سەنئەت، ئەينىيەت ۋە سىياسەت(خارولد پىنتېر)

يوللىغۇچى : toghrul يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-08 11:26:00

دۇنيادىكى داڭلىق ئوبزور، داڭلىق شەخسلەر بىلەن سۆھبەت سەنئەت، ئەينىيەت ۋە سىياسەت― 2005- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى خارولد پىنتېرنىڭ مۇكاپات نۇتقىتوختى مەھمۇت ئەلائى تەرجىمىسى2005-...


    دۇنيادىكى داڭلىق ئوبزور، داڭلىق شەخسلەر بىلەن سۆھبەت

    سەنئەت، ئەينىيەت ۋە سىياسەت
    ― 2005- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى خارولد پىنتېرنىڭ مۇكاپات نۇتقى
     

    توختى مەھمۇت ئەلائى تەرجىمىسى
     

    2005- يىلى 8- دېكابىر كۈنى شۋېتسىيە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىش مۇراسىمىدا سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكتىن بۇ كاتتا مۇراسىمغا قاتنىشالمىغان شۇ يىللىق مۇكاپاتنىڭ ساھىبى ئەنگلىيە دراماتورگى خارولد پىنتېر مۇكاپاتلىنىش تەسىراتىنى سىن لېنتىسى ئارقىلىق بايان قىلدى. بۇ نۇتقىنىڭ قىسقارتىلمىسىنى دىققىتىڭىزگە سۇندۇق.
     

