كىلەزىئۇ بىلەن سۆھبەت 2008 - يىللىق نوبېل ئەدەبىيات ساھىبى

يوللىغۇچى : خالىس يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-27 11:30:00

تېلىفۇن زىيارىتى مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، يېزىقچىلىق مېنىڭ سەپىرىم، بۇ سەپەردە مەن ئۆزۈمدىن ھالقىپ، باشقا تېخىمۇ ئىزگۈ بولغان بىر ھاياتتا ياشايمەن 2008-يىلى 9-ئۆكتەبىر 2008-يىللىق نوبىل ئەدەبى...




    تېلىفۇن زىيارىتى
    مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، يېزىقچىلىق مېنىڭ سەپىرىم، بۇ سەپەردە مەن ئۆزۈمدىن ھالقىپ، باشقا تېخىمۇ ئىزگۈ بولغان بىر ھاياتتا ياشايمەن 
    2008-يىلى 9-ئۆكتەبىر 2008-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دەرھال نوبىل مۇكاپاتى تورىنىڭ باش مۇھەىرىرى ئادام سىمىت جېن.مەرىرى. گوستاف لې كىلەزىئۇ بىلەن تېلىفۇندا ئالاقىلەشتى.


    كىلەزىئو: مەن كىلەزىئۇ.
    مۇخبىر : ياخشىمۇسىز. مەن ئادام سىمىت. مەن سىتۇكھولىمدىكى نوبىل مۇكاپاتى تور بېتىدىن .
    ك : ھە؟!
    م: سىز بىلەن تېلىفۇندا بەش مىنۇت سۆزلىشىۋالسام بولامدۇ ؟
    ك: ماقۇل، مەن تەييار.
    م: رەھمەت. سىز نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئولتۇراقلىشىپسىز، ھازىر سىز فىرانسىيەدىكەنسىز شۇنداقمۇ؟  ؟
    ك: ھەئە، مەن ھازىر فىرانسىيەدە، نەچچە كۈندىن كىيىن كاناداغا بارماقچىمەن. لېكىن ھازىر مەن فىرانسىيەدە.
    م : سىز نۇرغۇن دۆلەتلەردە بوپسىز، نۇرغۇن دۆلەتلەردە ياشاپ بېقىپسىز ، ھازىر سىز نەدە  تۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىسىز ؟
    ك: مارىتىيۇس (ئافىرىقىدىكى بىر ئارال دۆلەت) تا مېنىڭ ئەجدادلىرىم ياشاپ ئۆتكەنكەن. شۇڭا مەن ئۇنى ئانا يۇرتۇم دەپ قارايمەن، شۇڭا شۇ يەردە تۇرۇشۇم مۇمكىن.
    م: سىز قوش تىللىق يازغۇچى، لېكىن فىرانسۇز تىلىدىلا ئەسەر يازىسىز .  بۇنىڭ بىرەر سەۋەبى بارمۇ قانداق ؟
    ك: شۇنداق، كىچىك چېغىمدا مەن فىرانسوزچە سۆزلەپ چوڭ بولغان، مەكتەپتە ئوقۇغىنىممۇ فىرانسۇزچە ماڭا تەسىر قىلغان ئەدەبىياتمۇ فىرانسۇز ئەدەبىياتى ، ئەسەرلىرىمنى فىرانسۇز تىلىدا يېىزىشىمنىڭ سەۋەبى شۇ بولسا كىرەك.
    م : سىز ياش ۋاقتىڭىزدىلا يىزىشنى باشلاپسىز. ھەم سىز مەھسۇلاتلىق يازغۇچى، 30 نەرچىدىن  ئارتۇق توپلام نەشىر قىلغۇزۇپسىز  بۇ سىز ئۈچۈن ئاسان توختىغاندەكمۇ ؟ قەلەم بىلەن قەغەزگە يېزىش سىز ئۈچۈن كۆڭۈللۈكمۇ ؟
    ك : ئۈستەلدە يېزىقچىلىق قىلىش مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ خوشاللىقلىرىمنىڭ بىرى. مېنىڭ ھەتتا ئايرىم ئىشخاناممۇ يوق. ھەتتا ھەممە يەردە يېزىۋىرىمەن. مەن قەغەزنى ئۈستەلگە قويىۋىلىپلا، يېزىقچىلىق سەپىرىمنى باشلايمەن. يېزىقچىلىق مېنىڭ سەپىرىم. بۇ سەپەردە مەن ئۆزۈمدىن ھالقىپ، باشقا تېخىمۇ ئىزگۈ بولغان بىر ھاياتتا ياشايمەن.
    م : شۇنداق . كىشىلەر دائىم يېزىقچىلىقنى سەپەرگە ئوخشىتىدۇ. بۇ بەك ياخشى ئىش.
    ك: شۇنداق، يېزىقچىلىق بىلەن سەپەرنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا مەن ئۈچۈن بەك كۆڭۈللۈك. مەن سەپەردە باشقا يېڭى دۆلەت، ناتۇنۇش خەلىق ئىچىدە بولۇشنى بەكلا ياقتۇرىمەن. ھەمدە مەن شۇ يەردە يېڭى كىتابىمنى يېزىشقا باشلايمەن.
    م: سىز باشقا دۆلەت، باشقا ئەل خەلىقلىرى ھەققىدە ناھايىتى جىق يازدىڭىز. بولۇپمۇ  ئامىرىكا ئىندىئانلىرىنى جىق يازدىڭىز. نىمىشقا بۇ مەدەنىيەتنىڭ نەرى سىزنى بەك قىزىقتۇردى ؟ 
