«ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ كېسەللىك پاكىتلىرى» نىڭ تېكست ئانالىزى-رولاند بار

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-04 14:13:04

«ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ كېسەللىك پاكىتلىرى» نىڭ تېكست ئانالىزىرولاند بارتىس (فرانسىيە)تەرجىمە قىلغۇچى ئىدرىس نۇرۇللارولانىد بارتىس (1915 − 1980، Roland Barths) فرانسىيەلىك پەيلاسۇپ، ئېستىتىكشۇناس، ئەدەبى...

    «ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ كېسەللىك پاكىتلىرى» نىڭ تېكست ئانالىزى
     
    رولاند بارتىس (فرانسىيە)
    تەرجىمە قىلغۇچى  ئىدرىس نۇرۇللا
     
    رولانىد بارتىس (1915 − 1980، Roland Barths) فرانسىيەلىك پەيلاسۇپ، ئېستىتىكشۇناس، ئەدەبىي تەنقىدچى، سارترىدىن كېيىنكى فرانسىيە بىلىم ساھەسىنىڭ داھىيىسى دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى پوستمودېرنىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ تەسىر قۇرۇلمىچىلىق، بەلگىشۇناسلىق، ماركسىزىم ۋە چۇۋۇلمىچىلىق (解构主义) قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىيە نۇقتىئىينەزىرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدە قۇرۇلمىچىلىق (结构主义)، بولغان، 1968- يىلىدىن باشلاپ چۇۋۇلمىچىلىققا بۇرالغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئەپسانە − ئاممىۋى كۇلتۇر شەرھى»، (1957)، «بەلگەشۇناسلىق قائىدىلىرى» (1964)، «ئىپىك ئەسەرلەرنىڭ بايان ئانالىزىغا مۇقەددىمە» (1966)، «بايان فورماتى سىستېمىسى» (1967)، «ئاپتور ئۆلدى» (1968)، «تېكستنىڭ خۇشاللىقى» (1975) قاتارلىقلار بار. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، 1985- يىلى دوستى فرانسوۋا ۋال ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىنى تاللاپ «بەلگەشۇناسلىقنىڭ خېيىم- خەتىرى» دېگەن نامدا نەشر قىلدۇرغان.
     
    1. تېكست ئانالىزى
    بايان قۇرۇلمىسى ئانالىزى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ بارلىق تەتقىقاتلىرىمىز بەلگەشۇناسلىق (符号学) تىن ئىبارەت ئوخشاش ئىلمىي مەنبەگە، يەنى ئىشارەت رولىنى ئوينايدىغان پەنگە ئىگە. ئەمما، ئۇلار ئۆز- ئارا ئىختىلاپچانلىق سەۋەبىدىن بىر- بىرىنى تەنقىلىدى (بۇ تەبرىكلەشكە تېگىشلىك ئىش)، تەنقىدچانلىق نۇقتىئىينەزىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەربىر خىل تىرىشچانلىق بەلگەشۇناسلىقنىڭ ئىلمىيلىكىگە، يەنى ئۆزىنىڭ دېيىلمىسى (话语) گە ئىگە بولىدۇ. بۇنداق (قۇرۇشچان) ئىختىلاپچانلىق ئىككى ئاساسى خاھىش ئاستىدا بىرلىشەلەيدۇ، بىرىنچى خىلىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى بارلىق بايانلارغا يۈزلىنىپ، ئانالىز قىلىش تەتقىقاتى بىر خىل رۇشەنلىكنى قۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان شەكىل خاراكتېرلىك بايان ئەندىزىسى (叙事模式) بولۇپ، بىر خىل بايان قۇرۇلمىسى ياكى بايان گىرامماتىكىسى شۇنىڭدىن پەيدا بولىدۇ (مۇشۇ سەۋەبتىن بايقىلىدۇ)، ھەربىر ئالاھىدە بايان پەرقچانلىقىغا ئاساسەن ئانالىز قىلىنىدۇ؛ ئىككىنچى خىلىغا ئاساسلانغاندا، بايان بىۋاسىتە (ھېچ بولمىغاندا مۇمكىنچىلىكى بولغاندا) «تېكست» (文本) ئۇقۇمى ئاستىدا بولىدۇ، تېكست بىر بوشلۇق (ماكان)، يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىشارەت رولى جەريانى بولۇپ، «كۆرسىتىش» (意涵، signifianse) دەپ ئاتاشقا بولىدۇ (بىز گېزى كەلگەندە بۇ سۆزگە ئېنىقلىما بېرىمىز)، بىز ئۇنى بىر خىل ئاخىرلاشقان، يېپىق «مەھسۇلات» دەپ قارىماي، بىر خىل يېيىلىۋاتقان «ئىشلەپچىقىرىش رولى» دەپ قارايمىز، ئۇ باشقا تېكست، باشقا كود (代码) لار بىلەن «ئۆز ئارا تۇتىشىدۇ» [مانا بۇ ئۆز ئارا تېكستچانلىق (文本间体، Lintertexuel) تۇر]، بۇنداق تۇتىشىش جەمئىيەتتە، تارىختا بولىدۇ، بىر خىل دېتېرمېنزم (决定论) شەكلىگە ئاساسلانماي، بىر خىل ئالدىنقى شەرتلىك (引述، citationnelles) ئۇسۇلغا ئاساسەن شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، مەلۇم مەنىدە، بىز قۇرۇلما ئانالىزى بىلەن تېكست ئانالىزىنى پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك.① گەرچە بىز ئىككىسىنىڭ قارىمۇ- قارشىلىقىنى جاكارلاشنى خالاپ كەتمىسەكمۇ، قەتئىيلىك بىلەن ئېيتىلىدىغان بايان ئانالىزى ئاغزاكى بايان (口头叙事، ياكى ئەپسانە) غا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، بىز تۆۋەندە ئۇرۇنۇپ باقىدىغان بايان ئانالىزى يازما بايان (书写叙事) غا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
    تېكست ئانالىزى بىر ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەسۋىرلەشنى مەقسەت قىلمايدۇ، ئۇ بىر قۇرۇلمىنى خاتىرىلەش بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، قانداقلا بولمىسۇن، بىر خىل تېكست ھەرىكىتىنىڭ قۇرۇلمىلاشتۇرۇش رولى (تارىختىن قارىغاندا، قۇرۇلمىلاشتۇرۇش رولى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ) نى پەيدا قىلىشقا ئۆزىنىڭ بارلىق كۈچىنى بېغىشلاپ، ئەسەرنىڭ ئىشارەت سىغىمچانلىقى (意指容量، volume) ئىچىدە، ئەسەرنىڭ كۆرسىتىشى (意涵) ئىچىدە توختايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. تېكست ئانالىزى تېكستنىڭ نېمە تەرىپىدىن بەلگىلەنگەنلىكى (يەنى سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتى سۈپىتىدە يىغىۋېلىنغانلىقى) نى چۈشىنىشكە ئۇرۇنماي، ئامال قىلىپ تېكستنىڭ قانداق پارچىلانغانلىقى ياكى كېڭەيگەنلىكىنى ئىزدەيدۇ. شۇڭا، بىز بىر پارچە بايان تېكستى، بىر ھېكايىنى تاللىۋېلىپ، ئۇنى ئوقۇيمىز، زۆرۈر تېپىلغاندا سۇسلۇقتىن مۇستەسنا بولالماي، زۆرۈر تېپىلمىغاندا توختاپ ئۆتىمىز (ئېھتىياتچانلىق خىزمىتىمىزنىڭ مۇھىم بىر نۇقتىسى)، لېكىن، بىز تېكستنىڭ بارلىق مەنىسىنى مەقسەت قىلمايمىز، قەتئىيلىككە ئىنتىلمىسەكمۇ، بەلگە قويىمىز ۋە تۈرگە ئايرىۋالىمىز (بۇ مۇمكىن بولمايدۇ، چۈنكى تېكېست چەكسىز ئېچىۋېتىلگەن، ھەربىر ئوقۇرمەن، ھەربىر سۇبيېكت، ھەربىر پەننىڭ تېكستنى ئوقۇپ تۈگىتىشى مۇمكىن ئەمەس)، ئەمما، مەنە ئىزدەش مۇشۇ سەۋەبتىن مۇمكىن بولىدىغان شەكىلگە، يەنى كودقا ئىگە بولىدۇ. بىز بەلگە قويۇلغان مەنەنىڭ ئېرىقى بولىمىز. بىزنىڭ مەقسىتىمىز «مەنەنىڭ ئۆزى» (le sens) نى بايقاش، ھەتتا تېكستنىڭ بىر خىل مەنىسىنى بايقاش ئەمەس، بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز ئىزاھشۇناسلىق تىپىدىكى بىر خىل ئەدەبىي تەنقىدكە مەنسۇپ ئەمەس (كېيىنكىسىنىڭ مەقسىتى پەرەز قىلىپ يوشۇرۇۋاتقان ھەقىقەتكە ئاساسەن تېكستنى ئىزاھلاشتۇر)، مەسىلەن، ماركسىزملىق تەنقىد ياكى روھىي ئانالىز تەنقىدىگە ئوخشاش. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئەڭ ئاخىرى تېكستنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكى، ئۇنىڭ مەنە جەريانىدىكى ئېچىۋېتىشچانلىقنى قىياس قىلىش، تەسەۋۋۇر قىلىش، ئاكىتىپلاشتۇرۇشتۇر. شۇڭا، بۇنداق تەتقىقاتنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ئېنىقكى تېكستنى ئەپلاتونچە (学院派) بىر تەرەپ قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ (قارىماققا مىتودولوگىيىگە ئەھمىيەت بېرىدىغاندەك قىلسىمۇ)، ھەتتا ئادەتتىكى ئەدەبىيات بىلەنمۇ چەكلەنمەيدۇ، ئۇ بىر خىل نەزەرىيىگە، بىر خىل ئەمەلىيەتكە، بىر خىل تاللاشقا چېتىلىدۇ، ئۇلار ئادەم بىلەن ئالامەت (记号) ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش جەريانىغا چېتىلىپ قالىدۇ.
    بىر باياننى تېكست ئانالىزى قىلىش ئۈچۈن، بىز مۇئەييەن مىقداردىكى يۈرگۈزۈش پروگراممىسى (بىز كۆرسىتىۋاتقان يۈرگۈزۈلۈش پروگراممىسى ئاساسى پىرىنسىپ بولۇپ، مىتودولوگىيىلىك پرىنسىپ دېگەنلىك ئەمەس، «مىتود» دېگەن بۇ سۆز بەك مۈجىمەل، بولۇپمۇ بۇ ھەقتە ئىدىئولوگىيە جەھەتتە تالاش- تارتىش بار، چۈنكى «مىتۇد» دېگەن سۆز دائىم بىر خىل دەلىلچىلىك نەتىجىسىنى پەرەز قىلىۋاتىدۇ) غا ئاساسلىنىمىز. بىزنىڭ بۇ پروگراممىلارنى تۆت خىل ئاددىي بايان قىلىش باسقۇچىغا يىغىنچاقلىشىمىزنى قانداقلا بولمىسۇن، نەزەرىيىنى تېكستنىڭ ئىچىدە ئاقتۇرۇش، دېيىشكە بولىدۇ. ۋاقتىنچە بىز پەقەت ئۆزىمىز تاللىۋالغان ھېكايىنى ئانالىز قىلىشنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز باشلىشىمىزغا كېرەكلىك ھەممە نەرسىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
    ھازىر مەن تەتىق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان تېكستنى تۇتاشقان ۋە (ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا) ئىنتايىن قىسقا ئۈزۈندە (بىر جۈملە، جۈملىنىڭ بىر قىسمى، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ ياكى تۆت جۈملىنىڭ بىرىكمىسى) قىلىپ بۆلەكلىۋالىمەن؛ بىز «1» دىن باشلاپ، بۇ ئۈزۈندىلەرگە رەت نۇمۇرى قويىمىز (10 بەت سەھىپىدە 150 ئۈزۈندە بار). بۇ ئۈزۈندىلەر ئوقۇش بىرلىكى، شۇڭا، مەن ئۇلارنى ئوقۇش بىرلىكى (读解单位، Lexies)② دەپ ئاتاش تەكلىپىنى بېرىمەن. بىر ئوقۇش بىرلىكى ئېنىقكى بىر تېكستنىڭ كۆرسەتكۈچى (能指) سدۇر. بىزنىڭ بۇ يەردىكى مەقسىتىمىز كۆرسەتكۈچىنى تەتقىق قىلىش بولماستىن (بىزنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنىمز ئىستىلىستىكا ئەمەس)، مەنەنى تەتقىق قىلىشتۇر، بۇنداق ئايرىش ئۇسۇلىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى يوق [بىز تىل قۇرۇلمىسى (语言结构) دا بولماستىن، دېيىلمە (话语) دە، شۇڭا، كۆرسەتكۈچى بىلەن كۆرسىتىلگۈچى (所指) ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ئاسان كۆرۈۋالغىلى بولىدىغان ھالەتداشلىق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، بىز بىرىنىڭ يەنە بىرىگە قانداق ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، شۇڭا، بىز كۆرسەتكۈچىنى بۆلەكلەشنى قوبۇل قىلىپ، بىرلا ۋاقىتتا كۆرسىتىلگۈچىنىڭ يوشۇرۇن بۆلەكلىشىنىڭ يېتەكچىلىكىگە ئۇچراشنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەك.] قىسقىسى، بايان تېكستىنى ئوقۇش بىرلىكىگە بۆلەكلەش نوقۇل تەجرىبىچانلىق بولۇپ، بىر خىل قۇلايلىق ئويلىنىشنى چىقىش قىلىدۇ، ئوقۇش بىرلىكى بىر خىل ئىختىيارىيلىقنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، پەقەت بىر ئۈزۈندىدىنلا ئىبارەت، ئۇنىڭ ئىچىدىن بىز مەنە پەرقىنى بايقايمىز. مانا بۇ تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى تىلغا ئالىدىغان «مەشغۇلات سورۇنى» (操作场) دۇر، پايدىلىق ئوقۇش بىرلىكى مانا مۇشۇنداق بىر ئۈزۈندە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر خىل، ئىككى خىل، ئۈچ خىل مەنەلا نامايەن بولىدۇ [تېكست ئۈزۈندىسىنىڭ سىغىمچانلىقى (容量، volume) ئىچىدە بىر- بىرىگە ئۈستىمۇ ئۈسىت چۈشىدۇ].
    ھەربىر ئوقۇش بىرلىكىگە نىسبەتەن، بىز ئۇ پەيدا قىلىدىغان مەنەنى كۆرىمىز. مەنەگە نىسبەتەن، بىز ئىنىقكى ئۇنى لۇغەتلەر ۋە گرامماتىكىدىكىگە ئوخشاش سۆز مەنىسى ياكى سۆز بىرىمكىسى مەنىسىدە چۈشەنمەيمىز، قىسقىسى، گرامماتىكا بىلىمى بۇنى چۈشەندۈرۈشكە كۇپايە قىلىدۇ. بىزنىڭ چۈشىنىدىغىنىمىز ئوقۇش بىرلىكىنىڭ كۆرسىتىش رولى (涵指作用)، ئىككىنچى خىل مەنىسىدۇر. بۇنداق كۆرسىتىلگەن مەنە باغلانما تەسەۋۋۇر (联想، association) مەنىسى (مەسىلەن، بىر پېرسوناژنىڭ بەدەن تەسۋىرىنى بىر نەچچە جۈملىگە سوزۇشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ پەقەت بىرلا يوشۇرۇن كۆرسىتىدىغان كۆرسىتىلگۈچىسى بولىدۇ، ئالايلى، پېرسوناژنىڭ «تەشۋىشى»، گەرچە بۇ سۆز بىۋاسىتە قاتلامدا نامايەن بولمىسىمۇ) دىن ئىبارەت. ئۇلار يەنە مۇناسىۋەت مەنىسى بولۇپ، تېكستتىكى بەزى چاغدا ئىنتايىن يىراقلىشىپ كېتىدىغان ئىككى نۇقتا ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشتىن كېلىشى مۇمكىن (بۇ يەردە باشلانغان ھەرىكەت ئىنتايىن ئىشەنچلىك بولغاندىن كېيىن تاماملىنىشى، ئاندىن مۇشۇ جايدا ئاخىرلىشىشى مۇمكىن). ئەگەر مەن مۇشۇنداق دېيەلىسەم، بىزنىڭ ئوقۇش بىرلىكىمىز ئەڭ ئىنچىكە «غەلۋىر تۆشۈكى» بولىدۇ، ئۇنىڭ ياردىمىدە بىز مەنەنى، كۆرسىتىشنى «ئىلغاپ» چىقالايمىز.
    بىزنىڭ ئانالىزىمىز ئاستا- ئاستا بولىدۇ، بىز بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن تېكېستنى كېسىپ ئۆتىمىز، ئەڭ بولمىغاندا قىياسەن شۇنداق قىلىمىز، سەھىپە مۇناسىۋىتى بىلەن مەن بۇ يەردە پەقەت ئىككى ئانالىز ئۈزۈندىسىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىز تېكست ئىچىدىكى (ئىستىلىستىكىدىكى) كۆپ مىقداردىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى مەقسەت قىلمايمىز، بىز بىرەر تېكست خەرىتىسى سىزمايمىز، ھەتتا ئۇنىڭ تېماتىكىسى (主题学) نى سۈرۈشتۈرمەيمىز، قىسقىسى، بىز تېكستنى تېخىمۇ بەكرەك چۈشەندۈرمەي، «چۈشەندۈرۈش» دېگەن سۆزگە يۈكلەنگەن ئېتمولوگىيەلىك مەنەنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىزنىڭ گېزى كەلگەندە تېكېستنى يايغىنىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇنى قاتلاملارغا ئايرىپ چىقىمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئانالىز مىتۇدىنى بىر خىل ئوقۇش (读解) قا ئوخشىتىمىز؛ دېمەك، بۇنداق ئوقۇش مەلۇم مەنىدە ئاستا ھەرىكەت تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتىلىدۇ. بۇنداق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى نەزەرىيىدە مۇھىم بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ تېكېستنىڭ قۇرۇلمىسىنى قايتا تەشكىللەشكە ئۇرۇنماي، ئۇنىڭ قۇرۇلمىلىشىش جەريانىغا ئەگىشىشىمىز، ھەتتا ئوقۇشنىڭ قۇرۇلمىلىشىش رولىنى كومپوزىتسىيە (布局، بۇ بىر ئىستىلىستىكىلىق، كىلاسسىك ئۇقۇمدۇر) نىڭ قۇرۇلمىلىشىش رولىدىن مۇھىم دەپ قارىشىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
    ئەڭ ئاخىرىدا، بىز ئۆز چۈشەندۈرۈشىمىزدە مەنەنىڭ «ئۇنتۇلۇپ» قالغانلىقىدىن ئانچە ئەنسىرەپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ. مەلۇم مەنىدە، مەنەنىڭ ئۇنتۇلۇشى ئوقۇشقا ئىشتىراك قىلغانلىقتۇر، بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز قەيىت قىلىنغان مەنەنىڭ ئاخىرلىشىشى (تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، مەنە باشلانمايدۇ ئەمەسمۇ؟) نىڭ تېخىمۇ بەكرەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بولماستىن، باشلىنىشى، بىر خىل ئىچكى، يېپىق، ئويلىنىشقا تېگىشلىك قۇرۇلما بولماستىن، تېكېستنىڭ باشقا تېكېست، باشقا كود، باشقا بەلگىلەرگە يۈزلىنىدىغان يولى (通道) دۇر. تېكېستنى شەكىللەندۈرىدىغىنى تېكېستلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. بىز (باشقا پەنلەر ئارقىلىق) تەتقىقاتنىڭ ئاستا- ئاستا ئىككى خىل نۇقتىئىينەزەرنىڭ بىرىكىشىنى تونۇشى كېرەكلىكىنى كۆردۇق، ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان زىددىيەتلىك دەپ قارىلىۋاتقان قۇرۇلما نۇقتىئىينەزىرى ۋە چەكسىز بىرىكىشچانلىق نۇقتىئىينەزىرىدىن ئىبارەت. ھازىر بىز بۇ ئىككى خىل پەرەزنىڭ بىردەك ماسلىشىشنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى، كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ بەكرەك چۈشىنىپ بولغىنى تىل، يەنى چەكسىزلىك ھەم قۇرۇلمىلىشىش بولدى.