    1. درامىدا ئەينىيەت مەڭگۈ خىرە بولىدۇ، سىز ئۇنى مەڭگۈ ھەقىقىي تاپالمايسىز
     

    مەن 1958- يىلى: «ئەينىيەت بىلەن بىئەينىيەت ئوتتۇرىسىدا تازا ئېنىق چېگرا بولمايدۇ، ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە ئوتتۇرىسىدىمۇ بۇنداق چېگرا بولمايدۇ. بىر ئىشنىڭ جەزمەن توغرا ياكى خاتا بولۇپ كېتىشى ناتايىن، ھەر ئىشتا ھەر ئىككىلىسى تەڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇ ھۆكۈمنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتمىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، يەنە كېلىپ رېئاللىقنى بەدىئىي يوسۇندا ئىپادىلىگەن چاغلىرىمدىمۇ ئوخشاشلا تەدبىقلاپ كەلدىم، شۇڭا بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ نۇقتىئىينەزەرنى قۇۋۋەتلەيمەن، بىراق بىر پۇقرا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنداق قىلالمايمەن، جەزمەن: ‹ھەقىقەت دېگەن نېمە، سەپسەتە دېگەن نېمە› دەپ سوراپ مېڭىشىم شەرت» دەپ يازغان ئىدىم.
    درامىدا ئەينىيەت مەڭگۈ خىرە بولىدۇ، سىز ئۇنى مەڭگۈ ھەقىقىي تاپالمايسىز. بىراق، ئەينىيەت ئۈستىدىكى ئىزدىنىشتىن ئۆمۈر بويى توختىيالمايسىز، يازغۇچىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىمۇ دەل ئاشۇ ئىزدىنىش بىلەن بولىدۇ. ئەينىيەتنى تېپىش بىر تۈرلۈك ۋەزىپە، سىز ھەمىشە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئەينىيەت بىلەن تاساددىپەن ئۇچرىشىپ تۇرىسىز، دوقۇرۇشۇپ تۇرىسىز ياكى پەقەت ئەينىيەت بىلەن جىپسىلاشقان كۆلەڭگە ياكى شەكىللەرنىلا ئۇچرىتىسىز. ئەپسۇسكى، ھەمىشە ھېس قىلىپ يېتەلمەيسىز. بىراق، ئۈزۈل- كېسىل ھەقىقەت شۇكى، سىز دراما سەنئىتىدە بىردىن- بىر ئەينىيەتنىلا ئەمەس، بەلكى بىر مۇنچە ئەينىيەتنىڭ ھېچقايسىسىنىمۇ تاپالمايسىز. بۇ ئەينىيەتلەر بىر- بىرىگە خىرىس قىلىدۇ، بىر- بىرىنى يارىتىدۇ، بىر- بىرىنى يورۇتىدۇ ھەم بىر- بىرىنى ئېتىبارسىز قويىدۇ، ئۇلار بىر- بىرىنى جەلپ قىلىدۇ- يذ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر- بىرىنىڭ كۆزىنى بويايدۇ. سىز بەزىدە ئەينىيەتنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئارىلىقتا تۇتىۋالغاندەك قىلىسىز، ئەمما ئۇ شۇ ھامان بارماقلىرىڭىز ئارىسىدىن قېچىپ چىقىپ غايىپ بولىدۇ.
    بەزىلەر دائىم: «سىز درامىلىرىڭىزنى قانداق يازغان؟» دەپ سورايدۇ، مەن جاۋاب بېرەلمەي قالىمەن، شۇنداقلا يەكۈنلەپمۇ بېرەلمەيمەن، پەقەت: «يۈز بەرگەن ئىش شۇ، ئۇلار ئۇنداق- مۇنداق گەپلەرنى دېدى، ئۇنداق- مۇنداق ئىشلارنى قىلدى» دېيەلەيمەن، خالاس.
    مېنىڭ درامىلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى بىر جۈملە بىلەن، بىر سۆز بىلەن ياكى بىر كۆلەڭگە بىلەن باشلىنىدۇ، بىر سۆزنىڭ ئارقىسىدىنلا يەنە بىر كۆلەڭگە دەمبەسقەدەم پەيدا بولىدۇ. كاللامغا قالايمىقانچىلىق ئىچىدە ھازىرلا ئىككى ئېغىز دىئالوگ كەلسە، ئارقىدىنلا كۆلەڭگە زاھىر بولىدۇ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئۆزۈم پەيدا بولىمەن.
    «قايتىش» (The Homecoming) («ئۆيىگە قايتقان مۇساپىر» دەپ ئالساق ياخشىراق بولارمۇ؟- تەرجىماندىن) تىكى بىرىنچى دىئالوگ: «قايچىنى نەگە يوقاتتىڭ؟»، «ئۆتكەن كۈنلەر» (Old Times) دىكى بىرىنچى دىئالوگ «قارا» ئىدى. بىرىنچى دىئالوگ، ئېنىقكى، قايچا ئىزدەۋاتقان پېرسوناژنىڭ  قايچىنى ئالدى دەپ گۇمان قىلىنغان پېرسوناژغا دېگەن سۆزى، ئەمما خىرە- شىرە ئېسىمدە قېلىشىچە، گەپ سورالغۇچى پېرسوناژ قايچىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى زىنھار بىلمەيدۇ، ئۆزىگە سوئال قويغان پېرسوناژغىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ. مەن «قارا» دېگەن سۆز ئارقىلىق مەلۇم بىر پېرسوناژنىڭ-- بىر ئايالنىڭ چېچىنى تەسۋىرلىگەن بولۇپ، بۇ سۆز بىر مەسىلىگە بېرىلگەن جاۋاب ئىدى. مەن بۇ ئىككى مىسالدىن بايقاپ ئولتۇرماقتىمەنكى، كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن، سايىدىن يورۇققا يۆتكىلىش جەريانىدا بارا- بارا غايىب بولغان ۋەقەنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان ئىكەنمەن.
