىمۇ ياتلار كۆزى ئالدىدا ئۇياتسىزلارچە ياتاتتى. بۇ ئۇياتسىزلارچە ياشىغان ھايات ئۈچۈن بېرىلگەن بىر «مۇكاپات» ئەمەسمۇ؟
    ئەمدى تۆۋەندىكى تەسۋىرگە دىققەت قىلايلى:
    «… ھاجى كۈمۈش بىبىنىڭ بېشى تەرەپكە كېلىپ ئولتۇردى. ئاتابېك ۋە ئۇنىڭ ئانىسى كۈمۈش بىبىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ئىدى. كۈمۈش بىبىنىڭ   كۆزلىرى يۇمۇق، چاچلىرى يۈزى ئۈستىدە چېچىلىپ تۇراتتى. ھاجى كۈمۈش بىبىنىڭ چاچلىرىنى قولى بىلەن تۈزەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ كۆكۈچ تاۋلانغان يۈزىنى كۆردى ۋە ماڭلىيىنى سىلىدى …
    - ئايىم … ئايىم! - دېدى ھاجى. كۈمۈش بىبى  كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا بىسەرەمجان قارىدى ۋە ئۇنى تونۇپ  … قوزغالماق بولدى.
    - قوزغالماڭ، ئايىم … قوزغالماڭ!
    كۈمۈش بىبىنىڭ كۆز ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشتى …
    ھاجىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، كۈمۈش بىبىنىڭ ياشلىرىنى ئېرتىپ، بېشىنى سىلىدى:
    - خۇدايىم شىپالىق بەرگەي، بالام!
    كۈمۈش بىبى قەي قىلماقچى بولدى، ئاتابېك كېلىپ قولتۇقلىدى، ھاجىمۇ ئۇنىڭ بېشىنى تۇتتى … بۇ قېتىم قۇسۇق قانغا ئايلانغانىدى. بۇرنىدىنمۇ بىرنەچچە تامچە قان كەلدى … قۇسۇۋېتىپ ئۇنىڭ كۆزلىرى پاللىدە ئېچىلىپ كەتتى ۋە ئەتراپىغا تاقەتسىزلىك بىلەن قارىدى:
    - ئانا، ئاتا - …  دېدى ئۇ، ئارقىدىن، - بېگىم، - دەپ ئىڭرىدى … ئېرىنىڭ يۈزىنى يۈزىگە ياقتى ۋە ئۇيىلىپ كۆزلىرىنى يۇمدى … »
    ئابدۇللا قادىرى قەلىمىگە مەنسۇپ بۇ تەسۋىرلەرنىڭ ھەربىر سۆزىگە دىققەت قىلساق، ئائىلە مەسىلىسىنى چۈشىنىشتە شەرق بىلەن غەربنىڭ چۈشەنچىلىرىدە كەسكىن پەرق بارلىقىنى تەن ئالماي تۇرالمايمىز. بۇنى يۇقىرىدىكى ئىككى پارچە بايانمۇ تەستىقلاپ تۇرۇپتۇ.
    «كۈمۈش بىبى ئېرىنىڭ يۈزىنى يۈزىگە ياقتى ۋە ئۇيىلىپ كۆزلىرىنى يۇمدى…» بۇ ھالەت ئاددىيلا مۇھەببەت تەسۋىرى ئەمەس، بەلكى ئايال كىشىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئېرىنىڭ مەرتىۋىسىگە رىئايە قىلىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر.«ئىسلام دىنىدا ئىنسانغا سەجدە قىلماقلىق يوق. ئەگەر بولغىنىدا ئىدى، ئاياللارنىڭ ئۆز ئەرلىرىگە سەجدە قىلىشلىرىنى بۇيرۇغان بولار ئىدىم» دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسىدە ئايال كىشىنىڭ ئۆز ئېرىگە پۈتۈنلەي ئىتائەت قىلىشى لازىملىقى چۈشىنىلىدۇ.
    ئېرى قايسى چاغدا ئايالىنى يېنىغا چاقىرسا، ئايال ئەلۋەتتە بويسۇنۇشى ۋە ھەرقانداق  ئىش بولسا توختىتىپ، ئېرىنىڭ يېنىغا بېرىشى شەرت. شەرقتىكى ئائىلىلەر ئەسىرلەر بويى شۇ ئادەت بويىچە ياشاپ كەلگەن. بۇ ئادەت بۇزۇلغان چاغدا شۇ ئائىلىدە ئىختىلاپ كۆرۈلگەن، ھازىرقى كۈندە ئاياللىرىمىز ياشلىق قىلىپمۇ ياكى غەربنىڭ تەسىرىدىنمۇ، بۇ ئادەتنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇلار ئېرى چاقىرغاندا «مانا ھازىر» دەپ قويىدۇ - دە، ئۆز ئىشلىرىنى قىلىۋېرىدۇ. ئەگەر بىرەر ئىش بىلەن بەند بولسىغۇ، ئۆزرىلىك سانىلىدۇ، لېكىن تېلېفوندىكى ئۇزۇندىن - ئۇزۇن پاراڭلىرىنى توختاتماسلىقلىرى، تېلېۋىزوردىكى غەربنىڭ ھاياسىز فىلىملىرىدىن كۆز ئۈزگۈسى كەلمەي، مىدىرلىماي ئولتۇرۇشلىرى ئەيىب سانىلىدۇ. بۇ گەپلەرنى ئىچىمدە توقۇپ يېزىۋاتقىنىم يوق، تويلاشقىنىغا ئۇزۇن بولمىغان ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب قىلىپ كۆپىنچە ئاياللارغا شۇ ئەيىب ئارتىلىدىغانلىقىنى جىق ئاڭلىغانمەن. بۇ يەردە «ئۇنداق بولسا، ئەر - خوجايىن، خوتۇن - چۆرە ئىكەن - دە؟» دېگەن پىكىردىن يىراق بولۇش كېرەك. خىزمەت قىلىشنىڭ چۆرىلىك ئەمەسلىكىنى تويدىن  ئىلگىرى قىزلىرىمىزغا ئوبدان چۈشەندۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك. ئەپسۇسكى، بىز قىزلىرىمىزغا توي جابدۇقى توپلاشقا بېرىلىپ كېتىپ، ئەدەپ بايلىقى بېرىشنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز، ئەرنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىنى تۆت - بەش ئەركەك كېڭىشىپ بەلگىلىگەن ئەمەس. بۇ مەرتىۋە ئاللانىڭ ئىرادىسىدۇر: «ئەركەكلەر خوتۇنلىرى ئۈستىدىن (ئائىلە باشلىقى سۈپىتىدە) رەھبەردۇر. بۇنىڭغا سەۋەب ئاللا ئۇلارنىڭ بىرلىرىنى يەنە بىرلىرىدىن (يەنى ئەركەكلەرنى ئاياللاردىن) ئۈستۈن قىلغانلىقى ۋە ئەركەكلەر (خوتۇنلىرى ۋە بالا - چاقىلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرىنىڭ مال - مۈلۈكلىرىدىن سەرپ - خىراجەت قىلىدىغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكىدىندۇر).  ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلىرىدا ئاللانىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرى (يەنى ئەرلىرىنىڭ مال - مۈلكىنى ۋە ئۆز ئىپپىتىنى) ساقلىغۇچىلاردۇر» (نىسا سۈرىسى 34 - ئايەت). قەيەردە ئاللانىڭ بۇ ئىرادىسىگە قارشى چىقىلسا ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنسا، بىلگەيسىزكى، بۇنداق ئائىلىدىن باشتا ئىناقلىق كۆتۈرۈلىدۇ، ئاقىۋەتتە ئەر - خوتۇن ئاجرىشىپ كېتىدۇ. يېڭىدىن تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان بالىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بۇ ئايەتنى بىلىشلىرى كېرەك، چۈنكى بۇ ئايەت كەرىمدە ئەر بىلەن خوتۇننىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ئېنىق بەلگىلەنگەن. شەرىئەت ھۆكمى بويىچە ئەر كىشى ئالدى بىلەن ئائىلىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلىرىگە جاۋابكار، ئائىلىنى ھەرقانداق تاشقى ھۇجۇملاردىن ساقلايدىغان شەخستۇر. مانا شۇلار تۈپەيلى ۋە ئەر كىشى ئۈچۈن پەزىلەت سانىلىدىغان ئېغىر  - بېسىقلىق، ئائىلە چۆرگىلىتىشتىكى تەدبىركارلىق قاتارلىق سۈپەتلەر سەۋەبلىك، ئۇ ئائىلىنىڭ باشلىقى سانىلىدۇ. ياخشى خوتۇن بولسا دىيانەتلىك، ئەرنىڭ ئۆيىنى گۈللەندۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر سادىق بولىدىغان ئايالدۇر.
    پەزىلەتلىك ھەفىسە بىننى ئۇمەر ياخشى خۇلقلۇق فاتىمەدىن سورىدى:
    - سەن نېمە ئۈچۈن ئېرىڭگە بۇ قەدەر ئىتائەت قىلىسەن؟
    ھەزرىتى فاتىمە ئېيتتىكى:
    - مېنىڭ ئېرىمگە بويسۇنۇپ خىزمەت قىلىشىمدىكى مۇراد - مەقسىتىم ئاللا تائالانىڭ رىزاسىغا ئېرىشمەكتۇر. شۇ ئەسنادا ئېرىمنىڭ  دەۋا قىلىدىغان نەرسىسى تۈگەيدۇ، يەنى ئېرىمگە كۆپ خىزمەت قىلمىقىم ئاللا ئۈچۈندۇر. شۇ ھالدا مەن ئېرىمنىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيالىق دەۋاسىنى ئادا ئېتىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئېرىم مېنىڭدىن مەمنۇن بولغۇسى.
    يەنە دېدىكى:
    - بىر خىزمەت بىلەن ئىككى تائەت ئادا بولدى. بىرى، ئاللا رىزالىقى، يەنە بىرى، ئېرىمنىڭ شاد بولغانلىقى. كىشى بىر خىزمەت  بىلەن مۇشۇنداق ئۇلۇغ ساۋابلارغا ئېرىشىدىغان تۇرسا، نېمىشقا ئاللا بۇيرۇغانغا بويسۇنمايدىكەنمەن؟ ھالبۇكى، ئاللاتەئاللا خوتۇنلارنى ئەرلىرىگە بويسۇنماققا بۇيرۇدى.