    ئىشىنىمەنكى، بۇ چۈشەندۈرۈشلەر بىزنىڭ تېكېست تەھلىلىنى باشلىشىمىزغا يېتەرلىك بولدى (ئەلۋەتتە، تېكېست تەتقىقاتىنىڭ جىددىيلىكىگە مەڭگۈ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، ئەمما شۇنى ئۇنتۇماسلىق لازىمكى، تەتقىقات قانچىلىك دەرىجىدە زۆرۈر بولسۇن، تېكېست پەيدا قىلىدىغان خۇشاللىق يەنىلا بىز ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك پىرىنسىپتۇر). بىز تاللىغان تېكېست ئاللان پوئىنىڭ «ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ كېسەللىك پاكىتلىرى» (بۇ ھېكايىنى بودلىر ئىنگلىزچىدىن فىرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلغان) ناملىق ھېكايىسىدۇر. مېنىڭ تاللىشىم − ئەڭ بولمىغاندا ئۇنىڭ ئاڭ ئېقىمى قىسمى بار، بەلكىم، ئەمەلىيەتتە بۇ مېنىڭ ئاڭسىز تاللاش ئېلىپ بارغانلىقىمدىن بولسا كېرەك − ئىككى خىل مەخسۇس ئويلىنىشنى مەنبە قىلغان، مەن ئىنتايىن قىسقا تېكېستتىن قويۇق سىمۋۇللۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە كۆرسەتكۈچى تاشقى قاتلام (ئوقۇش بىرلىكى سىستېمىسى) نى تولۇق ئېگىلەشكە مۇھتاج، بۇنداق بولغاندا، ئانالىز قىلىنغان تېكېست ئىنچىكە مەنەلەردىن ھالقىغان ھالدا ئۇلىنپ بىزگە سوقۇلىدۇ، ئۆلۈم ئۇ جاكارلىغان «باش تېما» بولغاندا، ھېچكىم بۇنداق بىر خىل تېكېستكە سوقۇلماي قالمايدىغۇ؟
    مەن سەمىمىيىك بىلەن شۇنى تولۇقلاپ قويسام، بىر تېكېستنى ئانالىز قىلىشنىڭ ئىشارىتى داۋامىدا، بىز ئېھتىياتچانلىق بىلەن بەزى مەسىلىلەرنى ئويلاشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىمىز. بىز يازغۇچى ئاللان پوئىنىڭ ئۆزىنى مۇھاكىمە قىلمايمىز، ئۇ مەنسۇپ بولغان ئەدەبىيات تارىخىنىمۇ مۇھاكىمە قىلمايمىز. بىز ئۆز تەتقىقاتىمىزنىڭ تەرجىمە نۇسقىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىدەك ئەمەلىيەتنىمۇ ئويلاشمايمىز، ئۆزىمىز ئوقۇغان تېكېستكە تەبىئىي مۇئامىلە قىلىپ، بىرەر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇنىڭ ئامېرىكا ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرى ساھەسىدە چۈشىنىلىپ، فرانسىيە ئەدەبىياتى ياكى پەلسەپە تەتقىقاتى ساھەسىدە چۈشىنىلمىگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ يۈرمەيمىز. بۇ ھەرگىزمۇ مەزكۇر مەسىلىلەر بىزنىڭ ئانالىزىمىزغا كىرمەسلىكى كېرەك، دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە، ئۇلار بىۋاسىتە ھالدا تېكېست ئانالىزىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئانالىز تېكېستنىڭ بىر قېتىملىق كېسىپ ئۆتۈشتىن ھالقىپ كېتىشىدۇر. بۇ مەسىلىلەر كۇلتۇرنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، كودنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىنسا بولىدۇ، ئەمما بىر خىل بەلگىلەش رولى دەپ قارالسا ھەرگىز بولمايدۇ.
    ئەڭ ئاخىرى دەيدىغان گېپىم مەلۇم بىر خىل «سېھرىگەرلىككە ھەيدەكچىلىك قىلىش» خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، بىز ئانالىز قىلىدىغان تېكست لېرىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەمەس، سىياسىي خاراكتېرگىمۇ ئىگە ئەمەس، مۇھەببەت، جەمئىيەت ھەم ئۆلۈم ھەققىدىمۇ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلمىگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىز بىر خىل ئالاھىدە تەكشۈرۈپ بىكىتىش (审核) نى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشكە ئېھتىياجلىق، بۇنداق تەكشۈرۈپ بىكىتىش شۇملۇقنىڭ ئالامەتلىرى (不详之兆) گە باغلىنىدۇ. بىز بۇنداق قىلغاندا تۆۋەندىكى ئەقىدىنى نەزەرگە ئالىمىز: ھەرقانداق بىر تەكشۈرۈپ بىكىتىش باشقا شەيئىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىۋاتقان بولۇپ، دىننىڭ سىرتىدا ئۆلۈمنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ھەممىسى دىنىي چەكلىمىلەرنى بىكار قىلغانلىق، شۇنىڭدەك ئەقىچىلىك چەكلمىلىرىنى بىكار قىلغانلىقتۇر.
     
    2. ئوقۇش بىرلىكى ئانالىزى 1− 17
    (1) ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ كېسەللىك پاكىتلىرى
    (2) ئەلۋەتتە، مەن ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ پەۋقۇلئاددە كېسىلىنى نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنى قوزغىشى مۇمكىنمۇ، قانداق دەپ ئويلىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ئەمەسمەن. خۇسۇسەن، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا، بۇ ئىش مۇنازىرە قوزغىمىسىمۇ، ئەكسىچە مۆجىزە بولۇپ قالىدۇ.
    (3) بىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئارزۇلىرىمىز كۆپچىلىكتىن مەخپىي تۇتۇلاتتى، ئەڭ بولمىغاندىمۇ نۆۋەتتە مەخپىي تۇتۇلاتتى، ياكى بىزنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىش پۇرسىتىمىز كەلگىچە − ئۆز ئىقتىدارىمىزغا تايىنىپ تەتقىق قىلغۇچە مەخپىي تۇتۇلاتتى.
    (4) ھالبۇكى، بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىۋېتىلگەن، مۇبالىغە قىلىنغان بىر ھېكايە جەمئىيەتكە ئېقىپ كىرسە، ئادەمنى ناخۇش قىلىدىغان نۇرغۇن خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالاتتى، ھەم تەبىئىي ھالدا كۆپلىگەن ئىشەنچسىزلىكلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالاتتى.
    (5) ئەمدى مەن پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزۈم بىلىدىغان ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرمىسەم بولمىدى.
    (6) قىسقىسى، ئەمەلىيەت مۇنداق:
    (7) ئۈچ يىلدىن بۇيان گىپنۇز تېخنىكىسى مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغاپ كەلدى.
    (8) ئالاھەزەل توققۇز ئاي ئىلگىرى، مەن تۇيۇقسىز شۇ چاغقىچە ئىشلەنگەن بارلىق تەجرىبىلەردە
    (9) ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەم چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن تەس بولغان بىر كەمتۈكلۈكنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ قالدىم،
    (10) نۆۋەتتە تېخى بىرەرسى ئۆلۈپ كېتىشى ئېنىق بولغان ئەھۋال ئاستىدا گىپنۇزلىنىپ باقمىغانىدى.
    (11) ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىكى،
    (12) بىرىنچىدىن، ئۇ خىل ئەھۋالدا بىمار گىپنۇزنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلالامدۇ- يوق؟
    (13) ئىكىنچىدىن، ئەگەر قوبۇل قىلسا، ئۆلۈم ھالىتى گىپنۇزنىڭ كۈچىنى بۇزۇش رولىنى ئوينامدۇ ياكى ئۇنى كۈچەيتەمدۇ؟
    (14) ئۈچىنچىسى، گىپنۇز جەريانىنىڭ ئۆلۈمنى توسۇۋېلىشى قانچىلىك بولىدۇ، قايسى دەرىجىگە يېتىدۇ؟ 
    (15) جەزملەشتۈرۈشكە تېگىشلىك يەنە باشقا مەسىلىلەر بولسىمۇ،
    (16) مېنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغىنىم يەنىلا يۇقىرىقى ئۈچ مەسىلە،
    (17) بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى بىرى ئىدى، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلاتتى.
    (1) «ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ كېسەللىك پاكىتلىرى»
    ماۋزۇنىڭ فۇنكسىيىسى تېخى كەسكىن تەتقىق قىلىنمىدى، ئەڭ بولمىغاندىمۇ قۇرۇلما نۇقتىئىينەزىرىدىن قارىغاندا شۇنداق بولدى. دەرھال كۆرسەتكىلى بولىدىغىنى شۇكى، جەمئىيەتنى چىقىش قىلغان سودا مۇددىئاسى تېكستنى بىر خىل مەھسۇلاتقا، بىر خىل تاۋارغا سېلىشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئۇ شەرتلىك بەلگە (标志) نىڭ «يۈرگۈزۈلۈش تۈرى» (运作项) گە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ماۋزۇنىڭ فۇنكسىيەسى بولسا تېكېست مۇقەددىمىسىنىڭ شەرتلىك بەلگىسى، يەنى تېكېستنى بىر تاۋارغا ئايلاندۇرۇشتۇر. شۇنىڭ بىلەن، ھەربىر ماۋزۇ بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدىغان بىر نەچچە مەنەگە ئىگە بولىدۇ، ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىگە ئىگە بولىدۇ، ئۇنىڭ بىرى، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگۈچىنىڭ ئۆز كەينىدىكى تاسادىپىيلىققا جىددى باغلىنىشىدۇر؛ ئىككىنچىسى، ئەدەبىي ئەسەر (يەنى ئەمەلىيەتتە بىر تاۋار) گە نىسبەتەن پەيدا بولىدىغان جاكار (宣告) نىڭ ئۆزىدۇر. دېمەك، ماۋزۇ مەڭگۈ سۆزنى چۈشەندۈرۈش ۋە سۆزنى كۆرسىتپ بىرىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل فۇنكسىيەگە ئىگە بولىدۇ.
    a. پاكىتنى جاكارلاپ، بىر خىل تۈگۈن (疑迷) نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قىياس قىلىش. تۈگۈننىڭ بەلگىلەش (كۆرسەتكۈچى قاتلامدا) يېتەكچىلىكى ئاستىدا تۆۋەندىكىلەر − سۆز چىنلىقى، سۆز مىسالى (ئۇ ئالاھىدە، شەرتلىك بەلگىگە ئىگە، ئىشارەتچان بولغاچقا، ئۇنىڭ مەنىسى جەزمەن تېپىلىشى كېرەك)، ئېنىق ئارتىكىل (پەقەت بىر خىللا چىنلىق مەۋجۇت، شۇڭا بارلىق تېكست ئەسەرلىرى بۇ تارچۇقتىن ئۆتۈشى كېرەك) بولىدۇ. ماۋزۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىشارەت (预指) شەكلى شۇكى، داۋاملاشتۇرغۇچى جاكارلىغۇچىدا ئىشقا ئاشسا، تۈگۈننىڭ يېشىمىمۇ جاكارلىنىدۇ. بىز ئىنگلىزچە ماۋزۇ «The facts in the case…» − ئاللان پوئى ئىزدىگەن كۆرسىتىلگۈچى بىر خىل تەجرىبە قاتلىمىغا مەنسۇپ، فرانسوزچىغا تەرجىمە قىلغۇچى (بودلىر) ئىزدىگەن كۆرسىتىلگۈچى ئىزاھشۇناسلىق قاتلىمىغا مەنسۇپ − غا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا، مەزكۇر پاكىت ھەقىقى ئەمەلىيەتنى كۆرسىتىۋاتقان بولىدۇ، شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ مەنىسىنىمۇ كۆرسىتىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ، بىز بۇ ئوقۇش بىرلىكىنىڭ بىرىنچى مەنىسىنى تۈگۈن، بەلگىلەش (تۈگۈن بىر كودنىڭ ئادەتتىكى ئىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ بەلگىلەيدىغىنى ئۇ تەشكىل قىلىدىغان تۈرلەرنىڭ بىرىدۇر) دەپ بەلگىلەشتۈرۈۋالىمىز (符码化).
    b. بىزنىڭ پاكىتنى تىلغا ئالساق بولىدىغانلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنى جاكارلاش، ئۇنى بىر تاق سۆزگە باغلاش ئەمەس. ئەگەر بىز ئۆز مەقسىتىمىزنى تىلغا ئالساق، تىلنى ئىككى قاتلامغا ئايرىپ، بىرىنى مەلۇم مەنىدە يەنە بىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالساق، ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئىپتىدائىي تىل (元语言) غا تايىنىۋالغان بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە ئىپتىدائىي تىل كودى پەيدا بولىدۇ.
    c. بۇنداق ئىپتىدائىي تىلنىڭ جاكارلىنىشى بىر خىل ھاياجانلاندۇرۇش (起兴) فۇنكسىيىسىگە ئىگە بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ «ئىشتىھاسىنى ئاشۇرىدۇ» [بۇ پروگرامما «تەشۋىشلەندۈرۈش» تۈرىگە مەنسۇپ]. بايان بىر خىل تاۋار، ئۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن «خىرىدار چاقىرىش» باسقۇچى مەيدانغا چىقىدۇ. بۇ خىرىدار چاقىرىش باسقۇچى، يەنى «ھاياجانلاندۇرۇش دورىسى» بايان كودى (بايان ئىستىلىستىكىسى) غا قويۇلغان ئىسىمدۇر.
    d. خاس ئىسىملار مەڭگۈ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىنىشى كېرەك، چۈنكى، ئۇنى كۆرسىتىلگۈچىگە باش بولىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغىنى باي، ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك ۋە سىمۋۇل خاراكتېرلىك بولىدۇ. بىز ۋالدېمار دېگەن ئىسىمدىن ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى خىل كۆرسىتىش مەنىسىنى ئوقۇيالايمىز، ئۇنىڭ بىرى، بىر خىل جەمئىيەت، بىر خىل ئىرق كودىنىڭ پەيدا بولۇشىدۇر، بۇ بىر گېرماننىڭ ئىسمىمۇ ياكى بىر سىلاۋىياننىڭ ئىسمىمۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ ئانگىلو- ساكسۇننىڭ ئىسمى ئەمەس. بۇ يەردە خىرە- شىرە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزكۇر كىچىككىنە تۈگۈن «19» دا (ۋالدېمار بىر پولەك) دا يېشىلىدۇ. ئىككىنچىسى، «ۋالدېمار» − «دېڭىز جىلغىسى»، ئوكياننىڭ گىردابى، دېڭىزنىڭ چوڭقۇر جايى ئاللان پوئى ياخشى كۆرىدىغان باش تېما بولۇپ، گىرداپ يىراقتىكى تەبىئەت، سۇنىڭ تەكتى ۋە يەر ئاستىنىڭ سىرتىدىكى نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئانالىز نۇقتىئىينەزىرىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭدا بىر جەمئىيەت − بىر ئىرق كودى ۋە (ياكى بىردىنبىر) سىمۋۇل كودى (بىز سەل تۇرۇپ بۇ كودلار ھەققىدىكى مۇھاكىمىگە قايتىپ كېلىمىز) دىن ئىبارەت ئىككى خىل كودنىڭ ئىزناسى مەۋجۇت.
    e. «ۋالدېمار ئەپەندى» دېيىش بىلەن «ۋالدېمار» دېيىش ئوخشاشمايدۇ. نۇرغۇن ھېكايىلەردە پولەكلەر ئىسىمنىلا (مەسىلەن، Ligeia، Eleonora، Morella دېگەندەك) ئىشلىتىدۇ. بۇ ئەپەندىنىڭ پەيدا بولۇشى بىر خىل ئىجتىمائىي رېئال مەنە، تارىخ ئەمەلىيىتىدىكى مەنەنى ئېلىپ كېلىدۇ: باش قەھرىمان ئىجتىمائىيلاشتۇرۇلغان، ئۇ بىر ئالاھىدە جەمئىيەتكە مەنسۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇ بىر پۇقرالىق سالاھىيىتىگە مۇيەسسەر قىلىنىدۇ. شۇڭا، بۇنى ئىجتىمائى كود دېيىش كېرەك.
