كاساندىرا تامغىسى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-16 17:28:36

روماننى تەرجىمە قىلىشتا مەن دۇچ كەلگەن تىل مەسىلىلىرىنىڭ بىرى ھازىرقى قىرغىزىستان قىرغىز تىلىنىڭ دىيارىمىز قىرغىز تىلىغا ئوخشىمىغان ھالدا رۇس تىلىنىڭ سۆزلۈك تەسىرىنى زىيادە قوبۇل قىلىشى ۋە قىرغىزىستان قىرغىز تىلىنىڭ دىيارىمىز قىرغىز تىلىدىن پەرقلىنىدىغان

     
    كاساندىرا تامغىسى
     
    يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمىسى
     
    (ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلغۇچىدىن)
     
    ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا، سەندىن ئىلگىرىكى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ.
    -ئەرەبچە بىر ھېكمەت
    1985-يىلى «جەمىلە» ناملىق پوۋېستى ئېلان قىلىنىش بىلەن «ئۆگەنچى ئەسەر» يازىدىغان ھالىتىگە خاتىمە بەرگەن. سابىق س س س ر لېنىن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا مۇشەررەپ بولۇپ مەلۇم قىرغىز ئەدىب تەرىپىدىن ئاغزاكى تەنقىدىگە دۇچار بولغان چىنگىز ئايتماتوۋ سابىق س س س ر ۋە قىرغىزىستان ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە خاس ئەدەبىي دۇنيا بەرپا قىلغان بولسىمۇ، 1986–يىلى «قىيامەت» نەشر قىلىنىشى بىلەن كۆپ تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ مانا بۈگۈنكى كۈنلەردە «20-ئەسىر دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى كۈچتۈڭگۈر ئەدىب» دېگەن نامغا نائىل بولدى. لېكىن ئەينى يىللاردىكى چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ «قىيامەت» رومانى تەنقىدچىلەر تەرىپىدىن تەنقىدلىنىپ كەلدى. بۇ رومان ۋە مۇئەللىپ ھەققىدە ئەينى يىللار س س س ر مىقياسىدا «ئاپتورنىڭ بىر خىرىستىياننى باش قەھرىمان قىلىۋالغانلىقى ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ، ئەسەردە خىرىستوس توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ۋە ئىنجىل قىسسەلىرى ئۆرپ-ئادەتكە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنغان، شۇڭا روماننىڭ بىر قىسىمىدىن سەل-پەل مودا قوغلاشقانلىق چىقىپ تۇرىدۇ»، بۇ ۋەقەلىكلەر ئاتېئىزملىق دۇنيا قاراش بىلەن سىغىشالامدۇ-يوق؟»، «ئاپتور خىرىستىيان دىنى ئەنئەنىلىرىنى قوغداش تەرەپدارىمۇ–قانداق؟»[1] دېگەن پىكىرلەر بىلەن يۆگەلگەن تەنقىدلەردىن خالىي بولۇپ باقمىدى ھەم ئۆزىنىڭ ئىشەنچ-ئېتىقاد خاھىشچانلىقىنى ماس ھالدا ئوچۇق ئاشكارىلىدى. قىرغىز ئەدەبىي تەنقىدچىسى جانىبەگ جانبوزاقوۋ قىرغىزچە «ايتماتوۋنۇن ايىمدارى»[2] ناملىق كىتابچىنى چىقىرىپ چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ ئىجادىيىتىدىنمۇ ھالقىپ شەخسىي تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان مەزمۇنلارنى كىتابچىگە سىغدىغانلىقى ئۈچۈن بىر مەزگىل قىرغىزىستاندا تۇرالماي زىددىيەت پەسەيگەندىن كېيىن قىرغىزىستانغا قايتىپ كەلدى.
