گېلىت ئۈزۈندىلىرى

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-15 22:23:54

ھاياتنىڭ تۆت پەسلىگېلت (شۋېتسارىيە)ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى ئادەم ھاياتىنىڭ ھەرقايسى مەزگىللىرىدە ئۆز ئالدىغا مەقسىتى ۋە ۋەزىپىسى بولىدۇ.باھار مەزگىلىدە ھەرقانداقلىكى دەرەخ ئۆسىدۇ، چېچەكلە...

    ھاياتنىڭ تۆت پەسلى

    گېلت (شۋېتسارىيە)
    ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى



    ئادەم ھاياتىنىڭ ھەرقايسى مەزگىللىرىدە ئۆز ئالدىغا مەقسىتى ۋە ۋەزىپىسى بولىدۇ.
    باھار مەزگىلىدە ھەرقانداقلىكى دەرەخ ئۆسىدۇ، چېچەكلەيدۇ، ئەمما مېۋە تۇتالمايدۇ. ئەگەر تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، زامانىۋى يوسۇندا تېز يېتىلدۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ ھوسۇل ئېلىش خىيالىدا بولساڭ، سېنىڭ ئالغان مېۋەڭ سۈپەت ۋە قۇۋۋەت جەھەتلەردە تەبىئىي ھالدا ئۆسكەن دەرەخنىڭ تۇتقان مېۋىسىگە يېتىشەلمەسلىكى تۇرغانلا گەپ.
    كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى مەزگىللىرىدە ھەربىر مەزگىلدە بولىدىغان نەتىجىسىنى ساقلاپ قويۇش كېرەك.
    بالىلىق دەۋرىدە گۆدەكلىككە خاس ئوماقلىقى بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئادەم چوڭ بولغاندىن كېيىن باشقىلارغا ياخشىراق تەسىرات قالدۇرالمايدۇ. ياشلىق دەۋرىدە جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق بولۇشى كېرەك. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئىقتىدارنىڭ مەنبەسىدۇر. قىران دەۋرىدە يېتىلگەن ئىدىيە ۋە ھېسسىياتنى شۇنىڭدەك ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىلىرى ئارقىلىق يېتىلگەن ئېغىر - بېسىقلىق بولۇشى كېرەك.
    ئۇلاردىن بىلىشكە بولىدۇكى، قېرىلىق دەۋرىدە قېرىلارغا خاس بولغان بۇرچ بولۇشى كېرەك. يەنى، قېرىلىق قىلچە تەسەللىسى بولمىغان چۈشكۈن مەزگىلى بولماستىن، بەلكى ھەقىقىي كىشىلىك تۇرمۇشنى جىمجىت ھالەتتە ھېس قىلغىلى بولىدىغان، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ تېگىگە يېتىدىغان ھەمدە ھاياتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مەنزىلىگە يېتىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ.
    كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەربىر مەزگىلىدە ئۆزىگە خاس ئۆزگىچە خىسلىتى بولىدۇ. ئاشۇ مەزگىللەرنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئاشۇ ھالەتلەرنىڭ تەمىنى چىڭ تۇتۇۋالالمىغان ئادەم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالىدۇ. پۈتكۈل ئادەملىك خىسلىتىدە ناھايىتى روشەن ھالدا مۇكەممەلسىزلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.



    ئويغىنىش

        ئادەم پەقەت ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىسا، مەنىۋى جەھەتتىن ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدۇ. ئۆزىنىڭ مەنىۋى قۇدرىتىنى تولۇق ئىشقا سالالايدۇ. دېمەك، مەنىۋىيەت ئادەمنى ئۆزىگە مۇۋاپىق بولمىغان بىرمۇنچە خىزمەتلەردىن ئازاد قىلىپ، ئادەتتە غەمكىنلىك ياكى خۇشاللىق سەۋەبىدىن مەنىۋى كۆزىنى توسۇۋالغان ئىشلارنى چۈشىنەلەيدىغان قىلىدۇ ھەمدە ئۇنى تىپتىنچ ھالدا ھەزىم قىلدۇرىدۇ ۋە قوبۇل قىلدۇرىدۇ. 
    ئەلۋەتتە، ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، ۋۇجۇدى تېز يېتىلگەن ياشلار ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئورۇنداش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. ئۆزىنى بەك بالدۇر يېتىلدۈرگەن ياش ئادەتتە ئۈنچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيدۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا بەك بالدۇرلا بېرىۋالغانلىقىدىن  بولىدۇ.
    ئىنسانلارمۇ ھايۋاناتقا ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى تەبىئەتنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا تىمەن ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن مەلۇم مەزگىلدە مەنپەئەتپەرەسلىك ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن ئاشۇ مەزگىلدىن كېيىن مۇقەررەر ھالدا تۆۋەندىكى مەزگىل، يەنى ئىنسانىيەتكە يات بولغان مەن ئۆزۈم دېگەندىن ئىبارەت تەبىئىتىنىڭ تەبىئىي مەھسۇلىدىن ئازاد بولۇپ، مەلۇم غايە ئۈچۈن ياشاش مەزگىلىنى نامايان قىلىش كېرەك.
    مانا بۇ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ پەيت ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئادەملەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىلگىرىكى ئۆزى مۇتتەھەملىك ياكى زوراۋانلىقتىن ھالاك بولۇپ، ئەمدىلىكتە يېڭىۋاشتىن ھاياتلىققا ئېرىشكەنگە ئوخشايدۇ، يەنى بەزى ئادەملەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىلگىرىكى تۇغما تەبىئىتى ئاستا - ئاستا خاتىرجەم ھالدا چۈش ھالىتىگە كىرىپ، يېڭىچە تەبىئىتى بارا - بارا ئويغىنىپ شەكىللىنىدۇ، دېگەن تۈزۈك.
    مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، بۇ ئۆزگىرىش يېتىپ كەلگەن ھامان كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بارلىق رېئال مەسىلىلەر باشقىچە بىر يورۇقلۇققا ئۆتۈپ، ئەسلى قىياپىتىنى ئېنىق ھالدا كۆرسىتىپ ھەل قىلىنىشقا مۇيەسسەر بولىدۇ. لېكىن بۇ ئۆزگىرىش كۆپ ھاللاردا تېخى سېزىلمەستىلا ئاخىرلاشقان بولىدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق ئۆزگىرىشكە تەلپۈنگەن ئادەملەر ئەبەدىلئەبەد مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ، يەنە كېلىپ جىنايەت تۇيغۇسىغا پاتىدۇ. بۇنداق جىنايەت تۇيغۇسى قەتئىي ھالدا: «سەن بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق قىلالىشىڭ ھەمدە ئاشۇنداق قىلىشىڭ كېرەك ئىدى!» دەپ جاكارلايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر گېلىت ياسىن ھاۋازى