دۇنيادىكى داڭلىق ئوبزور، داڭلىق شەخسلەر بىلەن سۆھبەت
مەن مەڭگۈ تۇخۇم تەرەپتە تۇرىمەن
خارۇكى مۇراكامى ( ياپۇنىيە)
(ياپۇنىيە يازغۇچىسى خارۇكى مۇراكامىنىڭ ئىروسالىمدا ئەدەبىيات مۇكاپاتى تاپشۇرۇپ ئالغاندا سۆزلىگەن نوتۇقى )
نۇرگۇل ھېيىت تەرجىمىسى
مەن بۈگۈن بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداقلا مەخسۇس يالغان سۆزلەيدىغان كەسپى يالغانچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىروسالىمغا كەلدىم.
ئەلۋەتتە، دۇنيادا پەقەت يازغۇچىلارلا يالغان سۆزلەپ قالماستىن، سىياسىئونلارمۇ يالغان سۆزلەيدۇ. تاشقى ئىشلار مىنستىرى ۋە گىنراللارمۇ بەزىدە يالغانچىلىقتىن مۇستەسنا بولالمايدۇ. لىكىن ھىچكىم يازغۇچىلارنى يالغانچى دەپ ئەيىپلىمەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، يازغۇچىلارنىڭ يالغاننى توقۇش ھۈنىرى قانچە يۇقىرى بولغانسىرى خەلىقنىڭ ۋە ئوبزورچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشىدۇ. بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟
مىنىڭ جاۋابىم شۇكى، يازغۇچى ماھارەت ئارقىلىق يالغانچىلىق قىلىدۇ. يازغان ئەسىرىنى ئادەم راستمىكىن دەپ قالىدۇ. ئۇ رىئاللىقتىكى راسىت ئىشلارنى باشقا بىر مۇھىت ۋە شارائىتقا ئىلىپ بىرىپ، تالانتى ئارقىلىق ئۇنىڭغا يىڭىدىن مەنالارنى قوشىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئەمىلى ئىشلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تەپسىلاتىنى توپتۇغرا قىلىپ ئەينەن يىزىش تولىمۇ تەس ئىش. شۇڭا بىز رىئاللىقنى پەردازلاپ، يوشۇرۇپ غۇۋا نامايەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇنى خىيالى توقۇلما مۇھىتىغا ئىلىپ كىرىپ، بەدىئى توقۇلما ئارقىلىق ئۇنى رىئاللىقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىمىز. بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز ھەقىقەتنىڭ نەدىلىكىنى ئايدىڭلاشتۈرىۋىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. مانا بۇ مەخسۇس يالغاننى توقۇيدىغانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم قابىلىيىتى.
لىكىن مېنىڭ بۈگۈن سۆزلىگەنلىرىم ھەرگىز يالغان گەپ ئەمەس. مەن سەمىمى بولۇشقا كۈچۈمنىڭ بىرىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمەن. مەن بىر يىلدا پەقەت بىر نەچچە كۈنلا يالغان- ياۋىداق گەپ قىلماي راسىت گەپ قىلىمەن، بۈگۈن دەل ئەشۇ بىر نەچچە كۈننىڭ بىرى. ياپۇنىيەدە، نۇرغۇن كىشلەر مېنىڭ ئىروسالىمغا كىلىپ ئەدەبىيات مۇكاپاتى تاپشۇرۇۋىلىشىمغا قارشى تۇردى. ھەتتا بەزىلەر سەن ئىروسالىمغا بارساڭ، سىنىڭ يازغان كىتاپلىرىڭنى بايقۇت قىلىمىز، دىيىشتى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىكى سەۋەپ غەززەدىكى ئۇرۇش. ئاڭلىسام، غەززەدىكى ئۇرۇشتا مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپتۇ. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق ياشانغانلار بىلەن بالىلار ئىكەن.
مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن مەن ئۆزۈمگە قايتا- قايتىلاپ سۇئال قويدۇم. «مۇشۇنداق بىر ئالاھىدە ۋاقىتتا ئىروسالىمغا بارسام مۇۋاپىق بولارمۇ؟ بۇنداق قىلىشىم باشقىلارغا توقۇنۇشىۋاتقان بىرەر تەرەپكە يان بىسىۋاتقاندەك، مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ دۇنياغا ئۆزىنىڭ چەكسىز ھەربى كۈچىنى كۆز- كۆز قىلىۋاتقانلىق ھەركىتنى قوللاۋاتقاندەك تۇيۇلارمۇ يوق؟ » ئەلۋەتتە، مەن ئۆزۈم يازغان رومانلارنىڭ بايقۇت قىلىنىشىنىمۇ ھەرگىز خالىمايمەن. ئەستايدىل ئويلىنىش ئارقىلىق مەن يەنىلا ئىروسالىمغا كىلىش قارارىغاكەلدىم.
مەن بۇ يەرگە كىلىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشنى تاللىدىم، ھەرگىزمۇ ئۆزەمنى ئىپ قىچىشنى خالىمايمەن، مەن بۇ يەردە كۆپچىلىككە بىر نەچچە ئىغىز ھەق سۆزنى دىيىشنى لايىق تاپتىم، ھەرگىز سۈكۈت قىلىشنى خالىمايمەن.
مىنڭ بۇ يەردە بىر شەخسى سىرىمنى ئاشكارىلاشقا يول قويغان بولساڭلار، مەن رومان يازغاندا ھەر ۋاقىت « مۇستەھكەم بىر ئىگىز تامغا سوقۇلۇش ئالدىدا تۇرغان تۇخۇم بىلەن تامنىڭ قايسىسى تەرەپتە تۇرىسەن دىسە، مەن چوقۇم تۇخۇم تەرەپتە تۇرىمەن. » دىگەننى ئىسىمدە چىڭ ساقلىدىم.