    ئۇزۇندىن بېرى چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى بىلەن تونۇش ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىمۇ «قىيامەت» رومانىنىڭ ئۇيغۇرچە 1991-يىلىدىكى نۇسخىسىدىن كېيىن ئەسەردە ئوتتۇرا ئاسىيالىق پېرسۇناژلارنىڭ ئازلىقى، ئەسەرنىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكىنىڭ نەچچىلىگەن ئەسىرلەر بېرى ئۇيغۇرلار بىلەن قوشنا ياشاپ، كېلىۋاتقان قىرغىزلار ياكى باشقا مەركىزىي ئاسىيالىق خەلقلەرنىڭ نېگىز قىلمىغانلىقىدىن مەيۈسلەندى. ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر بولسا «جەمىلە»، «ئاق كېمە»، «بالدۇر كەلگەن تۇرنىلار»، «سەرۋى قامەتلىك دىلبىرىم»، «يەر-ئانا»…قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا، ئۇيغۇرچە «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ۋە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا چىنگىز ئۆزىنىڭ ياش ئۇيغۇر ئوقۇرمەنى تەرىپىدىن تەنقىدلەندى. شۇنداق بولسىمۇ چىنگىزئايتماتوۋنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدىكى دەسلىپىدە خەلق رىۋايەتلىرى، ئەپسانىلىرىنى خىراجەت قىلىشتىن بارا–بارا دۇنياۋى، پەن–تېخنىكىۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئۆتكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىجادىيەت يۆنىلىشى ۋە ئەسەر يېزىشىدىكى كالېندارلىق ۋاقىت، پسىخىكىۋى ۋاقىت-تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، فانتازىيە مەسىلىلىرى كەڭ ئۇيغۇر كىتابخانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. لېكىن ھەر ئەسەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئوقۇرمەنلىرى بولىدۇ. چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ دەسلەپكى قىرغىز ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنى تېما قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى بار بولغاندەكلا كېيىنكى دۇنياۋى تەپەككۇر، مۇھىت ئاسراش، فانتازىيەلىك ئەسەر، رومانلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق ئوقۇمەنلىرى بار. شۇڭا، دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىن پايدىلىنالايدىغان ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن مەن بۇ رەت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققەت ئېتىبارى، قىزىقىشى ئۈچۈن چىنگىزئايتماتوۋنىڭ «كاسساندرا تامغىسى» (ТавроКассандры) ناملىق رومانىنى قىرغىز ۋە رۇس تىلىدىن ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلدىم. روماننىڭ 1-بۆلۈكى ۋە دوكتورئابدۇللاھجان ئەھمەدئەلىيېۋنىڭ «چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ كائىناتى–ئالەم بىلەن ئادەم» ناملىق ماقالە 2001-يىلقى قىرغىزچە «قىزىلسۇۇ ادابئياتى»نىڭ 1- سانىدا ئادىل جۈمەتۇردى تەرىپىدىن، 2-بۆلۈكى «شئنجاڭ قىرغىز ادابئياتى»نىڭ 2002 - يىللىق 3-سانىدا ئايچولپان ئەبۇلغازى تەرىپىدىن باسمىغا تەييارلىنىپ ئېلان قىلىنغان. مەن بۇ تەرجىمىدە يۇقىرىقى ئىككى ژۇرنالدىكى بۆلەكلەرگە ۋە 2003-يىلى 5- ئاينىڭ 30 - كۈنى ئەينى چاغدا ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مۇھەممەدتۇردى مۇھەممەدئاخۇندىن پوچتا ئارقىلىق تاپشۇرۇۋالغان سلاۋىيان-كرىل يېزىقىدىكى شۇ ناملىق رومانىنىڭ 253 بەتلىك بېشكەك «قىرغىزىستان» نەشرىياتى نۇسخىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلدىم، قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىدە تاشقى سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقان دوستۇم ئابدۇرەھىم نەۋرۇز 2005-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى بەرگەن رۇسچە قىرغىزىستان يۈسۈپ بالاساغۇنىي نەشرىياتى 1995-يىلى نەشىر قىلغان نۇسخىسىغا بۇرۇنقى تەرجىمە ئورگىنالىنى يەنە سېلىشتۇردۇم، ئەسەرنى ئەسلى ئورىگىنالغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن «ئەسەر» نىڭ دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر، قىرغىز ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئارىسىغىمۇ كەڭرى تارقىلىشى ئۈچۈن قىرغىز ۋە ئۇيغۇر تىللىرىنىڭ قېرىنداش تىللار ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، سۆزمۇ–سۆز تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى شېۋىلىرىگە، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا بولغان بەزى سۆزلەرنى ئەسلىدىلى ئەسەر بىلەن ئوخشاش ئالدىم.