    مەن دائىم درامىنىڭ بېشىدىلا باش قەھرىماننى B, A ياكى C دەپ ئاتايتتىم.
    «قارا». دەرىزە، كېچە ئاسمىنى. ئەر A (كېيىن ئىسمى دېلىي Deeley بولدى)، ئايال B (كەيتې Kate) لار پىۋا ئىچىپ ئولتۇرىدۇ. «سېمىزمۇ- ئورۇقمۇ؟» سورايدۇ ئەر. ئۇلار نېمە دېيىشىۋاتىدۇ؟ مەن ئارقىدىنلا دەرىزە يېنىدا ئۆرە تۇرغان يەنە بىر ئايال C (ئاننا Anna) نى كۆرىمەن، باشقا بىر چىراق نۇرىدا ئاننانىڭ ئارقىسىنى قىلىپ تۇرغانلىقىنى، چېچىنىڭ قارا ئىكەنلىكىنى كۆرىمەن.
    بۇ غەلىتىلا بىر پەيت بولۇپ، رولچىلار ئۆز رولىنى ئالغان ئاشۇ پەيتلەردىلا جاھاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئارقىدىنلا غىل- پال، خىرە، خىيالەن جەريانغا ئۆتىدۇ، بەزىدە ھەتتا توسۇپ قالغۇسىز دەرىجىدە بەرباتلىققا مەھكۇم بولىدۇ. ئاپتورنىڭ ئورنى ئاجايىپ ئۆزگىچە بولىدۇ. ئاپتور مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، رولچىلار ئاپتورنى قارشى ئالماي قويىدۇ. درامىدىكى رولچىلار ئاپتورنى رەت قىلغاچقا، ئاپتورنىڭ ئۇلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتمىكى ئاسانغا توختىمايدۇ، ئۇلارنى بەلگىلىشىڭىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئۇلارغا بۇيرۇقمۇ ئىشلىتەلمەيسىز، ئەلۋەتتە. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، سىز ئۇلار بىلەن خۇددى مۈشۈك بىلەن چاشقاننىڭ مۆكۈشمەك ئوينىغىنىدەك مەڭگۈ ئايىقى چىقماس ئويۇن ئوينايسىز. بىراق، ئاخىرقى ھېسابتا ئاپتور قولىدىكى ئادەملەرنىڭ جېنى بار، ئۆزىگە چۇشلۇق ئىرادىگە ۋە ھېسسىياتقا ئىگە ئادەملەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى تەشكىل قىلغان قىسىملارنى ئۆزگەرتكىلى، كونترول قىلغىلى، شۇنداقلا بۆلۈۋەتكىلىمۇ بولمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ.
    تىل سەنئەتتە ھامان ئىنتايىن مۇجىمەل ئۆزگىرىش جەريانىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ، ئاپتور خۇددى داۋالغۇپ تۇرىۋاتقان قۇم ئېقىمىدەك ياكى قارىماققا مۇزغا بەنت بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ ھەر ۋاقىت ئىرىشكە تەييار تۇرغان كۆل سۈيىدەك ھەرقانداق ۋاقىتتا ئارىدىن بىردىنلا يول تېپىپ چىقىپ كېتەلىشى مۇمكىن.
    بىراق، دېمەكچىمەنكى، ئەينىيەت ئۈستىدىكى ئىزدىنىش مەڭگۈ توختىمايدۇ، بۇ ئىزدىنىشنى ئارقىغا سوزۇشقا بولمايدۇ، بىز ئەينىيەتكە يۈزلىنىشىمىز شەرت، ئەينىيەت ئالدىمىزدىلا، نەق مەيداندىلا تۇرۇپتۇ.
    ھالبۇكى، سىياسىۋىي درامىلاردا نامايان قىلىنىدىغىنى تامامەن باشقىچە بىر يۈرۈش مەسىلە بولۇپ، بۇنىڭدا جەزمەن ۋەز- كالامدىن ساقلىنىپ، رېئاللىقنى ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشماي بولمايدۇ. درامىدىكى رولچىلار چوقۇم ئۆزىگە خاس خاراكتېرگە ئىگە بولۇشى كېرەك، ئاپتور رولچىلارنى ئۆز ھەپسىلىسى ياكى مەيدانى بويىچە كونترول قىلىۋالماي، ئۇلارغا تولۇق ئەركىنلىك بېرىشى كېرەك. ئىجادىيەت ئىستىلىمنى ئۆز ئەسىرىمدىن مىسال ئېلىپ ئىزاھلاپ ئۆتەي. «توزان دېگەن توزان- دة» (Ashes to Ashes) دېگەن درامامدىكى ۋەقەلىك سۇ ئاستىدا يۈز بەرگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان بىر قىز دولقۇنلار ئىچىدە تىركىشىپ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىدۇ، تۇرۇپ- تۇرۇپ چۆكۈپ كېتىپ كۆزدىن يۈتىدۇ. ئۇ قىز باشقىلارغا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئەمما ھېچكىم كۆرۈنمەيدۇ، پەقەت كىملەرنىڭدۇ سايىسى ۋە ئەكس ئەتكەن كۆلەڭگىسى غىل- پاللا كۆرۈنۈپ قالىدۇ. بۇ سۇدا تۇنجۇقۇپ ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرغان بىر قىزنىڭ ۋەقەلىكى بولۇپ، بۇ ۋەقەلىكتە ئۇ قىزنىڭ تەقدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەندەك بىلىنىدۇ، بۇ تەقدىر ئەسلىدە باشقا كىشىلەرگە مەنسۇپ ئىدى. ئەگەر ئۇلار ئۆلۈپ كەتسە، بۇ قىزمۇ جەزمەن ھالاك بولاتتى.
     