    (2) «ئەلۋەتتە، مەن ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ پەۋقۇلئاددە كېسىلىنى نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنى قوزغىشى مۇمكىنمۇ، قانداق دەپ ئويلىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ئەمەسمەن. خۇسۇسەن، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا، بۇ ئىش مۇنازىرە قوزغىمىسىمۇ، ئەكسىچە مۆجىزە بولۇپ قالىدۇ.»
    a. بۇ جۈملە (ھەم ئۇنىڭ كەينىدىكى بىر نەچچە جۈملە) ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىنى قوزغاشتا كۆرۈنەرلىك فۇنكسىيىگە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس دەپ قارىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر، بىزنىڭ ئويلايدىغىنىمىز ماۋزۇدا بەلگىلەنگەن تۈگۈن («پاكىت») نىڭ يېشىمى، شۇنداقلا بۇ تۈگۈنگە ئالاقىدار چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ كەينىگە سوزۇلۇشىدۇر. شۇڭا، بىز تۈگۈننىڭ بەلگىلىنىش ئىچىدىكى كەينىگە سوزۇلۇشىنى كودلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
    b. (1) c دىكىگە ئوخشاش كۆرسىتىش (涵指): ئوقۇرمەننىڭ ئىشتىھاسى غىدىقلىنىشى كېرەك (بايان كودى).
    c. پەۋقۇلئاددە دېگەن سۆز ئىنتايىن مۇجىمەل، ئۇ دائىملىق قانۇنىيەتتىن ئايرىلغان، بىراق تەبىئى (ئەگەر بۇ يەردىكىسى يەنىلا «تېببىي» بولىدىغان بولسا) نەرسىلەرگە ئوخشاش بولماسلىقى ناتايىن بولغان مەلۇم بىر خىل نەرسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ يەنە تەبىئەتتىن ھالقىغان نەرسىلەرنى كۆرسەتسىمۇ، بىر خىل «قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش» قا ئايلىنىش (ئاللان پوئى بايان قىلغان ھېكايە كۆرسىتىدىغان «بىمەنىلىك» دەل «پەۋقۇلئاددىلىك» تۇر) نى كۆرسەتسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. بۇ سۆزنىڭ مۇجىمەللىكى بۇ يەردە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇ بىر قورنۇنچلۇق ھېكايە (تەبىئەتنىڭ چېكى سىرتىدىكى) نى كۆرسىتىپ، بىر خىل ئىلمىي باھانىنى ئۆز ئىچىگە يوشۇرىدۇ («مۇھاكىمە قىلىش» دېگەن بۇ ئىلمىي ئىبارىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). بۇنداق بىرىكىش ئەمەلىيەتتە كۇلتۇر خاراكتېرلىك بولغان. غەلىتىلىك بىلەن ئىلمىيلىكنىڭ ئارىلاشمىسى 19- ئەسىردىكى ئاللان پوئى مەنسۇپ بولغان ئاشۇ دەۋردە ئۆز گۈللىنىشنىڭ يۇقىرى چوققىسىغا يەتكەنىدى، كىشىلەر تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسىلەرنى ئىلمىي تەتقىق قىلىش (گىپنۇز تېخنىكىسى، پىرىخۇنلۇق، قەلىپ ئىندۇكسىيىسى قاتارلىقلار) قا كۆڭۈل بۆلەتتى، تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسىلەرنى ئەقىلچىلىكنىڭ، ئىلىم- پەننىڭ سەۋەبى دەپ قىياس قىلاتتى، بىزنىڭ ئىلمىي ھالدا روھنىڭ ئۆلمەسلىكىگە ئىشىنىشىمىز مۇمكىنمۇ، ئەمەسمۇ؟ مانا بۇ ئاشۇ دەلىلچىلىك دەۋرىنىڭ قەلبىدىكى مۇراجىئەت ئىدى. بۇنداق كۇلتۇر كودى بىزنىڭ بۇ يەردە ئاددىيلاشتۇرۇشنى چىقىش قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى بولۇپ، ئۇنى بىر خىل ئىلىم- پەن كودى دەپ ئاتايمىز، ئۇ پۈتكۈل باياندا ئىنتايىن مۇھىم خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
    (3) «بىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئارزۇلىرىمىز كۆپچىلىكتىن مەخپىي تۇتۇلاتتى، ئەڭ بولمىغاندىمۇ نۆۋەتتە مەخپىي تۇتۇلاتتى، ياكى بىزنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىش پۇرسىتىمىز كەلگىچە − ئۆز ئىقتىدارىمىزغا تايىنىپ تەتقىق قىلغۇچە مەخپىي تۇتۇلاتتى.»
    a. «تەتقىقات» دېگەن سۆزگە داۋاملىق ئوخشاش بىر پەن كودى (ئۇمۇ بىر رازۋىتكىشۇناسلىق ئىبارىسىدۇر، ھەممىمىزگە مەلۇمكى، 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى رازۋىتكا ھېكايىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەل ئاللان پوئىدىن باشلانغان، ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى مۇھىم بىر ئىش، رازۋىتكىشۇناسلىقتىكى تۈگۈن كودى بىلەن پەن كودى − پەن دېيىلمىسى − نىڭ بىرىكىشى بولۇپ، ئۇ قۇرۇلما ئانالىزىنىڭ ئىدىئولوگىيىلىك ئانالىز بىلەن ناھايىتى ياخشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ) نى قوشىمىز.
    b. بۇ مەخپىي ئىستەكلەر بايان قىلىنمىغان، ئۇلار ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بىزنىڭ ئوقۇشىمىزدا پەيدا بولىدىغان ئوخشاش بولمىغان ئىككى كود (ئوقۇش يەنە تەسەۋۋۇر قىلىش ئېيتىپ بەرمىگەن نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى كۆرسىتىدۇ) دىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ بىرى، ئىلىمىي ھەققانىيەت ئەخلاقشۇناسلىقى كودى بولۇپ، ئاللان پوئى بىلەن دوختۇرلارنىڭ كەسپىي ئېھتىياتچانلىقنى چىقىش قىلىپ، بىر خىل ئىلمى شەرھىيىسى يوق ھادىسىنى كىشىلەرگە جاكارلاشنى خالىماسلىقىدۇر. ئىككىنچىسى، سىمۋۇل كودى بولۇپ، «ئۆلۈپ تىرىلىش» نىڭ مەنئى قىلىنىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا نىسبەتەن، كىشىلەرنىڭ مەزكۇر باش تېمىنى تىلغا ئالماي، يەنىلا ئۇنىڭدىن قورقۇشىدۇر. ئەمدى شۇنى كۆرسەتمەي بولمايدۇكى (گەرچە بىزنىڭ كېيىن بۇ ئۇقۇمغا قايتىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز زۆرۈر بولسىمۇ)، بۇ ئىككى خىل كودنى بىكىتكىلى بولمايدىغان (ئۇنىڭ بىرىنى تاللاپ، يەنە بىرىنى ئىنكار قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس) بولسىمۇ، دەل مۇشۇ بىكىتكىلى بولماسلىقنىڭ ئۆزى باياننىڭ ئەۋزەللىكىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
    c. بايان ھەرىكىتى (行动) نۇقتىئىينەزىرىدىن قارىغاندا (بۇ بىز ئۇچرىتىدىغان تۇنجى بايان ھەرىكىتىدۇر) بۇ يەردە بىر تەرتىپ باشلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە، «يوشۇرۇۋېلىش» (使隐藏) لوگىكىدا (ياكى ساختا لوگىكىدا) مەلۇم بىر خىل داۋاملىشىۋاتقان يۈرگۈزۈلۈش (مەسىلەن ئاشكارىلاش) نىڭ مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بىز بۇ يەردە بىر ھەرىكەت تەرتىپىنىڭ تۇنجى سۆز ئەزاسى − يوشۇرۇۋېلىش − نى بەلگىلىۋېلىپ، بىر ئازدىن كېيىن، ئاخىرىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلار بايقىشىمىز كېرەك.
    (4) «ھالبۇكى، بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىۋېتىلگەن، مۇبالىغە قىلىنغان بىر ھېكايە جەمئىيەتكە ئېقىپ كىرسە، ئادەمنى ناخۇش قىلىدىغان نۇرغۇن خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالاتتى، ھەم تەبىئىي ھالدا كۆپلىگەن ئىشەنچسىزلىكلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالاتتى.»
    a. پاكىت تەلەپ قىلىش، يەنى تۈگۈن ئىككى قېتىم («پاكىت» دېگەن سۆز ۋە «پەۋقۇلىئاددە كېسەللىك» دېگەن ئىبارە بىلەن) بەلگىلىۋېلىنغانىدى. بۇ يەردە تۈگۈن ئۈچىنچى قېتىم (قۇرۇلما شەكلى بەلگىلىگەن بىر تۈگۈن، بىر تۈگۈننىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ) ئۆزى پەيدا قىلغان خاتالىقلارنى − بۇ يەردە بەلگىلەنگەن خاتالىق ئەسلىگە قايتىش شەكلىدە، باشلانمىنىڭ تەكرارلىنىش ئۇسۇلىغا ياردەم قىلىپ، ماۋزۇ («... نىڭ پاكىتلىرى») نى ئىسپاتلايدۇ − ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق بەلگىلىۋېلىندى. تۈگۈننىڭ بەلگىلەنمىدە تەكرارلىنىشى (كۆپ قېتىملىق تەكرارلىنىش بىر تۈگۈننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېيتىدۇ) بىر خىل روھلاندۇرۇش دورىسى (ياكى كاتالىزاتۇر) لىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، ئوقۇرمەننى غىدىقلايدىغان نەتىجىگە ھەم بايان تاۋىرىنىڭ ئىستىمالچى تېپىشىغا باغلىنىدۇ.
    b. بۇ يەردە ھەرىكەت تەرتىپى سۈپىتىدىكى «يوشۇرۇش» تا مىستىك ئۈنۈم، بۇرمىلىنىش، خاتا كۆز قاراش بولۇپ، مىستىكلىقنى ئەيىپلەشتىن ئىبارەت ئىككىنچى سۆز ئەزاسى پەيدا بولىدۇ.
    (5) «ئەمدى مەن پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزۈم بىلىدىغان ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرمىسەم بولمىدى.»
    a. «پاكىت» نى تەكىتلەش ئىككى خىل كودنىڭ مۇرەككەپلىكى دەپ قىياس قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، خۇددى (3) b دىكىگە ئوخشاش، بىكىتكىلى بولمايدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭ بىرىنچىسى، قانۇن، پەن ئىتىكىسى، ئالىملارنىڭ قايىللىقى، پاكىتنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن ئىبارەت. «پاكىت/ ئىغۋا» قارىمۇ قارشىلىقى بىر قەدىمىي ئەپسانىنىڭ باش تېمىسىدۇر. بىر توقۇلما ھېكايىدە ئالدىنقى شەرت قىلىنغان پاكىت (ھەتتا قىيپاش تەكىتلەش شەكلى) ھېكايىنى كىشىلەرنى ھېكايىنىڭ ھەقىقى يۈز بەرگەنلىكىگە ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلىماي، ئۆز قۇرۇلمىسى ئىگە بولغان فۇنكسىيە [چۈنكى بۇ ئادەمنىڭ كۆز قارىشىدىكى ئەمەلىي مەنە ھەرقانداق ئادەمنى قايمۇقتۇرالمايدۇ] بىلەن ئىسپاتلايدۇ، كىشىلەرگە مەسەلگە ئائىت دىيىلمىنى قوبۇل قىلدۇرماي، چىنلىققا ئائىت دېيىلمىنى قوبۇل قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، پاكىت بىر جۇغلانما گەۋدىگە كىرگۈزۈلۈپ، بۇ جۇغلانما گەۋدىدە مىستىكلىشىشكە قارىمۇ قارشى تۇرىدۇ (ئاللان پوئى بىر پارچە خېتىدە، ۋالدېمار ھېكايىسىنىڭ پەقەت بىر توقۇلما − ئالدامچىلىقتىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغانىدى) - دە، بىر خىل پاكىتنى تەشكىللەش كۆرسىتىدىغان كود بىز بىلىدىغان پەن كودى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، شۇنداق بولسىمۇ، «پاكىت» قا قارىتىلغان ھەرقانداق كۆپتۈرۈش خاراكتېرلىك بىقىنىش سۇبيېكتىپ ۋە سىمۋۇل دۇنياسىدا يۈز بەرگەن قىيىنچىلىقلارنىڭ بويسۇندۇرۇلۇشى دەپ قارالسا بولىدۇ. «پەقەت پاكىت» نىڭ سۈر- ھەيۋىسىنىلا تەكىتلەش كۆرسىتىلگۈچى (所指者) نىڭ غەلىبە قىلىشتىكى قەتئىيلىكىگە نىسبەتەن، ئىشارەت قىلىش رولىدىن گۇمانلىنىپ، ئۆزىنىڭ سىمۋۇلى تولۇقلىغان دۇنيانىڭ چىنلىقىنى پارچىلاش بولۇپ، بۇ پاكىتنىڭ ئورنىنى يۆتكەش كۆرسىتىدىغان تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ھەرىكىتىگە قارىتىلغان بولۇپ، يەنە بىر خىل مەنزىرە − ئاڭسىزلىق مەنزىرىسىنى رەت قىلىدۇ. بايانچى (بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇ بىر خىل بايان توقۇلمىسىدۇر) سىمۋۇل تولۇقلىغان دۇنيا ئارقىلىق قىياس قىلىنغان بىر خىل «تەسەۋۋۇرى» (想象的) رول، يەنى ئالىملىق رولىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئوقۇش بىرلىكىنىڭ كۆرسىتىلىشى بايان رولى سۇبيېكتىنىڭ سىمۋۇلسىزلاشتۇرۇلۇشى (非象征化) دۇر، بۇنى مەن سىمۋۇلسىزچانلىق (非象征性) دەپ قارايمەن. ئېنىقكى، سىمۋۇل دۇنياسىنى ئىنكار قىلىش سىمۋۇل كودىنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ بولىدۇ.
    b. ھەرىكەت تەرتىپى ئۈچىنچى سۆز ئەزاسى ئىپادىلىگەن تۈزىتىش (4) b تىكى بۇرمىلاشقا قارىتىلغان زۆرۈرىيەتنى «يوشۇرۇن» قانات يايدۇرىدۇ، بۇنداق تۈزىتىش ئۈمىدنى ئاشكارىلاش (يوشۇرۇلغۇچى) قا باراۋەردۇر. بۇ «يوشۇرۇش» قا ئائىت بايان تەرتىپى ئىنىقكى بايانغا قارىتىلغان بىر خىل قوزغىتىش ئۈنۈمىنى قۇرۇپ چىققان، مەلۇم مەنىدە ئۇ باياننى ئىسپاتلاپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قىممىتى (ئۇنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى) نى تەكىتلەپ، ئۇنى بىر تاۋارغا ئايلاندۇرىدۇ، بايانچى مەن ھېكايە سۆزلەپ، ئۇنى «خاتالىققا قارشى تۇرۇش» تەلىپىگە، پاكىتقا ئالماشتۇرىمەن (بىز ياشاۋاتقان بۇنداق مەدەنىيەتتە، ئۇنىڭدىكى پاكىت بىر خىل قىممەت، يەنى بىر خىل تاۋاردۇر) دەيدۇ. باشتىن- ئاخىر مۇھىم بولغىنى، ئامال قىلىپ بىر باياننىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى − ھېكايە بىلەن مۇناسىۋەتلىكى نېمە؟ دېگەننى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتۇر. «مىڭ بىر كېچە» دە ھەر بىر ھېكايە بىر كۈنلۈك ئۆمۈرگە ئالماشتۇرۇلىدۇ. بۇ يەردە بىزگە ۋالدېمارنىڭ ھېكايىسىنىڭ پاكىتقا ئالماشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ (ئالدى بىلەن نامايەن قىلىنىدىغىنى بۇرمىلاشقا قارىتىلغان بىر خىل قارشىلىقتۇر).
    c. مەن تۇنجى قېتىم ئاشكارا مەيدانغا چىقىدۇ − «بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز» دېگەن ئىبارىدىكى بىزدە [(3) دە] ئۇ ئاللىقاچان مەيدانغا چىقىپ بولغانىدى. بايان قىلىش رولى ئەمەلىيەتتە ئۈچ مەن، يەنى ئۈچ تەسەۋۋۇر دۇنياسى پېرسوناژى (مەن دېيىش، يەنى تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا كىرىش) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ بىرى، بايانچى مەن، سەنئەتكار بولۇپ، ئۇنىڭ مۇددىئاسى ئۈنۈم ئىزدەشتۇر، بۇ مەنگە ماس كېلىدىغىنى سەن بولۇپ، ئۇ ئەسەر ئوقوغۇچى سەندۇر، ئوقۇرمەن بولسا «ئۇلۇغ يازغۇچى ئاللان پوئىنىڭ بىمەنە ھېكايىسى» نى ئوقوغۇچىدىن ئىبارەت. ئىككىنچىسى، گۇۋاھچى مەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە بېرىلگەن ئىقتىدار بىلەن بىر ئىلمىي تەجرىبىنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان سەن، بىر ئالىم تەكشۈرۈپ بىكىتكەن، كەسكىن جامائەت پىكرىدە مۇلاھىزە قىلىنغان، ئىلمىي ئوقۇرمەن سەندىن ئىبارەت. ئۈچىنچىسى، ھەرىكەتچى سۈپىتىدىكى مەن بولۇپ، ۋالدېمارنى گىپنۇز قىلىدىغان تەجرىبىچدۇر، بۇ يەردە، سەن ۋالدېمارنىڭ ئۆزىدىن ئىبارەت. كېيىنكى ئىككى خىل ئەھۋالدىكى تەسەۋۋۇر دۇنياسى پىرسوناژىنىڭ مۇددىئاسى «پاكىت» تۇر. بىز بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويغان بىر كودنىڭ ئۈچ خىل سۆز ئەزاسى (词项) نى مەن ۋاقتىنچە ئالاقە كودى دەپ ئاتايدىغاندەك تۇرىمەن. بۇ ئۈچ خىل پىرسوناژدا شۈبھىسىزكى باشقا بىر خىل تىل، يەنى ئاڭسىزلىق تىلى مەۋجۇت، ئۇ پەندە ئەمەس، ئەدەبىياتتىمۇ سۆزلەنمەيدۇ، بىراق، ئۇدۇل مەنىسىدە چەكلەنگەن تىل بولغان بۇنداق تىل، مەن دېمەيدۇ، بۇ يەردە ئۇنىڭ ئىگە بولغىنى ئۈچ شەخسنىڭ گرامماتىكىسى بولۇپ، ئۇ ئەزەلدىن بىۋاسىتە بولۇپ باقمىغان ئاڭسىزلىق گرامماتىكىسىدۇر.
    (6) «قىسقىسى، ئەمەلىيەت مۇنداق:»
    a. «ئەمەلىيەت مۇنداق» دەپ جاكارلاش ئىپتىدائىي تىل (ھەم ئىستىلىستىكىلىق كود) دىن كەلگەن، بۇ ھېكايە ئىچىدىكى بىر ھېكايە باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.
    b. «قىسقىسى» ئۆز ئارا بىرىكىپ كەتكەن، بىكىتكىلى بولمايدىغان ئۈچ كۆرسىتىشكە ئىگە، ئۇنىڭ بىرىنچىسى، «ئەنسىرىمەڭ، بۇ ئانچە ئۇزۇن ئەمەس» دېگەنلىكتۇر، بايان كودىدا بۇ تېگىشىش (接触) ئەندىزىسى (جاكوپسىن بەلگىلىگەن) بولۇپ، ئۇنىڭ فۇنكسىيىسى دىققەتنى قوزغاپ، تېگىشىشنى ساقلاپ قېلىشتۇر. ئىككىنچىسى، «بۇ ناھايىتى قىسقا بولىدۇ، چۈنكى مەن كەسكىن پاكىتلارغا تايىنىمەن»دېگەنلىكتۇر، بۇ پەن كودى بولۇپ، ئالىملارنىڭ «زاھىدلىق» نى ئىپادىلىشىگە رۇخسەت قىلىپ، پاكىت مېخانىزمىنى دىيىلمە مېخانىزمىدىن ھالقىتىدۇ. ئۈچىنچىسى، ئاددى پىكىر بايان قىلىشتىن پەخىرلىنىش بولۇپ، مەلۇم مەنىدە گەپ (言语) كە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاش، دىيىلمىنى تولۇقلاپ، سىمۋۇل دۇنياسىغا چەك بەلگىلەشتۈر، ئۇ سىمۋۇلسىزلاشقان كودنى ئىپادىلەيدۇ.