    روماننى تەرجىمە قىلىشتا مەن دۇچ كەلگەن تىل مەسىلىلىرىنىڭ بىرى ھازىرقى قىرغىزىستان قىرغىز تىلىنىڭ دىيارىمىز قىرغىز تىلىغا ئوخشىمىغان ھالدا رۇس تىلىنىڭ سۆزلۈك تەسىرىنى زىيادە قوبۇل قىلىشى ۋە قىرغىزىستان قىرغىز تىلىنىڭ دىيارىمىز قىرغىز تىلىدىن پەرقلىنىدىغان يەرلىك شېۋە-تەلەپپۇز ئالاھىدىلىكلىرى بولسا يەنە بىرى جۈملە شەكىللىرىنىڭمۇ پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكى بولدى. بۇ ئەھۋالدا سۆزمۇ سۆز تەرجىمىگە مەنەن تەرجىمىنى يانداشتۇردۇم. ئەسەرنىڭ تىلىغا ئىشلەش جەريانىدا مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەر تىلىنى، مەزمۇنىنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈشى ئۈچۈن ھەمدە ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ سۆزلۈك ئېھتىياجى، كىشىلىرىمىزنىڭ تىلىنى ساپلاشتۇرۇش، ئاۋاملاشتۇرۇش خاھىشچانلىقىنىڭ تۈرتكىسىدە بەزى سۆزلەرنى ئۇيغۇر ئاددىي ئاۋامنىڭ تىلىدىن ئېلىپ ئىشلەتتىم، رۇسچە ۋە ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن تىلىمىزدائېلىنىۋاتقان ئاتالغۇلار تىلىمىزدىكى ئىستېمالى بويىچە ئېلىندى، مەسىلەن: پوپۇلىزم←ئاۋامچىلىق، دېموكراتىيە ← خەلقچىللىق، كوسموناۋىت (ئالەم ئۇچقۇچىسى)←ئالەمكار، ئاستروناۋىت (ئالەم ئۇچقۇچىسى)←ئەرشكار، مەدەنىيەت←ئۇيغارىيەت، پروگرامما ←باغدارلاما، پېسسىزم ← قايغۇزم، ئاڭلىغۇچى ←ئاڭلارمەن. بۇندىن سىرت چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا بار بولغان، باشقا ھازىرقى تۈركىي تىللاردا بار بولغان لېكىن ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىستېمالدا ئاز ئۇچرايدىغان،ئىستېمالدىن قېلىۋاتقان، لېكىن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شېۋە، يەرلىك تەلەپپۇزدا ئىستىمال قىلىۋاتقان بىر بۆلۈك سۆزلەر ئىشلىتىلدى. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى سۆزلىرىدىن: تۈرلۈك ← ئەلۋان، سوۋغات ← بەلەك، نۆۋەت ← كېزەك، مەنزىرە ← دالدىرمە، بىمەنە ← ساندىراق، قوشنا ← قومشۇ، مەزگىل، قەرەل ← كەز، ئەكسىچە←تەسكىرىچە، رېئال←چىنبار، رېئاللىق ←چىنبارلىق، مويىسپىت ←ئوبۇشقاۋە ھازىرقى ئۇيغۇرئەدەبىي تىلىنىڭ شېۋە، يەرلىك تەلەپپۇزلىرىدىكى سۆزدىن: ئىقتىدارسىزلىك←جۆندەمسىزلىك بولسا تىلىمىزدىكى دائىمىي سۆزلەر بىلەن قوشۇلۇپ جۈپلەنمە سۆز ھالىتىدە ئىشلىتىلدى. لېكىن، ۋىئولوچېل (виолочел) بولسا ئىسكىرپكانىڭ چوڭ تۈرىدىكى بىرخىل چالغۇبولغاچقا ئاھاڭ تەرجىمىسى بىلەن ئېلىندى.