    ك: چۈنكى بۈ مەدەنىيەت ياۋرۇپا مەدەنىيىتىدىن كۆپ پەرىقلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئۇ يەردىكى مەدەنىيەت  زامانىۋىي ياۋرۇپا تەرىپىدىن كۆپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىلغان. ياۋرۇپا تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان.   مېنىڭچە بۇ ياۋرۇپاغا ناھايىتى كۈچلۈك بىر رادىئاتسىيە تارقىتىپ تۇرىدۇ. مەن بىر ياۋرۇپالىق. مەن ياۋرۇپا  مەدەنىيىتى بىلەن بۇ مەدەنىيەتنىڭ پەرىق ھەم بۇ پەرق تارقاتقان ئۇچۇرنى ھېس قىلىمەن. ئامىرىكا مەدەنىيىتى بۇ مەدەنىيەتتىن جىق نەرسىنى ئۆگەنگەن .
    م : سىز ئۇ يەردىكى  مۇستەملىكە  سەرگۈزەشتىسى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى يازدىڭىز. سىزنىڭچە ياۋرۇپا زامانىۋىي مەدەنىيىتىنى بۇ يول ئارقىلق يورۇتۇپ بەرگىلى بولامدۇ ؟ 
    ك: . مېنىڭچە شۇنداق. فىرانسىيە مەدەنىيتى بىلەن ئامىرىكا جەمىيئىتىدە مۇستەملىكە دەۋرىدە بۇيسۇندۇرۇلغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. شۇ چاغلاردا ياۋرۇپانىڭ قىممىتى مۇستەملىكە ئەللەردىن يۆتكەلگەن شىكەر، پاختا بىلەن ئاشقان. شۇ بايلىقلار بىلەن ياۋرۇپا سانائەت دەۋرىگە قەدەم قويغان. شۇڭا ئۇلاردا نۇرغۇن مۇستەملىكە قىلىنغان پۇقرالار بار. ئۇلار ئۇلارغا چوقۇم قەرزىنى قايتۇرىشى كىرەك.  
    م :  سىزنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىڭىزنىڭ پەرقىنى ئايرىغىلى بولمايدۇ. سىزنىڭ باشقىلاردىن پەرقىلىنىپ تۇرىدىغان يېرىڭىز قايسى ؟ نىمە ئۈچۈن يازىسىز ؟
    ك :ئۆزۈمگە راسىچىل مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن يازىمەن. ئۆزۈمنى ئەڭ توغرا يول بىلەن ئىپادە قىلىش ئۈچۈن يازىمەن. مېنىڭچە يازغۇچى نىمىلەر يۈز بەرگەنلىكىگە بولىدىغان گۇۋاھچى. لېكىن ئۇ مەنپەئەتپەرەس ياكى پەيلاسوپ ئەمەس.ئۇ ئەتىراپىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىسى. يېزىقچىلىق ئارقىلىق گۇۋاھلىق بىرىدۇ ھەم تەستىقلايدۇ. 
    م:  ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇپ باقمىغانلار ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇغان چاغدا ئۇلار ئۈچۈن بىرىدىغان ئالاھىدە ئەسكەرتمىڭىز بارمۇ؟
    ك: ھە؟ ياق. بۇنى دىيىشكە جۈرئەت قىلالمايمەن. دىمەكچىمەنكى ئەسەر ئوقۇش بىر خىل ئەركىن ھەركەت. سىز ئەسەردىكى تاسادىپىيلىقلار تەرىپىدىن يىتەكلىنىسىز، بىراق، يەنىلا ئۆز تۇيغۇڭىزغا ئەگىشىسىز. ئوقۇرمەنلەر ئۆزى ئوقۇماقچى بولغان كىتابلار توغرىسىدا پۈتۈنلەي ئەركىنلىككە ئىگە. باشقىلار تەرىپىدىن يىتەكلىنىش ھاجەتسىز.
    م: ناھايىتى سەممىي جاۋاب بولدى. رەھمەت. ئاخىرقى سۇئالىم. بۇ مۇكاپات سىزگە بەزىبىر يامان بەدناملارنى ئېپ كىلىشى مۇمكىن. سىزنىڭچە، بۇ بەدناملارغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلارنى يوقىتىشقا ھەركەت قىلامسىز ؟
    ك : ھە...مەن بۇ توغرىسىدا ئويلاپ باقاي. بىر جەھەتتىن بۇ ناھايىتى قۇرقۇنۇچلۇق ھالەت. چۈنكى مەن ئانچە تونۇلمىغان. گەپ سۆز تارقىتىش ۋە ئويلىغانلىرىمنى دەپ كىتىش مېنىڭ ئادىتىم ئەمەس. شۇنداق دىيەلەيمەنكى، مەن كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىمەن بۇ ماڭا ئىلھام بىرىدۇ. مېنىڭ يازغانلىرىم باشقىلارغا ئىلھام بىرىشى مۇمكىن. نوبىل ئاكادىمىيىسىغا بىرىدىغان نۇتۇقنى تەييارلىشىم كىرەك. بۇ جەرياندا مەن بەزى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ قالارمەن.
    م : ئەمىسە دىكابىرنى كۈتەيلى.
    ك: شۇنداق
    م: ئەمىسە سىزنى ستۇكلىمدا كۆرۈشنى خالايمىز. سزگە كۆپ رەھمەت.
    ك: سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت.
    م: سىزنى تەبرىكلەيمەن.
    ك : خەيىر خوش
    م : خەيىر خوش


    خالىس تەرجىمىسى

    مەنبە : نوبىل مۇكاپاتى تور بېتى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.