    (7) «ئۈچ يىلدىن بۇيان گىپنۇز تېخنىكىسى مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغاپ كەلدى.»
    a. ھەرقانداق باياندا، ۋاقىت تەرتىپى كودى ئىنچىكە تەتقىق قىلىنىشى كېرەك، بۇ كودتا (ئۆتكەن ئۈچ يىل) ئىككى خىل قىممەت بىرىكىپ كەتكەن. بىرىنچى خىلىنى ئاددى ساددىلىق دېيىشكە بولىدۇ، بىز دىققەت قىلىدىغان تەجرىبىنىڭ ۋاقىت تەرتىپلىرىدىن بىرى ، ئۇنىڭ چوقۇم ئىجرا قىلىنىشىغا كېرەكلىك تەييارلىق ۋاقتىدۇر، ئىككىنچى خىلى ھېكايىچانلىققا، قوللىنىشچان فۇنكسىيەگە ئىگە ئەمەس [مەسىلەن، ئۇ تۇتاشتۇرۇش سىنىقىدا نامايەن بولىدۇ، ئەگەر بايانچى ئۈچ يىل دېمەي يەتتە يىل دېسىمۇ، بۇ ھېكايىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ]. شۇڭا، بۇ پۈتۈنلەي بىز ئېيتقان ئەمەلىي ئۈنۈمدۇر − سان تەكىتلەش شەكلى بىلەن پاكىتقا مۇناسىۋەتلىك ھەقىقەتنى كۆرسەتسە، توغرا خۇسۇسىيەتلىك نەرسىلەر چىن دەپ قارىلىدۇ (ئەمەلىيەت بىر خىل فانتازىيە، چۈنكى ئۇنىڭدا بىز بىلىدىغان سانلار توغرىسىدىكى خام خىيال مەۋجۇت). بىز تىلشۇناسلىقتىكى سۆزلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر «ئالماشتۇرۇش تۈرى» گە، بىر ئورنى ئالماشقان سۆزگە دىققەت قىلىمىز، ئۇ بايان قىلغۇچىنىڭ ۋاقىتتىكى ئورنىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا، ئۇنىڭ تەكىتلىگىنى كېيىنكى گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ مەيدانغا چىقىشىدۇر.
    b. بۇ يەردە بىر ئۇزۇن ھەرىكەت تەرتىپى ياكى ئەڭ بولمىغاندا سۆز ئەزاسى مول بولغان بىر تەرتىپ باشلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئوبيېكتى بىر تەجرىبىنىڭ باشلانمىسى (بىز قوبۇل قىلىۋاتقان تەجرىبە پېنىنىڭ «سەۋەبى») دىن ئىبارەت، قۇرۇلما جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ باشلانما تەجرىبىنىڭ ئۆزى بولماستىن، بىر تەجرىبە پىلانىدۇر. بۇ تەرتىپ ئەمەلىيەتتە تۈگۈننىڭ ئىپادىلىنىش مىتودىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ كۆپ قېتىم بەلگىلەنگەن بولسىمۇ («بىر كەمتۈكلۈكنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ قالدىم»)، تېخى ئىپادىلىنىپ باقمىغانىدى. مەزكۇر ئانالىزىمىنىڭ چۈشەندۈرۈش يۈكىنىڭ ئېشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بىز ئايرىم- ئايرىم ھالدا مەزكۇر «پىلان» نى كودلاشتۇرۇپ، پۈتكۈل تەرتىپ ۋاسىتىلىق ھالدا بۇ تۈگۈن كودىنىڭ بىر سۆز ئەزاسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قىياس قىلىمىز. «پىلان» تەرتىپى ئىچىدە تۇرۇپ، بىز بۇ يەردە بىرىنچى تۈرگە − گىپنۇز تېخنىكىسى تەجرىبىسىنىڭ ئىلمىي ساھەدىكى بەلگىلىنىشىگە ئىگە بولىمىز.
    c. گىپنۇز تېخنىكىسىغا قارىتىلغان كۆرسىتىش بىر خىل كۇلتۇر كودىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ 19- ئەسىردە ئالاھىدە تەكىتلەنگەنىدى. مېسمىېر (Mesmer)③ [ئىنگلىز تىلىدىكى «magnetism» (ماگنىتشۇناسلىق، گىپنۇز تېخنىكىسى) يەنە «Mesmerism» (گىپنۇز تېخنىكىسى) دەپ ئاتالسىمۇ بولىدۇ] ۋە ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۇيقۇلۇق سەيلە كېسىلى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان ماركىز ئارماند دى پۇسىگۇردىن كېيىن، ماگنىتشۇناسلار ۋە ماگنىتشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ سانى فىرانسىيەدە (1820- يىللىرى ئەتراپىدا) شىددەت بىلەن ئاشتى. 1829- يىلى گىپنۇز ھالىتىدە ئۆسمىنى ئاغرىتماي ئېلىۋېتىش ئىشقا ئاشتى، 1845- يىلى، يەنى بىزنىڭ ھېكايىمىز يۈز بەرگەن يىلى برايىد (Braid) مانچىسىتتا بىمارنى نۇر چىقىرىدىغان جىسىمغا قارىتىپ روھى چارچاش پەيدا قىلىش تەجرىبىسى ئارقىلىق، گىپنۇز تېخنىكىسى بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى ياراتتى، 1850- يىلى گارگىدادىكى Mesmeric دوختۇرخانىسىدا، ئاغرىتماي بوشاندۇرۇش ئىشقا ئاشتى. بىزگە مەلۇم بولغاندەك، ئۇنىڭدىن كېيىن چاركوت (Charcot) گىپنۇز ھالىتىنى تۈرگە ئايرىپ، گىپنۇزنى ھېستىرىيە بىلەن باغلىدى (1882)، كېيىن، ھېستىرىيە كلىنىكا ئىلمىنىڭ سۇبىستانسىيەسى سۈپىتىدە دوختۇرخانىلاردىن يوقالدى (شۇنىڭدىن تارتىپ، كىشىلەر ئۇنىڭغا قارىتىلغان تەتقىقاتنى توختاتتى). 1845- يىلى ئىلمىي فانتازىيەنىڭ يۇقىرى چوققىسىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى، گىپنۇز تېخنىكىسىنىڭ بىر خىل بىئولوگىيىلىك چىنلىق ئىكەنلىكى ئىتىراپ قىلىندى (گەرچە ۋالدېمارنىڭ «نېرۋا مىجەزى» ىنى كۆرسەتكەن ئاللان پوئىنىڭ ئادەملەرنىڭ سۇبيېكتى ھېستىرىيىلىك خاھىشقا ئىگە بولىدۇ، دەپ قارىشى مۇمكىن بولسىمۇ).
    d. باش تېمىدىن ئېيتقاندا، ماگنىتشۇناسلىق (ئەڭ بولمىغاندىمۇ مۇشۇ مەزگىلدە) بىر خىل ئېقىش (流动) نۇقتىئىينەزىرىنى − مەلۇم بىر خىل نەرسىنىڭ بىر سۇبيېكتتىن يەنە بىر سۇبيېكتقا ئۆتۈشىنى كۆرسىتىدۇ. بايانچى بىلەن ۋالدېمار ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ئۆز ئارا سۆزلىشىش [بىر خىل چەكلىمە] مەۋجۇت، ئۇ ئالاقە كودىدىن ئىبارەت.
    (8) «ئالاھەزەل توققۇز ئاي ئىلگىرى، مەن تۇيۇقسىز شۇ چاغقىچە ئىشلەنگەن بارلىق تەجرىبىلەردە»
    a. ۋاقىت تەرتىپى كودى (توققۇز ئاي) بىلەن (7) a دىكى بايان بىر- بىرىگە ئوخشايدۇ.
    b. بۇ يەردە «پىلان» تەرتىپىنىڭ ئىككىنچى سۆز ئەزاسى − (7) b دا تاللانغان بىر ساھە − ماگنىتشۇناسلىق بار، ھازىر ئۇ بۆلەكلىنىپ، ئالاھىدە بىر مەسىلە ئايرىپ چىقىلىدۇ.
    (9) «ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەم چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن تەس بولغان بىر كەمتۈكلۈكنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ قالدىم،»
    a. «پىلان» نىڭ قۇرۇلمىسى داۋاملىق بايان قىلىنىپ، ئۈچىنچى سۆز ئەزاسى − تەجرىبە پەيدا بولىدۇ، ئۇ تېخى يولغا قويۇلمىغانىدى، شۇڭا، تەتقىقاتقا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەرقانداق ئالىمغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەجرىبە جەزمەن يولغا قويۇلۇشى كېرەك.
    b. بۇ تەجرىبىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئاددى «ئىخچاملاش» (省略) ئەمەس، ئەڭ بولمىدى دېگەندىمۇ، بۇنداق ئىخچاملاش كۈچلۈك ئىشارەتچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ ئۆلۈمنىڭ ئىخچاملىنىشىدىن ئىبارەت، بىر خىل چەكلىمە مەۋجۇت (ئۇ ئەڭ چوڭقۇر ۋەھىمىدە يوقىتىلىدۇ) بولغان بۇ كۆرسىتىش رولى سىمۋۇل كودىغا مەنسۇپ.
    (10) «نۆۋەتتە تېخى بىرەرسى ئۆلۈپ كېتىشى ئېنىق بولغان ئەھۋال ئاستىدا گىپنۇزلىنىپ باقمىغانىدى.»
    a. «پىلان» تەرتىپىنىڭ تۆتىنچى سۆز ئەزاسى بۇ ۋاسىتىچىنىڭ مەزمۇنىدۇر (ئىستىلىستىكىلىق كوددا ۋاسىتىچىنىڭ ھۆكۈم قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىنىقلىمىسى ئوتتۇرىسىدا، روشەنكى، ئالدىنئالا مەۋجۇت بولىدىغان بىر خىل مۇناسىۋەت − جاكارلاش/ چۈشەندۈرۈش بولىدۇ).
    b. لاتىنچە [ئۆلۈپ كېتىشى ئېنىق بولغان ئەھۋالدا (ئەسەرنىڭ ئەسلىي تىلىدىكى نۇسقىسىدا «ئۆلۈپ كېتىشى ئېنىق بولغان ئەھۋالدا» دېگەن ئىبارە لاتىنچە بېرىلگەن − ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن)] قانۇن ۋە تىبابەت تىلى بولۇپ، بىر خىل ئىلمىي ئۈنۈم (پەن كودى) پەيدا قىلغان، بىراق بىر خىل سىپايە نامايەن قىلىشنىڭ ۋاسىتىچىلىك رولى (ئاز ساندىكى كىشىلەر بىلىدىغان بىر خىل تىل ئارقىلىق كىشىلەر ئادەتتىكى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان شەيئىلەرنى دېيىش) سەۋەبلىك، ئۇ بىر خىل چەكلىمە (سىمۋۇل كودى) نىمۇ كۆرسىتىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، «ئۆلۈم» دە، ماھىيەت جەھەتتە چەكلىنىدىغان نەرسىلەر ئۆتكۈنچىلىك، چەكلىكلىك ۋە «ئۆلۈمدىن قورقماسلىق» تۇر. ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم نىسپىي تۈرگە ئايرىلغان ھالەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە جۇغلانما تەننىڭ قارىمۇ قارشىلىقى ئىچىگە كىرىپ، باشتىن- ئاخىر ئۆز ئار گارمۇنىكىلىق مەنىگە ئىگە قىلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ يۆتكىلىشى، تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئەمەلىيىتىدە ئۇ «ئىگىلىۋېلىپ»، توسقۇنلۇق قىلىدىغان مەنە، مەلۇم بىر خىل سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى، مەلۇم بىر خىل تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىغا نىسبەتەن مەۋجۇت بولىدىغان «قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش» قا قارىتا ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ.
    (11) «ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىكى،»
    «پىلان» نىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرى جاكارلاندى (ئىستىلىستىكىلىق كود بىلەن «پىلان» ھەرىكىتىنىڭ تەرتىپى).
    (12) «بىرىنچىدىن، ئۇ خىل ئەھۋالدا بىمار گىپنۇزنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلالامدۇ- يوق؟»
    a. «پىلان» تەرتىپىدە، بۇ (11) دە تاماملانغان جاكارنىڭ تۇنجى قېتىم ئىپادىلىنىشى − چوقۇم چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان مۇھىم بىر مەسىلىدۇر.
    b. بۇ «بىرىنچى مەسىلە» نىڭ ئۆزى بىر تەشكىللىك تەرتىپ (ياكى «پىلان» نىڭ تارماق تەرتىپى) بەلگىلىگەن ماۋزۇدىن ئىبارەت. بىز بۇ يەردە ئۇنىڭ تۇنجى تۈرىنى − مەسىلىنىڭ ئىپادىلىنىشىنى كۆرىمىز، ئۇنىڭ ئوبيېكتى ماگنىتشۇناسلىق ئالاقىسىنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ- يوق؟ [مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن جاۋاب (78) دە ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ مەسىلە بىلەن ئۇنىڭ جاۋابىنى بىر- بىرىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن ئۇزۇن تېكست ئارقىلىق ئايرىپ تۇرۇپ، بايان قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە قىلىدۇ، ئۇ كىشىلەرگە ئىنچىكە تەرتىپ ئورنىتىپ، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر تەرتىپنى ئەتراپتىكى تەرتىپ بىلەن بىر يىپقا باغلاشنى يۈكلەيدۇ.]
    (13) « ئىككىنچىدىن، ئەگەر قوبۇل قىلسا، ئۆلۈم ھالىتى گىپنۇزنىڭ كۈچىنى بۇزۇش رولىنى ئوينامدۇ ياكى ئۇنى كۈچەيتەمدۇ؟»
    a. «پىلان» تەرتىپىدىكى ئىككىنچى مەسىلە بۇ يەردە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ (شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، «ئىككىنچى مەسىلە» بىر خىل ئۆز ئىچىگە ئېلىنىش لوگىكىسى − ئەگەر قوبۇل قىلسا... ئۇنداقتا − ئارقىلىق «بىرىنچى مەسىلە» بىلەن تۇتىشىدۇ. ئەگەر بۇنداق بولمىغان بولسا، پۈتكۈل ھىكايە پارچىلىنىپ كېتىپ، ئورنىغا دەسسىگۈچى دېيىلمە مېخانىزمىغا ئاساسلىنىدىغان بولغاچقا ساختىلىشىپ قالاتتى).
    b. «پىلان» نىڭ ئىككىنچى تەرتىپى دەل مۇشۇ «ئىككىنچى مەسىلە» دىن ئىبارەت، بىرىنچى مەسىلە بۇ ھادىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك، ئىككىنچى مەسىلە ئۇنىڭ ئۆلچىمىگە (بۇلارنىڭ ھەممىسى «ئىلمىي» بولىدۇ) مۇناسىۋەتلىك، مەسىلىنىڭ جاۋابى (82) دە ئوتتۇرىغا چىقىپ، قوبۇل قىلىشچانلىقنى ئاشۇرىدۇ: «ئىلگىرى بۇ بىمارنىڭ ۋۇجۇدىدا مەزكۇر تەجرىبىنى ئىشلەپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانىدىم... مېنى ھەيران قالدۇرغىنى...»
    (14) «ئۈچىنچىسى، گىپنۇز جەريانىنىڭ ئۆلۈمنى توسۇۋېلىشى قانچىلىك بولىدۇ، قايسى دەرىجىگە يېتىدۇ؟»
    a. بۇ «ئۈچىنچى مەسىلە» «پىلان» دا بەلگىلەنگەن.
    b. بۇ ئۈچىنچى مەسىلە باشقا مەسىلىلەرگە ئوخشاش ئىپادىلەندۈرۈلگەن − بۇ ئىپادىلىنىش شەكلى (17) دە مۇبالىغە رەۋىشىدە قايتا تەكرارلىنىدۇ. مەزكۇر ئىپادىلەش شەكلى ئىككى مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئۇنىڭ بىرى، گىپنۇز جەريانىنىڭ ئۆلۈمنى توسۇۋېلىشى قانچىلىك بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى (110) دا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ − تاكى تىل توختىغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئىككىنچىسى، قايسى دەرىجىگە يېتىدۇ؟ بۇ مەسىلىگە بىۋاسىتە جاۋاب بېرىلمىگەن بولسىمۇ، گىپنۇزنىڭ ئۆلۈمنى توسۇۋېلىشى (گىپنۇزلانغان جەسەتنىڭ تىرىلىشى) يەتتە ئايدىن كېيىن ئاندىن توختايدۇ، بىراق، ئۇ تەجرىبە قلىنغۇچىنىڭ سۈنئىي توسالغۇسىغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا، بىز بۇنىڭ جاۋابىنى مۇنداق قىياس قىلساق بولىدۇ: گىپنۇزنىڭ ئۆلۈمنى توسۇۋېلىشى تاكى چەكسىزلىككە قەدەر ئۇزىرايدۇ، ياكى ئاز دېگەندىمۇ تەتقىقات مەزگىلىدە چەكسىز رەۋىشتە ئۇزىرايدۇ.
    (15) «جەزملەشتۈرۈشكە تېگىشلىك يەنە باشقا مەسىلىلەر بولسىمۇ،»
    «پىلان» ئادەتتىكى شەكىل ئاستىدا، تەتقىق قىلىنىۋاتقان تەجرىبىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا مۇمكىنچىلىك مەسىلىلىرىنىمۇ ئەسلىتىدۇ. بۇ جۈملە قالغانلىرىمۇ شۇنداق، دېگەنگە باراۋەر. ۋالىرى، تەبىئەتتە قالغانلىرىمۇ شۇنداق، دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، دېگەنىدى. بىز تولۇقلاپ، ئاڭسىزلىقتىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، دېيەلەيمىز. ئەمەلىيەتتە، قالغانلىرىمۇ شۇنداق دېگەنلىك توغرىدەك تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خاتا بولغان دېيىلمىگىلا مەنسۇپ بولۇپ، بىر تەرەپتىن، ئۇ ئۇلۇغ تەجرىبىگە مۇناسىۋەتلىك بىر خىل پەن ئويۇنىنى قوزغىتىش رولىنى ئوينايدىغان ساختا يۈرگۈزۈلۈش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، باشقا مەسىلىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغان، ئۆزىنى قاچۇرغاندا، ئالدىن بايان قىلىنغان مەسىلىنىڭ مەنەسىنى − بىر خىل «كۈچلۈك سىمۋۇل دۇنياسى» تەرىپىدىن جاكارلانغان مەۋجۇدىيەتتىن باشقىلىرىنىڭ دېيىلمە مېخانىزمى ئاستىدىكى بىر خىل سەۋەبتىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
    (16) «مېنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغىنىم يەنىلا يۇقىرىقى ئۈچ مەسىلە،»
    «پىلان» دا بۇ ئۈچ مەسىلىگە قارىتىلغان بىر خىل ئومۇمىي ئەسكەرتمە مەيدانغا چىقىدۇ («ئەسكەرتمە» ياكى «ئومۇمىي بايان» «جاكارلاش» قا ئوخشاش ئىستىلىستىكىلىق كودنىڭ سۆز ئەزاسىدۇر).
    (17) «بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى بىرى ئىدى، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلاتتى.»
    a. «ئۇچىنچى مەسىلە» ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ (بۇ ئىستىلىستىكىلىق كودنىڭ سۆز ئەزاسىدۇر).
    b. يەنە بىر قېتىم بىكىتكىلى بولمايدىغان ئىككى كود پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ بىرى پەندە بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئاچقۇچ بىر خىل بىئولوگىيىلىك ماتېرىيالنىڭ چېكىنىش تەرتىپى − «ئۆلۈم» دىن ئىبارەت. ئىككىنچىسى، سىمۋۇلشۇناسلىقتا بولۇپ، بۇ مەنەگە خىلاپلىق قىلىشتۇر، ئۇ «ھاياتلىق» نى «ئۆلۈم» گە قارىمۇ قارشى قىلىپ قويىدۇ.