    دېمەك، ئائىلىدە ئەرنىڭ ئايالغا نىسبەتەن ناھايىتى جىددىي مەسئۇلىيىتى بار. ئايالنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ۋە ئۆي - جاي بىلەن تەمىنلىنىشىگە مەسئۇل ئىكەنلىكلىرىنى ئۇنتۇغان ئايرىم قېرىنداشلىرىمىز باركى، ئۇلارنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىدىغان ۋاقتى كەلمىدىمىكىن؟ قايتا - قايتا ئەسلىتىمىز: ئائىلىنى ماددىي جەھەتتىن تەمىنلەش ئەر كىشىنىڭ ۋەزىپىسى، ھەتتا بىرەر سەۋەب بىلەن ئايال كىشى بالىسىنى ئېمىتىشنى خالىمىسا، ئىنىكئانا تېپىپ بالىنى چوڭ قىلىشمۇ ئەرنىڭ بۇرچىدۇر. ئىسلام دىنى ئائىلىدە مانا شۇنداق بىر تەڭپۇڭلۇقنى بەرپا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەر - خوتۇننىڭ بىر - بىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن. «ئانىلار (بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا بۇيرۇلىدۇ» (بەقەرە سۈرىسى 233 - ئايەت). ئىسلام دىنىدا ئەرلەر كۈچلۈك - قۇۋۋەتلىك بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ ئاياللارنى ئېزىشى - بوزەك قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ ئاياللارنىڭ ئەخلاقسىز، ھاياسىز بولۇشىغىمۇ يول قويمايدۇ. بەزىبىر ئەرلەر دەيدۇكى: «مەن خوتۇنۇمنىڭ ھەققىنى بىلمەيمەن، مەن دېگەن خوجايىن، ئىككى گەپنىڭ بىرىدە ئۇنى سۆكمىسەم، خۇماردىن چىقمايمەن، ئۇرۇپ - دۇمبالاپ تۇرمىسام، قولۇم قىچىشىپ تۇرىدۇ». شۇنداقمۇ؟! سىزگە بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟! مەيلى، ئىستىگىنىڭىزنى قىلىۋېرىڭ. ئەمما، بۇ ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن ئاخىرەتتە ئەلۋەتتە جازاغا تارتىلىدىغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇمىغايسىز. ئاللا بىزنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ: «ئاخىرەتتە كىشى ئۆز ئاغا - ئىنىسىدىن ھەم، ئانىسى، ئاتىسىدىن ھەم، خوتۇن، بالا - چاقىلىرىدىن ھەم قاچۇر» ئەجەبا؟ ئاخىرەتتە  ئەر كىشى نېمىشقا ئۆزىنىڭ خوتۇنىدىن قاچىدۇ؟ بۇنى ئويلاپ كۆرمىدىڭىزمۇ؟ چۈنكى، ئەر پانىي دۇنيادا خوتۇنىنى ناھەق ئۇردى، ئۇنىڭغا توغرا يول كۆرسەتمىدى، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرمىدى … ۋاقتى كەلگەندە، خوتۇن ھەققىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولۇشىغا ئىشەنمىسىڭىز، قانداق قىلغۇڭىز كەلسە شۇنداق قىلىۋېرىڭ. ئاللا ھازىرچە ئىختىيارىڭىزغا قويۇۋېتىدۇ. ئاخىرەتتىچۇ؟ ئاخىرەت دېگىنىمىز شۇنداق كۈنكى، ئۇ چاغدا  دۇنيادا قۇل ئورنىدا ياشىغانلار خوجايىنغا قارىغاندا يۇقىرى دەرىجىگە يېتىشىدۇ؛ بۇ دۇنيادا تېرىسىگە پاتماي كېرىلىپ يۈرگەن جانابلار مەنسىتمىگەن، بىر تىيىنغا تەڭ قىلمىغان، ھاقارەتلىگەن، قۇل ئورنىدا كۆرگەن ئادەمنىڭ شاپائىتىگە موھتاج بولۇپ قالىدۇ؛ خوتۇنى ھەققىگە رىئايەت قىلمىغان ئەرنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئۇنىڭدىن باشقىچە بولمىغاي. «خوتۇنلارنىڭ ھەقلىرىگە رىئايەت قىلىڭلار. ئۇلارغا مېھىر - شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ ھەقلىرى خۇسۇسىدا ئاللاىن قورقۇڭلار، خوتۇنلار سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ بەرگەن ئامانىتىدۇر». پەيغەمبىرىمىزنىڭ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ۋەدا خۇتبسىدە قىلغان بۇ ۋەسىيىتىنى ھەربىر ئەر دائىم دىلىدا ساقلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى شەرت. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلىشتىن ھەربىر كىشى ئۆزىنى ساقلىشى كېرەك دېگەنلىكتۇر.
    مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىغانىدىم، راستمۇ - يالغانمۇ بىلمەيمەن. لولىلارنىڭ قايسىبىر ئۇرۇقىدا توي ۋاقتىدا كۈيئوغۇل گۈلخان ئەتراپىدا ئولتۇرىدىكەن، كېلىن بولغۇسى قىز بوينىغا خۇرجۇن ئېسىۋېلىپ ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ «ئۆلگۈچە سېنى باقىمەن» دەپ قەسەم ئىچىدىكەن. قىز شۇ تەرىقىدە ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ قەسەم ئىچكەندىن كېيىن، كۈيئوغۇل ئۇنىڭ بىلەن تويلىشىشقا رازىلىق بېرىدىكەن. بازارلاردا يوغان - يوغان ئېغىر خالتا - سومكىلارنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن قىز - چوكانلىرىمىزنى كۆرگىنىمدە، شۇ ئادەت ئېسىمگە چۈشىدۇ. بىزدە نىكاھ ۋاقتىدا ئائىلە تەشۋىشى ئەر زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ. ئەگەر ئەر يىراق سەپەرگە ئاتلانسىمۇ، ئائىلە تەمىناتىنى تولۇق قىلىپ مېڭىشى كېرەك. ئاياللارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن تالا - تۈزدە قاتراپ يۈرۈشلىرى ئەرلەر ئۈچۈن بىر ئۇيات بولسا، تىجارەت مەقسىتىدە ئاياللىرىنى يات يۇرتلارغا ناتونۇش ئەرلەر بىلەن ئەۋەتىش مىڭ ئۇيات! تىجارەت مەقسىتىدە چەت ئەللەرگە بارغان ئاياللىرىمىز توغرىسىدا مىش - مىش گەپلەر تولا. بىز ئۇلارغا بەكمۇ ئىشىنىپ كەتمەيمىز. ئەگەر شۇنداق دېسەك، پاك ئاياللىرىمىزغا تۆھمەت قىلغان بولىمىز. ئەگەر ئۇلار رىزق ئىزدەپ يىراق يۇرتلارغا بارماسلىق ۋە نامەھرەم يۈرمەسلىك ھەققىدىكى بۇيرۇقلارغا ئەمەل قىلغىنىدا، ئۆزلىرى توغرىسىدا ئورۇنسىز گەپ - سۆزلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول قويمىغان بولار ئىدى. بىزنى رەنجىتىدىغىنى ئاياللىرىمىز ياقا - يۇرتلاردا مۇساپىرلىقتا قىينىلىپ، ئېغىر يۈكلەرنى كۆتۈرۈپ، يول ئازابى - گۆر ئازابىنى تارتىپ يۈرسە، ئەرلىرىمىزنىڭ ئەرلىك بۇرچىنى ئادا قىلماي چايخانىلاردا ئاشخورلۇق قىلىپ يېتىشلىرىچۇ، تېخى!ئۇلارغا لەنەتلەر بولسۇن!
    ئۆتكەن ئەسىردە ياۋروپا ئەللىرىدە ئەر - ئاياللار باراۋەرلىك مەسىلىسى كۆتۈرۈلدى، سوۋېت جەمئىيىتى بۇنىڭغا ئالاھىدە ئېتىبار بەردى. ئەمما، ئاياللارنى ئەرلەر بىلەن باراۋەر قىلىمىز دەپ، ئۇلارنى چۆرىلەردىنمۇ بەتتەر ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشتى. باراۋەرلىك دېگىنى ئەر نېمە ئىش قىلسا، ئايالمۇ شۇنى قىلسۇن، دېگىنى ئەمەس. شۇ چاغلاردا ئەرلەر قۇرۇلۇشتا تام قوپۇرسا ئاياللارمۇ تام قوپۇردى، ئەرلەر بېتون قۇيسا، ئاياللارمۇ شۇنى قىلدى، ئەرلەر تراكتور ھەيدىسە، ئاياللارمۇ ھەيدىدى. بۇ ئۇچىغا چىققان ئىنسابسىزلىققۇ ئۆزى! ياۋروپادا كۆتۈرۈلگەن مەسىلە باشقىچە ئىدى. ئۆتكەن ئەسىرلەردە زاۋۇتتا   ئوخشاش بىر ئىشنى قىلغان ئەرگە كۆپرەك، ئايالغا بولسا ئازراق ھەق بېرىلگەن، ئاياللارنىڭ خەلقئارا ھەرىكىتى ھەق تۆلەشتىكى باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلغانىدى. ئەپسۇسكى، باراۋەرلىكنى ناتوغرا چۈشىنىش ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.
    ئەگەر دىققەت بىلەن كۆزەتسەك، بۈگۈنكى جەمئىيەتلەردە ئادالەتلىك مۇۋازىنەت - تەڭپۇڭلۇقلار بۇزۇلماقتا. غەربتە ئاياللار ئۆتە ئەخلاقسىز، ھاياسىز بولۇپ  كېتىشكەن. يۈز يىل ئىلگىرى ئانناكارېنناغا ئوخشاشلار بارماق بىلەن سانىغۇدەك بولسا، ئەمدىلىكتە ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.  بۇنداق ھالەتلەرنى غەرب ئەللىرىدە ساياھەتتە بولغانلار ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشتى. غەرب كىنو  - فىلىملىرىدىكى ھاياسىز كۆرۈنۈشلەرمۇ بۇ پىكرىمىزنى ئىسپاتلايدۇ. غەرب ئاياللىرى ئۆزلىرىنى ئەرلەر بىلەن تەڭ ھوقۇقلۇقمىز دەپ سانىشىدۇ. ئىسلام دىنىدا ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى مۇۋازىنەت ۋە ئادالەت بىلەن بەلگىلەنگەن. بۇ مۇۋازىنەت بۇزۇلغان جەمئىيەتلەردە «ئەركىن مۇھەببەت» دېگەن ئەخمىقانە چۈشەنچە تۇغۇلدى. بۇ چۈشەنچە بويىچە، ئۇ يەرلەردە ئەر - ئاياللار بىللە ياشاۋېرىدۇ. ئەمما، خوتۇن كۆڭلى خالىغان ئەركەك بىلەن، ئەرمۇ كۆڭلىگە ياققان خوتۇن بىلەن زىنا قىلىۋېرىدۇ. ئەگەر بالا تۇغۇلسا، ئۇنىڭ قايسى ئەردىن تۇغۇلغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئىرسىيەتشۇناسلىق مۇتەخەسسىسلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشىدۇ. بۇمۇ ئازدەك، يەنە ئەركەك بىلەن ئەركەكنىڭ، ئايال بىلەن ئايالنىڭ نىكاھلىنىشىنى رەسمىيلەشتۈرۈش باشلاندى ۋە بۇ ھايۋاندىنمۇ ئۆتە قوشۇلۇشنى  مۇقەددەس نام «ئائىلە» دەپ ئاتاشماقتا. ئىسلام دىنىمىزنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت توغرىسىدا ناھايىتى ئىلغار تەۋسىيىلىرى بار. بىرىنچىدىن، نىكاھ سۈننەت ۋە ساۋابتۇر. نىكاھلانغان كىشىلەرنىڭ ساۋابى كۆپىيىدۇ. ئۆيلەنگەن كىشى ئۆيىگە بىر ھەسسە يېگۈلۈك ۋە ئىچكۈلۈك ئېلىپ كەلسە، ئۇنىڭغا يەتتە ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ. ئۆي چۆرگىلىتىش ئۈچۈن قىلىنغان سەرپ - خىراجەتلەر بەدىلىگەن كاتتا ساۋاب بېرىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ  مۇشۇ توغرۇلۇق سۆزلىگىنىدە ساھابىلەر: «يا رەسۇلۇللاھ، بىز نەپسىمىزنىڭ، شەھۋىتىمىزنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىمىز، بۇ ئىشتىنمۇ ساۋاب تاپمىزمۇ؟» دەپ سوراشتى، پەيغەمبىرىمىز جاۋاب بەردىكى: «ئەلۋەتتە! شۇنداق قىلمىساڭلار، گۇناھ يولى بىلەن قاندۇرۇشىڭلار مۇمكىن … شۇڭا، نىكاھلانغىنىڭلارنىڭ ئۆزىمۇ ساۋابتۇر.»
    ئىسلام دىنىدا ئىنسان تەبىئىتىگە، فىترەتىگە، يارىتىلىشىغا تولىمۇ ئۇيغۇن بىر ھەرىكەت بار. ئىسلام دىنىدا ئەرنىڭ خوتۇنى قېشىغا ئۇزاق مۇددەت يېقىنلاشماسلىقىمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى ئايالنىڭمۇ جىنسىي ئىستىكى بار، ئۇنىڭمۇ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش كېرەك، دېگەن مەنىدە ئادالەتلىك بولۇشقا چاقىرىدۇ. شۇڭا، ئىسلام دىنىدا شەرئى جىنسىي مەسىلىگە ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنى ھەرگىزمۇ ئەيىب سانالمىغان. بىزدە ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىغا دەل ئاشۇ جىنسىي مۇناسىۋەتلەردىكى يېتىشمەسلىكنىڭمۇ سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكى زادىلا تىلغا ئېلىنمايدۇ. بۇ ھالنى ئېيتىش ئەيىب سانىلىدۇ.
    شەئبىي (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئېيتىدۇكى:
    «بىر ئايال ھەزرىتى ئۇمەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئەي ئەمىرۇل مۆئمىن، سىزگە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغىلى كەلدىم. ئۇ شۇنداق كىشىكى، ياخشى ئەمەللەر جەھەتتە ئۇنىڭغا يېتىدىغانلار ئاز. كېچىلىرى تاڭغىچە ناماز ئوقۇيدۇ ۋە كۈندۈزلىرى دائىم روزا تۇتىدۇ،- دېگەندىن كېيىن ئۇيىلىپ، ئەسلىدە دېمەكچى بولغان گېپىنى دېيەلمىدى ۋە، - ئەي مۆئمىنلەرنىڭ ئەمرى مېنى كەچۈرۈڭ، - دېدى.
