«فىرانسىس ماكومبىنىڭ قىسقىغىنا كۆڭۈللۈك تۇرمۇشى»غا كىرىش

يوللىغۇچى : asatamat يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-02 17:17:00

«فىرانسىس ماكومبىنىڭ قىسقىغىنا كۆڭۈللۈك تۇرمۇشى»غا كىرىشئەسئەت ئەمەت ئىرنىست ھېمىڭۋاي دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئىنتايىن يۇقىرى شۆھرەتكە ئىگە يازغۇچى بولۇپ، ئەسەرلىرى بىر دەۋر دۇنيا ئەدەبىياتىنى...

    «فىرانسىس ماكومبىنىڭ قىسقىغىنا كۆڭۈللۈك تۇرمۇشى»غا كىرىش
    ئەسئەت ئەمەت

       ئىرنىست ھېمىڭۋاي دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئىنتايىن يۇقىرى شۆھرەتكە ئىگە يازغۇچى بولۇپ، ئەسەرلىرى بىر دەۋر دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھىمىڭۋاي ئۆزىنىڭ يۇقىرى بەدىئىي تالانتى بىلەن كېيىنكى نۇرغۇن مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئۇستازى بولۇپ قالدى. ئۇنڭ دۇنيا ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى كەمدىن-كەم يازغۇچىلارغا سېلىشتۇرۇش مۇمكىن. ھىمىڭۋاي ئەسەرلىرى جۇڭگو كىتابخانلىرى بىلەن ناھايىتى بۇرۇن يۈز كۆرۈشۈشكە باشلىغان بولۇپ، «ئەلۋىدا قورال»، «قۇياش يەنىلا كۆتۈرۈلىدۇ» قاتارلىق رومانلىرى خەنزۇ يېزىقىدا ئىنگلىزچە نەشرىدىن بىرقانچە يىللار كېيىن نەشر قىلىنغان، ھىمىڭۋاي ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۆز دۆلىتى ئەدەبىيات-سەنئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئېھتىياجى بولۇپ قالغان. ھىمىڭۋاي ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تونۇشتۇرۇش ئەدەبىيات نەتىجىلىرىگە قارىتا ئىلمىي تەھلىل ۋە يېتەكلەش تەجرىبىسى يېتەرسىز، ئەستايىدىل يېزىقچىلىققا قارىتا ئېنىق تونۇش تېخى شەكىللەنمىگەن ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە شۇنداقلا غەرب ئەدەبىياتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلغار يېزىقچىلىق ئىستىلىغا بولغان چۈشىنىشىمىزنى ئلگىرى سۈرۈشىمىزكىمۇ زور ياردەم بېرىدۇ.
       ھىمىڭۋاينىڭ «فىرانسىسس ماكومبىنىڭ قىسقىغىنا كۆڭۈللۈك تۇرمۇشى» ناملىق بۇ ھېكايىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھېكايىلىرىنىڭ بىرى دەپ ئورتاق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، يازغۇچى گارسىيە ماركىز بۇ ھېكايىنى «دۇنيا ئەدەبىيات غەزىنىسىدىكى بىر تال گۆھەر» دەپ تەرىپلىگەن ھەم ھىمىڭۋاينىڭ ئۇسلۇبى، ئىقتىدارى بۇ ئەسەردە ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرۇلغان دەپ باھا بەرگەن.
    ئىرنىست ھىمىڭۋاي ئاخبارات مۇخبىرلىقى بىلەن شۇغۇللانغان يىللاردىلا خەۋەر يېزىقچىلىقى تىلىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ھەم خەۋەر يېزىقچىلىقىغا قويۇلىدىغان نۇرغۇن تەلەپلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئېلىپ كىرىلسە ئەسەردىكى قۇرۇق دەبدەبە، گەپتانلىق رەڭدار سۆزلەر، گەپ يورغۇلىتىش، چۈشىنىكسىز مۇرەككەپ جۈملىلەر، قۇرۇق تەھلىل، بىھۇدە ئىستىلىستىكا قاتارلىقلاردىن خالىي بولغىنى ۋە ئەدەبىي ئەسەرنىڭ سۈپتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى، شۇنداقلا تېخىمۇ يۇقىرى، ئەستايىدىللىققا ئىرىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ھىمىڭۋاينىڭ بۇ بايقىسى ۋە مۇشۇ خىل يېزىقچىلىقى ھەم ئۇنىڭ كېيىنكى كۆپلىگەن يېزىقچىلىق ئىسلاھاتى ئىجادىيىتىگە زور ئۇتۇق، دۇنيا ئەدەبىياتىغا زور بۇرۇلۇش ئېلىپ كەلگەن.