     
    3. ئوقۇش بىرلىكى 18 − 102 نىڭ ھەرىكەت ئورنى ئانالىزى
    بىز ئاللان پوئىنىڭ بۇ ھېكايىسى باشلانغاندا يولۇقتۇرغان، ھېچ بولمىغاندا بايقىغان بارلىق كۆرسىتىش رولىدا، ئېنىقلىما بېرىلسە بولىدىغان بەزى بايان ھەرىكىتى تەرتىپلىرىنىڭ تەدرىجىي كىرىش شەكلى (渐进式) دىكى سۆز ئەزالىرى بار. تېكېستنىڭ ئاخىرىدا بىز بۇ ئانالىزىمىزدا ئېنىقلانغان ئوخشاش بولمىغان كودلارغا قايتىمىز، شۇڭا، بۇ يەنە ھەرىكەت ئورنى كودىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز بۇ نەزەرىيىۋى بايان قىلىشنى تاماملاشتىن ئىلگىرى، بۇ ھەرىكەت تەرتىپلىرىنى تېخىمۇ بەكرەك ئايرىپ ۋە ئىشقا سېلىپ، كۈچنى سەل تىجەپ (ئەمما بىزنىڭ بايان قىلىشىمىزدا ئۇنى بىر خىل قۇرۇلما مەنەسى قوغداپ تۇرىدۇ) ھېكايىنىڭ بىر تۇتاشلىقىنى بايان قىلساق بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە كىشىلەر بىزنىڭ ئاللان پوئىنىڭ ھېكايىسىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى ئىنچىكە ئانالىز قىلالمايدىغانلىقىمىز (ئۈزۈل كېسىللىك دەرىجىسدىكى تېكېست ئانالىزى بولمايدۇ، بۇنداق ئۈزۈل كېسىللىكمۇ ئويلىشىلمايدۇ) نى چۈشىنەلەيدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن بەك ئۇزۇن، شۇنداق بولسىمۇ، بىز ئەسەرنىڭ يۇقىرى پەللە نۇقتىسىغا ئائىت بىر نەچچە ئوقۇش بىرلىكى (ئوقۇش بىرلىكى 103 − 110) دە بۇ ئانالىزىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىز. ئانالىز قىلىپ بولغان ئۈزۈندە بىلەن بىز ئانالىز قىلىدىغان ئۈزۈندىنى چۈشىنىشچانلىق قاتلىمىدا باغلاش ئۈچۈن، بىزنىڭ ئوقۇش بىرلىكى 18 − 102 ئوتتۇرىسىدا باشلانغان ۋە تەرەققى قىلغان (ئاخىرلىشىشى بىھاجەت بولغان) ئاساسلىق ھەرىكەت ئورنى تەرتىپىنى كۆرسىتىپ قويۇشىمىز كۇپايە قىلىدۇ. سەھىپە چەكلىك بولغاچقا، بىز ئەپسۇسلانغان ھالدا ئىكى ئۈزۈندە ئوتتۇرىسىدىكى ئاللان پوئىنىڭ تېكستىنى ئىشلىتەلمەيمىز، ئارىلىقتىكى ئوقۇش بىرلىكىنى رەتكە تۇرغۇزۇشىمىزمۇ مۇمكىن بولمايدۇ، بىز بۇ ھەرىكەت ئورنى تەرتىپلىرىگە پەقەت (ھەتتا ئىنچىكە ھالقىلىرىغا ئەزامۇ- ئەزا دىققەت قىلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ) مىقدارى تېخىمۇ زور بولغان ۋە چوقۇم تېخىمۇ قىزىقتۇرىدىغان باشقا كودلارنى قۇربان قىلىپ بېرىمىز. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، بۇ تەرتىپلەر ئۆزىنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئاساسەن ھېكايىنىڭ سىپايىلىك ۋەقەلىرى (软事类) نىڭ رامكىسى (骨架) نى قۇرۇپ چىقىدۇ (ۋاقىت تەرتىپى كودىغا نىسبەتەن، مەن بەزىلىرىنى باشقىچە بىر تەرەپ قىلىپ، باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشنىڭ خاتىرىلىنىشى ئارقىلىق، ھەربىر تەرتىپنىڭ باشلىنىش ئورنىنىڭ ئۇنىڭدىكى بايان ۋاقتىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىمەن).
    a. پىلان: مەزكۇر تەرتىپنىڭ زور كۆپ قىسىمى ئانالىز قىلىنغان ئۈزۈندىنىڭ ئىچىدە باشلىنىدۇ ۋە تەرەققى قىلىدۇ. پىلاندىكى تەجرىبە ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر بىلىنىپ بولغان. تەرتىپنىڭ داۋاملىشىشى تەجرىبىگە كېرەكلىك سۇبيېكت (بىمار) نىڭ تاللىنىشىدا ئاخىرلىشىدۇ − بۇ ۋالدېمار ئەپەندىدۇر (پىلاننىڭ بەلگىلىنىشى بايان ۋاقتىدىن ئاۋۋالقى توققۇز ئايدۇر).
    b. گىپنۇز (ياكى ئەگەر بۇ كىلەڭسىز يېڭى سۆزنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنسا «گىپنۇزنىڭ مۇمكىنچىلىكى» دېسەكمۇ بولىدۇ): ۋالدېمار ئەپەندى تەجرىبە ئوبيېكتى سۈپىتىدە تاللىنىشتىن بۇرۇن، P ئەپەندى ئۇنىڭ گىپنۇز قوبۇل قىلىشچانلىقىنى سىناق قىلىدۇ. كېيىنكىسى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما نەتىجىسى ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ بويسۇنۇشىدا قارشى تۇرۇشمۇ بار ئىدى. بۇ تەرتىپ تەجرىبە بىكىتىلىشتىن ئاۋۋال مەزكۇر سىناقنىڭ سۆز ئەزالىرىنى رەتكە تىزىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ۋاقىت تەرتىپ ئەھۋالىنى يەنىمۇ بەكرەك چۈشەندۈرمەيدۇ.
    c. تېببىي ئۆلۈم: ھەرىكەت ئورنى تەرتىپى ئادەتتە ئۇزارتىۋېتىلىپ، باشقا تەرتىپلەر بىلەن بىر يىپقا باغلىنىدۇ. بىزگە ۋالدېمارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە دوختۇرلار ئوتتۇرىغا قويغان ئۆلۈم قىياسى بىلدۈرۈلگەندە، بايان بىر ئىنتايىن ئۇزۇن تەرتىپنى باشلايدۇ، ئۇ ھېكايىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇش بىرلىكى (150) دە تاماملىنىپ، ۋالدېمارنىڭ جەسىدىگە ئەگىشىپ سۇيۇقلىنىپ كېتىدۇ. بۇ ئۈزۈندە ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بىر- بىرىدىن ئۈزۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئىلمىي جەھەتتە سالامەتلىكنىڭ ناچارلىشىشى، دىئاگنۇز، ئۆلىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش، يامانلىشىش، سەكرات، نېكروزلىشىش (ئۆلۈمنىڭ فىزىئولوگىيەلىك بەلگىسى) − تەرتىپتىكى بۇ ۋاقىت بىزنىڭ ئىككىنچى تېكست ئانالىزىمىزنىڭ ئىچىگە قويۇلىدۇ − پارچىلىنىپ كېتىش، سۇيۇقلىنىش لوگىكىغا ئۇيغۇن.
    d. توختام: P ۋالدېمارغا گىپنۇز قىلىش تەكلىپىنى بېرىپ، ئۇ ئۆلۈمنىڭ قىرغىقىغا يېقىنلاشقاندا (چۈنكى ئۇ پىشانىسىگە مۇشۇنداق پۈتۈلگەنلىكىنى بىلەتتى)، ۋالدېمارنىڭ ماقۇللۇقىغا ئېرىشىدۇ. سۇبيېكت بىلەن تەجرىبە قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدا شەرت، تەكلىپ بېرىش، قوبۇل قىلىش، كېلىشىم، تەجرىبە قىلىشنى قارار قىلىشتىن ئىبارەت توختام بولۇپ، دوختۇرلارنىڭ ئالدىدا رەسمىي ئىمزالانغان (ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا بىر جۈزئىي تەركىپكە ئايلاندۇرۇلغان).
    e. ھۇشىدىن كېتىش (بايان ۋاقتىدىن يەتتە ئاي بۇرۇنقى مەلۇم شەنبە كۈنى، يەتتىدىن 55 مىنۇت ئۆتكەن چاغ): ۋالدېمارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتى يېتىپ كېلىدۇ، بۇ ھال تەجرىبە قىلغۇچىغا كېسەلنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن بىلدۈرۈلىدۇ، P پىلان ۋە توختام بويىچە سەكراتتىن ئاۋۋال گىپنۇزنى باشلايدۇ. بۇ تەرتىپنى ھۇشىدىن كېتىش دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. باشقا سۆز ئەزالىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇ ماگنىتلىشىش جەريانى، سۇبيېكتنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى، ھۇشىدىن كېتىش ھالىتىنىڭ ئالامىتى، تەجرىبە قىلغۇچىنىڭ ئىسپاتى، دوختۇرنىڭ ئىسپاتى (بۇ ئۈزۈندىنىڭ ھەرىكىتى ئۈچ سائەتنى ئىگىلەيدۇ، ۋاقىتى بولسا 10 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەن چاغ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
    f. I سوئال (يەكشەنبە كۈنى، سەھەر سائەت ئۈچ): P گىپنۇز ھالىتىدە ۋالدېماردىن تۆت قېتىم سوئال سورايدۇ، گىپنۇزلانغان سۇبيېكت بەرگەن جاۋاب ئارقىلىق ھەربىر سوئال سوراش تەرتىپىنىڭ مۇۋاپىق بولغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ. بىرىنچى قېتىملىق سوئالنىڭ توغرا جاۋابى: شۇنداق، مەن ئۇخلاۋاتىمەن (سوئال سوراش تەرتىپى ئادەتتە سوئالنىڭ جاكارلىنىشى، سوئال، كېچىكتۈرۈش ياكى جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىش ھەم جاۋابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
    g. II سوئال: بۇ قېتىمقى سوئال بىرىنچى قېتىملىق سوئالغا ئۇلاپلا سورىلىدۇ. ۋالدېمار مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: مەن ئۆلىمەن.
    h. III سوئال: تەجرىبە قىلغۇچى ئۆلۈپ كېتىدىغان، گىپنۇزلانغان ۋالدېماردىن يەنە بىر قېتىم سوئال سورايدۇ (يەنىلا ئۇخلاۋاتامسىز؟) ۋالدەمىر جاۋابنى بېرىلىپ بولغان ئالدىنقى ئىككى جاۋابقا باغلايدۇ: شۇنداق، مەن ئۇخلاۋاتىمەن، ئۆلۈپ كېتىمەن.
    i. IV سوئال: P ۋالدىماردىن تۆتىنچى قېتىم سوئال سوراشقا ئۇرۇنۇپ، ئۆزىنىڭ سوئالىنى تەكرارلايدۇ (ۋالدېمار ئوقۇش بىرلىكى 105 تىن باشلاپ جاۋاب بېرىدۇ، كېيىنكى مەزمۇنلارغا قاراڭ).
    بىز شۇنىڭ بىلەن باياننىڭ مۇنداق بىر نۇقتىسىغا يېتىپ، بۇ يەردە ئوقۇش بىرلىكلىرىگە ئاساسەن تېكېست ئانالىزىنى تەكرارلايمىز. III سوئال بىلەن تۆۋەندىكى ئانالىزنىڭ باشلىنىشى ئوتتۇرىسىغا ئىنتايىن مۇھىم بىر بايان تۈرى بولغان «تېببىي ئۆلۈم» قىستۇرۇلىدۇ، بۇ ۋالدېمارنىڭ نىكروزلىشىشى (101 − 102) دۇر. ۋالدېمار گىپنۇز ھالىتى ئاستىدا تۇرغاندا، تېبابەتچىلىك نۇقتىسىدىن، مانا مۇشۇ يەردىن باشلاپ ئۆلۈپ بولدى، دەپ قارىلىدۇ. بىز يېقىنقى ئەزا كۆچۈرۈش مىسالىدىن بىلدۇقكى، بۈگۈنكى كۈندىكى ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما ئارقىلىق سىنىلىپ، ھۆكۈم قىلىنغان ئۆلۈم دىئاگنۇزىدىن گۇمانلىنىشقا بولىدۇ. ۋالدېمارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، P ئەينى چاغدىكى ئىلىم- پەندىكى بىمارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق كلىنىكىلىق ئالامەتلەر (101 ۋە 102) − كۆز قارىچۇقىنىڭ كەينىگە تارتىشى، جەسەت رەڭگىنىڭ ئۆڭۈشى، قىزىتما دېغىنىڭ يوقۇلۇشى، ساڭگىلاپ قېلىش، ئىڭەكنىڭ چۈشۈپ قېلىشى، تىلنىڭ قارىيىشى، ئادەتتىكى قورقۇنچلىق ھالەتنىڭ سىستىرالارنى كارىۋات يېنىدىن يىراقلاشتۇرۇشى (مەن يەنە بىر قېتىم كودلارنىڭ تەشكىللىنىشىگە دىققەت قىلىۋاتىمەن، بۇ تېببىي ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ۋەھىمىنىڭ تەركىپلىرىگە ئايلانغان ئىكەن، ياكى ۋەھىمە مەڭگۈ ئىلمىي سەۋەبلەر ئاستىدا، پەن كودى بىلەن سىمۋۇل كودىنىڭ بىكىتكىلى بولمايدىغان بىر خىل شەكىلدە بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا ئېشىشىنى بەخش ئېتىپتۇ، دېسەكمۇ بولىدىكەن) − نى توپلايدۇ.
    ۋالدېمارنىڭ ئۆلۈشى بىلەن بايان ئاخىرلىشىشى كېرەك، باش پېرسوناژنىڭ ئۆلۈمى (دىنىي تىرىلىش مىساللىرىدىكىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا) ھېكايىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. شۇڭا، سىپايىلىك تىرىلىش (ئوقۇش بىرلىكى 103 دىن باشلاپ) بىرلا ۋاقىتتا بىر باياننىڭ زۆرۈرلىكى (تېكستنى داۋاملاشتۇرۇشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا) بىلەن لوگىكىنىڭ بىمەنىلىكىنى ئايان قىلىدۇ. بۇنداق بىمەنىلىك تولۇقلىغۇچى بىمەنلىك بولۇپ، بەزى باياننىڭ چوقۇم بەزى ھاياتلىقنى تولۇقلىشى ئۈچۈن، بايان يەنە بىر قېتىم ھايات بىلەن تەڭ قىممەتتە بولىدۇ.
     
    4. ئوقۇش بىرلىكى 103 − 110 نىڭ تېكست ئانالىزى
    (103) «ھازىر مەن ئوقۇرمەنلەرنى تەئەججۈپكە سالىدىغان ۋە ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان جايلارنى سۆزلىگەنلىكىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن، بىراق، مېنىڭ ئىشىم يەنىلا داۋاملاشتۇرۈشتۇر.»
    a. بىز بىر كەلگۈسى دىيىلمىسىنىڭ جاكارلىنىشى بايان كودىنىڭ (ھەم ئىپتىدائىي تىل كودىنىڭ) بىر تۈرى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، شۇنىڭدەك بۇ كۆرسىتىش ئىگە بولىدىغان «ھاياجانلاندۇرۇش كۈچى» قىممىتىنىمۇ بىلىمىز.
    b. پاكىت سۆزلەش ۋەزىپىسى ئەھۋالنىڭ ناخۇشلۇقىنى، پەن ئىتىكىسى كودىغا مەنسۇپلۇقىنى ئويلاشمايدۇ.
    c. «ئىشەنگىسى كەلمەيدۇ» غان «چىنلىق» قا قارىتىلغان ھۆددىگە ئېلىش تاۋار دەپ قارىلىدىغان بايان ساھەسىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ باياننىڭ «باھاسى» نى ئۆستۈرىدۇ، شۇڭا، بىز بۇ يەردە، ئادەتتىكى ئالاقە كودى ئىچىدىكى تارماق كود − ئالماشتۇرۇش كودىغا ئىگە بولىمىز، ھەربىر بايان بۇ تارماق كودنىڭ بىر تۈرىدۇر.
    (104) «شۇ تاپتا، مەن ۋالدېمار ئەپەندىدىكى ئەڭ ئۇششاق ھاياتلىق ئىزنالىرىنىڭمۇ يوقالغانىلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن ئۇنىڭ ئۆلۈپ بولغانلىقىنى خۇلاسىلەپ، كېيىنكى ئىشلارنى سىستىراغا تاپشۇردۇم.»
    «تېببىي ئۆلۈم» نىڭ ئۇزۇن تەرتىپىدە، بىز (101) دە نىكروزلىنىشنىڭ خاتىرلەنگەنلىكى − ئۆلۈمنىڭ بۇ يەردە ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىمىز. (101) دە ۋالدېمارنىڭ ئۆلۈم ھالىتى [بىر قاتار كۆرسەتمە بەلگىلەر ئارقىلىق] تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇ بىر خىل ئىپتىدائىي تىلنىڭ ياردىمىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ.
    (105) «بۇ چاغدا ئۇنىڭ تىلى ناھايىتى كۈچەپ مىدىرلىتىلىپ، بىرەر مىنۇتچە داۋاملىشىپ،»
    a. ۋاقىت تەرتىپى كودى («بىرەر مىنۇتچە») ئەمەلىيەتچىل چۈشەندۈرۈش ئۈنۈمى − (7) a غا قاراڭ − ۋە بىر خىل درامماتىك ئۈنۈم − ئاۋازنىڭ كۈچ سەرپ قىلىنىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ۋارقىراش پەيدا بولۇشىنىڭ ئادەمگە ھاياتنىڭ ئۆزىنى ئۆلۈمنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كۈرەش قىلىشىدىن ئىبارەت ھايات- ماماتلىق كۈرەشنى خىيال قىلدۇرۇشى (ياكى، ئۆلۈمنىڭ ئۆزىنى ھاياتتىن قۇتۇلدۇرالماسلىقى بىزگە ۋالدېمارنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۇنىڭ ھاياتلىقنى ساقلىشى زۆرۈر بولمىسىمۇ، ئۆلۈمنى ساقلىشى زۆرۈرلىكىنى ئۇنتۇلدۇرماسلىقى كېرەك، دېسەكمۇ بولىدۇ) − دىن ئىبارەت ئىككى ئۈنۈمگە ئىگە.
    b. بىز بۇ يەرگە يېتىپ كېلىشتىن سەللا ئاۋۋال، P (تۆتنچى قېتىم) ۋالدېماردىن سوئال سورايدۇ، ئۇ جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال، كلىنىكا مەنىسىدە ئۆلۈپ بولغانىدى. بىراق IV سوئالنىڭ تەرتىپى − تىلنىڭ ھەرىكەت ئىپادىسى تېخى ئاخىرلاشمايدۇ (بۇ يەردە بىز دەۋاتقان تولۇقلىما قىستۇرۇلدى)، ۋالدېمار سۆزلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا بىز بۇ تەرتىپنى مۇنداق تۈزۈشىمىز كېرەك: سوئال (100) / (تېببىي ئۆلۈم) / جاۋاب بېرىشكە تىرىشىش (بۇ تەرتىپ داۋاملىشىدۇ).
    c. ئېنىقكى، تىلغا مۇناسىۋەتلىك بىر خىل سىمۋۇل مەۋجۇت. بىرىنچىدىن، تىل گەپ (言语) تىن («تىلنى كېسىپ» گەپنى ئۈزۈش بىزنىڭ تۆھمەت چاپلانغۇچىنى جازالايدىغان سىمۋۇللۇق مۇراسىمدا كۆرگنىمىزگە ئوخشايدۇ) ئىبارەت، ئىككىنچىدىن، تىل مەلۇم بىر خىل ئىچكى ئەزا (ئىچكى قىسىمدىكى) غا تەۋە نەرسە بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەلۇم بىر خىل تېگىشىدىغان ياكى ئالاقە قىلىدىغان نەرسىگە ئىگە بولىدۇ. بۇنداق ئادەتتىكى سىمۋۇلىزم بۇ يەردە تۆۋەندىكى پاكىت تەرىپىدىن كۈچەيتىلىدۇ، ھەرىكەتتىكى تىل تېببىي ئۆلۈم پەيدا قىلغان قارايغان، ئىششىغان تىل بىلەن قارىمۇ قارشىلىق (101) شەكىللەندۈرىدۇ (بىرىكمە گەۋدە). شۇڭا، گەپكە ئوخشاش بولغىنى ئىچكى ئەزانىڭ ھاياتلىقىدىن ئىبارەت، ئەمما گەپنىڭ ئۆزى ئالاقە ئەزالىرىنىڭ شەكلى تەرىپىدىن مەبۇدلاشتۇرۇلىدۇ، بۇ ئەزالار باشتا بىر خىل «دەسلەپكى كۆتۈرەڭگۈ» لۈك باسقۇچىدا تىتىرەيدۇ، تىتىرەش بىر مىنۇت ئەتراپىدا داۋام قىلىپ، خاراكتېر كۆتۈرەڭگۈلۈكى ئىستىكىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ مەلۇم بىر خىل شەيئىگە يېتىش ئىستىكىدىكى ھەرىكەتتۇر.