    - ياخشى، - دېدى ھەزرىتى ئۇمەر، - ئاللا سەندىن رازى بولسۇن. سەن ئۇ ئادەمنى تولىمۇ ياخشى سۈپەتلەر بىلەن ماختىدىڭ. ئۇ كىشى توغرىسىدا بۇنىڭدىن ئارتۇق بىرەر نەرسە دېيىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق.
    ئايال چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، كەئىب ئىبنى سور دېدى:
    - ئەي ئەمىرۇل مۆئمىن، ئايال ئۇيىلىپ، شىكايىتىنى ئېيتالمىدى.
    - ئايالنىڭ قانداق شىكايىتى بار ئىكەن؟
    - ئايال ئېرى ئۈستىدىن زەۋجىيەت (ئەر - خوتۇنلۇق) ھەق - ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلمايۋاتىدۇ، دەپ شىكايەت قىلماقچى ئىدى.
    ھەزرىتى ئۇمەر بۇ گەپنى ئىشتكەندىن كېيىن  ئايالنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭ ئېرىنى چاقىرىپ كەلگەندىن كېيىن، كەئىبكە:
    - بۇلارنىڭ ئارىسىدا سەن ھەكەملىك قىلغىن، - دېدى.
    - سىز تۇرغان يەردە مەن قانداق ھەكەملىك قىلىمەن؟
    - مەن چۈشەنمىگەن نەرسىگە سېنىڭ ئەقلىڭ يەتتى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ شىكايىتىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ھۆكۈم قىلماق سېنىڭ ھەققىڭدۇر، - دېدى خەلىفە.
    شۇنىڭ بىلەن كەئىب ھېلىقى كىشىگە دېدى:
    - ئاللا سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئەرلەرگە خىتابەن:«ئەگەر يېتىملەرگە ئادالەتلىك قىلالماسلىقتىن قورقساڭلار، سىلەر ئۈچۈن <نىكاھى> ھالال بولغان ئاياللاردىن ئىككىسىگە، ئۈچىسىگە، تۆتىسىگە ئۆيلىنىڭلار» دەپ مەرھەمەت قىلغىنىغا قارىغاندا، سەن كۆپ بولغاندا ئۈچ كۈن (نەفىل) روزا تۇتساڭ بولىدۇ. تۆتىنچى كۈنى تۇتماسلىقىڭ كېرەك ۋە كۆپ بولغاندا ئۈچ كېچە - كۈندۈز ئىبادەت قىلساڭ بولىدۇ، تۆتىنچى كېچىسى ئايالىڭنىڭ يېنىدا يېتىشىڭ كېرەك.
    ئەر - خوتۇنلار كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئۇمەر كەئىبكە:
    - سېنىڭ تاپقاقلىقىڭ بايىقىدىنمۇ گۈزەل بولدى، - دېدى ۋە ئۇنى بەسرە شەھىرىگە قازى قىلىپ تەيىنلىدى».
    بۇ رىۋايەتتە ئاجايىپ بىر گۈزەللىك پارلاپ تۇرىدۇ: ھەزرىتى ئۇمەر ھېلىقى ئەرگە ئۇدۇللا قىلىپ «ئەرلىك ۋەزىپەڭنى ئورۇندا» دەپ ئەمر قىلمىدى ۋە بۇ ئىشنى دانا بۇرادىرىگە تاپشۇردى. كەئىب ھەم بۇ ئىشنى تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن چۈشەندۈردى. چۈنكى، ئۇمۇ «ئىبادىتىڭنى يىغىشتۇرۇپ، خوتۇنۇڭ بىلەن بىللە بول» دېيەلمەس ئىدى.
    ئەگەر ھەممە ئادەمنىڭ خوتۇن ئېلىشتىكى مەقسىتى بىر خىل ئەمەس دېيىلسە، بۇ پىكىر باشتا يوچۇن تۇيۇلۇشى مۇمكىن. بەزىلەر ئەيش - ئىشرەت قىلىش، شەھۋەت نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆيلىنىدىغۇ؟ ئۇلار شۇ نىيەتتە ئەڭ چىرايلىق قىزلارغا ئېرىشمەك ئۈچۈن نى - نى شۇملۇقلارنى قىلمايدۇ، دېيەلەمسىز؟! بۇ شۇملۇقنىڭ ئاقىۋىتىنى بىز «ئائىلە» دېيەلمەيمىز. بەزىلەر باي بولۇش مەقسىتىدە باي خوتۇنغا تۇزاق قۇرىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىمۇ «ئائىلە» ئەمەس. يەنە بەزى كىشىلەر پەرزەنتلىك بولۇش مەقسىتىدە ئائىلە قۇرىدۇ. بەزى ئادەملەر گۇناھتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆيلىنىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆي - روزىغار تەرتىپى يىغىنچاقلىقى ئۈچۈن ئۆيلىنىدۇ.
    ئائىلە قۇرۇش - ئۆيلىنىشتە ئۇلۇغ ساۋابلار  بارلىقىنى يەنە تەكىتلەيمىز. شۇنداق كىشىلەر باركى، ساۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۆيلىنىدۇ، ساۋاب تېپىش ئىستىكىدە تۇرمۇشقا چىقىدۇ. بىر ئىلىملىك ئادەم بىر قىزنى سوراپ ئەلچى  ئەۋەتىدۇ. «ئاللاھنىڭ ئەمرى، ھەزرىتى پەيغەمبەرىمىز سۈننەتلىرىگە مۇۋاپىق ئۇ زات قىزىڭىزغا ئۆيلەنمەكچى. بىز رازىلىقىڭىزنى سوراپ كەلدۇق» دېيىشتى ئەلچىلەر. قىزنىڭ ئاتىسى: «ئۇ كىشى جېنىمنى سورىسا جېنىمنى بېرەي، ئەمما قىزىم ئۇ زاتقا مۇناسىپ ئەمەس. چۈنكى. قىزىمىزنىڭ ئىككى ئايىغى توكۇر. ئۇ مۆھتەرەم زاتقا خىزمىتىنى قىلىدىغان ساغلام جۈپتى ھالال كېرەك» دەيدۇ ئۆزرە بىلەن. ئەلچى ئەۋەتكەن كىشى قىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئىدى. «بۇ قىز مېيىپ بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا ھېچكىم ئۆيلەنمەيدۇ. ساغلام ۋە چىرايلىق بولغان بولسا ھەممە ئادەم ئۇنىڭ كەينىدىن چېپىپ ھالى قالمىغان بولاتتى. مەن شۇ بىچارىگە ئۆيلىنىپ كۆڭلىنى كۆتۈرەي دېگەن نىيەتتىمەن» دەپ قارارىدىن يانمايدۇ ئۇ زات.
    شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ۋەقە: شۆھرەت ئۆمەروف دەيدىغان ئاغىنىمىز بار ئىدى (ئاللا رەھمەت قىلغاي!). ئۇ ستۇدىنتلىق ۋاقتىدا يىقىلىپ كېتىپ، بېلى مېيىپ بولۇپ قېلىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىدى. بۇ ھالدىن خەۋەر تاپقان شائىرە سىڭلىمىز نەسىبەخان ئۆز تەقدىرىنى شۇ مېيىپ شائىر تەقدىرى بىلەن باغلاشنى قارار قىلدى. ياش ۋە گۈزەل قىزنىڭ بۇ قارارى كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇردى. ھەيران قالغان كىشىلەر بولسا نەسىبەخاننىڭ تاشقى گۈزەللىكىنى كۆرەر ئىدىيۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەلب گۈزەللىكىنى، ئېتىقاد گۈزەللىكىنى ھېس قىلالماس ئىدى. ئەپسۇس، بىز مېيىپ كىشىلەر پەقەت مېيىپ كىشىلەر بىلەنلا تۇرمۇش قۇرۇشى كېرەك، دېگەن تېتىقسىز چۈشەنچە بىلەن ياشايمىز. ساغلام يىگىت توكۇر ياكى كۆزى ئاجىز قىزغا ئۆيلەنسە ئەجەبلىنىمىز. گۈزەل قىز مېيىپ يىگىتنى سۆيۈپ قالسا تېڭىرقايمىز. ئاللا رىزالىقى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان بۇ ئەمەللەرنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ئەسلا چۈشەنمەيمىز. شۆھرەت ئاكا بىلەن نەسىبەخانغا ئاللا سالىھ ئوغۇل پەرزەنت بەردى. شۆھرەت ئاكا تېخى ياش ئوغلىغا: «ئاناڭنى ھەج ئىبادىتىگە ئېلىپ بارىسەن» دەپ ۋەسىيەت قىلغانىكەن. بېھزاد چوڭ بولۇپ، ئاتا مىراس ئاپتوماشىنا سېتىلىپ، ۋەسىيەت ئورۇندالدى - ئاللا ئانا بىلەن بالىغا ئۇلۇغ ئىبادەتنى نېسىپ ئەتتى. نەسىبەخاننىڭ ئۆز بەختىنى دەل شۇ ئائىلىدە تاپقانلىقىنىڭ نىشانى ئەمەسمۇ بۇ!
    ئۇلۇغلۇق دېگىنىمىزمۇ شۇ، قەھرىمانلىق دېگىنىمىزمۇ شۇ! ئائىلىنىڭ مۇقەددەس چۈشەنچە ئىكەنلىكىگە مىسال ھەم شۇ!
    تىلىمىزدا «ئائىلە قۇردى»، «ئائىلە بەرپا قىلىندى» دېگەندەك ئىبارىلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. شۇنىڭدەك «ئائىلە بۇزۇلدى» ياكى «ئائىلىسى بەربات بولدى» دېگەن سۆزلەرمۇ بار. دېمەك، ئائىلە ئۆمۈر يولىدىكى  گۈزەل بىر سارايغا ئوخشايدۇ. دېمەك، ئۇنى قۇرۇش كېرەك، قۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەم قىلىپ، بوران - چاپقۇن، يەر تەۋرەشلەرگە بەرداشلىق بېرىدىغان قىلىپ قۇرۇش شەرت. دېمەك، «ئائىلە» ياشلار قولىغا تەنتەنە بىلەن تۇتقۇزۇلىدىغان پارقىراق قەغەزگە ئورالغان تاتلىق تۇرۇم ئەمەس. ئەپسۇسكى، ئايرىم باي ئاتا - ئانىلار ئائىلىنى شۇنداق چۈشىنىشىدۇ. ئۇلار بالىلىرىنى ماددىي جەھەتتىن تولۇق تەمىنلەپ ئائىلە قۇرۇلدى، دەپ خاتىرجەم بولۇشىدۇ. توغرا، ئائىلە سارىيىنى قۇرۇشتا ئاتا - ئانىنىڭ ۋەزىپىسى بار، ئەمما ئۇ ساراينى تولۇقى بىلەن قۇرۇپ بېرەلمەيدۇ. ئەگەر بۇ قۇرۇلۇشقا ئەر - خوتۇننىڭ ئۆزلىرى پائال ئىشتىراك قىلمايدىكەن، بۇ ساراي باشتا شاكىلاتقا ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇزاققا بارماي ئېرىپ - ئېرىپ يوق بولۇپ كېتىدۇ. ئۆزىچە ئېرىپ كەتسە، تەقدىرگە تەن بېرىدۇ، ئەمما بۇ شاكىلات قەسىرىنى يالاشقا ئىشقۋازلار چىقىپ قالسىچۇ؟
    «ئۆيلىنىشتىن بۇرۇن ئىككىلا كۆزۈڭنى يوغان ئاچ، ئۆيلەنگىنىڭدىن كېيىن بىر كۆزۈڭنى يۇمۇۋال» دېگەن بىر قائىدە باركى، كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشمايدۇ، ئالدى بىلەن يىگىتنىڭمۇ، قىزنىڭمۇ  ئىككىلا كۆزىنى يوغان ئېچىشىغا ئاتا - ئانىلىرى يول قويۇشمايدۇ. تويدىن كېيىن بولسا قېيناتا - قېينانىلار ياش كېلىنىنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىنى كۆزىتىشتە بىر كۆزىنى يۇمۇش ئورنىغا تۆت - بەش كۆز بىلەن قاراشقا باشلايدۇ. تاجىك مەرىپەتپەرۋەر ئالىمى ئەھمەد دانىش (1826 - 1897) دەيدۇكى: «ئەگەر كېلىن - كۈيئوغۇل باشقىلارنىڭ گەپلىرىگە، پىتنە - پاساتلارنىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، ئۇلارنىڭ شېرىن تۇرمۇشلىرى بۇزۇلار، ئارىلىرىغا سوغۇقلۇق چۈشەر.»