    ئەسەرنىڭ ئەسلىي رۇسچىسىدىن قىرغىزچە قىلىنغان تەرجىمە نەشرىدە Ексрод(ئېكسرود) دەپ رۇسچە ئېلىنغان سۆز ئەسلىدە سۆزمەناسى بويىچە «نامەلۇم تۆرەلمە، كاللىسى قۇرۇق، ئاڭسىز مەخلۇق» دېگەن مەنالاردا بولۇپ، ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئاڭ »، «قۇرت » دېگەن سۆزلەر بىلەن «ئاڭقۇرت» دېگەن يېڭى سۆز قۇراشتۇرۇلدى. «ئاڭقۇرت» دېگەن بۇ سۆز چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ «يۈز يىلنى قېرىتار بىر كۈن»(ئەسىردىن ھالقىغان بىركۈن) روماندىكى «ماڭقۇرت~پاڭقۇرت» سۆزىنىڭ تەقلىدى بولۇپ چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ ئوبراز، تىپ يارىتىشتىكى ئىزچىللىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەسلىدە بۇ «ماڭقۇرت» سۆزى «ئاڭلىماس، ئاڭقىرىماس، مېڭىسى قۇرىغان» دېگەن سۆز ئۇلىغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرچىدىكى «پاڭ» ۋە «قۇرت» سۆزىلىرىگە دەل كېلىدۇ. لېكىن مەرھۇم تەرجىمان ھەلىم سالىھ ئۇيغۇر تىلىدا سۆز بېشىدا كەلگەن «پ» نىڭ قىرغىز تىلىدا «م» غا ئۆزگىرىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلمايلا «ماڭقۇرت» دەپ ئالغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر دېگۈدەك چۈشىنىپ كېتەلمىدى. مەزكۇر سۆز ئەسەر تىلىدىن ھالقىغان كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى بەزى ئۇيغۇر مۇئەللىپلىرىنىڭ ئىجتىمائىيەت ماقالىلىرىدىمۇ «ماڭقۇرت» دەپ كۆپ ئۇچراشقا باشلىدى. دەل مۇشۇنداق ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گەپنى يەڭگۈشلەپ ئېيتقاندا، ئەسلىسى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش مەقسىتىدە «ئېكسرود» سۆزىنىڭ ئورنىغا «ئاڭ-سېزىمى قۇرىغان، ئاڭسىز»،«قۇرت، قۇرىغان، قۇرۇق» دېگەن مەنادىكى يېڭى سۆز «ئاڭقۇرت» ئىشلىتىلدى.
    ئەسەرنىڭ سيۇژىتى ھەققىدە توختالساق، ئەسەر سىيۇژىتى ئۈچۈن چ. ھېيد مۇھەممەدوۋ قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەپسانە–رىۋايەتلىرىنىڭ ئورنىغا يۇنان ئەپسانە–رىۋايەتلىرىنى دەسسىتىپ، روماننى ئىلگىرىكى رومان،پوۋېستلىرىدىن پەرقلىق سەۋىيىگە كەلتۈرگەن، مۇئەللىپنىڭ بۇ خىل يۈزلىنىشى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ياۋرۇپا يازغۇچىلىرىنىڭ «كاسساندرا» غا ئىنجىل، تەۋرات قىسسىلىرىنى خام ماتېرىيال قىلىپ يازغان ئەسەرلىرىدىن ئۆزىنىڭ ئۇشبۇ ئەسىرىنى تېخىمۇ بەدئىي دىت، ماھارەتكە تويۇنغان ھالەتتە روياپقا چىقىرىش ئارقىلىق ياۋرۇپا يازغۇچىلىرى ئارىسىدا تەسىر قوزغاشمۇ–قانداق؟ بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
    مەزكۇر روماندا يەنىلا مۇئەللىپنىڭ ئىلگىرىكى ئىجادىيەت ئۇسلۇبى، مۇتىفى بار:
    1) خەلق ئاغزاكى ئەدەبىياتىنى خۇرۇچ قىلىش؛
    2) ئاياللار مۇقەددەسلىكى؛
    3) رومان ئىجادىيىتىدىكى ئەخلاق بوھرانى؛
    ئەمدى بىز ئۇشبۇ ئەسەر ئۈچۈن خام ماتېرىيال بولغانغا ئوخشاش چىن ئەھۋاللارغا قارايلى!
    ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولسا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى دەۋردە ئۆز تېررىتوىيىسىنى ھىندى ئوكيانغىچە ئۇلاپ ھىندى ئوكيان فىلوتى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش ۋەزىيىتىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، چىنگىزئايتماتوۋنىڭ بۇ ئۇرۇشتا پۈتۈنلەي ئافغانىستان خەلقىگە ھېسداشلىق قىلغىنى ئەسەرنىڭ 2-بابىدىكى مەزمۇنلاردىن چىقىپ تۇرىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىنى مەخسۇس يازغان، لېكىن ئۇرۇش دەۋرى ۋە ئۇندىن كېيىكى پاجىئە نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تەسۋىرى سۈپىتىدىكى تىپ ۋە دادىسىنىڭ نامەلۇم گېرمان ئوفىتسېرى بولغانلىقى ئۈچۈن خورلۇقتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئانا بىلەن قىزچاقنىڭ ۋە كرىلتسوۋ پاجىئەسى بىلەن بىۋاسىتە بايان قىلىنغان بولسا ۋالېرىيا ۋالېنتىنوۋنانىڭ بويتاقلىقى بىلەن غۇۋا كۆرسىتىپ بەرگەن. مانا بۇ چ. مۇھەممەدوۋنىڭ يۇقىرى بەدىئىي دىتىنى بىلدۈرىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، چ. ئايتماتوۋ رومان ۋەقەلىكىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ياۋرۇپا خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدىن ۋە 1978-يىلدىن 1987- يىلغىچە سوزۇلغان سوۋېت–ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن ئالغان. مەزكۇر پىكىرىمىزگە ئىسپات يۈزىسىدىن تۆۋەندىكى ئىككى پارچە گېزىت خەۋرىنى بولۇپمۇ، ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش يىللىرىدا تۇغۇلغان بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» 2006-، 2007-يىللىق سانلىرىدىكى تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان گېزىت خەۋرىگە دىققەت ئاغدۇرايلى.
    «1944–يىلنىڭ باشلىرى، تۈن نىسپى لوندونلۇقلار شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن چاغ، دەل مۇشۇ چاغدا لوندوننىڭ غەربىي رايونىدىكى پىكادېل مەيدانىدا كېچىلىك تۇرمۇشنىڭ پەردىسى ئېچىلاتتى. ئامېرىكا ئەسكەرلىرى كېچىلىك بەزمىخانا ۋە قاۋاقلاردىن بىر–بىرلەپ چىقىپ، ئەنگىلىيىلىك قىزلارنى بىتاقەتلىك بىلەن كۈتەتتى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تونۇش قىزلارنى كۆرگەندىلا كۆڭلى ئارامىغا چۈشەتتى، قىزلار بولسا سەرەڭگە يېقىپ قارشى تەرەپنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرگەندىلا ‹ئۇھ› دەيتتى، ئۇلار شېرىن پىچىرلىشىشلاردىن كېيىن باھادا كېلىشەتتى، باھا ئادەتتە ئۈچ فوندستىرلىڭ بولاتتى، شۇنداق قىلىپ ھەربىيچە پەلتو ئىچىدىلا ئىش تامام بولاتتى. ئامېرىكا ئوفىتسېرلىرى بولسا بۇنداق ‹كوچا ئوقىتى› نى ياقتۇرمايتتى.
    ئامېرىكا ئارمىيىسى 1943-يىلدىن باشلاپ نائىلاج ئەسكەرلەرگە ھەقسىز گاندوك تارقىتىشقا مەجبۇر بولغان، 2 -دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ئەنگىلىيىدە جىنسىيەت مەسىلىسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىناتتى، ئەمما ئۇرۇش مەزگىلىدە 90 پىرسەنت ئاتا - ئانا بالىلىرىغا جىنسىيەت تەربىيىسى بېرەلمىگەچكە، نۇرغۇن قىزلاردا ئەرلەرنى سۆيۈپلا قالسا، ھامىلىدار بولۇپ قالىدىكەنمىز، دېگەن ساددا ئاڭ بار ئىدى. بىراق، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ھەممىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، ئۇلار ئەنگىلىيە تۇپرىقىغا 1942-يىلى كىرگەندىن باشلاپ «جىنسىي ئىنقىلاب» پارتلىدى.
    گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قايتارما زەربە بېرىشنىڭ پۈتكۈل تەييارلىق ئىشلىرى جىددىي ئىشلىنىۋاتاتتى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىمۇ بىر مىليون 500 مىڭغا يەتكەنىدى، بۇ چاغدا ئەنگىلىيە ياشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەللەردە ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى، دۆلەت ئىچىدە ئىككى جىنىسنىڭ نىسبىتىدىكى پەرق غايەت زور ئىدى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى شاكىلات، نېلون پايپاق، ئەتىر سوپۇن دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن قىزلارنى ئىندەككە كەلتۈرەتتى، نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىدى، بەزى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ناتونۇش ئۆيلەرگە كىرىپ قالغاندا: «كەچۈرۈڭ ئامرىقىم، ئېرىڭىزنىڭ يوقلۇقىنى بىلەتتىم» دەپلا باسقۇنچىلىق قىلاتتى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سەككىز ئامېرىكا ئەسكىرى باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن دارغا ئېسىلغان.