    (106) «ئاندىن ئېچىلىپ تۇرغان ھەرىكەتسىز ئېغىزىدىن ئاۋاز چىقتى،»
    a. تەرتىپتىكى IV سوئال ئاستا- ئاستا داۋاملىشىپ، ئادەتتىكى سۆز ئەزاسى بولغان «جاۋاب بېرىش» نىڭ كۆپ مىقداردىكى ئىنچىكە ھالقىلىرىغا ئەگىشىدۇ. ئەلۋەتتە، كېچىكتۈرۈپ جاۋاب بېرىش بايان گىرامماتىكىسىدا دائىم كۆرۈلسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئادەتتە بىر خىل پىسخىك قىممەتكە ئىگە بولىدۇ، بۇ يەردە، كېچىكتۈرۈش (ھەم چېتىلىدىغان ئىنچىكە ھالقا) پەقەت فىزىئولوگىيىلىك بولىدۇ، ئۇ ئاۋازنىڭ سۇبلىماتسىيىلىنىشى بولۇپ، ئاستا ھەرىكەتتە سۈرەتكە تارتىلىدۇ ۋە خاتىرىلىنىدۇ.
    b. ئاۋاز تىلدىن كېلىدۇ (105)، ئىڭەك بولسا ئىشىكتۇر، ئاۋاز چىشتىن كەلمەيدۇ، چىقىشقا تەييارلانغان ئاۋاز چىشتا، تاشقى قىسىمدا، كۇلتۇردا (بىر خىل تاۋۇش چىقىرىدىغان چىش فۇنكسىيىسىنىڭ تەكىتلىنىشى بىر خىل «قىممەتلىك» لىكنىڭ ئالامىتىدۇر) بولماستىن، ئىچكى قىسىمدا، ئىچكى ئەزادا، مۇسكۇلدا بولىدۇ. كۇلتۇر ئوچۇقلۇق، ئۇستىخان، قىممەتلىكلىك، پاكىزلىق (تىل) نى قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ، ئۆلگۈچىنىڭ ئاۋازى ئىچكى قىسىمدىكى شىلمىشىق مۇسكۇل يېپىشمىسىدىن كېلىدۇ، چوڭقۇرلۇقتىن كېلىدۇ. قۇرۇلما جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىز بۇ يەردە بىر سىمۋۇل كودىنىڭ سۆز ئەزاسىغا ئىگە بولىمىز.
    (107) «مېنىڭ ئۇ ئاۋازنى تەسۋىرلىگىم بار ئىدى، بۇنداق قىلىشىم ئەسەبىيلەشكەنلىك. ئەمەلىيەتتە، ئىككى- ئۈچ سۆز بىلەن ئۇنى خىلى يامان ئەمەس تەسۋىرلىگىلى بولاتتى، مەسىلەن، مەن ئۇ ئاۋاز قۇلاققا ياقمايتتى، خىر- خىر ئىدى، كاۋاك ئىدى دېسەم بولاتتى، ئەمما، ئۇ تۇيغۇنى ئاساسەن ئىپادىلىگىلى بولمايتتى. بۇنىڭ سەۋەبى تولىمۇ ئاددى ئىدى، بۇنداق ئاۋازلار ئەزەلدىن ئىنسانلارنىڭ قۇلىقىغا يېقىپ باقمىغانىدى.»
    a. بۇ يەردە ئىپتىدائىي تىل كودى پەيدا بولۇپ، بىر بۆلەك دېيىلمىگە ئائىت قېيىنلىق ئارقىلىق مۇلاھىزە قىلىنىدۇ- دە، ساپ ئىپتىدائىي تىلنىڭ سۆز ئەزالىرى − سۈپەت، ئېنىقلىما، تەسۋىرلەشنى ئىشلىتىش مەيدانغا چىقىدۇ.
    b. مەزكۇر «ئاۋاز» نىڭ سىمۋۇلىزمى بۇ يەردە قانات يېيىپ، ئىچكىيلىك (كاۋاكلىق) ۋە ئۇلانماسلىق (قۇلاققا ياقماسلىق، خىر- خىرلىق) تىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ، گەرچە ئىچكىيلىك ئۇنىڭغا بىر خىل ئايرىلىپ تۇرۇش تۇيغۇسى بېغىشلىسىمۇ (108)، ئەمما ئۇ بىر خىل لوگىكىلىق زىددىيەت (تەبىئەتتىن ھالقىشچان كاپالەت) − خىر- خىرلىق بىلەن يېپىشقاقلىق ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ قارشىلىق − نىڭ يېتىپ كېلىشىگە تەييارلىق كۆرىدۇ.
    (108) «مەن شۇ چاغدا ئۇ ئىنتۇناتسىيىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى لىللا كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئىككى خىل ئىپادىلەش بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ رېئال دۇنيادىن كەلمىگەن ئالاھىدىلىكلەرنىمۇ يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ، دەپ قارىدىم (ھازىرمۇ شۇنداق قارايمەن). بىرىنچىدىن، ئۇ ئاۋاز يىراق بىر جايدىن ياكى يەرنىڭ چوڭقۇر بىر يېرىدىن بىزنىڭ قۇلىقىمىزغا (ئەڭ بولمىغاندا مېنىڭ قۇلىقىمغا) يەتكۈزۈلۈۋاتقاندەك قىلاتتى. ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى (مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، مېنىڭ مەقسىتىمنى چۈشەنمەسلىكىدىن ئەنسىرەيمەن) يېپىشقاق، يىلىمسىمان نەرسىنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، تېگىشىش سەزگۈمنى غىدىقلىغانىدى.
    مەن ئۇ ئاۋازنى ۋە پۇراقنى بايان قىلدىم، مەقسىتىم ئۇنىڭ بوغۇملىرىنى ئېنىقلاش − غەلىتە، ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك ھالدا ئېنىقلاش ئىدى.»
    a. بىز جاكارلاش (ئىككى ئالاھىدىلىك)، قىسقىچە بايان (مەن دېدىم)، ھەم نۇتۇقسىمان ئاگاھلاندۇرۇش (مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ئاڭلىماسلىقىدىن قورقىمەن) دىن ئىبارەت بىر نەچچە ئىپتىدائىي تىل (ئىستىلىستىكا) كودى سۆز ئەزالىرىنى كۆرىمىز.
    b. «ئاۋاز» نىڭ سىمۋۇل دائىرىسى كىڭىيىپ، تەكرارلىنىش ئارقىلىق ئوقۇش بىرلىكى (107) دىكىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ، بىرىنچىدىن، يىراقلىق (مۇتلەق ئارىلىق) − ئاۋازنىڭ يىراقلىقىدۇر، چۈنكى / شۇڭا ھايات، ماماتنىڭ ئارىلىقى (ئېھتىمال) مۇكەممەل (چۈنكى، بۇ رېئاللىققا مەنسۇپ بولغان، بەت ھالىتىدىكى قەغەزنىڭ كەينىدىكى نەرسىگە مەنسۇپ بولغان بىر مۇددىئانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭا، بۇ دىيىلمىنىڭ تەلىپىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ، ئۇرۇنۇش دىيىلمە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولىۋېرىدۇ. چۈنكى / شۇڭا نى خاتىرىلىۋېلىش ئارقىلىق بىز رېئال مېخانىزم ۋە دىيىلمە مېخانىزمىدىن ئىبارەت ئىككى خىل مېخانىزمنىڭ نۆۋەتلىشىشچانلىقىنى قوبۇل قىلىپ، بارلىق يېزىقچىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ ئىككى ياقلىمىلىقلىقىنى ئىسپاتلايمىز) بولىدۇ. (ھايات، ئۆلۈم ئوتتۇرىسىدىكى) ئارىلىق ئەڭ ياخشى ئىنكار قىلىش دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلىشقا، «ئۆلۈم» گە يول قويىدۇ، كېيىنكىسىنىڭ تەسۋىرلىنىشى دەل ھېكايىنىڭ ئوبيېكتىدۇر. ئىككىنچىدىن، يەر ئاستى: «ئاۋاز» نىڭ تېماتىكىسى ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا ئىككى ياقلىما خاراكتېرلىك، زىددىيەتلىك بولىدۇ، بەزىدە ئۇ يىنىك لەيلەيدىغان ھادىسە بولۇپ، ئۇچقان پىتى ھاياتتىن ئايرىلسا، بەزىدە ئېغىر، چوڭقۇر قاتلاملىق ھادىسە بولۇپ، تۆۋەندىن كېلىدۇ − ئۇ تاشقا مەھكەم تېڭىۋېتىلگەندەك تۆۋەنگە چۆكىدۇ، مانا بۇ بىر قەدىمى ئەپسانىۋى باش تېما − دوزاخ ئىلاھىنىڭ ئاۋازى قەبرىنىڭ ئاۋازىدىن ئېشىپ كېتىشى (بۇ يەردىكى ئەھۋال مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ قالىدۇ) دۇر. ئۈچىنچىدىن، ئۇلانماسلىق تىلنى قۇرۇپ چىقسا، بىر خىل يېپىشقاق، يىلىمسىمان تىل ئاڭلانغاندا، تەبىئەتتىن ھالقىغان بىر خىل ئۈنۈم مەيدانغا كېلىدۇ. مەزكۇر تەسۋىر ئىككى ياقلىما قىممەتكە ئىگە بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئۇ تىل قۇرۇلمىسىنىڭ ئەكسىچە بولغان بۇنداق تىلنىڭ غەيرىيلىكىنى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، تاۋۇش چىقىرىشنىڭ قىيىنلىقى، نامۇۋاپىقلىقى − خىر- خىرلىق، يىلىمسىمانلىق، يېپىشقاقلىق − نى ئاشۇرىدۇ (ئۆلگەن ئادەمنىڭ گىپنۇز ھالىتىدىن ئويغانغان چېغىدىكى قاپىقىنىڭ يىرىڭلاش ھادىسىسىگە قارىسىڭىز بولىدۇ). تۆتىنچىدىن، ئوچۇق بوغۇم ئۈنۈمى ئۆلگەن ئادەم چىقارماقچى بولغان تىلنى بىر خىل باي، مۇكەممەل، پىشىپ يېتىلگەن تىلغا، بىر خىل تىلنىڭ ماھىيىتىگە ئايلاندۇرىدۇ، ھەرگىزمۇ بىر خىل تۇتۇق، ئوخشىشىپ قالىدىغان، كېكەچ تىلغا، غەيرى تىلنىڭ توسالغۇسىدىكى بىر خىل ئىككىلەمچى تىلغا ئايلاندۇرمايدۇ. بۇنىڭدىن ۋەھىمە ۋە ۋەھىمە ئۈنۈمى − ئۆلۈم بىلەن تىل ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان كېلىشتۈرۈش تەس بىر خىل زىددىيەت پەيدا بولىدۇ. بۇ يەردە ھاياتلىقنىڭ قارىمۇ قارشىسى ئۆلۈم (ئۆلۈم بىر خىل مۇقىم شەكىل) بولماستىن، تىل − ۋالدېمارنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە دېگىلى بولماسلىقتۇر. مۇئەييەنلەشتۈرىدىغىنىمىز ئۇنىڭ سۆزلەۋاتقانلىقى بولسىمۇ، بىز ئۇنىڭ گېپىنى ياكى ئۆلۈمگە باغلىيالمايمىز، ياكى ھاياتلىققا باغلىيالمايمىز.
    c. بىز ۋاقىت تەرتىپى كودىغا مەنسۇپ بىر خىل ئۇسۇلغا دىققەت قىلساق − ھازىرمۇ شۇنداق قارايمەن − بۇ يەردە ئۈچ خىل زامان رايى − تارىخى ۋاقىت، ھېكايە ۋاقتى (شۇنداق قارىغانىدىم)؛ يېزىلغان ۋاقىت (ھازىرمۇ شۇنداق قارايمەن)؛ ئوقۇش ۋاقتى (يېزىلىۋاتقان «ھازىر» ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغاندىن كېيىن، بىز ئوقۇۋاتقان چاغدا، ئۆزىمىزمۇ شۇنداق قارايمىز) نىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق ھالدا بىر خىل ئەمەلىي ئۈنۈم پەيدا قىلغان.
    (109) « ۋالدېمار ئەپەندى راستىنلا گەپ قىلىۋاتاتتى، راستىنلا مەن نەچچە مىنۇت ئاۋۋال سورىغان سوئالغا جاۋاب بېرىۋاتاتتى. ئېسىڭىزدىمىكىن، مېنىڭ سورىغىنم ئۇنىڭ ئۇخلىغان، ئۇخلىمىغانلىقى ئىدى.»
    a. IV سوئال يەنىلا ئۈنۈمگە ئىگە بولىدۇ: بۇ يەردە سوئال ئەسلىنىپ (100 گە قاراڭ)، جاۋاب جاكارلىنىدۇ.
    b. گىپنۇزلانغان ئۆلگۈچىنىڭ گېپى (14) تا بەلگىلەنگەن «ئۈچىنچى سوئال» − گىپنۇز جەريانىنىڭ ئۆلۈمنى توسۇۋېلىشى قانچىلىك بولىدۇ، قايسى دەرىجىگە يېتىدۇ؟ − نىڭ جاۋابىدۇر. بۇ يەردە مەزكۇر سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىلىدۇ: تاكى گەپ (言语) چىققانغا قەدەر.
    (110) «ھازىر ئۇ گەپ قىلدى:
    − ھەئە... ياق... مەن ئۇخلاۋىتىپ... ھازىر... ھازىر... مەن ئۆلدۈم.»
    قۇرۇلما نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئوقۇش بىرلىكى ئاددى بولۇپ، ئۇ IV سوئالنىڭ «جاۋابى» («مەن ئۆلدۈم») سۈپىتىدىكى سۆز ئەزاسىدۇر. بىراق، ھېكايىنىڭ قۇرۇلمىسى (بىر ھەرىكەت ئورنى تەرتىپىدىكى ئوقۇش بىرلىكىنىڭ مەيدانغا چىقىشى) نىڭ سىرتىدا، جۈملە (مەن ئۆلدۈم) نىڭ كۆرسىتىدىغىنى ئىنتايىن چەكسىزدۇر. نۇرغۇنلىغان ئەپسانىۋى ھېكايىلەردە بەزى ئۆلۈكلەرنىڭ گەپ قىلغانلىقىدەك سۇژېتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى شۈبھىسىز، ئەمما ئۇلار «مەن ھاياتمەن» دېيىش ئۈچۈندۇر. بۇ يەردە مىسالغا ئېلىنغان بىر ھەقىقى بايان گىرامماتىكىسىدا، گەپ سۈپىتىدە مۇمكىن بولمايدىغان گەپ − مەن ئۆلدۈم − نىڭ يۈرگۈزۈلۈشى مەۋجۇت. بىز بۇ مەنەنى كۆرسىتىشنىڭ بەزىلىرىنى يەنىمۇ بەكرەك چۈشەندۈرۈپ باقايلى:
    بىرىنچىدىن، بىز (ھاياتلىقنىڭ ئۆلۈمگە) «باستۇرۇپ كىرىش» باش تېمىسىنى قۇرۇۋالىمىز. باستۇرۇپ كىرىش بىر خىل جۇغلانما گەۋدىنىڭ توسالغۇسى، بىر خىل مەنەنىڭ توسالغۇسىدۇر، ھايات / ئۆلۈمنىڭ جۇغلانما گەۋدىسىدە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى قىيسىق سىزىق ئادەتتە «قارشىسىچە» ئوقۇلىدۇ، بىراق، ئۇنى «.... نىڭ ئۈستىدە» دەپ ئوقۇشقا تامامەن بولىدۇ، بۇ چۈشىنىشكە ئاساسەن، باستۇرۇپ كىرىش پەيدا بولغانلىقتىن، جۇغلانما گەۋدە بۇزۇۋېتىلىدۇ، بۇ يەردىكىسى دەل مۇشۇنداق ئەھۋال بولۇپ، پەيدا بولغان بىر بوشلۇق يەنە بىر بوشلۇق تەرىپىدىن نامۇۋاپىق ھالدا چىرىتىۋېتىلىدۇ. قىزىق يېرى، باستۇرۇپ كىرىش بۇ يەردە تىل قاتلىمىدا پەيدا بولىدۇ. ئۆلگەن ئادەمنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئائىت كۆز قاراشلار ئىنتايىن ئومۇميۈزلۈك، خەلق ماقال- تەمسىللىرىدە «ئۆلۈكلەر تىرىكلەرنى تۇتۇپ تۇرىدۇ» دېگەن گەپ بار. پۇشايمان قىلىش ياكى ئۆلگەندىن كېيىن قىساس ئېلىشقا ئائىت مۇھىم ئەپسانىلەردە بۇ ھەقتىكى تەسۋىرلەر ئىنتايىن كۆپ. فورنېرېت (Forneret) نىڭ ھەييارلىق ھېكايىلىرىدا بۇنىڭغا ئائىت «ئۆلۈم دورا بىلەن قۇتقۇزۇۋالغىلى بولمايدىغانلارنى قانداق ياشاشقا يىتەكلەيدۇ» دېگەندەك ئىپادىلەشلەر خېلى كۆپ. بىراق، بۇ يەردە ئۆلگۈچىنىڭ ھەرىكىتى نوقۇل تىل ھەرىكىتىدۇر، تېخىمۇ ئىنچىكە ئايرىغاندا، بۇ تىلنىڭ ھېچقانداق ئىشلىتىش ئورنى يوق، ئۇ مەقسەتسىز ھالدا تىرىكلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆزىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچنىمە دېمەي، تىلداش بىر تىلدىكى تەتۈر كومپىلىكىسلىق ھالەتتە ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ. «مەن ئۆلدۈم» دېگەن چاغدا بۇ ئاۋاز پەقەت «مەن ياشاۋاتىمەن» دەيدۇ، ئۇ بىر خىل گرامماتىكىلىق مىسالغا ئوخشايدۇ، تىلنىلا كۆرسىتىدۇ. دېيىلمىدىكى كېرەكسىزلىك بۇ بىمەنىلىكلىكنىڭ تەركىبلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرىكى ئورنىدا بولمىغۇچى بىرىنىڭ ماھىيىتىنى [ئورۇن يۆتكەشچانلىق (移位性) دەل سىمۋۇلچانلىقنىڭ شەكلىدۇر] مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
    ئىككىنچىدىن، مەزكۇر بايان قىلىش رولىنىڭ يەنە بىر خىل بىمەنىلىكلىكى، مىتافۇرانىڭ ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە مەنە ھالىتىگە قايتىشىدۇر. ئەمەلىيەتتە، «مەن ئۆلدۈم» دېگەن جۈملىنى دېيىش ئەسلىدىنلا ئادەتتىكىچەبولۇپ، بۇ ئاياللار مال سېتىۋېلىپ ھىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ساترىچى قاتارلىقلارغا دەيدىغان گەپكە ئوخشايدۇ. مەزكۇر مىتافۇرنىڭ ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە مەنىسىگە قايتىشى، دەل بۇ مىتافۇرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇمكىن بولمايدىغان «مەن ئۆلدۈم» دېگەن جۈملە بولۇپ، بىۋاسىتە مەنىدە مۇمكىنچىلىكنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلانغان (لېكىن، بىۋاسىتە مەنىدىكى «مەن ئۇخلاۋاتىمەن» دېگەنلىك گىپنۇز ھالىتىگە كىرگەندە مۇمكىن بولىدۇ).