    بۇ ئەسەردە ئاپتور سالماق، ئېغىر-بېسىق، ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن پېرسوناژلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى، گەپ-سۆزلىرى، ئۇلار تۇرۇۋاتقان مۇھىت قاتارلىقلارنى بىرمۇ-بىر بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئەسەردە يازغۇچىنىڭ بىرەر ئوبيېكتىنى ھاياجان بىلەن ياكى نەپرەت بىلەن تەسۋىرلىگەنلىكىنى بىلەلمەيمىز. ئەسەرنىڭ بارلىق جەريانى ئىنتايىن تەكشى بايان قىلىنغان بولۇپ، يازغۇچىنىڭ كەيپىيات جەھەتتىن گاھ ئۆرلەپ، گاھ تۆۋەنلىگەنلىكىنى بايقىيالمايمىز. پېرسوناژلارغا ئاپتورنىڭ ھېچقانداق ئېنىق پوزىتسىيىسى سىڭدۈرۈلمىگەن. ئۇلارنىڭ خاراكتىرى، پەزىلىتى ئۆزلىرى قىلىۋاتقان ئىشلارغا، ئۇلارنىڭ تىلىغا يۈكلەنگەن. ئەسەر قارىماققا ئىنتايىن راۋان، ئاددى بولۇپ، ئوقۇرمەن ھېچقانداق يۈك ھېس قىلمايدۇ. ھىمىڭۋاي كىتابخانلارنى مانا شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن ئۆزىنىڭ مۇرەككەپ دۇنيا ھەققىدىكى ئەسەرلىرى قوينىغا باشلاپ كىرەلەيدۇ.
    ئەسەردە پېرسوناژلار ئۆزىگە مۇناسىپ ئاددىي گەپلەرنى قىلىدۇ. ئۇلار تۇرغان لاگىر ۋە ئوۋ ئوۋلىغان جايلار دەريا، ئورمانلىق، چاتقاللىق، شىر، پېرسوناژلارنىڭ ھەربىر ئىنچىكە ھەرىكەتلىرى خۇددى سۈرەتكە تارتقاندەك ئېنىق، رەتلىك، ئەتراپلىق تەسۋىرلەنگەن.
    ئەسەردە ئاساسلىق ئۈچ پېرسوناژ بار.
    فىرانسىس ماكومبى «ناھايىتى باي ھەم تېخىمۇ باي بولۇپ كىتىش مۇمكىن ئىدى» ئۇ ئايالى مارگارىتنى ئېلىپ ئافرىقىغا ساياھەتكە، ئوۋ ئوۋلاشقا كەلگەن. مارگارىت «ئەزەلدىن ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، ئافرىقىدىمۇ ھەم شۇنداق ئىدى. بىراق ئامېرىكىدا ئۇ ئېرىنى تاشلاپ كېتەلىگۈدەك تېخىمۇ ياخشى كۈن كەچۈرەلىگۈدەك دەرىجىدە گۈزەل ئەمەس ئىدى» «مارگارىت ناھايىتى چىرايلىق بولغاچقا ماكومبىنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىشكە كۆڭلى قىيمايتتى. ماكومبىنىڭ پۇلى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا مارگارىتمۇ ئايرىلىشقا چىدىمايتتى».
    پېرسوناژلارنىڭ يەنە بىرى ئاق تەنلىك ياللانما ئوۋچى ۋىلسون. ئۇ بۇ ئەر-خوتۇننىڭ ئوۋچىلىقىغا ياردەملىشەتتى ھەم ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئىدى.
    ماكومبى ئەر-ئايال قارىماققا تولىمۇ بەختلىك ئىدى. ئەمما شىر ئوۋلاش جەريانىدا مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. يەنى ماكومبى شىردىن قورقۇپ قېچىپ كېتىدۇ. ئايالى مارگارىت بۇنىڭدىن قاتتىق نومۇس قىلىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئالدىدىلا ياللانما ئوۋچىنىڭ ئاغزىغا سۆيىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ناھايىتى ئوسال ئەھۋالدا قالغان ئىرىگە قاتتىق زەربە بولىدۇ. مارگارىت ئۆز نەزىرىدىكى ئەزىمەت ۋىلسونغا ناھايىتى يېقىنچىلىق قىلىدۇ ھەم كېچىسى ئىرىنىڭ يېنىدىن ئوغۇرلۇقچە چىقىپ ۋىلسوننىڭ چىدىرىغا كىرىپ كېتىدۇ. ماكومبى سېزىپ قالغاندىن كېيىنمۇ يوشۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ. ماكومبىنى ئىنتايىن خورلايدۇ. ئۇنىڭ ۋىلسونغا قىلغان يېقىنچىلىقى ماكومبىغا ئازار بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇ بارلىق ئىش-ھەرىكىتى، تىلى ماكومبىنى قاتتىق ئازابلايدۇ. ماكومبى ئايالى ۋە باشقا كىشىلەر ئالدىدا تۆكۈلگەن ئابرويىنى ئەتىسى ياۋا كالا ئوۋلاش ئارقىلىق قايتا ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ. ئەتىسى راستىنلا باتۇرلۇق بىلەن ئۈچ ياۋا كالىنى ئوۋلاپ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئەمما بۇ ئىش ئۇنىڭ ئايالىنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ. تۇنجى ئوۋلانغان كالىنىڭ ياۋا چاتقاللىق ئىچىگە كىرىپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ، ئايالى ئىرىنىڭ يەنە بىر ئوسال بولۇشىغا ئازراق ئۈمىد باغلايدۇ. باشتا ماكومبىنى ئازراقمۇ مەنسىتمىگەن ياللانما ئوۋچى ئۇنىڭ كېيىنكى