    ئەگەر يىگىت ۋە قىز تەكىيداش بولۇشتىن ئىلگىرى بىر - بىرىنىڭ ئادەتلىرى، ئىش - ھەرىكەتلىرى ۋە روھىيىتىنى تولۇق چۈشەنمىسە، ئائىلىنى بەختىيارلىق ئۇلىغا قۇرۇشى تەسكە توختايدۇ. چۈنكى، ياخشى ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن بىر مۇھەببەتنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ۋە ئىشەنچمۇ بولۇشى كېرەك. شۇنداق ئائىلىلەرنى ئۇچرىتىمىزكى، ئەر - خوتۇن بىر - بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما تۇرمۇش قۇرۇشنى بىلىشمەيدۇ. ئائىلە قۇرۇشتا بەلگىلىك باسقۇچلاردا ئەر - خوتۇن بىللە كۈرەش قىلىش، مۇشەققەتلەرنى بىرگە يېڭىش تەلەپ قىلىنىدۇ. «مۇھەببەتنىڭ كۆزى كور» دېگەن گەپ بار، بۇ بىر - بىرىگە كۆڭۈل بەرگەن قىز - يىگىت بىر - بىرىنىڭ ئانچە  - مۇنچە كەمچىلىكلىرىنى سەزمەيدۇ، سەزسىمۇ ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، دېگەنلىكتۇر. لېكىن، مۇھەببەتنىڭ كۆزى كور بولسىمۇ، ئائىلىنىڭ كۆزى ھەمىشە ئوچۇق بولىدۇ، ئۇ ھەتتا كېچىلىرىمۇ يۇمۇلمايدۇ. تويدىن ئىلگىرى ئەرزىمەس سانالغان كەمچىلىكلەر تويدىن كېيىن جىددىي مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.  ئاتا - ئانىلارنىڭ بۇنىڭدىن باشلىرى قاتىدۇ، ئاخىر ئۇلار  بىر  - بىرىنى شۇنچە ياخشى كۆرۈشەر ئىدىغۇ؟ يىگىت «شۇ قىزدىن باشقىسىغا ئۆيلەنمەيمەن» دەپ قانچىدىن - قانچە «نامزات» لارنى رەت قىلغانىدىغۇ؟ (قىزمۇ باشقا يىگىتلەرنى ياقتۇرمىغانىدىغۇ!) دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ.
    بىر - بىرىنى بىلىش، بىر - بىرى توغرىسىدا ھەممە نەرسىنى بىلىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى بىر - بىرىگە قارىتا ئىشەنچلىك ۋە يېقىملىق مۇناسىۋەتتە بولۇش، بىر - بىرىگە ئىشىنىش دېمەكتۇر. ئادەم باشقىلارنىڭ كىشىنىڭ روھىي دۇنياسىغا باستۇرۇپ كىرىشكە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك. ئايال بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن بىر نەچچە دەقىقە يېتەرلىك، ئۇنى ياخشى بىلىش ئۈچۈن بولسا يىللار كېرەك. بەزى دانالارنىڭ پىكرىچە، ئايالنى ياخشى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشماق كېرەك ئىكەن. ئەلۋەتتە، بىز بۇ پىكىرنى ھەزىل مەنىسىدە چۈشىنىمىز. لېكىن، ئايرىم ئەر - خوتۇنلار ئاجرىشىپ كەتكىنىدىن كېيىن، بولۇپمۇ باشقىدىن ئۆيلەنگىنىدىن كېيىن، بىر - بىرىنىڭ قەدرىگە يېتىشكە باشلايدۇ. ئاللا تائالا ياخشى ئەرنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن خوتۇنغا تېخىمۇ زالىمراق ئەرنى، سالىھ ئايالنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن ئەرگە بولسا دوزاخنىڭ قامچىسى خوتۇننى ئۇچراشتۇرىدۇ. چۈنكى، ئەر ياكى خوتۇن كىشى شەيتان ۋەسۋەسىسىگە كىرىپ، رەھمان يولىنى ئۇنتۇغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق جازانى تارتىشى ئېنىق. ئاللا بۇيرىدىكى: «ئەي ئىمان كەلتۈرگەنلەر! … ئۇلار (خوتۇنۇڭلار) بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار سەۋر قىلىڭ)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللا كۆپ ياخشىلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» (نىسا سۈرىسى 19 - ئايەت). دېمەك، سىز ئائىلە قۇرغانىكەنسىز، ئۈستىڭىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا ھەرىكەت قىلىڭ، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن جېدەللەشمەي ئىناق ياشاشقا تىرىشىڭ. ھە دېسىلا خوتۇن (ياكى ئەر) يېڭىلاشقا ئۇرۇنماڭ، بىلىپ قويۇڭكى، بۇ ئادىمىيلىك ئەمەس!
    ياۋروپالىقلاردا:«ئەرلەر ئاياللار ئۈچۈن بىرىنچىسى بولۇشنى، ئاياللار بولسا ئەرلەر ئۈچۈن ئاخىرقىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ» دېگەن گەپ بار. قارىماققا بۇ ئاقىلانە گەپتەك قىلىدۇ. ئەمما، بۇ گەپ شۇلار ئۈچۈن ئاقىلانە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە توغرىسىدىكى بۇزۇق چۈشەنچىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. دېمەكچىكى، ئەر ئەمرىگە ئالغان قىزنىڭ ئۆزىدىن ئاۋۋال باشقا ئەركەك بىلەن بىللە بولمىغان بولسىكەن دېگەن ئارزۇدا بولىدۇ.ئەگەر زىناغا ئارىلاشقان بولسا، ھېچقىسى يوق، بۇنىڭدىن كېيىن پاك يۈرسە، بەس. خوتۇن كىشى بولسا «ئېرىم مېنىڭدىن بۇرۇن باشقىلار بىلەن يۈرسە يۈرگەندۇ،  ئەمدى يۈرمىسۇن» دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. قاراڭ بۇ ئارزۇنى! ئىسلام دىنىدا بۇنداق بۇزۇق ھالدا ئائىلە قۇرۇش مەنئى قىلىنغان. ئائىلە نومۇسىغا ھەتتا چاڭ قونماسلىقى كېرەك.
    بۈگۈنكى  كۈندە غەرب مەملىكەتلىرىدە ئائىلىۋى مۇناسىۋەت يامان تەرەپكە قاراپ يۈزلەنگەن. ھالبۇكى، ئىلگىرى ئۇلاردىمۇ ئائىلە مۇقەددەس ھېسابلانغان. ئائىلىگە «ئەركىنلىك» مەرتىۋىسىنىڭ بېرىلىشى بارا - بارا جەمئىيەتنىمۇ ئىزىدىن چىقىرىدۇ. شۇنى بىلىۋېلىڭكى، «ئەركىنلىك» چۈشەنچىسى «نېمىنى خالىساڭ شۇنى قىلىۋەر» دېگەنلىك ئەمەس. ئاللا:«مېنىڭدىن ئۇيالمىساڭ، نېمىنى خالىساڭ شۇنى قىلىۋەر» دەپ بىكار ئاگاھلاندۇرمىغان. ئەگەر كىشى ئاللادىن ئۇيالمىسا، دېمەك ئۇ ئاتا - ئانىسىدىنمۇ، قېرىنداشلىرىدىنمۇ، ئەل - مەھەللىسىدىنمۇ، كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتساق، جەمئىيەتتىنمۇ ئۇيالمايدۇ. جەمئىيەتتىن ئۇيالمىغانىكەن، جەمئىيەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئۇنتۇيدۇ. جەمئىيەت قانۇنلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەن ئائىلىلەر كۆپەيسە بۇنداق جەمئىيەتنىڭ ھالىغا ۋاي!
    غەربتە بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئائىلە بابىدا بىرقانچە بۇزۇلۇش مەۋجۇت:
    ئادەمنى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرىدىغىنى - ئاڭلىق يوسۇندا پاكىز ئائىلە قۇرۇشتۇر. ئائىلە دېگەندە بىز ئەر بىلەن ئايالنىڭ قوشۇلۇشى دەپ چۈشىنىمىز. لېكىن، ئەركەك بىلەن ئەركەكنىڭ، ئايال بىلەن ئايالنىڭ قوشۇلۇشىنى «ئائىلە» دەپ ئاتاش ئادەمزاتنى ھايۋاندىنمۇ تۆۋەن، پەسكەش دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويمامدۇ؟! بۇ پىكىرنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىشىمىز سەۋەبسىز ئەمەس. سىزگە مەلۇمكى، ھايۋانات دۇنياسىدا چىشى ھايۋان بىلەن چىشى ھايۋاننىڭ، ئەركەك ھايۋان بىلەن ئەركەك ھايۋاننىڭ قوشۇلۇشى يوق. ئەركەكنىڭ ئەركەككە ئىنتىلىشى كۆپ ئەسىرلەردىن بېرى مەۋجۇت. بىراق، جەمئىيەت بۇنداقلاردىن نەپرەتلەنگەن، ئۇنداق قىلمىشلارنى ھەر دائىم چەكلەپ كەلگەن. بۇنىڭغا لۇت ئەلەيھىسسالام قوۋمى دۇچار بولغان ئاپەتنى ئەسلىسەك كۇپايە قىلىدۇ! ئەمدىلىكتە بىر قاتار مەملىكەتلەردە بۇنداق «ئائىلە» قۇرۇشقا قانۇن يولى بىلەن رۇخسەت قىلىشقا ئىنتىلىش بار.

    ئائىلە قۇرماي يەككە - يېگانە ياشاشقا ئىنتىلىش كۈچلۈك. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىلىقلار بۇ ساھەدىمۇ دۇنيادا ئالدىنقىسى ئىكەن. ئەرلەرنىڭ ياكى ئاياللارنىڭ ئائىلە قۇرۇشتىن باش تارتىپ يالغۇز ياشىشىمۇ ئاقىۋەتتە پۈتكۈل جەمئىيەتنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىپ بارىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا بۆلىكىدە شۇنداق ئادەملەر رىغبەتلەندۈرۈلگەن. مانا ئەمدى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە رۇسىيىدە ئاھالە سانى كەسكىن كېمىيىپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ نالە قىلىنماقتا. يالغۇز ياشىغۇچى ئادەمنىڭ (ئۇ ئەر ياكى ئايال بولسۇن) ھاياتى قانچىلىك ياخشى تەمىنلەنگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ دۇنياسى قاششاقلىق - گادايلىق دۇنياسىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس!
    ※ بىز تەرەپلەردە ئائىلە بۇزۇلىدىغان بولسا، ئەر خوتۇنىنى تالاق قىلىدۇ ياكى خوتۇننى ئەر تاشلاپ كېتىدۇ. ياۋروپادا بۇنىڭ ئەكسىچە: ئەرنى خوتۇن تاشلاپ كېتىدۇ. خوتۇن ئەرنى تاشلاپ كەتتى دېگەنلىك خوتۇن ئېرىدىن يامانلاپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى دېگەنلىك ئەمەس. خوتۇن ئەرنى نېمىشقا تاشلاپ كېتىدۇ؟ ياخشى كۆرمەي قالغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ئۇلاردا ياخشى كۆرۈپ قېلىشمۇ ئاسان، بىر - بىرىدىن يۈز ئۆرۈشمۇ ئاسان. خوتۇنغا باشقا بىر ئەر يېقىپ قالسا، ئېرىگە: «رەنجىمىگىن، مەن باشقىسىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم» دەپ كېتىۋېرىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ ئورۇندا ئائىلە پەقەت بۇزۇقچىلىق تۈپەيلى بۇزۇلىدۇ.