    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئانتانتا دۆلەتلىرى ئارمىيىسىدىكى 150 مىڭ ئەسكەر ئالدىنقى سەپتىن چېكىندۈرۈلۈپ داۋالىتىلغان. ناۋادا ئۇلار ساغلام بولغان بولسا ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايتتى. 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى بۇ ساۋاقنى قوبۇل قىلمىدى. 1943-يىلى مارتتا ئەنگىلىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكەرلرىنىڭ جىنسىي كېسەلنى يۇقتۇرۇش نىسبىتى ئالتە ھەسسە ئاشقان، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن چەكلەش پەرمانى چىقىرىپ، مۇئەييەن نەتىجىگە ئېرىشكەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى ئىككى يىلىدا ئەنگىلىيىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ جىنسىي كېسەل بىلەن يوقۇملىنىش نىسبىتىنى ئۈچتن ئىككىگە چۈشۈرگەن، قالغان بىر پرسەنتى مۇنتىزم دېۋىزىيىگە توغرا كېلەتتى. ناۋادا ئۇلار ئازايتىلمىغان بولسا، نورماندىيىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىش قۇرۇق گەپكە ئايلانغان بولاتتى.
    ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئەنگىيىلىدە ناھايىتى ئازابلىق تارىخنى قالدۇرۇپ كەتتى، ئامېرىكىلىقلار ئەنگىلىيىدىكى نۇرغۇن ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلدى، سىتاتىستىكىغا قارىغاندا، ئەنگىلىيىدە 1939-يىلدىن 1945-يىلغىچە تۇغۇلغان بەش مىليون 300 مىڭ بوۋاقنىڭ ئۈچتىن بىرى نىكاھسىز تۇغۇلغانلار ئىكەن. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن پۇشتى ئىكەن. ئەمدى «ئافغانىستاندا ئۇنتۇپ كېتىلگەن رۇس بالىلىرى» تەقرىبىدىكى مۇنۇ خەۋەرنى كۆرەيلى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80–يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندا، كۆپلىگەن ئافغانىستان ئاياللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئوفېتسىرلىرى بىلەن تېپىشىپ قېلىپ بالىلىق بولغانىدى، سوۋېت ئارمىيىسى چېكىنىشكە ئەگىشىپ، بۇ رۇس بالىلىرىمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
    كابۇل تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىدىغان چىرايلىق قىز جەمىلە: «پىشانىمىزغا كۆرۈنمەس تامغا ئۇرۇلغان، ئۇنى يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ، بۇ ئانىلىرىمىزنىڭ يات دىندىكىلەر بولغان مۇھەببىتىنىڭ شاھىدى، بىلىمەن، ھېچكىم ماڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلمايدۇ، ئەمما مەن قورقۇنچتىن زادىلا قۇتۇلالمىدىم» دېگەن. جەمىلە س س س ر نىڭ ئافغانىستاندىكى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاتىسى خېلىلا كېلىشكەن ئوفىتسېر بولۇپ، ئىسمى ساشا ئىكەن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، جەمىلە ئاپىسى بىلەن ئافغانىستاندا ناھايىتى جاپالىق ھايات كەچۈرگەن، ئۇ چاغلاردا تالىبان ئۇنسۇرلىرى كوچىلاردا«ئاسىي» لىرىنىڭ كاللىسىنى ئالاتتى، ئۇنىڭ ئاپىسى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ رۇس تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان، بىراق تالىبان ھۆكۈمىتى ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىشىغا يول قويمىغاچقا، ئانا–بالا ئىككىسى كۆكتاتچىلىق قىلىپ جان باققان. ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، كابۇلدىكى بەزى رۇس بالىلىرى روسىيىگە، گېرمانىيىگە ئاتىسىنى ئىزدەپ كەتكەن».