    2. مىڭلاپ، ئونمىڭلاپ كىشى قازا قىلدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىيە سىياسىتىدىن پەيدا بولغان پاجىئەمۇ- قانداق؟
     

    سىياسىئونلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي نۇتۇقلىرىدا ھېچقاچان بايا ئېيتقانلىرىمدەك قاراملىق بىلەن گەپ قىلمايدۇ. چۈنكى، كۆپىنچىسىنىڭ قىزىقىدىغىنى ئەينىيەت بولماستىن، بەلكى ھوقۇق مۇھاپىزىتىدىن ئىبارەت. ئۇلار ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەقىقىي تۇرمۇشنى كۆرمەسكە سېلىۋالمىسا بولمايدۇ، ھەتتا ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ئەينىيىتىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ باش تارتمايدۇ، شۇڭا بىز تۈركۈم- تۈركۈم يالغان- ياۋىداق سۆزلەرنىڭ قورشاۋىدا ئۆتىمىز.
    ھەر بىر كىشىگە ئايانكى ئامېرىكىنىڭ ئىراققا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنىڭ ئاساسى سادام ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارغا ئىگە دېگەندەك پاراڭلاردىن ئىبارەت. بىز ئۇ گەپلەرنى راست دەپ ئىشەنگەن ئىدۇق، ئەمما راست بولماي چىقتى. بىزگە ئىراقنىڭ بازا تەشكىلاتى (Al Quaeda) بىلەن مۇناسىۋىتى بار، ئۇلار «11- سىنتەبىر ۋەقەسى»گە ئورتاق جاۋابكار بولۇشى كېرەك، دەپ ئۇقتۇرۇلغان، بىز بۇنىڭمۇ راست ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ئىدۇق، ئەمما بۇمۇ راست بولماي چىقتى. بىزگە يەنە ئىراق پۈتكۈل دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى دەپ ئۇقتۇرۇلغان، بىز بۇ گەپنىمۇ راست دەپ ئىشەنگەن ئىدۇق، ئەمما بۇمۇ ئوخشاشلا راست بولۇپ چىقمىدى.
    ئەينىيەت ھازىر پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ چىقتى. ئەينىيەت ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى رولىنى قانداق چۈشىنىشىدە، ئۆزىنى قانداق كۆرسىتىش يولىنى تاللىشىدا قالدى.
    ئامېرىكىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دېپلوماتىيە سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشى جەريانىدا كىشىلەرگە نامەلۇم نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتتى، نىكاراگۇئا (Nicaragua) ۋەقەسى شۇ ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نىكاراگۇئا ساندىنو (Sandinistas) ئازادلىق فرونتى 1979- يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھىمايىسىدىكى سوموزا (Somoza) ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنىلا نىكاراگۇئادىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى پۇل ئارقىلىق قوللاۋەردى. مەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا نىكاراگۇئالىقلارنىڭ داھىسى مارىكنول (Maryknoll) تەشكىللىگەن سۆھبەتچىلەر قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ئامېرىكىنى نىكاراگۇئا ئۆكتىچىلىرىنى قوللاشتىن دەرھال توختاشقا كۈچۈمنىڭ بارىچە دەۋەت قىلغانىدىم. مارىكنول (Maryknoll): «مەن نىكاراگۇئانىڭ شىمالىي قىسمىدا بىر ۋەخپە رايونىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىمەن، مۇرىتلار مەكتەپ، داۋالاش مەركىزى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى قۇردى. بىز تىنچ كۈن ئۆتكۈزىۋاتىمىز. بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا ئۆكتىچىلەر بىزگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ھەممە نەرسىمىزنى نابۇت قىلدى، سېسترالىرىمىز ۋە مۇئەللىمەلىرىمىزنى ئاياقئاستى قىلدى، دوختۇرلارنى قىرغىن قىلدى. ئۇلار ئاشۇ قىلمىشلىرى بىلەن ياۋايىلارغا ئوخشاپ قالدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە نەسىھەت قىلساڭلار، ئەمدى كىشىنى شۈركەندۈرىدىغان بۇنداق ھەرىكەتلەرنى قوللىمىغان بولسا» دېگەن ئىدى. ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى رايموند سېيتز (Raymond Seitz) جامائەتچىلىك تەرىپىدىن ئاقىلانە، مەسئۇلىيەتچان كىشى دەپ قارالغان ئىدى، ئۇ بولسا: «سىلەرگە ئېيتسام، ئۇرۇشتا ھامان بىگۇناھلار زىيان تارتىدۇ» دېدى، شۇ چاغدا پۈتۈن زال ئۆلۈكتەك جىمىپلا كەتتى. بىز كۆزلىرىمىزنى پارقىراتقىنىمىزچە قاراپلا قالدۇق، ئۇ بولسا كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويمايتتى. ئاخىرى بىرەيلەن بۇ جىملىقنى بۇزۇپ: «بىراق، شۇ بىگۇناھ كىشىلەر ھۆكۈمىتىڭلارنىڭ ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەدەتكارلىقىدىكى زوراۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. ئەگەر پارلامېنتىڭلار داۋاملىق پۇل ئارقىلىق مەدەت بېرىدىغان بولسا ئۇلار تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىقلاردىن باش تارتمايدۇ... ئەجەبا، ھۆكۈمىتىڭلار ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەتتىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان قەتلىئامنى، بۇزغۇنچىلىقنى قۇۋۋەتلىگەنلىكىدىن ئۆكۈنمەمدۇ؟» دەپ سورىغانىدى، سېيتز (Seitz) ئىنتايىن سوغۇققانلىق بىلەن: «ئېيتقان پاكىتلىرىڭىز يەكۈنىڭىزگە ياماق بولالمايدۇ» دېدى. مېنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرگىنى شۇ بولدىكى، ئەينى ۋاقىتتىكى رىگان ھۆكۈمىتى تەپتارتماستىن «ئۆكتىچىلەر ئەخلاقىي جەھەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسچىلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە» دېگەنىدى.
    گەرچە ساندىنو ھاكىمىيىتى مۇكەممەل بولمىسىمۇ، سىياسىي نەزەرىيە جەھەتتە بولسۇن ياكى ئەلنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرى جەھەتتە بولسۇن نۇرغۇن يىتەرسىزلىكلەر ساقلانغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەقىل پاراسەتلىك، ئىدراكلىق كىشىلەرمۇ بار ئىدى، شۇڭا ئۇلار ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، خەلققە يەر بۆلۈپ بەرگەن، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن مەكتەپ قۇرغان ھەمدە ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويغان ئىدى. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ سىياسىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كوممۇنىستلارنىڭ ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكىتى، ئەگەر ئۇلارنىڭ بۇ سىياسىتى ئېقىپ قالىدىغان بولسا، ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ، دەپ سورىماي ھەم دورىماي قالمايدۇ، دەپ قارىلىغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا سالۋادوردا كۈچلۈك ئۆكتىچىلەرمۇ بولغاچقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۇل چىقىرىپ ئۆكتىچىلەرنى قۇۋۋەتلىدى ھەمدە ئاخىرقى ھېسابتا ساندىنو ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.
    ۋەھالەنكى، ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەردىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا سىياسەت قوللىنىپ، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ بېشىغا چىققان ئىدى، بۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىيە سىياسىتى سەۋەب بولغانمۇ- قانداق؟ جاۋاب ئېنىق: شۇنداق. بىراق، بۇنى ھېچقانچە كىشى بىلمەيتتى، كىشىلەر خۇددى ھېچقاچان، ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك يۈرىۋەردى، بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار خۇددى روي بېرىپ باقمىغاندەكلا جىمىپ كەتتى. بۇنىڭمۇ كارايىتى چاغلىق، بۇ ھېچقانداق كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە بېرىپ تاقالمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى سىستېمىلىق، رەزىل، ئادىمىيلىكتىن قىلچە ئەسەرمۇ يوق جىنايەت ئىدى، ئەمما بۇ ھەقتە پاراڭ قىلىدىغان ئادەم يوق دېيەرلىك بولدى. بۇ ئىشلارنى ئامېرىكىغا تاپشۇرماي ئامالىڭ يوق- دة. ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەسەبىي ھوقۇق كونتروللىقىنى يولغا قويغان ئىدى، ئەمما بۇنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىمىز دەۋالدى. بۇ ئاقىلانە، ھەتتا ئەقىل- ئىدراك بىلەن تولغان، ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۇخلاتقۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    مەن دەۋاتقان ئامېرىكا، شۈبھىسىزكى، كوچا ئويۇنچىلىرى ئىچىدىكى كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ئويۇنلارنى ئوينىغۇچى ۋەھشىي، تاشيۈرەك، تەكەببۇر ۋە قوپال، ئەمما ئۆز نۆۋىتىدە ئىنتايىن ئەقىللىق ئويۇنكەش. ئۇ بىر چاربازارچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇردى، ئەڭ بازارلىق مېلى ئۆزىنى سۆيۈشتىن ئىبارەت بولدى. بارلىق ئامېرىكا پرېزدېنتلىرىنىڭ تېلېۋىزورلاردا دائىم تىلغا ئېلىپ تۇرىدىغان «ئامېرىكا خەلقى» دېيىشلىرىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى، بۇ سۆز ھەمىشە «ئامېرىكا خەلقىگە مۇراجىئەت قىلىمەنكى، ھازىر ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى تىلىمىسەك ھەمدە قوغدىمىساق بولمايدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۆز پرېزدېنتىنىڭ قوللانماقچى بولغان ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكا خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىنى سورايمەن» دېگەندەك جۈملىلەردە كۆپلەپ ئۇچراپ تۇرىدۇ.
    بۇ بىر دانا سىياسەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار بۇ ئىبارىنى ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي مەقسىدىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىدۇ. «ئامېرىكا خەلقى» دېگەن بۇ سۆز ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى شۈبھىسىز دەرىجىدە ئىشەندۈرىدىغان مۇھاپىزەت قالقىنى بولۇشقا مۇناسىپ. ئويلىنىپ ئولتۇرۇشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، ئاشۇنداق مۇھاپىزەت كىرىسلوسىغا تاشلىنىپ بەھۇزۇر ئولتۇرساڭلا كۇپايە. مۇھاپىزەت كىرىسلوسى ئەقلىي كۈچۈڭنى ياكى ھۆكۈم ئىقتىدارىڭنى تۇنجۇقتۇرۇپمۇ قويار، ئەمما ھەقىقەتەنمۇ راھەت بەخش ئېتىدۇ. دەرۋەقە، بۇ مۇھاپىزەت قالقىنى پۈتۈن ئامېرىكىغا تارالغان، نامراتلىق سىزىقىنىڭ تۆۋەينىدە ياشاۋاتقان 40 مىليون ئامېرىكىلىققا، جازا لاگېرىدەك تۈرمىلەرگە قامالغان 2 مىليون ئامېرىكىلىققا ھېچقانداق مەنپەئەت يەتكۈزمەيدۇ.
    ئامېرىكا ئەمدى «تۆۋەن دەرىجىدىكى زىچ توقۇنۇش» تىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى سىياسەتنىڭ تەسىرىدە قىينىلىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۆزىمىزنى تۇتىۋالغىنىمىز، ھەتتا چىرايلىقچىراق ئىش قىلغىنىمىز تۈزۈكمىكىن دەپ ئولتۇرماستىن توغرىدىن- توغرا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ۋەھىمە يەپمۇ ئولتۇرمايدۇ، يايراپمۇ كەتمەيدۇ. ب د ت، خەلقئارا قانۇن ياكى باشقىچە پىكىردىكىلەر دېگەنلەردىن پەرۋايى پەلەك. چۈنكى، بۇلار ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدە ھېچگەپ ئەمەس، ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز. بىچارە، پايتىمىكەش ئەنگلىيە بولسا ياۋاش قويدەك ئارقىسىدىن سوكۇلداپ ماڭىدۇ، تۇرۇپ- تۇرۇپ مەرەپمۇ قويىدۇ.
     