    يۇقىرىقى ھالەتلەر يۇقۇملۇق كېسەللىككە ئوخشايدۇ، تېز تارقىلىدۇ، داۋاسى بولسا ناھايىتى مۈشكۈل. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە مىللەتنىڭ يوقىلىپ كېتىشى ھېچ گەپ ئەمەس. ئاگاھ بولايلىكى، بىزدىمۇ بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ھوشىمىزنى يىغمىساق، كېچىكىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. يېزا - قىشلاقلىرىمىزدا سېزىلمەيدۇ، ئەمما شەھەرلەردە ئەردىن ئاجراشقاندىن كېيىن: «ئەر دېگەن شۇنداق بولسا، قۇرۇپ كەتسۇن، جېنىمنى قىينىماي، ئەرسىز ئۆتىمەن بۇ دۇنيادا» دەپ قايتا تۇرمۇش قۇرماي ياشايدىغان ئاياللار كۆپىيىپ قالدى. بىز بۇنداق ئاياللارنى بۇزۇقلۇقتا ئەيىبلەشتىن يىراقمىز. لېكىن، ئۇلار ئائىلە قۇرۇپ ياشىغىنىدا ئىدى، ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ، جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولار ئىدى. يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقكى، ئەگەر بىرى: «پالانچىنىڭ قىزى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كۆپ قەۋەتلىك بىنادا يالغۇز ياشايدىكەن» دەپ ئېيتسا، ھەر كىمنىڭ خىيالىغا دەرھال شۇم پىكىر كېلىدۇ. لەنىتى شەيتان ھەر كىمنى ھەر زامان دەيدەيگە سېلىپ تۇرىدۇ. قوشنا ئاياللارمۇ يالغۇز ياشايدىغان بۇ خوتۇننى تىنماي كۆزىتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرەر يات ئەرنىڭ مېھمان بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ قالدىمۇ، ئۇ توغرىسىدا «داستان»لار توقۇشىدۇ.
    ئائىلە قۇرۇش - بۇ بىر مەجبۇرىيەت، ئۇنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق تەشۋىشلىرى، جاپاسى بار. ئائىلە قۇرۇشنىڭ قارشىسىدا ئەركىن ياشاش راھىتى تۇرىدۇ. ئەگەر ئادەمزاتنىڭ ئىختىيارى  ئۆزىدە بولغىنىدا ئىدى، ئۇ شۇ راھەتتىن باشقىسىنى ئىستىمىگەن بولاتتى. ئەمما، ياراتقان ئاللا ئەرنىڭمۇ، ئايالنىڭمۇ مىزاجىغا شەھۋەتنى قوشۇپ بەرگەنكى، ئەنە شۇ شەھۋەت تەقەززاسى تۈپەيلى ئەر - ئاياللار ئۆز ئارا بىرگە بولۇشنى ئىستەپ، تۇرمۇش قۇرۇشىدۇ. ئەنە شۇ سەۋەبلىك ئىنسانىيەتنىڭ نەسلى مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. شەھۋەت تەقەززاسى دېگىنىمىز بىر سەۋەب. ئەسلىدە ئائىلە قۇرۇشنى، نەسىل قالدۇرۇشنى ئاللا ئىرادە قىلغان، بەندىلەرگە پەرز قىلىپ بېكىتكەن. «بەقەرە» سۈرىسىدە بۇ توغرىدا شۇنداق مەنىلەرنى ئوقۇيمىز: «خوتۇنۇڭلار سىلەرنىڭ ئېكىنزار يەرلىرىڭلاردۇر» (بۇ سۆزلەر ئارقىلىق ئەر - خوتۇننىڭ قوشۇلۇشىدىن بىرىنچى مۇددىئا - پەرزەنت تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلىنىدۇ). زىرائەت يەرلىرىگە ئۇرۇق سېپىلگەندە يېمىش بېرىدۇ. خوتۇن كىشى ئېكىنزار، پەرزەنت ئۇنىڭ يېمىشىدۇر. بەس، ۋىسال ئۈچۈن بېرىلگەن قۇۋۋەتنى بىكار قالدۇرماڭ ۋە ئۇنى ھارام ئىشلارغا ئىشلەتمەڭ. «ئەي مۇھەممەد، سائادەت مۇجدەسىنى (جەننەت خۇش خەۋىرىنى) ئىمانلىقلارغا يەتكۈزۈڭ.» دېمەك، ئۆيلىنىش ۋە ئائىلە قۇرۇش ئىمان تەلەپلىرىدىن بىرىدۇر. بۇنى دۇنياۋى مىسال ئارقىلىق شەرھلىسەك: بىر ئادەم ئىجارىگە يەر ئالدى. دېھقانچىلىق قىلىمەن دېگەنلىكى ئۈچۈن بانكا ئۇنىڭغا پۇل قەرز بەردى. ئەمما، بۇ ئادەم ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىدى. يەر تېرىماي، مەبلەغنى باشقا نەرسىگە سەرپ قىلدى. دۆلەت قانۇنىغا بىنائەن ئۇ ئادەم جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلامدۇ، قانداق؟ دېمەكچىمىزكى، ئەرلىك قۇۋۋىتىگە ئىگە ئادەم بۇ قۇۋۋەتنى ئىشلىتىشتە لۇت قوۋمىغا  ئوخشاپ قالسا ياكى باشقا بۇزۇقلۇقلار قىلسا، ئاللا بەلگىلىگەن قانۇنغا خىيانەت قىلغان بولىدۇ ۋە شۇنىڭغا يارىشا جازاسىنى تارتىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق رىۋايەت  قىلىدۇكى، پەيغەمبەرىمىز شۇنداق دېگەن: «خۇدا ھەققى، مەن سىزلەردىن كۆپرەك پەرھىزكار ۋە ئاللادىن قورقىدىغان ئادەممەن. لېكىن مەن روزا تۇتىمەن، ئىپتار قىلىمەن، ناماز ئوقۇيمەن، ئۇخلايمەن ۋە ئۆيلىنىمەن، كىمكى بۇ سۈننەتتىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس». يەنە ئەبۇ ھۈرەيرەدىن قىلىنغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ : «سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئەڭ يامىنىڭلار خوتۇن ئالمىغىنىڭلاردۇر» دەپ مەرھەمەت قىلىدۇ.   پەرزەنتلەر بالاغەتكە يەتكەندە، ئۇلارنى ئۆيلەش (تۇرمۇشقا چىقىرىش) ئاتا - ئانا زىممىسىدىكى قەرز بولۇپ، ئورۇندىشى شەرت بولغان ۋەزىپە. ئەگەر ئاتا - ئانا ۋاپات بولغان بولسا، بۇ پەرز يېقىن قېرىنداشلىرى زىممىسىگە ئۆتىدۇ. ئەگەر ئۇلارمۇ بولمىسا، بۇ ۋەزىپىنى مەھەللە، قولۇم - قوشنىلار، دوستلار ئورۇندايدۇ. ھازىر ئايرىم ئاتا - ئانىلار باھانە ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇلار: «ئالدى بىلەن ئوقۇشىنى پۈتكۈزۈۋالسۇن»، «بىر - ئىككى يىل ئىشلىسۇن» …  دەپ بالىلىرىنىڭ توي ئىشىنى ھە دېسىلا كەينىگە سۆرەيدۇ. لېكىن، ئۇلار ئۆيلىنىشنىڭ تەبىئىي زۆرۈرىيەت بولۇپ، ئۇنى ئارقىغا سۆرەشنىڭ ئۇياتلىق ھالەتلەرگە ئېلىپ كېلىش مۇمكىنلىكىنى ئويلاشمايدۇ. تويسىز، نىكاھسىز، ئاتا - ئانىلارنىڭ رازىلىقىسىز ئۆيلىنىۋاتقانلار بىزگە ئىبرەت بولمامدۇ؟ بىر ئاغىنىمىز قىزىغا كېلىۋاتقان ئەلچىلەرنى سەۋەبسىز ياندۇرىۋېرىدىكەن، ئېيتىشىچە، قىزىغا تېخى ئۆي جابدۇقلىرى ئالمىغانىمىش، ئەگەر شۇ قىزى سۆيگەن يىگىتى بىلەن جابدۇقسىز، ئەڭ مۇھىمى،  ئاتا - ئانا رازىلىقىسىز نىكاھلىنىۋالسا، كىمنى ئەيىبلەش كېرەك؟!
    ئائىلىنىڭ بەرپا بولۇشى گۈزەل ھادىسە، ئۇ توي - تاماشالار بىلەن نىشانلىنىدۇ. بۇ كۈنلەرگە نەچچە يىل ھازىرلىق قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بەربات قىلىنىشى بولسا خۇنۈك مەنزىرە، بۇنىڭغىمۇ كۆپ ۋاقىت تەييارلىق قىلىنىدۇ. لېكىن، ئادەمنىڭ ئۆزى بۇنى پەقەت سەزمەيدۇ. ھېچكىممۇ قىسقا مۇددەت بىللە ياشاپ كېيىن ئاجرىشىپ كېتەي، دېگەن مەقسەتتە ئائىلە قۇرمايدۇ. لېكىن …
    لېكىن نېمە ئۈچۈن ئائىلە بۇزۇلىدۇ؟ بۇنىڭغا ئېنىق بىر جاۋاب بەرمەك قىيىن. ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە يارىشا سەۋەبى ياكى باھانىسى بولىدۇ. لېكىن، ئالاھىدە سەۋەبلەرنى ئومۇمىي يوسۇندا بىرلەشتۈرۈپ تۇرغۇچى سەۋەبلەرمۇ باركى، ئەمدى شۇلار توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىمىز:
    مەلۇمكى، ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىدەك ئەھۋال بىزدىمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇنى ئايرىم كىشىلەر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا باغلاپ قاراۋاتىدۇ. ئەمما، مەن بۇ پىكىرگە قوشۇلمايمەن. بۇ پىكىر بىزنى ئائىلىگە خاس ئاساسىي مەسىلىلەردىن چالغىتىشى مۇمكىن. يېقىنقى تارىخىمىزدا مىسلىسىز ئېغىر دەرىجىدىكى قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىق، قىممەتچىلىك ۋە ئۇرۇشلار يۈز بەردى. ئەنە شۇ بالايىئاپەتلەرنى ئۆز باشلىرىدىن كەچۈرگەن تەۋەررۈك ئاتا - ئانىلار گۇۋاھكى، شۇ بالايىئاپەتلىك يىللاردا ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشى بۈگۈنكىدەك ئېغىر بولمىغان. مەن بۇنى ئۆز ئائىلەم مىسالىدا ئېيتىشىم مۇمكىن. دادام رەھمەتلىك مەرغىلاندىن، ئانام رەھمەتلىك ئەندىجاندىن تاشكەنتكە ئوقۇشقا كېلىشىپ، شۇ يەردە تۇرمۇش قۇرغانىكەن. ئۇلار بەش بالىلىق بولۇپ، ھەممىمىزنى ئوقۇتتى. كەمىنە بالىلارنىڭ بەشىنچىسى بولىمەن. سەل كەم 25 يىل بويى بىزنىڭ ئۆز ئۆيىمىز بولمىغان، ئىجارە ئۆيلەردە ياشاپ ئۆتتۇق. ئائىلىمىزنىڭ بىردىنبىر مۈلكى بولغان ئەسكى ساندۇق ئۆيدىن - ئۆيگە كۆچىلىۋېرىپ جۇلۇقى چىقىپ كەتكەنىدى. گىلەم دېگەندەك نەرسىلەر خىيالىمىزغىمۇ كىرىپ چىقماس ئىدى. مەن ئەنە شۇ كۈنلەرنى ئەسلىسەم: «بىز ھەممىمىز ئىجارە ئۆيلەردە تۇغۇلغانمىز» دەپ چاقچاق قىلىپ قويىمەن. ھالبۇكى، بۇ چاقچاق ئەمەس، ھەقىقەت ئىدى. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆيلۈك يەر كېسىپ بېرىلىپ، دەھلىزلىك بىر ئېغىز ئۆي سېلىپ كۆچۈپ كەلگىنىمىزدىن كېيىنمۇ، كۈنلىرىمىز قىيىنچىلىقتا ئۆتتى. كۈز، قىش، ئەتىياز پەسىللىرىدە تامچە ئۆتكەن ئۆيلەردە دۈگدىيىشىپ ياشىدۇق. مەن بۇ يەردە ئانچىكى ئەسلىمىلەرنى بايان قىلىۋاتقىنىم يوق. بىزگە ئوخشاش ئازابلىق يىللارنى باشتىن كەچۈرگەنلەر ساناقسىز. لېكىن، ئۇ چاغلاردا «قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئائىلىسى بۇزۇلۇپتۇ» دېگەن گەپلەرنى ئاز ئىشىتەر ئىدۇق. ئاتا - ئانىلىرىمىز قۇرغان ئائىلىنى نېمە تۇتۇپ تۇرار ئىدى؟ سەۋر - چىدام ئەمەسمۇ؟! بىر يېزىدا ئىشىتكەن ئىدىم: ئاشۇ قىيىنچىلىق يىللىرى يېزا رەئىسىنىڭ ئۆيىدە بىر ئەتلەس كۆڭلەك بىلەن بىر بەقەسەم تون ساقلىنار ئىكەن. توي قىلىدىغان يىگىت ۋە قىز شۇ كىيىملەرنى بىر كۈنلۈك ئارىيەتكە ئېلىپ تۇرىدىكەن. شۇ كىيىملەر بىلەن توي قىلغانلارنىڭ نەۋرىلىرى مانا بۈگۈنكى كۈنلۈكتە «مېرسىدېس»، «لىمۇزىن» ماركىلىق يەڭگىل ماشىنىلارنى تەلەپ قىلىشىۋاتىدۇ. مەيلى، ئۇلارغا شۇنداق ماشىنىلاردا ئولتۇرۇش نېسىپ بولسۇن، بىز بالىلىرىمىزغا ياخشى كۈن تىلەيمىز. بىزنىڭ ئۆيىمىزدە گىلەم بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە قات - قات گىلەملەر بولسۇن. لېكىن، بۇ يېتەرلىك ماددىي تەمىنات يەنە نېمىشقا بالىلىرىمىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ؟ بىزنىڭ مۇشۇ ھەقتە كۆپرەك ئويلىنىشىمىز زۆرۈردەك قىلىدۇ. «كىمگە ياخشى كۈيئوغۇل ئۇچرىغان بولسا، ئۇ ئادەم ئوغۇللۇق بولۇپتۇ؛ كىمگە يارىماس كۈيئوغۇل يولۇققان بولسا، ئۇ كىشى قىزىنى يوقىتىپتۇ» دېگەن ھېكمەت بار. بۇ ھېكمەتنى «كىمنىڭ ئۆيىگە ياخشى كېلىن كەلسە، قىزلىق بولۇپتۇ، يامان كېلىن كەلسە، ئوغلىدىن ئاجراپتۇ» دەپ ئىزاھلىساقمۇ بولىدۇ. كېلىن ۋە كۈيئوغۇل تاللاش ھوقۇقى بىز ئاتا - ئانىلاردا تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىگە ئالدىراقسانلىق قىلىمىز؟ نېمىشقا ئويلىماي قەدەم باسىمىز؟ ياشلارنىغۇ ھاياتنى چۈشەنمەيدۇ، خام دەيمىز. ئۆزىمىزچۇ؟ بىزمۇ ھاياتنى چۈشەنمەيمىزمۇ؟
    ئاتا - ئانا بولغۇچى ھەر بىر كىشىنىڭ زىممىسىدە بالا تۇغۇپ، ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلىش بىلەن بىللە ئۆي - ئوچاقلىق قىلىشقا تەييارلاش ۋە ئۆي - ئوچاقلىق قىلىش ۋەزىپىسى بار. بۈگۈنكى كۈندە بەزىبىر ياشلىرىمىز نىكاھنىڭ نېملىكىنى بىلىشمەيدۇ. نىكاھ ۋە ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى نېمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدۇ. خېلى بىر بۆلۈك ياشلارنىڭ قارىشىچە، نىكاھ جىنسىي ئالاقىگە رۇخسەتتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار جىنسىي ئالاقىنىڭ رۇخسەت قىلىنغان ۋە مەنئى قىلىنغان تەرەپلىرى بارلىقىنى بىلمەيدۇ. تەربىيە بەرگۈچى ئاتىلىرىنىڭ بۇلاردىن خەۋەرسىز بولۇشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. خەۋەردار بولغان تەقدىردىمۇ ئۆز ئوغلى بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىش ئادىتى بىزدە يوق. بۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ھال. بىز ئىسلام ئىلمىدىن ئازدۇر - كۆپتۇر خەۋىرى بار موللىلىرىمىزنىڭ نىكاھ ۋاقتىدا «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى نېگىزىدە بۇ خۇسۇستا مەلۇمات بېرىپ قويۇشلىرى زۆرۈر، دەپ قارايمىز. چۈنكى، غەربنىڭ ھاياسىز كىنو - فىلىملىرىنى  كۆرۈۋاتقان ئايرىم ياشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ جۈپتى ھالاللىرىدىن شۇ كىنودا كۆرگەنلىرىگە ئوخشاش ئالاقىنى تەلەپ قىلىشماقتا. مۇشۇ تۈپەيلىدىنمۇ تۇرمۇش قۇرغىنىغا ئۇزاق بولمىغان ياش ئەر - خوتۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە دەز كەتمەكتە. بىز چوڭلار غەپلەت ئۇيقۇسىدا يېتىۋەرمەيلى، بۇ ئورۇندا ئاتىنىڭ بالىغا نەسىھىتى مۇھىم. شۇڭا، قېرىنداشلار، بۇ ماۋزۇدا سۆز ئېچىش ئۇيات ياكى ئەدەپ جۈملىسىدىن ئەمەس دەپ، ئەندىشە قىلماڭلار. توغرا، سىز بالىڭىزغا ئۇدۇل قىلىپ: «سەن شۇنداق ھاياسىزلىق قىلىۋېتىپسەن» دېيەلمەيسىز. بۇنداق دېيىشكە سىزنىڭ ئاساسىڭىز يوق، كېلىنىڭىز ھېچقاچان بۇ توغرىدا سىزگە شىكايەت قىلالمايدۇ. ئەگەر شۇنداق ھالەتلەر يۈز بېرىۋاتقان بولسا، ئۇ ئانىسىغا ئېيتىشى ۋە قۇدىلار ئارقىلىق مەلۇم بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، بۇنداق ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇش شەرت ئەمەس. ئوغلىڭىز بۇنداق ھاياسىز قىلىقلاردىن يىراق بولسىمۇ، ئومۇمىي يوسۇندا «بەزىلەر كىنودا كۆرگەنلىرىنى خوتۇنىدىن تەلەپ قىلىدىكەن، بۇ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ» شەكلىدە ئەسلىتىپ قويۇش ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.
    نىكاھ ئوقۇۋاتقان موللىلىرىمىز ياشلىرىمىزغا تالاقنىڭ مەنىسىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ قويۇشلىرى كېرەك. كۆپلىگەن كىشىلەر تالاقنىڭ مەنىسىنى بىلمەي ياشايدۇ ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە غەزەپلىنىپ «ئۈچ تالاق!» دەپ سالىدۇ. شۇ بىر ئېغىز ھۆكۈم بىلەن  ئائىلە بۇزۇلىدۇ. كېيىن ياراشماقچى بولۇپ موللىنىڭ ئالدىغا بارسا، موللام «ئۈچ تالاق» قايتا نىكاھلانسا بولمايدۇ، دەپ چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. بۇ مەسىلىدە بىزنىڭ مۇلاھىزىمىز مۇنداق: بۇ ئائىلە شەرئى  ھۆكۈملەر نېگىزىدە ياشىمىدى، شەرئەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئەرمۇ، خوتۇنمۇ تالاق چۈشەنچىسىدىن خەۋەرسىز. ئەرنىڭ بىلگىنى:«ئۈچ تالاقسەن، ئۆيدىن چىق!». شۇنىڭ بىلەن خوتۇنمۇ بوغجۇمىسىنى كۆتۈرۈپ، بالىسىنى يېتىلەپ يىغلا - يىغلا ئانىسىنىڭكىگە كېتىۋېرىدۇ. ئۇلاردا «ئىددەت»، «مەھر» دېگەن چۈشەنچىمۇ يوق.
    ئەگەر بىرەر ئائىلە بۇزۇلسا ئالدى بىلەن خوتۇننى ئەيىبلەشكە ئادەتلىنىپ قالدۇق. بىرەر دوستىمىزنىڭ خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىساق، ھېچنېمىنى سۈرۈشتۈرمەيلا «خوتۇنى يامان بولسا كېرەك» دەيمىز. كەمدىن - كەم ھاللاردىلا «ئەرنى يامان بولسا كېرەك» دەيمىز. دوستىمىز ياكى قوشنىمىز ئائىلىسىنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىساق، «ئەر  - خوتۇن ئارىسىغا ئەخمەق ئادەم ئارىلىشىدۇ» دەپ بەدەر قاچىمىز. بۇ تەنىنى ئورۇنسىز  دەپ قارامسىز؟  قېنى ئۇنداق بولسا، قايسىبىر ئائىلىنى ئوڭشاپ قويۇشقا ھەرىكەت قىلدۇق؟ كەمىنىگە ئەخلاققا دائىر كۆپلىگەن كىتابلارنى ئوقۇشقا توغرا كەلدى. ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇش مەسىلىسى سۆزلەنگەندە، بۇلاردىمۇ ئاساسلىق ئەيىب ئاياللار زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ. كاشكى، ئەرلەر پەرىشتىلەرگە ئوخشاش ئەيىبسىز بولسا - ھە؟! كۈندە مەست - ئەلەس يۈرسىمۇ ئەر «ياخشى»، خوتۇنىنى كەلسە - كەلمەس دۇمبالىسىمۇ يەنىلا ئەر «ياخشى»، خوتۇن ياخشى بولسا كالتەك يەرمىدى!، دەيمىز. خوتۇنى تېپىپ كەلگىنىنى بۇزۇپ - چاچسىمۇ ئەر «ياخشى»، ياخشى  … ياخشى … يۈزمىڭ ياخشى! ھەتتا ئائىلىسىگە خىيانەت قىلىپ زىنا ئۈستىدە تۇتۇلۇپ قالسىمۇ ئەر «ياخشى»، «ھە، يىگىتچىلىكتە شۇنداق شوخلۇق بولۇپ تۇرىدۇ - دە!» دەپ ئەرگە قىلچە كىر يۇقتۇرمايمىز. ھەرگىزمۇ «ئاللا زىنانى ھارام قىلغانىدى، بۇ گۇناھى ئۈچۈن ئۇ چالما - كېسەك قىلىنىشىكېرەك» دېمەيمىز.
    ئىسلام دىنىدا ئەرنىڭ زىممىسىگە ماددىي تەمىنات ۋە جىسمانىي ھىمايىدىن تاشقىرى، خوتۇنىغا ئادالەتلىك بولۇش، ئۇنىڭ ھەققى - ھۆرمىتىگە رىئايە قىلىش مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەن. بىزدە خوتۇن كىشى كەچلىك تاماقنى پىشۇرۇپ قويۇپ، ئېرىنىڭ كېلىشىنى ساقلايدۇ، ئەر كىشى بولسا ئىشى كۆپلۈكىنى باھانە قىلىپ تالادا يۈرىدۇ. ئۇ بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرمىسىمۇ، ئاغىنىلىرى بىلەن چايخانىدا پوخورلۇق قىلىپ يېرىم كېچىگىچە ئولتۇرىدۇ. نېمىمۇ دېگۈلۈك بۇنىڭغا، بۇ ئادىللىقمۇ؟ ئەر كىشى ئۆزىنى ئائىلىدە ھۆكۈمران سانايدۇ، ھۆكۈمران مەرتىۋىسىدە تۇرۇپ خوتۇنىغا قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ. خوتۇن كىشىنىڭ تاتلىق گەپ ئاڭلاش ھەققى يوقمۇ؟ «چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ» دېگەن گەپ بار. ئەگەر ئائىلە بۇزۇلۇش گىرداۋىغا كېلىپ قالسا، ئەيىبنى ھەر ئىككى تەرەپتىن ئىزدىگىنىمىز تۈزۈك، شۇنىڭدا ئائىلىنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتى كېڭىيىدۇ. ئەگەر ئەيىب بىر تەرەپكە ئارتىلىۋەرسە، تارازىنىڭ بىر پەللىسى بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىشى مۇمكىن.
    ئاللا تەبارەك ۋەتەئالا مەرھەمەت قىلىدۇ: «ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇپ قېلىشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا كېلىشىشى ھېچ گۇناھ ئەمەس، كېلىشىش (ئۈزلىشىپ كېتىشتىن) ياخشىدۇر. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەن. ئەگەر (ئايالىڭلارغا) ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن ساقلانساڭلار، (ئاللا سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ) ئاللا ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر» (نىسا سۈرىسى 128 - ئايەت).