    دېمەك، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە شەرقىي گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر مېنىڭچە چىنگىز ھېيد مۇھەممەدوۋدەك سابىق س س س ر نىڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سابىق س س س ر نىڭ مۇئاۋىن پرىزدېنتى بولغان يازغۇچىغا نامەلۇم ئەمەس. ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ بىر قىسمى ئاشۇنداق ۋەقەلەر ئاساسىدا پىشۇرۇلغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەسەردە يەنىلا كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۈزئىي مەنزىرىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. يۇقىرىقى خەۋەردىكى جەمىلەنىڭ «پىشانىمىزغا كۆرۈنمەس تامغا ئۇرۇلغان، ئۇنى يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ، بۇ ئانىلىرىمىزنىڭ يات دىندىكىلەر بولغان مۇھەببىتىنىڭ شاھىدى، بىلىمەن، ھېچكىم ماڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلمايدۇ، ئەمما مەن قورقۇنچتىن زادىلا قۇتۇلالمىدىم» دېگەندەك سۆزىلا چىن تۇرمۇشتىن ئېلىنغان. بۇنداق سۆز ئافغانىستاندا كۆپ تەكرارلىنىدىغان بولغانلىقتىن كاسساندرا تامغىسىغا جىپسىلىشىپ تۇرىدۇ.
    ئىزاھلار:
    [1]«قىيامەت» رومانىنىڭ 1991 - يىلدىكى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ھەلىم سالىھ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ تەرجىمان ئىلاۋىسى قىسمى
    [2]الىمجان ابدۇكەرىم: «چ. ايتماتوۋ بۈگۈنكۈ قىرغىز روخۇنۇن داانەكەرى» قىرغىزچا «قىزىلسۇۇ ادەبئياتى» 1997 – يىللىق 1 – سان.
    2005- يىلى دېكابر، قەشقەر شەھىرى
    سلاۋىيان-كىرىل قىرغىز يېزىقىدىكىدىن ئەرەبىي قىرغىز يېزىقىغا بىرىنچى بابنى نەشىرگە تەييارلىغۇچىنىڭ ئىلاۋىسى
    1999–يىلى 32–نويابىردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم—پەن—مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيادىكى ھەر قايسى خەلقنىڭ ئېپوسلىرى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىكى» ناملىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا چىنگىز ئايتماتوۋشۇناسلىق بويىچە ئاتاقلىق زىيالىي ئابدۇللاھجان ئەھمەد ئەلىيېۋ بىلەن ئۇچرىشىپ بەلەك–سوۋغات قاتارىدا «كاسساندرا تامغىسى» نىڭ قىرغىزچە نۇسخىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.
    شۇ ناملىق رومان 1996-يىلى بىشكەك «قىرغىزىستان» نەشرىياتى تەرىپىدىن 32 فورمات، 73 باسما تاۋاق چوڭلۇقتا 5000 مىڭ نۇسخا بېسىلىپ چىققان. كىتابنى رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى تۆلۆمۈشېۋ مىرزايان بولۇپ، نەشرىيات تەرىپىدىن رومانغا «چ. ئايتماتوۋنىڭ يېڭى رومانى ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇنازىرە قوزغايدۇ، ئەدەب–ئەخلاقنىڭ، ئىماننىڭ، ئادەمگەرچىلىكنىڭ يۈكسەك پىرىنسىپلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى، جامائەتنىڭ چۇقانىنى، ھەمدە يەر يۈزىدىكى تىرىكچىلىكنىڭ فانتازىيە سىياقىدا كۆرۈلگەن، بىراق تولۇق چىنلىقى بار تۇرمۇش ۋەسىيەتلىرى كىتابخانىلارنىڭ ئەقىل–ھوشىنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە چۇلغۇۋالىدۇ، ناھايىتى كۈچلۈك پسىخىكىۋى، ھېسىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ» دېگەن ئىزاھلىما بېرىلگەن.
    كىتابخانىلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى ئەسكە ئېلىش بىلەن بىرگە يېڭىلىق ھېسابلانغان مەزكۇر روماننىڭ بىرىنچى بۆلىكىنى ۋە كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئابدۇللاھجان ئەھمەدئەلىيېۋنىڭ «چ. ئايتماتوۋ كائىناتى — ئادەم بىلەن ئالەم» ناملىق ماقالىنى نەشىرگە تەييارلىدىم.
    ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل جۈمە تۇردى
    مەنبە: ۋولقان تورىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.