شۇنداق، تامنىڭ قىلغىنى مەيلى قانچىلىك توغرا بولۇپ كەتسۇن، تۇخۇمنىڭ قىلغىنى مەيلى قانچىلىك خاتا بولۇپ كەتسۇن ، مەن ھامان تۇخۇم تەرەپتە تۇرىمەن. بەلكىم بەزىلەر كىمنڭ ھەق كىمنىڭ ناھەق ئىكەنلىكى ھەققىدە تالاش- تارتىش قىلىشىۋاتقان بولۇشى مومكىن. ھەق ناھەقكە بەلكىم ۋاقىت ۋە تارىخ ئۆزى يەكۈن چىقىرىشى مومكىن. لىكىن بىر يازغۇچى مەيلى نىمە سەۋەپتىن بولسۇن تام تەرەپتە تۇرۇپ ئەسەر ئىجاد قىلسا، ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ قانداقمۇ قىممىتى بولسۇن؟
بۇ ئوخشىتىشىم نىمە ۋەجىدىن؟ پارىتلاتقۇچ، تانكا، راكىتا دەل ھىلىقى ئىگىز تام؛ مېنىڭ تۇخۇم دىگىنىم قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق خەلق. ئۇلار ھەر خىل قۇراللاردىن زەخمىلىنىپ، ئىتىپ ئۆلتۈرۈلمەكتە. مانا بۇ مېنىڭ ئوخشىتىشىمنڭ بىرىنجى مەناسى. لىكىن بۇ ئوخشىتىشىمنىڭ تىخىمۇ چوڭقۇر بىر مەناسى بار. بىز ھەممىز ، ھەر بىر ئىنسان بىر تال تۇخۇمغا ئوخشايدۇ. بىز ئىنسانلار ئاددى، ئاجىز شاكال ئىچىگە يوشۇرۇنغان بىردىنبىر، ھىچنىمىگە تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدىغان ھاياتلىق، تەڭداشسىز روھ. بىز ھەممىمىز ئىنتايىن مۇستەھكەم ھەم ئىگىز تام بىلەن قورشالغان. بۇ تامنىڭ ئىسمى «تۈزۈلمە» . مىنىڭ يازغۇچىلىق پىرىنسىپىم پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ھەر بىر جاننى، ھەر بىر روھنى ھۆرمەتلەش ۋە قەدىرلەش، ئۇلارنى نۇرلاندۇرۇش. يازغۇچىنىڭ ھىكايە توقۇشتكى مەخسىدى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ياڭرىتىپ، تۈزۈلمىنىڭ نۇرىنىڭ ئۆچۈپ قالماسلىقىغا بەلگە بىرىش. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ روھىمىز تۈزۈلمىنىڭ ئىسكەنجىسىگە مەھكۈم بولۇپ قالمايدۇ. ئىشىنىمەنكى، يازغۇچىنىڭ بۇرچى ھايات- مامات، مۇھەببەت ھەققىدىكى ئادەمنىڭ يۈرەك- باغرىنى ئىزىدىغان، كىشى قەلبىنى زىلزىلىگە سالىدىغان ۋە ياكى كىشىنى قاقاقلاپ كۈلدۈرىۋىتىدىغان ھىكايىلەرنى توقۇپ چىقىش ئارقىلىق كشىلەرگە ھەر بىر ھاياتلىقنىڭ، ھەر بىر روھنىڭ بىردىنبىرلىكىنى بىلدۈرۈش. مانا بۇ مىنىڭ قادىلىپ ئولتۇرۇپ ئىنتايىن جىددى ھالەتتە كۈن- كۈنلەپ توختىماي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىمنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى.
بۈگۈن مەن ھەر بىرىڭلارغا مۇنداق بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزۈشنى بەكمۇ ئۈمىت قىلىمەن، بىز ھەممىمىز ئادەم، دۆلەت تەۋەلىكى، ئىرىق ۋە دىندىن ھالقىغان ئىندىۋىتلارمىز؛ بىز ھەممىمىز ئاجىز تۇخۇملارمىز، ھەممىزنىڭ ئالدىمىزغا دۈچ كەلگىنى « تۈزۈلمە» دىن ئىبارەت ئىگىز ھەم مۇستەھكەم تام. سىرىتقى شەكىلدىن قارىغاندا، بىزنىڭ يىڭىش مومكىنچىلىكىمىز پەقەت يوق، چۈنكى بۇ تام تولىمۇ ئىگىز، تولىمۇ مۇستەھكەم، تولىمۇ شەپقەتسىز. ئەگەر بىزدە ئۇنى يىڭىشكە ئازراق ئۇمىت بار دىيىلسە، ئۇ دەل بىزنىڭ ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ روھىنىڭ دۇنيادا بىردىنبىر ئىكەنلىكى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا ھەر قانداق نەرسە باسالمايدىغانلىق ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش؛ بىزنىڭ روھىمىزنى بىرلەشتۈرگەندە تەڭداشسىز ئىللىقلىققا ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشتۇر.
ھەر بىر ئىنساننىڭ روھى بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ ھەم جانلىق، لىكىن تۈزۈلمە ئۇنداق ئەمەس. تۈزۈلمە بىزنى ياراتمىغان، بەلكى بىز ئۆزىمىز تۈزۈلمىنى ئورناتقان.
«ئوقۇرمەنلەر » ژورنىلىنىڭ 2009- يىللىق 9- سانىدىن
يەكەن ناھىيە كونىشەھەر مەكتەپتىن: نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسى
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.