    ئۇشبۇ ئايەتنى دۇرۇسراق چۈشەنمىكىمىز ئۈچۈن ئۆلىمالارنىڭ تەپسىرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشقا  توغرا كېلىدۇ:
    مەلۇمكى، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئەردە خوتۇنىغا قارىتا ئۆچلۈك قوزغىلىپ قېلىشى مۇمكىن. نەتىجىدە ئەر كىشى خوتۇنىدىن ئاجراشماقچى ياكى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ تالاقمۇ قىلماي، مۇئامىلىمۇ قىلماي تاشلاپ قويماقچى بولىدۇ. خوتۇن كىشى ئېرىدىن ئاجرىشىشنى خالىمىسا، يارىشىشنىڭ ئامالىنى قىلىدۇ. ئېرىنىڭ ئۆچلۈكىگە ياكى ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈشىگە سەۋەب بولغان ئىشلارنى تۈگىتىش ئارقىلىق ئۇنى رازى قىلىپ، ئاجراشماسلىققا تىرىشىدۇ.
    مەسىلەن، خوتۇن كىشى ئۆيىنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھەققى بولغان مەھرىنىڭ ھەممىسىدىن ياكى بىر بۆلىكىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن. نەپىقە بەرمىسەڭمۇ ياكى ئازراق نەپىقە بەرسەڭمۇ مەيلى، پەقەت تالاق قىلمىساڭلا بولىدۇ، دېيىشى مۇمكىن. ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك تەكلىپ ۋە مۇرەسسەلەر ئارقىلىق كېلىشىپ ئاجرىشىپ كەتمەسلىكتە گۇناھ يوق. شۇڭا، ئايەتنىڭ ئاخىرىدا «كېلىشىش (ئۈزلىشىپ كېتىشتىن) ياخشىدۇر» دېگەن.
    ئىسلام دىنىدا تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئائىلىنى بۇزۇلۇشتىن ساقلاپ قېلىشقا ھەرىكەت قىلىنىدۇ. لېكىن، ئىنسانىي ئالاقىلەر پەقەت مال - مۈلۈك ياكى ئايرىم مەنپەئەتلەر نېگىزىگىلا قۇرۇلمايدۇ. بەلكى ياخشىلىق، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشتەك ھالەتلەرمۇ بار. جۈملىدىن خوتۇنىغا ئۆچ بولۇپ قېلىپ، ئۇنى تالاق قىلماقچى بولغان ياكى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ تاشلاپ قويماقچى بولغان ئەر كىشى خوتۇنىنىڭ ئاجرىشىش نىيىتى يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىپ، تەقۋالىق يۈزىسىدىن ئۇنى ئېلىپ قالسا، تولىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئاللا ئۇ كىشىگە ئەجىر ۋە ساۋاب بېرىدۇ.
    ھەر نەرسىنىڭ ئۆلچىمى بار بولغىنىدەك، ئەر كىشىنى مال - مۈلۈك  ئارقىلىق تۇتۇپ تۇرۇشنىڭمۇ چېكى بار. ئەگەر خوتۇن كىشى بەدۆلەت ئائىلىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ھەر قېتىملىق جاڭجالدا كۈيئوغۇلنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە سوۋغا قىلسا، بىر قېتىمدا ئۆي، كېيىنكى قېتىمدا يەڭگىل ماشىنا ئېلىپ بەرسە، خۇددى بەزى بىمارلار بىر خىل دورىنى ئىچىۋەرسە، باشتا شىپا قىلغان دورا كېيىنچە تەسىر قىلمايدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئوخشاش، مال - مۈلۈك بىلەن كۆڭۈل ئوۋلاشمۇ شۇنداق بولۇپ قالىدۇ. ياكى كۈيئوغۇل قىممەت باھا سوۋغىلارغا ئۆگىنىپ قېلىپ، كانىغا ئوخشاش چاپلىشىۋېلىشى مۇمكىن.
    ھەزىتى شەيخ ھاتەمى ئەسسامنىڭ خوتۇنى  سالىھ ۋە كارامىتى زاھىر ئايال ئىدى. بىر كۈنى ھاتەم ھەزرەتلىرى ئۇرۇشقا بارماق بولۇپ، ئايالىغا دېدى:
    - مەن تۆت ئايلىق سەپەرگە چىقماقچىمەن، شۇ تۆت ئايلىق مۇددەتكە قانچە نەپىقە سورايسەن؟
    - تىرىك قېلىشىمغا يەتكۈدەك نەپىقە قالدۇرسىڭىز بولغىنى، - دېدى ئايالى.
    - تىرىكلىكىڭ ۋە ئۆلۈمۈڭ مېنىڭ قولۇمدا ئەمەس، ھەق تائالانىڭ ئىزمىدىدۇر.
    - ئۇنداق بولسا، مېنىڭ رىزقىممۇ سىزنىڭ قولىڭىزدا ئەمەس، جانابىي ھەقنىڭ ئىزمىدىدۇر.
    ھاتەم ھەزرەتلىرىگە ئايالىنىڭ بۇ جاۋابى تولىمۇ ياقتى ۋە ئۇنىڭ ھەققىگە دۇئا قىلدى.
    قوشنا خوتۇنلار ھاتەمنىڭ ئايالىدىن: «نېمىشقا ئېرىڭىزدىن نەپىقە سورىمىدىڭىز؟» دەپ ئەجەبلىنىشتى، ئۇ جاۋاب بەردى: «ئۇ كىشىمۇ ماڭا ئوخشاش رىزق يېگۈچى، بەرگۈچى ئەمەستۇر.»
    ئەر - خوتۇن ئارىسىدا ئاللا ھۇزۇرىدىكى تەڭلىك ئەنە شۇنداق بولىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى چۈشەنگەن ئائىلىگە بۇزۇلۇش خەۋپ سالالمايدۇ. دېمەكچىمىزكى، ئەر ئۆز مەسئۇلىيىتىگە، خوتۇنمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىگە جاۋابكارلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك. باراۋەرلىك دېگىنى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت. ئايالنىڭ ئەر بىلەن تەڭمۇ تەڭ گەپ تالىشىشى، تەڭمۇ تەڭ سوقۇشۇشى باراۋەرلىك ئەمەس، بەلكى نادانلىق، ئاجىز بوكسچى ھېچقاچان كۈچلۈك بوكسچى بىلەن ئېلىشالمايدۇ. ئائىلىدىمۇ مانا شۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىنسا تولىمۇ ياخشى.
    نىكاھ ئەر - خوتۇننىڭ كىشىلىك ھاياتتا شېرىك بولۇشى توغرىسىدىكى ئەھدى - پەيماندۇر. ئەھدى - پەيمان ۋە شېرىكلىك ھەر ساھە كىشىلىرى ئارىسىدىمۇ ئۇچرايدۇ. ئېيتايلۇق، ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا ۋە دېھقانچىلىقتا … ئەگەر شېرىكلەر ئەھدىگە ۋاپا قىلسا، ئۇلار ياخشى نېمەتلەرگە ئېرىشىدۇ. ئارىلىرىغا خىيانەت، غەرەز ياكى تەمە ئارىلاشسا، ئىشلىرىدىن بەرىكەت كۆتۈرۈلىدۇ. نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپ زىيان تارتىدۇ. نىكاھ ئارقىلىق باغلانغان ئائىلىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. ئەرمۇ، خوتۇنمۇ ئەھدىگە ۋاپا قىلسا، ئائىلىدە بەرىكەت بولىدۇ ۋە بۇنداق ئائىلىنى «پەرىشتىلىك ئائىلە» دەيمىز. ئۇرۇش - جاڭجال تۈگىمەيدىغان ئائىلىنى بولسا «شەيتان ۋەسۋەسىدىكى ئائىلە» دەپ ئاتايمىز. ئەگەر ئائىلىدىكى نەپرەت ئوتى مېھىر - مۇھەببەت گۈلىنى ۋەيران قىلىدىغان دەرىجىگە يەتسە، نىكاھ - دەسلەپكى ئەھدى - پەيمان بىكار قىلىنىدۇ ۋە بۇ بېتىم شەرىئەت تىلىدا «تالاق» دەپ ئاتىلىدۇ. ئائىلىدە جېدەل - ماجىرا چىدىغۇسىز دەرىجىگە يەتسىمۇ ئارىدا تالاق بولمىسا، ئەرنىڭمۇ، خوتۇنىنىڭمۇ پۈتكۈل ئۆمرى غەم - قايغۇ بىلەن  ئۆتىدۇ. ئىسلام دىنىدا ئەر ۋە خوتۇنىنى شۇنداق بالادىن ئاسراش ئۈچۈن تالاق قوللىنىلىدۇ. بەزىدە شۇنداق بولىدۇ: خوتۇننىڭ نىيىتى ياخشى، لېكىن نادانلىقى ۋە تەجرىبىسىزلىكى، كاجلىقى ياكى ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلى، ئۆي ئىشلىرىدا، ياكى بالا تەربىيىسىدە، ياكى ئېرىگە بولغان مۇناسىۋەتتە خاتالىق - كەمچىلىكلەرگە يول قويىدۇ. بۇنداق ئاياللارنى كەچۈرۈش ۋە ئۇلارغا مەرھەمەت كۆرسىتىش كېرەك. ئەمما،  خوتۇن كىشى ئېرىگە بولغان ئاداۋەت ۋە خۇسۇمىتىنى دائىمىي رەۋىشتە كۈچەيتىپ بارسىچۇ؟ بۇ ھالەتتىمۇ دەرھال تالاق قىلىنمايدۇ. بۇ توغرىسىدا ئاللا بۇيرۇيدۇكى: «… ئالدى بىلەن ئۇلارغا (ئاياللارغا) نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەپلەپ قويۇش مەقسىتىدە ئاستىراق ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار، ئاللا ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۈر (ئاللا ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ)» (نىسا سۈرىسى 34 - ئايەتنىڭ ئاخىرقى قىسمى).
    ئەمدى بۇ ئايەت مېغىزىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇپ كۆرەيلى: ئەگەر خوتۇن تەرەپتىن ئائىلىنىڭ ياكى ئەر - خوتۇننىڭ ئىجىل - ئىناق ياشىشىغا توسقۇن بولىدىغان بىرەر ھالەت يۈز بەرسە، ئەرنىڭ ۋەزىپىسى ئالدى بىلەن خوتۇنىغا نەسىھەت قىلىپ، توغرا يولغا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت. مەلۇمكى، ئاياللارنىڭ كۆڭلى تەبىئىي يۇمشاق ۋە ئېھتىراسلىق بولىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا سىلىق سۆزلەر ۋە دوستانە ئۈگۈتلەردىن ئاياللار تەسىرلىنىپ، يامان ئىشلاردىن يانىدۇ. لېكىن، ئۈگۈتلەر كار قىلمىسىچۇ؟ بۇ ھالدا ئەر كىشى جازا تەرىقىسىدە ئورنىنى باشقا قىلىپ، ئايالىغا ئىككى - ئۈچ كېچە يېقىنلاشماسلىقى ۋە شۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. ھوش - كاللىسى جايىدا بولغان خوتۇن بۇ ھالەتنى ئۆزىگە بېرىلگەن قەتئىي ئاگاھلاندۇرۇش دەپ بىلىدۇ. چۈنكى، ئورنىنى ئىككى - ئۈچ كۈن باشقا قىلغان ئەر ئاقىۋەتتە پۈتۈنلەي ئاجرىشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. دېمەك، بۇ ئاددىيلا ئارازلىق ئەمەس، بەلكى ئاجرىشىش ئېھتىمالىدىن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ئەمدى دىلى قېتىپ قالغان ئايالغا بۇ ۋاسىتىمۇ تەسىر قىلمىسا، ئۇ ۋاقىتتا خوتۇنىنى قاتتىق ئازار بەرمەسلىك شەرتى ئاستىدا ئەدەپلەپ قويغۇلۇق. ھەر بىركىشى شۇنى بىلىش زۆرۈركى، ئەدەپلەش كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خوتۇنىنى توغرا يولغا باشلاشنى مەقسەت قىلمىقى كېرەك. لېكىن ئېنىقكى، ئەرگە ئىتائەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلگەن ئايال ۋە ئۆزىدىن قۇدرەتلىك زات ئاللاھنىڭ ھەر ئىشىنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنگەن ئەر بۇ ئاخىرقى چارىگە قەدەم  باسمايدۇ. ئۆزىنى ئەركەك سانايدىغان ھەربىر ئەرنىڭ ئېسىدە بولغاي:«ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋېتىمەن!»، «ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى بىر تونۇتۇپ قويىمەن» دەپ جىسمانىيىتى ئاجىز ئايالىڭىزغا قول كۆتۈرمەڭ. خوتۇنىنى ئۇرۇش دۇنيادىكى كۆپلىگەن خەلقلەردە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىرقى كۈندە ياۋروپادىكى بىرنەچچە مەملىكەتتە خوتۇنىنى ئۇرغانلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش توغرىسىدا قانۇنلار قوبۇل قىلىندى.