    ئۈچىنچىدىن، بىز تىلنىڭ (دىيىلمىنىڭ ياكى باياننىڭ ئەمەس) بىر خىل بىمەنىلىكلىكىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىمىز. تىلنىڭ بايان قىلىش مۇمكىن بولىدىغان بارلىق غايىۋى ئومۇمىي گەۋدىسىدە، بىرىنچى شەخس «مەن» بىلەن خەۋەر «ئۆلۈش» نىڭ پاراللىل ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ، مانا بۇ ھېكايە ئىگىلەشكە تېگىشلىك تىل بوشلۇقىنىڭ قاراڭغۇ نۇقتىسىدۇر. دىيىلىۋاتقىنى دەل مۇمكىن بولماسلىق بولۇۋاتقان بۇ جۈملە تەسۋىر خاراكتېرلىك ئەمەس، ھۆكۈم خاراكتېرلىكمۇ ئەمەس، ئۇ تەمىنلەيدىغان ئۇچۇر ئۇنىڭ ئۆزى سۆزلەپ كەتكىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا ھېچقانداق يەردە بولمايدۇ، مەلۇم مەنىدىن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇ بىر ئىجرا قىلىش شەكلى (执行式) بولۇپ، مەيلى ئوستىن ياكى بىنۋىست بولسۇن، ئۆز تەھلىللىرىدە ئالدىنئالا كۆرۈپ يەتمىگەن (ئىجرا قىلىش شەكلىنىڭ ئۇنى بايان قىلغۇچىنىڭ پەقەت ئۆز گەپ- ھەرىكىتىنىلا − مەسىلەن، مەن ئۇرۇش ئېلان قىلىمەن − كۆرسىتىشتىكى بىر خىل بايان ئەندىزىسى ئىكەنلىكى ئېسىمىزدە، ئىجرا قىلىش شەكلى ئەلۋەتتە مەڭگۈ بىرىنچى شەخس بولىدۇ، بولمىسا ھۆكۈم شەكلىگە − مەسىلەن، ئۇ ئۇرۇش قىلىشنى جاكارلىدى − ئېغىپ كېتىدۇ). بۇ يەردە نامۇۋاپىق جۈملە بىر خىل مۇمكىنسىزلىكنى ئىجرا قىلىدۇ.
    تۆتىنچىدىن، كەسكىن سىماسىئولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، جۈملە «مەن ئۆلدۈم» ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىككى قارىمۇ قارشى شەيئى (ھايات ۋە ئۆلۈم) نى ئىپادىلەيدۇ، بۇ بىر خىل ئىنانتىئوزىم (enantioseme)④ لىق ئىپادىلەشتۇر، ئەمما ئۇ يەنىلا تەڭداشسىز بولۇپ، كۆرسەتكۈچى (能指) تىل ھەرىكىتىگە زىت بىر كۆرسىتىلگۈچى(所指، ئۆلۈم) نى ئىپادىلەيدۇ. بىز سوئالنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ روھىي ئانالىز ئىلمى مەنىسىدىكى ئاددى ئىنكار قىلىش ئەمەس، «مەن ئۆلدۈم» «مەن ئۆلمىدىم» دىن دېرەك بېرىپ، قانداقلا بولمىسۇن بىر خىل «مۇئەييەنلەشتۈرۈش − ئىنكار قىلىش شەكلى» − «مەن ئۆلدۈم ھەم مەن ئۆلمىدىم» نى دەيدۇ، مانا بۇ مەزكۇر قائىدىگە خىلاپ ئورنىغا قويۇش ئۇسۇلىغا قارىتىلغان ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر خىل كەشپىيات − ھەقىقەت − ساختىلىق شەكلى، مۇئەييەنلەشتۈرۈش − ئىنكار قىلىش شەكلىدۇر. ئۆلۈم − ھاياتلىق شەكلى بىر خىل ئايرىلماس، بىرىكمەس، پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە قىياس قىلىنىدۇ، چۈنكى قارىمۇ قارشىلىق ئىچىدە ھەرگىزمۇ ئۈچىنچى تۈر بولمايدۇ، ئۇ بىر ئىككى يۈزلۈك سۇبىستانسىيە بولۇپ، تاق ۋە يېڭى بىر سۆز ئەزاسىدۇر.
    بەشىنچى، «مەن ئۆلدۈم» دېگەن بۇ جۈملىگە نىسبەتەن، روھى ئانالىز ئىلمىدىكى بىر خىل ئويلىنىش ھېلىھەم مۇمكىن بولىدۇ. بىز بۇ جۈملىنى ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە مەنەچانلىقىنىڭ بىر قېتىم بىمەنىلىككە قايتىشىغا يەتكەن، دېگەنىدۇق. بۇ ئەڭ مۇھىم بېسىلغۇچى سۈپىتىدە بىۋاسىتە تىلغا بېسىپ كىرىشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق قايتىش خۇددى «پارتلاش» (爆发) ئوبرازىدىن كېيىن كۆرسىتىلگەن [147: «ئۆلۈم! ئۆلۈم!» دېگەن ئاۋاز پارتلاپ چىققان (بۇ پۈتۈنلەي كېسەلنىڭ تىلىدىن چىققان بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئېغىزىدىن چىقمىغانىدى) ھامان ...»] «مەن ئۆلدۈم» دېگەن بۇ گەپ بىر «پارتلىتىلغان» پەرھىز بولغىنىدەك، پۈتۈنلەي جاراھەت خاراكتېرلىك بولىدۇ. بىراق، ئەگەر سىمۋۇل دۇنياسى نېرۋا ئەزالىرى ئىقتىدار كېسەللىكىنىڭ زېمىنى بولسا، بۇ سىمۋۇل دۇنياسى سىقىپ چىقىرىدىغان بىۋاسىتە مەنەنىڭ قايتىپ، روھى كېسەللىك زېمىنىغا بېرىشنىڭ قانات يايغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھېكايىنىڭ بۇ نۇقتىسىدا بارلىق سىمۋۇللار ئۆز رولىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ، بارلىق نېرۋا ئەزالىرى ئىقتىدار كېسەللىكىمۇ ئۆز رولىنى توختىتىدۇ، كۆرسەتكۈچىنىڭ ئالاھىدە سىقىپ چىقىرىش رولى ئارقىلىق روھى كېسەللىك تېكستكە − ئاللان پوئىنىڭ پەۋقۇلئاددىلىكىگە، توغرىسى ئەسەبىي روھى كېسەللىكىنىڭ پەۋقۇلئاددىلىكىگە كىرىدۇ.
    يەنە باشقا شەرھىيلەشلەرمۇ مەۋجۇت، بولۇپمۇ دىرىددانىڭ شەرھىيلەشلىرى.⑤ مەن ئۆزۈمنى بىر خىل قۇرۇلما ئانالىزى پەيدا قىلىدىغان شەرھىيلەش بىلەن چەكلەپ، ئەزەلدىن دېيىلىپ باقمىغان جۈملە «مەن ئۆلدۈم» نىڭ ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە ئىشەنگىلى بولىدىغان «بايان قىلىنغۇچى» (所陈述者) ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇندۇم، ئەمما، بىزنى تېخىمۇ تەپسىلى سۆزلىتىدىغىنى مۇمكىن بولمايدىغان بايان قىلىش رولى (不可能的陈述作用) دۇر.
    مىتودولوگىيەلىك خۇلاسىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مەن سىپايىلىك بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ھېكايىنىڭ ئاخىرىغا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتمەكچىمەن: ۋالدېمار يەتتە ئايلىق گىپنۇز ھالىتىدە ئۈزلۈكسىز ئۆلىدۇ، دوختۇرلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، P ئۇنى ئويغىتىشنى قارار قىلىدۇ، بۇ ئۆتكۈنچىلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، ھەتتا ۋالدېمارنىڭ مەڭزىگە قىزىللىق يۈگۈرىدۇ، بىراق، بۇ ئۆتكۈنچىلىكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق سۇبيېكتنى ئويغىتىشقا ئۇرۇنغاندا، «ئۆلۈم!»، «ئۆلۈم!» دېگەن ئاۋاز تىلىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ پۈتكۈل تېنى گۈمۈرۈلۈپ، ھالاك بولۇپ، تەجرىبە قىلغۇچىنىڭ قولىدا چىرىپ كېتىدۇ، ئېشىپ قالغىنى پەقەت: «ئادەمنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدىغان، چىداشلىق بەرگىلى بولمايدىغان بىر دۆۋە چىرىندى ئىدى، ھايال ئۆتمەي ئۇ سۇيۇق جىسىمغا ئايلىنىپ كېتەتتى.»
     
    5. مىتودولوگىيەلىك خۇلاسە
    بۇ ئانالىز ئۈزۈندىلىرىنىڭ بىر ئومۇمى بايانغا كەلتۈرۈلۈشىنىڭ چوقۇم «نەزەرىيە خاراكتېرلىك» بولۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق؛ نەزەرىيە ئەلۋەتتە ئابىستراكىت، خىيالەن بولمىغان تېكستنىڭ ئۆزىدۇر، گەرچە بىر تاسادىپىي تېكستكە باغلانغىنى ئاللىقاچان نەزەرىيە بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەنىسى ئۇ تەتقىق قىلىۋاتقان (بۇ ئۇنىڭ مەقسىتى) بىر خىل شەكىللىنىۋاتقان تىلدۇر. بۇ − ياكى بۇ ئاگاھلاندۇرۇش − بىز تېخى تېكستنى چۈشەندۈرمىدۇق، بىز پەقەت باياننى ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىدا (ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرۇلما ۋە ھەرىكەتنى، سىستېما ۋە چەكسىزلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دەپ چۈشىنشىكە ئىنتىلدۇق، دېگەنلىكتۇر. بىزنىڭ قۇرۇلمىلاشتۇرۇشىمىز ئوقۇش ئىستىخىيىلىك يېتىدىغان نەرسىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا، داۋامىنىڭ ئاللان پوئىنىڭ ھېكايىسىدىن ئېرىشىدىغان قۇرۇلما بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، بارلىق ھېكايىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن تېخىمۇ مۇناسىۋەتسىز، ئۇ پەقەت بىر خىل تېخىمۇ ئىختىيارى، تېخىمۇ چەكلىمىسىز شەكىلدە تېكستنىڭ قانات يېيىشىغا قايتىش، ئۆزىمىز تونۇغان ئاساسى كودقا قايتىشتۇر.
    «كود» دېگەن بۇ سۆز بۇ يەردە مەزكۇر سۆزنىڭ كەسكىن پەننى مەنەسىگە ئاساسەن چۈشىنىلمەيدۇ. كود پەقەت باغلانما تەسەۋۋۇرنىڭ زېمىنى، بىر خىل تېكستتىن ھالقىغان تەسۋىرلەرنىڭ تەشكىللىنىشى، كۈچەيتىلگەن بىر خىل قۇرۇلما ئۇقۇمىدۇر. كود مىخانىزمى بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاساسەن كۇلتۇرى بولىدۇ، بۇ كودلار چوقۇم كۆرۈلۈپ بولغان، ئوقۇلۇپ بولغان، تاماملىنىپ بولغان مەلۇم تىپلاردىن ئىبارەتتۇر، كود تاماملاپ بولغۇچىنىڭ شەكىللىنىشى بولۇپ، ئۇ دۇنيا ھەققىدىكى يېزىقچىلىقنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
    گەرچە بارلىق كودلار ئەمەلىيەتتە كۇلتۇرى بولسىمۇ، بىز ئۇچرىتىدىغان كودلارنىڭ ئىچىدە، بىز ئالاھىدە ئاتايدىغان كۇلتۇر كودى بولغۇچى مەۋجۇت بولىدۇ، مانا بۇ بىلىم كودىدۇر، ياكى ئۇنى ئىنسانلارنىڭ بىلىم كودى، ئاممىۋى پىكىر كودى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. كۇلتۇر كودى ئۆزىنىڭ كىتابتا، مائارىپتا بولغىنىدەك، تېخىمۇ ئاددى، تېخىمۇ كەڭ شەكىلدە پۈتكۈل جەمئىيەت خاراكتېرلىك ئىرىقتا يەتكۈزۈلىدۇ، بۇ كود جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان قائىدىلەر سىستېمىسى سۈپىتىدىكى بىلىمگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بىز بۇ كۇلتۇر كودلىرى (ياكى ئادەتتىكى كۇلتۇر كودلىرىنىڭ بىر نەچچە تارماق كودى) ئىچىدىكى قىسمەنلىرىگە يولۇقىمىز، بۇ پەن كودى (بىزنىڭ ھېكايىمىزدىكى) تەجرىبە پىرىنسىپى بىلەن تېببىي ئىتىكا پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىدۇ. ئىستىلىستىكىلىق كود بارلىق ئىجتىمائى سۆزلەش (说话) قائىدىسى − بەلگىلەشكەن بايان شەكلى، بەلگىلەشكەن دېيىلمە شەكلى (جاكارلاش، قىسقىچە بايان، ۋاھاكازالار) − نى توپلايدۇ، ئىپتىدائىي تىلنىڭ بايان قىلىش رولى (دىيىلمىدە دېيىلگەننىڭ ئۆزى) مانا مۇشۇ كودقا مەنسۇپ. ۋاقىت تەرتىپى كودى بۈگۈنكى كۈندە بىز تەبىئىي، ھەتتا ئوبيېكتىپ دەپ قارايدىغان «چىسلا ھۆكۈمى» بولۇپ، ئەمەلىيەتتە مۇئەييەن كۇلتۇرچانلىققا ئىگە بىر خىل ئەمەلگە ئېشىشتۇر، بۇنداق بولۇشى نۇرمال ئەھۋال، چۈنكى ئۇ ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇم ئىدىئولوگىيە («تارىخى ۋاقىت» بىلەن «ئەپسانىۋى ۋاقىت» ئوخشىمايدۇ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭا، ۋاقىت تەرتىپى بەلگىسى بىر خىل كۈچلۈك كۇلتۇر كودى (درامماتىكلاشتۇرۇش مەقسىتى ئۈچۈن، ئىلمى قىياس ئۈچۈن، ئەمەلىي ئۈنۈم ئۈچۈن پارچىلانغان ۋاقىتنىڭ بىر خىل تارىخى شەكلى) نى قۇرىدۇ. ئىجتىمائىي تارىخ كودى، بايان قىلىش رولىدا بىزنى ئۆز دەۋرىمىز، ئۆز جەمئىيتىمىز، ئۆز دۆلىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەبىئىي بىلىملەر (بىزنىڭ ئېسىمىزدە، ئالدىدا تىلغا ئالغان ۋالدېمار ئەپەندى − ۋالدېمار ۋەقەسىنى دىمىدىم − بۇ يەردە چۈشەندۈرۈشكە ئېرىشىدۇ) گە سەپەرۋەر قىلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق پاكىتتىن ۋايىم يېيىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، بىز مەلۇم بىر خىل ئىنتايىن ئادەتتىكىچە تەسۋىرنى بىر خىل كود سۈپىتىدە قۇرۇۋالساق، دەل ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئادەتتىكىچىلىكى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ جىددىيلىككە مۇناسىۋەتسىزلىكى ئېنىق بولغانلىقى سەۋەبلىك، بىز ئۇنى بىر كودقا ئايلاندۇرالايمىز، مەسىلەن، بىز ئۇنىڭغا مۇشۇنداق بىر يۈرۈش كونا قائدىلەر تەبىئىي ئالاھىدىلىك دەپ قارىلىدۇ، دەپ ئىنىقلىما بەرگەندەك. بىراق، بايان ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتسە، شۇ ھامان ئوقۇغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
    ئالاقە كودىمۇ بىر خىل «مەقسەت كودى» دەپ ئاتالسا بولىدۇ. ئالاقە كودىنى بىر خىل چەكلىك پىكىر ئارقىلىق چۈشىنىش كېرەك، ئۇ تېكېستتە پەيدا بولىدىغان بارلىق ئىشارەت قىلىش رولىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئۇنىڭ كۆرسىتىشى (意涵) نى ئىنتايىن ئاز ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ پەقەت بىر خىل مۇناسىۋەتنىلا كۆرسىتىپ، تېكستتە ئادرىس سۈپىتىدە بايان قىلىنىدۇ («ئۇچرىشىش» كودىنى مىسالغا ئالساق، ئۇ بايانچى بىلەن ئوقۇرمەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەكىتلەشتىن پايدىلىنىدۇ) ياكى ئالماشتۇرۇش (ھەقىقەت ئالماشتۇرۇش، ھاياتلىق ئالماشتۇرۇشنى بايان قىلىش) سۈپىتىدە بولىدۇ. قىسقىسى، ئالاقە بۇ يەردە بىر خىل ئىقتىسادشۇناسلىق مەنىسى (ئالاقە، تاۋارنىڭ ئوبۇرت قىلىنىشى) گە كېڭىيىشى كېرەك.
    سىمۋۇل مەيدانى (بۇ يەردە «مەيدان» نىڭ مەنىسى كودنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ئازادىرەك بولىدۇ) ئەلۋەتتە ئىنتايىن كەڭ، بولۇپمۇ، بىز بۇ يەردە «سىمۋۇل» نى ئەڭ زۇر مۇمكىنچىلىك مەنىسىدە چۈشىدىنىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەرقانداق بىر ئادەت خاراكتېرلىك كۆرسىتىشنى كۆپ ئويلاشمايمىز، بىز كۆرسىتىدىغان مەنە روھى ئانالىزشۇناسلىق مەنەسىگە يېقىن كېلىدۇ، قىسقىسى، سىمۋۇل مۇشۇنداق تىل ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۇ تەننى يۆتكەپ، سىزگە بايان قىلىش رولىنىڭ سىرتىدىكى باشقا مەنىلەرنى خۇددى بىز ئوقۇغانغا ئوخشاش، «خىرە ھېس قىلدۇرىدۇ». ئاللان پوئىنىڭ ھېكايىسىدىكى «سىمۋۇل رامكىسى» ئېنىقكى، ئۆلۈمنى چەكلەشكە خىلاپلىق قىلىش، تۈرگە ئايرىش ئىلمىنى قالايمىقان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ھېكاينىڭ نازۇكلۇقى قىسمەن ھالدا تۆۋەندىكى پاكىتتىن كەلگەن: بايان قىلىش رولى بىر خىل غەيرى سىمۋۇللۇق بايانچىدىن كەلگەندەك قىلىدۇ، ئۇ ئوبيېكتىپ ئالىملىق رولىنى ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئەمەلىيەت بىلەنلا باغلىنىپ، سىمۋۇلدىن يىراق تۇرىدۇ (سىمۋول چوقۇم ھېكايىگە قايتىدۇ).