    3. ئەينىيەتنى كۆرۈپ يېتىش ھەممە كىشىنىڭ زىممىسىدىكى زور مەسئۇلىيەت
     

    بىزدىكى ئەخلاقىي تۇيغۇلار نەگە كەتتى؟ بىزدە ئەخلاقىي تۇيغۇ بولۇپ باققانمۇ؟ ئەمدى نېمىشقا كۆرۈنمەيدۇ؟ ۋىژدان دېگەن نېمە؟ نېرودانىڭ «بەزى ئىشلارغا ئىزاھ» دېگەن شېئىرىغا قاراپ باقايلى، ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدىكى تەسۋىرلەرنىڭ ھەرقاندىقى بۇ شېئىردىكى ئامېرىكىنىڭ ئاۋامنى بومباردىمان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى تەسۋىرگە يەتمەيدۇ:

    «سوراپ قالارسىز، نەزمەڭدىكى سېرىنگۈل قايدا؟
    ئەپيۇنگۈلنى بېزىگەن سۆزلىرىڭ قايدا؟ 
     بىر چاغلاردا يېنىك- يېنىك چاڭىلداپ تۇرغان
    بۇلبۇل ناۋاسى، چىپ- چىپ يامغۇر تامچىسى قايدا؟ 
     سوراپ قالارسىز، نە ئۈچۈنكى نەزمەڭدە 
     چۈشۈم دەپ، ياپراق دەپ 
    دىيارىمنىڭ ھەيۋەت ۋولقانى دەپ تۆكۈلمەيدۇ مۇڭ؟
     قاراڭلار 
    كوچىلاردا دەريا بولۇپ ئاقتىغۇ قانلار
      ئاھ، قاراپ بېقىڭلار 
    ئاھ، غىچلا قان بۇ كوچىلار!»

    مېنىڭ «ئۆلۈم» دېگەن شېئىرىمدىكى تەسۋىر كىشىنى تېخىمۇ شۈركەندۈرىدۇ:

    « ئۆلۈك جەسەتنى ئۆلدى دەمتىڭ؟
     جەسەتنى ئۆلدى دەپ جاكارلىغان سەنمىدىڭ؟ 
    ئۆلگەن جەسەتنى تونۇمتىڭ؟ 
     بۇ جەسەتنىڭ ئۆلگەن جەسەتلىكىنى قانداق بىلەتتىڭ؟»


    تاشئەينەككە قارىغىنىمىزدا ئەينەكتىكى شولىمىز توپتوغرىدەك بىلىنىدۇ. بىراق، شۇنچىكىلا مىدىراپ قويىدىغان بولساق، شولىمىز ئۆزگىرىپلا كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىزگە كۆرۈنگىنى مەڭگۈ تىنىم تاپماس ئەكس شولىمىزدۇر. بىراق، بەزىدە يازغۇچىنىڭ تاشئەينەكنى چېقىۋېتىشىگە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، ئادەتتە تاشئەينەكنىڭ يەنە بىر يۈزىدە ئەينىيەت بىزگە كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرىدۇ. ئىشىنىمەنكى، پانىيدا مەۋجۇت كۆپلىگەن ناھەقچىلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، تۇرمۇشىمىزدىكى، ئىجتىمائىيىتىمىزدىكى ئەينىيەتنى قەتئىيلىك، كەسكىنلىك ۋە ئاقىلانە ئىرادە بىلەن ئېنىق كۆرۈپ يېتىش ھەممىمىزنىڭ زىممىسىدىكى زور مەسئۇلىيەت. توغرىسىنى ئېيتقاندا، بۇ بىزنىڭ جەزمەن ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچىمىز. ♣ (تامام)
     

    (خەنزۇچە «خەلق تورى» نىڭ 2005- يىل 15- دېكابىردىكى ئەدەبىيات بېتىدىن)
     

    تەرجىمە قىلغۇچى: كورلا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن توختى مەھمۇت ئەلائى
     

    2006- يىلى 3- مارت، شەھىرى كورلا

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.