    خوتۇنى يۇقىرى چارىلەر تەسىرىدە ئۆزىنىڭ كەمچىلىك - خاتالىقلىرىنى تۈزەتسە، ئەر كىشى يەنە كۆرەڭلەۋەرمەسلىكى، ئاساسسىز گۇمانلارغا بېرىلىپ، خوتۇنىغا زۇلۇم قىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئاساسسىز جاپا - زۇلۇم قىلىدىكەن، ھامان جاجىسىنى يەيدۇ. بەزى كىشىلىرىمىز ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى پات - پات ئۇرۇپ تۇرىدۇ ۋە بۇ قىلىقنى ئايەت ھۆكمى بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. ئۆتمۈشتىمۇ شۇنداق ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرغان. ئۇستاز ئەبدۇرەئوف فىترەت بۇ ھەقتە 1914 - يىلى مۇنداق دېگەنىدى.
    «نىسا سۈرىسىنىڭ 34 - ۋە 35 - ئايەتلىرىنىڭ تەرجىمىسى ۋە ئىزاھى بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئولتۇرسام بىر دوستۇم كۆرۈشكىلى كەلدى. مەن شۇ ماۋزۇدا باشقىلار بىلەن سۆزلىشىشنى زارىقىپ كۈتەر ئىدىم. شۇ مەسىلىنى ئۇنىڭ ئالدىدا بايان قىلىپ، ئايەتنى ئوقۇپ بەردىم. ئۇ كۈلۈپ مۇنداق دېدى: <ئەي ئەبدۇرەئوف، خوتۇن كىشىنى ئۇرۇش ۋە ھاقارەتلەش بىزنىڭ ئومۇمىي ئادىتىمىزدۇر. لېكىن بۈگۈنگىچە بۇ يارىماس ھەرىكىتىمىزنىڭ شەرىئەت ھۆكمىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلمەس ئىدۇق. شۈكرى، بۈگۈن سەن بۇنى قىلسا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردىڭ. ئىنشائاللا بۇنىڭدىن كېيىن خوتۇنلىرىمىزنى كۆپرەك ۋە قاتتىقراق ئۇرىمىز>. مەن دېدىم: <ئەزىزىم! مەسىلىنى توغرا چۈشەندۈرەلمىگەن ئوخشايمەن! ئىسلام دىنى ئاياللارنى ئۇرۇشنى مەنئى قىلىدۇ. بەلكى ئەرلەرگە خوتۇنۇڭلارغا مەرھەمەت ۋە مۇرەسسە - مادارا قىلىپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار، دەپ ئەمر قىلىدۇ. يۇقىرىدا مەن بۇ مەسىلىنى بايان قىلغانىدىم. لېكىن، ساڭا بايان قىلغان مەسىلە ئالاھىدىدۇر. پەرەز قىلايلۇقكى، بىر يامان خۇيلۇق ۋە ئەخلاقسىز ئايال بار. بىچارە ئەر خوتۇنىنىڭ ئۆزىگە ئاداۋەت  قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ھالاۋىتىنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن، خوتۇن قۇلاق سالمايدۇ. ئەر خوتۇنىدىن ئىككى - ئۈچ كۈن يىراقلىشىدۇ. خوتۇن شۇنىڭدىمۇ چۈشەنمەيدۇ. بۇ چاغدا سەنمۇ بىلىسەنكى، ئەرنىڭ خوتۇنىنى تالاق قىلماقتىن باشقا ئىلاجى قالمايدۇ. بىراق ئىسلام دىنى تالاقنى مەنئى قىلماق بولۇپ، ئەر كىشىگە: <تالاق قىلىشقا ئالدىرىما!> دەپ ئەمر قىلىدۇ. <خوتۇننىڭ ئەزالىرىنى مېيىپ قىلماي ۋە لەت قىلماي ئۇنى يېنىككىنە ئۇرغىن. شۇنىڭ بىلەن خوتۇنۇڭ يامان ئىشىغا توۋا قىلسا ۋە مۇناسىۋىتى ياخشىلانسا ئەجەب ئەمەس. مېنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمدىن بىلدىڭكى، قۇرئان ھۆكمى مەسلىھەت يۈزىسىدىن بولۇپ، ئەھلى ئىسلام ئائىلىلىرىگە، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئاياللىرىغا بۈيۈك مەرھەمەتتۇر>. مەن بۇ شەخسىي سۆھبەتنى شۇنىڭ ئۈچۈن يازدىمكى، باشقىلارمۇ مېنىڭ باياناتىمنى شۇ دوستۇمغا ئوخشاش چۈشىنىپ قېلىپ، خوتۇنلىرىنى ئۇرۇش ئۈچۈن باھانە قىلىپ ئالمىسۇن».
    توقسان يىل ئىلگىرى بايان قىلىنغان بۇ پىكىر تېخىچە قىممىتىنى يوقاتمىغان بولۇپ، قۇرئان ھۆكمىنى ناتوغرا چۈشىنىپ قالغان بۇرادەرلىرىمىزگە ھېلىمۇ مۇھىم ئىبرەتتۇر.
    ئەر كىشى ئائىلىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بارچە چارىلىرىنى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچبىر پايدىسى بولمىدى. ئۇ ھالدا ئاجراشماقتىن باشقا يول يوق، دېمەك تالاققا رۇخسەت بېرىلىدۇ. «ئەگەر ئۇلار (ئەر - خوتۇن) تىنچلىق ۋە رازىلىق بىلەن ئاجرىشىپ كەتسە، ئاللا كەڭ مەرھەمىتى ۋە كەرەمى بىلەن ئۇلارنى بىر - بىرىدىن ھاجەتسىز قىلىدۇ» (نىسا سۈرىسى 130 - ئايەت). ئەمما ئورۇنسىز، بەلكى نەپسى - شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ تالاق بېرىلسە، ئەلۋەتتە گۇناھ ۋە ھارامدۇر. گۇناھكار جازاسىنى تارتماي قالمايدۇ. دېمەك، تالاققا ئىجازەت بېرىلگەن، لېكىن ئىسلام دىنىدا ئۇ خۇش كۆرۈلمەيدىغان مۇباھ (جائىز) ئەمەللەردىن سانىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئۇمەردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبىرىمىز مەرھەمەت قىلىدۇ: «ئاللا ئالدىدا ئەڭ يامان مۇباھ - تالاقتۇر».
    بەزى  ئائىلىلەردىكى يامان شارائىت، ئەرنىڭ زۇلمى ۋە باشقا قەبىھ ئادەتلىرى خوتۇنىنى «ۋاي داد!» دېگۈزىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆزى ئېرىدىن تالاق تەلەپ قىلىدۇ. ئادەتتە بۇ جەريان تېز بولمايدۇ. ھەرقانداق ئايال باشتا سەۋر قىلىدۇ ۋە بۇنداق سەۋر - چىدام كۆپ يىللارغا سوزۇلىدۇ. لېكىن، سەۋر - بەرداشلىق توغىنى بۇزۇلۇش دەرىجىسىگە يەتكەندە، ئايال تالاق سورايدۇ. لېكىن، ئايالنىڭ تەلەپلىرىمۇ ئاساسلىق بولۇشى كېرەك. بىرىنىڭ مىشمىش گەپلىرىگە ياكى گۇمانلارغا ئىشىنىپلا، ياكى باشقا ئەرگە كۆڭلى چۈشۈپ قالغانلىقى سەۋەبلىكلا ئۆز ئېرىدىن  ئاجرىشىشتەك يامان نىيەتتە بولماسلىقى كېرەك. بۇ توغرىدا ساھابىلەردىن سۇھبان رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق مەرھەمەت قىلىدۇ: «قايسىبىر خوتۇن زۆرۈرىيەتسىز ۋە ئېھتىياجسىز رەۋىشتە ئېرىدىن تالاق تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا جەننەت ۋە ئاللانىڭرەھمىتى تەگمەيدۇ».
    بىر قىسىم قىزلىرىمىز ئاتا - ئانىلىرىنىڭ خاھىشى بويىچە ئۆزلىرى  كۆڭۈل قويمىغان يىگىتكە تۇرمۇشقا چىقىدۇ. ئائىلىدە كېيىنرەك باشلىنىدىغان كېلىشمەسلىكلەرگە خوتۇنىنىڭ دەل شۇ كۆڭۈلسىزلىكى سەۋەب بولىدۇ. بەزى ئاياللار شۇ كۆڭۈلسىزلىكى تۈپەيلى خىيانەت كوچىسىغىمۇ كىرىپ قالىدۇ. ئەنە شۇنداقلارغا بىر سالىھنىڭ دېگەنلىرىنى ئەسلەتمەكچىمەن:
    بىر ھاكىم ياش ۋە گۈزەل بىر ئايالنى سىناپ كۆرمەك مەقسىتىدە شۇنداق دەپتۇ:
    - سېنىڭدەك گۈزەل بىر ئايالنىڭ ئاشۇنداق سەت  بىر ئەرگە تېگىشى ياخشى ئەمەس.
    بۇ گۈزەلنىڭ ئېرى راستتىنلا سەت بولۇپ، بۇمۇ يەتمىگەندەك ھەمىشە پاسكىنا يۈرىدىغان يېقىمسىز ئادەم ئىدى. گۈزەل خوتۇن ئۆلىمانىڭ گېپىگە مۇنداق چىرايلىق جاۋابنى بەردى:
    - ئەي ھەكىم! سىز تولىمۇ يېڭىلىشتىڭىز! بۇ سۆزنى سىزدەك مۆتىۋەر زاتتىن ئىشىتىپ كۆپ رەنجىدىم. چۈنكى، ئېرىمنىڭ ئاللا تائالا ئالدىدا قىلغان بىر ساۋابى بارلىقىدىن بولسا كېرەك، مېنى ئۇ ساۋابىغا قارىتا مۇكاپات تەرىقىسىدە بەرگەن ئوخشايدۇ. بەلكىم، مەن بىرەر گۇناھ ئىش قىلغاندۇرمەن. ھەق تەئالا شۇنىڭ جازاسى سۈپىتىدە مېنى ئۇنىڭغا بەرگەندۇر. جانابىي ھەقنىڭ بۇيرۇغان تەقدىرىگە رازى بولماق كېرەك.
    بۇ جاۋابتىن مەمنۇن بولغان ئالىم ئۇ گۈزەل ئايالغا دەپتۇ:
    - مەن سېنىڭ دىندار ۋە ئەقىللىق ئايال ئىكەنلىكىڭنى سەزگەنىدىم. شۇڭا، بىر سىناپ كۆرەي دېگەنىدىم. قىزىم، ئاياللاردا جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن  ئەڭ بۈيۈك نىشان -  ئەرلەرنىڭ يامان پېئىللىرىغا سەۋر قىلماقتۇر. بۇ سەۋر ئۇلارنى جەننەتكە باشلاپ بارىدۇ. جەننىتى سالىھ ئايالنىڭ نىشانى ۋە ئالامىتى ئېرىگە ئىتائەت قىلماق، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلماق، ئېرى يوقلۇقىدا ياخشى دۇئا قىلماق ۋە ئۇنىڭ مال - مۈلكىنى ساقلاپ، ئىسراپ قىلماسلىق قاتارلىق خىسلەتلەردىن ئىبارەتتۇر.
    ھەر كىشىنىڭ ئايالىنىڭ شۇنداق سالىھ بولۇشىنى ئاللا نېسىپ ئەتسۇن. ئەر قەدرىنى بىلمەيدىغان دوزىخىي خوتۇنلارغا ئاللا ئىنساب - تەۋپىق بەرسۇن!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.