    بىز ھەرىكەت كودى دەپ ئاتىغان نەرسە باياننىڭ سىپايىلىك رامكىسىنى قوللايدۇ، ھەرىكەت ياكى كۆرسىتىلىۋاتقان ھەرىكەتنىڭ بايان قىلىش رولى تەشكىللىنىپ، تەرتىپكە سېلىنىدۇ، تەرتىپتە بىر خىل ئوخشىشىپ كېتىش خاراكتېرلىك كىملىك بولىدۇ (بىز كەسكىنلىك بىلەن ياكى مۇنازىرىسىز ھالدا ئۇنى ئومۇمى ئەھۋال دەپ بەلگىلىۋالالمايمىز)، تەرتىپ ئىككى خىل شەكىلدە ئۆزىنىڭ قانۇنىيلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى بىز ئىستىخىيىلىك ھالدا باشقا بىر ئادەتتىكى ئىسىم (مەسىلەن، مۇئەييەن ساننىڭ تەسۋىرلىنىشى، ساغلاملىقنىڭ ناچار بولۇشى، يامانلىشىشى، تىت تىتلىق، تەننىڭ نىكروزلىشىشى، تەننىڭ سۇيۇلۇپ كېتىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي ھالدا مۇئەييەن مۇقىملاشقان ئۇقۇم ئىچىگە، يەنى «تېببىي ئۆلۈم» گە جۇغلىنىدۇ) نى بەخش ئېتىشكە يېتەكلىنىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەرىكەت ئورنى تەرتىپىنىڭ تۈرلىرى بىر خىل لوگىكىلىق ھېسسىي ئوبراز ئارقىلىق بىر- بىرى بىلەن ئالاقە باغلايدىغان بولغاچقا (بىر تۈردىن يەنە بىر تۈرگىچە، ئۇلار بايان ئارقىلىق ئۆز ئارا تۇتىشىدىغان بولغاچقا)، بىز بۇ يەردە ھەرىكەت ئورنى تەرتىپىنى قۇرىدىغان لوگىكىغا بىر خىل پەن نۇقتىئىينەزىرىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ پەنلىك خاراكتېرى ئانچە ساپ بولمايدۇ، دەيمىز، ئۇ پەقەت بىر خىل لوگىكىلىق قىياس بولۇپ، فورمال لوگىكىلىق قانۇنىيەتلەردىن كەلمەي، بىزنىڭ ئەقلى خۇلاسىمىز ۋە كۆزىتىش ئادىتىمىزدىن كېلىدۇ، بۇ بىر خىل ئىتىقادنىڭ، كۇلتۇرنىڭ لوگىكىسى (بىزگە «لوگىكىغا ئۇيغۇن» دەك بىلىنىدىغىنى بىر خىل نەتىجىسى ئېغىر بولغان ھۆكۈم بولۇپ، ساغلاملىقنىڭ ناچارلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر خىل مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەگىشىشى زۆرۈر) دۇر. ئىككىنچىدىن، بۇنداق لوگىكا ۋاقىت تەرتىپىگە باراۋەر بولۇپ، كېيىن كەلگۈچى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە يارىتىلغاندەك تۇيۇلىدۇ. ۋاقىتچانلىق بىلەن سەۋەب- نەتىجىچانلىق، باياندا ئەزەلدىن ساپ بولمىسىمۇ، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بىر خىل تەبىئى، چۈشىنىشچان، سىپايە ئوقۇشچانلىق تىكلىگەندەك بىلىنىدۇ، مەسىلەن، ئۇلار بىزگە سىپايىلىكنى تېخىمۇ قىسقىچە بايان قىلدۇرىدۇ [خۇددى قەدىمكىلەرنىڭ سۆزلىرىدىكى دەلىللەردەك، بۇ سۆز لوگىكىنىڭ ھەم باياننىڭدۇر].
    ئەڭ ئاخىرقى بىر كود (باشلانغاندىن تارتىپ) بىزنىڭ ھېكايىمىزنى كېسىپ ئۆتىدىغان تۈگۈن كودىدۇر. بىزنىڭ ئۇنىڭ يۈگۈزۈلۈشىنى كۆزىتىش پۇرسىتىمىز يوق، چۈنكى بىز ئاللان پوئىنىڭ بۇ ھېكايىسىدىكى ئىنتايىن ئاز تەركىپنىلا ئانالىز قىلدۇق. تۈگۈن كودى سۆز ئەزالىرىنى يىغىدۇ، بۇ سۆز ئەزالىرىنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق بىز بىر تۈگۈننى بەلگىلىۋالىمىز، بايان رولىنىڭ غىدىقلىشىدىكى بىر نەچچە «كەينىگە سوزۇش» قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاندىن جاۋاب ئاشكارا قىلىنىدۇ. تۈگۈن (ياكى ئىزاھشۇناسلىق) كودىنىڭ تۈرلىرى ئېنىق ئايرىۋېلىنىدۇ، مەسىلەن، بىز تۈگۈننىڭ بەلگىلىشى (ھەرقانداق بىر تەسۋىرنىڭ مەنىسى «بىر تۈگۈن») بىلەن تۈگۈننىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى (مەسىلەن، سوئالنىڭ تاسادىپىيلىق ئىچىدە چۈشەندۈرۈلۈشى) نى ئايرىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ھېكايىمىزدە، تۈگۈن ئۇنىڭ تېمىسىدا بەلگىلەنگەن («پاكىت» جاكارلىنىدۇ، بىراق بىز مەسىلىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمىز) بولۇپ، باشتىلا ئىپادىلىنىدۇ (لايىھەلەنگەن تەجرىبىگە باغلىنىشلىق مەسىلىنىڭ ئىلمى چۈشەندۈرۈلۈشى)، ھەتتا باشلىنىشىدىلا ئۇ كېچىكتۈرۈلىدۇ. ھەربىر بايان ئېنىقكى كەينىگە سۇزۇشتا بەلگىلەنگەن تۈگۈننىڭ جاۋابىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، چۈنكى، ئۇنىڭ جاۋابى ئۆزىنىڭ بايان سۈپىتىدە ئۆلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، بىز بايانچىنىڭ پۈتۈن بىر بۆلەك تېكست ئارقىلىق دىلونىڭ چۈشەندۈرۈشىنى كەينىگە سوزغانلىقىنى كۆرىمىز، ئۇنىڭ باھانىسى پەننىڭ ئېھتىياتچانلىقىنى چىقىش قىلىشتۇر. تۈگۈننىڭ يېشىلىشىگە كەلسەك، ئۇ بۇ يەردە ھەرگىزمۇ بىر خىل ماتېماتىكىلىق قاتلامغا مەنسۇپ بولمايدۇ، قىسقىسى، ئۇ جاۋابى باشتىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغا مەسىلە (يەنى پاكىت مەسىلىسى) نىڭ ئومۇمى بايانى (بىراق، بۇ پاكىت «مەن ئۆلدۈم» دېگەن گەپنى قىلىش پائالىيىتى بىلەن جەسەتنىڭ گىپنۇز ھالىتىدىن ئويغانغان چاغدىكى ئۇشتۇمتۇت سۇيۇقلىنىپ كېتىشىدىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا پىرىسلىنىدۇ) دۇر. بۇ يەردە پاكىت بىر خىل ئاشكارىلاشنىڭ ئوبيېكتى بولماستىن، بىر خىل تېببىي يېتەكچىلىك ئۇسۇلىنىڭ ئوبيېكتىدۇر.
    بۇلار بىز ئانالىز قىلغان ئۈزۈندىنىڭ كودىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. بىز ئالاھىدە مەخسەت بىلەن ئۇلارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەشكىللەشتۈرمەيمىز، بىز بىر خىل لوگىكىنىڭ ياكى بەلگىشۇناسلىقنىڭ گرافىك شەكىلگە ئاساسەن ھەربىر كودنى ئىچكى قىسىمدا مەزكۇر سۆز ئەزالىرىغا بۆلمەكچى ئەمەسمىز. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كود ئوقۇپ بولغۇچىنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولۇپ، تېكست ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت باشلانسا، كودنىڭ چىچىلاڭغۇ بولۇش ئالاھىدىلىكىنىڭ قۇرۇلمىغا زىتلىشىشى (ھاياتلىق، تەسەۋۋۇر، بىۋاسىتە كۆزىتىش، تەرتىپسىزلىك قاتارلىق ئۇقۇملارنىڭ قۇرۇلما، قانۇنىيلىق قاتارلىقلارغا زىتلاشقىنىغا ئوخشاش) نىڭ ھەرگىز زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ، بەلكى، دەل ئەكسىچە ئۇ (بۇ تېكست ئانالىزىنىڭ ئاساسەن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى) بىر خىل قۇرۇلمىلاشقان تەركىبى قىسىمدۇر. دەل مۇشۇ خىل تېكستنىڭ چېچىلاڭغۇلۇقى «قۇرۇلما» (قۇرۇلما ئانالىزىنىڭ ئۆز ئوبيېكتى) بىلەن «قۇرۇلمىلىشىش» (بىز بۇ يەردە كىرىشكە ئۇرۇنغان تېكېست ئانالىزىنىڭ ئوبيېكتى) نى تېخىمۇ ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.
    بىز بايا ئىشلەتكەن تېكستنىڭ مىتافۇراسى تاسادىپىي ئوتتۇرىغا قويۇلغا ئەمەس. تېكېست ئانالىزى ئەمەلىيەتتە تېكستنى بىر خىل يىغىندا گەۋدە قىلىپ ئىپادىلەش (ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يەنە ئۇنىڭ ئىتمولوگىيەلىك مەنىسىدۇر)، ئوخشاش بولمىغان ئاۋاز، نۇرغۇن كودلاردىن توقۇلغان گەۋدە قىلىپ ئىپادىلەش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا تۇتىشىپ كېتىشى تېخى تاماملانمىغان. بىر بايان بىر خىل جەدۋەلسىمان بوشلۇق، بىر خىل تەكشى يۈزلۈك قۇرۇلما بولماستىن، بىر خىل «سىغىمچانلىق»، بىر خىل «ستېرىئو ئاۋاز» (ئەيسىنىستان ئۆزىنىڭ قارشى پونكىت ئۇسۇلى نۇقتىئىينەزىرىگە رېژىسسۇرلۇق قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، كىنو بىلەن تېكست ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل ئوخشاشلىقتىن بىشارەت بەرگەنىدى) بولۇپ، بىر خىل يازما باياننىڭ ئاڭلاش سېزىمى مەيدانىدا مەۋجۇت بولىدۇ. مەنەنىڭ مەۋجۇتلۇق ئەندىزىسى (بەلكىم ھەرىكەت ئورنى تەرتىپىنى چىقىرىۋەتكەندىن باشقا) بىر خىل تەرەققىيات بولماستىن، بىر خىل پارتلاش بولۇپ، توختام تۈزۈش، ئالماشتۇرۇش، كۆرسىتىشنىڭ چاچراپ چىقىشى، بىلىمنىڭ چاقنىشى، تېخىمۇ ئېغىر، تېخىمۇ ئۆتكۈر بولغان، «باشقا كۆرۈنۈش» تىن، سىمۋۇل كۆرۈنۈشىدىن كەلگەن ئىمپولىس، ھەرىكەتنىڭ تۇتاشسىزلىقى، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ ئوخشاش بىر تەرتىپ بىلەن باغلانسىمۇ، بىر خىل چېچىلاڭغۇ شەكىلدە توختاۋسىز ئۈزۈلۈپ تۇرىدىغانلىقىنى تېگىشتۈرۈش ۋە ئۆتۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
    شۇڭا، بۇ «سىغىمچانلىق» نىڭ ھەممىسى ئالدىغا قاراپ يېيىلغان (تاكى باياننىڭ ئاخىرىغا قەدەر) بولۇپ، ئىككى خىل قۇرۇلما خاھىشىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئوخشاشلا ئوقۇرمەننىڭ سەۋرچانلىقىنى غىدىقلايدۇ. ئۇنىڭ بىرى، بۇرمىلاشتۇر. بىر تەرتىپ ياكى بىر كودنىڭ تۈرلىرى ئوچۇق بولسا، غەيرى خاراكتېرلىك تەركىپلەر بىلەن ئۆز ئارا تۇتىشىپ كېتىدۇ، بىر خىل تەرتىپ تاشلىۋېتىلگەندەك (مەسىلەن، ۋالدېمارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ يامانلىشىشى) كۆرۈنسىمۇ، كېيىن، بەزىدە ئىنتايىن ئىشەنچلىك بولغاندىن كېيىن، يەنە داۋاملاشتۇرۇلۇپ، بىر خىل مۆلچەر پەيدا بولىدۇ، بىز ھازىر ھەتتا تەرتىپكە: ئۇ ئەنە شۇنداق لەيلەپ يۈرگەن بىر خىل مىكرو قۇرۇلما بولۇپ، بىر خىل لوگىكىلق ئوبيېكتنى قۇرماي، بىر خىل مۆلچەر ھەم ئۇنىڭ ھەل قىلىنىشىنى قۇرىدۇ، دەپ ئېنىقلىما بەرسەك بولىدۇ. ئىككىنچىسى، ئەكسىگە يانماسلىق خۇسۇسىيىتى. كىلاسسىك، ئوقۇشچان بايانلار (مەسىلەن، ئاللان پوئىنىڭ ھېكايىسى) دا قۇرۇلمىلاشتۇرۇش رولىنىڭ لەيلىمە ئالاھىدىلىكى مەۋجۇت بولسىمۇ، يەنە ئىككى خىل كودنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۇلار بىر خىل ۋىكتور (向量) لۇق تەرتىپىگە ئىگە بولۇپ، ھەرىكەت ئورنى كودى (بىر خىل «لوگىكا − ۋاقىت» تەرتىپى ئىچىدە قۇرۇلغان) ھەم تۈگۈن كودى (سوئال ھەم ئۇنىڭ يېشىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرى تامام بولۇشى) نى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر خىل باياننىڭ ئەكسىگە يانماسلىق خۇسۇسىيىتى يارىتىلىدۇ. ئېنىق بولغىنىدەك، دەل مۇشۇ نۇقتىدا ھازىرقى زاماندىكى ئاغدۇرمىچىلىق پەيدا بولۇپ، ئاۋانگارت ئېقىم (بۇ ئادەت سۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن) تېكستنى تولۇق ئەكسىگە ياندۇرۇپ، «لوگىكا − ۋاقىت» قالدۇقىنى چىقىرىپ تاشلاپ، تەجرىبىچىلىك (ھەرىكەت لوگىكىسى، ھەرىكەت ئورنى كودى) ۋە پاكىت (تۈگۈن كودى) قا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى.
    بىراق، بىز ھازىرقى زامان تېكستى بىلەن كىلاسسىك بايان ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى مۇبالىغە قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئاللان پوئىنىڭ ھېكايىسىدىن، ئوخشاش بىر جۈملىنىڭ ئۈزۈلۈكسىز رەۋىشتە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا مەيدانغا چىققان ئىككى كودنى كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرىمىز، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ بىرەرسىنى «پاكىت» (مەسىلەن، پەن كودى بىلەن سىمۋۇل كودى) − باياننىڭ كىملىكى دەپ ئايرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، بىر تېكستنىڭ ماسسىسىغا يېتىش بىزنى كودنىڭ بىكىتكىلى بولماسلىقىغا دۇچ كېلىشكە مەجبۇرلايدۇ. بىز كىمنىڭ نامى بىلەن قارار چىقىرىمىز، ئاپتورنىڭمۇ؟ بىراق، بايان بىزنى پەقەت بىر سۆزلىگۈچى، ئورۇنلىغۇچى بىلەنلا تەمىنلەيدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇش جەريانىغا پېتىپ قالىدۇ. يەنە قايسى بىر خىل تەنقىدچىلىك ئېقىمىنىڭ نامى بىلەن قارار چىقىرىمىز؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشەنچسىز بولۇپ، تارىخنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوقىلىدۇ. (بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ھەر بىر ئېقىمنىڭ مەزكۇر تېكستنىڭ سىغىمچانلىقىغا ئىشتىراك قىلىشى پەقەت بىرخىللا ئاۋاز ئۈچۈندۇر) بەلگىلىگىلى بولماسلىق بىر خىل ئاجىزلىق بولماستىن، بىر خىل بايان رولىنىڭ قۇرۇلما شەرتى بولۇپ، بايان رولىنىڭ بىرلىككە كەلگەن بەلگىلەشچانلىقى مەۋجۇت بولمايدۇ، بىر جۈملىدە بىر نەچچە خىل كود، بىر نەچچە خىل ئاۋاز مەۋجۇت بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدە بىرەر ئالاھىدە ئىمتىياز بولمايدۇ. يېزىقچىلىق دەل ئۇنىڭ مەنبە خاراكتېرلىك يوقىلىشىدىن ئىبارەت، بۇ مۇددىئانىڭ يوقىلىشى بىر خىل بەلگىلىگىلى بولماسلىق (كۆپ مەنبەلىك بەلگىلەشچانلىق) نىڭ سىغىمچانلىقىغا پايدىلىق بولۇپ، بۇ سىغىمچانلىق دەل بىر خىل كۆرسىتىشتۇر. يېزىقچىلىق دەل تىل توختىغان يەردە پەيدا بولۇپ، بىز كىمنىڭ سۆزلەۋاتقانلىقىنى قايتا ئايرىيالمىغاندا باشلىنىدۇ، بىز پەقەت گەپ قىلىشنىڭ باشلانغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلىگەندىلا باشلىنىدۇ.
    ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
    ئىزاھاتلار:
    ① مەخسۇس ئەسىرىم «Z / S» [Paris Seuil، 1970 («points» مەجمۇئەسى، 1976)] دا، مەن بىر مۇكەممەل بايانغا قارىتىلغان تېكست ئانالىزىنى ئېلىپ بارغان ئىدىم.
    ② Lexie ئۇقۇمىنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكە ئانالىزىغا نىسبەتەن، تۆۋەندىكى يۈرگۈزۈلۈش پروگراممىسىغا ئائىت ئىنچىكە ئانالىزغا قارىتىلغانغا ئوخشاش، مەن ئوقۇرمەنلەرگە «Z / S» نى تەۋسىيە قىلىمەن.
    ③ 19- ئەسىردىكى گىرمانىيەلىك ماگنىت بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى پىشىۋاسى.
    ④ بىرلا ۋاقىتتا ئۆزىنى ھەم ئۆزىنىڭ قارىمۇ قارشى تەرىپىنى كۆرسىتىدىغان ئىپادىلەش شەكلى.
    ⑤ «ئاۋاز ۋە فونىما» (La Voix et le Phenomene)، 4- نەشرى، 60-، 61- بەتلەرگە قارالسۇن، پارىژ، PUF، 1983)
     
    (ئاپتورنىڭ جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2008- يىلى 1- ئايدا نەشر قىلىنغان «بەلگەشۇناسلىق خىيىم- خەتىرى» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى. )
     
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.