باتۇرلۇقىنى كۆرۈپ ئۇنى ھۆرمەتلەشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئايالى ئۆزىنى قاتتىق ئوسال بولغان ھالدا سېزىدۇ. كۈتمىگەندە چاتقاللىقتىكى كالا بىلەن ئېلىشىشتا ئېرى تېخىمۇ باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ. بۇ چاغدا مۇرەككەپ ھېس-تۇيغۇ ئىچىدە قالغان ئايالى ئېرىنىڭ مېڭىسىگە ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئاپتور ئايالنىڭ ياۋا كالىنى ئاتقاندا ئېرىگە تاسادىپى تىگىپ كەتكەنلىكىگە مايىل بىرئاز بايان بېرىدۇ. ماكومبى ئەر-ئايالنىڭ ھېسسىيات ماجراسىدىن باشتىن-ئاخىر خەۋەردار ۋىلسون بولسا مارگارىتنىڭ مەلۇم قەستەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ ھەم «ئۇنى نېمىشقا زەھەرلەپ ئۆلتۈرمەيسىز، ئەنگىلىيەدە ئاياللار مۇشۇنداق قىلىشىدۇ»، «قالتىس ئىش قىلدىڭىز، ئۇ ھامان سىزنى تاشلىۋېتەتتى» دەيدۇ. يەنە «بۇ قەستەنلىك ئەمەس... سىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ» دەيدۇ. فىرانسىس ماكومبىنىڭ ئوۋ جەريانىدىكى قىسقىغىنا كۆڭۈللۈك تۇرمۇشى مانا شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ.
    بارلىق مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار ئەمەلىيەتتە ئەڭ كۆپ زېھنىنى ئىجتىمائىي ئەخلاق تېمىلىرىغا سەرىپ قىلغان بولۇپ، ھىمىڭۋاينىڭ بۇ ئەسىرىمۇ دەل شۇ ساھەدىكى مۇھىم بىر ئىزدىنىش. ماكومبى خانىم ئۆز ئېرىنىڭ باتۇر، ئەزىمەت بولۇشىنى شۇقەدەر ئارزۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ ئېرى ھەقىقەتەن بىر ئەزىمەتكە ئايلىنىپ ئۆزىنىڭمۇ، ئايالىنىڭمۇ يۈزىنى كۆتۈرگەندە بولسا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچى تارلىقى، شەپقەتسىزلىكى، ۋاقتىنچە ھاياجىنىنى بىرتەرەپ قىلالمايدىغان ئەقىلسىزلىكى سەۋەبىدىن ئېرىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇ بەلكىم ئۆزىنىڭ ئەمدى تاشلىنىپ كېتىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئېرىنى ئۇجۇقتۇرۇش ئارقىلىق (دەل مۇشۇنداق جىددىي ئوۋ مەيدانىدا، ئېرى بىلەن يىرتقۇچ ھايۋان ئېلىشىۋاتقاندا ئېرىنى كۆزدىن يوقىتىش ئېرىنىڭ بايلىقى شۇنداقلا ئۆزىنىمۇ بىخەتەر ساقلاپ قېلىشنىڭ ياخشى چارىسى بولۇشى مۇمكىن) ئۆزىگە يېڭى چىقىش يولى ھازىرلاش نىيىدە بولغان بولۇشى مۇمكىن. رېئاللىقتا ئادەملەر ئىنتايىن مۇرەككەپ ھېس-تۇيغۇدا ياشايدىغانلىقى، ئۇنىڭغا ماتىماتىكىدەك ئېنىق تەبىر بەرگىنى بولمىغىنىدەك يازغۇچىمۇ بۇ ئەسەردە مارگارىتنىڭ ئېنىق مەقسىدى ھەققىدە ھېچنېمە دېمەيدۇ. پەقەتلا مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىزنىڭ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشىمىز ۋە تەھلىلىمىزگە كەڭ بوشلۇق ھەم ئىمكانىيەت قالدۇرىدۇ. مانا بۇ ئىلغار ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ، مەلۇم جەھەتتە ئەسەر ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۆزى بىلەن تەڭ جانلىق تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەشتۇر. ئوقۇرمەنلەرگە ھەممىنى دەپ بېرىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەپەككۇرىنى تار دائىرىگە سىغداپ قويۇش، ھەتتا ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان قۇرۇق ھاياجانغا ئىرىشتۈرۈش ئەستايىدىل يېزىقچىلىققا پۈتۈنلەي يات بولۇپ، ھىمىڭۋاي قاتارلىق مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار ئەسەرنىڭ داۋرىڭىدىن كۆرە ئۇنىڭ ئۈنىمى، ئەستايىدىللىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئىستىلىنى بىز چوڭقۇر ئۆگەنگەندىلا ئىجادىيەتكە سەمىمى مۇئامىلە قىلالايمىز.

    مەزكۇر ئەسەر تەڭرىتاغ ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.