خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى( ماۋزېدۇڭ)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-18 07:43:25

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى ! ماۋزېدۇڭ (1893 - 1976) ماۋزېدۇڭ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىياڭتەن دېگەن يېرىدىن؛ ئۇلۇغ پرولېتارىيات مۇتەپەككۇرى، ئىنقىلابچىسى، ئىستراتېگىيىچىسى ۋە نەزەرىيىچىسى؛ جۇڭگو كومپارت...

    خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى !

             ماۋزېدۇڭ    (1893 - 1976)    
     ماۋزېدۇڭ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىياڭتەن دېگەن يېرىدىن؛ ئۇلۇغ پرولېتارىيات مۇتەپەككۇرى، ئىنقىلابچىسى، ئىستراتېگىيىچىسى ۋە نەزەرىيىچىسى؛ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ۋە جۇڭخۇ خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاسالىق قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى؛ 4 - ماي ھەرىكىتىنىڭ ئالدى - كەينىدە ماركسىزمنى قوبۇل قىلغان، 1921 - يىلى 7 - ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ 1 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان، 1927 - يىلى 7 - ئاۋغۇست يىغىنىدا مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ دېگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇ قېتىملىق يىغىندىن كېيىن كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىنى قوزغاپ، جىڭگاڭشەندە تۇنجى يېزا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇرغان؛  1934 - يىلى 10 - ئايدا ئۇزۇن سەپەرگە قاتنىشىپ، زۇنيى يىغىنىدا جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، ئۈچ كىشلىك ھەربىي ئىشلار رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1937 - يىلى ئەمەلىيەت توغرىسىدا، زىددىيەت توغرىسىدا قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ ماركسىزملىق بىلىش نەزەرىيىسىنى ۋە دىئالېكتىكىنى بېيىتقان؛ ماۋزېدۇڭ 7 - نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدىن تارتىپ جۇڭگو  خەلقىنىڭ ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، سوتسىيالىزم يولىغا مېڭىشىغا رەھبەرلىك قىلغان؛ دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى يولىدا توختىماي ئىزدىنىپ غايەت زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. 1949-يىلىدىن  1976-يىلى ۋاپات بولغۇچە جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرى سۈپىتىدە دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلغان.
     
        1944- يىل 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى   بىزنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىمىز ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى 8 - ئارمىيە، يېڭى 4 - ئارمىيە - ئىنقىلابىي قوشۇن. بىزنىڭ بۇ قوشۇنىمىز تامامەن خەلقنى ئازادلىققا چىقىرىشنى كۆزلەيدۇ، ئۈزۈل - كېسىل خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. يولداش جاڭ سىدې مۇشۇ قوشۇنىمىزدىكى بىر يولداش ئىدى. كىشى ئاخىرى ئۆلىدۇ، لېكىن ئۆلۈمنىڭ ئەھمىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ. جۇڭگودا قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن سىماچيەن دېگەن بىر ئەدىب مۇنداق دېگەنىدى:كىشى ئاخىرى ئۆلىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك بولىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى ھاڭگىرت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ. خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۆلۈش تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك بولىدۇ؛ فاشىستلار ئۈچۈن غالچىلىق قىلىپ ئۆلۈش، خەلقنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان ۋە ئېزىدىغانلار ئۈچۈن ئۆلۈش، ھاڭگىرت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ. يولداش جاڭ سىدې خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۆلدى، ئۇنىڭ ئۆلۈمى تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك. بىز - خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلارمىز، شۇڭا بىزدە كەمچىلىك بولىدىكەن، باشقىلارنىڭ تەنقىد قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىشىدىن قورقمايمىز. قانداق كىشى ئىكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، كىم كۆرسىتىپ بەرسە بولۇۋېرىدۇ. سېنىڭ ئېيتقىنىڭ توغرا بولسىلا، بىز  تۈزىتىمىز. سەن ئېيتقان چارە خەلققە پايدىلىق بولسىلا، بىز سېنىبڭ ئېيتقىنىڭچە ئىش كۆرىمىز. قوشۇنلارنى خىل، مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچام قىلىش دېگەن پىكىرنى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن لى دىڭمىڭ ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغانىدى؛ ئۇ ياخشى قويدى، بۇ خەلققە پايدىلىق ئىدى، بىز بۇنى قوبۇل قىلدۇق.
     
       بىز خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن ياخشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغان، خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن خاتانى تۈزىتىدىغانلا بولساق، بىزنىڭ بۇ قوشۇنىمىز چوقۇم گۈللەپ - ياشنايدۇ. بىز ھەر يەر - ھەر يەردىن كېلىپ، ئورتاق ئىنقىلابىي نىشان ئۈچۈن توپلاندۇق. بىز يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى زور كۆپچىلىك خەلق بىلەن بىللە مۇشۇ يولدا ماڭىمىز. بىز بۈگۈنكى كۈندە 91 مىليون ئاھالىگە ئىگە تايانچ بازىلارغا رەھبەرلىك قىلىۋاتىمىز، لېكىن بۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس، تېخىمۇ كېڭەيتىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. يولداشلىرىمىز قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدا ئۇتۇقلارنى كۆرۈشى كېرەك، يورۇقلۇقنى كۆرۈشى كېرەك، غەيرىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو خەلقى ئازاب چېكىۋاتىدۇ، بىزنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋېلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار، بىز تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. كۈرەش قىلدىكەنمىز، قۇربان بېرىشلەر بولىدۇ، ئادەم ئۆلۈش ئىشى دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن بىز خەلق مەنىپەئىتىنى ئويلىغىنىمىزدا، زور كۆپچىلىك خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى ئويلىغىنىمىزدا، خەلق ئۈچۈن ئۆلسەك، ئورۇنلۇق ئۆلگەن بولىمىز. شۇنداقتىمۇ تېگىشلىك بولمىغان قۇربان بېرىشلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىشىمىز كېرەك.
         بىزنىڭ كادىرلىرىمىز ھەر بىر جەڭچىگە غەمخورلۇق قىلىشى لازىم، ئىنقىلاب قوشۇنىدىكى بارلىق كىشىلەر بىر - بىرىگە غەمخورلۇق قىلىشى، بىر - بىرىگە كۆيۈنۈشى، بىر - بىرىگە ياردەم بېرىشى لازىم. بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ قوشۇنىمىزدا مەيلى كىم بولسۇن، مەيلى ئاشپەز بولسۇن، جەڭچى بولسۇن، ئۇ ئاز - تولا پايدىلىق ئىش قىلغانلا بولسا، بىز ئۇنى ئۇزىتىشىمىز، ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشىمىز لازىم. بۇ بىر تۈزۈم بولۇپ قالسۇن. بۇ ئۇسۇلنى پۇقرالارغىمۇ تونۇشتۇرۇش كېرەك. يېزىلاردا كىشى ئۆلسە، ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن قايغۇمىزنى بىلدۈرۈپ، پۈتۈن خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.